PengiYar:
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم
Erturk:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
PengiYar:
ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ سىز مەن قالدۇرغان ئادرېس بويىچە "داڭلىق" تور بېكىتى مۇنازىرىسىدىكى "ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟" دېگەن تېمىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئەمدى بىر پىكىرلىشىپ باقايلىچۇ.سىز ئاۋۇ مۇنازىرىگە چۈشكەن تېمىلارغا نىسبەتەن قانداق قاراشتا؟ مېنىڭ بۇرۇندىنلا سىز بىلەن شۇنداق بىر سۆھبەت ئۆتكۈزگۈم بار ئىدى.
Erturk:
مەن ئۇ تېمىنى باشتىن ئاياغ كۆرۈۋاتىمەن، ئەمما مۇنازىرە نورمال داۋاملاشسىكەن دەپ ئوتتۇرىغا قىستۇرۇلۇپ كىرمىدىم، ئەدەبىيات ھەققىدىكى پاراڭلارنىڭ ئايىغى چىقمايدۇ، كىمنىڭ پىكرىگە قايىل بولسام شۇنى قوبۇل قىلىمەن. سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىز ئادەتتىكى پىكىرلەر، مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ نەق گېپىڭىزنى دېمەيسىز، ناتونۇش بولغان بولساق راست گەپلەر ئوتتۇرىغا چىقاتتى.
PengiYar:
بۇ نېمە دېگىنىڭىز ئەمدى، قاقباشدەك گەپ قىلىسىزغۇ، ھاھا… مەن بۇنداق مۇنازىرىلەرنىڭ ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىگە كاشىلا بولۇشىنى خالىمايمەن، مەن ئادەتتە سىزنى ھۆرمەت قىلىدىغىنىم راست، لېكىن بۇنداق مۇنازىرىدە بۇ مۇناسىۋەت كاشىلا بولسا توغرا بۇلارمۇ؟ سىزنىڭچە قانداق قارايسىز؟
Erturk:
ئاشۇ ھۆرمەت سىزنىڭ ھەقىقىي گېپىڭىزنى توسۇپ قويىدۇ.
PengiYar:
ئاۋۇ چاقچاق گېپىمنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ يەنە، سىزدەك ھاجىملارغا بۇنداق تۇزكورلۇق قىلىپ تىل تەگكۈزۈشكە ھەددىمىز ئەمەس، لېكىن مۇنبەردە مەن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئاياش دېگەننى ئويلاپ باقمىدىم، مەن كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنىنى تېخى ئوقۇپ باقمىدىم، لېكىن مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىمنى ئاۋۇ دىيارىمنىڭ باشقۇرغۇچىسى ناھايىتى مېغىزلىق قىلىپ يىغىنچاقلاپتۇ، شۇڭا مەن ئاشۇ ئىنكاسنى قايتا يوللاپ قويدۇم.
Erturk:
سىز تىرىشچان بالا، ئەدەبىياتتىن مەخسۇس تەلىم ئالماي تۇرۇپ ئەدەبىياتنى خېلى چۈشىنىسىز. ئەمما بەزىلەر ئەرزىمەس ئىشلارنىمۇ مىللەتپەرۋەرلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئۆزىنى قىيناۋاتىدۇ.
PengiYar:
مەن پەقەتلا بىر مەسىلىگە يولۇقسام ئىزچىل ئىزدىنىمەن، تاكى شۇ مەسىلىنى ئاچقۇچىنى تاپقانغا قەدەر.
شۇڭا دەيمەن سىزمۇ دادىل پىكىر قىلىپ ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىشىڭىز كېرەك. توغرا دەيسىز ، مەن ئەدەبىياتچى ئەمەس، شۇڭا بەزىدە گەپ سۆزلىرىم بەك گۆدەكلەرچە، كۈلكىلىك چىقىشى مۇمكىن. نېمە بولدى؟ گەپ قىلمايسىزغۇ؟
Erturk:
مەن بۇ مۇنازىرىگە ئارىلىشىپ قالسام ئۆزۈمنى ئاقلىسام بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇنچە ئىجادىيەت نەزەرىيىلىرىنى سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇلارغا ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى چۈشەندۈرۈپ «مېنى توغرا چۈشىنىڭلار» دەپ يېلىنسام بولىدۇ، مەن بۇنداق قىلىشنى خالىمايمەن. ياكى ئۆزۈمنى دادىل تەنقىدلەپ كەمچىلىكىمنى بوينۇمغا ئالسام بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ئاسان، ئەمما بۇمۇ بىر ياسالمىلىق.
