تىلىمىزدىكى بەزى سۆزلەر ۋە قوشۇمچىلار

Elipbe

پارسچە «سەر»(باش) دېگەن سۆزدىن ياسالغان سۆزلەر:

سەركەردە، سەردار، سەركە، سەرخۇش، سەرتەراچ (ساتىراش)، سەرگۈزەشت (باشتىن ئۆتكەن ئىشلار)، سەرخىل، سەرمايە

پارسچە «پۇرۇش» (ئەھلى كەسىپ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ) قوشۇمچىسى قوشۇلغان سۆزلەر:

كىتابپۇرۇش، دوراپۇرۇش، كۇسپۇرۇش (بۇ سۆزنىڭ پارسچىدىكى ئەسلى مەنىسى ئەۋرەز لاتىسى بولۇپ، پۇرۇش «لاتا-پۇرۇچ» دېگەن سۆزدىكى پۇرۇچتىن كەلگەن دەيدىغانلار بار).

نوچى: بۇ سۆز ئەرەبچىدىكى ناجى (قۇتقۇزغۇچى، نىجاتكار) دېگەن سۆزدىن كەلگەن.

يورۇق: بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «يارۇق» تىن كەلگەن. «ئالتۇن يارۇق» دەيدىغان بىر بۇددا دىنىغا ئائىت كىتاب مۇشۇ سۆز بىلەن سۈپەتلەنگەن.

شوتا: بۇ سۆزنىڭ قەدىمكى ئېيتىلىشى شاتۇ

يوپۇرغا: بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ياباقۇ» (يەر ئىسمى)دىن كەلگەن.

كۇچا: بۇ سۆز دەسلەپتە كۆسەن، كېيىن كۇچان دەپ ئاتالغانىكەن.

بوي: بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «بود» دەپ ئاتالغان بولۇپ، كۆپلۈك شەكلى «بودۇن» (خەلق). ھازىرقى ئىنگىلىزچىكى body (تەن، ۋۇجۇد، ئادەم) بىلەن تولىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ خۇددى تامتۇ (خوتەن شېۋىسى) بىلەن tomato نىڭ ئوخشىشىپ كەتكىنىدەك بىر ئىش.

جۇشقۇن: قاينىغان دېگەن مەنىدە، جۇش ئۇرماق

ئەقىل: ئەرەبچە كەلىمە بولۇپ، تۆگىنى باغلايدىغان ئارغامچا دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن. دېمەك، ئەقىللىق ئادەم ئۆزىنى تۇتۇپ ئەدەبكە قايتىشنى بىلىدۇ.

تىرەن: سانسىكرىتچە «ديان» (چوڭقۇر ئويلانماق) دېگەن سۆزدىن كەلگەن دەيدىغان قاراشلار بار، قازاقلار تىرەڭ دەيدۇ.

ئەزگۈ، ئىزگۈ: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەدگۈ (ياخشىلىق، ساۋاب) دېگەن سۆزدىن كەلگەن.

يېڭىلىشماق: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ياڭلۇق» (خاتالىق) تىن تۈرلەنگەن سۆز بولۇپ، بۇنىڭدىن «ياڭىلماق» (خاتالىق ئۆتكۈزمەك) دېگەن سۆز كېلىپ چىققان؛ دائىم يېڭىلىشىدىغان ئىنسان بولسا «يالاڭۇق» دەپ ئاتالغان.

ئۈزۈندە: ئالىنتى، نەقىل

ۋەزىپە: فونكىسىيە، ئىشلەۋ ياكى ئىشلەك

دۇنيا: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «يەرسۇ» دەپ ئاتالغان.

باخشى: شامان بىلەن ئوخشاش مەنىدە، تۈركلەر شامان دېيىشنى تۇڭگۇسلاردىن ئۆگەنگەن بولۇپ، بۇرۇن باخشى دەيتتى. ئەلشىر نەۋائى ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن غىياسىدىننىڭ كىچىك ئوغلى ئىدى.

دوبۇلغا: موڭغۇلچە سۆز

كى: تەكىتلەش ئۇرغۇسى، بەلكى، تاكى، چۈنكى، نىچۈنكى، ۋاھالەنكى، ھالبۇكى، شۇنداقكى…چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا بۇ قوشۇمچە ئالدىنقى جۈملە بىلەن كېيىنكى جۈملىنى باغلاش رولىنى ئۆتىگەن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە تۈرك تىلىدا ھېلىھەم بۇ رولىنى يوقاتماي كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر تىلى شۇنداق بىر تىلكى، كۆڭۈلنى ئىپادىلەشتە ئۇنىڭدەك باي تىل ئازدۇر.

كار: پارسچە سۆز، ئىش دېگەن مەنىدە. م: كارغا كەلمەك، نېمە كارىڭ. «كار»دىن ياسالغان سۆزلەر: كارخانا، نىمكار، مەدىكار، ئىجادكار، پەرھىزكار، تۆھپىكار…

