ئۇلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەۋەندازلىرى ئىدى

cuqan

2013-يىل ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن جۇدالىق بىر يىل بولدى، ئەسەرلىرىدە، تەرجىمىلىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى يۇقىرى سەنئەت پەللىسىگە كۆتۈرگەن ئۈچ شەخس ئارقا-ئارقىدىن ۋاپات بولدى. شائىر چىمەنگۈل ئاۋۇت «ئاھ، ئوسمانجان ئاكا، بۇ دۇنيادىن خوشلىشىش ئالدىدا يېنىڭدا بولالمىدۇق» دەپ نالە-پەرياد قىلسا، مۇھەممەد باغراشنىڭ زوقمەنلىرى ئۇنىڭ 80-يىللاردىكى ئاۋانگارت ئەسەرلىرىنى ياد ئېتىشىپ، «مەرھۇمنىڭ كېتىپ قېلىشى ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن زور يوقىتىش» دەپ ھەسرەت چېكىشتى، ئارقىدىن ئۇيغۇر تەرجىمە ساھەسىدىكىلەر ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشىنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرۇپ، قەلەم تۇتۇپ ئۆتكەنلەر ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن ياشىغان ئۇ مۆتىۋەر بوۋاينى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىشتى. مەتبۇئاتلار «رەسمىي»خەۋەر قىلىپ بولغىچە تور ۋە ئۈندىدارلار «غەيرىي رەسمى» خەۋەر ۋە تەزىيە تىلەكلىرىنى چىقىرىپ بولدى. ئۆيىدە كومپيۇتېر، قولىدا ئەقلىفون بارلىكى خەلق، يازغۇچى-شائىر بولسۇن-بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەرجىمىھالىنى، قانداق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، قانداق نەتىجىلەر ياراتقانلىقىنى بىلدى. شۇنداقتىمۇ مەرھۇملارنىڭ كەسپىي ھاياتىنى، ئىقتىدارىنى، نەتىجىلىرىنى پەقەت شۇ كەسىپ ئەھلىلىرىلا بىلىدۇ، كەسىپتىن باشقا نورمال ھاياتىنى ئۇلارنىڭ يېقىن دوستلىرىلا بىلىدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر ھايات كەچمىشلىرىنى پەقەت ئائىلىسىدىكىلەر، بىللە ياشىغانلار بىلىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر سىرلىرىنى پەقەت بىر ئۆزىلا بىلىدۇ ۋە ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ ئايرىلىش، بۇ جۇدالىقتىن ئەڭ قايغۇرىدىغىنىمۇ ئەڭ باشتا ئۆزى، ئاندىن ئائىلىسىدىكىلىرى، ئاندىن يېقىن-يورۇقلىرى، ئاندىن ئۇلارنى بىلىدىغان كىشىلەر بولىدۇ. بىر ياقتىن مۆمىنجاننىڭ بىر ناخشىسى قۇلاق تۈۋىمدە داۋاملىق ياڭرايدۇ: «بۇ دۇنيادىن كەتمىگەن كىم بار»، شۇنداق، ھەممىمىز كېتىمىز، ئەمما كېتىش پەيتىنى بىلمىگەچكە غەپلەتتە ياشايمىز. ئەجەل پەيتىنىڭ نائېنىق بولۇشى ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن نېمىتى، بولمىسا ئۆلۈمنى ئۆچ كۆرىدىغان ئىنسان كۈن ساناپ ئولتۇرۇپلا تۈگىشىپ كېتىدۇ، ئىمانى كامىل ئىنسانلارمۇ ئاخىرەتلىك ئاقىۋىتىدىن خاتىرجەم بولالماي، ئۈمىد ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ئىزتىراپ چېكىدۇ. نۇرغۇن ۋاقىتلىرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكىگە، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەنلىرىگە ئېچىنىپ يىغلايدۇ، كۆپىنچە ئادەم ئۆلۈمىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىنىدا