كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (پوۋېست)

m9

1
سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرتىنى سېغىنغان، جىگدە پۇراقلىرىغا تەشنا بولغان.
ئارىدىن يۈز نەچچە يىل ئۆتتى، زامانىۋى ئىپارخانلار بەدەنلىرىگە چىپپىدە كېلىدىغان ئۇسسۇل كىيىملىرى بىلەن سەھنىلەردە جىلۋە قىلىشقا باشلىدى، تېنىدىن چەت ئەلنىڭ داڭلىق ئەتىرلىرىنىڭ پۇرىقى تارىدى. ئۇلار ئۆزىگە ئەتىر چېچىپ، يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە، ئۇلار بىلەن زىنا قىلغاندەك بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. دوزاخ ئوتى ھەر بىر كۈچەيگەندە زىناخور ئەر-ئاياللارنىڭ قىيا-چىيا قىلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.
بۇ شەھەرنىڭ داڭلىق بىر ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. بۇ يەردىن 300 مېتىر شەرققە ماڭغاندا ھاجەتخانىلىرى پۇراپ تۇرىدىغان مەينەت ئارقا كوچا، بۇ كوچىدابىر قېرى خەنزۇنىڭ كونا ئۆيى بار، بۇ قېرىنىڭ باشقا ئىشى يوق، تار ھويلىسىدا ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرىدۇ. زېرىكىپ كەتسە تالاغا چىقىپ قېرى ئۈلپەتلىرى بىلەن ماجاڭ ئوينايدۇ. ئۇ بۇرۇن كۆمۈرخانا قىلغان ئۆيىنى بىر كاۋابچىغا ئىجارىگە بەرگەن. بۇ كاۋابچى پۇت سىغقۇدەك ماكانغا ئېرىشكىنىدىن خۇشال. فاڭدۇڭ قېرىنىڭ يالغۇز ئوغلى باشقا شەھەرگە پۇل تاپقىلى كەتكەن بولۇپ، دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئىشلەمچى ئايالدىن بىرنى قارىتىپ قويغانىدى. كاۋاپچىنىڭ كاتەكتەك ئۆيىدە چىرايلىق بىر دۇتاردىن بۆلەك كۆزگە چىلىققۇدەك بىساتى يوق ئىدى، ئەبجەق كارىۋىتى قاتتىقراق ئولتۇرسا سۇنۇپ چۈشىدىغاندەك قىيسىيىپ تۇراتتى، كىر يوتقانلىرىدا مايقۇرتلار ئۆمىلەپ يۈرەتتى. بىر بۇلۇڭدىكى پاكار جوزىدا گۆش پارچىلايدىغان دۇش ۋە پىچاق، پىچاق چاقلىغۇچ، داس، كورا، زىرە، لازا قۇتىلىرى قويۇلغان بولۇپ، ھەممە نەرسىسى مايلىشىپ، بىر قەۋەت توپا بېسىپ كەتكەنىدى.
كەچقۇرۇن كاۋاپچىلىقىنى تۈگىتىپ، پۇلىنى چۆنتەككە سالغان كاۋابچى چۆپقەتلىرىنى تېپىپ، پۇل تىكىشىپ قەرت ئوينايتتى. ئانچە تەلىيى كەلمەيتتى، كۆپ ئۇتتۇرىۋېتىشتىن قورقۇپ جىق پۇل تىكمەيتتى، كېچە 12 گە يېقىن ھۇجرىسىنى تېپىۋالاتتى. ئەتىسى چۈشكىچە قوپماي ياتاتتى. قاچان ئويغانسا شۇ چاغدا قوپۇپ يۈز-كۆزلىرىنى چالا-پۇلا يۇيۇپ، گۆش ئالغىلى باراتتى، بۇرۇن ياخشى گۆش قالمايدۇ دەپ سەھەردە بېرىپ ئالاتتى، كېيىن «بۇ خەقلەر پوقلۇق ئۈچەي بولسىمۇ يەۋېرىدىكەن» دەپ چۈشتە بارىدىغان بولدى، بېرىپ بىر ھازا باھا تالىشىپ ئەرزان يېرىدىن ئالاتتى، ئەمما ھۇجرىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ لاتىدەك گۆشلەرنى ئۇششاق پارچىلاپ زىخقا ئۆتكۈزۈپ بولالماي قىينىلاتتى، ئاچچىقىدا ئىش خوشياقمىغاندا دۇتتىرىنى قولىغا ئېلىپ، مۇڭلۇق پەدىلەرگە چېلىپ كۆڭلىنى خوش قىلاتتى:
روزىلەم دەيمۇ سېنى
قوزىلەم دەيمۇ سېنى
باغدا باققان پاقلىنىم دەپ
ئۆلتۈرۈپ يەيمۇ سېنى…
ناخشا ئۇنىڭغا بىر ئىشلارنى ئەسلىتەتتى، مۇڭلاندۇراتتى، يۈرىكىنى كاۋاب قىلىپ پۇچۇلايتتى، بۇنىڭدىن چىققان دەرت-ئەلەم ئىسلىرى كۆزلىرىنى ئېچىشتۇراتتى. بىر چاغلاردا ئۇ مەھەللىسىدىكى بالىلارنىڭ نوچىسى، سورۇننىڭ گۈلى ئىدى. ئەمدى مۇشۇ دۇتتىرىنى قۇچاقلاپ كۇلىچى، كاۋابچى بولۇپ قالدى. تويلاردا تۆردە ئولتۇرۇپ، شەپكىسىنى قىڭغىر كىيىپ، شوخ پەدىلەرگە چالغاندا تاپسىدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئۆزىگە مەنىلىك باققان قىزلار باشقىلارنىڭ خوتۇنى بولۇپ كەتتى. تالاي كېچىلەر ئۇخلاتمىغان شۇ ئايگۇلنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى يۇلتۇزغا ئايلىنىپ كەتتى، تەلەپ قويدى، ئېرىشەلمىدى، ئېرىشەلمىسىمۇ مەيلىدى، ياخشى گەپ ئاڭلىيالمىدى، قىزنىڭ گېپى ئاخىرقى گېپى ئېغىر كەلدى: ئۆيدىكىلەر مېنى سىزگە ھەرگىز بەرمەيدۇ…قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىلىڭ.
ئۇ ئۆزىنى بىلدى، ئۆزىنى دەڭسىدى، نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان، كۆپ بالىجانلىق ئۆيدىن ئايرىلدى، دۇتتىرىنى قويۇپ قويسا بالىسىدىن ئايرىلغان ئاتىسى شۇ ئاچچىقىدا بۇ «يوغان چۆمۈچ»نى پېشايۋاننىڭ تۈۋرۈكىگە ئۇرۇپ چېقىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ ھېچ بولمىسا بۇ سازنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ چېقىپ ئېلىشىغا سېتىۋىتەرمەن دەپ ئويلىغانىدى، ساتالمىدى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان، ئۇنىڭغا بىردىنبىر گۈزەل ئەسلىمىلەرنى، تاتلىق غايە، ئۈمىدلەرنى ئاتا قىلىدىغان نەرسە مۇشۇ ساز ئىدى، ئۇنىڭ تىلسىز مۇڭلىرى مەھەللىدىكى قىزلار ۋە ئايگۇل ھەققىدە بىر نېمىلەرنى دەيتتى، كەتكىنى كەتتى، شوخ ياشا، قولۇڭنى بەر ماڭا، مۇڭلىرىمغا مۇڭداش بول…دەپ جاراڭلايتتى.
ئۇ ئۈرۈمچىدە بىر ئاشخانىدا ئىشلەپ ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن ئىچكىرىگە بېرىپ باققۇسى كەلدى، كىچىكىدە ئۆستەڭگە سۇغا چۈشكەندىمۇ ئۇ سۇنىڭ ئەڭ قاينام، ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە بېرىشقا ئامراق ئىدى، قاراملىقتىن ھۇزۇرلىناتتى.
كۇلىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرىگە كېلىپ، يەنىلا ئاشخانىدا ئىشلىدى. ئىچەرمەنلەر، چېكەرمەنلەر، ھاماقەت بىلەرمەنلەر، ۋالاقتەگكۈرلەر، قارغىشتتەگكۈرلەر، نەپسى بالا پاھشىۋازلار بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ، كۆرمىگەننى كۆردى، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدى، قىلمىغاننى قىلدى، ئەمما جاننى سېلىپ بېرىدىغان چاتاق ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالمىدى، بۇنىڭغىمۇ شۇ قەدىناس دۇتتىرى سەۋەب بولدى، دۇتتار ئۇنى يەنىلا ھاياتلىققا، گۈزەللىككە، ئۈمىدكە باشلاپ تۇراتتى. ئۇ دۇتتىرىنى مەستلەردىن، ئۆلگۈسى كەلگەنلەردىن قانچە ئاۋايلىغانچە، ئۆزىنىمۇ شۇنچە ئاۋايلىدى. بۇنداق قالايمىقان، ئەنسىز كۈنلەردىن ئۇ پەقەت ئۆز ئالدىغا ئوقەت قىلىش ئارقىلىق قۇتۇلالايتتى، ئاشخانىدا قۇلدەك ئىشلەۋېرىشتىنمۇ زېرىككەنىدى. شۇنداق قىلىپ ئاخىر كاۋابچىلىقنى تېپىۋالدى.
ئۇ دۇتتىرىنى تەبىئىي تالانتى، ماھارىتى بىلەن شۇندااق كەلتۈرۈپ چالاتتىكى، ئۆزىدىن ئۆزى مۇڭلىنىپ مەست بولۇپ كېتەتتى. ئەپسۇس بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ھۇزۇرلىنىدىغان بىر ئىنسان يوق ئىدى. فاڭدۇڭ قېرىنىڭ قۇلىقى ياخشى ئاڭلىمايتتى، ئىشلەمچى ئايال ئۇ مۇزىكىنى قەتئىي چۈشەنمەيتتى.
ئۇ چېلىپ-چېلىپ ھېرىپ، دۇتتىرىنى يۆلەپ قويۇپ، يەنە كاۋاب ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ئەمما ئىشلەش قەتئىي خوشياقمىدى. سازغا يارالغان نازۇك، چىۋەر قوللىرى زىخقا گۆش ئۆتكۈزۈش بىلەن زايە كەتسە بولمايتتى، ئىمكانىيىتى بولسا سەھنىلەردە دۇتتار چېلىپ چىقسا بولاتتى، ئەمما كۆمۈلۈپ قالدى، بۇ يەردە گۆش بىلەن ياغ پۇراپ ئولتۇرماي چارىسى يوق. ئۇ ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ ھويلىغا چىقىپ تاماكا چەكتى. ئىشلەمچى ئايالمۇ قىلىدىغان ئىشى يوق تالاغا قاراپ بىكار ئولتۇراتتى. تۇرۇپلا ئۇنىڭ كاللىسىغا خيال كەلدى: ئاخشام تەلىيى كېلىپ ئازراق ئۇتقانىدى، قىماردا ئۇتقان پۇلنىڭ بەرىكىتى بولمايدۇ، مۇشۇ پۇلنى ئاشۇ خوتۇنغا بېرىپ ئىشلەتسە بولماسمۇ؟ ئۇنىڭغا ئالاھىدە تېخنىك كەتمەيدۇ، قارا گۆش بىلەن ماينى پاتاڭغا ئارىلاشتۇرۇپ ئۆتكۈزۈۋەرسە بولىۋېرىدۇ ئىشلەمچى ئايال پۇل بېرىدىغاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ماقۇل دېدى، كاۋاب ئۆتكۈزۈشنى بىر دەمدە ئۆگىنىۋالدى، قولى چاققان ئىدى، بىر زىخ ئۆتكۈزسە بەش پۇڭ ئالاتتى. بۇ پۇل ئوبدان خوش يېقىپ قالدى، شۇ كۈندىن باشلاپ كاۋابچى دېمىسىمۇ ئۆزى ئىزدەپ سوراپ كىرىپ قىلىدىغان بولدى. كاۋابچى گەرچە ئازراق پۇلدىن زىيان تارتسىمۇ، راھەتكە چىقىپ قالدى، سودىسى بۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇپ كەتتى، قىماردىمۇ پات-پات ئۇتۇۋالىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ تەتەينىڭ ئايىغى ياراشتىمۇ نېمە دەپ ئويلاپ قالدى، ئۇ ئايالغا دىققەت قىلدى، 30 نەچچە ياشلاردىكى تولغان جۇۋان ئىدى، نامراتلىقتىن ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن بولغاچقىلا كۆرۈمسىز كۆرۈنەتتى، ياسىنىپ چىقىدىغان بولسا بەلكىم ئاشۇ فاڭدۇڭ قېرىنىڭمۇ ھەۋىسىنى قوزغىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. «گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىسا نېمە پايدا» دېگەندەك، نەچچە ۋاقىتتىن كۈندە كۆرۈپ تۇرسىمۇ دىققەت قىلماي يۈرگەن گەپ.ئەمدى بۇ خوتۇن قانداق بولۇپ ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدى؟ پايدا-مەنپەئەتمۇ؟ ئاددىي كىيىملەر ئىچىدىكى بەدىنىمۇ؟ كاۋابچى ئۆزىمۇ ئۇقالمىدى، ئۇنىڭغا بارغانسېرى ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ كەتتى، كوچىغا چىقىپ كىرسە ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىلەرنى، ھەتتا كىيىملەرنى ئالغاچ كېلىپ ئۇنى خوش قىلىۋىتەتتى. بۇ كىيىملەرنى كىيىپ كاۋابچىنىڭ ئالدىغا كۈلۈمسىرەپ چىققان ئىشلەمچى ئايال ئادەتتىن تاشقىرى خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتاتتى.
بىر كۈنى چۈشكە يېقىن ئۇخلاپ قوپقان كاۋابچى ھويلىغا چىقىشىغا فاڭدۇڭ قېرىنىڭ ئۆيىدىن غەلىتە ئاۋازلار چىقىپ كەتتى، ئاندىن چاچلىرى چۇۋۇلغان ئىشلەمچى ئايال ئىشىكنى ئېچىپ ھويلىغا چىقىپ، كاۋابچىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى، ئۇ ئېلىپ بەرگەن كىيىملەرنى فاڭدۇڭ قېرى ئېچىۋەتكەن بولسا كېرەك، ئايال ئۇنى ئېتىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالدى. «ئوبدان ياساندۇرۇپ قويسام، قېرىغا ئوبدان ياراپتۇ-دە!» دەپ ئويلىدى كاۋابچى ئەلەم بىلەن، ئاندىن بۇرۇلۇپلا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ ئاچچىق كۈلدى، ئاندىن تۇرۇپلا ئۆزىگە كايىدى: « نېمىگە تېرىكىمەن؟ مېنىڭ خوتۇنۇممىدى ئۇ؟ نېمىگە چىدىماي كېتىمەن؟».
بىر دەمدىن كېيىن ئىشلەمچى ئايال خىجىللىق ئىلكىدە ئىش سوراپ كىردى، كاۋابچى چۈپەيلىك قىلماي ئۇنىڭغا ئىش بۇيرۇپ بېرىپ، تالاغا چىقىپ كەتتى. فاڭدۇڭ قېرى ماجاڭ ئوينىغىلى تالاغا ماڭغانىدى، كاۋابچىغا قاراپ غەلىتە كۈلۈپ قويدى. ئۇ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىنغاندەك ھېس قىلىپ ئىچى ئۆرتىنىپ كەتتى. ھۇجرىسىغا يېنىپ كىردى. ئىشىككە قاراپ ئولتۇرغان ئىشلەمچى ئايال ساغرىسىغا پاكار ئورۇندۇقنى قويۇۋېلىپ، يۇمشاق گۆش، مايلارنى مايلىشىپ كەتكەن زىخقا چاققانلىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. كاۋابچى ئۇنىڭ چاترىقىغا قاراپ سالدى، ئايالنىڭ ئىشتىنىنىڭ ئېغى كىچىككىنە يىرتىلىپ كەتكەنىدى … كاۋابچى كارىۋىتىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە بىر مىنۇتچە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن نىيىتىنى بۇزدى، كەينىدىن قۇچاقلاپ كارىۋىتىغا ئەكىلىپ باستى؛ بىر ھازا تىپىرلاشتىن كېيىن كارىۋات سۇنۇپ چۈشتى، ئايال قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، جىمىپ قالدى.
ئۇ ھوشىدىن كەتكەندەك ياتقان ئايالنى ۋە ھۇجرىسىنى تاشلاپ قويۇپ، ھويلىغا چىقتى. بۈگۈنكى كۈننىڭ جۈمە ئىكەنلىكىنى تۇيۇقسىز ئېسىگە ئېلىپ، گۇناھىدىن ئىچى سىقىلدى. ئەمدى بېرىپ تۇڭگان مەسچىتىدە يۇيۇنۇپ، ناماز ئوقۇمىسا مەڭگۈ گۇناھكار بولۇپ قالىدىغاندەك، ئىشلىرى بەرىكەت تاپمايدىغاندەك ھېس قىلىپ، ئالدىراپ مەسچىتكە ماڭدى. مەسچىتتە ئۇنىڭدەك يۇيۇنىدىغان كاۋابچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن، بىر ھازا ئۆچىرەت تۇرۇپ ئاران بىرسىگە كىرەلىدى، ئەمدى يۇيۇنۇپ تۇرۇشىغا مەسچىت باشقۇرىدىغان ئاقساقال« چاققان بول» دەپ توۋلاپ، ئەرۋاھىنى ئۇچۇردى. ئۇ ئالدىراپ غۇسلى قىلىپ، مۇنچىدىن چىقتى، نامازغا ئارانلا ئۈلگۈردى. نامازدىن چىقىپ ئاي-يىللاپ كۆرۈشمىگەنلەر بىلەن سالام-سائەت قىلىشتى. بىر سائەتتىن كېيىن ھۇجرىسىنى تېپىپ، ئىچىدىكى ۋەيرانە ھالەتتىن داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى، ئۆيدىكى ھەممە نەرسە ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋېتىلگەن، ئەڭ مۇھىمى نەچچە ۋاقىتتىن كۆز قارىچۇقىدەك ئاسراپ كەلگەن دۇتتارى ئۇرۇپ- دەسسىلىپ پارچە-پارچە قىلىۋېتىلگەنىدى.
ئۇ پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن دۇتارنىڭ سۇنۇقلىرىنى قولىغا ئېلىپ تۆت تەرىپىگە قاراپ قويدى، ئاۋۋال كارىۋات سۇندى، كەينىدىن دۇتار… مانا ئەمدى ئۆزىمۇ پۇتى سۇنغاندەك ئولتۇرۇپلا قالدى، دۇتارنىڭ پارچىلىرىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆز ئورنىغا كەلتۈرەلمەي پىقىرىتىپ چۆرۈۋەتتى، دۇتارنىڭ ئۈزۈلگەن تارىلىرى گويا شۇ تەتەينىڭ چاچلىرىدەك چىگىشلىشىپ كەتكەن، چۇل-چۇل بولۇپ كەتكەن پارچىلىرى قايتا-قايتا سۇندۇرۇلۇپ مەشكە ئوت قالايدىغان تۇترۇق ياغاچقا ئايلانغانىدى. نىمېدېگەن زور ئۆچ ئېلىش بۇ ھە… ئۇ غەزەپتىن تىترەپ كەتتى. شەھۋەتتىن ۋۇجۇدى تىتىرەپ كەتكەندە ئۆزىنى تۇتالمىغان ئادەم ئەمدى غەزەپكە كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالدى،شەھۋەتتە ھاياجان بولغان بىلەن نەپرەت ۋە ئۆچ ئېلىشتا ئېغىر ئازاب، كۈتۈلمىگەن پالاكەت بار -دە…
ئۇ ئولتۇرۇپ كەتتى، ئولتۇرۇپ كەتتى، فاڭدۇڭ قېرى ۋە تەتەينىڭ يەنە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ غەمگە پاتتى، تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىنغان ھۇجرىسىدا قولغا چىققۇدەك ھېچقانداق بىسات قالمىغانىدى، ياغلىشىپ كەتكەن دۇشتا پالتا پىچاقمۇ كۆرۈنمەيتتى. ياخشى يېرى ئۇ پۇلىنى بۇ كاتەكتە ساقلىمايتتى، خاتىرجەم بولۇپ مەيدىسىنى سىلاپ قويدى. شۇ ئەسنادا ئىشىك تۈۋىدە فاڭدۇڭ قېرى بىلەن ھېلىقى ئايال پەيدا بولدى. ئۇلار باياتىن ئۇنى پايلاپ تۇرغاندەك، ساقچى باشلاپ كېلىپ نەق مەيداندا قولغا چۈشۈرۈشنى پىلانلاۋاتقاندەك سىرلىق، تەمكىن كۆرۈنەتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كەينىدە ساقچى بولمىسىمۇ ئۇ ھازىرلا ساقچى پەيدا بولىدىغاندەك تەمتىرەپ تىپىرلاپ كەتتى.
− ھۇ ھايۋان،− دېدى فاڭدۇڭ قېرى بىگىز قولىنى ئۇنىڭ كۆزىگە تەڭلەپ،− بىزگە چېقىلغۇدەك بولدۇڭما؟
كاۋاپچى كىنولاردا كۆرگەننى دوراپ «مەن خاتا قىپتىمەن» دەپ يۈزىنى كاچاتلاپ ياكى يەرگە يۈكۈنۈپ كەچۈرۈم سوراشنى ئويلىدى، ئەمما بۇ دەرىجىدە پەسلىشىشنى خالىمىدى.
− مەن ساڭا پاناھلىق بەرسەم ئەمدى قوپۇپ جايىمنى بۇلغامسەن؟ تۈرمىگە كىرەمسەن يا تۆلەم بېرەمسەن؟ ئىككىنىڭ بىرىگە تۇر!
ھېلىقى ئايال قېرىنىڭ ئاغزىغا قاراپ بۇتتەك قېتىپ تۇراتتى.
ئۇ تۈرمىگە كىرىشنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ”بۇلار ساقچى چاقىرىپ قويدىمۇ نېمە“ دەپ ئويلاپ قورقۇپ كەتتى.
- پۇل… تۆلىسەم تۆلەي.
- 20 مىڭ تۆلەيسەن، بولمىسا باسقۇنچىلىق جىنايىتىڭ ئۈچۈن 20 يىل تۈرمىدە ياتىسەن. ساڭا دەپ قوياي، مېنىڭ بىر ئوغلۇم ساقچى.
ئۇنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، بۇنچە پۇلنى بىر يىل كاۋاپچىلىك قىلسا ئاران تاپالايدۇ، بىر يىل بىكارغا ئىشلەمدۇ؟ 20 مىڭ يۈەن دېگەنگە يۇرتتىن ئايگۇلدەك چىرايلىق قىزدىن بىرسى خوتۇنلۇققا كەلمەمدۇ؟ خوتۇن ئالالمىسا شۇ پۇل بىلەن ساتراشخانىدىكى مەينەتلەردىن كۆڭۈل ئاچسىمۇ قانغۇچە ياشايتتىغۇ…
-نېمىگە چەكچىيىپ تۇرىسەن، سەن سولتەككە ئىچ ئاغرىتىپ مۇشۇنچىلىك دېدۇق، رازى بولمامسەن؟
-شىڭ… شىڭ… − دېدى ئۇ سالپىيىپ.
− پۇلنىڭ ھەممىنى بۈگۈن بېرىسەن.
− مەندە ئۇنچىلىك پۇل يوق…
- تاپالمىساڭ ئاغىنىلىرىڭگە تېلېفون قىلىسەن، شىنجاڭلىق دېگەن پۇل تاپقىلى چىقىدۇ بۇ يەرگە. ساڭا ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بېرىمەن، پۇل تاپقىچە مەشەدىن چىقماي ياتىسەن، بولمىسا ساقچىغا تۇتۇپ بېرىمەن.
قېرى ئۇنى ۋەيرانە ھۇجرىسىغا سولاپ قويۇپ، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ ئەتتى. كاۋاپچى ساقچىغا تۇتۇلماي تۇرۇپلا تۈرمىگە كىرىپ قالغاندەك ئۇجۇقۇپ كەتتى. قاراڭغۇ، ۋەيرانە، پاسكىنا، گۆش، ماي پۇراپ تۇرغان بۇ ھۇجرىدا ئۇ ئەمدى بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇرۇپ ئۆز ئۆزىنى تىللاش، بۇ پالاكەتتىن قۇتۇلۇش چارىلىرىنى ئويلاشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايتتى. ئۇ خېلى ئۇزاققىچە چاترىقىغا تەلمۈرۈپ بۇ گۇناھلىق ئەزايىنىڭ شۇملۇقى ھەققىدە ئاچچىق خىيال سۈردى. ”ھەۋەس قوزغالغاندا كاللا ئىشلىمەيدۇ دېگەن گەپ راستكەن، تەقدىر ماڭا قوپال چاقچاق قىلىۋاتىدۇ…ئەتىگەن تېخى دۇتار چېلىپ پەيزى قىلىۋاتاتتىم، ئامىتىممۇ كېلىۋاتاتتى، مانا ئەمدى كۆز تەگدى. بۇنى كىمدىن كۆرىمەن؟ كاۋىپىمنى سېتىپ، ناخشامنى توۋلاپ يۈرىۋەرسەم بولماسمىدى؟
مەن كۇلىغا چىققاندا
ئالتىنچى ئايدا ياز ئىدى،
نەگە بارسام دۇتتارىم،
ئايرىلماسقا يار ئىدى.
كاۋاپ ساتتىم كۇلىدا،
دوقمۇشتىكى كوچىدا.
نەدە بولسام كۆيىمەن،
سەن يارىمنىڭ ئوتىدا.
ئاتىمىز يوق بۇ يەردە،
نېمە قىلساق قىلىمىز.
قۇلدەك ئىشلەپ بەگدەك يەپ،
جاننى ئوبدان باقىمىز.
فاڭدۇڭ قېرى ئوبدانتى،
بۇ تەتەيگە بۇزۇلدى.
يېتىش ئۈچۈن مەقسەتكە،
ماڭا قاپقان قۇرۇلدى.
نەس تەتەي، نىجىس تەتەي،
نەسلىكىڭنى نىم بىلەي.
قالدىم ئەمدى چاتاققا،
بۇ قىسمەتكە نېمە دەي…
كاۋاپچىنىڭ ئىچى مۇڭ زارغا تولۇپ كەتتى، دۇتتىرى بولغان بولسا ۋەھشى چېلىۋەتكەن، ئىچىدىكى بارلىق دەرت ئەلەملىرىنى تۆكۈۋالغان بولاتتى. ئەپسۇس، شۇنىمۇ ئاياپ قويۇشمىدى. ئۇنىڭ دۇتتارغا نەقەدەر ئامراقلىقىنى بىلگەندەك، ئۇنى چېقىپ تاشلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدى، كۆڭۈل خوشلۇقىنىمۇ يوق قىلىشماقچى بولدى… ئۇ سۇنۇق كارىۋاتنى سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ مىڭ تەستە ئوڭشاپ ئوڭدا ياتتى، كاللىسى غەم-ئەندىشىدىن تاشتەك قاتتى، قىيىن قىستاقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خىيالەن تىركىشىپ باقتى، ئەمما يەنىلا غەم دەرياسىدا سۇنۇق قولۋاقتەك ئاقتى…
ئۇ شۇنداق ياتتى، قانچىلىك ياتقىنىنى بىلمەيلا ياتىۋەردى، تەتەينى سىقىرىتىپ، ئۆزى مەسچىت مۇنچىسىدا يۇيۇنۇپ كېلىپ، بۇ پالاكەتتىن بېشى ئايلىنىپ قاتتىق ھېرىپ كەتكەچكىمۇ، بىر دەمدە مەلەق ئۇيقۇغا كەتتى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى، بىلمىدى، بىر چاغدا سىرتقا چىقىپ قالدى، بېيجىڭنىڭ ئەتىيازلىق شامىلى قاتتىق چىقاتتى، ئىشىك ئالدىدىكى كاۋاپداندىن بىر تال چوغ چۈشۈپ دۇتارنىڭ سۇنۇقلىرىغا تۇتىشىپ، ئوت كۆيگىلى تۇردى. ئوت بىلەن تەڭ كۆپكۆك ئىس پەيدا بولدى. ئوت يىلاندەك ۋىشىلداپ، ئالدىدىكى قۇرۇق، ھۆل نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يالماپ يۇتاتتى.ئۇ تەتەينىڭ ئۈستىدە ئىنجىقلاۋاتقان چاغدىمۇ پۈتۈن ھۇجرىغا ئوت تۇتىشىپ كەتكەندەك تىنالماي قالغان، ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسە چوغ رەڭگىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مەڭزىنى قىزارتىۋەتكەنىدى. ئەمدى ئوت ئۇنىڭ ئاستىدىكى سۇنۇق كارىۋاتقا تۇتىشىپ چاراسلاپ كۆيۈشكە باشلىدى، قاسماق يوتقانلىرىنىڭ ماز پاختىلىرىدىن ئىس چىقتى، نەشە پۇراپ كەتتى، بۇ پۇراق ئۇنىڭ بۇرنىغا كىرىپ كېتىپ قايتىپ چىقمايۋاتاتتى. ئۇ پاڭ بولۇپ كەتكەن نەشخور بەڭگىدەك ھۇزۇرلىنىپ ياتتى، ئۇ ئىلگىرى كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن كاۋاپچىلارنى ئاڭلىغان، ئەر-خوتۇن قۇچاقلىشىپ يېتىپ تەڭلا ئۆلۈپ قالاتتىكەن. چۈنكى ئۇلار ئاخشىمى بىر قەپەز يوتقان جېڭى قىلىشقاندىن كېيىن ھېرىپ كېتىپ، مەشنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئۇخلاپ قالاتتىكەن. ئەتىسى ئۇلارنى بايقىغانلار“كۇلىدا ياشىماق تەس كېلىپ ئۆزىنى بىللە ئۆلتۈرۈۋالدىمۇ نېمە…“ دەپ ئويلاپ قالاتتىكەن. شىرىن مۇناسىۋەتنىڭ ئەجەللىك كېسەلدەك ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالغانلىقىنى كىم بىلسۇن. ئۇ خوتۇن ئالمىدى، ئايگۇلنى باشقىلار خوتۇن قىلىپ، نەچچە بالىلىق بولۇپ كەتتى. ئۇ خوتۇن ئالمىغان بىلەن كۇلىچىلار ئارىسىدا قىمار ئويناپ ئولتۇرۇپ خوتۇنلارنىڭ يامانلىقى، بېشەملىكى، قىتىغۇرلۇقى، پۇلغا، ئالتۇنغا تويماسلىقى، ۋاپاسىزلىقى، قويمچىلىقى… ھەققىدە تولا گەپلەرنى ئاڭلاپ كەتتى. بىر قىمارۋاز ھەتتا ھازىرقى خوتۇنىنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىپ ئالغان چىرايلىق قىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇۋەتكەن، كاۋاپچى ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قالغانىدى. شۇ گۇينىڭ گېپى تەسىر قىلىپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇ كاللىسىنى باشقۇرالماي تەتەيگە بۇزۇلدى. قارڭغۇ زىندانغا سولاندى، ئۆلمەي تۇرۇپ تاۋۇتقا چىققاندەك ياغاچ تاختا ئۈستىدە ياتتى. تىرىكلىكىدە دوزاخ ئازابى تارتىشنىڭ بېشارىتى سۈپىتىدە مانا بۇ ئوت ئۇنىڭغا تۇتاشتى… بۇ ئوتنى كىم قويۇپ بەردى؟ فاڭدۇڭ قېرى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇپ بەرمەيدۇ، 20 مىڭ يۈەننىئالىمەن دەپ بولسىمۇ ئۇنداق قىلمايدۇ. ئاچچىقى يامان تەتەيخان ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇنداق قىلماس، لېكىن پۇلنى بۇ قېرىدىن ئالالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، بۇ ھايۋاننى ئۆزەملا بىر تەرەپ قىلىۋېتەي دەپ ئوت قويۇپ بەرگەن بولسىچۇ؟… ئۇ چۆچۈپ ئىككى يانغا تىپىرلىدى، دومىلىدى، بىراق ئورنىدىن قوپالمىدى. ئۇنىڭ ئاستى، ئىككى تەرىپىدە تەڭلا ئوت كۆيۈۋاتاتتى، ساپسېرىق ئوت نەشتردەك تىللىرىنى ئۇزىتىپ ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىشقا باشلىدى. ئۇ تالادا تۇرۇپ ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتىشقا باشلىدى، ئوت ئۇنىڭ بەدىنىگە تۇتاشتى، سېمىز بەدىنى خۇددى جىن چىراغنىڭ پىلىكىدەك لاپپىدە ئوت ئالدى ۋە قاپقارا ئىس چىقىرىپ كۆيۈشكە باشلىدى. ئۇ شۈركىنىپ كەتتى، بەدىنىم ئەسلىدە ياغ قاچىلانغان تولۇم ئىكەنغۇ، مەن 25 يىلدىن بېرى بەدىنىمگە ماي يىغىپلا ياشاپتىمەنغۇ… دەپ ئويلاپ قالدى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن ئېقىپ چۈشۈۋاتقان مايلار ئوتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. ئۆزىنى كۈچەپ كۆيدۈرۈۋاتقان مايلىق بەدەن بىر دەمدە قاپقارا چۈچۈلىگە ئايلاندى… ئۇ بۇ مەنزىرىگە چەكچىيىپ قاراپ تۇرغاندا ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك سېگنالى ئاڭلاندى، فاڭدۇڭ قېرىنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە ساقچىلار يېغىپ كەتتى. «ئىشىكنى ئاچ، بىز ئوتنى ئۆچۈرىمىز» دەيتتى قىزىل قالپاق كىيىۋالغان ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر، فاڭدۇڭ قېرى بىلەن ھېلىقى تەتەي ئۇلارنى توسۇپ تۇرۇۋالدى. ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر« بۇلارغا سىلەر ئامال قىلىڭلار“ دەپ ساقچىلارغا قاراپ تۇردى. ئاچچىقى يامان بىر ساقچى “ ئاناڭنى قېرى، ئۆتە ماياققا“ دەپ تاپانچىسىنى چىقىرىپ، ھويلىنىڭ قۇلپىسىنى چېقىپ ئىچىگە كىردى. ئۇ بىر چەتتە سالپىيىپ تۇرغان قېرى ۋە سەتلىشىپ كەتكەن تەتەيگە بىر ئالىيىپ قويۇپ، ساقچىلارغا ئەگىشىپ ئىچكىرىگە كىردى. ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئوت كەتكەن ھۇجرىغا شىددەت بىلەن سۇ چاچتى، بىراق ئوت ئۆچەي دېمەيتتى. ئوتنىڭ قىپقىزىل يالقۇنلىرى ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنىڭ قالپىقىنى تېخىمۇ قىزارتىۋەتكەن، ساقچىلارنىڭ كۆز قارىچۇقلىرىدىمۇ ئوت يالقۇنى چاقناپ تۇراتتى. بايا ئىشىكنى ئاچقان ساقچى ئاچچىقىدا ۋاقىرىدى:
-ھەي قېرى، بۇ ئۆيۈڭدە بېنزىن تۇڭى بارمۇ نېمە؟ ئوت نېمىشقا ئۆچمەيدۇ؟
-بۇ ئۆي ئىلگىرى كۆمۈرخانا ئىدى.
-ھازىرچۇ؟
-ھازىر بىر شىنجاڭلىق تۇرۇۋاتىدۇ.
-نېمە ئىش قىلىدىغان نېمە ئۇ؟
- كاۋاپچىلىق قىلىدۇ.
-يەنىچۇ؟
-ئۇنى ئۇقمايمەن.
-ئۇ بۇ ئۆيۈڭدە تۇرغىلى قانچىلىك بولدى؟
-بىر يىلدەك بولدى.
-زەنجۇجىڭى بارمۇ؟
-يوق.-
-يوق تۇرۇپ نېمىشقا ئۇنى تۇرغۇزدۇڭ؟
مەن بار دەپ ئويلاپتىمەن، لېكىن ئۇنىڭ باشقا يامان ئىشى يوق.-
ھەر ئايدا ئىجارە ئېلىۋاتقانسەن، پۇلغا تويمايدىغان قېرىكەنسەن-دە، ھازىرچۇ؟ ئىچىدە ئادەم يوقتۇ؟
فاڭدۇڭ قېرى بىلەن ھېلىقى تەتەي بىر-بىرىگە چۆچۈپ قاراشتى.
ــ ھازىر ئىچىدە ئادەم بارمۇ يوقمۇ دەۋاتىمەن؟
ــ يوقمىكىن… ــ دېدى فاڭدۇڭ قېرى ئىنجىقلاپ،ــ باياتىن ھېچ ئاۋاز چىقمىغان.
ساقچى ئۇلارنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلكىنى كۆرۈپ گۇمانلىنىپ ھۇجرىنىڭ ئىشىكىگە يېقىنلاپ كەلدى، ئىشىككە قارا قۇلپا سېلىنغان بولۇپ، يۇقىرىغا يامىشىۋاتقان يوغان قوڭغۇزدەك سەت، يىرگىنچلىك كۆرۈنەتتى. ساقچى بۇنى كۆرۈپ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، تاپانچىسىنى چىقىرىپ قۇلۇپنى چەنلەپ ئاتتى، قۇلۇپ بىر پاي ئوق بىلەنلا چېقىلىشىغا، ئىشىكمۇ تەڭ ئېچىلىپ ئىچىدىن غايەت زور ئوت يالقۇنى ئىس بىلەن تەڭ ئەجدىھادەك سوزۇلۇپ چىقىپ ساقچىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلدى. ئۇ ئۆزىنى ئەپقېچىشىغا قالغانلارمۇ سىرتقا قاچتى. ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئۆز ئورنىدا مىدىرلىماي ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن توختىماي سۇ چېچىپ ئوتنى ئاخىر ئۆچۈردى.
ــ ئەگەر بۇ ئىشىك ئېچىلمىغان بولسا ئوتنى ئۆچۈرگىلى بولماسكەن…ــ دېدى بىرسى.
ــ ئىچىدە يەنە كۆيۈۋاتقان نەرسە بولسا ئۆچۈرۈۋېتەيلى.
ــ ۋوي قاراڭلار، ئاۋۇ بىر نەرسە يەنە كۆيگىلى تۇردىغۇ؟
ــ نېمىكەن، ئوبدان قاراڭلار.
ــ ئادەمنىڭ جەسىدىدەك قىلىدۇ جۇمۇ…
ــ نېمە؟ راست كۆردۈڭمۇ يا، ئەمىسە ساقچىنى چاقىرايلى.
ئۇلار ئاچچىقى يامان ساقچىنى چاقىرىپ كەلدى، يۈزى كۆيۈپ ئېچىشىۋاتقان ساقچى مەڭزىنى تۇتقىنىچە كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان ھۇجرىغا كىردى. ئۇمۇ دەھشەتلىك تۇيغۇغا چۆمۈلۈپ، ساقچىغا ئەگىشىپ ھۇجرىغا كىردى، ساقچى قاپقارا چۈچۈلىگە ئايلىنىپ كەتكەن جەسەتنى كۆرۈپ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى، كاۋاپ ساتىمەن دەپ ئۆزى كاۋاپ بولۇپ كەتكەن كاۋاپچىنىڭ پۇرىقىدىن سەسكىنىپ بۇرنىنى ئېتىپ تالاغا قاچتى. ئەمما ئۇ جايىدىن مىدىرلىيالمىدى، ئۆلگۈچىنىڭ ئۈكلىنىپ كەتكەن قوينىڭ كاللىسىدەك بېشىغا، ھىڭگىيىپ تۇرغان چىشىغا ئەجەبلىنىپ قارىدى، ئۇنىڭ كۆيۈپ كۆسەيدەك قارىداپ كەتكەن قول سۆڭىكى جان يېرىگە مەھكەم چاپلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۆلۈش ئالدىدا نەقەدەر قىينالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ بۇنىڭدىن شۈركىنىپ تىترەپ كەتتى، توساتتىن «چاراس-چۇرۇس» ئاۋازلار ئاڭلاندى، ساقچىلار يەنە قايتىپ كىرىپ جەسەتنى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى. ئۇ بۇنىڭدىن ئاران ئېسىگە كېلىپ ھويلىغا چىقتى، فاڭدۇڭ قېرى بىلەن ھېلىقى تەتەي سالپىيىپ تۇرۇشاتتى. ساقچىلار قايتىپ چىقىپ فاڭدۇڭ قېرىنى سوراققا تارتىشقا باشلىدى:
ــ ئۆلگۈچى كىم؟ راستىڭنى ئېيت!
ــ ئۇ قانداق ئۆلدى؟ ئوتنى كىم قويدى؟
ــ ئۇقمايمەن، ساراڭ ئادەم بولمىسا ھېچكىم ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئوت قويمايدۇ، بۇ ئۆيگە ئوت كەتسە پۈتۈن ئۆيلىرىم كۆيۈپ كەتمەمدۇ؟
ئەمىسە كىم ئوت قويدى؟ بۇ ئۆيدە ئىككىڭدىن باشقا ئادەم بارمۇ يوق؟
ـــ يوق، بۇ ياق مېنىڭ تۇغقىنىم، ئۇمۇ ئۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ.
ـ ئەمىسە ئىشىكنى كىم قۇلۇپلىدى؟ باياتىن بىزنى نېمىشقا ئۆيۈڭگە كىرگىلى قويمايسەن؟
ـــ ئادەم قېرىغاندا ئالجىپ قالىدىكەن، خاپا بولماڭلار.
ـــ قۇرۇق گېپىڭنى قوي، ما ئۆينىڭ ئىشىكىنى نېمىشقا تېشىدىن ئېتىپ قويىسەن، بۇنى چۈشەندۈر!
-ئۇ گۇي بىزنىڭ ما سىڭىلغا باسقۇنچىلىق قىلىپتىكەن، ساقچىغا تۇتۇپ بېرەيلى دەپ سولاپ قويغان.
ـــ راستمۇ؟ــ دەپ سورىدى ساقچى ھېلىقى تەتەيدىن.
ـــ راست، ئۇ ھايۋان بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ماڭا باسقۇنچىلىق قىلغان…
ـــ سەن قارشىلىق كۆرسىتىپ ۋاقىرىمىغانمۇ؟
ـــ ۋاقىراي دېسەم قوينىڭ يېغىنى ئاغزىمغا كەپلەپ تىقىپ قويغان…
ـــ سەن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن بۇ قېرىنى چاقىرىپ كەلدىڭ، شۇنداقمۇ؟
ــ شۇنداق…
ـــ ئاندىن ئىككىڭ بىرلىشىپ ئۇنى سولاپ قويۇشتۇڭ.
ـــ شۇنداق.
ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋېتىپ، تەتەينىڭ يالغانچىلىقىغا ئاچچىقى كەلدى. ئۇنىڭ شۇ ئارىلىقتا جۈمەگە بېرىپ يۇيۇنۇپ پاكلىنىپ، ناماز ئوقۇپ تۆۋە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ساقچىلار بىلمەي قالدى-دە.
ـــ ئاندىن ئىككىڭ مەسلىھەتلىشىپ ئۇنىڭ پۇللىرىنى بۇلاپ، ئاندىن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ ئىزىنى يوقاتماقچى بولدۇڭ، شۇنداقمۇ؟
ـــ ياق،ــ دېدى فاڭدۇڭ قېرى سەكرەپ،ــ ئۇنداق قەلەندەردە پۇل نېمە ئىش قىلسۇن؟ ئۆينىڭ ئىجارىسىنىمۇ ئاران ئاران تۆلەيدۇ ئۇ، بىز ئۇنىڭ جىنايىتىنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغان، كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ قانداق قىلاتتۇق؟ قېرىغاندا مەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قاتىل بولامدىمەن؟ ماڭا تولا تۆھمەت چاپلىماڭلار!
ـــ ئەمىسە، ئۆزىگە ئۆزى ئوت قويۇپ بېرىپتۇ-دە؟!
ـــ چوقۇم شۇنداق، ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز دېسەك قورقۇپ ئۆلۈۋالغان گەپ. ئۇ ئادەتتە تاماكا چېكىدۇ، چاقماقنى يېنىدىن ئايرىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كاۋاپدىنىنمۇ ئۆيىگە ئەكىرىۋالىدۇ، چوغىنى ئۆچۈرمەيدۇ، ئىس چىقىۋېرىدۇ، نەچچە قېتىم گەپ قىلدىم، ئاڭلىمىدى…
ـــ شۇنداقمۇ دەيلى، ئەمما ئۇنى سولاپ قويۇشۇڭ قانۇنغا خىلاپ، سەن سولاپ قويغاچقا ئۇ قورقۇپ ئۆلۈۋالغان، شۇنداقما؟ دېمەك، بۇنىڭغا سەن سەۋەبچى. ئەگەر بىخەستەلىك قىلىپ ئوت كەتكەن بولسا، ئۇ چىقالماي ئۆلگەن بولسا، دېمەك، بۇنىڭغىمۇ سەن سەۋەبچى.
ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى دەۋاتقان ساقچىنىڭ زېرەكلىكىدىن، ئادىللىقىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى، قېرىنىڭ ئوسال ئەلپازىغا قاراپ ئىچ-ئىچىدىن كۈلدى.
ـــ مەن ھەر قايسىڭغا ياخشى بولسۇن، ئاسان بولسۇن دەپ شۇنداق قىلدىم، يامان قىپتىمەنمۇ؟ ھەر قايسىڭ توختىماي 110 غا تېلېفون قىلىڭلار، بىز بىلەن ھەمكارلىشىڭلار… دەيسەن، ئەمدى ھەمكارلاشساق بىزنى جىنايەتچى قىلىشامسەن؟…ــ دەپ چالۋاقاپ كەتتى فاڭدۇڭ قېرى تۆمۈردەك قارىداپ.
ـــ سەن بىزگە تېلېفون قىلدىڭما تېخى! بىزنى كېلىڭلار دېگەن بولساڭ ئىشىك ئالدىڭدا توسۇۋالامتىڭ؟
ـــ دېدىمغۇ، قېرىغاندا ئالجىپتىمەن.
ـــ ئالجىغان بولساڭ ئەمدى ئالجىما ، بىز مۇشۇ ياقنى چارلاۋېتىپ ئۆيۈڭدىكى ئوتنى كۆرۈپ ئاندىن كەلدۇق، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنى چاقىردۇق. يەنە باشقا گېپىڭ بارمۇ؟
ـــ يوق، ئىشقىلىپ ئوتنى بىز قويمىدۇق.
شۇنداقتىمۇ جىنايەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن،ــ دېدى ساقچى، ئاندىن تەتەيگە قاراپ قاپىقىنى تۈردى،ـــ سەنمۇ شۇ. ئىككىڭ بۇ ئىش ئايدىڭ بولغىچە تۇتۇپ تۇرۇلىسەن.
ساقچىلار ئۇ ئىككىسىنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ، ماشىنىسىغا چىقىرىپ ئېلىپ كەتتى.
ئۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدى، ھۇجرىدا ياتقان جەسەت تۇيۇقسىز ئېسىگە كېلىپ قورقۇپ كەتتى. ساقچىلار ئۇ جەسەتنى ئېلىپ كېتىشنى ئۇنتۇپ قالغانىدى، بەلكىم كېيىن بىر تەرەپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى. فاڭدۇڭ قېرى «مېنىڭ بىر ئوغلۇم ساقچى» دېگەنىدى، لېكىن باياتىن ساقچىلارنىڭ ئالدىدا پو ئاتالمىدى، قارىغاندا ئۇ 20 مىڭ يۈەننى ئېلىش ئۈچۈن توخۇ يۈرەك ئۆلگۈچىنى قورقۇتۇپ قويغان گەپ… ساقچىلارنىڭ ماشىنىسىمۇ غەلىتە ئىكەن، ئۈستىدە يا ۋالىلداپ تۇرىدىغان چىرىغى يوقكەن، ياكى ماڭغاندا چىقىراپ سىگنال بەرمەيدىكەن…
ئۇ قوپقۇرۇق ھويلىدا يالغۇز قالدى، ئۇ بىر تۈپ دەرەخ ئەمەس، ئادەم ئىدى، ئەمما گاھىدا ھېچ مىدىرلىيالمايتتى، لېكىن ھەممىنى كۆرۈپ تۇراتتى، ھېس قىلاتتى، بەزى تۇيغۇلىرى يىلتىزدەك چوڭقۇر، بەزى تۇيغۇلىرى دەرەخ ئۇچىدىكى ياپراقتەك يەڭگىل ئىدى. ئۇ بۇ تار ھويلىدا شۇنچىلىك ئازادە قالدىكى، قۇشلاردەك سايراپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتكۈسى كەلدى، دۇتارنىڭ مۇڭلىرى، ناخشىلارنىڭ پەيزى يىراقلاردىن يېتىپ كەلدى.
ئۇنىڭ كاللىسىغا ھۇجرىدا ياتقان جەسەت يەنە كىرىۋالدى، كىچىك ۋاقتىدا دادىسى قۇربانلىق قىلغاندا ئۇنى دائىم قوينىڭ كاللا-پاچاقلىرىنى ئۈكلىگىلى سالاتتى. ئۇ ئۈچ تال كېسەكنى تىزىپ،ئوتتۇرىسىغا ئوتۇن دۆۋىلەپ، ئوت يېقىپ كاللا-پاچاقلارنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ بىردەمدە ئۈكلەپ بولاتتى، چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ تۇرغان قوينىڭ كۆزىدە غۇۋا بىر نەپرەت ۋە ئوتنىڭ يالقۇنى تەڭلا ئەكس ئېتەتتى. قاپقارا ئىس بىلەن تەڭ ئەتراپنى بىر ئالغان قۇيقا پۇرىقى ئۇنىڭدا يەنىلا گۆش يېيىش، پاچاق غاجاش ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى. گۆش يېسە،سۆڭەك غاجىسا، يىلىكىنى شۈمۈرسە يامان يوغان ئەر بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى، دادىسىنىڭ دېيىشىچە، كىچىكىدە ئۇنىڭغا بۆرەك بېرىپ بېقىپتىكەن، كاۋاپ يېگۈزۈپتىكەن. ئۇمۇ سەي، مېۋە-چېۋە يېمىسە يېمەيدىكەنكى، گۆش يېمىسە ئۇنىمايدىغان بالا بولۇپ چوڭ بوپتىكەن. گۆشكە بۆلەكچەئامراقلىقىدىنمۇ ياكى شەرت-شارائىت شۇنداقمۇ ئەيتاۋۇر كىچىكىدىنلا قوي بوغۇزلاشنى، كاللا پاچاق ئۈكلەشنى، كاۋاپ پىشۇرۇشنى ئۆگەندى، ئادەتتە توي-تۆكۈن، مېھماندارچىلىق سورۇنلىرىدا گۆش يېگىلى بولغاچقا بارا-بارا سورۇنغا، داستىخانغا ئامراق بولۇپ قالدى، سازچى ياكى چاقچاقچى بولمىسا تۆردىن دائىم ئورۇن ئالالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، دۇتار چېلىشنى ئۆگەندى، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا گۆشكە ئامراقلىقىلا ئەمەس، ناخشا-سازغا قىزىقىشى ھەم تەبىئىي تالانتىمۇ سەۋەب بولدى. دۇتار چالسا قولى تىترەيدىغان قېرى سەنئەتچىلەرنىڭ كەينىگە كىرىپ خېلى كۆپ ناخشىلارنى ئۆگەندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى ناخشىلاردىن باشقا سېرىق قوشاقلارنى ئاھاڭغا قاتقان سېقىمە ناخشىلارمۇ بار ئىدى. كېيىن شۇ ناخشىلارنى ئېيتىپ سورۇندىكىلەرنى كۈلدۈرۈپ يۈردى، ئېتىزدىكى مۇشەققەتتىن، شودۈيجاڭنىڭ سېسىق گېپىدىن جاق تويۇپ كەتكەن دەرتمەن ئەرلەر، بۇ ئەرلىرىدىن تاياق يەيدىغان قاپىقى ئۇششۇق ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئاچتى. شۇنچە توي، شۇنچە سورۇنلارنى قىززىتتى، ئەمما ئۆزىنىڭ تويىنى قىززىتالمىدى، قىززىتالمىدى ئەمەس، تويىنىمۇ قىلالمىدى، ئالىمەن دېگىنىنى ئالالماي داغدا قالدى. باينىڭ بالىسىغا تەگكەن ئايگۇلنىڭ چىرايىغا ھازىر سەت داغ چۈشتى. خەقلەر ناخشا ئاڭلاپ ھۇزۇرلىنىپ، كۈلۈشۈپ، ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ”يارايسەن، ياشاپ كەت“ دېگەن بىلەن سورۇندىن تارقىغاندا ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىشتى، چىرايلىق قىزلىرى بارلاردىن ھېچقايسىسى ئۇنى كۈيئوغۇللۇققا ئويلاشمىدى، بەلكى”سازچى دېگەن ھاراقكەش بىلەن ئۈلپەت، بۇنىڭغا قىز بەرسەك ئەتە-ئۆگۈن بېشىمىزغا قۇسىدۇ “ دەپ ئويلاشتى. ئايگۇلنىڭ دادىسى تېخى ئۇنى ھاراقكەش تاز دەپ ھاقارەتلىگەن بولۇشى مۇمكىن… ئۇ ساقاللىق، ئېگىز بوي، سەپرا ئادەم ئىدى؛ ئۇنىڭ كۇلىدا، ئۆز ھۇجرىسىدا كۆيۈپ ئۆلگەنلكىنى ئاڭلىسا ساقىلىنىڭ بىر تال مويىمۇ تىترەپ قويمايدۇ، ئايگۇل ئاڭلىسىچۇ؟ يىغلىمايدۇ، ئىچىگە ئېغىر تىنىپ قويىدۇ. مەھەللىسىدىكى خەقلەر ئۇنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ياغلىشىپ كەتكەن دۇتتىرىنى، ياڭراق ئاۋازىنى، قېلىن ناخشىلىرىنى ئۇنتۇپ بىر يەرگە بارغاندا ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇنى قايتىدىن ئەسكە ئېلىشىدۇ…