لاماكان: ماكانسىز، ساياق

ماھال: مۇمكىن ئەمەس، بولمايدىغان ئىش، يوق ئىش

مۇشتاق: ئەرەبچە سۆز بولۇپ،  سېغىنغۇچى مەنىسىدە كېلىدۇ، ئەشتاقۇ، يەشتاقۇ دېگەندەك تۈرلىنىشلىرى بار. ئىشتىياق كەلىمىسىمۇ شۇنىڭدىن تۈرلەنگەن.
بالىغ: بالاغەتكە يەتكۈچى، «بەلەغە» نىڭ يەتمەك مەنىسى بار، «تەبلىغ» بولسا يەتكۈزگۈچى. تۈركچىدە بويىغا يەتكەن ئاياللار «ئەرمىش كادىنلار» دەپ ئاتىلىدۇ. «ئەرمەك» نىڭ يەتمەك مەنىسى بار. ھازىرقى ئۇيغۇرچىدىكى «ئىدى»نىڭ ئەسلىسى «ئەردى».
گەر: پارسچە قوشۇمچە، ئەھلى كەسىپ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ: ھىيلىگەر، دەۋاگەر، سودىگەر، مىسگەر (مىسكەر)، جادۇگەر، سېھرىگەر، دورىگەر…
ئەندە: پارسچە قوشۇمچە، ئالدىدىكى سۆزنى شۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە مۇناسىپ ھالدا سۈپەتلەپ كېلىدۇ: سازەندە، داپەندە، گۈلەندە (گۈلەندەم)، پەسەندە، گېزەندە، بەخشەندە…
چەرەندە-پەرەندە: پارسچىدىن كىرگەن جۇپ سۆز،  چەرەندە يەردە يۈرىدىغان جانلىقلارنى كۆرسەتسە، پەرەندە
ئۇچىدىغان جانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئەپشان: پارسچە قوشۇمچە، «چاچقۇچى» مەنىسى بار. زەرەپشان (زەر، نۇر چاچقۇچى)،
ئىنسۇ جىن: ئىنسان ۋە جىنلار
ئەرش: ئەرەبچە كەلىمە، ئەڭ يۇقىرى ئاسمان.
پەرش: پارسچە كەلىمە، زېمىن. ئەرشتىن پەرشكە چۈشكەن مەلەكلەر پارسچە «پەرىشتە» دەپ ئاتالغان.
مەلەك: پەرىشتە، كۆپلۈكى مەلائىكە. پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان.
جىن: ئوتتىن يارىتىلغان مەخلۇق بولۇپ، ئىنسانلاردىن بۇرۇن يارىتىلغان. ئۇلارنىڭمۇ مۇسۇلمانلىرى، كاپىرلىرى بار. كاپىرلىرى شەيتان دەپ ئاتىلىدۇ، بۇلارنىڭ ئاتامانى ئىبلىس. ئىبلىسمۇ پەرىشتە ئىدى، ئالىم ئىدى دېگەن گەپلەر توغرا ئەمەس، ئۇ پەرىشتە ئەمەس، جىن.  چۈنكى  پەرىشتىلەر خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ.
مەھكىمە: ئەرەبچە سۆز،  ھۆكۈم قىلغۇچى ئورۇن.  مەھكىمەئى كۇبرا: ئاخىرەتتىكى چوڭ سوت.
ئەدلىيە: ئەرەبچىدىكى «ئەدل»(ئادىللىق) تىن تۈرلەنگەن سۆز.
شائىر: ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆز، «شۇئۇر»(ئاڭ، ھېس-تۇيغۇ) دىن تۈرلەنگەن سۆز بولۇپ، تۇيغۇچى، ھېس قىلغۇچى دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
مىزان: ئەرەبچە، تارازا دېگەن مەنىدە.
نىزام: ئەرەبچە «نەزەمە» (تۈزۈش، تەرتىپلەش) تىن تۈرلەنگەن كەلىمە بولۇپ، نازىم بولسا تۈزگۈچى، نەزم بولسا سۆزلەردىن تۈزۈلگەن، رېتىم، قاپىيەلىرى بولغان شېئىر. شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، غۇلجىدا ئۆتكەن شائىر موللا بىلال ئۆزىگە نازىم دەپ تەخەللۇس قويغان.
نەۋائىي: ناۋا قىلغۇچى، كۈيلىگۈچى
گۇمنام: يوقالغان نام
خىرقىتى: خىرقە، ئەسكى چاپان كىيگۈچى (دەرۋىش).
زەلىلى: خار، خارلانغۇچى
نىزارى: جېدەللەشكۈچى، ئىسيانكار
قەلەندەر: دىۋانە، ھۆكمەت ئوقۇپ يۇرۈيدىغان جاھانكەزدى
خاراباتى: ۋەيران بولغۇچى
نىم شېھىت: يېرىم شېھىت، غازى
نىم (يېرىم) بىلەن ياسالغان سۆزلەر: نىمجان، نىمكەش، نىمكار، نىمپەدە…
سالتاڭ: بويتاق، يۈك ئارتىلمىغان ئېشەك
ياۋداق ئات: ئېگەرلەنمىگەن ئات
تايغان: ئوۋ ئىتى
قاۋان: ئەركەك چوشقا
مىكەجىن: چىشى چوشقا
توروشە: چوشقنىڭ بالىسى (لوپنور شېۋىسى)
ئەدەدسىز: ئەرەبچىدىكى «ئەدەد» (سان، ھېساب) تىن كەلگەن سۆز بولۇپ، «ھېسابسىز، بىھېساب» مەنىلىرىدىن كېڭىيىپ، خوتەنگە كەلگەندە كۆپ، تولا، ئىنتايىن، بەكمۇ، دەھشەت… بولۇپ كەتكەن.
داۋىخو: داۋاخور، «خور» دېگەن قوشۇمچىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدىم، (يېگۈچى-ئىچكۈچى) مەنىسى بار،  بۇنىڭدىن يەنە گۆشخور، ئوتخور، قەسەمخور، سۈتخور، قانخور، مەيخور…جىلىخور دېگەن سۆزلەر ياسالغان.
شاۋچى، شاۋىچى، شارۋىچى، شاۋىچى گۇي: قەشقەردە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ؛ شوۋىچى، شوۋاگەدەن، سولامچى، دەيۈز ئەر.
گۇيتوزا: ھاقارەت سۆزى،龟头دىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ، بەزى خەنزۇچە سۆزلەر شىنجاڭ لەھجىسىگە ئۆتكەندە 子 قوشۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋال بار، مەسىلەن، بالاڭزا، ياتوزا، ياڭگاڭزا، زىۋازا دېگەندەك. بىر قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:

قوينىڭ بالىسى قوزا،
داموللام تۇتار روزا.
داموللامنى ئۆلتۈرگەن،
دۈشمەن دېگەن گۇيتوزا.

