تىرىكلىك نىشانى (2)

11

خەيرىيەت، ئۆتۈپ كەتتى جىمى ھېسسىيات. ۋاقىت كۆرۈنۈپ تۇرغان ھەقىقەت، ئۇ دائىم كۆرۈنمەس سىماسى، شامالدەك راھەت شىۋىرلاشلىرى بىلەن پېقىرغا نەسىھەت قىلىدۇ.

خىيالنىڭ چېكى يوق، نەزەر دائىرە ئېچىلغانچە ئېچىلىدۇ.  بۇ دۇنيالىق پىكىر- تەپەككۇر ئۆلۈمگە بارغىچە چوڭقۇرلىشىدۇ، تىرەنلىك ئەنە شۇنداق شەكىللىنىدۇ. توختىماي ئېچىلىمىز، كېڭىيىمىز، كېڭەيگەنچە يۈكسىلىمىز، ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇق ھەقىقىتىنى تونۇپ كەمتەرلىشىمىز، ئۆزىنىڭ ئاددىيلىقىنى تونۇغان ئىنسان بەختلىك ئىنساندۇر. تەكەببۇرلۇق، ھەسەدخورلۇق، ماختانچاقلىق، ئاچكۆزلۈك، سەپرالىق، قىتىغۇرلۇق، ئاداۋەتخورلۇق… ئىللەتلىرى روھىمىزنى مەجرۇھ قىلغىلى ئۇزاق زامان بولدى. روھىي كېسەل ئادەمنىڭ ئازابى شەخسىيەتنىڭ ئەڭ چۈپەي، رەزىل تەرەپلىرىگە چېتىلغان بولىدۇ، ئۆزىنى ئۆزى قىينايدۇ؛ قارىماققا ساپساق يۈرگەن ئادەملەرنىڭ روھىنى كۆزەتسە، بىر-بىرىدىن قېلىشمايدىغان كېسەل، مېيىپ ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ.

دۇئا قىلىپ يىغلاپ كەتكەن يىگىتنىڭ دىلى دائىم شۇنداق سۇنۇق بولغاي، ئەمما روھى ئىماندىن پۈتۈن بولغاي، بۇنداق چاغدا كۆزدىن چىققان ياشتا سۈزۈك قەلب قەترىلىرى جۇلالايدۇ. بۇنداق مىنۇتلارنى دائىم ياد ئېتىش، تۆكۈلگەن مۇڭ ياشلارنى قەلب قېتىغا سىڭدۈرۈۋېتىش كېرەك.

ئۆز مەۋقەيىمنى ئۆزەم بىلىشىم لازىم، ھالبۇكى پەرۋەردىگارىم نەزەرىدىكى مەن ھەقىقىي مەن؛ قالغىنىغا ھېچكىم، ھەتتا ئۆزەممۇ باھار بېرەلمەيمەن. شۇڭا باھانى قويۇپ، قىممەت ئىزدە؛ ماختاش تەمە قىلماي ماختانغۇدەك ياشاۋەر؛ خەقتىن ئىززەت تەلەپ قىلماي ئۆزەڭنى قەدىرلەپ ئۆتۈۋەر.  ئۆزەڭنى باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئەمەس، قەلب كۆزۈڭدىن ئىزدە. ياخشى ياشىغان ھايات ياخشى ھاياتتۇر. ياخشى ئات ئۇزۇن سەپەردە بىلىنىدۇ؛ ئۆلچەمنى ئادەم بېكىتسە خاتالىشىدۇ، ئەۋلىيا بېكىتسە توغرىلىققا يېقىنلىشىدۇ؛ ئەمما ھېچقانداق قىممەت ئۆلچىمى پەرۋەردىگارنىڭ ھېكمىتىگە ۋە ئادىل تارازىسىغا يەتمەيدۇ. شۇنىڭدىن كۆڭۈل تىنىدۇكى، ھەر نەرسىنىڭ ئىستەك-سورىقى بار، ياراتقۇچى نېمىلا قىلسا ھەقلىق.

12

بىر خىل ياشىغۇمىز كەلمەي پات-پات ھەر خىل ئىشلارغا ئۇرۇنۇپ باقىمىز، ئەڭشەپ تۇرىمىز، مىجەزىمىزنى تەڭشەپ تۇرىمىز. ھەرىكەت ۋە ئىبادەت سەھەردە ماڭا نۇر بولدى.

يىراق دەپ ئويلىمايمەن ئۆلۈمنى؛ نەپسىمنى قىينايدىغان ھەۋەس كېسەللىرىمۇ جان چىققاندا تۈگەيدۇ، بارىدىغىنى ئادىللىق تارازىسىغا چىقىدىغان كىملىكىم؛ قالىدىغىنى ۋە ماڭا مەنپەئەت بېرىدىغىنى ياخشى ئەمەللىرىم، كىشىگە پايدىلىق يادىكارلىقلىرىم، ئاللاھتىن تىلەيدىغان سالىھ ئەۋلادلىرىم.

