ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن (پوۋېست)

2010051522422494

تۈرمىگە كىرگەندىن باشلاپ ئۆزەمنى قەپەزگە سولانغان ھايۋاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، قورسىقىم ئېچىپلا تۇرىدۇ،ئۇ پاسكىنا ھازىر نەلەردە ئويناپ يۈرىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ غۇرۇرى مېنى مۇشۇنداق پايخان قىلىۋەتسە بولامدۇ؟ مەن ئۇنى خېمىردەك ئەيلىگەندە ئۇنىڭ غۇرۇرى نەگە كەتكەن بولغىيدى؟ بۇ قىسمەتنى ئۆزەمنىڭ دۆتلۈكىدىن كۆرۈشمۇ مېنى ئازابلايدۇ، چۈنكى مۇشۇ ۋاققىچە ئۆزەمنى ئەقىللىق ساناپ كەلدىم، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتېماتىكىدىن 123 نومۇر ئالدىم، ئۈرۈمچى بويىچە ئەلىيۇل ئەلا دېيىشكە بولاتتى، ئەمما ئومۇمىي نومۇرۇم كەملەپ قالغاچقا چىڭخۇاغا ئۆتەلمىدىم، بىر يىل تەكرار ئوقۇشنى خالىمىدىم، تۆۋەن يىللىقتىكى شوركىلار بىلەن سان تالىشىپ، نومۇر تالىشىپ، ئورۇن تالىشىپ يۈرگۈم كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ بېيجىڭغا كەلدىم، بىر يىل تەييارلىقتا ئوقۇدۇم، ئوقۇش مەن ئۈچۈن ئويۇننىڭ ئورنىدىكى ئىش ئىدى، ماتېماتىكىدىن ئىمتىھان ئالسا ئون مىنۇتتىلا توغرا جاۋابنى بېرىپ سىنىپتىن مەغرۇر چىقىپ كېتەتتىم. كېيىن ئوقۇتقۇچى مېنى بۇ دەرسكە قاتناشمىساڭمۇ بولىدۇ، دېدى. باشقا دەرسلەرنى خوش ياققاندا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈۋەتسەم، سىناقلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقاتتىم. باشقا ۋاقىتتا سىنىپتىكى قىزلارغا كۆز سېلىپ چىرايىنى باھالايتتىم، كۆڭۈلنى قانداق خوش قىلىش، كەلگۈسىدە قانداق خوتۇن ئېلىش، نېمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، قانداق پۇل تېپىش، پۇل تاپقاندا نېمە ئېلىش … توغرۇلۇق ئويلىناتتىم. دادام ھەر ئايدا ئەۋەتىدىغان پۇلنىڭ ئازلىقى ئىچىمنى سىقاتتى، بەزى خىياللىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇمغا قۇربىم يەتمىگەندە پۇل تېپىشنىڭ باشقا چارىلىرىنى ئىزدەپ باقاتتىم، ئەمما تۈزۈكرەك يول تاپالمايتتىم، ئوقۇش، ئوقۇش دەپ مەكتەپ ئىچىدىن چىقالمايتتىم. ھەر خىل تۈزۈملەر تۆت تامدەك قورشاپ تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ ئاجايىپ رەڭدار خىياللىرىم بىلەن ئالىي مەكتەپ قوينىنى، دەرسخانىنى، ئاشخانىنى بېزەپ يۈردۈم، ھەر بىرسىدە ھامان بىر قىز، چىرايلىق بىر قىز ئورۇن ئالاتتى. مەن دائىم ئۆز خىيالىمدا يۈرگەچكە، بەلكىم شۇ سەۋەبتىن ھاڭۋاقتى كۆرۈنگەچكە، شۇنداق تۇرۇقلۇق دەرسلەردىن يۇقىرى نومۇر ئېلىۋاتقاچقا بەزى گۇيلارنىڭ كۆزىگە سىغماي قالدىم. ئۇلار ھە دېسە مېنى يەكلەيتتى، زىتىمغا تېگەتتى، مەسخىرە قىلاتتى. ئالتە كىشلىك مەينەت ياتاقتا دىتىمغا سىغمايدىغان ئالتە گۇي بىلەن ئۆمرۈمدىكى ئەڭ ئۇزۇن بىر يىلنى ئۆتكۈزدۈم. دادىسى باشلىق بىرسىدىن ئەرزىمەس ئىش ئۈچۈن تاياق يېدىم، بۇرنۇم مايماق كەتتى. شۇ كۈنى كېچىدە كارىۋىتىمدا ئاچچىق ياش تۆكتۈم، غېمىدە يوق ئۇخلاۋاتقان ئۇ ئەبلەخنى ئۆلتۈرۈۋەتكۈم كەلدى. تۈزۈكرەك پىلان تۈزەلىگەن، تۈزۈكرەك پىچاق تاپالىغان، ئەڭ مۇھىمى، قورقۇنچاقلىقىمنى يېڭەلىگەن بولسام، بەلكىم ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم، ئۆلتۈرەلمىسەممۇ بىر نېمە قىلىۋېتەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى تەييارلىقنى تۈگەتكىچە ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدىم، ھەر قېتىم كۆرسەم ئىچىمدىكى غەزەپ ئۇنى شىردەك تالايتتى، ئۆلۈكىنى ئاپىرىپلا خالاغا تاشلىۋەتكۈم كېلەتتى. بۇ مەكتەپتە 56 مىللەت ئوقۇيدۇ دېگەن بىلەن كۆزۈمگە بىز مىللەتتىن باشقا ھەممىسى خەنزۇدەكلا كۆرۈنەتتى. تاماقنى مۇسۇلمان ئاشخانىسىدىن يېدۇق دېگەن بىلەن قوينى نەدە ئۆلتۈرىدۇ، قانداق بوغۇزلايدۇ، تاماقنى قانداق ئېتىدۇ، بىلمەيلا يەيتتۇق. قىزلارمۇ ئاچ قالغان بۆرىدەك يەيتتى. بەزىسى كولانى تولا ئىچىپ ئوغۇللار ئالدىدا خىجىل بولماستىن كېكىرىپ يۈرەتتى. ئارىمىزدا پىۋىنى كۆپ ئىچىدىغانلار كېچىسى لايدەك ئېزىلىپ، ئەتىسى كۈن چۈشكىچە قوپمايتتى. ھەممىسى دېگۈدەك يوتقانلىرىنى چاترىقىغا قىستۇرۇپ دۈم ياتاتتى، ئۆلگەن گۇيلار… دەپ پىچىرلايتتىم، ياتاق ئىچى گويا تاپتەك سېسىق پۇرايتتى، پايپاق، كۇسارنىڭ پۇرىقى ئۇلارنىڭ تىنىقىغا قوشۇلۇپ دېمىمنى سىقاتتىكى، ھەر قانچە ئۇخلىغۇم بولسىمۇ، ئورنۇمدىن قوپۇپ تالاغا چىقىپ كېتەتتىم، مەيداندا بىر دەپ ئايلىنىپ، تورنىك ئوينايتتىم. ئەتىگەندە چېنىقىدىغان قىزلار ئىچىدە بىزنىڭ قىزلار يوق ئىدى، ئۇسسۇل سىنىپىنىڭ ياچىۋەكلىرى ئۇزۇن پۇتلىرىنى رېشاتكىغا ئارتىپ پەي سوزۇپ، بەل قاتلاپ، ئۇياق-بۇياققا تولغىناتتى. بۇلارنىڭ چىرايى سەترەك بولغان بىلەن بەدىنى چىرايلىق ئىدى، چىپپىدە كەلگەن تار ئىشتانلىرى، قىسقا كۆينەكلىرىگە بەدىنىلا ئەمەس، بەلكى ھېسسىياتى سىغمايتتى، ھەۋەسلىرى ھېلىلا ئېتىلىدىغان شارغا ئوخشايتتى، بۇنىڭغا قاراۋەرسەم مەنمۇ ئىچمىدىن پارتىلايدىغاندەك بىئارام بولۇپ نېرى كېتەتتىم، ئەمما خىيالىم ئادەمنىڭ پۇتىغا ئېسىلىۋالىدىغان تىلەمچى بالىلاردەك جاھىللىق بىلەن چىڭ يېپىشىۋالاتتى.
بىزنىڭ سىنىپتىكى قىزلار دەسلەپتە كەلگەندە ئۇرۇق ئىدى، بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپلا سەمرىشكە باشلىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار چېنىقمايتتى. چۈشلۈك ئۇيقۇسىغا قانماي چۈشتىن كېيىنكى دەرستىمۇ ئۇخلايتتى، ئۆڭىدە خىيال قىلغاننى چۈشىدە كۆرىدىغاندەك بېرىلىپ ئۇخلايتتى. مۇشۇنداق ئۇخلاۋەرسە لەقۋالىشىپ، قورساق سېلىپ، تۈنۈگۈن ئالغان تار شىمىنى بۈگۈن كىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. دەسلەپتە ئۇلارنىڭ چىرايىغا قىزىققان بولسام ئەمدى بەدىنىگە دىققەت قىلىشقا باشلىدىم، زېرىكىشلىك دەرس سائەتلىرىدە ئۇلارنى بىر-بىرلەپ نومۇر قويۇپ باھالىدىم، نەتىجىدە لاياقەتلىك بولغاندىن ئىككى-ئۈچى چىقتى، ئەمما بۇلارمۇ ھېلىقى ئۇسسۇلچى قىزلارغا سېلىشتۇرۇلسا، لاياقەتسىز چىقاتتى. قىزلارنىڭ بەدىنىگە بۇنچە سەزگۈر بولۇپ كېتىشىم– بۇ مەكتەپ، بۇ سىنىپتا باشقا قىزىققۇدەك ئىشلارنىڭ قالمىغانلىقى ياكى قىزىقىشلىرىمنىڭ يېڭىلىنىپ، بۇ نۇقتىغا مەركەزلەشكەنلىكىدىن ئىدى. بەدەنلەرگە قارىسام بىئولوگىيە، ئاسمانغا قارىسام ئاسترونومىيە، دېرىزىگە قارىسام گېئومېتىرىيە، دوسكىغا قارىسام مەن ئۆگىنىپ بولغان خەت ۋە ئۆلۈك نەزەرىيە، قىزلارلا ئەڭ جانلىق، سېھىرلىك نۇقتا. ئىلگىرى سەل قارالغان بۇ نۇقتا ئەمدى روشەنلەشتى، ئەكسىچە، دوسكىدىكى بەلگە-ئىشارەتلەر غۇۋالاشتى.
ئەسلىدىكى غايەم تىرىشىپ ئوقۇپ ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇش ئىدى، ئاتوم فىزىكىسىغىمۇ قىزىقىپ باققانىدىم، كېيىنچە مۇسبەت ۋە مەنفى زەررىچىلەرنىڭ تەسىرلىشىشىگە ئەمەس، قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى تارتىشىش كۈچىگە قىزىقتىم. ئالەم قاتنىشى سانائىتى كەسپىدە ئوقۇيمەن، بىرەر ساھەدە ئالىم ياكى ئىنژىنېر بولىمەن دەپ يۈرگەنىدىم، ئۇمۇ يوق بولدى. باشقا يەردىن، باشقا كەسىپتىن چاقىرىق كەلدى، بۇنىمۇ قوبۇل قىلدىم، چۈنكى بۇنىڭغىمۇ قىزىقىپ قالدىم. يېتەلمىگەن غايەم تۇمانلىق ئايغا ئايلىنىپ قالدى. كۆڭۈلدە قالسىمۇ بەرىبىر ئاي ئىدى، ھېچكىم تارتىۋالالمايتتى. بىر يىل تەييارلىقتىن كېيىن پەرەڭلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىدىغان مەكتەپكە باراتتىم. شۇنداقتىمۇ كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار قاراشتىن، كۈتۈلمىگەن ئىشلار قوينىغا ئۆزەمنى ئېتىپ تۇرۇشتىن ۋاز كەچمىدىم. ناكەس گۇيلاردىن قاتتىق ئازار يېگەن كۆڭلۈمنى قىزلارنى خىيال قىلىش ئارقىلىق ئاۋۇندۇردۇم. دېمەك، مەن بۇ يەرگە قەدەم باسقاندىن باشلاپ ئۆزگەردىم، يېڭىلاندىم، قىزىقىشىم كېڭىيىپ باردى:بىرسىدىن تاياق يېگەن چېغىمدا چامباشچىلىققا قىزىقتىم؛ مەكتەپتە گىتار ھەۋەسكارلىرى ئويۇن قويسا روك مۇزىكىسىغا ئىشتىياق باغلىدىم. تانسىدا قىزلارنى پىرقىرىتىپ يۈرگەن گۇيلارنى كۆرسەم تانگو، ۋالىس مەشق قىلغۇم كەلدى. ھەر ئىشنىڭ ئىگىسى بار، دەپ تۇرساممۇ، ھەۋەسلىنىشتىن قۇتۇلالمىدىم. بۇ ھەۋەسلەر بولمىسا ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمەيتتىم. ياتاققا كىرسەملا بارلىق ھەۋەسلىرىم ئۆلەتتى، ھەممە نەرسە يىرگىنچلىك، مەينەت كۆرۈنەتتى، ئۇخلىغاندىلا كىرەتتىم-دە، ھېچ كىمگە گەپ قىلماي ياتاتتىم.   ياتاقداشلىرىم مەن تاياق يېگەندە قاراپ تۇرۇشقان بولغاچقا، ھەممىسىگە ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدىم.  ئىچىدە خوش بولۇشقانلىرىنى ئويلىسام نەپرىتىم تېخىمۇ كۈچىيەتتى. بۇ رەزگىلەرنىڭ ئارىسىدا ياشاش شۇنچىلىك ئېغىر كېلەتتىكى، نەچچە قېتىم ياتاق ئالمىشىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇپ باقساممۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇلارنى ئويلىسام، ھازىرقى تۈرمە ئۇنىڭدىن ياخشىراق تۇيۇلىدۇ. 
باشقىلار بەلكىم ئالاھىدە ۋاقىتلاردا ئۆزىگە ھەيران قالىدۇ. ئەمما مەن ئۆزەمگە دائىم ھەيران بولۇپ يۈرىمەن، ئۆزەمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەيرانلىق بىلەن كۆزىتىمەن. ئەقلىم، پىكرىم گويا  قۇم چاقتا چاقلىنىۋاتقان پىچاققا ئوخشايدۇ، تەپەككۇر ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىدۇ، يېزىپ خاتىرىلەپ بولغىچە كۈلگە ئايلىنىدۇ. ئادەم دېگەن شۇنداق ئىكەن (بەلكىم مەن ئۇلارنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىلى)، خىيالى ئالەمنى كېزىپ تۇرغان بىلەن يەردە پاتمىچۇقتەك سۆرۈلۈپ يۈرىدىكەن، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئويلاپ يۈرگەن بىلەن ئۇلۇغ ئادەمگە ئايلىنالمايدىكەن، چۈشىدە بىر ئۆمۈرگە تەڭ ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىۋەتكەن بىلەن، ئەتىگىنى قوپسا ئۇنىڭدىن ھېچ ئىز-ئەسەر قالمايدىكەن.

مەن بۇ سىنىپقا كىرىپ قالغان يۆچۈن مەخلۇق ئىدىم، ھېچكىم ماڭا دىققەت قىلمىسىمۇ ئۆزەم شۇنداق ئويلايتتىم. ئاق كۆڭۈل قىزلار بەلكىم مېنى ماتېماتىكىدىن باشقىنى ئۇقمايدىغان گومۇش دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. دەرس ۋاقتىدا قەغەزگە بىر نەرسلەرنى جىجىلاپ ئولتۇراتتىم، بەزىدە خىلمۇخىل شەكىللەرنى سىزسام، ئۇنىڭغا قىياسەن تەڭلىمىلەرنى تۈزۈپ باقاتتىم، كاللا قاتۇرۇش خوش ياقمىغاندا قىزلارنىڭ ھەجۋى رەسىمىنى سىزاتتىم ياكى قالايمىقان شېئىرلانى يېزىپ قوياتتىم، بىر قەغەزگە جىمى پەنلەرنىڭ بەلگىسى، ئىزنالىرىنى جەملەپ، ئاندىن پۇرلاپ تاشلىۋېتەتتىم. كىچىككىنە كاللام پۈتۈن جاھان سىغىدىغاندەك كەڭ ئىدى، ئەمما ئىچىم سىقىلغاندا بۇ جاھانمۇ تارىيىپ كېتەتتى، كاللامدىن ئۆتمەيدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتەلمەيدىغان تۆگىلەردەك، ئايىغى چىقماس تەپەككۇر چۆلىدە ئىزدىنىش سەپىرىنى داۋاملاشتۇراتتى. ئەمما مەن ھېرىپ قالغان يولۇچى ئىدىم، ئۆگەنگەن پەنلەر، تېئورمىلار، نەزەرىيەلەر، چۈشەنچىلەر بەئەينى قۇمغا كۆمۈلگەن خەزىنىگە ئوخشايتتى، ئۇلار پەقەت مېنىڭ قانچىلك مەنزىللەرنى بېسىپ كەلگەنلىكىمنىڭ ئىسپاتى ۋە يادىكارى بولۇپ،  ئۇنى ئېچىپ پايدىلىنىدىغان ئىمكانىيەت يوق ئىدى. كۆزلىگەن مەكتەپكە كىرەلمىدىم، كۆزلىمىگەن يەردە بىر توپ دۆتلەر، ھاراقكەش سولتەكلەر، سېمىز قىزلار ئارىسىدا سىقىلدىم، قالدىم.
دېمىسىمۇ مەن بىر توپ قوي ئارىسىغا كىرىپ قالغان ئۆچكە ئىدىم، ئەقلىم، زېھنىم، نەزەر دائىرەم ئۇلاردىن ئۈستۈن، ئۆگەنگەن نەرسىلىرىم، كۆرگەن كىتابلىرىم ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ ئىدى . مەغرۇرلۇقتىن ساقلىناي دېسەممۇ، ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ دۆتلۈكى ۋە جىق نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى تەكرار ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ھەتتا مۇئەللىملەرمۇ مېنىڭدىن تەمتىرەيتتى. قىسقسى، مەن بۇ يەردە ۋاقتىمنى زايە قىلىۋاتاتتىم. دەرسكە كىرمەي، بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، ئويناپ-كۈلۈپ، يىل ئاخىرىدا سىناققا كىرسەم يەنىلا ھەممىسىدىن يۇقىرى نومۇر ئېلىشقا ئىشەنچىم كامىل ئىدى.
بىلىمنىڭ خاسىيىتىنى، تېخنىكىنىڭ بىر خىل كۈچ ئىكەنلىكىنى ئەڭ باشتا دادام، ئاندىن باشلانغۇچتىكى بىر مۇئەللىمىم ماڭا بىلدۈرۈپ بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئۆگىنىشتە ھېچكىم ماڭا بېسىم قىلمىدى، دەرسلىك بىر ياقتا قالدى، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا كىتابلارنى كۆپ ئوقۇدۇم. كاللا ئىشلىتىدىغان دەرسلەرگە ئامراق، يادلايدىغان نەرسىلەرگە ئۆچ بولغاچقا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆڭۈلدىكىدەك نومۇر ئالالمىدىم، بۇ مېنىڭ   سەۋەنلىكىم ئەمەس، قالاق مائارىپچىلارنىڭ، سوئال چىقارغۇچىلارنىڭ، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ناچارلىقى، ھېچكىم مېنىڭ تاللىشىمغا ھۆرمەت قىلمىغان گەپ. تەبىئىي پەندە ئوقۇپ ئالىم بولىمەن دەپ يۈرگەن ئادەمنى تىل ئۆگىنىسەن دەپ تۇرۇۋالسا، يادلايدىغان نەرسىگە ئۆچ ئادەمنى يادىكەشلىككە قىستىسا، بۇ قانداق مائارىپ؟ ئەڭ ئاخىرىغا تولدۇرۇپ قويغان بىر تەلەپ قانداق بولۇپ ئەڭ باشتىكى چاقىرىق بولۇپ قولۇمغا تەگدى؟  قايسى ئوغرى مېنىڭ ئورنۇمغا قوناق تېرىدى؟ بۇلار تا ھازىرغىچە مېنى نەپرەتلەندۈرىدىغان ئىشلار.  شۇ چاغدىن باشلاپ ئىستىقبالىم قېيىپ كەتمىگەن بولسا، باشقا مەكتەپ، باشقا سىنىپتا بەلكىم كۆڭۈلدىكدەك ياشاپ، قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇۋاتقان بولاتتىم. مەن ئۇ رەزىللىكنى ئۆمۈر بويى ئۇنتۇمايمەن، يوشۇرۇن دۈشمەنلىرىمنى قاغاپ تۇرىمەن.
قولۇمغا كويزا چۈشۈپ، تۈرمىگە ئېلىپ مېڭىلغاندا كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى، جاھان بەئەينى تۈرمە بولۇپ كۆرۈندى، بىر ھازادىن كېيىن ئۆزەمنى ئوڭشاپ، تۈرمىنىمۇ كۆرۈپ باقاي، ئۇرۇپ قىينىمىسىلا باشقىسىغا چىداپ كېتىمەن، دەپ ئويلىدىم. ساقچىلار مېنى بىر سوغۇق ئىشخانىغا ئەكىرىپ سوراق قىلدى، گېپىدىن قارىغاندا چەت ئەللىكنى ئالداش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپتمەن. ئېتىراپ قىلمىدىم، ساقچى جوزىغا مۇشتلاپ ۋاقىراپ كەتتى، جىنايى پاكىتلىرىم تولۇقمىش،  تۇرغان ياتىقىمىز، چۈشكەن سۈرەتلىرىمىز، ئىشلەتكەن نەرسىلىرىمىز ئەرز-شىكايەتنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايمىش.
مەن مېنى ئۇرغان شۇ خۇمسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلىغان چاغدىلا تۈرمىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ قورققان، مانا ھازىر قورققان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتىمەن. بۇ تېخى تۈرمە ئەمەس، قاماقخانا. سوتلاشتىن كېيىن قانچىلك كېسىۋېتىدۇ، ئېنىق ئەمەس. ئۈچ كۈن خىيال بىلەن ياشىدىم، ئۆزەمنى بەزلىدىم، بەزىدە ئۈمىدۋارلىققا تولسام، بەزىدە  يامان پەرەزلەرنى قىلىپ ئۇجۇقۇپ كەتتىم، بىر ھەپتىدىن كېيىن يەنىلا  قېلىن تام ۋە قاپقارا قەپەزدىن باشقا ھېچنېمىنى كۆرەلمەي، تۈگىشپلا كەتتىم. ئەڭ مۇھىمى، ئوقۇشۇم تۈگەشتى، ئاتا-ئاناممۇ تۈگەشتى. دادامغا خەت چىقارتتىم، تۆۋە قىلدىم، ماڭا كېسىم چىقىرىپ بولغىچە كەلمەڭ دېدىم. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مەكتەپنىڭ مېنى قوغلاندى قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدىم.

ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغاندىلا ئەركىن چاغلاردىكى ئىشلارنى ئەسلەپ تەسەللىي تاپىدىغان گەپ  ئىكەن، بۇ خۇددى ئۇخلاپ ئولتۇرۇپ چۈش كۆرگەندەك ئىش. قاماقخانىنىڭ ئىچىدە تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قانچىلىك خىيال سۈرگەنلىكىمنى، نېمە چۈشلەرنى كۆرگەنلىكىمنى يېزىپ چىقىدىغان بولسام، ھېچكىم چۈشىنەلمەيدىغان نەچچە يۈز پارچە كىتاب بولىدۇ. ئۆڭۈمدە بولسۇن، چۈشۈمدە بولسۇن، يۈرىكىم سوقۇپلا تۇرسا، ئۆستەڭ سۈيدەك ئېقىۋاتقان    ئېڭىمنى، شۇنىڭغا ئەگىشىۋاتقان جىم ۋە شاش ھېسسىياتىمنى، بۇ ھېسسىياتنى ئۆچۈرمەيۋاتقان قىزغىن روھىمنى بىر خۇدادىن بۆلەك ھېچكىم توختىتالمايدۇ.  بىر ساقچى كىرىپلا ئارقا مېڭەمدىن ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، بېشىمدىكى مۆجىزىلەرنى ئۇجۇقتۇرۇۋەتسە، بۇمۇ خۇدانىڭ تەقدىرى. جىنايىتىم ئۆلۈمگە بۇيرۇلغىدەك ئېغىر بولمىسىمۇ، قىسماققا ئېلىنغاندىن كېيىنلا جېنىمدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم، يالغۇزلۇقتا ئۆلۈم ماڭا ھەمراھ، تەقدىرىمنىڭ قانداق بولۇشىنى بىلمەيمەن. بۇنداق چاغدا خۇدانى ئەسلەيمەن، دادام خېلى بۇرۇنلا  ماڭا بۇ دۇنيانى ۋە بىزلەرنى ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقىمىزنى، قىلغان ئىشلىرىمىزدىن ھېساب بېرىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن جەننەت ياكى دوزاخقا كىرىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقانىدى، مانا ھازىر جىنايەتچىمەن، بۇ دۇنيادا جىنايەتچىلەر تۈرمىگە كىرگەن يەردە، ئۇ دۇنيادا دوزاخقا كىرمەي قالارمىدى؟ لېكىن مۇشۇ گەپلەرگە ھازىرغىچە ئىشىنەلمەي كەلدىم. چۈنكى بىز مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ، جەننەت بىلەن دوزاخ مۇشۇ دۇنيادا، تىرىشساڭ، ياخشى ئادەم بولساڭ، ياخشى ياشىساڭ جەننەت دېگەن شۇ، بولمىسا دوزاخنىڭ كۈنىنى كۆرىسەن دەپ ئۆگىنىپ كەلدۇق. مانا ھازىر دوزاخنىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتىمەن. ئادەم نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟ دېگەن سوئالنى ئۆزەمدىن قانچە قېتىم سورىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. دارۋىن، ئادەم مايمۇندىن بولغان، دېدى. لېكىن بىر يىل بۇرۇن ھايۋاناتلار باغچىسىدا مايمۇننى كۆرگەندىن باشلاپ بۇنىڭدىن گۇمانلاندىم، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان بۇ مايمۇن نەدە قاپتىكەن؟ ماركىسىزم، ئادەمنى ئەمگەك ياراتقان دېدى، مايمۇنلار ئەمگەك قىلىپ ئادەمگە ئايلىنىپتىكەنمۇ؟ ئۇنىڭغا ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىنى كىم بېرىپتىكەن؟ ئوقۇغان نەرسىلەر مەن ئىزدىگەن سوئاللارغا جاۋاب  بېرەلمىدى، جاۋاب بېرەلمىدىلا ئەمەس، كاللامنى قايمۇقتۇرۇۋەتتى، شۇنداق قايمۇقتۇرۇۋەتتىكى، دادام ئېيتقان خۇدادىنمۇ گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. خۇدا، پەيغەمبەر، جىن-ئالۋاستى، پەرىشتە، جەننەت، دوزاخ  ھەققىدىكى گەپلەر كونىلاردىن قالغان ھېكايە-قىسسە ياكى رىۋايەتلەر بولىدىغان بولسا، نېمىشقا ئۇنى ئاڭلاۋېرىپ زېرىكمەيمىز؟ مىللىتىمىز مۇسۇلمان بولغىلى 1000 يىلدىن ئېشىپتۇ، نېمىشقا بۇلار خۇداغا ئىشىنىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ؟ كونىلار شۇنچە دۆت بولىدىغان بولسا، بۇ دۆتلۈك بىزگىچە داۋاملىشىپ كەلدىمۇ ياكى كونىلار شۇنچە ئەقىللىق بولسا، بۇ ئەقىل ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ بىزنى  خۇداغا ئىشىنىشتىن ۋاز كەچتۈرمىدىمۇ؟ بۇلار مەن ھازىرلا ئويلاۋاتقان مەسىلىلەر ئەمەس، بەلكى بىر نەرسىنى بىلگەندىن باشلاپ  ئويلاۋاتقان، قىزىقمىساممۇ قىزىقىۋاتقان، جاۋابىنى تاپالماي تاشلاپ قويغان، مۇشۇنداق يالغۇز قالغاندا، خەتەر ۋە ئۆلۈمنى ئويلاپ قالغاندا ھەر زامان كاللامغا كېلىدىغان مەسىلىلەر.  ھازىر يېڭىدىن ھېس قىلىۋاتقىنىم شۇكى، ئادەم ئۆلۈمنى ئويلىسىلا  ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئىشلارنى ئويلىماي قالمايدۇ، ئۇ ئىشلار مېنى شۇنچىلىك قىزىقتۇرىدىكى، بۇ دۇنيادىكى ھېچقانداق تېپىشماق ۋە سىرلار مېنى ئۇنچىلىك جەلپ قىلالمايدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئۆلسە روھىنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشىم كېرەك؟ مەن ئىشىنىمەنمۇ؟ ئىشىنىشنى خالايمەن، چۈنكى ئۆلۈپلا تۈگىشىشىنى، بىر ئۆلۈم بىلەنلا بۇ ئاجايىپ روھىمنىڭ تەلتۆكۈس ھالاك بولۇشىنى  خالىمايمەن. ئەگەر ئۆلگەندە ھەممە ئىش ئاياغلىشىدۇ دەپ قارايدىغان بولسام، بۇ روھىم ئىچىمگە پاتمايدۇ، پارتىلايدۇ، چىدىمايمەن، يەرنىڭ تېگىدە مىجىلىپ، تامامەن تۈگىشىپ توپىغا ئايلىنىپ كېتىدىغان قۇرت بولۇشقا كىم چىدايدۇ؟ ئەجىبا بۇ سىقىلىشنى پەيدا قىلغان ۋە روھىمنىڭ داۋاملىشىشىنى ئارزۇ قىلدۇرغان كۈچ زادى نېمە؟ شۇنچە ئادەم ئۆلدى، ئۇ دۇنيادىن خەۋەر بەرمىدى،  ئۇ دۇنيا ھەققىدىكى قىزىقىش، غەم-قايغۇ تۈگىمىدى. ئىلىم-پەن شۇنچە تەرەققىي قىلدى، لېكىن ئۆلۈمنىڭ، ئاخىرەتنىڭ سىرىنى ئاچالمىدى. مەن بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرىمەن، روھىمنى ھەر بۇلۇڭغا، ھەر سىر-تېپىشماقلار غا يۈگۈرتۈپ باقىمەن، يەنە بېرىپ تامغا ئۈسىمەن. دېمەك، مەن شۇنچىلىك. ئادەملەر شۇنچىلىك تەرەققىي قىلدى، ئايغا چىقتى، مارسنى چارلاپ باقتى،  ئاتومدىن تارتىپ ئالەمگىچە كۆزىتىپ باقتى، نۇرغۇن ئالىملار مۇشۇ مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ، مۇنازىرە تۈگەپ بولغىچە ئۆلۈپ تۈگىدى، خۇدانىڭ بار-يوقلۇقىغا جاۋاب تاپالمىدى، بەلكىم ئالەمگە چىقىپ تاپالمىغان جاۋابلىرىنى ئۆلۈپ قەبرىگە كىرگەندە تاپقاندۇ، شۇنچە ئالەمگە سىغمىغان يۈرىكى كىچىككىنە گۆردە ئارام تاپقاندۇ، كىم ئۇلارنى ئارام تاپتى دېيەلەيدۇ؟  بىز بىلمەيدىغان ئۇ دۇنيادا نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن باشقا كىم بىلىدۇ؟ ئېينىشتىين دوزاختا كۆيۈۋاتامدۇ ياكى جەننەتتە يايراۋاتامدۇ، بۇنى كىم بىلىدۇ؟ ئۇ دىنغا ئىشەنگەن، بەزىدە ئىشەنمىگەن. ئالىملارنىڭ ھەممىسى گۇمانخور، گۇمانخور بولمىسا تەتقىقاتچى بولالمايدۇ، گۇمانخورلۇقنىڭ زىيىنى يوق، شۇڭا مەنمۇ ھازىرچە شۇ ئالىملارنى دوراپ گۇمان قىلىش يولىنى تاللىۋالدىم. قايسىبىر كىتابتىن: گۇمان ئۆلۈك ئېتىقادتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېگەن مەشھۇر سۆزنى كۆرگەنمەن، ھاراق ئىچىپ، ئادەم ئۇرۇپ، قىزلارنى بۇزۇپ يەنە ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغان داشقاللارغا باققاندا، مەن تېخى خۇدايىمنى بەكرەك ئويلايمەن، شۇنداق بىر ئۇلۇغ كۈچ بولمىسا بۇ جاننى كىم باشقۇرىدۇ؟ بۇ دۇنيانى كىم تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئىشەنمىگەندىن ئىشەنگەن ياخشى  دەيمەن، ھېچ بولمىسا قەلبىمدە شۇنداق ئىستەك بار، بۇ ئىستەكنىمۇ خۇدايىم بەرگەن دەپ ئويلايمەن. ھۆر-پەرى، جىن-ئالۋاستىلار ھەققىدە قىسسە، ھېكايە، كىنولار كۆپ، ئەمما خۇدا ھەققىدە ھېچكىم يالغاننى توقۇشقا، كىنو ئىشلەشكە پېتىنالمايدۇ. ئىشلىسىمۇ، ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ نەدە، قانداق سۈرەتتە ئىكەنلىكى پەرەزدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇنى بىلىشكە ھېچكىم قادىر ئەمەس. بەلكىم بىر بوۋاق بالا كومپيۇتېرنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەندەك، ئىنسانلارمۇ بۇ دۇنيانى كومپيۇتېردەك باشقۇرۇۋاتقان بىر ئۇلۇغ كۈچنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ سىرلىرىغىمۇ يېەلمەيۋاتسا، ئۆزىنى ياراتقان خۇدانىڭ سىرلىرىغا قانداق يەتسۇن؟
      تەقدىر دەيمىز، خۇداغا ئىشەنمەيدىغان كاپىرمۇ تەقدىر دەيدۇ، تۈرمىنى باشقۇرۇۋاتقان ئاۋۇ چوشقىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ تەقدىرىدىن قاقشايدۇ، باشلىقى تىللامدۇ ياكى مائاشى تۆۋەنمۇ، ئەيتاۋۇر ئاچچىقى بېسىلمايدۇ، ئادەمگە قوپال تېگىدۇ، قولىدىن كەلسە مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلايدۇ. مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ كېسەل بولۇپ ئۆلدى دېسىمۇ، ئۇنىڭغا بەلكىم گەپ كەلمەيدۇ. دادام كەلسە ئۆلۈكۈمنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، تىرىكلىكىمدە  نومۇستىن ئۆلگەندىن، ئۆلۈكۈمنى كۆرسەتكىنىممۇ تۈزۈك دەپ ئويلاپ قالدىم. ئەمما ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەيدۇ، دېگەن گەپ بار،  ئەجىبا مەن ئىتچىلىكمۇ بولالمايمەنمۇ؟

دادام مېنى كەچۈرۈۋەتكەن بىلەن  ئۆزەمنى كەچۈرەلمەيمەن، غۇرۇرمنى  بوش قويۇۋېتىپ خىيالىي يۈرەلمەيمەن. مۇشۇ غۇرۇر مېنى كۆتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئېلىپ كەلگەن، يەنە مۇشۇ غۇرۇر مېنى ماڭا مۇشت ئاتقان ئەبلەخنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇغان، يەنە مۇشۇ غۇرۇر مېنى ئىچىمگە سىغمايدىغان قىلغان. ئۇ ئەبلەخنى ئۇرالمىغاندا غۇرۇرۇم بىر پەشۋاغا يارىماي، قاتتىق زەربە يېگەن بولسام،  ئالدامچىلىق بىلەن قارىلىنىپ بۇ يەرگە سولغاندا بولسا ھەر كۈنى  يوشۇرۇن كاچات  يەپ،  ئىچ-ئىچىمدىن تۈگىشىپ كېتىۋاتىمەن.  ئۇ مايماقنى ئويلىماي دېسەممۇ  كاللامغا كېلىۋالىدۇ،  ئېسىمگە كېلىدىغىنى پۈتۈنلەي ئۇنى تىللايدىغان گەپلەر، ئەڭ ئەشەددىي، بەزەپ گەپلەرمۇ ئۇنىڭغا ئاز كېلىدۇ، ئاچچىقىمنى چىقىرالمايدۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇنى  تۇتۇپ تۇرۇپ، چاچلىرىدىن تولاپ بېقىنىغا تازا قويسام ئاندىن دەردىم چىقىدۇ. ساقچىلار ئۇنىمۇ مەن بىلەن بۇ تۈرمىگە سولاپ قويغان بولسىدى، ئىككى كۈندە ئۆلۈكى چىقاتتى. 
ساقچىلارنى كۆرسەملا ئويلايمەن:  ياپون باسقۇنچىلىرىغا شۇنچە ئۆچ بۇ گۇيلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى نەگە كەتتى؟ تارىخىي قىساسىنى شۇنچە تېز ئۇنتۇپ، پۇلدىن باشقىنى تونۇمايدىغان بولۇپ قالدىمۇ؟ نېمىشقا ئۆزىنى پەس كۆرۈپ چەت ئەللىكنى چوڭ بىلىدۇ؟  ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا جاۋابمۇ كەتمەيدۇ، ئۆزىنى پەس كۆرىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دۆت، ئۆزلىرىگە ئەمەس، باشقىلارنىڭ گېپىگە ئىشىنىدۇ، ئەخمىقانە ئىش قىلىدۇ.  تىزگىنىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، ماشىنا ئادەمدەك ياشايدۇ. بۇ گۇندىپايلارنى  ھەر بىر كۆرسەم كىنودىكى ماشىنا ئادەملەر ئېسىمگە كېلىدۇ، كۆزلىرىدىكى سوغۇق نۇرغا قارىغۇم كەلمەيدۇ،  قورقماي دەيمەنمۇ  ئىتنى كۆرگەندەك قورقىمەن،  تېنىم تىكەنلىشىدۇ.  چىرايىدا  رەھىم-شەپقەت، ئىنسانچە مېھىر-مۇھەببەت، ئانچە-مۇنچە ھەييارلىق، قىزىقچىلىق، زېرەكلىك يوق بۇ ئادەملەر ئارىسىدا  شۇنچىلىك سىقىلدىمكى، ئۆز زۇۋانىمدا گەپ قىلىدىغان، چاقچاق قىلىدىغان، ھېكايە سۆزلەيدىغان ئادەم بولغان بولسىمۇ، سارايدا ياتقاندەك ھۇزۇرلانغان بولاتتىم بەلكىم.
ھېچنېمىگە ھاياجانلانمايدىغان،  بىرەر مەسىلىدە  يېڭى پىكىر ئوتتۇرىغا قويالمايدىغان،   قول-پۇتلىرى  زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىدەك ئىشلەيدىغان  بۇنداق مېخانىكىلىق ئادەملەرگە قاتتىق ئېچىنىمەن، ئۇلار قاماقخانا سىرتىدا تۇرغان بىلەن مەندىن بىچارە، مەندىن كالۋا.  نەزەر دائىرىسى تار بولغاچقا جاھانمۇ تار كۆرۈنىدۇ،  خىيالى قورساق بېقىشتىن نېرى ئۆتەلمىگەچكە، كاللىسىدا ئۈچەي بىلەن ئاشقازاندىن باشقا ھېچنېمە يوق. ئۇلار مېنى جىنايەتچى دەپ كەمسىتكەن بىلەن،  مەنمۇ ئۇلارنى كۆزگە ئىلمىغاچقا،  سۆز-ھەرىكىتىمدىن بۇنى چاندۇرۇپ قويغاچقا، كۆپ قېتىم قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىدىم. ئەگەر مېنىڭ ئورنۇمدا ماڭا ئوخشايدىغان چەت ئەللىك بولىدىغان بولسا، ئەجنەبىيلەرگە چوقۇنىدىغان بۇ قوڭالتاقلار  بۇنچىلىك ئەسكىلىك قىلىپ كەتمەيتتى. كۈنلەر ئۆتۈپ، ئۆزئارا كەمسىتىشلەر ئەۋجىگە چىققاندا،  ماڭا ئەڭ ئۆچ بىرسىنىڭ توساتتىن ماڭا قەست قىلىشىدىن  ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى ھازىرچە ئەركىنلىكىم بۇلارنىڭ قولىدا ئىدى،  غۇرۇرۇم ئاسمان-پەلەككە تاقاشقان تەقدىردىمۇ، جىسمىم، روھىم قاماقتا ئىدى. ماڭا قاراۋېرىپ كۆزىگە سىغدۇرالمىغان  تەلۋىدىن بىرى ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپلا خالىغانچە ئۇرۇپ قىينىسا، ھەتتا بىر تال چىۋىننى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ، غىڭ قىلالمىغۇدەك ھالدا ئىدىم. بۇلارنى چەكلەپ تۇرىدىغانمۇ قانۇن بار، دەپ ئويلىغان بىلەن، قانۇن ھامان بۇلارنىڭ قولىدا دېگەن قاراشتا چىڭ تۇراتتىم. شۇڭا بۇلارنىڭ قانۇنىغىمۇ، ئادىللىقىغىمۇ، ئاتالمىش كەڭچىلىك ۋە رەھىمدىلىكىگىمۇ ئىشىنىپ كەتمەيتتىم.
ھەممىنى ياراتقان خۇداغا گۇمان بىلەن قارىغان ئادەم،  بىر توپ پاينەكباشلار تۈزگەن ھەم بىر توپ شەپكىلىكلەر ئىجرا قىلىۋاتقان قانۇن دېگەن شۇ نەرسىگە ئىشىنەمدىمەن؟  ئادەملا بولىدىكەن، قەدەمدە بىر خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، قانۇننى توغرا تۈزدىمۇ دەيلى، ئەمما ئىجرا قىلغۇچى ئادەم يەنىلا خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكىنى قوغدايمىز دېيىشىدىكەن،  بۇ شوئارنى ئۆزگەرتىپ، پۇلنىڭ مۇقەددەسلىكىنى قوغدايمىز، دېسە توغرا بولىدۇ.  ئىشخانىلار خاتا ئەنزىلەرنىڭ ئارخىپلىرى بىلەن، ئىجراچىلارنىڭ يانچۇقلىرى ھارام پۇللار بىلەن توشىدۇ. مېنى سولىتىۋەتكەن مايماقمۇ ساقچىنى چوقۇم پۇل بىلەن كەلتۈردى.  ئەمما بۇنىڭغا ئىسپاتىم يوق، گۇمانىم ئىسپات بولالمايدۇ. گۇمان بىلەن ھېچكىمنى سۆزلەپ قايىل قىلغىلى بولمايدۇ. خۇدادىن گۇمانلىنىشىم ماھىيەتتە ھەقىقەتنى تېپىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇشۇمنى، قانۇندىن گۇمانلىنىشىم  ھەقىقىي ئادىللىقنى تېپىش ئۈمىدىمنى،  ئادەملەردىن ئۈمىدسىزلىنىشىم  مۇھەببەتنى تېپىش ئارزۇيۇمنى ئىپادىلەيدۇ.  ھەممىسى مەندە باشلىنىپ، مەندە توختايدۇ. 
قاماقخانىغا كىرگەندىن  كېيىن، ئىشق-مۇھەببەتنىڭ خەتەرلىك ئويۇن ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمايدىغان بولدۇم، چەت ئەللىكنىڭ جاھىل غۇرۇرى  ئۇلۇغ غايىلىرىمنىڭ قانىتىنى سۇندۇردى، ئۇچالماس قۇش بولدۇم. ئىستىقبالىمنىڭ بىر تۈز سىزىقتىن قېيىپ كېتىشى ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا،  ئۇنى  تىلغا ئالغاندا  «مايماق» تىن باشقىسىغا  تىلىم كەلمەيدۇ.  ئۇنى باشتىلا تىللاپ كەلگەن، تىللاۋېرىپ تىلغا ئېلىشتىنمۇ زېرىكىپ، نەپرەتلىرىمگە كۆمۈۋەتكەن، ئەمما دۈشمەن خىياللىرىم دائىم ئۇنى باغلاپ ئالدىمغا ئەكىلىدۇ،  زەردەمنى ئۆرلىتىدۇ. قارىغاندا بۇ ئازاب ئۇنىڭ يۈزىگە قورۇق چۈشكىچە، ياكى مەن مۈكچىيىپ ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلغىچە داۋاملىشىدۇ.
بىر  چەت ئەللىك ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى مېنى سولىتىۋەتكۈدەك دەرىجىدە چوڭ بىلگەنىكەن، بىر جەھەتتىن ئۇنىڭغا قايىل بولماي ئامالىم يوق. يامان ئىكەنسەن، خوشىنو. ئەرلىرىڭ مۇتلەق خوجايىن بولغان دۆلىتىڭدە قىلالمىغان  نوچىلىقنى بېيجىڭدا قىلىۋالدىڭ، سەككىز ئاي مېنى  ئەر قىلىپ،  ئاقىۋەت يەر قىلدىڭ، غۇرۇرۇمنى يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭ. يۈزۈڭ ئاق بولغان بىلەن كۆڭلۈڭ قارا ئىكەن،  بويۇڭنىڭ پاكارلىقىغا باقماي  ئەقلىڭ تېخىمۇ گال ئىكەن. ئېتىقادىڭ بولمىغاچقا، ۋىجدانىڭنى بىر دەمدە يوقىتىپ، ئەپتى-بەشىرەڭنى ئاشكارىلىدىڭ. سەككىز ئاي بىللە ياشاپ، ئاخىردا ھەممىنى بېشىمغا ئاتتىڭ. سەككىز ئاي كۈچ بەرگەن ئېشەكچىلىكمۇ ئەتىۋارىم قالماي، ھۇزۇرۇڭدىن قوغلاپ چىقىرىلدىم، ئۇنىڭدىن ئېشىپ گۇندىخانىغا سولاندىم. سانسىز قېتىم شۇ سوئالنى سورايمەن: قېنى  شۇ  كۈنلەردىكى  مۇلايىملىقىڭ، نازاكەتلىرىڭ، غىلجىڭلاشلىرىڭ، بەزگە ئامراق مۈشۈكتەك ئەركىلەپ، سۇۋىنىپ، ماڭا كۆرسەتكەن ئامراقلىقلىرىڭ، سېنى ياخشى كۆرمىسەممۇ ياپونلۇق دەپ ھۆرمەتلىگەنىدىم، چىرايىڭ سەت بولسىمۇ چەت ئەللىكنىڭ چىرايى دەپ قىزىققانىدىم،  بەدىنىڭ ئۆلچەمگە توشمىسىمۇ چەت ئەللىكنىڭ بەدىنى دەپ ئەتىۋارلىغانىدىم، دۆت بولساڭمۇ ياپونلۇقلار يەنىلا ئەقىللىق دەپ چوڭ بىلگەنىدىم،  مىجەزىڭ غەلىتە بولسىمۇ، ياپونلۇق ئاياللار ئەرلەرگە بويسۇنىدۇ، ئەرلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ دەپ ساڭا ئىشەنگەنىدىم.  ھەممىنى يوق قىلدىڭ،  يۈزۈڭنى پوق قىلدىڭ،. ئۆچۈمنى ئالدىم دەپ ئويلامسەن؟ ئۇ ھالدا مەنمۇ  ئەسەبىيلەرچە، خوشىنو مىدور دېگەن بۇ ساراڭنى كۆڭۈل خوشى قىلىپ ئوينىۋلدىم، پۇللىرىنى خەجلىۋالدىم، دۆلىتىگە چىقىپ ساياھەت قىلىۋالدىم… دەپ ئويلايمەن. شۇ ياتاقتا ئۆتكەن بارلىق كۈنلىرىمنى غەنىمەت ئالغان ئوۋچىنىڭ خۇشاللىقى بىلەن ئەسلەيمەن.
ئەمما ئۆزەمنى بۇنداق ئالداش ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ، خوشىنونىڭ مەندىن ئۆچ ئېلىش سەۋەبى ئىچىمدە قازاندەك قاينايدۇ. ماڭا ئاددىي كۆرۈنگەن ئىشلار نىڭ ئۇنىڭغا كەلگەندە ئېغىر مەسىلىگە ئايلىنىپ كەتكىنى كاللامدىن ھېچ ئۆتمەيدۇ.   

