ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرلەر بولسا مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇڭلار!

  1. JasonBomma مۇنداق يازغان:

    Hello

    Many People are dying nowadays because of Covid-19 so you must find out WHO IS OUR SAVIOR? before you die and face him

    [”And I Created not the Jinns and Mankind except they should Worship Me (alone).“TMQ5:56 –

    Go to

    https://www.internetmosque.net/saviour/index.html

    and find out the TRUTH before it is too late

    Piece

  2. ئەپچىلەم مۇنداق يازغان:

    تور بىتىڭىزغا ئالما ئەپ ۋە ئەندىرويىد ئەپ ياساپ بىرەي ، سىز كۆپچىلىكنى ياخشى ئەسەرلەر بىلەن بىكارلىق تەمىنلەپسىز، مەنمۇ سىزنى بىكارلىق ئەپ بىلەن تەمىنلەي، بۇ مىنڭ چ چ 343717103 خالىسىڭىز ئۇچۇر قالدۇرۇڭ

  3. تەقۋا مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئاۋار قىلدىم يەنە بىر سوئال سورىۋاسام. ئاياللار يۈزماي سۈرۈپ ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بۇلامدۇ؟

  4. ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

    ئەگەر ئىپتار قىلغىچە ھەيز كەلگەن بولسا، بۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسى قىلىنىدۇ.

  5. تەقۋا مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،،
    مەن بىر سوئال سوراپ باقسام. بىلگىنىڭىزچە جاۋاپ بەرسىڭىز،ئاياللار رامزان تۇتقان ھالەتتە ھەيىز كەلسە ئىپتا قىلىندۇ ،بىراق ھەيىز كەلگەن كۇندىكى روزا نىڭ قازاسىنى قىلامدۇ ياكى قىلمىسىمۇ بۇلامدۇ ؟

  6. ئوتقاش مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،ئەنۋەركا،ياخشىمۇسز،تېنىڭىز ساغلام،ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن،ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم ،مومكىن بولسا ئەسەرلىرىڭىزنى سالۇنۇمدا ئىلان قىلاي دىگەن ،ئەلۋەتتە مەنبەنى ئەسكەرتىپ ئەسلىبويىچەەيوللايمىز

  7. خوندىكەم مۇنداق يازغان:

    قايسى كۇنلەدىن بۇ توربەت نۇرمال ئېچڭلماي ئەرۋايىم 40گەز ئۇچتى جۇمۇ

  8. ئۈمەر مۇنداق يازغان:

    مەن يېڭىدىن چىققان تېلفۇنغا ئاۋازلىق خەت كىرگۈزگۈچنى چۈشەسەم بولاتتى

  9. تەقۋا مۇنداق يازغان:

    گۇناھ، كاۋاپچىنىڭ ھۇجۇرسى، قىيامەتلىك كېسەل، ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن
    مۇشۇ تۆت ئەسەر كىتابچىنى ياساپ بولدۇم

  10. تەقۋا مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەرتۈرك بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى. مەن بۇ بلوگدىكى 4 پوۋسىتنى بەك ياقتۇردۇم ۋە ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەپ تېخىمۇ بەك كۆپ كىشىلەرنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇنماقچىتتىم. شۇڭا رۇخسەت قىلسىىز. 4 كۈن ئىچىدە جاۋاپ كەلمىسە كەچۈرۈڭ مەن ئىشلەپ تارقىتىۋېرەي. ئەلۋەتتە سىزنىڭ قوشۇلىشىڭىزغا ئىشىنىمەن. بۇمۇ بىر ياخشى ئىش دەپ قارايمەنغۇ ئەمدى.

  11. يانغىن مۇنداق يازغان:

    بىزنىڭ ئالاقىلىشىش ئادىرسىمىز. ئۈندىدار: 287268147 چچ : 287268147

    ئىلخەت: admin@yanghin.net

  12. يانغىن مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئەپەندى بىز سىزنىڭ بىرقىسىم ئەسەرلىرىڭىزنى تورداشلارغا قۇلايلىق يارتىش يۈزىسىدىن ئېلكىتاب شەكىلدە تور بىكىتىمىزدە ئېلان قىلماقچى ئىدۇق، ھەم بىر پوۋىسىتىڭىزنى ئىلان قىلدۇق ، شۇنىڭغا قانداق قارايسىزكىن، ئاۋۇ پوۋىسىتىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى سىزنى كوت_كوتقا نەچچە قىتىم قوشسام قۇبۇل قىلمىدىڭىز شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يەردە پىكىرىڭىزنى ئېلىش ئۈچۈن خەت قالدۇردۇم…….

  13. ئوقۇرمەن مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەنۋەر ئاكا؟
    مەن سىزنىڭ بىر تۈركۈم ئەسەرلىرىڭىزنى نۇر تورىدا ئېلان قىلاي دېگەن…
    ئەلۋەتتە ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ھېچقانداق يېرىگە چېقىلماي ئەڭ سۈپەتلىك ھالەتتە ئېلان قىلىمەن. شۇڭا ئاۋۋال سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ئالاي دېگەن ئىدىم؟

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      مەن بۇ ھوقۇقنى ئىلقۇت تورىغا ئۆتكۈزۈپ بەردىم، شۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشىڭىزنى سورايمەن.

  14. تاھىربەگ مۇنداق يازغان:

    ئەسەرلىرىڭىزنى ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلىمەكچى ئىدۇق،مەخسوس بىر سەھىپە ئاچساقمۇ مەيلىتى ئاكا سىلىنى بەك ئىزدەپ كەتتىم.مۇمكىن بولسا،ھەمكارلىشىپ بەرسىڭىز ئاكا..ماكانىمىز دىن سادا دەپ بىر پىروگىراممىز بار ئىدى، شۇنۇڭغا ئىشلىتەتتۇق ئاكا

  15. تاھىربەگ مۇنداق يازغان:

    ئەسەرلىرىڭىزنى ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلىمەكچى ئىدۇق،مەخسوس بىر سەھىپە ئاچساقمۇ مەيلىتى ئاكا سىلىنى بەك ئىزدەپ كەتتىم.مۇمكىن بولسا،ھەمكارلىشىپ بەرسىڭىز ئاكا..ماكانىمىز دىن سادا دەپ بىر پىروگىراممىز بار ئىدى، شۇنۇڭغا ئىشلىتەتتۇق ئاكا 331678007 http://www.makanimiz.com

  16. تاھىربەگ مۇنداق يازغان:

    مېنى قوشۋېلىڭا ئاكا چ چ 331678007 http://www.makanimiz.com

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      بولىدۇ قوشۇۋالاي.