كۈن قىزدۇرىدۇ، ئاللاھ قىيامەتتە سايىدىتىدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشىنىڭ بىرسى بولالايمەنمۇ؟ نازىنىن چاقىرسا ”خۇدادىن قورقىمەن“ دەپ قاچالايمەنمۇ؟ نەپسىمنى بوغۇزلاپ پاك ئىمانىمنى ساقلاپ قالالايمەنمۇ؟ ئاللاھنى زىكرى قىلىپ دائىم كۆزى يېشى تۆكەلەيمەنمۇ؟

قېتىپ كەتتىم، نەپسانىيەتتىن مەزمۇت قېتىپ كەتكەن قەقەشلىرىمنى تاتىلايمەن، بۇزۇق قان سىرغىپ چىقىدۇ؛ قىچىشقانچە قاشلايمەن راھەت بىلەن جاراھەتلىرىمنى، قىچىشقاقلىرىمنى؛ بىلىپ تۇرۇپ ئازابلايمەن تەقۋالىقىمنى؛ قاپقارا ئەسلىمىلەرمۇ كونىراپ كەتتى، پاك ئەمەسمەن، ساق ئەمەسمەن، ئەمما ئېرىمايدىغان پاسىق دەپ ئۆزەمنى ئەيبلىمەيمەن، ئادىمىيلىكىمنىڭ ئىماندىن ھۆرلۈككە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھۆرلۈك دېگەن نېمە؟ ئىمان ھۇزۇرى، ۋىجدان تەنتەنىسى، كۆڭۈل راھىتى… چۈشەنمەيدۇ چۈشەنمەسلەر. مىليونلىغان ئىنساننىڭ كاللىسى سايدىكى تاشتەك قاغجىراپ ياتىدۇ.

13

تەبىئىي خۇسۇسىيەتلىرىمنى توسۇۋالالمايمەن. ئەقىل نېمەتلىرىنى ئىرادە بىلەن كۆپەيتىپ كۆڭۈلنى باي قىلغىلى بولىدۇ؛  سەۋىيەڭدىن جۈرئىتىڭ ئەلا، ئەمما شۇ جۈرئەتكىمۇ سەۋىيە كېرەك. ئىرادىگە تۈرتكە بولىدىغان نەرسە نېمە؟ يەنىلا ئەقىل ۋە ھېسسىيات، قىزىقىش ۋە ئىشتىياق.

ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە ماختىنىشى ئۈزۈلمەيدۇ، سۆزلەر ئېھتىياج ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەنمۇ ئېيتىلىدۇ، ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ ئېيتىلىدۇ؛  تەپەككۇرۇم ئەسلى مەنزىلىدىن چىقالمىغان قېرى مۇساپىر، ئانا تىلىم ئۆز ئۇۋىسىدىن چىقالمىغان قۇش، ئۇ غېرىپ، بىچارە بولسىمۇ تەنتەنە بىلەن سايرايدۇ، ئۆز ئاۋازىنى ئۆزى ئاڭلايدۇ، بۇمۇ بىر مەۋجۇتلۇق غەلىبىسى. ئەنقانىڭ تۇخۇمىدەك قىممەتلىك تىلىم ھامان ئاجايىپ مەپكۇرە ۋە ئەسەرلەر بىلەن بىللە ياشايدۇ ۋە ئۇنى ياشاتقانلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۇچۇرۇم قۇش بولىدۇ.

نامازدا ئېگىلىپ دىققىتىمنى ئۇ دۇنياغا قاراتتىم، ئاندىن ۋەسۋەسىلەرگە تولغان بۇ دۇنيانىڭ توپىسىنى كەچتىم. دۇئالىرىم ئۈزۈلمىدى، ئەشەددىي يامان خىيال، ياۋۇز نىيەتلەردىن ساقلىنىشنى تىلىدىم. يارالمىشىمدىن كىرگەن خۇينىڭ زۇلۇملىرىغا سۈكۈت قىلسام بولمايدۇ. بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىگە زۇلۇم سېلىش ئېغىر ئاسارەت، ئادىمىيلىككە قىلىنغان ھاقارەت. ئىچىدىن تۈگىشىپ كېتىدىغان دۆت، ئەخمەقلەردىن بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.

14

كۈن ئۆتكۈزۈش تەس كەلسە بۇ دېمەك مەغلۇبىيەتنىڭ باشلىنىشى؛ كۈنلەردىن زېرىككەن چېغىڭ ئەڭ ھاماقەت، ھورۇن ۋاقتىڭ. ۋاقىتنى شۇنداق راھەت ئۆتكۈزۈش كېرەككى، ئىچ پۇشۇقلىرىغا ئورۇن قالمىسۇن، ھېچ بولمىسا غىڭشىپ ناخشا توۋلا.

