كېسەللىك ۋە خۇمار ئىنساننىڭ بىر يېرىگە كىرىۋالىدۇ ۋىرۇستەك، قۇرتتەك، جىندەك، شەيتاندەك، تومۇرلاردا قان بىلەن تەڭ يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ، بوۋاقلار قولىنى ئېمىدۇ، يوغانغاندا تاماكا شورايدۇ، بىر ئۆلگۈر لەززەت نېرۋىنى بويلاپ مېڭىگە بارىدۇ، ھۇزۇردەك تۇيۇلىدۇ بەزى سەزگۈلەر، گويا جان يايرايدۇ، قان يەنە تومۇرلاردا قاينايدۇ.
بەدەندىن ئىبارەت غايەت زور ئالەمدە تىرىليون ھۈجەيرىلەرنىڭ قانداق ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەيلا ياشايمىز، كېسەلنىڭ نەدىن كىرىپ، نەدىن جانغا تاقىشىدىغانلىقىنى ئۇقمايمىز؛ ئاخشام ئىچكەن سىنچاينىڭ خۇمارىنىڭ بۈگۈن نېمىشقا تۇتىدىغانلىقىنى ھەم بىلمەيمىز. ھامان بىر نەرسىگە خۇمار بولىمىز، ھوقۇق، پۇل، كىتاب، شەھۋەت، كەيپ-ساپا، قىزىقچىلىق، تەنتەربىيە، مۇزىكا، ئەدەبىيات… دېگەندەك مەۋھۇم ۋە ماددىي نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى خۇمار، ئىشتىھا پەيدا قىلىدۇ. ئەقلىمىز ياخشى-ياماننى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەمما بۇ ئەقىل ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ھىدايەت تاپمىسا، يامان خۇمارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ئىسراپ بولىدۇ، بۇزۇلىدۇ، نەتىجىدە ئەقىللىق ئىنسانمۇ ھىيلىگەر بەدبەخكە، رەزىل مەخلۇققا ئايلىنىدۇ.
ئەگەر جانىجان مەنپەئەت ۋە ئىززەت-غۇرۇرغا تاقالمىغان تەقدىردە رەزىللىك، زوراۋانلىقتىن كەسكىن نەپرەتلەنمەسلىك، ھەتتا ھەۋەسلىنىش كۆپلىگەن ئىنساندا مەۋجۇت، بۇ ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا شۇنداق ئىستەكلەرنىڭ بارلىقىنىڭ دەلىلى، ئەمما رېئاللىقتا ئۇنى ئاشكارىلىيالمايدۇ، ۋاقىراپ بولسىمۇ سۆزلەپ تاشلىمايدۇ، چۈشىدە جۆيلۈپ سېلىشى مۇمكىن. قاباھەتلىك ئاڭ ۋە ئىستەكنىڭ ئىنساننىڭ كۆڭۈل ئاسمىنىدا قارا بۇلۇتتەك ئەگىپ تۇرىدىغانلىقى، قاغىدەك قاقىلدايدىغانلىقى، شۇملۇقتىن بېشارەت بېرىپ تۇرسىمۇ ئىنساننىڭ ئۇنىڭغا بىپەرۋا قارايدىغانلىقى، سائەت سائەتلەپ، ھەتتا كۈنلاپ ئايلاپ شۇ غەپلەت، شۇ قاباھەتتە ياشايدىغانلىقى، بۇ ھالەتتە پەيلى بۇزۇقلارنىڭ يامانلىق تېرىپلا يۈرىدىغانلىقى، ياخشى ئىنسانلارنىڭمۇ تۇيۇقسىز ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ياكى جىنايەت سادىر قىلىپ ۋەيران بولىدىغانلىقى ئەمەلىيەت؛ ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغاننىڭ ھەممىسى ھەقىقەت.