PengiYar:
بىزدەك بىلىمى يوقلار ئۈچۈن بىلىم سورۇنى تەييارلاپ بەرمەمسىز
شۇ باھانىدە بىزمۇ ئاز تولا نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋالساق زىيىنى بولماس؟
Erturk:
شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتەي، مۇشۇ پاراڭلىرىمىزنى كۆچۈرۈپ داڭلىقتا ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ، ئەمما مەن مۇنازىرىگە كىرمەيمەن.
PengiYar:
شۇنداقمۇ؟ مەن شۇنداق قىلايمىكىن دەپ ئويلىغان، لېكىن سىزنىڭ قارشى تۇرۇشىڭىزدىن ئەنسىرەپ سىزگە ئېغىز ئاچمىغان ئىدىم. بەك ئاتىكارچى ئىكەن دەپ قالمىسۇن دەپ، راستىنى دېسەم، سىزگە چ چ دا پاراڭلاشماي م س ن دەپ پاراڭلىشايلى دېيىشىممۇ شۇ سەۋەبتىن ئىدى، قارىغاندا مەقسىتىمنى چۈشىنىۋاپسىزدە!
Erturk:
مېنىڭ ئەسەرلىرىمنى سېرىق دەپ كەلگەنلەر بۈگۈنلا پەيدا بولغان ئەمەس، بۇرۇنمۇ «ئىزدىنىش»، «ئىجادىيەت»، «سۇمۇرغ» دېگەن تور بېكەتلىرىدە شۇ ھەقتە گەپلەر بولغان.
PengiYar:
ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ قالغان ئىدىم: «ئەنۋەركام نېمە ئۈچۈن دائىم مۇشۇ جىنسىيەت تېمىسىنى چۆرىدەپ ئەسەر يازىدىغاندۇ» دەپ.
Erturk:
ھەممە ئەسەردە ئاز-تولا جىنسىيەت تېمىلىرى بولىدۇ، مۇھەببەتمۇ ماھىيەتتە جىنسىيەت تېمىلىرىغا كىرىدۇ. «جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىمۇ؟» دېگەن ماقالەمدە بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم، ئەسەرلىرىمنى سېرىق دېگۈچىلەرگە كۆز قاراشلىرىمنى بايان قىلغانىدىم، بىراق كۆپىنچىلەر ئۇ ماقالىنى كۆرمىگەندەك، كۆرگەنلەرمۇ تازا چۈشىنەلمىگەندەك قىلىدۇ.
PengiYar:
مەن بۇ ماقالىنى كۆرمەپتىكەنمەن.
Erturk:
بلوگىمدا تۇرمامدۇ، نەچچە ۋاقىتتىن بىلوگىمنى تېخنىكىلىق باشقۇرۇش بىلەن بولۇپ، ئەسەرلىرىمگە دىققەت قىلماپسىز دەڭا.
PengiYar:
ۋاي بۇنىڭغا نەدىكى ۋاقىت دەيسىز، مەن شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلىۋاتسام، شۇ ئالدىراشچىلىق سەۋەبىدىن شۇنداق بولۇۋاتمامدۇ، نېمە بولدى؟ يەنە توختاپ قالدىڭىزغۇ؟ ياخشى سۆزلەۋاتقان ئىدىڭىز.
Erturk:
«زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» دېگەن ئەسەر تالىپلار، ئىچكىرىدە ئىشلەۋاتقان قىزلار، تاشچىلار، ئازغۇنلار، ھىدايەت تاپقۇچىلار ھەققىدە يېزىلغان ئەسەر، ئەگەر ئۇنىڭدىن سېرىق مەزمۇن ئىزدىگۈچىلەر بولسا ئۆزىگە چۇشلۇق نېسىۋە ئالالايدۇ. بەزى تەسۋىرلەر ئۇلارغا ياقىدۇ، ئۇ ئەسەردىن كىچىككىنە شۇنداق مەزمۇن بايقاپ قالسا ئولتۇرالماي كېتىدۇ.