خو:好

ياڭزا :样子
ماۋۇ قوشاق بۇنىڭ بىر مىسالى:
جاڭ تەتەيدە پاڭزى خو،
ياڭ تەتەيدە ياڭزى خو،
كىيىشلىرى دىچۈلىيەڭ،
يىيىشى قوناق موگو.
توخۇ بالىسى جىۋازا،
ئىتنىڭ بالىسى گوۋازا.
كۇلىدا ئۆلۈپ قالسام،
تېپىلمايدۇ جىنازا.

سەرگەردان: پارسچە سۆز بولۇپ، سەر (باش)، گەردان (يۇمىلاق نەرسە، ئايلىنىدىغان دائىرە)غا قوشۇلۇپ،  بېشى ئايلىنىپ قالغان دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ.
شاپ بۇرۇت: شاپ ئەسلىدە شاف (قىلىچ) دېگەن سۆز بولۇپ، كۆچمە مەنىدە بۇرۇتنىڭ سۈپىتى بولۇپ قالغان.

نامرات: بۇ سۆزنىڭ ئەسلىسى نامۇراد ، مۇرادىغا يېتەلمىگۈچى
تىلىمىزدا پارسچە «نا» قوشۇمچىسى بىلەن ياسالغان ئىنكار سۆزلەر بىر قەدەر كۆپ: نائۇستا، ناجىنس، نامۇۋاپىق، نالايىق، ناماقۇل، نائېنىق، نارسىدە (نارەسىدە، رەسىدە بولمىغان، بويىغا يەتمىگەن، كىچىك)، ناقايىل، نائەھلى،  نامۇسۇلمان، نائاداش (خوتەن شېۋىسى، يارىماس ئاغىنە دېگەندەك مەنىلەردە كېلىدۇ)…

ھەرەم: چەكلەنگەن يەر، مىقاتتىن ئۆتمىگىچە كىرىش جائىز بولمىغان مۇقەددەس جاي. بۇ جايغا كاپىرلارنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن.
ھارام: چەكلەنگەن، مەنئى قىلىنغان.
ئەرەبچىدە يۇقىرىقى ئىككى سۆزنىڭ مەنبەسىمۇ، مەنىسىمۇ بىر بىر، ئەمما تىل ئادىتىمىزدە ئۇنى ئايرىم قوللىنىمىز.

مەزلۇم: ئەسلى مەنىسى- زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى، بىزدىكى كۆچمە مەنىسى- قېرى ئايال
چوكان: ئەگرى، ئەۋرىشىم دېگەن مەنىلەرگە ئىگە «چەۋگان» سۆزىدىن كەلگەن، قەدىمدە ئەگرى تاياق بىلەن ئوينايدىغان توپ چەۋگان دەپمۇ ئاتالغان. چوكان تال دېگەن سۆزمۇ بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسىگە ئىشارەت قىلىدۇ.
جالاپ: ئەسلىدە «جەلپ قىلغۇچى» دېگەن مەنىگە ئىگە بۇ سۆز كېيىنكى ئىستېمالىمىزدا ئەشەددىي سەت سۆزگە ئايلىنىپ كەتكەن.
تۈپەيلىدىن: بۇ سۆز ئەرەبچىدىكى «تۇفەيل» (كىچىك، ئىش كۆرمىگەن) دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، سەلبى سەۋەب ئۇقۇمىنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ.
مۇپتى: پەتىۋا بەرگۈچى
زادە: زات، مەنسۇبىيەت ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان قوشۇمچە: ئېسىلزادە، ھارامزادە (ھارامدىن بولغان)، گۈلزادە، بەگزادە…
جەپپىر:  كونا ھەم يىرتىق (ئونسۇ، ئۇچتۇرپان ناھىيە شېۋىسى)
جۆندەك: كونىرىغان، ئىسكەتسىز (خوتەن شېۋىسى)
چەلەڭگۈش: چالا، ئەبجەش، قالايمىقان
ئەدناسى: ھەتتا، پەقەت
چىن: راست، ھەقىقى. خەنزۇچە 真 دىن كەلگەن دېگەن قاراشلار بار.
پارسچە «پاي» (پۇت) دىن ياسالغان سۆزلەر: پايتەخت (تەخت ئورۇنلاشقان جاي)، پايپېتەك، پايخان (دەسسىمەك، چەيلىمەك)، پايلىماق، پايسىنماق (ئۆزىنى تۆۋەن كۆرمەك)، پايپاق، يەكپاي (ئاياغ)…
ھەزلەك: ئەسلى مەنىسى، ئوردا قىزىقچىسى. ھەزلكەش
تەركىسالات: ناماز ئوقۇمايدىغان پاسىق
جوھوت: يەھۇدىيلار
تەرسا: خىرىستىيانلار
قالماق: موڭغۇللار
پەرەڭلەر: فرانسىيەلىكلەر، كۆچمە مەنىدە پۈتۈن چەت ئەللىكلەر
ئەجەم: ئىران، ئىرانلىقلار
خىتاي: قاراقىتان ياكى كىدانلار
تۇڭگان: چىڭ سۇلالىسىدا قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ غەربكە كۆچكەن خۇيزۇلار، ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خۇيزۇلار 东干 دەپ ئاتىلىدۇ.

لومودى: «ئويغانغان زېمىن» رومانىدا خوجانىياز ھاجى دۈشمەنلىرىنى مۇشۇنداق تىللايدۇ. «لو»نىڭ ئەسلىسى خەنزۇچىدىكى «骡 ياكى驴» بولسا كېرەك، ئېشەكتەك ھاياسىز، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچى مەنىسىنى بەرسە كېرەك.
كىشمىش: بىر زامانلار  يۇۋاش، يۇمشاق بالىلارنى مۇشۇنداق ئاتايدىغان ئادەت بار ئىدى بىزدە.
سېقىمە گەپ: قوپال، ئەمما ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن سۆزلەر.
تۈركىيەدە بىر ئايال تىلشۇناس ئاۋامنىڭ تىلىنى تەكشۈرۈپ، يېشى چوڭراق، گەپدان، ئاغزى بەزەپ ئاياللارنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن مەخسۇس سېقىمە سۆزلەرنى خاتىرىلەپ بىر لۇغەت تۈزۈپتىكەن، ئەيھات،  بۇ گەپ-سۆز، ئوخشىتىش، مازاقلارنىڭ سېسىقلىقى ھەم غىدىقلىغۇچى پۇراقلىرىدىن ئايلىنىپ كەتتىم. ئۇيغۇر تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق سۆز-جۈملىلەرنى يىغىپ كەلسە، چوڭ لۇغەت چىقىشى مۇمكىن.