ئۇ شۇ يىگانە جەسەتكە، ئۇنىڭ ھايات چېغىدىكى كۈلكىسى ۋە ئاۋازىغا ئېچىنىپ، بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ھۇجرىغا يېقىنلاشتى. ھۇجرىدىن يەنىلا سۇس ئىس-تۈتەك، كۆيۈك پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى. بۇ پۇراق ئۇنىڭ بەدىندىكى تەر پۇراقلىرىدەك شۇنچىلىك تونۇش ئىدىكى، كۆزلىرىگە ياش كەلدى. ھايات قالغان بولسا بىرەر قىز جۇۋان بىلەن توي قىلىپ، ئىسسىق يوتقاندا قۇچاقلىشىپ ياتار بولغىيدى…ھەم بىرەر قىز جۇۋان ئۇنىڭغا تېگىپ، ئۇنى كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان ئەرلىك جىسمىدىن ھۇزۇر ئالار بولغىيدى، ئەگەر خوتۇن ئالالىغان بولسا خوتۇنى ئۇنىڭ بەدىنىدىكى پۇراقلارغا ئامراق بولۇپ قالار ئىدى، ئەگەر بويىدا قالسا ئۇنىڭ تەر پۇراقلىرىغا سېزىك بولۇپ، كۆينەكلىرىنى پۇراپ يۈرەر ئىدى… ئۇ ھاياتلىقنىڭ نەق ەدەر گۈزەل، شىرىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدىغان نەرسىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى ھېس قىلدى. شۇلارنىڭ ئارىسىدا گۆھەردەك چاقناپ تۇرىدىغىنى يەنىلا خوتۇن ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭغا تېخى نېسىپ بولمىغانىدى. خوتۇن ئالماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسە نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق! خوتۇننىڭ بۇنچىلىك مۇھىملىقىنى بىلگەن بولسا ھايات چېغىدا ئۆيلىنىۋالماسمىدى؟ قىز ئالالمىسا جۇۋان بولسىمۇ ئالماسمىدى؟ ئۇيغۇر ئالالمىسا تەتەيدىن بولسىمۇ ئالسا بولماسمىدى؟… ئۇ ھايات چېغىدا بىكار يۈرۈپ دۆتلۈك قىلغىنىغا، بۇقىدەك قۇتراپ تۇرغان ۋاقتىدا خوتۇندىن بىرنى ئېلىۋالمىغىنىغا قاتتىق ئېچىندى، خوتۇنىدىن نەپسىنى قاندۇرۇپ يۈرگەن بولسا شۇ تەتەيگە باسقۇنچىلىق قىلمايتتى، ھېچ بولمىغاندا ئۇنداق ئىمكانىيەت، ياۋايى ئىستەكمۇ بولمايتتى. ئەگەر پۇل تىكىشىپ قەرت ئوينايدىغان ئاغىنىلىرى”تەتەيخاننى قۇشلىسا قانداق بولىدىكەن؟“ دەپ سوراپ قالسا ئۆزىمۇ ئېنىق جاۋاب بېرەلمەي ھىجىيىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ ھىجىيىشلىرى ئاشۇ جەسەتنىڭ ھىڭگىيىپ تۇرۇشلىرىغا شۇنچىلىك ئوخشايدۇ ، چىشلىرى قارىداپ كەتكەن، بىر مۇشت تەگسە ھەممىسى تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ.
ئۇ ھۇجرىغا كىرىپ ھەيران قالدى، ھۇجرىنىڭ ئىچى ساپمۇ ساق، بايا كۆرگەن جەسەت كۆرۈنمەيتتى. بايىقى كۆكۈش ئىس ۋە تونۇش پۇراقلار نەگە كەتتى؟ ھۇجرا كۆيمىگەن بىلەن كارىۋات يەنىلا سۇنۇق، دۇتارلار پارچە-پارچە چېچىلىپ ياتاتتى. ساق بولغاندىكىن ھەممە نېمە ساق بولسىچۇ ؟ ئۇ سەل پەرىشان بولدى. تەتەي باسقۇنچىلىق قىلىنمىغان، كارىۋات سۇنمىغان، دۇتار چېقىلمىغان بولسا قانچىلىك خۇش بولۇپ كېتەر ئىدى؟ ھېلىمۇ شۈكرى، جان تەندىلا بولسا پۇرسەت غەنىمەت. كارىۋات سۇنۇق بولسىمۇ يېتىپ ئۇخلىغىلى بولىدۇ، دۇتارنىمۇ بىر يەردىن پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. بىراق فاڭدۇڭ قېرى ئارتىپ قويغان 20 مىڭ يۈەنچۇ؟… ھەي… ئۇنىمۇ بىر ئامال قىلىپ تۆلەپ كەتكىلى بولىدۇ، ھەتتا تۆلىمەيمۇ قۇتۇلغىلى بولىدۇ…
ئىشىك تۇيۇقسىز شاراقلاپ ئېچىلىپ، تەتەينىڭ بېشى كۆرۈندى. ئۇ ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ قويۇپ يەنە ئىشىكنى ئەتتى، تەتەي ئۇنى كۆرمىدىمۇ ياكى كۆرسەم قورقۇپ كېتىمەن دەپ ئويلىدىمۇ، ئۇنىڭغا قارىمىدى، قارىمىسىمۇ ئۇنى بار دەپ ئويلىدى. بۇ ھۇجرىنىڭ ھويلىغا قارايدىغان كىچىككىنە دېرىزىسىگە فاڭدۇڭ قېرى ئۆتكەن يىلى قىشتا يالتىراق مىخلىۋەتكەن بولۇپ، قىش چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنى ئېلىۋەتمىگەنىدى. ھازىر بۇ دېرىزىدىن ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايتتى، كۈندۈزى ئاسمان ھەمىشە چاڭ-توزان بىلەن قاپلىنىپ كەتكەندەك تۇتۇق، سېرىق كۆرۈنەتتى. ئەگەر بۇ قەپەزگە بۇنداق سولىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا ئۇ بىر نېمىنى ئاللىبۇرۇن ئېلىپ تاشلىۋەتمەسمىدى، شۇ چاغدا فاڭدۇڭ قېرىغا رەھمەت دەپ كەتكەنلىرى تېخى… ئۇ مۇشۇ ۋاققىچە قىلغان دۆتلۈكلىرىنى بىرمۇ بىر ئويلاپ، ئاچچىققا تولۇپ كەتتى. باشلانغۇچتا ياخشى ئوقۇمىدى، خانىمنى تىللاپ تاياق يېدى، قوشنا مەھەللىدىكى تازلار بىلەن سوقۇشۇپ بۇرنى قانىدى، قىشتا چانا تېيىلغاندا بىرسىنىڭ كۆزىگە بىگىز سانچىپ بېرىپ ئۇنى قارىغۇ قىلىپ قويغىلى تاس قالدى، مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيىگە كېتىپ بارغان قىزغا چاقچاق قىلىپ ئېسىلىپ قويۇپ ماز پەينەك دەپ ھاقارەتلەندى. سورۇندا بىرسىنىڭ يېڭى ئالغان خوتۇنىغا بەك قاراپ سېلىپ ئېرىدىن مۇشت يېگىلى قىل قالدى. داستىخاندا بەزىدە نەپسىنى يىغالماي، گۆشكە چوڭدىن ئاۋۋال قول ئۇزىتىپ «دۇتارنى سىلاۋېرىپ قول ئۇزىراپ كېتىپتۇ ھە» دېگەندەك مازاق گەپلەرگە قالدى. ناخشا توۋلاپ گاھىدا قىززىپ كېتىپ، ئايگۇلنى قوشاققا قېتىپ قويۇپ قىزنىڭ ئاتىسىنى رەنجىتتى، ئاتىسىغا ئەگىشىپ قىزىمۇ ئۇنى قىلىقسىز دەپ ئويلاپ ياراتمىدى… نامراتلىقى، ساياقلىقى بىلەن قوشۇلۇپ مەھەللىدە ھېچقانداق قىز ئۇنىڭغا قىزىقمىدى. كېيىنچە خەقلەر يېڭىلىققا يۈزلەندى، پۇل تاپسا ئۈنئالغۇ، تېلېۋىزور ئالدى، توي بولسا ديەنزىچىڭ دېگەن بىر نېمىنى پۇل تۆلەپ چالدۇرىدىغان بولۇشتى، توي ئىگىلىرى جاقا – جۇمباق ئاۋازلاردىن مەغرۇرلىنىدىغان، تويغا كەلگەنلەرمۇ شۇ ئاۋازلارغا ئەگىشىپ ئەسەبىيلىشىپ، باراڭ ئاستىدىكى ئوي-دۆڭگۈل ھويلىلاردا ئۇسسۇل، تانسا دېگەنلەرنى ئالامەت ئوينىۋېتىدىغان بولۇشتى. دۇتاردىن تۈزۈك ئاۋاز چىقمىسا خەق قانداق تەنتەنە قىلىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ دەبدەبە، ھەشەمەتلىرىنى قانداق جاكارلىيالايدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر چەتتە تاشلىنىپ قالدى، بىكارغا چېلىپ بېرەي دېسىمۇ ئادەم چىقمىدى، پەقەت ياشقا چوڭراق ئادەملەر لا ئۇنى ئاندا-ساندا تەكلىپ قىلىپ چالدۇراتتى. ئۇنىڭ يۇرتىدا دۇتار چېلىپ بەرسە ئۆرۈم بېرىدىغان ئىش يوق ئىدى، بېيجىڭغا كېلىپ بىر نەچچە سورۇندا غۇلجىلىقلار ئۆرۈم بېرىۋىدى، ھەيران قالدى. ئىشقىلىپ، مەھەللىسىدىكى خەقلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىدى، يېشى چوڭايغانچە، ئۆيلىنەلمىگەنچە ئابرۇيى تېخىمۇ چۈشتى، ئۆزىدىن كىچىكلەرنىڭ تويىغا ئاساسەن بارالمايدىغان بولدى. چاپىنى تىزدىن ئاشمايدىغان بەڭگە ئاتىسى، كۆزىدىن ياش قۇرىمايدىغان كېسەلجان ئانىسى بىلەن تولا قېيدىشىپ، سوقۇشۇپ، ئۆيىدىنمۇ زېرىكتى، دېھقانچىلىققا پىششىق، كەم سۆز ئىنىسىمۇ بىر چاغدا توساتتىن « دۇتتىرىڭنى ئېلىپ بىر ياققا يوقالساڭ بولمامدۇ؟ قاچانغىچە جاپايىڭنى تارتىمىز» دەپ جاندىن ئۆتكۈدەك گەپ قىلدى. خەقلەرگە ھەم ئۆيىدىكىلەرگە سەت كۆرۈنگەنچە ئۇنىڭ ئىچى سىقىلدى،  كاللىسى قايدى، كەسكىن پىلانلار تۈزۈپ باقتى، شىرىن خىياللارغا بېرىلدى. ئەمدى بۇرۇنقىدەك ياشاۋېرىدىغان ئىش يوق ئىدى، يېشىمۇ، ئەتراپىدىكى مۇھىتمۇ، ئادەملەرمۇ، مۇئامىلىلەرمۇ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتاتتى. شۇ كۈنلەردە مەھەللىسىدىكى بىر قانچە تاز يوقاپ كەتتى، ئۈرۈمچىگە كېتىپتۇ، كۇلىغا قېچىپتۇ دېگەن گەپلەر تارقالدى. ئۇلار ئالىقاپ بولغان بىلەن ھەقىقىي تەۋەككۈلچىلەر ئىدى؛ ئۇنىڭدىن بەكرەك باتۇر، قارام ئىدى. ئەمىسە ئۇ نېمىشقا بىر ياققا ماڭالمايدۇ؟ بىرىنچىدىن، پۇلى يوق ئىدى، ئىككىنچىدىن، ئايگۇل تېخى توي قىلمىغانىدى. پۇل بولغاندىلا ئايگۇل بىلەن توي قىلغىلى بولاتتى. ئايگۇل ئۇنى قىلىقسىز دېگەن بىلەن ئۇنىڭغا ئانچە-مۇنچە قىزىقىپمۇ قوياتتى، دەسلەپتە ياشلار ئولتۇرغان بىر نەچچە سورۇندا ناخشىسىنى ئاڭلاپ زوقلانغان ۋە بۇ سۆيۈنۈشلىرىنى كۈلۈمسىرەشلىرى بىلەن ئىپادىلىگەنىدى. تاپسىدا ئۇسسۇلغا چۈشكەن ھەم ئۇنىڭغا جىلمىيىپ باققان قىزلار بىر-بىرلەپ ئەرگە تېگىپ، ئەڭ ئاخىرىدا شۇ ئايگۇل قالدى، گويا ئۇنىڭغا تارتىشىۋاتقاندەك، «ساڭا ساقلاۋاتىمەن، پۇل تېپىپ مېنى ئەمرىڭگە ئال، ئاندىن ھۇجراڭدا دۇتار چېلىپ مېنى ئۇسسۇلغا سال، ساڭا تەگسەم ناخشا ئاڭلاپ زېرىكمەيمەن…» دېگەندەك خېلى ئۇزاق ساقلىدى. ئۇ بۇنىڭدىن گۈزەل ئۈمىدلەرگە تولۇپ، ئايگۇلنىڭ ئەرگە تېگىپ كەتكەن دوستى ئارقىلىق قىزغا كۆڭلىنى بىلدۈردى، ئېنىق جاۋاب ئالالمىدى. ئىككىنچى قېتىم قىز بىلەن يەكشەنبە بازاردا ئۇچرىشىپ قالدى، ئەمما سۆزلىشىشكە پۇرسەت تاپالمىدى. ئۈچىنچى قېتىم، ئۇ يەنە ئايگۇلنىڭ دوستى ئارقىلىق كۆرۈشۈشكە پۇرسەت ئىزدىدى، ئاخىر بىر كۈنى بازاردا ئۇلار ئاشپۇزۇلدا، ئايرىمخانىدا كۆرۈشتى. ئايگۇلنىڭ دوستى «ئىككىڭلار پاراڭلىشىڭلار» دەپ چىقىپ تۇردى. ئىككىسى گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي بىر دەم تۇرۇپ قېلىشتى. بۇ پەيتنى ئۇ ھازىرمۇ كۆزىنى يۇمۇپ قويۇپ، ھەر بىر ئەسنالىرىنى ئەلەم بىلەن ئەسلەيدۇ. شۇ چاغدىمۇ يۈرىكى ھازىرقىدەك دۈپۈلدەپ سوقۇپ تۇراتتى. ئۇ ئايگۇلنى سورۇندا كۆرگەندە ئۇنچە تارتىنچاق ئەمەس دەپ ئويلىغان، ئەمما ھازىر تولىمۇ يۈزى تۆۋەن بىر ئايگۇل ئۇنىڭ سۆز ئېچىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى. بۆرەك يېگەن ئوغاۋالا، گەپنى ئۆزەم چىقاردىم، ئۆزەم باشلاي دەپ ئويلىدى ئۇ. ئايگۇل بەك باينىڭ قىزى بولمىسىمۇ چىرايلىق كىيىنىۋالغانىدى، يۈزىگە ھېچقانداق گىرىم قىلمىغان بولسىمۇ ئەت ئۇزايىدىن 18 ياش قىزلاردا بولىدىغان ساغلاملىقى، گۈزەللىكى، لىۋەنلىكى بالقىپ تۇراتتى. ئۇ توساتتىن ئۆزىنىڭ ئۇچىسىغا سەپسېلىپ قورۇنۇپ كەتتى، يۇيۇنمىغىلى نى زامان ؟ ساقاللىرىنى ئالغان بىلەن بوينى كىر، قولتۇقى پۇرايدۇ… قىز بۇنى سېزىپ قالغاندەك ئۇنىڭغا قارىماي ئولتۇراتتى، چىرايىدىن ھېچ خۇشاللىقىنى كۆرگىلى بولمايتتى. قىز بەلكىم ئۇنىڭغا تەگمەيدۇ، بۇ يەرگە پەقەت ھۆرمەت يۈزىسىدىن كەلدى، بەلكىم بىر يىگىتنىڭ ئېغىزاكى مۇھەببەت تەكلىپىگە قانائەتلەنمەي، ئۇنى يۈزتۇرانە ئاڭلاش ئۈچۈن كەلدى، بەلكىم ئاتا-ئانىسى تاپىدىغان ئەرگە تېگىشتىن ئاۋۋال ئۆزى خالاپ، مۇھەببەت، كۆڭۈل ئىزھارى دېگەن نەرسىنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر بىلىپ بېقىش ئۈچۈن كەلدى، بەلكىم تېلېۋىزورلاردا بېرىلىۋاتقان مۇھەببەت كىنولىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كەلدى… كېلىپ ئۈمىدسىزلەندى، چىقىپ كېتەي دېسە سەت تۇرغان…
ـــ ئاۋۋال بىر نەرسە… يەيلى، نېمە يەيسىز.
ئايگۇل بۇ يەرگە كېلىپ تاماق يېيىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغاندەك ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن لەپپىدە قاراپ قويۇپ يەنە بېشىنى تۆۋەن سالدى:
ـــ مەن بىر نەرسە يېمەيمەن.
ـــ ئەمىسە ئۆزەم بىلىپ بۇيرۇتاي.
ـــ مەن بۇ يەرگە تاماق يېگىلى كىرمىگەن، گېپىڭىز بولسا چاققان دەڭ، مەن ئالدىرايمەن.
ئۇنىڭ پاچاقلىرى تىترەشكە باشلىدى. بۇ قىز خەقنىڭ گېپىدىن قورقۇۋاتامدۇ ياكى گەپنى يامان يەردىن ئۈزۈپلا قۇتۇلاي دەپ ئويلاۋاتامدۇ، ئەيتاۋۇر بۇ يەرگە خاتا كىرىپ قالغاندەك جىددىيلىشىپ تۇراتتى.
ـــ دېسەم شۇ گەپ… سىزمۇ بىلىسىز… مېنىڭ كۆڭلۈمدە سىز بىلەن…
ـــ بولدى، نېمە دەيدىغانلىقىڭىزنى باھارگۇل ماڭا دەپ بولدى، بۇنىڭغا ئۆيدىكىلەر قوشۇلمايدۇ…
ـــ ئەمىسە سىزچۇ…
ـــ مەنما، ئۆيدىكىلەر نېمە دېسە شۇ، ئىشقىلىپ ئۆيدىكىلەر مېنى سىزگە ھەرگىز بەرمەيدۇ، قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىلىڭ…
قىز كۆڭۈلسىز ئايرىلدى، چىقىپ كېتىۋېتىپ بىرسى چېكىپ تاشلىۋەتكەن تاماكىغا دەسسەپ سالدى. ئۇ مىجىۋېتىلگەن تاماكا كۆتىكىگە قاراپ يۈرىكىنىمۇ شۇنداق دەسسەلگەندەك ھېس قىلدى. يۈرىكىدىكى ئوت  تاماكىدەك ئۆچتى، كۈلى كۆچتى. ئەمما مۇھەببەت، شەھۋەت دېگەن گويا بەڭگىنىڭ خۇمارىدەك نەرسە بولغاچقا يەنە قايتا پەيدا بولدى. بۇ نايناق مېنى پۇلى يوق دەپ ياراتمايۋاتىدۇ، پۇل تېپىپ ئالدىغا نوچى بارسام مۇئامىلىسى ئۆزگىرىدۇ، بۇ مەھەللىدە ئەمدى ئۇنىڭغا يارايدىغان ئادەمدىن مەندىن باشقا كىم بار؟ دەپ ئويلىدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن يېزا بازىرىدىكى بىر ئاشخانىدا ئايلىقىغا 300 كويدىن ئىشلەپ كاۋاپ ساتتى، ئالتە ئاي ئىشلەپ ئالتۇن جابدۇققا چۇشلۇق پۇل تاپتىم دەپ يۈرگەندە ئايگۇلنىڭ توي خەۋىرىنى ئاڭلاپ، يېلى چىققان توپتەك سولىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى شۇنچىلىك تار ئىدىكى، ئايگۇلنى پەقەت ئۆز مەھەللىسىدىن ئەرگە تېگىدۇ دەپ ئويلاپ قالغانىدى. ئەمەلىيەتتە قىز بالا دېگەن تالانىڭ، ھەر قانداق يەرنىڭ ئادىمى ئىدى، چىرايلىققا كۆزى چۈشىدىغان ئەر نەدىن بولمىسۇن بىر يەردىن ئوغرى مۈشۈكتەك پەيدا بولاتتى…
ئۇ سۇنۇق كارىۋاتقا كېلىپ ئولتۇردى، بىر دەم ئولتۇرۇپلا بېلى تالدى، بېلىمنىڭ كۈچىنى تەتەي ئېلىپ بوپتۇ دەپ ئويلىدى. ئولتۇرۇپ ئىچى پۇشتى، چالاي دېسە دۇتتىرى يوق، ئوقۇي دېسە كىتابى يوق، ئۆزىمۇ ھەم كىتاب ئوقۇي دېمەيتتى، خەتنى كۆرسە بېشى ئاغرىيتتى، بۇنىڭغا ئەينى ۋاقىتتىكى شۇ ئەسكى خانىملار سەۋەبچى بولغانىدى. ئۇ بۇ ۋەيرانە كاتەكتە قىلىدىغان ئىش تاپالماي جۇۋاز كالىسىدەك ئايلىنىپ ساراڭ بولغاندىن، جىم ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈپ ياتاي دەپ، پۇت قوللىرىنى سۇنۇپ ياتتى، گويا تۆت تەرىپى توسۇلغان سېسىق كۆلدىكى سۇنۇق كېمىدەك ئاقتى… تۈرمىدە ياتقان گۇيلار قانداق چىدايدىغاندۇ-ھە! ياق، ھېچ بولمىسا ئۇلار يالغۇز ئەمەس، بىر-بىرى بىلەن پاراڭلىشىدۇ، ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىشىدۇ، مۇشتلىشىدۇ، ئاندىن ساقچىلار كېلىپ ئاجرىتىدۇ… كۆيۈپ چۈچۈلە بولۇپ كەتكەن جەسەتنى باياتىن ساقچىلار رەسىمگە تارتىپ يۈرەتتى. بۇ مەنزىرە شۇنچىلىك ئېنىق ئىدىكى، ئۇ ئورنىدىن چۆچۈپ قوپۇپ كارىۋاتقا يەنە بىر قاراپ، كىندىكىنى سىلاپ قويدى. نۇرغۇن نەرسىلەرنى تۇتقان، سىلىغان، قاماللىغان، سۇندۇرغان، تىققان، تارتقان، يەملىگەن، ئاجراتقان، كاۋاپچىلىق قىلغاندىن بېرى گۆش ماي تۇتۇپ ياغلىشىپ كەتكەن قولى ھازىرمۇ ئوت ياقسا لاپپىدە كۆيىدىغان پىلىككە ئوخشايتتى. ئۇ قولىغا قاراپ، ھېلىقى جەسەتنىڭ چاترىقىغا چاپلاشقان ھالەتتە كۆيگەن قولىنى ئېسىگە ئېلىپ شۈركىنىپ كەتتى، كۆيگەندە ئادەمنىڭ جان يېرى دەھشەت ئاغرىيدىغان ئوخشايدۇ، ئەڭ يامان يەرمۇ شۇ ئەمەسمۇ… دەپ ئويلاپ قالدى.
ئۇنىڭ قولى كىندىكىنىڭ نەرىنى تۇتسا شۇ يەر ئوت ئالغاندەك كۆيۈشۈپ ئاغرىيتتى. بۇرنىغا يەنە كۆيۈك پۇرىقى تەگدى، بۇ كاۋاپنىڭ پۇرىقىغا ھەرگىز ئوخشىمايتتى. ھۇجرىنىڭ ئىچى بارغانچە تىنجىپ كەتتى، ئۆينىڭ ئىچىدە بىر نەرسە كۆيۈۋاتامدۇ ياكى سىرتتىن ئىس كىرىۋاتامدۇ، بىلەلمەي قالدى، نەپسى بارا-بارا سىقىلدى، كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى…
ئۇ بىر چاغدا كۆمۈر گازىدا زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ قالغان ئەر-خوتۇننى دەپنە قىلىشقا پۇل چىقارغان، ئادەم بەك ئاز بولغاچقا خۇيزۇ قەبرىستانلىقىغىچە بىللە بېرىشىپ بەرگەنىدى. مېيىت نامىزىغا بەشلا ئۇيغۇر قاتناشتى. ئۇ سەپنىڭ ئەڭ چېتىدە تۇرۇپ ئالدىدىكى ئىككى جەسەتكە قارىدى، ئۇلار يېقىن-يېقىن قويۇلغان، بوي بەستىمۇ تەڭ ئىدى. توي كېچىسىمۇ بەلكى باشتا تارتىنىپ مۇشۇنداق يېقىن-يېقىن يېتىشقان بولغىيدى، شىرىن تۇيغۇلارنى بىللە باشتىن كەچۈرگەن بولغىيدى.ھەممە ئىشلىرى، قىلىش-ئەتمىشلىرى،كۈلكە-پاراڭلىرى، يىغا-زارىلىرى، مەخپىيەتلىكلىرىنى بىللە ئېلىپ كەتتى. ئۇلار ئەمدى ئۆي ئىجارىسى تۆلىمەيدۇ، سوغۇقتا شۈمشىيىپ كاۋاپ ساتمايدۇ، ساقچىلاردىن، بازار باشقۇرغىچىلاردىن ئۈركۈپ قاچمايدۇ، غەمدىن بېشى قاتمايدۇ، زىياندىن ئىچى ئېچىشمايدۇ، كەلمىگەن ئىشلارغا غەم قىلىپ قاپىقىنى تۈرمەيدۇ، بىر-بىرى بىلەن سوقۇشمايدۇ، ئەنسىزلىكتىن يۈرەكلىرى دۈپۈلدىمەيدۇ، شۇ قەدەر خاتىرجەم… بۇ دۇنيا ئۇلار ئۈچۈن ئەمدى مۇناسىۋەتسىز، شۇغىنىسى ئۆلگەندىن كېيىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟ ئۇ بۇ مەسىلىنى ئۇلار دەپنە قىلىنىپ بولغىچە ئويلىدى، نەدىلا ياتسا خۇدانىڭ يېرىدە ياتىدۇ، ئوخشاشلا سوئال-سوراققا تارتىلىدۇ، بارىدىغان يېرى جەننەت ياكى دوزاخ بولىدۇ. كىمنىڭ ئىمانى بولسا بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىدۇ، ئىمانسىزلار ئىشەنمەيدۇ، ئۆلگەندىن كېيىن قۇرت-قوڭغۇزلارغا يەم بولۇپ تۈگەيمىز دەپ ئويلايدۇ…
ئۇلار دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن دۇئا-تەگبىر ئوقۇلدى، ئاندىن تۇرسۇنكام دېگەن ئادەم قىسقىچە گەپ قىلدى: بۈگۈن ھەر قايسىڭلارغا رەھمەت، نەچچەيلەن شۇنچە دېسەكمۇ كەلمىدى، ئەلۋەتتە بىر مۇسۇلمان بولغاندىكىن ئۇنىڭ جىنازىسىغا قاتنىشىشى كېرەك ئىدى، ئارىلىققۇ يىراق ئەمەستى، كۆڭۈل يىراقلاپ كەتتى، ئىمان يىراقلاپ كەتتى بۇرادەرلەر، مۇسۇلمان دېگەن مۇشۇنداق چاغدا بىر يەرگە كەلمىسە ئۇنىڭ نەرى مۇسۇلمان؟ ئۇلارنىڭ ئوينايدىغانغا ۋاقتى بار، بۇ يەرگە كېلىشكە ۋاقتى يوق، ئالدىنىڭ ماشىنىسى بار، ماي پۇلىغا چىدىمىغۇدەك ئادەملەر ئەمەس ، ئەمما دىلى قېتىپ كەتتى. ئۇلارمۇ بىر كۈنى ئۆلىدۇ، شۇ چاغدا كۆرىدۇ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئادەملىكىنى،ئادەم دېگەن پۇل تاپسىلا ھېساب ئەمەس، پۇل دېگەن گاھىدا شەيتان،پۇل تېپىپ كېرىلىپ كەتكەنلەر شەيتاننىڭ پوقىنى يېگەنلەر، پۇل تېپىش كېرەك، جايىدا ئىشلىتىش كېرەك، بولمىسا شەيتان گەدەنگە مىنىدۇ. ھەر قايسىڭلارمۇ پۇل تېپىۋاتىسىلەر، پۇل تاپىمىز دەپ كۇلىغا چىقتىڭلار، نەچچىسى پۇلنى دەپ ئۆلدى، كۆرۈۋاتىمىز، ئۆلگىنىنى ئەچىقىپ بۇ يەرگە كۆمۈۋاتىمىز، كۆمۈپ بولۇپلا ئىش تۈگىدى دەپ ئۆزىمىز بىلگەننى قىلۋاتىمىز، ئۇنداق قىلمايلى بۇرادەرلەر، بۇ جاھاننىڭ ئىگىسى بار، بۇ پۇللارنىڭ سورىقى بار، ئاللاھتىن قورقىلى،ئۆزىمىزگە ئىنساپ تىلەيلى… ئۇ بۇ گەپتىن تەسىرلىنىپ يامان ئىش قىلماسلىق، پۇلنى جايىدا خەجلەش نىيىتىگە كەلدى،ھەپتىدە بىر قېتىم بولسىمۇ جۈمەگە بېرىپ، ھەقەمسايىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇردى.
ئىس بارغانچە قويۇقلىشىپ ھۇجرىنى تۇمانلاشتۇرۇۋەتتى، ئۇنىڭ بېشى چىڭقىلىپ، دىماغلىرى ئېچىشىپ، كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى. ئىشىكنىڭ يوچۇقىغا بۇرنىنى تىقىپ تالادىكى ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنمەكچى بولدى. بىراق نەق شۇ يەردىن ئىس كىرىۋاتاتتى. فاڭدۇڭ قېرى بىلەن تەتەينى ساقچى تۇتۇپ كەتكەندەك قىلىۋاتاتتى، تەتەي يەنە پەيدا بولدى. دېمەك ئۇلار قايتىپ كېلىپ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئىس قويۇپ بەرگەنمدۇ؟ ئۇ يۆتىلىپ، ئىشىكنى قاتتىق تەپتى، ۋاقىرىدى، ئىككى ۋاقىراپلا ئاۋازى بوغۇلۇپ تېخىمۇ قاتتىق يۆتىلىپ كەتتى. دېرىزىنى چېقىش ئۈچۈن تاش ئىزدەپ تاپالماي سۇنۇق كارىۋاتنىڭ بىر پۇتىنى تارتىپ چىقىرىۋاتقاندا ئايلىنىپ يىقىلىپ چۈشتى… ئۇ يىقىلغان بىلەن مېڭىسى ھەرىكەتتىن توختىمايتتى، ئاڭ ۋە خىيالى تاشقى دۇنيا بىلەن سىمسىز تېلېفون سىگنالىدەك ئۇچۇرلىشىپ تۇراتتى:
-مېنى قۇتقۇزۇڭلار…
− نېمە بولدۇڭ؟− دېدى بىر ئاغىنىسى. ئۇنى بەك ئاغىنە دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ئېقى كېلىشەتتى.
-ئىتنىڭ ئۇۋىسىغا سولىنىپ قالدىم جېنىم ئاغىنە، مېنى قۇتۇلدۇرۇۋال.
- تۈرمىگە كىرىپ قالدىڭما؟
-ياق، تۈرمىدىن بەتتەر. بۇ يەردىن چىقالماي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن، مېنى قۇتۇلدۇرۇۋال.
- يوق گەپنى قىلمىغىنا؟!
−شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ بىر تەتەيگە چېقىلىپ قويدۇم، فاڭدۇڭ قېرى سولاپ قويدى، 20 مىڭ يۈەن تۆلەيسەن دېدى، تۆلەپ بولغىچە مەشەدىن چىقماي ياتىسەن دېدى. مەندە پۇل يوق دېسەم ئاغىنىلىرىڭگە تېلېفون قىل دېدى. بۇ ئىشنى ساڭىلا دەۋاتىمەن.
-كۆتۈڭنى قىسساڭ بولمامدۇ سەنمۇ؟
- شۇ قىسالمىغان گەپ، پۇل بېرىپ تۇرالارسەنمۇ؟ چوقۇم تۆلىۋېتىمەن.
-مەندە پۇل يوق، قىما ئويناپ ھەممىسىنى ئۇتتۇرۇۋەتتىم.
-باشقىلارغا دەپ باقساڭ، بىر ياردەم قىلسا بولمامدۇ؟
- ھېچكىمدىن ئۈمىد كۈتمە، ھازىر بىر كىمدىن 20 مىڭ يۈەن ئەمەس، 20 كويمۇ چىقمايدۇ.
-پەقەت ئامال بولماسمۇ؟ ھېچقايسىڭلار ياردەم قىلالمامسىلەر؟
- ياردەم قىلغۇدەك ھالىمىز بولمىسا قانداق ياردەم قىلىمىز؟
- بۇ ئۆيدىن ئۆلۈكۈم چىققاندا يەرلىك ئېلىشقىمۇ ئىئانە قىلالمامسىلەر؟
- ئۇنداق مۇنداق قىلىپ 1000 يۈەن بولسىمۇ يىغارمىز، قالغان 2000 يۈەننى قانداق قىلىمىزكىنتاڭ؟
- ئۆتكەندە قەبرىستانلىققا چىققاندا سەن بارغۇ
- بار، نېمە بولدى؟
- شۇ چاغدا تۇرسۇنكام نېمە دېگەن؟
- نېمە دېگەن؟ قاچانقى گەپ ئۇ، ئېسىمدە يوق.
- ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئىنساپ بىلەن ئىش قىلىڭلار دېمىگەنمۇ؟
- شۇنداققۇ دېگەن، ئەمما بۇ كۈنلەردە كىم كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ دەيسەن؟ تۇرسۇنكام ھازىر رېستۇران ئېچىپ بېيىپ كەتتى. بولمىسا تېلېفون قىلىپ ياردەم سوراپ باققىن.
- نومۇرى نەچچە؟
-بىر، ئۈچ، ئالتە توققۇز، ئىككى يەتتە، ئىككى نۆل.
ئۇ شۇ ئادەمگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالىنى قىسقىچە بايان قىلدى. ئەمدى ئاكا…بىر.. دەپ ئاغزىنى ئۆمەللەپ بولغىچە قۇلىقى تۈۋىدە گويا بومبا پارتىلىدى:
-ھەي خۇمسى گۇي، مۇسۇلمان تۇرۇپ شۇ تەتەي بىلەن زىنا قىلدىڭما؟ ئېشەكمۇ سەن ئادەممۇ؟ ئېشەك جېنىدا ئۆز خىلىنى تاپىدۇ، سەن شۇ ئېشەكچىلىكمۇ بولالماپسەنغۇ؟ مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئاۋۋال ئادەم بولۇش كېرەك، خېلى بىر جۈمەگە بېرىپ يۈرەتتىڭ؟ پوق يېدىڭما گۇي؟ ئوقۇغان نامازلىرىڭ قېنى؟ قايسى يۈزۈڭ بىلەن مۇشۇ گەپنى بىزگە دەيسەن؟ زىنانىڭ جازاسى نېمە؟ بىلەمسەن؟ ئاپىرىپ چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش!
ئۇ ئۇجۇقۇپ تىنالماي قالدى، قەبرە بېشىدا ئېيتىلغان گەپنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاشۇنداق قىلغاندىكىن ئۆزىگىمۇ ئاز!
بىر دەمدىن كېيىن ھېلىقى ئاغىنىسىدىن تېلېفون كەلدى:
− قانداق بولدى؟ ياردەم قىلىدىغان بولدىمۇ؟
− ياق، كېلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرىدىغان بولدى.
− مەن دېمىدىممۇ، ئۇ ئادەم بۇنداق ئىشقا ھەرگىز ياردەم قىلمايدۇ.
− بوپتۇ، ھەممىڭلارغا رەھمەت.
− ئۆيۈڭگە تېلېفون قىلساڭ بولمامدۇ؟
− ئۆيدە تېلېفون يوق، تېلېفون بولسىمۇ ئۇرمايمەن، نومۇستىن ئۆلسۈن دەمسەن مېنى؟
− ئەمىسە باشقا چارىلەرنى ئويلا، ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا.
− يا 20 مىڭ يۈەننى تۆلەيمەن، يا بولمىسا تۈرمىگە كىرىمەن. لېكىن تۈرمىگە كىرىپ بولغىچە ئۆلىدىغان ئوخشايمەن. مۇشۇ تاپتا ئۆلۈكتەك ياتىمەن.
− كاللاڭنى ئىشلەت، ئاۋۇ تەتەيگە يالۋۇرۇپ باق، سېنى خوتۇنلۇققا ئالاي، ئۆمۈر بويى سېنى باقاي دەپ باق. ئۇناپ قالار. بىر كېچە رازى قىلىۋەتسەڭ قوينۇڭدىن چىقمايدىغان خوتۇن بولىدۇ، ئاللىبۇرۇن رازى قىلىپ بولدۇڭمۇ تېخى… ھى ھى..
ئۇمۇ زورىغا كۈلۈپ قويدى. بۇ قانداق چارە؟ ھەر ھالدا بولىدىغان چارە، ئۇ تەتەيگە چېقىلىپ قويماستا شۇنداق ئوبدان ئۆتكەن. ياپياش تەتەي بۇ يەردە يالغۇزسىراپ، ئەرسىرەپ ئولتۇرىدۇ. فاڭدۇڭ قېرى ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ بولالمايدۇ.ئەگەرئۇ قېرى توسقۇنلۇق قىلمىسا تەتەيدىن كەچۈرۈم سوراپ، ئۇنىڭغا ھەممە پۇلىنى خەجلەپ، قائىدىسىنى قىلىپ خوتۇن قىلىۋالسا بولىدۇ، ئاندىن ئۇنى ئىمانغا كىرگۈزسە ساۋاب تاپىدۇ، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ساقىت بولىدۇ… ئۇ بۇ خىيالنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىلىپ كېتىپ، ئاغىنىسىنىڭ گېپىگە جاۋاب بېرىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى.
كۆز يۇمۇلدى، ئۇچۇر ئۈزۈلدى، پاراڭلار توختىدى. ئۇ ئۆلۈكتەك ياتقان، ئۆلدۈم دەپ ئويلىغان بىلەن يۈرىكى سوقۇپ، مېڭىسى ئىشلەپ تۇراتتى؛ روھى يەنىلا جىسمىغا پاتماي تالاغا قېچىپ تۇراتتى، خالىغان يېرىدە توختاپ ئەتراپىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى، بىر قارىسا بۇلار چۈشىگە ئوخشايتتى، ئەمما تۇيغۇلىرى ناھايىتى ئېنىق ۋە ئەمەلىي ئىدىكى، بەئەينى رىئاللىققا ئوخشايتتى. ئۇ بىر دەمدە يەنە تالاغا چىقىپ قالدى، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالدى. ئۆلمىدىم دەپ يايراپ كەتتى. فاڭدۇڭ قېرى تالادا ماجاڭ ئويناۋاتامدىكى دەپ قاراپ باقتى، ھەتتا بېرىپ سوراپ باقتى. قېرىلار ”ئىككى كۈن بولدى، كۆرۈنمىدى“ دېيىشتى. ساقچىلار راست ئېلىپ كەتكەنمىدۇ؟ ئۇنداقتا بايا پەيدا بولغان تەتەيچۇ؟ ئۇ قانداق كېلىپ قالدى؟ فاڭدۇڭ قېرىنىڭ يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ تەتەيگە توي تەكلىپى قويسا قانداق بولار؟ شۇندىلا 20 مىڭ يۈەندىن قۇتۇلۇپلا قالماي، خوتۇندىن بىرسىگە ئېرىشەلەيدۇ، گۇناھتىن ساقىت بولىدۇ. ئۇ تەتەينى ئىزدەپ باقتى، تاپالمىدى. ھۇجرىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى، بايا تەتەي مۇشۇ ئىشىكتىن بېشىنى تىقىپ قويۇپ كەتكەنىدى. ئۇ ئىشىكتىكى قۇلپىغا قاراپ غەزەبلەندى، يەردىن بىر تاش ئېلىپ ئۇنى چاقتى، شۇنچە ئۇرسىمۇ ئۇ قۇلپا چېقىلاي دېمەيتتى، ساقچىلار بىر پاي ئوق بىلەنلا چۇۋۇۋەتكەن قۇلپا ئەمدى نېمىشقا ئېچىلمايدۇ؟ ئۇ ئىشىكنى ئاچچىقىدا بىر تېپىپ قويۇپ ئىككى يېنىغا قارىدى، كۆزى دېرىزىگە چۈشتى، دېرىزىگە مىخلانغان سېرىق يالتىراقنى كۆرۈپ ئۆچ ئېلىش ھاياجىنىنى باسالماي ئۇنى كۈچەپ تارتىپ يىرتىپ سۆكۈشكە باشلىدى. دېرىزىنىڭ ئەينىكى كۆرۈندى، ئەينەكتىن ھۇجرىنىڭ ئىچى كۆرۈندى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىنى ماراۋېتىپ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. دۇتتىرى تامدا ئېسىقلىق، كارىۋات، يوتقان كۆرپە، دۇش، پىچاق، ھەممە نەرسە ئۆز جايىدا تۇراتتى… باياتىن ھۇجرىغا كىرگەندە بىر قېتىم ھەيران قالغان، قورقۇنچلۇق ئوت ئاپىتىدىن ئامان قالغىنىغا شۈكرى قىلماي، ”ئەسلىگە كەلگەندىكىن تايىنلىق ھەممە نەرسە ئەسلىگە كەلگەن بولسىچۇ“ دەپ ئويلاپ كەتكەنىدى. مانا ئەمدى ئەسلىگە كەپتۇ!…ئۇ دۇتارنى كۆرۈپ ئۇزاق يىل كۆرمىگەن مەشۇقىنى كۆرگەندەك ھاياجانلىنىپ، قوللىرى تىترەپ كەتتى. قەدىناس دۇتارى بولسىلا بۇ كۆمۈرخانىغا قانچىلىك سولاپ قويسىمۇ مەيلى. كارىۋىتىدا ئولتۇرۇپ دۇتار چېلىشنىڭ پەيزىگە نېمە يەتسۇن؟ تەتەينىڭ پەيزىنى چوڭ بىلىپ كېتىۋىدى، ئاخىر نېمە بولدى؟ زىنا بولدى، بېشىغا تۈگىمەس بالا بولدى. ئەمدى كۆتىنى قىسىپ دۇتارىنى چالىدۇ، مۇڭ ناخشىلاردىن ھۇزۇرلىنىپ نەشە چەككەن بەڭگىدەك پاڭ بولۇپ كېتىدۇ… ئۇ شۇ خوشلۇقىدا ئىشىكنىڭ ئالدىغا بېرىپ توختاپ قالدى، ئۇرۇپ مىجىلغانچە چىڭىپ كەتكەن قارا قۇلپا ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى، بىر بولسا بۇ كاتەكتىن چىقالماي تىپىرلاپ كەتكەن، بىر بولسا كىرەلمەي ئاۋارە. خۇشاللىققا يەتمەك نېمانچە تەس، توسقۇنلۇق نېمانچە كۆپ! بىر چاغدا ئايگۇلمۇ ئۇنىڭ خۇشاللىقى، ھاياجىنىنى توسۇپ قويغان، دۈپۈلدەپ سوققان يۈرەكلىرىنى دەسسەپ مىجىۋەتكەن.
ئۇ دەرمانسىز ھالدا كوچىغا چىققاندا باھارگۇل ئۇچراپ:
− قانداق بولدى؟- دەپ سورىدى.
− قانداق بولاتتى، ئىشىڭىزنى قىلىڭ دېدى.
−ئۇنداق ئادەم ئۆتكەندە ماڭىلا دېسە بولمامدۇ؟
−ئۆتكەندە سىزگە نېمە دېگەن؟
−ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەندە بىر نەرسە دەي دېگەن.
− ئوبدان دېدى، كۆرۈشۈپلا گەپنى ئۈزدى.
−قانداق ئاداشكىن بۇ، بولمىسا ناخشىڭىزغا يامان ئامراق ئىدى.
− شۇ، مېنى ناخشىچى قەلەندەر كۆرگەن گەپ.
− ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ، ئەرگە تەگسە بىلىدۇ ئەرنىڭ قانداقلىقىنى.
−سىز قانداقراق ئۆتۈۋاتىسىز ئېرىڭىز بىلەن؟
− ھەي… گەپ قىلماڭ جۇمۇ…
− تويۇڭلار بەك قىززىغان بولمىسا…
− توي قىززىغان بىلەن ئۇرۇش-جېدەلمۇ تويدىن كېيىن باشلىنىدىكەن.
− نېمە بولۇپ ئەمدى؟
−ھەي بولدىلا، دېسەم غەيۋەت بولىدۇ. ئايگۇلمۇ بىر ئەرگە تېگىپ كۆرۈپ باقسۇن. ئالىدىغان سېيت ماڭقىدىن بىرەرسى چىقىپ قالار، شۇ چاغدا قەدرىڭىزنى بىلىدۇ.
− ئۇ چاغدا ماڭا نېمە پايدىسى؟ ئېرىدىن تاياق يېسە يېمەمدۇ؟
− سىزمۇ ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالغىچە باشقا قىز تاپسىڭىز بولمامدۇ؟ تېپىلماسنىڭ خورمىسى ئەمەس ئۇ؟
− ھەي كۆڭۈل دەڭا…ئۆزەممۇ ئۇقمايمەن.
− دۇتار چالسىڭىز بىرەر قېتىم كۈلۈپ قاش ئېتىپ بەرگەندۇ تايىنلىق… بىزمۇ ئاتالايتتۇق ئۇنداق قاشنى…
باھارگۇلنىڭ نازلىق كۈلكىسى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچتى:
−ئەمىسە نېمىشقا ئۇنداق قىلمىغان.
− بىز ئۇنداق قېلىن ئەمەس-تە!
− ئەرگە تېگىپ قېلىنلىشىپ كېتىپسىز-دە..
− ئەمدى توي قىلغاندىكىن نېمە بولساق بولدۇق. ئويلىسام ئۆزەمگە ئاچچىقىم كېلىدۇ، نېمە دېسە تارتىنىپ، كۆڭلۈمدىكى ئىشنى قىلالماي، قاملاشمىغان توينى قىلىپ قاراپ ئولتۇردۇم. بۇ گەپنى ئېرىم ھەرگىز ئاڭلاپ قالمىسۇن جۇمۇ!…
− ۋاي ياقەي،مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭىز؟
−مەھەللىدە بىر نەچچىمىز قاتار چاي ئوينايلى دېيىشكەن، تەكلىپ قىلساق قاتنىشىپ بېرەرسىز.
− ئەر-خوتۇنلارنىڭ سورۇنىدا ماڭا نېمە بار؟
− ئايگۇلنى چاقىرىپ بەرسەك ئولتۇرامسىز؟
− ئختىيارىڭلار…
- ئەمما ئايگۇلنى چاقىرمايمىز.
-چاقىرمىساڭلار مەيلى، ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىدا دۇتار چالسام پەيزىم قاچىدۇ.
باھارگۇل كۈلۈپ قويۇپ خوشلىشىپ كەتتى… ئايگۇلگە باققاندا باھارگۇل باھاردەك ئىللىق ئىدى، بىراق بۇ ھۇزۇردىن ئېرى بەھىرلىنەتتى. شۇ قېتىمقى رەت قىلىنىشتىن كېيىن ئايگۇل خېلى ئۇزاققىچە ئۇنىڭ ئىچىنى مۈشۈكتەك تاتىلاپ، ھاكاۋۇرلۇق، جاھىللىق بىلەن مىياڭلاپ ھېچ ئارام بەرمىدى. ئۇ مۆتىۋەر ئائىلىنىڭ قىزى بولغىنىدىن، چىرايلىق ھەم پاك بولغىنىدىن پەخىرلىنەتتى، چوڭچىلىق قىلاتتى. ئاخىرىدا ئۇنىڭ قۇلپىسىنى باشقا بىرى بۇزۇپ، لەززەت ھۇجرىسىغا كىرىپ، بەختىگە يەتتى.
ئۇ يوغان قوڭغۇزدەك قارا قۇلپىغا قاراپ تېخىمۇ زەردىسى قاينىدى، تېخىمۇ يوغان تاش ئىزدەپ ھويلىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. شۇ ئەسنادا ئىشىك شاراقلاپ ئېچىلدى، ئۇ بۇرۇلۇپ قاراپ بولغىچە تەتەي بىلەن بىر ئەر كىشى ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ ھەيران بولۇپ ئىشىك تۈۋىگە ئاستا كېلىپ ئىشىكنى ئىتتىرىپ بېقىۋىدى، ئىشىك ئېچىلمىدى، بەلكى ئۆيدىن ئۇنىڭ نېرۋىسىغا تېگىدىغان شىپىرلاشلار، پىچىرلاشلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ئۇ دېرىزىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ھەممىنى ئاشكار كۆردى، تەتەي بىلەن ھېلىقى ئەر ئۇنىڭ كارىۋىتىغا چىقىۋېلىپ، بىر-بىرىنىڭ كىيىملىرىنى سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ كاللىسى قېتىپ، كۆزى بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قالدى. بۇ كۆرۈنۈشلەر كاۋاپچىلار پات-پات كۆرۈپ قويىدىغان سېرىق دەيدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئاجايىپ ئوخشايتتى. ئۇلار قەرت ئويناپ زېرىكسە خوتۇنلىرىنى باشقا بىر ئۆيگە چىقىرىۋېتىپ دەي كۆرەتتى. بىر دەينى كۆرۈپ بولسا يەنە بىرسى قوينىدىن ” بۇ تېخىمۇ نوچىسى“ دەپ چىقىرىپ، ئۇنىمۇ كۆرەتتى.” يەنىلا چەتنىڭ نوچى جۇمۇ“ دەپ ئاغزىنى چاكىلدىتىشىپ كېتەتتى . ئۇلار ھاراقنىڭ، نەشىنىڭ، ئاقنىڭ، دەينىڭ نوچىسىنى بەك بىلىشەتتى. كىم شۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنالىسا ئۆزلىرىنى قالتىس ھېس قىلىشاتتى. لېكىن نەق مەيداندىكى مۇنداق سېرىق كۆرۈنۈشنى دېرىزىدىن كىم كۆرۈپ باققان؟… ئۇ بۇنىڭدىن ئۆزىچە پەخىرلىنىپ خېلى ئۇزۇن كۆرىمەن بۇ تاماشىنى دەپ تۇرغاندا ئويۇن ئۈچ مىنۇتتىلا تۈگىدى، ئەر تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇردى، ئىككىسى پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى:
−ئۇ قېرى راست كەلمەمدۇ؟
كەلمەيدۇ، ماجاڭغا بىر كىرىشىپ قالسا ئۇزاق ئوينايدۇ.
−ھازىر قانداق ئەھۋالىڭ؟
−يامان ئەمەس، ئايدا 1000 كويغا چۇشلۇق بىر نېمە بولۇۋاتىدۇ. سىزچۇ، ئىش ھەققىڭىزنى ئالالىدىڭىزمۇ؟
−تېخىچە بەرمەيۋاتىدۇ گۇيلار، لاۋبەن دېگەن شاۋچىلار ئادەم ئەمەس نېمىكەن.
− چاغاندىن بۇرۇن بەرسە بولاتتى، ئۆيگە بېرىپ كەلسەك.
− چاغاندىن بۇرۇن بەرمىسە بىزمۇ ئىش تاشلىماقچى.
− توۋا دەيمەن، جاپا چېكىپ قۇرۇلۇش سالىسىلەر، لېكىن ئۆزەڭلار بىر ئېغىز ئۆيگىمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر.
− شۇ، ئېگىز بىنانى بىز سالغان بىلەن، بىنا پۈتكەندە تالادا قالىمىز. شۇنچە زور ئىشلارنى قىلساقمۇ بىزنى چۈپرەندە كۆرىدۇ، ئىش ھەققىمىزنى ساق بەرمەيدۇ. ئۆي ئۆسۈپ كەتتى، ئون نەچچە يىل ئىشلەپ تاپقان پۇلغا ئۆينىڭ ھاجەتخانىسىنىمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن پۈتۈپ قالاي دېگەن ئۆيلەرگە كىرىپ خالىغانچە سىيىپ كۆڭلۈمنى ئاچىمەن.
−ئۆي ئېلىش نېرى تۇرسۇن ئىجارىمۇ ئالالمايۋاتساق. بولمىسا بىر ئۆيدە بىللە ياشايتتۇق.
-شۇ ئەمەسمۇ، بولمىسا ئۆزەمنىڭ خوتۇنىنى ئوغرىلىقچە خوتۇن قىلىپ يۈرەمدىم؟ نېمە كۈن بۇ ؟!
- بوپتۇ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
-بالىدىن خەۋەر بارمۇ؟ قانداقراق ئوقۇۋېتىپتۇ.
-ئوقۇشى ناچاركەن، بىز يېنىدا بولمىغاندىكىن تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدىكەن.
-ئىشلىمىسە جان باققىلى بولمىسا، جان باقاي دەپ شەھەرگە كەلسە بۇ يەردىمۇ ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتساق؟ ھەي…
- كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ئازراق پۇل تېپىۋالساق يۇرتقا كېتىپ دۇكان ئاچارمىز.
- ھەممە ئىش ئاقمايدىغان بولۇپ كەتتى، ياشاشتىن زېرىكىۋاتىمەن. نەچچە قېتىم بىنا ئۈستىدىن سەكرىگۈم كېلىپ كەتتى …
- ئۇنداق دېمەڭ، سىز كەتسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن؟ بالا قانداق قىلىدۇ؟…- دېدى تەتەي يىغلامسىراپ.
-شۇ سېنى، بالامنى دەپ ياشاۋاتىمەن خوتۇن، ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ سەن بىلەن بىللە بولۇش ئۈچۈن ياشايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق جاپاغا چىدايمەن.
تەتەي يىغلاپ ئېقىپ كەتتى:
- سىز يوق… ماڭىمۇ تەس بۇنداق ياشىماق… چىدايلى، بالىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ چىدايلى…
ئەر تاماكىسىنى چېكىپ بولۇپ، تەتەينى قۇچاقلاپ بىر دەم ياتتى، ئاندىن چاپىنىنى ئارتىپ ھۇجرىدىن چىقىپ كەتتى، ئېرىنىڭ چىقىپ كېتىشى بىلەن تەڭ تەتەي بىر ھازا يىغلىدى، ئاندىن ئەتراپىغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ، تامدىكى دۇتارنى ئېلىپ، يەرگە ئۇرۇپ پارچە-پارچە قىلىۋەتتى. بۇ ئىش شۇنچىلىك تېز يۈز بەردىكى، ئۇ ھوي دەپ ۋاقىراشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى. تەتەي ئۆيدىكى ھەممە نەرسىنى ئۇرۇپ چېقىپ پۇخادىن چىققاندىن كېيىن ئىشىكنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي تالاغا چىقىپ كەتتى. بەلكىم فاڭدۇڭ قېرىنىڭ يېنىغا ئەرز ئېيتقىلى، ئۆزىنىڭ نومۇسىغا تەگكەن كاۋاپچىدىن قانداق پۇل ئۈندۈرۈشنى مەسلىھەتلەشكىلى ماڭدى. ئىشىك ئەمدى ھاڭىرقاي ئوچۇق ئىدى، باياتىن چېقىپ ئاچالمىغان قۇلۇپ ھېچ نەدە كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ئۆيدىكى ھەممە نەرسىگە داڭقېتىپ قاراپ قالدى.