PengiYar:
شۇنداق، مەنچىمۇ بۇ ئەسەرنى «سېرىق» نۇقتىسىغا تارتىپ چىقىرىش تۈپتىن خاتا.
Erturk:
مەن نۇرغۇن تەسۋىرلەردىن ئاتلاپ كەتتىم، «جىنسىيەتنى يازىدۇ» دەيدىغان ياغلىق قاپاقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنى باشتىن ئاياغ سەگەك تۇتتۇم، ئەمما بەزىدە ئۆزۈمنى چۈشەپ قويغۇم كەلمىدى، ئەسەر ۋەقەلىكىنى، پېرسوناژ خاراكتېرىنى چىقىش قىلدىم، پېرسوناژ دېگەن تىرىك ئادەم-دە، گۇناھ ئۆتكۈزەلەيدىغان ئادەمنى پەرىشتىدەك يېزىپ قويسىڭىز بولامدۇ؟
PengiYar:
مەن ئىزچىل ھالدا «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» نى مەن تونۇيدىغانلا ئادەمگە تەۋسىيە قىلىپ كېلىۋاتىمەن.
مەنمۇ «ھايات چاقچىقى» نى يېزىپ ئازراق قىسمىغا كەلگەندە «بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، مۇئەللىملەرگە قارا چاپلاپسەن» دېگەندەك پىكىردە بولغانلارمۇ بار. ئەمما مەن ئۇ ئەسىرىمدە ئىنسان دىلىنىڭ ئىنژېنېرى بولغان مۇئەللىملەرنىڭ كۆپ گەپلىرىنى دەل باشقىلارغا خاتا چۈشەنچە بەرمىسۇن دەپ قەستەن يازمىغان. مەن پەقەت ئاز تولا يېزىپ قويسام بېزىلەر بۇنىڭغا قارىشى پىكىردە بولغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ سۆزلەر مەن ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغاندىن كىيىن ئاندىن قەلەم تەۋرەتكەن .
Erturk:
بۇ ئەسەر جەمئىيەتتە ئاز-تولا غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن زىيالىيلاردىن ئەمەس، تالىپلاردىن ياخشى ئىنكاس كەلدى، ئەگەر ئۇلار بۇ ئەسەرنى شەھۋانىي ئەسەر دەپ قارىغان بولسا تۈكۈرۈپ تاشلىغان بولاتتى. بەزى تالىپ بالىلار ھەتتا ماڭا ئۆزلىرىنىڭمۇ ئاجايىپ بەلەن كەچمىشلىرى بارلىقىنى، يېزىپ چىقىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.
PengiYar:
ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق، تۇرمۇشنىڭ ھەممە كارتىنىسىنى يېزىش كېرەك، ھازىرغىچە تالىپلار ھەققىدە بىرەر ئەسەر يېزىلمىغان، سىز بۇ بوشلۇقنى تولدۇردىڭىز.
Erturk:
مېنىڭ بەزى ئەسەرلىرىمنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى ئەسەرلىرىمدىكى جىنسىيەت تېمىسى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك دېيىلسە ئادىللىق بولمايدۇ. بىر ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشى جىنسىيەتتىن باشقا بەزى ئامىللارغىمۇ باغلىق، مەسىلەن: بۇ ئەسەر جەمئىيەتتىكى چوڭقۇر، سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرەلىدىمۇ يوق؟ ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى چىنلىققا قانچىلىك ئۇيغۇن؟ ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى قانچىلىك پۇختا، بايانلىرى، تىلى
قانچىلىك راۋان، كىشىگە بەخش ئېتەلىگەن ئېستېتىك زوقى قانچىلىك؟… دېگەندەك.
