«يېڭى ھايات»رومانى ھەققىدە

«يېڭى ھايات»رومانى ھەققىدە

 

ئەخمەت ئوكتاي

ئورخان پامۇكنىڭ يېڭى رومانى «يېڭى ھايات» سېتىلىش نىسبىتى ۋە قوزغىغان مۇنازىرىلىرى نەتىجىسىدە ئىككى ئايدىن بۇيان ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ قىززىق پارىڭىغا ئايلاندى. ئەخمەت ئوكتاي بۇ ماقالىسىدە «يېڭى ھايات»نى ئورخان پامۇكنىڭ باشقا ئەسەرلىرىنىڭ مەنبەلىرى ۋە قۇرۇلما ئالاھىدىلىكلىرى ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىدۇ.  بۇ ماقالە «يېڭى ھايات»نى چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى.

كىتاب تارىختىن بۇيان مۇقەددەس ھەم خەتەرلىك نەرسە دەپ قارىلىپ كەلگەن. چۈنكى كىتاب ئاشكارىلايدۇ ھەم يوشۇرىدۇ. كىتابنىڭ قوش بىسلىقى سەۋەبىدىن بەزى كىتابلار خاتا چۈشىنىلگەن ۋە بۇ خاتا چۈشەنچىلەر تراگېدىيىگە سەۋەب بولغان. مەسىلەن، تەڭرىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا يېتىش يولىدىكى سىناقلىرى ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى «ئەنەلھەق» سۆزىگە يىغىنچاقلىغان مەنسۇر ھەللاجى ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ خاتا چۈشىنىلىشى تۈپەيلىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن. «ھەللاج بىلەن بىز بىر يولدا» دېگەن ئەل سىبلى بۇ ئىشتىن ئۇجۇقۇپ، جېنىنى ئېلىپ قاچقان. يەنە، شەيخ بەدرىدىن قۇرئاندىن بايقىدىم دەپ قارىغان سىرلارنى «ۋەرىدەت» ناملىق ئەسىرىدە «سوپى مەنبەنى مەخپىي تۇتىدۇ، ئاشكارىلىسا ئۆلتۈرۈلىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، سۆزىنى ئاشكارىلىغان ۋە ئۇمۇ ھەللاجدەك ئۆلتۈرۈلگەن.

كىتاب ھەر خىل تىراگېدىيىلەرگە سەۋەب بولغان. گىيۇتىنىڭ ئىزتىراپلىق مۇھەببەتنى ئەكس ئەتتۈرگەن «ياش ۋېرتىرنىڭ دەردى»ناملىق رومانىدا باش قەھرىمان ئاخىرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. بۇ رومان شۇنچىلىك تەسىر قوزغىۋەتكەنكى، بەزى ئوقۇرمەنلەر شۇ قەھرىمانغا ئوخشاش ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالغان. بىر كىتاب ئۇلارنى ھايات يولىدىن ئېزىقتۇرغان.

كېيىنكى يىللاردا تۈركىيىدە كىتابنىڭ سىرلىق تەرەپلىرىگە بېرىلىش ئەھۋالى غولداپ قالدى، ھەر ئادەم ئۆزى قىزىققان كىتابتىكى ئۇچۇرلارنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا كېلىۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلدى. كىتاب ئىچىدە كىتاب يېزىش تېخنىكا-ماھارەت جەھەتتىن كىنو ئىشلەشتىكى ئالاھىدە تېخنىكىلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. روماننى كىنو-تىياتىرغا ئوخشىتىپ قويغان شۇ خىل يۈزلىنىش ۋە سىناق-تەجرىبىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى نەق كۆرۈپ تۇرمىساممۇ ئويلاپ تۇرۇقلۇق. كونتېكست ئارىسىدىكى (intertextual) باغلىنىشنى سىرلىقلاشتۇرۇشمۇ ئەسەرنىڭ تىلى، مەنە دائىرىسى ۋە رولىنى ھەر قاچان مۈجمەللەشتۈرىۋېتىدۇ دەپ ئويلايمەن. كىتاب، جۈملىدىن ئەسەر مەزمۇنىنى سىرلىقلاشتۇرۇشقا كېيىنكى مودېرنىزم قاراشلىرى بويىچە ئىزاھ بېرىپ باقايلى، كېيىنكى مودېرنىزم سەنئىتى ئۆلچەمسىزلەشتۈرۈشكە مايىل، كىم سىچرودېر«شېكىسپىرنىڭ ئەسەرلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ئۆزئارا سېلىشتۇرۇشقا بولىدىغان تەجرىبىلىرىنى ياراتقانلىقى ئۈچۈن خاندانلىقلار دەۋرى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدىغان كۈلتۈر قىممىتىگە ئىگە»دەپ ھېسابلىغان، مىخائىل سچۇدسون « ھەقىقىي سەنئەت سەنئەتنىڭ ئۆزىدىكى بىر يۈرۈش خۇسۇسىيەتلەردىن بەكرەك ئۇنىڭ قانچىلىك بىلىمنى سىغدۇرغانلىقى ۋە بىلىم بىلەن قانچىلىك باغلانقانلىقىدا كۆرۈلىدۇ»دەپ ئېيتقان. بۇلارنىڭ قاراشلىرى تەنقىدىي ئەسەرلەرنى مەلۇم جەھەتتىن پۈچەكلىككە چىقىرىدۇ. جامېس سۇرراننى نەزەردە تۇتۇپ ئېيتسام، بۇ قاراش «ئەدەبىي ئۆلچەملەرنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولماقتا ۋە بۇنىڭ ئورنىغا تاماشىبىننىڭ (شۇنداقلا ئوقۇرمەننىڭ) زوق-خۇشاللىقىنىلا ئاساس قىلىدىغان قىممەت ئۆلچىمىنى تەشۋىق قىلماقتا.

كىتابنىڭ سىرلىق ۋە ھاياتقا تەسىر قىلالايدىغان تەرىپىگە كۆز يۇمالمايمىز ھەم سەل قارىيالمايمىز ئەلۋەتتە. سىياسىيغا مۇناسىۋەتلىك ھاياتىمىزنىڭ روھىي بۆلۈنۈش كېسىلى ھالىتىگە كىرىىپ قېلىشىدا ئەسەرلەرنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇلۇغ ئەسەرلەرنى ئىزاھلاشنىڭ رولى چوڭ، بۇنى تۇرمۇشتىكى ۋەقە-ھادىسىلەرگە ئاساسەن ناھايىتى ئاسان چۈشىنىۋاتىمىز. (بۇ ماقالىنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەب بولغان ئورخان پامۇك «يېڭى ھايات» رومانىنىڭ بېشىدا شۇ خىل كىتابلارنىڭ ئىسمىنى چىقىرىدۇ). ھېس-ھاياجانغا تولغان، مەزمۇنى تەسىرلىك بىر كىتابنىڭ ئەنگىلىيىدە ناھەق ۋە ئورۇنسىز بىر جىنايەتكە سەۋەب بولغانلىقىنى، 14 ياشلىق ئىككى بالىنىڭ ئۆزى ئوقۇغان كىتابتىكى ئۇسۇلنى قوللىنىپ بىر ئادەمنى بوغۇزلىغانلىقىنى يېقىندا ئاڭلىدۇق. مانا بۇ ھاياتلىق ھېكايىسى. ئورخان پامۇكنىڭ «يېڭى ھايات» رومانى نەق شۇ جۈملە بىلەن باشلىنىدۇ: «بىر كۈنى بىر كىتاب ئوقۇدۇم، شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتۈن ھاياتىم ئۆزگەردى».