2

ئۇ ئاچچىق ۋە غەزەپتىن ھاڭۋېقىپ، تەتەينى قوغلاپ بېرىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلىدى، ئەمما دۇتتار بىلەن بىر ئادەمنىڭ جېنىنى تەڭلەشتۈرگىلى بولاتتىمۇ؟ بولىدىغان ئىش بولدى، ھەممىگە ئۆزى سەۋەبچى. ئۇ شەرمەندىلىك شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت پەيدا قىلدىكى، نىجىس بەدىنى كۆيدى، دېمى ئىس-تۈتەكتىن سىقىلدى، دۇتتارى چېقىلدى. راست بولسۇن، خىيال ياكى چۈش بولسۇن، شۇ قاباھەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىۋاسىتە بېشىدىن كەچۈردىغۇ؟ ئۆلمەي تۇرۇپ ئۆلگەندەك قىينالدىغۇ؟ ئىنسان ئۆز ھاياتىدا پېشكەللىككە تۇتۇلىدۇ، بىر ئامال قىلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلىدۇ، قۇتۇلالمىسا ئۆلىدۇ…

ئۇ قەبىھ قىلمىشى تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن قەستلەش ۋە دەھشەتلىك ئۆلۈمنى قايتا كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ شۈركىنىپ كەتتى ۋە ھازىرقى ھالىغا شۈكرى قىلدى.

ئۇ بۇ نەس باسقان يەردىن چاققان كېتىۋېلىش ئۈچۈن فاڭدۇڭ قېرىنىڭ ھويلىسىدىن ئالدىراپ چىقىپ كەتتى. ھۇجرىسىدا ئالغۇدەك نېمە بولسۇن؟ ھەتتا پىچاقلىرىمۇ گاللىشىپ كەتتى. ئۇنداق يوغان پىچاقنى كوچىدا كۆتۈرۈپ يۈرسە ساقچىلار بىردەمدە جايلايدۇ. فاڭدۇڭ قېرىنىڭ ھويلىسىدىن چىققاندىمۇ ئۇ تۈرمىدىن قاچقاندەك تەمتىرەپ ئىككى تەرىپىگە قاراپ قويدى، تېخىچە ئېسىگە كېلەلمەيۋاتاتتى. ساق كېتىپ بېرىپ تۇيۇقسىز پوققا تېيىلىپ ئوڭدا چۈشكەن ئادەم پۇتىدىكى نىجاسەتتىن قانداق سەسكىنگەن بولسا ئۇمۇ ھازىر شۇنداق سەسكىنىش ئىچىدە كېتىپ باراتتى، شۇ ئەسنادا تېلېفونى سايراپ كەتتى، تونۇش ناخشا، شادىيانە كۈي ئۇنىڭغا ئۆتمۈشىنى، ياق تېخى تۈنۈگۈنكى خاتىرجەم كۈنلىرىنى ئەسلىتىپ، نەچچە سائەتتىن بېرى بۆلۈنۈپ كەتكەن روھىنى قايتۇرۇپ بەردى.

_ ۋەي…

_ سىز روزاخۇنما، دۇتتارچى روزاخۇن…

_ ھە، مەن شۇ،- دېدى ئۇ بىر ئايالنىڭ جاراڭلىق ئاۋازىنى ئاڭلاپ سۆيۈنۈپ.

_ ھە مەن سايتاخۇننىڭ خوتۇنى سارەم، تېلېفون نومۇرىڭىزنى ئېرىمنىڭ تېلېفون دەپتىرىدىن تېپىپ تېلېفون قىلىشىم. مۇنداق ئىشتى قاراڭ، كەچتە بىر چېيىمىز بار ئىدى، قاتنىشىپ بېرەلەرسىزمۇ؟

_ بارسامغۇ بولاتتى، لېكىن دۇتتىرىم يوق، تۈنۈگۈن چېقىلىپ كەتتى.

_ ۋاي نېمە بولاپ ئەمدى، نېمىشقا چېقىۋەتتىڭىز؟

_ تامدىن چۈشۈپ يېرىلىپ كېتىپتۇ.

_ ۋاي خۇدايىم، ئەمدى قانداق قىلارمىز، بىر نېمە قىلىپ ئەيۋەشكە كەلتۈرسىڭىز بولمامدۇ؟

_ ئوڭشىغىلى بولمايدۇ، ئوڭشىغان بىلەنمۇ ئاۋازى چىقمايدۇ.

_ بوپتۇ ئەمىسە، بىز بىر ئامالىنى قىلىپ باقايلى،_ ئايال شۇنداق دەپلا تېلېفونىنى بېسىۋەتتى، روزاخۇن دۇتتىرى بولمىسا ئۆزىنىڭمۇ ئەتىۋارى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئىچى سىقىلدى. سارەم دېگەن بۇ چايدىكى خوتۇنلار بېيجىڭدىكى ئاشخانا خوجايىنلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق خوتۇنلىرى بولۇپ، گاھىدا ئەرلىرى بىلەن، گاھىدا ئۆز ئالدىغا سورۇن تۈزۈپ چاي ئوينايتتى. ئۆزلىرىنىڭ رېستۇرانىدا ئولتۇرسا چۈپەيلىك بولىدۇ دەپ ئويلامدۇ قانداق، بۆلەك رېستۇرانلارنىڭ ئايرىمخانىسىدا خالىغان تاماقلىرىنى بۇيرۇتۇپ، قىزىل ھاراقلارنى تىكلەپ، ئۈستىۋېشىدىكى زىبۇ-زىننەتلىرىنى بىر-بىرىگە كۆز-كۆز قىلىشىپ، يىغىلىپ قالغان غەيۋەت پاراڭلىرىنى سېلىشىپ، قىقاس-چۇقان بىلەن، ئانچە-مۇنچە ئېسىگە كېلىپ قالسا روزاخۇننى چاقىرىپ ناخشا-ساز بىلەن ئولتۇراتتى . بۇنداق سورۇندا ئاساسەن ئەرلەر بولاتتى ھەم ئۇنىڭ ناخشىسىنى كۆپرەك تەلەپ قىلاتتى. چۈنكى ئۇلار خوتۇن خەقلەرنىڭ تۈگىمەس پاراڭلىرىدىن بىزار بولغاندا، بىردەم يېرىم دەم ناخشا-ساز ئاڭلاپ، يۇرتىنى سېغىنىپ مۇڭلىنىشنى، ۋەتەن، مىللەت، ۋىجدان ھەققىدە ئانچە-مۇنچە ئويغا چۆكۈشنى خالاپ قالاتتى. مۇشۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يەپ-ئىچىشتىن، ئويناشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان مەخلۇقلار ئەمەسلىكىنى، قەلبىدە ئانچە-مۇنچە ئويغاق ھېسلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولاتتى.

سارەم دېگەن خوتۇن ئۇنى پەرىشان قىلدى. ئىلگىرىمۇ ئۇلار ئۇنى كاۋاپچى دەپ ئەمەس، دۇتتارچى دەپ ئەتىۋارىنى قىلاتتى. دۇتتار چېقىلدى، دېمەك ئۇنىڭ ئابرۇيىمۇ تۆكۈلدى. بىر قېتىم ھايۋان، ئېشەك بولۇش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئادىمىيلىكى يوقالدى، قەدىر-قىممىتى، غۇرۇرى خۇددى ئاشۇ دۇتتاردەكلا سۇنۇپ پارە-پارە بولدى. مىڭ جاپادا تاپقان جايىدىن، كاۋاپچىلىقىدىن ئايرىلدى. تاپقان پۇللىرىنى ئېلىپ كېتەي دېسە، تېخى ئويلىغىنىدەك كۆپ پۇل تاپالمىدى. مۇشۇ پېتى يۇرتىغا كەتسە بىر شەرمەندىچىلىك بىلەن بۇ شەھەردىن قوغلانغاندەك، مەغلۇب بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ ئازابلىنىدۇ. كەتمەي دېسە، يەنە شۇنداق جاي تېپىپ كاۋاپچىلىق قىلغىچە بىر مۇنچە جاپا تارتىدۇ…

ئۇ نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشنى بىلمەي كېتىۋاتقاندا تېلېفونى يەنە سايرىدى:

_ روزاخۇنمۇ، ھە، دۇتتار تېپىلدى، سائەت 5 كە ئۈلگۈرۈپ كېلىۋېرىڭ.

_ ماقۇل، ئورنى نەدە؟

_ شاھ ئۇيغۇر رېستۇرانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى، 2-ئايرىمخانا…

_ ماقۇل، شۇ يەرگە باراي.

ئۇ ياغلىشىپ تۇتۇقلىشىپ كەتكەن زاپەر تېلېفونىغا يېقىملىق قاراپ قويدى: كىم ئىجاد قىلدىكىن بۇ ئوقەتنى، جىددىي ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق ئەسقاتىدۇ-دە… ئۇ تېلېفونىنى سىلاپ، ئويناپ كېتىۋېتىپ، ھېلىقى چاغدا ئايرىمخانىدا ئەرلىرى بىلەن قولاشماي ئولتۇرغان سېمىز، ئويناق خوتۇنلارنىڭ قىلىقلىرىنى، سېقىمە ناخشا ئېيتىلغاندا كۆتۈرۈلگەن قىقاس-چوقانلارنى ئەسلىدى.

ئۇ دېگەن ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ ئايرىمخانىغا كىرگەندە 5-6 خوتۇن جوزىدىكى تاماقلارغا ئېغىز تەگكەچ پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇراتتى. ئۇ بىرەر ئەر بارمىكىن دەپ سىنچىلاپ بولغىچە 6 ئايالنىڭ كۆز نۇرىدىن شامدەك ئېرىپ كەتتى. ئاڭغىچە ساھىبخان بولغۇچى سارەم ئۇنى مەخسۇس چالىدىغان ئورۇنغا تەكلىپ قىلدى.

_ قېنى، قېنى، جوزىغا بېقىڭ. ھەرگىز تارتىنماڭ.

ئۇ ھەممە ئايالغا تەكشى كۈلۈمسىرەپ، كۆز ئىشارىتى ئارقىلىق سالام يوللىغاندىن كېيىن قولىغا چوكىنى ئالدى. بىرەر ئەر كىرىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە ئىشىككە پات-پات قاراپ قويدى. سارەم سورۇننى باشلاش ئۈچۈن قەدەھ سۆزى قىلىۋاتقاندا بولسا بۇ ئۈمىدلىرى يوققا چىقتى.

_ بۈگۈن خانىملارنى ئاۋارە قىلىپ بۇ يەرگە چاقىرىشتىكى مەقسەت، ئەرلىرىمىز بولمىسىمۇ چېيىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش. سورۇنىمىز ئاددىي بولسىمۇ كۆڭۈللىرىڭلارغا ئالماي، شوخ-شوخ ئولتۇرۇپ بېرەرسىلەر. ئارىمىزغا يېڭىدىن قېتىلغان بۇ مېھماننى تونۇشتۇرسام، ئىسمى زاكىرە، مۇشۇ رېستۇراننىڭ خوجايىنى، ئېرىدىن مۇستەقىل بولغىلى بىر يىل بولدى. بۇ ياقنى تونۇيسىلەر، روزاخۇن، بۈگۈن ئاتايىتەن چاقىرىشتىكى مەقسەتمۇ بۇ سورۇننى قىززىتىش. ھېلى ئۇنىڭ قىززىق ناخشىلىرىنى ئاڭلايمىز.

زاكىرەدىن باشقا ئاياللار ئۇنى ئىلگىرى كۆرگەن بولغاچقا ئەجەبلىنىپ قاراپ كەتمىدى، بەلكى ھېلىقى ناخشىلىرىڭنى يەنە ئاڭلايدىكەنمىز-دە… دېگەندەك خۇرسەنلىك ئىچىدە كۈلۈمسىرەپ قويۇشتى.

سورۇن باشلاندى. ئاياللار ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ، نازاكەت ۋە تارتىنىشلىرىنى قايرىپ قويۇپ، جوزىغا چىققان نەرسىلەرگە تېگىش قىلدى، يەپ-ئىچىپ بىر يەرگە بارغاندا ئەرلىرىنىڭ غەيۋىتىگە چۈشۈپ كېتىشتى. ھەتتا گەپلەر چىڭىغا چىقىپ شۇ دەرىجىگە باردىكى، ”ئەر دېگەن ئادەم ئەمەسكەن، ئۆزلىرى ئوينىسا كارى يوق، بىز ئويناپ قويساق چىدىمايدىكەن، گۇنا ئۆزىدە تۇرسا بىز نېمىشقا يالۋۇرغىدەكمىز، ئۇنداق نېمىگە يالۋۇرغىچە ئاجرىشىپ كەتكەن ياخشى. ئەر دېگەن شۇنداق پەس، تۇزكور، يۈزسىز… بولىدىغان بولسا ئىگەكىم… “ دېگەن گەپلەر خوتۇنلارنىڭ ئاغزىدىن تەڭلا چىقتى. ھەتتا زاكىرە خانىممۇ ئۇنى تەستىقلاۋاتقاندەك، ئەتراپىدىكى خوتۇنلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقاندەك تەمكىن ئولتۇراتتى . روزاخۇن قىمىلداپ ئولتۇرالماي قالدى. بۇ خوتۇنلار ئەرلىرىدىن ئالالمىغان دەردىنى يىغىپ يۆگەپ ئۇنىڭدىن ئېلىش ئۈچۈن چاقىرتقانمىدۇ؟ بۇ خوتۇنلارنىڭ گەپلىرىدىن قارىغاندا، ئەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىپ بازار كۆرگەچ ساياھەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىن، بىز يوق چاغدا بەك ئويناپ كېتىپتۇ، ئاشپەز بالىلار بىلەن چاتىقى بار ئىكەن دەپ خوتۇنلىرىدىن گۇمانلىنىپ، بىر-ئىككىسىنى قويۇۋېتىپتۇ. يەنە بىر-ئىككىسى ئاجرىشىش ئالدىدا ئىكەن.

_ بۇ گۇمانخورلار گېپىنى بىر قىلىپ، سىلەرنى تەڭلا قويۇۋېتىش نىيىتىگە كەپتۇ-دە،_ دېدى زاكىرە.

_ ھەتتا كىمكى خوتۇنىنى قويۇۋەتمىسە شۇنى لاتاغىلاپ دەپ مەسخىرە قىلارمىش،_ دېدى سارەم.

_ چىڭ تۇرۇڭلار، بولۇپمۇ بالا-چاقا، مال-مۈلۈك مەسىلىسدە ھەرگىز يول قويماڭلار.

_ ئېرىمنى خېلى راۋرۇس نېمە دەپ بىلەتتىم، ماڭا ئىشىنەتتى، مېنىڭ ھەرگىز ئۇنداق ئىشلارنى قىلمايدىغانلىقىمنى بىلەتتى. گەپكە چىدىمايلا قويۇۋېتىمەن دەۋاتىدۇ،_ دېدى ھەممىدىن ياش كۆرۈنىدىغان قارا كۆز چوكان.

_ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ئەر خەق يۈز-ئابرۇي ئۈچۈن خوتۇنىنى سېتىۋېتىدۇ، ئىناۋەت ئۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىنمۇ مۇھىم بولسا، تالاق قىلىۋېتىڭ ئۇنداق ئەرنى!!

خوتۇنلار بۇ گەپتىن كۈلۈشۈپ بىر دەم تەسكىن تېپىشقان بولسىمۇ، بىر دەمدىلا پەرىشان ھالىتىگە يېنىپ كەتتى.

_ مېنىڭ ئېرىممۇ يۇۋاش، ئوبدان ئادەم ئىدى، چەت ئەلگە چىقىپلا خورىكى ئۆسۈپ باشقىچە ئادەم بولۇپ كەپتۇ. نېمە بولسا بولمامدۇ، ئۇنى ئەسلىدىلا كۆزگە ئىلمايتتىم، بۇ قېتىم خېتىڭنى بېرىمەن دېگەندىلا ماقۇل دېدىم. يۇۋاش دېگەن بىرەر قېتىم سەكرەپ باققان بىلەن يولۋاس بولالمايدۇ-دە. ئۇنداق نېمىدىن قۇتۇلغىنىمغا خوش. مال-مۈلۈكنى زاكىرە خېنىم دېگەندەك، تولۇق ئالىمەن. بالىنى باقىمەن دېسە ئۆزىگە بېرىمەن، بالا دېگەنگىمۇ تويدۇم…_ دېدى يەنە بىر سېرىق چاچ ئايال.

_ نوچى ئايالكەنسىز، ئايال كىشى دېگەن مانا مۇشۇنداق مەغرۇر، ئەركىن ياشىشى كېرەك. ئەر خەققە خوش غوجام دەپ ئۆتىدىغان زامان كەتتى، بۇ دېگەن بېيجىڭ، بۇ يەردە مۇستەقىل ياشايمىز، ئىش-ئوقەت قىلىپ پۇل تاپىمىز، تاپقان پۇلىمىزنى خالىغانچە خەجلەيمىز. ئەر دېگەننى خالىساق ئەر قىلىمىز، خالىمىساق يەر قىلىمىز. ئەرگە تەگمەيمۇ گۈلدەك ياشاۋېرىمىز.

روزاخۇن زاكىرە خېنىمنىڭ خانىشلاردەك سالاپىتىگە زوقلانغان بىلەن، خوتۇنلارنى دەي-دەيگە سېلىۋاتقان ئەسەبىي گەپلىرىدىن يىرگىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەركەكزەدەك مىجەزى ئالدىدا ئۆزىنىڭ خېنىم مىجەزلىكى چېنىپ قېلىۋاتقاندەك بىئارام بولدى. بۇ سورۇندىن چىقىپ كېتەي دەپ ئويلىسىمۇ ئۆزىنىڭ تېخى جۈمەنىڭ ئالدىدا قىلغان شەرمەندىچىلىكىنى ئويلاپ، مۇنچىلىك ئىززەتكە ئېرىشكىنىدىن تەسەللىي تېپىپ، بىر بۇلۇڭدىكى ساپاغا تىكلەپ قويۇلغان دۇتتارغا تەلمۈرۈپ قاراپ ئولتۇرىۋەردى.

دەرت-شىكايەت، غەلۋە-غوغىلار بىر ئاز بېسىققاندا سارەم سورۇننىڭ كەيپىياتىنى ئوڭشاشقا تۇتۇندى:

_ ئەمدى خانىملار، بىز مۇشۇ سورۇن ئارقىلىق كۆڭلىمىزنى ئاچايلى دېگەن بولساقمۇ، دەردىمىز تېشىپ چىقىپ، دېمەيدىغان گەپلەرنى دېيىشىپ قالدۇق. بۇمۇ بولدى، ئىچ-قارنىمىز بوشاپ قالدى. ئۇ گەپلەرنى يەنە دېسەك يەنە شۇ، ئۇلار قانداق بىرلەشكەن بولسا، بىزمۇ شۇنداق بىرلىشىمىز، ھەممە ئىشنى ئۆز ئارزۇيىمىز بويىچە توغرىلايمىز، ئۇنداق قىلالمىساق ئۇ دەيۈزلەر بىلەن سوتلىشىمىز، ئۇنداق ئاسان بولدى قىلمايمىز، ياقىسىنى ھەرگىز قويۇۋەتمەيمىز. ئاجراشقانغا دات-پەندىيات دېگۈزىمىز، بىزنى رەسۋا قىلىمىز دېگەنگە تويغۇزۇپ، ئۆزلىرىنى رەسۋايى ئەزىم قىلىمىز. گەپنى بۇ يەردە دەپ قويۇپ، ۋاقتى كەلگەندە ئېرىمىزنىڭ ئىككى ئېغىز يالغان گېپىگە ئىشىنىپ پوتلىمىزنى ئېقىتىپ ئولتۇرساق بولمايدۇ، بالىمىزنى ئالدىمىزغا سېلىپ، ئۇ تۆھمەتخورلارنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك ئاجرىشىمىز. بۇ ئىشتا قانچە ئۆكتەملىك، ھازازۇللۇق قىلساق ئەرزىيدۇ…

قارىماققا خېلى مۇلايىم كۆرۈنىدىغان سارەمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ روزاخۇن سالپىيىپلا كەتتى. ئۇ تېخى ئۆيلەنمىگەن بولغاچقا خوتۇنلار ھەققىدە ئاجايىپ گۈزەل خىياللارنى قىلاتتى. مەھەللىسىدىكى ئايگۈل ۋە باھارگۈللەرنى پات-پات ئەسلەيتتى. ئۇ چوكانقىزلار ھەر قانچە يامان بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، بۇ خوتۇنلارنىڭ قولىغا سۇ قويۇپ بېرەلمىگۈدەك.

_ ئېسىمىزدە بولسۇن، بۈگۈن ئۇ ئىشلارنى مەسلىھەتلەشكىلى كەلمىدۇق، بولمىسا روزاخۇننى بۇ يەرگە چاقىرمايتتۇق، بۇ بالىنى بۇنداق خىجىل قىلمايلى، توي قىلمىغانسىز تېخى؟

_ ياق،_ دېدى روزاخۇن. ئەسلىدە بۇ خوتۇنلار ئۇنى توي قىلمىغاندىكىن ئەرلەر قاتارىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىكەن-دە.

_ شۇڭا، ھازىرچە ئۇ گەپلەرنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ بىر دەم ناخشا ئاڭلىساق.

_ بولىدۇ، ئاڭلايلى،_ دېدى ئاياللار روزاخۇننى ئەمدى كۆرۈۋاتقاندەك.

_ مۇشۇ سورۇنغا، مۇشۇ كەيپىياتقا ماس كېلىدىغان بىر ناخشا ئېيتىڭە،_ دېدى زاكىرە.

روزاخۇن بىر دەم ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى، سېقىمە ناخشىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاياللار ھەزىل قىلىناتتى. ئەرلەرنى سۆكىدىغان ناخشا-قوشاقلاردا ئاساسەن بىرەر تاز، ياكى دىۋانە تىلغا ئېلىناتتى. باياتىن بېرى خوتۇنلارنىڭ ئەرلەرنى تىللىغانلىقلىرى ئاز كېلىپ، ئەمدى ئۇنى ئەرلەرنى سۆكىدىغان ناخشىلارنى ئېيتىشقا قىستىشى قاملاشمىغانلىق-تە!

ئۇ بىر دەم ئويلىنىپ، دۇتتارنى تەڭشەپ تىرىڭلىتىپ تۇرغاندا ئىچى پۇشقان بىر چوكان زۇۋانغا كەلدى:

_ نېمە ئېيتسىڭىز ئېيتىڭە ئۇكام، بولمىسا بىكار يەنە ئېرىمنى تىللاپ كېتىمەن.

ھەممىسى كۈلۈشتى.

_ ئۆتكەندە ئېيتقان ھېلىقى ناخشىلىرىڭىزنى ئېيتىڭە، زاكىرە خانىم تېخى ئاڭلىمىدى.

_ ئۆزىڭىز قوشاق توقۇپ ئوقىۋەرسىڭىزمۇ بولىدۇ…

_ مۇنداقمۇ پەيزى بار دەڭلار،_ دېدى زاكىرە.

ئۇ ئەمدى يەڭگىللەپ، دۇتتىرىنى شوخ پەدىلەرگە ئويناتتى:

قوناقلىقتىن ئوت ئالدىم،

بوينى قارا ئۆچكىگە.

مەن ساراڭ كۆيۈپ قالدىم

كۆڭلى قارا ئەسكىگە…

جىرىڭ -جىرىڭ خانلىرىم،

ئەتلەس كۆينەك كىيىپتۇ.

توپلەي كىيىپ بازارغا،

قىسىپ دەسسەپ مېڭىپتۇ.

يولدا ماڭغان خانلىرىم،

چىغىر يولدا ماڭماڭلار،

يولدا ياتقان ئېشەككە،

قېشىڭلارنى ئاتماڭلار…

ناخشىلار كەينى-كەينىدىن ئېيتىلدى، قىزىل ھاراقتىن قانلىرى ئۇرغۇپ كەتكەن خوتۇنلار كىچىككىنە سەينانى چاڭ كەلتۈرۈپ، ئۆردەكتەك يورغىلاپ، ئاپئاق بىلەكلىرىنى چىقىرىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى. خىيالىدا گويا ئەرلىرىنىڭ بېشىغا دەسسىۋېتىدىغاندەك، مۇشۇنداق قىلسا پۇخادىن چىقىدىغاندەك چىڭ-چىڭ دەسسەپ ئويناشتى، ناخشا تۈگىمىسە ھېچ توختىمايدىغاندەك، توختاپ قېلىشنىمۇ خالىمايدىغاندەك، جىم ئولتۇرۇپ قالسىلا دەرت-ئەلەم ۋە ئاچچىقتىن تۈگىشىپ كېتىدىغاندەك ئەسەبىيلىشىپ “ ھە ئۇكام، ئۇلاپ-ئۇلاپ! “ دەپ ۋاقىراپ قويۇشاتتى. روزاخۇنمۇ قايناۋاتقان قازانغا قوشۇلۇپ كەتتى، كەيپىيات قىزغىن پەيتلەردە ئاۋازىغا جان كىرىپ، قوللىرى پەدە ئۈستىدە موكىدەك ئوينايتتى، ناخشىغا بىر كىرىشىپ قالسا ئاخىرىغا چىقارماي قويمايتتى.

ئارزۇيۇمغا يېتەلمەي،

قىشنى ئۇلىدىم يازغا.

نېمە خوۋلۇق كۆردۈممەن،

كۆڭۈل بېرىپ سەن تازغا!

خوتۇنلار تەڭلار ”ۋۇيت“ دەپ قىقاس-چوقان كۆتۈردى.

قارا دەيدۇ ئاق تۇرسام،

ساراڭ دەيدۇ ساق تۇرسام.

شۇنداق دېگەن شاۋچىنىڭ،

چىشلىرىنى چاقتۇرسام.

دىۋانىگە ئاش بەرسەم،

دۇئا قىلدى بەختىمگە،

بىۋاپانى يار تۇتسام،

يەتمىدى ھېچ دەردىمگە.

ئالما بەرسە يەپتىمەن،

ئۆرۈك بەرسە يەپتىمەن.

چىرايىغا بىر قاراپ،

ئادەممىكىن دەپتىمەن.

ئادەمسىمان ھايۋاننىڭ،

قىلمىشلىرى يامانكەن.

بۇغداي دېسەم ئەسلىدە،

سېسىپ كەتكەن سامانكەن…

خوتۇنلار يەنە چۇقىرىشىپ ئالقىش ياڭراتتى. ئادەمسىمان ھايۋان دېگەن بۇ گەپ ئۇلارغا شۇنچىلىك يېقىپ كەتكەن ئىدىكى، ئەرلىرىنى سۈپەتلەپ بېرىشتە بۇنىڭدىن ئارتۇق سۆز تېپىلمايتتى. شۇنداقلا روزاخۇننىڭ جۈمەدىن بۇرۇنقى رەسۋاچىلىقىغىمۇ بۇ گەپ دەل ماس كېلەتتى. ئۇ توختاپ قالدى، يەنە قوشاق توقۇشقا كاللىسى بارمىدى، خوتۇنلارمۇ ئويناپ ھېرىپ كېتىشكەن، ”ئادەمسىمان ھايۋانلار“ دېگەن گەپ بىلەن مۇرادىغا يېتىشكەن بولۇپ، روزىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، جايىغا كېلىپ ئولتۇرۇشۇپ ئۆزلىرىنى يەلپۈگىلى تۇردى. روزاخۇن دۇتتارنى يۆلەپ قويۇپ، تەرىنى سۈرتۈپ، ئالتە خوتۇننىڭ بىلىپ بولماس كۆز ئىشارەتلىرىگە تىكىلىپ قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، چېيىنى سۈمۈرۈپ ئولتۇردى. بىر-ئىككى خوتۇن تاماكا چېكىشكە باشلىدى، ”ئادەمسىمان ھايۋان“ دېگەن سۆز ئۇنىڭ كاللىسىدا تاماكا ئىسىدەك لەيلەپ تۇراتتى. باشتا ئۆزىنى ئەجەبلەندۈرگەن، ئالقىشلاردىن پەخىرلەندۈرگەن، ئارقىدىن ئويغا سېلىپ بىئارام قىلغان بۇ گەپ قانداق ئېيتىلىپ قالدى؟ قوشاقتا بۇنداق غەيرى گەپلەر ئاسان چىقمايتتىغۇ؟ بۇ بەلكى ئىلگىرى ”ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن“، ”ئادەمسىمان مايمۇن“ دېگەن گەپنى مەكتەپتە جىق ئاڭلىغانلىقىدىن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇن ۋۇكۇڭ مايمۇننىڭ ئادەمسىمان قىلىقلىرىنى تېلۋىزوردىن كۆپ كۆرۈپ كەتتى. خوتۇنلارمۇ بەلكىم خوتۇنغا تويماس ئەرلىرىنى جۇ باجىغا ئوخشىتىپ، ئۇنداق نەپسى بالا مەخلۇقلار بىلەن بىر ئۆيدە ياشىماسلىقنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بولغاندۇ…

جايىدا ئولتۇرۇپلا پەسكويغا چۈشۈپ قالغان خوتۇنلار تولا قىيغىتىپ ھېرىپ كەتتىمۇ، يا ھاراق ئەمدى ئۇخلىتىۋاتامدۇ، بوشاپ، جىمىپ، سالپىيىپ كېتىشتى. بىر نەچچىسىنىڭ چىرايىغا يەنە قايغۇ-ئەلەم، پەرىشانلىق تېپىپ چىقتى. ئاھ، خۇشاللىق نېمە دېگەن ئاز، بەخت نېمانچە قىسقا-ھە؟

روزاخۇن بۇ يەردە ئەمدى ئولتۇرىۋېرىشنىڭ ئەپسىزلىكىنى تۇيۇپ ماڭغىلى تەمشەلدى. بىراق غىپپىدە تىكىۋەتسە قاملاشمايتتى. كۆڭلىنىڭ بىر يېرىدە بۇ خوتۇنلارنىڭ يەنە ئازراق تاماشاسىنى كۆرۈش ئىستىكى بار ئىدى. بۇ خوتۇنلار ئەمدى ئەركىنلىككە چىقىپ، بويتاقلار ئائىلىسىگە قېتىلاتتى، ئەرگە تەگمىگەن قىزلاردەك ياسىنىپ تارىناتتى، كۆڭلىگە ياققان ئەرلەرنى، يىگىتلەرنى ئوۋلاشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايتتى. ھەتتا بۇ يولدا ئەسەبىيلىشەتتى، شۇ تاپتىمۇ بىر نەچچىسى روزاخۇنغا قىزىقىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن… بۇنداق ئويلاش گەرچە ھاماقەتلىك بولسىمۇ، روزاخۇن بىر دەم بولسىمۇ مۇشۇنداق خام خىياللارنىڭ قوينىدا بولۇشنى خالاپ قالدى. خىياللار گۈزەل ئىدى، ئالتە خوتۇننىڭ ئالتە خىل بەدىنى، ئالتە خىل نازى، ئالتە خىل كۆز ئىشارىتى، ئالتە خىل زوق-ھەۋىسى ۋە ئىشتىھايىغا شاھىد بولۇپ، گويا ئۇلارنىڭ قۇچىقىدا تۇرغاندەك مەستخۇش بولۇپ كەتتى، بۇ ئۇنىڭ ئۆمرىدە تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقىمۇ، شىرىن خىيال ۋە ھاياجانلىرى ھېچ بېسىلمايتتى؛ ئۆزىنى گويا چۈش كۆرۈۋاتقاندەكمۇ ھېس قىلاتتى، ھۇجرىدىكى ھېلىقى رەسۋا ئىش ۋە قاباھەتلىك چۈشلەردىن كېيىن يورۇقلۇققا چىققان بۇ شىرىن چۈش ئۇنىڭغا ھاياتنىڭ ئاجايىپ سىرلىق، رەڭگارەڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئەمما بۇ چۈش ئەمەس، بىرەر چوكاننىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ سىلاپ باقسا بىلەلىگۈدەك چىن رىئاللىق ئىدى. بۇ خوتۇنلار ئۇنىڭ جۈمەدىن بۇرۇنقى رەسۋاچىلىقىنى بىلسە قانداق بولۇپ كېتەر؟ قاقاقلاپ كۈلۈشەرمۇ ياكى سەنمۇ بىر ھايۋان ئىكەنسەن دەپ بۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرارمۇ؟

ئازراق ئىچىپ قويۇش، چېلىپ قويۇش، شەھلا كۆزلۈك خوتۇنلارنىڭ خۇلق-نازاكەتلىرىگە ئوغرىلىقچە قاراپ قويۇش، ھەتتا تېخىمۇ بەكرەك سەتچىلىك چىقارسىكەن دەپ تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇش بىلەن ئۇنىڭ كاللىسى قېيىپ كەتتى. كېتەيمۇ كەتمەيمۇ دەپ ئويلىدى، كەتسە غۇرۇرى بىلەن كېتەتتى، ھېلىمۇ باياتىن ئەرلەرنى ئاز سۆكمىدى، ئۆزى ئەر تۇرۇپ ئەرلەرگە خىيانەت قىلدى. كەتمىسە خوتۇنلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرەتتى، ئەمما غىلجىڭلىق بىلەن بۇنداق ئولتۇرىۋەرسە، خوتۇنلار ئۇنى كېيىنكى سورۇنلىرىغا ھەرگىز چاقىرمايتتى. ئۇ ساھىبخان بولغۇچى سارەمنى بىر نەرسە دەمدىكى دەپ ئولتۇرۇپ باقتى، ئەمما ئۇ تېلېفونىنى ئېلىپ تالاغا بىر چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كىرمىدى. خوتۇنلارمۇ زەردىسى قايناپ تۇرغاندا ئەرلىرىگە تېلېفون قىلغۇسى كېلىپ سومكىلىرىنى ئاختۇردى، بەزىلىرىنىڭ ئېرىنىڭ تېلېفونى ئېتىك چىقتى بولغاي، قايتا-قايتا ئۇرۇپ ئالالماي: “ مانا قاراڭە، ما شاۋچى سائەت توققۇز بولمايلا تېلېفونىنى تاقىۋاپتۇ. چوقۇم بىر ئىش بار!….“ دەپ سۆزلەپ كېتىشتى. تېلېفونى ئۇلانغانلىرى بولسا چىرايىدا كۈلكە، غىپپىدە تالاغا ماڭدى.

