خەلق تورىدا سۆھبەت

خەلق تورىدا سۆھبەت

(زىيارەت قىلغۇچى: ھەبىبە)

1.سىز ھازىر كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى، شۇنداقلا توردا نۇرغۇن ئەسەرلىرىڭىز بار. سىزدىن سوراپ باقسام، سىز ئەدەبىي ئىجادىيەتنى قاچان باشلىغان؟ سىزنىڭ مۇشۇنداق بىر يازغۇچى بولۇش ئارزۇيىڭىز بالىلىق چاغلىرىڭىزدىلا بىخلانغانمۇ؟

جاۋاب: مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا ئەدەبىيات دەرىسىنى، شېئىر يادلاشنى، ناخشا ئوقۇشنى، ھۆسنىخەت يېزىشنى ياخشى كۆرەتتىم، ئېلىپبە دەرىسى تاپشۇرقىنى ئىشلىگەن چاغدا ھەرپلەرنى ھۆسنىخەت شەكلىدە بوياپ دەپتىرىمنى چىرايلىق بېزىۋېتەتتىم. بۇنى كۆرۈپ يېنىمدىكى بالىلارنىڭ «كېيىن شائىر بولىدۇ بۇ» دېگەنلىرى ئېسىمدە. مۇئەللىم خەلق قوشاقلىرى يېزىپ كېلىشنى تاپشۇرسا، باشقا بالىلار 4- 5 كۇپلېت توپلاپ يېزىپ كەلسە مەن 4-5 بەت يېزىپ كېلەتتىم، ئومۇمەن بۇ دەرستە ئاكتىپ ھەم ئۈمىدۋار ئىدىم. شۇ يىللاردا دادامنىڭ يىغىپ قويغان كىتابلىرىنى ئوقۇيتتىم، دادام ماڭا رەسىملىك كىتابلارنى ئېلىپ بېرەتتى. بىر يەكشەنبە كۈنى بازارغا بارماي «نۇرلۇق قىزىل يۇلتۇز» دېگەن روماننى ئوقۇپ تەسىرلىنىپ كەتكىنىم، خەتمەمنى قىلىپ بىر ھەپتە ياتقاندا «چاھار دەرۋىش»نى ئوقۇپ ئاجايىپ-غارايىپ خىياللارغا چۆكۈپ كەتكىنىم ئېسىمدە. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە چىققاندا تېخىمۇ كۆپ كىتابلارنى ئوقۇشقا باشلىدىم، 2-دەرسخانا پائالىيىتى جانلىنىپ كەتكەن ۋاقىتلار ئىدى، ئەدەبىيات كۇرژۇكلىرىغا قاتناشتىم. كىچىك ھېكايىلەرنى، شېئىرلارنى يېزىپ باقتىم. باغقا ئۆرۈك يېگىلى كىرسەم ئىچىمدە شېئىر توقۇيتتىم، خىلمۇ خىل چۆچەك، ھېكايىلەر كاللامغا كېلىۋالاتتى. ئەمما بۇ چاغدا يازغۇچى بولىمەن دەپ ئويلاپ باقمىغان، پەقەت تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2- يىللىقىغا چىققاندا ئاندىن بۇ غايىنى تىكلىدىم.

2. ھازىر ئۆزىڭىزنىڭ تور بېتى بار ئىكەن، ئۆزىڭىز ھېكايە، شېئىرلارنى يېزىپ يېڭىلاپ تۇرىدىكەنسىز، قارىغاندا سىز تور ئارقىلىق تارقىتىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەنسىز. سىزنىڭ ھېس قىلىشىڭىزچە ئوقۇرمەن دوستلار ۋە تور ئوقۇرمەنلىرى ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار؟

جاۋاب: تور مەتبۇئاتقا قارىغاندا بىر قەدەر ئەركىن، مەتبۇئات، نەشرىيات دېگەنلەرنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمۇ بىر ئادەمنىڭ يازغانلىرىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزۈش، بىر ئادەمنىڭ ئاۋازىنى باشقىلارغا ئاڭلىتىش. تورنىڭ تارقىتىش رولى ھازىر مەتبۇئاتتىن كۆپ ئېشىپ كەتتى، دائىرىسىمۇ تەسەۋۋۇرىمىزدىن كۆپ ھالقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە توردا مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىشى، ئۇچۇرلارنىڭ يەتكۈزۈلۈشى مەتبۇئاتقا قارىغاندا تېز. بۇ ئەۋزەللىك ھازىر بارغانچە مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى. شۇڭا مەن ھازىر مەتبۇئاتتا ئەسەر ئېلان قىلىشتىن كۆرە بلوگىمنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىمەن. مېنىڭچە، ھازىر مەتبۇئات ئوقۇرمەنلىرى بىلەن تور ئوقۇرمەنلىرىنىڭ پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس، مەتبۇئاتتا ئەسەر ئوقۇيدىغانلار تورغا كىرسىمۇ ئەسەر ئوقۇيدۇ.