ھۆكمەت : دىنىي قەسىدە

رودۇپاي: پارسچە سۆز، ئەپسانىلەردىكى سۆڭەكسىز مەخلۇق، پۇتى ئۈچەيگە ئوخشايدۇ، ئادەمگە چاپلىشىۋالسا ئاجراتقىلى بولمايدۇ.

مۇرتەد: ئىسلامدىن يېنىۋالغۇچى

ئەڭگىزە: شۇنداق قىلىپ، ئەمدى… (ئۇچتۇرپان شېۋىسى، باشقا جايلاردىمۇ بولۇشى مۇمكىن)

ئەيزىگە-مەيزىگە: ئۇياققا-بۇياققا (خوتەندە ئىيىنغا-مىيىنغا شەكلىدە ئېيتىلىدۇ)

داققال: ئېچىق بېشىدا سۇ باققۇچى

سۆرەم: ئاغدۇرۇلغان يەرنى تۈزلەشتە ئىشلىتىدىغان سايمان

جۇلدا: كەتمەننىڭ ئارقا تەرىپى

ئەيىپناق: ئەيىۋى بار، بىر يېرى مېيىپ

پەپىلىقۇش: (ئۇچتۇرپان شېۋىسى، ئەركە نايناق، بىر ئىشقا ئەستايىدىل قارىمايدىغان)

داپخون: تونۇرنىڭ ھاۋا كىرىدىغان تۆشۈكى

تۈكۈچ: نانغا گۈل چىقىرىدىغان ئەسۋاپ

گەزنە: ناننى قويۇپ تونۇرغا يېقىشتا ئىشلىتىدىغان نەرسە

پەشتاما: پەرتۇق

ئاختاملىق: سۇ قويماي ئاق تاشلىۋەتكەن يەر، م: ئاختاملىقنىڭ چالمىسى

تىرگەن: ئېتىزنىڭ قىرى

ئىستىم: شال تېرىغاندا سۇ سۈزۈلدۈرىدىغان كۆلچەك

قوشقۇن: ئۇلاغنى ھارۋىغا قاتقاندا ئىشلىتىدىغان ئارقا بەلباغ، م: ئېشەك قوشقۇنغا ئولتۇرۇۋالدى

جىڭبو: ھارۋا قاتقاندا ئات-ئېشەكنىڭ بوينىغا سالىدىغان مەخسۇس جابدۇق

بۈلە قىلماق: خامان يۇمشىغاندا چەش بىلەن ساماننى بىر يەرگە دۆۋىلىمەك

بوجاڭ: بۇرۇنقى زاماندا يۇرت-مەھەللىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ ئەمەل نامى بولسا كېرەك، ھازىر بەزى كىشىلەرگە لەقەم سۈپىتىدە ئۆزلىشىپ قالغان. 堡长 دىن كەلگەن سۆز بولۇشىمۇ مۇمكىن.

قۇززات: ئەرەبچە سۆز، «قازى»نىڭ كۆپلۈكى، يۇرتىمىزدا ئابدۇرەھىم قۇززات ھاجى دەيدىغان ناھايىتى مۆتىۋەر كىشى ئۆتۈپتىكەن.

موللا: ئەرەبچىدىكى«مەۋلا» دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، بۇ سۆز ئەرەبچىدە «ئۇستاز، خوجا، ئىگەم، ئەپەندى»مەنىلىرىگە ئىگە بولۇپ، ئىسلام دىنىدا يۇقىرى بىلىم ئىگىلىرىنى، ئالىم-ئۇلىمالارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن مەۋلانە، مەۋلەۋى دېگەن سۆزلەر ياسالغان. جالالىدىن رۇمى «مەۋلانا» دەپ ئاتىلىپتىكەن. بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ كۆزدە تۇتقىنى «بىزنىڭ ئۇستازىمىز، يولباشچىمىز، سەردارىمىز» دېگەن مەنە بولسا كېرەك، بولمىسا «ئىگەم ئاللاھ» دەيدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مەلۇم بىر كاتتا كىشىنى «مەۋلانا» (ئىگىمىز)، «مەۋلا» (ئىگە) دېيىشى تازا ئەقىلگە سىغمايدۇ، تىل دېگەنمۇ ئاجايىپ نەرسىكەن.

داموللا: بۇ يەردىكى «دا» خەنزۇچىدىكى 大 دىن كىرىپ قالغان دېگۈچىلەرمۇ، پارسچىدىكى «دەھ مەنلا» دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دېگۈچىلەرمۇ بار. «دەھ» پارسچىدا 10 دېگەنلىك، دەھ مەنلا بولسا «ئون ساھەدىكى بىلىمنى ئىگىلىگەن ئەھلى ئىلىم، ئون خىل ئىلىمدە توشقان زات » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ قاراش بىر قەدەر ئىشەنچلىك بولسا كېرەك.

ئاخۇن: «ئاق ھۇن» دىن كەلگەن سۆز دەپ قارىلىدۇ، باشقا خىل قاراشلارنى ئاڭلاپ باقمىدىم. تۇڭگانلار 阿訇 نى بەك ئىشلىتىدۇ. ئۇلارمۇ ئاق ھۇنلارنىڭ ئەۋلادىمۇ ياكى بۇ سۆزنى بىزدىن قوبۇل قىلدىمۇ؟ ئىزدىنىپ باقىدىغان مەسىلە. ئۆزبېكلەر بىزنى ئاخۇنەكلەر دەيمىش، كەمسىتىش مەنىسىنى بەرسە كېرەك.