ساق ۋاقتىدا ئاغچا خېنىمدەك قېتىپ ئولتۇرغان زاكىرە خېنىممۇ ئىچىپ قىززىغاندا بۆلەكچە مۇلايىملىشىپ، گەپتە بىرلىككە كېلەلمەي تېلېفونلىرى بىلەن تەڭلا تارقاپ كېتىشكەن خوتۇنلارغا ھېچنېمە دېمەي، روزاخۇننىڭ يېنىغا كەلدى:

_ قورۇنۇپ قالدىڭىز -ھە!

_ ياقەي، بۈگۈن شۇنچىلىك خوش بولدۇم.

_ بىزمۇ خوش بولدۇق، ياخشى چالدىڭىز.

_ سىلەرگە ياققان بولسىلا.

_ تازلارنى قوشاق قېتىشقا ئۇستىكەنسىز، كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى.

_ ئېيتىۋېرىپ كۆنۈپ قاپتۇق.

_ يۇرتىڭىز نەدىن؟

_ كۇچاردىن.

_ نېمە ئىش-ئوقەت قىلىسىز؟

_ كاۋاپچىلىق قىلاتتىم، تۈنۈگۈن جايىمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىۋەتتىم. باشقا يەر ئىزدەپ باقاي دەۋاتىمەن.

_ ئۇنداق قىلىپ يۈرگىچە مەشەدىلا ئىشلىسىڭىز بولمامدۇ؟ كاۋاپدان تەييار، ھەققىڭىزنى ئوبدان بېرىمەن، كاۋاپ چىقىرىشتىن باشقا ئىش قىلمايسىز.

روزاخۇن بۇ تەكەببۇر خېنىمنىڭ ئىلتىجالىق كۆزلىرىگە، ئىشەنچلىك سۆزلىرىگە مەست بولۇپ، دەرھال ماقۇل دەۋەتكۈسى بولسىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالدى:

_ مەن ئايرىم ئوقەت قىلىپ ئۆگىنىپ قاپتىكەنمەن.

_ ئۇغۇ ياخشى ئىش، لېكىن سىز كاۋاپچىلىق قىلىپلا ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولمايدۇ-دە. دۇتتارنى ياخشى چالىدىكەنسىز، بۇنىڭ قەدرىنى قىلمىساق بولامدۇ؟ سىز بۇ يەردە كاۋاپچىلىق قىلىپلا ئۆتۈپ كەتمەيسىز، ئايرىمخانىدا مېھمانلارغا دۇتتار چېلىپ بېرىپ ئانچە-مۇنچە ئۆرۈم ئالىسىز. كېيىنچە مۇزىكلىق رېستۇران ئېچىپ قالسام نومۇر ئورۇنلايسىز، ئۇ چاغدا ھەققىڭىزنى ئايرىم ھېسابلايمىز. دېمەك، بۇ يەردە تۇرىدىغان ياتاق، يەيدىغان تاماق، چالىدىغان دۇتتىرىڭىز بولىدۇ. رېستۇرانغا كەلگەن خىلمۇ خىل مېھمانلار بىلەن تونۇشىسىز. ئايرىم كاۋاپ سېتىپ، ئۆزەم تاپتىم، ئۆزەم يېدىم دېگەنبىلەن، ئادەمدەك ياشىغىلى بولامدۇ؟ جىندەك مۆكۈنۈپ ياشىغىچە، ئادەمدەك ئارىلىشىپ، كۈلكە-پاراڭ بىلەن ئۆتكەن ياخشى ئەمەسمۇ؟! بۇ شەھەرگە يالغۇزلۇق ياراشمايدۇ، تېخى بويتاق ئىكەنسىز. ھالىڭىزدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ؟ ئاغرىپ قالسىڭىز كىم دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ؟ خەنزۇ قوشنىڭىزمۇ ياكى بىزمۇ؟ قاملاشمىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپ قويۇپ تۈرمىگە كىرىپ كەتسىڭىز كىم بىلىدۇ؟ سىزنى كىم ئەچىقىدۇ؟ ئۆلۈكى 15، 20 كۈن تۇرۇپ قالغان بالىلارنى بىز پۇل چىقىرىپ، ئاپىرىپ كۆمۈپ قويمىدۇقمۇ؟…

روزاخۇن بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى تەستىقلاپ ئولتۇردى، جەمئىيەت كۆرگەن خوتۇن دېگەن باشقىچە-دە. دېمىسىمۇ، يالغۇزلۇقتا ئادەم قانداق ساراڭلىقلارنى قىلمايدۇ؟ مۇسۇلمانلىق شەنىگە ئۆمۈرلۈك داغ تەگكۈزگەن شۇ رەسۋالىقمۇ يالغۇزلۇقتىن، ئەسەبىي قىتىغۇرلۇقتىن پەيدا بولدىغۇ؟ خۇددى قورقۇنچلۇق ئەسلىمىدەك تۈس ئالغان قاباھەتلىك چۈشىمۇ يات جىنلارنىڭ ئۇۋىسىدەك ۋەيرانە ھۇجرىدا، ئېغىر گۇناھىدىن قورقۇپ تىترەپ يالغۇز ياتقاندا يۈز بەردىغۇ؟ خەيرىيەت، ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى. شۇملۇق، پېشكەللىك، پالاكەتنىڭ ئۇۋىسى بولغان ئۇ يەردىن قېچىپ كەلدى، بەلكى يالغۇزلۇقتىن، يالغۇز ئۆلۈمدىن قېچىپ كەلدى. زاكىرە خېنىمنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىپ، يەنە يالغۇزلۇققا قايتىپ كەتسە، بۇرۇنقىدەك قاباھەتلەر تەكرارلانمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ شۇڭا بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، بۇ خېنىمنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىش كېرەك.

_ دېگەنلىرىڭىز توغرا، يالغۇز ئوقەت قىلغاننىڭ جاپاسى جىق،_ دېدى ئۇ ھاياجىنىنى بېسىۋېلىپ،_ ئۆزەم بەگ، ئۆزەم خان دەپ ياشىغان بىلەن دەردىنى ئۆزىمىز بىلىمىز. يالغۇز ئۆيدە نەچچە قېتىم زۇكام بولۇپ قىززىپ كېتىپ، ھوشۇمنى بىلمەي ياتقان ۋاقىتلىرىم بولغان. شۇ چاغدا ھەتتا بىر نەچچىسىگە تېلېفوندا ۋەسىيەت قىلىشنى ئويلاپ، تېلېفونۇمغا قاراپ ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەن. كېيىنغۇ خۇدايىم شىپالىق بېرىپ ساقىيىپ كەتتىم، ساقايغاندا ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىدىغان گەپكەن. ھازىر ما گېپىڭىزنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم.

__ مەن ھەرگىز زىيانلىق گەپ قىلمايمەن. بويتاقلىق، يالغۇزلۇقنىڭ دەردى يامان، بولۇپمۇ بۇنداق مۇساپىرچىلىقتا. قاراڭە، مۇشۇ چىرايىڭىزدىنلا دەرتمەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ. كۆزىڭىز ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ، چەكمەيدىغانسىز؟

_ ياقەي، بىز ئۇنداق ئىشتا يوق.

__ بىر نەرسىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەندەك كۆرۈنىسىز. قورقماي ياشاڭ، ناخشا ئېيتقاندا قانداق نوچى بولسىڭىز، ئادەتتىمۇ شۇنداق نوچى يۈرۈڭ. بۇ يەرگە كەلسىڭىز، بۇنداق شارائىتنى سىزگە يارىتىپ بېرىمەن.

__ رەھمەت، بۇنداق يېرىڭىز بولسا ئىشلىسەم ئىشلەي.

__ ئوغال بالا ئەركەك! ئەمىسە ئەتىدىن باشلاپ ئىشلەپ كېتىڭ.

__ ئىش ھەققىنى قانداق دېيىشىمىز؟

__ ياتاق، تاماق مەندىن. ئىش ھەققىڭىزنى ھازىرچە 3000 يۈەن دەپ تۇرايلى. سودىمىز ئېقىپ كەتسە ئۇنىڭدىنمۇ ئۆستۈرۈپ بېرىمەن.

بۇ ھازىرقى شارائىتتا يامان ئەمەس پۇل ئىدى، ئەڭ مۇھىمى ئۇ جىن تەگكۈر يالغۇزلۇقتىن، قاباھەتلىك ئەسلىمىگە تولغان قارغىش تەگكۈر ئۆيدىن ئايرىلىپ، ئاشپەز، ناۋايلار، كۈتكۈچى قىزلار، خېرىدارلار بىلەن ھەر كۈنى قايناپ تۇرىدىغان بۇ يېڭى مۇھىتتا جۇشقۇن ھاياتىنى باشلايتتى، قورقماي ياشايتتى.

__ مەن بۈگۈن ئۆزەم تۇرۇۋاتقان ئۆينى قايتۇرۇۋېتىپ ياتاق ئىزدەپ يۈرگەن، تۇيۇقسىزلا بۇ چايغا كېلىپ قالدىم. بىرەر ياتىقىڭىز بولسا بۈگۈنلا مەشەدە قونۇپ، ئەتە ئىش باشلاپ كەتسەم.

__ ۋاي بولىدۇ، ياتاق دېگەن كەڭرى. ئەمىسە ھازىرلا چىقىپ سىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي.

روزاخۇن زاكىرە خانىمغا ئەگىشىپ، ئارقا ھويلىدىكى ئاشپەز، ناۋايلارنىڭ ياتىقىغا كىردى. ياتاقلار خېلى كەڭرى بولۇپ، ئاستى-ئۈستى ئىككى قەۋەتلىك كارىۋاتلار قويۇلغانىدى. زاكىرە خانىم ئۇنى ناۋايلىق قىلىدىغان بىرسىنىڭ ياتىقىدىكى بوش كارىۋاتقا ئورۇنلاشتۇردى. خانىم چىقىپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئايرىمخانىدىن دېسكو مۇزىكىسى ياڭرىدى، خوتۇنلار قانداق قىلىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، شاشلىشىپ كەتتىكىن، ”ۋۇيت-ۋۇيت“ قىلىپ يەنە ئويناشقا باشلىدى. روزاخۇن تولغىنىپ ئۇخلىيالمىدى، ئەرلىرىگە غەزەبلەنگەن خوتۇنلارنىڭ ئەسەبىي باشلىرى، سېرىق چاچلىرى توختىماي سىلكىنەتتى، ئەرلىرىدىن ئېشىپ قالغان يۇمشاق بەل ۋە ساغرىلىرى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىناتتى… ئۇلار بۇ ئەلپازىدا كېچىچە ئوينايدىغاندەك، ياستۇققا بېشىنى قويسىلا ئازابتىن ئۆلۈپ قېلىشتىن قورقىدىغاندەك ۋە مۇشۇنداق ئويناپ تاڭنى ئاتقۇزىدىغاندەك قىلاتتى.

__ چېچىدىن تۇتۇپ دېرىزىدىن ئېتىۋەتكۈدەك بولدۇم بۇ پەس نېمىلەرنى!

روزاخۇن چۆچۈپ يېنىدىكى ناۋايغا قارىدى، چىراق ئۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ دېرىزىدىن چۈشۈپ تۇرغان غۇۋا نۇردا ئۇنىڭ غەزەپلىك چىرايىنى ئوچۇق كۆردى.

__ جەمئىي نەچچە خوتۇن بۇلار؟

__ ئالتە،_ دېدى روزاخۇن ئۇنىڭ گېپىگە تۇتۇلۇپ.

__ شۇ خوتۇنلارغا دۇتتار چېلىپ بەرگەنگە نەچچە پۇل بەردى؟

__ سېنىڭ نېمە ئىشىڭ؟!_ دېدى روزاخۇن غۇژژىدە كەلگەن ئاچچىقتىن تىترەپ بېشىنى كۆتۈرۈپ.

__ مېنىڭ باشقا ئىشىم يوق، سوراپ قويدۇم.

__ خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشما.

__ بۇ ياتاققا كىرمىگەن بولساڭ ئارىلاشمايتتىم، كىرگەن ئىكەنسەن چوقۇم ئارىلىشىمەن. زىتىمغا تەگسەڭ قاراپ ئولتۇرمايمەن، دەيدىغاننى دەيمەن، چىدىمىساڭ باشقا ياتاققا چىقىپ كەت.

روزاخۇن ئۇنىڭ بىر ياتاقنى يالغۇز ئىگىلەپ يېتىۋالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدى.

__ سېنىڭ دەستىڭدىن خاتىرجەم ياشىغىلى بولمايدىكەن-دە بۇ يەردە،__ دېدى روزاخۇن ئاچچىقىدىن يانماي، بۇ ئاچچىقتا ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئۇيقۇسىمۇ قېچىپ، ھەر قانداق تەھدىتكە تاقابىل تۇرىدىغان دەرىجىدە سەگەكلىشىپ كەتتى.

__ بۇ ئۆزەڭگە باغلىق، ئىشقىلىپ، بىرەر ئىشىڭ كۆزۈمگە سىغماي قالسا، يۈزۈڭگە دەۋېرىمەن. باياتىن شۇ خوتۇنلار ئارىسىدا دۇتتار چالغىنىڭنى كۆردۈم. غىتمەك نېمىكەنلا دېدىمغۇ ئىچىمدە. ئەركەك بولساڭ ما گېپىمگە تېرىكمەيسەن. مەنمۇ سېنىڭ تازلارنى تىللاپ ئېيتقان ماز ناخشاڭنى ئاڭلاپ تېرىكمىدىم. دېمىسەڭمۇ مەن تاز، لېكىن مەندەكلەرنى سۆكۈپ، ئۇ خوتۇنلارغا مازلاشتۇرۇپ بەرگەن سەنمۇ بىر ماز ئىكەنسەن…

__ جاھاندا سەندىن باشقا تازلار جىققۇ،_ دېدى روزاخۇن ئاچچىقلاش ياكى كۈلۈشنى بىلەلمەي،__ سېنىڭ تازلىقىڭنى كىم بىلدى؟

__ مەيلى كىملا بولسۇن، بىرسىنى كەمسىتىپ قوشاق قېتىشىڭ خاتا. بۇ خوتۇنلارغا خوشامەت قىلىشنى ساڭا كىم قويدى؟ بۇ خوتۇنلارنىڭ قانداق نېمىلەر ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ ئەرلىرى چەت ئەلگە كېتىپ بىرەر ئاي بولمايلا ئۆزىنى بۇلغاپ رەسۋا بولدى. ئاشپەز، كاۋاپچىلار بىلەن چاتىقى بارمىش، قۇرۇق گەپ، ئۇنداق ھاكاۋۇر خوتۇنلار ئۆزى كۈندە ئىشقا بۇيرۇيدىغان قاسماقلارغا مەيدىسىنى يېقىپ بېرەمدا؟ بۇزۇلغىسى كەلگەن نېمىلەر ئۆزلكىدىنلا بۇزۇلىدۇ، خۇددى چىۋىن قونغان گۆشتەك. ئەرلىرى بۇنداق گۆشنى ئەمدى يېمەيدۇ، شۇڭا ھەممىسىنى تالاق قىپتۇ، مانا مۇنداق ئەرلەرنى ھەقىقىي ئەركەك دەيمىز. ئاڭلاپ تۇرسام، سەن شۇلارنى مەسخىرە قىلدىڭ، ۋاپاسىز دەپ تىللىدىڭ. خوتۇنلار قىن-قىنىغا سىغماي ماختاپ بەرسە ئۆزەڭنى بىلمەي چالىۋەردىڭ. سەندەك ئادەمنى دۇتتارچى، ناخشىچى دېمەيمىز، گۇپپاڭچى، غىتمەك غەزەلچى دەيمىز.

__ ئەمدى بولدى قىلساڭ بولارمىكىن؟!

__ توختا، ما گېپىمنى دەۋالاي. سەن ھەزىلەك دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى بىلەمسەن؟ بۇرۇن ئۇيغۇرلار سەلتەنەت سۈرگەندە ئوردا قىززىقچىلىرىنى ”ھەزىلكەش“ دەپ ئاتايتتىكەن. بۇ گەپ كېيىن ئۆزگىرىپ ھەزىلەك بولۇپ قالغان. ئەگەر سەن مۇشۇنداق چالىۋېرىدىغان بولساڭ، شاھ ئۇيغۇر رېستۇرانىنىڭ ھەزىلىكى بولۇپ قالىسەن. بۇ گەپلىرىمنىڭ ھەممىسى ساڭا پايدىلىق. مەنمۇ ئىلگىرى چالاتتىم، سەندەك چالالمىساممۇ خېلى يامان ئەمەس چالاتتىم، ئاۋازىممۇ سەندىن قېلىشمايتتى. ناماز باشلىۋالغاندىن كېيىن چۇرت تاشلىدىم. نەغمە-ناۋا بىلەن خوشلاشتىم. يەنە پات-پات خۇمار تۇتۇپ قويىدۇ، ئەمما مۇشۇ شەيتان دېگەن نېمىگە ئىشىك ئېچىپ بەرمەي دېدىم. مېنى ھېچنېمە بىلمەيدىغان دۆت، ساۋاتسىز كۆرۈپ قالما، ئۈرۈمچىدە ئاشلىق مەكتەپنى پۈتتۈرگەنمەن، يېزىدا ئاشلىق ساڭلىرى ۋەيران بولغاندىن كېيىن ناۋايلىقنى باشلىدىم. ئۈرۈمچىدە ئىشلىدىم، ئاخىرىدا پۇلنى مەشەدە جىق تاپقىلى بولىدىكەن دەپ ئاڭلاپ بېيجىڭغا كېلىپ، بۇ خېنىمنىڭ رېستۇرانىغا كېلىپ توختىدىم. ئايرىم دۇكان، ئايرىم تونۇرۇم بار، بۇ يەرگىمۇ بەك بېقىنىپ قالمايمەن، بۇ رېستۇراننىڭ خەقلىرى ئۇنچە جىق ناننى يەپ بولالامدۇ دەيسەن، باشقا رېستۇرانلارغىمۇ نان تارقىتىمەن. سودام ياخشى، ئۆيگىمۇ ئانچە-مۇنچە پۇل سېلىپ تۇرىمەن…

ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ ياتقان روزاخۇننىڭ قورساق كۆپۈكى بىر ئاز بوشىدى:

__ كۈنۈڭ ياخشى بولغاندىكىن، خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي نامىزىڭنى ئوقۇپ ئۆتىۋەرسەڭ بولمامدۇ؟

__ يامان ئىشلارنى كۆرگەندە توسۇش، بولمىسا نەسىھەت قىلىش، ئۇنىمۇ قىلالمىسا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. بۇ دېگەن مۇسۇلماننىڭ ئەقەللىي بۇرچى. سېنىڭچە بولسا، مەن سېنىڭ ئىچەرمەنلىكىڭنى، ھاياسىز خوتۇنلار بىلەن بىرلىشىپ تازلار ئۈستىدىن غەيۋەت قىلغىنىڭنى توغرا چۈشەنسەم، ماختىسام بولىدىكەن-دە! بولسا شۇ قىلىقلىرىڭغا قاراپ ھىجىيىپ قويسام، مېنى تازا كەلتۈردۈڭ-ھە دەپ دولاڭغا ئۇرۇپ قويسام، ھە ئاغىنە، مەنمۇ سەندەك چالاتتىم، ئىككىمىز تازا تېپىشىپتۇق دەپ ساڭا ئۈلپەت بولسام بولامتى؟ مەن ئۇنداق ھاماقەت ئەمەس. مۇسۇلمان دېگەن ئۆزىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ياشىشى كېرەك.

__ سەن مېنى مۇسۇلمان ئەمەس دېمەكچىمۇ؟ مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ناماز ئوقۇيمەن، جۈمەگە بارىمەن.

__ شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان بولدۇڭ؟

__ بۇرۇن بىر مەزگىل بەش ۋاق ئوقۇغان، كېيىن تاشلىۋەتتىم.

__ ۋاي تېخى، سەن نامازنى ئەمەس، ناماز سېنى تاشلىۋەتكەن گەپ!

كاللىسى قېيىپ كەتكەن روزاخۇن بۇنىڭغا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.

__ نامازنى تاشلىۋېتىپتىمىش تېخى، مۇشۇ گېپىڭدىنلا تەكەببۇرلۇقۇڭ، ئاللاھقا ھەقىقىي تەسلىم بولمىغانلىقىڭ چىقىپ تۇرىدۇ. ناماز سېنى تاشلىۋەتتى دېگەنلىك، ئاللاھ سېنى تاشلىۋەتتى دېگەنلىك. ئاللاھنى تېخى تونىمىغانلىقىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سېنى تەرك ئەتتى، ئاللاھنى ئۇنتۇغانلىقىڭ ئۈچۈن ئاللاھمۇ ساڭا قارىمىدى دېگەنلىك. بىراق ئاللاھ ئۆز بەندىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ. سەن ئۇنتۇپ قالساڭمۇ ئۇ زات ئۇنتۇمايدۇ. سېنىڭ يەنە ھەر كۈنى پەرز ئىبادەتلەرنى قىلىشىڭنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا سەن جۈمەگە بېرىۋاتىمەنغۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىش تۈگىدىغۇ دەپ ئويلىماي ، بەش ۋاق نامازنى باشلىۋال.

__ ھازىرچە جۈمەگە بارغاچ تۇراي، كېيىن بىر گەپ بولار…

__ قاچانغىچە ھەپتىلىك مۇسۇلمان بولۇپ يۈرۈيسەن؟

__ بۇ نېمە گەپ، كۈندە بەش ۋاق ئوقۇمىسام كاپىر بولۇپ كېتەمدىم؟

__ كاپىرغۇ بولۇپ كەتمەسسەن، لېكىن ھەپتىدە بىر قېتىم چېركاۋغا بارىدىغان خەنزۇلارغا ئوخشاپ قالىسەن.

__ خۇدايىم ھەممە ئادەمنى سەندەك تەقۋا ياراتماپتىكەن قارا، مۇسۇلمانچىلىق ئاستا-ئاستا دەپتىكەن. كۇلىچىلىقتا ھەممە ئىشنى سەن دېگەندەك قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. سەن ئويلىغاننى مەنمۇ ئويلايمەن. لېكىن ساڭا ئوخشاش، ئۆزگىرىمەن دەپ دەرھال ئۆزگىرىپ تەقۋا بولالمايمەن.

__ مۇسۇلمانچىلىق ئاستا-ئاستا دەپ بىر كۈنى پوككىدە ئۆلۈپ قالساڭچۇ؟ ئايدا نەچچە كۇلىچى كەلگۈندى بىچارىلەرنى خۇيزۇلارنىڭ ماشىنىسىغا سېلىپ ئەكىتىپ بارىمىز، بىلەمسەن؟

__ ئۆلۈم دەپ قاپسەن، ئۆلمەي تۇرۇپ ئۆلگەن كەچمىشلىرىمنى ساڭا دېسەم، ئىشەنمەيسەن…__ ئۇ بۇلارنى دەۋېتىپ ئاغزىنى يىغىۋالدى، گۇناھتىن قارىيىپ كۆيۈپ كەتكەن بەدىنىنى، تەتەينىڭ يىغلامسىراپ تۇرغان ھالىتىنى ئەسلەپ شۈركىنىپ كەتتى.

__ نېمە بولغانتىڭ؟

__ ھە… قارا بېسىپ قالغان.

__ چۈشۈڭدە ئۆزەڭنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپتىكەنسەن دېگىنە، كېيىن قانداق بولدۇڭ؟ دوزاخنى كۆرۈپسەنمۇ، جەننەتنىمۇ؟

پۈتۈن ئۆينى بىر ئالغان ئوتنى، ئۆزىنىڭ كۆيۈپ چۈچۈلە بولغان جەسىتىنى كۆرگەن تۇرسا، ئەلۋەتتە دوزاخنى كۆرگەن بولىدۇ-دە، ئەمما بۇلارنى بۇ ناۋايغا ئېيتقۇسى كەلمىدى.

__ ئېنىق ئەمەس، كۆرگەن چۈش پەقەت ئېسىمدە قالمايدۇ.

__ سېنىڭ بۇ ئەپتىڭدە دوزاخنى كۆرۈش ئېھتىمالىڭ چوڭراق، __ دېدى ناۋاي چاقچاق قىلغاندەك،__ ئەگەر شۇنداق قورقۇنچلۇق مەنزىرىنى كۆرگەن بولساڭ، بۇنى بىر يامان بېشارەت دەپ ئويلاپ، گۇناھىڭغا تەۋبە قىلىپ، نامازنى باشلىۋال.

روزاخۇن ئېغىر ئۇھ تارتىپ، تامغا قاراپ ياتتى. ناۋاي يامان گەپ قىلمىدى، ئەقلى بار ئادەم بۇنى بىلىدۇ. ھازىرمۇ كۆزىنى يۇمسىلا شۇ تەتەي، شۇ ۋەيرانە ھۇجرا… ئويغاق بولسۇن ياكى چۈش كۆرۈۋاتقان بولسۇن، پاسىقلىقنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرى ئېڭىدا روشەن زاھىر بولدى. زىنادىن كېيىن جۈمەگە بېرىش بىلەنمۇ پاكلىنالمىدى، خاتىرجەم بولالمىدى، ھەتتا قارا بېسىپ ئۆلگىلى تاس قالدى. قېچىپ بۇ يەرگە كېلىپ پاناھلانغان بىلەن شۇ پاسىقلىق ۋە شۇ يامان چۈشنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىدى. ئەمدى ئۇنىڭدىن كۈندە ناماز ئوقۇش، ئاللاھقا تەۋبە قىلىش بىلەنلا قۇتۇلۇشى مۇمكىن. بۇنى قىلالامدۇ؟ ناۋايدەك تەقۋا بولالامدۇ؟ دۇتتىرىنى كۈندە ۋاڭشىتىپ چالالامدۇ؟…

ئۇ تولا ئىككىلەندى، بىر ياقتا ئويۇن-تاماشا، بىر ياقتا ناماز؛ بىر ياقتا راھەت ۋە مەيلىخۇشلۇق. بىر ياقتا مۇشەققەت ۋە ئىنتىزام…

كاللا دېگەنمۇ ئاجايىپ نەرسە-ھە؟ بۇ ناۋاي پاراڭ سالمىغان بولسا روزاخۇن شۇ ئالتە خوتۇننى بىر-بىرلەپ ئەسلەپ، سېغىنىپ، شىرىن خىيال سۈرۈپ ئۇخلاپ قالغان بولاتتى. ئىشرەت سورۇنىغا چىلىنىپ چىققان مەست كاللىسىنى، خۇشاللىق ۋە خام خىيالنى لىق قاچىلىۋالغان قاپاق كاللىسىنى بۇ ناۋاي ئۆز ئىدىيىسى، رايى بويىچە خېمىردەك ئەيلەپ بىر نەرسە قىلىۋەتتى، ئەمدى ئەتىدىن باشلاپ زۇۋۇلىنى ئۆزى راستلايدۇ، شۇنداق قىلمىغىچە بولدى قىلمايدۇ…

ناۋاي ئۇنى ئۆزىدەك قىلالمىسىمۇ، ئۆلچەملىك بىر مۇسۇلمان قىلماقچى. ئۇنىڭغا قارشى چىقسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. چۈنكى چۈشىدە بولسىمۇ دوزاخنى بىر قېتىم كۆردى…

ناۋاي ئاخىر خورەك تارتىپ ئۇيقۇغا چۈشتى. ”ئويغاق چاغدىمۇ، ئۇخلىغاندىمۇ ئارام بەرمەيدىغان ئاداشكەن بۇ،- دەپ ئويلىدى ئۇ ئۇ ئۇ ياق-بۇياققا تولغىنىپ،- بەش ناماز دېگەننى مەھەللەمگە قايتىپ قېرىغاندا ئوقۇساممۇ بولاتتىغۇ؟ بۇ يەردە ئىشنىڭ تولالىقىدا كۈندە بەش ۋاق ئوقۇپ بولالايمەنمۇ؟ زاكىرە خانىم تولا چاقىرىپ ئاۋارە قىلسا نامازنى تاشلاپ ماڭغىلى بولامدۇ؟ ناماز بىلەن نەغمە-ناۋا، تەقۋالىق بىلەن ئويۇن-تاماشا بىر يەرگە كېلەلمىسە، ئىچىم پۇشۇپ ساراڭ بولۇپ قالمايمەنغۇ؟…“

ئەتىسى ئەتىگەندە ناۋاي ئۇنى بامداتقا ئويغاتتى، ئۇ قوپماي يېتىۋالدى.

__ ئاخشام مەن نېمە دېگەن؟

__ نېمە دېگەن؟ ھېچ گەپ ئېسىمدە يوق.

__ ئۆزەڭنى مەست دەۋالماقچىما؟ خۇپسەنلىك قىلماي قوپۇپ تاھارەت ئال. سۇ تەييارلاپ قويدۇم.

__ مەن تېخى بەش نامازنىڭ قائىدىلىرىنى ئۇقمايمەن. ئالدىرىماي ئۆگىنىمەن…

__ جۈمەگە بېرىپ نېمە ئوقۇدۇڭ؟ مۇشۇ نامازنىمۇ جۈمە ئوقۇغاندەك ئوقۇيسەن. ئىككى رەكەت سۈننەت، ئىككى رەكئەت پەرز. ھازىرچە بىلىدىغان سۈرىلىرىڭنى تەكرارلاپ ئوقۇۋەرسەڭ بولىدۇ.

__ بۈگۈنچە ئوقۇماي تۇراي.

__ نېمىشقا؟

__ مىجەزىم يوق، ئۇيقۇمنى ئاچالمايۋاتىمەن.

__ ناماز ئوقۇمايدىغان بولساڭ ئاۋۇ تەركى سالاتلارنىڭ ياتىقىغا چىقىپ كەت. كۈن قىزىل بولغىچە ياتىدىغان سەندەك گۇيلارنى كۆرەر كۆزۈم يوق!

ئۇنىڭ يەنە ئاچچىقى كەلدى، كۆزىنى ئوبدان ئېچىپ ناۋايغا قارىدى، كېچىدىن ئۇنىڭ غەزەبلەنگەن چىرايىنى غۇۋا كۆرگەن، ساقىلى باردەك قىلمايتتى.

__ ماڭا بۇنداق بۇيرۇق قىلما!__ دېدى ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ،__ كىمۇ سەن؟ ئەتىگەندە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېمەستىن نېمە زوتالىق قىلىسەن؟

__ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېگەن گەپنى نامازدىن كېيىن دېيىشىمىز. قوپ ئورنىڭدىن!

__ ئوقۇمايمەن قانداق قىلىسەن؟ ناماز دېگەننى زورلاپ ئوقۇتامتىڭ؟

__ ئوقۇمىساڭ ئا ياتاققا چىقىپ كەت، مەن ساڭا قاراپ ناماز ئوقۇمايمەن.

__ بۇ ياتاق، بۇ كارىۋات مېنىڭ، گېپىڭ بولسا زاكىرە خانىمغا دە…

__ خاناچاڭغا دېمىسەكمۇ بۇ ئىشنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. شۇنچە گەپ قىلسام تەسىر قىلماپتۇ-دە ساڭا، خۇدادىن قورقمىغان ئادەمگە گەپمۇ ئۆتمەيدىكەن. بوپتۇ، پەيغەمبىرىمىزمۇ دەپتىكەن، ھايا قىلمىساڭ، خالىغىنىڭنى قىل. ئۇلۇغلىرىمىزمۇ دەپتىكەن، پەرۋەردىگارىنى تونۇمىغان ئىنساندىن ئۆز ئىگىسىنى تونۇيدىغان ئىت ياخشى…

روزاخۇن غەزەبتىن تىترەپ كەتتى:

__ جاھاندا مەنلا تەقۋا، مەنلا مۇسۇلمان دەپ قالما. خۇدايىم بۇيرۇغان كۈنى، قانداق ئادەملىكىمنى ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن!

__ كۆرسەتسەڭ ماڭا كۆرسەتمەيمەن، ئاللاھقا كۆرسىتىسەن، ئاللاھ ئىنساۋىڭنى بەرسۇن.

__ سەن ئۆزەڭنى تەقۋا دېگەن بىلەن بەك ھاكاۋۇر نېمىكەنسەن.

__ ۋاي تېخى، ئاللاھقا كەمتەرلىك بىلەن بويسۇنمىغان، ناماز ئوقۇمىغان سەندەك ئادەمدىنمۇ ئۆتە تەكەببۇر، چوڭچى بولامدۇ؟ بەلكىم بىز ئۆز غۇرۇرىمىز بىلەن ياشىغاچقا شۇنداق كۆرۈنۈپ قالىدىغاندىمىز، يەنە دىنغا دالالەت قىلغۇچىلارمۇ شۇنداق كۆرۈنۈپ قالىدۇ، نادانلار ئۇلارنى چۈشەنمەي ھاكاۋۇر دەيدۇ.

__ سەن ئۆزەڭدىن باشقا ھەممە ئادەمنى شۇنداق دۆت چاغلامسەن؟ مەن تەقۋا بولىمەن دېسەممۇ سەندەك چوڭچىلارنىڭ گېپىگە كىرىپ تەقۋا بولمايمەن. خۇدايىم كۆڭلۈمگە ئىنساپ بەرگەن كۈنى ئۆزەم باشلىۋالىمەن.

__ سەندەك دەيدىغانلار كۈر مىڭ، شۇنداق دەپ ئۆزىنى بەزلەپ، ئارقىدىن نەپسىگە بېرىلىپ كېتىپ ھالاك بولىدۇ. بولدى، بولدى، ساڭا يەنە گەپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوقكەن. ناماز ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكىلى تۇردى. سەن مېنىڭ جايىمغا چىقىپ غەپلەت ئۇيقۇڭنى ئۇخلا. بۇندىن كېيىنمۇ مەشەدە يات.

روزاخۇن ئورۇن ئالمىشىپ ئۇنىڭ جايىغا چىقىپ ياتتى، ئۇيقۇسى قاچتى: نېمىگە زورلاۋېرىدۇ بۇ ئاداش شىرىن ئۇيقۇمنى بۇزۇپ، ئاتاممىدى، ئاكاممىدى، ياكى مەھەللىمىزنىڭ كاتتا موللىسىمىدى بۇ؟ جاھاندا بىر كىمنى ئۆز ئەركىگە قويماسلىقتىنمۇ ئارتۇق زۇلۇم بارمۇ؟ ناماز دېگەننى ئوقۇغۇم كەلگەندە ئوقۇيمەنغۇ؟… دەپ ئويلىدى. نېمىلا بولسۇن، بۇ ناۋاينىڭ ئاخشام ئەيلىگەن خېمىرىنى ياندۇرۇۋەتكەنلىكىگە خۇرسەن بولدى. مۇشۇنداق قىلىۋەرسە، ئاخىر ئۆز ئەركىنلىكىنى قولىغا ئالىدۇ. ناۋايمۇ ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ. ئىچىدە ”ئىت، ئېشەك“ دەپ تىللىسىمۇ، پەس كۆرسىمۇ مەيلى. ئاغزىدىن چىقىرىپ قالمىسىلا چوڭ چاتاق يوق. ئۇ ئۇنداق دېگەن بىلەن، روزاخۇننىڭ ئەسلىدە قانداق ئادەملىكىنى ياراتقۇچى خۇدا بىلىدۇ. خۇدايىم بۇيرۇغان بىر كۈنى تەقۋالىقىنى باشلىۋالىدۇ. ئاۋۋال پۇل تاپىدۇ، خوتۇن ئالىدۇ، ئۆيى بولىدۇ. ئاندىن خاتىرجەم نامىزىنى ئوقۇيدۇ… ئۇنىڭغىچە بۇ ناۋاينىڭ گەپلىرى ئاقمايدۇ.

روزاخۇن بىر دەم يېتىپلا چۈش كۆردى، چۈشىدە يەنە ناۋاي بىلەن تەگەشتى، ئەمما بۇ قېتىم ناۋاينىڭ ساقىلى يوق، گەپلىرىمۇ باشقىچە ئىدى، كۆزلىرى ئويناپ تۇراتتى.

__ قوپ، ئورنۇمنى بىكالا…

__ بايا ئالماشتۇققۇ؟

__ ئالماشتۇقما؟ لېكىن بۇ جاي مېنىڭ.

__ مەشەدە ياتقىنىم ياتقان، گېپىڭ بولسا لاۋبەنگە دە!

__ دۇتتاردىن ئىككى پەدە ئۇرۇپلا ئۇ خېنىمنى ئىندەككە كەلتۈرۈۋاپسەن دېگىنە…

__ نوچى بولساڭ سەنمۇ كەلتۈر، قالغان خوتۇنلارمۇ ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ.

__ بىز ئۇنداق ئاشقان-تاشقان قېرىلارغا كۆز سالمايمىز، قىز كەلتۈرىمىز، قىز! مۇشۇ رېستۇراندىمۇ چىرايلىق قىزلاردىن نەچچىسى بار.

__ سىڭلىڭدەك قىزلارغا ساقال سۆرەپ يۈرۈپسەن دېگىنە.

__ كۇلىچىلىقتا نېمىلا قىلساق يارىشىدۇ.

__ بىرەرسىنى كەلتۈرۈپ باقتىڭمۇ؟

__ كەلتۈرسەممۇ ساڭا دەپ يۈرەمتىم؟

__ يامان لاۋزىكەنسەن، ياققان نانلىرىڭ قانچىلىك تەمسىزدۇ؟

__ ماڭاۋە، خەنزۇلار مېنىڭ نانلىرىمنى بەك يەيدۇ.

__ سەن مېنى ھەزلەك دەيسەن، ئۆزەڭمۇ تايىنلىق نېمىكەنسەنغۇ؟

__ ئىشقىلىپ، مەن قېرى خوتۇنلارغا كۆز تاشلىمايمەن.

__ مەن سەندەك گۇينىڭ گېپىگە كىرىپ ناماز ئوقۇمدىم تېخى؟

__ ئوقۇمىساڭ نېمە كارىم…

__ ساقىلىڭنى نېمىشقا ئېلىۋەتتىڭ؟

__ تونۇرغا ئېڭىشكەندە ئازراق كۆيۈپ كەتتى، شۇڭا چۈشۈرۈۋەتتىم.

__ توڭ سويمىغا ئوخشاپسەن،__ دېدى روزاخۇن كۈلۈپ.

__ ئۆزەڭ سويما، بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلدىڭ؟

__ كاۋاپچىلىق قىلغىلى.

__ كاۋاپچىلىق دېگەنمۇ ھۈنەرمۇ؟ مانا ناۋايلىق دېگەننى ھەقىقىي ھۈنەر دەيمىز.

__ چىشىمغا تەگمە، ھېلى قامىرىڭنى ئېزىمەن!

__ كىم كىمنىڭكىنى ئېزىدىكى تېخى…

چۈشىدە نېمىلەرنى دېيىشتىكى، ئىشقىلىپ بۇ ناۋاي بىلەن چىقىشىپ كېتەلەيدىكەنمەن دەپ ئويلىدى. ھەتتا ئۇنىڭ قولىغا دۇتتارنى تۇتقۇزدى، راست چالالامدىكىن قېنى، بىر كۆرەي دەپ تەلمۈرۈپ ئولتۇردى. ناۋاي بۇ ”شەيتاننىڭ چۆمۈچى“نى ئېلىپ، بىر دەم ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن شۇنداق مۇڭلۇق بىر پەدىگە چالدىكى، روزاخۇن ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ كەتتى. بىر چاغدا ناۋاي ئوڭايسىزلىنىپ:

__ تۇت، تۇت، بۇ بىر نېمەڭنى، ئۆزەڭ چال،__ دېدى.

__ ۋاي ياخشى چالدىڭ، يەنە بىر پەدە…

__ ئادەمنى ساز قىلما، ئەمدى چالمايمەن.

__ چالساڭ تەرىتىڭ سۇنۇپ كېتەمدىكەن، ۋەيت!!!

__ سەن شەيتان مېنى مەسخىرە قىلدىڭ.

__ نەدە مەسخىرە قىلدىم. دۇتتار چالسا راست تەرەت سۇنمايدىغۇ؟

__ تەرەت سۇنمىغان بىلەن كۆڭۈلگە شەك چۈشىدۇ، شەك! بۇنى چۈشەنمەيدۇ سەندەك ئېشەك.

ناۋاينىڭ چىرايى يەنە سۈرلۈك تۈس ئالدى، روزاخۇن قورقتى، قورققانچە غەزەبلەندى:

__ سەن گۇي، مېنى ھېلى كاپىر، ھېلى ئېشەك دەيسەن. ئۆزەڭ نېمە؟

__ مەن تەقۋا مۇسۇلمان.

__ كۆرەڭلىمە، خۇدايىم پېشانەڭگە شۇنداق يېزىپ قويۇپتىمۇ؟

__ كۇپۇر گەپ قىلما، بۇنىڭدىن كېيىن ناماز ئوقۇمايدىغان بولساڭ ياقاڭدىن تۇتۇپ چۆرىۋېتىمەن.

__ مەن ئوقۇمايمەن دېمىدىم، ئوقۇيمەن. بۈگۈن ئوقۇمىسام ئەتە ئوقۇيمەن. ئاڭغىچە كۆزۈمگە كىرىۋالما.

__ مەيلى،__ دېدى ناۋاي يەنە مۇلايىملىشىپ، ئاندىن روزاخۇننى ھەيران قالدۇرۇپ قولىغا دۇتتار ئالدى.

__ چالامسەن؟

__ سەن چال،_ دېدى ناۋاي كۈلۈمسىرەپ،_ نەق مەيداندا چالغىنىڭنى بىر كۆرۈپ باقاي.

روزاخۇن بۇ دىلكەشلىك ۋە كۆڭۈل ئارامىدىن يايراپ قولىغا دۇتتارنى ئالدى.

__ نامازنى باشلايسەن، شۇنداقمۇ؟

__ باشلايمەن، ئەمما دۇتتارنىمۇ تاشلىمايمەن.

__ ھەي گۇي، شەيتىنىڭ يامان كۈچلۈككەن…

روزاخۇن كۈلۈپ قويۇپ دۇتتارنى سازلاپ تۇرۇشىغا ھېلىقى تەتەي ياتاققا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ، دۇتتىرىنى تارتىۋېلىپ يەرگە ئۇرۇپ پارە-پارە قىلىۋەتتى. ئاندىن ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ گېلىنى بوغۇشقا باشلىدى. قورقۇنچتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەن روزاخۇن ئۇنىڭ بىلەن ئېغىر تىركەشتى، قارىسا ياتاقتا ئۆزى يالغۇز، ناۋاي ھېچنەدە يوق…

ئۇ ئىككى ياققا تولغىنىپ، خىقىراپ، جۆيلۈپ ئويغىنىپ كەتتى. تاڭ ئېتىپ كۈنمۇ چىقىپ بولغانىدى. ئۇ بىر ھازا ئېسىگە كېلەلمەي، ئەتراپىغا يېنىشلاپ قاراپ كەتتى. چىلىق-چىلىق تەرلەپ كەتكەن بەدىنى ماغدۇرسىز، ھېلىمۇ چۈش كۆرۈۋاتقاندەك قېتىپ قالغان كۆزلىرى نۇرسىز، ئۈمىدسىز ئىدى. كۆڭۈللۈك چۈش كۆرۈۋاتقاندا نېمىشقا تۇيۇقسىز قارا باسىدۇ؟ ناماز ئوقۇمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ناماز ئوقۇمىسا تەتەيخاننىڭ جىنى چاپلىشىپ ئۇنىڭغا ئارام بەرمەسمۇ؟ بۇ قورقۇنچلۇق چۈش نېمانچە ئېنىق؟ ئەمەلىيەتتە بولغان ئىش نېمىشقا چۈشىدە تەكرارلىنىدۇ، ھېچ گۇناھى يوق دۇتتار نېمىشقا يەنە چېقىلىدۇ؟…

ئۇ ھېچنېمىنى چۈشىنىپ بولالمىدى، روھىدىكى غەليان ۋە غەيرى ئالامەتلەرگە كاللىسى يەتمىدى، جاھاندا كاللىسى يەتمەيدىغان ئىشلار يالغۇز بۇلا ئەمەسقۇ؟ شۇڭا چۈشىدىكى ئۇ نەرسىلەرگە كاللا قاتۇرۇپمۇ ئولتۇرمىدى. ياشايدۇ، چۈش كۆرىدۇ، ئۇنتۇيدۇ. يەنە چۈش كۆرىدۇ. ئويغاق تۇرۇپمۇ چۈش كۆرىدۇ تېخى. ئەمما ئەمەلىيەتتە يۈز بەرمىگەننىڭ ھەممىسى كۆپۈكتەك يوقايدۇ…

سەھەرنىڭ بەرىكىتىنى قولدىن بەرمەيدىغان ناۋاي ئۇنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنىدى. ئۇ يالغۇزلۇقتىن سىقىلىپ تالاغا چىقتى، قالغان ئاشپەز ۋە كۈتكۈچى قىزلار ۋاقچە ئۇخلايتتى. ئاخشامقى خوتۇنلار نەلەرگە كېتىشتىكىن؟ زاكىرە خانىممۇ ئەتىگەندە كېلىپ ئۇنى ئىشقا بۇيرۇمىدى. گۆشنى قەيەردىن ئېلىپ كېلىدۇ، كاۋابدان نەدە، قانداق كاۋاب چىقىرىدۇ، چوڭ زىخمۇ كىچىكمۇ؟… بىلەلمىدى. ياتىقىغا قايتىپ كىرىپ يەنە ياتتى. ئۇيقۇسى كېلىدىغاندەك ئەمەس، ئاخشامقى سورۇننى، خوتۇنلارنىڭ خىلمۇ خىل ئىش-ھەرىكىتى ۋە گەپ-سۆزلىرىنى ئەسلىدى. بەلكى شۇ قورقۇنچلۇق چۈشنى، قىساسخور تەتەيخاننى ئۇنتۇش ئۈچۈنلا ئەسلىدى. ئاندىن ئايرىمخانىدا قالغان ھېلىقى دۇتتارنى سېغىندى، ئاۋازى ياخشى چىقىدىغان دۇتتار-دە، بۇنداق دۇتتارنى چالسا كىشى ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنتۇيدۇ.

