نەۋرۇز خاتىرىلىرى

نەۋرۇز خاتىرىلىرى

 

 

 

 

 

ھاۋا ئوچۇق، بىر قانچىمىز دېيىشىپ نورۇزغا بارماقچى بولدۇق. جەيتاغدا كاتتا پائالىيەت بولاتتى، مېنىڭ ئات بەيگىسى بىلەن چاقپەلەك ئۇچۇرتۇشنى بەك كۆرگۈم بار ئىدى. يېزىلىق بانكىدا ئىشلەيدىغان ئاكام مېنى ئاپىرىدىغان بولدى، ۋەلىسپىتىنىڭ كەينىگە مىندىم، ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئىككى خىزمەتدىشى بىللە ماڭدى.  ”كەپتەر“ ماركىلىق ۋەلىسپىت لاتا پىكاپتىن ئۆتۈپ كېتەلمىسىمۇ دېھقانلارنىڭ ھارۋىسىنى ئارقىدا قويدى، يولبويى يولنىڭ ئوڭ چېتىدە ھارۋىلىرىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان خەقلەرنى كۆردۈم، ئۇزۇن سەپ تۈزۈپ مېڭىشاتتى، بازارغا ماڭغاندەك خۇشال ئىدى ھەممىسى. بىر سائەتتىن كېيىن جەيتاغقا كەلدۇق (جەيتاغ ھازىرقى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئاچتاغ يېزىسىغا جايلاشقان كىچىك تاغ، بۇ يەردە ئىلگىرى كاتتا نورۇز پائالىيەتلىرى بولاتتى).
ۋاھ، نېمىدېگەن جىق ئادەم، ئۆچكە ساقال قېرىلاردىن تارتىپ ئېغى ئوچۇق بالىلارغىچە مىغىلداپ كېتىپتۇ، ئاشپەزلەر، سەمسىپەزلەر، ماتاڭچىلار، لەڭپۇڭچىلار… ھە دەپ خېرىدار توۋلايتتى. ياغلىقىنى چىڭ چىگىۋالغان قىزلار، ئاپىسىغا جېدەل قىلىۋاتقان ماڭقا تازلار… خۇددى بۇلارنى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغاندەك، بىزنىڭ يېزىلىققا ئوخشىمايدىغاندەك قاراپ كەتتىم، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ يېزىدىنمۇ بۇ يەرگە جىق ئادەم كەلگەنىدى. نەدە ئويۇن باركەن دەپ ئىزدەپ ماڭدىم. بىر چاغدا ئاكامنى يىتتۈرۈپ قويدۇم، ئۇمۇ مېنى ئىزدىمىدى، كىچىك بالا ئەمەستە مەن.
ئايلىنىپ ناۋايخانىلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن، پۇلنى ھازىر خەجلىگۈم كەلمىدى. قېتىق-قايماق سېتىۋاتقان بىر قىزچاققا كۆزۈم چۈشتى، بۇنىڭدەك چىرايلىق قىزنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. باشقا ھېچنەرسىگە قىزىقمىدىم، ئەمما ئۇنىڭغا قاراپ تۇرىۋەرسەم، ئاكىسى يا دادىسى كۆرۈپ قالسا كاللامغا بىرنى سالمىسۇن دەپ ئاستا كېتىپ قالدىم.
چېلىشچىلارنى كۆردۈم، ئىككىسى بەل تۇتۇشۇپ، چىشىنى چىشلەپ ھاسىراپ تۇراتتى، ئاخىر ئاۋاقراق بىرسى ھېلىقى پور كۆتەكنى يانپاشقا ئېلىپ ئېتىۋەتتى، يوغان بولسىلا يامان بولمايدىكەن، كىم چىۋەر چاققان بولسا شۇ يېڭىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن مەيدانغا چۈشكەنلەردىنمۇ كىم نوچى، ئەقىللىق بولسا شۇ يەڭدى. بويى ئىگىز، يوغان ئادەملەرمۇ تايىنلىقكەن. مېنى پاكار دېگەن گۇيلارغا كۈنلەرنىڭ بىرىدە پەمىمنى بىر كۆرسىتىپ قويمايدىغان بولسام…