قارىي: قۇرئان ئوقۇغۇچى، قۇرئاننى قىرائەت قىلغۇچى. خوتەن تەرەپلەردە قۇرئاننى تولۇق ياكى كۆپ قىسمىنى يادا ئالغانلار قارىي دەپ ئاتىلىدىكەن، بىز تەرەپلەردە قۇرئاننى ئوقۇيالىغانلار، 10 سۈرىنى بىلىدىغانلارمۇ قارىي دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى يەرلەردە قۇرئاندىن ئەلىق چاغلىق بىر نەرسە بىلمىسىمۇ قارى دەپ ئاتىلىدىغانلار، چاقىرىلىدىغانلار بار، خۇددى ئاخۇن… پالاناخۇن دېگەندەك.

خاتىپ: خۇتبە ئوقۇغۇچى. ئادەتتە خاتىپلار چوڭ جامەلەردە، جۈمە نامىزىدا خۇتبە ئوقۇيدۇ، بەزى مەسچىتلەردە ئىمام بىلەن خاتىپ بىر ئادەم بولىدۇ.

ئىمام: ئەرەبچە«ئەمامە» (ئالدى تەرەپ) دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن سۆز بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرغۇچى، جامائەتكە باشچىلىق قىلىپ ناماز ئوقۇغۇچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

مۇتىۋەللى: ئەرەبچە سۆز، مۆتىۋەر كىشى دېگەن مەنىدە، بىزدە بولسا مەسچىتنىڭ مال-مۈلۈك ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.

خەلپەت، خەلپەم: «خەلىپە» (ئىزباسار) دىن كەلگەن سۆز، ئىستېمالىمىزدا ئىلىمنى داۋاملاشتۇرغۇچى مەنىسىدە كېلىدۇ، بىز تەرەپلەردە بىر زامانلاردا بالىلارغا دىندىن ساۋاق بېرىدىغان كىشى خەلپەم دەپ ئاتىلاتتى.

قۇشناچىم: موللىنىڭ ئايالى. م: موللامنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان قۇشناچىمنىڭ ئوتيېشى (ماقال)

جارۇپكەش: مەسچىتنىڭ تازىلىقىنى قىلىدىغان كىشى

سوپى: تەسەۋۋۇپ ئەھلى، كۆچمە مەنىدە، دىنغا بەك بېرىلىپ كەتكۈچى

ئىشان: پارسچە سۆز، «نۇرلۇق» دېگەن مەنىسى بار. سوپىلىقنى تەرغىب قىلغۇچى، سوپىلارنىڭ ئۇلىماسى

پىر، پىر-ئەۋلىيا: چوڭ ئەۋلىيا، «ئەۋلىيا» ۋەلى(دوست)نىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، ئاللاھنىڭ دوستى دېگەن مەنىدە. ئەۋلىيالارغا بەزى كارامەتلەر بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇنى ئىنكار قىلىشقىمۇ، بەك ئىشىنىپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ.

غوجا، غوجام، خوجا، خوجام: ئۆزىنى سەييىدلەر (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇغ-ئەۋلادى) دەۋالغان سوپىلار.

ئەسھابۇل كەھف: غار ساھابىلىرى، قۇرئاننىڭ «كەھف» سۈرىسىدە بۇ ھەقتە مەلۇماتلار بار.

مازار: ئەرەبچە «زارە، يەزۇرۇ، زىيارەتەن» (كۆرمەك، زىيارەت قىلماق) تىن تۈرلەنگەن سۆز بولۇپ، زىيارەت قىلىنىدىغان جاي دېگەن مەنىدە، تاۋاپ قىلىدىغان جاي دېمەپتۇ.

نەقشىبەندى: ئىماننى قەلبكە كەشتىلىگۈچى، نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ پېشىۋاسى مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان.

ئىشق: تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسىدە ئىلاھىي سۆيگۈ، قىز-يىگىتلەر چۈشەنچىسىدە بولسا مۇھەببەت.

ئاشىق: سۆيگۈچى

مەشۇق: سۆيۈلگۈچى

مۇلھىد: دىنسىز، ھېچنېمىگە ئىشەنمىگۈچى

زىندىق: مۇناپىق، مۇسۇلمان سىياقىغا كىرىۋېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنىغا ئىش قىلىدىغان سۈيىقەستچى

مۇناپىق: قەلبىدە نىفاق (ئىككى يۈزلىمچىلىك) كېسىلى بولغان، كاپىردىنمۇ ئۆتە ئازابقا دۇچار بولىدىغان بەدبەخ