2012-يىلى توردا بىر جىنايەت خەۋىرى چىقىپ، مۇنازىرىلەر قايناپ كەتتى. جىنايەتچىنىڭ ئەسەبىيلىكى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى ئادەملەرنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى قاتتىق غىدىقلىدى. خەۋەردە يېزىلىشىچە، بىر خەنزۇ ئىشچى يەر ئاستى ئۆيىنىڭ ئاستىغا گەمە كولاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتە پاھىشەنى ئۇ يەرگە سولاپ بېقىپتۇ، ئىتقا نان تاشلاپ بەرگەندەك باقىدىكەن، خالىغاندا كىرىپ نەپسىنى قاندۇرىدىكەن، كىمنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسا شۇنى بۇرۇن چىقىرىۋېتىمەن دەيدىكەن، پاھىشەلەر ئۇنى كۈتۈشتە بەسلىشىدىكەن، ھەتتا قىزغىنىپ سوقۇشىدىكەن. ئۇ بۇلارنىڭ جېدىلىنى بېسىقتۇرۇپ بولالماي يامانراقىدىن ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈپ، شۇ گەمىنىڭ تۈۋىگىلا كۆمۈپتۇ. قالغان تۆتى قورقۇپ، داگې دەپ ئايىغىغا يىقىلىپ، پۇتلىرىنى سۆيۈپتۇ، ھايات قالغىنىغا شۈكرى قىلىپ قۇل پاھىشە بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ، بىر يېرىم يىلغىچە ھېچكىم بۇ ئىشنى بايقىماپتۇ، گەمىدىكى ئاۋازنى ئاڭلىماپتۇ. بۇنىڭدىن يەنە ساقچىلارنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى، ئەتراپىدىكى پۇقرالارنىڭ ھاڭۋاقتىلىقى، قاشاڭلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئادەتتە ئىدارىسىدە ياخشى ئىشلەيدىغان، قوشنىلىرى بىلەن ئەپ ئۆتىدىغان ئۇ ئىشچىنى ھېچكىم بۇنداق قىلار دەپ ئويلىمىغانىكەن. يەر يۈزىدە ئادەمدەك مېڭىپ يۈرگەن بىر مەخلۇقنىڭ يەر ئاستىدىكى ھايۋانلىقى، ھايۋاندىن ئۆتە رەزىللىكى كىملەرنى ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەكلىيەلىدى؟ كىملەر« ئۇ مەخلۇق ئادەم ئەمەس، ھايۋانكەن» دېسە، كىملەر «قالتىسكەن، ئۇ مايماقلارنى شۇنداق جايلاش كېرەك» دېدى؟ بۇلار بىزگە مەلۇم ئەمەس، ئەمما بۇنداق قەبىھ جىنايەتلەر ئەقلىمىز، ئىمانىمىز، ئەخلاقىمىزدا لەنەت-نەپرەتلەرگە كۆمۈلسىمۇ، يوشۇرۇن ئېڭىمىز، شەيتانىي ئىستەكلىرىمىزدە توغرا چۈشىنىشكە سازاۋەر بولىدۇ. بۇنداق ئىستەكلىرىمىزدىن چۆچۈشىمىز، يولۋاستىن قاچقاندەك قېچىشىمىز كېرەك.
ئادەم ئۆزىنىڭ مۇرەككەپلىكىگە يۈزلەنگەندە، ئۆز روھىدىكى يورۇق ۋە قاراڭغۇ تەرەپلەرنى كۆرەلىگەندە، قەلبىدىكى ئىزتىراپ، غەليانلارنىڭ شىددىتىنى ھېس قىلالىغاندا، خاراكتېرىدىكى ئاجىزلىق ۋە باشقا ئىللەتلىرىنى تونۇيالىغاندا مەنىۋى شاھ مەقامىغا ئولتۇرالايدۇ. ئۆز تەۋەيىدە بولۇۋاتقان توقۇنۇش، زىددىيەت، ئىسيان، كىرزىسلەرنى ھەل قىلالايدۇ. ھېچ بولمىغاندا بۇنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇيدۇ، غەپلەتتە ياتمايدۇ. قانداقتۇر بىر پالاكەتنىڭ قاچان بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، روھىمىزدىكى ئىللەت بىلەن تاشقى مۇھىتتىكى پايدىسىز ئامىللار ۋە كېلىشمەسلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىزنى ئىچكى-تاشقى كېسەللەرگە ئوخشاش قىينايدۇ. ئازاراق قىينىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ تىرىشىش كېرەك.
ئەسلىمىلەر بىلەن غەملەرنىڭ ئىسكەنجىسىدە بۇغۇلغاندا ھازىرنىڭ ھۇزۇرىغا قاچىمىز.
كۆرگەن نەرسىلىرىمىز كۆزىمىزنى ئالدايدۇ، ھەر ئىش كۆرۈنگىنىدەك ئاددىي ئەمەس، مۇرەككەپلىكتە كاللىمىزنى چارچىتىشنى خالىمايمىز. قىيىن تەڭلىمىلەر بىزنى زېرىكتۈرىدۇ، ئاددىي ھېسابلاردىن ھەم قانائەت ھاسىل قىلمايمىز، جان ئۇپرىتىشنى خالىمايمىز، ئەمما جاننى ئۇپراتقانغا چۇشلۇق بىرەر نەتىجىگە، غەلىبىگە، مۇۋاپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولساق مەيلىدى دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللىي بېرىمىز. ئۆزىمىزنى توغرا چۈشىنىپ، غۇرۇرىمىزنى پەپىلەپ، ھالىمىزغا شۈكۈر قىلىپ تۇرمىساق، زەردىگۆش بولۇپ تۈگىشىپ كېتىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز.