      • تاھىربەگ مۇنداق يازغان:

        ئەسەرلىرىڭىزنى ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلىمەكچى ئىدۇق،مەخسوس بىر سەھىپە ئاچساقمۇ مەيلىتى ئاكا سىلىنى بەك ئىزدەپ كەتتىم.مۇمكىن بولسا،ھەمكارلىشىپ بەرسىڭىز ئاكا..ماكانىمىز دىن سادا دەپ بىر پىروگىراممىز بار ئىدى، شۇنۇڭغا ئىشلىتەتتۇق ئاكا 331678007 http://www.makanimiz.com

  17. ئېشقې مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەنۋەر ھاجى ئاكا: مۇشۇ كۇنلەردە يۇق بۇلاپ كەتېڭېزگۇ، بېرە رۇمان ھېكايېڭزنې كۇرگېلې بۇلمايدېگۇ مەن سىزنىڭ زىنا ئالىدىدا ئۇلىتۇرىغان قىز،،كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى .كۇپۇك دېگەن رۇمانېڭېزنې ئۇقۇپ ئاڭلاپ بۇلدۇم
    مانا-3يېل بۇلايمۇ دەپ قاپتۇ . بېرە رۇمان يېزېپ ئۇقۇرمەنلەرگە سۇنېشېڭزنې ئۇمۇت كېلېمە .سېزنېڭ رۇمانېڭزنې ئۇقېماي بەك زېرېكپ كەتېم ئەنۋەر ھاجى ئاكا

  18. يولدا مۇنداق يازغان:

    ‏ئەسسەلام ئۇستاز بۇ تەرجىمە ئەسىرىمنى مۇۋاپىق كۆرۈلسە تورىڭىزدا ئېلان قىلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن
    http://kitaphumar.com/?p=2138
    قۇرئان كەرىمدە ئىسا مەسىھ

  19. ھاياتجان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەرتۈرك ئۇستازىم ، بىلوگىڭىزنى يانفۇن ئارقىلىق زىيارەت قىلىشىمىزغا قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەن بولسىڭىز .
    يازمىلارنى پ د ف قا ئايلاندۇرۇپ ، ساقلىۋېلىپ كۆرسەم بۇلامدۇ؟

  20. ھەزرىتى ئەلى مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھاجىكا !بۇلتۇر مەن سىزنىڭ زىنا ئالىدىدا ئۇلىتۇرىغان قىز دىگەن رۇماننى بىر كۈندە ئۇقۇپ تۈگەتتىم ،مانا بۇلىتۇرقىغا ئوخىشاش ۋاقىت ئىچىدە كاۋاپىچنىڭ چىرايلىق خۇتۇنى دىگەن ئەسەرنى بىر كۈىدە ئۇقۇپ تۈگەتتىم .ھېچىقاچان مۇنداق تېز سۈرئەتتە ئەسەر ئۇقۇپ باقىقان بەندە ئەمەسمەن (خاتالاسىمىغان بولىسام).كىتاپتىن ئۆزەمنى بىر دەم نەتىجنى ئالمىغچە ئايىريالماي ئۇقۇپ كەتتىم .تۇلىمۇ كاۋاپىچىنىڭ ھىكايىسىدە بەك قۇرقۇپ كەتتىم ،نەدىدىن دىمەمسىز ؟رەيىھان شاڭجاڭنىڭ ئاشىقى بۇلارمۇ دەپ .شۇ چاغىدا ئورنىمدىن تۇرۇپ جىدديلىشىپ ئۇياق بۇياقلارغا مېڭىپ خۇددى زىنا ئالىدىكى قىزدىكى ئادىلە خىرسىتان بۇلۇپ كەتكەن چاغىدىكىدەك ئاجايىپ بىئارام بۇلۇپ كەتتىم ،ئاخىرىدا ئۇقۇپ ھەممىسى جايىغا چۈشىتى .مەن دەيمەن ھاجىكا كاۋاپچىنىڭ ھىكايىسىدا ئەڭ ئاخىرقى باپىتا رەيھان بىلەن ياسىن بەك ئاسان كېلىسىۋالىدىمۇ قانداق ؟تەپىسليىرەك يازغان بولىسىڭىز خۇتۇن ئالغاندا خۇتۇن بىلەن كىلشىسنى ئۈگنىپ قۇياتتۇق دەيمەن .رۇمانلارنىڭ ئەڭ يارقىن جايلىرى ئىچكى دۇنياسىنى تەسىۋىرلەش بۇلۇپ ئۇقۇغۇچمىۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭىدىكەن .مۇشۇ تەرپىنى يامان ئۈگنىۋالدىم !بۇنىدىن كىيىن ئەسەر يېزىشقا ئاللاھ نىسىپ قىلسا سىزنى ئۇسىتاز تۇتۇشىقا نىسىپ بولىسىكەن دەيمەن .ئەڭ ئاخىردا سالامەتلىك سىز يار بولىسۇن .ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى تېخمۇ ئۇتۇقلۇق قىلغاي

  21. 941生 مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەنۋەر ھاجى ئاكا:

    ئۈندىدار توپ نومۇرىڭىز بولسا قوشۋالغان بولساق بوپتىكەن.ۋاختىدا يازمىلىرىڭىزدىن خەۋەردار بولالايتۇق.