PengiYar:
شۇنداق، مەن ئەدەبىياتنى ئىلگىرى چۈشەنمەيتتىم، لېكىن ھازىر بۇنىڭغا بولغان چۈشەنچەم بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەدەبىيات ھەقىقەتەن بىر چوڭ تېما. بۇنىڭ ئىپادىلەش كۈچى، تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش كۈچى ھەرقانداق بىر ۋاسىتىدىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن، مەن شۇ ۋەجىدىن بۇ ئەدەبىيات ساھەسىگە ئاستا ئاستا بىلىپ بىلمەي باغلىنىپ قېلىشقا باشلىدىم. بەلكىم بۇ دەل سىزدەك، جالالىدىن بەھرامدەك، روزى سايىتتەك ئۆتكۈر پىكىرلىك ئۇستازلارنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك. مەن جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، ئۇنىڭمۇ بەزى ئەسەرلىرىدە ئوچۇق سۆزلەر بەك كۆپقۇ. ئەقەللىيسى «ئامەت ۋە ئاپەت»نى تىلغا ئالساقمۇ بۇنىڭدا جىنسىيەت ھەققىدىكى تەسۋىرلەر بەك ئىنچىكە بەك تەپسىلىي يېزىلغان، مەن ھەر قېتىم كىتابخانىغا بارسام بۇ كىتابنىڭ تىراژىغا دىققەت قىلىمەن، ئالدىنقى قېتىم قارىسام بۇ كىتابنىڭ تىراژى 15000 دىن ئېشىپتىكەن.
Erturk:
سىز داڭلىقتا پىكىر بەرگەندەك، ئەسەرلىرىم ۋە بۇ ھەقتە بولۇۋاتقان گەپلەرنى چىقىش قىلىپ سوئال سورىمامسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ گېپىگە چۈشۈپ كەتسىڭىز بىزنىڭ پارىڭىمىز ئوڭ-تەتۈر بىر نېمە بولۇپ چىقىدۇ، ئىزچىللىق بولمايدۇ.
PengiYar:
نېمە ئۈچۈن جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرىمۇ شۇنچە تەسىر قوزغايدۇ؟ بۇ دەل جالالىدىن بەھرام تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىغىچە ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇڭا دېمەكچى، سىزنىڭ «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» دېگەن ئەسىرىڭىزمۇ دەل مۇشۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
Erturk:
ئەگەر بۇ سۆھبەتنى داڭلىقتا رەتلەپ ئېلان قىلدۇرىمەن دېسىڭىز سۆھبىتىمىز تەرتىپلىك، قىزىقارلىق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
PengiYar:
شۇڭا ئۇ مۇشۇنداق يۇقىرى تەسىر قوزغىيالىغان دېمەكچى، ماقۇل مەن دىققەت قىلاي.
ئەمىسە مەن ھەقىقى تېمىغا ئۆتەي:
1. سىزنىڭ مۇشۇ ز«ىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» ناملىق ئەسىرىڭىز توردا شۇنچە تەسىر قوزغىغاندىن كىيىن سىز نېمە ئۈچۈن يەنە شۇ جىنسىيەت تېمىسى بولغان «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دېگەن ئەسەرنى يازىسىز؟ يەنە كېلىپ بۇ ئەسەرمۇ ھەجىم جەھەتتىن بەك زور بولغان بىر ئەسەر، مېنىڭچە ھازىرغىچە توردا بارلىققا كەلگەن ئەڭ چوڭ ھەجىملىك ئەسەر دەل سىزنىڭ بۇ ئىككى ئەسىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن. چۈشەنچە بەرسىڭىز؟ سىزنىڭ بۇنداق تېمىدا ئەسەر يېزىشىڭىز قانداقتۇر بىر توردا ئابرۇي قوغلىشىش، ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىڭىزگە جەلپ قىلىش ئەمەستۇر؟ ئەگەر بۇنداق دەپ قارالسا مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. ئەگەر ئوقۇرمەن قوغلاشتى دېيىشكە توغرا كەلسە، مېنىڭچە سىز «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» ناملىق ئەسىرىڭىز ئارقىلىق تور ساھەسىدىكى ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىزگە قارىتىپ بولغان، بۇنىڭغا يەنە ئوقۇرمەن قوغلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن.