دوقا ماڭلاي: پېشانىسى دۆڭ، كۆچمە مەنىسى: قاپىقى يامان، دائىم ھۇمىيىپ تۇرىدىغان
ساراڭقېتىش: كاللىسى تازا ساق ئەمەس
دەلتە: دۆت، كالۋا، ئىنكاسى ئاستا
تەلۋە: ئىشنى ئەقىل بىلەن قىلمايدىغان، ئەسەبىيلىك خۇمارى، ئاشقۇن
دەلدۈڭ: دەلتە بىلەن ئوخشاش مەنىدە (ئۇچتۇرپان شېۋىسى)
پاڭقۇش: قۇلىقى ياخشى ئاڭلىمايدىغان. كۆچمە مەنىسى: قاشاڭ، گەپ ئاڭلىمايدىغان
پاڭ: گاس
سەينا: ھويلا، كىچىك مەيدان، باغ، باغچە
رەللە بولماق:  جىلە بولماق، تېرىكمەك
گاڭگۇڭ: باتۇر
ئاچ پاقا: ئاچكۆز
گەدەنكەش: بوينى قاتتىق، جاھىل
پوق قورساق، قارا قورساق: ساۋاتسىز، ھېچنېمە بىلمەيدىغان
قاراتۈرك: ساۋاتسىز، بىلىمسىز
يۇنداپۇرۇش: تىلەپ ھاراق ئىچىدىغان ھاراقكەش: بۇزۇقچىلىق، مەينەتچىلىككە ئادەتلەنگەن ئادەم
رەسۋا: نومۇسسىز، ھاياسىز(ئاساسەن ئاياللارغا قارىتىلىدۇ)
جەددال: مەككار موماي، ئوسال قېرىغان ئايال،  بەزى يەردە «جادى» دەپمۇ قويىدۇ. بۇ گەپنى ئاساسەن ئاغزى يامان كېلىنلەر تىلغا ئالىدۇ.
توخۇپوقى مەرەز: رودۇپاي، چاپلىشىۋالسا ئاجرىمايدىغان، يۇقۇپ قالسا چىقمايدىغان؛ كۆچمە مەنىسى: ئولتۇرغان-قوپقان يېرىدە پىتنە-ئىغۋا، جېدەل تېرىپ يۈرۈيدىغان سۇخەنچى، غەيۋەتخور.
يۇمىلاق تاۋۇز: ئىككى يۈزلىمىچى، مەيدانى يوق، خوشامەتچى
قارغىشتەگكۈر، قارغىش قېپى:  ئەسكىلىكتە ئۇچىغا چىققان، بەددۇئاغا، قارغىشقا لايىق بەدبەخ
لەنەتگەردى: لەنەتكە لايىق، لەنەت-نەپرەتكە كۆمۈلگۈچى
ئىگەكىم، ئىگەكىم بار: شۇنداق بولسىكەن، شۇنداق بولسىدى (سەلبى مەنىگە بەكرەك ماڭىدۇ)، م: پۇتۇڭ سۇنۇپ كېتەر ئىگەكىم…
پوخۇرلۇق قىلماق: قىز-ئاياللارغا ھاياسىزلىق قىلىش
ياۋايى: تەربىيە كۆرمىگەن، مەدەنىيەت يۇقمىغان
ياۋا تالىپ: يېڭى پەيدا بولغان سۆز بولۇپ، رەسمىي دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇمىغان تالىپلارنى كۆرسىتىدۇ.
غانجۇغىلاش: ھەممىنى سۈپۈرۈپ ئېلىپ كېتىش
زەينىگاس: زېھنى گاس، ئىنكاسى ئاستا

گوشۇڭ: بېزەڭ، قاشاڭ (ئۇچتۇرپان شېۋىسى)

بىلىشىڭ: ئاقسا، ئۆكتەم (ئۇچتۇرپان شېۋىسى)

شالا: مەش ياكى پىلىتە ئوچاقنىڭ ئىچىگە ئوتۇن، كۆمۈر قويىدىغان، چوغى قېلىپ كۈلى چۈشىدىغان تارغاقسىمان يۇمىلاق چۆيۈن.

كاناي: مەشنىڭ كانىيى، قەلەي مورا

مەشكە دەسسىەش: (ئاتۇش شېۋىسى)، ئەسلىسى، مارشقا دەسسەش، بۇ يەردىكى مارش ئىنگىلىزچىغا فرانسوزچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، تەڭ قەدەم تاشلاش ئۈچۈن چېلىنىدىغان ھەربىي مۇزىكا، تەنتەنىلىك مۇزىكا

موكا: چوكىغا ئوخشايدىغان توقۇمىچىلىق ئەسۋابى، م: باپكارنىڭ موكىسىدەك.

كۇسا: 1. ساقال-بۇرۇتى يوق؛ 2. يۆلەنچۈكى يوق كىچىك ئورۇندۇق (ئۇچتۇرپان شېۋىسى)

گاگا: ياغاچتىن ياساپ، ئۆرلىتىپ سوقۇپ ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇن.

تاختامپاي: يەرگە سىزىق سىزىپ، تاختايدىن مەخسۇس ياسالغان ياغاچ دۈگىلەكنى سىزىق ئىچىدە تېپىپ ئوينايدىغان ئويۇن.

سوبو: ئىچىگە سامان تىقىلغان كىچىك خالتا، بىز تەرەپتە بالىلار بۇرۇن بۇنى بىر-بىرىگە ئېتىپ شىلدىركوپ ئوينايتتى.

قاشىم توپ: قاچماتوپ، ھازىرقى كالتەك توپقا ئوخشايدىغان بىر خىل تەنھەرىكەت تۈرى.

غورتەك، شۇمتەك: كەپسىز، بەڭۋاش ئوغۇل بالا

پىستە: ئەرمەك ئىت، كۈچۈك؛ كۆچمە مەنىدە: بويى پاكار بالا

پاپا، يەرپاپىسى: پاكار

دارازا: ئېگىز، تەتۈرئۇستىخان

پوتەي: سېمىز، پوركۆتەك

چىت: باغنىڭ شاخ-شۇمبا، ئازغان تىكەن بىلەن قورشالغان توساقلىرى

شورا: باغنىڭ چىتىدىن ئېچىلغان تۆشۈك

سوقما تام: پىشۇرۇلغان لاي بىلەن سېلىنغان تام

بەل: پىشۇرۇلغان لاينى كېسىپ تامچىغا ئېلىپ بېرىشكە ئىشلىتىدىغان ئەسۋاب

توپاتام: نەم توپىنى چىڭداش، خاڭداش ئارقىلىق سېلىنغان تام

غوجاتام: ئۆرۈلۈپ كېتەي دېگەن تامنى يۆلەش ئۈچۈن قوپۇرۇلغان تام

تانا: ئىنچىكە ئارغامچا

ئەمبەل: سەي توغرايدىغان تاختا

قىڭراق: چوڭ پىچاق، تۈركىيەلىك تۈركۈلوگ مەھەممەد ئۆلمەز بۇ سۆزنى تۈركلەرنىڭ ئالتە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمكى سۆزى دېگەنىدى.