خوشىنو بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىم تۈرمىگە كىرىشىم بىلەنلا ئېچىنىشلىق، مەسخىرىلىك ئەسلىمىلەرگە ئايلاندى، ئاچچىقنىڭ ھەممىسى زەھەرگە، ھەتتا ئۆتكەنكى شېرىنلىكمۇ ئاچچىققا ئايلىنىپ كەتتى.  مېنىڭ تۈرمىدە باشقا ئىشلارنى، ئۆلۈم ۋە ھاياتلىق ھەققىدىكى چوڭ مەسىلىلەرنى ئويلاپ ئولتۇرۇشۇم ئەسلىدە خوشىنونى بىر دەم بولسىمۇ ئۇنتۇش، تۈرمىدە تىك ئولتۇرۇشتىن باشقىغا ئەسقاتمايدىغان جاھىل غۇرۇرۇمنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈندۇر.  بەزى خىيالىم ماڭا دۈشمەن، بۇ ئىسپاتلىنىپ بولدى؛ غۇرۇرۇم يۈرىكىمگە پىچاقتەك سانچىلىدۇ، بۇ ھازىر ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ. ئەقلىم زىيادە، تەپەككۇرۇم كەڭ، خىيالىم مول بولغان بىلەن، بۇنداق قاماقخانىدا قەپەزگە سولانغان ھايۋاندەك تىپىرلاپ تۇرۇشتىن باشقا ئىشقا يارىمايمەن،   تۈرمىدىن قاچالماي مېڭىسىگە ئوق تېگىپ، بۇ ئوق  شۇ مېڭىسىنىڭ قېتىدا تۇرۇپ قالغان مەجرۇھ ئادەمدەك  كۈندىن كۈنگە دىۋەڭلىشىپ، گاھىدا خىيالىم ۋە كەيپىياتىمنى باشقۇرالمايدىغان دەرىجىدە ساراڭغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىمەن. خوشىنونىڭ سىرتتا خۇشال ئويناپ يۈرۈۋاتقىنىنى، بەلكىم باشقا ھەمراھ تېپىپ يايراۋاتقانلىقىنى ئويلىساملا،  مېڭەمگە ئاغرىق كىرىپ، تامغا ئۈسۈپ بېشىمنى يېرىۋەتكۈم كېلىدۇ. شۇنى دەپ نەچچە ئاي ئۆگەنگەن ياپونچەم ئېسىمگە كەلسە تىلىمنى كېسىۋەتكۈم كېلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن ھوزۇرلانغان قىسمىم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئادەم شەخسىيەتچى مەخلۇق بولغانىكەن، ئۆزىنىڭ ئەشەددىي ئىستەكلىرىنى گاھىدا توغرا چۈشىنىشى، ئاجىزلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشى  كېرەك.
  بىز توپ مەيدانىدا تونۇشۇپ قالدۇق، ياپونلۇقلارغا ئەزەلدىن ھۆرمىتىم بولغاچقا توپنى ئۇنىڭغا ئاۋايلاپ ئاتاتتىم، ئۇ كۈلۈپلا تۇراتتى، توپنى ماڭا ئېتىپ بەرگەندە ئىككى كۆكسىمۇ ئالدىغا ئېتىلاتتى. بىزنىڭ كۆز بېقىشلىرىمىز، بىر-بىرىمىزگە قاراپ مەنىلىك كۈلۈشلىرىمىز،  چۆرىدەپ ۋالىبول ئوينايدىغان، ئاخىردا ئىككىمىزلا قېلىپ بىر-بىرىمىزگە توپ ئاتىدىغان، پاراڭلىشىدىغان ۋاقىتلىرىمىز بارا-بارا كۆپەيدى. ئۇ بۇ مەكتەپكە خەنزۇچە ئۆگەنگىلى كەلگەنىدى، ئەجدادلىرىنىڭ نېمىشقا خەنزۇلاردىن بۇددا دىنى ۋە خەنزۇ يېزىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى  بىلگۈسى بار ئىدى، بۇ تىلنىڭ سىرىنى ئىگىلەپ، شۇنچىۋالا نوپۇسنى ئىگىلەيدىغان بۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىپ بېقىشنى ئويلايتتى. مەن ئۇنىڭدىن، سىلەر دىن ۋە يېزىقتا خەنزۇلار بىلەن شۇنچە يېقىن تۇرۇپ، نېمىشقا ئۇلارنى قىرغان؟ دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ كۈلۈپ قويۇپ:  كىم شۇنداق دەيدۇ؟ بىز ئۇلارنى قىرمىدۇق، بەلكى مەدەنىيەت ئۆگەتكىلى باردۇق، شەرقتە كۈچلۈك ئېمپېرىيە قۇرۇپ، تەڭ گۈللەنمەكچى بولدۇق. ئۇرۇش دېگەندە خاتالىق بولىدۇ، ھالاكەت بولىدۇ، سىلەر دائىم خاتا تەشۋىقاتقا ئالدىنىسىلەر. نەنجىڭدىكى  چوڭ قىرغىنچىلىقتا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆلگەن سۈرىتىنىلا كۆردۈڭلار، لېكىن نەنجىڭ ۋە باشقا شەھەرلەردىكى پۇقرالارنىڭ ياپون ئەسكەرلىرىنى قارشى ئالغان رەسىملىرىنى كۆرۈپ باقتىڭلارمۇ؟ ھۆكۈمرانلار دائىم ئۆز مەنپەئەتىنى دەپ خەلقنى ئالدايدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار ئۆز پۇقرالىرىنى توختىماي ئېزىدۇ… دېگەنىدى.  ئادەتتە خەنزۇچىنى يامىداپ سۆزلىسىمۇ، بۇ گەپلەرنى خۇددى يادلىۋالغاندەك راۋان سۆزلىگەنىدى. مەن ئۇنى كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، ياپونلارغا ھۆرمىتىم بولغانلىقى، بىر تىلنى بىلسەم جاھاننىڭ بىر دېرىزىسىنى ئاچىدىغانلىقىم ئۈچۈن ياپونچە ئۆگەندىم، ئۇيغۇرچە بىلەن بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ئوخشىشىپ كەتكەچكە خېلى تېز ئۆگەندىم ۋە ئىككى ئايدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشالىغۇدەك ، ئالتە ئايدا ئۇنىڭ خەتلىرىنى ئوقۇيالىغۇدەك بولدۇم. ھازىر ئۇ تىرىشچانلىقلىرىمنى مەسخىرە قىلمايمەن، ئۆگەنگەنلىرىمگە پۇشايمان قىلمايمەن. مەيلى قانداق ئىلىم ۋە ماھارەت بولسۇن، ھەممىسىنى ئۇلۇغلايمەن.
ئۇنىڭ بىلەن تاماق يېيىشمۇ كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى، مەن بىلەن بىللە تاماق يەپ لەغمەن، پولو، كاۋاپقا شۇنچىلىك ئۆگەندىكى، ئىككى ئايغا قالماي ئۈچ كىلو سەمرىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن بىلەن ئانچە كۆپ تاماق يېمەيدىغان، ھەرىكەتنى جىق قىلىدىغان بولدى. دەسلەپتە تاماق پۇلىنى مەن تۆلىدىم، كېيىن تەڭ تۆلەيدىغان بولدۇق، شۇنداقتىمۇ ئۆيدىن كەلگەن پۇللار يەتمىدى، كەمبەغەللىك ۋەجىدىن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىنى ئۈزمەكچىمۇ بولدۇم، چۈنكى غۇرۇرۇم ئۇنىڭ پۇل خەجلىشىگە يول قويمايتتى. ئەمما ئۇ شۇنچىلىك باي ئىدىكى، راھەت-پاراغىتى، خۇشاللىقى ئۈچۈن ھېچنېمىگە قارىمايتتى. دەسلەپتە ئۇنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى خالىمىدىم، ئوڭايسىزلاندىم، سىقىلدىم، كېيىن كۆنۈپ قالدىم. گاھىدا ئۆزەمنى ئۇنىڭ يىگىتى ئەمەس، ئەرمەك ئىتىغا، خالىغاندا كۆڭۈل ئاچىدىغان، دېيىشكىمۇ تىلىم كۆيىدىغان بىر بەدبەخكە ئوخشىتىپ قالاتتىم. شۇ چاغدا ھېس قىلغانلىرىم توغرا ئىكەن، كۆڭلۈم تۇيۇپتىكەن، ۋاقتىدا ئۆزەمنى توغرىلىۋالغان بولسام، ئۆزەمنى خار قىلماس ئىكەنمەن. ئەمما ئۇ چاغدا مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك كۆنۈپ قالغان ئىدىمكى، ئۇنىڭ لەززىتىدىن كېچەلمەيتتىم. بىز ئاخىر مەكتەپنىڭ ياتىقىدا ياتماي، مەكتەپكە يېقىن بىر مېھمانخانىنىڭ ياتىقىنى ئايلىق كىرالاپ، ئەر-خوتۇندەك ياشىدۇق. گاھىدا سوقۇشۇپمۇ قالاتتۇق، غۇرۇرۇم ئىسيان كۆتۈرسە، كۆتۈر كەشەڭنى دەپ مەكتەپتىكى ياتىقىمغا كېلىۋالاتتىم. بۇ چاغدا مەن تەييارلىق سىنىپىنىڭ داشقاللىرى بىلەن ئەمەس، بىر سىنىپتا كەسىپ ئوقۇيدىغان خەنزۇلار بىلەن ياتاتتىم، بۇلار  كىتابتىن باش كۆتۈرمەيدىغان كۆزەينەكلىك ئاۋاقلار ، ئادەم بار-يوق دېمەي ئوسۇرۇپ، تۈكۈررۈپ يۈرىدىغان قالاقلار بولسىمۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر سۈپەتلىك ھېلىقى ناكەسلەردىن ياخشى ئىدى. نېمە ئىش قىلسام ئارىلاشمايتتى، كىچىك ئىشلاردا چۈپەيلىك قىلمايتتى، كەينىمدىن  مەسخىرىلىك كۈلۈشمەيتتى، چىدىماسلىق قىلسىمۇ ئىچىدە بىلىپ، سىرتىغا ئاشكارىلىمايتتى. قىسقىسى، مەن بۇ يەردە ئازادىلىككە چىقتىم، ئۆز ئادەملىرىڭ بىلەن ياشىساڭ، ئېقىمغا ئەگەشمىسەڭ يالغۇز قالىسەن، يالغۇز قالساڭ چىدىمايدۇ، سېنىمۇ بىللە ئېلىپ مېڭىشنى ئويلايدۇ، ھاراق ئىچسە تەڭ ئىچىشىڭ، قەرت ئوينىسا تەڭ ئوينىشىڭ، ياتاققا قىز ئېلىپ كىرسە توغرا چۈشىنىپ تالاغا چىقىپ كېتىشىڭ كېرەك. بۇ يەردە ئۆزەم بىر مىللەت، ئۆزەم پادىشاھ بولۇپ ياشىماقتا ئىدىم، خالىسام خوشىنونى تاشلاپ قويۇپ نەچچە كېچە ياتىقىمدا تۈنەيتتىم، ئۆزى ئىزدەپ كېلىپ ئەپۇ سورىسا يەنە ئىززىتىم بىلەن قايتىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشۇمنى باشلايتتىم.

خوشىنو بىلەن كەچۈرگەن شىرىن كەچمىشلىرىمنى ئەسلىگۈم يوق، ھەر ئەسلىمە بىر ئازاب.  ئىگىسى دائىم  تاشلاپ بېرىدىغان سۆڭەكنى سېغىنغان ئىتتەك،  بۇ يەردە قورسىقىمنى چاپلاپ يېتىپ ھەسرەت چەكمەكتىمەن.  بۇ يەردىكى بىر كۈنلۈك مەھبۇسلۇقنىڭ دەرت-ئەلىمى نەچچە ئايلىق شىرىن كەچمىشلەرنى بېسىپ چۈشىدۇ. غەزەپ بىلەن، ھەسرەت بىلەن ھەممىنى ئىنكار قىلىمەن، مەسخىرە قىلىمەن،  ئۆزەمنى ئۇنىڭ ئالدىدا خار قىلغاندىن باشلاپ پەسلەشكەنلىكىم ئېنىق،  ئۆزەمگە نەپرەتلىنىمەن، ئەمما ھەممە ئىنسان خاتالىشىدۇ دېگەنگە ئىشىنىپ تۇرۇپ، ئۆزەمنى كەچۈرىمەن. بولمىسا بۇ زىنداندا ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يەپ تۈگەشمەمدىمەن؟ خوشىنو مەندىن پايدىلىنىۋاتىدۇ دەپ ئويلىماي، خوشىنو مېنى ياخشى كۆرىدۇ، مەندىن ئايرىلالمايدۇ، دەپ ئويلىغانلىرىم،  ھاياجاندىن يۇمۇلۇپ كەتكەن كۆزلىرى، قىزىرىپ كەتكەن يۈزلىرىگە قاراپ، ئۇنى بويسۇندۇردۇم، شام قىلىۋەتتىم، خۇمار قىلىۋەتتىم… دەپ خىيال قىلغانلىرىم راستلا ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىكمىدۇ؟ ھېلىھەم ئۇ مېنى سېغىنىپ كەتسە، ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىپ، مېنى بۇ يەردىن  چىقىرىدۇ… دەپ ئويلاۋاتىمەن، لېكىن ئىككى ھەپتە ئۆتتى، ھېچ گەپ يوق. مەكتەپتە بارمۇ ياكى دۆلىتىگە قايتىپ كەتتىمۇ، بىلمىدىم. مېنى ئەسلەپ ياش تۆكۈۋاتامدۇ ياكى باشقا بىرىنىڭ قۇچىقىدا تولغىنىپ ياتامدۇ، بۇنىمۇ بىلمىدىم.
   ئۇ مۇھەببەتكە بەك ئەستايىدىل قارامدۇ ياكى مېنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈپ قالدىمۇ، ياپونىيەگە بارغاندا ئاتا-ئانىسى ۋە دوستلىرىغا مېنى تونۇشتۇرغانىدى. مەن ياپونلۇقنىڭ ئادىتى بويىچە ھايت دېگەندەك قىلىپ، بېشىمنى سەل ئېگىپ ئۇلارغا سالام بەرگەنىدىم.  ئارىلىقتا قائىدىلىرىنى بىلمەي  بىرەر خاتا ئىش قىلىپ قويسام، بىرەرسى«باگا» دەپ تىللاپ كېتەمدىكىن دەپمۇ ئەنسىرىگەنىدىم. بۇلار بەك نازۇك خەق ئىدى، ھەر قانداق ئىشتا شۇنچىلىك ئەستايىدىل، شۇنچىلىك زىل ئىدىكى، ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىۋېتەتتى. كېيىن خوشىنو ماڭا توي قىلىش تەلىپىنى قويغاندا، ئۇنىڭ بۇ مۇناسىۋەتنى چىڭىغا چىقارغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى رەت قىلدىم. شۇ پەيتتە ئۇنىڭ ماڭا نەپرەت بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم. سەۋەبىنى چۈشەندۈردۈم: بىرىنچىدىن مەن ئۇيغۇر، ئىككىنچىدىن مۇسۇلمان، ئۈچىنچىدىن ئاتا-ئانام قوشۇلمايدۇ.  ئۇ بۇ سەۋەبلىرىمنى بىر-بىرلەپ يوققا چىقاردى: ئۇيغۇر بولساڭمۇ ئادەمسەن، ئەركەكسەن؛ مۇسۇلمان بولساڭ، ئېتىقادىڭنى ھۆرمەتلەيمەن، مۇھەببەت دېگەن مىللەت، ئېتىقاد ئايرىمايدۇ.  ئاتا-ئانام دەيسەن، ئۇلار سېنى مۇستەقىل ئادەم دەپ ھۆرمەتلىسە ئەلۋەتتە تاللىشىڭغىمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ. چۈنكى سەن ئۇلار ئۈچۈن ياشىمايسەن، ئۆزەڭ ئۈچۈن ياشايسەن.  ئۇلار سېنىڭ تۇرمۇشۇڭنى بەلگىلەپ بەرسە، سەندەك چوپچوڭ يىگىت ئۈچۈن نومۇس ئەمەسمۇ؟ …
مەن ئۇنىڭ ئۈچىنچى سەۋەبىم ئۈچۈن بۇنچىلىك قايناپ، ئەيبلەپ كېتىشىنى ئويلىمىغانىدىم. ياندۇرۇپ سورىدىم: ئەجىبا سەن ئاتا-ئاناڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمامسەن؟ ئۇلارنى ھۆرمەتلىمەمسەن؟  ئۇ دېدىكى: مەن كىچىكىمدە ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ  بولغان، ھازىر 25 ياشقا كىردىم، مۇستەقىل ئادەم بولدۇم. ئۆز تۇرمۇشۇمنى ئۆزەم بەلگىلەيمەن، ئۇلار بۇنى توغرا چۈشىنىدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ ئەينى چاغدا  ئۆزىنىڭ تاللىشى بويىچە ياشىغان، شۇڭا مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا ئارىلاشمايدۇ، تاللىشىمغا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ، ھەتتا بۇنى مەن ئۈچۈن ھاقارەت دەپ بىلىدۇ…
   ئۇ بۇنى بەك تەكىتلىدى، شەخسلەر مۇستەقىل بولماي تۇرۇپ تۇرمۇش ۋە جەمئىيەتتە ھېچقانداق تەرەققىيات، يېڭىلىق بولمايدۇ، دېدى. بىز خەقنىڭ  بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدا ئاشۇنداق بېقىندىلىقنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى يۈزۈمگە سالدى. شۇنداقتىمۇ مەن ئۇنىڭ بىلەن زاكونلاشتىم:
__ ئاتا-ئانام مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان. ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسام ئۇلارغا ھاقارەت قىلغان بولىمەن. بىزدە ھېچ قانداق ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىنىڭ باشقا مىللەتتىن خوتۇن ئېلىشىنى قوللىمايدۇ، ئەگەر مۇسۇلمان بولمىسا بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. چۈنكى دىنىمىزدىمۇ  بىر مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنىڭ توي قىلىشى چەكلەنگەن. سەن بۇنى بىلىشىڭ كېرەك، باشقىلارغا ئۆزەڭنىڭ قارىشىنى تاڭساڭ بولمايدۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن ياپونلارنىڭ تۇرمۇش قارىشى ئوخشىمايدۇ…
ئۇ ماڭا ئىشەنمەسلىك بىلەن قارىدى، ھەتتا مەسخىرىلىك كۈلدى. ئۆزەڭدىن باشلاپ ئاتا-ئاناڭنى ئۆزگەرت، مۇھەببەتنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قوي، مۇستەقىل ياشا… دېدى،  ئاندىن، بەلكىم بۇلارنىڭ ھەممىسى باھانە، ئەگەر مېنى ياخشى كۆرسەڭ، ئەركەكلىك جاسارىتىڭ بىلەن ھەممىنى قايىل قىلىپ، مېنى خوتۇن قىلالايسەن، دېدى.  مەن ئۇنى ئاللىقاچان خوتۇن قىلىپ بولغان تۇرسام، يەنە توي قىلىپ نېمە قىلىمەن؟ توي يالغۇز مېنىڭ شەخسىي ئىشىم بولمىسا، ئاتا-ئانام، ئۇرۇغ-تۇغقانلار، ئەتراپتىكى خەقلەر نېمە دەيدۇ؟… دەپ ئويلىدىم. راستىنى دېسەم، مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغانىدىم. كەلگۈسىدىكى تۇرمۇش تەسەۋۋۇرۇمغا ئامېرىكىلىك، ياۋروپالىق قىزلارنى سىغدۇرالىساممۇ، خەنزۇ ياكى ياپون چىراي قىزلارنى زادىلا سىغدۇرالمايتتىم. يەنە كېلىپ بۇ قىز چىراي، بەدەن جەھەتتىن ئارزۇيۇمغا يېقىنمۇ كەلمەيتتى. ساڭا تېگىمەن، دېۋىدى، تېخىمۇ سەت، بەدبەشىرە كۆرۈنۈپ كەتتى. كاللام بىردىنلا 180 گىرادۇس قېيىپ، ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇشنى ئويلاشقا باشلىدىم. ئۇنىڭ بۇ نىيەتتىن يېنىشىنى، ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى بولمىغان، ھېچكىمگە جاكارلانمىغان، تەبىئىي ئىستەك ئۈستىگە قۇرۇلغان شىرىن مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ بۇرۇنقىدەك داۋاملىشىشىنى تىلىدىم. لېكىن ئۇ نېمە ئۈچۈندۇر، ئۆزىنىڭ گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالدى. مەن كۆڭلۈمدە، بارلىق ئىشلىرىمىز ئويۇندىن باشلانغان، ئويۇن بىلەن داۋاملىشىدۇ ۋە ئاخىردا چىرايلىق ئاخىرلىشىدۇ، شۇنىڭغىچە بىر-بىرىمىزگە بېسىم قىلماسلىقىمىز كېرەك دەپ ئويلايتتىم. ئەمما ئۇ بۇ ئىشلارنى ئويۇن دەپ قارىمايدىغاندەك قىلاتتى، باشتا ماشىنا قوراشتۇرۇش ئويۇنى ئويناپ، قوراشتۇرۇپ بولۇپ ئەمدى بۇ رەسمى ماشىنا بولدى، ئىچىگە كىرىپ ماڭدۇرىمەن دەپ غەلۋە قىلغان كىچىك بالىدەك، بىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىمىز ھەرگىز ئويۇن ئەمەس، بەلكى بىر تۇرمۇشنىڭ رەسمى باشلىنىشى دەۋاتاتتى.
ئۇ توي قىلىش تەلىۋىدە چىڭ تۇرغانچە مەن ئۇنىڭدىن ئۆزەمنى قاچۇردۇم، ھەر قېتىم بىللە بولۇش ئالدىدا شۇ گەپنى دەۋەرگەنچە ئۇنىڭدىن يىرگىنىشكە باشلىدىم. بىر ھەپتە ئۆزەمنىڭ ياتىقىدا ياتتىم، توختىماي ئىزدەپ كەلدى، مۇلايىم بولدى، مۈشۈكتەك سۇۋىنىپ ئەركىلىدى. ئۇ ئۆزىنى توختىماي يالاپ پاكىزلاپ تۇرىدىغان مۈشۈكتەك شۇنچىلىك پاكىز ئىدى، ئۇچىسىغا دائىم ئاق كوپتا، قىسقا قارا يوپكا كىيەتتى، چاچلىرى پارقىراپ، لەۋلىرى يالتىراپ،  بويۇنلىرىدىن فرانسىيەنىڭ داڭلىق ئەتىرلىرى پۇراپ تۇراتتى، بۇ خۇش پۇراقلارغا ئۆزەممۇ شۇنچىلىك خۇمار ئىدىمكى، ئىلگىرىكى بىزارلىقلىرىم بىر دەمدە يوقاپ، يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ كېتەتتىم.
ئۇ شۇنچىلىك جاھىل ئىدىكى، توي قىلىش ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغىچە بولدى قىلمايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ماڭا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى، توي قىلساق ياپونىيەدە ياشىغۇدەكمىز، مەن توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆزەم قىزىققان ئاتوم فىزىكىسى كەسپىدە ماگېسىتېر ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇغىدەكمەن، كېيىن خالىسام ئامېرىكا، ياۋروپالارغا بارغۇدەكمەن. بۇنى ئاڭلاپ باشتا ھاياجانلاندىم، كېيىن تۇرۇپلا ئۆزەمنى چۆچەك ئاڭلاۋاتقان بالىدەك ئەخمەق ھېس قىلدىم: ئۇ ھالدا مەن ئۇنى ئالماي، ئۇ مېنى ئالغاندەكلا ئىش بولىدۇ، ئورنىمىز ئالمىشىپ قالىدۇ، ئەركەكلىكىم يوقىلىدۇ،  مەن ئەمدى ئۆمۈر بويى مۇشۇ پاكار خوتۇننىڭ قولىغا قاراپ ئۆتىمەنمۇ؟ ئۆز تىرىشچانلىقىم بىلەن قولغا كەلمىگەن ئوقۇشنىڭ نېمە لەززىتى؟ پەقەت دۆت، ھورۇن ئادەملا باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدۇ…  
ماقۇل، مەن ئويلىنىپ باقاي دېدىم، مۇشۇندق دەپ بىر ھەپتە ئۇنىڭ قوينىدا خىيال سۈردۈم، نېمىلا ئويلىسام بىچارىلىك، ئۆزەمنى بارغانچە ئۇنىڭ ئاسارىتىگە چۈشۈپ قالغاندەك، بەدەندىن باشقا دەسمايەم قالمىغاندەك ھېس قىلىپ تېرىكىدىغان بولۇپ قالدىم. سىرتقا تاماق يېگىلى چىققاندا، ئۇيغۇر قىزلارنىڭ بىزنى كۆرۈپ مېيىقىدا كۈلۈشلىرىدىن  غۇرۇرۇم ئازار يەيتتى، سەپرايىم ئۆرلەيتتى، ئۇنىڭ بىلىكىمدىن تۇتۇۋالغان قولىنى سىلكىپ چۈشۈرۈۋەتسەم دەيتتىم. ئەمما ئۇ  ھەر باپ بىلەن ئېسىلغىنى ئېسىلغان، چاپلاشقىنى چاپلاشقانىدى. ھەۋەس قوزغايدىغان كۈلۈشلىرى، قاپاق تۈرۈشلىرى، قېيداشلىرى، مەرتلىكلىرى، كۈندە يېڭى خوشلۇقنى ئويلاپ تاپىدىغان زېرەكلىكى بىلەن مېنى ھەر كۈنى، ھەر سائەت مەشغۇل قىلاتتى.
ياپونلۇقلار بىر ئىش قىلسا ئاخىرىنى چىقارمىغىچە بولدى قىلمايدىغان قەيسەرلىكى، تىرىشچانلىقى، ئەستايىدىللىقى، ئىجادكارلىقى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىرادىسى ۋە ھەتتا ئەسەبىيلىكى بىلەن مەشھۇر، شۇڭا ئۇلار تارىختا تېز سۈرئەتتە يېڭىلىققا كۆچتى، تەرەققىي قىلدى،  قوشنا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، خوتۇن-قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلدى. ئۇرۇشتىن كېيىن يەنە قەد كۆتۈرۈپ تەرەققىي قىلدى، دۇنياغا داڭلىق سانائەت ماللىرىنى ئىشلەپچىقاردى. مەن خوشىنونىڭ ماڭا قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ياپونلۇقلارنىڭ شۇ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرۈۋاتاتتىم،  ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ تەسلىكىنى ئويلىغىنىمدا ياپون باسقۇنچىلىرىنى تازىلاپ چىقىرىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، دەپ ئۆزەمنى مەسخىرە قىلاتتىم.

مەن تېخى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپ، جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ بىر-ئىككى يىل راۋرۇس ياشىماي تۇرۇپ توي قىلىشنى ئەسلا خالىمايتتىم، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىپ، ئۆزى خىيالى بويىچە ياشاپ ئۆگىنىپ قالغان مەندەك ئادەمگە خوتۇن ئېلىش ئارتۇقچە يۈك،  يەنە كېلىپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ كوتۇلداشلىرىنى ئاڭلاشمۇ بىر ئازاب ئىدى. خوشىنو پەقەت مېنىڭ ئىشتىھايىمنى قاندۇرۇۋاتقانلىقى، ئۆزەم چوڭ بىلىدىغان داخې مىللىتىنى ئۆز بەدىنى بىلەن مېنىڭ ئاستىمدا خارلاۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭدىن زېرىكمەيۋاتاتتىم، زېرىككەن، بىزار بولغان، يىرگىنگەن چاغلىرىممۇ بولغان، چۈنكى ئۇ تۇنجى قېتىمدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يوقىتىپ، قولۇمدىكى ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ قالغانىدى، ئەمما بۇ «ئويۇنچۇق» ياپونىيەدە ياسالغان ئالىي ئويۇنچۇق ئىدى. ھازىر مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمدا ئۇنىڭدىن ئۆچۈمنى ئېلىۋاتقاندەك بولۇپ، شىرىن خىياللىرىمدىن ھۇزۇرلانماقتىمەن.  توي قىلماي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن گاھىدا بىزار بولغان تۇرسام، توي قىلسام نېمە بولۇپ كېتەرمەن؟  ئۇ ئاتا-ئانىسى زورلاۋاتقاندەك ياكى ئۆزى بۇ ئويۇننى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغاندەك، تويغا قىستاۋەردى،  بۇ ئويۇننى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇشۇمنى  خالىمىدى، ماڭا بىكارغا مەبلەغ سالمىغانلىقىنى روشەن ئىپادىلىدى. دەرۋەقە، بۇنداق ئەقىللىق مىللەت ھەرگىز بىھۇدە ئىش قىلمايدۇ، پۇلىنى، ۋاقتىنى، ئۈنۈمىنى ئىنچىكە ھېسابلايدۇ؛ ئۇنىڭ ماڭا بۇنچىلىك چاپلىشىۋېلىشى ھەرگىز ئۇنىڭ غۇرۇرسىزلىقىدىن، بىچارىلىكىدىن ئەمەس، بەلكى مېنى ئىگىلىۋېلىش ئىستىكىدىن ئىدى. بىر ياپونلۇق تەكلىماكاندىن بىر يەر ئاستى بايلىقى تېپىۋېلىپ، ئۇنى ئۆز دۆلىتىگە ئېلىپ كېتىشكە قانچىلىك ئالدىرىغان بولسا، بۇ خېنىممۇ مېنى شۇنداق ئېلىپ كېتىشكە ئالدىرايتتى. گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىسا نېمە پايدا، بۇ خەقلەر ئەقىللىق بولغاچقا نەرسىدىن تارتىپ ئادەمگىچە، ئۇنىڭ قىممىتىنى بايقاشقا ماھىر.  بۇنىڭدىن بىر تۇرۇپ پەخىرلەنسەم، بىر تۇرۇپ ئۆزەمنى  خېرىدارنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ قالغان مالدەك قەدىرسىز ھېس قىلىپ، جىلە بولاتتىم: ئۇ پۇلى بولغانلىقى ئۈچۈنلا مېنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلالامدىكەن؟ مېنىڭ ئارزۇيۇم بىلەن ھېسابلاشمامدىكەن؟ بىزنىڭ شۇ  ئىشتىن باشقا نېمە ئورتاق تىلىمىز بولسۇن؟ ئۇنداق مۇناسىۋەت ھايۋانلاردىمۇ بارغۇ؟ بىر-بىرىگە يات ئىككى جىنسنىڭ سېھرى كۈچى ئاشنىدارچىلىقتا قالتىس رول ئوينىغان بىلەن، ئەمەلىي تۇرمۇشتا قانچىلىك رول ئوينايدۇ، بىزنى قانچىلىك بەختلىك قىلالايدۇ؟ بەختلىك  بولۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز كارىۋاتتىن چۈشمەي ياشاش كېرەكمۇ؟
ياپونلۇقلارغا ئازراق ھۆرمىتىم بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ بۇ جاھىللىقىنى قەيسەرلىك دەپ ئويلاپ توغرا چۈشىنىپ كەلدىم، بولمىسا يۈز تالىشىپ، گەپ تالىشىپ سوقۇشۇپ كېتەتتۇق. توينىڭ گېپى چىققاندىن كېيىنلا كۆز قاراش ۋە پىكىرلىرىمىزدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كۈچەيدى، بۇرۇن بىلىنمىگەن ئەيب-نۇقسانلار ئاشكارىلاندى، ئارىمىزدىكى ھاڭ بارغانسېرى چوڭايدى. بۇ مۇناسىۋەتنىڭمۇ قىززىقى قالمىدى.  بىر كۈندىن كېيىن تۈرمىگە كىرىپ، كۆكىرىپ قالغان موما يەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدىغان ئادەمنىڭ ئالدىغا ئوخشىغان لەغمەننى ئەكىلىپ بەرسە ئۇنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن، ھېچقانداق مەسئۇلىيەت، بېسىم بولمىغان تۇرمۇشتا ياشاۋېتىپ، ئەتە ئەر بولىسەن، دادا بولىسەن، دېسە، باشقىلار قانداقكىن، مەن دەرھال قاچىمەن.
ئۆيدىن تارتىپ تالاغىچە، مەكتەپتىن تارتىپ جەمئىيەتكىچە دائىم ئەركىنلىك ئىزدەپ كەلدىم، نەگىلا بارسا مۇھىت، شارائىت چەكلەپ تۇرغاچقا، ئەركىن تەپەككۇرغا ئادەتلەندىم. تەپەككۇرۇم شۇنچە كەڭ قانات يايدى، روھىمدىكى بوشلۇق شۇنچە كېڭەيدىكى، جاھانغا سىغماي قالدىم. ئوقۇش بىلەن ئويۇن-
تاماشانى، ئىلىم بىلەن كەيپ-ساپانى، ئىمان بىلەن گۇماننى، تىرىشچانلىق بىلەن مەغرۇرلۇقنى، ئۆزىنى تۇتىۋېلىش بىلەن ئۆزىنى قويۇۋېتىشنى، قىزلاردىن يىرگىنىپ تۇرۇپ يەنە ئۇلارغا تەلمۈرۈشنى، شەھۋەتتىن يىراق تۇرىمەن دەپ تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭغا ئېسىلىشنى… ئومۇمەن بارچە زىددىيەتنى ئۆزەمگە توپلىدىم، نەگىلا بارسام ھەممىنى ئۆزەم بىلەن تەڭ ئېلىپ يۈردۈم. خوشىنوغا كۆنۈپ قېلىپ، ئەمدى ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايمەن دەپ ئويلىغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان، ئەمما ئەڭ تېز ئۆزگىرىدىغان نەرسە خىيال بولغىنىدەك، ئەڭ مۇقىم نەرسىمۇ قورقۇنچانلىق ۋە ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك ئىكەن.  مەن ھەر قانچە بولسىمۇ ئۆزەمنى ئالدىيالمايمەن، خوشىنو بىلەن بىللە بولۇش شۇ قەدەر خوش ياققان بىلەن، بۇ  ھېسسىياتلىرىم جىسمىمغىلا مەركەزلەشكەن بولۇپ، قەلبىم قوپقۇرۇق،  ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئورۇن يوق. بۇ ئورۇنغا باشقا چىرايلىق قىزلار كىرىپ-چىقىپ تۇرىدۇ، مۇشۇ مەكتەپتىلا ئون نەچچە چىرايلىق قىز بار، ھەر كۆرگەندە يۈرىكىم بىر ئوينايدۇ. شۇنداق، چىرايلىق قىزلارنىڭ ھەممىسى يۈرىكىمنى مۇجۇپ ئوينايدۇ، ھەممىسىگە يوشۇرۇن كۆيۇپ يۈرىمەن. مەنچە، مۇھەببەت دېگەن شۇ. چۈنكى كۆڭلۈمگە ھەممىسى سىغىدۇ.
خوشىنو ياتاقتىمۇ خىلمۇ خىل ئويۇن چىقىرىدىغان، ھەممىگە ۋاقىت ھېسابلايدىغان، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانمىسا جىلە بولۇپ قالىدىغان مەخلۇق ئىدى، يولدا بىللە ماڭغاندا باشقا قىزلارغا قاراپ قويسام خىيالىغا كىرىپمۇ چىقمايتتى، ئۆزىگە شۇنچىلىك ئىشىنەتتىكى،  بۇ ئىشەنچىسىنى بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى يوق قىلىۋېتىمەن دەپ ئويلايتتىم. ئۇ كېنتاكى، ماكېدونالد تاماقخانىلىرىغا كىرگىلى ئامراق ئىدى، مەن بۇلارنىڭ توخۇ گۆشى ۋە ياڭيو قەلەمچىلىرىدە چوشقا مېيىنىڭ بارلىقى ئاڭلىغان بولغاچقا زادىلا يېمەيتتىم، كولا ئىچكەچ ئۇنىڭ ئىشتىھا بىلەن توخۇ گۆشى يېيىشلىرىگە قاراپ ئولتۇراتتىم. يۇمشاق توخۇ گۆشى بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىنى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، خەنزۇلارنىڭ  پاھىشەلەرنى «جى» (توخۇ) دەپ ئاتىشىدىكى سىرىنى چۈشەنگەندەك بولاتتىم.
مەنچە ياپونلار بۇددا دىنىغا ئەمەس، ئىلىم-پەنگە، مال-دۇنياغا، جىنسىيەتكە ئېتىقاد قىلىدۇ، سىرتىدىن پاكىزلىق، ئەدەپ-قائىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ، ئەمما ئىچىدە بۇزۇقچىلىق، كەيپ-ساپا، غەلىتە ئادەتلەر ئەۋج ئالغان. ئەرلىك ئەزاغا چوقۇنۇش بايرىمى بۇنىڭ بىر مىسالى. ياپون ئاياللىرى تارىختىن بۇيان ئەرلىرىگە مۇتلەپ بويسۇنۇپ كەلگەن، ھەتتا جىنسىي قۇل ئورنىدا كۆرۈلگەن. خوشىنو زامانىغا كەلگەندە خېلىلا ئەركىنلىككە چىققان بولسىمۇ، ئۆتمۈشتىكى مەھكۇملۇقىنىڭ ئىز-ئەسنالىرى يەنىلا مەۋجۇت. ئەرلىرى ئىشتىن كەلسە ئېگىلىپ ئالدىغا چىقىپ چاپىنىنى ئالىدۇ، ئۆيىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ، بالىسىنى باقىدۇ، ئېرىنى كۈتىدۇ. ئېرىنىڭ كۆزىگە كۆرەڭلىك بىلەن تىكىلىپ قارىيالمايدۇ، قاپاق تۈرەلمەيدۇ،  گەپ-سۆزدە مۇلايىم، ئۆي تۇتۇشتا زىل، چاققان، پاكىز بولمىسا ھالى خاراپ.
خوشىنو ماڭا ھەر قانچە ياخشى مۇئامىلە قىلسىمۇ بەرىبىر مېنى يات كۆرەتتى، ئۇ مېنى كەمسىتىشىن ئۆزىنى قانداق قاچۇرسا،  مەنمۇ ئۇنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ قويۇشتىن شۇنچە ئەنسىرەيتتىم. بۇ نەدە مۇھەببەت بولسۇن؟ بەئەينى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئىدى.  ئەر-خوتۇن بولماي تۇرۇپ بىللە ياشىغاندىكىن، ھەممە ئىش كەيپىياتقا بېقىپ ئۆزگىرىدىكەن، ھۆرمەتمۇ شەكىل تۈسىنى ئالدىكەن. ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورنۇم ۋە ئوبرازىم قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ئۆز خاھىشىمغا ئەگىشىپ كېتىۋەردىم، ئۆز نەپسىمنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىدىم.  خوشياقسا ياخشى كۆردۈم، بولمىسا زېرىكتىم. ئۇ بۇلارنى  ھېس قىلدى، ئەمما نىيىتىدىن ۋاز كەچمىدى، مېنى قارىتىپ قويۇپلا كەلگۈسى تۇرمۇشۇمنىڭ خەرىتىسىنى سىزىشقا باشلىدى. مەندەك بىر ئادەمنى ئۆزىگە بېقىندا قىلىۋېلىشنىڭ نەقەدەر ئەخمەقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى، قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلغان بولاتتى. ئەمما ئۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلدى،  جەددى جەمەت مومىلىرىغا ئاسىيلىق قىلىپ، مەندەك ئۇيغۇرغا تەگمەكچى بولدى، ياپونلۇققا تەگسەم ئەركىن بولالمايمەن دەپ ئويلىدىمىكىن، ماڭا تېگىشتە چىڭ تۇرۇۋالدى. بۇ قارارىنىڭ توغرىلىقىغا شۇنچىلىك ئىشەندىكى،  مېنى نېمە قىلسا بولىۋېرىدىغان ئەخمەق ھېسابلىدى. مەن ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىم، ئۆزەمگىمۇ ئىشەنمىدىم، بەلكىم مەن بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغانلار ئارىسىدا ئۇزۇن ياشاپ كېتىپ، شۇنداق بولۇپ قالدىم.

ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، نېرۋامغا تەسىر قىلغان ئىشلارنى كۈچەپ ئويلىغىنىمدا، خىيال ئېكرانىم باشقىچە جانلىنىپ، ئۆزەمنىڭ قاماقخانىدا يېتىۋاتقانلىقىمنىمۇ ئۇنتۇپ كېتەتتىم.  خوشىنونى سېغىنماي دەپ يەنە سېغىنىپ كەتكەن پەيتلەردە ھەۋەسلىرىم ئەتىيازدا تىرىلگەن قۇرتتەك ئويغىنىپ، پۈتۈن بەدىنىمگە يامىشاتتى. مەن ئۇلارنى ئۈنسىز، ھالسىز تاماشا قىلاتتىم. بىر بۇلۇڭغا تاشلانغان ئەخلەت خالتىسىدەك قەدىرسىز ۋۇجۇدۇم ئاتا-ئانامغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئېغىر-ئېغىر ھەسرەتلەر، ۋىسالغا ئۇلىشالمىغان ئېچىرقاشلار، ئازابتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدىغان ئارمانلار بىلەن تولۇپ تاشقانىدى. ئەركىنلىكى يوقالغان بولسىمۇ، ئۈمىدىنى يوقاتمىغان مەھبۇسلار ھېچ بولمىسا تۆت تامنىڭ ئىچىدە ئۇياق-بۇياققا ماڭىدۇ، دېرىزىدىن قارايدۇ، سىرتتىن كىرىدىغان بىر دەستە كۈن نۇرى ياكى ئاي نۇرىدىن زوقلىنىدۇ، غىڭشىپ ناخشا ئېيتىدۇ، پۇت-قوللىرىنى كېرىپ چېنىقىدۇ. ئەمما مېنىڭ بۇ ئىشلارغىمۇ رايىم يوق ئىدى، ئۈمىدۋارلىقىم بىلەن ئۈمىدسىزلىكىم بىر-بىرىگە ئالمىشىپ تۇراتتى، ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ، بۇنداق بولسا نېمە بولماقچى… دېگەندەك پەرۋاسىزلىق ئىچىمدىن تېشىمغىچە ھۆكۈم سۈرەتتى.
تايلاند، سىنگاپور، ياپونىيەلەردە كۆرگەن دېڭىز ساھىللىرى، راھەت شاماللار، يالىڭاچ بەدەنلەر، ئالىي مېھمانخانىلار، ئېسىل ياتاقلار، ھۇزۇر-ھالاۋەت، شادىمانلىق بىلەن تولۇپ تاشقان مۇلازىمەتلەر،  قانغىچە ياشاپ، قانغىچە ئۇخلايدىغان كارىۋاتلار… شىرىن چۈشۈمگە ئايلىنىپ كەتتى. خوشىنونى ئالسام بۇ چۈشلەرنى يەنە كۆرەلەيتتىم، ھاياتلىقنىڭ پەيزىنى قايتا سۈرەلەيتتىم… پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم: تەييار كەلگەن بەختنى قاچۇرۇپ قويغان ئادەم ئەخمەق بولماي نېمە؟ غۇرۇرۇڭنى كىمگە كۆرسەتمەكچى؟ نۇرغۇن ئادەم غۇرۇرىنى قايرىپ قويۇپ راھەت ياشاۋاتمامدۇ؟ سەن ئۇنىڭ پۇلىنى خەجلەپ، راھىتىنى كۆزلەپ  ياشاۋاتقاندا غۇرۇرۇڭ نەگە كەتكەنىدى؟ ئىززەت-ھۆرمىتىڭ ۋاقىتلىق ئازار يېگەن چاغلاردا مەكتىۋىڭگە كېتىۋېلىپ، قېيداپ يېتىۋالغانلىرىڭ غۇرۇرمىدى؟ ئەگەر خوشىنو ساڭا چىدىماي بىر نەچچە كۈن بۇرۇن كېلىۋالمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆزەڭ بېرىپ يېلىناتتىڭ، شەھۋەت ئالدىدا غۇرۇرۇڭنى قۇربان قىلاتتىڭ…  
  بۇ  خىياللىرىم ئاجىزلىقىمنى، تىرىكتاپلىقىمنى، راھەتپەرەسلىكىمنى، شۆھرەتپەرەسلىكىمنى ئاشكارىلاپ قويدى.  ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق سوقۇشۇپ قالغاندا كۈچىيىپ كەتكەن غۇرۇرۇم ۋە ئۇنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە تەگكۈزگەن شاپىلاقلىرىم ئەمدىلىكتە ئۆزەمنى كاچاتلاشقا باشلىدى. ئۇ چاغدا ئەر ئىدىم، ئەمدى يەر بولدۇممۇ؟! غۇرۇرۇمنى ئىت يەپ كەتتىمۇ؟… دەپ ئۆزەمگە سوئال قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. مەن مۇشۇ ۋاققىچە ئۆزەمنى چۈشىنىمەن دەپ ئويلايتتىم، ئۆزەمگە ئىشىنەتتىم، روھىمنى، تېنىمنى، قەلبىمنى، مۇھەببىتىمنى، نەپرىتىمنى، غۇرۇرۇمنى، نوچىلىق ۋە بىچارىلىكلىرىمنى ئۆزەم باشقۇرالايمەن دەپ ئويلايتتىم، ھازىر بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېنىق چۈشىنىشكە باشلىدىم. مەن بەزى جەھەتتىن ئەقىللىق بولغان بىلەن بۇ پەقەت مېڭەمدىكى ئارتۇقچىلىق ئىكەن، ئەقلىم يەتمەيدىغان، ئەقلىم قورشاپ بولالمىغان نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ ئىكەن. مەلۇم مەسىلىگە ياكى ھادىسىگە دىققىتىم مەركەزلىشىپ قالسا چىراققا ئۆزىنى ئاتىدىغان  پەرۋانىدەك ئاسانلا ھالاك بولىدىكەنمەن، يەنى ئۆزەمنى ئۇنتۇپ كېتىدىكەنمەن. ئەقىللىق ئادەمدە ھېسسىيات مول بولمايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئەمەلىيەتتە مەندىكى ھېسسىيات مەكتەپتىكى پۈتۈن قىزلارغا يېتىپ ئېشىپ قالغۇدەك مول ئىكەن؛ مەن ئۇنچىۋالا غۇرۇرى كۈچلۈك ئوغۇللاردىن ئەمەسكەنمەن، خوشىنونى نەچچە شاپىلاق ئۇرۇپ، دەسسەپ-تېپىۋەتكەنلىرىم شۇ ۋاقىتتىكى غەزەپ ۋە ساراڭلىقتىن باشقا نېمە ئەمەسكەن.  كۆڭلۈم نېمىنى خالىسا ئەقلىمنى شۇنىڭغا ئىشلىتىپ، ئۆزەمنى ئاقلاپ، «غۇرۇرۇم»نى ساقلاپ ياشاپ كەپتىمەن. بىراق ئېرىشكىنىم نېمە بولدى؟
مەن يەنىلا ئۆزەمنى ئاقلاشنىڭ كويىدا، مېنى نەس باستى، جاھاندا مەندىن زور خاتالىقلارنى، ھەتتا نى نى قەبىھ گۇناھلارنى قىلىۋاتقانلار جازاغا ئۇچرىماي كېلىۋاتىدۇ. مۇناسىۋەت تورى ھەممە يەرنى قاپلىدى، يولۇڭ بولسا، پۇلۇڭ بولسا، ئېغىر جازادىنمۇ قۇتۇلۇپ كېتەلەيسەن. ھېچنېمەڭ بولمىسا، مانا مەندەك خارلىنىسەن. دادام مېنى يوقلاپ كەلسە، ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئامالسىزلىقنى كۆرۈپ چوقۇم ئازابلىنىمەن، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ قاتتىق ئېچىنىمەن. دادامنىڭ دوستلىرى بۇ ئىشنى ئاڭلىسا، بۇ بالىغا كۆز تېگىپتۇ، دېيىشى مۇمكىن؛ دۈشمەنلىرى ئاڭلىسا «ماختاپلا يۈرىدىغان ئوغلى مەكتەپتىن قوغلىنىپ، تۈرمىدە يېتىپتۇ» دېيىشى مۇمكىن. ياكى دوستلىرى ئىچىدە كۈلۈپ، دۈشمەنلىرى ئىچ ئاغرىتىشى مۇمكىن. ئادەملەر ئاجايىپ مۇرەككەپ، ھېچ نەرسە كۆرۈنگىنىدەك ئاددىي ئەمەس،  ۋاقتى كەلسە، دوست دېگەنلەر دۈشمەنچە خىيال سۈرۈپ، دۈشمەنلەر ئەكسىچە ھېسداشلىق قىلىپ قالىدۇ .
شۇنداق، مەن خوشىنونى ئۇردۇم، ئۇزاقتىن بۇيان بېسىلىپ كەلگەن غۇرۇرۇم پارتىلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇردۇم، شۇنچە ئاي ئۆزەمنى ئۇنىڭ يىگىتى دەپ ئالداپ كەلگەنلىكىم، ئۆزەمگە ئاچچىقىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇردۇم، ئۇنىڭ مېنى راست بولسۇن، يالغان بولسۇن ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرۈپ،  ئايرىلماس ھەمراھ قىلىپ، گاھىدا قولۇمنى كارىۋاتقا باغلاپ قويۇپ، بىنورمال قىلىقلىرى بىلەن زىتىمغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن ئۇردۇم. نەچچە قېتىم سوقۇشۇپ قالغاندا ماڭا كەمسىتىش نەزەرىدە قارىغانلىقى، ساراڭدەك كۈلگەنلىكى، ھەتتا «ئۆدەك» دەپ تىللىغانلىقى ئۈچۈن ئۇردۇم. ئاشۇنداق مەسخىرە قىلغانلىرىدا مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن گۇمانلانغىنىم، ھامان بىر كۈنى ئەخمەق قىلىنىدىغانلىقىمغا ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇردۇم؛ ئۇنى ئۇرۇش، خېمىردەك دەسسەپ ئەيلەش ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغاندىكى ئەسەبىيلىككە، ساراڭلىققا، ئۆزىنى ئۇنتۇشقا ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇردۇم؛  ئۇنىڭ بەزى يولسىزلىقى، ئۆكتەملىكى، ھاكاۋۇرلۇقى، ھەتتا جىنسىي زوراۋانلىقى كىچىك ۋاقتىمدا كۆرگەن فىلىملەردىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى نەپرىتىمنى توساتتىن پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇردۇم؛  ھۆرلۈكتە، تەرەققىياتتا، ھۇزۇرلىنىشتا مەندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر شەخسنى ئۆزەم بىلەن تەڭ باراۋەر قىلىش ئۈچۈن ئۇردۇم؛ كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلارنىڭ مەلۇم نۇقتىدا ھامان بىر كۈنى تەڭلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئۇردۇم؛ ئۆز دۆلىتىدە ئەرلىك ھوقۇققا باش ئېگىپ تۇرۇپ، بۇ يەردە مېنى بويسۇندۇرماقچى بولغىنىدىن قورسىقىم كۆپكەنلىكى ئۈچۈن ئۇردۇم؛  ئۇنىڭغا ئۆز ھەددىنى بىلدۈرۈش، ئەخمىقانە ئويىدىن ۋاز كەچتۈرۈش، بېسىمدىن قۇتۇلۇش، بارغانچە مەززىسىز تۇيۇلۇپ كەتكەن بۇ مۇناسىۋەتتىن بىراقلا قول ئۈزۈش ئۈچۈن ئۇردۇم…
ئۇردۇم،  باش-كۆزى ۋە پۇت-قولى ساق بولغان بىلەن روھى ئېغىر زەربە يېدى. ئىش مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ دەپ خىيالىي يۈرگەندە ئالدىمغا ساقچىلار پەيدا بولدى. خوشىنو ياپونىيە ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ساقچىغا خەۋەر قىلىپ، سوتقا ئەرز سۇنغانىدى. مەن بىر ھەپتىدە بىخارامان يۈرگەندە ئۇ كۆزى ياش يۇقى ھالدا مەندىن ئىنتىقام ئېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ، ئىسپات توپلاپ، ئىككى پۇتۇمنى بىر ئۆتۈككە تىقىش ئۈچۈن پالاقلاپ يۈرگەنىدى. دېمەك، مەن بىخۇد تۇرغاندا، نامەلۇم  يەردە ماڭا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار يۈز بېرىپ بولغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن،  تەقدىر-قىسمەتكە ئىشىنىدىغان بولۇپ قالدىم. ھاياتلىق تەجرىبەمدىن شۇنداق خۇلاسە چىقاردىم:  مەن خالىمىساممۇ بىر ئىشلار ھامان ئىرادەمدىن سىرت يۈز بېرىدۇ، مېنىڭ خەۋىرىم بولماي تۇرۇپ، مەن بىلمەيدىغان بىر يەردە ماڭا مۇناسىۋەتلىك پىلانلار تۈزۈلىدۇ. مەن بىزار بولساممۇ ئامال يوق، بىر يەردە چوقۇم مېنىڭ غەيۋىتىم بولىدۇ؛ مەن ئۈمىد قىلمىغان بىلەن، كېسەللىك، پالاكەت ھەر ۋاقىت بېشىمدىن ئەگىپ تۇرىدۇ. كاللامدا زور پىلانلارنى تۈزگەن بىلەن، بۇ پىلانلارنىڭ توسقۇنسىز ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن، ئۆيدىكى ھېساب تالاغا توغرا كەلمەيدۇ؛    ئەڭ ئاخىردا، ئۆلۈم مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ھالەتتە كېلىدۇ،  «ياق» دەپ ئىڭرىغان بىكار، ئەزرائىل ھامان جېنىمنى ئالىدۇ.

