ھالاك بولغان شەھەر

edepsiz-insanlar-tas-kesilerek-oldu-701414_6128_15_b

ئىتالىيەنىڭ ناپولى شەھىرىگە 30 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر يەردە پومپېي دەپ ئاتالغان قەدىمىي بىر شەھەر بولۇپ، مىلادىيەدىن بۇرۇن 5000 يىل ئىلگىرى بەرپا قىلىنغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ۋىزۇ يانارتېغىنىڭ يېنىغا دېگۈدەك جايلاشقان بۇ شەھەر مىلادىيەدىن ئاۋۋالقى 79-يىلدا يانارتاغنىڭ پارتىلىشى بىلەن ئوت-لاۋىغا، ماگمىلارغا كۆمۈلگەن بولۇپ، شەھەر ئاھالىسى ھەش-پەش دېگۈچە تاش قاتمىلارغا ئايلىنىپ كەتكەن.

ئەينى ۋاقىتتا پومپېي شەھرىگە رىم ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى، پادىشاھ گالىگۇلا ناھايىتى زالىم ۋە ئازغۇن پادىشاھ ئىدى، بۇ شەھەردىكى ئادەملەر بۇزۇقچىلىققا بېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، بەچچىۋازلىقنى نورمال ھېسابلايتتى. پادىشاھ ئۆزىنىڭ سىڭلىسىغا ئاشىق بولغان بولۇپ، پەردىشەپ، ھايا-نومۇس ئېڭى يوقالغان. پۇقرالىرىمۇ بۇزۇقچىلىقتا بەسلىشىش دەرىجىسىگە يەتكەن، شەھەر پاھىشخانىلارغا تولۇپ كەتكەن، بەچچىۋازلىق، ھەمجىنسلىق ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك بۇزۇقچىلىقلار ئەۋج ئالغان.

ئاقسۆڭەكلەر ناھايىتى ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇلار ھەر قېتىم تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن غاز پېيىنى ئىشلىتىپ قۇساتتى، قۇسۇپ بولۇپ يەنە يەيتتى. شۇنداق قىلسا كۈندە كۆپ قېتىم تائام لەززىتى تېتىيالايتتى.

ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى شەھەردە نورمال تۇرمۇش داۋاملىشىۋاتاتتى، ھاۋا باشقا كۈنگە قارىغاندا سەل دىمىق بولۇپ، يەڭگىل يەر تەۋرەشلەرنى سەزگىلى بولاتتى، ئەمما ئۇلار بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى. بىر ئازدىن كېيىن ئاسماندىن كۈل يېغىشقا باشلىدى، ئۇلار يەنە پىسەنت قىلمىدى، بەلكى بۇ ئالامەتلەر ۋىزۇ يانار تېغى پارتلاشتىن ئاۋۋالقى ئىشارەتلەر ئىدى.

ئەمما ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى، بالا-قازا ھەقىقەتەن يېتىپ كەلدى. ھودۇقۇپ كەتكەنلەر دېڭىزدىكى كېمىگە قاراپ قاچتى، بەزىلىرى ئۆيىگە كىرىۋالدى. دېڭىزغا قاراپ قاچقانلار ئاجايىپ بىر ئىشقا دۇچ كەلدى: دېڭىز سۈيى بىردىنلا ئۆرلىگەن بولۇپ، شىددەتلىك دولقۇنلار كېمىلەرنى قىرغاققا، ئوت-يالقۇنغا قارىتىپ ئاتاتتى. ئاسماندىن ئۇششاق-ئۇششاق تاشلار ئوت-چوغ بولۇپ يېغىشقا باشلىغانىدى. بۇ دەھشەتلىك ئاپەتتىن ھېچكىم قۇتۇلالمىدى. 18 كىلومېتىر دائىرىدىكى پومپېي شەھرى ئوت-لاۋىلار ئىچىدە قالدى. 16مىڭ نوپۇسنىڭ زور كۆپ قىسمى تاش قاتمىغا ئايلىنىپ كەتتى. ۋىزۇ يانار تېغى شۇ قەدەر شىددەتلىك پارتىلىدىكى، كۈل بۇلۇتلىرى بۇ ئاپەتتىن خەۋەر بېرىۋاتقاندەك ئاناتولىيە، سۇرىيە، ھەتتا مىسىرغىچە يېتىپ باردى.

پومپېي ئاھالىسى پۈتۈن بايلىقلىرى، مەنسەپ-مەرتىۋىلىرى، گۈزەللىكلىرى بىلەن بىرلىكتە تاشقا ئايلاندى. ئۇلار بۈگۈن ئىتالىيەدە ئۈستى ئوچۇق موزېي ھالىتىدە ساقلانماقتا.

گىئولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلار گۈڭگۈرت گازىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان ماگما تۇزىنىڭ قېتىشىشى سەۋەبىدىن بەدەنلىرى تاش قاتمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. يەنى، يانار تاغدىن چىققان ماگما ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلىگە ئاساسەن تاش قېلىپ (تاش ھەيكەل) شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېلىپ ئىچىدىكى بەدەن چىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، قېلىپنىڭ ئۆزى ساقلىنىپ قالغان.

بۇ شەھەر ئاھالىسىنىڭ بۇزۇقچىلىققا پېتىپ كەتكەنلىكى تۈپەيىلىدىن ھالاك قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. قۇرئاندا خەۋەر بېرىلىشىچە، تارىختىكى ئاد، سەمۇد قەۋمى گۇناھقا پاتقانلىقى، لۇت قەۋمى بولسا زىناكارلىقتا ھەددىدىن ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن ھالاك بولغان.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*