 ئورخان پامۇك ئاساسلىق مەسىلىنى تېخىمۇ چوڭايتقان

 ئورخان پامۇك كەڭ تەسىر قوزغىغان، مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان «قارا كىتاب» رومانىدىن تۆت يىل كېيىن نەشىر قىلدۇرغان «يېڭى ھايات»تا ئوقۇش ۋە يېزىش، يېزىش ۋە يارىتىش، ماھىيەت ۋە شەكىل، رېئاللىق ۋە تەسەۋۋۇر قوشماقلىرىدىن شەكىللەنگەن تۈپ مەسىلىنى كېڭەيتىدۇ ۋە رومانىنى بىر سىرلىق قەسىرگە ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن چىقىش ئۈچۈن بىر مۇنچە بەلگە قالدۇرۇلغانلىقى ئېنىق، ئەمما بۇنى بايقاش ئۈچۈن ئادەتتىكى رومان ئوقۇغاندىنمۇ بەك دىققەت، زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

ئوقۇش ۋە يېزىش جەريانى بىلەن كىتابنىڭ ئۆزى مەسىلىسى. پامۇك تۇنجى رومانى «جەۋدەت بەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى»دىن بېرى بۇ مەسىلە بىلەن كۆپ ھەپىلەشكەن. جەۋدەت بەگ كىتاب يېزىش جەريانىدا «خاتىرە دەپتەر» تۇتىدۇ؛ ئوغلى ئەھمەت نەچچە يىللاردىن كېيىن ئۇ دەپتەرلەرنى تېپىپ ئوقۇيدۇ. «جىمجىت ئۆي» دە سالاھىدىن دارۋىنئوغلى قانداقتۇر زادى پۈتتۈرەلمەيدىغان بىر ئىنسكىلوپېدىيە يازىدۇ، نەۋرىسى فارۇخ تارىخچى بولۇپ، ئارخىپلارنىڭ، بەلگىلەرنىڭ ئارىسىدا يوقاپ كېتىدۇ. مومىسى فاتىمە روماننىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ:«كىتاب تاماملانغاندا چۈشىنىكسىز نەرسە ۋە ھاياتنى يېڭىدىن چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنى باشتىن باشلاپ قايتا ئوقۇساڭ بولىدۇ». «ئاق قەلئە»دە بىز يەنە كۆرگەن فارۇخ دارۋىنئوغلى «جىمجىت ئۆي»دە ئۆزى ياشىغان گەبزە ناھىيە ئارخىپىدىن تاپقان قوليازمىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغاندا ئۇنى «مەن قايتا-قايتا ئوقۇغان ھېكايە» دەيدۇ. يەنە «ئاق قەلئە»نىڭ قوشكېزەك قەھرىمانى ھېكايىلەرنى «بىرلىكتە يازىدۇ». «قارا كىتاب» باشقا كىتابلار بىلەن چېتىشلىق نەقىللەر بىلەن تولغان رومان بولۇپ، ئاخىرىدا باش قەھرىمان غالىپ يازغۇچى جېلىل سالىككە ئايلىنىدۇ. ھەممە نەرسە ئەسەردۇر، شۇ روماننىڭ ئاخىرقى جۈملىسىمۇ: «ئەسەردىن باشقا ھېچقانداق نەرسە ھاياتنىڭ ئۆزىدەك ئاجايىپ-غارايىپ بولالمايدۇ، ئەلۋەتتە ئەسەردىن باشقا بىردىنبىر تەسەللىي ھاياتتۇر» دەپ ئاياغلىشىدۇ.

ئىزدەش كىتابى

 «يېڭى ھايات» ئىزدەشنى بايان قىلىدۇ، ھېكايە ئېيتقۇچىنىڭ «ھاياتنى ئۆزگەرتىدىغان» كىتابى بايان قىلغان دۇنيا، مۇھەببەت، تۇرمۇش ۋە ئۆلۈمنىڭ مەنىسىنى ئىزدەشنىلا ئەمەس، روماندىكى «يېڭى ھايات»ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، يوقالغان جانان، جاناننىڭ بۇرۇنقى يىگىتى مەھەممەتنى ئىزدەشنىمۇ بايان قىلىدۇ، يەنە تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا يېڭى ھاياتنىڭ قانداق يېزىلىشى كېرەكلىكىنى ئىزدەيدۇ.

رازىۋېتكا رومانلىرىغا قىزىقىدىغان ۋە ئاخىرقى نەتىجىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەندەك بىر ئوقۇرمەن «يېڭى ھايات» ھەققىدە شۇنداق خۇلاسىگە كېلىشى مۇمكىن:

بايانچى (يەنى باش قەھرىمان) ئۆزى ئاشىق بولغان قىز جاناننىڭ قولىدىكى «يېڭى ھايات»ناملىق كىتاب بايان قىلغان دۇنيانى تاپماقچى بولىدۇ. ئەمما مېنىڭچە، ئۇ كىتابتىن ئوقۇغاندىن كېيىن ئاندىن جانانغا ئاشىق بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كىتاب ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ ۋە خەتەرلىك سەپەرگە ئاتلاندۇرىدۇ. جانان بولسا ئۇ كىتابنى يىگىتى مەھەممەتتىن ئالغان. مەھەممەت بىر سۇيىقەست ۋە ئۆلۈمدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ئىسمىنى ئوسمانغا ئۆزگەرتىپ (بۇ باش قەھرىماننىڭ ئىسمى) يوقاپ كېتىدۇ ۋە «يېڭى ھايات»نىڭ تەخەللۇس قوللانغان ئاپتورىنى ئىزدەيدۇ. باش قەھرىمان بىلەن جانانمۇ مەھەممەتنى ئىزدەيدۇ. باش قەھرىمان ئاياغلاشماس ئاپتوبۇس سەپىرىدە ( «يېڭى ھايات»ناملىق ئەسلى كىتابتىمۇ ”ئەسەبىي ئاپتوبۇسلار“ باردۇر، ”ھەممە ئىشلار بىر سەپەردۇر“) شەھەردىن شەھەرگە، بازاردىن بازارغا قاتنايدۇ ۋە دوختۇر نارىن بىلەن تونۇشىدۇ. دوختۇر نارىن «مەتبەئەدىن چىققان بارلىق كىتابلار دەۋرىمىزنىڭ، ھاياتىمىزنىڭ دۈشمىنى“ دەيدىغان، بىر كىتاب ئوقۇپلا دادىسىغا قارشى چىقىپ يوقاپ كەتكەن ئوغلى ناھىتنى ئىزدەۋاتقان ۋە شۇ كىتابقا قارشى مەخپىي تەشكىلات قۇرغان بىر ئادەم. ئەسلىدە دوختۇر ئەمەس، ئادۋۇكات بولغان( ئەسكەرتىش: ئىنگىلىزچىدە ”دوكتور ھەم دوختۇر“ مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان Doctor سۆزى تۈركچە، ئەرەبچىدىمۇ شۇنداق كېلىپ، بىزگە كەلگەندە ئايرىلىپ كېتىپتىكەن، بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مەن ئۇ روماننى تۈركچىدىن تەرجىمە قالغاندا «دوكتور نارىن» دەپ خاتا ئېلىپ قويغانلىقىمنى بىلدىم) دوختۇر نارىن باش قەھرىمانغا ئوقۇتقان، ئىشپىيونلىرى ئارقىلىق تەييارلانغان ئاخباراتلاردىن بىز ئۇنىڭ ئوغلى ناھىتنىڭ ئوسمان دەپ ئىسىم قوللانغان مەھەممەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. يەنە بۇ ئاخباراتلاردىن ناھىت-مەھەممەت-ئوسمان ئىزدەۋاتقان «يېڭى ھايات»نىڭ ھەقىقىي ئاپتورىنىڭ باش قەھرىمان كىچىدىكىن بېرى تونۇيدىغان، بالىلار ئۈچۈن رەسىملىك رومانلار يازىدىغان، باش قەھرىماننىڭ دادىسىنىڭ سىرلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن سەپدىشى، تۆمۈر يول خىزمەتچىسى رىفقى بەگ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. باش قەھرىمان ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قوللانغان ۋە كىچىكىدە ئۆزىگە ئوخشاش رىفقى تاغىنىڭ رەسىملىك رومانلىرىنى ئوقۇپ چوڭ بولغان مەھەممەتنى تاپىدۇ ۋە ئۆزى توي قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنتۇيالماي ئىزدەپ يۈرگەن، كېيىن گېرمانىيىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەن جاناننىڭ بۇرۇنقى يىگىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئاخىرىدا باش قەھرىمان ئۆيىگە قايتماقچى بولۇپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدۇ، ئەمما جانان بىلەن تۈگىمەس سەپەر قىلغاندا پات-پات كۆرۈپ قالىدىغان قاتناش ۋەقەلىرىدەك بىر ۋەقەدە جان بېرىدۇ-دە، ”يېڭى بىر ھايات“قا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەسلىدىمۇ ئۇ ئۆزى ئوقۇغان كىتابتا ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنى بۇرۇنلا كۆرگەنىدى. ئۇ ” 89 كېچىسىنى ئاپتوبۇس سەپىرىدە ئۆتكۈزگەن“ بولسىمۇ، بەختلىك پەيتنى ھېس قىلالمىغانىدى. ئەمما ئۆلۈم ئۇنىڭغا ئاخىرىدا، كۈتۈلمىگەندە كەلدى. ھالبۇكى، روماننىڭ ئاخىرقى جۈملىسىدە “ئەمما مەن يېڭى بىر ھاياتقا ئۆتۈشنى، ئۆلۈشنى زادىلا خالىمايتتىم“ دېيىلگەنلىكى ئۈچۈن ھېچكىم ئۆلۈمدىن كېيىن بۇنداق بىر نەرسە يازالمايدىغانلىقىنى، باش قەھرىماننىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى، ئەسلىدە روماندىكى «يېڭى ھايات»نى قۇرمۇ قۇر يېڭىدىن يېزىۋاتقان ناھىت-مەھەممەت-ئوسماننىڭ ئورخان پامۇك ئىكەنلىكىنى ۋە قولىمىزدىكى «يېڭى ھايات»نى ئۇنىڭ يازغانلىقىنى بىلىمىز.