  22. ئابدۇۋەلى مۇنداق يازغان:

    ھۆرمەتلىك ئەنۋەر مۇھەممەد ھفجى ئاكا:
    «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز»، «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» ناملىق ئىككى رومانىڭىز قاچان كىتاب شەكلىدە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ، شۇنى بەكمۇ بىلگۈم بار؟
    جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن؟

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      ئىككىلا رومان نەشرىگە سۇنۇلدى، ئالدىغا تۆت يىل، كەينىگە بىر يىل بولدى، چىقىدۇ دەيدۇ، قاچان چىقىدۇ، بىلمەيمەن. نەشرىياتنىڭ ئىشلىرىغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى.

  23. مۇھەممەدجان تىلىۋالدى مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەنۋەر ھاجى ئاكا:
    ئامان- ئېسەن تۇردىڭىزمۇ؟ تېتملىق يېزىلغان ئەسەرلىرىڭىزدىن مەتبۇئاتلار ئارقىلىق ئۇچرىشىپ سىزگە بولغان قايىللىقىم كۈچەيگەنىدى، بۇ يەردىكى يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ بۇ قايىللىقىم يەنىمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى. تىلىكىم: بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئادەمنىڭ ئۇسسىغان يەرلىرىگە بارغۇدەك ماقالە- ئەسەرلەرنى كۆپرەك يېزىپ تۇرغايسىز… يېقىندىن بۇيانقى ئىجادىيەت ئەھۋالىڭىزدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇرغايسىز…

  24. مىرئادىلجان مۇنداق يازغان:

    بىلوگدا ئىسىل مەزمۇنلار ھەقىقەتەن كۆپ ،شۇنداقلا ھازىر يانفۇندا تورغا چىقىدىغانلار خىلىلا كۆپ ،شۇڭا بىلوگنىڭ يانفۇن نۇسقىسىنى ياساشنى ئويلىشىپ باققان بولساڭلار.

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      بۇنىمۇ ئويلىشىپ باقارمىز، ئەمما باشتا يەنىلا بۇ بلوگنىڭ ۋاقتىدا يېڭىلىنىشى ۋە سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىشى مۇھىم.

  25. ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

    بەزىدە ھورۇنلۇق قىلىپ سىلەرگە سەت كۆرۈنۈپ قېلىۋاتىمەن ئېلى قارام، ماقالاتنىڭ ئاخىرىنى تاللاپ تەرجىمە قىلىمەنمۇ ياكى بىراقلا تەرجىمە قىلىمەنمۇ، قاراپ بېقىپ بىر ئىش قىلاي دەۋاتىمەن.

  26. ئېلىقارام مۇنداق يازغان:

    ماقالاتنىڭ ئاخىرىنى تەرجىمە قىلمامسىلە ئەزمىلىك قىلماي.تولا مارىلاپ سەتلىشىپ كىتىۋاتىمەن.

  27. ئەركىن توختى مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەرتۈرك ئەپەندىم،كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى توردا ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ئىزچىل ھالدا ئەسەرلىرىڭىزنى ئىز قوغلاپ ئوقۇپ كەلدىم.توردىكى سىز توغرىسىدىكى باھالارنىمۇ كۆرۈپ كەلدىم.
    ئەسەرلىرىڭىزدىكى ماڭا ئەڭ ياققان يەرلەر دىنغا چېتىلغان مەزمۇنلار.زامانىمىزدىكى يازغۇچىلىرىمىز ئۇيغۇر رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشىغا چەمبەرچەس باغلانغان دىنى قاراشلىرىغا چېقىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقتەك ئاتموسفىرا شارائىتىدا سىزنىڭ بۇ ھەقتە دادىل قەلەم تەۋرىتىشىڭىز مېنى بەكمۇ سۆيۈندۈردى شۇنداقلا چاڭقىغان يەرگە خېلى باردى.سىزنى جىنسىيەتنى يازىدۇ دىگۈچىلەرنىڭ بىر كۆزى يۇمۇق بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.
    يەنە بېرى ئەسەرلىرىڭىزدىكى دىئالوگلار مېنى ھەقىقەتەن جەلپ قىلدى.ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى بىلەن زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز.قەلىمىڭىز خېلىلا ئۆتكۈر ئىكەن.ئۈمىدىم،تولىمۇ ئاددى:دىندىن ئايرىلالمايدىغان ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا يەنىمۇ چۆكۈپ تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى سۇنۇپ تۇرسىڭىزكەن.
    31-دېكابىر كوت-كوتقا قوشۇلغان ئەركىن مەن بولىمەن.(بەلكىم ئېسىڭىزدە قالمىغان بولسا كېرەك يوق).
    ئاقسۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ قالسىڭىز بىرەر پىيالە چاي ئىچىشكەچ دىدار مۇلاقەتتە بولۇش خىيالىممۇ يوق ئەمەس.(ئەلۋەتتە سىز خالىسىڭىزلا)ئىككىمىز تەڭ دېمەتلىك بولغاچ
    مەشھۇر بولسىڭىزمۇ ئۇنچە تارتىنىپ كەتمەسمەن دەپ ئويلايمەن.(چاقچاق ئارىلاش راست).
    ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتلىك،ئىمانىڭىزغا مۇستەھكەملىك،قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.
    يەنە خەت يېزىشىم مۈمكىن.ئامان بولۇڭ.ئاللاھقا ئامانەت.

  28. ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

    ماكانىمغا كەلگىنىڭىزگە مەرھابا، بىر قىممەتلىك مېھماننى ئۆيگە باشلىغاندەك تولىمۇ خوش بولدۇم.

  29. ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم ئەرتۈرك ئەپەندى، ماكانىڭىزغا ئەمدى كەپتىمەن، قېنى بىر باشتىن ئوقۇشنى باشلاي!
    «يېڭى ھايات» تىن ئالغان مەنپەئەتلىرىم ئۈچۈن رەھمەت.