چوقۇم يوشۇرۇن ياش تۆكىدۇ، تەۋبە-ئىستىغپارنى بولۇشىغا ئېيتىدۇ. ئۆتكەن شاش كۈنلىرىدە« قەبرە ئازابى ياكى دوزاخ ئازابى كونىلارنىڭ گېپى، بولۇشمۇ مۇمكىن، بولماسلىقىمۇ مۇمكىن، بارغاندا كۆرەرمىز» دەپ غۇرۇر ۋە ئىسيانكارلىق دۇمبىقىنى چالغانلارنىڭ دۇمبىقى سەكرات پەيتىدە يېرىلىدۇ، زۇۋانى چوڭلارنىڭ زۇۋانى پەسلەيدۇ، بۇ دۇنيالىقتا چوڭ بىلگەن ئىشلارنىڭ پەركايى ئۇچىدۇ، شائىرلىق، يازغۇچىلىق، تەرجىمانلىق ھەقىقەتەن قالتىس ئىشلار، ئەمما قەلەم ئەھلىنىڭ ھەقىقىي دەردىنى كىم بىلىدۇ؟ ئەدىبلەر ئادەتتە ئەڭ چوڭقۇر دەردىنى ئاسانلىقچە ئاشكارىلىمايدۇ. نۇرغۇن غەپلەتلەر باركى، ئادەمنى قارا باستۇرۇپ، مەغرۇرلۇق داۋانلىرىدا موللاق ئاتقۇزىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا تون كىيگەندە چاقناپ تۇرغان سىمالار كېسەل كارىۋىتىدا ئۈششۈك تەگكەن ياپراقتەك سارغىيىدۇ. ئولتۇرغان سورۇنلىرى، كۈلكە-پاراڭلىرى، ئاجايىپ يەرلەردە قىلغان ساياھەتلىرى بىر كۆرۈپلا ئۇنتۇپ قالغان كىنولاردەك غۇۋالىشىپ يوقاپ كېتىدۇ، ھاياتلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەر قانداق ئادەم، ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى ئىجادىيەت دەپ چۈشىنىپ، ئۆمرىنى شۇنىڭغا ئاتاپ كەلگەن ھەر قانداق ئەدىپ، ھاياتلىق، ئۆلۈم، مۇھەببەت، ئېتىقاد ھەققىدە ئويلىنىپ، پىكىر تۈگۈچلىرىنى يېشىپ بولالمىغان ھەر قانداق ئۇششاق-چوڭ پەيلاسوپ ئۆلۈم ئالدىدا نېمىلەرنى ئويلايدىغاندۇ؟ بەزىلىرى بەلكىم جىمجىت تەپەككۇر قىلىدۇ، ئۇ دۇنيا ھەققىدە ئاجايىپ خىياللارغا چۆكىدۇ، قورقۇشنى ياكى ھاياجانلىنىشنى بىلەلمەيمۇ قالىدۇ، كېسەللىك ئازابىدىن بەزىلىرىنىڭ بىر نەرسىنى ئويلىغۇدەك ھالىمۇ قالمايدۇ، بەزىلىرىنىڭ بېشى يەر شارىدەك ئايلىنىدۇ، پىكىرلىرى قاينامدەك چۆگىلەيدۇ. ئۆلۈمنى ئويلاۋەرسە باش شۇنداق چۆگىلەيدۇ، روھ تەنگە پاتمايدۇ، مەن ئالىي مەكتەپتە ئۈچ ئاي شۇنداق ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە يۈرگەن، بۇ ۋەھىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈندىلىك خاتىرە يازغان، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، ھاياتىمدىن بىر ئىزىم قالسۇن دەپ ئويلىغان. شۇنىڭدىن بۇيان، قايسىبىر قەلەمكەش ۋاپات بولسا، ئۇ مەندەك روھىي كىرزىسنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان بولغىيمىدى؟ شۇنىڭ ئۈچۈن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولغىيمىدى؟ دەپ ئويلايمەن.
دوزاخ كۆڭۈل جانلارنىڭ دوزىخىدىن سەسكەندىم،
جەننەت كۆڭۈل دىلدارىم، باشلا مېنى جەننەتكە.
تەڭرىتاغنىڭ باغرىدا سەلكىن بولۇپ ئەسكەندىم،
غۇرۇر كەتكەن پەرۋازدا دەقىقىدىن ئەبەدكە.
…..
دوزاخ كۆڭۈل جانلارنىڭ دوزىخىدىن سەسكەندىم،
جەننەت كۆڭۈل دىلدارىم، باشلا مېنى جەننەتكە.
رىشتىلەرنى دىل ئارا سۆيگۈ بىلەن ئەشكەنىدىم،
چاقناپ تۇرغان ئارزۇلار چىقتى ئەجەپ بىدئەتكە.
تەقدىر تۈگكەن تۈگۈننى ئەقلىم بىلەن يەشكەنىدىم،
تىلدىن تىۋىش تارىسا تۇرغان ئىدىم دىققەتتە.