مەن بىلەن كۆرۈشكىلى ھېچكىم كەلمىدى، يوقاپ كەتسەم ئىزدەيدىغان دوستلىرىممۇ يوق، ئويلاپ باقسام، بۇ ئۆمرۈمدە تۈزۈك دوستۇممۇ بولۇپ باقماپتۇ، ئەمما دۈشمەنلىرىمنى ساناپ بېرەلەيمەن. يالغۇزلۇققا ئەزەلدىن كۆنۈپ كەتكەچكە بۇ يەردىمۇ ئانچە سىقىلىپ كەتمىدىم. ئۆزەمنى مەركەز قىلىپ، روھىمدىكى يېڭىلىقلارنى بايقاشمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ. ياراتقۇچى ئاللاھنى، ئۆلۈم، پەرىشتە، جىنلارنى، ئادەمنىڭ بېشىغا كېلىدىغان تۈرلۈك قىسمەتلەرنى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئۆتۈپ كەتكەن شېرىن كەچمىشلەرنى، ھاياتنىڭ، مۇھەببەتنىڭ ھەقىقەتەن ئالدامچى ئىكەنلىكىنى، ھېچ نەرسىنىڭ بىز كۆرگەندەك نورمال ئەمەسلىكىنى ۋە دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر ئويلاپ باقمىغانىدىم. خىيال سۈرۈشتىن باشقا ئىش يوق چاغدا، ھەممىنى ئۇنتۇپ تەپەككۇر دېڭىزىغا شۇڭغۇشمۇ بىر ھۇزۇر، دۇنيانىڭ ئالدامچى يۈزىگە قاراپ كۆنۈپ كەتكەن پۈچەكلەر بۇنداق ھۇزۇرنى ھەرگىز ھېس قىلالمايدۇ. كۆپنى بىلىدىغان، كۆپنى ئويلايدىغان مەندەك ئادەملەر تۈرمىدىمۇ زېرىكىپ قالمايدۇ، ھەممە نەرسىدىن ئۆزىگە چۇشلۇق مەنە تاپالايدۇ. شۇنداقتىمۇ، خىيال سۈرۈپ زېرىكىدىغان ۋاقىتلار بولىدۇ، بۇ چاغدا ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان بىرەر ئىشقا بەنت بولۇشۇم كېرەك. مەن ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەي كىتاب ئوقۇش ياكى خاتىرە يېزىش ئۈچۈن گۇندىپايغا تەلىۋىمنى ئېيتتىم. ئۇ جىن يۇڭ دەيدىغان بىرسىنىڭ كىتابىنى تاشلاپ بەردى. ئازراق ئوقۇپلا تاشلاپ قويدۇم، يالغان قىسسەلەرگە زادىلا قىزىقمايتتىم. خوشىنوغا خەت چىقارتىپ، ياتاقتا قالغان كىتابلىرىمنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۆتۈندۈم، ئەمما ھېچ جاۋاب كەلمىدى. كۈنلەر ئۆتۈپ، ئىچىم سىقىلىپ دادامغا خەت يازدىم:
ياخشى تۇرۇۋاتامسەن دادا، كالۋا ئوغلۇڭنى يەنە بىر قېتىم كەچۈرگىن، ئىشەنچىڭنى يەردە قويدۇم، نېمىلا دېسەم بىكار، ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ دۆتلۈك قىلغىنىمنى  بىلىمەن، ئۆزەمنى كەچۈرمەي دەيمەن، ئەمما ئۆزەمنى ئۆزەم كەچۈرمىسەم، كېيىن قانداق ياشايمەن؟ مەندىن بەك ئەنسىرەپ كەتمە، ياخشى تۇرۇۋاتىمەن. ئاپام ۋە سىڭلىمنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ سىڭلىمنىڭ تېنى ئاجىز، بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا دىمەڭلار. قاماقخانىنىڭ تۈزۈمىگە بويسۇنۇپ ياشاۋاتىمەن، تاماقلىرى ناچار بولسىمۇ ئىشقىلىپ ئاچ قالمىدىم. بىكاردىن بىكار ئەچىقىپ ئۇرۇپ قىينايدىغان ئىشمۇ بولمىدى. ئەمما روھىي  ئازاب يامانكەن،  مېنى كەچۈرۈۋېتىدىغانلىقىڭنى بىلسەممۇ، لېكىن ئۆزەمنى قاچان تولۇق ئەپۇ قىلىدىغانلىقىمنى، پۇشايماندىن قاچان قۇتۇلىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. مېنى مەكتەپتىن قوغلاندى قىلدى، بۇنى ئاڭلىغىنىڭدا غەزەبلىنىپ، مەندىن يەنە بىر قېتىم نەپرەتلىنىشىڭ مۇمكىن، ئەمما سەۋر قىلىشىڭنى، بۇ يامان كۈنلەردىن ھامان قۇتۇلۇپ كېتىدىغانلىقىمغا ئىشىنىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.  سەن ماڭا ئىشەنمىسەڭ، يەنە كىم ماڭا ئىشىنىدۇ دادا! سەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باققان،  ياشلىق ھەۋەسلىرىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىسەن، بەلكىم سەن ئوقۇغان دەۋر بىلەن بۇ دەۋر ئوخشىمايدۇ. ئۈرۈمچى بىلەن بېيجىڭ يەنە ئوخشىمايدۇ. ئۇ چاغدىكى ساددىلىق ھازىر يوق. ھازىرقى مۇناسىۋەتلەر پۇل بىلەن ماڭىدۇ، بىرەر غايە ئۈچۈن ئۆزىنى شەرەپ بىلەن قۇربان قىلىدىغان ئىش يوق، پەقەت جېنىنىڭ ھۇزۇرى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتايدىغان ئىش بار. مەن بۇ شەھەردە مۇئەللەقتە لەيلەپ قالغاندەك ياشىدىم، ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلمىدىم، كاللام قىززىغاندا مېنى سەگىتەلەيدىغان ئادەم سەن ئىدىڭ دادا، سەن يېنىمدا بولمىغاچقا نېمىنى خالىسام شۇنى قىلىپ يولۇمدىن ئازدىم. سەندىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا ماڭغاندا كۆڭلۈمدە مۇستەقىل بولدۇم، ئەركىنلىككە چىقتىم… دەپ ئويلاپ يايراپ كەتكەنلىرىمگە ئېچىنىمەن، ئۆزەم بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ  ئاخىر بېشىمغا چىقتىم. مەن ئەسلىدە ئويۇنچى ئەمەس ئىدىم، نېمە سەۋەب مېنى مۇشۇنداق قىلىۋەتتى؟ بۇنى ھازىرغىچە چۈشەنمەيمەن. بەلكىم مېنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتماي 18 يېشىمدىلا ئۆيلىۋەتكەن بولساڭ، جېنىم ئارام تاپار ئىدى، تۇرمۇشۇم خاتىرجەم، تەپەككۇرۇم نورمال بولار ئىدى. شۇ تاپتا بۇرۇنلا خوتۇن ئېلىپ، بالىلىق بولۇپ، بالىلىرىنى ھارۋىسىغا چىقىرىپ بازارغا كېتىۋاتقان دېھقان يىگىتلىرىگە ھەۋىسىم كېلىۋاتىدۇ. ئادەم بۇ جاھاندىن نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ دادا؟ بىز شۇنچە ئوقۇپ نېمىگە ئېرىشىمىز؟ بۇ مەكتەپلەر بىزگە زادى نېمە بېرەلەيدۇ؟ مېنىڭ فرانسوزچە ئوقۇغۇم يوق ئىدى، قوغلاندى قىلىندىڭ دېگەندە قىلچە ھەسرەتلەنمىدىم. مېنىڭ تەقدىرىم ئۈرۈمچىدىلا بەلگىلىنىپ بوپتىكەن، مېنى ئۇ گۇيلار ئاشۇنداق نابۇت قىلىشتى، ئارزۇيۇمدىكى مەكتەپنى باشقىسىغا ئالماشتۇرۇۋەتتى، 11 يىل ئوقۇغان ئوقۇشۇمنى، 17 يېشىمدا بەلگىلىنىپ بولغان ئەڭ مۇھىم قىزىقىشىمنى بىر يولىلا يوق قىلىشتى.  بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن سەۋەبسىزلا دۈشمەنلەشتىم، بوزەك قىلىندىم، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ساڭا دېمىدىم دادا،  مىللىتىم، مىللىتىم دېگەن بىلەن بىر-بىرىمىزنى دۈشمەندەك خارلايدىكەنمىز، بىر-بىرىمىزدىن قاچىدىكەنمىز. ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن تاپمىغان گەپلىرى قالمىدى، ئاغزىنى ئاچسىلا غەيۋەت، كۆزلىرىنى ئاچسىلا مەسخىرە… ئوقۇش دېگەننى ئوتتۇرا مەكتەپتىلا ئوقۇپتىكەنمىز،  بۇ يەردە نەدە ئوقۇش بولسۇن، سىنىپتىمۇ، ياتاقتىمۇ لايغەزەللىك، بىر-بىرىنى كەمسىتىش، غەيۋەت-شىكايەت، خىلمۇ خىل بىچارىلىك ۋە پەسكەشلىك…  بىر يىل تەييارلىقتا ئۇلار مېنىڭ ساغلام روھىم ۋە تەپەككۇرۇمنى مالىمان قىلدى؛  قېنىمنى قىززىتىپ، خىلمۇ خىل نوچىلىق ۋە كەيپ-ساپاغا، لۈكچەكلىك ۋە زوراۋانلىققا ھەۋەسلەندۈرۈپ قويدى. ئۇلاردىن تاياق يېگەن چاغدا ئەركەكلىكىم بىر ئاي قان يىغلىدى، ئۇلار قىزلارنى ياتاققا ئەكىرىپ ياتقاندا ئەركەكلىكىم بىر ئاي  ھەسرەت چەكتى. بۇلارنى ساڭا دەپ قويۇشۇم كېرەك دادا، بولمىسا مېنىڭ نېمىشقا بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىمنى مەڭگۈ بىلەلمەيسەن. تەييارلىق سىنىپ دېگەن بۇ ئارتۇقچە بىر يىل ماڭا شۇنچىلىك زىيان قىلدىكى، بۇنى بىلگەن بولسام بېيجىڭنىڭ ھاۋاسىغا كۆنەلمىدىم، كېسەل تارتىپ يېتىپ كەتتىم… دەپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن ياكى مەكتەپ ئالمىشىپ باشقا شەھەرگە كەتكەن بولار ئىدىم. تەييارلىقنى چىداپ تۈگىتىش ئالدىدا ياپونلۇق بىر قىز بىلەن ئارىلىشىپ قالدىم، شۇنىڭدىن باشلاپ ھاياتىم ئۆزگەردى. بۇ ھەقتە ساڭا ئىچ سىرىمنى بايان قىلمىسام بولمايدۇ دادا، بولمىسا  بۇ قىزنىڭ مېنى نېمىشقا تۈرمىگە سولىتىۋەتكەنلىكىنى ھەرگىز بىلەلمەيسەن. مەن ئۇ قىز بىلەن ئارىلىشىش ئارقىلىق مېنى كەمسىتكەن، مېنىڭ غەيۋىتمنى قىلغان، ھەتتا مېنى ئۇرغان شۇ گۇيلارغا ئەركەكلىكىمنى كۆرسىتىپ قويۇش قارارىغا كەلگەنىدىم. ئۇ قىز بىلەن ئارىلىشىش جەرياندا ئۆزەمنىڭ ھېچكىمدىن قېلىشمىغۇدەك نوچىلىقىمنى بايقاپ قالدىم ۋە بۇنىڭغا جان جەھلىم بىلەن بېرىلدىم، شۇ گۇيلار قىلغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلدىم. شۇ چاغدا بۇ ئىشلىرىم ئۆزەمگە توغرىدەك بىلىنگەن، ھازىر ئويلىسام، ئۇلارنى دوراپ ئاجايىپ دۆتلۈك قىپتىمەن. ھاماقەت، كالۋا ئىكەنمەن. ئۇلارنى ھايۋان، ئېشەك دەپ تىللاپ تۇرۇپ يەنە ئۇلارنىڭ قىلىقىنى دورىغىنىم نېمىسى؟  ئاغزىدا تىللاپ تۇرغان بىلەن كۆڭلىدە خالاپ تۇرىدىغان  ئادەملەرنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىلى مەن ئوخشايمەن. ئادەم بىر ئىشنى قىلىۋەرسە كۆنۈپ قالامدۇ ياكى مەن شۇنداقمۇ، ئۇ قىز بىلەن ئارىلىشىپ يۈرىۋەردىم ۋە بۇ پاتقاقتىن زادىلا چىقالمىدىم.  مېنى 18 يېشىمدىلا ئۆيلىۋەتكەن بولساڭ بوپتىكەن . بۇ ھەۋەس، بۇ يېڭىلىق مېنى خۇمار قىلىپ، ھاجەتخانىدا تاماكا چېكىدىغانلاردەك پەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ياخشى يېرى، تېنىم ساق، روھىم كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. كۈنلەر ئۆتۈپ  ئۇ قىزدىن ئايرىلالماس ھالغا كەلدىم، سەندىن يوشۇرمايمەنكى دادا، بىز مېھمانخانىدا ياتاق ئېچىپ، ئەر-خوتۇندەك بىللە ياشىدۇق. ئۇنىڭ پۇلىنى خەجلىدىم، قەيەرگە ساياھەتكە بارسا بىللە باردىم، چەت ئەللەرگە چىقتىم. بۇلارنى ساڭا يېزىۋاتقىنىمدا نومۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇۋاتىمەن، ئەمما ئاقىۋىتىمنى كۆردۈڭ، تۈرمىگە كىرىپ قالدىم دېيىشتىن نومۇس قىلمىغان ئادەم ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى دېيىشتىن نومۇس قىلىشىم كېرەكمۇ؟  بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان چېغىڭدا بەلكىم « ئاتا-ئاناڭنىڭ ئەجرىنى يوق قىلىپسەن، يۈزىمىزنى پوق قىلىپسەن» دېيىشىڭ مۇمكىن،  ھەر قانداق ئاتا-ئانا شۇندااق دېيىشكە ھەقلىق. مەن  ئۇ قىز بىلەن بۇنداق ياشاشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىماي، ئويلاشتىن ھەم قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۇ ماڭا توي قىلىش تەكلىپىنى قويدى، رەت قىلدىم، ئاتا-ئانام قوشۇلمايدۇ، دەپ چۈشەندۈردۈم. ئەمما ئۇ جاھىللىق قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇنىڭدىن قېچىپ يۈردۈم، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ياشاپ كۆنۈپ قالغاچقا يەنە ئايرىلالمىدىم. ئۇ مەندىن چوڭ، مەندىن جىق ئىش بىلىدىغان بولغاچقا، تۇرمۇشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغاچقا بۇ مۇناسىۋىتىمىزنىڭ قانۇنلۇق، ئىشەنچلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى، ئەمما مەن ئۇنىڭ پىلانىغا كىرىشنى خالىمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى ئەخمەق قىلىنغاندەك ھېس قىلىپ، بۇنىڭغا تەن بەرمەي مەن بىلەن  سوقۇشۇشقا باشلىدى. مۇناسىۋىتىمىز يامانلىشىپ كەتتى. نەتىجىدە، مەندىن ئېغىر تاياق يەپ، بۇ زەربىگە چىدىماي مېنى تۈرمىگە سولىتىۋەتتى. ئۇنى ئالداش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپتىمىشمەن، پۇللىنى ئالداپ خەجلىۋاپتىمىشمەن، قەستەن ئادەم ئۇرۇپ  ئۇنى زەخمىلەندۈرۈپتىمىشمەن، يەنە كېلىپ ئۇ چەت ئەللىك بولغاچقا، ئۇنىڭ روھىي زىيىنى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيمىشمەن…   مېنى نەس باستى دادا، ئوينىغان ئويۇنلىرىم، ھارام لەززەتلىرىم بېشىمغا چىقتى. بۇ ئاقىۋەتنى ئەينى چاغدا غىل-پال ئويلىغان بولساممۇ، ئىشەنمىگەن ئىدىم. ئەسلىدە شۇ چاغدا ئىچىمدىكى ۋەھىمىلەرگە دىققەت قىلغان بولسام، ۋىجدانىمنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئاڭلىغان بولسام، بۇ ئاقىۋەتكە قالماس ئىكەنمەن. بولغۇلۇق بولغاندا تاشقا ئۈسكەن بىكار،  تەقدىر-قىسمىتىم شۇنداق بولسا، بۇنىڭغا نېمە ئامال! شۇڭا دادا سەنمۇ بۇ ئىشنى «ئوغلۇمنىڭ بېشىغا كەلگەن تەتۈر قىسمەت، بۇمۇ ئۆتۈپ كېتەر، ئوغلۇم يەنە ئورنىدىن دەس تۇرالايدۇ، قايتىدىن ئادەم بولالايدۇ» دەپ ئويلىغىن.   ھەممىڭلارغا سېغىنىپ سالام.

قاماقخانىغا سولانغاندىن بۇيان نۇرغۇن ئادەملەر ماڭا ئوخشاش بىگۇناھ سولىنىپ قالامدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىدىم. ئەرز قىلغۇچىنىڭ سۆزىنىڭ يېرىمى راست، يېرىمى تۆھمەت بولىدىغان ئىشلار چوقۇم مەۋجۇت، ئەگەر ئەرز قىلغۇچى كۈچلۈك شەخس ياكى ئورۇن بولسا  بىر ئادەمنى  قاپقارا قىلىپلا تۈرمىگە سولىتىۋېتەلەيدۇ.  دېمەك، قانۇن كۈچلۈكلەرنىڭ قولىدا،  غالىبلار دائىم دىكتاتۇرا كالتىكىنى ئوينىتىپ مەقسىتىگە يېتىدۇ. ئادالەت پەقەت بىزدەك ئاجىزلارنىڭ غايىسى. ساقچىلار جىنايەتچىنى تۇتقاندا ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنىلا كۆرىدۇ، يۈزەكى باھالايدۇ، شۇ قىلمىشلىرىنىڭ كەينىدىكى قارا قولنى، روھىدىكى قاراڭغۇلۇقنى، خاراكتېرىدىكى ئاجىزلىقنى كۆرەلمەيدۇ. تۈرمىگە كىرگەندىن باشلاپ خوشىنونى كۈچلۈك، ئۆزەمنى ئاجىز دەپ ئويلىغاچقا، ئۇنى ئەركەكلىك سېھرىي كۈچۈم بىلەن باش ئەگدۈرگەن ۋە ئۇرغان پەيتلىرىمنى خۇش كەيپ بىلەن ئەسلەپ، ئۆزەمگە تەسەللىي تاپتىم. ھەر بىر ئەسلىسەم ۋۇجۇدۇم كۈچكە، روھىم غالىبىيەت تۇيغۇسىغا چۆمۈلەتتى، قىلمىشلىرىمغا بىردەم بولسىمۇ پۇشايمان قىلمايتتىم، دۆتلۈكۈمدىن ئاغرىنمايتتىم، كەلگۈسۈمدىن قورقمايتتىم، ئۆزەمنى مەسخىرە قىلىپ ساراڭدەك كۈلمەيتتىم ياكى يىغلىمايتتىم. شۇنداقتىمۇ بەزىدە يالغۇزلۇقتىن بۇرۇقتۇرما بولۇپ، ھەررەڭ-سەررەڭ خىياللارنى قىلىپ، ئۇ خىياللارغا بېرىلىپ كۈلۈپ كېتىدىغان، ئازابلىق خىياللارنى سۈرۈپ ۋەھىمىدىن چۆچۈپ كېتىدىغان،  تامغا قاراپ سۆزلەيدىغان بولۇپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەيتتىم. ئۆزەمگە ھەر قانچە ئىشەنگىنىم بىلەن، روھىمنى پۈتۈنلەي كونترۇل قىلالىشىم مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر كونترول قىلالىغان بولسام غەپلەتكە پاتمايتتىم، سولاققا چۈشمەيتتىم، زەي تۈرمىدە ياتمايتتىم، ئازاب دەرياسىدا ئاقمايتتىم، بەلكى ئارزۇيۇمدىكىدەك ئادەم بولۇپ ياشايتتىم، ھەتتا چولپان بولۇپ چاقنايتتىم. ئېزىقىش ئەمەلىيەتتە روھىمدىكى كەسكىن بۇرۇلۇشتۇر، ئۇ يولۇمنى ئىككىگە بۆلۈۋەتتى، بۇرۇن ساغلام، ئۈمىدۋار ئىدىم، كەلگۈسۈم پارلاق ئىدى. كېيىن كېسەل تەگدى، بۇ كېسەلنى ئاخىر ئېنىقلىدىم: غەزەپ ۋە شەھۋەت. بۇ ئىككى كېسەلنىڭ چاتاق كېسەل ئىكەنلىكىنى، ھەتتا جانغا زامىن بولىدىغانلىقىنى كىنولاردىن، جەمئىيەت ۋە ئائىلىدىكى تالاي جىنايەتلەردىن، قاتىللىق ئەنزىلىرىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كىنولاردا دائىم شۇنداق ۋەقەلىك تەكرارلىنىدۇ: بىرسى خوتۇنىنى باشقا ئەر بىلەن تۇتۇۋالىدۇ-دە، ئىككىلىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، خوتۇنىدىن ئالىدىغان شەھۋەت لەززىتىگە بىراۋنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى ئاۋۋال كۈچلۈك غەزەپنى، ئاندىن ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېنىڭ ئىشىم گەرچە ئۇنچىلىك ئېغىر بولمىسىمۇ، شۇنىڭغا يېقىنلاپ قالىدۇ. ئەگەر خوشىنونى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسام،  ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزەممۇ غەزەپ ۋە شەھۋەت قىلىچىدا جان بەرگەن بولاتتىم. غەزەپ ۋە شەھۋەت نېمىشقا ئەجەللىك كېسەل؟ چۈنكى ئۇنىڭ ئىلكىگە چۈشۈپ قالغان روھ تامامەن كونتروللۇقىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا ھەزەر ئەيلەش كېرەك، مەن شەھۋەتتىن ھەزەر ئەيلىيەلمىگەن بىلەن غەزەبتىن ئۆزەمنى تۇتۇۋالغان بولغاچقا ھايات قالدىم، شۈكرى قىلىشىم كېرەك. بۇنچىلىك ئازابتىن ئېلىشىپ ساراڭ بولۇپ قالماسلىقىم كېرەك. مەن يەنە شۇنداق ئويلىدىم: روھتىكى بۇرۇلۇش ئىككى خىل بولىدۇ، ياخشىلىق ياكى يامانلىق. كۆپىنچە ئادەم بۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭىدۇ، ئەمما ئالاھىدە ئادەملەر، تالانتلىقلار بىر خىل قېلىپتا مېڭىشنى خالىمايدۇ، ئۆزىنى بىر ياقلارغا ئېتىپ تۇرىدۇ، يا بىراقلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ ياكى خاراب بولىدۇ. مەن ئەنە شۇ تالانتلىقلار جۈملىسىدىن، شۇڭا بۇنداق ئاقىۋەتكە قېلىشىم تەقدىرىمدە بەلگىلىنىپ بولغان. بەلكىم بۇ ھاياتىمدىكى كىچىككىنە قىستۇرما، دائىم بۇنداق ياشاۋېرىدىغان ئىش يوق. مەغلۇبىيەتنى غالىبىيەتنىڭ ئانىسى دېيىشىدىغۇ، شۇڭا بۇ «ئانام»نى قەدىرلىشىم كېرەك. بەلكىم ئۇ ماڭا بۇ ھاياتىمدا پايدىلىق دەرسلەرنى بېرىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتىمۇ بېرىۋاتىدىغۇ، ئۆزەمنى قايتا تونۇۋاتىمەن، مېنى ياراتقان  پەرۋەردىگار، ئىككى مۈرەمدىكى پەرىشتە، ئىچىمدىكى شەيتاننى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن، ئالدامچى دۇنيانىڭ غەلۋە-غەليانلىرى قېتىدا كۆمۈلۈپ قالغان بەزى ھەقىقەتلەرنى بايقاۋاتىمەن. ھەر قانداق ئىشقا بەدەل تۆلەش كېرەكلىكىنى، بەدەلسىز كەلگەن ھۇزۇر-لەززەتنىڭ ئاخىر بېشىمغا چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن.
مەن يالغۇز ئەمەس، ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى مەن ھېچقاچان بۇنداق چوڭقۇر ھېس قىلىپ باقمىغان. مېنىڭ قانداق ئادەملىكىمنى ئۇ  بىلىدۇ، كاللامنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، تەپەككۇرۇمنىڭ روشەنلىكى ئۇنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان خۇسۇسىيىتى. ئۇ مېنى بوۋاق ۋاقتىمدىلا بىرەر كېسەل بىلەن ئېلىپ كەتكەن بولسا ئۇنىڭغا نېمە دېيەلەيتتىم؟ ئۇ مېنىڭ كېچە-كۈندۈز سوقۇۋاتقان يۈرىكىمنى بىرەر قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە بىلەن توختىتىپ قويسا، كىم ئۇنى قايتا ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ؟ يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى، قېنىمنىڭ ئايلىنىشى، ئاشقازىنىمنىڭ كوكىرىشى مېنىڭ ئىرادەمگە بويسۇنمايدۇ، پارقىراپ تۇرغان كۆزۈمدىن تارتىپ ئۆسۈۋاتقان تىرماقلىرىمغىچە مۇكەممەل ئىشلەۋاتقان بۇ ۋۇجۇدۇمنىڭ چوقۇم بىر ياراتقۇچىسى، چوقۇم بىر نازارەتچىسى بار. ئۇنىڭ جىسىمىم ۋە روھىم ئۈچۈن مۇكەممەل سىستېما قۇرۇپ ئۇنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى، ئىرادەمدىن سىرت بۈيۈك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن. ئۇ ماڭا پەرىشتە بىلەن شەيتاننى ھەمراھ قىلدى، پەرىشتىدەك پاك ئادەم بول، شەيتاندىن يىراق تۇر، دېدى. پۈتۈن دىنلار شۇنداق دەيدۇ، پۈتۈن دىنلار خۇدا، تەڭرى دەيدۇ. بۇنىڭ ئۆزىمۇ ياراتقۇچىنىڭ كارامىتى. ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەر ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئىككىلا دۇنيادا زىيان تارتمايدۇ، ئىشەنمىگۈچىلەر بەئەينى ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندەك يەپ-ئىچىپ، تۇغۇلىمىز، ياشايمىز، يەيمىز، چىقىرىمىز، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىمىز، بىز يەپ بولالمىغاننى بالىلىرىمىز يەيدۇ، ئۆلگەندە نېمە بولساق مەيلى دەيدۇ.  بۇ نەق ھايۋانلارنىڭ تەپەككۇرى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھايۋانلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى،  ئۇلار ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆلۈمدىن قورقىدۇ، چۈنكى ئازراق بولسىمۇ ئەقلى بار، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئاقىۋەتنى ئويلايدۇ، ئويلىماي قۇتۇلالمايدۇ. بۇنداق ئويلاشنى كىم نېسىپ قىلدى؟ ئەلۋەتتە، ئەقىل بەرگەن خۇدايىم.  ئەمما ئۇ ماڭقۇرتلار بۇنى زادى ئويلاپ باقمايدۇ. دېمەك، ياراتقۇچىنى بىلىش ۋە ئىشىنىشكە ھەممە ئادەم نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ.  ھايۋانلار ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ئاددىي،  قىيامەتنى بىلمەيدۇ. بۇ پەرقنى روشەن بىلىش كېرەك. ئۆزىگە مەستانە غاپىللار ئۆزىدىن شۇنداق سوئال سورىشى كېرەك: ئىرادەمدىن سىرت كۈرمىڭ ئىشلار بار بۇ جاھاندا، مەن يەنە نېمىگە نوچىلىق قىلىمەن؟
مەن يالغۇز ئەمەس، ئىچىمدە يەنە شەيتانلار قۇتراپ تۇرىدۇ، «خوشىنو، جېنىم خوشىنو، مەن تۆۋە قىلدىم، ئالدىڭغا تىزلىناي، مۇھەببەت ئۈچۈن ئاقماس غۇرۇرۇمنى قۇربان قىلاي، ۋىجدانىمنى ساتساممۇ ساتاي، مېنى بۇ زىنداندىن ئېلىپ چىقىپ كارىۋىتىڭغا ياتقۇز، شىرىن ھاياتىمىزنى قايتا باشلايلى»دېيىشكە مېنى ئۈندەپ تۇرىدۇ، ھەتتا شەھۋەت لەززىتىدەك قىستاپ تۇرىدۇ، ئۆلگۈر شەھۋەت لەززىتى شەيتان بىلەن ھەمنەپەس، قىلار مېنى ھايۋاندەك ئەقىلسىز ۋە زېدى پەس!  تىللاپ تۇرىمەن، شەيتان ئىچىدە كۈلۈپ تۇرىدۇ خۇددى خوشىنودەك. ئاجىزلىقىمدىن ئاھ ئۇرىمەن، ئاجىزلار ئۆزىنىڭ نەپسى بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلالامدۇ؟ بۇ مېنىڭ تۈرمىدىكى ۋە تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنكى ئىرادەمگە باغلىق.
شۇڭا مەن ھەرگىز يالغۇز ئەمەس،  يىراقتىن دادام، ئاپاملار ھەسرەت بىلەن ماڭا قاراپ تۇرىدۇ، قېنى سەن بالام، مۇشۇمۇ سېنىڭ ھالىڭ!… دەپ  يىراقتىن نىدا قىلىدۇ.    ئۆزەمگە قەتئىي ئىشىنىشىم، تۈرمىدىن چىقىشنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن ساقلىشىم كېرەك. دادامغا خەت يېزىپ يېنىكلەپ قالدىم، ئوقۇپ چۈشىنەر، ئۆزىنىڭ ياشلىقىدىكى گۇناھلىرىنىمۇ ئەسلەپ قالار، توغرا يولنى تېپىپ ماڭالىغىنىغا شۈكرى قىلار. ئاپامغا قايتىدىن مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان بولار.

مەن يالغۇز ئەمەس، خىيالىمغا يەنە خوشىنو ھەمراھ، ئۇنىڭ بىلەن خىيالىمدا قانچە قېتىم جېدەللىشىپ، قانچە قېتىم ئۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن، ھەر قېتىم ئۇرغاندا يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاندەك ھاياجانلىنىمەن. تەسەۋۋۇرۇم شۇنچىلىك روشەنكى، ئۇنىڭ قانغا بويالغان يۈز-كۆزلىرىنى، ئېچىلىپ قالغان كۆكسىنى، سېلىنىپ كەتكەن ئاياغلىرىنى ئەينەن كۆرگەندەك بولىمەن. ئەگەر خىيالىمدىمۇ مۇنچىلىك ئەركىن بولالمىسام، خىيالىمدا بولسىمۇ مەقسىتىمگە يەتمىسەم، بۇ قىسىلچاقتا بۇرۇقتۇرما بولۇپ ئۆتىۋېرىمەن. خوتۇن كىشىگە مۇشت ئېتىش نامەرتلىك، ئەمما شۇ چاغدا ئۇ مەن بىلەن تەڭ تۇرۇپ ئۇرۇشقاچقا، مۇلايىم مۈشۈكتىن بىردىنلا چىشى يولۋاسقا ئايلانغاچقا خوتۇن خەق دەپ ئويلىماپتىمەن. ۋالاقلاۋاتقان ئاغزىغا بىر مۇشت قويۇپ ئىككى چىشىنى مىدىرلىتىپ قويۇپتىمەن. ئۇ ئاغزىنى تۇتۇپلا قالدى، جاۋغىيىدىن قان ئاقتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇجۇقتى، ئەمما ماڭا شۇنداق نەپرەت بىلەن قارىدىكى، كۆزلىرىدىكى ئۇ غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىك ھازىرمۇ ماڭا خەنجەردەك قادىلىپ تۇرىدۇ. بىر قېتىملىق نەپرەتنىڭ كۈچى شۇنچىلىك زور ئىكەنكى، مىڭ قېتىملىق مۇھەببەتنى ھەش-پەش دېگۈچە يوق قىلىۋېتەلەيدىكەن. بىر قېتىملىق نەپرەتلىك نەزەر مىڭ قېتىملىق كۈلۈپ بېقىشلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىيالايدىكەن.
   شۇڭا بۇ دۇنيا تراگېدىيە بىلەن تولغان. مەن بۇ كىچىككىنە قاماقخانىدا سولىنىپ تۇرغان بىلەن، نۇرغۇن ئادەم سىرتتا، بۇ دۇنيانىڭ غايەت چوڭ قاماقخانىسىغا سولاقلىق. پەقەت ئەركىنلىككە ئېرىشىش جەھەتتىن ئازراقلا پەرقلىنىدۇ، بەزىلىرى ئانچە-مۇنچە تالا-تۈزىگە چىقىپ ھاۋالىنىپ كىرەلەيدۇ؛  بەزىلىرى ئارزاق بولسىمۇ يورۇقلۇق كۆرەلەيدۇ؛ بەزىلىرى قاراڭغۇلۇقتىن باشقا ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدۇ. ئەگەر سىرتقى دۇنيا زۇلمەت بولسىمۇ، ئىچىڭ يورۇق بولمىسا تۈگىشىپ كېتىسەن،  دۈم كۆمتۈرۈلگەن قازاننىڭ ئاستىدا ئۆمىلەپ يۈرگەن قوڭغۇزغا ئوخشاپ قالىسەن. قەلبى يورۇق، تەپەككۇرى  روشەن ئىنسانلار ھەر قانداق مۇھىتتا زۇلمەتتە قالمايدۇ، روھىي دۇنياسىدىن كەڭلىككە، ئازادىلىككە ئېرىشەلەيدۇ، ئۆتكۈنچى ئازابلاردىن ئاھ ئۇرۇپ، بېشىنى تامغا ئۇرۇپ يېرىۋالمايدۇ. بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇلىغىدەك نېمىسى بار دەپ چۈشكۈنلىشىپ يېتىۋالمايدۇ.
   كەيپىيات ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، تەدبىر ھەممىنى بەلگىلەيدۇ… دېگەن گەپلەرگە ئىشەنمەيمەن، بەلكى ئۇلار چوڭ-كىچىك ئىشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىنى ۋاقىتلىق بەلگىلەيدۇ، ئەمما تەقدىرىمىزنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. تەقدىرنى بەلگىلىگۈچى يەنىلا ئاللاھ، جاننى ياراتقۇچى زات ئۇ جاننىڭ پروگراممىسىنى بىلمەي قالمايدۇ.  مېنىڭ روھىم، خاراكتېرىم، تالانتىم، پوزىتسىيەم، كەيپىىياتىم… ئەقىل، تەدبىر ۋە ئۇرۇنۇشلىرىمنىڭ ھەممىسى شۇ پروگراممىنىڭ شۇ ئاي، شۇ كۈن، شۇ سائەتلەردە ئىجرا قىلىنىشى بولماي نېمە؟ مېنىڭ ھۆر ئىرادىم ھەر قانچە ھۆر، ئەركىن بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئاللاھ بېكىتكەن ئەجەل، كېسەل، پالاكەت… لەردىن ئاتلاپ ئۆتەلەمدۇ؟ ئۆز ئەقلىم، تەدبىرىم بىلەن ئوڭۇشسىزلىق ئۈستىدىن غالىب كەلدىم دېگەن بىلەن شۇ ئەقىل ۋە تەدبىرنىڭ ئىلھام مەنبەسى نېمە؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييار شارائىتنى كىم ھازىرلاپ بېرىدۇ؟ ئادەملەر پەيدا قىلغان، بىلگىلى بولىدىغان قىيىنچىلىق ئوڭۇشسىزلىق دەپ ئاتالسا، ئانچە بىلگىلى بولمايدىغان، ئەقىل ئىشلىتىپ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان ئىشلار كېلىشمەسلىك دەپ ئاتىلىدۇ. دېمەك، بىز ئوڭۇشسىزلىقنى پەرەز قىلالىغان بىلەن، كېلىشمەسلىكنى پەرەز قىلالمايمىز. ئاللاھ بەرگەن قىسمەن ئىرادىمىزنى ئىشقا سېلىپ، ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىۋەتكەن بىلەن بەرىبىر ئۇ بېكىتكەن تەقدىرنىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنى قىلغان بولىمىز، يەنى جان دىسكىمىزغا فورماتلانغان پروگراممىلارنى ئىجرا قىلغان بولىمىز، ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتەلمەيمىز.
قاماقخانىغا كىرىپ قېلىشىم كېلىشمەسلىك، ئەگەر ئوڭۇشسىزلىق بولغان بولسا ئالدىنئالا پەرەز قىلالايتتىم. تەقدىرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىچكى تاشقى ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنىدۇ. ھەممىنى ياراتقۇچى زات ئەلۋەتتە ھەممىنى ھېكمەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ، مەخلۇقلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتى، يەيدىغان رىزقى، ھەرىكىتى ۋە قاچان ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئاددىيسى،  بىر ئالەم كېمىسىنى ياساپ ئالەمگە قويۇپ بەرگەن ئالىم ئۇنىڭ ئۇچۇش تېزلىكىنى، قايتىپ كېلىش ۋاقتىنى، نەگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلىدىيۇ،  شۇ ئالىمدەك تالاي ئەقىللىق ئادەملەرنى ياراتقان ئاللاھ ئۇلارنىڭ قانداق ياشاپ، نەگە بېرىپ، نەدە توختايدىغانلىقىنى بىلمەي قالامدۇ؟ ئاللاھقا ھەر قانچە گۇمان بىلەن قارىغىنىم بىلەنمۇ، بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىم كېرەك. تەقدىرىمنىڭ ئۇنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىم كېرەك. چۈنكى ئۇ ياراتماي تۇرۇپ ھېچقانداق نەرسە ئۆزلۈكىدىن بارلىققا كەلمەيدۇ، ئۇ بەلگىلىمەي تۇرۇپ ھېچقانداق ئىش ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ، ئۇ ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ھېچنېمە ئۆزگەرمەيدۇ. ھەر ئىشنىڭ بېشىدا ئۇ بار، ئۇ توختىماي يارىتىپ ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، چۈنكى ھېچقانداق نەرسە، بىرەر ئەقىل ياكى سەۋەبكە تايانماي تۇرۇپ بۇنداق سىستېما ۋە مۆجىزە قۇرالمايدۇ. بىز مۆجىزە ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپ بۇ مۆجىزىلەرنى ھېس قىلالمايمىز، مۆجىزىلەرنى بۇ مۆجىزىلەرنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ كۆزىتەلمەيمىز. چۈنكى بىزگە شۇنچىلىك ئىمكانىيەت، شۇنچىلىكلا ئەقىل بېرىلگەن.
يارىتىلغۇچى ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىنى بىلىشكە قادىر ئەمەس، تامدىكى رەسىم ئەگەر ئۇ جېنى ۋە ئەقلى بولغان تەقدىردىمۇ  بۇ رەسىمنى سىزغان رەسسامنى تولۇق بىلىپ بولالمايدۇ. قىسقىسى، ئاللاھ ئەقلىمىز يەتمىگۈدەك يۈكسەكلىكتە. ئەقلىمىز يەتمىدى دەپ ئىنكار قىلىش تۈپتىن خاتا، كۆز كۆرمىگەننى يوق دېيىش تېخىمۇ خاتا. مەن روھىمنى كۆرمىدىم، ئەمما ئۇ مەۋجۇت. ئۇنى كىم تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ؟ ئۇنى كىم باشقۇرۇۋاتىدۇ، تەپەككۇرۇمنى كىم ئېچىۋاتىدۇ؟  مەن ئۇنى كۆرەلمىگىنىم بىلەن جان تېنىم، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇنى ھېس قىلىۋاتىمەن، يۈرىكىمنى تۇتۇپ سىلاپ بېقىۋاتىمەن. جىسمىم سولاقتا بولغان بىلەن روھىم ھەر يەردە، خالىغان يەردە، ھەتتا كۆزۈم كۆرمىگەن گالاكسى، سامان يولى سىستېمىسىدا تەسەۋۋۇر بىلەن قانات كېرىپ يۈرمەكتە. بۇنداق روھنىڭ ئۆلۈم بىلەنلا ھالاك بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ بىز فىزىكىدا ئېنىرگىيە يوقالمايدۇ، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلمەيدۇ، بەلكى بىر جىسىمدىن يەنە بىر جىسىمغا يۆتكىلىدۇ… دەپ ئۆگەنمىدۇقمۇ؟
چېچىم، تىرمىقىم نېمىشقا ئۆسىدۇ؟ ياتاقتا ناماز ئوقۇيدىغان بىرسى بولىدىغان، توردىن جىق نەرسىلەرنى كۆرۈپتىكەن،  شەھىت بولغانلار چىرىپ كەتمەيدىكەن، چېچى بىلەن تىرمىقى ئۆسۈپ تۇرىدىكەن دېگەن گەپلەرنى دەپ يۈرەتتى ، دېمەك ئۇلارنى بىز ئۆلۈك دېگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە تىرىكمۇ؟ ئىشقىلىپ، نۇرغۇن ئالامەتلەرنى، كارامەتلەرنى ئۆلگەندىن كېيىن بىلىمىز، بىز ھازىر سىناقتا، سولاقتا، روھىمىز تېنىمىزگە پاتماي تۇرىدىغان ھالەتتىن پەقەت ئۆلۈم ئارقىلىقلا قۇتۇلۇشىمىز مۇمكىن. روھىمنىڭ قۇشتەك پەرۋاز قىلىپ خالىغان مەنزىلگە بارالايدىغانلىقىنى چۈشۈممۇ ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، مەن بىر قېتىم چۈشۈمدە خوشىنو بىلەن ئىتالىيەگە باردىم، ئىتالىيە دېگەننى ئۆمرۈمدە كۆرۈپمۇ باقمىغان، مەن كۆرگەن مەنزىرە ۋە ئادەملەر ئىلگىرى كىنودا كۆرگەن ياكى تەسەۋۋۇر قىلغاندىكى مەنزىرىلەرگە زادىلا ئوخشىمايتتى. جىسمىم بەئەينى ئۆلۈك، ئەمما روھىم تىرىك، خوشىنو بىلەن دېڭىز بويىغا باردىم، ۋېنتسىيەدە قولۋاققا چىقتىم،  ياتاققا كىردۇق، كارىۋاتتىن چۈشۈپ مۇنچىدا ئىسسىق سۇدا بىللە يۇيۇندۇق، تۇيغۇلىرىم شۇنچە ئېنىق. مۇبادا چۈشۈمدىن ئويغىنىپ ئەتىسى ئۇنىڭ بىلەن ھەقىقەتەن  شۇ يەرگە بېرىپ، شۇ ئىشلارنى قىلغان بولساقمۇ شۇنچىلىك راھەتلەنگەن بولار ئىدىم. دېمەك،  ھاياتلىق گويا بىر چۈش دېگەن گەپلەر خاتا ئەمەسكەن. ئۆتكەن  ئىشلارنى ئەسلىسەممۇ، خۇددى چۈش كۆرگەندەك بولىمەن. شىرىن چۈشلىرىم ئۇنتۇلۇپ، قاباھەتلىك چۈشلىرىم ئېسىمدە قالدى. خۇشال ئىشلار پەيدەك يەڭگىل بولىدىكەن، ئۇچۇپ كېتىدىكەن؛ ئازابلىق ئىشلار  تاشتەك ئېغىر بولىدىكەن،  كۆڭۈلدىكى داغ ياكى چۆكمىگە ئايلىنىدىكەن. روھىمنىڭ، قەلبىمنىڭ، ئەسلىمىلىرىمنىڭ، ھازىرقى بىۋاسىتە سېزىملىرىم ۋە كەلگۈسى تەسەۋۋۇرلىرىمنىڭ سىر-ئەسرالىرىنى ئۆلگىچە بىلىپ بولالمايمەن. قېرىۋاتقىنىمنى، ئۆزگىرىۋاتقىنىمنى، تەپەككۇرۇمنىڭ ئېچىلغانچە ئېچىلىپ، دىققىتىمنىڭ چېچىلغانچە چېچىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنىلا  بىلەلەيمەن. ئاھ ئاللاھ ئىگەم، مېنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلا…دەپ كۆزۈمنى پارقىرىتىپ تۇرۇشتىن باشقا ئىش قىلالمايمەن. ھېچنېمە ئويلىماسلىقىم، ئىچىمدە ھېچنېمە دېمەسلىكىم مۇمكىن ئەمەس، تەپەككۇرسىز ياشاش ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، روھىم 24 سائەت ھەرىكەتتە. مەندىمۇ بىر ئالەم بار، بۇ ئالەمدىكى  روھىيەت كارامەتلىرى، روھىمغىمۇ نامەلۇم غارايىباتلىرى ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملىق ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. ئويلانماقتىمەن، دېمەك مەن مەۋجۇت. مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ ئۆزىلا مۆجىزە، مېنى ياراتقان ئاللاھنىڭ مەن تولۇق ھېس قىلالمايۋاتقان بۈيۈك مۆجىزىسى. بۇنداق مۆجىزىدار ۋۇجۇدۇم قاماقتا يېتىش بىلەن قانداق خارلىنىپ قالسۇن، ئۇ ھەرگىز خارلانمايدۇ، بەلكى ھەر قاچان نۇردەك پارلايدۇ…    بۇ مەنتىقىلىق تەپەككۇردىن زور ئىلھامغا ئىگە بولدۇم، تەقدىر كىتابىمنى قايتا ئوقۇپ چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئەقلىمگە، بىلىمىمگە، تەپەككۇرۇمغا، گۈزەل خىيالىمغا، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنى ماڭا ئاتا قىلغان بۈيۈك زاتقا چەكسىز رەھمەت ئېيتتىم، شۈكۈر قىلدىم.  ئىنسان دېگەن بۇ مەخلۇقنىڭ بۇنىڭدىن باشقا نېمە بەختى بولسۇن؟

