رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟

1315005836orhanpamuk

رومان ئىككىنچى ھاياتتۇر، فرانسۇز شائىر گېرارد نېرۋالنىڭ چۈشلىرىدەك، رومانلار ھاياتىمىزنىڭ رەڭگا رەڭ ھالىتى ۋە مۇرەككەپلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ بىز تونۇيدىغان كىشىلەر، چىرايلار ۋە نەرسىلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بولىدۇ. رومان ئوقۇۋاتقىنىمىزدا خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك، ئۆزىمىز يولۇققان ئىشلارنىڭ ئاجايىپلىقى بىزنى شۇنچىلىك ھەيران قالدۇرىدۇكى، نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئۆزىمىزنى شۇ پەيتتە شاھىد بولغان خىيالىي ئىشلارنىڭ ئىچىدە، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا دەپ ئويلايمىز. بۇنداق چاغدا بىز روماندا ئۇچراشقان ۋە پەيزىنى سۈرگەن خىيالىي دۇنيانىڭ رېئال دۇنيادىنمۇ بەكرەك رېئال ۋە ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بۇ ئىككىنچى ھاياتنىڭ بىزگە رېئاللىقتىنمۇ بەك چىن ۋە ھەقىقىي تۇيۇلۇشى رومانلارنى دائىم رېئاللىقنىڭ ئورنىغا قويۇۋېلىشىمىزغا، ھېچ بولمىغاندا روماندىكى ۋەقەلىكلەرنى رېئاللىق بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشىمىزگە سەۋەبچى بولىدۇ. ئەمما بىز بۇ ساددىلىق ۋە ئېزىقىشتىن شىكايەت قىلمايمىز. ئەكسىچە، بەزى چۈشلىرىمىزگە ئوخشاش، ئوقۇۋاتقان رومانىمىزنىڭ داۋاملىشىشىنى، ئىككىنچى ھاياتنىڭ بىزدە داۋاملىق رېئال، ھەقىقىي تۇيغۇ ئويغىتىپ كېتىۋېرىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. خىيالىي ھېكايىلەر، توقۇلما ۋەقەلىكلەرنىڭ نېمىلىكىنى بىلسەكمۇ، بىر رومان ئەگەر بىزنى روماندىكى ھاياتنىڭ ھەقىقىي ھايات ئىكەنلىكىگە داۋاملىق ئىشەندۈرەلمىسە كەيپىمىز ئۇچۇپ، پەيزىمىز قاچىدۇ.
چۈش كۆرۈۋاتقاندا ئۇلارنى راست دەپ ئويلايمىز، چۈنكى چۈشلەرنى مۇشۇ خۇسۇسىيەتتە تەرىپلەيمىز. رومانلارنىمۇ راست دەپ ئويلاپ ئوقۇيمىز، ئەمما بىر جەھەتتىن ئۇنداق ئەمەسلىكىنىمۇ بىلىپ تۇرىمىز. بۇ خىل زىددىيەت رومانلارنىڭ تەبىئىتىدىن كېلىدۇ. باشتىلا شۇنى تەكىتلەيمەنكى، رومان سەنئىتى بىر-بىرىگە زىت نەرسىلەرگە ئوخشاش بىر پەيتتە ئىشىنىش ئىقتىدارىمىزغا تايىنىدىغان سەنئەتتۇر.
40 يىلدىن بېرى رومان ئوقۇۋاتىمەن، رومان ئالدىدىكى ھالىتىمىزنىڭ، ئۇنىڭغا دىققىتىمىزنى بېرىشىمىزنىڭ، ئۇنىڭغا سەل قارىشىمىز ياكى مۇھىم بىلىشىمىزنىڭ بەك كۆپ تۈرلىرى بارلىقىنى بىلگىنىمدەك، رومان ئوقۇشنىڭمۇ كۆپ خىل ئۇسۇلى بارلىقى ئوقۇۋېتىپ ئۆگەندىم. روماننى بەزىدە ئەقلىمىز، بەزىدە كۆزىمىز، بەزىدە خىيال كۈچىمىز، بەزىدە كىچىككىنە ئەس-يادىمىز بىلەن، بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇيىدىكىدەك، بەزىدە ئاپتورنىڭ ئارزۇيىدىكىدەك، بەزىدە پۈتۈنلەي باشقىچە زوق بىلەن ئوقۇيمىز. ياشلىقىمدا بىر مەزگىل رومان ئوقۇشقا بېرىلىپ ، ئۆزەمنى ئۇنتۇغان ھالدا كۆپلىگەن رومانلارنى ئوقۇدۇم. ئۇ يىللاردا (1970-يىل بىلەن 1982-يىل ئارىسىدا)، 18 يېشىم بىلەن 30 يېشىم ئارىلىقىدا رومان ئوقۇغان كۈنلىرىمدە كاللامدا، روھىمدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى خۇددى بىر رەسسسام تاغلار، ئويمانلىقلار، ئورمانلىقلار، دەريالار، قىيالار بىلەن تولغان رەڭگارەڭ، مۇرەككەپ، جانلىق بىر مەنزىرىنى كەسكىن ھەم ئېنىق سىزغاندەك بايان قىلىپ بېرىشنى ئويلايتتىم.
رومان ئوقۇغاندا كاللىمىزدا، روھىمىزدا نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ، بىر فىلىمنى كۆرگەندە، بىر رەسىمگە قارىغاندا ياكى بىر شېئىرنى (ھەتتا بىر ئىپىك شېئىرنى، بىر داستاننى) ئاڭلىغاندا ھېس قىلغانلىرىمىزدىن پەرقى نېمە؟ رومان بىرەر تەرجىمىھال ئەسەر، فىلىم، شېئىر، رەسىم ياكى مەسەل بېرەلەيدىغان زوقنى ھەر دائىم بېرەلەيدۇ. ئەمما بۇ سەنئەتنىڭ بىزدىكى ئۆزگىچە، ئەسلى تەسىرىنى كۆرسىتىش، روماننىڭ باشقا ئەدەبىي ژانىرلارغا، فىلىملەرگە، رەسىملەرگە تېخىمۇ ئوخشىمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ياش ۋاقتىمدىلا رومان ئوقۇشقا كىرىشكەندە قىلغان ئىشلىرىمنى كۆڭلۈمدىكى مۇرەككەپ رەسىملەرنى تەسۋىرلىگەچ ئەڭ باشتا بايان قىلىشىم كېرەك.
مۇزېيغا كىرسە دەسلەپتە مۇنداقلا قاراپ بېقىپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان زىيارەتچىگە ئوخشاش، ياش چېغىمدا رومان ئوقۇۋاتقىنىمدا ھەرىكەتتىن، ئۇرۇش-جېدەلدىن، مەنزىرىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن زوقلىناتتىم. گويا بىرسىنىڭ شەخسىي ھاياتىنى مەخپىي كۆزىتىشكە، كەڭ مەنزىرىنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى ھېس قىلىشقا ئامراق ئىدىم. خىيالىمدىكى مەنزىرىنى ھەر زامان جىددىي، بوران-چاپقۇنلۇق دەپ ئويلاپ قالماڭلار، بەزىدە كاللامدا كەڭ، چوڭقۇر، گۈزەل مەنزىرىلەرمۇ پەيدا بولۇپ قالاتتى. بەزىدە چىراغلار ئۆچۈپ، ئاق بىلەن قارا قويۇقلىشىپ بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ، كۆلەڭگىلەر تەۋرىنەتتى. بەزىدە دۇنيانىڭ پۈتۈنلەي باشقا بىر نۇردىن يارىتىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ ھەيران قالاتتىم. بەزىدە گۈگۈم ۋاقتىدىكى نۇر ھەممە نەرسىگە سىڭىپ، ھەممە نەرسىنى قاپلاپ، پۈتۈن دۇنيا بىرلا تۇيغۇغا، بىرلا ئۇسلۇبقا ئايلىناتتى. بۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بايقاپ، روماننى مۇشۇ كەيپىياتنى دەپ ئوقۇيدىغانلىقىمنى ھېس قىلاتتىم. روماندىكى دۇنياغا ئاستا-ئاستا كىرىپ كېتىۋاتقاندا، ئىستانبۇلدا بېشىكتاشتىكى ئۆيدە ئولتۇرۇپ روماننىڭ سەھىپىلىرىنى ئېچىشتىن ئاۋۋال قىلغان ئىشلىرىمنىڭ، ئىچكەن بىر ئىستاكان سۈيۈمنىڭ، ئانام بىلەن پاراڭلاشقانلىرىمنىڭ، كاللامدا ئويلىغانلىرىمنىڭ، ئۇششاق خاپىلىقلىرىمنىڭ كاللامدىن بىر-بىرلەپ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزەتتىم.