سەپەر چەكسەك ئىككىمىز كۆپ لەڭگەردىن ئۆتىمىز،
تاشلار سۆزلەر رىۋايەت بىر يەرلەرگە يەتكەندە.
چىنارلارنىڭ تېگىدە ھۆر قىزلارنى كۈتىمىز،
قېقىلىدۇ قاناتلار تەندىن ماغدۇر كەتكەندە،
جەننەت ئېرۇر ئىزگۈلۈك بۇ ئالەمدە، پۈتىمىز،
سۆيگۈ سالغان لېيىغا، تەڭرى ئۇنى ئەتكەندە.
2004-يىل 10-يانۋار، ئۈرۈمچى
— ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ «جەننەت كۆڭۈل دىلدارىم باشلا مېنى جەننەتكە» ناملىق شېئىرىدىن

«مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىغىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت»
—- مۇھەممەد باغراشنىڭ مەن ئوقۇيالمىغان بىر پوۋېستىنىڭ ماۋزۇسى

بۇ مەرھۇم ئۇستازلارنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە ئۆمرىنى قانداق خۇلاسىلىگەنلىكىنى، قانداق ھەسرەت-نادامەت چەككەنلىكىنى ۋە قانداق ئارمانلىرىنىڭ قالغانلىقىنى بىلمەيمىز. ھالبۇكى، ياشىغان ھاياتى، قالدۇرغان ئىزلىرى، ئەسەلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇلار پۇشايمان قىلمىغۇدەك، ئارمان قالمىغۇدەك ياشايمىز دەپ تىرىشىپ، تازا ياش، قىران، بېسپ ئولتۇرالايدىغان چاغلىرىدا تەپەككۇر يايلىقىدا ئاساۋ ئاتتەك چاپقان، ئىجادىيەت ئېتىزلىرىغا گۈزەل گۈللەرنى تېرىغانىدى. ئۇيغۇرغا، ئۇيغۇر تىلىغا، سورۇنغا، تاغلارغا، باغلارغا، تارىخقا، ھازىرغا، يېڭىلىققا، ئىلھامغا، خۇشاللىققا، تەقدىر-مۇكاپاتقا، قىسقىسى، مەنىلىك ئۆتىدىغان گۈزەل تۇرمۇشقا ئاشىق بولغانىدى. مۇھەببەتنىڭ لېرىكىسىدىن، تۇرمۇشنىڭ تىراگېدىيەسىدىن، سورۇنلارنىڭ كومېدىيەسىدىن، ئېتىقادنىڭ پەلسەپىسىدىن، ئىش-ئەمگىكىنىڭ جاپاسى ۋە مەستخۇشلۇقىدىن ئايرىلماي ياشىغانىدى. ئۆلۈپ كېتىشتىن ئاۋۋال رىۋايەتتەك بالىلىقىنى، تارىخىي، سىياسىي بوران-چاپقۇنلاردا ئۆتكەن ياشلىقىنى، ئىسلاھاتتىن كېيىنكى ئازادە يىللاردا ئىجادىيەت ئېتىزلىرىنى مول-ھوسۇلغا تولدۇرغانلىقىنى ئىپتىخار بىلەن ئەسلىگەنمىدۇ ياكى ھامان قالىدىغان بۇ دۇنيانى ئارقىغا تاشلاپ، ئاخىرەتلىك مەنزىلى ھەققىدە ئىزتىراپلىق خىياللارغا چۆككەنمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ باقتىم. بىر دەم ئويلاپ ئارقىدىن ئۇنتۇپ كەتتىم. ۋاھالەنكى كۆزۈم ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت مېۋىلىرىدە، چۈنكى ھاياتلارنىڭ نەزەرىگە چېلىقىپ تۇرىدىغىنى، تۇتقىلى بولىدىغىنى، ئەسلىگىلى بولىدىغىنى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدۇر. ئاخىرەتلىك ئىشلارغا بۇ دۇنيادىكى ئىشلارغا ئوخشاش باھا بەرگىلى بولمىغاچقا، دىققەت نۇقتىمىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىك تەقدىرىدە ئەمەس، بەلكى قالدۇرغان مىراسلىرىدا. شۇڭا پەقەت ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيالىقتا قىلغان ئەمگىكىنىلا كۆرۈپ، كەسپىي كېسىلىمىز بويىچە بىر نەرسىلەرنى دەپ باقىمىز.