  30. دىلشات مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ – ئەلايكۇم ! مەن ئەپەندىم سالونىنىڭ ( DL-apandimBBS ) قۇرغۇچىسى بولىمەن . ئەسەرلىرىڭىزنى ناھايتىمۇ ياخشى كۆردۈم . قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن .
    خالىسىڭىز ئەسەرلىرىڭىزنى سالونىمىزدا يوللاش ئارقىلىق تىخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن دىدارلاشتۇرساق دىگەن ئويدا مەن . روخسەت قىلارسىزمىكىن ؟

  31. ئوقۇرمەن مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
    ئەنۋەرھاجى ئەپەندىم، سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمىز.
    بىز سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمىز. « كۆپۈك»ناملىق رومانىڭىزنى ئۇقۇشنى ئويلىغانىدۇق،بىراق تاپالمىدۇق،قەيەردىن ئىزدەيمىز؟

  32. ئاركان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!

    ئەرتۈرك ئەپەندىم بولسا ئايرىم پاراڭلاشقان بولساق ،ياكى ئىلىخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرغان بولسىڭىز . رەھمەت

  33. ئابدىسادىق مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھاجىم.ئۇزۇن بولدى بىلوگىڭىزغا يىڭى ئەسىەر يوللىيالمىدىڭىز ئالدىراشمۇ قانداق؟

  34. دىلمۇرات مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام ئەلەيكۇم ، ئەنۋەر مۇھەممەت ئاكا، تور بىكىتىڭىزنى دائىم زىيارەت قىلىپ تۇراتتىم ، بۈگۈن مۇنداق ئەھۋالنى بايقىدىم ،يەنى تور بەتنى tepekkur.com نى بىۋاستە بېسىپ زىيارەت قىلغىلى بولمايدىكەن ، بىر قانچەيلەنگە تەۋسىيە قىلغان ، ئەمما ئۇلارمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن زىيارەت قىلالماپتۇ ،ئەلۋەتتە كوپلىگەن كىشىلەر www نى بېسىشقا كۆنمىگەن ، مۇشۇ مەسلە بىر ھەل قىلىنغان بولسا ياخشى بۇلاتتى، ئەلۋەتتە بۇ بىر كىچىك تېخنىكىلىق مەسلە . نەچچە ھەرىپ ئۆزگەرتىش بىلەنلا ھەل قىلىنىدۇ. مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئىشنى بىر ئوڭشاپ قويسىڭىز بۇلۇپتىكەن .
    ھۆرمەت بىلەن سىزگە سالامەتلىك تىلەپ :ئىنىڭىز دىلمۇرات

  35. ھەزرەتئېلى ھېلىم مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    ئۆزلىرى ئىلگىرى ئىزدىنىش مۇنبىرىگە ئىسلام دىنىدىكى تۆت مەزھەپ ھەققىدە ئىنكاس شەكلىدە بىر ماتىرىيال يوللىغان ئىدىلە . ھازىر ئۇ مۇنبەر ئېچىلمىغاچقا ، پايدىلىنىش مۇمكىن بولمىدى. يېقىندا مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپلەرنى چۈشۈنۈپ باقاي دېگەن. ئىمكان بولسا شۇ ماقالىلەرنى ۋە مەزھەپكە دائىر باشقا پايدىلىنىش ماترىياللىرى بولسا يوللاپ بەرگەن بولسلا بوپتىكەن .
    رەھمەت !
    ئىلخەت ئادرېسىم :gulqibiz@sina.com

  36. ھەزرەتئېلى ھېلىم مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق ، تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن سىز ئىزدىنىش مۇنبىرىگە ئىسلام دىنىدىكى تۆت مەزھەپ توغرىسىدا ئىنكاس شەكلىدە يازما يوللىغان ئىدىڭىز . ھازىر ئۇ مۇنبەر ئېچىلمىغاچقا پايدىلىنالمىدىم. مەن يېقىندا مۇشۇنداقراق بىر مەسىلىگە دۈچ كىلىپ ئىسلام دىنىدىكى تۆت مەزھەپنى چۈشىنىپ باقاي دېگەن

  37. ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم، سىز بىلەن ئەسرالىشىۋاتقىنىمدىن كۆپ خۇرسەنمەن، تور ئەدەبىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇۋاتقانلىقىڭىزدىن خەۋىرىم بار، ھەر قەلەمنىڭ ئۆزىگە خاس قۇۋۋىتى، رەڭ-جۇلاسى، قىممىتى ۋە يۈكسەكلىكى بار. شۇ جۈملىدىن ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن. ئىجادىيەت ئارمانىدا بىزگە ئوخشاش پۇچۇلىنىپ يۈرمەي، كۆپ ئىزدىنىپ، كۆپ يېزىپ تۇرغايسىز، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى.

  38. ئەزىز ئىمىر يانغىن مۇنداق يازغان:

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ،ئەرتۈرۈك ئاكا . ئەزىز تېنىڭىز سالامەت ، ئىشلىرىڭىز ، ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق كېتىۋاتامدۇ ؟ ئۇزۇندىن بېرى سىز بىلەن سىردىشىش شەرىپىگە تەشنا بۇلۇپ كېلىۋاتقان بولساممۇ ئۇنداق پۇرسەت بولمىدى . مەن بىر ھەۋەسكار . يانغىن تەخەللۇسىدا توردا بىر نەرسىلەرنى يېزىپ تۇرىمەن . سىز بىلەن تۇنۇشۇپ سىردىشىپ ئۆتكۈم بار . بۈگۈن «كۆپۈك »ناملىق رومانىڭىزنى ئوقۇپ تۈگىتىپ ، قەلىمىڭىزگە يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم . بولسا ئالاقىلىشىپ تۇرساق ئاكا . ئېلخەت ئادرېسىمنى قالدۇرۇم. ئالاقىلىش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز .رەھمەت .

  39. ئىمام ئابلا مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەنۋەر ھاجىم

  40. سادىرجان مۇنداق يازغان:

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، بلوگىڭىز ھەقىقەتەن ئۆزگىچە بوپتۇ، مۇبارەك بولسۇن. «شېئىرلار» سەھىپىسىدە نېمىشقا سىزنىڭ ۋەكىللىك شېئىرىڭىز بولغان «تىئەنئەنمىن لەگلىكى» يوق؟ قايتا كۆرۈش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟

  41. ئابدۇسادىق مۇنداق يازغان:

    بىلوگىڭىزنى ياقتۇرۇپ كۈرىمەن.تەر جىمالىڭىزنى كۆرسەم ئۇچتۇرپانلىق ئىكەنسىز.يەنەمەن ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيدىغان زۇلپىقار بارات‹ئۆزباش› مۇ ئۇچتۇرپانلىق ئكەن.ئككىڭلار تۇنۇشامسىلەر.