ئاستىمدىكى ئاپېلسىن رەڭلىك ئورۇندۇقنىڭ، يېنىمدىكى بەدبۇي كۈللۈكنىڭ، گىلەم سېلىنغان ھۇجرىنىڭ، كوچىدا ۋارقىشىرىپ پۇتبول ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ، يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان پاراخوت گۈدۈكلىرىنىڭ خىيالىمدىن يىراقلاشقانلىقىنى، ئالدىمدا يېڭى بىر دۇنيانىڭ سۆزمۇ سۆز، جۈملىمۇ جۈملە ئېچىلغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. ئەسەرنى بەتمۇ بەت ئوقۇغانچە، بۇ يېڭى دۇنيا خۇددى ئۈستىگە خىمىيەلىك ماددا چېچىلغاندا روشەنلىشىدىغان رەسىملەردەك بارغانچە ئېنىق كۆرۈنەتتى؛ سىزىقلار، سايىلەر، ۋەقەلەر، قەھرىمانلار تولۇق ئوتتۇرىغا چىقاتتى. روماندىكى دۇنياغا دەرھال كىرىشىمنى ئاقسىتىدىغان، كىشىلەرنى، ۋەقەلەرنى، نەرسىلەرنى ئەسلەپ ئۇلارنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمنى قىيىنلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق نەرسە مېنى جىلە قىلاتتى. مەسىلەن، مەن باش قەھرىمان بىلەن قانچىلىك يېقىنلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان يىراق بىر قوشنا، قورال ساقلانغان بىر تارتمىنىڭ ئورنى ياكى مەن قوش مەنىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىككىنچى مەنىسىنى بىلەلمەي قالغان بىرەر پاراڭ مېنى ناھايىتى بىئارام قىلاتتى. سۆز-جۈملىلەرگە ئالدىراش ھەم قىزىقىش بىلەن قاراۋاتقىنىمدا ھەممە ئىشنىڭ جايىغا چۈشۈشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتەتتىم. بۇنداق چاغلاردا يات بىر جايغا تاشلىۋېتىلگەن ئۈركەك ھايۋاندەك ئاجايىپ سەزگۈرلىشىپ كېتەتتىم-دە، كاللام جىددىي ئىشلەشكە باشلايتتى. مەن ئۆزەم كىرىۋاتقان بۇ دۇنيا بىلەن ماسلىشىش ئۈچۈن قولۇمدىكى روماننىڭ تەپسىلاتلىرىغا پۈتۈن دىققىتىمنى بەرگەن چېغىمدا سۆزلەرنى خىيالىمدا رەسىملەرگە ئايلاندۇرۇش، كۆز ئالدىمدا ھەممە نەرسىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تىركىشەتتىم. بىر ئازدىن كېيىن بۇ جاپالىرىمنىڭ ھاردۇقى چىقاتتى؛ تۇمانلار تارقاپ، ئۆزەم كۆرمەكچى بولغان چوڭ مەنزىرە گويا غايەت چوڭ قىتئەدەك بىردىنلا پەيدا بولاتتى. ئۇ چاغدا رومان بايان قىلغان ئىشلارنى دېرىزىدىن سىرتقا قاراۋاتقاندەك ھېچ قىينالمايلا تاماشا قىلاتتىم. «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»تىكى بورودىنو ئۇرۇشىنى (باش پىرسۇناژ) پېررىنىڭ بىر تۆپىلىكتىن پەسكە قارىغاندىكى تەسىراتىدىن ئوقۇش مەن ئۈچۈن رومان ئوقۇشنىڭ بىر ئۆرنىكىدۇر. روماندىكى ئىنچكە تەسۋىرلەر، ئۇنىڭ بىزگە بەرگەن تەسىراتى ۋە ئۇنى ئوقۇۋاتقاندىكى مۇھىم تەپسىلاتلار كۆز ئالدىمىزدىكى رەسىمدەك روشەن كۆرۈنىدۇ. ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنى سۆز-جۈملىلەرنىڭ ئىچىدە ئەمەس، بەلكى مەنزىرە رەسىملىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ. بۇ يەردە يازغۇچىنىڭ ئىنچىكە تەسۋىرلىرى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ بۇ تەسۋىرلەرنى ئۆز تەسەۋۋۇرىدا رەسىملەرگە ئايلاندۇرۇشى بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. كەڭ مەنزىرىدە، ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ياكى تەبىئەتتىلا ئەمەس، بەلكى ياتاقلاردا، تار، دىمىق ئۆيلەردە يۈز بەرگەن ئىشلار تەسۋىرلەنگەن رومانلارنىمۇ، مەسىلەن كافكانىڭ «شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى» ناملىق ئەسىرىنىمۇ خۇددى بىر مەنزىرىگە قاراۋاتقاندەك، سۆز-جۈملىلەرنى كاللىمىزدا رەسىمگە ئايلاندۇرۇپ، بۇ رەسىم-مەنزىرىنىڭ كەيپىياتىغا چۆمۈلۈپ، ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ تۇرۇپ ئوقۇيمىز.
دېرىزىدىن سىرتقا قاراش ۋە رومان ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭ ئىچىدىكى دۇنياغا كىرىشكە ئائىت يەنە تولستوينىڭ ئەسەرلىرىدىن، تارىختا يېزىلغان رومانلارنىڭ ئەڭ كاتتىلىرىدىن بولغان «ئاننا كارىنىنا»دىن بىر مىسال كەلتۈرەي:
ئاننا مۇسكۋادا ۋرونسىكى بىلەن كۆرۈشىدۇ، كېچىدە پويىز بىلەن ئۆيىگە، سانت پېتىېربۇرگقا قايتىۋاتقاندا ئەتىسى ئەتىگەندە بالىلىرى ۋە ئېرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئويلاپ خۇشال بولىدۇ. داۋامىنى ئەرگىن ئالتاينىڭ تەرجىمىسىدىن ئوقۇيلى:
”(ئاننا)… سومكىسىنى ئېچىپلا ئىنگىلىزچە بىر روماننى چىقاردى. باشتا ئۇنى ئوقۇيالمىدى، پويىزدا مېڭىپ يۈرگەن ئادەملەر ۋە ۋاراڭ-چۇرۇڭلار ئۇنىڭغا دەخلى قىلىۋاتاتتى. پويىز ماڭغاندىن كېيىن ھەر خىل ئاۋازلارغا دىققەت قىلدى، ئاندىن سەل تەرەپتىكى دېرىزىگە ئۇرۇلۇپ ئەينەككە چاپلىشىپ قالغان قارلار ئۇنىڭ دىققىتىنى چاچتى. يېنىدىن ئۆتۈۋاتقان، بىر تەرىپى باشتىن ئاياغ قاردىنمۇ ئاپئاق بولۇپ كەتكەن قېلىن كىيىملىك پويىز خادىمىنىڭ قىياپىتى، سىرتتا دەھشەتلىك قار-شىۋىرغان بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەر ئۇنىڭ دىققىتىنى بۆلۈۋېتىپ باراتتى. بىر دەمدىن كېيىن يەنە شۇ ئىشلار تەكرارلىنىشقا باشلىدى: پويىزنىڭ سىلكىنىشلىرى، دېرىزە ئەينىدىكى ئاشۇ قار، كىشىلەرنىڭ پارنىڭ ئىسسىقىدىن سوغۇققا، ئاندىن يەنە ئىسسىققا يۆتكىلىشلىرى، غۇۋا نۇردا كۆرۈنۈۋاتقان ئوخشاش چىرايلار، ئاڭلىنىۋاتقان ئاۋازلار… ئاننا نېمە ئوقۇۋاتقىنىنى ئەمدى ئاستا-ئاستا ئاڭقىرىشقا باشلىدى. ئاننۇشكا پەلەي كىيىۋالغان كەڭ قوللىرى بىلەن (پەلىيىنىڭ بىرى يىرتىلىپ كەتكەنىدى) ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى قىزىل سومكىغا ئېسىلىپ ئۇخلاۋاتاتتى. ئاننا «ئاركاديېۋنا»نى ئوقۇۋاتاتتى، ئوقۇۋاتقىنىنى ھەم بىلەتتى. ئەمما ئوقۇۋېرىشنى، يەنى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا دىققەت قىلىشنى خالىمايتتى، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئۆزەم ياشىسام دەيتتى. روماندىكى ئايال قەھرىماننىڭ ئۆزىنىڭ كېسەل ئېرىگە قاراۋاتقىنىنى ئوقۇغىنىدا، كېسەلنىڭ يېنىغا پەم بىلەن كىرىپ ئۇ ئەرنىڭ بېشىدا تۇرۇشنى ئويلايتتى. بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ سۆزىنى ئوقۇغىنىدا، بۇ نۇتۇقنى ئۆزى سۆزلەۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. لېيدى مارىينىڭ ئاتقا مىنىپ پادىلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغىنىنى، كېلىنى بىلەن قېرىشىپ قالغىنىنى، جاسارەتتە ھەممىنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى ئوقۇغىنىدا، بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىنىڭ ئۆزى بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما ھازىر قىلىدىغان ھېچقانداق ئىشى يوق. خەتكۈچىنى قولىدا ئويناپ، روماننىڭ داۋامىنى ئوقۇشقا تىرىشاتتى“.