قاماقخانىغا كىرمىگەن ئادەم يورۇقلۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ قەدرىنى  قانداق بىلسۇن؟  بېشىمغا كەلگەن بۇ كېلىشمەسلىك ئەمەلىيەتتە مېنى تېخىمۇ چىدامچان، سەۋرچان قىلىدۇ؛ شۇنداقتىمۇ ئۆزەمگە بەرگەن بۇ تەسەللىيلەر بەزىدە يالغاندەك تۇيۇلۇپ،  خورلۇق ۋە ئازاب تۇيغۇسى  قاماقخانىنىڭ ھەر بۇلۇڭىدىن، خۇنۇك دېرىزىلىرىدىن سوغۇق شامالدەك باستۇرۇپ كىرىدۇ. ئادەم ئەركىنلىككە مۇھتاج، ئادەمگە بېرىلگەن ئەڭ چوڭ جازا ئۇنى ياشاش ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ياكى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش. مەن ھازىر ئىككىنچى تۈركۈمدىكى مەھبۇس، بۇ سالاھىيەت، بۇ ھالىمنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن، خىيالىم ھەر قانچە ئەركىن بولغان بىلەن يەنىلا مەۋجۇت ھالىمغا باغلىنىدۇ، تەسەللىي ھەر قانچە شىپالىق دورا بولغان بىلەن ۋاقىتلىق ئۈنۈم بېرىدۇ.
  بىر تىرىك جاننى سولاپ قويۇش ئەمەلىيەتتە ئەقىلسىز ھايۋانلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلە. دېھقانلار قوي-كالا، ئېشەكلىرىنى قوتانغا سولاپ قويىدۇ. تۇرۇپلا ئۆزەمنى باغلاققا چۈشكەن شۇ ئېشەككە ئوخشىتىپ قالدىم، ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقىنى  ئويلاپ باقتىم.  تالادا ھاڭراپ چېپىپ يۈرگەن ئېشەكنى ئېغىلغا سولاپ قويسا، ئاچ قويسا، ئۇ جانىۋار ئىككى كۈندىلا يۇۋاشلايدۇ، ئەمما ئېشەكلىك تەبىئىتىدىن قالمايدۇ، ھاڭرايدۇ، بىر ئىزىدا چۆگىلەيدۇ، ئىشىكنى توختىماي تېپىدۇ.  تالاغا ئەچىقىپ قويسا ئارغامچىنى ئۈزۈپ يەنە قاچىدۇ، مېدە قوغلايدۇ.  مېنى تۈرمىدىن قويۇۋەتسە، مەن قانداق قىلىمەن؟ يەنە كونا خۇيۇمنى داۋاملاشتۇرىمەنمۇ؟ ياشاشنىڭ مەقسىتى راھەت، جېنىمنىڭ راھىتى شەھۋەت، بۇنىڭسىز نەدە ئۇ لەززەت! دەپ پالاقلاپ يۈرىمەنمۇ؟  ھايۋانلىق تەبىئىتىم: شۇنداق قىلىسەن دەپ تەستىقلايدۇ. ئادىمىيلىك تەبىئىتىم بولسا: ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل، دەيدۇ. ھايا بولمىسا ئېشەكتىن نېمە پەرقىم؟  
ئادەمنىڭ جىمجىت تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن يالغۇزلۇق كېرەك، بىراق بۇنداق يالغۇزلۇقتىن گاھىدا زېرىكىپمۇ قالدىم، قاماقخانىدا بولساممۇ بەرىبىر مۇشۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئادەممەن،  جەمئىيەت دېگەن بۇ داشقايناقتا  ھامان بىر كىملەر بىلەن بىللە قايناشنى خالايدىكەنمەن،  يالغۇزلۇقۇمنىڭمۇ چېكى بولىدىكەن.   ئىلگىرى سائەت-سائەتلەپ خىيال سۈرەتتىم،  ئۇ چاغدا ئەتراپىمدا ئادەملەر بولغاچقا، قۇلىقىمنى ئېتىۋالساممۇ يەنىلا ۋاراڭ-ئىچىدە ياشاۋاتقاچقا يالغۇزلۇق ھېس قىلماپتىكەنمەن. توپتىن ئايرىۋېتىلگەندىن كېيىن ھەقىقىي يالغۇزلۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدىم. كۈن-كۈنلەپ ئۆزەم بىلەن سىردىشىش ئارقىلىق يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشتىم. ئەمما ۋاقىت ئۇزارغانچە خىيالىمدىكى «مەن» بىلەن پاراڭلىشىشتىنمۇ زېرىكىدىغان، ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەشنى خالىمايدىغان، خوشىنونى تىللاپ-قارغاشتىنمۇ ھارسىنىدىغان بولۇپ قالدىم. روھىمدىكى كەڭ دۇنيامۇ بارغانچە تارىيىشقا باشلىدى، چۈنكى كۆز قانچىلىك نەرسىنى كۆرسە تەپەككۇرمۇ شۇنچىلىك مول بولىدۇ، كۈندە بىرلا نەرسىنى كۆرۈپ ئولتۇرسا تەپەككۇرمۇ قاتماللىشىپ قالىدۇ-دە، ئادەم بارغانچە دىۋەڭلىشىپ، ھېسسىياتىمۇ ئۆلىدۇ.
كېچىدە چىراغ ئۆچۈرۈلگەندە بۇ قاماقخانا دۈم كۆمتۈرۈلگەن قازانغا، مەن بولسام قوڭغۇزغا ئوخشاپ قالىمەن. بۇ كېچىنى قانداق ئۆتكۈزۈش ئېغىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. خوشىنو بىلەن ئۆتكۈزگەن كېچىلەر قانداق تېز ئۆتكەن-ھە!  ئەمما ھازىرقى كېچىلەر مىڭ بىر كېچىدەك ئۇزۇن. ئۆزەمگە ھېكايە سۆزلەي دېسەم سۆزلىگۈدەك نەرسە يوق: مۇھەببەتلەشتىم، ھەۋىسىمنى قاندۇردۇم، ئارقىدىن كۆڭلۈم ئېلىشىپ ياندۇردۇم… بۇنىڭدىن باشقا نەرسە يوق.  ئالەمشۇمۇل تەپەككۇرۇمنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇراي دېسەم، بۇنىڭغا مۇناسىپ كەڭ بىلىمىم يوق، دىن ھەققىدە تۈزۈك ساۋادىم يوق، قولۇمدا مۇلاھىزە قىلىپ ئوقۇغىدەك كىتاب يوق.
ئۆتكەندە قۇرئاننىڭ خەنزۇچىسىنى ئېلىپ 100 بەت ئوقۇپ  بولغىچە خوشىنو كارىۋاتقا تارتىپ، دىققىتىمنى چېچىۋەتكەن، مەندەك شەھۋەت بەندىسى ھازىرچە قۇرئاننى ئوقۇشقا لايىق ئەمەس، كېيىن ئوقاي دەپ تاشلاپ قويغانچە قولۇمغا ئالمىغانىدىم. نەتىجىدە،  ئەقلى پۈچەك، ھېسسىياتى سويۇق، ھەۋىسىنى قاندۇرۇشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان مەخلۇققا ئايلىنىپ، ئەيش-ئىشرەتكە باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم. ھازىر بۇنىڭ تەسىرى كاللامدىن تېخى كەتمىدى، ئاق تاماكىغا خۇمار بولغان ئادەم زەھەر تاشلاش ئورنىدا نەچچە ئاي داۋالانغاندەك، مەنمۇ شەھۋەت خۇمارىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇ قاماقخانىدا بىر مەزگىل داۋالىنىشىم كېرەك. خۇدايىم بەلكىم مۇشۇ سەۋەب بىلەن بۇ كۈلپەتنى بېشىمغا سالدى، ئوڭشىلىپ ئادەم بولسۇن دېدى.
    ئارىدىن يەنە بىر ھەپتە ئۆتتى، تۇرمۇشۇم خۇددى كۈندە يەۋاتقان جىڭ موما، تۇزسىز شوۋگۈرۈچتەك شۇنچىلىك قىرتاق، شۇنچىلىك تەمسىز، قاچىغا بىرەر پارچە گۆش چىقىپ قالامدىغاندۇ دەپ تەلمۈرۈپ كېتىمەن. ھەممە نەرسە سۇغا تاشلاپلا قاينىتىلغان ئاق بەسەيدەك شۇنچىلىك بەتتام، شۇنچىلىك رەزگى، شۇنچىلىك خۇنۇك. بۇنداق چاغدا خوشىنو بىلەن تاللاپ يېگەن تاماقلارنى، پولو، لەغمەن، كاۋابلارنى سېغىنىپ ھەسرەت چېكىمەن. بىرىنچى تەلەپ تاماق، شۇڭا بۇ ئەڭ چوڭ سىناق. ھەممە سىناقتىن ئۆتسەممۇ، مۇشۇ سىناقتىن قانداق ئۆتۈشۈمنى بىلمەي قالدىم. جىنسىي ھەۋەس دېگەننى بىرەر ئاي تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، ئەمما قورساق ھەر كۈنى كوكىراپ تۇرسا، ئىشتىھايىم يېڭى-يېڭى لەززەتلەرنى تەمە قىلىۋاتسا، بۇنىڭغا قانچىلىك چىدايمەن؟ قورساق تويغاندىلا ئاندىن شىرىن خىيال سۈرگىلى بولىدۇ.

مۇھتاجلىق تاشتىن قاتتىق دېيشىدۇ، ھازىر ماڭا ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە تاش، قاماقخانىنىڭ تۆت تېمىدىن تارتىپ خوشىنونىڭ قېتىپ كەتكەن باغرىغىچە ھەممە نەرسە تاش. ھازىر مەن ئەركىنلىككە ئەڭ مۇھتاج، قالغىنىنى كېتىپ بېرىپ تولۇقلىۋالغىلى بولىدۇ. ئەركىنلىك ماڭا سۇدەك، ھاۋادەك، ئانام ياغقان ناندەك، بەدىنىمدە ئېقىۋاتقان قاندەك مۇھىم، ئادەمگە ئەركىنلىك شۇ قەدەر زۆرۈر بولغاچقا، بىزنىڭ مەھەللىدىكى بىرى خوتۇنىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغىنىنى ئاڭلاپ،   بولدى مېنى ئەچىقىپ ئېتىۋېتىڭلار، دېگەنىكەن. دېمەك، ئۇ تۈرمىدە بىر ئۆمۈر سىقىلىپ ياشاشنى خالىمىغان. ياشاشنىڭ ئۆزى تاللاش جەريانى، ھەر كىم بىر يولنى تاللايدۇ، ئاقىۋىتىنى بىلىپمۇ تاللايدۇ،  بىلمەيمۇ تاللايدۇ، ئەمما بۇنداق ئىش ئىش دۆتلەرگە مەنسۇپ. مېنىڭ بۇ ئاقىۋىتىم دۆتلۈكتىن ئەمەس، تەلەيسىزلىكتىن. خوشىنو تايىقىنى يەپلا دۆلىتىگە كەتكەن بولسا ھەممە ئىش تۈگەيتتى، ئەمما جاھاندا نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار؟ تامىقىنى يەپ پۇلىنى بەرمەيدىغان ئىش نەدە بار؟ ئەگەر دۆتلۈك قىلدىم دېسەم، مۇشۇ قائىدىنى چۈشەنمەي دۆتلۈك قىلدىم ياكى ئۇنىڭغا سەل قارىدىم. خىيالىمدا مەنمۇ ئۇنىڭغا بەدەل تۆلىدىم، كۈچۈمنى، ئەقلىمنى، زېھنىمنى، ۋاقتىمنى ئۇنىڭغا سەرپ قىلدىم، شۇڭا ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشقا ھەقلىقمەن دەپ ئويلاپ قالدىم.
     ئەركىنلىك قاماقخانىنىڭ رۇجەكلىرىدىن چۈشۈۋاتقان كىچىككىنە نۇردەك شۇنچىلىك قىممەتلىك، شۇنچىلىك نۇرانە، شۇنچىلىك گۈزەل، قارىغانچە قارىغۇم، شۇ نۇرغا يۈزۈمنى تۇتۇپ بىر دەم تۇرۇپ باققۇم كېلىدۇ. قاماقخانىغا قاراۋاتقان گۇندىپاينىڭ سوغۇق كۆزلىرى مەندىن مۇشۇ نۇرنىمۇ قىزغىنىدۇ. ئۇ ئۆيىدە ئۆزىنىڭ خوتۇن-بالىلىرىغىمۇ مۇشۇنداق سوغۇق نەزەردە قارامدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ ھەيكەلدەك  تۇرۇشلىرىدىن، ماشىنا ئادەمدەك مېخانىكىلىق ھەرىكەتلىرىدىن،  خاپىلىق، ھارغىنلىق كەتمەيدىغان چىرايىدىن   ئادەم تەلئەتىنى ھەرگىز كۆرگىلى بولمايدۇ، بەزىدە ماڭا  بىر كۈنى مېنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىپلا بۇ ۋەزىپىدىن قۇتۇلۇشقا ئالدىرايدىغاندەك غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدۇ. «تۈرمىدىن قېچىش»نى كۆرگەنلەر بىلىدۇكى، ئامېرىكىنىڭ كىنولىرىدىكى گۇندىپايلار ئادەمگە ئوخشايدۇ، كۈلۈپ تۇرۇپ  پاراڭ سالىدۇ، تاماكا چېكىدۇ، تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرگە چاقچاق قىلىدۇ، جىنايەتچىلەرمۇ ئۇلارنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىيالايدۇ. تۈرمە مەيدانىغا چىقىپ توپ ئوينىيالايدۇ. مەن ئۇ كۆپ قىسىملىق تىياتىرنى كۆرۈپ يېرىمىغا كەلگەنىدىم، دەسلەپتە مەن قىزىقمىغان چاغدا خوشىنو قىزىقتۇرۇپ قويغان، كېيىن ئۆزەممۇ بېرىلىپ كۆرۈپ كەتكەنىدىم، مايكولنىڭ ئەقلىگە ئاپىرىن ئوقۇيتتىم، دەرس يوق چاغدا خوشىنو بىلەن بىللە كۆرەتتىم. ھازىر ئويلىسام، خوشىنونىڭ مەندىن ئىنتىقام ئېلىشى ئاشۇ فىلىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.  ھازىر ئۇ مېنى تۈرمىگە سولىتىۋېتىپ، ھەر ھەپتىدە بىر قىسىمنى داۋاملىق كۆرۈۋاتىدۇ، ئوڭدا يېتىپ مېنى ئەسلەشتىن قېچىۋاتىدۇ. دەسلەپتە قاماقخانىغا سولانغاندا ئۆزەمنى مايكولدەك ئەقىللىق چاغلاپ، بىر ئامال قىلىپ بۇ يەردىن قېچىپ كېتىشنى ئويلىغانىدىم، ئەمما بۇ  قاماقخانا نەدە ئۇ مايكول ياتقان تۈرمىگە ئوخشىسۇن؟ مايكول ياتقان تۈرمىنىڭ قۇرۇلمىسى كىنو ۋەقەلىكىگە ئاساسەن قوراشتۇرۇلغان، ھەممىسى ئەمەلىيەتتە كىنو ئىشلىگەنلەرنىڭ مەقسەتلىك ئويۇنى. شۇ ئاچچىقىمدا مايكولنى خىيالىمدىن تامامەن چىقىرىۋەتتىم.
    ئەمما ئۆزەمنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىمنى زادى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق. قاماقخانىغا سولانغاندىن بۇيان خىيالىم، ئىش-مەيلىم شۇ:  بۇ يەردىن بىر ئامال قىلىپ چىقىپ كېتىش،  ئۆزەمنى ئازاتلىققا، ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش.  روھىم ھەر قانچە ئەركىن بولغان بىلەن تېنىمنى تاشلاپ بىر ياققا كېتەلمەيدۇ، يىراقلاردا كېزىپ يۈرەلىگەن بىلەن بەرىبىر بېشىمدىن ئەگىپ كېتەلمەيدۇ. ئىچىمدە نىدا قىلىمەن: ئەي روھىمنىڭ قۇشلىرى، مەن قاماقتىلا بولىدىكەنمەن، سىلەر يەنىلا ئەركىن ئەمەس؛ ئەي خىيال كەپتەرلىرىم، مەن بۇ ھالەتتىن قۇتۇلالمايدىكەنمەن، سىلەر يەنىلا قونداقتىن ، قەپەزدىن نېرى ئەمەس!
    مەھبۇسلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ھەر خىل يوللىرىنى ئىزدەپ باقتىم،  پۇل بىلەن ھوقۇق ئالدىمنى توسۇپ تۇرۇۋالدى. ساقچىلار پۇل كۆتۈرۈپ كەلگەن دادامنى نېرى ئىتتىرىۋېتىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بۇ يەردە تونۇشى يوق،   ھوقۇقدار ئاغىنىسى يوق، پۇلىنى نەگە خەجلەشنى، قايسى پارىخورنىڭ يانچۇقىغا تىقىشنىمۇ بىلمەيدۇ. خوشىنوغا يالۋۇرۇشنى داۋاملىق ئويلاۋاتىمەن،  غۇرۇرۇمنى ساقلاپ قېلىشقا ئۆزەمنىڭمۇ ئانچە ئىشەنچىم يوق.  غۇرۇرۇمنى ساتقان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ مەسخىرىسىگە قالىمەن. مېنى تۈرمىگە سولىتىۋېتىپ ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى ئاقلاپ بولغان ئادەم مەندىن يەنە نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟  غۇرۇر دېگەن نېمە؟ مەندىن گۇناھ، سەۋەنلىك ئۆتۈلمىگەن تەقدىردە، ۋىجدانىم بىلەن تىك تۇرۇشۇم غۇرۇر دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆزەم ئۇنى خارلاپ تۇرۇپ بوينۇمغا ئالمىسام بۇ قانداق غۇرۇر؟  گۇناھ ئۆزەمدە تۇرۇپ تۆۋە قىلمىسام، كەچۈرۈم سورىمىسام، ئاندىن بۇنى جاھىللىق بىلەن غۇرۇر دەۋالسام قاملىشامدۇ؟  بۇمۇ بىر نامەرتلىك-تە!  مەيلى قانداق بولسۇن، خوتۇن كىشىنى ئۇرۇش نامەرتلىك،  يامان بولسام بىرەر ئەر كىشىنى، مېنى ئۇرغان ھېلىقى ئەبلەخنى ئۇرۇپ ئىنتىقام ئالمايمەنمۇ؟ راستىمنى ئېيتسام، خوشىنونى ئۇرۇپ ھېچ راھەتلەنمىگەن، پەقەت ئۇزاقتىن بۇيانقى ئاچچىقىمنى ئېلىۋالغاندەك بولۇپ، ئارقىدىن ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ قاتتىق بىئارام بولغانىدىم. ئەسلىدە ئاشۇ ئەبلەخلەرنى ئۇرالىغان بولسام ئاندىن ھەقىقىي خۇشال بولغان بولاتتىم. ئەمما ئۇ گۇيلار بىر يىل تەييارلىقنى تۈگىتىپلا باشقا شەھەرلەرگە تاراپ كېتىشتى. بىر ئىنسانغا غەزەبلىنىشنى، ئاچچىقى كەلگەندە رەھىم قىلماي ئۇرۇشنى ئاشۇ گۇيلار ماڭا ئۆگەتتى دەپ ئويلايمەن. رەزىللىك رەزىللىكنى تۇغىدۇ دېگەنگە ئەمدى ئىشەندىم.
   ئەركەكلىكتە چىڭ تۇرۇش، خوتۇن خەققە ئېگىلمەسلىك كېرەك. بولمىسا خوتۇن خەق ئالدىدا مازلىشىدىغان گەپ. بىراق ھازىر قارىشىم ئۆزگەردى، خاتالىقنى بوينىغا ئېلىش كېرەك، بۇنىڭغا جۈرئەت كېرەك، يۈزۈم چۈشۈپ كەتسىمۇ مەيلى، ئەقلىم بولسا يۈزۈمنى يەنە تېپىۋالالايمەن. مەن غۇرۇر دەپ ئاتىۋالغان نەرسە ئەمەلىيەتتە مەندىكى جاھىللىق، خاتالىقنى بوينىغا ئالماسلىق كېسىلى. شۇنداق بولغاندا، خوشىنودىن سەمىمىي كەچۈرۈم سوراپ خەت يېزىشىم كېرەك، يالۋۇرساممۇ مەيلى، چۈنكى ئۇ شۇنىڭغا ئەرزىيدۇ.  ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا تۆمۈردەك قاتتىق بولۇپ، ئەمدى خېمىردەك يۇمشاپ كېتىشىممۇ بىر تەبىئيلىك، بۇنىڭدا يالغانچىلىق يوق.
ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىر خوشىنوغا خەت يېزىش قارارىغا كەلدىم، بۇنداق قىلسام، بىرىنچىدىن،  بۇ يەردىن قۇتۇلۇپ چىقىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باساتتىم؛ ئىككىنچىدىن، مېنى ئالداپ كەلگەن ساختا غۇرۇرنى پاچاقلاپ تاشلايتتىم:
قەدىرلىك خوشىنو، سەندىن ئەھۋال سوراشقىمۇ يۈزۈم قالمىغانلىقىنى بىلىمەن. لېكىن شۇنچە ئاي بىللە يۈرگىنىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىشىڭنى، ماڭا ئىشىنىشىڭنى سورايمەن. قاماقخانىدا ياتقىلى ئۈچ ھەپتە بولۇپ قالدى، ھەر كۈنى پۇشايمان ئىچىدە ياش تۆكۈپ،  سېنى ئەسلەپ، سېنى سېغىنىپ ياشاۋاتىمەن.  ئوماق يۈزۈڭنى،  زۇمرەت كۆزۈڭنى، تاتلىق كۈلۈشلىرىڭنى، رەتلىك، ئاپئاق چىشلىرىڭنى، سۈزۈك بوينۇڭنى، خۇشپۇراق ھىدىڭنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمنى بىر بىلسەڭ!  ئازابتا تولغىنىپ ياتقىنىمنى تەسەۋۋۇر قىل، بۇ مەينەت قاماقخانا مېنى ساراڭ قىلىپ قوياي دېدى،  ئوماق، پاكىز ياتىقىمىزنى، ئاپئاق كىرلىكلەر كۈن نۇرىدا قاقلىنىپ تۇرىدىغان كارىۋىتىمىزنى، ئىسسىق سۇ چۈشۈپ تۇرىدىغان مۇنچىمىزنى شۇنچىلىك سېغىندىم. مەن گۇناھىمغا تۆۋە قىلدىم، ئالدىڭدا ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدۈم، قانچىلىك پۇشايمان قىلساممۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. ئەمما سەندىن ئۈمىدىمنى ئۈزمىدىم، ساڭا ئىشەندىم، ساڭا باشتىن ئاخىر ئىشىنىمەن، سېنى سۆيىمەن. ئەگەر مېنى جازالىماقچى بولساڭ، مېنى ئۆزەڭنىڭ دۆلىتىگە ئاپىرىپ سولىتىۋەت، بۇ سوغۇق، مەينەت يەرگە قاماپ قويما. مېنى جازالىماقچى بولساڭ، مەندىن ئايرىلىپ كېتىشىڭنىڭ ئۆزىلا مەن ئۈچۈن يېتەرلىك جازا ئەمەسمىدى جېنىم، سەندىن ئايرىلىپ ياشىغان كۈنلەر مەن ئۈچۈن ھارام، سەنسىز يېگەن تاماقلار مەن ئۈچۈن زەھەر، سەنسىز ئۆتكۈزگەن كېچىلەر مەن ئۈچۈن چوشقا قوتىنىدا تۈنىگەن بىلەن باراۋەر. مېنى ئۆزەڭنىڭ ئىللىق قۇچىقىدىن مەھرۇم قىلما. سەن مېنى بۇ قاماقخانىنىڭ دەردىگە چىدىماي مۇشۇنداق دەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالما، مېنى سېنىڭ دەردىڭ ساراڭ قىلىۋاتىدۇ. مېنى بۇ قاماقخانىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا شۇنداق دەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالما، ئەگەر سەن مېنى ھەقىقەتەن كەچۈرمىسەڭ، تۈرمىدە قانچىلىك ياتساممۇ رازى.
   سۆيۈملۈكۈم خوشىنو، سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن شىرىن كۈنلەر مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ ئۇنتۇلماس كۈنلەردۇر. تۈرمىدە ئۇزاق يېتىپ كەتسەممۇ، سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن شۇ شىرىن مىنۇتلارنى ئەسلەش بىلەنمۇ بۇ قىيىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋېتەلەيمەن. سەن بىلىسەن، مەن جىق ئىش كۆرمىگەن، تۇرمۇشنى سەنچىلىك چۈشەنمەيمەن، توي قىلىدىغان ئىشتىمۇ ئارتۇق ئويلاپ كەتكەن تەرەپلىرىم بار، ئالىي مەكتەپنى تېخى پۈتتۈرمىگەن بولغاچقا، توي قىلىشنى جەمئىيەتكە بالدۇر چىقىش دەپ چۈشىنىۋالغاچقا سېنىڭ تەكلىپىڭگە قوشۇلمىغىنىم راست، سەن بىلەن توي قىلىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغانلىقىم يالغان،  نەچچە ئاي يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلاردەك «شىرىن ئاي» ئۆتكۈزگەن تۇرساق، كۈندە ئەر-خوتۇندەك بىللە ياشىغان تۇرساق، سەن بىلەن بىللە ياشاشنى ئويلىماسلىقىم مۇمكىنمۇ؟ سەن ماڭا ھېلىقى خەنزۇچە ئىبارىنى يادلاپ بېرىپ،  «بىر كېچىلىك ئەر-خوتۇنچىلىقنىڭ يۈز كۈنچە مېھرى بار» دېمىگەنمىدىڭ، ئۇنداقتا بىزنىڭمۇ نەچچە ئون يىلغا تەڭ مېھىر-مۇھەببىتىمىز بولۇشى كېرەك.
   سۆيۈملۈك خوشىنو، مەن بۇ يەرگە قامالغاندىن كېيىن، جىق مەسىلىلەرنى ئويلىدىم، جىق ئىشلار كاللامدىن ئۆتتى. ئەگەر بۇ يەرگە كىرمىگەن بولسام، ھوشۇمنى تاپالماس ئىكەنمەن. ئەگەر بۇ يەرگە كىرمىگەن بولسام، قەدرىڭنى بىلمەس ئىكەنمەن؛ بىز ئۇيغۇرلاردا «زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس؛ جاپانى چەكمىگەن ئاشىق، جاپانىڭ قەدرىگە يەتمەس» دېگەن گەپ بار. جاھاندا بۇنداق ئېسىل گەپ بولماس، مانا مەن بۇ گەپنىڭ تېگىگە ئەمدى يەتتىم. تۈرمىگە كىرمىگەن ئادەم، ئەركىنلىكنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىكەن؛ شۇنىڭدەك، يېنىدا بار چاغدا قەدرىگە يەتمىگەن نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا ھېس قىلىدىكەن. ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم، ئېيتالمىغان نۇرغۇن دەردلىرىم بار. ئاڭلامسەن، ئاڭلىمامسەن، بىلمەيمەن؛ ھەر كۈنى سەن بىلەن ساراڭدەك مۇڭدىشىمەن، تۆت تامغا قارىساممۇ سېنىڭ سۈرىتىڭ، ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەيسەن، ئەگەر غەزەبلەنسەڭ، تىترەپ كېتىمەن. مەندىن نەپرەتلەنمە ئاشىقىم، ئەگەر ماڭا بولغان ئاشىقلىقىڭ، سەۋدالىقىڭ راست بولسا، مېنىڭمۇ سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمغا ئىشەن.
    مېنى مەكتەپتىن قوغلاندى قىلدى، شۇنچە يىل ئوقۇپ ئالىي مەكتەپكە كەلگەن بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن بۇمۇ چوڭ جازا، لېكىن بايا دېگىنىمدەك، ھەر قانداق جازا مەن ئۈچۈن سېنىڭ مەندىن ئايرىلىشىڭدەك ئېغىر تۇيۇلمايدۇ. مېنىڭ ئىستىقبالىم مەكتەپتە ئەمەس، ئەركىنلىك، مۇھەببەت ئۈچۈن سوقۇۋاتقان يۈرىكىمدە! مېنىڭ كەلگۈسۈم كىچىك ۋاقتىمدا تىكلىۋالغان ئۇلۇغ ئارزۇلىرىمدا ئەمەس، چوڭ بولۇپ چۈشەنگەن رىئاللىق ۋە تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىدە. مەندىن ئۆتكەن خاتالىق ۋە جىنايەت مېنى قايتىدىن ئادەم بولۇشقا ئۈندەيدۇ، ماڭا مەدەت بەرگىن قەدىرلىكىم، مەن كونا سىستېمامنى يېڭىلاپ، ئەخلەتلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئەڭ لازىملىق دېتاللارنى قاچىلاپ، سىستېمامنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقاي، مېنى قايتىدىن قوزغات، مېنى قايتىدىن قوزغات!  شۇ چاغدا كۆرىسەنكى، ئالدىڭدا يېڭى ئادەم نامايەن بولۇپ، سېنى شەرتسىز، يېڭىۋاشتىن سۆيىدۇ.
   قەدىرلىك خوشىنو، ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم بىر-ئىككى بەت قەغەزگە پاتمايدۇ، نۇرغۇن گەپلىرىمنى ئىپادىلەشكە خەنزۇلارنىڭ 10 مىڭ خېتىمۇ ئازلىق قىلىدۇ، ئوقۇغىنىڭچە ئوقۇپ چۈشەن، ئەڭ مۇھىمى قەلبىمنى، ساڭا ئىنتىلىۋاتقان يۈرىكىمنى قايتىدىن چۈشەن. ئەڭ چىرايلىق مۇھەببەت سۆزلىرىنى ياپونچە يازدىم، خەنزۇچە بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتمىگىن، ئەڭ چوڭقۇر گەپلىرىمنى ئۆزەڭنىڭ ئانا تىلىدىن، ئۆز تەپەككۇرۇڭدىن چۈشىنشىڭنى خالايمەن. ئاخىردا سەندىن ئەڭ ئېغىر پۇشايمان ۋە ئەڭ سەمىمىي قەلبىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن، سېنى سۆيىمەن.  نەدىلا بولاي سېنى ئەسلەپ، سېغىنىپ تۇرىمەن.
    خەتنى يېزىپ بولۇپ، ئۆزەممۇ ئختىيارسىز تەسىرلىنىپ كەتتىم، يالغان گەپ قىلمىغاندەكلا يازدىم، كۆزۈمگە كېلىپ قالغان ياشنى سۈرتۈپ، ئىختىيارسىز كۈلۈۋەتتىم. 

   خېتىمنىڭ خوشىنونىڭ قولىغا تەگكەن-تەگمىگەنلىكىنى بىلمەيمەن.  ئۈمىدىم ئۆچەي دەپ قالغان، ئەمما ئۆچمەيۋاتقان شامدەك يېنىپ تۇرىدۇ. كۆزلىرىم قاراڭغۇلۇق ئىچىدە نۇر ئىزدەيدۇ. كۈنلىرىم سەۋر-تاقەتكە لىق توشۇپ كەتتى، تاشاي دەيمەن تاشالمايمەن، توسقۇنلاردىن ئاشاي دەيمەن، ئاشالمايمەن. كىچىك كاتەكلىرى، قوش قەۋەت كارىۋاتلىرى، مەينەت خالا ۋە ئاشخانىلىرى خىلمۇ خىل جىنايەتچىلەرگە، ئەرز-شىكايەتلەرگە، ئاھۇ نادامەتلەرگە، يىغا-زارىلەرگە لىق تولغان بۇ غايەت چوڭ قاماقخانىنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن، ئۇچامدىكى سېرىق چاپاندىن، ئەتراپىمدىكى چەرەندى-پەرەندىلەردىن، قوپال بۇيرۇق ۋە ھەيۋىلەردىن قۇتۇلىدىغانلا ئىش بولسا، پۈتۈن غەيرىتىم بىلەن تىرىشىمەن،  ئەقلىمنى ئىشقا سالىمەن، ئۈمىدىمنى يوقاتمايمەن، خىيالىمدا بولسىمۇ تامدىن ھالقىپ،  ھەر كۈنى قاچىمەن، ھەر كۈنى ئەركىنلىك دەپ توۋلايمەن. نەپسىگە ئەگىشىدىغان   ئادەم ئەركىنلىكنى سىناپ باقىدۇ، ئەمما مەن سىناپ باققان ئەركىنلىك چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن تامامەن  ئەكسىگە ياندى، بۇ ساۋاقنى ھەر كۈنى قاماقخانا تەربىيەچىلىرى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ، ئۆزەممۇ ئىدىيەمنى ئۆزگەرتمەكتىمەن.
خوشىنودىن جاۋاب كۈتۈپ يۈرگەندە دادامدىن خەت كەلدى، خەتنى ئاچماي تۇرۇپلا يۈرىكىم ئۆرتەندى، دادامنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ماڭا شەرتسىز كۆيۈنەتتى، ھالىمغا ئېچىناتتى؛ مەنمۇ بىچارە دادامغا ئىچ ئاغرىتاتتىم. ئۆزئارا ئىچ ئاغرىتىش بىلەن بىر-بىرىمىزنى ئازابلايتتۇق. دادام  بىز ئولتۇرۇشلۇق ناھىيە بازىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، مۇناسىۋەتكە تايىنىپ ئەمەس، قابىلىيىتىگە تايىنىپ يېزىدىن ناھىيىەگە يۆتكىلىپ كېلەلىگەنىدى. مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغان دادام مېنىڭ مەكتەپتىن قوغلىنىشىمنى قوبۇل قىلالىغان تەقدىردىمۇ، جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرىپ قېلىشىمنى زادىلا  قوبۇل قىلالمايتتى. نە چارە؟ كۈتۈلمىگەن پالاكەت ۋە كېلىشمەسلىك بىلەن تولۇپ تاشقان بۇ جاھاندا، ئادەم ھەممىنى قوبۇل قىلىپ ياشىشى كېرەك. داداممۇ كىچىك بالىدەك يىغلاپ يۈرمەي ئەلھەكمۇللا دېيىشى كېرەك.      يىغلىسا ئاپام يىغلىسۇن، ياكى ھېچكىم يىغلىماي بىر-بىرىگە تەسەللىي بېرىشسۇن. ئۇلارنىڭ يىغلىشى مېنى تېخىمۇ ئاجىز، قورقۇنچاق قىلىپ قويىدۇ. خەتنى ئېچىپ دادامنىڭ رەتلىك يېزىلغان خەتلىرىگە ئالدىراپ كۆز يۈگۈرتتۈم:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئوغلۇم، قانداق تۇرۇۋاتىسەن؟ خېتىڭنى تاپشۇرۇۋالدۇق، تۈرمىگە كىرىپ قېلىشىڭنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۇق.  شۇ گەپلەرنى بىزگە نومۇس قىلماي دېگىنىڭدىن ھەيران قالدۇق. سەن خېلى تارتىنچاق بالا ئىدىڭ، قىز بالىغىمۇ ئۇنچىلىك قىزىقىپ كەتمەيتتىڭ، سېنى مەكتەپتە مۇھەببەتلەشمەيدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمىز، بىراق مۇھەببەتلىشىش نېرى تۇرسۇن، ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ خېلى-خېلى ئىشلارنى قىلىپسەن. ياخشى ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولىدۇ دەپ يۈرسەك، مانا ئەمدى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرىپسەن.  بۇنچىلىك ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىڭنى ھەرگىز ئويلىماپتىكەنمىز، ئاپاڭ تۈرمىگە كىرىپ قالغىنىڭنى ئاڭلاپ ئاغرىپ يېتىپ قالدى، ئىشقىمۇ بارالمىدى. مېنىڭمۇ ھېچ ئىشقا قولۇم بارمىدى. ئويلىسام-ئويلىسام، بۇ ئىشلىرىڭ كاللامدىن ھېچ ئۆتمەيدۇ، خەقنىڭ بالىسىمىكىن دېسەم ئۆزەمنىڭ بالىسى،  ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، ئەمما ئىشەنمەي دېسەممۇ ئامال يوق،  يازغان خېتىڭ ئالدىمدا تۇرۇپتۇ.
بىز ئەسلىدە سەندىن پەخىرلىنەتتۇق، شۇڭا چىقىم كەتسىمۇ ئۈرۈمچىدە داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتتۇق.   مائاشىمىزنى ئايدىن ئايغا ئاران يەتكۈزۈۋاتساقمۇ، سېنى پۇلدىن قىسىپ قويمىدۇق. بېيجىڭغا ماڭدىڭ، ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئاتىغىنىنى بېرىپ، ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ سېنى ئۇزاتتى. ئايمۇ ئاي پۇل ئەۋەتىپ تۇردۇق، بالام بېيجىڭدا ئوقۇۋاتىدۇ دەپ ئەل-جامائەت ئالدىدا پەخىرلەندۇق،  بالام كەلگۈسىدە قالتىس ئادەم بولىدۇ  دەپ ئۈمىدۋار ياشاپ كەلدۇق.  ئەمدى نېمە بولدى؟  ئەمدى سېنى ئوقۇتۇپ بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتقۇدەك ئادەم قىلىمەن دېگەن ئۈمىدىممۇ يوققا چىقتى. مېنى ئاسماندىن يەرگە ئاتتىڭ، ئۆزەڭ بىلەن قوشۇپ ئاتا-ئاناڭنىمۇ خارلىدىڭ. 
ساڭا تۆلىگەن بەدەللىرىمىزنى ھېسابلاپ بولالمايسەن، بىز ساڭا مىننەت قىلىپ ئەمەس، تارتقان جاپالىرىمىزنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن مۇشۇنداق تېرىكىمىز. ئىستىقبالىڭدىن قايغۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن غەزەبلىنىمىز.  ھېچقانداق ئاتا-ئانا  بالىلىرى ئۈچۈن قىلغانلىرىغا مىننەت قىلمايدۇ، پەقەت بالىلىرىنىڭ ئىنساپلىق، ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سەن باشقا بالىلاردىن ئەقىللىق ئىدىڭ، ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا، ئۇلارنىڭمۇ پوقىنىمۇ دورىيالمىدىڭ. قارىغاندا ئۆزەڭگە بەك ئىشىنىپ كەتتىڭ، مەن بۇ ئاجىزلىقىڭنى مەلۇم جەھەتتىن ئارتۇقچىلىق دەپ چۈشىنىپ قالغاچقا، ۋاقتىدا تەربىيە بېرىپ تۈزىتەلمىدىم. سېنىڭ بۇ ئاقىۋىتىڭدىن شۇنداق يەكۈن چىقاردىمكى، بىر بالا مەلۇم جەھەتتە ئالاھىدە ئىقتىدارلىق بولغان بىلەن، يەنە بىر جەھەتتىن دۆترەك بولىدىكەن؛  شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزەڭگە ھەرگىز تەمەننا قويما، كەمتەر بول، جاھاندا مۇكەممەل ئادەم يوق، مۇكەممەللىك پەقەت بىزنى ياراتقان ئاللاھ تائالاغىلا مەنسۇپ.
   خوتۇن ئېلىپ بەرگەن بولساڭ، مۇشۇ يولغا ماڭماسلىقىم مۇمكىن ئىدى دەپسەن، بۇ ياشتا ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەمتىڭ؟ سەندەك نۇرغۇن بالىلار نەپسىنى يىغىپ ئوبدان ئوقۇۋاتمامدۇ؟ سەن ئالدىرىمىساڭمۇ، ئىككى-ئۈچ يىلدىن كېيىن خوتۇن دېگەنگە تويغۇزۇپ قوياتتىم. ياخشى ئوقۇپ كەلسەڭ، قىزىمىزنى بېرىمىز دەيدىغانلارنىڭ قىزلىرىدىن تاللاپ تۇرۇپ ئالالايتتىڭ. «مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ» دېگەندەك، ئالدىراپ-تېنەپ ياپونلۇقنىڭ قىزىغا بۇزۇلۇپ، ئۆزەڭگە ئىش تېرىپ يۈرۈپسەن. ئاۋايلاپ ماڭ بالام دەپ يولغا سالساق،  ماقۇل دەپ قويۇپلا ئۆزەڭ بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ، شاپاققا تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشۈپسەن. ئاشنى خام يېمە بالام، سەۋر قىل دەپ تۇرساق، بالايى نەپسىڭنىڭ كەينىگە كىرىپ ئاغزىڭنى كۆيدۈرۈپ قويۇپسەن.  مۇشۇمۇ سېنىڭ ئەقلىڭ؟! كىتاب، نەزەرىيە، تەڭلىمە-تىئورمىلارغا ئىشلەتكەن كاللاڭنى مانا مۇشۇنداق جاھاندارچىلىق ئىشلىرىغىمۇ ئىشلىتىپ قويساڭ بولماسمىدى؟
   مەن شۇ تاپتا سەندىن ئاغرىنغان بىلەن، سېنى ئەيبلىگەن بىلەن ئىچىمدىن ئۆزەمنى ئەيبلەيمەن، كىم مېنى سېنىڭ داداڭ بولسۇن دەپتىكەن؟  بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئىشلارنى كۆرمەي ئىلاجىم يوق. لېكىن سەۋەب قانۇنىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، ئاللاھ ھەر ئىشنى ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ،  ياخشى ئىش قىلغۇچىلار مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، يامان ئىش قىلغۇچىلار جازاغا تارتىلىدۇ. مەن ساڭا بۇلارنى دەپ كەلگەن، لېكىن سەن بېيجىڭغا بېرىۋېلىپلا نەپسى خاھىشىڭغا بېرىلىپ، پوققا تېيىلدىڭ. يامانلارنىڭ تايىقىنى يەپ تۇرۇپ، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇلارنىڭ قىلىقىنى دورىغىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ساراڭلىق ئەمەسمۇ؟ نورمال ئادەم شۇنداق قىلامدۇ؟
     بولدى، سېنى ئەيبلەپ نېمە قىلاي، تارتىلىدىغان جازاغا تارتىلدىڭ، قىلمىشلىرىڭغا تۆۋە قىلىپ، ئاچچىق ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇڭ. ئەمدى ئادەم بولارسەن، ئادەم ئۆلۈپ قالمىسىلا، نى ئىشلارنى كۆرىدۇ. بۈگۈن كۆرمىسە، ئەتە كۆرىدۇ، ئەڭ چوڭ ئالامەتنى ئۆلگەندىن كېيىن كۆرىدۇ. سەن دىندىن، ئەخلاقتىن ئازراق بىر نەرسە بىلگەن بولساڭ، بەلكىم گۇناھتىن ئۆزەڭنى تارتقان بولاتتىڭ. بۇ جەھەتتە ساڭا يېتەرلىك تەربىيە بېرەلمىدىم، مانا ھازىر جازاسىنى تارتىۋاتىمەن.
ياشلىقىمدا مەنمۇ سەندەك ئوينىغان، لېكىن ئۇ چاغدىكى دەۋر بۇنچىلىك بەزەپ، قالايمىقان ئەمەس ئىدى. ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى، خۇداغا ئىشەنمەڭلار دېسىمۇ، توختا تۇر، بۇنىڭ كەينىدە گەپ بار دەپ ئويلىنىپ باقاتتۇق، قارىغۇلارچە ئەگەشمەيتتۇق. ئەمما ئىزدىنىدىغان پۇرسەت يوق ئىدى، دىنىي كىتابلارنى ئاسان تاپقىلى بولمايتتى. ئۇ چاغدا ھەممە نەرسە، ھەتتا ئاڭ-ئىدىيەمۇ تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلاتتى، شۇ چاغدا قېتىپ كەتكەن كاللا بىلەن يېڭى ئەسىرگە ئۇلاشقاندا، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ھىدايەتكە ئۇلاشتىم. ئالەمشۇمۇل ھەقىقەتلەرنى  قېرىغاندا بىلدىم، لېكىن ساڭا بىلدۈرۈپ بولالمىدىم، كىچىكىڭدىن تەربىيە قىلالمىدىم. شۇ ئەقلىڭگە يارىشا ساڭا قانداق ياشاشنى، نېمە ئۈچۈن ياشاشنى ئۆگىتىپ بولالمىدىم. ئاللاھ تائالا بۇ جازا ئارقىلىق سېنى ۋە مېنى سىناۋاتىدۇ.
ئەگەر سەن  ئەقىلنى ھەممىنى ھەل قىلالايدۇ دەپ قارىساڭ، خاتالىشىسەن. سېنىڭ مۇشۇ ئاقىۋىتىڭلا ئەقلىڭنىڭ ھەممىگە كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. سەندە ئاۋۋال ئىمان-ئېتىقاد، توغرا نىشان بولۇشى كېرەك. ھىدايەت تېپىپ توغرا يولدا مېڭىشىڭ كېرەك. بولمىسا نۇرغۇن ئاقمايدىغان ئىشلارغا بىھۇدە قۇربان بېرىسەن،  ھەۋەسنىڭ، نەپسانىيەتنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزەڭنى خاراپ قىلىسەن.
ئاللاھ تائالانىڭ ماڭىمۇ، ساڭىمۇ سەۋر ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن. ئەگەر مەندە ئازراق ئىمان بولمايدىغان بولسا، دات-پەرياد كۆتۈرۈپ، سېنى مىڭنى تىللاپ، ئۆزەمنى كاچاتلاپ، جاھاننىڭ تەتۈرلۈكىدىن قاقشاپ، ئىچىپ-چېكىپ يۈرگەن بولاتتىم. قانچىلىك سەۋر-تاقىتىم بولغانچە ئۆزەمنى شۇنچە كۈچلۈك ھېس قىلىۋاتىمەن، ئاپاڭغىمۇ مەدەت بېرىۋاتىمەن. پات يېقىندا مەكتەپتىن رۇخسەت سوراپ، ئاپاڭ بىلەن بېيجىڭغا بارىمىز، ئىشلىرىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ، سېنى كېپىللىككە ئېلىپ چىقىدىغان ئىشنى قىلىمىز، ئەگەر ئۇنىڭغا مۇمكىن بولمىسا باشقا كەلگەننى كۆرىمىز.
ئاخىردا دەيدىغىنىم شۇكى، بۇ خاتالىقىڭدىن ئۆلگىچە ساۋاق ئال، مەندەك قېرىغاندا ئەمەس، دەل مۇشۇ پەيتىڭدە ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچ باغلاپ، ھەممە ئىشىڭدا ئاللاھ كۆرسەتكەن يولدا مېڭىشقا تىرىشقىن. بۇ كۈنلەرنىڭ ھامان ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەن،  ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزمە، بەلكىم بۇ ئىش سېنىڭ كېيىن تۈزۈلۈپ قېلىشىڭغا سەۋەب بولىدۇ. تېنىڭنىڭ سالامەت بولۇشىنى، خاتالىقىڭدىن بالدۇرراق ساۋاق ئېلىشىڭنى، بالدۇرراق ھىدايەت تېپىشىڭنى تىلەپ  داداڭ، ئاناڭ
بۇ خەتنى ئوقۇپ يەڭگىللەپ قالدىم، دېمەك دادام بۇ ئىشنى ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە باغلاپ، سەۋر قىلغانىدى؛ ئاللاھقا قانچىلىك ئىشەنسە شۇنچىلىك سەۋر قىلىدۇ؛ تەقدىردە ئاللاھنىڭ ھامان بىر قانۇنىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بارلىقىنى ھېس قىلسا، بۇ تەقدىرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. دادام نەزەرىيە فىزىكىسىغا تولىمۇ قىزىقىدىغان، ئالەمنىڭ سىرلىرىنى بىلىشكە توختىماي ئۇرۇنىدىغان، «بىلىم-كۈچ» ژۇرنىلىنى قالدۇرماي ئوقۇيدىغان، بالىلارغا دەرسنى قىزىقارلىق سۆزلەيدىغان، ئىدىيىسىنى پات-پات ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان، بىر دەم دىندار بولۇپ كەتسە، بىر دەم گۇمانلىنىپ توختاپ قالىدىغان ئادەم ئىدى، ئۆمرى ئاز قالغانچە ھىدايەت تاپقان بولسا، بۇنى ماڭا نامايىش قىلىپ نەسىھەت قىلغۇدەك ھالغا كەلگەن بولسا، ئەمدى مۇشۇ يولدا چىڭ تۇرۇشى مۇمكىن. چۈنكى قېرىلىق، كېسەللىك ۋە ئۆلۈم ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇ دۇنيالىق تەپەككۇرىنى قوزغىتىدۇ، مىجەزىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ، «ئۆلگىلى ئاز قالدىڭ، نېمە ئويلاۋاتىسەن؟ قارارىڭنى چىقار، گۇمان بىلەن ئۆلسەڭ ئازابلىنىپ ئۆلىسەن،  ئىمان بىلەن ئۆلسەڭ راھەتلىنىپ ئۆلىسەن» دەيدۇ. كىمنىڭ راھەتلىنىپ ئۆلگىسى يوق، دادام ئەقىللىق ئادەم، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا قايسى يولدا مېڭىشنى بىلىۋاپتۇ، سەكراتتىكى چىرايىنى ئالدىن سىزىۋاپتۇ، ئۆلۈمگە قانداق يۈزلىنىدىغانلىقىنى، ئۇ دۇنياغا قانداق تەييارلىق بىلەن بارىدىغانلىقىنى بېكىتىپ بوپتۇ.