جاھاندىكى ئەمەللەرنىڭ تولىسى مۇباھ، ئەمما ئىنچىكىلەپ كەلسە ئۇنىڭدىمۇ مەسىلىلەر بار. ئاللاھ قىيامەتتە ھەممىنى ئايرىيدۇ، ئەڭ توغرىسىنى بىلدۈرىدۇ؛ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەرگە رەھمەت قىلىدۇ، ئۆزىنى بەك پاك چاغلاپ كەتكەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا مۇناسىپ بولمىغانلارغا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ. ھەر ئادەم ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنى تونۇيدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە بۇيرۇقىغا قارشى چىقالمايدۇ.

15

كەيپىيات ھۇزۇرى ئىچىدە ئىچىمنى سىقىمەن، كېسەللىك پەقەت تەندىلا بولمايدۇ، روھتىمۇ دائىم قاپاراتمىلار، جاراھەتلەر چىقىپ تۇرىدۇ. پىكىر قىلماي لايدەك ياتسام ئازابلىنىمەن، يۈرەككە زەھەر يىغماي، ھەسەل يىغىش ئۈچۈن تىرىشىمەن. ھاياتلىق پەقەت ئىچ پۇشۇغى ئەمەس، مۇساپىر ئىكەنمەن، ھەر نەرسىگە ھەيرەت كۆزى بىلەن قاراپ ئۆتكۈزۈۋېتىشىم كېرەك؛ ئارتۇق كىرىشىۋېلىش، بىر يەردە توختاپ جاھىللىق بىلەن تۇرىۋېلىش ئەخمەقلىق، ياشاشنى بىلمەسلىك؛ كۈن ئولتۇرسا ئاي چىقىدۇ.

نامازغا كېچىكىپ قوپتۇم، رەببىمنى ھەقىقىي تونۇيالمىدىم، ئۇنىڭغا لايىقىدا ئىبادەت قىلالمىدىم، شەيتان خىياللىرىدا بولدۇم. ئەگەر شۇ خىياللىرىمدىن ھېساب بېرىدىغان بولسام مىڭ يىل ئىبادەت قىلساممۇ گۇناھلىرىم تۆكۈلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا رەببىمدىن رەھمەت، مەغپىرەت تىلەيمەن. روھىمدىكى كېسەللىكلەردىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. 

قەلەمكەشنىڭ ھەسرىتى شەھۋەت، ئاداۋەت،

بۇنىڭدىن بېشىغا كېلىدۇ ھەر پالاكەت.

ماڭا ئۆز ئازادىلكىم مۇھىم، مۇشۇ دائىرىدە ھەرىكەت قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە بارلىق ئادەملەر شۇنداق؛ ئىمتىياز ۋە سالاھىيەت گويا كىيىمگە ئوخشايدۇ، ھەر كىم ئۇنى ئۆز يارىشىغىدا كىيىدۇ، چېنىپ قالماسلىققا تىرىشىپ ياشايدىغان بىچارىلەرگە نېمە ئامال؟ تەنە-مەسخىرە ھەر يەرنى قورشاپ تۇرغان مۇھىتتا ھەرگىز ئازادە كەيپىيات بولمايدۇ. ئادەملەر بىر-بىرىگە بىئاراملىق يەتكۈزۈشتىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

قۇرئان ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرۈش مۇشەققەتلىك، ئەمما شەرەپلىك جەريان. ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولالىغانلار بەختلىك. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشسام بولاتتى، تىرىشماسلىققا نېمە توسقۇن بولۇۋاتىدۇ؟

16

كەيپىياتنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ئەگىشىپ تەقۋالىقمۇ كۈچىيىپ ياكى ئاجىزلىشىپ قالىدىكەن؛ ئەمما ئىمان ۋە تەقۋالىق ئۆز مۇستەقىللىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ساقلىشى كېرەك. ھەر قانداق پاسسىپ، ناچار كەيپىياتنىڭ، قىتىغۇرلۇق، ئىسيانكارلىق ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشىغا قاراپ تۇرماسلىق كېرەك. شۇنداق ۋاقىتلار بارغۇ، كاللا پەرۋاسىزلىق بىلەن چۆرىلىدۇ؛ يېڭىلىققا تەشنا ئىستەكلىرىم تەكرار ھەرىكەت ۋە ئادەتلەرنى زېرىكىشلىك كۆرسىتىدۇ؛ شۇ چاغدا تىرىك ئادەمدەك تۇرۇپ كېتىش، ئۆلۈكتەك ياتىۋەرمەسلىك كېرەك. ناماز ئاسمان-زېمىن ھەرىكىتى بىلەن بىللە مەۋجۇت ئۇلۇغ ھەرىكەت، كاتتا ئىبادەت. نۇرلۇق قەلب كۈن بىلەن ئايدەك يورۇپ تۇرىدۇ، بۇلۇت، تۇمانلار ئۇنى توسۇپ قالالمايدۇ.