روشەنكى، «يېڭى ھايات» باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك يېڭى بىر سىرلىق قەسىرگە ئوخشايدۇ. بۇنىڭمۇ خېلى كۆپ ئىلھام مەنبەسى بار. مەسىلەن، ئۇمبېرتو ئېكونىڭ بىلىم ياكى سىرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بەزى قوليازمىلارنى ساقلايدىغان بىر تەرىقەتنى تېما قىلغان «گۇلنىڭ ئىسمى»ناملىق رومانى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. مەھەممەت ئېيتقان”بۇ كىتابنى ئوقۇساڭ خوش بولىسەن، ئىشەنسەڭ ئازغۇنۇققا كىرىپ قالىسەن“ دېگەن خەۋپ-خەتەر چۈشەنچىسىگە قارىغاندا ئورخان پامۇك جاسكۇس بېرگىرنىڭ «لەنەتلىك كىتابلار»ناملىق ئەسىرىدىن ئىلھاملانغان بولۇشى مۇمكىن. بېرگىرمۇ ئېكوغا ئوخشاش بىلىمگە قارشى ئۇيۇشقان بىر قارا تونلۇقلار تەرىقىتىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بەزى كىتابلارنى كۆزدىن يوقاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ تەرىقەت دوختۇر نارىن قۇرغان تەشكىلاتنى ئەسلىتىدۇ.

بۇ روماننىڭ باشقا بىر مەنبەسى دانتىنىڭ «يېڭى ھايات» ناملىق كىتابى. دانتى بۇ ئەسىرىدە بەزى شېئىرلىرىنى ئىزاھلاش، ئۇلارنى يېڭىدىن چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق بىئاترىكقا بولغان مۇھەببىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ بىلىم-ئاڭ يۈكسىلىشىنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە ئۆلۈم ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئورخان پامۇكنىڭ «يېڭى ھايات»ىدىمۇ جانان دانتىنىڭ بىئاتېرىكىدەك مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن. بايانچى (باش قەھرىمان) مۇنداق دەيدۇ: ”ئىسمىنىڭ ئاللاھ مەنىسىدە كەلگەن گۈزەل ئىسىم ئىكەنلىكنى بىلمەيدىغانلار بىلەن دوستلۇقۇمنى ئۈزدۈم“. بۇنىڭدىن باشقا، جانان مۇھەببەت ۋە ئۆلۈمنىڭ سىمۋولى، بۇ خىل يېقىنلىق پەرىشتىلەرنىڭ قىياپىتىنى ھەمدە رىلكەنىڭ «دۇلىنو مەرسىيىلىرى»ناملىق كىتابىنى ئەسلىتىدۇ. قىزىققۇچىلار يەنە جورج لۇئىس بۇرخىسنىڭ «ئېلپبە ھېكايىسى»نى، سېرۋانتېسنىڭ «دون كىخوت»ىنى قايتا سۆزمۇ سۆز كۆچۈرىدىغان غەلىتە پىرسۇناژ چىقىدىغان «دون كىخوت يازغۇچىسى پېررى مېنارد» ناملىق ھېكايىسىنى ئەسلەپ باقسا بولىدۇ.

باش قەھرىماننىڭ ئىز قوغلىشى، دوختۇر نارىننىڭ ئىشپىيۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلىرىنى ئەسكە ئالساق، بۇر رومان رازېۋىتكا رومانلىرىدىن ئىلھام ئېلىنغاندەك تەسىرات بېرىدۇ. ئورخان پامۇك بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى (دانتى ۋە رىلكەنى) ئۆزىمۇ ئېيتىپ ئۆتىدۇ. چۈنكى ئۇ شۇلاردىن ئىلھاملىنىپ، شۇ مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ يېڭى بىر ئەسەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلىگەنلىكى ئۈچۈن ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەيدۇ، يەنى باش قەھرىمان رىفقى تاغىنىڭ «يېڭى ھايات» ناملىق كىتابىغا باھا بەرگەندەك ئېيتقاندەك ” بارلىق كىتابلاردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان بىر كىتاب“ يازماقچى بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟

چۈنكى يېزىقچىلىق «ئاق قەلئە»رومانىنىڭ باش قەھرىمانى ئېيتقاندەك” بىر دەقىقىلىك تۇيغۇلارنى جەملەپ ئۆز كەچمىشىنى ھاسىل قىلىش“قا تىرىشقاچ باشقا بىر رېئاللىق پەيدا قىلىش ۋە ئۇنى بايان قىلىشقا ئۇرۇنۇشتۇر. «ئاق قەلئە»نىڭ باش قەھرىمانى مۇنداق دەيدۇ: ” ياخشى-يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى خىيال قىلدىم ۋە باشتىن كەچۈردۈم“. پامۇك خىيالغا بېرىلىدۇ، ئىلھام ئالىدۇ، تەسەۋۋۇر قىلىدۇ؛ بۇ جەرياندا ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ ئىجادىيەتكە زوق بىلەن قېتىلىشىنى، ئىجادىيەت شادلىقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى، ئۆزلىرىگە قۇرۇلغان ”توزاق“ ۋە تېپىشماقلارنى تېپىشىنى، سىرلىق قەسىردىن چىقىش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويۇلغان بەلگىلەرنى كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

مەسىلەن، روماننىڭ بېشىدا باش قەھرىمان «يېڭى ھايات» ناملىق كىتابنى ئوقۇشقا باشلىغاندا” بۇ كىتابتا خۇددى ئۆزى ھەققىدە گەپ بولۇۋاتقاندەك“ تۇيغۇغا كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ، بۇنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئوقۇرمەن رىفقى تاغا ئەسلىدىلا ئۇ كىتابنىڭ قەھرىمانىغا ئۇنىڭ(ئوسمان)نىڭ ئىسمىنى قوللانغانلىقىنى249-بەتتىن(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە 331-بەت) ئوقۇپ بىلگىنىدە ھەرگىز ئەجەبلەنمەيدۇ.