بىر چاغدا ”كەلدى، كەلدى“ دېيىشتى، يۈگۈرۈپ باردىم، ئوغلاق تارتىشىۋاتقانلاركەن، ئىككى ئادەم ئات ئۈستىدە بېشى كېسىلگەن بىر ئوغلاقنى تارتىشقىنىچە ئالدىمىزدىن قۇيۇندەك ئۆتۈپ كەتتى. ئارقىدىن بىرمۇنچە ئاتلىقلار ئۇ ئىككىسىنى قوغلاپ ماڭدى.  توپا چاڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ چۈشۈپ قالاي دېگەن تۇمىقىنى ئاران كۆرەلىدىم. كېيىن ئۇلارنى يەنە كېلىدۇ دەپ ساقلاپ تۇردۇم، كەلمىدى. تۇرىۋېرىپ قورساق ئېچىپ كەتتى، ئاكام بەرگەن ئىككى موچەننى پارچىلاپ، گىردە بىلەن لەڭپۇڭ ئېلىپ يېدىم.
قورساق تويغاندىن كېيىن چاقپەلەك ئۇچۇرتىدىغان يەرگە باردىم، ئىگىز قادالغان تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدە يارىيار ھارۋىنىڭ چاقىدەك بىر نەرسە ئايلىناتتى، ئىككى ئارغامچىدا ئىككى قىز ئارغامچىنى مەھكەم تۇتۇپ پىر-پىر پىقىرايتتى، بېشىدىكى ياغلىقى كىچىك بايراقتەك لەپىلدەيتتى. تۈۋرۈكنىڭ ئاستىدا بىر ئادەم  ئۈستىدىكى چاقپەلەكنى جۇۋاز كالىسىدەك ئايلاندۇرۇپ تۇراتتى. ئۇ ئىككى قىزغا قاراپ بېشىم ئايلىنىپ كەتتى، ئەمما ئۇلار ھېچنېمىدىن قورقمايدىغاندەك بېشىنى تىك تۇتۇپ ئالدىغا قاراپ تۇراتتى، پەستىكىلەرگە قاراپمۇ قويمايتتى. ئۇلارغا قاراپ ئۆزەمنى بەك قورقۇنچاقكەنمەن دەپ ئويلاپ ئىچىم پۇشۇپ كېتىپ قالدىم.
كېيىن… ماتاڭ يېدىم، بىر تال پوجاڭ ئېلىپ ئېتىپ باقتىم، بازاردىكى نەرسىلەرگە قاراپ ھېرىپ قالدىم، ئالاي دېسەم پۇل يوق. بىكار ئايلانغۇم كەلمەي ئاكامنى ئىزدىدىم، تاپالمىدىم. ئاخىر كېتىدىغان يولنىڭ ئېغىزىدا ساقلاپ تۇردۇم. ھايال ئۆتمەي ئاكام ئاغىنىلىرى بىلەن پەيدا بولدى، ئوبدان ئوينىغانسەن دەپ كۈلۈپ قويدى. نېمە دەيمەن، كۆڭلۈم سەل يېرىم، ئاتقا مىنەلىگەن، چېلىشالىغان، چاقپەلەككە چىقالىغان بولسام راۋرۇس ئوينىغان بولاتتىم. قايتىپ كېتىۋېتىپ ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىچىم قىززىپ كەتتى، مەن تېخى قوچقار سوقۇشتۇرۇش، توخۇ سوقۇشتۇرتۇش، ئىت تالاشتۇرۇش… دېگەن ئويۇنلارنى كۆرەلمەي قالغانىدىم. ھېچ بولمىسا تاغقا چىقىپ پۈتۈن مەيداننى بىر كۆرۈۋالغان بولسامچۇ؟…
ئۇنى ئاز كەلدى دەپ ئاكام يېرىم يولدا مېنى تاشلاپ قويۇپ، ئاغىنىلىرى بىلەن باشقا يەرگە توي ئوينىغىلى كەتتى. تاشيولدا خېلى ئۇزاق ماڭدىم، ھارۋىسىغا چىقىۋالارمەن دېسەم بىرەر تونۇش ئۇچرىمىدى، تارتىنچاقلىقىڭ، قورقۇنچاقلىقىڭغا توي! ئاخىر سەمتىكام مېنى تونۇپ قېلىپ موتوسىغا مىندۈرۈۋالدى. ئۆيگە ساق كېلىۋالدىم. ئەتىسى كەچتە خانىم ”تۈنۈگۈن نورۇزغا قاچقاندىن سەنمۇ بار“ دەپ مېنى ئېلىپ قېلىپ مەيدانغا سۇ چاچقىلى سالدى.