نەپسى بىلەن كۈرەش قىلالايدىغانلار نەپسىدىن كېچەلەيدۇ، كېيىنكىلىرى ئىبادەت-ئىخلاسلىرى، تەقۋا ئەمەللىرى، گۇناھتىن يېنىشلىرى، تەۋبە-ئىستىغپارلىرى بىلەن رەببىگە قۇللۇق قىلىدۇ.  قايسى ئەمەلنىڭ ماختاشقا لايىق ئىكەنلىكىنى، قايسى ئەمەلنىڭ نىيەتتە قىڭغىر كەتكەنلىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ.  بىزنىڭ تەخمىن-قىياسلىرىمىزنىڭ يۈزدەيۈز توغرا چىقىشى ناتايىن؛ زەن-قىياس دېگەنلەر، قۇرئاندا ئېيتىلغاندەك، ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھېچنېمىگە يارىمايدۇ.

غەيبكە ئىشىنىش بىلەن گۇمان دائىم توقۇنۇشىدۇ، مانا بۇنىڭدىن ئىماننىڭ غالىبىيىتى ياكى مەغلۇبىيىتى كېلىپ چىقىدۇ. بەزى ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھەقىقەتنى چۈشىنىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ۋە شەك كەلتۈرمەيدۇ؛ شەك-شۈبھىدە توسۇلۇپ قالغان گۇمانخورلار، تەكەببۇرلار، ئىسيانكارلار، ھايۋانىي نەپسى بىلەنلا قالغان ماڭقۇرتلار  ھەر تۈرلۈك سوئاللار، ئىزتىراپلار، قېيداشلار ئىچىدە ئېزىقىدۇ ھەم ئىماندىن باش تارتىدۇ. ئاللاھنىڭ مۆجىزاتى ھەممىنى قورشاپ تۇرىدۇكى، خالىغان ئادەمنى مۇسۇلمان، خالىغان ئادەمنى كاپىر قىلىدىغان شۇ ئۇلۇغ رەببىمگە ھەمدۇ سانالار بولسۇن.

گۇناھ قىلىۋاتقان چاغدا ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىۋاتقان، يورۇق دىلىنى قارايتىۋاتقان ھەر بىر مۇسۇلمان كۆكسىنىڭ تارىيىپ، ئىچىنىڭ سىقىلىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالىشى كېرەك،  بۇمۇ ئىمان. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ھەممىگە يېتىۋاتقان، پەرىشتىلەر ھەممە ئىشىمىزنى خاتىرىلەۋاتقان بۇ بەشەر دۇنياسىدا مۆجىزىلەرگە تولغان ۋۇجۇدىمىزدىن، ھاياتىمىزدىن ھوزۇرلىنىپ، خىيالىمىزچە ياشاۋېرىپ غەپلەتتە قالىمىز. بىراق ۋاقتىدا ھوشىنى تاپالىغانلار ئىززەت-ھۆرمەتكە لايىق بەندىلەر. ئاللاھ غەپلەت ۋە ھورۇنلۇقنى، مەئىشەت ۋە نەپسانىي ئاچكۆزلۈكنى بۇ سىناق دۇنياسىنىڭ قىيىن سوئاللىرى قىلىپ ئالدىمىزغا تاشلىدى، قېنى قانداق جاۋاب بېرىمىزكىن.    

ساغلام ۋۇجۇد ئىگىلىرى بولۇش ئۈچۈن ئەقىل، ئېتىقادىمىز ساغلام بولۇشى كېرەك. ئېزىپ قالغاندا داۋاملىق ئېزىپ ھاڭغا غۇلاپ چۈشمەسلىك كېرەك. ھەر قەدەمنى باسقاندا ياخشى مەقسەتلىك، توغرا قەدەملىك، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇش كېرەككى، ئېزىلىپ، پۈكۈلۈپ، خاتا مېڭىپ پۇشايمان قىلىپ جاننى قىينىماسلىق كېرەك. مۇشۇنداق ”كېرەك، لازىم“ زۆرۈرىيەتلىرى بولمىسا ياشاش مەقسەتلىرىمىز ھايۋاننىڭ  ياشاش ئىستەكلىرى بىلەن پەرقسىز بولۇپ قالىدۇ.

17

تۈگىمەيدىغان دەرتلەر ئۇ سۆزلىگەنگە ئارام تاپىدىغان؛ ئۇنتۇلمايدىغان ئازابلار ئۇ قەلەم بىلەن جىجىلاپ قويسا تارىخ بولىدىغان. روھىيەت تارىخىنى ھەر كىم ئۆز قەلبىگە يازىدۇ، ۋىجدانلىق ئادەم ئۇنى سۈكۈت ئىچىدە ئوقۇيدۇ، ئىبرەت، ساۋاق، ئىلھام-مەدەت ئالىدۇ.