Errurk:
ھەر قانداق ئادەمدە شۆھرەت تەمەسى بولىدۇ. مەندىمۇ شۆھرەت تەمەسى بار، بەلكى ھېچكىمنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، بولۇپمۇ مەندە توردىن پايدىلىنىپ نام چىقىرىش سەۋداسى خېلىلا كۈچلۈك، شۇنداقلا تور دېگەن بۇ نىسبىي ئەركىن مەيداندا ئۆز خاسلىقىمنى كۆرسىتىۋېلىش، مەتبۇئاتتا دېيەلمەيدىغان گەپنى دەۋېلىش، مەتبۇئاتقا ئۆتمەيدىغان سەزگۈر تېمىلارنى يېزىش غايەم ئاجايىپ يۈكسەك. شۇنداقتىمۇ مەن ئاخىرەت يۇرتىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان ھاجى بولغاچقا ئۆتكۈنچى نەرسىلەرگە ئالدىنىپ قېلىشنى خالىمايمەن. ئەسلى گەپكە كەلسەك، رومانلىرىمنىڭ بىرىدە «زىنا، قىز»، بىرىدە «چىرايلىق خوتۇن» دېگەندەك جىنسىي ئىبارىلەر بولسىمۇ، ئەسەر مەزمۇنىدا جىنسىيەت تېمىسى ھەل قىلغۇچ ئورۇندا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش ۋە مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئاساسىي نىشان قىلىنغان. بىر ئەسەرنى 100 ئادەم ئوقۇسا يۈز خىل تەسىرات ئالىدۇ، شۇڭا باشقىلارنىڭ خىلمۇ خىل قاراشلىرىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، مەن ئەدەبىياتنى يۈزەكى چۈشىنىدىغانلارنىڭ پىكرىنى ئەمەس، ئەدەبىياتنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغانلارنىڭ باھاسىغا دىققەت قىلىمەن، ئەگەر ئۇ ئەسەرلەر نوقۇل ھالدا باشقىلارنى جىنسىيەتكە قىزىقتۇرۇش، ئۇلارنى ھاياجانلاندۇرۇش ئۈچۈن يېزىلغان دېيىلسە توقۇناق تۆھمەت بولىدۇ، ئەدەبىي ئەسەردىن پەقەت سېرىق مەزمۇن ئىزدەيدىغان، ئېستېتىك زوقلىنىش سەۋىيىسى تۆۋەن ئادەملەرلا مۇشۇنداق پىكىر قىلىشى مۇمكىن..
PengiYar:
تۈگىدى؟
Erturk:
مەن ئەسەر يېزىپ ئۇلارنى ھاياجانلاندۇرمىساممۇ ئۇلار خالىسا توردىن سېرىق فىلىملەرنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىۋېرىدۇ. مەن ئۇنچىلىك دۆت ئەمەس، ئىجادىيەت مۇددىئايىم ئايدىڭ، ئوقۇرمەنلەرگە نېمىلەرنى تەقدىم قىلىشنى، ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ نېمىلىكىنى ھەر ھالدا بىلىمەن..
مەن ئەر-ئايال مۇناسىۋىتىنى ھەر قانچە ئىنچىكە تەسۋىرلەپ ئەسەردىن سېرىق مەزمۇن ئىزدەيدىغانلارنى ھاياجانغا سېلىۋەتسەممۇ ئۇنىڭ ئۈنۈمى بەرىبىر سېرىق فىلىم كۆرگەنگە يەتمەيدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى باشقا. يەنە كېلىپ، ئەسەرلىرىمدە ئۇنداق يالىڭاچ تەسۋىرلەر يوق دېيەرلىك، نېمىنىڭ يالىڭاچ تەسۋىر بولىدىغانلىقىنى كۆپىنچە ئوقۇرمەنلەر تېخى بىلمەيدۇ، ئۇنداق ئەسەرلەرنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.
PengiYar:
بۇ يەردە ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى توغرىلىق گەپ چىقىپ قالدى، سىز مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بېرەمسىز؟ بىزدەك بىلىمسىزلەرنىڭ تەشنا قەلبىگە ئازراق ئوزۇقلۇق بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
Erturk:
ئەدەبىياتنىڭ مەقسىتى سەنئەتنىڭ باشقا تۈرلىرىگە ئوخشاش كىشىگە ئېستېتىك زوق بېغىشلاش، قوشۇمچە ھالدا ئادەملەرنىڭ دۇنيا قارىشىغا، گۈزەللىك ساپاسىغا، ئەخلاق ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىش.