1993-يىل 21-مارت شەنبە

(مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)

ھاۋا تۇتۇق، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي كۆڭلۈم ناھايىتى شوخ، چاپچىپ تۇرىدۇ. سەھەردە يوتقاندا يېتىپلا «يارنى سېغىنىپ»ناخشىسىنىڭ ئاھاڭىنى يادلىدىم. گويا سەھنىدە ئوسال بولىدىغاندەكلا يۈرىكىم سىقىلىپ، جىددىيلىشىپ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. كىيىم كىيسەممۇ، سۇخانىدا يۇيۇنساممۇ، يولدا ماڭساممۇ، ئىشخانىغا كىرسەممۇ ئوخشاشلا بۇ ناخشىنى غىڭشىدىم. ئىشخانىدا (ئۇ يىللاردا ئۇستاز ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىنىڭ تەتقىقات ئىشخانىسىدا ياردەمچى ئوقۇغۇچى بولۇپ ئىشلەيتتىم) ئورۇندۇقنى قويۇۋېلىپ مەشىق قىلدىم، ئاۋازىمنى قويۇۋەتتىم. چۈشكىچە ئەنە شۇنداق ئەندىشە، ھاياجان بىلەن لۇغەت كۆچۈرۈپ ئولتۇردۇم. ئاخىر ۋاقىتمۇ توشتى، مەيداندا ساما مۇزىكىسى ياڭراپ تۇراتتى. مەن سالماق قەدەم تاشلاپ، ئۇزۇن چاپىنىمنىڭ يانچۇقىغا قولۇمنى سېلىپ سورۇنغا كەلدىم. پۈتۈن قېرىنداشلار زال ئالدىنى بىر ئالغان، مەيداننى چۆرىدەپ قاتار تىزىلىپ تۇرۇشاتتى. كۆپ ئۆتمەي چاۋاك ساداسى ياڭراپ كەتتى. بۇرۇلۇپ قارىدىم، كۆرگىنىم بىر-بىرىدىن چوڭ، كاتتا رەھبىرىمىزدىن سەيپىدىن ئەزىزى، ئىسمائىل ئەھمەد، قەييۇم تۇردى، جانابىل ۋە يەنە بىز دىدارىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئاللىقانداق كاتىباشلار… ھېس قىلغىنىم خۇشاللىق، تەنتەنە! چۈنكى مەن يەنە بىر سائەتتىن كېيىن ئۇلارغا ناخشا ئورۇنلاپ بېرىمەن. ھەيھات! بىر سەكرەپلا شۇ قەدەر شەرەپكە، بۇ قەدەر پۇرسەتكە ئېرىشكىنىمگە ئىچ-ئىچىمدىن خۇشاللاندىم.
ساما باشلاندى! ئوتتۇزغا يېقىن يىگىت چۆرىدەپ ”ھە ھۇ“ دېيىشىپ ساماغا چۈشتى. ھاۋا تۇتۇق بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ چىرايىدا ئاپتاپتەك بىر خىل ئىللىق ئىپادە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئارقىدىن توپ-توپ بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشتۇق. ئىسمائىل ئەھمەد بالىلارغا قېتىلىپ كەتتى. ئۇ نەقەدەر كەمتەر، ئېسىل ئادەم-ھە! رەھىم يۈسۈپنىڭ ياڭراق ئاۋازى ياڭرىدى: زال ئالدىدىكى پائالىيەت تۈگىدى، ئەمدى يان ئىشىكتىن زالغا كىرىپ ئويۇن كۆرىڭىزلەر!