بىر ۋاقىتلاردا ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن نەچچە ئاي بوغۇلدۇم، خېلى ئۇزاق تاتىرىپ يۈردۈم. نەپسانىي دۈشمەنلىكىم ۋە زالىملىقىمنىڭ يىلتىزىنى يوقىتىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئاللاھتىن ياردەم تىلەش.  نورمال كەيپىيات ياشىسۇن، شىرىن ئۇيقۇ، گۈزەل چۈشلەر ياشىسۇن؛ پايدىلىق ئىلىم، ئىجتىھاد، گۈزەل پىكىر ۋە شادلىق ھېرىسمەنلىكى ياشىسۇن؛ تەمكىنلىك، سەۋرچانلىق ياشىسۇن. مانا بۇ تىرىكلىك شوئارىم، ھاياتلىق ئۈمىدىم.

بۇ ئىزنا-ئەستىلىكلەرمۇ ۋاقىتلىق؛ جان سىقىرايدىغان ھايات مەنزىلى تېخى ئالدىمدا. ئۆلۈمگە قانداق يۈزلىنىش كېرەك؟ غاپىللىقتىكى ئىسيان ۋە شەھۋەت ئىستەكلىرىنى قانداق ئۇجۇقتۇرۇش كېرەك؟ ھاۋايى ھەۋەس، ئاچكۆزلۈك، ئابرۇيپەرەسلىكنى قانداق چەكلەش كېرەك؟  ئىللەتنى يوقاتقىلى بولمايدۇ، پەقەت ۋاقىتلىق تارمار قىلغىلى، يامان تەسىرىنى باشقا ياققا بۇراپ زىياننى ئازايتقىلى بولىدۇ؛ ھەر زامان ھوشيار بولۇش ئېغىر كەلسە ياكى مۇمكىن بولمىسا ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرماسلىققا بولسىمۇ تىرىشىش كېرەك، شۇڭا ئاز بولسىمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىغان سالىھ ئەمەل ياخشى.

زىيادە خىيالدىن ئەدەبىي ئەسەر پۈتكەن بىلەن، ئېسىل خىسلەت پۈتمەيدۇ. قايسى يازغۇچى ئۆزىدىكى ئەسەبىيلىكنى باشقۇرالايدۇ، ئەسەر يېزىش ئارقىلىق ئۇنى توغرا ئىزغا سالالايدۇ؟ ئۆز ئەقلىگە قايتىپ كېلەلەيدىغان يازغۇچىلار مۇتلەق كۆپ ساندا، ئاز بىر قىسىملىرى كاللىسىدىن كېتىپ، ساراڭقېتىش ھالەتتە ياشايدۇ؛ ئەخلاقى بۇزۇلىدۇ، چۈشكۈنلىشىدۇ، ساراڭ بولۇپ كېتىدۇ، ياكى روھىدىكى مالىمانچىلىققا چىدىماي ئۆلۈۋالىدۇ.  شۇڭا روھى تىنىم تاپمايدىغانلار، ئەسەبىي ئىستەكلىرىنى باشقۇرالماي قالىدىغانلار بۇ روھىنىڭ سىرىنى بىلگۈچى ئاللاھتىن ئىلىم ۋە ھىدايەت تىلىشى كېرەك. ھىدايەت قەلبنىڭ نۇرى دېمەكتۇر، قەلبتە نۇر بولغاندا گۈزەللىك ۋە بەختتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ.

18

بۇ دۇنيا نورمال ياشىشىمغا يېتىپ ئاشىدۇ، چۈنكى دىققىتىم، خىيالىم٨، ئىش مەيلىم، پىلانىم ھەر دائىم تاشقى مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ.  ياخشى يېرى، ئۆز خىيالىڭ بويىچە تەلۋىلەرچە، ئەخمەقلەرچە ياشىيالمايسەن؛ ئۆزەڭنى ئۆزەڭ چەكلەيسەن ھەم باشقىلار تەرىپىدىن چەكلىنىپ تۇرىسەن؛ باشقۇرۇلىسەن، ھەتتا بەزىدە ئۆزەڭگە ئۆزەڭ ئىگە بولالمايسەن. پۇتۇڭغا تىكەن كىرسە، كىچىككىنە ئاغرىق-كېسەلدىن بىئارام بولساڭ پىكىر-خىيالىڭ شۇئان بۇ سەزگۈگە مەركەزلىشىدۇ؛ ئاغرىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەيسەن؛ دائىم بىر خىل ھالەتتە بۇرۇقتۇرما بولۇپ ياشاۋېرىش مۇمكىن ئەمەس، كاللىسىدا چاتاق بار ئادەملا ئۆزى پەيدا قىلغان قورقۇنچلۇق خىيال، ئەندىشە ۋە كۆپتۈرۈپ ئويلىۋالغان ئازابلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالىدۇ، ئۆزىنى قىينايدۇ.