3

شۇنداق قىلىپ، روزاخۇن تولا خىيال سۈرۈپ، چۈش كۆرۈپ ھارمىدى؛ گۆش ئالغىلىمۇ بارمىدى، چۈشكە يېقىن كاۋاپداننى ئۆتكۈزۈۋالدى. گۆشنى خۇيزۇ قاسساپلار ئۆزى ئەكىلىپ بېرىدىكەن. كۈندە تۆت-بەش قوينىڭ گۆشى تۈگەيدىكەن. دېمەك، بۇ رېستۇراننىڭ سودىسى ياخشى ئىدى، ئۇ كاۋاپ چىقىرىشنى باشلىۋەتتى. باشقا ئاشپەز ۋە كۈتكۈچىلەر بىلەنمۇ بىر-ئىككى كۈندە تونۇشۇپ كەتتى. ناۋاينىڭ ئىسمى ئەرشىدىن ئىكەن، ئۇنىڭ گېپى بىلەن سەھەردە بىر ۋاق بولسىمۇ نامازنى باشلىۋالدى. بەلكىم، يامان چۈش كۆرمەي دەپ شۇنداق قىلدى، بەلكىم جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋەرسەم ئۇنىڭ قارغىشىغا كەتمەي دەپ شۇنداق قىلدى.

كۈتكۈچى قىزلار ئىچىدە تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئىشلەۋاتقان ئىككى قىز بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 لەردە كېلىپ، كەچتە 8 -9 لاردا قايتاتتى. بىرسى ياغلىق چىگەتتى، بىرسى چىگمەيتتى. بۇ قىزلار روزاخۇنغا يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلدى. بۇ يەردە بېقىندى بولۇپ، بۇيرۇقۋازلىق ئىچىدە ئىشلەش ئېغىر كەلگەن چاغدا، شۇ قىزلارغا قاراپ زوقلىنىپ، مەھەللىسىدە قالغان ئايگۇل، باھارگۈللەرنى ئەسلەپ ئولتۇراتتى. قىزلار ”كاۋاپتىن مانچە“ دەپ ئۇنىڭغا ئىش بۇيرۇپ، تەييار بولغان كاۋاپلارنى ئالغىلى كەلگەندە بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىۋالاتتى. تۇرقىدىن تەقۋالىقى چىقىپ تۇرغان سىتودېنت قىزنىڭ ئىسمى شاراپەت بولۇپ، روزاخۇندەك ئادەملەرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىمايتتى ھەم قەتئىي ئوشۇق گەپ قىلمايتتى. يالاڭباش قىزنىڭ ئىسمى نازاكەت بولۇپ، كۆزلىرىدىن دادىللىقى، قىلىقلىرىدىن شوخلۇقى چىقىپ تۇراتتى. ئىشلەمچىلەر بىلەن بۇ داشۆسىڭ قىزلار ئىككى دۇنيا، ئۇ قىزلارمۇ ئۆز ئىچىدىن ئىككى دۇنيا بولۇپ، بىر يەردە ياشاۋاتقان بىلەن بىر-بىرىگە سىغىشمايدىغان ئىنسانلار ئىدى. ئەمما زاكىرە خانىم ئۆزىنىڭ بۇ رېستۇرانىدا ھەممە ئادەمگە تېگىشلىك ئەركىنلىك بەرگەن بولۇپ، پەقەت پۇل ۋە ئىقتىدارنىلا تونۇيتتى. روزاخۇن ئويلايتتىكى، بۇ قىزلار ئىشلەمچىلەرنى ھۆرمەتلەيدۇ، ئەمما چۈشەنمەيدۇ، چۈشىنىشنىمۇ خالىمايدۇ. قىزلار ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مەۋقەدىكى يىگىتلەرگە ئىنتىلىدۇكى، مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن بۇنداق قارا گەدەنلەرگە ئەسلا قىزىقمايدۇ. دۇتتار چالغانلىق بىلەن ئۇنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ئۈستۈن بولۇپ كېتەتتىمۇ؟ … مانا مۇشۇنداق پىغانلىق ئويلارغا چۆككەن ۋاقتىدا ئۇ نېمىشقا لاۋبەن بولالمىغاندىمەن، ھېچ بولمىسا بۇ قىزلارنى پۇل بىلەن بولسىمۇ قىزىقتۇرغىلى بولاتتى دەپ ئويلايتتى. كاۋاپچىلىقتىن بىكار بولسىلا ياتىقىغا كىرىپ دۇتتار چالاتتى، ئۆزى بىلەن ئۆزى مۇڭدىشاتتى، ئەمما كۆپ ھاللاردا ئىشتىن قولى بوشىمايتتى. ئارىچىل ۋاقتىدا ياتىقىغا كىرسە ئەرشىدىن ناماز ئوقۇۋاتقان بولاتتى.

كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئەرشىدىننىڭ شاراپەتكە قىزىقىپ قالغانلىقىنى سەزدى. دېمىسىمۇ، تەقۋالىق بىلەن تەقۋالىق بىر يەرگە كېلەلەيتتى. ئەمما ئەرشىدىن ئانچە خۇشال كۆرۈنمەيتتى.

__ ياغلىق ئارتقان بىلەن تېخى بەزى ئىشلارنى چۈشەنمەيدىكەن،__ دېدى ئۇ بىر كۈنى ئاخشىمى،__ بىر يۇرتلۇق ئىكەنمىز دەپ قالدىم. بولمىسا بۇ ئىشلارنى ئويلاشمايتتىم.

__ مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان قىزدۇ ھەقىچان.

__ نېمە مۇھەببەت؟ تولا شەيتاننىڭ دېپىنى چالما. مۇھەببەتلەشتى، يۈردى دېگەن گەپ، نىكاھ قىلماي تۇرۇپ بىللە بولدى، بۇزۇلدى دېگەن گەپ. كاللاڭدا يەنە شۇ بۇزۇق ئىدىيە باردە سېنىڭ.

__ دېمەك، سەن ھېلىتىن نىكاھ ئوقۇتۇۋالىلى دەپ ئۇ قىزنى قورقۇتىۋېتىپسەن-دە! مېنىڭچە، داشۆسىڭ قىزلار مۇھەببەتلەشمەي تۇرۇپ توي قىلمايدۇ.

__ مۇھەببەت دەيدىغان بولسا ياغلىقىنى چۆرۈۋەتسۇن، ئىسلامغا داغ كەلتۈرمىسۇن.

__ خەقنىڭ قىزىدا ئېلىشىڭ باردەك گەپ قىلىدىكەنسەن ئەرشىدىن، ھەممە ئادەمنى ئۆزەمدەك بولسۇن دېسەڭ قاملىشامدۇ؟ ئۇمۇ بىر ئادەم، يەنە كېلىپ قىز بالا-دە!

__ ھەي جاھىل ، مەن ھەممە ئادەمنى مەندەك بولسۇن دېمىدىم. ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن ئادەم قۇرئان، ھەدىستىكى ئۆلچەم بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك. ئۇ قىزمۇ ياغلىق چىگىپ تەقۋالىق يولىغا ماڭغانىكەن، شۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.

__ ئۇ قىزنىڭ ياغلىق چىگكەن گۇناھىغا شۇنداق قىلامسەن؟ چىگمىگەن بولسا قانداق قىلاتتىڭ؟ ئۇ نېمە قىلغانغا سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلاپ سەن دېگەندەك قىلىدىكەن؟

__ ئەبۇ لەھەبتىن ئۆتە جاھىل نېمىكەنسەن،__ دېدى ئەرشىدىن تېرىكىپ،_ تەقۋا ئاياللار تەقۋا ئەرلەرگە خاس، مۇناپىق ئاياللار مۇناپىق ئەرلەرگە خاس. سەن بۇنى بىلمىگەندىكىن، ئاغزىڭنى يۇم.

__ ئۆزەڭنى تەقۋا، تەقۋا دەيسەن، قانچىلىك تەقۋالىقىڭنى خۇدايىم بىلىدا ۋاي، ساقال قويۇپ يۈرگەنگە تەقۋا بولىدىغان ئىش بولسا، مەنمۇ قويۇۋالىمەن ئۇنداق ساقالنى!

__ سەن تەقۋالىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيسەن، شۇڭا ساقالغا ئېسىلما!

__ ئۆزەڭ دەپ باقە قېنى؟

__ تەقۋالىق دېگەن ئاللاھتىن قورقۇش دېگەنلىك، سەن ئاللاھتىن قورقمايسەن، شۇڭا ئۇقمايسەن.

__ مۇشۇ ئەۋلىيالىقىڭدىن ئەجەپ زېرىكتىم، مېنى ئاللاھتىن قورقمايدۇ دەيدىغانغا نېمە ئىسپاتىڭ بار؟

__ كۆرۈنۈپلا تۇرمامدۇ؟ نامازنى تولۇق ئوقۇمايسەن، ھاراق سورۇنىدىن تېخى قالمىدىڭ، ھاراقكەشلەرگە شەيتان نەغمىسى قىلىپ بېرىشتىن يانمىدىڭ…

__ لېكىن مەن ئىچمىدىم، ھەم ئىچمەيمەن.

__ زورلىسا ئىچىسەن، شۇنداقمۇ؟ دېمەك، سەن خەقنىڭ گېپىدىن قورقۇپ، ئاللاھتىن قورقمىدىڭ. ئاللاھ ھارام قىلغان شۇ نىجىسنى ئىچىشنى تېخى تاشلىمىدىڭ.

__ خۇدايىم بۇيرۇغان كۈنى چوقۇم تاشلايمەن، تاشلايدىغان نىيىتىم بار.

__ نىيەت بولغانلا ھېسابمۇ؟ سېنىڭ بۇ شىرشىم، سويۇق مىجەزىڭ ئۆزگەرمەيدۇ.

__ سەن نېمە بىلىسەن؟ خۇدايىم بۇيرۇسا ئۆزگىرىدۇ.

__ خۇدايىممۇ نىيىتىڭگە بېقىپ ئۆزگەرتىدۇ.

__ ھە مەن دەۋاتىمەنغۇ، خۇدايىم شۇ نىيەتنى كۆڭلۈمگە سالغانىكەن، ھامان بىر كۈنى ھاراقنى تاشلايمەن، بەش ۋاق نامازنى باشلايمەن.

__ نىيەت قىلغان بىلەن ئۇنى قىلىشقا ئالدىرىمىساڭ بىكار!

__ مېنى زورلاۋەرمىگەن بولساڭ ئالدىرايتتىم.

__ بولدىلا، سەن قاشاڭ گۇيغا گەپ قىلغىچە…

روزاخۇن گەپ قىلىشتىن يالتايغان ئەرشىدىننىڭ چوقۇم شاراپەتنى ئويلاۋاتقانلىقىنى پەملەپ، داۋاملىق ئۇنىڭ يېغىرىنى تاتىلىدى:

__ دېمەك، شاراپەتخان ساڭىلا خاس، چوقۇم ساڭا تېگىشى كېرەك، شۇنداقما؟ ئەگەر ئۇ قىزنىڭ ساڭا كۆڭلى يوق بولسا، زورلاپ ئالامتىڭ؟

__ مېنى كولدۇرلىتىمەن دېمەي ئۇيقۇڭنى ئۇخلا.

__ ئىككىڭلار تېلېفوندا پاراڭلىشىۋاتامسىلەر؟

__ …

__ ھەي، دېمىسىمۇ، تەقۋا قىزلار بەك پاكىز، چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن. ئۇ قىزغا ياغلىق بەك ياراشقان-دە، ئۇچىسىغا كىيۋالغاننى ئابايى دەمدۇق، كىيۋالسا بويلىرى تۈپتۈز، زىلۋا…

__ خېلى ئوبدان تاماشا قىلىپسەن دېگىنە! __ دېدى ئەرشىدىن ئۆندەرەپ،_ سەندەك شەھۋەت كۆز گۇيلارنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇنداق كىيىىنىدۇ ئۇلار، بۇندىن كېيىن ئۇ قىزغا كۆز تاشلاپ يۈرمە، ئارىمىزدا ھايا بولسۇن.

__ نېمە دەيدۇ ماۋۇ، ئۇ قىزنى ئالماي تۇرۇپ بۇنداق دېگىلى تۇرساڭ، كېيىن خېلى ئىش بار ئوخشىمامدۇ؟ مەن ئۇ قىزغا يامان كۆز سالمىدىم، چىرايلىقكەن، قاراپ قويدۇم. خۇدايىم كۆز دېگەننى كۆرۈشكە، كۆڭۈل دېگەننى ئويلاشقا يارىتىپتىكەن. ئەمدى بۇنىمۇ چەكلىۋالساڭ، قانداق ياشىغىلى بولىدۇ بۇ جاھاندا؟!

__ شۇڭا دەيمەنغۇ، بۇنداق قىز بۇ شەھەردە مەھرەمسىز يۈرسە بولمايدۇ، چوقۇم بىر ئەرنىڭ پېشىنى تۇتۇشى كېرەك. بولمىسا يامان كۆز، يامان سۆزدىن قۇتۇلالمايدۇ، ھەتتا جەمئىيەتنىڭ يامان تەسىرىگە ئۇچراپ ئىمانىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن.

__ سېنىڭچە، داشۆسىڭ قىزلار ئەرگە تېگىۋالمىسا بۇزۇلۇپ كېتەرما؟

__ بۇزۇلۇپ كېتىش خەۋپى كۈچلۈك، داشۆ پۈتتۈرگەندىن ساق كەلگىنى قانچىلىك؟ شۇنى ئويلىساڭلا بولىدۇ.

__ بۇ گەپچە، ئۇ قىزمۇ ساڭا تەگسىلا ساق يۈرەلەيدىكەن-دە!

__ ماڭا تەگمىسىمۇ، ئىشقىلىپ، بىرەر ئەرنىڭ نىكاھىغا ئۆتۈپ ئۆيدە ئولتۇرغىنى ياخشى.

__ ئوقۇشىنى قانداق قىلىدۇ؟

__ بۇنداق ئوقۇشنى ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. بىز داشۆدە ئوقۇمىغان بىلەن ئۇ ئوقۇشنىڭ قانداقلىقىنى بىلىمىز. ئوقۇغان بىلەن جانغا ئەسقاتىدىغان نەرسىنى ئوقۇيالمايدۇ، ۋاقىت ئىسراپ قىلىدۇ، مۇھەببەتلىشىدۇ، ئوقۇشىنى تۈگەتسە ئىش تاپالمايدۇ، ھەتتا بىزچىلىك ئىش ھەققى ئالالمايدۇ.

__ لېكىن ئۇلارنى بىزدىن جىق نەرسە بىلەمدىكىن دەيمەن.

__ بىلىدۇ، قانداق ئويناپ، قانداق پۇل خەجلەشنى بىلىدۇ. خەنزۇچىدا خەت تونۇۋالساڭ، سەنمۇ ئۇلاردىن قېلىشمايدىغان بولىسەن.

__ لېكىن ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆزلىرى باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدۇ. ئوقۇغاننىڭ پايدىسى -دە!

__ ھەممىسى ئوخشاش، ئۇنىڭ ئىچىدە پەقەت شاراپەتلا بولىدۇ، نازاكەت دېگىنىڭ قاچانلا قارىسا چېچىنى شىرنىڭ كاللىسىدەك قىلىپ نايناقلاپلا يۈرىدىغان نېمىكەن.

__ دېمەك، ساڭا شاراپەتلا بولىدۇ، ئۇنى خوتۇن قىلىۋالساڭ ئۆيۈڭدىن چىقارماي باقىدىكەنسەن دېگىنە!

__ شۇنداق قىلاتتىم، ماڭا تەگكىنىگە چوقۇم رازى بولاتتى. مۇسۇلمان دېگەن ياخشى ئىشلاردا بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇشى كېرەك ، ياخشى ئىشنى ۋاقتىدا قىلمىسا شەيتان ئارىلاپ قالىدۇ. ئەمما بۇ قىز ھېچ تۈزۈك جاۋاب بېرەي دېمەيۋاتىدۇ.

__ ئۆيىدىكىلىرىگە مەسلىھەت سالىدىغاندۇ؟ ئاتا-ئانىسى قوشۇلمىسا مىڭ ئالدىرىغىنىڭ بىكار.

__ قوشۇلۇپ قالاتتى، ئانىسى يوقكەن، دادىسى تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئادەمكەن، ئۆيدە بالىلىرى جىقكەن. مۇشۇ قىزنىڭ ئۆزى رازى بولسا باشقا ئىشلار ئاسان ئىدى. باشتا نىكاھ ئوقۇتۇۋالاتتۇق، توينى كېيىنرەك قىلساقمۇ بولاتتى.

__ بۇ قىز زادى نېمە دەيدۇ؟

__ مەن بۇ ئىشنى تېخى ئويلىشىپ باقمىدىم دەپ تۇرۇۋالدى. تېلېفون قىلساممۇ گەپنى ئەپقاچىدۇ.

روزاخۇن ئەرشىدىننىڭ ھېلىقى كۈنى ئەتىگەندە چۈشىدە كۆرگەندەك مۇلايىملىشىپ، ئىچىدىكى گەپلەرنى تۆكۈشكە باشلىغانلىقىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدى. ئەرشىدىننىڭ دېگەنلىرى قانچە توغرا بولسۇن، كۆرۈشۈپ، تونۇشۇپ بىرەر ئايچە بولمىغان قىزغا ئۆيلىنىش تەكلىپى قويسا، تېخى تۈزۈك مۇھەببەتلىشىپمۇ باقمىغان قىز (روزاخۇن شۇنداق قارايتتى) چۆچۈپ كەتمەمدۇ؟

__ ئۇ قىز تېخى ئوقۇش پۈتتۈرمىگەن تۇرسا،__ دېدى روزاخۇن بۇ ئىشلارغا چىن دىلىدىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندەك __ سەن سەل ئالدىراپ قالدىڭمۇ قانداق؟

__ ئالدىرىمىساق بولامدۇ، كېلەر يىلى پۈتتۈرىدىكەن ئوقۇشىنى، 22 ياشقا كىرىپتۇ، بويىغا يېتىپ ئېشىپ كەتتى دېگەن گەپ. بۇنىڭغا ۋاقتىدا ئىگە چىقمىساق بولمايدۇ.

__ شۇنچە ئالدىرىغان ئادەم نەچچە ۋاقىتتىن ئۆيلەنمەي نېمە ئىش قىلغان بولغىيدىڭ؟

__ بىر ئۆيلەنگەن، دىيانىتى يوقراق چىقىپ قالدى، گەپ قىلسام ياندى، ئاچچىقىمدا سۆزىنى بېرىۋەتكەن.

__ شاراپەت بۇنى بىلىپ قالسا ساڭا تېخىمۇ تەگمەيدۇ -دە!

__ سۇخەنچىلىك قىلاي دەمسەن؟ سەندەك گۇيغا ئىشەنگەن مەنمۇ ئەخمەق! باياتىن بېرى دېپىڭغا ئۇسسۇل ئويناپتىمەن-دە! ۋاي، ئادەم بولمايدىغان گۇي!

__ يەنە تىللىغىلى تۇردۇڭغۇ،__ دېدى روزاخۇن كۈلۈپ،__ شۇ قىزنى ئېلىشىپ بەرسەم كۆڭلۈڭ تىنىدىغۇ سېنىڭ.

روزاخۇن ئاغزىدا ئۇنداق دېگىنى بىلەن كۆڭلىدە ئەرشىدىننىڭ ئۇ قىزغا ئېرىشەلمەسلىكىنى تىلەيتتى. قىزنىڭ ئۇنىڭغا ماقۇللۇق جاۋاب بەرمەيۋاتقانلىقىنى بىلگەنچە ئۇنىڭغا ھۆرمىتى قوزغىلاتتى. قىز ئادەتتە رېستۇراندا شۇنچىلىك ئالدىراش يۈرەتتىكى، بىر دەم بىكار بولۇپ ئولتۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولمايتتى، پەقەت ناماز ۋاقتىدىلا كۈتكۈچى قىزلارنىڭ ياتىقىغا كىرىپ نامىزىنى ئوقۇپ چىقاتتى. ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن بىر قانچە قىزنىڭ نامازنى باشلىۋالغانلىقى مەلۇم بولدى، ھەتتا بىرسى بېشىغا ياغلىق ئارتتى. زاكىرە خانىم بۇنىڭغىمۇ مەيلى دېدى، بەلكى خاتىرجەم بولدى. چۈنكى قىزلار تەقۋالىققا بىر قەدەم يېقىنلاشسا، قالايمىقان ئىشلاردىن، گۇناھ، پالاكەتتىن بىر قەدەم يىراقلىشاتتى؛ جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرۈيدىغان ئېزىتقۇلاردىن__ ئاقچى، يانچۇقى، قويمىچىلاردىن نېرى تۇراتتى.

شاراپەت بىر قانچە كۈن ئىشقا كەلمىۋىدى، روزاخۇننىڭ ئىچى پۇشتى، ھەتتا بىر نەرسىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك بىئارام بولدى. قىزنىڭ ھايالىق، ئويچان كۆزلىرىنى، كۈندە تەكرارلانسىمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان سۆزلىرىنى ئەسلىدى:

__ كاۋاپتىن ئون…

__ مانا ھازىر.

قىز بىر دەمدىن كېيىن كېلىدۇ:

__ تەييار بولدىمۇ؟

__ بىر مىنۇت تەخىر قىلىڭ.

ئارىلىقتا قىزغا بىر قارايدۇ، ئەمما ئۇزاق قارىيالمايدۇ، ئەرشىدىننىڭ ھېلىقى گەپلىرىنى ئويلايدۇ، ئويلىغانچە قىزغا تېخىمۇ قارىغۇسى كېلىدۇ. كاۋاپ تەييار بولغاندا پەتنۇسقا ئالىدۇ.

__ ئاۋايلاپ تۇتۇڭ، قولىڭىز كۆيۈپ قالمىسۇن.

__ ئەنسىرىمەڭ.

قىز يېقىملىق كۈلۈپ قويۇپ ماڭىدۇ، روزاخۇن كەينىدىن قاراپ قالىدۇ.

روزاخۇن نازاكەتتىن شاراپەتنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، نازاكەت ئىشتىن چۈشكەندە ئون زىخ كاۋاپنى ئىككى نانغا سېرىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويدى، ئەتىسى نازاكەت 30 سومنى كۆتۈرۈپ كەلدى.

__ نېمە بۇ؟

__ شاراپەت بېرىپ قويۇڭ دېدى.

__ مەن كېسەل يوقلىدىم، كاۋاب ساتمىدىم __ دېدى روزاخۇن ئاچچىقلىنىپ.

__ بۇنى ئۆزىگە دەڭ.

__ نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ بۇ قىز؟

__ كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەي دېگەندۇ؟

__ مېنى باشقىچە چۈشىنىپ قالدىمۇ نېمە؟

__ قانداق چۈشىنىپ قالىدۇ؟

__ مېنىمۇ ئەرشىدىن بىلەن بىللە دەپچۇ؟

__ ئەرشىدىن، ھە ھېلىقى ناۋاي ئاكاش. ئۇ نېمە بوپتۇ؟

__ بولدى سورىماڭ، ھېچ گەپ يوق.

__ ئىككىڭلار مېنىڭ ساۋاقدىشىمغا بىر قانداق گەپ قىلىپ يۈرمىگەنسىلەر-ھە؟

__ سىلەردەك داشۆسىڭ قىزلارغا بىز نېمە دېيەلەيتتۇق؟

__ ۋاي تېخى، داشۆسىڭ بولسا نېمە بوپتۇ، بەرىبىر سىلەرگە ئوخشاش ئىشلەيدىغان گەپ.

__ لېكىن سىلەر دېگەن بىلىملىك-تە.

__ قويۇڭ ئاكا بۇنداق گەپلەرنى. بىز تۆت تامغا سولىنىپ دەرس ئاڭلاپ ئۇخلاپ يۈرگەن بىلەن سىلەر جەمئىيەتتە جىق ئىشلارنى كۆرىسىلەر. جەمئىيەت دېگەنمۇ بىر داشۆ. مەن بۇ يەرگە قىيىنچىلىق تارتىپ ئەمەس، جەمئىيەت كۆرەي دەپ كەلدىم.

__ نېمىنى كۆردىڭىز بۇ ئاشخانىدىن؟

__ كۆپ ئىشلارنى. بۇ يەرگە خەنزۇمۇ كېلىدۇ، چەت ئەللىكمۇ كېلىدۇ. ئويلىمىغان ئىشلارنى كۆرىمىز. بۇ رېستۇراننى بۇنداق كىچىك ئاشخانا دەپ قالماڭ، رېستۇراننى قەشقەردىن ئۇستىلار كېلىپ بېزەپتىكەن، كارامەت چىرايلىق. تاماقلارمۇ شۇنداق تەملىك. بۇ يەر بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزنى خەقلەرگە كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەك، خەقلەر مۇشۇ ئەينەكتىن بىزنى كۆرىدۇ، بىزنى باھالايدۇ. سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاددىي كاۋاپچى دەپ قالماڭ، سىز پىشۇرغان كاۋابلاردا بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىمىز بار. شۇڭا بۇ ھۈنەرنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك.

روزاخۇن بۇ ساۋاش قىزنىڭ ئىلمىي پاراڭلىرىدىن ئەيمىنىپ قالدى:

__ ئوقۇغان دېگەن يەنىلا باشقىچە-دە، بىز ئۆز قەدرىمىزنى ئۆزىمىز بىلمەي يۈرۈپتۇق.

__ بۇ دېگەنلىرىم ئالاھىدە سەۋىيە كېتىدىغان گەپ ئەمەس. ئەقلىمىزنى بىر ئاز ئىشلەتسەك، بىر ئاز ھوشيار بولساق جىق نەرسىلەرنى بايقىيالايمىز ھەم ياخشى ياشىيالايمىز. بۇ جەمئىيەتتە ياشاش ئۈچۈن چوقۇم بىلىم، سەۋىيە كېرەك؛ ئەمما تەجرىبە-ساۋاق تېخىمۇ مۇھىم، بولۇپمۇ بىز ئۈچۈن.

__ توغرا دەيسىز، مەنمۇ كۇلىغا چىقىپ جىق ئىشلارنى كۆردۈم. بىرسىنىڭ ئاق چېكىپ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە چېكىدىغانلار بار ئەمەسمۇ؟ ئاق ساتماڭلار دەپ تۇرسا سېتىپ، بىر-بىرسىنى چېقىپ تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن، ئېتىلىپ كەتكەنلەرچۇ تېخى! ئېشەك جېنىدا بىر قېتىم پۇتلاشقان يەرگە قايتا دەسسىمەيدىغۇ؟ شۇلارنى ئويلىسام، بىز زادى ئادەم بولمايدىغان خەق ئىكەنمىز دەپ ئېچىنىپ كېتىمەن، قوشاق توقۇپ ناخشىلار ئېيتىپ باقىمەن. ئەمما ناخشامنى ئاڭلاپ بىرەرسىنىڭ ئادەم بولغىنىنى كۆرمىدىم.

نازاكەت كۈلۈپ كەتتى:

__ شېئىر ئوقۇپ، ناخشا ئاڭلاپ ئادەم بولىدىغان ئىش بولسا، بىز خەق ئاللىقاچان ئەڭ ئېسىل مىللەت بولغان بولاتتۇق ئاكا! بىزدە نېمە تولا پەندى-نەسىھەت، ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغىنىمۇ شۇ پەندى-نەسىھەت. بىر نەرسىنى ئاڭلاۋەرسىە قۇلاققا خوش ياقمىغاندەك، ئارتۇق ۋەز-نەسىھەتمۇ بىزگە زىيان قىلىدىغان ئوخشايدۇ.

__ خۇددى ئېشى ئارتىپ كەتكەن ئادەمگە ئاش زىيان قىلغاندەك دەڭا…

__ بىر ئادەمنىڭ ئادەم بولۇشى گەپكە ئەمەس، ئەمەلىي نەپكىمۇ باغلىق، ئادەم دېگەن ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ، مەسىلە شۇ نەرسىنى قوبۇل قىلدۇرىدىغان مۇھىت ۋە شارائىتتا.

__ سىز بىلەن پاراڭلىشىپ كاللام خېلى ئېچىلىپ قالدى،__ دېدى روزاخۇن نازاكەتكە ھۆرمەت بىلەن تىكىلىپ.

__ ياخشى، كاللىڭىز خېلى ئوچۇق بولغاچقا شۇنداق. مېنىڭمۇ سىزنىڭ دۇتتىرىڭىزنى، ناخشىڭىزنى ئاڭلىسام كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالىدۇ. قوشاقلارنى ئۆزىڭىز توقۇيدىكەنسىز، ناخشىنىمۇ چاڭ كەلتۈرۈپ ئوقۇيدىكەنسىز.

__ رەھمەت.

__ سەھنىگە چىقسىڭىزمۇ چانمىغۇدەكسىز، ئەگەر مەكتەپتىكى پائالىيەتلەرگە تەكلىپ قىلساق قاتناشامسىز؟

روزاخۇن ھاياجانلاندى، ئوڭايسىزلاندى، تەمتىرىدى:

__ قانداق بولىدۇ، مەن يا كەسپىي ئارتىس ئەمەس.

__ كەسپىي ئارتىسلار، چولپانلار ئۆز خالاپ كەلسە سەھنە تەييار. پۇل دەپ قالسا ئۇنىڭ ھەققىگە مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچى بالىلار چىقىشىپ بولالمايدۇ. شۇڭا ئىشتىن سىرتقى ناخشىچى، سازەندىلەرنى تەكلىپ قىلىمىز.

__ قاتنىشىپ باقسام باقاي، ئەمما ناخشىلىرىم مەكتەپكە يارىمامدىكىن دەيمەن.

__ ئۇنىڭ ئىشىنى ئۆزىڭىز قىلىسىز، بىرەر خەلق ناخشىسىنى ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدىغۇ.

چۈشتىن كېيىن ئىككىلەردىن كېيىن رېستۇراندا ئادەم ئازلاپ قالاتتى. ئەرشىدىن پېشىن نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ناۋايخانىغا چىقىپ نان سېتىپ ئولتۇراتتى. روزاخۇن زىخقا كاۋاپ ئۆتكۈزۈش بىلەن مەشغۇل بولاتتى، بەزىدە نازاكەت كېلىپ ياردەملەشكەچ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشاتتى. نازاكەت ئۇنىڭ بىلەن خۇددى جەمئىيەت تەكشۈرۈۋاتقان ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلاردەك سۆھبەتلىشەتتى، روزاخۇنمۇ ئۆتكەن كەچمىشلىرىنى، كۇلىغا چىقىپ كۆرگەن ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۆزىدە بار گەپنىڭ ھەممىسىنى، بىرلا تەتەيخانغا چېقىلىپ قويغاندىن باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى نازاكەتكە سۆزلەپ بەردى. نازاكەت ئۇنىڭ گەپلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىدى، ئۇنى چۈشەندى، ھېسداشلىق قىلدى، چاقچاق قىلىپ كۆڭلىنى ياسىدى. ئىككەيلەن شۇنداق چىقىشىپ كەتتىكى، ھەتتا روزخۇن ئۇنى ياتىقىغا تەكلىپ قىلىپ دۇتتار چېلىپ بەرگۈدەك دەرىجىگە يەتتى. روزاخۇن سەھنىگە يارىغۇدەك خەلق ناخشىلىرىدىن ”گۈلمەرەم“، ”لەۋلىرىجان“، “ ئاتۇشۇڭغا بارغۇنچە“ دېگەنلەرنى ئېيتىپ بەردى. يېنىدا بىر قىز ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇرسا قايسى دۇتتارچىنىڭ پەيزى تۇتمىسۇن، قايسى ناخشىچىنىڭ ئاۋازىغا جان كىرمىسۇن؟ قايسى شائىرنىڭ ياكى قوشاقچىنىڭ ئىلھامى تۇتمىسۇن. ئۇ ئادەتتىمۇ ماھىر سازەندە ئىدى، دۇتتار چالسا قوللىرى دۇتتارنىڭ قورسىقىغا تەگمەيتتى، تارىنى ئەۋرىشىمدەك ئوينىتاتتى، زىل بوم تارىلاردىن شوخ كۈيلەرنى جاراڭلىتىپ يۈرەكتە ھاياجان قوزغىتاتتى.

__ سورۇنغا تاماق توشۇپ يۈرۈپ تۈزۈك ئاڭلىماپتىكەنمەن، قېشىڭىزدا ئولتۇرۇپ ئاڭلىسا باشقىچە تۇيۇلىدىكەن جۇمۇ…

__ سورۇندىكى ناخشىلارنى ئاڭلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مېھمانلارنى دەپ مۇنداقلا ئېيتىپ قويىمىز.

__ لېكىن ئاڭلاپمۇ قالدىم.

__ قايسى ناخشىنى ئاڭلىدىڭىز؟

__ بۇلغانغان قىزلار دېگەن ناخشىڭىزنى.

روزاخۇن ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى:

__ سىز ئاڭلىسىڭىز بولمايدىغان ناخشىتى ئۇ…

__ نېمىشقا؟ جەمئىيەتتە بۇنداق قىزلار ئازمۇ؟

__ مەن ئۇنى ئۆمەرجان ئالىمنىڭ ”ئىسىت سۇلار، بۇلغانغان سۇلار“ دېگەن ناخشىسىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئېيتقان.

__ ئۆمەرجان ئالىم يوشۇرۇن مەنىلىك ئېيتقان بولسا، سىز ئاشكارە ئېيتىپسىز.

__ لېكىن بۇ ناخشىنى قىزلار بار يەردە ئوقۇسا ئادەم خىجىل بولۇپ قالىدىكەن.

__ نېمىدىن خىجىل بولىسىز، قورسىقىڭ ئاغرىمىسا تاۋۇز يېيىشتىن قورقما دەپتىكەن.

__ ئۇغۇ شۇ، لېكىن…

__ ئەگەر ئوقۇپ بەرمىسىڭىز، ماڭا قاراتقان دەپ چۈشىنىپ قالىمەن.

__ مەيلى ئەمىسە.

روزاخۇن شۇ ناخشىنىڭ ئاھاڭىغا كەلتۈرۈپ ناخشىسىنى باشلىدى:

قېنى قېنى سېنىڭ پاكلىقىڭ،

قېنى قېنى سېنىڭ ئاقلىقىڭ.

يىغلاشلىرىڭ نالەڭمۇ ياكى،

ئىسىت قىزلار، بۇلغانغان قىزلار.

سۆيۈپ قويسام مايلىدىڭ لەۋنى،

تۇتۇپ قويسام ئەپقاچتىڭ بەلنى.

يۇقتۇرۇپسەن ئەيدىز كېسەلنى،

ئېسىت قىزلار، بۇلغانغان قىزلار.

قېنى پاك دەپ سېنى ئويلىشىپ،

يەتكەنلىرىم سېنى قوغلىشىپ،

قالالمىدىم ئاخىر تويلىشىپ،

ئىسىت قىزلار، بۇلغانغان قىزلار.

__ قايسى كۈنى ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ قالغان، ئەمدى تولۇق ئاڭلىدىم. مېنىڭچە بۇ ناخشىنىڭ بولمايدىغان يېرى يوق. ئەمما خەقنىڭ ناخشىسىنى ئۆزگەرتىپ ئوقۇش ياخشى ئىش ئەمەس. چۈنكى خەقنىڭ نەرسىسى دەڭا، شۇڭا بۇندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى، قوشاقنى ئۆزىڭىز توقۇپ، ئاھاڭىنى ئۆزىڭىز كەلتۈرۈڭ. خەقنىڭكىنى دوراپ ياكى بۇزۇپ ئوقۇغاندىن، ئۆزىڭىز ئىجاد قىلسىڭىز ياخشى. شۇنداق قىلغاندا كەلگۈسىدە بىر مۇزىكانت ياكى ئىجادىيەتچى بولۇپ چىقالايسىز.

__ تەلىم بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

__ تەنە قىلىۋاتمايدىغانسىز؟

__ ياقەي، سىز ماڭا شۇنداق ياخشى گەپ قىلىۋاتقان تۇرسىڭىز.

__ سىز ئۆمۈر بويى خەققە مۇشۇنداق دۇتتار چېلىپ بېرىپ ئۆتمەيسىز دەڭا! ئادەم دېگەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى، تېخىمۇ ئېسىل ئادەم بولۇشقا تىرىشىشى كېرەكقۇ؟ سىزدە تالانت بار، بىراق مۇزىكانت بولۇشقا ئىشەنچىڭىز كەم. مۇشۇنى تۈگەتسىڭىز سىزدە ئۈمىد بار.

__ رەھمەت، مەن تىرىشىپ باقاي.

شۇ ئەسنادا ياتاققا شەرىپىدىن كىرىپ ئىككەيلەنگە چەكچىيىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.

__ مۇشۇ ئاكاشنى كۆرسەم قورقىمەن، ئادەمنى سۈر باسىدۇ __ دېدى نازاكەت ئورنىدىن قوپۇپ،__ مەن چىقاي، ناخشىڭىزنى كېيىن ئاڭلارمەن.

روزاخۇن ئەرشىدىننىڭ قىلىقىدىن بىزار بولدى، ئەمما بۇ ياتاق يالغۇز ئۆزىنىڭ ئەمەس-تە.

__ ئەمىسە كىرىپ تۇرارسىز،__ دېدى ئۇ نازاكەتنى ئۇزىتىپ چىقىۋېتىپ.

بىر دەمدىن كېيىن ئەرشىدىن كىرىپ ئۇنىڭغا بايىقىدىن بەكرەك چەكچەيدى:

__ ئىككىڭ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىشىۋاتىسەن؟

__ نېمە ئىش قىپتۇق؟

__ ناماز ئوقۇيدىغان يەرنى بۇلغىماقچىمۇ سەن؟

__ تۈزۈك گەپ قىل ئەرشىدىن،__ دېدى روزاخۇن ئۇنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىنى پەملەپ،__ ئادەمگە تۆھمەت قىلما.

__ بىر ئەر بىلەن بىر ئايال يالغۇز قالغاندا ئۈچىنچىسى شەيتان! بىلەمسەن شۇنى!

__ بىلمەيدىكەنمەن.

__ جاھىللىق، نادانلىق دېگەن مانا شۇ. مەن شۇ شەيتاننىڭ پوقىنى يېمەي دەپ، شاراپەتنى بىرەر قېتىممۇ بۇ ياتاققا تەكلىپ قىلمىدىم.

__ لېكىن قىز بالا بىلەن يالغۇز قالغانغا بىر ئىش بولۇپ كېتەمدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز يا مۇھەببەت ئەمەس.

__ مۇھەببەتلىشىپ ئاندىن زىنا قىلماقچىمىدىڭ؟

__ كىم زىنا قىلىمەن دەپتۇ، ئېغىزىڭغا بېقىپ سۆزلە!__ دېدى روزاخۇن ئاچچىقلىنىپ،__ قىز بالا دېگەنمۇ غۇرۇرى بار نېمە، بېرىپلا باسماقداپ يۇڭۇزلاپ قويىدىغان توخۇ ئەمەس!

__ لېكىن دىققەت قىل! ئېشەك مىڭ يىلدىمۇ ئادەم بولالمايدۇ. لېكىن ئادەمنىڭ ئېشەك بولمىقى بەك ئاسان.

بۇ گەپتىن روزاخۇن جىمىپ قالدى، دېمىسىمۇ توغرا، تەتەيخانغا قاراپ نىيىتىنى بىر بۇزىۋىدى، ئادەمدىن بىر دەمدە ھايۋانغا ئايلاندى. ھازىر ئويلىسا، بۇنىڭغا ئۆزىمۇ ھەيران. بەلكىم تەتەيخاننى ئىشلىتىۋېرىپ ئۇنى پەس كۆرىدىغان، غۇرۇرى يوق ئىنسان دەپ ئويلاپ قالغان، ھەتتا ئۇنى ئىنسان ئەمەس ، خالىغانچە مىنسە، نەپسىنى قاندۇرسا بولىدىغان بىر مەخلۇق دەپ ئويلاپ قالغاندۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ ئادىمىي ھايۋانغا ئايلانغاندۇ…

بۇ قاباھەت، بۇ گۇناھنى ھەر قېتىم ئېسىگە ئالسا ئۇنىڭ تېنى شۈركىنىپ، چىرايى تاتىرىپ، دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتەتتى. ئەرشىدىن بۇنى بىلمەي، گېپىم ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىلىپ كەتتى دەپ ئويلاپ سۆزلەۋەردى:

__ يالغۇز قالغاندا نېمە ئىشلارنى قىلغۇڭ كەلمەيدۇ، بۈگۈنى ياتاققا ئەكىرسەڭ ئەتە ئۇنى پوكانغا باسقۇڭ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ياتاقنى بۇلغايسەن. بۇ ماڭا ھاقارەت ئەمەسمۇ؟ ھازىر ئىككىڭنىڭ ئۈستىدە گەپ جىق. بۇندىن كېيىن دىققەت قىل، ئىمانسىز قىز شەيتان بىلەن ئوخشاش، ئۇنى سېنى ئازدۇرۇپ ئاخىر تاشلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈۋاتىمەن دەپ خام خىيال قىلما، ئۇ سېنىڭ خىلىڭ ئەمەس، ئۇمۇ ساڭا ئاش بولمايدۇ، بەلكى گېلىڭغا تۈرۈپ قالىدىغان سۆڭەك بولىدۇ. شۇڭا ۋاقتىدا ئۇنى تاشلىۋەت…

روزاخۇن گەپ قىلماي ياتاقتىن چىقىپ كەتتى، ئەرشىدىن تاھارەت ئېلىپ ئەسىر نامىزى ئوقۇدى. ئىككەيلەن گەپ تالىشىپ قالغاندا، ئەرشىدىن ئىمان-ئىسلامدىن گەپ قىلىپ ئۇنىڭغا تەنبىھ بەرگەندە ئۇ دائىم ئاشۇ گۇناھىنى ئەسلەپ، پەسكويغا چۈشۈپ، خۇدادىن مەغپىرەت تىلەپ جىمىپ قالاتتى. بۇ قېتىم تالاغا چىقىپ مەقسەتسىز ئايلاندى. تاماكا چەككۈسى كەلدى، ئەمما تاماكىنى تاشلىغىلى ئۇزاق بولغانىدى. يىراققا بارمىدى، نەگە بارالايتتى؟ ئادەم دېگەن خۇددى ئەينەك قاچىدىكى بېلىققا ئوخشايدۇ، ئۆزى كۆنگەن كىچىك دائىرىدىن ئاسان چىقالمايدۇ. زاكىرە خانىم ئۇنى رېستۇرانغا بەنت قىلىۋەتتى. ئۇنى يەنە رېستۇران جەلپ قىلىدۇ. شاراپەت، نازاكەتلەر ئۇنىڭ مەيلىنى تارتىپ تۇرىدۇ. قىزلار چۈشلۈك تامىقىنى رېستۇراندا يەپ، بىر دەم ئارام ئېلىپ، ھازىر يەنە ئىشقا چىقتى، جوزىلارنى سۈرتۈش، ئورۇندۇقلارنى جايىغا قويۇش، ئاندا-ساندا كېلىدىغان خېرىدارلارنى كۈتۈش بىلەن ئاۋارە.

روزاخۇن كاۋاپچىلىق قىلغاندىن بېرى بۇ رېستۇران ئاۋاتلىشىپ كەتتى. مەززىلىك كاۋاپ پۇرىقى يولدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى داۋاملىق قوزغايتتى، ئۇلار ھە دەپ كاۋاپ يەلپۈپ، زىخلارنى ئۆرۈپ-چۆرۈۋاتقان كاۋاپچىنى كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي كاۋابلىرىنى تېتىش ئۈچۈن رېستۇرانغا كىرىپ، بىر جېنىغا ئون، ھەتتا يىگىرمە زىخ كاۋاپ بۇيرۇتۇپ، ئاچ قالغان بۆرىدەك يەيتتى. رېستۇراننىڭ كۈندىلىك تاپقان پايدىسى ئىچىدە كاۋاپنىڭ پايدىسى خېلىلا يۇقىرى ئىدى. بۇنى زاكىرە خانىم ئوبدان بىلەتتى، ئەمما روزاخۇننىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بەرمىدى. روزاخۇن بۇنىڭ بىلەن بەك ھېسابلىشىپ كەتمىدى، چۈنكى كۈنلىرى داشۆسىڭ قىزلار، سورۇندىكى قىزىقچىلىقلار بىلەن خېلى مەنىلىك ئۆتۈۋاتاتتى؛ ھازىرقى دىققەت مەركىزى پۇلدا ئەمەس، يېڭى خىيال، يېڭى ئارزۇ ۋە ئاجايىپ كۆڭۈل سىرلىرىدا ئىدى.

بىر كۈنى روزاخۇن ئىشقا چىقاي دەپ تۇراتتى، بىرسى ئىشىكنى چەكتى. قارىسا نازاكەت، چىرايىدا مۇھىم ئالامەت. ئەقىللىق قىز ھەممە ئىشنى بىلىپ بولغانىدى، شۇڭا ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرمىدى. روزاخۇنمۇ ئۇنى ياتاققا تەكلىپ قىلالمىدى.

__ بۇ خەتنى ئەرشىدىنگە بېرىپ قويسىڭىز، ئۇ ئاكاشنى پەقەت كۆرگۈم يوق.

__ نېمە خەت بۇ؟

__ شاراپەتنىڭ خېتى. ئۆزى ئەمدى رېستۇرانغا كەلمەيدىغان بولدى. مەنمۇ بىر ھەپتىدىن كېيىن كەلمەيمەن.

__ شۇنداق قىلىپ تەتىلىڭلار توشۇپ كەتتى، ئەمدى كەلمەمسىلەر؟

__ كېلەرمىز تاماق يېگىلى.

نازاكەت خەتنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ، باشقا گەپ-سۆز قىلماي كېتىپ قالدى؛ ئۇ خەتكە قاراپ تۇرۇپ قالدى. كونۋېرت يەملەنگەن بولۇپ، ئىچىدە ئەرشىدىننى ئەرەختەن-پەرەختەن قىلىدىغان جىق گەپلەر يېزىلغاندەك تۇراتتى.

ئەرشىدىن ئۆزىنى ئوقۇغان، بىلىملىك ھېسابلىغاچقا، ئىمانىغا تولىمۇ ئىشەنگەچكە بۇ قىزغا تەلەپ قويالىغان گەپ. ئەرشىدىنگە ماقۇل دېگەنمىدۇ بۇ قىز؟ قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ خوتۇنى بولۇپ كېتەرمۇ؟ بەزىلەرنىڭ خوتۇن تاپمىقى نېمانچە ئاسان؟ بىرەر تېلېفون، بىرەر ئۇچرىشىش، لاپ سېتىش، بىرەر سوۋغا، يالغان ۋەدىلەر بىلەنمۇ قىزلارنى كەلتۈرۈۋالىدىغان نوچىلار تولا…

روزاخۇننىڭ خەتنى ئەرشىدىننىڭ كارىۋىتىغا مۇنداقلا تاشلاپ قويغۇسى كەلمىدى، كۈچلۈك بىر ۋەسۋەسە ئىلكىدە تەۋرىنىپ، خەتنى ئەمەس، شۇ قىزنىڭ نازۇك قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرغاندەك ھاياجانلاندى، خەتنى ياستۇقىنىڭ ئاستىغا تىقىپ، بىر دەم ئوڭدا يېتىپ خىيال سۈردى، ماڭا يازغان بولسىچۇ؟ بەلكىم ماڭا ئائىت گەپلەرمۇ باردۇر؟ …ئۇ خەتنى بىر دەم ئۆرۈپ-چۆرۈپ، سىلاپ ئولتۇرۇپ كەتتى، خەتنى ئېچىپ ئوقۇۋېلىش خۇددى شۇ قىزنىڭ كۆينىكىنى قايرىغاندەك نومۇس ئىش، ئەمما ئوقۇۋالمىسا مۇھىم بىر مەخپىيەتلىكتىن خەۋەرسىز قالىدۇ، ئۇ قىزنى ھەم ئەرشىدىننى چۈشەنمەي قالىدۇ، چۈشەنمىسە ياتلىشىپ كېتىدۇ.