قەلبىم ئەندىشە ھەم خۇشاللىق ئىلكىدە دولقۇنلاپ كەتتى! مېنىڭ تەرتىۋىم ئالدىدىن سانىغاندا بەشىنچى! رىياسەتچى قىز پاتىمە قايرىلىپ قارىغاندا بۇلاقتەك كۆزى چاقناپ كەتتى: ”سىزنىڭ نومۇرىڭىز قانچىنچى؟“. ”بەشىنچى“ دېدىم سەل جىددىيلىشىپ. ئادەم ئاشۇ قىزدەك قورقۇمسىز، ئاۋازى بۇلبۇلدەك، چىرايى قىزىل گۈلدەك بولسا-ھە! مەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئادەملەر ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە نىسبەتەن ئۇنچە كاتتا ئەمەس، پەقەت بىز ئادەت كۈچىدىن، مىجەزىمىزدىن تىلىمىز تۇتۇلۇپ بېشىمىز قېيىپ قالىدۇ.
شۇنداق قىلىپ سەھنىگە چىقتىم. سەھنىدىكى يان ئۆيدە بىر دەم مەشىق قىلدىم. مېنىڭ تەمبۇرۇم ئۆزۈمگە ئېسىل تۇرغان بىلەن سەھنىدە ئىشلىمەي قالمىسۇن دەپ ئالىمجان مۇئەللىمنىڭ تەمبۇرىنى ئېلىپ بىر دەم ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالدىم. 4-نومۇر ئاياغلىشىپ نۆۋەت ماڭا كەلدى. قاتتىق ئىشەنچ بىلەن يېپىق پەردىنىڭ ئارقىسىدا تەمبۇرنى سازلاپ ئولتۇردۇم. پاتىمەنىڭ چىرايلىق ئاۋازى ياڭرىدى: ”يالغۇز كىشلىك ناخشا، «يارنى سېغىنىپ»…
تەمبۇر مۇڭلۇق ئاھاڭدا سايراشقا باشلىدى. پۈتۈن دىققەت كۈچۈمنى يىغدىم. قولۇمدا جان يوق، لېكىن قالتىس ئىشەنچ، ئۆتكۈنچى پۇرسەت ماڭا ئاجايىپ بىر كۈچ ئاتا قىلدى. دەسلەپتە ئاۋازىم تىترەپ چىقتى، كېيىن قويۇۋەتتىم، ھەرىكىتىم، سۆزۈم، قولۇم تەڭمۇ تەڭ ماسلاشسۇن ئۈچۈن بارلىق سىرتقى تەسىرنى چىقىرىپ تاشلاپ مېڭەمنى سەگەك تۇتتۇم!  ياپىرىم! ھېچ خاتاسىز ئوقۇپ چىقتىم. ئورنۇمدىن تۇرغاندا پەستە گۈلدۈراس-ئالقىش سادالىرى ياڭراپ كەتتى! ئالىمجان مۇئەللىم باشمالتىقىنى چىقىرىپ ”يارايسەن!“ دەۋەتتى. ياشاڭلار، ھەممىڭلار ياشاپ كېتىڭلار!
مېنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى خوشلۇقۇمغا ھېچنېمە تەڭ كەلمەيتتى. سەھنىدىن چىقىپ كەتتىم، جىددىي ۋاقىتلار ئۆتۈپ كەتتى. پۈتۈن بىر زال ئادەم مېنى كۆردى، ئاۋازىمنى ئاڭلىدى، ئالقىش ياڭراتتى… ئەنە شۇ ۋاقىتتا سەيپىدىن ئەزىزى، ئىسمائىل ئەھمەد، قەييۇم تۇردى قاتارلىق كىشىلەر قانداق ھېسسىياتقا كەلگەندۇ-ھە!