ئاننا ۋرونسىكىنىلا ئويلاپ ئولتۇرغانلىقى، ئۇنىڭدەك ياشاشنى ئارزۇ قىلغانلىقى ئۈچۈن روماننى ئوقۇيالماي قالىدۇ. ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالىغان بولسىدى، لېيدى مارىينىڭ ئاتقا مىنىپ پادىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشلىرىنى خۇددى دېرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈۋاتقاندەك بىمالال كۆرەلىگەن ۋە بۇ مەنزىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلالىغان بولاتتى.
رومان يازغۇچىلىرىنىڭ تولىسى بىر روماننى ئوقۇشقا كىرىشىش بىلەن بىر مەنزىرە رەسىمىگە دىققەت قىلىشنىڭ ئوخشاش ئىش ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇن ياكى ئاشكارە ھېس قىلىدۇ. ستېندالنىڭ «قىزىل ۋە قارا» ناملىق رومانىنى قانداق باشلىغانلىقىغا قاراپ باقايلى: دەسلەپتە ۋېرىيېرىس بازىرىنىڭ يىراقتىن كۆرۈنۈشىنى، بۇ بازار جايلاشقان تۆپىلىكنى، قىزىل كاھىشلىق ئاق ئۆيلەر ۋە تىكەن سىم تارتىلغان تاملارنى، غۇژمەك-غۇژمەك كاشتان دەرەخلىرىنى، يىقىلىپ چۈشكەن سېپىللارنى كۆرىمىز؛ پەستە دوبس چېيىنى، ئارقىدىنلا ياغاچ تىلىدىغان ھەرە ۋە رەڭلىك رەخت فابرىكىسىنى بايقايمىز.
ئەمما بىر بەتتىن كېيىن مۇھىم قەھرىمانلاردىن بولغان شەھەر باشلىقىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ روھىي ھالىتى بىلەن دەرھال تونۇشىمىز. رومان ئوقۇشنىڭ ئەسلى زوق-لەززىتى دۇنيانى سىرتتىن ئەمەس، ئىچىدىن، ئۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان قەھرىمانلارنىڭ كۆزىدىن كۆرۈش بىلەن باشلىنىدۇ. رومان ئوقۇۋاتقاندا باشقا ھېچقانداق ئەدەبىي ژانېر ساقلىيالمايدىغان تېزلىك بىلەن، ئاساسلىق مەنزىرە بىلەن ئۆتكۈنچى پەيتلەر ئارىسىدا، ئاساسلىق ئوي-خىياللار بىلەن ئۆزگىچە ئەھۋاللار ئارىسىدا كېلىپ-كېتىپ تۇرىمىز. ئاساسلىق مەنزىرىگە يىراقتىن قارىغىنىمىزدا ئۆزىمىزنى بىر دەمدە شۇ مەنزىرىدىكى ئىنساننىڭ ئوي-خىياللىرى ۋە روھىي ھالىتىنىڭ ئارىسىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىمىز. بۇ خۇددى، ئېچىلىپ سوزۇلىدىغان جۇڭگو مەنزىرە رەسىملىرىدىكى قىيالىق تاغلار، دەريالار، دەرەخلەر ئارىسىدا كىچىك سىزىلغان بىر ئىنساننى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ، ئاندىن چوڭ مەنزىرىنى ئۇنىڭ كۆزىدىن جانلاندۇرغىنىمىزغا ئوخشايدۇ. (جۇڭگو مەنزىرە رەسىملىرى كىشىلەر مۇشۇنداق قارىسۇن دەپ سىزىلىدۇ). ئۇ چاغدا مەنزىرىنىڭ بۇ مۇھىتتىكى قەھرىماننىڭ ئوي-خىياللىرى، ھېس-تۇيغۇلىرىغا ماس ھالدا سىزىلغانلىقىنى بىلىمىز. روماندىكى مەنزىرىنىڭ روماندىكى قەھرىمانلارنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ داۋامى ۋە بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىنىمىزدا ئۆزلىكىمىزنىڭمۇ بۇ قەھرىمانلار بىلەن تەدرىجىي بىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز. رومان ئوقۇش، بۇ ئاساسلىق مەنزىرىنى ئېسىمىزدە تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا قەھرىمانلارنىڭ خىياللىرى ۋە ئىشلىرىغا دىققەت قىلىش، ئۇلارنى شۇ مۇھىت ئىچىدە مۇئەييەن مەزمۇن ۋە مەنىدارلىققا ئىگە قىلىش دېمەكتۇر. شۇ ئاندا بىز بايا كۆرگەن مەنزىرىنىڭ ئىچىگە كىرىمىز، ھەيۋەتلىك تاغنىلا ئەمەس، دەريانىڭ سالقىنلىقىنى، ئورماننىڭ ھىدىنى ھېس قىلىمىز، پىرسۇناژلار بىلەن پاراڭلىشىمىز ھەمدە ئورماننىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىۋېرىمىز. روماننىڭ تىلى بىر-بىرىدىن يىراق، ناتونۇش نەرسىلەرنى بىرلەشتۈرۈشىمىزگە، پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياسىنى بىرلا دۇنيا سۈپىتىدە كۆرۈشىمىزگە ياردەمچى بولىدۇ.
رومان ئوقۇۋاتقىنىمىزدا كاللىمىز ئاجايىپ ئىشلەيدۇ، شۇندقتىمۇ قاردا قالغان، شاۋقۇن-سۈرەنلىك پېتېربۇرگ پويىزىدا كىتاب ئوقۇۋاتقان ئاننادەك زورۇقۇپ كەتمەيمىز. مەنزىرىدىن دەرەخلەرگە، قەھرىمانلارغا، قەھرىمانلارنىڭ خىياللىرىغا، ئاندىن ئۇلار تۇتقان نەرسىلەرگە، نەرسىلەردىن ئەسلىمىلەرگە، باشقا قەھرىمانلارغا، ئاساسلىق ئوي-خىياللارغا ئەسىر بولۇپ تۇرىمىز. كاللىمىز، تۇيغۇلىرىمىز يات بىر جايغا تاشلىۋېتىلگەن شاش، ئالدىراقسان ھايۋاندەك جىددىي ھەرىكەتلىنىدۇ ۋە شۇ پەيتتە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ. ئەمما كۆپىنچىمىز بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىمىزنى سەزمەي قالىمىز. دېمەك رومان ئوقۇش خۇددى ماشىنا ھەيدەۋاتقىنىمىزدا ماي ۋە تورمۇزغا دەسسەپ، خوتنى ئالماشتۇرۇپ، رولنى باشقۇرۇپ، ئىككى تەرەپكە، قاتناش بەلگىلىرىگە، يول ئىشارەتلىرىگە ۋە يول ۋەزىيىتىگە قاراپ ماڭغىنىمىزغا، ئەمما بۇلارنى ئىختىيارسىز قىلغىنىمىزغا ئوخشايدۇ.