سولاققا چۈشمەستە قىلىدىغان ئىشلىرىم ۋە ئوينايدىغان ئويۇنلىرىمنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋاقىت يېتىشتۈرۈپ بولالماي قالاتتىم، خوشىنو ئۆزىنىڭ ھەم مېنىڭ ۋاقتىمنى زىچ ئورۇنلاشتۇراتتى، مەدەنىيەت، ساپا دېگەن ئەمەلىيەتتە ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش، ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋاقىتتىن قانداق ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مەسىلىسى ئىكەن، ئۇ ئەتىگەندە بىر سائەت بولسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بىر ئىش قىلىۋېلىشقا ئالدىرايتتى، مەن بولسام بىر سائەت بولسىمۇ ھېچنېمىنى تۇيماي ئۇخلىۋالسام دەيتتىم. كېيىن ئۇمۇ مەن بىلەن تەڭ ئۇخلايدىغان بولدى، بىر-ئىككى سائەت ئۇخلىۋالساق جاھان بىزنىڭ، بەخت بىزنىڭ، مۇۋەپپەقىيەت بىزنىڭ ئىدى، دەرسلەر خىيالىمىزغا كىرىپ چىقمايتتى، ئويۇنىمىزدىن ئازراق ئاجراپ، بىر-ئىككى سائەت تەكرار قىلىۋالساق، باشقىلارغا تەڭ يېتىشىپ كېتەلەيتتۇق. شېكەر شەنبە، يەكشەنبىلىرىمىزنى چەت ئەللەردە ئۆتكۈزۈپ، ھەپتىلەپ شۇ يەردە ئويناپ مەكتەپكە كەلمىگەن ۋاقىتلىرىمىزمۇ بولدى، دەرس قالدۇرغان سائەتلىرىم كۆپ بولغاچقا مەكتەپتىن ماڭا بىر قانچە قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، شۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان بولدۇم، ئەمما خوشىنونىڭ راھىتىدىن كېچەلمەيتتىم، دەرسكە كىرىپ سائەت-سائەتلەپ ئەسنەپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن شىرىن مىنۇتلىرىمنى ئەسلەيتتىم، سىنىپتىكى باشقا خەنزۇ قىزلارغا كۆز سېلىپ، ئۇلار بىلەن مۇھەببەتلەشسە قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. كۆزەينەك تاقىۋالىدىغان تاقىر باش پروفېسسورلار دەرس ئۆتكىلى كىرسە، ئەركەكلىك كۈچىدىن كەتكەن بۇ بىچارىلەرنىڭ ئۆز ھالىدىن بىخەۋەر كاپىلداپ سۆزلەپ كېتىشلىرىدىن زېرىكەتتىم. ئۇلار تېخى بەزىدە بالىلارنىڭ بىپەرۋا، ئۇيقۇچان ھالىدىن نارازى بولۇپ، كۈچەپ، ۋاقىراپ دېگۈدەك دەرس سۆزلەيتتى، مەن ئىچىمدە، ئۆيۈڭدىكى تەتەيخانغا مۇشۇنداق زۇۋاندا سۆزلىيەلەمسەنكىن قېنى؟ دەپ مەسخىرە قىلاتتىم.
بىر قېتىم بىز ياپونىيەگە بېرىپ ئۇزاقراق تۇرۇپ قالدۇق، شىرىن ساياھەتلىرىمىزنى تۈگىتىپ كەلسەم، ياتاقتا مەن توغرۇلۇق مىش-مىش پاراڭ كۆپىيىپ قاپتۇ، مەكتەپتىن مېنى قوغلاندى قىلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇدەك، بۇنى ئاڭلاپ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ، تۈكلىرىم تەتۈرگە ئۆرۈلۈپ كەتتى. مەن كۆزگە ئىلمىغان بۇ مەكتەپ مېنى تاشلىۋېتىش ئالدىدا تۇراتتى، قېرىغانچە ھەسەتخورلىشىپ كەتكەن سىنىپ مەسئۇلى،  مېنىڭ ئەسلىدىنلا مۇنەۋۋۋەر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلمەيدىغان مەكتەپ مۇدىرى، مېنىڭ بەك ئويناپ كەتكىنىمگە چىدىماي قالغان ئىنجىمارۇق ساۋاقداشلىرىم مېنى كۆزدىن يوقاتماقچى بولۇشقانىدى.  شۇنىڭدىن كېيىن بىردىنلا چۈشكۈنلىشىپ، كۆزۈمگە ھەممە نېمە سەت كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. ھۇزۇرۇم قاچتى، يېگەن تاماقلىرىم، سۈرگەن لەززەتلىرىم تېتىمايدىغان بولۇپ قالدى، سىنىپ مەسئۇلىنى، فاكۇلتېت مۇدىرىنى ئىزدەپ يالۋۇردۇم، بۇنىڭدىن كېيىن قەتئىي دەرس قالدۇرمايدىغانلىقىم توغرۇلۇق ۋەدە بەردىم. ئۇلار بۇتتەك قېتىۋېلىپ،  ساڭا شۇنچە ئاگاھلاندۇرۇش بەرسەك ئاڭلىمىدىڭ، ئەمدى ئىدىيەڭدە تەييارلىق كۆرۈپ قوي دېدى. بەلكىم مەندىن بىر نەرسە تامە قىلدى. قاشتېشى بېرەي دېسەم، ھېچنېمە يوق. پۇل بېرەي دېسەم ئاز پۇلغا ئۇنىمايدۇ. ھەتتا تېخى ئىستىلىنى پەش قىلىپ مېنى تېخىمۇ ئوسال قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىنىپ مەسئۇلىغا ئۇزۇن بىر پارچە خەت يازدىم،  ئۆزەمنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن نامرات ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىمنى، پۇل تېپىش ئۈچۈن سىرتلاردا ئىشلىگەنلىكىمنى، ماڭا بۇنداق ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىۋار قىلىشى لازىملىقىنى، ئاخىرقى قېتىم پۇرسەت بەرسە ئەڭ ئاقىلانىلىق بولىدىغانلىقىنى، تەكىلماكاندىن كەلگەن بىر ياشنىڭ ئىستىقبالىنى مۇشۇنداقلا نابۇت قىلىۋەتسە بولمايدىغانلىقىنى، كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدىم. سىنىپ مۇدىرى بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى، چىرايىنىمۇ ئاچمىدى، ھېچ بولمىسا مېنى چاقىرىپ «توختا تۇر، مۇزاكىرىلىشىۋاتىمىز» دېگەن گەپنىمۇ   قىلمىدى.  بارا-بارا ۋەھىمىگە چۈشتۈم، خېتىمدىكى مەزمۇنلارنى ئويلاپ، ئۆزەمنىڭ ئاجىز ئورۇندا تۇرۇپ ئۇلارغا يالۋۇرماقتا يوق، تەھدىت ئارىلاش مەسلىھەت سالغانلىقىمنى ئويلاپ، جىلە بولۇپ، دۆتلۈكۈمدىن ئاغرىنىشقا باشلىدىم.
خوشىنونى كۆرسەملا سەپرايىم ئۆرلەيتتىم، ھەتتا يۈزىدىن يۈزىگە: ھەممىگە سەن سەۋەبچى، ماڭا پاقىدەك چاپلىشىۋالمىغان بولساڭ، دەرستىن قالمايتتىم. مېنى ئۆزەڭنىڭ قىلىۋالمىغان بولساڭ، مەن ئۆزەمگە ئىگە بولالايتتىم. مېنى مەكتەپتىن قوغلىۋېتىپ قالسا، ئاتا-ئانامنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟ دېدىم. ئۇ ماڭا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلدى:
__ ھەي،  ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ياشايدىغان ئەخمەق، سەن بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ يۈرگەندە ئاتا-ئاناڭ نەدە قالغان؟ ماڭا ئېسىلىپ چاپلىشىپ يۈرگەندەك كاللاڭ نەگە كەتكەن؟ ھازىرمۇ كاللاڭ ئىشلىمەيۋاتىدۇ، دۆت قاپاق!
غەزەپتىن تىترەپ كەتتىم، بېرىپلا ئۇنى ئۇرىۋەتكۈم كەلدى، ئەمما قولۇم شۇنداق تەگكەن ھامان ئۇنىڭدىنمۇ قۇرۇق قالىدىغانلىقىمنى ئويلاپ توختاپ قالدىم. ئۇ سۆزلەۋەردى:
__ مەن بۇ  مەكتەپلەرنىڭ مۇنداق تۈزۈمنى بارلىقىنى نەدىن بىلەي! ئەگەر شۇنچىلىك دەرس قالدۇرغانغا قوغلىۋېتىدىغان ئىش بولسا، بۇنداق مەكتەپتە ئوقۇمىغان تۈزۈك، بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت! قوغلىۋېتىدىغان ئىش بولسا، تىرىشىپ ئۆگەنمەيدىغان، سىناقتىن ئۆتەلمەيدىغان، ماقالە يازالمايدىغانلارنى قوغلىۋېتىش كېرەكقۇ؟ لېكىن بۇمۇ خاتا، ئۇلارنى يېتەكلەش كېرەك، بۇنىڭدىنمۇ مەغلۇب بولسا بۇ مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتى. جۇڭگوغا كېلىپ شۇنى كۆردۈمكى، بۇ دۆلەتنىڭ مائارىپى بەك قالاقكەن، ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنكەن، ئوقۇغۇسى يوق ئادەم مەجبۇرىي ئوقۇيدىكەن، بۇنداق مەكتەپتە ئوقۇغۇم يوق، باشقا ئىش قىلاي دېمەيدىكەن؛ مەكتەپمۇ ئۇلارنى مەجبۇرىي ئوقۇتىدىكەن، ئوقۇتالمىسا قوغلايدىكەن. بۇ دۆلەتتىكى ئالدامچىلىق ۋە ئىسراپچىلىق ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، شۇڭا مەن بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرمايمەن، ھەر قېتىم دۆلىتىمىگە قايتسام، بىر مۇنچە خاتا ئىشلارنى قىلىپ كۈلكىگە قالىمەن، نېمىشقا دەمسەن؟ بۇ يەرگە كۆنۈپ كەتكەنلىك بولمامدۇ؟ شۇڭا مەن  بۇ يەردىن كېتىشكە ئالدىرايمەن، ساڭا كۆپ ساقلاپ تۇرالمايمەن، توي ئىشىمىزنى كەينىگە سۈرمە، ئاتا-ئاناڭنى قايىل قىل. مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىدىغان بولدى دەپ مەن بىلەن تاكاللاشما، ئۇنداق مەكتەپ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئۆزەڭگە ئىشەن!
ئۇنىڭغا قاراپ چەكچىيىپ تۇرۇپ قالدىم، ئۇ بۇ ئىشنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويمىدى. دېمەك، مېنىڭ مەكتەپتىن بالدۇرراق قوغلىنىشىمنى ئۈمىد قىلىدۇ، ھەتتا مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئالدىن پىلانلىدى، جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇنداق تۈزۈمى بارلىقىنى بۇ بىلمەي قالمايدۇ، ئاغزىدا جۇڭگو مائارىپىنى تىللىغان بىلەن ئەمەلىيەتتە بۇ مائارىپنى ئېتىراپ قىلىدۇ، بولمىسا نېمىشقا بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇيدۇ؟
ئالىي مەكتەپتىن قوغلاندى دېگەن گەپ ئون نەچچە يىللىق ئوقۇشۇم ۋەيران بولدى دېگەن گەپ، ئاتا-ئانام ۋە دوست-دۈشمەنلىرىم ئالدىدا رەسۋا بولدۇم دېگەن گەپ. ماڭا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئىش بولامدۇ؟ ئادەتتە تاپىنىمدا مىجىلىپ تۇرىدىغان بۇ مەكتەپ ئەمدى بېشىمغا يىقىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چۇماق دېگەن مانا شۇ.  خوشىنو ماڭا تەسەللىي  بەرمەكتە يوق، يارامغا تۇز سەپتى؛ دەردىمگە يەتمەكتە يوق، ئەكسىچە غەزەپ ئوتۇمنى ئۇلغايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى باشلىۋەتتىم، ئۆزەم خۇشال بولمغاندىكىن ئۇنىمۇ خۇشال قىلمىدىم، ئۆزەم چۈشكۈنلىشىپ تۇرغاندىكىن، ئۇنىمۇ چۈشكۈنلەشتۈرۈپ ساراڭ قىلىۋەتتىم. ئۆزەم جىلە بولۇپ، ئاللىكىملەرگە غەزەبلىنىپ تۇرغاندىكىن، ئۇنىمۇ غەزەبلەندۈرۈپ، ئۆزەمگە ئۆچ قىلىۋەتتىم. سەن بىلەن ھەرگىز توي قىلمايمەن دېدىم،  بىللە بولغاندا يۈزىگە تۈكۈرۈۋەتكىلى تاس قالدىم، ئەڭ بولمىغاندا، ئۆزەم باشتا نەپسىمنى قاندۇرۇۋېلىپ، ئۇنى يېرىم قالدۇرۇپ جىلە قىلدىم، تېرىكتۈردۈم، جېنىنى چىقاردىم. شۇنداق قىلىپ، ئەڭ ئاخىردا بىر مەيدان قاتتىق جەڭ بىلەن ئىشىمىزنى ھەل قىلدۇق،  ئادا-جۇدا بولدۇق، تۈگەشتۇق.
  ئۇنىڭغا باغلانغان شىرىن ئەسلىمىلىرىم گۈللەر ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن كېپىنەكتەك شۇنچە چىرايلىق، شۇنچە يەڭگىل، شۇنچە لەرزان. بىراق ئاخىرقى كۈنلەردىكى جەڭ-جېدەل ۋە ئۆچمەنلىكلىرىمىز ئۆمۈچۈكتەك تور توقۇپ ئۇ كېپىنەكنى پارچىلاپ يەۋەتتى. كۆز ئالدىمدا ھامان شۇ مەنزىرە، ئۇنىڭ نەپرەتتىن چەكچەيگەن قورقۇنچلۇق كۆزلىرى، جاۋغىيىدىن ئېقىۋاتقان قان، سېلىنىپ كەتكەن ئاياغ… بىر ئىستاكان سۈزۈك سۇغا بىر تېمىم قارا سىياھ تېمىپ كەتسە، ھەممىنى بۇلغايدۇ، ھەممىنى قارا قىلىدۇ. بىرسىنى بىر كۈن كۈلدۈرۈپ، ئاخىرىدا بىر ئېغىز گەپ بىلەن ھاقارەتلىسە، كۈلكىلىرىنى تامامەن ئۇنتۇپ، شۇ ھاقارەتنى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ.  مېنىڭ راست-يالغان مۇھەببىتىمدىن، ئەركەكلىك كۈچۈمدىن نەچچە ئاي ھۇزۇرلانغان خوشىنومۇ بۇلارنى ئۇنتۇپ قېلىپ، مېنىڭ قاتتىق مۇشتۇمنى نەپرەت بىلەن ئەسلەيدۇ. بۇ يۈزسىزلىك، بۇ شەرمەندىلىك بارچە نائىنساپلىق ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ مەنبەسى. ئەگەر خوشىنو ئىنسان تەبىئىتىدىكى بۇ ئاجىزلىقنى، بۇ يۈزسىزلىكنى يېڭەلىسە، خېتىمدىن تەسىرلىنىپ مېنى بۇ يەردىن قۇتۇلدۇرىدۇ. دادامنىڭ پۇل بىلەن مېنى كېپىللىككە ئېلىپ چىقىشىدىن ئانچە ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەيمەن، چۈنكى ماڭا خېلىلا ئېغىر جىنايەت ئارتىلدى، بۇ جىنايەتنى پەقەت ئەرز قىلغۇچىلا يەڭگىللىتەلەيدۇ ياكى يوق قىلالايدۇ. ئەگەر خوشىنو مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان، ماڭا قىيالمايدىغان بولسا، مېنى ئۆزىنىڭ شەرتىگە كۆندۈرۈش ئارقىلىق بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىدۇ. شەرتىگە كۆنمەي ئىلاجىم يوق، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساممۇ بولىۋېرىدۇ، ئەگەر مۇسۇلمان قىلسام ئاتا-ئاناممۇ قوشۇلىدۇ، ساۋاب تاپىمەن…
    بۇ خىيالىمدىن قانائەتلىنىپ، تەسەۋۋۇرۇمدىن قاناتلىنىپ، گۈزەل تۇرمۇشۇمنىڭ پىلانىنى سوقۇپ يۈرگىنىمدە، خوشىنودىن خەت كەلدى. بۇ جاپالىق، زېرىكىشلىك كۈنلىرىمدە سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتكەن نەرسەم ئاخىر قولۇمغا تەگدى، شۇ چاغدا يېنىمدىكى كاتەككە بىرسىنى سولىدى، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ئادەم سوققان بىرى ئوخشايدۇ، ئالىجوقى سۆزلەپ توۋلايتتى، « ئانا… مېنى كەچۈر» دەپ ھۆڭرەپ يىغلايتتى. بۇ يىغا-زارىنى ئاڭلىغاچ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم:
تۈرمىدىكى كۈنلىرىڭ ياخشى ئۆتۈۋاتامدۇ؟ مېنى شۇ يەردە ئەسلەپ تۇرغىنىڭغا رەھمەت. مەن سەن بىلەن ئادا-جۇدا بولغاندىن كېيىن دۆلىتىمگە قايتىپ كەتتىم، خېتىڭنى ياتىقىمدىكى دوستۇم ماڭا ئەۋەتىپ بەردى. خېتىڭنى ئوقۇدۇم، يالغاننى جىق توقۇپسەن، ئوقۇپ بولۇپ يىرتىپ تاشلىۋەتتىم، سەمىمىيەتسىز ئەبلەخ! سېنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن. نېمىشقا ماڭا راستىڭنى دېمەيسەن؟ مېنى تىللاپ يازغان بولساڭ ئىشىنەتتىم، ئەمما بۇ گەپلىرىڭگە ئىشەنمىدىم، مېنى شۇنچە دۆت كۆرۈپ قالدىڭما؟ مەن بىلەن بىللە يۈرگەن چېغىڭدا نېمىشقا شۇ گەپلەرنى دېمەيسەن؟ سېنىڭ يالغانچىلىقىڭنى، مەندىن پايدىلىنىش ئۈچۈنلا مۇھەببىتىم بولۇۋالغىنىڭنى بىلسەممۇ، سېنى ياخشى كۆرگەچكە مەيلى دېدىم. مېنى ياپونلۇق دەپ ھۆرمەتلەيدىغانلىقىڭنى، ئەمما چىن دىلىڭدىن سۆيمەيدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىمەن. سېنى ياخشى كۆرگەچكىلا ھەممىگە چىدىدىم، نۇرغۇن پۇل خەجلىدىم، ھەممىنى ئۆزەم خالاپ قىلغاچقا، بۇنىڭغا ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن.  سەن مېنى ئەمەس ئاتا-ئاناڭنى ياخشى كۆرىسەن،  ياق، ئاتا-ئاناڭنى ئەمەس، ئۆزەڭنى بەك ياخشى كۆرىسەن، چىرايلىق قىزلارنى كۆرسەڭ نەپسىڭ تاقىلداپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇلارغا ئېرىشەلمەيسەن، بىچارە ئەبلەخ! سەندە مەسئۇلىيەت دېگەن نېمە يوق، نەپسىڭ قانسىلا بولدى، قالغىنى بىلەن چاتىقىڭ يوق. تۈرمىدىن ئەچىقىپ قويسام، مەن بىلەن توي قىامسەن؟ بۇمۇ ناتايىن، سەندەك مىجەزدىكى ئادەم گېپىدە تۇرمايدۇ، مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق ساختىپەزلىك قىلىدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكى، ئالدامچىلىقى، ساختىلىقى دۇنياغا مەشھۇر، سەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئۆزەڭنى ئاقلايمەن دەپ ئاۋارە بولما.
مېنى ئۇرغان كۈنۈڭدىن باشلاپ سەن مېنىڭ قەلبىمدە يوق، بىلدىڭمۇ نامەرت ئەبلەخ! ھېچكىم ئۆزىنىڭ ياخشى ئادىمىنى ئۇرمايدۇ، ئۇرسىمۇ ئۇنداق ئۆچمەنلىك، قەھرى-غەزەپ بىلەن ئۇرمايدۇ. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، تاياق يېگۈچىنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىكنى ئاسانلىقچە يوقىتالمايدۇ. مەن بۇ ئۆمرۈمدە ھېچكىمدىن  تاياق يېمەي سەندىن يېدىم، يېگەندىمۇ ئۆلگۈدەك يېدىم. نەپرىتىم قايناپ تاشتى، سېنى ئۆلتۈرۈۋەتكۈم كەلدى، لېكىن سەن كۈچلۈك، مەن ئاجىز بولغاچقا، باشقا ئۇسۇل بىلەن ئىنتىقامىمنى ئالدىم. مېنى ئۇرغان شۇ قولۇڭ قۇرۇپ كەتسۇن، ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان قاپاق كاللاڭ چىرىپ كەتسۇن، سەن بۇ جازاغا لايىق، تۈرمىدىن چىقىمەن دەپ خام خىيال قىلما!
  سەن خىيالىڭدا ياپون ئاياللىرى ئەرلەرگە بوزەك بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ ئەگەر بوزەك قىلىمەن دېسەڭ، سەنمۇ ياپون ئەرلىرىدەك سەمىمىي، كۆيۈمچان، ھەقىقىي ئەركەك بولۇپ كەل! يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئەينى چاغدا سېنىڭ نەرىڭنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمغا ھەيران قېلىۋاتىمەن. مېنى مەلۇم جەھەتتە رازى قىلغىنىڭ راست، لېكىن بۇ ئىقتىدارىڭغا بەك ئىشىنىپ كەتتىڭ،  ئۇنىڭدىن ئېشىپ ماڭا ھايۋانلىق قىلغۇدەك، زوراۋانلىق قىلغۇدەك دەرىجىگە يەتتىڭ. مېنى ئەقلىڭ، مىجەزىڭ، سەمىمىيلىكىڭ بىلەن ئەمەس، قارا كۈچۈڭ، تەلۋىلىكىڭ بىلەن بويسۇندۇرماقچى بولدۇڭ. ياپون ئاياللىرى قوپاللىققا، زوراۋانلىققا ئامراق دەپ ئويلىغانمىدىڭ؟ دۆتلۈكۈڭگە ھەيرانمەن. 
مەن بىلەن شۇنچە ئاي بىللە ياشاپ مېنى چۈشەنمىگەن، ھالىمغا يەتمىگەن بولساڭمۇ، ساڭا پۈتۈن سەمىمىيىتىم، راستچىللىقىم بىلەن مۇئامىلە قىلدىم، ساڭا كۆيۈندۈم، شۇنچە چەكىلىمىلەرگە قارىماي سەن بىلەن توي قىلىشنى ئويلىدىم، لېكىن سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەندىكى ئاجىزلىق، بېقىندىلىق دەپ چۈشەندىڭ، مەن بىر ئىش قىلسام ئاخىرىنى چىقىرىشقا تىرىشىمەن، جاھاندا ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە يوق دەپ ئۆزگەرتىپ بېقىشقا ئۇرۇنىمەن، ئەمما سەن قېتىپ كەتكەن داشقال ئىكەنسەن. سېنى ئالتۇن قىلىمەن دەپ بىكار ئاۋارە بوپتىمەن، ئۆزگەرتىمەن دېگەنچە ھەددىڭدىن ئاشتىڭ، ئاخىردا پېشانەمگە تېگىپ بېشىمنى ياردىڭ. شۇ چاغدا ئاندىن ئۆزەمنىڭ سەندىنمۇ ئۆتە دۆت ئىكەنلىكىمنى چۈشەندىم. ياخشى كۆرۈش ئادەمنى ھەقىقەتەن قارغۇ، گاس، گاچا، كالۋا قىلىپ قويىدىكەن. ئۆزەمگە ئېچىنىمەن.  ئاخىرقى ھېسابتا، نېمە ئاجىزلىقىم بارلىقىنى، نېمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى، ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇشۇم كېرەكلىكىنى بىلىۋالدىم.
   سەن ئەمدى مەن توغرۇلۇق خام خىيال قىلما، بۇ قېتىمقى خېتىڭ ئارقىلىق ئۆزەڭنىڭ نەقەدەر چاكىنا، ئەرزىمەس ئادەملىكىڭنى ئىسپاتلىدىڭ. ساڭا بولغان ئازغىنە ھېسداشلىق ۋە ساراڭدەك سېغىنىشلىرىمنىمۇ يوق قىلدىڭ. جازادىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تاپقان ئويۇنىڭنى قارا! ئويلىساملا كۈلىمەن، سەن باشتىن ئاخىر مېنى ئالداپ، مەندىن پايدىلىنىپلا كەلگەچكە، بۇ قېتىممۇ مېنىڭ ئاجىزلىقىمدىن پايدىلىنىپ مەقسىتىڭگە يەتمەكچى بولدۇڭ.  ئۆزەڭنى  قانچىلىك ئەقىللىق چاغلىساڭ، باشقىلار ئالدىدا شۇنچە دۆت كۆرۈنىسەن. بۇنى ئۇنتۇپ قالما. كاللاڭنى سىلكىۋېتىپ ياشا، ئۆتكەن قىلمىشلىرىم ئۈچۈن بۇ جازانى تارتىشقا ھەقلىقمەن، جازا ئارقىلىق گۇناھىمنى يۇيىمەن دەپ ئويلا. سېنىڭ ھەر كۈنى پۇشايمان قىلىشىڭنى، قايتىدىن ئادەم بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن.    سەندىن قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان دۆت ئاشىقىڭ: خوشىنو
خەتنى ئوقۇپ ئاچچىقىمدا يىرتىپ-يىرتىپ، تاكى قەغەزلىرى قولۇمغا چىقمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇششاق تىتىۋەتتىم. دېمەك، مەن دەرىجىدىن تاشقىرى ماز ئىدىم، ئۆزەم نەچچە ئاي خوتۇن قىلغان مايماقنىڭ ئەسلىدە نېمە ئويلايدىغانلىقىنى بىلمەي يۈرگەن ھاماقەت ئىدىم، تاياق يېگەن خوتۇننىڭ نەپرىتىنىڭ بۇنچە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى پەملىيەلمىگەن قاپاق ئىدىم. دېمەك، ئۇنى ئۇرۇپ توغرا قىپتىمەن، توي قىلماي توغرا قىپتىمەن، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، شاپتۇلدەك شۈمۈپ يەپ كېرىكى قالمىغاندا تاشلىۋېتىپ توغرا قىلىپتىمەن!

ئۇنى ئويلىغانچە غەزىپىم تاشتى، ۋۇي قىساسكار چايان!  ياپون خوتۇنلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق يۈزسىز، رەسۋا، ساراڭ بولامدىغاندۇ ياكى  جاھاندىكى خوتۇنلارنىڭ ھەممىسى شۇنداقمىدۇ؟ دەل مۇشۇ پەيتتە خوشىنو بىلەن بىللە ماڭغان چېغىمدا ماڭا ئەجەبلىنىپ قاراپ كەتكەن ئۇيغۇر قىزلىرى خىيالىمغا كېلىۋېلىپ ئارامىمنى بۇزدى، بىزنىمۇ ساددا، ئەخمەق دەپ ئويلاپ قالما، قىزلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش… دەپ مەسخىرىلىك كۈلۈشتى. خوشىنونى خوتۇن قىلغاندا، بۇرۇن سېھىرلىك، سىرلىق تۇيۇلىدىغان ئىشلارنىڭ قىززىقى قالمىغاندا، قىزلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، تەلىپى ئوخشاش، قوغلىشىدىغان نەرسىلىرى ئوخشاش، ھاجىتىنى راۋا قىلساملا ئالدىمغا كېلىدۇ، ئوغۇللۇق جاسارەتكە ئېگىلمەيدىغان قىز يوق،  ئۇلارنى مەندەك چۈشىنىدىغان ئادەم يوق، ئەگەر ۋاقتىم، ئىمكانىيىتىم بولسىدى، نەچچە قىزنى ئالقىنىمدا ئوينىتاتتىم… دېگەندەك خىياللاردا بولغىنىم ئېسىمدە، بۇ خىياللار ئەسلىدىكى يوشۇرۇن ئىستەكلىرىمنى جانلاندۇرۇپ، خاراكتېرىمنى كۈچلۈك قىلىۋەتكەنىدى، ئاقسالىشىپ كەتكەنىدىم. بەزى قىزلار ھەقىقەتەن ماڭا قىزىقىپ قارىغان، بىر قاراپلا ئۇلارنى ئىككى كۈندە كەلتۈرۈۋېتەلەيمەن دەپ ئويلىغان، ئۇ مېنىڭ تازا ئۇچۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى. گويا كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈت ئىدىم، مەكتەپتىكى پۈتۈن توشقانلارنى ئوۋلىيالايدىغان ئۆتكۈر كۆز، قاراملىق، جاسارەت، ماھارەت مەندە بار ئىدى، ئۇزاق مەنزىللەرگە بارالايمەن، نىشانىمغا يېتەلەيمەن دەپ ئويلايتتىم، بىراق ئۆلگۈر خوشىنو قاناتلىرىمنى ئۇرۇپ يەرگە چۈشۈرۈپ، باغرىمنى قان قىلدى. ئازغىنە ئۈمىدىمنى يوققا چىقىرىپ، غۇرۇرۇمنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.
    ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا خەت يازدىم، ئەپسانە گەپلەر بىلەن تىللىدىم، ياخشى ئىشلىرىمنى ئىنكار قىلىپ، يامان ئىشلىرىمنى ماختىدىم. ئۇنى ئۇرۇپ پۇخادىن چىققانلىقىمنى، غۇرۇرۇمنى ئاقلىغانلىقىمنى ئېيتتىم.  ھەتتا بۇنىڭغىمۇ قانائەتلەنمەي،  ياپون ئالۋاستىلىرىدىن ئۆچ ئېلىشنىڭ نەقەدەر كۆڭۈللۈك بولىدىغانلىقىنى ئېيتماقچى بولدۇم، بىراق ئۇنداق يازمىدىم. بۇ گەپلەر ئۇنىڭغا كۈلكە بولۇپ بېرەتتى. خەتتە مەن ئۇنى ئىككى ئابزاس تىللاپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدىم:
راست دەيسەن، خېتىمدە دېگەن گەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى يالغان، سەن مېنىڭ نەزەرىمدە جىنسىي ھەۋەسنى قاندۇرۇشتىن باشقىغا يارىمايدىغان سۇلياۋ قوچاق!  سۇلياۋ قوچاقتىن پەرقىڭ شۇكى، ئازراق جېنىڭ بار، كالتە  پەمىڭ بار. ئەمەلىيەتتە سېنىڭ چىشى مايمۇنچىلىكمۇ ئەقلىڭ يوق. مايمۇن جېنىدا ئۆزىنىڭ جۇپتىغا ئاسىيلىق قىلمايدۇ، نەپسىنى قاندۇرۇۋېلىپلا قوڭىنى چۆرۈپ كەتمەيدۇ، يىراققا بېرىۋېلىپ سەندەك چىقىراپ تىللىمايدۇ. تېخى مەندىن پايدىلاندىڭ دەپسەن،  سەن باشتا مەندىن پايدىلاندىڭ، ئاندىن مەن سەندىن پايدىلاندىم. بۇ سودىنى سەن مەندىن ياخشى بىلىسەن، ھەرگىز بىكار ئىش قىلمايسەن (ئەگەر ياپونلۇقلار ئىچىدىن چىققان ئەڭ دۆت بىرسى بولساڭ بۇ باشقا)، ئاخىرقى ھېسابتا نەپسىڭنى قاندۇرۇپ، مېنى ئۆزەڭگە ئۇرغۇزۇپ، مەقسىتىڭگە يەتتىڭ!  يەنە داۋاملىق مېنىڭ غەزىپىمىنى ئۆرلىتىپ «مېنى تىللا، مېنى تىللا» دەپ تۇرىسەن ۋۇي خارلىنىش سارىڭى! سەندەك بىنورمال، ئەسەبىي مەخلۇققا ئەمدى ھەرگىز يېلىنمايمەن،  سېنى لەنەت-نەپرەت تۈۋرۈكىگە مىخلاپ، كۈندە يۈز قېتىم تۈكۈرۈپ تۇرىمەن.
خەتنى يېزىپ بولۇپ پۇخادىن چىققاندەك بولدۇم، ئۇنىڭ يۈزسىزلىكى، رەسۋالىقىغا مۇشۇنداق قاتتىق تەگمىسەم ئۇنى رازى قىلالمايتتىم. ئۇنىڭ تەبىئىتىدىن ياپونلۇقلارنىڭ تەلۋىلىكىنى، زوراۋانلىق بىلەن جىنسىي ھاياجاننى، تىل-ھاقارەت بىلەن مۇھەببەتنى بىرلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. ئۇنىڭ ساراڭلىقى مېنى دەھشەت تېرىكتۈرگەن بىلەن ئىچىمدە يەنە بىر خىل ئەسەبىيلىك ۋە ياۋايى ئىستەك قوزغايتتى. ئۆتكەنكى قېتىمدا ئەگەر ئۆز تەپەككۇرۇم بىلەن ئەمەس، ئۇ ساراڭنىڭ تەپەككۇرى بويىچە خەت يازغان بولسام، ئۈنۈمى باشقىچە بولاتتىكەن. «مەن سەندىن ھەر كۈنى نەپرەتلىنىمەن، ئەگەر تۈرمىدىن قۇتۇلسام بىرىنچى بولۇپ سېنى ئىزدەپ تېپىپ، گېلىڭدىن بوغۇپ، نەپسىڭنى قاندۇرۇپ بولۇپ ئاندىن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن»دېگەن بولسام، ئۇ بۇنى راست دەپ چۈشىنىپ، نېرۋىسىنى ئاداشتۇرىدىغان غىدىق ئىزدەپ، ئالدىمغا كېلەرمىدى؟  بۇنىڭدىنمۇ گۇمانلىنىمەن، ئەگەر ئۇ راستىنلا خارلىنىش سارىڭى بولغان بولسا، تاياق يېگەنگە ئۇنچە سەكرەپ، مېنى سولىتىۋەتمەس بولغىيدى، تايىقىنى يەپ بولۇپ  مەن بىلەن ئەسەبىيلەرچە ياشاۋەرگەن بولار ئىدى.  ئىشقىلىپ، بۇ مەخلۇقنى يەنىلا چۈشەنمەيدىكەنمەن.  تىل-ھاقارەتكە توشقان بۇ خېتىمنى كۆرسە مېنى سېغىنىشى مۇمكىن، يا بولمىسا ئاۋۋالقىدەك نەپرەتلىنىشى مۇمكىن، ئۇنىمۇ بىلمەيمەن.
    ئىككى ھەپتىدىن كېيىن دادام، ئاپاملار بېيجىڭغا كېلىپ، مەن بىلەن كۆرۈشەلمەي خەت كىرگۈزۈپتۇ:
بالام، سېنىڭ ئەنزەڭ تەپتىش ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كۆرۈشەلمەيدىكەنمىز، ئادۋوكات ئىزدەپ باقساق، 100 مىڭ كويدىن چۈشمەيۋاتىدۇ. ئۆزەڭ بىلىسەن، بىز مائاشقا تايىنىپ ئاران ياشاۋاتقان ئادەملەر، ئۇنچىلىك جىق پۇلنى نەدىن تاپىمىز. بۇ يەردە بىر كۈنلۈك ياتاقنىڭ ھەققى پالانى پۇلكەن، جىق تۇرالمىغۇدەكمىز، سىڭلىڭ قوشنىلارنىڭكىدە قالغان، ئۇنىڭ تېنى بەك ئاجىزلاپ كەتتى، كېسىلىنى داۋالاتمىساق تېخى بولمايدۇ، ئۇنىڭغىمۇ پۇل كېرەك. مۇھتاجلىق يامانكەن بالام، سېنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشتىن باشقا چارىمىز قالمىدى، ئاپاڭغىمۇ جىق تەسەللىي بەردىم، بىزنى بۇ كۈنگە قويمىغان بولساڭ ياخشى بولار ئىدى، بولغۇلۇق بولدى، ئاللاھ تائالا ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلار، بىزنىڭ ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ يۆلەنچۈكىمىز يوق، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن باشقا ھېچ ئۈمىدىمىز يوق. نەرسە-كېرەكلىرىڭنى ساقچىلار قولىمىزغا تاپشۇرۇپ بەردى، ئۆزەڭگە لازىملىق نەرسىلەرنى، كىتابلىرىڭنى ساقچىلارغا بېرىپ قويدۇق، قۇرئانمۇ باردەك قىلىدۇ، بىكار قالغاندا ئوقارسەن. 
كۆزىمىز كەينىدە قالدى، شۇنداقتىمۇ سەۋر قىلدۇق ئوغلۇم، سېنى ئاللاھقا تاپشۇردۇق،  بىزدەك سەۋرچان بول، ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بول، تۆمۈر ئوتتا تاۋلانغاندەك، ئادەممۇ قىيىن كۈنلەردە تاۋلىنىدۇ. ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا، ئۈمىدىڭنى ھەرگىز يوقاتما. سوت ئاچقاندا كېلىشىمىز مۇمكىن، ئاڭغىچە ئۆزەڭنى كۆپ ئاسرا.
    داداڭ ۋە ئاناڭ
خەتنى ئوقۇپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى، ئەمما ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن بولسام كۆڭلۈم تېخىمۇ بۇزۇلۇپ، نەچچە كۈنگىچە ئۇلارنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدىن كەتمىگەن بولاتتى. كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بەزى ئىشلار ئەمەلىيەتتە بىزگە پايدىلىق. بىر ئىشنى ئادەتلەنگەن تەپەككۇر بويىچە ئەمەس، ھالقىما تەپەككۇر، تەتۈر تەپەككۇر بىلەنمۇ ئويلاپ بېقىش كېرەك. شۇ چاغدا كۆڭۈل راھەتلىنىدۇ، بىرلا ئىدىيە، بىرلا كەيپىياتنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭى-يېڭى بايقاشلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
   مەن ئەمدى بۇ يەردىن قۇتۇلۇشتىن ئۈمىدىمنى ئۈزدۈم، بىراق ئۈمىدىمنى ئۈزۈۋاتقاندا ئۆزەمنى شۇنچىلىك سەۋرچان، مۇستەقىل، كۈچلۈك ھېس قىلدىمكى، دادام-ئاپاملارنىڭ بارلىق ئەندىشىلىرىنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى،  بۇ يەردە چىرىپ كەتمەي بەلكى داۋاملىق كۆكلەپ تۇرىدىغانلىقىمنى سەزدىم. بۇنىڭ ۋاقىتلىق تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدىم، داۋاملىق مۇشۇنداق ئېگىلمەس-سۇنماس روھتا ياشاشنىڭ كېيىنكى ھاياتىم ئۈچۈن نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتىم. مەندە بىلىم بار، ئۆلگىچە تۈگىمەيدىغان خەزىنە بار، بىلىمىم يەتكەن يەرگىچە ئۇزانغان تەپەككۇرۇم بار، مەنىۋى جەھەتتە توختىماي ئېچىۋاتقان بوز يەرلىرىم بار،    بىكار قالغاندا كىتاب ئوقۇيمەن، قۇرئاننى تولۇق ئوقۇپ چىقىمەن، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچەمنى ئايدىڭلاشتۇرىمەن، ئاللاھنىڭ بۇ دۇنيادىكى قانۇنىيەتلىرى ۋە ئادەمگە مۇجەسسەملىگەن كارامەتلىرىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشكە تىرىشىمەن،  روھىمدىكى بىر ئىلھام بىلەن  ۋاللىدە ئېچىلغان ئەقلىمنى ئىشقا سېلىپ، ھەقىقەت نۇرلىرىنى بايقايمەن. روھىمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىمەن، گۈزەللىككە ئاشىق كۆڭۈل سىرلىرىمنى، ئاۋۋال ۋەسۋەسىگە سېلىپ ئاندىن ئازابلايدىغان شەيتان لەئىننى چۈشىنىشكە تىرىشىمەن،    چۈشلىرىمىگە تەبىر بېرىشكە ئۇرۇنۇپ باقىمەن، ئۆزەم بىلەن بىر ئۆمۈر ھەپىلەشسەممۇ، ئۆزەمنى ئۆمۈر بويى تەتقىق قىلساممۇ سىرلىرىمنى چۈشىنىپ بولالمايمەن، ئەمما ئىزدىنىشتىن ۋاز كەچمەيمەن. 
قاماقخانىدىكى كۈنلىرىم  تەمەگەرلىك ۋە يوقىلاڭ ئارزۇلاردىن خالىي ھالدا خاتىرجەم ئۆتۈشكە باشلىدى. ئادەمنى قىينايدىغان نەرسە ئارزۇدىن باشقىسى ئەمەسكەن. بىراق، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ئارزۇ ۋە قىزىققانلىقتىن كەچمەيمەن. ئويلىنىمەن، ھەرىكەت قىلىمەن، ھاياتىمغا رەڭ بېرىمەن. ئەركىنلىكتىن چەكلەنگەن بولساممۇ خىيالىمنى ھېچكىم چەكلىيەلمەيدۇ، خىيال مېنىڭ بايلىقىم ھەم بارلىقىم. ئۇ نەدە بولسا مەن شۇ يەردە، روھىمنىڭ كارامەتلىرى ئەنە شۇ يەردە. مېنى بىر توپ چوشقىلار بىلەن بىر كاتەككە سولاپ قويسىمۇ، روھىم، خىيالىم ئارقىلىق ئۇلاردىن ئاجراپ چىقالايمەن، ئۆزەم خالىغان مەنزىلگە بارالايمەن. ئۇ يەردىن قايتىپ كېلىپ تۈرمىدىكى ئازابلارغا، سىقىلىشلارغا بەرداشلىق بېرىشكە تىرىشىمەن، بىللە سولاپ قويغان جىنايەتچىلەر بىلەن بىر-ئىككى ئېغىز پاراڭلىشالايمەن، ئۇنىمۇ ئاللاھ ياراتقان مەخلۇق دەپ ھۆرمەت قىلىمەن. دائىم ئۆزەم بىلەنلا سىردىشىپ يۈرەلمەيمەن، قۇلاقنى ئېتىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئولتۇرۇۋېلىش مۇمكىن ئەمەس، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەتراپىمغا قارايمەن. بىر كىملەر قۇلاق تۈۋىمدە پاراڭ سالىدۇ، ۋارقىرايدۇ، سوقۇشىدۇ،  پاراكەندە قىلىدۇ. ساقچىلار ھەممەيلەننى يىغىۋېلىپ تەربىيە قىلىدۇ، لېكسىيە سۆزلەيدۇ. ئىشقىلىپ، كۈندە زېرىكىش، كۈندە سىقىلىش، كۈندە نەچچە قېتىم تامغا ئۈسۈپ ئۆلىۋېلىش خىيالى… كاللامدىن كەچمەيدىغان ئىش يوق، خىيالىمنىڭ كىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق.  ھەممىنى ئويلاپ باقتىم، شۇنداقلا ھېچنېمىنى ئويلىمىدىم، چۈنكى بايا نېمىنى ئويلىغىنىمنى ئەسلىسەم ھېچنېمە يوق.  ھەرىكەتكە ئايلانمىغان خىيالىم كۆپۈك-مازغاپتەك يوقايدۇ، ئەمما شۇ مىنۇتلىرىم كۆپۈكتەك يەڭگىل ئۆتىدۇ.
ئەڭ مەنىلىك ئىش يەنىلا كىتاب ئوقۇش بولدى. ساقچىلارغا قايتا-قايتا يېلىنىپ يۈرۈپ كىتابلىرىمنى ئەكىرىۋالدىم. قۇرئاننىڭ خەنزۇچىسىنى ئوقۇشقا باشلىدىم. تەپەككۇرۇم قايتىدىن جانلاندى، ئاللاھ ھەققىدە ئويلىغانلىرىم روشەنلەشتى. پۈتۈن دۇنيا، پۈتۈن كائىناتنى ياراتقان بۈيۈك زات نېمىشقا بىزدەك ئەرزىمەس ئادەملەرگە خىتاب قىلىدۇ؟ دېمەك، بىز تېخى ئۆزىمىزنى تونۇمىدۇق، كاللىمىزدا تېخىچە ئادەم مايمۇندىن بولغان، بىز دېگەن ھايۋان، ئەقىللىق ھايۋان… دېگەن قاراش ھۆكۈمران. ئاللاھ بىزنى ئەزىز ياراتسا، ھەتتا پەرىشتىلەرنى تازىم قىلدۇرسا، ھەتتا بىزگە قۇرئان بىلەن خىتاب قىلىۋاتسا، تېخىچە ئۆزىمىزنى پەس كۆرۈپ، ھېچنېمىنى ئويلىماي، تەپەككۇر قىلماي يۈرۈيدىكەنمىز. مەن زور ئىشتىياق بىلەن قۇرئاننى ئوقۇپ چىقتىم، تەپەككۇر قىلمامسىلەر، ئويلانمامسىلەر دېگەن يەرگە كەلگەندە تەپەككۇرنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ھاياجانلاندىم، مېڭەمدە چاقماق چاقتى ۋە بۇنىڭ تەسىرى ئۇزاققىچە كەتمىدى. كىتابنى بېرىلىپ ئوقۇۋاتسام بىر نەچچە خەنزۇ «نېمە ئوقۇۋاتىسەن» دەپ سورىدى،  ئاللاھنىڭ ئادەمنى ۋە كائىناتنى ياراتقان يەرلىرىنى  ئوقۇپ چۈشەندۈرۈپ بەرسەم ھاڭۋېقىپ تۇردى، كېيىن مېنى دىن تارقاتتى دەپ چېقىشتۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن گۇندىپايلار قۇرئاننى تارتىۋېلىپ، ئىككى كۈن ماڭا سىياسىي خىزمەت ئىشلىدى.