ئويلىغىنىمدەك بولدى، قانائەت تاپتىم، بىر دەمدە ئۆتۈپ كەتتى. ئۆتۈپ كېتىدۇ، جاھاندىكى ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەتراپىڭدىكى ئىشلار سەن ئويلىغاندەك ئەمەس، ئادەملەرمۇ شۇنداق! ئەگەر ئۆزۈمگە ئىشەنمىسەم، جۈرئەت قىلمىسام بۇ جاھاندا قانداق پۇت دەسسەپ تۇرالايمەن؟ قارىغىنا، ئەندىشە قىلغانچىلىكمۇ ئىش ئەمەسكەن، سەل ھودۇقمىغان بولسام تېخىمۇ ياخشى ئوقىۋېتەتتىم، خەيرىيەت! سەھنە، ھەي سەھنە، ئادەملەرنى ھەقىقىي سىنايدىغان ھەقىقىي مەيدانسەن! بۇ جاھانمۇ بىر سەھنە، ھەر كىم ھەر خىل ئۇسسۇل ئوينايدۇ، ھەر يانغا دەسسەيدۇ، ئۇنى خىيالى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ. دېمەك، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئىدىيىمىز شەكىللەندۈرىدۇ! قانداق ياشىماقچى بولساڭ شۇنداق ياشايسەن!
ئارقىدىن زالغا كىرىپ قالغان ئويۇنلارنى كۆردۈم. نومۇرلار خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاندى. بولۇپمۇ ئالىمجان مۇئەللىمنىڭ تالانتى مېنى شۇنداق سۆيۈندۈردىكى، قەدىمىي ساز تەمبۇرغا بولغان ئىشتىياقىم ھەسسىلەپ كۈچەيدى. قەدىمىي ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا ئۆتكەن مۇزىكانتلىرىمىز تەمبۇر چالغاندا بۇلبۇللار تەمبۇر ئاۋازىدىن بىھۇش بولۇپ، ئۇنىڭ دەستىگە ئۆزىنى ئۇرىدىكەنمىش؛ نەۋائىمۇ شېئىر يېزىپ، ئاخشىمى ناۋا قىلىپ مۇڭلىنىپ كېتىدىكەنمىش. مۇزىكا جاننىڭ ھوزۇرى، قەلب بايانى. مۇزىكا مېنىڭ بايلىقىم، ھاياتلىققا بولغان ئوتلۇق مۇھەببەتنىڭ يارقىن نامايەندىسى!
كېيىنكى نومۇرلارغا كەلگەندە كۆپ قىسىم كىشىلەر چىقىپ كەتتى، مەن ھەر ھالدا باشتا ئوقۇۋاپتىكەنمەن، شۈكرى دەۋەتتىم. ئاخىر نومۇرلار تۈگىدى، ئادەملەرمۇ قالمىدى، سىرتقا چىقىپ يېنىك نەپەس ئالدىم. جىددىي مىنۇتلار تۈگەپ، بېشىمدىكى تۈگمەن تېشى ئېلىۋېتىلدى. مېنى ئىززەت تەلەپ قىلىش ئالۋاستىسى رام قىلىۋالمىسۇن. ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مەندىن قابىلىيەتلىكراق، شۇ جەھەتتىن مەن ئۇلاردىن ئۆگەنسەم بولىدۇ. قۇرئاننىڭ خەنزۇچە ئىككى كىتابچە قىلىنغان تەرجىمە نۇسخىسىغا ئېرىشىپ قالدىم. دېمەك، مەن يەنە ئوقۇيمەن، ئۆگىنىمەن. نۇرغۇن ئىشلار ئالدىمىزدا.
ئاشخانىدا پاتىمەنى كۆرمىدىم. مەن مۇھەببەتنى ئەركىنلىك دەپ ئويلايمەن. قەلبىم كىمگە تەلپۈنسە شۇ قىز ياخشى. مەن قايسى ئىشنى مەنىلىك ھېسابلىسام شۇ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك كەسپىم. يەنە نۇرغۇن ئىشلاردا بىز يەنىلا ھەمكارلىشىمىز، دوستلۇقتىن چەتنىمەيمىز، تاماقنى يەپ، بىر بوتۇلكا گازلىق سۇ ئىچىۋېتىپ ئىشخانىغا يول ئالدىم. مانا ھازىر ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئۆزۈم يالغۇز خاتىرە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. كۆڭلۈم ئازادە، شادخورام. بۈگۈنكى بۇ ئۇنتۇلماس بايرام كۈنى زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ!