مەنچاناق: يوغان-يوغان تاش ئاتىدىغان قورال

گاھ: پارسچە سۆز، بەزىدە ماكاننى، بەزىدە ۋاقىتنى بىلدۈرۈپ كېلىدىغان سۆز. ماكاننى بىلدۈرگەندە ئالدىدىكى سۆزگە قوشۇلۇپ مەلۇم ئورۇننى بىلدۈرىدۇ: دەرگاھ، پاناگاھ، ئارامگاھ، سەيلىگاھ…

ۋاقىتنى بىلدۈرگەندە ئايرىم سۆز شەكلىدە كېلىپ، «بەزى-بەزىدە، پات-پات» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. م: ئۇ گاھ خۇشال بولۇپ ناخشا ئېيتسا، گاھ قايغۇرۇپ يىغلاپ كېتەتتى. بۇ سۆزنىڭ يەنە گاھىدا، ناگاھان (پات-پات)… دېگەندەك تۈرلىنىشلىرى بار.

ئىشرەت: خۇشاللىق

مەئىشەت: تۇرمۇش

نازاكەت: نازۇكلۇق

مورۇۋەتلىك: ئەرەبچە «مورۇئەت» تىن كەلگەن سۆز بولۇپ، ھەققانىيەتچى، لەۋزىدە تۇرىدىغان، راستچىل، مەرد، مەردانە، ئوغۇلبالىچىلىقى بار دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

ئايپاڭۋاش: پەينەكباش، «تاز»نىڭ سىلىق ئېيتىلىشى

بەز: ئۆتمەس، قېلىن، يۈزى قېلىن، قاشاڭ ئادەملەرنى تىللاشقا ئىشلىتىلىدۇ. كالىنىڭ بېزى دەپمۇ قويىدۇ.

زەيكەش: زەي ئۆرلەپ تۇرىدىغان يەر، سازلىق يەر

جومباق: ھورۇن، جانباقتى، بېشەم ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ

جۇۋاينىمەك: تولا جۇۋايدىغان (كوتۇلدايدىغان)، قىتىغۇر، ناچار قىز-چوكانلارنى كۆرسىتىدۇ

رەزگى: ئۇششاق، ئەرزىمەس. م: رەزگى بۇغداي(ئۆتكەمىدىن ئۆتۈپ كەتكەن، ئۇن تارتقىلى بولمايدىغان قورۇق بۇغداي)

قوشقاپاق: پوستىدىن ئاجرىمىغان بۇغداي

شاتىر: ئايىغى چاققان، يەلتاپان م: ئابدۇللا شاتىر

غېرىب: ئەرەبچە سۆز، 1. باش-پاناھسىز، يېتىم، مۇساپىر؛ 2. كەمبەغەل، يوقسۇل؛ 3. يالغۇز، تەنھا

سەنەم: ئەرەبچە سۆز، 1. ساھىبجامال قىز سىياقىدا زىننەتلەنگەن بۇت؛ 2. گۈزەل، چىرايلىق قىز، نازىنىن؛ 3. ئۇسۇللۇق نەغمە؛ 4. يول، پەدە؛ م: ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسىمەك.

ھازازۇل: مىجەزى ئەسكى، ئاچچىقى يامان ئايال
ۋەسى: ئەرەبچە «ۋاسى»دىن كەلگەن، ئىگە، ئىگىدار
ۋاسىل: ۋەسىلە بولغۇچى
ۋەيلۇن دوزاخ: ئەڭ دەھشەتلىك دوزاخ
ۋادەرىخ، ۋادەرىخا:  ۋاي ئىست، ئاھ ھەسرىتا…  م: ۋادەرىخا، ئوقنى تەگكۈزدۇق چالا، ھەممىدىن يامان ئىكەن سۈلھى-سالا
بېدىك: سودىنى كېلىشتۈرۈپ قويغۇچى
ھايانكەش: ئۆسۈم، جازانە ياكى ھارام پايدىنى كۆپ يېگۈچى
براك مال: رۇسچە، ئەتكەس مال ياكى ئۆتمەس مال
زاڭ مال: خەنزۇچە، ئەتكەس مال، قانۇنسىز مال
جازانە: يۇقىرى ئۆسۈم، 高利贷 گە تەڭداش كېلىدۇ
ئاكسىيە: پاي، قەرز چېكى، فوند
ئالۋۇن: كۆزنى ئالدايدىغان گىرىمسەن مەنزىرە، خىيابان
چەشمە: كۆز، بۇلاق
پاتروشكىلاش: رۇسچىدىن غۇلجىغا كىرگەن سۆز، قولتۇقلىۋېلىش
ساقى: ئەرەبچە سۆز، سۇغارغۇچى
شاراپ: ئەسلىدە شەربەت، مېۋە سۈيى دېگەن مەنىسى بار بۇ سۆز بىزدە «ھاراق-شاراپ» بولۇپ كەتكەن.
ناخۇن: بەزى يەردە «ناخىل» دەپمۇ قويىدىكەن، تەمبۇر چالغاندا بىگىز بارماققا باغلىنىدىغان سىم زەخمەك.
زەخمە: يارا، جاراھەت. تۈركچىدە «زەخمەت» دېگەن سۆز بولۇپ، تەلەپپۇز قىلغاندا «زاھمەت» دەيدۇ. بىر كىمگە « سىزنى ئاۋارە قىلدىم» دېمەكچى بولسا، «سىزە زاھمەت ئولدۇ» (سىزگە زەخمەت، يەنى ئاۋارىچىلىق بولدى) دەپ قويىدۇ.
قىسمەت: ئىنسانغا بۆلۈنگەن نېسىۋە، ئۆمۈر، تەقدىر
تەقدىر: قازايى قەدەر، ئەجەل كەلگىچە تەقدىر قىلىنغان ئىشلار، پېشانىگە پۈتۈلگەن ئىشلار.
تىلىمىز ئەدەبىيات-سانئەت تەرەققىياتى بىلەن باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، رىۋايەت، داستان، كىنو، دىراممىلاردىكى تىپىك ئوبرازلار، ئىسىملار سموۋۇللۇق مەنىگە ئايلىنىپ، جەمئىيەتلىشىپ كەتكەن ئەھۋاللار بار، مەسىلەن:

ھۇما قۇشى: بەخت قۇشى

ھاتەم تاي: مەرت ئىنسان
ئاپئاق غوجامنىڭ ئۇمىچى: بىكارلىق نەرسە
سېيت نوچى: باتۇر، ئەمما نادان
سېيت ماڭقا: لەقۋا بايۋەچچە
سايىماخۇن: خوتۇندىن قورقىدىغان
ئايپاتەم: ئولتۇرۇپ قالغان قىز-چوكان…
يەنە جەمئىيەتتە مەلۇم ئادەملەر ئارىسىدىلا ئېيتىلىدىغان، شۇ ئادەملەرلا چۈشىنىدىغان سۆزلەر، قاراگەپلەر بولىدۇ، كىشىلەر بىر-بىرىدىن ئۆگىنىپ تارقىتىدۇ، ئومۇملىشىدۇ، تىل جانلىق نەرسە، سۇدەك ئېقىپ تۇرىدۇ، بۇلغىنىدۇ ھەم سۈزۈلىدۇ، گۈللىنىدۇ ھەم چېكىنىدۇ. بىر تىلنىڭ ئەھلى شۇ تىلغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلسە، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قوغدىلىپ، قەدىرلىنىپ ماڭىدۇ. ناخشىلار، كۈلدۈرگىلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر، سورۇنلاردىكى چاقچاقلار، كىنو-تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرى، رىياسەتچىلەرنىڭ گەپ قىلىش ئالاھىدىلىكلىرى، ئارتىسلارنىڭ گەپدانلىقى… ۋاھاكازلار بىر مىللەتنىڭ تىلىغا تەسىر كۆرسىتىپ ماڭىدۇ. تىلىمىزنى سۆيگەنلىك ئۆزىمىزنى سۆيگەنلىك،  قەلبىمىزنى، تۇيغۇلىرىمىزنى سۆيگەنلىك، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئەۋلادلىرىمىزنى سۆيگەنلىك.

5 پارچە ئىنكاس بار

  1. مەردان مۇنداق يازغان:

    تۈركىيەلىك ئايال تەتقىقاتچىنىڭ تىللاش سۆزلىرىنى توپلاپ تۈزگەن لۇغىتىدىن ھەيران قالدىم. باشقا دۆلەتلەردە بۇنداق ئىشنى قىلىپ باققانلار بارمىدۇ،ھاجىمكا؟

  2. ئەخمەت ئابلا مۇنداق يازغان:

    (ئەسھابۇل كەھەف تەزكىرىسى) مۇشۇ كىتاپنى تېپىپ بەرگىلى بۇلۇرمۇ ؟

  3. ئىسكەندەر جېلىل مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن ياخشى يازما ئىكەن. بىر قۇر ئوقۇپ چىقتىم. لېكىن بەزى سۆزلەرگە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ قويغۇم كەلدى.
    1. ئىبلىس ھەقىقەتەن ئالىمدۇر، لېكىن ئۇنىڭ كىبىرلىك ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈنلا دوزاخقا مۇپتىلا بولغان. ئەتراپىمىزدىمۇ بىلىم ياكى ھوقۇق ۋەياكى بايلىقتا كامالەتكە يەتكەن كىشىلەرنىڭ كىبىرلىك ئەھۋالىنى كۆرۈپ تۇرىمىزغۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىنى بۇرمىلىمىغان بولسىڭىز.
    2. كىشمىش: ئۇرۇقسىز كىچىك ئۈزۈم. ئۇرۇقى بارنى سايۋا دەيدۇ، سايۋا چوڭىراق كېلىدۇ. ئۇزۇم قۇرۇقىنى كونا كىتاپلاردا مەيز دەپ كۆرگەن ئىدىم، بۇ سۆزنى قازاقلار ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتىدۇ. مەيز سۆزىنى سەددى ئىسكەندەر ناملىق ئەسەردە كۆردۈم.
    3. سوپى: ئەسلى تەلەپپۇزى سوفى، تۈركىي تىللار دىۋانىدا قوي يۇڭىدىن تىكىلگەن قوپال كېيىمنى كۆرسىتىدۇ. تەركى- دۇنيا بولغانلار ئاشۇنداق قوپال تىكىلگەن ماتالارنى كېيىۋېلىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن، سوفى دەپ ئاتالغان. بۇ تۈركچە سۆز بولۇشى مۇمكىن.
    4. قارا تۈرك. ساپ تۈرك، يەنى تۈرك تىلىدىن باشقا تىلنى بىلمەيدىغان كىشى دېگەن مەنىدە. ئەلشىر نەۋائىي زامانىسىدا، پارس تىلىنى بىلمىسە ساۋاتلىق ھېساپلانمايتتى. تۈركلەر پارس تىلىنى چوڭ بىلەتتى، ھەم شۇ تىلدا شېئىر ۋە ئەسەرلەر يازاتتى، تۈرك تىلىدا شېئىر يازغىلى بولمايدۇ دەپ قارايتتى. شۇڭا تۈرك تىلىدىن باشقا تىلنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئادەتتە قاراتۈرك دەپ كەمسىتىلەتتى. قارا سۆزىنىڭ ئۇلۇغ دېگەندىن باشقا يەنە ساپ دېگەن مەنىسىمۇ بار، مەسىلەن قارا گۆش، يەنى ساپ گۆش، ماي ئارىلاشتۇرمىغان قىسىنى دېمەكتۇر. تىلىمىزدا يەنە قارا سۆزى جەنۇب تەرەپنى كۆرسىتىدۇ. قارا دېڭىز دەل تاتارلارنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ئاق سۆزى شەرق، كۆك سۆزى غەرب، قىزىل سۆزى شىمالنى كۆرسىتىدۇ.

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      ئىبلىسنىڭ ئالىملىقى ھەققىدە قۇرئاندا قانداق دەلىل باركىن، شۇ نەرسە ئېنىقى، ئىبلىس ئەسلى زاتى جەھەتتىن جىنلاردىندۇر. ئۇنىڭ ئالىملىقى ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل يوق، ئۇنى ئالىم دېيىش ئالىملىق سۈپەتكە قىلىنغان ھاقارەتتۇر. ئۇ ئالىم ئەمەس، ھەقىقىي مەنىسىدىن زالىمدۇر، يەنى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*