PengiYar:
رەھمەت، مەن سىزنىڭ يېتەكلىشىڭىزدە قارىغاندا راستىنىلا بىر ئەدەبىياتچى بولۇپ قالىدىغاندەك قىلامدىمەن نېمە؟ مۇنبەرگە ھايات چاقچىقىنى يوللىسام تورداشلار مېنى سىز ئەنۋەر ھاجىنىڭ ئىنىسىمۇ؟ دەپ ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ. ئەگەر ئەمەلىيەتتە شۇنداق بولغان بولسام نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن.نېمە بولدى؟ يەنە توختاپ قالدىڭىزغۇ؟ تۈگىدىمۇ؟مەن داۋاملىق سوئال قويسام بولامدۇ؟
Erturk:
مەنچە، ئەدەبىيات ئادەمشۇناسلىق بولۇپ، ئادەملەرنىڭ ھەقىقىي ھالىنى يېزىش كېرەك. ئەدەبىي ئەسەر يېزىقچىلىقى ئوبراز يارىتىش سەنئىتى بولۇپ، ئەسەردىكى ئوبراز ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، ئوقۇرمەنلەرمۇ شۇنىڭغا قىزىقىدۇ. مەن «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» دا سېيىت قارى، زۆھرە، تاھىر قارىنى، «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دا ياسىن، رەيھان ۋە ھاشىم دوغىلاقنى ئوقۇرمەنلەرگە خېلى ياخشى تونۇتالىدىم دەپ ئويلايمەن، ئەگەر ئوقۇرمەنلەر ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپلا ئۇلارنى ئۇنتۇپ كەتسە مەن بۇ يېزىقچىلىقتا مەغلۇپ بولغان بولىمەن..
PengiYar:
قارىغاندا مەن ۋاقىت ئاجرىتىپ «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى»نى تۇلۇق ئوقۇپ چىقسام بولغۇدەك.
Erturk:
«كاۋاپچىنىڭ خوتۇنى» نى نېمىشقا يېزىپ قالدىڭىز؟ دەمسىز، بۇرۇندىن شۇنداق بىر كاۋاپچىنى ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنى يېزىشنى ئويلىغاچقا يازدىم. ئىچكىرىدىكى تالاي كاۋاپچىنىڭ تۇرمۇشىدىن، دەرت-ئەلەملىرىدىن، خۇسۇسىي كۈرەشلىرىدىن بىر كارتىنا سىزاي دەپ يازدىم.
ئۇ ئەسەرلەردىكى جىنسىيەتكە سەزگۈر بولۇپ كەتكەنلەر ئۇ ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار، ئۇلار ئۇچرىغان ئىشلار، ۋەقەلىكلەر ھەققىدە نېمىشقا يېتەرلىك ئويلانمايدۇ، نېمىشقا ھە دېسىلا ئەسەرنىڭ يۈزدە 20 پىرسەنتىگە يەتمەيدىغان جىنسىيەت مەزمۇنلىرىغا تاقىشىپ تۇرۇپ قالىدۇ؟ مېنىڭ ئەسەرلىرىمنى كۆرۈپ كوچىغا چىقىپ كەتكەن قىزلار بارمىكەن؟ كوچىدىكى بۇزۇق قىزلار ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇمدىكەن؟
ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى جىنسىيەت ئەسەرلىرىنى ئوقۇپلا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، مىللەتكە خەۋپ يېتىدۇ دېسە باشقىلار كۈلمەمدۇ؟ بۇنداق بىمەنە چۈشەنچە ئەمەلىيەتتە مىللەتكە قىلىنغان ھاقارەت ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ ئەسەرلىرىم جىنسىيەت تېمىلىرى بىلەنلا بازار تېپىپ كەتكەن بولسا بۇمۇ بوپتۇ، ئەگەر زۆرۈر تاپسام مەن يەنە داۋاملىق مۇشۇ تېمىنى يازىمەن، ئۇيغۇرنىڭ جىنسىي ئېڭىنى قازىمەن، دەردمەن قىز-جۇۋان، مەزلۇم مىجەز ئەركەكلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئاختۇرىمەن..