يۇقىرىقى تەپسىلاتلارنى يېزىپ بولۇپ ئىشخانىدىن چىقىشىم بىلەنلا تانسىغا كىرىش خىيالى كاللامغا كەپقالدى. مەكتەپكە كېلىپ تۇنجى قېتىم يەر ئاستى زالىغا كىردىم. ھەقىقەتەن پەيزى ئىكەن. رەڭگارەڭ چىراغ نۇرلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى. چىراغ يورۇقىدا ئاق كۆينەك كۆك كۆينەك بولۇپ پەيزى كۆرۈنەتتى. بىر-بىرىدىن ئېسىل مۇزىكىلار قويۇلدى. مەنمۇ تارتىنىپ ئولتۇرماي دېسكو ئوينىدىم. ئارقىدىن ئۈچ ناتونۇش قىزنى تانسىغا تارتىپ، توپقا قوشۇلۇپ ئويناپلا كەتتىم. چارچىغاندا ئولتۇرۇپ مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىپ، كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈۋاتقان ئالامانلارغا سەپسېلىپ، ھاياتنىڭ پەيزىنى مۇشۇلار سۈرىدىكەن دەپ ئويلىدىم. بىر-بىرىدىن لىۋەن، چىرايلىق قىزلار ۋالىلداپ چاقناپ، نەپسى تاقىلداپ تۇرغان يىگىتلەرنىڭ قۇچىقىدا تاتلىق جىلمىيىپ تانسا ئويناشماقتا ئىدى. ئالىمجان ئېلىكترونلۇق گىتارنى كارامەت چېلىۋەتتى. تالانت دېسە مانا شۇلارنى دېسە بولىدۇ. جاننى قوزغاتقۇچ سادالار، يۈرەكنى ئوينىتىدىغان قىزلار چۆگىلەپ، پىقىراپ يۈرمەكتە. مەنمۇ تەڭ شادلاندىم، تەڭ كۈلدۈم. پاتىمەگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، نېمىشقىكىن ئۇ دائىم دىققىتىمنى تارتىپ كېتەتتى. يىراقتىن قاراپ ئولتۇردۇم، چىرايلىق قىزلارنى كۆرسەم ئاسانلا مەپتۇن بولۇپ، قىزلاردەك تارتىنىپ كېتىدىكەنمەن. ئاھ، قاچانمۇ تۈگەر بۇ ئاجىزلىق. بىلىمەن، بۇ ھەممىسى بىر دەملىك قىزىقىش، ھەۋەس… بىز چوڭ بىلگەن نەرسىنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە ئىچى قۇرۇق. ئەگەر ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېچىپ كۆرسەڭ ئۆز قارىشىڭنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىسەن، ئۇنىڭغا ھەيران قالىسەن!
بۈگۈن كەچ مەن ئۆمرۈمدە ئەڭ ئۇزۇن تانسا ئوينىدىم، ئەڭ زور خۇشاللاندىم، نەۋرۇز شادلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇم. قۇتلۇق كۈن!