بۇ رومان ئىزچىل ھالدا ئاپتوبۇس ۋەقەلىرى، جىنايەت ئىزلىرى، پەرىشتە دېگەندەك موتىفلار (تۈپ مەقسەت-مۇددىئالار) نى چۆرىدىگەن ھالدا دائىم بىر-بىرىنى ئىزاھالايدىغان قىسىملاردىن شەكىللەنگەن. دەرۋەقە، ئورخان پامۇك روماننىڭ ئاخىرىدا سۇرەييا بەگنىڭ ئەما ئىكەنلىكىنى ئالتە سائەتلىك پاراڭدىن كېيىن بىلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كۈلىدىغان ئوقۇرمەنگە شۇنداق دەيدۇ: ” مەنمۇ مەسخىرىۋاز ئوقۇرمەنلەردىن بۇ روماننى ئۇجۇر-بۇجۇرلىرىغىچە دىققەت قىلىپ ئوقۇغان-ئوقۇمىغانلىقىنى سوراپ باقايمۇ؟ پەرىشتە دەسلەپتە تىلغا ئېلىنغان سەھنىنىڭ رەڭلىرىنى ئەمدى ئەسلەپ باقالامسىز؟ ياكى «تۆمۈر يول قەھرىمانلىرى»ناملىق ئەسىرىدە رىفقى تاغىنىڭ شىركەت ناملىرىنى سانىشىنىڭ «يېڭى ھايات»قا قانداق ئىلھام بەرگەنلىكىنى دەرھال ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ “. دەرۋەقە ئوقۇرمەن ۋەيرانباغ ئىسمىنىڭ 16-بەتتىكى ”مەن يىللارچە ۋەيرانباغدا ياشىدىم“ دېگەن جۈملىنى ئەسلىيەلىسە، 249-بەتتىكى پويىز بېكىتى ئىسىملىرىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلەلەيدۇ. 18-بەتتە رىفقى تاغىنىڭ ئۆيىدىكى تامدا بىر بارومېتىر(گاز بېسىمى ياكى نەملىك ئۆلچىگۈچ) سىخېمىسى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئوقۇرمەن 109-بەتتە دوختۇر نارىننىڭ باش قەھرىمانغا ” تامدىكى بارومېتىرنى ئۈچ قېتىم چېكىپ باق“ دېگەن گېپىدىن شۈبھىلىنىپ قالىدۇ ۋە 247-بەتنى ئوقۇپ رىفكى تاغىنىڭ بارومېتىرنى چېكىشىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەلەيدۇ ھەمدە دوختۇر نارىننىڭ رىفقى تاغىدىن ئۆزگەرتىلگەن ئادەم ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالايدۇ.

ناھىت، مەھەممەت ياكى ئوسمان دادىسى دوختۇر نارىننىڭ كىتابقا قارشى بىر تەشكىلات قۇرغانلىقىنى بىلمەستىن ” ئالجىغان بىرسى ئۇ كىتابقا مەپتۇن بولۇپ قالغانلارنى ئولتۇرمەكچى بولىۋېتىپتۇ“ دېيىش ئارقىلىق ۋەقەلىكنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئالاھدىلىكنى تەكىتلىگەن. شۈبھىسىزكى، بۇ تەكىتلەش روماندا بايان قىلىنغان سۇيىقەستچىلىك ئىدىيىسىنىڭ چىنلىقى ۋە رېئال ئاساسىنى تىكلىگەن.

بۇلارنىڭ مەقسىتى نېمە؟ دېگەندە، شۇنداق دېيىش مۇمكىن: تېپىش، يۈتتۈرۈش، يېڭىدىن تېپىش، ھەل قىلىش ۋە خۇشال بولۇش. يالغان ئوسمانمۇ شۇنى دەيدۇ:” بىر ياخشى كىتاب بىزگە پۈتۈن دۇنيانى ئەسلىتىدىغان نەرسىدۇر، كىتاب كىتابنىڭ ئۆزىدە يوق، ئەمما بارلىقى ۋە ئىزچىللىقىنى مەن ئۇنىڭ بايان قىلغانلىرى ئارقىلىق ھېس قىلغان نەرسىنىڭ بىر پارچىسىدۇر“. دەل شۇ ۋەجىدىن، «يېڭى ھايات» بىزنى بۇ دەۋرىمىز ۋە جەمئىيىتىمىزنىڭ مەسىلىلىرىگە يۈزلەندۈرىدۇ: ھەر قانچە قىلىپمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولمايۋاتقان، ھەر يىلى مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇۋاتقان قاتناش ۋەقەلىرى، سىياسىي قارا گورۇھلار، يېڭىدىن چىققان بىمەنە نەزەرىيىلەر، روھىي بۆلۈنۈش كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىشى… ۋاھاكازالار. يەنە كېلىپ ئورخان پامۇكمۇ يالغان ئوسمان تەكىتلىگەندەك” ئىسمى بار، جىسمى يوق دىيارنى ئەسەر ۋە كىتابنىڭ سىرتىدىن ئىزدەش بىھۇدىلىك“ دەپ ئويلايدۇ. ئورخان پامۇك ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى سىنىغان ۋە ئۇلارنى ئويلاندۇرغان نۇقتىلارنى ھەمدە روماندىكى مەزمۇنلارنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، يازغۇچى «يېڭى ھايات» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ھېچقانداق يوچۇق قالدۇرمىغان دەپ ئېيتىش كېرەك.

 زامانىۋىلىشىش تىرىشچانلىقىنىڭ پاسسىپ تەرەپلىرىگە تەنقىد

ئاپتور بىزنى ئاپتوبۇس سىرتىدىن ئۇچقاندەك ئۆتۈۋاتقان شەھەر-بازار ۋە مەھەللىلەردىن ئۆتكۈزۈپ، بىزگە ھەر خىل مەنزىرىلەرنى كۆرسىتىۋاتقاندا، كۆپ قاتلاملىق پىكىر-چۈشەنچىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن «يېڭى ھايات» ئۇزۇندىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان شەرق-غەرب مەسىلىسى، مۇھىت ۋە تەبىئەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، ئەنئەنىۋى تۇرمۇشنىڭ تېز بۇزۇلۇشى… قاتارلىق ئەجەللىك مەسىلىلەرگە تېگىدۇ. روماندىكى رازېۋىتكىلىق تەكشۈرۈشلەر ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەر تۈركىيىنىڭ زامانىۋىلىشىش تىرىشچانلىقىنىڭ زىيانلىق ئامىللىرىنىڭ تەنقىدلەنگەنلىكىنى(گەرچە يوشۇرۇن ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ) بايقىيالايدۇ.

”دەرتمەن بايلار“ بۇ خىل مۇھىتتا تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىنغان، بۇ بىزگە بىر نەچچە تەرەپتىن ئۇچۇر بېرىدۇ. تۈركىيىدە ئاللىقاچان ئورنىنى يوقاتقان، ھېچقانداق ئىلمىي ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش رولى يوق، قالايمىقان نۇتۇقلار سۆزلىنىدىغان مەجلىس، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، دەبدەبە سەۋدالىقى ۋە باشقا بىمەنە ئىشلار بۇ ئەسەردە تولۇق كۆرسىتىلگەن ۋە مەسخىرە قىلىنغان. مەجلىس ئىشتىراكچىلىرى ۋە سۆزلىگۈچىلەر مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماي، بەلكى ئۆزئارا شىكايەت قىلىشىپ، مەجلىسنى دەرت تۆكۈش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. «يېڭى ھايات» بۇ قالاق ھادىسىنى ئاشكارىلايدۇ ۋە ”دەرتمەن بايلار“ مەجلىسىنى بايان قىلىش ئارقىلىق چەت شەھەر-بازارلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىدۇ.