روھىم، قەلبىم، ئىمانىم، ئەقلىم ۋە تەپەككۇرۇم بىلەن يۈكسەلسەم ئالەمگە تەڭداش ئىنسانمەن، تېنىمنىڭ تەقەززالىرىنى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇۋالسام ماھىيەتتە ئېغىلدىكى ئېشەكتىن  پەرقىم يوق مەخلۇقمەن. ئادەم ئۆزىنى ھايۋانلىق مەقامىغا چۈشۈرۈش بىلەن خارلايدۇ، مانا مەن نەچچە يىلدىن بېرى نەپسىمنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپلا كەلدىم، شۇنچە ئەقلىم بىلەن ھېسسىيات ئالدىدا قۇل بولدۇم، شۇنچە ساغلام، كۈچلۈك تېنىم ئاخىرقى ھېسابتا ۋاقتى ئۆتكەن سايماندەك تاشلىۋېتىلدى. ئەقىل بىلەن تىك تۇرمىغان غۇرۇر، ۋىجدان، شان-شەرەپنىڭ ھەممىسى بىر كۈنلەردە تۈۋىدىن كېسىلگەن تېرەكتەك يىقىلىپ چۈشىدىكەن. ئەقلىمنى، جاسارىتىمنى شەھۋەتكە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا ئىشلەتكەننىڭ «پايدىسىنى» كۆرۈۋاتىمەن. مۇشۇ تۈرمىدە تۇرۇپمۇ ساقچىدىن تارتىپ جىنايەتچىلەرگىچە، ھەممىسىنىڭ ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق ئىستىكىدە ئوت بولۇپ يېنىۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ تۇرۇۋاتىمەن. چىرايلىق ئايال جىنايەتچىلەرنى سولاۋاتقان سەت ساقچىلارنىڭ كۆزلىرىدىن قوينى كۆرگەن بۆرىنىڭ كۆزلىرىدىكى ئېچىرقاشنى كۆرۈۋاتىمەن.  بىر بۇلۇڭدا پۇشۇلداپ ياتقان مەھبۇسلارنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرىدىكى ئازغىنە خۇشاللىقىنى كۆشەپ، بىر مۇنچە ئازابلىرىنى ھەر كۈنى بىر قوشۇق-بىر قوشۇقتىن يۇتۇپ تولغىنىدىغانلىقىنى،  ھەر كۈنى مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. بىر تېمىم ئازابنىڭ ئاچچىقى ئۇلارنىڭ كۆشىگەنلىرىنىمۇ زەھەرگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. شۇنداق،  قاماقخانىنىڭ ئىشىكى شالاققىدە يېپىلغاندىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ چىرايى تېخىمۇ تاتىرىدۇ، ئاندىن كۆكىرىدۇ، ھەتتا تىلىمۇ كۆكىرىشكە باشلايدۇ. ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قېلىش ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق زەھەر يۇتۇش دېمەكتۇر.
   تۇپراقتىن كۈن نۇرىدىن ئوزۇق ئېلىپ، كۆكلەپ تۇرۇۋاتقان بەسەي، چامغۇرنى گەمىگە سالسا، بەزىلىرى بىخسىيدۇ، سېسىيدۇ. شۇنىڭدەك، ئادەملەر ئىچىدىمۇ تۈرمىگە كىرىپلا تۈگىشىپ كېتىدىغانلار بار، شۇڭا بۇ يەردە چىدامچانلىق ھەممىدىن مۇھىم، ئۆتكەندە قەيت قىلغىنىمدەك، مەن روھىمدىن بوشلۇق ئېچىپ تېنىمنى شۇ يەرگە سىغدۇرمىسام، خىياللىرىمدىن  تۆشۈك ئېچىپ، ئۇ يەردىن قۇشقاچتەك ئۇچۇپ چىقمىسام، بۇ يەردە سىقىلىپ تۈگىشىپ كېتىمەن. ئۆزەم بۇ يەردە بولغان بىلەن خىيالىم ھەر يەردە بولۇشى، كۆڭلۈم يەنىلا ئارزۇ- ئۈمىدلەرگە لىق تولۇشى كېرەك. نېمىنى ئۈمىد قىلىمەن؟ كىمدىن ئۈمىد كۈتىمەن؟  خوشىنونى رەسۋايى ئەزىم قىلىۋەتكەندىن كېيىن  ئۇنىڭدىن قولۇمنى يۇيۇۋەتتىم،  ئۇنىڭغا باغلانغان بارلىق ھېسسىياتىم غەزەپكە، ئۆچمەنلىككە ئايلاندى. بىراق ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى، خورلۇق ئازابى يۈرىكىمنى غاجاپ،  قېنىمغا زەھەرلىك ئۇكۇلدەك تەسىر قىلىپ، سالامەتلىكىمگە زىيان يەتكۈزدى. ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان زىيانلارنى ئازايتماقچى بولدۇم،  ئىشنى ياخشى تەرەپكە ئويلىدىم، تەلىيىمدىن ئۈمىد ئۈزمىدىم، ئەمما بۇلار  پۇشايمان ۋە مەسخىرىدىن بۆلەك نەتىجە بەرمىدى. «كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟» دەپ ئۆزەمگە نەچچە رەت كايىدىم.  
قاماقخانىدا خىلمۇ خىل ئادەملەرنى كۆردۈم، قارىسام، ھەممىسى ئاساسەن ماڭا ئوخشاش قىنىغا پاتمىغانلار، جەھەننەم ئوتىدەك كۆيۈۋاتقان نەپسىگە ئۆزىنى ئۇرغانلار، ئۆزىنى قورشاپ تۇرغان قانۇن، ئەخلاق تاملىرىدىن ھالقىپ، نەپسانىي ئەركىنلىك ئۈچۈن جان پىدا قىلغانلار ئىكەن. قېنى ئۇلار يەتكەن ئەركىنلىك؟ نەپسى قاندىمۇ؟ ياكى قېنىپ بولۇپ بۇ يەرگە ئۆلگىلى كەلدىمۇ؟ بەزىلىرى تېنىدىكى زەھەرلىك خىلىتلارنى چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك توختىماي يىغلىشىدۇ، مىشقىرىپ تۈكۈرىدۇ؛ بەزىلىرى ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ئاھ-ۋاھ دەپ زارلىنىدۇ، تامغا مۇشتلايدۇ. بەزىلىرى ئۆزىنى ئالاھىدە چاغلاپ، بۇ يەرگە خاتا كىرىپ قالغاندەك  جىددىيلىشىپ، تېرىكىپ، ئەسەبىيلىشىپ ساقچىلارنى، ھۆكۈمەتنى تىللايدۇ. بەزىلىرى بۇ ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى بىلىدىغاندەك، بۇ يەرگە كىرىپ قۇلىقى تىنجىپ قالغاندەك تىنچ، خاتىرجەم. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تىنچلىقىنى كەيپ-ساپا خۇمارى بۇزىدۇ، توختىماي ئەسنەيدۇ، تۈكۈرۈكىنى يۇتىدۇ، كۆتىنى قاشلايدۇ. ھېچنېمىنى تۇيماي ئۇخلىساق دەيدۇ، ئۇخلىيالمايدۇ. كۆپ ھاللاردا كېچىسى جىنايەت ئۆتكۈزگەن بۇ مەخلۇقلارنى بىر كاتەككە سولاپ قويسا، ھەممىسى  بىر-بىرىگە ئوغرىدەك قاراپ تۇرۇشسا، كىمنىڭ قاتىل، كىمنىڭ ئوغرى، كىمنىڭ ساراڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىسا، قانداق ئۇخلايدۇ؟
   شۇنداقتىمۇ ئۇيقۇ، ئۆلۈمدەك ئېغىر ئۇيقۇ ھەممە ئادەمنى بويسۇندۇرالايدۇ. قاراپ باقسام، مەن تەقدىرىمنى ئاللاھقا تاپشۇرغان مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن باشقىلاردىن ياخشىراق ئۇخلىيالايدىكەنمەن. بىر كېچىسى ئېغىر ئۇخلاپ،  چۈش كۆرۈپ كېتىپتىمەن. خوشىنونىڭ مەن ئاران بىر قېتىملا كۆرگەن دوستى (مېنىڭ خېتىمنى ياپونىيەگە يوللاپ بەرگەن دوستى) مېنى كۆرگىلى كېلىمىش. بۇ قىز خوشىنودىنمۇ ئېگىز ھەم چىرايلىق بولغاچقا ئەينى چاغدىلا كۆزۈم چۈشكەن، ئەمما يېقىنلىشىش نېسىپ بولمىغانىدى. ئۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى، ئۇ مېنى تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىپ ياتاققا ماڭغاچ: «خوشىنو سىزگە بەك ئەلەم قىلدى، بىر قېتىم ئۇرۇپ قويغانغا ئۇنچىۋالا قىلىش كېتەمدۇ؟ بۇ دوستۇم ئۆزىنى بەك ئەقىللىق چاغلىغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۆتۈپ كەتكەن دۆت، دۆت ئادەم سىزدەك ئەقىللىق يىگىتنىڭ قەدرىگە قانداق يەتسۇن؟ بولدى ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىڭ» دېگۈدەك، مەن ھاياجانلىنىپ: «راست دەيسىز، سىزدەك ئەقىللىق، چىرايلىق قىز ئالدىدا ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئەسلىدە مېنىڭ سىزگە كۆزۈم چۈشكەن، ئەمما ئۇ چاغدا خوشىنو بولغاچقا، سىزگە  گەپ قىلالمىغانىدىم» دېگۈدەكمەن. ئۇ شوخلۇق بىلەن:«شۇنداقمۇ، ئەگەر ئۇ ۋاقىتتا ماڭا قانات سۆرىگەن بولسىڭىز، خوشىنو ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالاتتى» دېگۈدەك. ئىككىمىز خوشىنو بىلەن بىللە ياتقان كارىۋاتقا چىقىپ ئىشنى باشلايلى دەپ تۇرغاندا، نەق شۇ يەردە، چۈشۈم بۇزۇلۇپ، ساقچىلار ياتاققا باستۇرۇپ كىرىپ، قوللىرىمنى قايرىپ ئېلىپ ماڭدى، مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ: «مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن يەنە كېلىمەن، ھە راست، ئىسمىڭىزنى سورىۋالماپتىمەن، ئىسمىڭىز نېمە؟» دېگۈدەكمەن، قىز كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياش تۆكۈپ: «ئىسمىم ۋاتارۇ… سىزنى ساقلايمەن، ئۆلگىچە سىزنى سۆيىمەن» دېگۈدەك. مەنمۇ تەسىرلىنىپ، بېشىمنى  قەھرىمانلارچە تىك تۇتۇپ: «جېنىم، مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن، ئۆلسەممۇ سىزنى ئۇنتۇمايمەن!» دېگۈدەكمەن.  ساقچىلار مېنى شۇ كۆتۈرگەنچە تۈرمىگە ئەمەس، بەلكى جازا مەيدانىغا ئېلىپ ماڭغۇدەك. «نېمە قىلغانغا مېنى ئاتىسىلەر؟» دەپ ۋاقىراپ سورىسام، بىر ساقچى ياپونلۇقتەك كالچىيىپ تۇرۇپ:«ياپون سامۇرايلىرىنىڭ ئىززەت-ھۇقۇقىغا چېقىلغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى ئۆلۈمگە بۇيرۇدۇق» دېگۈدەك. جان-پېنىم چىقىپ، ئەتراپقا ئالاقزادىلىك بىلەن قاراپ: «سەن خەنزۇ تۇرۇپ ياپونلۇق ئۈچۈن ئىشلەمسەن؟ سەن خەنزۇمۇ ياكى ياپونلۇقمۇ؟» دەپ سورىسام ئۇ كۈلۈپ قويۇپ جاۋاب بەرمىگۈدەك. مەن ئاچچىقىمدا ئۇنى تىللاپ:«سەندەك خائىنلارنىڭ دەستىدىن جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنىدا  8 يىل ئېزىلگەن» دېسەم، «ئاغزىڭنى يۇم، ھازىر دېگەن قايسى زامان؟ كىم پۇل بەرسە شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەيسەن» دېگۈدەك. جازا مەيدانىغا بارسام، نىسسان ماركىلىق ئاپئاق پىكاپ تۇرۇپتۇ، ساقچى مېنى تىزلاندۇرغاندا ماشىنىدىن مودا كىيىنگەن بىر قىز چۈشۈپ ماڭا قاراپ كەلدى، ئۇ گىرىمنى بەك قېنىق قىلىۋاتقاچقا خوشىنو ئىكەنلىكىنى تەستە تونىدىم، «خوشىنو، ماڭا رەھىم قىل، تۈرمىگە سولاتساڭ مەيلى، لېكىن مېنى ئۆلتۈرۈۋەتمە!» دېسەم، ئۇ قولىنى شىلتىپ: «خەتتە مېنى شۇنچە تىللاپسەن، مەيلى دېسەم ئەمدى دوستۇم بىلەن بىرلىشىپ ماڭا خىيانەت قىلدىڭ، ئىككىمىز ياتقان كارىۋاتنى بۇلغىدىڭ، ۋۇي كۆڭلى پەس ئەبلەخ! » دېگۈدەك. مەن:« ماڭا ئۇۋال قىلما، مەن تېخى ئۇ قىز بىلەن كارىۋاتقا ئەمدى چىققان، ئىشنى باشلىماي تۇرۇپلا تۇتۇلۇپ قالدىم…  » دېسەم، «شۇ ئىشنى قىلسىلا ھېساب بولامدىكەن، نىيىتىڭنىڭ ئۆزىلا خىيانەت. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بولساڭ، ساقچىلار ئىككىڭنى شۇ يەردىلا ئېتىپ تاشلايتتى!» دېگۈدەك. مەن: «ئىككىمىز ئادا-جۇدا بولغانغۇ، يەنە نېمە دەپ ماڭا ئېسىلىۋالىسەن؟» دېسەم، « سەن ئۆلمەي تۇرۇپ ياكى مەن ئۆلمەي تۇرۇپ، ئادا-جۇدا بولمايمىز،   كىم گۇناھكار بولسا شۇ بۇرۇن ئۆلۈشى كېرەك» دەپ، ئاندىن ساقچىغا قاراپ:«بۇنى ئېتىۋەت!» دېگۈدەك. ساقچى تاپانچىسىنى چىقىرىپ: «ئالدىدىن ئاتايمۇ، كەينىدىنمۇ؟» دەپ سورىغاندا، «ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرگۈم يوق، كەينىدىن ئات» دېگۈدەك. يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ:«خوشىنو، خوشىنو، سەن مېنىڭ جېنىمسەن، مېنى ئۆلتۈرسەڭ ئۆزەڭنى ئۆلتۈرگەندەك بولىسەن، خۇدانىڭ ئالدىدا قارا يۈز دوزىخى بولۇپ كېتىسەن! تېنىم ئۆلگەن بىلەن روھىم ئۆلمەيدۇ، سېنى توختىماي قارغايمەن،  قىساسىم تۇتىدۇ. پەيلىڭدىن يان، ساراڭلىق قىلما!…» دېگۈدەكمەن، ئۇ ئەسەبىيلەرچە قاقاھلاپ كۈلگىدەك،  ھەر بىر كۈلگەندە چاچلىرى پۇلاڭلاپ، چىرايى ئالۋاستىدەك سەتلىشىپ كەتكۈدەك. «سېنى ئۆلتۈرمىگىچە پۇخادىن چىقمايمەن!-دېگۈدەك ئۇ مېنى يەۋەتكۈدەك ئەلپازدا سەت چەكچىيىپ،- سەن ئۆلسەڭ باشقا قىزلارغا سوققان قاپقارا يۈرىكىڭمۇ، سەن پەخىرلىنىدىغان ئەرلىك ئەزايىڭمۇ ئىتقا يەم بولىدۇ، ئەگەر روھىڭ ئۆلمىسە،  شۇ مەنزىرىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرسەڭ، ئاندىن ئۆزەڭنىڭ قانچىلىك ئادەملىكىڭنى، مېنىڭ قانچىلىك دەرت تارتقانلىقىمنى چۈشىنىسەن».  شۇ چاغدا ساقچى تاپانچىسىنى دوقامغا تىيەپ، تەپكىنى بېسىشقا تەييار تۇردى. خوشىنو بىر قول ئىشارىسى بەرسىلا مېڭەم چۇۋۇلاتتى. كەلىمە شاھادەت ئېيتىپ يىغلاشقا باشلىدىم، «پاڭ» قىلدىمۇ، «ۋاڭ» قىلدىمۇ بىلمىدىم، بېشىمغا راستىنلا ئوق تەگدىمۇ ياكى تاش تەگدىمۇ ئۇنىمۇ ئاڭقىرالمىدىم،  ۋاقىراپ ئويغىنىپ كەتتىم.  ئەتراپىمدىكى جىنايەتچىلەردىن بىرسى ئۇخلىمىغان بولسا كېرەك، تاماشا كۆرگەندەك ھاڭۋېقىپ، بىر نەرسە دېمەكچى بولۇپ يەنە گەپ قىلماي تۇرۇپ قالدى. يۈرىكىمنى تۇتۇپ بىر دەم خىيال سۈرۈپ ياتتىم، قاباھەتلىك چۈشۈم بۇ قاباھەتلىك تۈرمىنى گويا ئۆزەمنىڭ ئىللىق ئۆيىدەك كۆرسىتىۋەتتى، توۋا دەيمەن، ھەيرانمەن، كۆرگەنلىرىم شۇنچە روشەن،  تۇيغۇلىرىم شۇنچە ئېنىق، بىر دەملىك ھاياجان بىلەن  شىددەتلىك قورقۇنچلىرىمنىڭ بىر-بىرىگە ئالمىشىشى شۇ قەدەر تېز، يۈرىكىمنىڭ سوقۇشلىرى شۇ قەدەر ئوخشاش…  ۋاتارۇنىڭ گۈزەل بەدىنى، خوشىنونىڭ ئالۋاستىدەك بەدبەشىرە قىياپىتى كۆز ئالدىمدا ھازىرمۇ روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ تۇرماقتا.
مەن دېمىدىممۇ، ئادەمنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە، ئۇنىڭ روھىدىكى كارامەتلەر، ۋۇجۇدىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ھەتتا چۈشىدىكى ئالامەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى ئاجايىپ-غارايىپ سەرگۈزەشتلەرگە تولدۇرۇۋېتىدۇ،  چۈشۈمدە ۋاتارۇنى ئەينەن كۆردۈم، ھەتتا ئەمەلىيەتتە مەن كۆرۈپ باقمىغان ئىچ كىيىملىرىنىمۇ ئېنىق، تەپسىلىي كۆردۈم،     ئەگەر ساقچىلار بىر دەم كىرمەي تۇرغان بولسا، ئۇنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنىمۇ كۆرۈشۈم مۇمكىن ئىدى. ئۇ مەنزىرىلەرنى ئۇيقۇدا يۇمۇلغان كۆزۈم ئەمەس، ئەزەلدىن تەسەۋۋۇرغا باي  روھىم كۆردى، ئۇ ئاۋازلارنى كىر قۇلىقىم ئەمەس، روھىم ئاڭلىدى. تۇيغۇلىرىمنى، سەزگۈلىرىمنى جىم ياتقان تېنىم، نېرۋىلىرىم ئەمەس، بەلكى روھىم سەزدى. ھاياجان ۋە قورقۇنچتا دۈپۈلدەپ سوققان يۈرىكىمنى يەنىلا روھىم ھەرىكەتكە كەلتۈردى. روھنىڭ سىرىنى بىلگۈچى يەنىلا ئاللاھ، بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز بەك ئاز، بەك ئاز.

كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنداق دەھشەتلىك چۈشلەرنى كۆرۈپ باقمىدىم،  ئەمما چۈش كۆرۈشكە خۇمار بولۇپ قالدىم، مەيلى قورقۇنچلۇق ياكى ھاياجانلىق چۈشلەر بولسۇن، بۇنداق يەردە چۈش كۆرۈپ تۇرغانغا يەتمەيدىكەن، بىر جايىدا تۇرمايدىغان، بەدەن چۈشەكلىرىگە سىغمايدىغان، كۆز كۆرگەن ھەم كۆرمىگەننىمۇ كۆرسىتەلەيدىغان روھنىڭ كارامەتلىرىنى كىنو كۆرگەندەك كۆرۈش نېمىدېگەن ئاجايىپ ئىش-ھە! رەڭدار چۈشلەر تۈرمە ھاياتىمغا مەنە، قىززىقچىلىق ئاتا قىلمىسا، زېرىكىپ ئىت بولۇپ كېتەركەنمەن. شۇڭا مەن ھەر كۈنى ئاخشىمى چۈش كۆرۈشنى تىلەيدىغان بولۇپ قالدىم.  بىر قېتىم تەييارلىقتا ئوقۇغان چاغدىكى بىر قېتىملىق نورۇز پائالىيىتىنى چۈشەپ قاپتىمەن، سەھنىدە لىق قىزلار ئۇسسۇل ئويناۋاتسا، مەن پەستە خوشىنو بىلەن ئويۇن كۆرۈۋاتقۇدەكمەن، ئۇسسۇل كۆينىكى كىيگەن، گىرىملىرى چىراغ يورۇقىدا پارقىراپ كەتكەن، ھەر بىرىنى خوتۇن قىلسا 10 يىل ياشىرىدىغان چىرايلىق قىزلارغا كۆز ئۈزمەي قاراۋاتسام، خوشىنو ئۇسسۇل مۇزىكىسىنىڭ شوخ رېتىمىدىن ئۆزىنى تۇتالماي ئۇيان-بۇيان تولغىنىپ، قوللىرىدىن قاس چىقىرىپ ئولتۇرغۇدەك. «ئەدەبسىزلىك بولىدۇ، جىم ئولتۇر، بىزدە بۇنداق ئىشلار يوق» دېسەم، «نېمە كارىم، بۇ دېگەن ئەركىنلىك، مەن خەق ئۈچۈن ياشىمايمەن!» دېگۈدەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قايرىپ قويۇپ، سەھنىدىكى قىزلارغا قاراپ ئولتۇرىۋەردىم. ئاندىن سەھنىگە گىتارچى بالىلار چىقىپ، «يارىگۇللا»نى بولۇشىغا ئېيتتى،  بۇ بالىلار فلامىنگودىن باشقا رېتىمدا چالالمايدىغاندەك، دەۋرنىڭ تېز رېتىمىغا ئەگىشىۋاتقاندەك، ئاستا چالسا ئىچى پۇشۇپ قالىدىغاندەك، ۋاقىتنى تېجەۋاتقاندەك، پەستىكى ھەممەيلەننىڭ يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىشنى ھۆددىگە ئېلىۋالغاندەك، ياشلارنىڭ ھېسسىياتىنى قوزغاۋاتقاندەك  تېز چالاتتى، باشلىرىنى ئەسەبىيلىك بىلەن گىلدىڭلىتاتتى، چاچلىرى ھەر يان يەلپۈنەتتى. خوشىنو ئولتۇرالماي قالدى، باشقا بالىلار بىلەن قوشۇلۇپ مايمۇندەك چىقىرىدى.  بۇ قىزغىنلىق، بۇ ھاياجان مېنىمۇ ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى. بىر دەمدىن كېيىن ئوقۇش مۇكاپاتى ئالىدىغان بالىلار سەھنىگە چىقتى، ئىسمىمنى چاقىرغاندا پەخىرلىنىپ ئورنۇمدىن قوپتۇم، مەن بۇ مۇكاپاتقا ھەممىدىن بەك تەشنا ئىدىم، ئېرىشىشكە ھەم ھەقلىق ئىدىم، شۇنچە كۆپ ئادەم ئالدىدا سەھنىگە چىقىپ قەددىمنى كېرىپ تۇرغىنىمدا ئۆزەمنىڭ ئەسلى مۇشۇ ئورۇنغا لايىق ئىكەنلىكىمنى، شان-شەرەپ تۇيغۇسىنىڭ ئادەمنى نەقەدەر ھاياجانلاندۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مۇكاپاتلانغان بالىلار ئىچىدە قىزلار كۆپرەك ئىدى، ئەمما تىرىشچان قىزلار سەت بولامدۇ قانداق، ھېچقايسىسىغا كۆزۈم چۈشمىدى. خوشىنو پەستە تۇرۇپ ئىككى بارمىقىنى توشقاننىڭ قۇلىقىدەك چىقىرىپ، غەلىبەمنى تەبرىكلىدى. مۇكاپات مىڭ سوم ئىدى، بۇنداق پۇلنى خوشىنو بىلەن بىر ۋاق تامىقىمىز ئۈچۈنلا خەجىلۋەتكەن ۋاقىتلىرىمىز بولغان، گەپ پۇلدا ئەمەس، شان-شەرەپتە، ئېتىراپ قىلىنىشتا. پەستىكى بالىلارنىڭ، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ زوق-شوخ بىلەن قاراشلىرىغا بىر نەچچە سېكونت بولسىمۇ ئېرىشىۋالسام، ئازراق بولسىمۇ تونۇلۇۋالسام، قاملاشقان چىرايىم ۋە قەددى قامىتىمنى ئازراق بولسىمۇ نامايىش قىلىۋالسام، مەن ئۈچۈن زور بەخت. پەستىكى مەكتەپ مۇدىرى، قېرى ئوقۇتقۇچىلار، كۆزەينەكلىك سېكرىتارلار، ھەۋەسمەن بالىلار بىز ئۈچۈن ئالقىش ياڭراتتى. شۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن ئىش بولدى، ئارقا سەھنىدىن قاپىقى يامان بىر ئايال چىقىپ، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ چاۋاكنى توختاتتى ۋە: « كەچۈرۈڭلار، ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ. بىرەيلەنگە بۇ مۇكاپاتنى بېرىشكە بولمايدىكەن» دېدى. ھەممەيلەن بىردىنلا جىمىپ، «كىمدۇ، كىمدۇ» دېيىشىپ كەتتى. بۇ خوتۇن تەييارلىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، مېنى بىر نەچچە قېتىم ئىشخانىسىغا چاقىرىپ:«ھەممىنى بىلىپ بولغان بولساڭمۇ، دەرسكە تولۇق قاتنىشىسەن، باشقىلارغا يامان تەسىر بەرمەيسەن» دەپ تەنبىھ بەرگەنىدى. كۆڭلۈمگە ئەنسىزلىك چۈشتى، سەھنىدە پەقەت مۇشۇ خوتۇننىڭ ئىگىز پاشنىلىق ئايىغىنىڭ توكۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى، ئۇ ماڭا ئۇدۇل قاراپ كەلگەندە بولسا ئايىغىنىڭ پاشنىسى ئۇدۇل يۈرىكىمگە سانچىلغاندەك بولدى، پۇتۇمدا جان قالمىدى. « سەن! بۇ سەھنىدىن چۈشۈپ كەت!- دېدى ئۇ ماڭا قاراپ، – سەندەك ئەخلاقسىزغا بۇ مۇكاپات بېرىلمەيدۇ!».  ئۇنىڭ ئاۋازى پۈتۈن زالدا ياڭراپ كەتتى، جان پېنىم چىقتى.  «مەن نەدە ئەخلاقسىزلىق قىلدىم!» دەپ ۋارقىرىدىم ئۆلەي دېگەندە جان تالاشقان ئۆچكىدەك،  جان كۈچ كەلگەندە ئادەم مۇشۇنداق باتۇرلىشىپ كېتىدىكەن، شۇنچە كۆپ ئادەم ئالدىدا بۇنداق رەسۋا بولغىچە، يا تۈزۈك رەسۋا بولاي، يا ئازراق بولسىمۇ ھېسداشلىققا ئېرىشەي دەپ ئويلىدىم. 
-ئۆزەڭ بىلىسەن! پۈتۈن مەكتەپ بىلىدۇ!- دېدى ئۇ  ئالدىمغا كېلىپ.
-مەن پەقەت بىر ياپونلۇق قىز بىلەن مۇھەببەتلەشتىم! بۇ دېگەن ئەركىن دۇنيا، ئەگەر مۇھەببەتلىشىش ئەخلاقسىزلىق بولسا، پەستە ئولتۇرغان مۇشۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى ئەخلاقسىزمۇ؟ بۇ بىز ياشلار ئۈچۈن ھاقارەت ئەمەسمۇ؟- دېدىم شوئار توۋلاۋاتقاندەك، بۇ گېپىم پەستىكى بالىلارنىڭ ئازراق بولسىمۇ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما پەستىن ھېچ سادا چىقمىدى.
- سەن ئۆزەڭنى ئاقلىما، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇكى، سەن مۇشۇ ئەخلاقسىزلىقىڭ بىلەن باشقا مەكتەپنىمۇ سېسىتىپ، ئۇ يەردىن قوغلاندى بولىسەن. بۇ شەرەپنى ساقلاپ قېلىش تۈگۈل، ئۇنىڭغا ئېغىر داغ كەلتۈرىسەن.  شۇڭا بۇ مۇكاپاتنى ساڭا بېرىشكە بولمايدۇ.
غەزەب ۋە نومۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم، پەستىكىلەردىن بىرەرسى بولسىمۇ چۇقان سېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسا، بۇ جەددال بىلەن يەنە بىر ئىككى-ئېغىز زاكونلىشاتتىم. ئەمما ھېچكىم ماڭا ياردەم قىلمىدى، ھېچكىم ماڭا مەدەت بەرمىدى، خوشىنو ئۇيغۇرچە ئۇقمىغاچقا، نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ قالدى.
- ئال پۇلۇڭنى، چېكەڭگە تاڭ!-دېدىم كونۋېرتنى غەزەپ بىلەن ئېتىپ،- سەن ناھايىتى دۆت، قارانىيەت،  ئىچىڭ ھەسەتخورلۇقتىن قارىداپ كەتكەن خوتۇن ئىكەنسەن! مەن ئەخلاقسىز بولسام، سەن نېمە؟ سەن پەرىشتىمۇ؟ ياق، سەن قېرىپ كەتكەن شەيتان!
  شۇ پۇرسەتتە پەستە ئولتۇرغانلارغىمۇ ئاچچىقىم كېلىپ،  قولۇمنى شىلتىپ سۆزلەپ كەتتىم:
- ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق بولامدۇ؟ ئاۋۋال كۆتۈرۈپ ئاندىن يەرگە ئاتامدۇ؟ باشقىلارنى بىر نېمە دېيىشتىن ئاۋۋال ئۆزەڭگە قاراپ بېقىشساڭ بولمامدۇ؟ خوشىنونىڭ ئالدىدا مېنى نومۇستىن ئۆلتۈرۈشتۈڭ! ئەگەر ئۇ ئۇيغۇرچە بىلگەن بولسىدى، بۇ مىللەتنىڭ نەقەدەر چېچىلاڭغۇ، بىر-بىرىنى كۆرەلمەس، بىرسىنى داڭلاپ ئارقىدىن غاجايدىغان، ئەڭ يېقىنلىرىغا زۇلۇم سالىدىغان، ئۆزىنى خارلاپ، تۈگەشتۈرۈپلا ئۆتىدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بولاتتى. ھەممىڭنىڭ ئىچىدە شەيتان قۇتراپ تۇرىدۇ،  ماڭا  ئوخشاشلا يېسەم، ئىچسەم، ئوينىسام، نەپسىمنى قاندۇرسام دېيىشسەنۇ، ساختا ئالىيجاناپلىق قىلىپ «مەن پاك، مەن ساق» دەپ يۈرۈشىسەن. مېنى ئەخلاقسىز دېگەننىڭ ھەممىسى ئەخلاقسىز، بۇ دۇنيادا بىر كىمگە بۇنداق تۆھمەت قىلىشتىنمۇ ئارتۇق ئەخلاقسىزلىق بولامدۇ؟ مەشەدە بۇقىدەك پۇشۇلداپ ئولتۇرغان گۇيلارنىڭ قايسى بىرى يېنىدىكى قىزنى كەلتۈرۈپ مۇرادىغا يېتىشنى ئويلىمايدۇ؟ مەشەدە بۇ گۇيلارغا يوشۇرۇن تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان قىزلارنىڭ قايسى بىرى ئۆزىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ، سىرلىق چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ بېقىشنى ئويلىمايدۇ؟ قېنى دەپ بېقىشە ھەر قايسىڭ! نېمىشقا ھەممىنى ئىچىڭدە سېسىتىپ، ئەقلىڭنى بۇلغاپ، ھېسسىياتىڭنى خارلاپ ئۆتۈشىسەن؟ مېنى بىلمەيدۇ دەپ قېلىشما، ھەممىڭ پەن دېسە پەندە يوق،  دىندىن يا خەۋىرى يوق، تەپەككۇر قىلمايدىغان، ئوينىسا يا تۈزۈك ئوينىمايدىغان، ئويناپ بولۇپ تەۋبە قىلىشنى  بىلمەيدىغان،  ھېچنېمىگە ئىخلاسى يوق دۆت مەخلۇقلار!  بىلىدىغانلىرىڭ پەقەت بىر-بىرىڭنى قىيناش، بىر-بىرىڭنى خارلاش.  بولسا ئۆزئارا داۋاملىق ئېتىشىپ، بىر-بىرىڭنى چەكلەپ، بىر-بىرىڭنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىپ، بىر-بىرىڭ بىلەن بوغۇشۇپلا ئۆت، كاللاڭ ئارام تېپىشقاندا ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىشقىن! باشقىلار تاماشاڭنى كۆرىدۇ، قىزلىرىڭنىڭ ئەمچەك، ساغرىلىرىنى باھالايدۇ…
نەدىن كەلگەن جاسارەت، نەدىن كەلگەن ناتىقلىق بۇ! غەزەپنىڭ ئادەمنى بۇنچە كۈچلۈك قىلىۋېتىدىغانلىقىنى كۆرۈڭ! شۇ چاغدا پەستىن ئاللا-چۇقان كۆتۈرۈلدى، «چۈشۈپ كەت، مۇناپىق! بىزنى تىللىغىچە ئۆزەڭنى تىللا، سەندەك پاھىشۋازنى چالما-كېسەك قىلىش كېرەك!!!» دېگەن سادالار قۇلاق تۈۋۈمدە ياڭرىدى، ئوغۇللار ھۆكۈرەيتتى، قىزلار چىقىرايتتى، چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم.
   ئاھ، مېنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭ مىللىتىم،  مېنى سىلەر تاللىمىغان، مەنمۇ سىلەرنى تاللىمىغان، بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى. كىمكى ئۆزىنىڭ جىنسىدىن، مىللىتىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن، بوي ئىگىزلىكىدىن، چىرايىدىن، تىلىدىن بىزار بولىدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىققان، ئۇنىڭ ھېكمەتلىرىنى ئىنكار قىلغان، يارالمىشىغا ئىسيان كۆتۈرۈپ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.
  ھەرىكىتىم چەكلەنگەن بولغاچقا، روھىمنى يېڭى مەنزىللەرگە توختىماي قوزغىتىپ تۇردۇم، ئاجايىپ ئىشلارنى، ئاجايىپ نەرسىلەرنى كۈچەپ خىيال قىلىشقا تىرىشتىم، مېنى كۆرگەنلەر بۇ خىيالچانلىقىمغا، تولا چۈش كۆرۈپ ۋارقىرايدىغانلىقىمغا قاراپ، بۇ شىنجاڭلىق ئۇزاققا قالماي نېرۋىسىدىن كېتىپ قالغۇدەك دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. نېمە كارىم، ھە دېگەندە خەقنىڭ كۆزىگە قاراپ ياشىسام،  ھۆر ئىرادىگە ئىگە بولالمىسام، خىيال سۈرۈشتىمۇ ئەركىن بولالمىسام، بۇنداق ياشىغاننىڭ نېمە لەززىتى؟
   قاماقخانىدىكىلەر قانۇن ئۆگىنىش ئېيى دەپ بىر شەكىلۋازلىق چىقىرىپ، بىزنى بىر ئاي ئەخمەق قىلدى، شۇنداقتىمۇ بۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش بىر بۇلۇڭدا سىقىلىپ ئولتۇرغاندىن ياخشى ئىدى، ھېچ بولمىغاندا ۋەزىيەت ۋە يېڭى قانۇن-تۈزۈم توغرۇلۇق يېڭى  گەپلەرنى ئاڭلايتتۇق. بەزىدە جىنايەتچىلەرنى تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە تاماق يېيىىشكە ئۇيۇشتۇراتتى. بۇنداق چاغدا جىنايەتچىلەرگە بايرام بولاتتى،  ھاياجانلىق ۋە پۇشايمانلىق كۆز ياشلىرىنى ئالدىدىكى تاماق بىلەن قوشۇپ يەيتتى. مەن يالغۇز تاماق يېگەچ، كۈندە مۇشۇنداق تاماق يېيىشنى ئارزۇلاپ، خوشىنونىڭ دوستى كەلگەن بولسىمۇ، بىللە تاماق يەر ئىدۇق دەپ ئاغزىمنى تاتلىق ئېتىپ ئولتۇراتتىم.
    تىل-ھاقارەتلىك خېتىمدىن جاۋاب كەلمىگەندىن كېيىن خوشىنونى يادىمدىن چىقىرىۋېتىپ، چۈشۈمدە كۆرگەن ۋاتارۇنى غايىۋى سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىپ خەت يازاي دېگەندە، ئەقلىم:  بولدى قىل، سەن نەدە، ئۇ قىز نەدە، چۈشۈڭدە كۆرگەن قىزغا ئاشىق بولىدىغان ساراڭمۇسەن دەپ مېنى ئەيبلىدى، ئەمما ئىچىمدىكى شەيتان قىتىغۇرلۇق قىلىپ: يېزىپ باقمامسەن، بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سەن نەدىن بىلىسەن، بۇنىڭدىن باشقا قىلىدىغان ئىشىڭ بولمىغاندىكىن، ئۆزەڭگە قىلغۇدەك ئىش تېپىپ كۈنلىرىڭنى  مەنىلىك ئۆتكۈزمەمسەن؟ ئادەمنى ئۈمىد ياشارتىدۇ،  بىر نەرسىدىن ئۈمىد كۈتۈش، ھېچ نەرسىنى ئۈمىد قىلمىغاندىن ياخشى؛ ئادەم بىرەر باھانە بىلەن ئۆزىنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇشى كېرەك» دېدى. شۇنىڭ بىلەن تەۋەككۇلنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئالدىم:
بۇ خەتنى خوشىنوغا ئەمەس، سىزگە يازدىم، ئىسمىڭىزنى بىلمەيمەن، ئەمما بىز بىر قېتىم كۆرۈشكەن؛ سىزنىڭ  ھازىرمۇ شۇ ياتاقتا ئىكەنلىكىڭىزنى ياكى دۆلىتىڭىزگە كېتىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن. بەلكىم بۇ خېتىم قولىڭىزغا تەگمەسلىكىمۇ مۇمكىن، ئەمما مەن بۇ خەتنىڭ سىزگىلا تېگىشىنى، سىزنىڭ دىققىتىڭىزگە نائىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خوشىنو ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن بەلكىم خەۋىرىڭىز بار، سىزگە مېنى تىللاپ داتلاپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھەر ئىككى تەرەپنىڭ گېپىنى ئاڭلغاندا ئاندىن بۇ ئىشقا لىللا باھا بەرگىلى بولىدۇ. خوشىنو ياخشى قىز، مېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرەتتى. ئادەم بىرسىنى قانچىلىك ياخشى كۆرسە، ئاخىرقى ھېسابتا شۇنچىلىك نەپرەتلىنىدىغان ئوخشايدۇ. مۇھەببەت بىلەن نەپرەت بىر تەڭگىنىڭ ئىككى يۈزىگە ئوخشايدىكەن. بىراق مەن ھازىر بۇ قەغەزنى پۇرلاپ تاشلىۋەتتىم، كاللامدا ھېچنېمە يوق. بىراق كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى شۇكى، بىز ئەر-خوتۇندەك بىللە ياشاپ، ھەممە ئىشنى ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن قىلغان تۇرۇقلۇق، ئۇ بىر قېتىملىق تاياققا چىدىمايلا، مېنى باسقۇنچىلىق، زوراۋانلىقتا ئەيبلەپ تۈرمىگە سولىتىۋەتتى. سىزنىڭچە بۇ ئادىللىق بولامدۇ؟ ئىككى ئايدىن بېرى قاماقتا يېتىۋاتىمەن، ئەگەر بۇ گۇيلار ماڭا چوڭ جىنايەتتىن بىرنى ئارتىپلا نەچچە يىل كېسىۋەتسە، جاھاندا بۇنىڭدىن ئارتۇق ناھەقچىلىك بولامدۇ؟ مېنى قانچىلىك ئېغىر كېسىۋەتسە، خوشىنو شۇنچىلىك خوش بولىدۇ. بۇ بىر ئادەمنىڭ ھاياتى، ئەركىنلىكى، جانىجان مەنپەئەتى بىلەن ئويناشقانلىق بولماي نېمە؟  مېنىڭ ھازىر ھېچقانداق يۆلەنچۈكۈم يوق،     ئاتا-ئانام بولسا نامرات، ماڭا ياردەم قىلالمايدۇ. قانداق ئەھۋالىڭ دەپ يوقلاپ كېلىدىغان بىرەر دوستۇممۇ يوق، سوتلانغاندا ھېچكىم مەن ئۈچۈن ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ مېنى ئاقلىمايدۇ،  مەن ئۈچۈن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىدىغان ئىنسان چىقمايدۇ،  بەلكىم سوت ئۆزى ئاقلاپ، ئۆزى قارىلاپ، ئۆزى بىلگەنچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، بۇ ئىشلارنى خوشىنو بىلمەيدۇ، بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. بۇ گەپلەرنى سىزگە نېمىشقا دەيدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن،  بەلكىم تۇنجى قېتىم كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنگەنلىكىڭىز، كىشىنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، ھېسداشلىق تۇيغۇسىغا باي قىز ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ خەتنى يېزىپ، سىزگە دەردىمنى تۆكۈۋاتقاندىمەن. سىزدىن يوشۇرمايمەنكى، بىر قېتىم سىزنى چۈشۈمدە كۆردۈم، ئىسمىم ۋاتارۇ دېدىڭىز، راست شۇنداقمۇ-ئەمەسمۇ، بىلمەيمەن، لېكىن شۇنىڭدىن بۇيان سىزنى چۈشۈمدە داۋاملىق كۆرۈشنى تىلەيدىغان، سىز بىلەن رىئاللىقتىمۇ كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. بەلكىم بۇ مېنىڭ خام خىيالىمدۇ، ئەمما سىزدىن غايىۋانە ئۈمىد كۈتۈپ بۇ خەتنى يېزىۋاتقىنىم راست. مېنى باشقىچە چۈشىنىپ قالماسلىقىڭىزنى سورايمەن، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەم قىرغاقتىكى بىرەر تال ئوت-چۆپكە بولسىمۇ يامىشىپ قۇتۇلۇشنى ئويلىغاندەك، بۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئادەم ئۆز كۆڭلىدىكى ئازغىنە ئۈمىدنىمۇ قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشىدىكەن. كۆڭلۈمدىكى گۈزەل ئارزۇلارنى يوق قىلىۋەتمىسەم، كۆڭلۈمدە ئويلىغاننى قىلىۋالالىسام، بۇمۇ مەن ئۈچۈن بىر خۇشاللىق.  ئازغىنە ئۈمىدلىرىممۇ بولمىسا مەن بۇ دۇنيادا ياشىيالمايمەن، تام تېگىدە قالغان كىچىككىنە گىياھتەك بېشىمنى چىقىرىپ، كۈن نۇرى ۋە يامغۇر سۈيىگە تەلمۈرۈپ، بىرەر مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشىنى زارىقىپ كۈتىمەن.   
خېتىڭىزنى كۈتۈپ…..    
بۇ خەتنى گۇندىپايغا تۇتقۇزغىنىمدا ھەقىقەتەن ئازغىنە ئۈمىدىمنىمۇ ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم.