1994-يىل 21-مارت دۈشەنبە

(مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)

ھاۋا ئوچۇق، جاننى راھەتكە چىڭ باغلاپ تۇرغان لەززەتلىك ئۇيقۇ  بېشىمنى ياستۇققا چىڭ چاپلاپ تۇرىدۇ. ئىسسىق يوتقان ۋۇجۇدۇمنى ئوراپ، پەپىلەپ، ئىللىتىپ تۇرىدۇ. بۆشۈكۈمدىمۇ مۇشۇنداق يېتىپتىكەنمەن، ھازىرمۇ شۇنداق يېتىۋاتىمەن، ئەمدى تۆشۈككە (گۆرگە) كىرگەندىمۇ مۇشۇنداق ياتارمەنمۇ؟ ئۇ چاغدا ھازىرقى سىم كارىۋاتنىڭ ئورنىنى قارا يەر ئىگىلەيدۇ؛ پۈرۈلۈپ، تۈرۈلۈپ ھەم ئىششىپ تۇرغان كۆزلىرىمنى تۇپراق يەيدۇ… يەر شارى جىسمىمنى ئۆزى بىلەن تەڭ پىلانېتلار ئارا ئايلاندۇرىدۇ، ئويلاپ كەلسە بۇمۇ ئادەمگە قىززىق، سۆيۈملۈك تۇيۇلىدۇ.
مەرھابا نەۋرۇز!
”بەزى رەھبەرلىرىمىز سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى ئۇلۇغ بايرىمىمىزنى كاتتا ئۇيۇشتۇرالماي قالدۇق!“  زال ئىچىدە قىزغىن چاۋاك كۆتۈرۈلدى. نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئالدىدا تەمتىرىمەي تۇرۇپ، گەپنى دۇدۇقلىماي دېيىشمۇ مەن ئۈچۈن (ئورۇنلىشىم تەس بولغان) چوڭ ئىش. بۇرادىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق يېرى بىزدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇنىڭغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز.
تۆت يىل ئاۋۋالقى نورۇزنىڭ سىنغا ئېلىنغان پائالىىيەت خاتىرىسىنى كۆرۈپ ئاجايىپ زوقلاندىم. بىر-بىرىدىن كېلىشكەن، سالاپەتلىك يىگىتلەر، ئاۋازى يېقىملىق، نازاكەتلىك ئۇيغۇر قىزلىرى، سەھنىدە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلانغان ناخشا-مۇزىكا، نەپس ئۇسسۇللار دىلنى ئۆرتىدى. تەمبۇرنىڭ ھەقىقىي ساداسى جېنىمنى يايراتتى. قەشقەرنىڭ جەسۇر ئوغلانلىرى گىتارنى چاڭ كەلتۈردى، قىزلىرى تاتلىق بېقىش بىلەن خىيالىمنى غايىۋى ماكانغا سۆرەپ كەتتى. .. ئاكا-ئۇكا كۈلدۈرگە چولپانلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مىللىي پىسخىكىغا سىڭدۈرۈۋەتكەن كۈلدۈرگىلىرى كۆزۈمدىن ياش چىقىرىۋەتتى. تالانتلىق ئادەملەر مانا مۇشۇنداق يۇمۇرلۇق، دېدىل، چاققان، ئەستايىدىل بولسا گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈۋېتىدىكەن. فىنلاندىيىنىڭ ئوپېرا خانىشى دىلبەر يۇنۇس يۇقىرى ئاۋازى بىلەن، ئۆركەشلەۋاتقان دېڭىز سۈيىدەك ھەيۋەت بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا يامراپ، دولقۇنلىنىپ ئېقىپ كەلدى… ئۇنىڭ ئانا يۇرتىغا بولغان سېغىنىشى ناخشا ئېيتىۋاتقان چاغدىكى كۆزلىرىدە ئەگىگەن نۇرلۇق ياشلىرىدىن ئىپادىلىنىپ قالدى. ئۇ بارلىق مېھرى بىلەن پۈتۈن كارامىتىنى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان قېرىنداشلىرىغا ھەدىيە قىلدى. مەن قالتىس ھاياجانلاندىم. «رىۋايەت»تىكى تەمبۇر ساداسى ئەجەپ يېقىملىق-ھە!  يۈرەكتىكى ئارمانلىرىم يېلىنجاپ كەتتى. گىتارنىڭ گۈزەل كۈيلىرى «سۇ پەرىسى»نى ئويغاتتى. كۆل سۈيىدەك تىنىق، رەڭدار مۇزىكا ياشلىق سىمفونىيىسىگە جۈر بولدى. تۈمەن مىڭ خىل زوق، ھەۋەس، ئىنتىلىش بىلەن زالدىن يېنىپ چىقتىم.
فرانىز كافكانىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ھايات خاتىرىسى ئەمەس، بەلكى روھىيەتنىڭ خاتىرىسى ئىكەن.  كۆرگەن چۈشىنىمۇ ئۇ كۈندىلىك خاتىرە قىلىپ يېزىپتۇ، ئوبدان سىردىشىۋالدىم. ئۇمۇ كەمسۆز ئىكەن، ئۆزىنى بەك تۆۋەن كۆرىدىكەن، توسقۇنلۇقلارغا تەسلىم بولۇشنى خالايدىكەن. ئۇ ئادەملەر دەسسەپ تۇرىدىغان تۇپراققا چوڭقۇر ئەقىدە قىلغاندەك تۇرىدۇ، چۈنكى ئادىمىزات توپىدىن يارىلىپ يەنە توپىغا ئايلىنىدۇ…  
خىيالدىن خىيال تۇغۇلۇپ، ئازغىنە نەرسىدىن قانائەتلىنىپ ئوڭدا ياتتىم، خاتىرە يېزىش ئىستىكىم ھورۇنلۇققا يەم بولدى.

