ئادەتلىنىش ۋە قۇللۇق

POP_Art_Oil_painting

ھەر قانداق ھەرىكەت ۋە خىيال تەكرارلىنىدۇ. بۇلارغا كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى سەرپ قىلىسەن. نەتىجىدە بۇ سېنىڭ ئادىتىڭگە ئايلىنىدۇ. بىر ئىشلارنى قىلىسەن، ئەمما بۇ ئىشلارنى مۇستەقىل روھ بىلەن ئەمەس، بەلكى ئادەتلىنىپ قالغىنىڭ ئۈچۈن قىلىسەن. ئادەتلىنىپ قېلىش ئىككىنچى مىجەزدۇر، مەسىلەن، بەڭگىلەرنىڭ تاماكا چېكىشى ئىككىنچى مىجەزگە ئايلانغان ئادەتنىڭ بىر ئالامىتىدۇر. ئەگەر بىر ئىشقا بەكلا ئادەتلىنىپ قالساڭ، بۇ سېنىڭ بىرىنچى مىجەزىڭگە ئايلىنىپ قالىدۇ، ئەسلىدىكى مىجەزىڭ ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. يالغانچىلىققا ئادەتلىنىپ كەتكەنلەرنىڭ ئاخىر كاززاپ، مۇناپىقلارغا ئايلىنىپ كېتىشى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ھاياتىڭدا بىر ئىشقا ئادەتلىنىپ ياشايسەن، ئادەتلىرىڭمۇ سېنىڭ ھاياتىڭ ئارقىلىق ياشايدۇ. كاللىسىنى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەنلەر ”ئەقىلسىز باش پۇت-قولغا يۈك“ مەنتىقىسى بويىچە ياشايدۇ، كەيپ ۋە لەززەتكە ئادەتلەنگەنلەر “ ھارام، جانغا ئارام“ ئىدىيىسى بويىچە ياشايدۇ. باشتا سەن بىر ئىشقا ئادەتلىنىپ قالىسەن، بۇ ئادەت سېنىڭ كۈچۈڭنى خورىتىپ ئۆزىگە بېقىندۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەشكە باشلايسەن؛ ئۇنىڭ مەنتىقىسىدىن، ئۇنىڭ سۆزىدىن چىقمايدىغان بولىسەن.
ئادەتلەر سېنى بىر قاتار ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. كاللاڭدا تەكرارلانغان پىكىر-چۈشەنچىلەر قاتماللىشىدۇ، تەكرارلىغان ھەرىكەتلىرىڭ بارا-بارا سېزىمچانلىقىنى يوقىتىپ، ئاڭسىز، ئىختىيارسىز ھەرىكەتلەرگە ئايلىنىدۇ. ”نېمىشقا مۇشۇنداق قىلىمەن؟ بۇنداق قىلىپ نېمىگە ئېرىشىمەن؟ بۇنىڭدىن باشقا قىلىدىغان ئىشىم يوقمۇ؟ “ دېگەنلەرنى بەك ئويلاپ كەتمەيسەن. بەلكى “ مىجەزىم مۇشۇنداق، بۇ ئىشلارنى ياخشى كۆرىمەن، تەبىئىتىم بۇنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنى قىلمىسام كۈنۈم ئۆتمەيدۇ، ھاياتىمنىڭ مەنىسى بۇ“ دەيسەن.
ياخشى ئىشلارغا ئادەتلىنىپ قالساڭغۇ مەيلى، ئەمما بۇ نەپسىڭگە ئېغىر كېلىدۇ. يامان ئادەتلەرگە قۇل بولمىقىڭ بەك ئاسان، بوينۇڭنى ئېگىپلا كىرىسەن، پۇت-قولۇڭ ماسلىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئادەتلىنىپ قالغان ئىشلىرىڭنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى پەرق ئېتەلمىسەڭ، دېمەك، سەن تېخى كاللا ئىشلىتىشكىمۇ ئادەتلەنمىدىڭ، زېھنىڭ قاراڭغۇ، كۆزۈڭ كۆرگەننى دوراپلا ياشاۋاتىسەن. ئۇ ھالدا يامان ئادەتلەرنىڭ ۋابادەك تارىلىشىدا سەن مىكروپ توشىغۇچى بىر ھۈجەيرىسەن.