  42. ئابدۇسادىق مۇنداق يازغان:

    سىزنىڭ دىن ھەققىدىكى ئەسەرلىرىڭىز مىنى جەلىپ قىلدى.مۇشۇنداق يازمىلارنى كۆپرەك يوللىغايسىز.رەھمەت.

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      بەزى ئەسەرلەر مېنىڭ ئەمەس، پايدىلىنىش ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم. ئاپتورلىرى بولسا ئاپتورلىرىنى ئەسكەرتتىم.

  43. مەمەت جان مۇنداق يازغان:

    ھۆرمەتلىك ئەنۋەر ئاكا ، سىزنىڭ تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان ‹يېڭى ھايات› رومانىنى ئوقۇپ چىقتىم ،روماننىڭ تىلى ئاپتورى ئېيتقاندەك بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن . بۇ ئوقۇرمەندىن روماننى ئوقۇش جەريانىدا سەۋىر-تاقەت ،چۈشۈنۈشكە بولغان يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيەنى تەلەپ قىلىدىكەن ،مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئاددىي تىل ، تۈز لىنىيەلىك سىيۇژېت ۋە ۋەقەلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ‹يېڭى ھايات› قا كەلگەندە گاڭگىراپ قالىدۇ ، ھەتتا خېلى يۇقىرى سەۋىيەدىكى زىيالىلارمۇ ئەسەرنى قايتا – قايتا ئوقۇپ ئەسەردىكى مەركىزىي ئىدىيەنى ئاران ئىلغا قىلدى . مەن چۈشىنەلمىگەن بىر نوقتا ،پارمۇكنىڭ يەنە بىر رومانى ‹مېنىڭ ئىسمىم قىزىل› رومانى بايانشۇناسلىق نوقتىسىدىن ‹يېڭى ھايات› قا ئوخشىمىسىمۇ ئەمما قوللىنىلغان تىل ئالاھىدىلىكى يەنىلا بىردەك . تىلى ئېغىرلىق ،باياندىكى كۆپ قىرلىق ،مۇرەككەپ جۈملىلەر ئارقىلىق ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەش ئورخان پامۇكنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدىن ‹قار›،‹قارا كىتاب›،‹ئىستانبول›،‹ئاق قەلئە› قاتارلىق رومانلىرىدىكى ئورتاقلىقمۇ؟

  44. مەمەت جان مۇنداق يازغان:

    ھۆرمەتلىك ئەنۋەر ئاكا ، سىزنىڭ تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان ‹يېڭى ھايات› رومانىنى ئوقۇپ چىقتىم ،روماننىڭ تىلى ئاپتورى ئېيتقاندەك بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن . بۇ ئوقۇرمەندىن روماننى ئوقۇش جەريانىدا سەۋىر-تاقەت ،چۈشۈنۈشكە بولغان يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيەنى تەلەپ قىلىدىكەن ،مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئاددىي تىل ، تۈز لىنىيەلىك سىيۇژېت ۋە ۋەقەلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ‹يېڭى ھايات› قا كەلگەندە گاڭگىراپ قالىدۇ ، ھەتتا خېلى يۇقىرى سەۋىيەدىكى زىيالىلارمۇ ئەسەرنى قايتا – قايتا ئوقۇپ ئەسەردىكى مەركىزىي ئىدىيەنى ئاران ئىلغا قىلدى . مەن چۈشىنەلمىگەن بىر نوقتا ،پارمۇكنىڭ يەنە بىر رومانى ‹مېنىڭ ئىسمىم قىزىل› رومانى بايانشۇناسلىق نوقتىسىدىن ‹يېڭى ھايات› قا ئوخشىمىسىمۇ ئەمما قوللىنىلغان تىل ئالاھىدىلىكى يەنىلا بىردەك . تىلى ئېغىرلىق ،باياندىكى كۆپ قىرلىق ،مۇرەككەپ جۈملىلەر ئارقىلىق ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەش ئورخان پامۇكنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدىن ‹قار›،‹قارا كىتاب›،‹ئىستانبول›،‹ئاق قەلئە› قاتارلىق رومانلىرىدىكى ئورتاقلىقمۇ؟ ‹مېنىڭ ئىسمىم قىزىل›نىڭ بايان ئۇسلۇبىنى ئىستىرولۇق بايان (مۇرەككەپ بايان) دەپ قاراشقا بولامدۇ؟ دۇنيا ئەدەبىياتىدا پامۇكنىڭ بۇ خىل بايان ئۇسلۇبىغا ئىلگىرى يول ئاچقان ياكى پامۇكنىڭ مۇشۇ ئەسىرىدە روياپقا چىقتىمۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز؟ تۇنجى قىتىم يوللىشىمىز.

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      ئورخاننىڭ ئەسەرلىرىدىن ئەدەبىياتتا بەلگىلىك چوڭقۇرلىغان ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇر ئالالايدۇ، يۈزەكى ۋەقەلىك، سۇۋارى تەسۋىرلەرگە ئۆگىنىپ قالغان، كاللا ئىشلىتىپ ئەسەر ئوقۇشنى خالىمايدىغان ئوقۇرمەنلىرىمىز زوقلىنالمايدۇ. ئورخاننىڭ ھەممە ئەسەلىرىدە تىل ئېغىر ھەم نازۇك، بىلىم كەڭ ھەم چوڭقۇر، تەسەۋۋۇر ئاجايىپ ھەم ئۆزگىچە. بۇلاردىن قانچىلىك بىلىمىڭىز، قانچىلىك سەۋىيڭىز بولسا شۇنچىلىك ھۇزۇرلىنالايسىز. ئەمما بۇنداقلار بەكلا ئاز. كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنداق ئەسەرلەرگە، چوڭقۇر تۇيغۇلارغا كاللا سەرپ قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ كەتتى.