1995-يىل 21-مارت سەيشەنبە

(مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)

ئۈمىدسىزلىككە چىلاشقان روھىم پەقەت تەسەللىي نۇرى ئارقىلىق يورۇقلۇققا چىقالايدۇ. سەھنىگە چىقالمىدىم،  جۈرئەتسىزلىكتىن تۇغۇلغان ئېغىر ئازاب چېنىقىشتىن قاتقان گەۋدەمنى تىتىۋەتتى. ئاھ، شۇ قەدىردان قېرىنداشلىرىم، «ئۇيغۇرۇم» دېگەن ناخشىنى ئاڭلىيالمىدى. ئاھ، شۇ قارا كۆز نىگارىم، غايىۋى ئالىمىمگىلا سولىنىپ، ئۆتمۈش ئەسلىمىلىرىگە تەئەللۇق بولۇپ كەتتى. تەمبۇرنىڭ يۈرەككە ئارام بېرىدىغان ئاجايىپ كۈيى بارچە پەرىشانلىقىمنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۇۋەتتى. قۇياش، ساما، ئادەم، قىزلار، كۈلكە… ۋە ئىززەت تاماسى، راھەت ئىستىكى ئاشۇ شاۋقۇن-سۈرەنگە قوشۇلۇپ ئۆتمۈشكە ئايلاندى. كەچلىك تانسىدا تىياتىر ئىنستىتىتۇتىكى  قىزلار بىلەن تانسا ئوينىدىم، خىيال بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى توساقنى يوقىتىۋېتىشكە ئالدىرىمايمەن، ۋىسالنىڭ كۈچى ھىجراندا، كۈنلەر تېخى ئۇزۇن، بۈگۈنكى بۇ قاينام-تاشقىنلىق نورۇز كۈنىنى ئەبەدىي ئەسلەيمەن…

1996-يىل 21-مارت پەيشەنبە

(مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)

ھاۋا تۇتۇق، يامغۇر توختىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ شەپىسى قۇلاققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. تەمبۇرنى ياخشى چالالمىدىم. بىر-بىرىدىن گۈزەل، نازاكەتلىك قىزلار جىلمىيىپ ئۇسسۇل ئوينىدى. ئۇلارنىڭ نازۇك تېنىدە شاش، ئەسەبىي ھاياجان ئۇرغۇپلا تۇراتتى، ئاۋازى ناخشىغا، ھەرىكەتلىرى ئۇسسۇلغا شۇنداق سىڭىپ كېتەتتى. مەن يەنىلا شادلىق ۋە پىغاندىن قۇتۇلالماي گۈزەللىكلەرگە ھەۋەسلىنىپ ئولتۇردۇم. ئالىمجان مۇئەللىم بىلەن قىزى مەرھابا سورۇنغا يېڭى تۈس، يېڭى كەيپىيات بەخش ئەتتى.  چىرايلىق كۆزلەر، چىرايلىق سۆزلەر مۇھەببەتنىڭ، نورۇز سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئاساسىي گۈزەللىكى بولسا، مۇڭلۇق ئاھاڭلار ۋە قىزغىن چاۋاكلار ئۇنىڭ يارقىن كۈيچىسى بولدى.

2003-يىل 21-مارت جۈمە

(تۈركىيە، ئىزمىر ئېگەي ئۇنىۋېرسىتېتى)

نورۇز بايرىمى ئاددىغىنە ئۆتتى، ئۆتكەن يىلى مۇشۇ كۈندە ھاجى تۇرۇپ جۈمەنى قازا قىلىپ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ئويۇنىنى كۆرگەنىدىم. بۈگۈن نورۇز پاراڭلىرىنى يېرىم ئاڭلاپ، بېرىدىغان پولۇسىنى يېمەي جۈمە نامىزىغا كەتتىم.
ئەلى ئەرول  ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز ئەنئەنىسى ھەققىدە (تۈركچە) يازغان ماقالەمنى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇشقا پۇرسەت بەرمەي دىلىمنى رەنجىتتى، مېنىڭ ئورنۇمغا باشقا بىرىنى تىقىپ قويۇپ، سان چەكلىك دەپ تۇرۇۋالدى. كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. بىزگە يامان بىلىنگەن بىر ئىشتا بەلكىم بىر ياخشىلىق باردۇر؛ بىزگە گۈزەل تۇيۇلغان بىر ئىشتا بەلكىم شۇملۇق باردۇر. ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى ئىنسانلار دائىم ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ، دائىم ئۆز كاللىسىدىكى قەپەزگە سولىنىپ قالىدۇ. ھېكمەتلىك ئاللاھ بىزگە ئەقلىمىزنى يولىدا قوللىنىشقا ئىشارەت ئېتىدۇ، بىزگە گۈزەللىكنى سۆيدۈرىدۇ.

 

1987-يىل 21-مارت دۈشەنبە 
(ئۇچتۇرپان ئاقيار يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ)

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*