بۇ نۇقتىدا چەتئەل ئىقتىسادى، يەرلىك ئىقتىساد ۋە سەرمايە مەسىلىسىگە دىققەت قىلغىنىمىزدا ئورخان پامۇكنىڭ مەركەز ۋە مەركەزدىن يىراق نەزەرىيىسى بويىچە پىكىر يۈرگۈزگەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. شەك-شۈبھىسىزكى، تۈركىيە دۇنيا كاپىتالىزم سىستېمىسى ئىچىدە مەركەزدىن يىراق مەۋقەدە، دۇنيا كاپىتالىزىمىنىڭ ئۆپچۆرىسىدە سىغدىلىپ تۇرماقتا. مەركەزنىڭ كۈچى، سالمىقى پەقەت مەدەنىيەت ۋە ئىدىئولوگىيە جەھەتتە ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادتا ئىپادىلەنمەكتە. ئا. ئەممانۇئەل، س. ئەمىن ۋە باشقا نەزەرىيىچىلەر تەرىپىدىن بېيىتىلغان مەركەز-مەركەزدىن يىراق نەزەرىيىسىنىڭ ئەمەلىيىتى خەلقئارادا كۆرۈلمەكتە. تەرەققىي قىلىپ كېتەلمىگەن كىچىك شەھەرلەر مەركىزىي شەھەرلەر ئالدىدا تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالماقتا. شۇ سەۋەبتىن ئورخان پامۇك بۇ رومانىدا ئۆزى ئانچە سۆيۈنمىگەن تەقدىر-قىسمىتى ۋە مەۋجۇت چەكلىمىلىكلەردە قالغان ئىجتىمائىي مۇھىتنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

پامۇك ”بايلار مەجلىسىدە خەلقئارا چوڭ شىركەتلەرنىڭ شىددەتلىك زەربىسىدە ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن يەرلىك ئۇششاق بۇرۇژۇئازىيىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تىلغا ئالدىم“ دەيدۇ، شۇنداقلا يەرلىك ياكى ئەجنەبىي بولسۇن بارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ”دۆلەتنىڭ بارلىق كوچىلىرىنى، قاۋاقخانىلىرىنى بىر-بىرىگە ئوخشىتىپ قويغانلىقىنى، يەرلىك مەدەنىيەت ۋە بۇرۇژۇئازىيىنى يوقاتقانلىقىنى“ ئېيتىدۇ. بۇ توغرا كۆزىتىشلەر روماندا خېلى ئاشكارا ئىپادىلەنگەن. مەزكۇر ئىجتىمائىي مەسىلىلەر كوچىلاردىكى ئېلان تاختىلىرى، ئەينەكلىك مال جاھازىلىرى دېگەندەك تەسۋىرىي ۋاسىتىلار ئارقىلىق رومانغا يۇغۇرىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇنى جەمئىيىتىمىزدىكى سەل قارىغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەر قاتارىغا ئېلىپ كەلگەن.

مەركەزدىكى خەلقئارا سەرمايە بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن يەرلىك مەركىزىي شىركەتلەرنىڭ شېرىكى ياكى ئىشلەپچىقارغۇچىسى ھالىتىدىكى تۆۋەن قاتلام بۇرۇژۇئازىيىنىڭ قانچىلىك يوقالغانلىقى ياكى بۇ يوقىلىش، بىرلىشىپ كېتىشنىڭ قانچىلىك كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. بۇلار روماندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈپ مەسىلىلەر بولماستىن، ۋەقەلىكنى چىنلىققا ئىگە قىلىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەردۇر.

 «يېڭى ھايات»نىڭ شەكىل ۋە ئۇسلۇب ئالاھىدىكلىرى

 ئورخان پامۇك بۇ كىتابىدىمۇ تىل خاتالىقلىرىغا يول قويغان بولسىمۇ(بۇلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشنى ئەھمىيەتسىز دەپ قارايمەن)، ئۇنى ئۆزگىچە تالانتقا ئىگە رومانچى دەپ ئويلايمەن. ھەر قانداق يازغۇچى تىل ئىشلىتىش جەھەتتە خاتالىشىدۇ، ئەدەبىي تەنقىد بىلەن تىلشۇناسلىقنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. شۇ ۋەجىدىن «يېڭى ھايات»نىڭ شەكىل ۋە ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكلىرىگە بولغان كۆز قارىشىمنى ئۇششاق مەسىلىلەرگە تەگمىگەن ھالدا تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلىمەكچىمەن.

باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، «يېڭى ھايات» كونتېكست ئۇچۇرلىرىدىن قۇرۇلغان بىر باياندۇر. كىتاب، يازغۇچى (ھەقىقىي ۋە ساختا)، تۇرمۇش، ئۆلۈم، مۇھەببەت، قازايى قەدەر، ئېتىقاد ۋە ئەقىل دېگەندەك ئۇقۇملار ۋە قوشماق ئۇقۇملارنى چۆرىدىگەن بۇ ئۇچۇرلار مېنىڭچە ھاياتلىق ۋە ھەقىقەت ھادىسىسىدىن ئىبارەت ئاساسلىق ئىدىيە-چۈشەنچىگە باغلىنىدۇ. بۇ ھاياتلىق ۋە ھەقىقەتنى مۇمكىنچىلىك ئىچىدە دەپ ئويلايمەن. روماننى بېشىدىن ۋە ئاخىرىدىن بىر قېتىم ئوقۇغىنىمىزدا شۇنى تەكرار چۈشىنىمىزكى، ناھىت، مەھەممەت، ئوسمان ئىسىملىك بايانچى ۋە باشقا بارلىق بېقىندا بايانچىلار بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن يازغۇچى بىزگە ئۆز ھېكايىسى (بايانچىنىڭ ھېكايىسىدىكى پىرسۇناژ بايانى)نى، بىرىنچى شەخسنىڭ ھېكايىسى (بايانچىنىڭ پىرسۇناژ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقان راست، يالغان ياكى ئەسلىمە شەكلىدىكى ھېكايىسى)نى ياكى ئۈچىنچى بىر ھېكايىنى (بايانچى ئېيتقان ھېكايىنىڭ سىرتىدىكى ھېكايىنى) ئېيتقان بولسۇن، ئاساسلىق بايان قىلىنماقچى بولغان نۇقتا شۇكى، ھەممە نەرسە تەكرارلىنىدۇ: ئۆلۈم، مۇھەببەت، ئۈمىد، بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە كىتاب ۋە ئەسەرمۇ بار.

بۇ تەكرارلىنىشقا بىر مىسال كەلتۈرەيلى: روماننىڭ 18-بېتىدە ”ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن“كىتابنى ئوقۇغان ئوسمان كېچىدە ئۆيىدىن چىقىپ كوچىدا يۈرگەندە رىفقى تاغىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ ۋە ”بىنا باغچىسى بىلەن پىيادىلەر يولىنى ئايرىپ تۇرغان تامغا ئىختىيارسىز يامىشىدۇ“. 231-بەتتە بۇ ئىش تەكرارلىنىدۇ: بايانچى(ئوسمان) ئۆزىنىڭ ”كىتابنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغان كېچىدىكىگە ئوخشاش“ كوچىدا يۈرگەنلىكىنى بايقايدۇ. 232-بەتتە، ”ئىختىيارسىز“ دېگەن سۆزدىن مۇستەسنا ھالدا ” بىنا باغچىسىنى پىيادىلەر يولىدىن ئايرىپ تۇرغان تامغا چىقىدۇ. ئوخشاش كۆرۈنۈش تەسۋىرلىنىدۇ.

بايانچى، يەنى ھەقىقىي ئوسمان ” ھايات بىر ساراڭنىڭ بىمەنە ھېكايىسى بولمىسا(…) رىفقى تاغا «يېڭى ھايات»نى يېزىۋاتقاندا تەساددىپىي تۇيۇلىدىغان تەقدىر چاقچىقىنىڭ ئارقىسىغا بىر مەنتىقىنى يوشۇرغان بولۇشى كېرەك“ دەۋاتقاندا، ئۇنىڭ نەق ئۆزى بولغان ئورخان پامۇكنىڭ مەنتىقىسىنىمۇ بىر ياندىن ئاشكارىلايدۇ. ھەقىقىي تۇرمۇش ئەسەر ئىچىدە، شۇنداقلا ئەسەرلەر بىر خىل تەكرارلىنىشتۇر. روماندا ئىبنى ئەرابىنىڭ مۇنداق سۆزى بېرىلگەن: ”قولۇمغا بىر كىتاب كىرىپ قالدى. ئوقۇسام بىر قانچە توملۇق كىتابتەك قىلاتتى، ئوقۇمىسام بىر توپ يېشىل يىپەك رەختتەك تۈسكە كىرىپ قالاتتى… شۇ چاغلاردا كىتابنىڭ رەقەملىرىگە، ھەرپلىرىگە قاراپ قاپتىمەن، قول يازمىسىدىن بۇنىڭ ھەلەب قازىسى شەيخ ئابدۇرەھماننىڭ ئوغلى تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى بىلدىم. ئېسىمگە كەلسەم، ھازىر سىز ئوقۇۋاتقان بابنى يېزىۋاتاتتىم؛ بىردىنلا شۇنى چۈشەندىمكى، شەيخنىڭ ئوغلى يازغان ۋە مەن چۈشۈمدە كۆرگەن باب بىلەن ھازىر مەن يېزىۋاتقان كىتابتىكى باب بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ.“