خۇدۇكسىرەشلەر، قورقۇنچلار بەزى چاغدا كۈچىيىپ كەتسە بەزىدە يوقاپ كېتىدۇ؛ ئۆلۈم بەزى چاغدا دەھشەتلىك تۇيۇلسا، بەزىدە يەڭگىل، نورمال ئىشتەك بىلىنىدۇ؛ قەلبىمنىڭ بىر خىل تۇرغىنىنى بىلمەيمەن، دائىم ئۆزگىرىپ يېڭلىنىپ تۇرۇۋاتقىنىنىلا ھېس قىلىمەن. ئەسلىمىلەر غۇۋالىشىپ كەتسىمۇ سەزگۈلەر شۇ پېتى. كونا ھايات كونا ئورمانلىققا ئوخشاش خىلۋەت، دەرەخلەر قېرىپ پورلىشىپ كەتكەن، ئەمما ئۇنىڭدىن يېڭى بىخلار ئۆسۈپ چىقىۋاتقان، ھاياتىمىز داۋاملىشىۋاتقان… ھەر كۈنى قۇياش بىلەن تەڭ چىقىپ تەڭ پاتىمىز؛ كۈندۈزى تىرىكچىلىك بىلەن، كېچىسى بولسا ئۆلۈكتەك ياتىمىز؛ چۈشىمىزدە باشقا بىر يەردە ياشايمىز، شادلىنىمىز، قايغۇرىمىز، قورقىمىز… روھىمىزنىڭ سىر-ئەسرالىرى بىز چۈشىنىپ بولمايدىغان دەرىجىدە مۇرەككەپ ھەم قىزىقارلىق.

روھىمىزنىڭ بارمايدىغان يېرى يوق، خىيالىمىزنىڭ كىرمەيدىغان ئوي-چوڭقۇرى يوق، سۈرۈلمىگەن خىيال يوق، بەلكى ئېيتىلمىغان گەپ يوق؛ ھەممىسى مەۋجۇت، ھەممىسى يۈز بەرگەن، يۈز بەرگەننىڭ ھەممىسى رېئاللىق، مەۋھۇم ۋە بىمەنە خىيالنىڭ چەكسىزلىكى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ گەرچە شۇم خىيالنى ئوسۇرۇققا تەڭ قىلساقمۇ، ئوسۇرۇقنىڭ سېسىق پۇرىقى يەنىلا مەۋجۇت، ھەتتا شەيتان ئۇنى دائىم پۇرنىمىزغا ئەكىلىپ پۇرىتىپ تۇرىدۇ، سەسكىنىپ قورىلىمىز، چىرايىمىزنى پۈرۈشتۈرىمىز، بۇمۇ رېئاللىق. ئەگەر خىيالدىن ھېساب بېرىدىغان ئىش بولسا ھەممە ئادەمنى يەريۈتۈپ كەتكەن بولاتتى دەپ ئويلايمەن. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، مەرھەمىتىنىڭ چەكسىزلىكىنى يېتەرلىك چۈشىنىپ بولالمايمىز، پەقەت ئاللاھنىڭ ”رەھمىتىم غەزىپىمدىن غالىپ كەلدى“ دېگەن سۆزىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى، بەختلىك بولۇشىمىز ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلالايمىز.

كائىنات ۋە جىمى مەۋجۇدات بىر ئاللاھنىڭ مۆجىزاتى، ھەممە نەرسە ۋەھدەت، يەنى بىر ئاللاھنىڭ قۇدرەت كامالىتىدىن مەيدانغا كەلگەن. بىزگە ئاجايىپ روھ، ئەقىل، تەپەككۇر، كۆڭۈل، گۈزەل ھېسسىيات بېرىلگەن؛ شۇنداقلا  روھنى قارايتىدىغان، مالىمان قىلىدىغان، تەپەككۇرنى قايدۇرۇپ، ئەقىلنى ئازدۇرىدىغان، گۈزەل ھېسلارنى بۇلغاپ شەھۋەت، شۇملۇق، بۇزۇقلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىبلىس− ئازغۇن دۈشمەن ئەۋەتىلگەن، بەلكى بىۋاسىتە ۋۇجۇدىمىزغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بارلىق ئىنسان كۈرەش ئىچىدە؛ ئاللىكىملەر ئازغۇنلۇقتا، ئاللىكىملەر توغرا يولدا؛ بەزىلىرى ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا؛ ياخشىلىق، يامانلىق ئارىلىشىپ كەتكەن؛ ئەقىل بىلەن ھىيلىگەرلىك، سەۋرچانلىق بىلەن مەزلۇملۇق، شىجائەت بىلەن زوراۋانلىق، ساددىلىق بىلەن دۆتلۈك، ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بىچارىلىك بىرلىشىپ كەتكەن. بىر قارىسا ھەممە ئادەم بىچارە، ئۆزىنى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە كۆرەڭلىگەنلەر تېخىمۇ ھاماقەت؛ ناقىسلىق، كەمتۈكلۈك گويا بىر ھەقىقەتتەك جىمى ئادەمزاتىنى ئورىۋالغان…