20 ياشتا مۇھەببەتنىڭ دەردى، 30 ياشتا ئائىلىنىڭ غېمى، 40 ياشتا بالىنىڭ باش ئاغرىقى… ھەر ياش باسقۇچىدا يېڭى-يېڭى دەرتلەر تۇغۇلىدۇ. ئۆمۈرنىڭ، ھاياتنىڭ، تۇرمۇشنىڭ تاغ-داۋانلىرىدىن ھالقىش كېرەك، بۇ مۇشەققەتلىك سەپەردە يېڭى-يېڭى ھادىسىلەرگە شاھىد بولىمىز، ھېرىپ-چارچايمىز، ئەمما ھاردۇقىمىز چىققۇدەك، ھۇزۇرلانغۇدەك ئىشلارنىمۇ باشتىن كەچۈرىمىز، سۆيگەن يارىمىزنىڭ سۆيگۈ-مېھرىدىن، دۇنياغا كۆز ئاچقان بالىمىزنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىدىن، ھالال ئىشلەپ تاپقان پۇل ۋە مۇكاپاتنىڭ خۇرسەنلىكىدىن بەخت تاپىمىز. ئەلۋەتتە بۇ بەخت تۈز سىزىق ئۈستىدە ئەمەس، تۈپتۈز كەتكەن بەختمۇ بەخت ئەمەس، قايغۇسى يوق شادلىق شادلىق ئەمەس، مۇشەققىتى يوق راھەت ھەرگىز راھەت ئەمەس. چۈنكى ئىنساننىڭ بەخت تۇيغۇسى ئازابلىرى بىلەن تەڭ مەۋجۇتتۇر، نۇرنىڭ گۈزەللىكى قاراڭغۇلۇققا، قېرىلىقنىڭ ھەسرىتى ياشلىققا، سالامەتلىكنىڭ راھىتى كېسەللىككە، توقلۇقنىڭ راھىتى ئاچلىققا، سۇنىڭ راھىتى چاڭقاشقا يوشۇرۇنغان. بۇ ھەقىقەتنى گويا ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەمما بىلگەنلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئېقىمغا ئەگىشىدۇ، مۇشەققەتتىن قېچىپ راھەتكە، ئازابتىن قېچىپ خۇشاللىققا جان جەھلى بىلەن يېپىشىدۇ.
جاھاننىڭ رەپتارى نېمە؟ ئۆزىمىزنىڭ ھالىچۇ؟ ناچار ئېقىمغا ئەگىشىش بەئەينى يۇقۇملۇق كېسەل، بۇزۇقچىلىققا ھەۋەسلىنىش ئەڭ باشتا ئۆزىنىڭ روھىنى كېسەل قىلىشتۇر. پۇتبول چولپانلىرى مەيلى قانچە توپ تىقىۋەتسۇن، بىر كېچىدە قانچە پاھىشەنى ئوينىۋەتسۇن، قېنىمىزدىكى شەيتاننى ئازابلاشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ. كاساپەتلەرقېنىمىزنى قىززىتىپ، قىززىتمىمىزنى بىر دەم ئۆرلىتىپ قويۇپ، نەپسىمىزنى سىققاندىن كېيىن قۇيرۇقىنى خادا قىلىدۇ. ئەگەر قىززىتمىمىز داۋاملىق ئۆرلەۋەرسە ئۇ ھالدا بىر يېرىمىزدىن چاتاق چىققان بولىدۇ. كېسەللىك روھىمىزدىن باشلاپ بەدىنىمىزگە تاراۋاتقان بولىدۇ.
تاماكا، ھاراق، قىمار خۇمارىمۇ ئوخشاشلا ۋابا، مەرەزدۇر. مەستلىك، پەسلىك، رەزىللىك نەدە ئەۋج ئالسا، شۇ يەر زېمىننىڭ جەھەننىمىگە ئايلىنىدۇ.
مەن بۇ ئەسەرنى سالونغا چىقارسام بولامدۇ؟
سالون ئىزدەش نامى:xjhayat
مەن بۇ ئەسەرنى سالوننىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەر سەھىپىسىگە چىقىرايمىكىن دېۋىدىم
بۇ بلوگنىڭ ئادرېسىنى ئۇلىنىش قىلىپ، يەنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ چىقارسىڭىز بولىدۇ.