رومان ئوقۇشنىڭ ماشىنا ھەيدەشكە ئوخشىتىلىشى ئوقۇرمەنلەرگىلا ئەمەس، يازغۇچىغىمۇ ماس كېلىدۇ: بەزى يازغۇچىلار رومان يېزىۋاتقاندا ناھايىتى تەبىئىي بىر ئىش قىلىۋاتقاندەك يازىدۇ، قانداق ماھارەت قوللىنىۋاتقانلىقىنى، نېمە خىيال، نېمە مەقسەتتە يېزىۋاتقانلىقىنى، رومان سەنئىتىدىكى قانداق ۋاسىتىلەرىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا قانداق يېڭى ئۇسۇللارنى كەشىپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيلا قالىدۇ. رومان يېزىش (ۋە ئوقۇشنىڭ) مەلۇم جەھەتتىن سۈنئىي بولىدىغانلىقىغا پەرۋا قىلمايدىغان بۇنداق ھېسسىياتچانلىقنى، رومان يازغۇچى ۋە ئوقۇرمەننى «ساددا» دەپ تۇرايلى. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بىر سەزگۈرلۈكنى، يەنە رومان ئوقۇۋاتقاندا ۋە يېزىۋاتقاندا تېكىستنىڭ سۈنئىيلىكىگە، رېئاللىقنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرەلمىگەنلىكىگە ئېسىلىۋالىدىغان، رومان يېزىلغاندا قوللىنىلغان مېتودلارغا ۋە رومان ئوقۇغاندا كاللىدا پەيدا بولىدىغان ئالاھىدە ھادىسىلەرگە دىققەت قىلىدىغان ئوقۇرمەنلەر ۋە يازغۇچىلارنى «ئەقىللىق» دەپ تۇرايلى. رومان يېزىش بىرلا ۋاقىتتا ساددا ھەم ئەقىللىق بولۇش دېمەكتۇر؛ ياكى ساددا ھەم ھېسسىياتچان بولۇش دېمەكتۇر. بۇ پەرقنى تۇنجى بولۇپ 1795-يىلى گېرمانىيە شائىرى ، يازغۇچى شېللېر «ساددا ۋە ھېسسىياتلىق شېئىر ھەققىدە» دېگەن داڭلىق ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان. شېللېر بالىلىقى ۋە ساددىلىقىنى يوقاتقان، ئەقىللىق، دەرتمەن، زامانىۋى شائىرلار ئۈچۈن قوللانغان «سېنتىمېنتالىش» دېگەن سۆزنى تۈركچىگە ئەسلىدە «ھېسسىياتچان» دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك. شېللىر بۇ سۆزنى ئىنگىلىزچىدىن، لاۋرېنس ستېرىننىڭ «تۇيغۇ سەپىرى» ناملىق رومانىنىڭ تەسىرى بىلەن قوبۇل قىلغان بولۇپ، « تەبىئىيلىكى ۋە ساددىلىقىنى يوقاتقان، ئەقىللىق، قاقباش، ئوي-پىكىرگە باي» دېگەن مەنىدە قوللانغان. (شېللېر ئۇ ماقالىسىدە بالىلىقىنى يوقاتمىغان، ساددا شائىرلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارىغا دانتى، شېكىسپېر، سېرۋانتىس، گيۇتى، ھەتتا ستېرنې قاتارلىقلارنى تىزىدۇ)، سۆز مەنىلىرى ئۈستىدە ئۇزۇن توختالمايلى، شېللېرنىڭ «سېنتىمېنتالىش» سۆزى ئارقىلىق تەبىئىيلىكى، ساددىلىقىدىن ئايرىلغان، ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا زىيادە بېرىلىپ كەتكەن بىر مىجەزنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئېسىمىزدە تۇتساقلا بولىدۇ. بۇ يەردىكى مەقسەت، شېللېرنىڭ ياش ۋاقتىمدا ياخشى كۆرگەن بۇ ماقالىسىنى ئوبدان چۈشەنگىنىمدەك، ئۇنىڭدىن (ئۆزەمنىڭ دائىملىق ئادىتى بويىچە) رومان سەنئىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئويلىۋېلىش ھەمدە ئۇلارنى (ھازىرقىدەك) توغرا ئىپادىلەشتۇر.
تومان مان «گېرمان تىلىدا يېزىلغان ئەڭ ياخشى ماقالە» دەپ تەرىپلىگەن بۇ ماقالىدە شېللېر شائىرلارنى ئىككىگە ئايرىيدۇ. ساددا شائىرلار تەبىئەت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەتتا بەئەينى تەبىئەتكە ئوخشايدۇ (تەبىئەتتەك تىنچ، رەھىمسىز، ھۆكۈمران)، شېئىرنى ئۆزلۈكىدىن، ھېچقانداق كاللا قاتۇرماي، سۆزلەرنىڭ پىكىر ۋە ئەخلاق جەھەتتە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئويلاپ ئولتۇرماي، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارى بولماي يازىۋېرىدۇ. زامانىۋى ئىنسانلار ۋە شائىرلارنىڭ ئەكسىچە، شېئىر ئۇلار ئۈچۈن تەبىئەتنىڭ تەسىرىدۇر، يەنى تەبىئەت ئۇلاردا پەيدا قىلغان ھېس-تۇيغۇنىڭ ئەينەن ئاشكارىلىنىشىدۇر. ساپ، ساددا شائىرلار تەبىئەتنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن شېئىر ئۇلارغا تەبىئەتتىن ئۆزلۈكىدىن كېلىدۇ. شېئىرنى شائىرلار ئويلاپ، باش قاتۇرۇپ، ئۆزىنى قېزىپ، ۋەزىن-قاپىيە تۈزۈپ يېزىپ چىقىدۇ دېگەندىن كۆرە، ئاللاھ، تەبىئەت، باشقا بىر كۈچ تەرىپىدىن ئۇلارغا يازدۇرۇلىدۇ دېگەن تۈزۈك دەيدىغان بۇ ئىشەنچ، بۇ رومانتىك چۈشەنچە گېرمانىيە رومانتىزىمچىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كولېرىجنىڭ «قۇبلايخان» ناملىق شېئىرىگە بەرگەن ئىزاھاتىدا تىلغا ئېلىنغان. («قار» ناملىق رومانىمنىڭ شائىر قەھرىمانى كا مۇ ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىنى كولېرىج ۋە شېللېرنىڭ تەسىرى بىلەن، ساپ، ساددا روھىي ھالىتىدە يازىدۇ). شېللېرنىڭ ھەر قېتىم ئوقۇسام بىر ھەيران قالىدىغان بۇ ماقالىسىدە، ساددا شائىرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى ئارىسىدا بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۇنى بۇ يەردە تەكىتلەپ قوياي دەيمەن: ساپ، ساددا شائىر ئۆز شېئىرىدىكى سۆزلەرنىڭ پۈتۈن تەبىئەتنى ئىپادىلىيەلىشىگە، ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلالىشىغا، دۇنيانى تولۇق، ھەقىقىي تەسۋىرلەپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى چىقىرىپ بېرەلىشىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ؛ چۈنكى سۆز، ئۇقۇم، مەنە ئەسلىدىنلا تەبىئەتتىن ئايرىلغان ئەمەس، سۆزلەر خەزىنىسىمۇ مەخپىي قالغان ئەمەس.
شېللېرغا كۆرە، ھېسسىياتچان ياكى ئەقىللىق شائىر ئەڭ باشتا مۇشۇ مەسىلىدە بىئارام بولىدۇ: ئۇ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى بىلمەكچى، ئۇنىڭ ۋەسلىگە يەتمەكچى، مەقسەتلىرىنى دەۋالماقچى بولىدۇ، شۇڭا بۇ شېئىرىنى قانداق يازغانلىقىنى، قانداق ۋاسىتىلەرنى ۋە ماھارەتلەرنى قوللانغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياسالمىلىقىنى بىلىدۇ. ساددا شائىر دۇنيانى چۈشىنىش جەھەتتە ئۆزى بىلەن دۇنيانى ئايرىمايدۇ. ھالبۇكى، ئەقىللىق، زامانىۋى شائىر ئۆزى ھېس قىلغان ھەر قانداق نەرسىدىن ۋە تۇيغۇلىرىدىن گۇمانلىنىدۇ. ئۇنى ئاز كەلدى دەپ، ھېس قىلغان نەرسىلىرىنى شېئىرلاشتۇرغاندا تەربىيىۋى، ئەخلاقىي، ئىدىيىۋى مەسىلىلەرنى ئويلاپ تۇرۇۋالىدۇ.