3. سىز ئەڭ ئۇتۇقلۇق چىقتى دەپ قارىغان ئەسىرىڭىز قايسى؟ نېمىشقا؟

جاۋاب: ئەڭ ئۇتۇقلۇق چىقتى دەپ قارىغان ئەسەرلىرىم «چاقىرىش»، «يىراق سەھرادىكى يېڭى ھېكايە»، «مۇھەببەت»، «تالىپ بىلەن راھىپ»، «ئاق شامال»، «سوراق» دېگەن ھېكايىلىرىم؛ «لاي سۇ ئىچكەن جانلار»، «گۇناھ»، «قىيامەتلىك كېسەل»، «سېمىز بەدەن، ئورۇق ھېسسىيات» دېگەن پوۋېستلىرىم؛ «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز»، «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دېگەن رومانلىرىم. بۇ ئەسەرلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى توردا يېزىلىپ توردا ئېلان قىلىندى، ئوقۇرمەنلەرنى خېلى جەلپ قىلدى، ئۆزەممۇ رازى بولدۇم. چۈنكى بۇ ئەسەرلەر بىر قەدەر ئەركىن تەپەككۇر ۋە ھەقىقىي ھېسسىيات بىلەن يېزىلدى. چۈنكى توردىكى نىسبىي ئەركىنلىك ماڭا تەپەككۇر قىزغىنلىقى، يېزىش ئىشتىياقى، يېڭىلىق يارىتىش ئىستىكى بەخش ئەتتى.

4. ئىلھام سىزگە نەدىن كېلىدۇ؟

جاۋاب: ئىلھام ماڭا پارچە-پۇرات ئەسلىمىلىرىمدىن، رەڭگارەڭ تۇيغۇلىرىمدىن كېلىدۇ. بىرەر ناخشا، بىرەر مەنزىرە،بىرەر گۈزەل قىزنىڭ غەمكىن تۇرقى… ئىلھام بولىدۇ بەزىدە.

5. سىز «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىسىز، ژۇرنال خىزمىتى بىلەن ئىشتىن سىرتقى يېزىقچىلىقىڭىز توقۇنۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋال بارمۇ؟

جاۋاب: ژۇرنىلىمىز پەسىللىك ژۇرنال، ۋاقىت بىر قەدەر كەڭرى، شۇڭا يېزىقچىلىققا ۋاقىت ئاجرىتالايمەن.

6. سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇيغۇر يازغۇچى كىم؟ سىز ئادەتتە قانداق كىتابلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىسىز؟

جاۋاب: مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچى زۇنۇن قادىرى. مەن ئادەتتە ئسىلام دىنىغا دائىر ئەسەرلەرنى، داڭقى چىققان رومانلار، تارىخ ۋە پەلسەپە كىتابلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن.

7. سىزنىڭ قارىشىڭىزچە تور ئەدەبىياتنىڭ يازما ئەدەبىياتتىن ئەۋزەللىكى قايسى تەرەپتە؟

جاۋاب:تور ئەدەبىياتى تور ئالاقىسى داۋامىدا مەيدانغا كەلگەن ھەم تور ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ دەۋر سۈرۈۋاتقان ئەدەبىيات، يازغۇچىلار، بولۇپمۇ تور يازغۇچىلىرى بۇ ساھەدە ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ ھەم ئەسەرلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەينەن يەتكۈزەلەيدۇ. تور ئەدەبىياتى ئۆز نۆۋىتىدە نەق مەيدان ئەدەبىياتى بولۇپ، يازغۇچىلار نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىدۇ، ئوقۇرمەنلەر گويا تاماشىبىنلاردەك ئۇلارغا دەرھال باھا بېرىدۇ، ئالقىشلايدۇ ياكى تەنقىدلەيدۇ. مەتبۇئاتتا بۇنداق ئەۋزەللىك يوق.

8. تور ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى قانداق؟ سىزنىڭ بلوگ ئېچىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاپتورلارغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار؟

جاۋاب: تور ئەدەبىياتى بارغانچە گۈللىنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. خەنزۇ تور ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش مەنزىرىسىگە قاراپ باقسىڭىز بۇنى ئېنىق كۆرەلەيسىز. توردا ئەسەر يېزىپ تونۇلغان خەن خەن، گو جىڭمىڭ قاتارلىق ياش يازغۇچىلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ھازىر ۋاڭ مېڭ، جيا پىڭۋا، مۇ يەن قاتارلىق مەشھۇرلاردىن قېلىشمايدۇ. خەن خەن يېقىندا داڭلىق شەخسلەرنى تونۇتىدىغان ئامېرىكا «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ مۇقاۋىسىغا چىقتى. ئۇنىڭ بلوگىنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى 400 مىليونغا بېرىپ قالدى. مانا بۇ تور ئەدەبىياتى ۋە توردا پىكىر بايان قىلىشنىڭ غايەت زور سېھرىي كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ بلوگلار تېخى ئەمدى تۇغۇلغان بوۋاققا ئوخشايدۇ، ئۇنى پەرۋىش قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بلوگنى تېخنىكىلىق جەھەتتىن ياخشىلاش بىلەن بىرگە مەزمۇن جەھەتتىن يېڭىلاش ۋە سۈپەتنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش كېرەك.

9. بۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ يەنە قانداق ئىجادىيەت پىلانلىرىڭىز بار؟

جاۋاب: بۇنىڭدىن كېيىن كۆپرەك ئۆگىنىپ ئازراق يېزىش ئارزۇيۇم بار. تۇرمۇش، خىزمەت ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ كېتىپ بۇ ئىشلار تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ پۇرسەت چىقىرىپ يېزىقچىلىقنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمەن. ھازىر كاللامدا ئىككى روماننىڭ ۋەقەلىكى بار، ھامان يازىمەن، ئاۋۋال بلوگدا ئېلان قىلىپ، ئاندىن كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇرىمەن.

بىر پارچەئىنكاس بار

  1. huxhuy مۇنداق يازغان:

    ئەمەلەيەتچانلىقى كۈچلۈك،تارتىملىق،يۈرەكتىن چىققان چىن سۆزلۈك سۆھبەت بولۇپتۇ. ئەرتۈرك ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتىگە تىخىمۇ زور مۇۋاپىقىيەتلەر يار بولغاي!!!

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*