تەن مۈلكىنىڭ قورچاق ھاكىملىرى، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھۇزۇرلانغۇچىلار، نەق ھۇزۇرغا ئىنتىلگۈچىلەر، ھېچنېمىنى ئويلىماي ياشاشقا رازى بولغۇچىلار دائىم “ ئۆزەمنى قانداق خۇشال قىلسام قىلىمەن، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمىسەملا بولدى“ دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ھۇزۇرىنى ھامان بىر نەرسىلەر كېلىپ بۇزۇپ تۇرىدۇ. ئاپتاپتا چىۋىن قورۇپ كۆشەپ ياتقان كالىنى ھامان كۆكۈيۈن چاقىدۇ، بىر بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ ياتقان مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى چاشقان چىشلەيدۇ. جاننىڭ ھۇزۇرى ھورۇنلۇقتا ئەمەس، ھەرىكەتچانلىقتا؛ ئەمما ھورۇنلۇققا ئادەتلەنگەنلەر ھەرىكەتچانلىقتىن، تىرىشچانلىقتىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ.
ئادەتلىنىپ قېلىش تۈرمىگە كىرىپ قېلىش دېمەكتۇر، ئەمما ھېچكىم ئۆزىنى مەھبۇس ھېسابلىمايدۇ. چۈنكى ئادەتلىنىش مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئەركىن تاللاشنىڭ ۋە ئۇنى تەكرارلاۋېرىشنىڭ مەھسۇلىدۇر. تۇنجى رۇمكىنى قولۇڭغا ئالغىنىڭدا ئىشنى باشلىغان سەن ئىدىڭ، ئەمما ھاراققا رەسمى كۆنۈپ قالغاندىن كېيىن بۇ ئادەت، بۇ ھەرىكەتنى تەكرارلايدىغان قۇلغا ئايلاندىڭ. ھاراقنىڭ ئالدىدا ئەمدى ئۆزەڭنى خوجايىن دېيەلمەيسەن، قۇلسەن، توختىماي ئىچىدىغان قۇل. ئەڭ باشتا يالغان سۆزلىگەندە يۈزۈڭ بىر ئاز قىزارغانىدى، ئەمما بىر كۆنۈپ قېلىۋېدىڭ، بۇ سېنىڭ تەبىئىتىڭگە، بىرىنچى مىجەزىڭگە ئايلاندى. ”قانداق قىلىمەن، كۆنۈپ قاپتىمەن، يالغان سۆزلىگەنگە بىر ئىنسان ئۆلۈپ قاپتىمۇ؟“ دېيىشكە باشلىدىڭ. يالغان سۆزلىگەنگە بىر ئىنسان ئۆلمىگەن بىلەن، ئىشەنچ ئۆلىدۇ، كۆڭۈل ئۆلىدۇ، ئىمان ئۆلىدۇ. يولدا بىر تىلەمچىنى كۆرگىنىڭدە ئىچ ئاغرىتىپ تۆت تال تەڭگەڭنى تاشلاپ قوياتتىڭ، كېيىن ئالدامچى دەپ گۇمانلىنىپ بىر تىيىن بەرمەس بولدۇڭ. ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان مەنتىقە سېنىڭ نەپسىڭگە خۇش ياقتى، بىر ئىنسان مۇھتاج بولمىسا بۇ كۈنگە قالماس، بەلكىم ئالدامچى ئەمەستۇ دەپ ئويلاشنىمۇ خالىمىدىڭ. بېخىللىققا شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتتىڭكى، قولۇڭ ئىچىگىلا ئېگىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ”قول ئىچىگە ئېگىلىدۇ“ دېگەن سۆز شوئارغا ئايلاندى.
ئۆزەڭنى قانداق تونۇش ۋە باشقىلارنىڭ كۆزىدە ئۆزەڭنى باھالاشمۇ ئادەت مەسىلىسىدۇر. ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئىنسان ئۆزىنى توغرا مەۋقەگە قويالايدۇ، باشقىلارنىڭ باھاسى ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆلچىمەيدۇ، باشقىلارنىڭ زەربىسىدىن سىلكىنىپ ئۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ. ئەگەر مەنمەنچىلىك قىلىپ ئۆزەڭنى بۇت قىلىپ تىكلىۋالساڭ، بىرسى چىقىپ چېقىۋەتسە پات ئەسلىڭگە كېلىپ بولالمايسەن. غەزەبتىن ساراڭ بولۇش ئىچىڭدىن كېلىدۇ، ئادەتلىنىشتىن كېلىدۇ، بىرىنچى مىجەزىڭدىن كېلىدۇ. بىرەر قېتىم بولسىمۇ بۇ مىجەزىڭدىن، بۇ زىندانىڭدىن قۇتۇلۇپ باقتىڭمۇ؟ ئۇنى شەيتان بىلىپ نەپرەتلىنىپ باقتىڭمۇ؟ غەزەبتىن بوغۇلغان چېغىڭدا ئۆزەڭدىن باشقا ھېچكىم سېنى پەسكويغا چۈشۈرەلمەيدۇ. سىرتتىن دۈشمەنلىك ئىزدەپ كۆنۈپ كەتتىڭ، ئەمما بىرەر قېتىم بولسىمۇ، ئىچىڭدىكى دۈشمەنگە يۈزلىنىپ باقمىدىڭ.