شېللېرنىڭ بۇ قىزىقارلىق، ئۆتكۈر ماقالىسى سەنئەت، ئەدەبىيات ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغانلار ئۈچۈن ئېسىل مەنبەدۇر. ياش ۋاقتىمدا بۇ ماقالىنى ئوقۇغىنىمدا شېللېرنىڭ بەرگەن مىساللىرىنى، شائىرلارنىڭ تۈرلىرىنى، ئۆزلۈكىدىن، ئىختىيارسىز شېئىر يېزىش بىلەن مەقسەتلىك، زورۇقۇپ شېئىر يېزىش ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى ئويلىغىنىمدا، ئۆزەمنىڭ رومان ئىجادىيىتىنى، رومان يېزىۋاتقاندىكى ھەر خىل روھىي ھالىتىمنىمۇ ئويلايتتىم. ھەتتا بىر قانچە يىل ئاۋۋال رەسىم سىزىۋاتقاندا ھېس قىلغانلىرىممۇ كاللامدا بار ئىدى. يەتتە يېشىمدىن 22 يېشىمغىچە، كەلگۈسىدە رەسسام بولىمەن دەپ توختىماي رەسىم سىزغان بولساممۇ ئاخىرقى ھېسابتا ساپ، ساددا رەسسام بولۇپ قالدىم ۋە بۇنى ھېس قىلىپ رەسىم سىزىشتىن ۋاز كەچتىم. ئۇ چاغدا شېللېر «شېئىر» دەپ ئاتىغان نەرسىنى ئومۇمىي مەنىدە سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ۋە چۈشىنەتتىم. بۇ دەرسلەردىمۇ ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىپ، شۇنداق چۈشىنىپ تۇرىمەن. رومان سەنئىتى ھەققىدە پىكىر قىلغىنىمدا شېللېرنىڭ بۇ ئۇزۇن، تەسىرلىك ماقالىسى ساددا بولۇش بىلەن ئەقىللىق بولۇش ئارىسىدا تېڭىرقاپ يۈرگەن ياشلىقىمنى ماڭا پات-پات ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.
شېللېرنىڭ بۇ ماقالىسى مەلۇم نۇقتىدىن ئۆتكەندە پەقەت شېئىر ۋە ئومۇمىي مەنىدە سەنئەت، ئەدەبىيات ھەققىدە يېزىلغان ماقالە بولۇشتىن ھالقىپ، ئىنسان تىپلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئومۇمىي، پەلسەپىۋى بىر ماقالىگە ئايلىنىدۇ؛ پەلسەپىۋى ھەم پىسخولوگىيەلىك بىر ماقالىگە ئايلانغان بۇ نۇقتىدا ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان شەخسىي ئىستەكلەرنى بايقاشنى ياخشى كۆرىمەن: شېللېر «ئىككى تۈرلۈك شائىر بار» دېگەن چېغىدا، گېرمانىيە ئەدەبىياتى تارىخچىلىرىغا كۆرە گىيۇتىغا ئوخشاش ساپ، ساددا شائىرلار بار ھەم ماڭا ئوخشاش ئەقىللىق شائىرلار بار، دېمەكچى بولىدۇ. شېللېر گىيۇتىنىڭ شائىرلىقىغىلا ئەمەس، ئۇنىڭ مىجەزىگە، ئەركىن روھىغا، مەنمەنچىلىكىگە، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگە، ئاليىجاناپلىقىغا، ئېسىل پىكىرلەرنى تېز ھەم بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇشلىرىغا، مۇستەقىل بولالىشىغا، ئاددىي-ساددىلىقىغا، كەمتەرلىكىگە، يەنە كېلىپ بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنى بايقىمايدىغان گۆدەكلەرچە تەبىئىتىگە ھەۋەسلىنەتتى. ھالبۇكى ئۆزى بولسا گىيۇتىغا باققاندا ئەقىللىق، بىلىملىك، ئىجادىيەت ئىشلىرى مۇرەككەپ ھەم كۆڭۈلسىز ئىدى، ئەسەرلىرىدە قانداق بەدئىي ۋاسىتە قوللانغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى ۋە بۇ ھەقتە تولا ئويلىنىپ، گاڭگىراپ قالاتتى، ئىشلىرىدىن گۇمانلىناتتى. شۇنداقلا بۇ خىل روھىي ھالىتىنىڭ تېخىمۇ «زامانىۋى» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتى.
بۇنىڭدىن ئوتتۇز يىل ئاۋۋال «ساددا ۋە ھېسسىياتلىق شېئىر ھەققىدە»نى ئوقۇۋاتقاندا ، گىيۇتىغا ئاچچىقى كەلگەن شېللېردەك، مەنمۇ بۇرۇنقى تۈرك يازغۇچىلىرىنىڭ ساددىلىقى، گۆدەكلىكى، رومانلىرىنى ھېچ قىينالمايلا يېزىۋېرىشلىرى، ئۇسلۇب، ماھارەت مەسىلىلىرىنى ئويلاپ قويمىغانلىقىدىن ئاغرىنىمەن. ئەمما ئۇلارنىلا ئەمەس، 19-ئەسىردە بالزاكنىڭ رومانىنى تەبىئىي نەرسىدەك كۆرۈپ، ئۇنى ھېچ ئويلانمايلا قوبۇل قىلغان بارلىق يازغۇچىلارنى ساددا (بۇ سۆزنى بارغانچە سەلبىي مەنىدە قوللىنىدىغان بولۇپ قالغانىدىم) چاغلايمەن. ئوتتۇز بەش يىل رومان يېزىپ، ئەمدىلىكتە ئىچىمدىكى ساددا يازغۇچى بىلەن ئەقىللىق يازغۇچى ئارىسىدا بىر تەڭپۇڭلۇق پەيدا قىلدىم دەپ ئۆزەمنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقاندا، قايسى يازغۇچى ئەڭ ساددا؟ قايسى يازغۇچى ئەڭ ئەقىللىق؟ دېگەن مەسىلىنى تارتىشىشنىڭمۇ قىزىقارلىق ئىكەنلكىنى ھېس قىلماقتىمەن.
مەن رومان يېزىشقا باشلىغان 1970-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەھمەد ھەمدى تانپىنار، ئوغۇز ئاتاي قاتارلىق يازغۇچىلارنى «ئەقىللىق»بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرەتتىم. بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى بايان قىلغان قەھرىمانلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى قايرىپ قويۇپ، ئۇنى قايسى ئۇسۇل بىلەن بايان قىلىشنىڭ كويىدا يۈرگەنلىكىنى كۆرگەنچە خۇشال بولاتتىم. باش تېمىمىز تۈركىيە ۋە ئىستانبۇلدىكى تۇرمۇشنى قايسى ئۇسۇلدا ئەڭ مۇۋاپىق بايان قىلغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلە ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، يېزىدىن چىققان يازغۇچىلار ئۆزلىرى بايان قىلغان دەھشەتلىك ھېكايىلەردىن بىر خىل كۈچ ھاسىل قىلىۋاتاتتى. ئۇلار سۆز-جۈملىلىرى ۋە ئۇسلۇبلىرىنىڭ رېئاللىقنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرگەن-ئەتتۈرمىگەنلىكى، كىم ئۈچۈن، قايسى نۇقتىدىن يازغانلىقى بىلەن كارى يوق يازىۋېرەتتى، بۇ خىل ئىشەنچ ئۇلارغا كۈچ-قۇۋۋەت بېرەتتى. ئەمما ساددا، ئۈمىدۋار يازغۇچىلار بىلەن «ئەقىللىق» يازغۇچىلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتكەن نەرسە 1970- يىللاردا تۈركىيەدە داۋاملىق تەكىتلەنگەن يېزا-شەھەر ئايرىمچىلىقى ئەمەس. ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى مانىسادا ئۆتكۈزگەن يۈسۈف ئاتىلگان «ئانا يۇرت مېھمانخانىسى» ناملىق ئەسىرىنى ناھايىتى ماھارەتلىك، تاكتىكىلىق بايان قىلغاندا، يېزا قەھرىمانلىرىنىڭ دەسلەپكى تىپلىرىدىن بولغان «ياۋايى»نىڭ ئاپتورى ياقۇپ قادىرى قارائوسمان ئوغلىنىڭ ئىستانبۇلنى ئاساس قىلىپ يازغان بارلىق رومانلىرى بىزگە ساددا بىر يازغۇچىنىڭ دۇنياسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
رومانلاردا تەسۋىرلەنگەن دۇنيا ھەققىدە سۆزلىگىنىمدە بۇ دۇنيانى مەنزىرە دەپ ئالدىم. ماشىنا ھەيدىگەندە ئۇنى تەبىئى ھەيدەۋېرىدىغان شوپۇرلاردەك، رومان ئوقۇۋاتقاندىمۇ بەزىلىرىمىزنىڭ رومانغا ئىختىيارسىز كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ساددا يازغۇچى ۋە ساددا ئوقۇرمەن مەنزىرىلەر ئىچىدە كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ دېرىزىدىن كۆرۈنۈۋاتقان دۇنياغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن مەنزىرە ۋە ئىنسانلار ھەققىدە پاراڭلىشىشقا، ئەقىللىق يازغۇچىلارنىڭ ئىچىنى ئېچىتقۇدەك گەپلەرنى قىلىشقا باشلايدۇ. ئەقىللىق يازغۇچى ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن كۆرۈنگەن مەنزىرىلەرنىڭ چەكلىك، ئالدىدىكى ئەينەكنىڭ مەينەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. كۆپىنچىسى بېككىت تەك جىمىپ قالىدۇ ياكى مەندەك ۋە باشقا نۇرغۇن يازغۇچىلاردەك ماشىنىنىڭ رولىنى، كونۇپكىلىرىنى، لاي چاچراپ كەتكەن ئەينىكىنى، پېدال ۋە خوتلىرىنى مەنزىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ، شۇڭا كۆرگەن نەرسىلىرىمىزنىڭ روماننىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدىن چەكلىك بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايلى.