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك ئۇلۇغ ئىنساننى كىم كۆردى؟ ئۇنىڭ كامالىتى ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى، ئۇ پەقەت جىمى ئىنسانغا رەھمەت، نادىر ئۈلگە قىلىپ ئەۋەتىلگەن. ئۇنى ھەممە ئادەمدىن چارە كۆرۈپ، يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىش ئىنسان ئۈچۈن شەرەپ. ئەمما جاھان ئەھلى تۈگۈل، ئۇنىڭ ئۈممەتلىرىمۇ تېخى ئۇ زاتنى يېتەرلىك ياخشى كۆرۈپ، سۈننەتلىرىنى ئادا قىلالىغىنى يوق. سۈننەت نامازلىرىنى ئوقۇشقا سەل قارايدىغانلار بار؛ نامازدىن باشقا چاغدا ئۇ زاتنىڭ ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشمايمىز؛ ”ئۇ دېگەن پەيغەمبەر، ئاللاھنىڭ تاللىغان ئەلچىسى، ئۇنىڭغا بىز قانداقمۇ تەڭلىشەلەيمىز؟“ دەپ ئۆزىمىزنى ئەپقاچىمىز. شۇ كاتتا پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىرەر ئەخلاق ئادىتىنى بولسىمۇ يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىمىزنى ساھابە كىراملاردەك ئېسىل بەندىلەر قىلىشقا تىرىشمايمىز، ئىرادىمىز بوش، رىغبىتىمىز ئاز، ھەرىكىتىمىز قاشاڭ، كەيپىياتىمىز سۇس؛ شەيتان بوينىمىزغا مىنىۋالغانچە ھالىمىز بوشاپ، گەۋدىمىز ئېغىرلىشىپ، ئۆزىمىزنى كۆتۈرەلمەي قېلىۋاتىمىز. غەپلەت، غەپلەتتىن كېيىن شەھۋەت، ھورۇنلۇق تاپ بېسىپ كېلىپ، بىزنى جان ھۇزۇرىغا، چىرايلىق ۋە ئىشتىھالىق نەرسىلەرگە قىزىقتۇرماقتا؛ پەرۋاسىزلىقىمىز، ھاماقەتلىكىمىز داۋاملاشماقتا. مەن شۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى، مەندەك ئادەملەرنى كۈندە تولا كۆرىمەن، ھالىمنى ئۇلارغا سېلىشتۇرىمەن. پەرىشتىدەك پاك كىم بار؟ شەيتاندەك بۇزۇق ۋە بۇزغۇنچى كىم بار؟ ھەيرەتتە قارايمەن، ئۆلمەيدىغاندەك ياشايدۇ غاپىللار، ئۆزىنى كۈندە گۇناھكاردەك ھېس قىلىدۇ پاكىزلار، ئەمەللىرىم بىكار كېتەرمۇ دەپ ئەنسىرەيدۇ لايىقىدا ئىبادەت قىلالمايۋاتقان تەقۋادارلار. قانچە تەقۋا بولسا ئۆزىنى شۇنچە گۇناھكار، جەھەننەملىك ھېس قىلىپ قورقىدىغان بەندىلەرمۇ بار، ئاللاھ ئۇلارغا رەھىم قىلغاي.

ئىشقىلىپ، قورقۇنچ ۋە ئۈمىد بىلەن ياشاۋاتىمىز. زامانىمىزدا تەقدىر-پىشانىسى ئېنىق بولغان ھېچكىم يوق. ھېچكىم ئاخىرەتتىن خاتىرجەم بولالمايدۇ. ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن بەندىنىڭ خىيالى بىر يەردىن چىقماي قالسىچۇ؟ ئۆزىنى پاك چاغلاپ كەتكەن كۆرەڭ موللا قىيامەتتە دوزاخقا ھەيدىلىپ قالسىچۇ؟ دۇنيادا ئەڭ خار، پەس كۆرۈلگەن بىر بەندە ئۆزىنىڭ خالىس ئەمەللىرى، باشقىلاردا يوق خىسلەت ۋە ساۋابلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىپ، ئاخىرەتتە ئۈستۈن مەقامغا ئېرىشىپ قالسىچۇ؟  بىلگۈچى ئاللاھ، ئادىللىقنى قىيامەتكە قالدۇرغۇچى ئاللاھ، ئىنسانغا كۈتۈلمىگەن خەير-ئېھسانلارنى ئاتا قىلغۇچى ئاللاھ،  ئۇنىڭ رەھمىتى بولمىسا ھېچكىم قۇتۇلۇشقا ئېرىشەلمەيدۇ.