يامان خيال، يامان ئىستەك، يامان خۇمار، يامان مىجەز بىر زىنداننىڭ تۆت تېمىغا ئوخشايدۇ. سەن بۇ تۆت تامنىڭ ئىچىدە سولاقتا، ئەمما ئۆزەڭنى يەنىلا ئەركىن ھېس قىلىسەن. چۈنكى ئۇلارغا ئادەتلىنىپ كەتتىڭ. ئۇلار گويا ساڭا ئەركىنلىك ۋەدە قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن قۇل بولساڭ مەيلى ئەمەسمۇ دەيدۇ. بېشىڭغا بىرەر پالاكەت كەلسە، ئۆزەمنىڭ شورى دەيسەن. ئەمما نېمىشقا بۇ پالاكەتلەر كېلىۋېرىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟ دەپ سوراشقا باشلىغان چېغىڭدا ئۆزەڭگە ئۆزەڭ ئىگە بولۇشقا باشلايسەن. ھېچكىمدىن ئاغرىنماي ئۆزەڭدىن ئاغرىنىدىغان بولىسەن. ئۆزەڭنى ئەيبلەش دەسلەپتە ئېغىر كېلىدۇ، يەنە داۋاملىق سىرتتىن باھانە ئىزدەيسەن، بۇزۇلغان جەمئىيەتكە، ناكەس ئادەملەرگە گۇناھ ئارتىسەن، ئەمما بۇنىڭمۇ ئاقمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىسەن. چۈنكى، باش قەھرىمان سەن ئىدىڭ، ھەر ئىشنى ئۆزەڭ باشلىغانىدىڭ، ئىستەكلىرىڭ بويىچە ياشىغانىدىڭ، سەن بىلەن تەڭ ياشىغانلار سېنىڭ ئىچىڭگە كىرىپ چىقالمايتتى، سەن بىلەن تەڭ كەيىپ سۈرگەنلەر كېسىلىڭنى سەن بىلەن تەڭ تارتىشىپ بېرەلمەيتتى، سەن بىلەن تەڭ ئۆلۈپ بېرەلمەيتتى.
كەيىپخۇمارلىق، ئويۇنخۇمارلىق، شەھۋەتپەرەسلىك، مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكى، نام-شۆھرەت تەمەسى… بىر تالاي يامان ئادەتلەر كۆز ئالدىڭدا قىمىرلاپ تۇرۇپتۇ، دۇنياغۇ مۇشۇنداق رەڭدار، ھالبۇكى ئىچىڭدىكى دۇنيا تېخىمۇ سېھىرلىكتۇر. بۇ دۇنيادا ئىشتىھا ئاچىدىغان نەرسىلەر سەھنىدىن چۈشمەيدۇ، كۆزلەر كۆرۈپ تالمايدۇ، يۈرەكلەر سوقۇپ ھارمايدۇ. قاراپ ئولتۇرۇۋېرىسەن، نەق كۆرەلمىسەڭ ئېكرانلاردىن كۆرىسەن، ئىنتېرنېت تورى بەدەندىكى تومۇرلاردەك قاپلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ يۈرىكىنى بىر بىرىگە باغلىدى. ئادەتلەر، تەقلىدلەر، ھەرىكەتلەر گىرەلىشىپ كەتتى. تېخنىكا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆزگەرتتى، ئادەتلەر ئۆزگەردى، سۈنئىي دۇنيا بىلەن رىئال دۇنيا ئارىلىشىپ كەتتى، بىر قۇللۇقنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىر قۇللۇق مەيدانغا كەلدى. ئەمما سەن تاللىغۇچى، كومپيۇتېر، تېلېپون ئېكرانىغا قاراپ ئولتۇرىۋېرەمسەن ياكى تالاغا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەمسەن، ئىختىيار ئۆزەڭدە.

2 پارچە ئىنكاس بار

  1. ئايتۇران مۇنداق يازغان:

    ئەرك تۈرك ئاكىمىزنىڭ يازمىللىرىنى ھەر ئوقۇسام باشقىچە تەسىرات ۋە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىمەن.

  2. غۇرۇر مۇنداق يازغان:

    ياخشى ماقالە ئىكەن ، ماقالىدىكى مەسىللەرنى ئويلۇنۇپ كۆرسەك بولغۇدەك.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*