  45. مەمەت جان مۇنداق يازغان:

    ھۆرمەتلىك ئەنۋەر ئاكا ، سىزنىڭ تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان ‹يېڭى ھايات› رومانىنى ئوقۇپ چىقتىم ،روماننىڭ تىلى ئاپتورى ئېيتقاندەك بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن . بۇ ئوقۇرمەندىن روماننى ئوقۇش جەريانىدا سەۋىر-تاقەت ،چۈشۈنۈشكە بولغان يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيەنى تەلەپ قىلىدىكەن ،مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئاددىي تىل ، تۈز لىنىيەلىك سىيۇژېت ۋە ۋەقەلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ‹يېڭى ھايات› قا كەلگەندە گاڭگىراپ قالىدۇ ، ھەتتا خېلى يۇقىرى سەۋىيەدىكى زىيالىلارمۇ ئەسەرنى قايتا – قايتا ئوقۇپ ئەسەردىكى مەركىزىي ئىدىيەنى ئاران ئىلغا قىلدى . مەن چۈشىنەلمىگەن بىر نوقتا ،پارمۇكنىڭ يەنە بىر رومانى ‹مېنىڭ ئىسمىم قىزىل› رومانى بايانشۇناسلىق نوقتىسىدىن ‹يېڭى ھايات› قا ئوخشىمىسىمۇ ئەمما قوللىنىلغان تىل ئالاھىدىلىكى يەنىلا بىردەك . تىلى ئېغىرلىق ،باياندىكى كۆپ قىرلىق ،مۇرەككەپ جۈملىلەر ئارقىلىق ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەش ئورخان پامۇكنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدىن ‹قار›،‹قارا كىتاب›،‹ئىستانبول›،‹ئاق قەلئە› قاتارلىق رومانلىرىدىكى ئورتاقلىقمۇ؟ ‹مېنىڭ ئىسمىم قىزىل›نىڭ بايان ئۇسلۇبىنى ئىستىرولۇق بايان (مۇرەككەپ بايان) دەپ قاراشقا بولامدۇ؟ دۇنيا ئەدەبىياتىدا پامۇكنىڭ بۇ خىل بايان ئۇسلۇبىغا ئىلگىرى يول ئاچقان ياكى پامۇكنىڭ مۇشۇ ئەسىرىدە روياپقا چىقتىمۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز؟

  46. دىلمۇرات مۇنداق يازغان:

    يېقىندا سىزنىڭ كۆپۈك ناملىق رومانىڭىزنى ئوقۇپ چىققان ئىدىم ، ئەمما روماندىن ئالغان تەسىراتىم بەكلا ناچار بولدى ، سىزنىڭ نىمە مەقسەتتە مەزكۇر روماننى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغانلىقىڭىزنى ، بۇنىڭ جەمئىيىتىمىزگە نىسپەتەن ئەھمىيىتى بار ياكى يوق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قۇيالامسىز؟ روماننىڭ تىلىغا سېرىق مەزمۇنلار بەك كۆپ ئارلاشتۇرۇلۇپتۇ .

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      بۇ ئەسەردە سىز سېرىق جۈملىلەرگە تاقىلىپ تۇرۇپ قالماي، باھارخاننىڭ قەيسەرلىكىنى، ئابدۇباقىنىڭ ئىشرەتتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان زەئىپ ئەركەكلىكىنى، سانىيەدەك خوتۇنلارنىڭ يامانلىقىنى، ھەممە يەردە يامراۋاتقان ئۆي-مۈلۈك چىرىكلىكىكىنى، پارىخورلارنىڭ رەزىللىكىنى، گۈلەنبەر ۋە ئۇنىڭ خانىمىنىڭ شېئىرغا بولغان ئاشىقىلىقىنى… ھېس قىلالىسىڭىز، ئاندىن بۇ ئەسەردىن مەلۇم دەرىجىدە زوق ئالالايسىز. مەن بۇ ئەسەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئەسەر دەپ قارىمايمەن، ئەمما بەزىلەرنىڭ ئەخلەت رومانلىرىغا باققاندا يامان ئەمەس. سىز ناچار دېگەن بۇ رومان قەشقەردە ئۆيلىرى چېقىلىپ ۋەيران بولغان كىشىلەر ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشىپتۇ.

      • دىلمۇرات مۇنداق يازغان:

        مېنىڭ ناچار دېگىنىم پەقەت روماننى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىنكى تەسىراتىم كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى دېگەن مەنىدە ئىدى ، مەن ھەرگىزمۇ روماننى ناچاركەن دېگىنىم يوق . ئەلۋەتتە ،مەن روماندىكى مەزمۇنلارنى تۇلۇق چۈشەنمىگەن بۇلۇشۇممۇ مۇمكىن . يازغانلىرىم ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ،ئەپۇ قىلىڭ . ئەلۋەتتە ، مېنىڭ تېخى رومانلارنى باھالاشقا سالاھىيىتىم توشمايدۇ. مەن پەقەت قىزىقىپ ئوقۇپ باققانىدىم ،خالاس !

        • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

          كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم، ئەسەر دېگەننى ياقتۇرساق ياخشى دېگۈلۈك، ياقتۇرمىساق ناچار دېگۈلۈك. بۇ ھەر كىمنىڭ ئەركىنلىكى. بۇ ئەركىنلىكنى بوغۇپ قويۇش نامەرتلىك. شۇڭا سىز ئارتۇقچە ئويلىنىپ كەتمەڭ. دادىللىقىڭىزغا قايىل بولدۇم ھەم روماننى تېخىمۇ كەڭرەڭ مەنىدە چۈشىنىپ بېقىڭ دېدىم، خالاس.

  47. تەپەككۇر مۇنداق يازغان:

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ! ياخشىمۇسىز! مەن سىز بىلەن دوستانە ئۇلىنىش قىلاي دېگەن ئىدىم .