19

ئۆزەم بىلەن قالدىم، مەن دائىم ئۆزەم بىلەنلا قالغۇچى. قولى قاناپ كەتكەن بىچارىگە 10 رىيال بېرىپ يەڭگىللەپ قالدىم. سەدىقىنى كۆپ بەرسەم بولغۇدەك. بىر لوقما تائامنى ئاز يېسەم بىر ئاچنى تويغۇزالايمەن؛ ماڭا كۆرە ئارتۇق نەرسە بىر مۇھتاج ئۈچۈن تولىمۇ كېرەكلىك. جاندىن، مالدىن نېسىۋە ئايرىپ تۇرۇش ھەقىقەتەن شەرەپلىك. جاندىن نېسىۋە ئايرىش دېگەنلىك ۋاقتىڭنى ئىبادەت-ئەمەل ۋە خەيرلىك ئىشلارغا سەرپ قىل دېگەنلىك، چۈنكى ۋاقىت دېمەك مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا جان دېمەكتۇر. جان ھۇزۇرى ئىنسان ئۆزى ياخشى كۆرگەن، رازى بولغان ئىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، مالدىن نېسىۋە ئايرىش ئارقىلىق ياخشىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. شۇ مالمۇ ئەمەلىيەتتە جاننىڭ، ۋاقىتنىڭ بىر قىممىتى. پۇل-مالغا ئېرىشمەك ئۈچۈن جان(ۋاقىت) سەرپ قىلىمىز، قان-تەر تۆكىمىز. بەزى پۇل-مال بەلكىم مۇشەققەتسىز ئەمگەك ئارقىلىقمۇ قولغا كېلىدۇ؛ بۇ چاغدا ئۇنىڭ زاكىتىنى تېخىمۇ ئايرىش كېرەك. بېخىللىق قۇرتلىرى پارازىتلارنىڭ بەدىنىدە ئۇۋىلايدۇ، ھەر بىر مۇسۇلمان بۇنداق پارازىتلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك.

20

قىزغىنلىق يۈرەكتىن يۈرەككە تۇتاش…

مەنىسىزلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى روھىي بايلىقنى كۆپەيتىش ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش. ئىچى قۇرۇق ئادەمنىڭ يوقىتىدىغانلىرى تېخىمۇ كۆپ، ھاياتى تېخىمۇ مەنىسىز بولىدۇ.

ۋاقىت ئاجايىپ ئىشلارنى، مەنزىللەرنى زاھىر قىلغاندەك بولىدۇ، تەقدىرىمگە پۈتۈلگەن ئىشلارنى كۆرۈۋاتىمەن، يىللار ئاۋۋالقى مەنزىرە شۇ ئەسنادىكى خىياللارنى باشلاپ كېلەلمەيدۇ؛ تۇنجى كۆرگەندە ھاياجان قوزغىغان دېڭىز شۇ يەرگە قايتا قەدەم باسقاندا كىشىنى ئۇنچە ھاياجانغان سالالمايدۇ؛ تۇنجى كۆرۈنگەندە پەرىزاتتەك گۈزەل كۆرۈنگەن قىز قايتا يېقىنلاپ قارىغاندا ياكى ئۇنى چۈشىنىپ باققاندا سېھرىي كۈچىنى، جەزبىسىنى يوقىتىدۇ؛ خۇسۇسەن، ماڭا شۇنداق تۇيۇلىدۇكى، تۇيغۇ-تەسىراتلىرىم يېڭىلىنىپ، ئۆزگىرىپ بارىدۇ.

دەل كۆزىتىش، دەل ئىپادىلەش تەپەككۇرنىڭ تېزلىكىگە باغلىق؛ باشقىچە كۆزىتىش، غەيرى ئىپادىلەش سەنئەت تالانتىغا باغلىق.

كەيپىياتتا بەلگىلەندىم قانداق ياشاشنى،

بىلمىدىم، بەرىبىر پارچىلىنىمەن ئۇششاق ئىشلارغا.

يېشىل ياغاچمەن، ھەرىدەيدۇ تىرىكچىلىك

ئۆتكەن ۋاقىتمەن، ھەرە كېپىكى دۆۋىلىنىدۇ ئالدىمغا.

ئاندىن بىر ئەسنادا ئۇنىڭغا كۆمۈلىمەن،

تېنىم سېسىيدۇ

كۆيىدىغان گاز پەيدا بولىدۇ گۇناھتىن،

ئاھ، ياشىرىپ تۇرغۇچى روھىم يېشىل ياپراقتەك

خالىق ئىگەمنىڭ ئىلكىدە تىترەپ تۇرىدۇ.    

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*