مويەن مۇنداق دەيدۇ

Img361236999

1. بىر يازغۇچى ئۆز خاراكتېرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى، تىلدىكى يېڭىلىقىنى، يازماقچى بولغان نەرسىلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى چوقۇم ساقلىشى، ئېقىم-مودىلاردىن بىر ئاز يىراق تۇرۇشى لازىم.
2. مېنىڭچە، ئۇلۇغ ئەسەرلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق خىسلىتى ۋە كەمچىلىكىنى ئېچىپ بېرەلىگەن، ئىنسانىيەتنىڭ ئارتۇقچىلىقى ياراتقان پارلاق نەتىجە ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئاجىزىلىقىدىن كېلىپ چىققان تراگېدىيەلەرنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىگەن، ئىنسانىيەتنىڭ روھىدىكى مۇرەككەپلىك— ياخشىلىق بىلەن رەزىللىك، گۈزەللىك بىلەن قاباھەت ئوتتۇرىسىدىكى غۇۋا ئورۇننى كۆرسىتىپ بېرەلىگەن ھەمدە بۇ غۇۋالىقتىن بىر ئۈمىد نۇرى چاقنىتالىغان ئەسەرلەردۇر.
3. ياخشى ئادەمنى يامان، يامان ئادەمنى ياخشى قىلىپ يازىمەن، ئۆزەمنى گۇناھكار سۈپىتىدە يازىمەن، مانا بۇ مېنىڭ سەنئەت دېئالىكتام.
4. بىز ئالۋاستىنى ئادەملىك ماقامىغا كۆتۈرۈشىمىز، ئەۋلىيالارنى ئادەملىك ماقامىغا چۈشۈرۈشىمىز كېرەك.
5. ھەقىقىي ئىجادىيەت توختىماي مودا قوغلىشىش ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە تونۇش نەرسىلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن يېزىشتۇر.
6. بىر ۋىجدانلىق يازغۇچى ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن يېزىقچىلىق قىلىشى، ئىنسانلارنىڭ ئىستىقبالىدىن قايغۇرىدىغان، ئەنسىرەيدىغان، ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىدىغان بولۇشى، ئۆز ئىجادىيىتىنى پەلسەپىۋى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشى كېرەك، مۇشۇنداق يېزىقچىلىقنىڭلا قىممىتى بولىدۇ. يازغۇچى ھەر ۋاقىت ئىنسانلارنىڭ دۇچار بولۇۋاتقان قىسمىتى ھەمدە داۋالغۇش ئىچىدىكى جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتدىكى ئۆزگىرىش ھەمدە ئېزىقىشلىرىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
7. كەلگۈسىدە ھېكايە-رومان يەنىلا جان ساقلايدۇ دېيىلسە، ئۇنىڭ سەۋەبى تىلدۇر.
8. كىشىگە ئەسەر ئوقۇش زوقى بېرەلمىگەن ھېكايە-روماننىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر.
9. تۇرمۇشقىلا تايانغان بىلەن بولمايدۇ، ھەر ئامال بىلەن تەسەۋۋۇر كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىشىمىز كېرەك… بىردىن مىڭنى پەرەز قىلىش ئىقتىدارى، بىراۋنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆز تۇرمۇشىدەك تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى، ناتونۇش دېتاللارنى تونۇش كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قىستۇرۇش ئىقتىدارى ھازىرلاش كېرەك. ۋەقەنىڭ راست-يالغان بولۇشى مۇھىم ئەمەس؛ مۇھىمى، يازغۇچى ئەسەر يېزىۋاتقاندا ئۆز قەلىمى ئاستىدىكى پىرسۇناژلىرىنى پىششىق بىلىشى، ئۇلارنى ئۆزىنى يازغاندەك يېزىشى كېرەك.
10. خاسلىققا ئىگە ئەسەرلا ھەقىقىي ئەدەبىي ئەسەردۇر.
11. پروزا شەكىل ياكى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن كېڭەيتكىلى بولىدىغان چەكسىز نەرسىدۇر. ھېكايە-روماننىڭ ھەممىسى يېزىلىپ بولدى دېگەندىن كۆرە، قەلىمىمىز قۇرۇپ كەتتى دېگەن تۈزۈك.
12. تېمىدا ۋاقتى ئۆتكەن-ئۆتمىگەن، كونا-يېڭى دېگەن گەپ بولمايدۇ. مۇھىمى، ھېكايە-رومان ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ھېسسىياتى، خاراكتېرى، تەقدىرىنى نامايەن قىلىش. بىز ھېكايە-رومان ئارقىلىق خاسلىققا ئىگە، ئۇنتۇلماس، تىپىك ئوبرازلارنى يارىتىمىز. مېنىڭچە، پروزىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى مانا شۇ.
13. يېزىلارنى يازغىنىمدا لېرىك پۇراق چىقىپ قالىدۇ، چۈنكى يېزىلاردا لېرىكىلىق گۈزەللىك ئەزەلدىن مەۋجۇت، بۇ مېنىڭ يېڭى بايقىشىم ئەمەس.
14. يۇرتۇمنىڭ مەنزىرىسى شۇ قەدەر سېھىرلىك، شۇ قەدەر گۈزەلكى، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ مۇھىتتا بالىلىق دەۋرىم ئۆتكەن.
15. يازغۇچى ئۇرۇش-جەڭنى—ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ قاباھەتلىك ھادىسىنى يازغاندا، ئۇرۇشنىڭ ئىنساننى قانداق ئازدۇرغانلىقى ياكى ئىنساننىڭ ئۇرۇشتا قانداق ئاينىپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلىشى كېرەك.
16. ئېغىر كۈلپەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلەردىلا تەقدىر ئېڭى بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆزى يېڭەلمەيدىغان ئاجىزلىقى ئۈستىگە قۇرۇلغان ھېسداشلىقنى تالانت-قابىلىيەتكە تايىنىپ ئويدۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ… ئىنسانىيەتنىڭ رەزىللىكىگە جىددىي قارىغاندىلا ئۆز قاباھىتىمىزنى تونۇيالايمىز. ئىنساننىڭ يەڭگىلى بولمايدىغان ئاجىزلىقى ۋە كېسەل تەبىئىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلىك تەقدىرىنى يازغاندىلا ھەقىقىي تراگېدىيەنى يازغان، رۇھىيەتنىڭ تېگى-تەكتىنى ئاختۇرالىغان، ئىنسانلارغا ھەقىقىي ھېسداشلىق قىلالىغان بولىمىز.
17. ئەدەبىياتنىڭ سېھرى كۈچى ئەسەرلەرنىڭ خاتا چۈشىنىلىشىدە ئىپادىلىنىدۇ.
18. قۇرۇلمىنىڭ ئۆزى مەزمۇن ئەمەس، ئەمما بەزى چاغدا مەزمۇن بولالايدۇ.
19. رومان تىلىنىڭ تەسلىكى دېگىنىمىز، ئۇ ئېنىق خاسلىققا ئىگە، ناتونۇشلاشتۇرۇلغان تىلدۇر. ھالبۇكى بۇ خىل ناتونۇشلاشتۇرۇش يەرلىك شىۋىنى قەستەن قوللىنىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇش ئەمەس، بەلكى بايان تىلىغا سىڭىپ كىرىشتۇر، مانا بۇ تىلغا ھەقىقىي تۆھپە قوشۇشتۇر.
(«مويەن ئەسەرلىرىدىن تاللانما»دىن تەرجىمە قىلىندى)

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*