ئۇلار ھايات چېغىدا ئۆز تىلىنىڭ گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولۇپ، ئۇنى چىن دىلىدىن سۆيۈپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ھەقدادىغا يەتكۈزگەن چىن ئاشىقلار ئىدى. بىرى تىلغا ماھىر شائىر، بىرى نەپس، نازۇك تىلدا ھېكايە يازغۇچى، بىرى تەرجىمىگە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغۇچى، لۈشۇننى ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر، سۇخەن تىللىرىدا سۆزلەتكۈچى ئىدى. ھەممىسى قوش تىللىق بولغان بىلەن، ھېچقانداق تىلنى ئۆز تىلىغا تەڭ قىلمىغانىدى. ئۆز نۆۋىتىدە ئوسمانجان ساۋۇتمۇ تەرجىمىگە كىرىشىپ باققان ئىدى. مەن ھېچقايسىسى بىلەن دىدار مۇلاققەتتە سۆھبەتلىشىپ باقمىغان بولساممۇ، ئەسەرلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئىشقىدا كۆيۈۋاتقان يۈرەكلىرىنىڭ قالتىس سوقۇشلىرىنى سېزەتتىم، بۇ يۈرەكلەرنىڭ تەپتىدىن، قىزغىنلىقىدىن، مەپتۇنكارلىقىدىن سېھىرلىنىپ قالاتتىم. ئانا تىلنىڭ ھۇزۇرىنى، بولۇپمۇ بەدئىي تىلنىڭ ھۇزۇرىنى ئۇنىڭا باشچىلاپ چۆكۈپ باقمىغان ئادەم ھەرگىز ھېس قىلالمايدۇ، ھازىرقى قوش تىل مائارىپىدا يېتىلگەن بالىلار بۇ ھۇزۇردىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كەتتى.
ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرىي پىكىر ۋە چوڭقۇرلۇقتا خېلى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن، ئالماش قاپىيەدە ۋايىغا يەتكەن. بىلىشىمچە، ئۇنىڭغا ئاۋانگارت شائىرلاردىن تارتىپ قوشاقچى شائىرلارغىچە قايىل بولمايدىغىنى يوق دېيەرلىك. شائىر ئەخمەتجان ئوسمان بىر ۋاقىتلاردا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئۇنىڭ «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» دېگەن شېئىرىنى قۇرۇلمىچىلىق ئېقىمى بويىچە چۇۋۇپ، تەھلىل قىلىپ يۈرەتتى. ئەمما گۇڭگاچىلار ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا داغ سۈرەلمىدى، بەلكى ئۇنىڭ سەۋىيە ھالقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شېئىرلىرىنى تۇپراق، تاڭ سەھەر، گىرىمسەن شولىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈۋەتتى. ئادىل تۇنىيازمۇ ئۇنى ئۇستاز دەپ بىلىپ، ئۆيىگە بېرىپ يوقلاپتىكەن. ياسىنجان سادىق چوغلانمۇ ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ ھوزۇرلىنىدىكەن. چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئۈندىدارغا يوللىغان «ئەلۋىدا، ئوسمانجان ئاكا» دەپ يىغلامسىراپ تۇرغان كۆرۈنۈشى روزا سايىتنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرۇپ ياش تۆككەن مۇھەممەتجان راشىدىننى ئەسلەتتى. شائىرلارنىڭ دىلكەشلىكى ئاجايىپ بولىدىكەن، بىزدەك ھېكايە يازىدىغانلاردىن ئېشىپ چۈشىدىكەن.
مۇھەممەد باغراشنىڭ «ياۋا ئەتىرگۈل» دېگەن پوۋېستىنى ئوقۇپلا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە مەپتۇن بولغانىدىم، ئۇنىڭ تىلى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە، نەپس، گۈزەل، مەنىدار. باشقا جەھەتتىن تايىنى يوق ئەسەرلىرىنىمۇ تىلىنى دەپ ئوقۇيتتۇم؛ كېيىنكى ۋاقىتلاردا كونا سۆزلەرنىمۇ ئەسەرلىرىگە سۆرەپ كىردى، ئەمما كۈتكەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى. تىل زامان چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان ھادىسە، ئادەت ۋە كېلىشىم ئىچىدىكى بەلگە بولغاچقا، ئۆلگەن سۆزلەرنى مەجبۇرى تىرىلدۈرۈش قارىماققا مۇمكىن بولغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئاقمايدۇ. بىزدە كونا تۈركچە سۆزلەرنى مۇستاپا