ئوخشىتىشقا مەپتۇن بولۇشتىن ئاۋۋال رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزغا تەسىر قىلغان ئىشلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ باقايلى. رومان ئوقۇش مۇشۇ ئىشلارنى قىلىش دېمەكتۇر. شۇغىنىسى ئەقىللىق يازغۇچىلار بۇ ماھارەتلەرنى بايقاپ، ئۇلارنىڭ تەپسىلىي ھۆججىتىنى تېپىپ چىقالايدۇ. بۇ ماھارەتلەر روماننىڭ ئەسلىدە نېمە ئىكەنلىكىنى (بىلسەكمۇ ئۇنتۇپ قالغان بىر نەرسىنى) يادىمىزغا سالىدۇ. مانا بۇلار رومان ئوقۇۋاتقاندا مېڭىمىز ئورۇنلايدىغان ئىشلار:
1.ئاساسلىق مەنزىرىنى تاماشا قىلىدۇ، ھېكايىگە ئەگىشىمىز. ئىسپانىيەلىك مۇتەپپەككۇر، پەيلاسوپ ئورتېگا گاسسېت «دون كىخوت» ھەققىدە يازغان كىتابىدا «ۋەقەلىك رومانلىرى، جاسۇسلۇق رومانلىرى، چەۋەندازلىق رومانلىرىنى، ئاممىباپ رومانلار (بۇنىڭغا رازىۋېتكا رومانلىرى، ئىشق-مۇھەببەت رومانلىرى، جاسۇسلۇق رومانلىرى قاتارلىقلارنى قوشۇشقا بولىدۇ)نى بۇنىڭ ئاخىرى قانداق بولار؟ دەپ ئوقۇيمىز، مودېرنىزملىق رومانلارنى (بۈگۈن بىز ھەقىقىي ئەدەبىي رومان دەۋاتقان رومانلارنى) ئىستېتىك زوق ئۈچۈن ئوقۇيمىز» دەيدۇ. ئۇنىڭغا كۆرە، ئەدەبىي رومان گويا مەنزىرە رەسىمگە ئوخشايدىغان، ۋەقەلىكى يوق دېيەرلىك، ئەمما ئىستېتىك قىممەتكە ئىگە بىر نەرسىدۇر.
ئەمما ۋەقەلىكى، پىرسۇناژلار ھەرىكىتى كۆپ بولغان رومانلار بولسۇن، ياكى مەنزىرە رەسىمگە ئوخشاش ۋەقەلىكى يوق رومانلار بولسۇن، ئۇلارنى ھەمىشە ۋەقەلىك قوغلىشىپ ئوقۇيمىز، ھېچ بولمىسا ئوقۇغان نەرسىلىرىمىزنىڭ نېمە مەنە، نېمە مەقسەتنى بىلدۈرۈۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ ئوقۇيمىز. رومان بىزگە مەنزىرە رەسىمگە ئوخشاش ھېچقانداق ۋەقەلىكنى بايان قىلماي دانە-دانە ياپراقلارنى تەسۋىرلەپ بەرسە (مەسىلەن، فرانسىيە يېڭى رومانلىرىنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىلىرىدىن ئالەين روبى گىرىللېت ياكى مىچېل بۇتورغا ئوخشاش)، بايان قىلغۇچىنىڭ بۇ ئارقىلىق نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى، بۇ ياپراقلارنىڭ قانداق ھېكايە توقۇيدىغانلىقىنى ئويلاشقا باشلايمىز، ھەر ياپراقتىن بىر مەقسەت، بىر پىكىر، بىر نىيەت، يوشۇرۇن بىر مەركەز ئىزدەيمىز.
2. سۆزلەرنى كاللىمىزدا رەسىملەرگە ئايلاندۇرىمىز. رومان مەلۇم بىر ھېكايىنى بايان قىلىدۇ، ئەمما ئۇ پەقەت شۇ ھېكايىنىڭ ئۆزى ئەمەس. بۇ ھېكايە بەك جىق نەرسىنىڭ— ئاۋازنىڭ، پاراڭلارنىڭ، خىيالنىڭ، ئەس-خاتىرىنىڭ، بىلىمنىڭ، پىكىرنىڭ، ھادىسىنىڭ، سەھنىنىڭ تەسۋىرى ئىچىدىن ئاستا-ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىدۇ. بىر روماندىن زوقلىنىش ئاشۇ نەرسىلەرنى سۆز-جۈملىلەر ئارقىلىق كاللىمىزدا ئوبراز ۋە مەنزىرىلەرگە ئايلاندۇرۇشتىن ھۇزۇرلىنىشتۇر. سۆز-جۈملىلەر بايان قىلغان (بايان قىلماقچى بولغان) نەرسىلەرنى خىيالىمىزدا جانلاندۇرۇۋاتقاندا، ئۇنىڭدىكى ھېكايىنى بىز ئوقۇرمەنلەر تاماملايمىز. شۇنداق قىلىۋاتقاندا يەنە كىتابتا دېيىلگەن، يازغۇچى دېمەكچى بولغان، دېيىشنى قارار قىلغان ياكى بىز ئۇنى ئاللىقاچان دەپ بولدى دەپ ئويلىغان نەرسىنى—كاللىمىزدىكى مۇئەييەن بىر نۇقتا-مەركەزنى ئىزدىگەچ، تەسەۋۋۇرىمىزنى ئىشقا سالىمىز.
3. كاللىمىزنىڭ بىر يېرىدە «يازغۇچى مۇشۇ يازغانلىرىنى قانچىلىك باشتىن كەچۈرۈپ باققاندۇ؟ ياكى شۇنداق ياشاپ بېقىشنى قانچىلىك خىيال قىلغاندۇ؟» دەپ ئويلايمىز. بولۇپمۇ، روماننىڭ بىزنى ھەيران قالدۇرغان، ھەۋەس قىلدۇرغان يېرىدە بۇ سوئالنى بەكرەك سورايمىز. رومان ئوقۇش دېمەك، بۇ ئەسەرگە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن بېرىلىپ كەتكەندە « بۇنىڭ قانچىلىكى تەسەۋۋۇر، قانچىلىكى ئەمەلىيەت؟» دەپ توختىماي سوراشتىن ئىبارەت. روماندىكى ئىشلارنى ساددىلارچە راست دەپ ئويلاپ قېلىش بىلەن ئۇنىڭ قانچىلىك يېرىنىڭ تەسەۋۋۇر، خىيال ئىكەنلىكىگە قىزىقىش مەنتىقە جەھەتتىن بىر-بىرىگە زىتتۇر. ئەمما رومان سەنئىتىنىڭ چەكسىز ھاياتىي كۈچى بۇ خىل زىتلىققا ئەمەس. ئۆزىگە خاس مەنتىققە تايىنىدۇ. رومان ئوقۇش، دۇنيانى دېكارتچە ئەقلىي مەنتىقتىن باشقا بىر مەنتىق ئارقىلىق چۈشىنىش دېمەكتۇر. بۇ، قارىماققا زىت كۆرۈنگەن پىكىر-چۈشەنچىلەرگە بىرلا ۋاقىتتا ئىشىنىش، كۆڭلى ئازادە ھالدا داۋاملىق ئىشىنىش دېمەكتۇر. نەتىجىدە، ئىچىمىزدە ئۈچىنچى بىر ھەقىقەت دۇنياسى، روماننىڭ مۇرەككەپ دۇنياسى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭدا ھەممە نەرسە بىر-بىرىگە زىت بولۇشىغا قارىماي، مۇشۇ سۈرەتتە تەسۋىرلىنىدۇ.