PengiYar:
پىكرىڭىزنى قۇۋۋەتلەيمەن، مەن ھېلىھەم ئاۋۇ تېمىغا دىققەت قىلىۋاتىمەن، داۋاملىق تەلىم بەرگەيسىز
Erturk:
جىنسىيەت شۇنچە مەينەت تېمىمۇ؟ بىر تورداش توغرا دەپتۇ، جىنسىيەت دېگەنلىك شەھۋانىيەت دېگەنلىك ئەمەس. «ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟» دەپ تېما يازغان تورداش يازغۇچىلاردىن ئاغرىنىپ «نېمىشقا چوڭ كىچىك تەرەت قىلغاننىمۇ تەپسىلىي يازمايسىلەر، ئۇنىڭ جىنسىيەت بىلەن نېمە پەرقى؟» دەپتۇ، بۇنىڭ پەرقىنى بىلەلمىسىڭىز بۇ ھەقتە بىلجىرلىماڭ. جىنسىيەت روھىيەت ئىلمىگە چېتىلىدۇ، چوڭ-كىچىك تەرەت پەقەت ئاشقازىنىڭىزغا چېتىلىدۇ.
PengiYar:
بۇ تېمىغا چۈشكەن بەزى ئىنكاسلار ھەقىقەتەن ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ، بىز چوقۇم كۆپرەك ئويلىنىشىمىز، كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز كېرەك. ھازىر قارىسام بۆ تېما ئۆز ئارا ھۇجۇم قىلىشقا قاراپ راۋاجلىنىۋېتىپتۇ. مەن بۇ تېمىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم.
Erturk:
جىنسىيەت تېمىسى پەقەت بىر تېما، شەھۋانىيلىق، سېرىق مەزمۇن دېگەنلەر ئەسەر ئىچىدىكى بايان، تەسۋىر. بەزىلەر بۇنىڭ پەرقىنى بىلەلمەي قارىسىغا سۆزلەۋېرىپتۇ. ئۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ بۇ تېمىنى چىقارغان تورداش دەسلەپتە «ئەرلەر ھوقۇققا، پۇلغا، شەھۋەتكە ئىنتىلىدۇ» دېگەندەك قالتىس پاراڭلارنى سالغان بولسىمۇ ئاخىرىدا جىنسىيەت بىلەن چوڭ-كىچىك تەرەتنى بىر-بىرىگە باغلاپ، ئەسلى گېپىدىن قېيىپ كېتىپتۇ، ئىلمىيلىكىنى ساقلىيالماپتۇ.
PengiYar:
شۇنداق، بەزىلەرنىڭ باشتىكى ئىنكاسى بىلەن ئاخىرىدىكى ئىنكاسى ئۆز ئارا زىت بولۇپ قالغان.
Erturk:
كوچىدىن بىر سەتەڭ ئۆتسە يول بويىدا تۇرغان ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ ئۇ سەتەڭ ھەققىدە قىلىدىغان خىيالى ئوخشامدۇ؟ ئۇيغۇرنىڭ جىنسىي ئېڭى باشقا مىللەتنىڭكىدىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟ بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن خۇيزۇ قىزنىڭ پاكلىق ئېڭىنى سېلىشتۇرسا، قايسىسى كۈچلۈك؟ ماڭا بىرى «خۇيزۇ قىزلاردىن ئاسانلىقچە پاھىشە چىقمايدۇ» دېدى. ئەگەر مەن مۇشۇ تېمىنى يورۇتۇپ، سېلىشتۇرما جىنسىي ئاڭنى چۆرىدەپ ئەسەر يازسام سېرىق بولامدۇ؟
Pengiyar:
ياق، مېنىڭچە بۇ سېرىق بولمايدۇ، ئەكسىچە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئەسەر بولىدۇ، بولسا ئەمدى يازماقچى بولغان ئەسىرىڭىز مۇشۇ ھەقتە بولسا دەيمەن. خۇددى يالقۇن روزى بىز قاچانلاردىن بىرى ناخشىچى بولۇپ ئاتالدۇق؟ دەپ ئەسەر يازسا باشقىلار ھازىر مۇشۇ سەنئەتكە باشقىچە قارايدىغان بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا سىزنىڭمۇ بۇنداق پىكىرلەردىن ئۆزىڭىزنى تارتماي بولسا مۇشۇ خىل تۇرمۇشتىكى يامراپ كېتىۋاتقان چوقۇم ئالدىنى ئىلىش كېرەك بولغان تېمىلار ھەققىدە كۆپرەك قەلەم تەۋرىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