  48. چىن ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    ئەسسامۇ ئەلەيكۇم ئەنۋەر ئاكا ،خالىسىڭىز ماڭا ئالىي مەكتەپ ھاياتى ،كىشلىك تۇرمۇش ،ياشاش يۇلى ……. ھەققىدە يىتەكلەپ،ئۆز-ئۈزۈمنى تۇنۇپ يىتىشىمگە ياردەم بىرىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت كىلىمەن،
    ئىنىڭىز:مۇھەممەتساۋۇت
    1213069751:چ چ

  49. سۈبھى مۇنداق يازغان:

    ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى بەك ئاز ئىكەن، روماننىڭمۇ مەسىلەن:«ئانايۇرت»،«سەرسان روھ»،«ئىز»،«قۇم باسقان شەھەر»… … … قاتارلىق داڭلىق رومانلارنى تاپقىلى بولمايدىكەن،

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      شۇنداق، بۇ خۇسۇسىي بىلوگ، ھەجمى چەكلىك، شۇڭا ئۆزەم ئەتكەن تاماقنىلا ئالدىڭلارغا قويالايمەن.

  50. قابىل مۇنداق يازغان:

    ‹‹سوغۇق شامال›› نىڭ ئاخىرى داۋاملىق يىزىلامدۇ ھاجىكا؟

  51. يادىكار مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام ئەلەيكۇم ! ئىنىم ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت، ياخشىمۇ سىز ! يېقىندا يۇرتقا كەلگەن ئىكەنسىز، يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش ماڭا نېسىپ بولماپتۇ! تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم! ئېسىڭىزدىن كۆتۈرلۈپ كەتمىگەنلا بولسام سىز مېنى تونۇيسىز، مەن سىز بىلەن بىر يۇرتلۇق، كەسپىم ئوقۇتقۇچى، مېيىپمەن(سول پۇتۇم كېسىۋېتىلگەن)مەن ئىلگىرى ئەسەرلىرىڭىزنى ژورناللاردىن ئوقۇپ تۇراتتىم ، يېقىندا تور بېتىڭىزدىن ئىلگىرى كۆرەلمىگەن ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولۇپ، تولىمۇ سۆيۈندۈم ھەمدە سىز بىلەن بىر يۇرتلۇق بولغانلىقىمدىن پەخىرلەندىم! ئۇلۇق ئاللاھتىن تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئائىلىڭىزگە چەكسىز بەخت، ئىشلىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن! بىر جۈپ قوللىرىڭىزگە دەرتلەر كەلمىسۇن!
    تولىمۇ ئەپسۇس،

  52. aytoldi مۇنداق يازغان:

    مەن زادىلا تىزىملىىتىپ كىرەلمىدىم، قانداق قىلسام بولىدۇ؟

  53. بىلەرجان مۇنداق يازغان:

    بەك پەيزى چىقىپتۇ!!!!

    بۇ بلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى)ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازلماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.

  54. دىلمۇرات مۇنداق يازغان:

    تور بەتتە باشقا ئالاقە ئۇسۇلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە خەت يېزىشقا مەجبۇر بۇلۇپ قالدىم ،مۇۋاپىق بولمىغان بولسا ئەپۇ قىلارسىز .

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنىم، نومۇرىڭىزنى چچ غا قېتىۋالدىم، پۇرسەت بولسا پىكىرلىشىپ تۇرايلى. 715772658

  55. دىلمۇرات مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام ئەلەيكۇم ؟ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت ئاكا ،ياخشىمۇ سىز !
    مەن بۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ تۇيۇقسىز سىزنىڭ توربىتىڭىزنى كۈرۈپ قالدىم ۋە خۇددى ئىزدەۋاتقان نەرسەمنى تېپىۋالغاندەك ناھايىتى ھاياجانلاندىم ،چۈنكى سىزنىڭ نامىڭىزنى مەن بۇنىڭدىن 6 ،7يىل بۇرۇن ئاڭلىغانىدىم ،يەنى ئۇ مەن يۇرتۇم ئۇچتۇرپان ئاقياردىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرىدىكى چاغلىرىم ئىدى، ھېلىھەم ئېسىمدە ئۆكتەبىر كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان ئەمگەك پائالىيىتىدە مۇئەللىمنىڭ قۇلىدا سىزنىڭ‹ لاي سۇ ئىچكەن جانلار ›دېگەن كىتابىڭىزنى كۆرۈپ ناھايىتى زوقلانغان ئىدىم .(ئاڭلىسام سىز شۇ كىتابىڭىز يېڭى نەشىر قىلىنغاندا شۇ مەكتەپتىكى دوسلىرىڭىزغا بىردىن ئەۋەتىپ بېرىپتىكەنسىز)شۇ ۋاقىتتا مۇئەللىم سىزنىڭ تەرىپىڭىزنى قىسقىچە قىلىپ بەرگەن ئىدى،ھەم سىزنىڭ بىزنىڭ يېزىدا چوڭ بولغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەردى. مېنىڭمۇ كىتاپ ئوقۇشقا قەۋەتلا ئىشتىياقىم بولغانلىقى ئۈچۈن دائىملا گېزىت -ژورناللارقۇلۇمدىن چۈشمەيىتتى ، سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزمۇ ژورناللاردا چىقىپ تۇردى .بۇنداق ۋاقىتتا ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم .كېيىن سىز بىلەن بىر كۈرىشىپ باقسام دەپ ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم،ئەمما ئۆزەمنىڭ سالايىتى تېخى توشمايدىغاندەك ،بەكلا كىچىكلىك قىلىدىغاندەك ھېسىياتتا بۇلاتتىم . ئەمما بىزنىڭ ئاددىي يېزىمىزدا بىر كىتاپ يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان بىرەيلەننىڭ نامىنى ئىلگىرى ئاڭلىمىغان ئىدىم ، كېيىن مېنىڭ يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ئاكاممۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلىپ قالدى ، ئەسلى ئۇ ئاكام سىزنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىڭىز ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ بۇنىڭ بىلەن سىز بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم ،ئەمما سىزنى بىرئالاقە قىلىش پۇرسىتى بولمىدى ، كېيىن مەن تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇدۇم ،بۇجەريانلاردا نامىڭىزنىمۇ ئاڭلاپ تۇردۇم.شۇ چاغلاردا سىزنى يۇرتقا بىر كېلىپتۇ دەپ ئاڭلىغانىدىم ،ئەمما ئامال يوق ،قانداق كۈرۈشىشىنى بىلەلمەي ئۇ پۇرسەتمۇ ئۈتۈپ كەتتى. ھازىر مەنمۇ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ،غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىدا ئۇقۇۋاتىمەن ..كېيىن يەنە سىزنىڭ تەرىپىڭىزنى مىللەتلەر ژورنىلىدىمۇ ئۇچراتتىم.گەرچە ئۇزاق ۋاقىت ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما سىز بىلەن ئالاقە قىلىش، كۈرۈشۈش ئىستىكىم ئۆچكىنى يوق .
    ئەنۋەر ھاجى ئاكا ،بەلكىم سىز ئادەتتە بەك ئالدىراش بۇلىشىڭىز مۇمكىن.ئەگەر خالىسىڭىز ،مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت تور بەت يۈزىدىلا ئەمەس بەلكى سىز بىلەن داۋاملىق تېلفۇن ۋە ئېلخەت قاتارلىقلار ئارقىلىقمۇ پىكىرلىشىپ ،ئالاقە ساقلاپ تۇرغۇم بار ، يەنە سىز بىلەن ئالىي مەكتەپ ھاياتى ،كىشىلىك تۇرمۇش ،ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىقلاردا يۇلۇققان مەسلىلىرىم توغرىلۇق پىكىرلىشەلىسەم،مەسلىھەت ئالالىسام دېگەنلەرنى سەمىمىي ئۈمىد تىمەن . چۈنكى مېنىڭچە ئۆزىمىزدىن چوڭلارنىڭ ،بىلىملىك كىشىلەرنىڭ تەجرىبىسىدىن ،باسقان يوللىرىدىن ئىزلاپ ماڭساق ،ئاۋارىچىلىق ۋە جاپالار ئازراق بۇلىشى مۇمكىن . بىز خاتالىقلارنى ئازراق سادىر قىلىپ ،كۆپرەك نەرسىلەرگە ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز ئالاقە ئەۋەتىشىڭىزنى سورايمەن .