كامالدەك مەجبۇرىي بۇيرۇق بىلەن ئومۇملاشتۇرىدىغان ئىمكانىيەت يوق. بىر چەت ئەللىك تەتقىقاتچى ئۈرۈمچىدە باغراشنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا، باغراش ئۇنىڭغا «سەن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىڭ كېرەك، بۇ تىلنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىمەن دېگىنىڭ بىكار» دېگەنىكەن. بۇنى شۇ تەتقىقاتچى بېيجىڭغا كېلىپ ماڭا دەپ بەرگەن. باغراش كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئابدۇۋاھىت مۆلجەرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئانا تىلغا ھەقىقەتەن كۈچلۈك مۇھەببەت بەرگەنلىكىنى، ھازىرقى تىل بۇزۇلۇشتىن تولىمۇ ئېچىنىدىغانلىقىنى ، تىلىمىزغا كېلىۋاتقان خىرىس ۋە يامان ئاقىۋەتلەردىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
توختى باقى ئارتىشى ئاكىمىزنىڭ ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىگە قوشقان تۆھپىسى لۈشۈننىڭ خەنزۇ ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسىگە ئوخشايدۇ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى، ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان تەرجىمان يوق دېيەرلىك. ئۇ ئۆزىنىڭ مۆتىۋەرلىكى، ئانا تىلىغا پىششىقلىقى، تىل سەزگۈرلۈكى، تەجربىسىنىڭ موللىقى، تەرجىمىلىرىنىڭ سەر خىل ۋە پاساھەتلىكلىكى بىلەن تەرجىمىچىلىكتە داغدام يول ئاچتى ھەمدە بىر يۈرۈش تەرجىمە نەزەرىيەلىرى (شۇنىڭدەك، ئۆز تەرجىمە ئەمەلىيىتىدىن ئالغان مىساللىرى) بىلەن ئۇيغۇر تەرجىمە نەزەرىيەسىگە ئاساس سالدى. «چۈشىنىش زۆرۈرىيەت، ئىپادىلەش ھۆرىيەت» «گەپنى ئوڭلاپ قىلىش كېرەك» دېگەن قائىدىنى ۋە «تەرجىمە ئىككى تىلنىڭ جېڭى، تەرجىمىنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن ئەسلى تىل چوقۇم قۇربان بېرىدۇ، بولمىسا تەرجىمدە غەلىبە قىلىش تەس» دېگەن چۈشەنچىنى تەرجىمانلارغا سىڭدۈردى. تەرجىمە، مېنىڭچە ئىجادىيەتتىن قېلىشمايدىغان، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قىيىن بولغان بىر سەنئەت، «قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك» دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ، تەرجىمىچىلىكتە جىق نەپ ئالدىم، ئارقىدىن ئۇنىڭ تەرجىمە مېۋىلىرى بولغان «لۈشۈن ئەسەرلىرى»نىڭ سەككىز تومىنى سېتىۋالدىم. مەرھۇم ھايات چاغدا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئارىلاپ ئوقۇپ قوياتتىم، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئوقۇسام ئەمدى باشقىچە ھېسسىياتتا ئوقۇيدىغىنىم ئېنىق.. ھاياتىمىزدا ياخشى كۆرگەن ئەسەرلەرنى ئۇلارنىڭ ھەقدارلىرى بىلەن قوشۇپ ياخشى كۆرۈش، ئىنساپ بىلەن قەدىرلەش، ۋاپات بولغاندىن كېيىن تەۋەررۇك بىلىپ ساقلاپ قويۇش، مەرھۇملارنىڭ ھايات چېغىدىكى ئەجىر-مېھنىتىنى قەدىرلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكىگە ئاتاپ دۇئا قىلىپ قويۇشمۇ ئۇلارنى ھەقىقىي ھۆرمەتلىگەنلىك ۋە ياد ئەتكەنلىكتۇر.

2 پارچە ئىنكاس بار

  1. ئايتۇران مۇنداق يازغان:

    ياخشى يازما بۇلۇپتۇ

  2. رىۋايەت مۇنداق يازغان:

    رەخمەت سىزگە جاپاتارىتتىڭىز

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*