Erturk:
ئۇيغۇردا نېمىشقا سەت، سېقىمە گەپلەر تولا؟ جىنسىي ئوخشىتىشلار نېمانچە كۆپ، سېرىق پاراڭلار بولمىسا نېمىشقا سورۇن قىزىمايدۇ؟ نېمىشقا تېۋىپلار ھە دېسە باھنى قۇۋۋەتلەشنى دەسمايە قىلىۋالىدۇ؟ ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان تۇرۇپ نېمىشقا زىنادىن قورقمايدۇ؟ ئەر-خوتۇنلار نېمىشقا ئاسان ئاجرىشىدۇ، بۇزۇقچىلىق نېمىشقا ئەدەپ كېتىدۇ؟ ئەرلەر نېمىشقا لاتىلىشىپ كەتتى؟ كۆپ خوتۇنلۇق مەسىلىسى نېمىشقا ئوتتۇرىغا چىقتى؟…
بۇلار ئادەمنى نېمىشقا ئويلاندۇرمايدۇ؟ ياكى شاللاق يازغۇچىلار بۇنى نورمال ئەھۋال دەپ چۈشىنەمدۇ؟ مېنىڭچە، بۇ ئىجتىمائىي مەسىلىلەر چوقۇم يېزىلىشى كېرەك، ئۇيغۇرنىڭ ئاينىپ كەتكەن، بۇزۇلغان، چىرىگەن، توغرا ئىزغا سېلىنمىغان جىنسىي ئېڭى چوڭقۇر يورۇتۇلۇشى كېرەك، مەن تېخى بۇ تېمىلارنىڭ بىرەرىگىمۇ راۋۇرۇس تېگىپ باقمىدىم، يازغانلىرىم ئەسلى رېئاللىقتىن كۆپ گۈزەل، كۆپ ياسالما.
شۇنداق تۇرۇپ سېرىق مەزمۇن ئارقىلىق بازار تاپقان ئاپتور بولدۇم، شۇنداق بولدۇممۇ؟ قانچىلىك ئادەم شۇنداق قارايدۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ باھاسى ھەر خىل، ئەگەر بۇ باھالار ئىچىدىن لىللا، ئەھمىيەتلىك پىكىر، تەۋسىيىلەرنى بايقىسام چوقۇم قوبۇل قىلىمەن. ئەمما ئادالەتسىز باھا، بىر تەرەپلىمە قاراش، ساپاسىز پاراڭلارنى ئۆتكۈنچى غەيۋەت دەپ بىلىمەن. سۆزۈم تۈگىدى.
PengiYar:
رەھمەت سىزگە، كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويدۇم. مەن بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى رەتلەپ چىقىپ (ئەلۋەتتە ئەسلى ۋارىيانتىنى ساقلاپ قالىمەن) تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سوناي
Erturk:
ئەدەبىيات ھەققىدە تۈزۈك مۇنازىرىلەر بولمايۋاتىدۇ، «ئىزدىنىش» تىكىلەرنى ئەسلەپ قالدىم
PengiYar:
مەن ئۇزۇندىن بىرى سىز بىلەن مۇشۇنداق بىر سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بېقىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن بولساممۇ زادى پۇرسەت بولمىغان (بەلكىم ئىسىڭىزدىدۇر، ئۆيىڭىزگە بارغاندا بۇ ھەقتە سۆز ئاچقانغۇ دەيمەن) بۇ قېتىم ھەقىقەتەن بىر ياخشى سۆھبەت بولدى. مەن بۇنىڭ ئەسلى ۋارىيانتىنى ساقلاپ قالدىم.
Erturk:
دەيدىغان گەپ جىق، ئەمما ئۆزۈمنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى ئالغۇم يوق.
PengiYar:
بولىدۇ، ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بولغاچ تۇرسۇن، قالدى گەپنى بىز ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرەرمىز، سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بۇ سۆھبەتكە ماسلىشىپ بەرگىنىڭىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.