ئۇ كاللىسىغا كىرىۋالغان بۇ كۈچلۈك ئىستەكنى قاندۇرمىسا ئېلىشىپ قالىدىغاندەك ئالدىراپ، ئەرشىدىن كېلىپ بولغىچە بۇ خەتنى ئوقۇۋېلىپ ئۈچۈن كونۋېرتنىڭ ئاستىنى بېرتىۋادا پەم بىلەن كېسىپ، خەتنى سۇغۇرۇپ ئالدى. ئۇ ئۇزۇن ۋاقىت كىتاب، خەت ئوقۇمىغاچقا چالا ساۋاتتەك بولۇپ قالغانىدى. قىزنىڭ دانە، دانە، چىرايلىق خەتلىرىنى خۇددى ئېلىپبەدىكى قوليازما خەتلەرنى ئوقۇغاندەك ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇشقا باشلىدى:

ھۆرمەتلىك ئەرشىدىن ئاكا، سىزگە تېلېفوندا ياكى يۈز تۇرانە تۇرۇپ دېيەلمىگەن ھەم دېيەلمەيدىغان گەپلىرىمنى مۇشۇ خەت ئارقىلىق بىلدۈرمەكچىمەن.
سىز بىلەن تونۇشقاندىن بېرى بىر يۇرتلۇق بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، ئىمانلىق بىر ئۇيغۇر يىگىتى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنى ئاكام ئورنىدا ھۆرمەتلەپ كەلدىم. ئەمما سىز تونۇشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆڭلىڭىزنى بىلدۈرۈشكە ئالدىراپ، مېنى خىجىل قىلىپ قويدىڭىز. ئەر، ئايال مۇئمىن قېرىنداشلار ئارىسىدا بۇنداق تەلەپ، ئىستەكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. ئەمما مەن تېخى ئۇ ئىشلارغا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈپ بولالمىدىم. يەنە كېلىپ، سىزنىڭ مېنى بىلىپ، چۈشەنمەي تۇرۇپلا، ھەتتا كۆڭۈل دېگەن نەرسىنى قايرىپ قويۇپلا، نىكاھ ۋە تويغا قىستاپ قويۇشىڭىز كاللامدىن ئۆتمىدى. نىكاھ ئارقىلىق ئىمانىمىز، ئەخلاقىمىزنى قوغداپ قالايلى دېگەن نىيەتتە شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدىم، ئەمما ئىمان، ئەخلاق دېگەن نىكاھ ئارقىلىقلا قوغدىلىپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئىلىم بىلەن تەقۋالىق بىرلەشكەندە ئاندىن مۇستەھكەم تۇرىدىغان نەرسە.

مېنى ئۆزىڭىزگە لايىق كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت، ئەمما ئالدىراپ توي تەلىپى قويغىنىڭىزغا قاراپ، سىزنى قىزىقتۇرغان نەرسىنىڭ بەلكىم چىرايىم، چىگىۋالغان ياغلىقىم، بىر يۇرتلۇق ئىكەنلىكىم…نى ئويلاپ قالدىم. مۇشۇنىڭغا قاراپ ماڭا باھار بەرگەنسىز. ئەمما مېنى تېخى تولۇق چۈشەنمەيسىز، مەنمۇ سىزنى بىلىپ كەتمەيمەن. ئارىدا چۈشىنىش، مۇھەببەت بولماي تۇرۇپ، ئىمانىمىز بولسىلا بولدى دەپ نىكاھ قىلىۋالغان بىلەن، ئاقىۋىتى خەيرلىك بولمايدۇ. تۇرمۇشتا بەختسىز بولۇپ قالساق، بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ كېتىمىز، ئىمانىمىزمۇ سۇسلىشىپ كېتىدۇ.

مېنىڭ بىر قانچە دوستلىرىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى تۈگەتمەيلا، ئۆزىگە دىن ئۆگەتكەن ياكى توردا تونۇشقان، ئۆزىنى تەقۋا دەۋالغان بالىلار بىلەن توي قىلىپ بىر نەچچە ئايغا قالماي ئاجرىشىپ كەتتى. ئۇلار ھازىر ئۆز ئارمانلىرىنىڭ شۇ نوچىلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولغانلىقىنى چۈشەنگىنىدە، ئوقۇشتىن ئالدىراپ ۋاز كەچكىنىگە پۇشايمان قىلىشتى. ”>بەزىلەر بىزدەك قىزلارنى يۇۋاش، مۇلايىم، ئارتۇق تەلىپى يوق، پەقەت بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان يىگىت بولسىلا رازى بولۇپ تېگىۋېرىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئۇنداق ئىش يوق، بىزمۇ ئىماندىن باشقا يەنە كۆڭۈل، رازىلىق تەلەپ قىلىمىز. ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي، توي مەرىكە قىلمايلا نىكاھ قىلدۇق دەپ بىر ئۆيگە كىرىۋالغان ساددا قىزلارنىڭ قانداق خارلانغانلىقىنى كۆردۇق. تەقۋادار قىزلارنىڭ تويلۇق، مال-دۇنياغا بولغان تەلىپى ئەسلىدە يۇقىرى ئەمەس ئىدى، ئەمما بۇ قىزلارنى ئەرزان كۆرۈپ، خوتۇن قىلماق ۋە باشقۇرماقنى ئاسان چاغلاپ، ئۇلارغا زۇلۇم سالىدىغان بەزى نائەھلىلەرنىڭ نەپسىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، لايىق تاللاشتىن تارتىپ تويلۇق ۋە توي مەرىكىسىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇش كېرەك. بۇ ھەرگىز سىزگىلا ئەمەس، ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قارىتا ئېيتىلىۋاتقان گەپ.

ئىمان، ئىسلام دېگەن بىر دەملىك ھېسسىيات، داۋالغۇپ تۇرىدىغان شەخسىي ئىستەكلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتسە، بۇنىڭ ئۇۋالى كىمگە؟ ئىمان دېگەن تەقۋالىق بىلەن پەرۋىش قىلىنىدىغان، ئىلىم، ئەقىل، ئىرادە بىلەن قوغدىلىدىغان نەرسە. ھەرگىز ماختىنىۋېرىدىغان، بىرەر مەقسەت ئۈچۈن دەستەك قىلىنىدىغان نەرسە ئەمەس. ئىمانىغا غەيرى نىيەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇۋالىدىغان ئادەملەرنى ئىخلاسمەن بەندە دېگىلى بولمايدۇ، ئىخلاس قىلىش دېگەنلىك كۆڭۈلنى يامان نىيەت، ناچار ئىستەكلەردىن خالاس قىلىش دېگەنلىك. بۇ ، سىزدىمۇ شۇنداق غەيرى نىيەتلەر بار دېگەنلىكىم ئەمەس، بەلكى سىزنى شۇنداق بولۇپ قالمىسىكەن دېمەكچى، بۇنى ئۆزەمگىمۇ دەيمەن ۋە ھەر ۋاقىت ئۆزەمنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىمەن.

بىزنىڭ ئىمان-ئىسلام ھەققىدىكى بىلىمىمىز ناھايىتى كەمچىل. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىر-بىرىمىزگە نەسىھەت قىلىشقا، بىر-بىرىمىزنى يېتەكلەشكە ئالدىراپ كېتىمىز. ئادەم ئاۋۋال ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى كېرەك. ئۆزىنى تەقۋا مۇسۇلمان دەيدىغان، ئولتۇرغان-قوپقان يېرىدە دىن ھەققىدە سۆزلەيدىغانلار ئۆزىنىڭ دېگەنلىرىگە چىن دىلىدىن ئەمەل قىلالىسا ئىدى، نەگىلا بارساق خاتىرجەملىك، ئىشەنچ ۋە ھۇزۇر ئىچىدە ياشىغان بولاتتۇق، بىراق ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس، بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقان بۇ جەمئىيەت، پارچىلىنىپ كېتىۋاتقان ئائىلىلەر، رەزىللىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر بۇنىڭ ئىسپاتى.

شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىۋاتىمەنكى، ئىلىم، تەقۋالىق، ۋىجدان، ھايا بولمىسا ئىمان گۈللىرى قۇرۇپ قالىدۇ. مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ داۋاملىق ئىلىم تەھسىل قىلماقچى. ئىلىمىمنى چوڭقۇرلاشتۇرمىسام، بىر كۈنلەردە ئىمانىم سۇسلىشىپ، بېشىمدىكى ياغلىقنى ئېلىۋېتىشىم مۇمكىن. ئوقۇشۇم تۈگىگىچە ھېچكىم بىلەن توي قىلمايمەن، ئەگەر كۆڭلۈمدىكى لايىق ئۇچراپ قالسا بۇ باشقا، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىمەن.
كۆڭلىڭىزدىكىدەك جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن مەندىن رەنجىمەسلىكىڭىزنى سورايمەن ۋە سىز بىلەن يەنىلا قېرىنداشلارچە، ئاكا-سىڭىللارچە ئۆتۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

سالامەت بولۇڭ، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ياردەمچى بولسۇن. ھۆرمەت بىلەن: شاراپەت

روزاخۇن خەتنى ئوقۇپ راھەتلىنىپ كېرىلدى، قىز ئۆزىنىڭ ھوشيارلىقى، ئەرشىدىندىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىلىمى بىلەن ھەممە ئىشنى خۇلاسىلەپ، ھۆكۈم، قارارىنى بېرىپ بولغانىدى. خەتتە دېيىلگەن گەپلەر شۇنچىلىك توغرا ئىدىكى، ئەرشىدىننىڭ ئۆزىنى ئوبدان تونۇشى، كەمچىلىكىنى ئوبدان كۆرۈۋېلىشى ئۈچۈن ئەينەك بولالايتتى. يامان قىزكەن، كۆڭلۈمدىكى گەپنى دەپتۇ دەپ ئويلىدى روزاخۇن، دېمىسىمۇ، ئىمان دېگەن ماختىنىۋېرىدىغان نەرسە ئەمەس-تە. ”تازنىڭ نېمىسى بار، تۆمۈر تارغىقى“ دېگەندەك، ئەتىدىن كەچكىچە لاپ سېتىپ، مەن مۇسۇلمان، سەن پاسىق، مەن بەك تەقۋا، سەن لەقۋا… دەپ باشقىلارنى چۈشۈرۈپ يۈرسە، كىشىنى بىزار قىلىدۇ، ئۆزى بىلەن قوشۇپ ھەممىنى سەت كۆرسىتىدۇ.

ئۇ كونۋېرتنىڭ ئاستىنى پەم بىلەن يەملاپ ئەرشىدىننىڭ كارىۋىتىغا تاشلاپ قويۇپ، تالاغا چىقىپ كەتتى. كەچتە ئەرشىدىننىڭ تاماشىسىنى كۆردى. ئەرشىدىن ئۇ خەتنى روزاخۇندىن تېز ئوقۇپ بولدى، قوشۇمىسى تۈرۈلدى، خىيالغا پاتتى، ئېغىر تىنىپ ياتتى.

ــ نېمە دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇ قىز؟

ــ بولدى سورىما.

ــ دېمىسەڭمۇ بىلدىم، چوقۇم ياق دەپتۇ. داشۆسىڭ قىزلار بىزدەك كۇلىچىلارنى ياراتمايدۇ.

ــ مەن كۇلىچى ئەمەس، تەۋەككۇلچى،ـــ دېدى ئەرشىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ،ــ ھەر ئىشقا تەۋەككۇل قىلىپلا ياشاۋاتىمەن. بولسا بولدى، بولمىسا ئەلەكمۇللا دەيمەن.

ــ ئەمدى قانداق قىلىسەن؟ مۇشۇنداقلا بولدى قىلامسەن؟

ــ ئۇقمايمەن،ــ دېدى ئەرشىدىن ۋە تۇرۇپلا ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ كەتتى،ــ ھەي سەنمۇ بىر ئويلاپ باقە، ئىمان، ئىسلامدىنمۇ كاتتا نېمە بار؟ مەن ئىمانىمنى ۋەدە قىلىۋاتسام ئىشەنمىسە، ئەمدى نېمىگە ئىشىنىدۇ؟ كۆڭۈل، كۆڭۈل دەيدىكەن، كۆڭۈل دېگەن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان نەرسە، ئېتىقادتا بىرلىككە كېلىپ، بىر ئائىلە قۇرۇپ ياشىساق، كۆڭۈل دېگەن ئۆزلۈكىدىن باغلانمامدۇ؟ چوڭلارمۇ شۇنداق توي قىلىپ، قىرىق-ئەللىك يىل ئۆي تۇتۇپ كەپتىكەنغۇ؟ مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلار قانچىلىك بىللە ياشىيالىدى؟ بۇ قىز تېخى ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەن، تەقۋالىق يولىغا كىردىم دېگەن بىلەن كاللىسى يەنە بىر ئاز چۆگىلەيدىكەن. شەرىئەتكە تولۇق ئەمەل قىلماي، ھەممىنى ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىغا بويسۇندۇرۇپلا ياشايدىكەن. خېتىدە بىر خىل ھالى يوغانلىق، ئۆزىدىن ماختىنىش، مېنى ياراتماسلىق چىقىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە مۇلايىم كۆرۈنەتتى، بۇنىڭ ھەممىسى يالغانىكەن. مىجەزى تولا ئۆزگىرىدىغان خوتۇنلاردىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇپ قالساممۇ بېشىم ساقايمىغۇدەك، ئۇششاق گەپ تۈگىمىگۈدەك.

ـــ شۇڭا بولدى قىلاي دەۋاتامسەن؟

ــ ئەلۋەتتە، خېتىنى ئوقۇپلا نىيىتىمدىن ۋاز كەچتىم.

ــ ئالدىراپ بەل قويۇۋەتمە، قانداق قىلىدىكىن دەپ نازلىنىپ بېقىۋاتقان بولسىچۇ؟

ــ ئەگەر نازلانغان بولسا كۆزۈمگە تېخىمۇ سەت كۆرۈنىدۇ. چىرايىغا ئىككىنچى قارىمايمەن.

ــ مېنىڭچە ئۇ نازلىنىدىغان قىز ئەمەس، بەلكىم خىيالى باشقىدۇ…

ــ نېمىلا بولسۇن، ئەمدى قولۇمنى يۇۋەتتىم.

روزاخۇن ئەرشىدىننىڭ ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرىدىغان مىجەزىنى تولۇق ھېس قىلدى. ھەممىنى ئۆزىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇشنى ئىزدەيدىغان ئادەمدىنمۇ ھاماقەت ئىنسان بولامدۇ جاھاندا؟ ئىشلارنى ئېقىشىغا قويۇپ بېرىش كېرەك، مۇھەببەت دېگەنلەرنى تېخىمۇ شۇنداق.

ــ سەنمۇ بىر پارچە خەت ياز، ئاپىرىپ بېرەي،ــ دېدى روزاخۇن،ــ نوچى بولساڭ ئۇنى قايىل قىلىپ كەلتۈرۈۋالىسەن.

ــ ماڭ، ماڭ، مەن ئۇنداق ئاقمايدىغان ئىشلارنى قىلمايمەن.

ئۇ خەت بەلكىم يىرتىلىپ بىر ياققا ئېتىلدى. بىر ئايدىن كۆپرەك ئىشلىگەن قىزلارنىڭ بۇ رېستۇرانغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسلىمىلىرىمۇ ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى. نازاكەت ” كېلەرمىز تاماق يېگىلى“ دېگەن، كەلمىدى. بەلكىم ئوقۇشى ئالدىراش بولۇپ كەتكەندۇ. روزاخۇن ئۇلارنى گەرچە پات-پات ئەسلەپ قالسىمۇ، كېچىلىرى شىرىن تەسەۋۋۇرىغا ئۇلارنى تارتىپ ئەكەلسىمۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسى ھامان ئۆزىنى كەمسىتىش، خۇرسىنىش بولاتتى، ھەممە ئىش خىيالىدا گاھ ئۈمىد، گاھ ئازاب بىلەن تۈگەيتتى. كاۋاپتىن كۆتۈرۈلگەن قۇيۇق ئىس-تۇمان ئۇنىڭ كەلگۈسىنى ھامان خىرەلەشتۈرۈپ كۆرسىتەتتى. يېتەلمەس ئارمان ۋە ئىچ پۇشۇغىدا مۇشۇنداق كۆيۈپ، پۇچۇلىنىپ يۈرەرمەنمۇ؟ نېمىشقا مەنمۇ بەختنىڭ قولىنى تۇتالمايمەن، نېمىشقا مەنمۇ ئىچ-ئىچىمدىن شادلىنىپ كۈلەلمەيمەن؟… دەپ ئويلايتتى. ھېلى نازاكەتنىڭ شوخ كۈلكىسى، يېقىملىق گەپلىرى ئېسىگە كەلسە، ھېلى شاراپەتنىڭ ئويچان كۆزلىرى، خەتتە يازغان قالتىس گەپلىرىنى ئەسلەپ، ئىككىسىنىڭ قايسى بىرىگە بولسۇن ئېرىشىشنى پۈتۈن ئۆمرىگە تەڭ كەلگۈدەك كاتتا بەخت، خۇشاللىق ھېسابلايتتى، ئارمانلىرى يۈكسەك بولغان بىلەن ئۆزى ھامان پەستە ئۆمىلەپ يۈرگەن بىر مەخلۇق، بۇنچە زور پەرقنى كىم كەلتۈرۈپ چىقاردى؟ كىچىكىدە ياخشى ئوقۇغان بولسا بۇ كۈنگە قالمايتتى. قېقىلدى، سوقۇلدى، بۇلغاندى، قاباھەتلىك چۈش كۆرۈپ بىر قېتىم ئۆلۈپ تىرىلدى، يامان خوتۇنلارنىڭ مۇلازىمىتىنى قىلىپ كۆڭۈل ئاچتى، سورۇنلارغا قېتىلدى، كېلىپ كېتىپ يۈرىدىغان مېھمانلارنىڭ كۆڭلىنى ئاچتى، ھەممىسى دەرتمەن ئىدى، ئەمما دەرتمەنلىكتە روزاخۇنغا يەتمەيتتى. سىڭىلچاقلار بىلەن تونۇشتى، مۇھەببەتلىشىش يولىغا پايداندازلار سېلىنغاندك بولىۋىدى، قىزلارنىڭ كېتىشى بىلەن ئۇمۇ ئېلىۋېتىلدى. تېلېفونىغا نازاكەتنىڭ نومۇرىنى كىرگۈزۈۋالغانىدى، نەچچە قېتىم تۇچنى بېسىپ بىر پاراڭلىشاي دەپ ئويلىدى، ئەمما ئاقمايدىغان پاراڭ قىلىدىغاندەك ھېس قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى. نازاكەتتىن تېلېفون كەلسە شادلىنىپ، تېلېفوننى قۇلىقىغا چىڭ ياقتى، ئەتراپىغا كۈلۈپ باقتى. ئەمما ئۇنىڭدىن ”تەييارلىقلار قانداق؟ بولۇۋاتامدۇ؟ ۋاقىت ئاز قالدى، كۆپرەك مەشىق قىلىڭ… “ دېگەندىن باشقا گەپ ئاڭلىيالمىدى. 3-ئاينىڭ 21-كۈنى نەۋرۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈلگىدەك، شۇنىڭغا قاتتىق تەييارلىق قىلىدىغان گەپ ئىكەن. گۈلمەرەمنى 100 قېتىمدىن ئارتۇق ئېيتقاندۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق تەييارلىق قىلسا بولاتتى. بىر قېتىم نازاكەت يەنە تېلېفون قىلىپ، ”گۈلمەرەم“ بەك كونا ناخشىمۇ يا، باشقا ناخشىنى ئېيتىسىڭىز بولارمىكىن، يا ئۆزىڭىز ئىجاد قىلغان بىرەر ناخشا بارمۇ؟ دەپ سورىدى. روزاخۇن ئۆزىنى ئەخمەق قىلىنغاندەك ھېس قىلىپ، ”ناخشىغۇ تولا، تولىسى سەھنىگە ماس كەلمەيدۇ. قېنى مەن تىرىشىپ باقاي، بىرەر ناخشىنى بولىدىكەن دېسەم كېلىپ ئاڭلاپ باقسىڭىز “ دېدى. شۇنداق قىلىپ، روزاخۇن يېڭى ناخشا تېپىشقا چۈشۈپ كەتتى، كونا-يېڭى بولۇپ بىلىدىغان بىرەر يۈز ناخشىسىنىڭ ئاھاڭى، تېكىستىنى ئەسلەپ، چېلىپ باقتى. ھەممىسى كونا، يېڭى ناخشا ئىجاد قىلىش نەدە ئۇنداق ئاسان بولسۇن، كونا مۇڭ، كونا ناخشىلار يېڭى كۈي، يېڭى ئاھاڭلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلاتتى. قانداقلا بىر يېڭى ئاھاڭنى غىڭشىپ باقسا بىر يەرلىرى كونا ناخشىنىڭ ئاھاڭى ياكى مىلودىيىسىگە ئوخشاپ قالاتتى. ئەمما روزاخۇن بۇ ئىشقا كىرىشىپ قالغانچە ئۆزىنى ئۇنتۇپ كەتتى، ئاسانلىقچە ۋاز كەچمىدى. بەرگەن ۋەدىمىز ۋەدە… شۇ ۋەدەمدىن قايتمايمەن دەپ ھەر كۈنى يېڭى مۇڭ، يېڭى رېتىم، يېڭى زوق ئىزدىدى. بىر چاغدا كاللىسىغا ”تېكىستكە ئاھاڭ ئىشلەش“ دېگەن ئۇقۇم كىرىپ قالدى، نەدىن ئاڭلىغان بولغىيدى بۇ گەپنى، دېمىسىمۇ ئاۋۋال تېكست يېزىش، قوشاق توقۇش كېرەك. شۇنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ ئاھاڭىنى كەلتۈرۈپ باقمامدۇ؟ تىلىدىن ئايرىلغان قۇشقاچ قانداق سايرايدۇ؟

ئەرشىدىن دەرتمەنلىشىپ، تېخىمۇ سەپرالىشىپ كەتتى. توختىماي چالىسەن، غىڭشىيسەن، ئادەمگە ھېچ ئاراملىق بەرمەيسەن، زاكىرە خېنىمغا دە، باشقا ياتاق تېپىپ بەرسۇن… دەپ قاقشىغىلى تۇردى. روزاخۇننىڭممۇ شۇنداق قىلغۇسى بار ئىدى، زاكىرە خېنىم ئەھۋالىنى ئېيتتى. ”ئەرشىدىننىڭ گېپى تولا، سىلەر تېخى توي قىلمىغاندىكىن، بىللە يېتىپ تۇرۇڭلار“ دېدى ئۇ خېنىم كەسكىنلىك بىلەن.

ــ كۆنمىدۇق، مەن دۇتتار چالسام، ئۇ ناماز ئوقۇيدۇ. كېلىشەلمىدۇق.

ــ ھەر ئىش ئۆزىنىڭ يولىدا، ئۇ ناماز ئوقۇغاندا سەن چالماي تۇرساڭلا بولدىغۇ؟

ــ يېقىندا نورۇزغا بىر نومۇر تەييارلاۋاتقان، يېڭى ناخشا ئوقۇيدىغان گەپكەن، خىيالىمغا بىر يېڭى ناخشا كەپ قالسا، دەرھال چالاي دېسەم ئەرشىدىن نامازغا ئولتۇرۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاران تاپقان ناخشام يوقاپ كېتىدۇ…

ــ يوقاپ كەتسە يەنە تېپىۋالارسەن، ھازىرچە ياتاق بەك قىس، يېقىندا يەنە ئادەم كېلىدۇ، مەن تېخى ئىككىڭلارغا يەنە بىر ئادەم قوشاي دەپ تۇرۇۋاتقان…

روزاخۇن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، كىچىككىنە سىغىناققا يەنە ئادەم كىرسە، مىدىرلاش تۈگۈل، نەپەس ئېلىشمۇ تەس بولاتتى.

ــ ئىش ھەققىنى ئازراق ئالساممۇ ئالاي، كىچىكرەك بولسىمۇ مەيلى، ئايرىم بىر ياتاق تېپىپ بەرسىڭىز. ماڭا راستلا بەك زۆرۈر بولۇپ قالدى.

ــ ماقۇل، مەن ئويلىشىپ باقاي.

ئۇزاق ئۆتمەي روزاخۇن باشقا بىر بۇلۇڭدىكى كىچىكرەك ياتاققا ماكانلاشتى، ئىش ھەققىدىن 500 كوي كەملىدى. ئەمما بۇ 500 كويغا ئۆزىگە تەۋە ئايرىم دۇنيا ۋە ئەركىنلىك سېتىۋالدى. ئەتىگەنلىك بىر ۋاق نامازنى تاشلاپ، ھەپتىدە بىر كېلىدىغان جۈمەنى ئاران ساقلاپ قالدى. ئەرشىدىننىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى. ئايرىم ماكان، ئايرىم بوشلۇقتا ئۇ ئىجادىيەت قۇشىنى ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرۇپ، مىڭ تەسلىكتە، ئۆزىگە يارىغۇدەك بىر ناخشىنى ئىجاد قىلدى.

نەقەدەر گۈزەل بۇ ياشلىق چاغلىرىم،

نەقەدەر گۈزەل بۇ رەڭدار باغلىرىم.

ياشلىقتا چەككەن شۇ ئازابمۇ گۈزەل،

ناخشىدۇر گوياكى ئاھۇ زارلىرىم.

ياشلىقىم، قىممەتلىك ئۆمۈر بايلىقىم،

ياشلىقتا تۈگىمەس ئارزۇ-ئارمىنىم.

ئاشىقمەن بىلىمگە، گۈزەل بىر يارغا،

ئۇنىڭدىن ھاسىلدۇر كۆڭۈل شادلىقىم.

ياشلىقىم، سەن ئەمەس ئازابلىق دەۋرىم،

سەن ئەمەس پۇشايمان، يوقالماس دەردىم.

قەدىرلەپ ياشىسام نەۋ باھارىمنى،

ئېچىلار گۈللىرىم، ئېچىلار بەختىم.

روزاخۇن بۇ ناخشىنى ئەڭ گۈزەل ئاھاڭغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى، ئاددىيلىقتىن مۇكەممەللەشتۈردى، ئادەتتىكى ئاھاڭغا تېخىمۇ كۈچلۈك پۇراق ۋە مۇڭ قاتتى، تۆۋەن باشلىنىدىغان كۈينى ئاخىرقى مىسرالاردا ئەۋجىگە چىقاردى. ھەر كۈنى تەكرار-تەكرار ئېيتىش داۋامىدا ئاھاڭىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، باشقا ھېچقانداق كۈي-ئاھاڭغا ئوخشىمايدىغان قىلىپ چىقاردى. بۇ ئىجادىيەتنىڭ پەيزى ۋە شادلىقى ئۇنى بىر نەچچە كۈنگىچە مەست قىلدى، ئۆزىنى بىردىنلا كۈچلۈك، قەدىرلىك ھېس قىلدى. نەۋرۇز كۈنى سەھنىدە نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا بۇ ناخشىنى ئورۇنلايدۇ، ئالقىش-چاۋاكلارغا كۆمۈلىدۇ، نازاكەت، شاراپەتلەر ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەر سالىدۇ… يەنە تېخى باشقا قىزلارمۇ بار…

ئۇ ھەر كۈنى كاۋاپ پىشۇرۇپ، كاۋاپ سېتىپ ئولتۇرۇپمۇ سەھنىدىكى ھالىتىنى، شۇ ھاياجانلىق مىنۇتلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىچە كۈلۈمسىرەيتتى. خىيالغا بېرىلىپ كېتىپ، بىر نەچچە قېتىم كاۋابلىرى كۆيۈپمۇ كەتتى… ئوت ۋە ھاياجان شۇنچە كۈچلۈك ئىدى.

ئۇ ھەر كۈنى دۇتتارىنى مۇڭغا كەلتۈرۈپ، ئىجادىيىتىنى زوق-شوخ بىلەن نامايىش قىلغىنىدا، ئۆز كارامىتىدىن ئۆزى مەستانە بولۇپ ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتكىنىدە، يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ھۇزۇرلىنىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. بىر كۈنى چۈشتە نازاكەتكە تېلېفون قىلدى:

ــ بىر ناخشا ئىجاد قىلغانىدىم، ئاڭلاپ باققان بولسىڭىز.

ــ ھازىر بەك ئالدىراش، ئۇسسۇلغا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.

ــ بىر سائەتمۇ ۋاقتىڭىز چىقماسمۇ؟

ــ كەچۈرىسىز، بارالمايمەن. ھەر راست، بىزنىڭ سەنئەت يېتەكچىمىز ”بۇ قېتىم نومۇرلار بەك كۆپ، سىرتقا نومۇر بەرمىسەك بولغۇدەك“ دەۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ئىش تازا ئېنىق ئەمەس…

ــ نېمە؟ سىز ئۇلارغا تېخى دېمىگەنما؟

ــ دېگەن، باشتا ماقۇل دېگەن. ھازىر ئەمدى نومۇرنى قىسقارتىدىغاننىڭ گېپىنى قىلىۋاتىدۇ.

روزاخۇن ئاچچىق ۋە ئەلەمدىن تىترەپ كەتتى:

ــ دېمەك ماڭا نۆۋەت تەگمەيدىكەن-دە!

ــ بۇ يىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇرلىرى بەك كۆپ ئىكەن.

ــ مۇنداق دەڭ، داشۆسىڭ بالىلار بار يەردە بىزگە ئەلۋەتتە نۆۋەت تەگمەيدۇ-دە!

ــ مېنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم، سىزگە بۇنى قانداق دېيىشنى بىلەلمەي تۇراتتىم…

ـ بولدىلا، ھېلىمۇ ياخشى تېلېفون قىپتىمەن، بولمىسا ئەخمەق بولۇپ يۈرگىدەككەنمەن…

روزاخۇن غەزەبلىنىپ تېلېفوننى ئېتىۋەتتى، خوتۇن خەققىمۇ ئىشەنگەن بارمۇ؟ بىر ئايدىن بېرى ئۈمىدلىنىپ، خىيالىنى بېرىپ، زوق-شوخ بىلەن قىلغان ئىشلىرى نۆلگە تەڭ بولدىغۇ؟ گۈزەل خىياللىرى كۆپۈككە ئايلاندىغۇ؟ مەكتەپ قىزلىرىغا ئۆزىنى كۆرسىتىشنى كىم قويۇپتۇ ئۇنىڭغا؟ كاۋاپچى بولغاندىكىن ئىشىنى قىلسىچۇ؟

سەنئەت يېتەكچىسى ئەسلىدە مۇشۇ رېستۇراندا تاماق يەپ، روزاخۇننىڭ سېقىمە ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ ھۇزۇرلىنىپ، تىزىغا ئۇرۇپ كۈلۈپ كەتكەن ئەپەندى ئىدى؛ باشتا ماقۇل دېگەن بولسىمۇ، ھەر ئىشنى سىياسەت، قائىدە-نىزام بويىچە قىلىشقا ئادەتلەنگەچكە، ئاقىۋەتتە ئۆزىگە بىرەر گەپ كېلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، ئۇنى سەھنىگە چىقىشتىن مەھرۇم قىلدى.

بىر ھەپتىدىن كېيىن نازاكەت ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى:

ــ ئەتە بايرام، چۈشتە پائالىيەت باشلىنىدۇ، چۈشتىن كېيىن نومۇرلار كۆرسىتىلىدۇ. كېلەلەمسىز، كەلسىڭىز ئورۇن ئېلىپ قوياي.

ـــ ئىشىم جىق، بارالمايمەن.

ـــ مەندىن رەنجىسىڭىزمۇ ئامال يوق. كېلەلمىسىڭىز مەيلى.

ــ سىزدىن رەنجىگەن ئىش يوق، راست بارالمايمەن.

ــ بوپتۇ ئەمىسە.

روزاخۇن ئۇ پائالىيەتكە شۇنچە بارغۇسى بولسىمۇ، ئۆتكەنكى ئاچچىقىدا ھەممىدىن ۋاز كېچىش قارارىغا كەلدى. مەكتەپ بالىلىرى بىلەن كاۋاپچىنىڭ نېمە ئىشى؟ ئۆزلىرى ئويناپ، ئۆزلىرى يايراپ، ئۆزلىرى قىلغاننى ئۆزى داڭلاپ يۈرۈشسۇن…

بۇ كۆڭۈلسىزلىكتىن كېيىن روزاخۇن نازاكەتنىمۇ كۆڭلىدىن چىقىرىۋەتتى. ئەمما شاراپەتنى ئۇنىڭ ھېلىقى خېتى ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ ھۆرمەت تۆرىدە ساقلاپ قالدى. مېھمانلارغا دۇتتار چېلىپ بېرىدىغان ئىشتىنمۇ بارا-بارا كۆڭلى قالدى. ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن ھېلىقى ئويۇنپەز خوتۇنلار بۇ قېتىم ئۇنىڭ جىمغۇرلىشىپ قالغانلىقىنى سېزىشتى. ئويۇنغا تەييارلىغان ناخشىسىنى ھېچ سورۇندا ئوقۇمىدى، بەلكى بىر خىل مۇڭ، دەرتلىك كۈي بولۇپ ئىچىدە ساقلىنىپ قالدى.

كۈنلەر ئۆتۈپ زاكىرە خېنىم ئۇنى ئايرىمخانىغا چاقىرىپ پاراڭلاشتى.

ــ نورۇزدا نومۇر كۆرسىتىمەن دەۋاتاتتىڭ، قېنى ئۇ نومۇرۇڭ؟ سېنى چالىدۇ دەپ ئاتايىتەن بېرىپتىمىز تېخى!

ــ قالدۇرۇۋەتتى.

ــ نېمىشقا؟

ــ كاۋاپچى بولغان گۇناھىمغا.

ــ شۇنىڭغا مۇشۇنچىۋالا بولۇپ كەتتىڭما؟

ــ نېمە بوپتىمەن؟

ــ يېقىندىن بۇيان ئۆزگىرىپ قالدىڭ، نېمە دەردىڭ بار، ئاڭلاپ باقاي.

ــ ھېچ ئىش يوق.

ــ دېگىنە زادى، نېمە ئىشىڭ بار؟

ــ ھېچقانداق ئىشىم يوق.

ــ نازاكەت بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ قالغىنىڭ راستما؟

ــ ۋاي توۋا دەڭ، نەدە ئۇنداق ئىش بار ئىكەن؟ گەپ دېگەننى تاپىدۇ-دە بۇ خەق!

ــ بولسا بار دېمەمسەن ئوغۇل بالىدەك، ئۇنىڭ نەرى يامان؟

ــ بولسا مەنمۇ بار دېمەمدىمەن؟ ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئۆتكەن، لېكىن ئۇنداق ئىش يوق. ئۇنداق قىزلار بىزلەرنى ھەرگىز ياراتمايدۇ.

ــ ئۆزەڭنى ئۇنداق چۈشۈرمە. كاۋاپچى بولغاننىڭ نەرى يامان؟ ئەگەر دەردىڭ شۇ قىزدا بولىدىغان بولسا ئۇنى ئۇنتۇپ كەت، ئۆزەڭمۇ دەۋاتىسەن، ساڭا ھەرگىز يېقىن كەلمەيدۇ. ئەگەر دەردىڭ خوتۇن ئېلىشتا بولسا، ئۇنىڭ ئىشىنى بىز جۆندەيمىز. كۇلىچىلىقتا يالغۇزلۇق يامان، بۇنى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

روزاخۇن زاكىرە خېنىمغا ئەجەبلىنىپ قاراپ قالدى، ئەقلى چېچىدىنمۇ ئۇزۇن بۇ خېنىمنىڭ كۆزلىرىدىن: نازاكەت، شاراپەت دېگەنلىرىڭنى قوي، ساڭا بىر خوتۇن بولسىلا بولدى، بېشىڭنى ئوڭشا، بىر خوتۇننىڭ راھىتىنى كۆر، ئاندىن ھوشۇڭنى يىغىپ كاۋىپىڭنى سات، دۇتتىرىڭنى چال، پۇل تاپ… دېگەن مەنىلەر چىقىپ تۇراتتى.

ـــ قانداق… قانداق جۆندەيسىز؟ــ دېدى ئۇ نېمىگىدۇر ھاياجانلىنىپ،ــ مەن تېخى توي قىلغۇدەك پۇل تاپمىدىم.

ــ ئەخمەق، مەن تۇرغان يەردە پۇلدىن نېمە غەم قىلىسەن؟ يەتمىگەن يېرىگە مەن بېرىپ تۇرىمەن.

ــ پۇلنىغۇ تاپقىلى بولار، خوتۇننى نەدىن تاپىمەن؟

ــ خوتۇنلارنىڭ سورۇنىدا تۈن-تۈنلەپ دۇتتا چالدىڭ، بىرەر چوكانغا كۆزۈڭ چۈشمىدىما؟

ــ ھەممىسى ئاچامدەك خوتۇنلار تۇرسا…

ــ ماڭاۋە سەن، ئۆزەڭ نەچچىگە كىردىڭ؟

ــ 25 كە.

ــ ھە ئۇلارمۇ شۇ ئەتراپتا، چۈنكى بەك كىچىك ئەرگە تەگكەن چوكانلار ئۇ. ساڭا بالىسى يوقنى ئېلىپ بېرەي دەيمەن. سەن بەغەرەزنىڭ كۆزىنى خاناچاڭ ئاچمىسا بىكار.

روزاخۇن ئىككى ياققا قىمدىنىپ، چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھاڭۋېقىپ، قايسى چوكاننىڭ بالىسى يوق بولغىيدى… دەپ ئويلاپ قالدى. ھەتتا زاكىرە خېنىم ئۆزىنى دەۋاتمايدىغاندۇ-ھە… دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا دىققەت بىلەن تەلمۈرۈپ قاراپ كەتتى. خوجايىن خېنىمنى خوتۇن قىلىش نازاكەتلەرنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشتىنمۇ جەلىپكار، قالتىس تۇيۇلۇپ كەتتى…

ــ ئادەمگە بىر قىسما قارايسەنغۇ؟ بىلىمەن، سەن تازلارنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى! ساڭا تاڭنۇر خېنىمنى تونۇشتۇرۇپ قويماقچى. بىر ئەرگە تېگىپ چىققان بىلەن خېلى جىرىڭ-جىرىڭ چوكان ئۇ، ساڭا تازا ماس كېلىدۇ…

روزاخۇن ھېلىقى ئۇسۇلخۇمار چوكاننى ئەسلىدى، بودەك، خۇشخۇي، مۇلايىم، ئەمما ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن دەرتمەن كۆرۈنىدىغان چوكان ئىدى ئۇ.

ئەمما قانداق بولىدۇ؟ قانداق بولىدۇ؟… دەپ ئويلايتتى روزاخۇن بۇ ئىشلاردىن گۇمانسىراپ . توي قىلىش، تۇرمۇش قۇرۇش دېگەن ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس، زاكىرە خېنىم كىچىك بالىنى ئالداپ بىر ئۆيگە ئەكىرىپ، ئالدىغا كەمپۈت ۋە چىرايلىق ئويۇنچۇقنى تىزىپ قويغاندەك ئىش قىلىۋاتىدۇ… مەقسەت باشقا.

ــ يېشى مەندىن چوڭمىكىن، مەن تېخى توي قىلمىغان… ــ دېدى روزاخۇن دۇدۇقلاپ.

ــ ۋاي سەن تېخى خوتۇن قارىسى كۆرۈپ باقمىغان بەندىمىدىڭ؟ تولا قوۋۇرغامنى ئەگمە. ساڭا كۆڭۈل بۆلۈپ قىلىۋاتىمەن بۇ ئىشنى!

روزاخۇن چۆچۈپ كەتتى، شۇ ئان ھېلىقى تەتەي كاللىسىغا كىرىۋالدى… زاكىرە خېنىم بۇنى بىلمەيدۇ. ئۇ

زىنادىن مىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەن بۇ گۇناھكار بەندىنى ھالالدىن نىكاھلاپ قويىمەن، بەدەنلىرى قاملاشقان بىر ئۇيغۇر چوكاننى ئېلىپ بېرىمەن دەۋاتسا، نېمە ئۈچۈن خالىمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ بەختنى قولدىن بېرىدۇ؟

ــ بۇنى بىلىۋاتىمەن،ــ دېدى ئۇ بىردىنلا يۇمشاپ،ــ ماڭا بەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتىسىز.

ــ رەھمىتىڭنى كېيىن دەۋال، ئاۋۋال بۇ ئىشنىڭ بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى دە.

روزاخۇن ئۇ چوكاندىن ھۇزۇرلانغان بىلەن مەسئۇلىيەت دېگەن نەرسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ تۇرۇپ قالدى.

ــ ئەمدى دەيمىنا، توي قىلىش دېگەن ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس، بىر ئائىلە بولىدۇ، ئائىلە بولغاندىكىن مەسئۇلىيەت بولىدۇ.

ــ بۇلارنى بەك ئويلاپ كەتمە، ۋاقتى كەلگەندە ھەممە ئىش بولىدۇ. قاملاشساڭلار ئۆي تۇتۇپ قالىسىلەر، بولمىسا ئاجرىشىپ كېتىسىلەر. بىر-بىرىڭلارغا ئىشىنىپ بولمىغىچە بالا ئالماي تۇرىسىلەر.

روزاخۇن بۇ ئىشنىڭ بۇنچە ئاسانلىقىنى ئويلاپ قىزىقىپ قالدى. بىرەر يىل خوتۇن قىلىۋېلىپ قويۇۋەتسىمۇ بولىدىكەنغۇ؟ ئاڭغىچە يالغۇزلۇقتىن زېرىكىپ، يوقىلاڭ خىياللارغا بېرىلىپ يۈرمەيدۇ، خوتۇن دېگەن سەنمۇ، قېنىۋالاي مەنمۇ… دەپ ھۇزۇرلىنىپ ياشايدۇ، يېرىم جېنى پۈتۈن بولىدۇ.

ــ تاڭنۇر خېنىم بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ ــ دېدى ئۇ ماقۇللۇقىنى ئىپادىلەپ.

ــ گەپ شۇ تاڭنۇر خېنىمدا، ساڭا ئازراق مەيلى بار چېغى. بىر نەچچە سورۇندا مەن بۇنى بايقاپ قالدىم. ئەمما سەن ھەممە خوتۇنلارغا قاراپ، گومۇشتەك ھىجىيىپ ئولتۇردۇڭ. ناخشاڭ بىلەن ئۆزەڭنىڭ مىجەزى باشقا-باشقا دە سېنىڭ..

ــ ئەمىسە بوپتۇ، زورلايدىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن.

ــ زورلىغان ئىش يوق، شۇ خېنىمنىڭ مەيلى بولۇپ قالمىغان بولسا، ئۇنى چۈشۈڭدىمۇ قۇچاقلاپ ياتالمايتتىڭ. ھازىر جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ ياخشى كۆرۈشى مۇھىم، بولمىسا ھېچ ئىش ئاقمايدۇ.

ــ شۇنداق بوپ كەتتى دېمىسىمۇ…ــ دېدى روزاخۇن ئېغىر ئۇھ تارتىپ.

ــ خاناچاڭغا رەھمەت ئېيتساڭ بولىدۇ.

ــ ئەلۋەتتە، سىز مېنىڭ ئۆز ئاچامدەك بولۇپ قالدىڭىز…

روزاخۇن شۇ خوشلۇقىدا زاكىرە خېنىمنى بىر مۇنچە ماختاپ، لاۋزىلىشىپ، توي ئىشىنى بىرەر قۇر مەسلىھەتلىشىپ، ئاندىن ياتىقىغا قايتتى.