باشقا تالاش-تارتىشنى قويۇپ، بۇ سېلىشتۇرۇش ۋە ئوخشاشلىقتا سىياسىي، ئىدىئولوگىيىلىك چاتاق بار-يوقلۇقى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي:

تېخىمۇ كۆپ يېڭى ھاياتنى كۆرۈۋاتىمىز ۋە ئۇنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. چۈنكى بۇ رومانمۇ بىر ئاپتوبۇس، يەنى ئەتراپنى تاماشا قىلىش ۋە ئۆلۈش ۋاسىتىسى. دەرۋەقە بۇ ھاياتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىزمۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئورخان پامۇك رومانچىلىق ئېڭى ۋە پەم-پاراسىتى بويىچە بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى يوشۇرۇن قالدۇرغان. رومانچى بايان قىلىدۇ، كۆرسىتىدۇ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قايتا كۆرسىتىدۇ، قايتا بايان قىلىدۇ، ئىجادىي يەرلىرىنى ئۆزلۈكىدىن قايتىلايدۇ، ئازغۇن ھاياتنىڭ بىمەنىلىكى ۋە پالاكەتكە ھامىلدار ئىكەنلىكىنى تەكرار كۆرسىتىدۇ. پامۇك بۇ روماندا شەرق بىلەن غەرب، ئېتىقاد بىلەن ئەقىل، تەقدىر بىلەن بالا-قازا، مۇھەببەت بىلەن ئۆلۈمدىن شەكىللەنگەن، شەكىللەندۈرۈلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا، داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تارىخىي ئەنئەنە ۋە كۈندىلىك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك كۆپ گەپ قىلمىغان، بەلكى ئۇنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىستېتىك زوقىغا ھاۋالە قىلغان.

سمۋوللۇق تەكرارلىنىش ۋە ئىستېتىك مەنىلەرنى مەزكۇر روماننىڭ تېكست مەزمۇنىدىن ئەمەس، بەلكى ئورخان پامۇكنىڭ باشقا رومانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشتىن ئىزدەپ باقساق بولىدۇ. مەسىلەن، «يېڭى ھايات»تا ئۈزلۈكسىز يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس ۋەقەلىرىدىن كېيىن تاشلىنىپ ياتقان ئۆلۈكلەرنى، مىجىلىپ كەتكەن باشلارنى، قان ئىچىدىكى چىرايلارنى ھەيرەتتە كۆزەتكەن، شۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن ”ئۆز ئۆلۈمىنى كۆرگەن“ ۋە بۇلارنى بايانىغا سىڭدۈرۈۋەتكەن باش قەھرىمان(ئوسمان) ” ھاياتىمنىڭ ئۆزەم قىياس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئاجايىباتقا تولغانلىقىنى ھېس قىلدىم“ دەيدۇ. بۇ گەپ بىلەن «ئاق قەلئە»رومانىدىكى بايانچىنىڭ شۇ گەپلىرى ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بار دەپ قارايمەن: ”ئۆلۈۋاتقانلار بىلەن ئۆلۈكلەر ئارىسىدا يۈرگىنىمدە ھاياتنى ھېچقاچان بۇنداق سۆيمىگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم“.

كېيىنكى مودېرنىزملىق ھېكايىلەر ئۆتمۈشنى پەقەت پايدىلىنىش مەنبەسى سۈپىتىدە كۆرىدۇ ھەمدە تارىخىي مەزمۇنلارنى پەقەت ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىش سەۋىيىسىگە چۈشۈرۈپ، ئەسلىمە جەريانىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى خورىتىدۇ. بۇ خىل كەچمىش ئادەمدە ھېچبىر رەت قىلىش ئارزۇسى پەيدا قىلمايدۇ: بولىدىغان ئىش بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەسلىدە مەۋجۇت نەرسە تېكست مەزمۇنىدىن ئىبارەت. روماندىكى بارلىق پاجىئە، تىراگېدىيىلەر شۇنىڭ بىلەن كەتسۇن. بۇنى ئەلۋەتتە ئورخان پامۇكغا ئارتىپ قويمايمەن. ھالبۇكى بۇ ئەسەرگە (ھەر بىر ئەسەردە يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى ئەكس ئېتىدۇ دېيىلسە) مۇنازىرە قىلىشقا تېگىشلىك پەلسەپىۋى، سىياسىي، ئىدىئولوگىيىلىك چۈشەنچىلەرنىڭ سىڭدۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتمەكچىمەن.

 «يېڭى ھايات»تىكى شەخس ۋە ئىگە

  ئورخان پامۇك ئەسەرلىرىدە شەخس (پىرسۇناژ) ياكى ئىگە (ئىش-ھەرىكەت ئىگىسى)نىڭ يوقلۇقىنى تۇنجى قېتىم «ئاق قەلئە»رومانىدا كۆرگەن ئىدۇق. روماندىكى ۋەقەلىك بىر ئەسلىمىدىن ۋە تېپىلىپ قالغان بىر (تارىخىي) يازمىدىن كەلگەنىدى. ”‹مەن›نىڭ ‹سەن›“، ”‹سەن›نىڭ ‹مەن›“ بولۇش مەسىلىسى، ھەر نەرسىنىڭ بىر جۇپتى بولىدىغانلىق چۈشەنچىسى ئورخان ئەسەرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى مۇھىم ئامىلدۇر. «قارا كىتاب»رومانىدا بۇ مەسىلە تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ ئۇنىڭدا ئىسمى بار، جىسمى يوق، كىملىكى، خاسلىقى، ئالاھىدىلىكى نامەلۇم، ھەتتا ئۆزىگە ئۆزى ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنى كۆرىمىز.

بۇ مەسىلە «يېڭى ھايات»تىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ كىتابتا رومان كىشىلىرى يوق، پەقەت باش بايانچى (يەنى ئورخان پامۇك) ئۆزىگە باياناتچى قىلۋالغان پىرسۇناژلار تەرىپىدىن بېرىلگەن ئوي-خىياللار بار. شۈبھىسىزكى، يازغۇچىغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان كىشىلەر ئەسەرنى بايان قىلىدۇ ھەم تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ياشىغان، ئەركىن ھەرىكەت قىلغان ۋە ھەرىكەت قىلالايدىغان دائىرىدە ئوي-پىكىرلىرىنى بىر-بىرىگە يۇغۇرىۋېتىدۇ. باش قەھرىمان ئۇ ئاپتوبۇستىن بۇ ئاپتوبۇسقا ئالمىشىپ، بىر بالا-قازادىن يەنە بىر بالا-قازاغا كېتىۋاتقاندا، كىشىلەر ئۆلۈۋاتقاندا (مەسىلەن، روماندىكى ھەقىقىي ئوسمان−بايانچى ”مەن بىر چاغلاردا باشقا ئادەم ئىدىم، ئۇ باشقا ئادەم مەن بولماقچى ئىدى“ دېسە، ”مەھەممەتنىڭ باشقا بىر ھاياتىغا كېتىۋاتىمەن“ دېگەن جانان ” ئەمما ئۇ باشقا ھاياتتا ئۇ مەھەممەت ئەمەس، باشقا بىرسى ئىدى“ دەيدۇ)، شۇنداقلا روماننىڭ ۋاقىت تەكشىلىكىدە پەقەت بىرلا ھادىسە ۋە بىر باش ئىدىيە تەكرارلانغاندا، يەنە ئەڭ ئاخىرقى يېشىمدا ھېچ ئىش بولمىغاندا ئوقۇرمەنلەر ھاياتنىڭ ۋە رېئاللىقنىڭ ئەھمىيىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلايدۇ. روماندىكى كىشىلەردىن كىمنىڭ ياشىغانلىقى، كىمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇققىلى بولمايدۇ، بۇ ھالدا كىمنىڭ كىم ئىكەنلىكى ياكى كىم ئەمەسلىكى بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىدۇ. شۇ چاغدا بىز بايانچى ئېيتقاندەك، ئۆزىمىزنىڭ ” ئۆز خاتىرىسىنى غەلىتە ھالدا يوقىتىش“ قا دۇچار بولغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز. ”دەرتمەن بايلار“ تەشكىلاتى، دوختۇر نارىننىڭ سائەت ئىسىملىرىنى بەلگە قىلىشقان ئىشپىيونلىرىنىڭ بىر-بىرىگە يەتكۈزۈشكەن ۋە بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئاخباراتلىرى بىزدە دائىم رېئاللىققا قارىتا بىر خىل ۋەھىمە تۇيغۇسى پەيدا قىلىپلا تۇرىدۇ.