    ئېھتىرام بىلەن ئىنىڭىز : دىلمۇرات
    2012-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ، چېڭدۇ
    1400207141 بۇ مېنىڭ چچ نۇمىرىم ،
    1400207141@qq.com بۇ مېنىڭ ئېلخەت ئارېسىم .

  56. مىھراي مۇنداق يازغان:

    سالام !
    بىر يىلدىن بېرى ماقالە يازىمەن دەپ، بۇ يېڭىلىقلارغا دىققەت قىلالماي قاپتىمەن، تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن ئەنۋەر ئاكا. ياشلار تور خاتىرىڭىزدىكى بۇنداق يېڭىلىقلارغا ھەقىقەتەن مۇھتاجمىز. رەھمەت سىزگە !
    بۇ يىل ئالتىنجى ئايدا ئۇيغۇر-جۇڭگو-چەتئەل سېلىشتۇرما ئەدەبىيات يۈنىلىشىدىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇمنى تاماملايمەن ئاللا خالىسا، مۇۋاپىق خىزمەت ئۇچۇرى بولسا مىنىمۇ خەۋەردار قىلىپ قويسىڭىز. ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

  57. بىلدۈر مۇنداق يازغان:

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم..ئاللادىن سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
    مەن بۇ يىل شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتى ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرىمەن. مېنىڭ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژورنىلىدا ئىشلىگۈم بار ئىدى. سىزدىن مەسلىھەت سوراپ باقاي دېۋىدىم..

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      بۇ ئىدارىنىڭ ئادەم ئېلىش شەرتى مۇرەككەپ، ئاسپىرات ئالىمىز دەۋاتىدۇ. مائاش بېيجىڭغا نىسبەتەن يۇقىرى ئەمەس، ئۆي بېرەلمەيدۇ، بىر مەزگىل قاتتىق جاپا تارتىسىز. قالغىنىغا تىرىشىپ بېقىڭ. بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەمدەمدە بولىمىز.

      • بىلدۈر مۇنداق يازغان:

        جاپا تارتساممۇ مەيلى، ئۆزۈمگىمۇ باشقىلارغىمۇ مەنپىئەتلىك ئىشلارنى قىلغۇم بار ئىدى. ئەگەر ئىشلىمەكچى بولسام ئىمتىھان بېرەمدىم ياكى توردىن ماتىرىرىيالىمنى يوللاپ تىزىملىتامدىم؟ boraoghli@hotmail.com مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىرەك چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن. سىزنى ئاۋارە قىلغىنىمدىن خىجىلمەن، رەھمەت.

        • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

          ھازىرچە ئادەم ئالىمىز دېگەن گەپ يوق، بىرەر خەۋىرى بولسا سىزگە يەتكۈزەي، ئەمما چوقۇم ئاسپرانتلىقنى تۈگىتىشىڭىز كېرەك.

  58. تىلەك مۇنداق يازغان:

    ۋاقىتىڭىز چىقسا سىز بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىرلەشسەم دەيمەن. ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ

  59. مەن مۇنداق يازغان:

    ‹‹كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى ›› نىڭ پ د ف چۈشۈرۈش ئادرېسىدا خاتالىق بارمۇ قانداق؟ چۈشۈرەلمىدىم…

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      مەن چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، نورمالغۇ، خېنەن ۋاڭتۇڭ دېگەننى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ.

  60. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    ‹‹ كاۋاپچىنىڭ ھوجىرىسى›،نىڭ داۋامىغا تەشنامىز

    • كىتابچى مۇنداق يازغان:

      ھۆرمەتلىك ئەنۋەر، ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟ نەشرىياتىمىزنىڭ بۇ يىللىق پىلانىدا بىر كىتاب بار ئىدى. تەرجىمە قىلىشقا ۋاقتىڭىز يېتەرمۇ؟ چ چ :493174684،

تاھىربەگ ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*