4

روزاخۇن تاڭنۇر خېنىم بىلەن توي قىلىپ زاكىرە خانىمغا 20 مىڭ يۈەندىن كۆپ قەرزادار بولدى، جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس، بىر-ئىككى يىل ئىشلىسەم تۆلەپ بولالايمەن دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما تويدىن كېيىنكى چىقىملىرى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى، تاپقان پۇللىرى ئۆي ئىجارىسى بىلەن خوتۇننىڭ خەجىگە يەتمىدى، بۇ ئەھۋالدا پۇل يىغىپ قەرز تۆلەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. زاكىرە خانىم تاڭنۇر خانىمنى رېستۇراننى باشقۇرغىلى قويۇپ ئۆزى باشقا سودىلارغا چۈشۈپ كەتتى.
ــ زاكىرە خانىمنىڭ مەقسىتى ئىككىمىزنى مەشەگە باغلاپ قويۇش ئىكەن،− دېدى روزاخۇن بىر كۈنى ئەرشىدىنگە دەرت تۆكۈپ،− شۇ قەرزنى قاچان تۆلەپ بولارمەن، قاچانغىچە مۇشۇنداق ياللىنىپ ئىشلەرمەن؟
ــ ماڭا بىر ئېغىز مەسلىھەت سالمايلا توي قىلدىڭ، خوتۇنغا ئالدىراپ كەتتىڭ، ئۇ خوتۇنمۇ ساڭا ئالدىراپ تەگدى. ئەرسىز ياشىيالمايدىغان تويماس خوتۇنلار بۇ، بىلىپ تۇرۇپ ئالدىڭ، ئەمدى قاقشىما!
ــ قانداق قىلىمەن؟ ھېلىمۇ بەك ئۇزۇن بويتاق يۈرۈپ كەتتىم، بىزمۇ بىر ئادەم بولغاندىكىن ياشاپ باقايلى دېدىم، كۈندۈزى پالاقلاپ ئىشلىسەممۇ كېچىسى راھەت كۆرەي دېدىم، بولماپتىمۇ؟
ــ توي قىلىۋالغىنىڭ بولدى، سۈننەتنى ئادا قىلدىڭ، بېشىڭنى ئوڭشىۋالدىڭ. بىراق بىر ۋاقمۇ ناماز ئوقۇمايدىغان بۇنداق خوتۇننى ئالمىساڭ بولاتتى، ئۇنىڭ تەتەيدىن ھېچقانداق پەرقى يوق.
روزاخۇن بۇ گەپتىن چۆچۈپ، تەتەيخاندىن قېچىپ بۇ يەرگە كېلىپ يەنە ئۇنىڭ جىنىغا تۇتۇلغاندەك شۈركىنىپ كەتتى.
ــ سەن ئۇنى مۇسۇلمان ئەمەس دېمەكچىمۇ؟
ــ ناماز ئوقۇمايدىغان ئادەمنى مۇسۇلمان دېگىلى بولمايدۇ.
ــ ئۇنداقتا مېنىمۇ كاپىرغا چىقىرىۋەت، سەنلا مۇسۇلمان بولۇپ كەت،ــ دېدى روزاخۇن ئۆڭۈپ.
ــ نېمە، سەنمۇ ئەمدى ئۇ خوتۇندەك تەركى سالات بولۇپ كەتتىڭما؟ مەن دېمىدىممۇ، ئۇنداق خوتۇن سېنى كاردىن چىقىرىۋېتىدۇ.
ــ ئوقۇمىدىم، ئوقۇيالمىدىم، ئۆينىڭ تاينى يوق، مۇنچا يوق، ئەڭ مۇھىمى ئىمانىمنىڭ تايىنى يوق. ھەتتا سەنچە بولغاندا جىڭ كاپىر، ئەمدى بولدىمۇ؟ كۆڭلۈڭ تىندىمۇ؟
ــ مۇسۇلمان بولساڭ ماڭا بولۇپ بەرمەيسەن ئاداش،ـ دېدى ئەرشىدىنمۇ تېرىكىپ،ــ ئىشنىڭ يولى مۇنداق ، مۇنداق قىلساڭ مۇسۇلمانغا لايىق بولىسەن، بولمىسا كاپىرلارغا ئوخشاپ قالىسەن دەۋاتىمەن، يامان دەپتىمەنمۇ؟
ــ ياخشى دەۋاتىسەن، لېكىن سېنىڭ ئاغزىڭدىن شۇ كاپىر، مۇسۇلماندىن باشقا گەپ چىقمامدۇ؟ باشقا ئىشلار توغرۇلۇق گەپ قىلغىلىمۇ بولمامدۇ؟
ــ ئەلۋەتتە بولىدۇ، دەردىڭ بار، بىلىمەن. مېنىڭمۇ يەتكىچە دەردىم بار. دەردىمىزنىڭ ھەممىسى نېمىدىن كېلىۋاتىدۇ، بىلەمسەن؟ ھەقىقىي ئىمان بىلەن ياشىيالمىغانلىقتىن، ھەقىقىي مۇسۇلمانغا لايىق ئىش قىلالمىغانلىقتىن بولۇۋاتىدۇ. مەن شۇنىڭغا سۆزلەيمەن. ئەگەر سەن تەقۋا، مۇلايىم بىر قىزنى خوتۇن قىلغان بولساڭ بېشىڭغا بۇنچە دەرتلەر كېلەمتى؟ ھېچ بولمىسا ئۇ سېنى ئەتىگەندە نامازغا ئويغىتاتتى، تاھارىتىڭگە سۇ بېرەتتى. بۇ خوتۇنچۇ؟ سېنى مۇشۇنداق لەقۋا، ھورۇن، پاسىق قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا قانداق خوتۇن ئېلىش بەك مۇھىم.
ــ بۇ گېپىڭغۇ توغرا، لېكىن ئۇنداق قىزلارنى نەدىن تاپىمەن، چوڭلار ”ئات تاپقىچە ئېشەك مىن“ دەپتىكەن.
ــ ھە بولدىغۇ، ئېشەككە مىنىپ بولدۇڭغۇ، ئەمدى نېمە بولدى؟ بىر مەزگىل سەۋر قىلغان بولساڭ، تىرىشىپ باققان بولساڭ ئاتتەك نوچىسىمۇ چىقىپ قالاتتى.
ــ بۇ يەردە يۈرىۋەرسەڭ ئۇنداق قىزلار تېخى ئۇچرىمىسا قانداق قىلىسەن؟ ساڭىغۇ ئۇچرىدى، تەلەپ قويدۇڭ، ماقۇل دېمىدى، ئىش دېگەن سەن بىز ئويلىغاندەك بولىۋەرمەيدۇ.
ــ مەن شاراپەتنى ھەقىقىي تەقۋا قىز دەپ ئويلىمايمەن، ماڭا ماقۇل دېمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇنداق دەۋاتمايمەن، ھەقىقىي تەقۋالىق دېگەن ئىماننى ھەممىدىن ئۈستۈن قويغاندا ئاندىن بولىدىغان نەرسە.
ــ مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن، ئۇ قىزنىڭ تەقۋالىقىنى خۇاديىم بىلىدۇ،ــ دېدى روزاخۇن قەتئىيلىك بىلەن،ــ ساڭا دېسەم، ئۇ قىزنى مەنمۇ ياخشى كۆرەتتىم، لېكىن سەندەك تەقۋا بولمىغاچقا تەلەپ قويالمىدىم.
ــ مۇنداق دە، سەن ياخشى كۆرگەچكە شۇنداق دەۋاتىسەن، سەندەك مىجەزدىكى ئادەم تەقۋا بولسۇن، پاسىق بولسۇن، ھەممىنى ياخشى كۆرۈۋېرىدۇ. شاراپەتخانمۇ، تاڭنۇرخانمۇ ئوخشاش تېتىيدۇ.
ــ سەن ئۇقمايسەن، ئەگەر مەن شاراپەتكە ئېرىشەلىگەن بولسام خۇدايىمغا توختىماي رەھمەت ئېيتىپ، كۈندە بەش ۋاق ئەمەس، يۈز ۋاق ناماز ئوقۇپ، تەقۋالىقتا سەندىن ئېشىپ كېتەتتىم.
ــ دېمەك، سەن خۇدايىم بەرسە ئوقۇپ، بەرمىسە يۈز ئۆرۈيدىغانلاردىن. بۇنى مۇناپىقلارنىڭ سۈپىتى دەيمىز. ئاللاھ سېنى شۇنچە ساغلام، بېجىرىم، قاملاشقان قىلىپ ياراتقان تۇرسا، بۇ كاتتا نېمەت ئالدىدا شاراپەت دېگەنلەر نېمە ئىدى؟
ــ بۇنى بىلىمەن، ناماز ئوقۇمىغىنىم بىلەن ئىچىمدە خۇداغا شۈكرى قىلىمەن. ئەمما ئادەم ئۆزىدە بار نەرسىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، قەدرىنى بىلمەيدۇ؛ ئۆزىدە يوق نەرسىنى تەمە قىلىدۇ-دە! شۇڭا مەنمۇ ئۆزەمدە بار نەرسىگە شۈكرى قىلماي، يوق نەرسىنى تىلەيمەن. مېنىڭچە بۇ گۇناھ ئەمەس.
ـــ گۇناھ بولمىغان بىلەن، ئىنساپسىزلىق! ئادەمدە ئىنساپ، ۋىجدان بولمىسا ئىمانمۇ بولمايدۇ.
ـــ بۇنىمۇ بىلىمەن، مەنلا ئەمەس، ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن ھەر قانداق ئادەم بۇنچىلىك داۋلىنى بىلىدۇ.
ــ بىلسە نېمىشقا ئەمەل قىلمايدۇ؟ بىلمىگەنگە باققاندا، بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمىغاننىڭ گۇناھى چوڭ ئەمەسمۇ؟
قارىماققا جىق ئىشلارنى كۆرگەن ئەرشىدىن بىر قارىسا ”بۇ نېمە ئۈچۈن، ئۇ نېمە ئۈچۈن“ دەپ توختىماي سوئال سورايدىغان كىچىك بالىغىلا ئوخشايتتى، روزاخۇن كۈلۈپ قويدى، خۇدايىم ئادەم دېگەننى شۇنچە مۇرەككەپ، ئاجايىپ ياراتقان تۇرسا، بۇنچە كەڭ جاھان ۋە جەمئىيەتمۇ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك رەڭگارەڭ، مالىماتاڭ تۇرسا، ئەرشىدىن نېمىشقا چۈشەنمەيدۇ؟ ئىشنى ئاددىي چۈشىنىدىغان، ئاددىي ئويلايدىغان مۇسۇلمانلار جاھاننىڭ كەينىدە قېلىۋاتسا، ئاجىزلىرى تىلەمچىلەردەك بىچارە، بايلىرى زومىگەر، ئۆزىنى تەقۋا دېگەنلىرى تەكەببۇر، لەقۋالىرى پاسىق پېتى يۈرسە، بۇنداق مۇسۇلمانلىقتىن قانداق ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن؟
ــ سەنمۇ شۇنى دەيسەن،ــ دېدى روزاخۇن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كاللىسىنى قوچۇپ كەلگەن بۇ مەسىلىنى تەھلىل قىلىپ،ــ چوڭ داۋلىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، لېكىن شۇنى قىلالىغانلار قانچىلىك؟ مەسىلەن، پۇل تېپىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەممە خەق بىلىدۇ، سودا قىلىشنىمۇ كۆپ ئادەم بىلىدۇ، لېكىن رەسمىي پۇل تاپالىغانلار قانچىلىك؟ نېمىشقا پۇل تالمىدىڭ دېسە، دەسمى يوق، بازار يوق، قىسقىسى پۇل تاپالىغۇدەك كاللا يوق. ناماز ئوقۇشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. نامازنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ، ناماز ئوقۇشنىمۇ بىلىدۇ، لېكىن ئوقۇيالمايدۇ. نېمىشقا دېسەڭ، ئىمان سۇس، مەسچىت يىراق، قىسقىسى، ئۇنىڭغا چىدايدىغان قوڭ يوق…
روزاخۇن ھازىر ئەرشىدىنگە باققندا سالماق، خىيالچان بولۇپ قالغانىدى، دۇتتار چالغاندا ناماز ۋاقتى بولۇپ قالسا ناماز ئوقۇش بىلەن ئوقۇماسلىق ئوتتۇرىسىدا تېڭىرقاپ، دۇتتارنىڭ تارىدەك سوزۇلۇپ ئولتۇراتتى، ناماز ئوقۇغاندىكى روھىي ھالىتى، دەرتمەنلىكى دۇتتار چالغاندىكى مۇڭىغا يەتمىگەچكە، بەك مۇڭلىنىپ كەتكەن چاغلىرىدا نامازنى ئۇنتۇپ قالاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاڭنۇر خېنىمنىڭ قوينىغا كىرىپلا دۇنيا لەززىتىگە بېرىلىپ كەتتى، ئۇنىڭغا تۆلەيدىغان بەدەل، ئۇچرىغان بېسىملارمۇ قات-قات ئارتىپ، پۈتۈن زېھنى، خىيالى، ئىش-مەيلى شۇنىڭغىلا كەتتى-دە، نامازمۇ تاشلىنىپ قالدى.
ــ باھانە دېگەن تېپىلىپ تۇرىدۇ،ــ دېدى ئەرشىدىن خۇددى ئۆزى بۇ دۇنيادا ياشىمايۋاتقاندەك،ــ قىسقىسى، ھازىرقى ئادەملەردە ئىمان بىلەن ياشايدىغان كاللا يوق. ئەلۋەتتە، شارائىتمۇ مۇھىم. بايا دېگىنىمدەك، ئالىدىغان خوتۇننىڭ قانداقلىقى تېخىمۇ مۇھىم.
ــ مەن مۇشۇ جەھەتتىن زىيان تارتتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خوتۇن بەك بەتخەج. پۇل تاپسىلا ئۈستىۋېشىغا ئارتىدۇ، يۈزىنى بويايدۇ، دەسلەپتە مەيلى دېگەن، لېكىن بارغانچە ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ، باشقا لاۋبەننىڭ خوتۇنلىرى بىلەن توختىماي بەسلىشىدۇ. نەچچە قېتىم گەپ قىلدىم، ئەركىلەپ تۇرۇۋالدى، قاتتىق تەگسەم ئۇرۇشىمىز، بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ ئالغاندىكىن، شاپىلاقتىن ئىككىنى سېلىپ قويۇۋېتىشكە ئادەمنىڭ قارنى ئاغرىيدىكەن.
ــ ئىشقىلىپ، غۇرۇرۇڭنى يوقاتما، بۇنداق خوتۇن شەيتانغىلا ئوخشايدۇ، قانچە بالدۇر قۇتۇلساڭ شۇنچە ياخشى . سېنى بۇزۇۋەتكەن نەرسە شۇ خوتۇن، يەنە بىرى دۇتتار. سەن شۇ ئىككى نەرسىدىن كەچمىگىچە ئىمانىڭغا قايتىپ كېلەلمەيسەن.
ــ بۇ گېپىڭ ئاقمايدۇ، ئەگەر مەن ئۇلاردىن كېچىپ كەتسەم ھازىرقى ئىمانىممۇ قالمايدۇ. چۈنكى مەن بۇ خوتۇننى پۇل خەجلەپ ئالدىم، نىكاھلاپ ئالدىم. دۇتتاردا ھېچقانداق گۇناھ يوق، ساڭا دېسەم، مەن ناماز ئوقۇغاندا ئەمەس، دۇتتار چالغاندا بەكرەك مۇڭلىنىپ خۇدايىمنى ئەسلەيمەن.
ــ نەق شەيتاننىڭ گېپىنى قىلىۋاتىسەن-دە، ئىمانىنىڭ تايىنى يوق ئادەملەر ھەر خىل گەپلەر بىلەن ئۆزىنى ئاقلايدۇ. لېكىن بۇنداق گەپلەر قىيامەتتە ئاقمايدۇ.
ــ سەن نېمە بىلىسەن؟ سەن ئۆزەڭنىڭ ئىمانىغا بەك ئىشىنىسەن-ھە، لېكىن ئۇنى كۆز-كۆز قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
ــ ئىمان دېگەننى ئاشۇنداق كۆز-كۆز قىلىش كېرەك، ئۇنىڭدىن بۆلەك پەخىرلىنىدىغان ھېچنېمە يوق بۇ جاھاندا!
ــ لېكىن بۇ قىلىقىڭ ماڭا ياقمايدۇ،ــ دېدى روزاخۇن كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلاپ،ــ ئىمانىڭنى خۇدايىم بىلسە بولدى، دېمىسىمۇ ئۇنى پەقەت خۇدايىملا بىلىدۇ، باشقا ئادەم بىلمەيدۇ. تولا دەۋەرسەڭ مەززىسى قالمايدۇ، خەق سېنى مەنمەنچى دەيدۇ، گېپىڭنى ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ.
ــ ئىمانلىق بول دېگىنىم، ئىمانىمنى پەش قىلغانلىق ئەمەس، مەن ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدا دەۋەرمەيمەن بۇنداق گەپنى ئىمانىم بار دەپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئالدايدىغان سەندەك غىلتاڭ گۇيلارغىلا دەيمەن. بېشىمىزنى ئىچىگە تىقىۋېلىشقا بولمايدۇ، ئاللاھمۇ بۇنداق يارىماس مۇسۇلمانلارنى ياقتۇرمايدۇ.
ــ لېكىن خەقنى ئويغىتىمەن دەپ مەنمەنچىلىك قىلساڭ، مەن مۇسۇلمان، سەن كاپىر دېسەڭ، ھەمما ئادەم سەندىن بىزار بولىدۇ.
ــ بىزار بولسا مەيلى، مەن بۇلارنىمۇ ئاللىبۇرۇن ئويلاپ قويغان.
ــ شۇنداق قىلىۋەرسەڭ، ھەممە ئادەمنى ئۆزەڭگە ئۆچ قىلىسەن.
ــ دىلىدا ئازراق ئىمانى بار ئادەم بولسا ماڭا ھەرگىز ئۆچ بولمايدۇ.
روزاخۇن ھەر قېتىم ئەرشىدىن بىلەن پاراڭلاشقاندا ئىچى سىقىلغان بىلەن، ئىمان مەسىلىسىدە ئويلانماي تۇرالمايتتى: غۇرۇر-ۋىجدانى يوق ئادەمدە ئىمان نېمە ئىش قىلسۇن؟ ئىنساۋى يوق ئادەمدە تەقۋالىق بولامدۇ؟ ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكرى قىلىپ، بۇنىڭ جاۋابىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىمىغان ئادەم ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا تۇزكور، قارايۈز بولۇپ كەتمەمدۇ؟ ئەمما…
ئەمما، لېكىن، بىراق…نىڭ كەينىدە بىر ئۆمۈرگە يېتىپ ئاشقۇدەك پۇتلىكاشاڭلار، غەيرى خىياللار، قېيىشلار، ئاينىشلار، خەتەرلىك بۇرۇلۇشلار تولۇپ ياتىدۇ؛ ۋۇجۇدىمىزغا، ئەتراپىمىزغا سۇدەك، ئوتتەك، ھاۋادەك، ھەتتا قاتتىق ماددىلاردەك سىڭىپ كەتكەن شەيتان لەئىن ھىدايەت يولىدا تۈپتۈز كېتىۋاتقان ئىنساننى ”ئەمما، لېكىن، بىراق“ دوقمۇشىدا قايدۇرۇپ، ۋەسۋەسە ئوقلىرىغا تۇتۇپ ھالاك قىلىدۇ…
ئۆزىنىڭ مېزىلىك تاماقلىرى، ناخشا، ساز، كۈلكە پاراڭلىرىنى سېغىنىپ كېلىپ، ئايرىمخانىدا بەزمە سۈرۈۋاتقانلارنىڭ سورۇنىدا روزاخۇن كەم بولمايتتى، كەيپنى، پىغانىنى ھاراقتىنلا چىقىرىدىغان نوچىلار ئۇنىڭ ئىچمەي تۇرۇپ دۇتتار بىلەن شۇنچە پەيزى قىلىشلىرىغا ھەيران ئىدى، روزاخۇن شۇنچە كۆپ ناخشىلارنى بىلەتتىكى، كىشىگە كەسىپ ئەھلىدەك، ھەر كۈنى يېڭى ناخشا ئۆگىنىدىغاندەك ياكى كونىلىرىنى تەكرارلاپ تۇرىدىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى، ئەلنەغمىچىلەر ئارىسىدىلا ساقلىنىپ يۈرگەن ناخشىلارنى ئېيتقىنىدا سورۇن ئەھلى ”بىزنىڭ مۇنداقمۇ ناخشىمىز بار ئىكەنا“ دەپ ھەيران قېلىشاتتى، زوقمەن بولۇشاتتى. روزاخۇن ئوبدان ناخشىدىن بىر-ئىككىنى ئېيتىپلا سورۇننىڭ كەيپىياتىغا قارايتتى، مېھمانلار بۆلەكچە قىزغىن بولسا تەلەپ بويىچە چالاتتى، بولمىسا ئۆزىنى خار قىلمايتتى. سورۇن تەجرىبىسىگە ئاساسەن ”باشتا بىرنى چېلىش، تەلەپ قىلسا ئىككىنى چېلىش، ئېشىپ كەتسە ئۈچنى چېلىپ قەتئىي توختاش“ مىزانىغا ئەمەل قىلاتتى، چۈنكى ساز، ناخشىنى ھەممە ئادەم ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى، بىرى يەپ ئىچىمىز دەپ كەلسە، بىرى چاقچاق قىلىشىمىز دەپ، بىرى تانسا، دېسكو ئوينايمىز دەپ كەلسە، يەنە بىرى باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن كېلەتتى. ھەممىنىڭ ئىشتىھايىغا يېتىشىپ بولغىلى بولمايتتى. نەچچە باش، نەچچە ئېغىز، نەچچە نەپسانىيەت بىر يەرگە قوشۇلغان سورۇن بەئەينى داشقايناق جەمئىيەت بولۇپ، ھەر خىل ئادەم، ھەر خىل مۇئامىلىگە تاقابىل تۇرۇش گويا ناخشىنى جايىدا ئوقۇغاندەك نازۇك ئىش ئىدى، روزاخۇن بۇنىمۇ ئۆگىنىپ كەتتى، ئېگىلگەنگە ئېگىلدى، كېرىلگەنگە كېرىلدى، بىرەرسىنىڭ ھۆرمەت قەدەھلىرى ياكى خوشامەت سۆزلىرىگە مەست بولۇپ، ئۆزىنى بىلمەي چېلىپ كېتىشتىن ساقلاندى؛ يېڭى تونۇشقان باشلىق بولسۇن، سودىگەر بولسۇن، زىيالىي بولسۇن، ھەممىسىگە تەڭ مۇئامىلە قىلدى، چىرايلىق كەلگەنلەر بىر چاغدا سەتلىشىپ، ئادەمدىن مايمۇنغا ئايلانغان ھامان غىپپىدە قاچتى…مۇشۇنداق بەزەپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ سورۇندىن قاچقاندا ئەرشىدىن بىلەن مۇڭداشقۇسى، ياتىقىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇۋالغۇسى كېلەتتى. ئەمما تاڭنۇر خېنىم ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت سايىدەك ئەگىشىپلا يۈرەتتى، تىنىم تاپقۇزمايتتى.
بىر كۈنى تاڭنۇر خېنىمنىڭ ۋەلى پىجۇ دېگەن بۇرۇنقى ئېرى بىر قانچە ئاغىنىسىنى باشلاپ رېستۇرانغا كەلدى، روزاخۇننى بىر كۆرۈپ باققۇسى كەلدىمۇ ياكى ناخشىسىنى ئاڭلىغۇسى كەلدىمۇ، ئۇنى سورۇنغا چاقىرىپ كېلىپ ھاراققا زورلىدى.
ــ مەن ئىچمەيمەن، ئىچمىگىلى خېلى بولدى،ــ دېدى روزاخۇن تەمكىن ئولتۇرۇپ .
ــ بۇ دېگەن ئىچىدىغان سورۇن، ئىچمىسەڭ قانداق چالىسەن؟ ــ دېدى ۋەلى خاپىلىقىنى دەرھال چاندۇرۇپ.
ــ راست ئىچمەيمەن.
ــ ھۆرمىتىڭنى قىلىپ سۇنغاندىكىن ئالە،ــ دېدى ۋەلىنىڭ ئاغىنىسى قاپىقىنى تۈرۈپ.
روزاخۇن بۇ ھاراقنى ئىچمىسە سورۇندىن چاتاق چىقىدىغاندەك قىلاتتى، ئىلگىرى كونا ئەر-خوتۇنلار ئولتۇرغان سورۇندا ئىچىپ چەكمىگەن بولسا، بۇنداق تەڭقىسلىقتا قالمايتتى-دە.
ــ ماڭا مۇشۇنى زورلىماڭلار، مەن راست ھاراقنى تاشلىدىم، نامازنى باشلىدىم.
ــ قاچاندىن بېرى؟ــ دېدى ۋەلى كۆزىنى مەسخىرىلىك قىسىپ،ــ تاڭنۇردىن سورايمەن جۇمۇ، يالغان ئېيتقان بولساڭ يۈزۈڭگە تۈكۈرىمەن.
ۋەلى پىجۇ ئاغىنىسىگە ”ماڭ بېرىپ تاڭنۇرنى چاقىرىپ كەل“ دەپ بۇيرۇدى. روزاخۇن ۋەلىنىڭ قارا جەمئىيەت كاتتىۋېشىدەك مەغرۇر ھالىنى،ئاغىنىلىرىنىڭ يالاقچىلىقىنى كۆرۈپ، بۇ گۇيلار قۇرۇق تېرە تاراقشىتىۋاتامدىغاندۇ ياكى راستىنلا روناق تېپىپ تېرىسىگە سىغماي كېتىۋاتامدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدى.
تاڭنۇر خېنىم ئايرىمخانىغا كىرىپ، تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ ئولتۇرغان ئېرىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى، روزاخۇن ئۇنىڭ چىرايىدىكى تېپىشماقلارنى تاپالمىدى.
ــ قانداق ئەھۋالىڭ ؟
ــ ياخشى…
ــ بىز بىلەن بىر دەم ئولتۇرۇشۇپ بەرمەمسەن؟
ــ مېنىڭ ئىىشم بار.
ــ بۇ ئېرىڭ ناماز باشلىۋالدىم دەيدىغۇ؟
ــ ۋاي تاڭ، بۇنى نېمە دەپ مەندىن سورايسەن؟
ــ مەن تېخى سېنىمۇ ناماز باشلىۋالدىمىكىن، ئۇنىڭ تاھارىتىگە سۇ بېرەمدىكىن دەپ ئويلاپتىمەن.
ــ دەيدىغان گېپىڭ شۇمىدى؟
ــ دېمەك، ناماز ئوقۇمايسىلەر، ئەمىسە ئېرىڭ نېمىشقا ھاراق ئىچمەيدۇ؟
تاڭنۇر خېنىم روزاخۇنغا ناتونۇش ئادەمگە قارىغاندەك قاراپ قويدى:
ــ ئىچمىسە زورلىماڭلار.
ــ ئېرىگە ئەجەپ كۆيۈمچان خوتۇن-دە بۇ!ــ دېدى ۋەلى پىجۇ ئەتراپىدىكى ئاغىنىلىرىگە قاراپ.
ــ ئېرى بولغاندىكىن كۆيۈنىدىغان گەپ، چىدىمايۋاتامسەن؟
ۋەلى پىجۇ جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويدى.
ــ ئۆز ۋاقتىدا قەدرىمنى بىلمىدىڭ، ئەمدى پۇشايمان قىلغىنىڭ بىكار…
ــ نېمىگە سۆزلەپ قالدىڭ؟،ــ دېدى ۋەلى پىجۇ ئاچچىق كۈلۈپ،ــ سېنى قويۇۋەتكەنگە مەن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن.
ــ ئەمىسە نېمە دەپ كەلدىڭ؟
ــ مەن بۇ يەرگە سېنى دەپ كەلمىدىم، تاماق يېگىلى كەلدىم.
تاڭنۇر خېنىم ئېرىگە ئالىيىپ قويۇپ، روزاخۇنغا بىر قاراپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
ــ دېمەك، ناماز ئوقۇيدىغانلىقىڭ يالغان چىقتى،ــ دېدى ۋەلى پىجۇ تاڭنۇر خېنىمنىڭ كەينىدىن قاراپ قالغان روزاخۇنغا،ــ جۈمەگە بارىدىكەنسەن، جۈمەگە بىزمۇ بارىمىز.
ــ ئەمىسە نېمىشقا ئىچىسىلەر؟
ــ ئىچەلىگۈدەك ھالىمىز بولغاچقا ئىچىۋاتىمىز، بەش ۋاق نامازنى باشلىۋالساق تاشلىۋېتىمىز.
روزاخۇن كۈلۈپ قويدى، ۋەلى پىجۇ ئۇنى ئەيۋەشكە كەلدى دەپ ئويلاپ يەنە ھاراق تەڭلىدى.
ــ مەن راست ئىچمەيمەن،ــ دېدى روزاخۇن بۇ گۇيلار ئالدىدا لاتاغىلاپ بولماسلىققا تىرىشىپ.
ــ ناماز باشلىۋالدىم دەپ يالغان ئېيتقان گۇناھىڭ ئۈچۈن ئىچىسەن!نامازنى ئوقۇش كېرەك، تۈزۈك ئوقۇش كېرەك. بولمىسا مۇشۇنداق ئىچىپ خۇش كەيىپ بولۇش كېرەك! ئال بۇنى قولۇڭغا!
ــ تاڭنۇر ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ، مەن ئۇ يوق ۋاقتىدا ئوقۇيمەن نامازنى!
ــ بولدى قىل، خۇدادىن قورقۇپ ناماز ئوقۇيدىغان ئادەم خوتۇن دېگەندىنمۇ قورقامدۇ؟
ــ مەن ئۇنىڭدىن قورقمايمەن، خۇدايىمدىن قورقىمەن.
ــ يالغان ئېيتما، قورققان بولساڭ قېنى بەش ناماز؟
ــ بەش ۋاق ئوقۇيالمىساممۇ، ھاراق ئىچمەيمەن.
ــ ئۆزەڭنى ئالدىما، سېنىڭ بەش ۋاقتىن بىر ۋاق ناماز ئوقۇمىغىنىڭ مۇشۇ ھاراقنى ئىچكەندىن نەچچە ھەسسە ئېغىر گۇناھ…
ــ شۇڭا مېنىڭ گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلغۇم يوق.
ــ ئىلگىرىكىن لاتاقاسقاس گۇيكەن بۇ…ــ دېدى گۇپپاڭچىلاردىن بىرى.
ــ مېنىڭ ھاراق ئىچىۋېلىپ نوچى بولغۇم يوق.
ــ ھاراق ھېچكىمنى نوچى قىلالمايدۇ، بىز بۇ يەردە جۈرئىتىڭنى سىناۋاتىمىز. مۇشۇ پەيتتە ئىچسەڭ سازلىشىسەن، ئىچمىسەڭ مازلىشىسەن.
روزاخۇننىڭ تۇرۇپلا پىغانى ئۆرلەپ ھاراقنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى.
ــ يارايسەن! قورقۇنچاق گۇيلار ئىككىلىنىپ ھېچ ئىش قىلالمايدۇ!ــ دېدى ۋەلى پىجۇ تەنتەنە قىلىپ،ــ ئادەم دېگەن ئۆزىنى بىر تەرەپ قىلالىشى كېرەك. بۈگۈن تەۋەككۇل دەپ ئىچكەن بولساق، ئەتە تەۋەككۇل دەپ ساۋابلىق ئىشتىن بىرنى باشلايمىز. كىم بىزنى قىلالمايدۇ دەيدۇ؟
شۇنداق قىلىپ روزاخۇن كەينى-كەينىدىن ئىچىپ، قىززىپ، دۇتتار دېگەننى ۋاڭشىتىپ چېلىپ سورۇندىن چاڭ چىقىرىۋەتتى. ۋەلى پىجۇ ئۇنى ئادەمدىن مايمۇن قىلىپ، تاماشاسىنى كۆرۈۋاتقاندەك ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇردى.
روزاخۇن ياتاق ئۆيىگە لەيلەپ كىرىپ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى، بىر دەمدىن كېيىن تاڭنۇر خېنىم ئىشتىن چۈشۈپ ئۇنى تۈزەشتۈرۈپ يېنىدا ياتتى، ۋەلى پىجۇ روزاخۇننىڭ پىغانىنى ئۆرلىتىپ ھاراقتىن مەست قىلىپ تاشلىغان بولسا، تاڭنۇر خېنىمنىڭ كونا دەرتلىرىنى قوزغاپ قويغانىدى. ئۇ روزاخۇنغا كەينىنى قىلىپ خىيال سۈرۈپ ياتقاندا ۋەلى پىجۇدىن ئۇچۇر كەلدى: تالاغا چىق، پاراڭلىشايلى
تاڭنۇر خېنىم روزاخۇنغا قاراپ قويۇپ، ھېچ ئىككىلەنمەستىن تالاغا ماڭدى. ۋەلى پىجۇ ئۇنى كۆرۈپلا ئالدىغا كەلدى:
ــ ساڭا پەقەت چىدىمىدىم، ماشىنا ئاۋۇ يەردە.
ــ بايا نېمە دېدىڭ؟
ــ ھەممىسى يالغان، ئېرىڭنىڭ ئالدىدا چاندۇرۇپ يۈرسەم بولامتى؟
ــ نەپسىڭنى قاندۇرۇپ بولۇپلا يەنە ئېشىۋالارسەن.
ــ ئۇنداق ئەمەس، ئېشىۋالسام بۇ كېچىدە ساڭا ساقلاپ ئولتۇرامتىم؟
ــ نەگە بارىمىز؟
ــ ماشىنىغا چىق…
ــ نېمە ساراڭلىق بۇ؟ بۇنداق قىينىلىپ يۈرگەندىن ئۆيدە، كەڭ كارىۋات… ياخشى ئەمەسمۇ؟
ـــ ئۇنىمۇ قىلىپ باقتۇق خوتۇن، زېرىكتۇق. بۇنىمۇ سىناپ باقايلى، زېرىكىپ قالساق يەنە بۇرۇنقىدەك ياشارمىز.
ــ ئوغرىلاپ يېگەن تاۋۇزنىڭ تەمى باشقىچە بولىدۇ دەپ كېتىشلىرى تېخى! چېقىپ تاشلىۋېتىپ كېتىۋېرىسەن، دەردى ماڭا ئېشىپ قالىدۇ.
ــ ئاۋازىڭنى پەس قىل…
روزاخۇن ھاراق ئىچىشنى باشلىۋالغاندىن كېيىن تاشلىيالمىدى، ئەرشىدىندىنمۇ قېچىپ يۈردى. ۋەلى پىجۇ پات-پات كېلىپ سورۇن تۈزۈپ روزاخۇننى چاقىرىۋالاتتى. روزاخۇنمۇ ئۇنىڭ ھاراقلىرىنى ئىچىپ، ماختاشلىرىنى ئاڭلاپ كۆنۈپ قالدى. كېچىلىرى مەست، ئەتىسى كاللىسى قاپاق، كۈندۈزلىرى گالدى- گۇلدۇڭ يۈرەتتى. تاڭنۇر خېنىمنىڭ بويۇن، قۇلاقلىرىدا زىبۇ زىننەتلەر كۆپىيىپ قالدى، پۇلدا خېنىملار قانداق سومكا ئاسقان بولسا بىر نەچچە كۈن ئۆتمەي ئۇنىڭ يېنىدىمۇ شۇنداق سومكا پەيدا بولاتتى، خېنىملار قانداق نوركا كىيگەن بولسا ئۇنىڭ ئۇچىسىدىمۇ شۇنداق نوركا پەيدا بولاتتى. روزاخۇن بۇ جابدۇقلار نەدىن كېلىۋاتىدۇ، باھاسى قانچە دېگەنلەرگە دىققەت قىلمايتتى، قىزىقمايتتى. كاتەكتەك ئۆينى تارلاشتۇرۇپ قويۇۋاتقان لاقا-لۇقىلارنى ئەچىقىپ ساتسا شۇنىڭ پۇلىغا گەدىنىدىكى قەرزنى تۆلىيەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. تاڭنۇر خېنىمنى ئىلكىدىن چىقىرىپلا قويمىسا، ھەر ئاخشىمى خوتۇن قىلىپ ئۆتىۋەرسە، ئۇرۇش-تالاش قىلمىسا، قالغان ھەممىگە رازى ئىدى. خوتۇنىدىن قالسا، سورۇندىكى قىززىقچىلىق، كەيىپ-ساپاغا شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتتىكى، ئۇ بولمىسا ھاياتىدا خۇشاللىق بولمايدىغاندەك ھېس قىلاتتى. ئەمما ھەممە سورۇندىن ئۇنىڭغا نەپ، ياخشى گەپ چىقىۋەرمەيتتى، ھەممە ئادەمدىن ئۇنىڭغا خۇشاللىق كېلىۋەرمەيتتى.
بىر كۈنى سورۇندا مېھمانلارنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن دەپ سېقىمە ناخشىلارنى بولۇشىغا ئېيتتى،
خەنسونى ھېساب بىلەن چوتقا قوي،
ئورۇسنى مىلتىق بىلەن پوستقا قوي
قازاقنى پىچاق بىلەن ئەتكە قوي،
تارانچىنى كەتمەن بىلەن باشقا قوي،
ئاتۇشلۇقنى قوراي بىلەن جاڭگالدا قوي،
قەشقەرلىكنى ئېشەك بىلەن چۆلدە قوي
ئاقسۇلۇقنى كاۋا بىلەن باراڭدا قوي…
دەپ تازا پەيزى بىلەن ئېيتىپ، چاۋاكلارغىمۇ كۆمۈلۈپ، ئۆزىنى يەلپۈپ چېيىنى ئىچىپ ئولتۇراتتى. سورۇننىڭ ئىززەت تەختىدە ئولتۇرغان، تۈركىيىدە ئوقۇپ كەلگەن ياش دوكتور دەپ تونۇشتۇرۇلغان بىرى ئۇنىڭغا تەنبىھ بەردى:
ـــ بۇرادەرلەر، چاۋاك چېلىشقا ئالدىراپ كەتمەيلى. ھەر ئىشنى ئويلىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ قىلايلى. تارىختىن بۇيان بىز مۇشۇنداق نادانلىقىمىز، بىخۇتلۇقىمىز، ئالدىراڭغۇلۇقىمىز تۈپەيلىدىن زىيان تارتىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ ناخشىدا ساددا خەلقنىڭ ناچار تەپەككۇرى، ھىيلە-مىكىرنى ئۇلۇغلاش، مىللەتچىلىك، يۇرتۋازلىق، ئۆچمەنلىك ئىدىيىلىرى بار. ناخشا ئېيتقان بۇرادىرىم بۇنى نەدىن تېپىپ ئوقۇدى، بىلمىدىم. بۇنداق خاتا ناخشىلارنى سورۇنلاردا ئوقۇش تېخىمۇ خاتا! بۇ ناخشىنى ھەر كىم ئاڭلىسا ئايرىمىچىلىق ئىدىيىسى كۈچىيىدۇ، ھېچكىمگە ئىشەنمەيدۇ، قۇۋ، ھىيلىگەر بولۇپ كېتىدۇ. قارىماققا ئاددىي ناخشا، لېكىن بۇ ناخشىدا شۇ رەزىللىكلەرنىڭ ھەممىسى بار، ئاڭلىغان ئادەم شۈركىنىدۇ. شۇڭا دەيمەن، كۈلكە بولسۇن دەپ قىلغان ئىشلىرىمىز ئاخىر مۇسىبەتكە ئايلىنىپ قالمىسۇن…
روزاخۇن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپلا قالدى، سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى شۇ دوكتورنىڭ ئېغىزىغا قاراپ ئولتۇراتتى.
ـــ بىزنىڭ سورۇندارچىلىق ئەنئەنىمىز بەك ياخشى، بىر نەچچەيلەن يىغىلىپ ھال-مۇڭ بولىمىز. ئەمما سورۇنلىرىمىزنىڭ سۈپەت-ساپاسى بەك تۆۋەن، چوڭ-چوڭ تېمىلار، جەمئىيەتتىكى تەخىرسىز مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىرلىشىدىغان ئادەملىرىمىزنىڭ تايىنى يوق، ئىچكىۋازلىق، غەيۋەتخورلۇق، ئەخلاقسىزلىق ئەۋج ئالغان. ھاراقسىز سورۇننى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، ھاراق ئىچمەيدىغان ئەرنى ئەر ھېسابلىمايدىغان ساراڭ ئىللەت بىزدىلا بار، بالىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ چاي ئوينايدىغان، دەردىم بار دەپ ئىچىپ قويىدىغان ھاياسىز، سۈپەتسىز خوتۇنلار بىزدىلا بار. بۇنىڭ سەۋەبى ئەرلەردە، ئىچىپ چېكىپ ساراڭدەك يۈرىدىغان ئەرلەردە مەسئۇلىيەت نېمە ئىش قىلسۇن؟ مۇشۇنداق شەرەپسىز گۇيلار مىللەتنى خاراپ قىلىدۇ…
روزاخۇن كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان بۇ ھاراقسىز سورۇننىڭ تۆرىدە ئولتۇرغان سالاپەتلىك دوكتورغا قايتا نەزەر سېلىپ، ئۆزىنى تولىمۇ نادان، ئەرزىمەس ھېس قىلىپ ئىچى سىقىلدى.
ــ تۈركىيىدىكى ئاشخانىلاردا ھاراق سېتىلمايدۇ، ئىچىدىغانلار قاۋاقخانىغا بارىدۇ. مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ يولىدا، پاسىق پاسىقنىڭ يولىدا كېتىۋېرىدۇ، ھەرگىز مەن مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ھاراق ئىچىپ كوچىدا رەسۋالىشىپ يۈرمەيدۇ. سورۇندا تۈركلەر ھەرگىز يات بىرىنىڭ خوتۇنى بىلەن تانسا ئوينىمايدۇ، خوتۇنىنىڭ باشقا ئەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، بەل تۇتۇشۇپ يۈرۈشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ. ئەگەر خوتۇنىنى باشقا ئەر بىلەن رەسۋالىشىپ يۈرگەن يەردە تۇتۇۋالسا ئىككىلىسىنى بوش قويمايدۇ، ھەتتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. بۇنى تۈركلەر ”ئار-نومۇسنى ئاقلاش“ دەپ چۈشىنىدۇ. بىزچۇ؟ بىزنىڭ ئەرلىرىمىزمۇ؟ بۇنى دېمىسەممۇ ئۆزەڭلار بىلىسىلەر، ئېچىنىدىغان ئىش بەك تولا، مۇسۇلمانلىق، ئەركەكلىكتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. تۈركىيىدىن كەلگەندىن بېرى بىر كۈن خۇشال بولۇپ باقمىدىم، نەگىلا قارىسام بىزنىڭ بۇ ھالىمىزنىڭ ناچارلىقى، شۇنداق تۇرۇپ يەنە ئۆزىمىزنى ئالداپ بىخۇد ياشاشلىرىمىز، يالغان كۈلۈشلىرىمىز… ئىچىمنى بەك سىقىۋەتتى…
ــ ئەمىسە قانداق ياشايمىز؟ ــ دېدى روزاخۇن تەنە قىلىۋاتقاندەك،ــ ئۆزلىرىدەك بىلىملىك ئادەمنى تاپماق تەس، شۇڭا تەلىم بەرگەن بولسىلا…
ــ سىز ئىچىۋالغان ئوخشىمامسىز؟ــ دېدى دوكتور چېيىنى قولىغا ئېلىپ.
ــ مەن كۈندە مۇشۇنداق ئىچىپ يۈرىمەن، ئىچمىسەم چالالمايمەن. لېكىن ئىچسەممۇ ئۆزەمنىڭ ئەركەكلىكىنى، مۇسۇلمانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.
ـــ تىپىك ئۇيغۇرنىڭ گېپىنى قىلدىڭىز، سىزدەك مۈجمەل ئىنسانلار بىزدە بەك تولا. شۇڭا ھەيران قالمايمەن.
ـــ مەن كۆپ ئوقۇمىغان، ئوقۇيالمىغان. چوڭ ئىشلارنى سىزدەك چۈشىنىپ كېتەلمەيمەن. ئەمما خۇدايىم ھەر كىمنىڭ كاللىسىنى ئوخشاش يارىتىپ قويمىغان، ھەر كىم ئۆزى قانداق ياشىسا شۇنىڭغا چۇشلۇق بىلىم ئالالايدۇ دەپ ئويلايمەن. مەسىلەن، سىز كۆپ ئوقۇغان بىلەن مەندەك جەمئىيەت كۆرۈپ باقمىغان. بەزى ئىشلارنى مەنچىلىك بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن…
سورۇندىكىلەر ھەيران قېلىپ، بىر دەم روزاخۇنغا، بىر دەم دوكتورغا قارايتتى.
ـــ توغرا، سىز جەمئىيەت كۆرگەن، سورۇن كۆرگەن. ھەر خىل ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىپ باققان، شۇڭا ئىدىيىڭىزمۇ ئارىلىشىپ كەتكەن. سىزدەك ئادەملەردە كۆپ ھاللاردا مۇستەقىل ئىدىيە بولمايدۇ، جەمئىيەتنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش تۇتىدۇ. مۇشۇنداق قىلساملا ياخشى ياشىيالايمەن دەپ ئويلايدۇ. چۈنكى سىزنىڭ ئويلىيالايدىغان، قىلالايدىغان ئىشىڭىز شۇنچىلىك. ئادەم ئۆزىنىڭ بىلىمى، ئىدىيىسى، ئىقتىسادىي كۈچىگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، پەرقلىق ياشايدۇ. شۇڭا بىلىم مۇھىم، ئىدىيە مۇھىم، ئىقتىساد مۇھىم. سىزدە ئەگەر بۇنىڭ ھېچقايسىسى بولمىسا، ھايات دېگەن مۇشۇ دەپ ئۆتىۋېرىسىز، ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي تونۇيالمايسىز، تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتەلمەيسىز.
ــ توغرا، مېنىڭ كاللام ئارىلىشىپ كەتكەن. ئىچىپ-چېكىپ ئويناپ باقتىم، نامازمۇ ئوقۇدۇم، ئاخىر يەنە ئىچمەي قۇتۇلالمىدىم. قانداق قىلسام كاللىسى ساق ئادەم بولالايمەن؟
ــ بۇ سىزدىكى نادانلىق، بىلىمسىزلىكنىڭ ئالامىتى. ئەگەر ساۋادىڭىز بولسا كۆپرەك كىتاب ئوقۇڭ، بۈگۈنكى دۇنيانى، جەمئىيەتنى چۈشەندۈرىدىغان كىتابلارنى ئوقۇڭ، دىنىي كىتابلارنى ئوقۇڭ، ھازىر سىزگەم ئەڭ يارايدىغنى شۇ.
ــ كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىمەن. ئىلگىرى ئوقۇماپتىكەنمەن، ھازىر ئوقۇش خوشياقمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرەر كىتاب ئوقۇپ ئۆزگىرىپ باشقىچە ئادەم بولۇپ كېتىشىمگە ئىشەنمەيمەن.
ــ ئەمىسە بۇ سىزنىڭ كاللىڭىزدىكى، خاراكتېرىڭىزدىكى مەسىلىكەن. بۇنىڭغا ئامال يوق.
روزاخۇن بۇ دوكتورنىڭ گەپلىرىنى نەچچە كۈنگىچە ئۇنتۇيالمىدى، بولار يېرىم مۇشۇ دەپ ئۆزىنى تاشلىۋەتسە، مەيلىخوشلۇق ئلىكىدە ياشاۋەرسىمۇ كۈنى ئۆتىدۇ. باشقىچە ياشاپ باقاي، تىرىشىپ باقاي، ھالىمنى ياخشىلاپ باقاي دېسىمۇ بولىدۇ، بىراق كۆنگەن مۇھىت، كۆنۈپ قالغان تۇرمۇش، كۆنۈپ كەتكەن ئىشلار ئۇنى چەكلەپ تۇرۇۋاتسا، ھەمدە پەقەت كۆنۈپ قېلىشلا ئۇنىڭغا ھۇزۇر، خاتىرجەملىك بېغىشلاۋاتسا، باشقىسىغا جېنىنى ئۇپرىتىپ نېمە كەپتۇ؟
رېستۇراندا كۈندە يېڭى ئىشلار چىقىپ تۇراتتى، يېڭى مېھمانلار كېلىپ تۇراتتى، دۇتتارنى زىل چېلىپ، ئادەتتىكى ئىشلارنىمۇ زىل قىلىپ كۆنۈپ كەتكەن روزاخۇن تەملىك كاۋاپلارنى چىقىرىپ مېھمانلارنى ھۇزۇرلاندۇرغان باشقا، ۋايىغا يەتكەن ساز، ناخشىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، ئۆز كۆڭلىنىمۇ خوش قىلىپ يۈرەتتى. بىر كۈنى كەچتە نازاكەت بىر قانچە قىزلارنى ئېلىپ ئايرىمخانىغا كېلىپ ئولتۇرۇش قىلدى، سورۇنى تۈگەي دېگەندە روزاخۇننى چاقىردى؛ نازاكەتنى دېسە روزاخۇننىڭ دۇتتا چالغۇسى يوق ئىدى، باشقا قىزلارنى دەپ قالدى. ھەر بىر يېڭى چىراي، يېڭى گۈزەللىكلەر ئۇنى غايىۋانە غىدىقلاپ تۇراتتى. نازاكەت ئۇنى ساۋاقداشلىرىغا تونۇشتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن كونا تونۇشلۇقىنى ئېيتتى، روزاخۇننىڭ سالاھىيىتى ئەگەر ناخشىچى بولغان بولسا نازاكەت بەلكىم ئۇنى دوستى، مۇھەببىتى قاتارىدا تونۇشتۇرغانمۇ بولاتتى.
ـــ شاراپەت كەلمەپتىغۇ؟ــ دېدى روزاخۇن خۇددى ئۇنى سېغىنىپ قالغاندەك ھەسرەت بىلەن.
ـــ كەلگىلى ئۇنىمىدى، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ھاراممىش، تورت يېمەيمىز، شام ياقمايمىز، پەقەت تاماق يەپلا كېلىمىز دېسەممۇ ئۇنىمىدى.
ـــ بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنىڭىزمىدى؟ مۇبارەك بولسۇن، قۇرۇق بولسىمۇ!
ـــ بىرەر ناخشا بولسىمۇ سوۋغا قىلارسىز؟ــ دېدى نازاكەت يېقىملىق كۈلۈپ،ــ ھېلىقى چاغدا نورۇزدا ئېيتالمىغان ناخشىڭىزنى بىر ئاڭلىغۇم بار.
روزاخۇن ئۇ ناخشىنى ئېيتىش پۇرسىتى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئازراق بولسىمۇ سۆيۈندى.
ـــ شۇ چاغدا سىزنى قەستەن سەھنىگە چىقارمىغاندەك ئىش بولدى، مەندىن بەك خاپا بولدىڭىزغۇ دەيمەن.
ـــ ياقەي، ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتتىم ھازىر…
ـــ ئەمىسە شۇ ناخشىڭىزنى بىر ئوقۇۋەتكەن بولسىڭىز.
روزاخۇن تولا ئوقۇپ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغىچە ئورناپ كەتكەن شۇ گۈزەل ناخشىسىنى بۇ قىزلارغا پۈتۈن مېھرى بىلەن تەقدىم قىلدى:
نەقەدەر گۈزەل بۇ ياشلىق چاغلىرىم،
نەقەدەر گۈزەل بۇ رەڭدار باغلىرىم.
ياشلىقتا چەككەن شۇ ئازابمۇ گۈزەل،
ناخشىدۇر گوياكى ئاھۇ زارلىرىم…

ناخشا تۈگىگەندە روزاخۇن بېشىنى ئەگدى، قىزلار ئېڭەك تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالغانىدى، نازاكەت ئېغىر ئۇھ تارتىپ ئارىدىكى جمىجىتلىقنى بۇزدى:
ــ ئەجەپ مۇڭلۇق ناخشىكەنغۇ بۇ؟ سەھنىگە بىر ئېلىپ چىققان بولسىڭىز بالىلار ئارىسىدا مودا بولغىدەككەن!
ـــ شۇ ئەمەسمۇ، جىق بالىلار ئاڭلىيالماي قاپتۇ بۇ ناخشىسى! يەنە بىر ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز تېلېفونىمىزغا ئېلىۋالساق بوپتىكەن! ـــ دېىيىشتى قىزلار.
روزاخۇن زوق-شوخ بىلەن ناخشىنى باشلاپ، بىر دەمدىن كېيىن ئۆز مۇڭى، ئۆز كۈيى، ئۆز قەلبىنىڭ قېتىغا چۆكۈپ كەتتى، قىزلار ھەر قېتىم بۇ ناخشىنى ئاڭلىسا مۇڭلىنىدۇ دەپ ئويلىدى ھەم شۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتتى.
ــ رەھمەت، بۈگۈن بۇ مەن ئۈچۈن تېپىلغۇسىز سوۋغات بولدى،ـــ دېدى نازاكەت ھاياجانلىنىپ.
ــ شۇ باھانىدا بىزمۇ سوۋغاتلىق بولۇپ قالدۇق،ــ دېيىشتىن قىزلار چاقچاق قىلىپ.
روزاخۇن بۇ ماختاشلاردىن مەست بولۇپ ئولتۇرغاندا تاڭنۇر خېنىم ئايرىمخانىغا ئۈسۈپلا كىردى:
ـــ ئىشىڭ تۈگىدىمۇ؟
قىزلار ئەجەبلىنىپ روزاخۇنغا قارىدى، روزاخۇن بۇ خوتۇنىنى ئەمدى كۆرۈۋاتقاندەك ھەيرانلىق، بىزارلىق بىلەن چەكچىيىپ ئورنىدىن قوپتى:
ـــ نېمە بولدى؟ نېمە ئىش؟
ـــ ئا يەردىكى مېھمانلار بەك ساقلاپ كەتتۇق دەپ ئولتۇرىدۇ!
ـــ ھازىر چىقىدۇ دەپ قوي.
ـــ ئىتتىكرەك بولارسەن…
تاڭنۇر خېنىم ياش، شاش قىزلارغا شۈبھىلىك نەزەردە قاراپ قويۇپ، چىقىپ كەتتى.
ـــ كىم ئۇ؟ ــ دېدى نازاكەتمۇ گۇمان بىلەن.
ـــ مېنىڭ ئايالىم بولىدۇ.
ـــ قاچان توي قىلىۋالدىڭىز؟ ــ دېدى نازاكەت ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي.
ـــ يېقىندا قىلدۇق.
ـــ نېمانچە تېز دەيمىنا؟ بىزگە خەۋەرمۇ قىلماپسىزغۇ؟
ـــ چوڭ توي قىلمىدۇق، يىگىرمە ئوتتۇز خەققە چاي بېرىپلا ئىشنى تۈگەتتۇق.
ـــ شۇنداق بولسىمۇ، توي ئىشى دېگەن چوڭ ئىش تۇرسا…
ـــ مەنمۇ سىلەرنى چاقىراي دەپ ئويلىغان، لېكىن…
ـــ لېكىن سورۇنغا ماس كەلمەيدۇ، بىزنى ياراتمايدۇ دەپ ئويلاپ… شۇنداقمۇ؟
ـــ ئۇنداقمۇ ئەمەس، سىلەر كېتىپلا ئىزدەشمىدۇق.
ـــ توغرا دېدىڭىز، مەيلى، ئىشقىلىپ بەختلىك بولۇڭلار.
نازاكەت دوستلىرى بىلەن بىللە قايتىشقا تەمشەلدى، قىزلار ”ناخشىڭىزغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت“ دېيىشىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى. نازاكەت ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭغا بىر نەزەر تاشلىدىكى، بىر نەرسگە ئېچىنىۋاتامدۇ ياكى ئاھ ئۇرۇۋاتامدۇ… بىلگىلى بولمايتتى. نېمىشقا بۇ قىزلار مۈشۈك بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىنى تاتىلايدىغاندۇ؟
روزاخۇن يەنە بىر ئايرىمخانىغا ماڭغاندا ئۆزىنى تولىمۇ ھارغىن، كۆڭۈلسىز ھېس قىلدى. ئەمدى ھېچكىمگە دۇتتار چېلىپ ناخشا ئوقۇپ بەرگۈسى يوق ئىدى، مېھمانلارغا ئۆزۈر ئېيتىپ يېنىپ چىقىمەن دەپ ئويلاپ كىردى، ئەمما سورۇننىڭ چوققىسىدا كېرىلىپ ئولتۇرغان ۋەلى پىجۇنى كۆرۈپ غىڭ قىلالمىدى، چىلاشقۇدەك ئىچىپ، نېمە چالغىنىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە مەست بولۇپ، ئارقىدىن ساراڭ بولۇپ كېتىشنى ئويلىدى.