ئوسمان، مەھەممەت، ناھىت، جانان، رىفقى تاغا، دوختۇر نارىنلارنىڭ ھەممىسى نامەلۇم شەخسلەر، ھەممىسى باش قەھرىمان، ھەممىسى ھېكايە توقۇغۇچىلار، يەنى يازغۇچىنىڭ دەل ئۆزى. ئەمما شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بىزمۇ تارىخنىڭ داۋامى ۋە ھەر بىرىمىز بىر شەخس، بىر ئىگە، بىر باش قەھرىمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆز ھېكايىمىزنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز.

”ئەسلىسىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۆپەيتىلگەن رەڭسىز نۇسخىسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى“ ئېيتقان بايانچىنى ئۆزىنىڭ باياناتچىسى قىلغان ئورخان پامۇك «يېڭى ھايات»تا مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە سىياسىيغا ئائىت مەسىلىلەر (بايلار، باشقا تەشكىلاتلار، جىنايەتلەر ۋە باشقىلار) ئارقىلىق يەنە قانداق پىكىر ۋە مەقسەتلەرنى بىلدۈرمەكچىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇ رومان ياكى باياندىكى (ئەجىبا بۇ رومان بىلەن بايان بىردەكلىككە ئىگىمۇ؟) ئاساسلىق ئىدىيە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىدىيىنى بۇزماقچىمىدۇ؟ مېنىڭچە، ئورخان پامۇك كىتابقا ئىشىنىش مەسىلىسىنى مۇنازىرىگە قويماقچى بولدى ۋە شۇنداق قىلدى. ئاندىن تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا تۇرمۇشنىڭ بىر خىل ئەنئەنە ئىكەنلىك ئىدىيىسىگە قارشى چىقماقچى بولدى ۋە قارشى چىقتى: مەسىلەن، مەھەممەت-ناھىت-ئوسمان(قايسىسى بولسا بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: ” تەقلىدىي بىر ئەسلى نۇسخا، بىر ئاچقۇچ، بىر سۆز ياكى بىر يىلتىز ئىزدىشىمىز بىھۇدىلىك“.

كىتابنى ئۇلۇغلاپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان بىر كىتابنىڭ كىتاب يۈزىدە گۇمان پەيدا قىلىشىغا ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئىجتىمائىي، مەدەنىي، سىياسىي، ئىدىئولوگىيىلىك كاتىگورىيىلەرنىڭ ھەر بىرى بىزگە ھەمراھ قىلىنماقتا. مەھەممەتكە ئوخشايدىغان بايانچى ئوسمان ئۇ كىتابنىڭ ”بېرەلىگۈدەك ھېچ بىر سىرى يوقلۇقىنى“ بىلگەن مەھەممەتنىڭ پىكرىگە قوشۇلىدۇ. ئۇ كىتاب مەزمۇنىنى ئۇلۇغلاپ كېتىشكە قارشى يوسۇندا مۇنداق دەيدۇ:”بىر كىتابقا زىيادە ئىشىنىپ كەتكەن ياشلاردەك ئۇ قېرى يازغۇچىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك، قالاقلىق، خائىنلىق، قورقۇنچاقلىقتا ئەيبلىگەنىدى“. روماندا ئۇ كىتابنى چوڭ بىلىپ كېتىشكە قارشى يوسۇندا قوپال ئېيتىلغان سۆز-جۈملىلەر بار: ” ئۇ ئەخمەق دائىم كىتابلارنىڭ ئاستىنى سىزىپ ئوقۇيدىكەن“. شۇنى ئېيتىش كېرەككى، دائىم پەرىشتە ھەققىدە گەپ قىلىپ يۈرۈيدىغان بايانچىنىڭ ”ئەخمەق“ دېگەن بۇ سۆزى مۇشۇ سۆزنى ئېيتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئىشلەتكەن تىلى ۋە ئۇسلۇبىغا ئانچە ماس كەلمەيدۇ.

 بارلىق كىتابلاردىن روياپقا چىققان بىر كىتاب − «يېڭى ھايات»

 بەختلىك بالىلىقىمىزدا ئىچىدىن ”پەرىشتە“لەر چىقىدىغان ’يېڭى ھايات‘شاكىلاتلىرى ”خەلقئارا چوڭ شىركەتلەرنىڭ مېۋە تەملىك، كۆپ ئېلانلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە تېلېۋىزوردا لەۋلىرى چىرايلىق بىر ئامېرىكا گۈزىلىنىڭ ئۇ شاكىلاتلارنى جىلمىيىپ تۇرۇپ يېيىشلىرى نەتىجىسىدە“ ئارىمىزدىن يوقاپ كەتكەندە، شۇنداقلا شاكىلاتلاردىن چىققان ”پەرىشتىلەر“ دە ئەكس ئەتكەن زاماننىڭ قارشىلىق كۈچى خۇددى يەرلىك زاۋۇت مەھسۇلاتلىرىدەك يوقاپ كەتكەندە، ئۆزگۈرۈۋاتقان تۇرمۇش ئالدىمىزغا قويغان مەسىلىلەر نېمە؟ پەرىشتىلەر، ئىسلامىيەت ۋە خىرىستىئانلىقتىكى پەرىشتىلەر قەيەردە؟ رىلكەنىڭ «دوئىنو مەرسىيىلىرى»دىكى پەرىشتىلەرنىڭ ئىسلامىيەتتىكى پەرىشتىلەرگە ”يېقىنلىقى“ نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇ بىلىملەر نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ قوغدىغۇچى پەرىشىتىلەر ھەممە ئىشىمىزنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ، ھەممە نەرسە ئەسەردۇر، ئۇنداقتا دۇنيادا ئەسەردىن باشقا ھېچنېمە بولمىغان بولىدۇ.

شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر روماندىكى ھەممە نەرسە بىر-بىرلىرى ئارىسىدا ھېچ بىر ئىزاھات-چۈشەندۈرۈشلەرگە مۇھتاج بولماستىن يانمۇيان كېلەلەيدۇ: تەسەۋۋۇپ بىلەن سىياسەت، دانتىنىڭ «يېڭى ھايات»ى بىلەن رەسىملىك رومان، ئىرقچىلىق بىلەن ئىنسانپەرۋەلىك ۋاھاكازالار. شۇنداقلا بۇ ئەسەردە نەزەرىيىدىن ئەمەلىيەتكە، كۆزىتىشتىن تەنقىدكە ئاسانلا ئۆتەلەيسىز: ”ئەپەندىلەر ھاراق ئىچىۋاتاتتى، تامدىكى پويىز رەسىملىرى، يۇرت مەنزىرىلىرى ئارىسىدىكى رامكىلىق سۈرەتتە ئاتا تۈرك ھاراققا بېرىلىپ كەتكەن مەستلەرگە جۇمھۇرىيەتنى خاتىرجەم تاپشۇرغانلىق ئىشەنچى بىلەن كۈلۈمسىرەيتتى “. («يېڭى ھايات»، 211-بەت)

 سوپى يازغۇچى

 ئېيتقىنىمدەك، ئورخان پامۇكنىڭ «يېڭى ھايات» رومانى ھەممە نەرسە بىر-بىرىگە ئايلانغان ۋە بىر-بىرىگە ئۇچۇر يوللىغان بايان ئەسىرىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئوقۇرمەنلەر يازغۇچى قۇرغان توزاق ۋە سىرلىق ئۆڭكۈردىن چىقىش ئۈچۈن قالدۇرغان ئىزلارنى بايقاشتا چىڭ تۇرسا، بۇ كىتابنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمىسىمۇ، ئۇنداق-مۇنداق قىستۇرما ۋەقەلىكلەردىن ياكى ھەممىسىدىن تېگىشلىك زوق ئالالايدۇ.