4. يەنە بىر تەرەپتىن كاللىمىزدا مۇنداق خىيال تۇغۇلىدۇ: ئەمەلىيەت شۇنداقمۇ؟ روماندا بايان قىلىنغان، تەسۋىرلەنگەن ئىشلار بىز بىلىدىغان رېئاللىققا ئۇيغۇنمۇ؟ مەسىلەن ئۆزىمىزدىن مۇنداق سورىغۇمىز كېلىدۇ: 1870-يىللاردا، مۇسكۋادىن سانت پېتىربۇرگقا بارىدىغان كەچلىك پويىزنىڭ رومان ئوقۇغىلى بولغىدەك تىنچ، ئازادە مۇھىتى بار بولغىيمىدى؟ ياكى بولمىسا تولىستوي «ئاننا كارىننا كىتابخۇمار ئايال» دېمەكچىمۇ؟ رومان سەنئىتىدە كۈندىلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرىمىزنى تۇرمۇش بىلىملىرى، ھەتتا تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى دەرىجىسىگە كۆتۈرەلەيدىغان گۈزەللىك بار.
5. بىز روماندىكى تاللانغان سۆزلەر، دەل ئوخشىتىشلارنىڭ گۈزەللىكىدىن زوقلانغاچ خىيال ۋە باياننىڭ سېھرىي كۈچىدىن، ئېسىل جۈملىلەرنىڭ جەملىنىشىدىن، نەسرىي شەكىلگە يوشۇرۇنغان شېئىر ۋە مۇزىكدىن ھۇزۇرلىنىمىز. ئۇسلۇب مەسىلىسى ۋە ئۇسلۇب خۇشاللىقى رومان سەنئىتىنىڭ مەركىزىدە ئەمەس، ئۇنىڭغا يېقىن بىر يەردىدۇر (شۇغىنىسى نۇرغۇن ئەسەرلەر ھەققىدە پاراڭلاشقاندا ئاندىن بۇ قىزىقارلىق تېمىغا كىرگىلى بولىدۇ).
6. رومان قەھرىمانلىرىنىڭ تاللىشى ۋە قىلىق-ھەرىكەتلىرىنى ئەخلاق جەھەتتىن باھالايمىز، شۇنداقلا يازغۇچىنى ئۇنىڭ قەھرىمانلىرىغا قاراپ باھالايمىز. روماننى ئەخلاق جەھەتتىن باھالاش قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر ئىشتۇر. رومان سەنئىتى ئىنسانلارنى سوتلىغاندا ئەمەس، ئۇلارنى چۈشەنگەندە يۈكسەك، گۈزەل تەسىر بېرىدۇ. بۇنى ئۇنتۇپ قالمايلى. كاللىمىز ئەخلاق مەسىلىسىگىلا تاقىشىپ تۇرۇپ قالمىسۇن. رومان ئوقۇۋاتقاندا ئەخلاق بىز كۆرۈۋاتقان مەنزىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەككى، رومان قەھرىمانلىرىغا بولغان سۇبيېكتىپ قارىشىمىز بولماسلىقى كېرەك.
7. رومان ئوقۇۋېتىپ كاللىمىزدا تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلار يۈز بېرىۋاتقاندا، بىر تەرەپتىن ئۆزىمىز ھاسىل قىلغان بىلىم ۋە چوڭقۇر چۈشەنچە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تەبرىكلەيمىز. بولۇپمۇ ئەدەبىي قىممىتى يۇقىرى رومانلارنى ئوقۇغىنىمىزدا، مەزمۇنغا، تېكىستكە تەڭ كىرىشىپ كېتىشىمىز بىزگە بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنى ئاتا قىلىدۇ. «بۇ رومان بىزگە ئاتاپلا يېزىلىپتۇ» دېگەندەك خاتا، شىرىن تۇيغۇمىز بارا-بارا كۈچىيىدۇ. يازغۇچى بىلەن بولغان بۇنداق سىرداشلىق، دىلكەشلىك ئەسەردە بىزنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان، ھەتتا ئىدىيەمىزگە ئۇدۇل كەلمەيدىغان غەلىتە يەرلەرنى قوبۇل قىلىپ كېتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇنداق رومانلارنى ھەر قېتىم ئوقۇغاندا يازغۇچى بىلەن تەڭ گۇناھقا شېرىك بولىمىز. بىر ياقتىن بۇ گۇناھ تۇيغۇسىنى پەسكويغا چۈشۈرىدىغان خىياللارنى قىلىمىز، گۇناھقا باھانە ئىزدەيمىز، ئۆزىمىزگە تەسەللىي بېرىمىز، يازغۇچىنى توغرا چۈشىنىشكە، ئۇنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرمەسكە سېلىشقا تىرىشىمىز. ئەسەردىكى بايانلارغا ئىشىنىش ئۈچۈن يازغۇچىنىڭ دېگەن گەپلىرىگە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈمىد قىلغىنىدەك ئىشەنمەيمىز. چۈنكى يازغۇچىنىڭ بەزى جاھىللىقلىرى، ئۇششاق-چۈششەك مەسىلىلىرى بىزگە خاتالىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ كىتابىنى يەنىلا ئىشەنچ بىلەن داۋاملىق ئوقۇشنى خالايمىز.
8. رومان ئوقۇۋاتقاندا ئەسلىمىلىرىمىز توختىماي جانلىنىدۇ. يازغۇچى بىزگە كۆرسەتمەكچى بولغان دۇنيادىن بىر مەنە ۋە زوق ئېلىش ئۈچۈن روماننىڭ يوشۇرۇن نېگىزىنى ئىزدىشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن روماننىڭ ھەممە يېرىنى بىر دەرەخنىڭ بارلىق ياپراقلىرىنى ئەستە تۇتقاندەك ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەك. يازغۇچى كاللىسى چېچىلاڭغۇ ئوقۇرمەنگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۆزى تەسۋىرلەۋاتقان دۇنيانى ئاددىيلاشتۇرمىسا، ھەممىنى ئەستە تۇتۇش ناھايىتى تەس. بۇ تەسلىك روماننىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ چەك-چېگراسىنى بەلگىلەيدۇ. رومان ئوقۇۋاتقاندا بارلىق تەپسىلاتلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. روماننىڭ بىر نېگىزلىك يېرى بولىدىغانلىقىنى بىلسەك، بىز ئەھمىيەتسىز دەپ قارىغان دېتالنىڭ ئەسلىدە مۇھىم ئىكەنلىكىنى، روماندىكى بەزى نەرسىلەرنىڭ مەنىسىنىڭ ئەسلىدە باشقىچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. رومانلار گۇناھ تۇيغۇسى، گۇمانخورلۇق ۋە غەم-ئەندىشىگە باغرىنى كەڭ ئاچقان بايانلاردۇر. رومان ئوقۇۋاتقاندا بىزدە پەيدا بولغان چوڭقۇر ھېس-تۇيغۇ، رېئال دۇنيادا تۇرۇۋاتقاندەك خاتا سەزگۈلەر روماننىڭ يوشۇرۇن نېگىزىدىن شەكىللىنىدۇ.