ئادەمنى ئۈمىد ياشنىتىدۇ، غەم قاقشىتىدۇ دېگەن ھېكمەتنى قاماقخانىنىڭ تېمىغا يازغىلى بولسا، يېزىپ قوياتتىم،  ئەمما ئۇنى كۆڭلۈمگە مەھكەم پۈكۈپ قويدۇم. ئادەم ئۆزىدە ئۈمىد پەيدا قىلماقچى بولسا چوقۇم بىر ئىش قىلىشى، ئۆزىدە بار ئىمكانىيەتلەردىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىشى كېرەك. پۇت قولى چەمبەرچەس باغلانغان مەھبۇسمۇ جىم ياتماي تېپىچەكلەيدۇ، بوشىنىش ئۈچۈن يۇلقۇنىدۇ، دومىلايدۇ. ئاغزىنى پىلاستىر بىلەن چاپلىۋەتسە، گەپ قىلالمىسىمۇ جان ئاچچىقىدا ئىڭرايدۇ، ۋاقىرايدۇ. كۆزىنى تېڭىپ قويسا، ئالدىدىكى مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. مەھبۇسنىڭ ھالى قوتاندىكى قويغا، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغۇچىنىڭ ھالى بولسا پۇت-قولىدىن مەھكەم باغلىنىپ، قاسساپنىڭ ئالدىدا كۆزىنى پارقىرىتىپ ياتقان قويغا ئوخشايدۇ. ئۆلۈم ئالدىدا قايسى جانلىقنىڭ ۋەھىمىسى ئەڭ كۈچلۈك؟ ئەلۋەتتە، ئەقىل ۋە تەپەككۇر بېرىلگەن، ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى ئويلايدىغان ئىنساننىڭ ۋەھىمىسى ئەڭ كۈچلۈك. ئاللاھ ئىنسانغا ئەقىل ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر قابىلىيىتىنى بېرىش بىلەن بىرگە، كاللىسى روشەنلەشسۇن، بىز نەگە بارىدىكەنمىز دەپ قايمۇقۇپ يۈرمىسۇن، بىز مۇشۇنداقلا يوقىلىپ كېتىمىزمۇ دەپ ئەنسىرىمىسۇن، ئۆلۈمدىن كېيىنكى زۇلمەت ۋە بىلىپ بولماس پالاكەتلەردىن قورقۇپ يۈرىكى يېرىلىپ كەتمىسۇن دەپ،  پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ ئاخىرەت توغرىلىق ئۇچۇر بەردى،  قانداق ياشاپ قانداق ئۆلۈش، ۋەھىمىنى قانداق يېڭىش، ئۆلگەندىن كېيىنكى ئاقىۋەت، ئازابتىن قانداق قۇتۇلۇش توغرۇلۇق يول كۆرسەتتى. قۇرئاننى ئوقۇغان ئادەم بۇنى ئېنىق ھېس قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىنساننى يارىتىپ قويۇپ ئۇنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. لوگىكىلىق تەپەككۇر بويىچە ئويلىساق،  بۇ دۇنيانى ياراتقان ئاللاھ ئۇ دۇنيانى يارىتىشقىمۇ قادىر، جەننەت بىلەن دوزاخنىمۇ ئاللىبۇرۇن يارىتىپ بولدى، ئۆلمەي تۇرۇپ ئۇ دۇنيانىڭ قانداقلىقىنى، روھىمىزنىڭ قارارگاھىنىڭ نەدە بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. ئاخىرەت دۇنياسىنى ئىلىم-پەن تېخى ئىسپاتلىيالمىدى،  ئىلىم-پەنمۇ ئاللاھنىڭ بىلىمى ۋە قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قانچىلىك ئىلىم بېرىشنى خالىسا شۇنچىلىك بېرىدۇ، تەبىئەتنى قانچىلىك بىلدۈرۈشنى خالىسا شۇنچىلىك بىلدۈرىدۇ، ئۆزىنىڭ سىرلىرىنى، يوشۇرۇن خەزىنىلىرىنى قانچىلىك ئاچقۇسى كەلسە، شۇنچىلىك ئاچىدۇ، ئىنسانلار توختىماي تەرەققىي قىلىپ ئالەمنى مالەم قىلىۋەتسىمۇ بەرىبىر ئاللاھنىڭ ئىلمى، ئىرادىسى ۋە  ھېكمىتىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ.
    چۈش كۆرمىگەن، نەپسىمنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن، يەنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن بىر دەم قۇتۇلغان چاغدا  قۇرئاندا ئوقۇغان مەزمۇنلارنى تەپەككۇر قىلىپ، چوڭقۇر ئويلارغا چۆمەتتىم. مەۋجۇتلۇق مۆجىزىلىرىم، روھىمنىڭ كارامەتلىرى، ئاجايىپ-غارايىپ چۈشلىرىم، بىلىپ بولماس تەقدىرىم ھەققىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن خىيال سۈرەتتىم. ئىككى ئاي ئون بەش كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى، شۇنچىلىك ئۇزۇندا ئۆتتىكى، ئىككى يېرىم يىلدەك بىلىنىپ كەتتى. كىمكى ئۆز ۋاقتىنىڭ ئۇچقاندەك تېز ئۆتۈۋاتقانلىقىدىن، نۇرغۇن ئىشلارغا ۋاقىت يېتىشتۈرۈپ بولالمايۋاتقانلىقىدىن قاقشىسا تۈرمىگە كىرسۇن، راھەتلىنىپ قالىدۇ. كىمكى يالغۇز قېلىشقا، كىتاب ئوقۇشقا، خىيال سۈرۈشكە، ئاجايىپ چۈشلەرنى كۆرۈشكە مۇھتاج بولسا تۈرمىگە كىرسۇن، مەقسىتىگە يېتىدۇ. كىمكى تۈرمىگە كىرمەي تۇرۇپ ئۇ بېسىم، بۇ بېسىم، ئۇ چەكلىمە، بۇ چەكلىمە، ئۇ غەشلىك، بۇ غەشلىك تۈپەيلىدىن ئىچى سىقىلىپ، ئەركىنلىك ھاۋاسىدىن قېنىپ نەپەس ئالالمىغان بولسا تۈرمىگە كىرسۇن، شۇندىلا نېمىنىڭ بەخت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. كىمكى ئەيش-ئىشرەت، ئويۇن-تاماشىغا تويماي، ھاۋايى نەپسىنى قاندۇرۇپ بولالمىغانلىقىدىن ئىچى پۇشۇپ، ھەر كۈن يېڭى غىدىق ئىزدەپ غىدىقلىنالماي ھەسرەت چېكىپ يۈرۈۋاتقان بولسا تۈرمىگە كىرسۇن،  پەسكويغا چۈشىدۇ. كىمكى كومپيۇتېر، تېلېفون، تور ۋە ئويۇنلارغا مەستانە بولۇپ، كاللىسى ۋە كۆزىدىن كېتىپ قالغان بولسا تۈرمىگە كىرسۇن، بىر ھەپتىدە ئوڭشىلىپ قالىدۇ. مەھبۇسلار ھېچقانداق مەكتەپ ياكى كۇرسلاردا ئېرىشەلمەيدىغان تەربىيەگە بۇ يەردە ئېرىشەلەيدۇ. تۈرمە ماڭا يېڭى تەجرىبە ئاتا قىلىدۇ دېگەن ئىشەنچىم ۋە  ئۆزەمگە ھەر كۈنى ئابى ھايات دورىسىدەك بېرىۋاتقان ئۈمىد، تەسەللىيلىرىم بىر كۈنلەردە ئاخىرلىشىپ قالسا، ئۇ چاغدا ئۆزەمگە قانداق يېڭى تەسەللىي تاپارمەن دەپ غەم قىلغىنىمدا ئىمانىم ياردەمگە كەلدى،  ئۇ چاغدىمۇ خۇدايىم بار دەپ ئۆزەمگە مەدەت بەردىم.
  ئەگەر كۈندىلىك ھاياتىمدا بىرەر يېڭىلىق بولسىدى، تۈرمىگە ئون يىل سولاپ قويسىمۇ چىدايتتىم. خىيال سۈرىۋەرسە ئادەم ئېزىلىپ كېتىدىكەن، بىر بۇلۇڭدا سىقىلىپ كەتكەن روھىم تېنىمگە قاراپ، بىر ياققا ماڭمامسەن، ئۆلۈكتەك ياتامسەن دەپ نىدا قىلغىنىدا، جىسمانىي ئەركىنلىكىمنىڭ روھىي ئەركىنلىكىم ئۈچۈن نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمەن. مەن بۇ قەپەزدىن ئۇچۇپ چىقالمايمەن، ئۆزەڭ خالىغان مەنزىلگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ كەل، دەيمەن، ئەمما روھىم: ئەمىسە، ئۇخلا، چۈش كۆر. تېنىڭ ئارام تاپسۇن دەيدۇ. بىراق ئۇخلىغان بىلەنلا چۈش كۆرىۋەرمەيتتىم، روھىمنىڭ نەلەرگە بېرىپ كەلگەنلىكىنى بىلمەيتتىم، ھېچقانداق مەنزىرە، ئاۋاز، كۆرۈنۈشلەرمۇ ئېسىمدە قالمايتتى. مېڭەم قوپقۇرۇق ھالدا ئۆزەمنىڭ يەنىلا بۇ قاماقخانىغا سولىنىپ ياتقانلىقىمنى كۆرەتتىم، مۇدھىش، سوغۇق بىر تۇيغۇ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قاپلايتتى. يۈرىكىم ئەركىنلىك، ئەركىنلىك دەپ سوقاتتى، ئەركىن نەپەس ئېلىش ئۈچۈن ئۇلۇغ كىچىك تىناتتىم. كىچىك ۋاقتىمدا قىززىق توپىلارنى كېچىپ، مەھەللىمۇ مەھەللە ۋاقىراپ ئوينايدىغان، سۇغا چۆمۈلىدىغان، بىكاردىن بىكار مۇشتلىشىدىغان ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كېلەتتى. ئۇ چاغدا كۈندە ئويۇن، كۈندە خۇشاللىق ئىزدەيتتۇق، يېڭى نەرسىلەرگە تويماي قارايتتۇق، يېڭى ئىشلارنى سىىناپ باقاتتۇق. ئۆزىمىزگە ئەمەس، ئەتراپىمىزدىكى دۇنياغا مەستانە ئىدۇق. شۇ دەۋر بىرلا كەلدى، كەتتى، گۈزەل چۈشلەرگە ئايلاندى. ئۆستەڭدە ئېقىۋاتقان سۇغا بىرلا چۈشتۇق، چۆمۈلدۇق، ۋاقىتنىڭ، تۇيغۇلارنىڭ قوينىدا ئېقىپ كەتتۇق. بالىلىقىم ئۆلمىگەن بولسا ياشلىققا قەدەم قويالمايتتىم، تۈنۈگۈنكى كۈنۈم ئۆلمىگەن بولسا، بۈگۈنگە ئۇلىشالمايتتىم. ئۆمرۈم، ھاياتىم توختىماي يېڭىلىنىدۇ، شۇڭا ماڭا يېڭىلىق كېرەك، تۈرمىدە بۇ ئىمكانىيەت يوق دېيەرلىك. شۇڭا قاقشاۋاتىمەن، ئەركىنلىك نېمە ئۈچۈن سۆيۈملۈك؟ چۈنكى ئۇ يېڭىلىققا، يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە تولۇپ تاشقان، روھىم ھەر كۈنى يېڭىلىنىشقا مۇھتاج، بولمىسا توختام سۇدەك پۇرايدۇ، يەرگە كۆمۈلگەن ئەتىرگۈلدەك سېسىيدۇ. تۈرمىدە مەن ئۈچۈن نېمە يېڭىلىق بار؟ ھەر كۈنى تۆت تامغا، دېرىزىگە قارايمەن،  گۇندىپايغا ئۈنسىز نىدا قىلىمەن: ئەركىنلىك بەرمىسەڭمۇ مەيلى، يېڭىلىق بەر، دىققىتىمنى  جەلپ قىلغۇدەك، ئويلاندۇرغىدەك، مەنىسىز ۋاقىتلارنى مەنىلىك قىلغۇدەك يېڭىلىق بەر! مەن يەپ ئىچىپ، چىچىپلا يۈرىدىغان چوشقا ئەمەس!     
      ئەكىرىۋالغان كىتابلىرىمنى ئوقۇپ بولدۇم، سىياسىي گېزىتلەرنى، ھۆكۈمەتنى ماختاشتىن باشقا گەپ قىلمايدىغان مەنىسىز تېلىۋىزورلارنى زادى كۆرگۈم يوق، ھېچ يېڭى گەپ، يېڭى ئۇچۇر يوق. ۋاتارۇدىن تېخى جاۋاب يوق. گۈزەل قىزنىڭ جامالى خىيالىمدىن ھېچ كەتمەيدۇ، قول سوزسام يا يەتمەيدۇ. ھەر كۈنى كونا مەشۇقۇمدەك خىيال قىلىمەن، خىيالپەرەسلىككە شۇنچىلىك ئادەتلىنىپ كەتتىمكى، بىر جايىمدا ئولتۇرۇپ يېرىم كۈن خىيال سۈرەلەيمەن. خىيال كەپتەرلىرىم مېڭە قەپىزىمگە كىرىپ چىقىپ تۇرىدۇ، ئەمما ھېچ سايرىمايدۇ. كەپتەرۋاز  ئۆز كەپتىرىنىڭ چىرايلىق ئۇچۇشلىرىنى قاچان خالىسا شۇ چاغدا تاماشا قىلالايدۇ، ئەمما مەن خىيال كەپتەرلىرىمنى رەتلىك ئۇچۇرتۇپ، ئۆز خۇشاللىقىمغا ئۆگىتەلمەيمەن، بەزىدە ئۇلار بىردىنلا قوزغۇنغا ئايلىنىپ مېڭەمنى چوقۇيدۇ، مېنى ئازابلايدۇ… كىمكى، ئۆزىنىڭ خىيالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشقۇرالىسا، بەختكە بىر قەدەم يېقىنلىشالايدۇ.
   مېنى جازلىغۇچىلارنىڭ مەقسىتى شۇ:  ۋاقتىمنى ئۆلتۈرۈش،  ھەرىكىتىمنى چەكلەش، ھەر كۈنى بىر گەپنىلا دېيىش، بىر خىل تاماقنىلا يېگۈزۈش، يېڭىلىقتىن مەھرۇم قىلىش، يېقىنلىرىدىن ئايرىۋېتىش، بۇرۇقتۇرما قىلىپ  ساراڭ قىلىش،  ئاجىزلىقىمنى تونۇتۇپ، ئىرادەمنى سۇندۇرۇش. بۇ مەھكۇملۇق ۋە چارىسىزلىككە ۋاقتىنچە كۆنۈپ قالدىم دېگەنبىلەن ئەسلىدە ھەرگىز كۆنمىدىم، ھەم كۆنمەيمەن. تەقدىرىمگە تەن بېرەي دېگىنىم پەقەت ئۆزەمگە بەرگەن ۋاقىتلىق تەسەللىي، تەقدىرگە تەن بېرىشمۇ، تەن بەرمەسلىكمۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، ئاللاھ ماڭا بىر ئىشنى نىيەت قىلدۇرغانىكەن، دېمەك، ئۇ ماڭا ھۆر ئىرادە ئاتا قىلدى. ئۇنى ئورۇنلاش-ئورۇنلىماسلىق ماڭا تالىق. ئەمما مېنىڭ شۇنىڭغا نېسىپ بولۇش-بولالماسلىقىم يەنىلا ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق. ئاللاھنىڭ ماڭا شۇنداق ھۆر ئىرادە ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن. ئەگەر ئاللاھ خالىمىسا، مېنىڭ خالىغىنىم بىكار. نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزەمگە يۈكلىۋالغىنىم بىلەن، توساتتىن جېنىم چىقىپ كەتسە، ھەممىسى تاشلىنىپ قالىدۇ. ئادەم ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ كۈچلۈك ياكى ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ ئاجىز، بەلكىم ئۆزىنىڭ زادى قانچىلىك ئادەم  ئىكەنلىكىنى بىر ئۆمۈر بىلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن. 
كۈچلۈكلەر ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئاجىزلىقىنى، ئەقىللىق ئادەملەر ئۆزىنىڭ قانچىلىك دۆت ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنى ئېغىر-بېسىق دېگەنلەرمۇ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئۆپكىسى يوق ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ ئادەم ئۇرۇشۇم ياكى ئادەم ئۆلتۈرۈشۈم مۇمكىن ئەمەس دېگەنلەرمۇ ۋاقتى كەلسە ئۆزىنىڭ مۇشتۇمزور ياكى قاتىل بولۇپ قالالايدىغانلىقىنى تۈرمىگە كىرىپ بىلىدۇ، ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن خاتا ماكان، خاتا ۋاقىت، تۇيۇقسىز بىر غەزەپ ۋە ساراڭلىق، كېلىشمەسلىك…ۋاھاكازالار سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.  تۈرمىگە كىرىپ كاللىسى سەگىدىگەن ئادەم ئۆزىنى ھەقىقەتەن قايتا تونۇيدۇ ھەم كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەمما تۈرمىگە كىرسىمۇ ئۆزىنى تونۇمايدىغان شۇنداق مەخلۇقلار باركى، ھەممىدىن غەزەبلىنىپ، ھەممىگە نەپرەتلىنىپ،  دۈشمەنلىرىدىن ھامان ئۆچ ئېلىشنى كۈتۈپ ياشايدۇ. تۈرمىدىن چىقىپلا يەنە جىنايەت ئۆتكۈزىدۇ، بۇ قېتىم ئالدىنقىسىدىن ئېغىر بولغاچقا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ،  جەھەننەمگە يول ئالىدۇ.

ئۇنتۇلغان بىر بۇلۇڭدا تاشلىنىپ قالدىم، ئاتا-ئانامدىن بۆلەك ھەممە ئادەم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى. ھەر كۈنى سىرتتىن بىرەر خەۋەر، بىرەر يېڭىلىق، بىرەر ئۈمىد ئىزدەپ، كاتەكتىكى نىمجان خورازدەك ياتقىنىم ياتقان. خورازنىڭ ياشايدىغان ماكانى ئەسلىدە كەڭرى ھويلا، يېشىل باغلار، ئېگىز قونداق ئەمەسمىدى؟ بىرەر مىكياننىڭ قەقەسلىگەن ئاۋازى تۈگۈل، تۈكلىرىنىمۇ كۆرەلمەيۋاتىمەن. ۋاتارۇنىڭ خېتى كەلگەن بولسىمۇ، نەچچە كۈنگىچە شۇ خەتنى ئوقۇپ، كۆڭلۈمنى خوش ئېتىپ يۈرگەن بولاتتىم. تىللاپ يازغان بولسىمۇ مەيلىدى، يېڭىلىق بولاتتى، دىققىتىم چېچىلاتتى، ئوي-پىكرىم قوزغىلاتتى، ئۇنىڭغا  يەنە خەت يازاتتىم، قىلغىلى ئىش تاپاتتىم. زېرىكىشتىن ساراڭ بولاي دېدىم، ئۆلۈمتۈك، كېسەلجان جىنايەتچى بولغان  بولسىدىم، بىر چەتتە ھالسىز، دەرمانسىز، ئۈمىدسىز ياتقان بولاتتىم، ئەمما ياش، شاش، ساغلام،  يۈرىكى قىزغىن سوقۇپ تۇرىدىغان  ئادەممەن،  ياپيېشىل دەرەخكە ئوخشايمەن، ئۆزەمنى ئاسراپلا تۇرىدىكەنمەن، بۇنداق ناچار مۇھىتتىمۇ نەچچە يىل ياشىرىپ تۇرالايمەن.  ئەمما مۆجىزىلەرگە تولۇپ تاشقان بۇ ۋۇجۇدۇمنىڭ بۇنداق خارلىنىشىغا چىداپ تۇرالمايمەن، مېنى ھەقىقىي ئازابلايدىغىنى ئەنە شۇ ئىززەت نەپسىم، ئۆزلۈك غۇرۇرۇم!  ئات، ئېشەك جېنىدا  بىر قوتانغا ئايلاپ-ئايلاپ سولاپ قويسا، كىشنەپ-ھاڭراپ، ئىگىسىگە ئىسيان كۆتۈرىدۇ، تالاغا ئەچىققۇدەك بولسا، قىيغىتىپ سەكرەپ، تۇتۇق بەرمەي قاچىدۇ. مەن  ئۆزەمنى شۇ ھايۋانلارغا ئوخشىتىشتىن پەقەت قۇتۇلالمىدىم، بىرەرسى كېلىپ ئىسمىمنى توۋلاپ قاماقخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاچمىدى. مېنى تالاغا ئەچىقىدىغانلار بىر پاتمان قەغەز دۆۋىلىرى ئىچىدىن ئىسمىمنى تاپالماي، جىنايىتىمگە تولۇق قاراپ چىقالماي، نەچچە يىل كېسىدىغانلىقىنى بېكىتىپ بولالماي يۈرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.  ئادۋوكات كەلمىگەندىكىن مېنى ئىگىسى يوق، ئورنى يوق، پۇلى يوق كۆرۈپ، ئۆز ئىچىدىنلا مۇزاكىرىلىشىپ دەرھال بىر تەرەپ قىلىۋېتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. نېمىلا قىلسا قىلسا، ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىپ كۆڭلۈمنى تىنجىتسا، بۇنداق تاقەتسىز كۈتۈشلەردىن، خىلمۇ خىل ئېھتىماللىقلارنى ئويلاپ قىينىلىشتىن مېنى قۇتۇلدۇرسا بولاتتى.  بۇنداق گالۋاڭلىق، مۈجمەللىك، نائېنىق تەقدىرگە بولغان ياخشى-يامان گۇمانلاردىن قانچە بۇرۇن قۇتۇلسام شۇنچە ياخشى.  سوت ئېچىلىدىغان كۈن ئىتتىكرەك كەلسىكەن دەيمەنۇ، ئۇ كۈنى كەلسە ھۆكۈمنى ئاڭلاپ بولغىچە نېمە بولۇپ كېتەرمەن دەپ ئەنسىرەيمەن. بۇنىڭ ھەممىسى خىيالپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى. بەزىدە زىيادە بايلىق ئادەمنى يامان يولغا باشلىغاندەك، زىيادە خىيالمۇ  ئادەمگە ئارتۇق ۋەھىمە، ئازاب ئېلىپ كېلىدىكەن.
  قاماقخانىدا شۇنچە ئادەم ئارىسىدا ئۆزىنى تىكەندەك يالغۇز ھېس قىلىدىغان پەقەت مەنلا ئەمەس، ئەمما مېنىڭ غېرىبلىقىم ھەممىدىن يامان. ھەر بىر مەھبۇس ئۆزىنى  بۇ يەرگە تاشلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلىدۇ، بارلىق ئادەملەر، ھەتتا ئۆز يېقىنلىرىدىنمۇ خۇدۇكسىرەيدۇ. ئۆزىنى كەمسىتمەي دېسىمۇ كەمسىتمەي تۇرالمايدۇ، بېشىنى تىك تۇتاي دېسىمۇ، بىر سائەتتىن كېيىن بېشى چۈشۈپ كېتىدۇ. چۈنكى بۇ مېھمانخانا ئەمەس، تۈرمە!  گۇندىپايلار سۆزلەپ تۇرىدۇ: كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ قارا، سەن ئۆيۈڭدە ئەمەس، تۈرمىدە! 
    شۇڭا بۇ يەردە بىخۇتلاشقىلى بولمايدۇ، تۈرمىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئويلاپ، ئۇنىڭ يەنىلا زىندان ئىكەنلىكىگە كۆزيۇمغىلى بولمايدۇ،  يالغاندىن بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ ناخشا ئېيتقىلى بولمايدۇ،  كاللىسىدىن كەتكەن ساراڭ بولسا، بۇ باشقا. بىر كۈنى چۈشتە دېرىزىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن، چۈشۈمدە توختىماي شېئىر ئوقۇپتىمەن:
   چوشقىلار ھەي چوشقىلار
     ئاسماندا ئۇچقان چوشقىلار
     ئۇچۇشنى بىلمەي چىقىراپ
     يەرگە چۈشكەن چوشقىلار…
    بىر زامان بۆرە ئىدىم،
    تاغ-داۋان ئاتلايدىغان.
    كىيىك، توشقانلار ئىزدەپ
    كېچىچە قاترايدىغان.
    بىر توشقاننى يەپ بولۇپ،
   چۈشتۈم بۈگۈن قاپقانغا،  
     كەلمەيدىكەن تەلەيمۇ
      ئۆلۈكتەك جىم ياتقانغا.
   خوشىنو، ئەي خوشىنو
  سەن مېنىڭ كۆڭۈل خوشۇم،
سەن مېنىڭ ئويۇنچۇقۇم
    ئەسكى تامنىڭ كەينىدىن،
    تېرىۋالغان قوچىقىم.
    بىر كۆرۈپلا دوستۇڭنى
    تاشلىۋەتتىم ئەخلەتكە،
    قانداق ئاشىق بولىمەن،
ساڭا ئوخشاش مەينەتكە.
      ۋاتارۇ، ئەي ۋاتارۇ
      سېنى سالدىم يۈرەككە،
     سەندەك گۈزەل قىزچاقلار
     لايىق مەندەك يىگىتكە.
    مەن بۇ يەردە دەپ تۇرسام
    قارىمايلا كەتتىڭمۇ؟
    ياكى باشقا ئەركەكتىن،
   مۇرادىڭغا يەتتىڭمۇ؟
     
ئادەمنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشى،  ئۆزىدىن ھەم باشقىلاردىن زېرىكىشى پاجىئەنىڭ باشلىنىشىدۇر. چۈشكۈنلۈك ئۆلۈمنىڭ باشلىنىشى، چۈشكۈنلۈك ئەۋجىگە يەتسە ئادەم ياپونلۇقلارغا ئوخشاش ئۆلۈۋالىدۇ. ياپونلۇقلارنىڭ ئۆلىۋېلىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى. مەن بۇنداق بولۇپ قېلىشتىن قورقىمەن، ھەر كۈنى بىر يېڭى ھاياتلىق باشلىنىدۇ دەپ ئۈمىدۋار، جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.
    ئىككى ئاي يىگىرمە بەش كۈن بولغاندا مەن كۈتكەن يېڭىلىق، يېڭى خەۋەر يېتىپ كەلدى، بىر ھەپتىدىن كېيىن سوتقا چىقىدىكەنمەن. يەتتە كۈندىن كېيىن گۇندىپاي ئىسمىمنى چاقىرىپ مېنى قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقتى، ماشىنىغا سېلىپ سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ باردى. جاۋابكارنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ، سوتچىلار سەھنىسىگە قىزىقىش بىلەن نەزەر سالدىم. باش سوتچى، سوتچى، ئەيبلىگۈچى، كاتىپلار جىددىي ھالەتتە ماڭا قاراپ تۇراتتى. بۇ مەيداندا يېقىنلىرىمدىن بىرسىمۇ يوق، ھەتتا ئەرز قىلغۇچى بولغان خوشىنومۇ كەلمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ياپونىيە ئەلچىخانىسىدىن بىر نەچچە ئادەم ۋە تەرجىمان كەلگەنىدى. دېمەك، خوشىنو ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ مېنى كۆرۈشنى خالىمىغانىدى. سوت بىر سائەت داۋاملاشتى، مەندىن گەپ سورىدى، باسقۇنچىلىق جىنايىتىنى ھەرگىز ئۈستۈمگە ئالمىدىم، ئىشەنمىسەڭلار مېھمانخانىدىن سوراڭلار، ياتاقنىڭ ھۆججىتى تولۇق، ئالتە ئايدىن ئارتۇق بىللە تۇرغان قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىدىغان مەن ساراڭمۇ؟ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆزى رازىلىقى بىلەن بولغان، بولمىسا ئۆزى كېلىپ گۇۋاھلىق بەرسۇن، دەپ تۇرۇۋالدىم. سوتتىكى ئەيبلىگۈچىنى ياپون تەرەپ ياللىۋالغان ئوخشايدۇ، ماڭا قاراپ ھۆمىيىپ تۇرۇپ : «مەزكۇر جاۋابكار ئۇ قىزنى كۆپ قېتىم ئالدىغان، ئاخىرقى قېتىم قىزنىڭ رازىلىقى بولماي تۇرۇپ  بىللە بولۇشقا زورلىغان، ئۇنىمىسا ئۇرۇپ ئىككى چىشىنى سۇندۇرۇۋەتكەن…»دەپ بىر مۇنچە كاپىلدىدى، غەزەپتىن تىترەپ: «يالغان، مەن بۇلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن» دېدىم. باش سوتچى بولقىسىنى جوزىغا ئۇرۇپ ماڭا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئەيبلىگۈچى سۆزلەۋەردى: « ئەرز قىلغۇچى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان، تا ھازىرغىچە ئەسلىگە كېلەلمەي ياپونىيەدە داۋالىنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ داۋالىنىش چىقىملىرى ۋە روھىي زەربە ھەققىنى جاۋابكار ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئەرز قىلغۇچىنىڭ دەۋاسىدا تۆلەم پۇلى تىلغا ئېلىنمىغان، بەلكى جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن كۆپرەك تۈرمىدە يېتىشى تەلەپ قىلىنغان».
ۋاھ، بۇ ياپونلۇقنىڭ ئىككى چىشى ۋە روھى ساغلاملىقى پالانى پۇل بولسا،  ئەگەر تۆلە دەپ قالسا نەدىن تۆلەيمەن، بىچارە ئاتا-ئانام بىر ئۆمۈر جاپا تارتمامدۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە تۈرمىدە ياتساممۇ ياتاي دەپ ئويلىدىم. سوتلاش ئاساسەن مېنى ئەيبلەش، قارىلاش بىلەن ئۆتتى،  پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ دېگەن مۇشۇكەن. ۋەزىيەت ماڭا پايدىسىز ئورۇنغا ئۆتتى، ئەسلىدىمۇ پايدىسىز، چاتاق ۋەزىيەتتە ئىدىم، شۇڭا بەك ئاھ ئۇرۇپ كەتمىدىم، بۇ ئىشنىڭ نەدە توختايدىغانلىقىغا قىزىقىپ، ئاخىرقى ھۆكۈمنى كۈتۈپ تۇردۇم.  سوتچىلارنىڭ خوشىنو يالغاندىن ئويدۇرۇپ تەمىنلىگەن ۋە تەپتىش ئورۇنلىرى تۈزۈك تەكشۈرمەيلا دەلىللىگەن ئىسپاتلارغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇراتتى. ھۆكۈم قىلىنىدىغان چاغدا ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى، مەنمۇ ئىختىيارسىز جىددىيلىشىپ،  تەقەززالىق ھەم قورقۇنچ ئىچىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم. سوتچى پالانى قانۇننىڭ مانچىنچى ماددىسىغا ئاساسەن…دەپ، ئاندىن ئالدىرماي، ئۈنلۈك ئاۋازدا: ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى! دەپ ئېلان قىلىۋىدى، بېشىمغا تاغ يىقىلدى، لاغىلداپ تىترەپ كەتتىم. ھۆكۈم قىلماق نېمىدېگەن ئاسان،  بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى  بىر  ئېغىز گەپ بىلەن ئۆزگەرتمەك، بىر ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىنى ئېغىزدىكى شۆپۈكتەك تۈكۈرۈپ تاشلىماق نېمانچە ئوڭاي!!  ئەركىنلىككە تەشنا روھىم بۇ ئۈچ يىلغا چىدامدۇ؟  مۇھەببەتكە تەشنا بۇ قەلبىم ئۈچ يىل قاغجىراپ كەتكەن چۆلدەك تاشلىنىپ ياتامدۇ؟ كۆكلەۋاتقان ھاياتلىق دەرىخىم ئۈچ يىل خازان بولامدۇ؟ باشقىسىنى قويۇپ تۇراي، خوشىنوغا بولغان ئۆچمەنلىكىم ۋە نەپرىتىممۇ بۇ ئۈچ يىلدا يۈرىكىمنى غاجاپ يەپ بولمامدۇ؟ ئاللاھقا نالە قىلدىم. قاقشاش، زارلاش بىلەن ھېچ ئىشنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، زارلاندىم، سەھنىدە سەمرىپ ئولتۇرغان سوتچىلارغا، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەيدىغان ئاقلىغۇچى-قارىلىغۇچىلارغا غەزەب بىلەن ھۇمايدىم، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەن گەپنى ئوسۇرۇققا تەڭ قىلدىم.
بۇ جەڭدە ياپونلۇقلار غەلىبە قىلىپ، جۇڭگولۇقلار مەغلۇب بولدى. مېنىڭ روھىم بۇ چۈشەكلەردىن خالاس بولدى، ساقچىلار  قولۇمغا كويزا سېلىپ قايتۇرۇپ ماڭغاندا، قاتتىق ئاغرىقى قويۇپ بەرگەن بىماردەك يەڭگىللەپ قالدىم، تەقدىرىمگەن تەن بەردىم، مەنلا مۇشۇنداق تەلەيسىزمۇ؟ دېگەن نارازىلىقىم پەسكويغا چۈشتى، ئاللاھنىڭ يەنە ماڭا قانداق ئىشلارنى كۆرسىتىدىغانلىقى نامەلۇم، ئۇنى پەقەت داۋاملىق ياشىغاندىلا بىلگىلى بولىدۇ. شۇ تاپتا مېنىڭ ئاللاھتىن بۆلەك يۆلەنچۈكۈم يوق، ئەگەر بۇ يۆلەنچۈكۈم بولمايدىغان بولسا،  تۈرمىگە كىرىپ بولغىچە يولدىلا يىقىلىپ قالىمەن.

قاماقخانىغا يەنە سولاندىم، مەھبۇسلار قىزىقىپ ئۇنى-بۇنى سوراشتى، ھەممىسىگە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇردۇم، كاللامدا ئۈچ يىل، ئۈچ يىل دېگەن ئېغىر سان ئەلەڭگىيتتى، ئۈچ دېگەن سان يۈرىكىمنى ئىككى تەرەپتىن  كاناردىكى گۆشتەك ئېسىپ قويغانىدى. ئاھ بىچارە يۈرىكىم، ئۈچ يىلغا قانداق چىدارسەن؟ ئىككى ئايدىن ئارتۇق قاماقخانىدا يېتىپ، چوڭقۇر ئوي-خىياللارغا پېتىپ، تەپەككۇرۇمنى جانلاندۇرغان بىلەن رىئاللىقتىن ئايرىلىپ دۆتلىشىپ كېتىپتىمەن، ھېچكىم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرمىغاندىكىن گەپنىمۇ ئوڭلاپ قىلالمايدىغان، جىق ئادەم بار يەردە تېخىمۇ كېكەچلەيدىغان بولۇپ كېتىپتىمەن. چۈشۈمدە سەھنىگە گەپ قىلغاندىكى ناتىقلىقىم قېنى؟  ئادەم ئەمەلىيەتتە نېمىنى قىلالمىسا، چۈشىدە شۇنى كۆرىدىغان ئوخشايدۇ. ئەگەر ئاشۇ ناتىقلىقىم بولىدىغان بولسا، باش سوتچى ماڭا ئاخىرقى قېتىم سۆز قىلىش پۇرسىتى بەرگەندە كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلىپ، ئۆزەمنى ئانچە-مۇنچە ئاقلاپ، جازا مۇددىتىنى بىر نەچچە ئاي بولسىمۇ يەڭگىللىتەلىگەن بولار ئىدىم. سوتچى ئارىلىقتا ئارام ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن، ساقچىلار مېنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن شۇ مىنۇتلاردىمۇ ئۆزەمنى ئوڭشىيالمىدىم، شور پېشانىلىكىمدىن، يالغۇزلۇقۇمدىن، ئاجىزلىقىمدىن ئاھ ئۇرۇپ تىترەپ ئولتۇردۇم. سوتتا جىددىيلىشىپ كەتكىنىم، مەن ئۆزەم بىر ئادەم، نېمە ئىش قىلالايتتىم دەپ  چۈشكۈنلىشىپ كەتكىنىم ئېنىق، زىيادە خىيالچانلىق ئادەمگە ئارتۇقچە ۋەھىمە، پالاكەت ئېلىپ كېلىدىكەن، قورقۇنچ ۋە ھاياجان ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسىكەن. مەن شۇنچىلىك ئاجىز مەخلۇقمۇ؟  كۈچلۈك ئادەم بولۇشۇم شۇنچىلىك تەسمۇ؟  سوت زالىنىڭ سىرتىدا سوتتىكىلەرنىڭ نېمىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشىۋاتقانلىقىنى، قانداق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەي، بېشىمنى چاڭگاللاپ ئولتۇرغىنىمدا بولسۇن، ياكى قاماقخانىغا قايتا سولىنىپ ئەسكى كارىۋىتىمغا يانپاشلاپ ئۆلۈكتەك ياتقىنىمدا بولسۇن، «ياپون ئالۋاستىسى» خوشىنونى كاللامدىن پەقەت چىقىرالمىدىم، ئۇنىڭ ياپونىيەدە، پەردە ئارقىسىدا غالىبلارچە، زەھەرخەندىلەرچە ھىجىيىپ تۇرغان كۆرۈنۈشى  ھامان كۆز ئالدىمدا. چۈشۈمدە ئۇنىڭ كانىيىنى سىقىپ، كاللىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىچى بىلەن چېپىۋېتىشنى تىلەۋاتىمەن.
    مەن قانۇننىڭ ئادالەتلىك ئىكەنلىكىدىن بۇرۇنلا گۇمانلىناتتىم، گۇمانىم ئىسپاتلاندى. باش سوتچى گەرچە«ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئەتراپلىق ئويلىشىش، مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىلدى» دېگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار باشتىن ئاخىر خوشىنو  ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىغا يان باستى. ئۈچ يىل، قاباھەتلىك ئۈچ يىل! باش سوتچى: «جاۋابكار، ئېنىق ئاڭلىدىڭمۇ؟» دېگەندە، كۆزۈمنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ قالدىم، ئاڭلىماي قالىمەنمۇ؟ ئېنىق ئاڭلىدىم، ئەمما كاللام قېتىپ قالدى. «بۇ ھۆكۈمگە پىكرىڭ بارمۇ؟ قايتا ئەرز سۇنامسەن؟» دېگەندە، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. قىسقىسى،  ئۇلارغا ئىشەنمىگەن ئىدىم، ھازىرمۇ ئۇنى سوتتىكى بىر شەكىلۋازلىق دەپ ئويلايمەن. مىڭ پاتمان دەردىم، نارازىلىقىم بولسىمۇ، ئۇلارغا دېگەننىڭ نېمە پايدىسى؟  ئەرز سۇنۇپ ئاقتۇرغىلى بولاتتىمۇ؟

قاماقخانىدا يەنە قانچىلىك ياتىمەن، بىلمەيمەن، مەھبۇسلارنىڭ دېيىشىچە، قاماقخانىدىكى كۈنلىرىممۇ جازا مۇددىتىگە ھېسابلىنىمىش. ئەگەر تۈرمىدە ئىپادەم ياخشى بولسا، باشقىلارغا ياردەم قىلسام جازايىم يېنىكلەيمىش، ھاجەتخانىدا يىقىلىپ چۈشكەن قېرى مەھبۇسلارنى، چېكەرمەن ئوغرىلارنى، ئىچىدىن تۈگىشىپ كەتكەن پاھىشۋازلارنى  قۇتقۇزۇپ قالالىسام تۆھپە ياراتقان ھېسابلىنىپ، مۇددىتىم بىراقلا بىر نەچچە ئاي قىسقىرايمىش. دېمەك، ئۈچ يىل كېسىلگىنىم، چوقۇم ئۈچ يىل ياتىسەن دېگەن گەپ ئەمەسكەن. بىراق، ئۇنداق ياخشى ئىشلار ماڭا نېسىپ بولماسلىقى مۇمكىن. تۈرمە دېگەندە مەندەك ئويلايدىغان يالتىراق ئاكتىپلار تولا. ئۇلار بىلەن ئوخشاش تىرىشقىنىم بىلەنمۇ ئۇلار مەندىن بۇرۇن كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ بولىدۇ. نەگە سولانسام ئوخشاش، تاماقلىرى ناچار، گۇندىپايلىرى قوپال، مەھبۇسلىرى خەتەرلىك، كۈنلەر ئازابلىق ھەم زېرىكىشلىك. مەھبۇسلار بىر-بىرىنى كۆزىتىپ، بىر-بىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، بىر-بىرىنى چەكلەپ، -بىر-بىرىنى چېقىشتۇرۇپلا ئۆتىدۇ، يامانلىرى ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان يەر تاپالماي ئاران تۇرىدۇ،  جېنىدىن تويغان بىرەر جىنايەتچى بىلەن پېتىشماي قالسام، ئۇ قەپەزدىن چىقىپ كەتكىچە كۈنلىرىم ۋەھىمە ۋە سىقىلىشتا ئۆتىدۇ، بەلكىم مەن ئۇ قەپەزدىن چىقىپ بولغىچە قەستكە ئۇچراپ، جېنىم تەن قەپىزدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن… ئويلىغانچە تېرىكىپ، قايغۇرۇپ، يىراقتا قالغان بىچارە ئاتا-ئانامنى ئەسلەپ ئۈنسىز ياش تۆكتۈم. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندا، خەقنىڭ ئالدىدا ئاجىزلىقىمنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالغان بىلەن، قاماقخانىدا يالغۇز قالغاندا ئۆزۈمنى قويۇۋېتىپ تازا يىغلىدىم، كېچىچە يېشىم قۇرىمىدى.
بەش كۈندىن كېيىن ھۆكۈمنامە قولۇمغا تەگدى، خوشىنو ئەرزنامىسىدە قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاسى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن سوت مەھكىمىسى ئاتا-ئانامنى سوتقا چاقىرتماپتۇ، ھۆكۈمنامىنىمۇ قولۇمغا بېرىپتۇ. ھۆكۈمنامىدە مېنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىم، جىنايەت ئۆتكۈزگەن، جازا كۆرۈلگەن تارىخىمنىڭ بار-يوقلۇقى، ئەيبلىگۈچىنىڭ ئۇچۇرلىرى، ھۆكۈمدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن جىنايەت، سەۋەب ۋە تەتبىقلانغان قانۇنىي ئاساس تولۇق يېزىلغانىدى. ھۆكۈم نەتىجىسىنى قايتىدىن كۆردۈم، ئەگەر بۇنىڭغا قايىل بولمىسام، مەزكۇر سوت مەھكىمىسى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسام بولىدىكەن. مەن نېمىشقا قايىل بولىمەن؟ قايىل ئەمەسمەن، سۆزلە دېسەڭ سۆزلەيمەن، ياز دېسەڭ، 40، 50 بەت توشقىچە ئەرز يازىمەن، تاكى سەن گۇيلار مېنىڭ زادى قانداق ئادەملىكىمنى بىلگىچە تولۇق يازىمەن. ئەرزىمنىڭ ئاقىدىغان-ئاقمايدىغانلىقى بىلەن چاتىقىم يوق، ئىشقىلىپ، ئۆتكەن ھەممە ئىشلىرىمنى يازىمەن، خوشىنونىڭ مېنى قانداق ئەخمەق قىلغانلىقىنى، مېنى جىنسىي قۇل قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىپ، مۇھەببەت نىقابى ئاستىدا سەككىز ئاي ئەخمەق قىلغانلىقىنى، ئەڭ ئاخىردا غۇرۇرۇمغا پايلىماي ئۇنىڭدىن قانداق ئۆچ ئالغانلىقىمنى بىر-بىرلەپ يازىمەن.

  ئۈچ كۈن ئوبدان ئويلىنىپ، ئىككى كۈن باش قاتۇرۇپ 10 بەت ئەرزنامىنى يېزىپ، ئىككى نۇسخا كۆپەيتىپ، مېنى سوتلىغان گۇيلارغا ماڭدۇرۇۋەتتىم. ئەگەر بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، قايتا سوت ئېچىپ قالسا، ئۆزەمنى قايتا ئاقلاپ چىقىمەن دەپ  ئويلىدىم، چىرايلىق كاتىپ قىزنىڭ ئىككىنچى قېتىم جاراڭلىق ئاۋازدا سوت تەرتىپىنى باشقۇرۇشلىرىنى، ماڭا «سەندەك بالىمۇ جىنايەت ئۆتكۈزەمدۇ؟» دېگەندەك ھېسداشلىق نەزەرىدە قاراشلىرىنى، سوتچىلارنىڭ مېنىڭ ئۇنچىلىك ئەبگا جىنايەتچى ئەمەسلىكىمنى تونۇپ، ماڭا باشقىچە نەزەردە قاراشلىرىنى، ھەتتا خوشىنونىڭ دوستى ۋاتارۇنى ئېلىپ سوت مەيدانىغا كېلىشىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن ئۈمىد ئىزدەپ تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم، ئەمما ھېچ جاۋاب بولمىدى. ماڭا ئوخشاش ئەرز سۇنغاندىن  بىرى ماڭا تەسەللىي بېرىپ: ئۇلار تېخى بىر ئايدىن ئىككى ئايغىچە دېلوغا قايتا قاراپ چىقىدۇ، ئاڭغىچە مەشەدە ياتىسەن، دېدى. ئەگەر بۇ قاماقخانىدىن باشقا تۈرمىگە يۆتكىلىپ كەتسەم ئاندىن  بىرىنچى ھۆكۈم رەسمىي  كۈچكە ئىگە بولغان، نارازىلىق ئەرزىم رەت قىلىنغان بولىدىكەن.
    بىر ھەپتىدىن كېيىن خوشىنودىن خەت كەلدى:
   قانداق تۇرۇۋاتىسەن دەپ سوراشنى خالىمىساممۇ، سوراپ قوياي؛ قانداق تۇرۇۋاتىسەن؟ ھالىڭنىڭ تېخىمۇ ناچار، تېخىمۇ بەتتە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ تۇرۇۋاتىمەن. ئاڭلىدىم، ئۈچ يىل تۈرمىدە ياتىدىكەنسەن، پۇخادىن چىقتىم، ساڭا ھەر قانچە ئىچ ئاغرىتساممۇ، بۇ ھېسسىياتىمنى ساڭا بولغان نەپرىتىم بېسىپ كېتىدۇ.  دوستۇمغا خەت يازغىنىڭنى بىلدىم، شۇڭا بۇ نەپرىتىم تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بىچارە ئەبلەخ، سەن ياپونلۇقلارنى، ياپون قىزلىرىنى قىلچە چۈشەنمەيدىكەنسەن، قاماقتا يېتىۋېرىپ تولا خىيال سۈرۈپ، كاللاڭدىن كېتىپ قالغان ئوخشايسەن. بىزدىكى ھەمكارلىق ۋە ساداقەتنى سەن مەڭگۈ چۈشىنىپ بولالمايسەن، ئويلايدىغىنىڭ، يېڭى قىز تېپىش، پەس ئارزۇ-ھەۋىسىڭىنى قاندۇرۇش، خالاس. يازغان خېتىڭنى كۆرۈپ كۈلۈپ كېتىپتىمەن، ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان بىر قىزغا خەت يازغىنىڭنى قارا، قاپاق كاللا! مۇشۇ خېتىڭ ئۈچۈن، ماڭا خىيانەت قىلغىنىڭ، ھاقارەت قىلغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا يەنە بىر يىللىق جازا بېرىلسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ، ئەمما ئاللىقاچان ھۆكۈم قىلىنىپ بولدۇڭ. مەن باشتىلا دېگەن، سەن بۇ جازانى چوقۇم تارتىشىڭ كېرەك، ئاڭلىسام نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپسەن، مەن بۇنىڭغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قارشى تۇرىمەن. مەن ھېلىمۇ بىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ، تۆلەم پۇلى ئالمىدىم. ماڭا پۇل ئەمەس، سېنىڭ ئازابىڭ، ئاچچىق كۆز ياشلىرىڭ كېرەك. سەن تۈرمىدە ياتقاندىلا مېنى ئويلايسەن، نەپرەت بىلەن تىللىساڭمۇ ، قارغىساڭمۇ، ئىشقىلىپ ئويلايسەن، ئويلاشتىن قۇتۇلالمايسەن، مەن بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىڭنى قەدىرلەيسەن، ھەسرەت بىلەن سېغىنىپ ئەسلەيسەن، تولغىنىپ ياتالمايسەن، پىت-بۈرگىلەرگە تالىنىسەن.  بولسا ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كەتسەڭمۇ مەيلى. ئۆلسەڭ شەرەپ بىلەن ئۆلگەن بولىسەن. سېنى چوڭقۇر سېغىنىش  ئىچىدە ياد ئېتىمەن.
مېنى قانداق ئويلىساڭ ئويلا، ئىچىڭدە قانداق تىللىساڭ تىللا، ئەمما مېنى تىللاپ خەت يازما، جاھاندىكى ئەڭ پەس، نامەرت، چۈپرەندە ئەرلەرلا ئايال كىشىدىن ئۆچ ئالىدۇ!
     خەتنى يەنە يىرتىپ تاشلىۋەتتىم، سەن شاۋچىنىڭ شۇ گېپى ئۈچۈن بولسىمۇ مەن ھەرگىز ئۆلۈۋالمايمەن، ئىمان بىلەن ياشايمەن، بەلكى خۇشال ياشايمەن! دەپ قەسەمياد قىلدىم.