بارغانسېرى سوپى يازغۇچى بولۇپ كېتىۋاتقان ئورخان پامۇك ئۆز كىتابىدا بىر قولىدا بەرگىنىنى يەنە بىر قولىدا ئېلىپ، بۇ ھەرىكەت چارىسىنى توختىماي يېڭىلاپ، ئۇستىلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇ «قارا كىتاب» ناملىق رومانىدا بەزى يەرلەرنى زېرىكىشلىك يېزىپ قويغىنىدىن پەيدا بولغان سەپرالىقىنى «يېڭى ھايات»قا قاراتقاندەك قىلىدۇ. تۆۋەندىكى قۇرلاردىن ئۇنىڭ ئۆزى يەكۈنلىگەن رومان چۈشەنچىسى ۋە شۇ سەپرالىقىنى كۆرەلەيمىز:

ئەمما بىكار ئۆتكەن دەردلىك، ئازابلىق ھاياتىنى چېخوپچە سەزگۈرلۈك بىلەن گۈزەللەشتۈرگەن، ھاياتىنىڭ پەرىشانلىقىدىن مەغرۇرلىنىۋېرىپ گۈزەللىك، ئۇلۇغلۇق تۇيغۇسىغا ئېرىشكەن ئوقۇرمەنلەرگە ئېچىنىمەن، بۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەللى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ۋەزىپە قىلىۋالغان ئەقىللىق يازغۇچىلارغىمۇ نەپرەتلىنىمەن…

بىزگە جاراھەتلىرىنى، ئاغرىقلىرىنى توختىماي كۆرسىتىۋاتقان بۇ قەھرىمانلارنى چېخوپتىن قوپاللاشتۇرۇپراق ئوغرىلاپ باشقا مۇھىت، ئىقلىملاردا بىزگە سۇنغان يازغۇچىلار ئەسلىدە تەڭلا شۇنى دېمەكچى: قاراڭ، بىزگە، ئازابلىرىمىزغا، يارىلىرىمىزغا قاراڭ؛ بىز نەقەدەر سەزگۈر، نەقەدەر نازۇك، نەقەدەر ئۆزگىچە!

ئەي ئوقۇرمەن، مانا شۇ ۋەجىدىن، سەندىنمۇ بەك سەزگۈر بولمىغان ماڭا ئەمەس، مەن بايان قىلغان ھېكايىنىڭ شىددىتىگە، مېنىڭ ئازابلىرىمغا ئەمەس، بۇ دۇنيانىڭ رەھىمسىزلىكىگە ئىشەن! شۇنداقلا رومان دېگەن بۇ زامانىۋى ئويۇنچۇقنى، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ بۇ ئەڭ چوڭ كەشپىياتىنى بىز پەيدا قىلمىدۇق. كىتابلار بىلەن بۇلغانغان، دەبدەبىلىك پىكىرلەر بىلەن كۇرسى چۈشۈپ كەتكەن ھالىمدىن پاراڭ قىلغىنىم ئۈچۈن ئەمەس، ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ چەت ئەل ئويۇنچۇقىنىڭ ئىچىدە قانداق يوشۇرۇنۇشۇمنى تېخىچە بىلەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ سەھىپىلەردە ئاۋازىمنى ئاڭلايسىلەر…

(«يېڭى ھايات»،302-، 303-بەت)

ھالبۇكى، زىيا كۆكئالىپنىڭ ” زامانىۋى مىللەت ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تىل، دىن، ئەخلاق، قانۇن ۋە ئىقتىساد بىرلىكى“ چۈشەنچىسى قانداق بولۇپ «يېڭى ھايات»تا باشقا سىياسىي، مەدەنىي ئېقىملار ئىچىدە تەنقىدىي مۇنازىرە قىلىنىدىغان تېما بولۇپ قالدى؟ چۈنكى ئورخان پامۇك بۇ ئەسىرىدە تۈركىيە جەمئىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ سىستېمىلىق، تېخىمۇ ماتېرىيالىست، زىيا كۆكئالىپنىڭ قاراشلىرىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ساغلام ھالدا بىرلەشتۈرىدىغان نەرسە ئېسىل ئەشيا، يېمەك-ئىچمەك، ساياھەت، كۆچمە خەۋەرلىشىش، ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ۋە دۆلەتكە باغلىق چوڭ كارخانىلار قۇرغان بايلار تەشكىلاتىدىن ئىبارەت. شۇڭا مەن «يېڭى ھايات» تا بايلار تەشكىلاتىنى بەزىدە مۇھىم، بەزىدە قوشۇمچە ئورۇنغا قويۇپ بايان قىلدىم“.

راستىنى ئېيتقاندا، ” ئىسمى بار، جىسمى يوق دىيارنى ئەسەرنىڭ ۋە كىتابنىڭ سىرتىدىن ئىزدەش بىھۇدىلىك“ دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋە روماننىڭ بېشىدا ”ئوقۇساڭ خوش بولىسەن، ئىشەنسەڭ ئېزىپ كېتىسەن“ دېيىلگەندىكىن، روماندىن چىقىپ تۇرۇپ بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىش، يېزىش ياكى ئىزاھلاشنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى يوق. بۇ يەردە ئەسەرنىڭ پەقەت ئەسەردىن روياپقا چىقالمايدىغانلىقىغا ۋە روماننىڭ (سەنئەتنىڭ) ئىستېتىك زوقتىن باشقا بىر رولى بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە بىرەر قايغۇ ياكى گۇمان ئىشارەتلىرىنى كۆرۈشىمىز كېرەكمىدى؟

مەنچە سىز ئورخان پامۇكنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەستىن «يېڭى ھايات»نى ئوقۇڭ. ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىز ۋە چۈشەنچىڭىز دائىرىسىدە تېخىمۇ كۆپ زوق ئالالايسىز.

(ئەرتۈرك تەرجىمىسى)

3 پارچە ئىنكاس بار

  1. ئابلەت مۇنداق يازغان:

    ياخشى يېزىلىپتۇ

  2. تۇرسۇنجان ئابلا مۇنداق يازغان:

    بۇ روماننىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ سېتىۋىلىپ بىر ئوقۇپ بىقىش مەقسىتىدە بىر قانچە كىتابخانىغا بىرىپ ئىزدەپ باققان بولساممۇ تاپالماسلىق بىلەن نەتىيجىلەندىم ، مۇشۇنداق ياخشى روماننى نىمىشكە قايتا نەشىرگە يوللىمايدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.

  3. پەلەك مۇنداق يازغان:

    ‹يىڭى ھايات› ئۆمرۈمدە ئوقۇغان ئەڭ ئىسىل رومان بولۇپ قالدىغان ئوخشايدۇ. بۇ كىتابنى قانچە قىتىم ئوقۇغاندىمەن،ئىشقىلىپ مۇشۇنداق مۇرەككەپ ،سىھىرلىك كىتابنى ئۆز ئانا تىلىمىزدا ھوزۇرلىنىشقا كۈچ چىقارغان سىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن.
    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،‹ئىستانبۇل،خاتىرىلەرۋە شەھەر› نەشىرىياتقا تاپشۇرۇلۇپتۇ.
    سىزنى تەرجىمە قىلدىمىكىن دەپ ئويلايمەن.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*