روماننى داستانلاردىن، ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەسنىۋىلەردىن، ئۇزۇن شېئىرلاردىن ۋە چۆچەك-قىسسەلەردىن ئايرىغان تۇنجى نەرسە مانا مۇشۇ نېگىزلىك يەردۇر. رومانلار ئۆزىدىكى قەھرىمانلار روھىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىكى، زامانىۋىيلىقى، ئادەتتىكى ئىنسانلارنى تولۇق تەسۋىرلىيەلىشى، كۈندىلىك ھاياتنىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرىغا چوڭقۇرلاپ كىرەلىشى… بىلەن ئىپىك ئەسەرلەردىن پەرقلىنىدۇ. ئەمما بۇ ئالاھىدىلىكلىرى، بۇ ئىقتىدارلىرى يەنىلا ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىگە— نېگىزىگە يوشۇرۇنغان بولۇپ ، بىزمۇ شۇنى دەپ بۇ روماننى ئوقۇيمىز. رومان بىزگە تۇرمۇشنىڭ ئادەتتىكى تەپسىلاتلىرىنى، ئۇششاق خىياللىرىمىزنى، كۈندىلىك ئادەتلىرىمىزنى ۋە ئەشيالىرىمىزنى كۆرسەتكەنسېرى، بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆتمۈشكە ئائىت بىرەر مەنە ۋە مەقسەتكە ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇلارنى قىزىقىش ۋە خۇشاللىق بىلەن ئوقۇيمىز. بىپايان، كەڭ مەنزىرىنىڭ ھەر بۆلىكى، ھەر ياپرىقى ۋە گۈل-چېچىكى جەزبىلىك ۋە قىزىقارلىقتۇر، چۈنكى ئۇنىڭ كەينىدە يوشۇرۇن مەنىلەر باردۇر.
رومانلار ئۈچ ئۆلچەملىك تەسەۋۋۇر بولغانلىقى، يەنى ھايات ۋە ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئارقىلىق، تۇيغۇلىرىمىز بىزگە ئاتا قىلغان شەخسىي تەجرىبە ۋە ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھېكايە بايان قىلالايدىغانلىقى ھەمدە ئەڭ بۇرۇنقى نەرسىگە، يەنى مەركەزگە، ھاياتنىڭ ئۆزىگە، تولستوي «ھاياتنىڭ مەنىسى» دېگەن نەرسىگە (نېمىلا دېسەك دەيلى)، يەتمەك تەس بولغان شۇ نەرسىگە (ياكى شۇ يەرگە) ئائىت بىرەر ئۇچۇر، سەزگۈ ۋە يىپ ئۇچى بېرەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈنكى ئىنسانلارغا، ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە كۈچلۈك خىتاب قىلالايدۇ. ھاياتنىڭ مەنىسى ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ قىممەتلىك ئۇچۇرغا پەلسەپەنىڭ چەكلىمىسى ۋە دىننىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماي تۇرۇپ ئۆز تەجرىبىمىز ۋە ئەقلىمىزگە تايىنىپ ئېرىشىش خىيالى، باراۋەرلىك ئىدىيەسى ۋە دېموكراتىك ئىدىيەگە تولغان بىر خىل ئارزۇ-ئۈمىدتىن ئىبارەت.
18 يېشىمدىن 30 يېشىمغىچە مانا مۇشۇنداق بىر ئۈمىد ئىچىدە كۆپلەپ رومان ئوقۇدۇم. ئىستانبۇلدىكى ھۇجرامدا سېھىرلىنىپ قالغاندەك ئوقۇغان ھەر بىر رومان ماڭا ھاياتنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس ھادىسىلىرى ھەققىدە قامۇس ياكى مۇزېيلاردىنلا تاپالىغۇدەك بىلىم بايلىقى، ئۆز بېشىمدىن كەچۈرۈشۈم مۇمكىن بولغىدەك كەچمىش، پەلسەپە ۋە دىندىلا مەۋجۇت چوڭقۇر، ئورتاق تەلەپلەر، تەسەللىيلەر، ۋەدىلەرگە تولغان بىر دۇنيا ئاتا قىلاتتى. دۇنيانى بىلىش، ئۆزەمنى ئىنسان سۈپىتىدە تاكاممۇللاشتۇرۇش، يېڭىدىن رۇھلىنىش ئۈچۈن، گويا چۈش كۆرۈۋاتقاندەك، ھەممىنى ئۇنتۇپ رومان ئوقۇيتتۇم.
بۇ دەرسلەردە بىز نامىنى پات-پات تىلغا ئالىدىغان فورستېر ئۆزىنىڭ «رومان سەنئىتى» ناملىق كىتابىدا بىر روماننىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدىغان نەرسىنىڭ ئۇنى ياقتۇرۇش-ياقتۇرماسلىقىمىزدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ماڭا كۆرە، بىر روماننىڭ قىممىتى ئۇنىڭ نېگىزلىك يېرىنىڭ دۇنيا ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش-بەرمەسلىكىدە. تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتساق: بىر روماننىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئۇنىڭ بىزدە «ھايات ئەسلىدە مۇشۇنداق ئىشكەن» دەيدىغان تۇيغۇنى پەيدا قىلىش-قىلماسلىقىغا باغلىق. رومانلار ھايات ھەققىدىكى ئاساسلىق ئىدىيەمىزگە خىتاب قىلىشى ھەم شۇ مەقسەتتە ئوقۇلۇشى كېرەك.
روماننىڭ ھاياتلىق ھېكمىتىنى— يوقالغان بىر قىممەتنى ئىزدەشكە ھەم تېپىشقا ئۇيغۇن شەكىللىرى بولغاچقا، رومان سەنئىتىنىڭ روھىغا ئەڭ ئۇيغۇن رومان شەكلى گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ياش قەھرىمانلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخىنى بايان قىلىدىغان «خاراكتېر رومانلىرى»دىن ئىبارەت. ياش ۋاقتىمدا بۇنداق رومانلارنى (فلوبېرنىڭ «ھېسسىيات تەربىيەسى»، توماس ماننىڭ «سېھىرلىك تاغ» رومانىنى) ئوقۇغاچ ئۆزەمنى تاكاممۇللاشتۇردۇم. ۋاقىت ئۆتكەنچە، روماننىڭ نېگىزلىك يېرى بەرگەن بىلىمنى، يەنى دۇنيانىڭ قانداق يەر، ھاياتنىڭ قانداق ھادىسە ئىكەنلىكى توغرۇلۇق بىلىمنى پەقەت روماننىڭ نېگىزلىك يېرىدىلا ئەمەس، ھەمە يېرىدە كۆرۈشكە باشلىدىم. ئېسىل روماننىڭ ھەر بىر جۈملىسى بىزگە ئەسلى ئۇچۇرنى، بۇ دۇنيادا ياشاشنىڭ سىرىنى، بۇنىڭ قانداق تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى بىزگە ھېس قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن… بۇ دۇنيادىكى سەپىرىمىزنىڭ، يەنى شەھەرلەردە، كوچىلاردا، ئۆيلەردە، ھۇجرىلاردا ۋە دالىلاردا ئۆتكۈزگەن ھاياتىمىزنىڭ ئەسلىدە يوشۇرۇن مەنە ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى رومانلاردىن بىلدىم.
بۇ دەرسلەردە روماننىڭ شۇنچىۋالا يۈكنى قانداق توشۇيدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، رومان ئوقۇغاندا ئۇنىڭ نېگىزلىك يېرىنى ئىزدەيدىغان ئوقۇرمەنلەردەك ياكى ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى قوغلىشىدىغان رومان قەھرىمانلىرىدەك، بىزمۇ قىزىقىش، سەمىمىيلىك ۋە تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن رومان سەنئىتىنىڭ مەركىزىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە تىرىشىمىز. بىز كەزگەن غايەت زور مەنزىرە بىزنى يازغۇچىغا، روماندىكى پىرسۇناژلارغا، ھېكايە توقۇلمىسىغا، پىكىر-تەسەۋۋۇرلارغا، ۋاقىت مەسىلىسىگە، نەرسە-كېرەكلەرگە، تاماشاغا، مۇزىيلارغا، بەلكى رومانغا ھەقىقەتەن ئوخشايدىغان، ئىلگىرى بىز بايقىماي قالغان ئاجايىپ يەرلەرگە ئېلىپ بارىدۇ.
(ئورخان پامۇكنىڭ تۈركچە «ساددا ۋە ئەقىللىق رومانچى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى)

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*