      خوشىنونىڭ دوستى دۆت بولسا كېرەك، چىرايلىق قىزلارنىڭ تولىسى دۆت كېلىدۇ دېگەنگە ئىشىنىپ قالدىم،  «ۋاتارۇ» دېگەن ئىسىمنى كاللامدىن سۈپۈرۈپ تاشلىدىم، ئەمدى ئۇنىمۇ خوشىنوغا ئوخشاشلا نەپرەت، يىرگىنىش بىلەن ئويلايمەن. ساداقەت، ھەمكارلىق دېگەنلىرى قۇرۇپ كەتسۇن، مەيلى ياپونلۇق ياكى باشقا يەرلىك بولۇپ كەتسۇن، قىز بالىنىڭ ھەقىقىي دوستى بولمايدۇ، ھەممىسى كۈندەش، ھەممىسى ھەسەتخور، ۋاقتى كەلسە بىر-بىرىنى سېتىۋېتىدۇ! مەن تۈرمىدە جازالانسام، مەھبۇسلۇق ئازابىغا چىدىماي ئۆلۈۋالسام ئۇ ساراڭغا نېمە پايدىسى؟ بۇنىڭ تېگىدە گەپ بار، ئۇنىڭ ساراڭلىقى تۇتسا ھەممىنى ۋايىغا يەتكۈزىدۇ، مېنى تۈرمىگە سولىتىۋېتىپ، مەن بىلەن ھەر ئاخشىمى بىللە بولالمىغان ئاچچىقىنى مەندىن ئالماقچى. ئۇ بۇرۇن مېنى رەنجىتىپ قويۇپ ئارقىدىن پۇشايمان قىلاتتى، ھىيلىگەرلىك بلەن ئەپۇ سورايتتى، ئەگەر مېنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرسە ھازىرمۇ پۇشايمان قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. مۇھەببىتىنى ئوڭدا قويۇپ، پۇشايمان قىلاي دېسە جىلە بولۇپ، بوينى قاتتىقلىق قىلىپ تۇرۇۋالىدىغان جاھىل، ھاكاۋۇر قىزلار ئازمۇ؟  ئوغۇللارنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئوينىشىدىغان، بىراۋنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشاللىنىدىغان شۇنداق مايماقلاردىن ئۆلگىچە نەپرەتلىنىمەن.
    بىر ئايدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىملىق ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالدىم، سوتنىڭ كېسىمنامىسى ئىكەن، ئۇستىرىسى ئىتتىك موللام كىچىك بالىنىڭ ئاغزىغا تۇخۇمنى كەپلەپ قويۇپ چۇچىقىنى كەسكەندەكلا كېسىۋېتىپتۇ، سوت ئاچمايلا، ئاغزىمنى ئاچۇرمايلا ئۆز ئىچىدىن كېسىۋېتىپتۇ! نارازىلىق ئەرزىمنى رەت قىلىپ، ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قاپتۇ. باش سوتچى بۇنى «جاۋابكار بۇ شىكايەتنامىسىدە پاكىتنى ئەمەس، ئۆزىنىڭ شەخسىي ھېسسىياتىنى ئاساس قىلغان، ئۆزىنى قايتا ئاقلايدىغان يېڭى دەلىل ۋە كۈچلۈك ئىسپات كەلتۈرەلمىگەن. ۋاھالەنكى ئەرز قىلغۇچىنىڭ دەلىل-پاكىتلىرى تولۇق، يەنە كېلىپ تۆلەم تەلەپ قىلمىغان ئەھۋالدا، بۇ جازا مۇۋاپىق» دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ. دېمەك، ئۆزەمنى «بېسىمغا ئۇچرىغان جىنسىي قۇل» سۈپىتىدە بايان قىلىشىم ئۇلارنى قىلچە تەسىرلەندۈرەلمەپتۇ، ئۇلارچە بولسا، ئەرلەرلا ئاياللارنى جىنسىي قۇل قىلالايدۇ، ئەرلەرلا ئاياللارنى بوزەك قىلالايدۇ. ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەر، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئايال. ياپون باسقۇنچىلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن تارىخىي جاراھەت  تېخىچە شەلۋەرەپ تۇرسا، ئۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ ئەگەر ئۇلارنىڭ كاللىسى ساق بولسىدى، بۇ مەسىلىنى باشقا نۇقتىدىن كۆزىتىپ، باشقا جەھەتتىن چۈشىنىپ باقاتتى.
ئۈمىدىم يەنە بىر قېتىم كۆپۈككە ئايلاندى. ئۈمىدسىز شەيتىنىم يەنە بىر قېتىم ۋۇجۇدۇمغا زەھەرلىك ئۇكۇل ئۇرۇۋەتتى. قەغەزنى مىجىقلاپ ئاھ ئۇرۇپ ئولتۇرسام، يېڭىدىن سولانغان سېمىز بىرى تارتتىدە يەل قويۇۋەتتى، ئەتراپقا سېسىق دوفۇنىڭ، ئېچىپ كەتكەن جاڭيۇنىڭ پۇرىقى تارالدى. بۇرنۇمنى ئېتىپ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە شۇنچە يىرگىنىشلىك، شۇنچە خۇنۈك. جازا ئىجرا قىلىنسا، بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق ، بۇنىڭدىنمۇ ئازابلىق تۇرمۇشۇم باشلىنىدۇ، ئۈچ يىل مۇشۇ مەخلۇقلار بىلەن بىللە نەپەسلىنىپ، بىللە يەپ-ئىچىپ، پوقىنى پۇراپ، گېپىنى ئاڭلاپ ياشايدىغان گەپ. ئەمما بۇلار بولمىغان بولسا ئادەملىكىمنى، ئېتىقادىمنى، ئەخلاقىمنى، تۇرمۇش ئادەتلىرىمنى، پاكىزلىقىمنى بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر تونۇيالمىغان، ھېس قىلالمىغان بولار ئىدىم.  قارىغۇنى كۆرمەي تۇرۇپ كۆزۈمگە شۈكرى قىلالمايمەن، ئىمانسىزنى كۆرمەي تۇرۇپ ئىماننىڭ قەدرىگە يېتەلمەيمەن. مەسىلىنى باشقا نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، چوڭقۇر ئويلانغاندىلا، ئاللاھنىڭ سىناقلىرىدىكى ھېكمەتنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
   ئۆيگە خەت يېزىشتىن ئاۋۋال، قاماقخانا مەسئۇللىرىغا ئىلتىماس يېزىپ، جازا مۇددىتىنى شىنجاڭدا،  تۇرمۇش ئادىتى ماڭا ئوخشايدىغان مەھبۇسلار بىلەن بىللە ئۆتەشنى تەلەپ قىلدىم. سوت مەھكىمىسىگىمۇ بىر پارچە ئىلتىماس يازدىم. قوبۇل كۆرەمدۇ، كۆرمەمدۇ بىلمەيمەن. ھوقۇقۇم نەدىن نەگىچە، ئۇنىمۇ بىلىپ كەتمەيمەن. ئەمما ئىمكانىيىتىمنىڭ بېرىچە ھۇقۇقۇمدىن پايدىلىنىشقا، تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشتىم، قادىر ئاللاھ ئۇنى ئۆزگەرتىشنى خالىسا ئۆزگىرىدۇ، بولمىسا ئۆزگەرمەيدۇ؛ ئۇ نېسىپ قىلغان ئىرادە يەنە ئۇ نېسىپ قىلغان نەتىجە بىلەن تاماملىنىدۇ.  كەلگۈسى تەقدىرىم نەدە بولسا، بولسۇن، كۆڭلۈمدىكىدەك بولسا ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىمەن، كۆڭلۈمدىكىدەك بولمىسا، سەۋر قىلىمەن، ھەرگىز ياپونلۇقلاردەك ئۆلۈۋالمايمەن.
   قاماقخانىدا ئۈچ ئاي قانداق ئۆتكەن بولسا، تۈرمىدە ئۈچ يىلمۇ شۇنداق ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئادەم نېمىگە كۆنمەيدۇ، ھەممىگە كۆنىدۇ. خوشىنو بىلەن ياتقان قوش كىشلىك كارىۋاتتا قانداق ياتقان بولسام، تۈرمىنىڭ ئەسكى كارىۋاتلىرىدىمۇ شۇنداق يېتىپ كۆنۈپ كېتىمەن. بىر نەرسىنىڭ چىداملىقلىقى ئىگىز يەردىن قاتتىق  چۈشكەندە بىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئادەمنىڭ چىداملىقلىقىمۇ ئېگىزدىن پەسكە دومىلاپ چۈشكەندە__ ساغلاملىقتىن كېسەللىككە، ئەزىزلىكتىن خارلىققا، بايلىقتىن نامراتلىققا، ئەركىنلىكتىن مەھبۇسلۇققا چۈشۈپ قالغاندا بىلىنىدۇ. بۇنداق قىيىن ۋاقىتلاردا، ھەممىدىن ئۈمىد قالمىغاندا ئادەمگە بىردىنبىر ئۈمىد، ئىشەنچ بېرەلەيدىغان نەرسە يەنىلا ئېتىقاد، ئېتىقادىم بولسىلا جەسىدىم گەرچە تۈرمىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا، قاراڭغۇلۇقتا تاشلنىپ قالسىمۇ، روھىم  يۈكسەكلەرگە ئۆرلىيەلەيدۇ.  چىرىپ كېتىدىغان جەسىتىم خارلانسىمۇ، روھىم  خارلانمايدۇ. ئۇنى خار قىلماسلىق ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇنى قۇتۇلدۇرۇشۇم كېرەك، روھىمنىڭ ئىگىسى ئاللاھ، روھىمنىڭ سىرىنى بىلگۈچىمۇ ئاللاھ، پەقەت  ئاللاھقا  تەسلىم بولۇش، ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئارقىلىقلا نىجاتلىققا ئېرىشەلەيمەن. تۈرمىدىن قۇتۇلۇشتىن ئاۋۋال شەھۋەت، ئازغۇنلۇق قەپىزىدىن قۇتۇلۇشۇم، تويماس نەپسىمنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىشىم كېرەك،  تۈرمە ئەمەلىيەتتە مېنىڭ روھىمنى پاكلاش سەپىرىم بولۇپ قالسىچۇ؟
   قانچىلىك قىسمەتلەرگە شاھىد بولسام، شۇنچىلىك كارامەتلەرنى كۆرىمەن. تۈرمىدە ياشاپ تۇرۇپ، ئۆزەمنى مەركەز قىلىپ، پۈتۈن جاھاننى تەپەككۇر ئەلگىكىمدە تاسقايمەن. دان بىلەن ساماننى ئايرىيمەن. كىتاب كۆرىمەن، خاتىرە يازىمەن، بەلكىم خوشىنو ۋە ئۇنىڭ دوستىنى تىللاپ بىر پارچە خەت يېزىشىممۇ مۇمكىن، چىدىماي ئەمەس، قىلغىلى ئىش تېپىش، بىرەر نەرسىگە دىققىتىمنى چېچىش، ئۇنىڭغا بېرىلىش ئۈچۈن. ماھىيەتتە، بۇمۇ ئىچىمدىكى شەيتاننىڭ بىر ھىيلىسى. ئاللاھنىڭ مۆجىزاتلىرى ھەققىدە ئويلىناي، ئىمانىمنى يېڭىلاي، ئاللاھ رازى بولىدىغان بىر ئىش قىلاي دېگەندە بۇ مەخلۇقلار ۋەسۋەسە قىلىپ پىچىرلايدۇ، قوغلىۋېتەي دېگەندە ئاجىزلىقىمنى تۇتۇۋالىدۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ، كونا يارامنى قوزغايدۇ، ياخشى ئىشلارنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، يامان ئىشلارنى دەرھال ئېسىمگە سالىدۇ. مەن ئەمدى تۈرمىدە بولسۇن ياكى تۈرمىدىن تىرىك چىقىپ جەمئىيەتتە ئەركىن يۈرەلىگەن چاغدا بولسۇن تا ئۆلگىچە شەيتان بىلەن كۈرەش قىلىمەن، خوشىنوغا قانداق نەپرەتلەنگەن بولسام شەيتانغىمۇ شۇنداق نەپرەتلىنىمەن، خوشىنودىن قانداق ساۋاق ئالغان بولسام، شەيتاندىنمۇ شۇنداق ساۋاق ئېلىپ، ئۆزەمنى ئاگاھلاندۇرۇپ يۈرىمەن. شۇغىنىسى، خوشىنونى ئۇنتۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ شەيتاننى ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن، ئۇ ھامان مەن بىلەن بىللە، چۈنكى نەپسىمدە ئۇنى قوللايدىغان بىر تۈركۈم كۈچلەر بار. ھەر قېتىم خوشىنونى تىللىغان چېغىمدا بۇ رەزىل كۈچلەر مېنى مەسخىرە قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن شىرىن كېچىلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ قىزلارنى ئوينىساڭ بولىدۇ، ياپونلۇقنى تاپمىساڭ ئۆزەڭنىڭ قىزلىرىنى تاپ دەپ تۇرىدۇ. مېنىڭچە، ئەڭ يامان سىناق مۇشۇ، چۈنكى تۈرمىدىن چىقىپلا تۈرمىدىكى ساپ قەلبىمنى، ئۆزەمگە بەرگەن ۋەدە، قەسەملىرىمنى ئۇنتۇپ كېتىشىم، كوچىدا يۈرگەن چىرايلىق قىزلارنى كۆرۈپ شۆلگەيلىرىمنى ئېقىتىپ، «ئاھ ئەركىنلىك، ئاھ قىزلار، ئاھ شىرىن لەززەتلىرىم…ئالدىمغا كېلىڭلار، تۈرمىدە پىچىۋېتىلگەن بۇقىدەك كۆزۈمنى پارقىرىتىپ ياتقانىدىم، ئەمدى شۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى» دەپ، ھەممىنى ئۇنتۇپ نەپسىمنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىشىم مۇمكىن. بۇنى مۇمكىن ئەمەس دېيەلمەيمەن، قىزلار يېقىن كەلسە، نېرى تۇر، سەنمۇ خوشىنۇدەك ئالدامچى، ھەممىڭ شەيتان… دېيەلمەيمەن. قىزلارنى ئويلىغان ھامان بۇ يۈرىكىم ئويناپ كېتىۋاتسا، جازا مۇددىتىمنى توشقۇزماي تۇرۇپلا بىر قىز بىلەن بىللە تاماق يەپ، بىللە ئايلىنىپ، بىللە يېتىشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ھاياجانلىنىۋاتسام، تۈرمىدىن چىقسام نېمە ئىش بولۇپ كېتەر؟ سۈت بىلەن كىرگەي خۇي جان بىلەن چىقىدۇ، دېگەن گەپ راست بولسا، ئۇنداقتا شەيتان بىلەن ھەر قانچە ئېتىشقىنىم بىكارمۇ؟ ئۇ مېنى ھامان مەغلۇب قىلىپ، جەھەننەمگە تاشلامدۇ؟ ئىگەم ئاللاھ شۇنى ئىرادە قىلامدۇ؟ ئەگەر ئاللاھ بۇنى ئىرادە قىلسا، ئۇ ھالدا ماڭا بېرىلگەن بۇ ئەقىل ۋە تاللاش ئەركىنلىكى نەدە قالىدۇ؟ ماڭا بېرىلگەن بۇ ئۆمۈر ۋە پۇرسەتنىڭ قىممىتى نەدە قالىدۇ؟ ئەتىلا كىچىككىنە بىرەر سەۋەب بىلەن ئۆلۈم كېتىشىم تامامەن مۇمكىنغۇ؟ قىزلارنىڭ ۋىسالىغا يەتمەي تۇرۇپلا تەسەۋۋۇرۇم ئۇجۇقۇپ، ئۇ دۇنيادا بۇ دۇنيالىق قىلمىشلىرىمدىن ھېساب بېرىشىم مۇمكىنغۇ؟ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەسمەن، ئەمما دىندىن تېخى يېتەرلىك ساۋادىم بولمىغاچقا، قانچىلىك گۇناھ قىلغانلىقىمنى بىلمەيمەن، بۇ خۇددى قانۇندىن ساۋاتسىز مەھبۇس ئۆزىنىڭ قانچىلىك جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلمىگەندەكلا بىر ئىش. ئەمما شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەنكى،  ئاللاھنىڭ ئۇ دۇنيادىكى ئادالەت سوتى بۇ دۇنيادىكى ئادالەتسىز مەھكىمىلەرنى سوتقا تارتىدۇ. خەقتىن پارا يېگەن، كىشىلەرنى ناھەق سوتلىغان سوتچىلار جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ.
   ئىمانىم ماڭا مەدەتكار، ئىمانىم مېنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلارنىڭ ھامان ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ماڭا تەسەللىي بېرىدۇ. ئىمانىم بۇ ۋاقىتلىق سىناقتىن قەتئىي ئۆتۈپ كېتىشىمنى تەلەپ قىلىپ: بەلكىم بۇ جازالار سېنىڭ گۇناھىڭنى يۇيىدۇ، ئاللاھ شۇنى ئىرادە قىلغان بولسا، يىغلاپ-قاقشاشلىرىڭنىڭ ئورنى يوق، سېنى كۈلدۈرگەنمۇ ئاللاھ، يىغلاتقانمۇ ئاللاھ، سەن پەقەت ئىمانىڭنى چىڭ ساقلا ۋە ئۆلگىچە قوغدا… دەپ تۇرىدۇ. ئىمانىم شۇ تاپتا مېنى چېقىۋاتقان پاشا، چىۋىنلارغا قاراپ تەپەككۇر قىلىشىمنى، شۇنداقلا ئۇلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىمنى، ئۈمىدۋار ياشىشىم كېرەكلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. شۇنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇكى، ۋەسۋەسىلەرگە چۆمۈلگەن، يامان خىياللارنى قىلغان چېغىمدا  بۇ يەرنىڭ ئازابىدىن قانچىلىك قىينالسام، ئىمانىم غالىب كەلگەن چاغدا شۇنچىلىك سەۋر قىلالايمەن ۋە ئۈچ يىلنى چىداپ توشقۇزالايمەن.
   ئىلتىماسىمدىن ئۈمىد كۈتۈپ، نەچچە ھەپتە ساقلىدىم. تېخىچە بىرەر شەپە يوق. ئالدىرىمىدىم، نەگىلا ماڭسام بىر يەرگە ماڭىمەن. قاقشاپ يۈرمىدىم، بولىدىغان ئىش بولدى ياكى ھامان بولىدۇ. دەردىم ئېغىر تۇيۇلغان چاغدا مەندىنمۇ ئېغىر دەردى بارلارغا قاراپ تەسەللىي تاپتىم. ماڭا كېسىلگەن جازا بەزى مەھبۇسلار ئۈچۈن ئۈچ كۈن ئەسكى ياتاقتا يېتىپ قالغاندەك كىچىككىنە ئىش. جىنايەتچىلەرنىڭ چىرايى روشەن ئەينەك، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن بولغانلىرىنىڭ چىرايى ھېلىتىن  ئۆلۈكنىڭكىدەك تاتىرىپ كەتكەن، گەپ قىلىشمۇ، تاماق يېيىشمۇ، ھەتتا تەرەت قىلىشمۇ خوشياقمايدۇ، ئىسسىق جېنىدىن ئايرىلىشنى ئويلىسا ئېتىلىشتىن بۇرۇن ئۆلىۋېلىشنى، ئۆز جېنىنى ئۆز ئېلىشنى خىيال قىلىدۇ. ئۇزۇن يىللىق كېسىلىش ئېھتىمالى بولغانلىرىنىڭ چىرايى ھالسىز، كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قېتىپ قالغان، ئېغىر يىللارنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمەي بېشى قېتىپ ئولتۇرغان، ئۆلۈۋالاي دېسە جان تاتلىق، ئامالسىز ھالدا كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈشنى تىلەپ، دېرىزىگە قاراپ تۇرغىنى تۇرغان. ماڭا ئوخشاش قىسقا مۇددەت كېسىلىدىغانلىرى ياكى كېسىلىپ بولغانلىرىنىڭ كەيپىياتى بىر قەدەر ياخشى. ئومۇمەن، بۇ يەرگە سولانغاننىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە كىرىپ قېلىشنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ياكى شۇ ۋەقەنى سادىر قىلغاندا ئەسلا ئويلاپ باقمىغان، قەستەن كىرگەنلىرى يوق دېيەرلىك. شۇنداق ئويلايمەن، ھېچكىم گۇناھ قىلمايمەن دېيەلمەيدۇ، ھېچكىم جىنايەت ئۆتكۈزمەيمەن دېيەلمەيدۇ، ھېچكىم تۈرمىگە كىرمەيمەن دېيەلمەيدۇ. نەس باسقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئويلىمىغان بىر پەيتتە، كۈتۈلمىگەن غەيرىي نىيەت ياكى ئەسەبىي ساراڭلىقتا، بولمايدۇ دېگەن ئىشلار بولىدۇ. شۇڭا ھەر ۋاقىت ئاگاھ ۋە دانا بولۇش لازىم، ئاللاھتىن ياخشىلىق تىلەش لازىم.
   بىر كۈنى ئاخشىمى غەلىتە چۈش كۆرۈپتىمەن، دۆڭكۆۋرۈكتە، ئادەملەر مىغ-مىغ قايناپ تۇرغان بازاردا، ئەتراپقا تويماي قاراپ كېتىۋاتقۇدەكمەن، ئەمما باشقىلار ماڭا تەتۈر قاراپ، تىللاپ كېتىۋاتقۇدەك. قىزلار، ئاياللار مېنى كۆرۈپ قېچىشىۋاتقۇدەك. مەن «شۇنچە يىراقتىن بۇ قېرىنداشلىرىمنى كۆرەي دەپ كەلسەم، نېمىشقا مەندىن ھەممىسى قاچىدۇ» دەپ ھەيران قالغۇدەكمەن. بىر دەمدىن كېيىن ئارقامدىن ئۇششاق بالىلار ئەگەشتى، ئۇلارنىڭ كۈلگەن ئاۋازلىرى ئېلېكترونلۇق قوچاقنىڭ بىر خىل رېتىمدا كۈلۈشلىرىگە ئوخشايتتى. يولدا غۇژمەكلىشىپ تۇرۇۋالغان ئەسكەرلەر ماڭا قاراپ ئەجەبلىنىپ، بىرى يەنە بىرىگە: «قاندااق قىلىمىز، يېنىدا ھېچنېمىسى يوقكەن» دېسە، يەنە بىرى: «ساراڭكەن، خەقنى توپلاپ ئىش چىقارمىسىلا مەيلى» دېگۈدەك. مەن شۇ ماڭغانچە ئۆزەم چۈشكەن مېھمانخانىغا كىرىپ، لېفىتقا چىقاي دەۋاتسام مۇلازىمەتچى قىز ئاغزىنى تۇتۇپ ماڭا قاراپلا تۇرغۇدەك، «نېمە بولدى؟ بىر يېرىم ئوچۇق قاپتۇمۇ؟»  دېسەم، يەرگە قاراپ تۇرغۇدەك. لىفىتقا چىقىپ ئۆزەمگە قاراپ داڭقېتىپ قاپتىمەن، ئەينەكتە مايمۇندەك قىپيالىڭاچ بىر ئىنسان ماڭا ئوخشاش ھەيرانلىقتا قاراپ تۇرغۇدەك…  ياتاققا ئۇچقاندەك كىرىپ، كىيىم ئىزدەشكە باشلىدىم، كىيىملىرىمنىڭ بىرسىمۇ يوق، تازىلىق ئۆيىگە كىرسەم، پۈتۈن كىيىملىرىم داسقا، ئاپئاق مەنىيگە چىلاقلىق تۇرغۇدەك، توختىماي كىر يۇيۇپتىمەن، بىرىنى تازىلاپ بولغىچە يەنە بىرى داسقا چۈشۈپ كەتكۈدەك، كېچىچە كىر يۇيۇپ ھېرىپ-چارچاپ، جىلە بولۇپ ئويغىنىپ كەتتىم.
   بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرىپ باقتىم، گۇناھلىرىم كۆڭلۈمنى غەش قىلدى، يەنە بىر جەھەتتىن، جازا مۇددىتىمنى ئۆتەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بېرىپ قالىمەنمۇ نېمە دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، ئۆز تائىپەمدىكى ئادەملەر بىلەن بىللە ياشايتتىم، تاماقنى خاتىرجەم يېيەلەيتتىم، ئاتا-ئاناممۇ پات-پات مېنى كۆرگىلى كېلەلەيتتى. بىر تۇرۇپ، ئۇ يەردىكى تۈرمىلەرنىڭ شارائىتى بۇ يەردىكىدىن ناچار، تۈزۈملىرى بۇ يەردىكىدىكىن قاتتىق بولسا، تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرگە قالارمەنمۇ دەپ ئويلايتتىم.

     بىر ھەپتىدىن كېيىن مېنى بېيجىڭ سىرتىدىكى بىر تۈرمىگە سولىدى، قاماقخانىدىن چىقىش ئالدىدا تۈرمىدىن يۆتكىلىش ئىلتىماسىمنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇم، «سەن ئالدىراپ كېتىپسەن،-دېدى چىرايىدىن خېلى تۈزۈك كۆرۈنىدىغان بىر ساقچى،- سېنىڭ ئۆزەڭ خالىغان تۈرمىدە يېتىش ھوقۇقۇڭ يوق، ئەمما ئالاھىدە ئەھۋالدا شۇنداق قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن قاماقخانىغا ئىلتىماس سۇنساڭ ئاۋارىچىلىق، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە، ج خ ئىدارىسىگە، تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىغا قاترايمىز، ئۇنىڭدىن كۆرە تۈرمىگە كىرىپ، تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ئىلتىماس سۇنساڭ ئىشىڭ ئاسان بولىدۇ ، يۆتكىلىدىغان تۈرمە سېنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلسىلا ئىشىڭ پۈتىدۇ» دېدى. ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتىم، بۇ قاماقخانىدا ماڭا بىر قەدەر ياخشى تەسىر قالدۇرغان ئىش مۇشۇ بولدى.
    يېڭى جايغا يۆتكىلىپ، يېڭى ھاياتىمنى باشلىدىم، كاندىدات مەھبۇسلۇقتىن رەسمىي مەھبۇسلۇققا ئۆتتۈم.  بۇ يەرمۇ قاماقخانىغا ئوخشاشلا تار قەپەز بولسىمۇ،  يەنىلا ياشايدىغان، ھەرىكەتلىنىدىغان، خىيال سۈرىدىغان ماكان بولغاچقا، ئاستا-ئاستا كۆنۈپ قالدىم. بىر يېرى،  بۇ يەردە قاماقخانىدىكىگە ئوخشاش «قانچىلىك جازا بېرەر» دەپ تىتىلداپ ئولتۇرىدىغان ئىش يوق ئىدى، جىنايەتچىلەرنىڭ كەيپىياتى خېلى تۇراقلىق، پائالىيىتى ئەركىنرەك ئىدى. مەن ياتقان كامېردا ئاساسەن بىر يىلدىن ئارتۇق كېسىلگەن جىنايەتچىلەر ياشايتتى،  مەينەتلىكى، قوپاللىقى، تۇرۇپ-تۇرۇپ تۇتۇپ قالىدىغان ساراڭلىقىنى دېمىگەندە ئادەتتىكىدەك نورمال مەخلۇقلار ئىدى، ئۇلارغا بىر ئېغىز گەپ قىلىشتىنمۇ ھارسىناتتىم، ماڭا گەپ قىلسا بىر ئېغىز گېپىگە بىر ئېغىزلا جاۋاب بېرەتتىم. غېرىبلىق يامان ئىدى،  ئاق سېتىپ، يانچۇقچىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىرەر مىللەتدىشىم، زۇۋاندىشىم كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئانچە-مۇنچە مۇڭدىشىپ ئولتۇرارمەن دېسەم، نەچچە ئايغىچە بىرسىمۇ كىرمىدى؛ كىرگەن بولسىمۇ بەلكىم بىزنى بىر كامېرغا سولىمىدى. ئايلار ئۆتكەنچە سىقىلدىم،  تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىغا كەينى-كەينىدىن ئىلتىماس يازدىم، ئۆيدىكىلەرگىمۇ «مەن شىنجاڭغا يۆتكىلىپ بولغىچە كەلمەي تۇرۇڭلار» دەپ خەۋەر قىلدىم. ئۈچ يىل كېسىلىپ كەتكەنلىكىمنى ئاڭلاپ سەۋر قىلىشقان ئاتا-ئانام بۇنىڭغىمۇ سەۋر قىلار، بۇ يەرگە كەلسىمۇ نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ، ئۇلارنى ھېلىمۇ نۇرغۇن دەردكە سېلىۋەتتىم، باغرىنى خۇن قىلدىم، ئەمدى ھېچ بولمىسا يول ئازابى تارتمىسۇن.
    بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى مېنى ئۈرۈمچى بىرىنچى تۈرمىگە يوللاپ بەردى. پويىزدا ماڭا ئوخشاش مەھبۇسلار بىلەن بىر قاتاردا ماڭدىم، تەقدىرداشلار بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەشتۇق. چىرايىم ئۇلارنىڭكىدىن پاكىزراق، كۆزۈم ئۇلارنىڭكىدىن ئۆتكۈررەك بولسىمۇ، ئۇلاردىن قورقۇنچاق ئىدىم. بىر نەرسىنى بەك بىلىدىغانلار ئەزەلدىن توخۇ يۈرەك، چۈنكى ئۇلار جىق نەرسىنى ئويلىۋېلىپلا ئۆزىنى قورقۇتۇپ ساراڭ قىلىدۇ.  قارا قورساق نادانلار قارام ۋە لۈكچەك، چۈنكى ئۇلار تۈز سىزىق بويىچە تەپەككۇر قىلىدۇ، ئوقتەك ئېتىلىدۇ، يانمايدۇ.  ئۇلار مەندىن يامان بولغاچقا، مەن ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغان جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئۇلار مەندىن «سەن نېمە ئىش قىلغان؟» دەپ سوراپ قالسا، «بىر قىزنى ئۇرغان» دېسەم، مازاق قىلىپ كۈلۈشۈپ كېتەر…

    ئۈرۈمچىنىڭ تۈرمىسى دەرۋەقە بېيجىڭنىڭ تۈرمىسىگە باققاندا ناچار ئىكەن، شۇنداقتىمۇ بۇ يەردە ئىككى ئۇيغۇر جىنايەتچى بىلەن بىللە ياتتىم. بىرسى دىندار بالا ئىكەن، پاراڭلىشىپ چىقىشىپ قالدۇق. كەچمىشلىرىمنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى:
  __ ئىمانسىز قىز بىلەن نىكاھ قىلماي بىللە ياتتىڭما؟ قانچە قېتىم زىنا قىلدىڭ؟
  تۇرۇپلا قالدىم، ئەمما نېمە دەركىن دەپ تەخمىنەن جاۋاب بەردىم:
__ 300 قېتىمدىن ئاشىدۇ.
__ ئالە شەرىڭنى، سەن سېپى ئۆزىدىن پاسىق ئىكەنسەنغۇ؟
غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى:
__ مېنى كاپىر دېمەيدىغانسەن ھەر قانچە بولسا؟
__ كاپىر، مۇسۇلمانلىقىڭنى ئاللاھ بىلىدۇ. مەن ئاللاھتىن ھۇقۇق تالاشمايمەن.
__  مانا ئەمدى بولدىغۇ، گەپ مەشەدە تۈگىسۇن.
__ لېكىن توي قىلمىغانلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق زىنانىڭ جازاسى نېمە، بىلەمسەن؟__ دېدى ئۇ خۇددى مېنىڭ شۇنچە ئويناپ كېتىشلىرىمگە ھەسەت قىلىۋاتقاندەك،__ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق گۇناھىنى پاكلاش. ئەگەر بۇ دۇنيادا پاكلىنىپ كەتمىسە قىيامەتتە رەسۋا بولۇش خەۋپى بار.
__ نېمە؟ نەدە ئۇنداق ئىش بار؟ بۇ دېگەن كونا زاماننىڭ پەتىۋاسى!__ دېدىم ئالاقزادە بولۇپ.
__ سەن قۇرئاننى ئوقۇغانمۇ؟
__   ئوقۇغان، خەنزۇچىسىنى ئوقۇغان.
__ قارىغاندا چۈشىنىپ ئوقۇماپسەن.
__ بۇ گۇناھتىن قۇتۇلۇشنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يوقما؟ ياق، مەن ئىشەنمەيمەن،- دېدىم قەتئىيلىك بىلەن،- شۇنچە كەڭ ئىسلام دىنىدا بۇنىڭدىن باشقا قۇتۇلۇش يولى يوق دېسە مەن ئىشەنمەيمەن!
__ مەن يوق دېمىدىم، ئاللاھ خالىسا پۈتۈن گۇناھلىرىڭنى كەچۈرىدۇ. خالىسا كەچۈرىدۇ، خالىمىسا كەچۈرمەيدۇ، بۇنى سەن بىلمەيسەن، بۇ پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش. ساڭا مەنسۇپ بولغىنى، بۇ دۇنيادىن پاكلىنىپ خاتىرجەم كېتىش.
__ سەن مېنى چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆل دېمەكچىمۇ؟ ماڭا ھازىر بېرىلىۋاتقان مۇشۇ جازالار يەتمەمدۇ؟ مەن ئاللاھقا تۆۋە قىلىش ئارقىلىق گۇناھىمنى تىلىسەم بولىدىغۇ؟
__ ھۆكۈمەتنىڭ جازاسىنى ئاللاھنىڭ جازاسى دەپ ئويلىۋالما، ئىككىسىنى ھەرگىز تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ.  
چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىنى بىر توپ ئادەم تۈزىدۇ. ئاللاھنىڭ قانۇنىنى كائىناتنىڭ ئىگىسى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ئاللاھ تۈزىدۇ، ئۇ ئادەتتە شەرىئەت دەپ ئاتىلىدۇ، شەرىئەتكە ئەمەل قىلمىغان ئادەم مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ.
__ لېكىن شۇ بىر توپ ئادەمنىمۇ ئاللاھ ياراتقان، باشقا پىلانېتتىن كېلىپ قالمىغان!__ دېدىم مەن رەسمى قىززىشىپ،__ ئۇلار تۈزگەن قانۇندىكى بەزى ئادىللىق ئاللاھنىڭ ئادىللىقىنى ئەكىس ئەتتۈرمەمدۇ؟
__ توغرا، ئادەملەر تۈزگەن قانۇندا ئاللاھنىڭ ئادىللىق سۈپەتلىرى ئەكس ئېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، قۇرئاندا قىساسنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىنىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىدىمۇ ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ؛ شۇغىنىسى،  ئۇ بىر توپ قانۇن تۈزگۈچىلەر ئىمانسىز بولغانلىقى، قانۇن تۈزگەندە قۇرئاننى  ئاساس قىلمغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ قانۇن ئاللاھنىڭ قانۇنى، يەنى شەرىئەت ھېسابلانمايدۇ. يەنە كېلىپ، ئاللاھ قۇرئاندا ئوغرىلىق ۋە زىنانىڭ جازاسى ئۈچۈن بۇيرۇغان جازالارنى ھۆكۈمەت ئىجرا قىلمايدۇ، بۇنىڭغا نېمەدەيسەن؟
__ مېنىڭ دىندىن جىق خەۋىرىم يوق، لېكىن ھەممە ئىشنىڭ بېشىدا ئاللاھ بار دەپ ئويلايمەن. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى جۇپ ياراتقان، شۇنىڭدەك ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىمۇ جۇپ ياراتقان، ئاشۇ بىر توپ ئادەمنىڭ  توغرا قانۇن تۈزۈشى ياكى خاتا قانۇن تۈزۈشى تېگى تەكتىدىن ئالغاندا ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولماي نېمە؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، خۇدانىڭ ئىرادىسىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ دېگەن گەپنى قانداق چۈشىنىمىز؟ شەرىئەت دېگىنىڭ ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ توغرا ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، لېكىن شەرىئەت دەپلا، ئاللاھنىڭ ئادىللىقىنى مۇشۇ رامكا بىلەن چەكلەپ قويساق، شەرىئەتتىن باشقىسى بىكار دېسەك بولامدۇ؟
   ئۇ ماڭا چەكچىيىپ قاراپ قالدى، بۇ مەسىلىنى ئىلگىرى ئويلاپ باقمىغاندەك بىر ھازا تۇرۇپ كېتىپ مۇنداق دېدى:
__ سەن شەرىئەتنى كىچىك كۆرۈپ قاپسەن، ئۇ ئۆز ئالدىغا بىر ئىلىم. چۈنكى ئۇ قۇرئان ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلانغان، قۇرئان ئەلۋەتتە قانۇنلار توپلىمى ئەمەس، ئەمما ئىسلام قانۇنشۇناسلىرى ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئادەملەر تۈزگەن قانۇنلارمۇ تېگى تەكتىدىن ئاللاھنىڭ قانۇنى، ئاللاھ نۇر بىلەن قاراڭغۇلۇقنى، پەرىشتە بىلەن شەيتاننى،  ياخشى بىلەن ياماننى ياراتقاندەك،  بۇ قانۇنلارغىمۇ توغرىلىق بىلەن خاتالىقنى،  ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى سىڭدۈرگەن، ھەممىسى ئۆزىنىڭ رولىنى ئۆتەيدۇ. قاراڭغۇلۇق بولمىسا نۇر ئۆز جامالىنى كۆرسىتەلمەيدۇ، سەتلەر بولمىسا گۈزەللەرنىڭ گۈزەللىكى بىلىنمەيدۇ؛  يەنى ھەر نەرسە ئۆزىگە قارشى قويۇلغان زىتلىق ئارقىلىق بىلىنىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھېكمىتى،  ئاللاھ ھەممە نەرسىنى مۇۋازىنەت، تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئەمما شۇ نەرسە ئېسىڭدە بولسۇنكى، ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئاللاھ ياخشىلىقنى ۋە يامانلىقنى تەڭ ياراتتى، لېكىن ياخشىلىققا رازى بولۇپ، يامانلىققا رازى بولمايدۇ؛ ساۋابتىن رازى بولۇپ، گۇناھتىن رازى بولمايدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ بۇ ھېكمىتى ۋە ئىرادىسىنى قۇرئاندا بىزگە بىلدۈرۈپ بولدى. شۇڭا بۇنىڭدا تالىشىدىغان ھېچنەرسە يوق. بىز پەقەت ئاللاھ بۇيرۇغاننى قىلساق، توسقانلىرىدىن يانساقلا بولىدۇ.
__ چۈشەندىم، دېمەك، ئاللاھ ھېچقانداق نەرسىنى بىكار ياراتمىغان، ھەم ھېچقانداق ئىشنى مەقسەتسىز مەيدانغا كەلتۈرمەيدۇ. سەن مېنى ئاللاھنىڭ جازاسى بىلەن قورقۇتىمەن دېمە، ئاللاھنىڭ مېنى بۇ ئازابلارغا سېلىشىدىمۇ بىر ھېكمەت بار، بىر مەقسەت بار. مەن بىر ئىمانسىز قىز بىلەن زىنا قىلدىم، بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئاللاھ مېنى يەنە ئىمانسىزلارنىڭ قولىدا جازالىدى. بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟
__ سەن شۇنداق ئويلىساڭ بولىدۇ، بۇ سېنىڭ ئەركىنلىكىڭ. ھېچكىم بىر ئادەمنىڭ ئاللاھقا بولغان ياخشى گۇمانىنى يوق قىلالمايدۇ، ھېچكىم ئاللاھنىڭ بىر كىمگە قىلىدىغان رەھمىتىنى قىزغىنالمايدۇ. لېكىن سەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشىڭ كېرەك. ھۆكۈمەتمۇ سېنىڭ جازا مۇددىتىڭىنى قىسقارتىش ئۈچۈن ئىپادەڭگە قارايدىغۇ، سەن بۇ داۋلىنى چۈشىنىشىڭ كېرەك. قارىسام،  ئاللاھقا ئىشەنگىنىڭ بىلەن بىر ۋاق نامازمۇ ئوقۇمايدىكەنسەن. بۇنداق يۈرىۋەرسەڭ، ئىشىڭ چاتاق.
__ خۇدايىم بۇيرۇسا، تۈرمىدىن چىققاندا ئوقۇيمەن،__ دېدىم ئىشەنچ بىلەن.
__ تۈرمىدىن چىقىپ بولغىچە ئەتىلا ئۆلۈپ قالساڭچۇ؟
__ بۇنى مەنمۇ تالاي قېتىم ئويلىغان بۇرادەر،__ دېدىم مەيۈسلۈك بىلەن،__ قارىسام، ئەتىسى يەنە تىرىك، ھېچ ئىش يوق، كۆنۈپ كەتتىم. شۇنداق كۆنۈپ كەتتىمكى، ھەتتا ھامان بىر كۈنى ئۆلىدىغانلىقىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم.
__ مانا بۇنى غەپلەت دەيمىز، ئىچىڭدىكى شەيتان تېخىچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرۇپتۇ.
__ مەن ئۇنى ھامان يېڭەلەيمەن،__ دېدىم يۈرىكىمنى تىڭشاپ،- يېڭىشكە مەجبۇرمەن، چۈنكى جەھەننەمدىن قورقىمەن.
__ بوپتۇ، ھازىرچە بولسىمۇ مۇشۇنداق ئىرادىگە كەلگىنىڭگە شۈكرى. ئەمما تەييارلىقىڭنى قانچە بۇرۇن قىلساڭ شۇنچە ياخشى، مەغلۇب بولۇش پۇرسىتىڭ شۇنچە ئاز بولىدۇ.
    ئۇنىڭ بىلەن تولا پاراڭلاشتىم، بەزىدە قەستەن ئېغىزىنى كوچىلىدىم، گاھىدا قارىماققا دىننى چۈشۈرىدىغان سوئال قويۇپ ئۇنى تېرىكتۈردۈم، ئىسلامنىڭ شانلىق ۋە پاجىئەلىك تارىخى، سۈننىيلەر بىلەن شىئەلەر توقۇنۇشى، سەلەفىيلەر، سوپىزم، ئاپئاق خوجا ھەققىدە نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلىدىم، بىر قانچە ئاي شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتاتتۇق، توساتتىن ئۇنى باشقا تۈرمىگە يۆتكىۋەتتى.
     2009-يىل 7-ئاينىڭ بېشىدا تۈرمىدە پاتپاراقچىلىق بولۇپ كەتتى، توكمۇ نەچچە ئۆچۈپ نەچچە ياندى،  ساقچىلار توختىماي ئالمىشىپ تۇردى.  كېيىن بىلسەك، ئۈرۈمچىدە چوڭ ۋەقە چىقىپتۇ. بۇ ۋەقەنىڭ شىددەتلىك تەسىرى تاملاردىن، رېشاتكىلاردىن ئۆتۈپ بىزنىمۇ ساراسىمىگە سېلىۋەتتى. ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي مەن شايار تۈرمىسىگە يۆتكەلدىم. ئاتا-ئانام تېخىمۇ يېقىن يەردىن مېنى كۆرگىلى كەلدى، باش-كۆزۈمنى سىلاپ ھال-ئەھۋال سورىدى. ھازىر ئاتا-ئانىلارنىڭ تۈرمىدىكى بالىلىرىدىن ئەمەس، سىرتلاردا ئېقىپ يۈرگەن، ئۈرۈمچىگە ئويناپ بېرىپ قالغان بالىلىرىدىن ئەنسىرەپ، خەۋەر كۈتۈپ، يىغلىشىپ يۈرۈۋاتقانلىقنى سۆزلەپ بەردى. ئاتا-ئانام مېنىڭ خاتىرجەملىكىمدىن خۇشالدەك كۆرۈنەتتى.
    شايار تۈرمىسىدە ئىككى يىل يېتىپ چىققىچە بىر بۇلۇڭ، تۆت كۇلۇڭلۇق گەمىدە دائىم روھىمنى كەڭ قويۇۋېتىپ، تەن چەكلىمىسىنى ئۇنتۇپ، بىر دەم بولسىمۇ راھەتلەندىم، گاھىدا تەپەككۇر دەرياسىغا غەرق بولۇپ، ئالەم ، گويا كىچىكلىتىلگەن ئالەم مىسالى ئادەم، يەنى ئۆزەم ھەققىدە يېڭى كەشپۇ-كارامەتلەرنى ھېس قىلدىم. ئادەمنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى، بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ھەممە ئادەم پەيغەمبەرزادە. مۇئمىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دوستى، بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئۇلارمۇ ئەۋلىيالاردەك ئېسىلزادە. ئاللاھ بىزلەرنى ئەنە شۇنداق ئەزىز ياراتقان، ھۆرمەتلىك قىلغان، پەرىشتىلەرنى تازىم قىلدۇرغان، مەن مەھبۇس بولساممۇ پەرشىتىلەر تازىم قىلغان ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇشتىمەن، ئىمانىم بىلەن ئاللاھنىڭ دوستى بولۇشقا ئاتلانغان ئېسىلزادە بەندىمەن. ھالبۇكى، بۇ شەرەپكە قانداق جاۋاب قايتۇرىمەن، 300 قېتىملىق زىنانىڭ گۇناھىدىن قانداق پاكلىنىمەن؟ قاچان ناماز ئوقۇيمەن؟ بىلگەن، چۈشەنگەن باشقا، ئەمەل قىلغان باشقا، ھېلىقى بۇرادەرنىڭ سۆزى ھەر ۋاقىت يادىمدا.
تۈرمىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمنى، سۈرگەن خىياللىرىمنى يېزىپ كەلسەم نەچچە توم رومان چىقىدۇ. رومان يازمىدىم، پەقەت ئانچە-مۇنچە خاتىرىلەر يېزىپ قويدۇم. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئاسمانغا قاراپ كېرىلىپ، ساپ ھاۋادىن قېنىپ نەپەس ئالدىم، ئەتراپقا تويماي قارىدىم،  نەچچە ۋاقىتتىن تۈرمە رۇجەكلىرىدىن تالاغا قېچىپ تۇرىدىغان روھىم  ئەمدى تېنىمگە تامامەن قايتىپ كەلگەندەك، پۇت-قولۇمغا قايتىدىن جان كىرىپ، ھاياجانلىنىپ تىترەپ كەتتىم، ئەركىنلىك ئەسلىدە مۇشۇنداق شىددەتلىك، شىرىن تۇيغۇ ئىكەن، كەڭرى يولدا ئاتا-ئانامنى، سىڭلىمنى تاشلاپ قويۇپ ۋاقىراپ يۈگۈرگۈم كېلىپ كەتتى.  كەچتە كىيىم يەڭگۈشلەپ ئۆيىمىز جايلاشقان ناھىيە بازىرىنى ئىككى سائەت چۆگىلىدىم. ئاتا-ئانام ئۈچ يىلدىن بۇيان «بالىمىز ياپونىيەدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتىدۇ» دەپ ئالداپ كەلگەن ئۇرۇغ-تۇغقان، تونۇش-بىلىشلەرگە سالام بېرىپ، قىزغىن كۆرۈشتۈم. ئۆيدە بىر مەزگىل ئارام ئالغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئىش ئىزدەپ بىر شىركەتتىن ئىش تاپتىم. بىلىمىم، تىل قابىلىيىتىم ۋە ھاياتنى قەدىرلەيدىغان قىزغىنلىقىم بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ شىركەتنىڭ غوللۇق خادىملىرىدىن بىرىگە ئايلاندىم. نامازنى باشلىۋالدىم، مەسچىتكە كىرىپ جامائەتكە قېتىلدىم، رامىزان ئايلىرىدا تەراۋىھ نامىزىغا كىرىپ، جامائەت بىلەن بىللە دۇئا قىلىپ، بىللە ياش تۆكتۈم.
    دۆڭكۈۋرۈكنىڭ ئاۋات كوچىلىرىنى ئايلىنىۋاتقان چاغدا، دوقمۇش-دوقمۇشتا غۇژمەكلىشىپ تۇرۇۋالغان ئەسكەرلەرنى كۆرسەم، ئەينى چاغدا تۈرمىدە كۆرگەن چۈشۈم يادىمغا كېلىدۇ، بىراق ھازىر مەن يالىڭاچ ئەمەس، ھېچكىم مەندىن قاچمايدۇ،  قىزلار ناز، ھايا بىلەن بېقىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇنداق گۈزەل قىزلارنىڭ ئارىسىدا ياشاش بىر بەخت، ياغلىق چىگكەن قىزلارنى كۆرسەملا ئۆتمۈشتىكى گۇناھلىرىم يادىمغا كېلىپ، مۇشۇنداق پاك قىزلارغا مەن لايىقمۇ؟ دەپ ئويلايمەن. گاھىدا ئىچىمدىكى شەيتان بىلەن تەڭ كونا كېسىلىم قوزغىلىدۇ، ۋەسۋەسىلەرگە چۆمىمەن. خوشىنو دوستىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە كېلىپ قالارمۇ؟ ياكى مەن بېيجىڭغا بېرىپ ئىشلەپ باقايمۇ، ياپونىيەگىچە بېرىپ، ئۆزەمنىڭ ئۆلۈۋالمىغانلىقىمنى، بەلكى قارىغايدەك ياشىرىپ مەزمۇت تۇرغانلىقىمنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلايمەن. بىراق، چىن يۈرىكىمدىن بۇلارنىڭ پەقەت ۋاقىتلىق خىيال بولۇپ قېلىشىنى تىلەيمەن.
                                                                (تۈگىدى)  

14 پارچە ئىنكاس بار

  1. ئاركان مۇنداق يازغان:

    بۇ ھىكايە راستىنلا ئۇسسىغان يەرگە باردى . مۇشۇنداق بىر ياخشى ھىكايىنى بىز بىلەن ھەقسىز بەخىرلەنگىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت .مۇشۇ ھىكايە ئۈچۈن ئەلكۇيىنى كۈندە قانچە قىتىم ئاچقىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . سىزگە چەكسىز سالامەتلىك ۋە قەلىمىزگە چەكسىز ئۇتۇق تىلەيمەن . رەھمەت …

  2. ئەفىفى مۇنداق يازغان:

    ئۇزۇن بوپتىكەن، بېرىلىپ بىر ھېكايە ئوقۇپ باقمىغىلى…. بىر تىنىقتا ئوقۇۋېتىپتىمەن . قەلىمىڭىز تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. سىزدىن چوڭ ئەسەرلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۈيۈك يازغۇچى بولالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ بەرىكەت ۋە ئىجادىيەت تىلەيمەن.

  3. نەسرۇللاھ مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھاجىكا ئەسەرلىرىڭىزنى ئىزچىل ياقتۇرۇپ ئۇقۇپ كىلۋاتىمەن، يېڭى ئەسەر چىققانمىدۇ دەپ بىلوگىڭىزغا ھەپتىدە نەچچە رەت كىرىپمۇ تۇرىمەن، ما ئەسەر ھەقىقەتەن بەك تېتىدى جۇما،

  4. داۋانچى مۇنداق يازغان:

    ئۇزۇن بوپتىكەن پوۋسىت ئۇقۇمىغىلى،ياخشى چىقىپتۇ،ئەمما بېشىدىكى تەسۋىرلەر بەك تەپسىلى،ئاخىرى بۇلۇپمۇ شىنجاڭ تۈرمىسىگە يۆتكىلىپ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىنكى ئىشلار قولنىڭ ئۇچىدىلا يېزىلىپ قالغاندەك،ئاپتور ھىكايىنىڭ ئاخىرىنى زورلاپ چۈشۈرۋەتكەندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم.

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      مەن باش پىرسۇناژنىڭ مىجەزى، تۈرمىدىكى ھاياتى، خىيالى بىلەن قىسمەن تونۇش بولغاچقا دەسلەپتە تەپسىلىيرەك يېزىپ قالدىم، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى بەك بىلىپ كەتمىگەچكە قىسقارتىپ يازدىم. دەيدىغان گەپلەرنى ئاساسەن دەپ بولغانلىقىمنى ھېس قىلغىنىمدا، ئەسەرنى مەجبۇرىي توختىتىدىغان ئادىتىم بار. بۇنىڭغا كۆنەلمەيدىغانلار بار. بۇنىڭدىن كېيىن ئەسەرنىڭ رېتىمىنى كونترول قىلىشنى، باياننىڭ تېز-ئاستىلىقىنى تەڭشەشنى كۆپرەك مەشىق قىلسام بولغۇدەك.

  5. بىلدۈر مۇنداق يازغان:

    بارىكاللا، چىنلىق ئەسەرنىڭ جېنى دەيتۇق، ما پوۋسىت «پۇتى بولسا يۈگۈرگىدەك» پوۋسىت بوپتۇ!

  6. atiyan مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھاجىمكا. تور ئادرىسىغا www قوشماي زىيارەت قىلسا(tepekkur.com) بۆلەك بىر سىستىما ئىچىلىدىكەن ، بۇ زىيارەتچىلىلەرگە ‹بىلوگ تاقالغان ئوخشايدۇ› دىگەن خاتا ئۇقۇمنى بىرىپ قويامدۇ قانداق ؟

  7. ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

    بۇ مەسىلىنى ئويلىشىپ كۆرىلى

  8. ئەدەبىيات مۇنداق يازغان:

    تازا ھۇزۇرلىنىپ ئوقۇۋاتقاندا تۈگەپ قالدى

  9. روخلان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم

  10. ئابلەت ئېلى مۇنداق يازغان:

    مەن ئەزەلدىن 4 قۇردى ئارتۇق ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇپ باقمىغان ، بۇ ئەسىرىڭىزنى بىر ئولتۇرشۇمدا ئوقۇۋەتتىم ،ئۇيغۇرچە خەتنى ئاستا ئوقۇغانلىقىمدىن مىكى تۇلۇق ئوقۇشقا بىركىچە كەتتى .مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولمىسۇن ،مەيلى قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۈرۈش بولمىسۇن ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ ، سىزدىن سۈيۈندىم ۋە قايىل بولدۇم ، شۇنداقلا ئاللا خالىسا بۇنىڭدىن مۇ نادىر ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئۈزلۈكسىك بارلىققا كىلىدىغانلىقىغا ئىشەندىم ۋە تىلەكداشلىق بىلدۈرمەن. ئاللاھ سىزگەرەھمەت قىلسۇن.

  11. ئەر تۈرك ئىنىم ، بۇ پۇۋسنى بەك ياخشى يېزىپسىز . تېنىڭىز گە سالامەتلىك ؛ ئەقلىڭىزنىڭ چەكسىز بولىشىنى تىلەيمەن . ( 2016– 4__ 16_ كۈنى .)

  12. ئابدۇسالام مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم .شۈكىرى،ئاخىرى ئوقۇپ تۈگەتتىم.ئاپتورنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر .

  13. تىلەك مۇنداق يازغان:

    قانداق ئەھۋالىڭىز ، يوقاپ كەتمەي يىڭى ئەسەرلەرنى چىقىرىپ تۇرغان بولسىڭىز، ئامان بولۇڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*