5

روزاخۇن بەزىدە شۇ قىزلارنى، نازاكەتنىڭ ئاخىرقى نىگاھىنى ئەسلەپ قالاتتى، گۈزەللىك بەك قىسقا، خوتۇن ئالمىغان بولسا بەلكى شۇ قىزلاردىن گۈزەللىك، بەخت تەمە قىلىپ يۈرگەنمۇ بولاتتى. خوتۇنى ئۇنىڭغا بۇنداق پۇرسەت بەرمەيتتى، ئىشلە، پۇل تاپ، ھاجىتىمدىن چىق، مېنى خۇشال قىل دەيتتى. كۆز ئالدىدىكى تۇرمۇش، نەق نەرسىلەر بەئەينى ئوت كەتكەن ئۆيگە ئوخشاش ئۇنى ئالدىرىتىپ تۇراتتى، بېرىپ سۇ چېچىپ ئۇ نەپسانىيەت ئوتىنى ئۆچۈرمىسە بولمايتتى. ئەمما كۈنلەر ئۆتۈپ، ئىشلەمچىلەر ئارىسىدا خوتۇنى ھەققىدە بەزى مىش-مىش پاراڭلار كۆپىيىپ قالدى، يەۋاتقان ئىشتىھالىق غىزاسىنى ھەر قانچە قولدىن چىقىرىپ قويغۇسى بولمىسىمۇ، رىسقىغا چاڭ سېلىۋاتقان ھاشارەتلەرنى كۆرمەي تۇرالمايتتى.
ـــ ئاڭلىغان گەپلەر راستمۇ؟
ـــ قايسى گەپلەر؟
ـــ ماڭا راستىڭنى ئېيت، ئەگەر كېتىپ شۇ ئېرىڭگە تەگكۈڭ بولسا مەن ياق دېمەيمەن، لېكىن مەن تۇرۇپ ئۇنىڭغا غىلجىڭلايدىكەنسەن، كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن.
ـــ ۋاي ئۆتەپ بارە نېرى، كىم ئۇنىڭغا غىلجىڭلاپتۇ!
خوتۇنىنىڭ ساراڭدەك چەكچىيىشلىرى ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق تۇيۇلۇپ كەتتىكى، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۈلۈپ، نازلىنىپ يۈرۈيدىغان ئۇ جۇۋان نەدە قالدى، ھېچ بىلەلمىدى.
ـــ دېمەك، خەقنىڭ گېپى راستكەن-دە! مەنغۇ ئەزەلدىن سەندەك خوتۇنلارغا ئىشەنمەيتتىم.
ـــ خەق نېمە دېسە ئىشىنىدىغان سەندەك دۆتنى كۆرمەپتىكەنمەن، بىرى ناماز ئوقۇ دېسە ئوقۇيسەن، ھاراق ئىچ دېسىمۇ ئىچىسەن، ئەمدى خوتۇنۇڭ بۇزۇلدى، قويۇۋەت دېسە قويۇۋېتەمسەن؟ سېنىڭ بىر مۇستەقىل كاللاڭ يوقمۇ؟
روزاخۇن بۇ گەپتىن ئۇجۇقۇپ كەتتى، تاڭنۇر خېنىم نايناقلاپ يۈرگەن بىلەن بىر ئىشلارنى ئويلاپ تۇرىدىكەن، ئېرىنى چۈشىنىدىكەن، ھەتتا كۆڭۈل بۆلىدىكەن…
ـــ ئەمىسە نېمىشقا چىقىدۇ بۇ گەپلەر؟
ـــ بىز خەقنىڭ ئەسكىلىكىنى بىلمەمسەن؟ ئىككىمىزنىڭ قاملىشىپ كەتكىنىگە چىدىماي شۇنداق دەيدۇ.
روزاخۇن بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق گەپكە قۇلاق سالماسلىق قارارىغا كەلدى، ئەمما ئەرشىدىن بىر كۈنى ئۇنى چاقىرىپ قاتتىق تەگدى:
ـــ دېمەي دېگەن، لېكىن ئىچىمگە پاتمىدىم. سەن ئادەم بولمايدىغان گۇيكەنسەن!
ـــ بۇ گېپىڭنى تولا ئاڭلاپ كەتتىم، مەن ئادەم بولمىسام، سەن ئادەم بولۇۋالارسەن!
ـــ پات يېقىندا بۇ يەردىن كېتىمەن، ساڭا شۇنى دەپ قوياي، ئۇ خوتۇننى قويۇۋەت، مەن نەچچە قېتىم كۆرۈپ قالمىغان بولسام ساڭا بۇ گەپنى دېمەيتتىم، كۆرۈپ تۇرۇپ گەپ قىلماسلىقنى ۋىجدانىم كۆتەرمىدى. مەن سېنىڭ ئۇ خوتۇنغا ئامراقلىقىڭنى، نەپسىڭدىن كېچەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن، لېكىن شۇ پاسىق خوتۇننى خەقنىڭ ئالدىدا خوتونۇم دەپ يۈرۈشتىن نومۇس قىلمامسەن؟ ھاياسىزدا ئىمان يوق دېگەننى بىلمەمسەن؟
ـــ نېمىنى كۆرۈپ قالدىڭ؟ نېمە بوپتۇ؟
ـــ بولدىلا، مەن دېسەممۇ ئىشەنمەيسەن، ۋەلى پىجۇغا يەنە بىر قېتىم دۇتتار چېلىپ بېرىپ، ھارىقىنى ئىچىپ بەرگەن ئاخشىمى ھەممىنى بىلىسەن…
روزاخۇن ۋەلى پىجۇنىڭ قولىدىن بىر رومكا ئاچچىق ھاراقنى ئىچىۋەتكەندەك تۈرۈلۈپ، كۆزلىرى پۈرۈلۈپ كەتتى. شۇ ئوغرى كېلىپ بولغىچە ھېچنېمىنى چاندۇرماي، تاڭنۇر خېنىمنى قانغۇدەك خوتۇن قىلىپ، كۆڭلىنى خوش ئېتىپ يۈرىۋەردى. نىھايەت، ۋەلى پىجۇ ئۆز قەرەلىدە، خوتۇنىنى سېغىنىپ كەتكەن مەھەلدە رېستۇرانغا پەيدا بولۇپ، روزاخۇنغا يەنە ھاراق تەڭلەپ، مايمۇن تاماشاسىنى كۆردى. روزاخۇنمۇ ئۇلار دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتە ھاراقنى يېرىم ئىچىپ، يېرىمىنى تۆكۈۋېتىپ ياكى جاۋغىيىغا ئېقىتىۋېتىپ، ئاخىرىدا يالغاندىن مەست بولۇۋېلىپ، ھۇجرىسىدا پۇرسەت كۈتۈپ ياتتى. تاڭنۇر خېنىم ئۇنى يېشىندۈرۈپ، ئايىغىنى سالدۇرۇپ، يوتقاننى يېپىپ قويۇپ كىيىمىنى سالماي ئولتۇردى، تېلېفونىغا ئۇچۇر كەلگەن ھامان تالاغا ماڭدى. دېمەك، ۋەلى پىجۇ خوتۇنىنى بىر كونۇپكا بىلەنلا باشقۇرىدىغان ماشىنا ئادەمدەك قىلىۋەتكەنىدى.
… روزاخۇن ھايال ئۆتمەي كىيىنىپ، ئايىغىنى كىيىپ خوتۇنىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى، ئارقا ھويلىدىن چىقىپ، خالاغا كىرىپ كەتكەن خوتۇنى بىر دەمدىن كېيىن قايتىپ چىقىپ، ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن چوڭ كوچىغا بۇرۇلۇپ، دەرەخلىرى قويۇق پىيادىلەر يولىنىڭ چېتىگە توختىتىپ قويۇلغان يوغان دالا ماشىنىسىغا كىرىپ كەتتى. روزاخۇن چەكچىيىپ تۇرۇپ قالدى، كۆپ مېڭىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانىدى، ھەممىنى كۆرۈپ تۇراتتى؛ يەنە بىر قەدەم كېچىكسە خوتۇنى بۇرۇنقى ئېرىنىڭ، ھازىرقى پاھىشۋاز ئوغرىنىڭ نەپسىنى قاندۇراتتى. توۋا دەيتتى روزاخۇن ماشىنىغا يېقىنلاپ كېلىۋېتىپ، بۇ ئوغرى خوتۇنىنى شۇنچە يىل خوتۇن قىلىپ يەنە تويمىغانمىدۇ؟ تويمىغان بولسا نېمىشقا قويۇۋەتتى؟ ئەمدى چىدىمىغان بولسا نېمىشقا يېنىشىۋېلىپ، ئۆز ئۆيىدە خوتۇن قىلماي بۇ يەردە رەسۋالىشىپ يۈرىدۇ؟ تاڭنۇر دېگەن ئاۋۇ بۇزۇق، سېسىق، مەينەت… نېمىشقا ئەرگە تويمايدۇ؟ نېمىشقا ئۆزىنى بۇلغايدۇ؟ نېمىشقا مېنى ئالدايدۇ؟
روزاخۇن غەزەپ بىلەن ئۇلارغا يېقىنلاپ كەلدىيۇ، ماشىنىنىڭ قاپقارا دېرىزىسىدىن ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى. ماشىنىنىڭ ئىچىدىن ئېغىر-ئېغىر تىنىشلار، پۇشۇلداشلاردىن باشقا ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمىدى. ئۇ ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى غەزەب بىلەن مۇشتلىدى، ئۇلار چۆچۈپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۈن-تىن چىقارماي تۇرىۋېلىشتى.
ـــ ئاچە ئىشىكىڭنى بۇزۇق شاۋچىلار، ھارامدىن بولغانلار!!!
ئىشىك يەنە ئېچىلمىدى، روزاخۇن پىيادىلەر يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بوشاپ قالغان بىر پارچە خىشنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئەينەككە ئۇردى.
ـــ ئاچە ئوغرى، ئىشىكىڭنى!
ئەينەك خېلى پۇختا بولسا كېرەك، بىرىنچى قېتىمدا دەز كەتتى، ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرگەن ۋەلى پىجۇ ماشىنىدىن پىچىقىنى ئېلىپ سەكرەپ چۈشتى:
ـــ ھەددىڭدىن ئاشما ھېجىقىز، ھېلى بىكار تېرەڭنى تەتۈر سويىمەن!
ـــ كېلە ئوغرى، پىچىقىڭدىن قورقۇپ قالمايمەن!
ـــ قاراپ تۇرۇپ نەچچە مىليونلۇق ماشىنامنى كاردىن چىقاردىڭ، ئەينەكنى تۆلە!!!
ـــ ماڭاۋە ئوغرى، ئەينىكىڭنى قويۇپ تۇرۇپ ماۋۇ بۇزۇقنىڭ گېپىنى قىلە، نەچچە قېتىم بولدى، نەدە يېتىشتىڭ، ھەممىنى تاپشۇر، سەن بىلەن بۈگۈن تۈزۈك ھېسابلىشىمەن!
ـــ سەن نەچچە قېتىم مەست بولغان بولساڭ، مەن شۇنچە قېتىم ئوينىدىم، نېمە قىلسام ئۆزەمنىڭ خوتۇنى! قاچانلا بولسا مېنىڭ خوتۇنۇم، تولا گەپ قىلماي، ئەينەكنى تۆلە!
ــ تۆلەمدىمەن.
ــ تۆلەيسەن.
ـــ راست تۆلەمدىمەن؟
ـــ راست تۆلەيسەن.
ـــ مانا ئەمىسە، ـــ روزاخۇن قولىدىكى خىشنى دەز كەتكەن ئەينەككە كۈچەپ ئۇردى، ئەينەك چېقىلىپ، تاڭنۇر خېنىم چىقىراپ كەتتى.
ـــ كۆزۈڭ قۇيۇلۇپ كەتسۇن رەسۋا!
ۋەلى پىجۇ غەزەپ ئاچچىقىدا قولىدىكى پىچاقنى دىۋەيلەپ كەلدى، روزاخۇن بىر ياقتىن قولىدىكى خىشنى دىۋەيلەپ، بىر ياقتىن ماشىنىنىڭ ئەينەكلىرىنى چېقىشقا باشلىدى، تاكى ماشىنىنىڭ ھەممە ئەينىكى چېقىلىپ، قولىدىكى خىش سۇنۇپ كەتكىچە چاقتى، ئەينەكنىڭ چېقىلىشلىرى بىلەن تاڭنۇرنىڭ چىقىراشلىرى ۋە ئەينەككە قاراپ يۈرەكلىرى پارە-پارە بولغان ۋەلى پىجۇنىڭ سەت ۋاقىراشلىرى روزاخۇنغا دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ئاۋاز، ئەڭ ئېسىل نەغمە بولۇپ ئاڭلاندى. ماشىنىسىنىڭ ۋەيران بولغىنىنى كۆرۈپ غەزەبتىن خۇدىنى يوقاتقان ۋەلى پىجۇ روزاخۇننى بوغۇزلىۋەتسىمۇ دەردى چىقمايدىغاندەك ئەلپازدا ئېتىلىپ كېلىۋىدى، بېشىغا خىش پارچىسى تېگىپ يۈز-كۆزلىرى قانغا بويالدى .
ـــ نوچى بولساڭ ئەمدى كىرىپ ئوينا!
روزاخۇن ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاقنى مەنسىتمەي، ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئېچىپلا تاڭنۇرنى سۆرەپ چۈشۈپ، يەرگە يىقىتىپ تېپىپ دەسسەشكە باشلىدى.
ـــ نەپسى تويماس بۇزۇق، ئىپلاس قانجۇق!!!
ھېلىقى دوكتور ”بىز تۈركلەرنىڭ ئەركەكلىكىنى ئۆگىنىپ، ئار-نومۇسنى ئاقلىشىمىز كېرەك“ دېمىگەنمىدى؟ بۇ ئىپلاسلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى بولمىسىمۇ، ئېسىدىن چىقمىغۇدەك جازالاش لازىم. روزاخۇن خوتۇنىنىڭ خىيانىتىگە غەزەبلىنىۋاتامدۇ ياكى ئۇنى ئەمدى خوتۇن قىلالماسلىق ئازابىغا چىدىمايۋاتامدۇ، ئەيتاۋۇر پۈتۈن كۈچى بىلەن تېپەتتى، دەسسەيتتى، تاڭنۇر خېنىم ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ دات-پەرياد كۆتۈرۈپ نالە قىلاتتى. شۇ ئەسنادا ۋەلى پىجۇ پىچىقىنى كۆتۈرۈپ تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەلدى، روزاخۇن ئۇنىڭ بۇنچە چاققان كېلىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى، ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىدى.
ـــ تاڭنۇر، ئۇنىڭ پۇتىنى قويۇۋەتمە!
روزاخۇننىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى، بېقىنىغا كىرىپ كەتكەن دەھشەتلىك ئاغرىقتىن تولغىنىپ يەرگە يىقىلدى. كۆزىگە قىزىللىق تىقىلغان ۋەلى پىجۇ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە پىچاق تىقىۋەردى… يول بىر دەمدە قىپقىزىل قانغا بويالدى.
ـــ بولدى قىل، ئۆلۈپ قالىدۇ!
ـــ ئۆلسۇن بۇ شاۋچى، ئاۋۋال ماشىنامنى تۆلىسۇن.
ـــ ئۆلسە نېمىنى تۆلەيدۇ، ئاۋۋال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزايلى!ــ تاڭنۇر خېنىم لاغىلداپ تىترەپ.
ـــ ساراڭمۇ سەن، قۇتقۇزساڭ ئۆزەڭ قۇتقۇز، ئېرىڭ بولغاندىكىن…
ـــ ئۇنداق قىلماي، دوختۇرخانىغا بولسىمۇ ئاپىرىشىپ بەرگىن…
ـــ ئەينىكى چېقىلغان ماشىنىنى ئەمدى ھەيدىگىلى بولمايدۇ!
ـــ ماشىناڭنى مەن رېمونت قىلدۇرۇپ بېرەي، ئۇنداق قىلما!
ـــ ئېرىڭگە بەك ئامراق ئوخشىمامسەن، ساراڭ!
ـــ باشقا ئادەم بولسىمۇ قۇتقۇزۇش كېرەك، قاراپ تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟
ـــ مېنىڭ ئاچچىقىم تېخى يانمىدى!
ـــ ئۇنداق قىلما، بۇ يەردە تۇرىۋەرسەك خەق كۆرۈپ قالىدۇ، يەنە كېچىكسەك ئۇ قانسىراپ ئۆلۈپ قالىدۇ…
ـــ ئۆزىگە ئۆزى قىلدى بۇ قاپاق نوچى، بولمىسا ياخشى ئاغىنە ئىدۇق، ئىشىمىزنى بۇزمىغان بولسا، ماشىنامنى چاقمىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى ئاغىنە بولۇپ قالاتتۇق. دۇتتارنى ياخشى چالاتتى-دە كاساپەت!
ـــ ئەگەر ئۇ ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭدەك چالىدىغان ئادەم چىقمايدۇ، ئۆتۈنۈپ قالاي!… ـــ تاڭنۇر خېنىم يىغلاپ ئېقىپ كەتتى.
ـــ بىز ئاپىرىپ بولغىچە ئۆلۈپ قالسىچۇ؟
ـــ ئاۋۋال ئاپىرىپ باقمامدۇق…
ۋەلى پىجۇ قانسىراپ ياتقان روزاخۇنغا ئەمدى ئىچى ئاغرىدى بولغاي، ”ئىست سەن گۇيغا“ دەپ پىچىرلىدى، بۇرنىغا قولىنى ئاپىرىپ بېقىپ تارتىۋالدى، تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈپ بېشىنى چايقىدى.
ـــ ئۆلۈپتۇ!
ـــ نېمە؟
ـــ ئۆلۈپتۇ، ئىشەنمىسەڭ تىنىقىنى تىڭشاپ باق.
ـــ ئۇنچە پىچاق يېگەندىكىن ئۆلسىمۇ ئۆلگەندۇ…
ۋەلى پىجۇ روزاخۇنغا خۇددى خەق ئۆلتۈرۈۋەتكەن جەسەتكە قارىغاندەك قورقۇمسىراپ قاراپ قويدى، تاڭنۇر خېنىم مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى.
ـــ ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
ـــ جەسەتنى ئېلىپ كېتىپ بىر يەرگە تاشلىۋېتىمىز.
ـــ ساقچىلار بەرىبىر تېپىۋالىدۇ…
ـــ بىر يەرگە ئاپىرىپ كۆيدۈرۈۋەتسەك تاپالمايدۇ، بېنزىن، چاقماق، ھەممىسى تەييار…
ئۇلار روزاخۇننى ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا سېلىپ، شەھەر سىرتىغا ماڭدى.
ـــ مەنچە بىر يەرنى تېپىپ كۆمۈۋەتسەك دەيمەن، كۆيدۈرسەك ياخشى بولمايدۇ، ــ دېدى تاڭنۇر خېنىم.
ـــ كۆيدۈرمىسەك ئامال يوق…
ئۇلار ئۇيان مېڭىپ، بۇيان مېڭىپ، شەھەر سىرتىدىكى ئەخلەت تۆكۈش مەيدانىغا كېلىپ قالدى. غايەت زور ئەخلەت دۆۋىسى گويا كىچىك تاغقا ئوخشايتتى.
ـــ مۇشۇ يەر تازا بولىدۇ، خەقلەر قەغەز كۆيدۈرۈۋېتىپتۇ دەپ بىلىدۇ!
ۋەلى پىجۇ ئىنجىقلاپ يۈرۈپ جەسەتنى چۈشۈردى، ماشىنىسىدىن بېنزىن ئېلىپ ئۈستىگە چاچتى، ئاندىن چاقمىقىنى ياندۇرۇپ ئۈستىگە تاشلىدى، ئاتەش يۈرەك روزاخۇن لاپپىدە ئوت ئېلىپ، يالقۇنلاپ كۆيۈشكە باشلىدى…
نومۇسسىز ۋەلى پىجۇ بىلەن ھاياسىز تاڭنۇر خېنىم ”ئۇھ“ دەپ ئېغىر تىنىپ، دېرىزىلىرى چېقىلغان يوغان ماشىنىغا چىقىپ، جەڭدىن قايتقان غالىب ئەسكەرلەردەك كېتىپ قېلىشتى.
بىر دەمدىن كېيىن قۇرۇلۇش ئەخلىتىنى توشۇيدىغان بىر ماشىنا بۇ يەرگە كېلىپ توختىدى.
ـــ كۆيۈۋاتقان نېمە ئۇ؟ــ دەپ سورىدى شوپۇرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان تەتەي.
ـــ ئادەم ئوخشايدۇ!ــ دېدى شوپۇر چەكچىيىپ.
ـــ ئادەممۇ، ھايۋانمۇ كىم بىلىدۇ…
ـــ بىرسى قاتىللىق قىلىپ ئىزىنى يوقاتماقچىدەك قىلىدۇ، ساقچىغا خەۋەر قىلامدۇق؟
ـــ جىم ئولتۇرۇڭ، خەق بىلەن نېمە كارىمىز؟
ـــ ئەگەر ئۇ پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتسە ئىز يوقۇلىدۇ.
ـــ يوقالسا يوقالمامدۇ، ئۇنى ھېچكىم تونۇمايدۇ. بەلكىم ئۇنىڭمۇ گۇناھى باردۇر، بىرسىگە باسقۇنچىلىق قىلغاندۇ، ئوغرىلىق قىلغاندۇ، زەھەر ساتقاندۇ…
ـــ لېكىن جىنايىتى بولسا ئۇنى ھۆكۈمەت جازالىمامدۇ؟
ـــ ھەممىنى ھۆكۈمەت جازالاپ بولالمايدۇ، ئۆزىنى ئۆزى جازالايدۇ.
ـــ ھۆكۈمەت دېگەنمۇ پۇلى بارلارغا يانتاياق ئىكەن، كۈچى يەتسە، شۇنچە بىنا سېلىپ، نەچچە مىليارد پۇل تېپىپ يەنە بىزنىڭ ئىش ھەققىمىزنى بەرمەيۋاتقان خوجايىنلارنى جازالىسا بولاتتى.
ـــ ئۇلارنىڭمۇ ھامان جاجىسىنى يەيدىغان كۈنى كېلىدۇ، شۇڭا بىز ھازىرقى كۈنىمىزگە شۈكرى قىلىپ تۇرايلى.
ـــ مۇشۇ ۋاققىچە ئۆيىمىز يوق، نېمىگە شۈكرى قىلىمىز!؟ فاڭدۇڭ قېرى ئۆلمىگەن بولسا، ئۆيىنى ئوغلى ساتمىغان بولسا شۇ ئۆيمۇ بولۇپ قالاتتى.
ـــ ئۇ ئۆي بولمىسا مانا يوغان ماشىنا بارغۇ، ــ دېدى تەتەي ئېرىنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ،ـــ قارا ئىشتىن قۇتۇلۇپ شوپۇر بولدىڭىز، مۇشۇ تاپتا سىز بىلەن بىللە بولۇشتىن ئارتۇق بەخت يوق ماڭا!
ـــ لېكىن سېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭنى ئويلىسام كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ، خەقنىڭ پۇتىنى يۇيۇشتىن باشقا ئىش تاپساڭ بولمامدۇ، مەسىلەن تازىلىق قىلىش دېگەندەك.
ـــ ئۇۋىلاشنىڭ كىرىمى ئوبدان، يەنە كېلىپ باشقا ئىشقا زورلىمايدۇ.
ـــ كىم بىلىدۇ، جەمئىيەت بەك بۇزۇلۇپ كەتتى.
ـــ ماڭا ئىشىنىڭ، كىم ماڭا ئۇنى زورلايدىكەن، ئىشنى تاشلاپ يېنىپ چىقىمەن.
ـــ بەك جاپا چېكىۋاتىسەن خوتۇن…
ـــ ئامال يوق، پۇل تاپمىساق، بالىلارنى ئوقۇتمىساق بولمايدۇ.

كۆيۈۋاتقان ئوت ئۆچكەندە روزاخۇن چۈشىدىن ئويغىنىپ، ئۆز ھۇجرىسىدا ياتقانلىقىنى كۆردى، خوتۇنى كۆرۈنمەيتتى، ئۇ ئاۋۋال بېقىنىنى، ئاندىن پۈتۈن بەدىنىنى سىلاپ بىر دەم ياتتى، خوتۇنى يەنە كىرمىدى. ئۇنى قورقۇنچ بېسىۋالدى، ” بۇزۇق خوتۇن، مېنى ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ دېمە، ساڭا ئۆلۈپ بېرىش ئەرزىمەيدۇ، قايتىپ كىرگەندە ئەدىۋىڭنى بېرىپ قوپالماس قىلىۋېتىمەن“ دەپ ئويلىدى… چۈشىدە كۆرگەن ئىشلار، بۇلۇنغان گەپ-سۆزلەرنى خۇددى كىنو كۆرگەندەك ئەسلىدى ۋە نېمىشقا ئەڭ ئاخىرىدا ھېلىقى تەتەي بىلەن ئېرىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنىغا ھېچ ئەقلى يەتمىدى. ”ماڭا زادى شۇ تەتەينىڭ جىنى چاپلاشقان، بولمىسا بەدىنىم كۆيگەندە چىققان پۇراقنى قانداق تاپالايدۇ؟ مېنىڭ كۆيۈپ كۈل بولغىنىمنى كۆرۈپ كۆڭلى تىنغانمىدۇ؟ ئۇۋىلاش ئورنى نەدە؟ مېنى كۆرسە چۆچۈپ كېتەرمۇ؟ “ دەپ ئويلىدى. ئۆزىنىڭ ھاياتلىقىنى بىلىش، چۈشىدە ئەمەس، ئەقلى-ھوشى جايىدا ۋاقىتتا خىيال سۈرۈش نەقەدەر ھۇزۇر-ھە! ھېچقانداق ئادەم چۈشىدە نېمە خىيال قىلغانلىقىنى دەپ بېرەلمەيدۇ، ئەمما نېمە دېگەنلىكىنى، نېمە قىلغانلىقىنى خاتىرىلەپ بېرەلەيدۇ. ئادەم نېمىنى تولا خىيال قىلسا شۇنى چۈشىدە كۆرىدۇ دەيدىكەن، قۇرۇق گەپ، روزاخۇن قاچان شۇ قورقۇنچلۇق ئىشلارنى خىيال قىلىپ باققان؟ بەلكىم شۇنداق پالاكەت ۋە شۇملۇقلارنى ئېھتىماللىق نۇقتىسىدىن خىيالىغا كەلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ۋەلى پىجۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئەينىكىنى چېقىش، ئۇنىڭ پىچىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرالماسلىق، دوختۇرخانىغا ئۈلگۈرەلمەسلىك، ئەخلەتخانىغا چۆرىۋېتىلىش… دېگەنلەرنى زادى ئويلاپ باقمىغان-دە! ئادەم ئۆزى زادى ئويلاپ باقمىغان، باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان ئىشلارنى چۈشەپ قېلىش باشقا ئادەملەردىمۇ بارمىدۇ ياكى بۇ روزاخۇنغىلا خاس غەيرى ئالامەتمىدۇ؟ روزاخۇن ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئاجايىپ مەخلۇق ئىكەنلىكىنى مۇشۇ ۋاقىتتىكىدەك ھېس قىلىپ باقمىغانىدى، يوتقىنىدىن چىقماي تۇرۇپ ئۇشبۇ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ ياتىۋەردى. بىر چاغدا ئىشىك تىرىقلاپ تاڭنۇر خېنىم كىرىپ كەلدى، روزاخۇن بېشىنى كۆتۈرۈپ، كارىۋاتنىڭ بېشىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ سوراقنى باشلىۋەتتى:
ــ نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟
ــ خالاغا چىقىپ كىردىم.
ــ شۇنداق ئۇزاق يوقاپ كېتەمسەن؟
ــ قورسىقىم ئاغرىپ…
ــ چىقە كارىۋاتقا، ــ روزاخۇن خوتۇنىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئەكىلىپ، يېنىغا ياتقۇزدى، ئاندىن بىردىنلا ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭ قورسىقىغا چىقىۋېلىپ سوراقنى داۋاملاشتۇردى:
ــ كىمنىڭ قېشىغا باردىڭ؟ راست گەپ قىل!
ــ ھېچ…
ــ يۈزۈڭگە سالىمەن بىكار، راستىڭنى ئېيت. ۋەلى پىجۇنىڭ ماشىنىسى نېمىشقا توختىماي لىڭشىيدۇ؟
تاڭنۇرنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.
ــ سەن پاسكىنا مېنى كۆرمىدى دەپ قالما، بارغان بولسام ھەر ئىككىڭنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ تاشلايتتىم، خۇن داۋاسىغا قالماي دەپ ئۆزەمنى تارتتىم، سەن شاۋچىلارنى دەپ تۈرمىدە ياتقۇم يوق. ھازىردىن باشلاپ لاقا-لۇقاڭنى كۆتۈرۈپ بۇ ئۆيدىن يوقال!
ــ نېمە دەيدىغانسەن روزى؟ بىز پەقەت ماشىنىدا پاراڭلاشتۇق، باشقا ئىش قىلمىدۇق!
ــ يەنە قانداق ئىش قىلساڭ بولاتتى، رەسۋا!
ــ مېنى بىر قېتىم كەچۈرۈۋەت، ئالدىڭدا يالۋۇراي، نېمە دېسەڭ شۇنى قىلاي، قەرزىڭنى ئۆزەم تۆلەي، باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قىل!
ــ سەندە يۈز دېگەن نېمە بارمۇ؟ خەقلەرنىڭ دەۋاتقان گېپى ئازمۇ؟ زادى نېمەڭگە نېمەڭ يەتمەي شۇنداق قىلىسەن؟
ــ سېنىڭ ئىش ھەققىڭ ئاز، مەن دېگەن نەرسىنى ئېلىپ بېرەلمەيسەن، مېنىڭمۇ باشقا خوتۇنلاردەك يۈرگۈم كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالسام بولمايدۇ.
ــ بىلىمەن، سەن پەس شاۋچى، شۇ لاقا-لۇقاڭنى دەپ نومۇسۇڭنى ساتتىڭ!
ــ كىم نومۇسىنى سېتىپتۇ، بۇ دېگەن ئادىل مۇناسىۋەت!
ــ بۇ مۇناسىۋەتنى كىملەر بىلەن قىلىۋاتىسەن؟ ۋەلى ئوغرى، يەنىچۇ؟
ــ باشقا ھېچكىم يوق.
ــ ئۇنى يەنە ئېرىم دەپ يۈرەمسەن؟ ئۇنداقتا مەن نېمەڭ؟
ــ سەنمۇ ئېرىم، لېكىن ئەر-خوتۇنچىلىقتىن باشقا تەلىۋىمنى قاندۇرالمىدىڭ، شۇنداق بولسىمۇ ھاجىتىڭدىن چىقىۋاتىمەن، يېنىڭدىن ئايرىلماي تۇرۇۋاتىمەن، خىزمىتىڭنى قىلىۋاتىمەن. ئەمدى سەنمۇ ماڭا بىرەر قېتىم يول قويساڭ بولمامدۇ؟
ــ توۋا ما دەيۈز خوتۇننى، مېنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ سەن؟!
ــ مېنى خوتۇن قىلغاندىكىن تەلىۋىمنى ئورۇنلايسەن-دە؟!
ــ شۇ ئۆتمەس ماتا، تۆمۈر-تېسەكلىرڭنى ئېلىپ بېرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن مېنى نومۇستىن ئۆلتۈرەمسەن، پاسكىنا؟
ــ ئاغزىڭنى چايقىۋېتىپ گەپ قىل قاراگەدەن!
روزاخۇن ئۇنىڭ قېلىن كاچاتلىرىغا ئۇرۇپ ۋاقىرىدى:
ــ تاقىتىڭ توشتى سەن بۇزۇقنىڭ، كىمگە بۇزۇلغان بولساڭ بېرىپ شۇنى تاپ! خېتىڭنى بەردىم، ئۈچ تالاق!
ــ ۋاي تېخى، مەنمۇ سەن قەلەندەردىن قۇتۇلغانغا خوش!
ــ سەن بۇزۇق ئەمدى ماڭا چوشقىدەك ھارام! كۆزۈمدىن يوقال!
ــ نەگە يوقىلىمەن، سەن يوقال! بۇ ئۆينى زاكىرە خېنىم مېنى دەپ بەرگەن.
ــ يوقالمىساڭ كۆتۈڭگە تېپىپ قوغلايمەن.
تاڭنۇر ئۇنىڭغا ئۈمىدسىزلىك، ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ قويۇپ، ۋەلى پىجۇغا تېلېفون قىلدى:
ــ ۋەي، ۋەلىما، ئادەملىرىڭنى ئېلىپ يېنىمغا چاققان كېلە! ماۋۇ بىر نېمە مېنى ئۆيدىن قوغلاۋاتىدۇ!
ۋەلى پىجۇ دەرھال ماقۇل بولغان بولسا كېرەك، تاڭنۇر ”چاققانراق بولارسەن“ دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
روزاخۇن ۋەلى پىجۇنىڭ پىچاق كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ شۈركىنىپ كەتتى.
ــ دېمىڭ ئىچىڭگە چۈشۈپ كەتتىغۇ؟ چىرايلىق گەپ قىلسام نوچىلىق قىلغاندىكىن، ئەمدى توي! ساڭا دېسەم، بىزدەك خوتۇنلارنىڭ بۇ يەردە ئىككى نەرسىسى بار، بىرى يۆلەنچۈك، بىرى ئويۇنچۇق. ۋەلى پىجۇ ھازىر مېنىڭ داگېرىم، ئۇ بولسا بۇ شەھەردە ھېچكىم مېنى بوزەك قىلالمايدۇ. سەن بولساڭ، ئويۇنچۇقۇم. خالىسام ئوينايمەن، خالىسام تاشلايمەن. ئەمما سېنىڭ مېنى تاشلىۋېتىشىڭگە يول قويمايمەن. ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، ۋەلى پىجۇنىڭ ئادەملىرى ھازىرلا كېلىپ پېيىڭنى قىرقىيدۇ…
روزاخۇن ساراسىمىگە چۈشۈپ، تامدىكى دۇتتارىغا قاراپ قويدى. تاڭنۇر خېنىم بەئەينى نەپسانى ئارزۇ بولۇپ، كىرمەك ئاسان بولغان بىلەن چىقماق تەس ھاڭ ئىدى. روزاخۇن بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى تاپالمىدى، غۇرۇر، ۋىجدان دېگەن تىك قىيا، ئېگىز چوققا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇشەققەت، بۈركۈتتەك جاسارەت لازىم ئىدى. ئاسانلىق، راھەت-پاراغەت خۇددى مۇشۇ ئىپلاس خوتۇننىڭ بەدىنىدەك يۇمشاق، لەززەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا پارازىت قۇرتتەك ئۆمىلەپلا چىققىلى بولاتتى.
روزاخۇن ئىككى خىيال ئارىسىدا بوغۇلدى، ھەر قانچە قىلىپمۇ ئەركەكلىك غۇرۇرىنى دەپ بۇ ئۆينى تاشلاپ كېتىشكە، خوتۇن لەززىتىدىن، دۇتتار نەغمىسىدىن، سورۇن قىزىقچىلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا چىدىمىدى. چۈشىدىكى ئىشلارنى ئەسلىدى: قورقۇنچ خۇددى پارقىراپ تۇرغان پىچاقتەك يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى، نەپسانىيەت خۇددى مۇشۇ خوتۇنىدەك، مۇشۇ ئاق يىلاندەك چىرمىشىپ، پاچاقلىرىنى مىدىرلىغۇسىز قىلىۋەتكەنىدى.
روزاخۇننىڭ سالپىيىپ كەتكەنلىكىنى، تەلتۆكۈس مەغلۇب بولغانلىقىنى كۆرۈپ تاڭنۇر ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ كۆكسىنى ياقتى:
ــ نېمانچە قىلىپ كېتىسەن دەيمەن، قاچان دېسەڭ يېنىڭدا تۇرۇپتىمەن. بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىپ چىرايلىق ئۆتۈپ كەتسەك بولمامدۇ؟ شۇنچە خەق ئارىسىدىن كۆڭلۈم ساڭا چۈشۈپتىكەن ساڭا تەگدىم. مۇشۇ ۋاققىچە ئازار بەرمەي كەلدىڭ، كۆڭلۈمنى ئالدىڭ. مەنمۇ سەندىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم. سەندە بار ئاۋاز، سەندە بار ساز كىمدە بار؟ نېمە ئارزۇيۇڭ بولسا قاندۇرىمەن، دەي چىقىرىمەن دېسەڭ پۇل تەييار. مەندە بولمىسا ۋەلىدە بار، ئۇ ساڭا ياردەم قىلالايدۇ، بۇ يەر يۇرتقا ئوخشىمايدۇ، مۇشۇنداق بىر-بىرىمىزنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ ياشىمىساق بولمايدۇ. ئۇرۇش-تالاش قىلىپ، قان چېچىشقۇدەك نېمە بار؟
ــ توغرا دەيسەن، تالاشقۇدەك نېمە بار…
ــ سەندىن ئايرىلىشنى خالىمايمەن.
روزاخۇن جاۋاب بەرمەي ئۇنىڭ ئىچ كىيىملىرىنى تارتىپ يىرتىۋەتتى.
ــ مەن ئۇلارغا تېلېفون قىلىۋېتەي، ئەمدى كەلمىسۇن، پەيزىمىزنى قاچۇرۇپ!
روزاخۇن خۇددى جەلق قىلمايمەن دەپ تۇرۇپ يەنە قىلىۋەرگەن كېسەلخۇمار ئادەمدەك ئۆزىنى يوقاتتى، پۇشايمان قىلىشنىڭ ئورنىغا، ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۇيقۇغا كەتتى.

*** *** ***

مەن خېلى تەلەيلىك ئىنسان، ــ دەيدۇ روزاخۇن كۇلىدا ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ،ــ ئىككى قېتىم ئۆلۈپ كېتىپ چۈش كۆرگىنىم راست، شۇ چاغدىكى ھالىتىمنى ئەسلىسەم، ھازىرمۇ قورقىمەن؛ شۇ قارا باسقانچە قوپالماي ئۆلۈپ كېتەر بولغىيمىدىم دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن. بۇنى شۇ تەتەيگە چېقىلىپ قويغاننىڭ كاساپىتى دەپ بىلىمەن. بۇ گۇناھىمنى ھەر قېتىم ئەسلىسەم قورقىمەن، ئۈچىنچى قېتىم جىن چاپلىشىپ ئۆلەرمەنمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن. خۇداغا شېرىك كەلتۈرمەي ئۆلۈپ كەتسەم، خۇدا مېنىڭ شۇ گۇناھىمنى كەچۈرىۋېتەر دەپ ئۈمىد قىلىمەن.
رېستۇراندا تونۇشقان شاراپەت، نازاكەتلەر ئېسىمدىن چىقمايدۇ، ئېسىل قىزلار ئىدى، شاراپەت مىسىرغا چىقىپ كەتتى، نازاكەت ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
كېيىن زاكىرە خېنىم رېستۇرانىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ كىيىم سودىسىغا چۈشۈپ كەتتى، تاڭنۇر خېنىم مەن بىلەن شىنجاڭغا كېتىشكە ئۇنىماي، ئېرىنىڭ قونچاق مالىيى بولۇپ قالدى.
كورلىلىق بۇرادىرىم ئەرشىدىن رېستۇراننى تاشلاپ شۇ كەتكەنچە ئىز-دېرەكسىز يوقالدى.
مەن زاكىردە خېنىمدىن قالغان دۇتتارنى ئېلىپ، يۇرتۇمغا قايتىپ، بار پۇلنى دەسمىي سېلىپ ئاشخانا ئېچىۋالدىم. ئايگۇل ئېرىدىن ئاجرىشىپ ئولتۇرۇپتىكەن، ئەلچى قويۇپ ئەمرىمگە ئېلىۋالدىم. ئىككى ئوغلۇم بار، بىر-بىرىدىن يامان، كېيىن بۇلارمۇ كۇلىچى بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.
ھازىرمۇ ئانچە-مۇنچە چېلىپ تۇرىمەن، مەسچىتكىمۇ بېرىپ تۇرىمەن. ئىلگىرى مۇساپىرلىقتا كۈندە دېگۈدەك چالغان بىلەن، بۇ يەردە ئەل-ئاغىنىلەر ئارا مۇڭداشقاندا چالىدىغان گەپكەن. ئىلگىرى دۇتتار چالسام يۇرتۇمنى ئەسلەيتتىم، ھازىر كۇلىنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم، چۈنكى بىر يىلدا بىر نەچچە يىلغا تەڭ كەلگۈدەك ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپتىمەن، خىلمۇ خىل كىشىلەرنى كۆرۈپتىمەن، گۈزەل ئارزۇ-خىياللار بىلەنمۇ ياشاپتىمەن، ياشلىقتا كاۋاپچىلىق قىلساقمۇ، ساز چالساقمۇ، قىزلارغا چاقچاق قىلساقمۇ، نېمىلا قىلساق يارىشىدىكەن، مەن ئىجاد قىلغان «ياشلىق» دېگەن ناخشىنى شۇ قىزلار ھازىرمۇ ئاڭلامدىكىن؟!
(تۈگىدى)

3 پارچە ئىنكاس بار

  1. روھزات مۇنداق يازغان:

    مەن ئەسەرنىڭ مۇشۇ بەتتە ئاخىرلاشقان جايىدا تۈگىگەن ھالىتىنى بىر مۇكەممەل ئەسەر ھەم ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشقان ئەسەر دەپ قارىدىم. كاۋاپچىنىڭ ئۆلۈش-ئۆلمەسلىكى ياكى فاڭدوڭنىڭ پۇل ئۈندۈرەلەش-ئۈندۈرەلمەسلىكى بەك مۇھىم ئەمەس. مەقسەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىپادىلەندى دەپ قارايمەن. ئاخىرىنى ئوقۇسام بولارمۇ….

  2. ھاكم مۇنداق يازغان:

    ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلان

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*