ۋاقىت

IMG_2465(1)

ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئەمەسمەن
ياكى تامامەن سىرتىدا،
ئۇزۇن بىر پەيتنىڭ
بۆلۈنمەس ئېقىشىدا.
غەلىتە چۈش رەڭگىدە
قېتىپ قالغان شەكىللەر،
ھەتتا مەندەك يەڭگىل ئەمەس،
شامالدا ئۇچۇۋاتقان تۈكلەر.
بېشىم سۈكۈتلەرنى ئېزىپ
توختىماي ئايلىنىۋاتقان تۈگمەن.
قەلبىم يالىڭاچ دەرۋىش
مۇرادىغا يەتكەن.
يىلتىزى ماڭا تۇتاشقان
ماڭا چىرماشقان بىر دۇنيانى سېزىۋاتىمەن،
ئەتراپىمدا كۆپكۆك نۇر
ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈۋاتىمەن…
(ئەھمەد ھەمدى تانپىنار)

شەرھى: ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم ئوتتۇرىسىدىكى پىچاق بىسىدەك ئۆتكەلدە دەلدۈگۈنۈپ كېتىۋاتقان ئىنسانلار، بولۇپمۇ يازغۇچى، شائىر، رەسسام، مۇزىكانتلار ۋاقىتقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆمۈر بويى ئىجات قىلغان ئەسەرلىرى ياكى ئىجات قىلماقچى بولغانلىرى ۋاقىت بىلەن تىركىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. يازغۇچى-شائىرلار ئەسەر يېزىش، شۇ پەيتتىكى رۇھ ھالىنى، تۇيغۇلىرىنى، خىياللىرىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق ۋاقىتنى توختىتىشقا، ئۇنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. شائىرلار ئۆز شېئىرلىرىدە «ۋاقىت» ئۇقۇمىنى شېئىرلاشتۇرۇشقا، ئاندىن شېئىردىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتىنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. نەتىجىدە، شېئىر شائىرلار تەرىپىدىن زامان (ۋاقىت) ئۇقۇمىنى كونكرېتلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. ئەھمەد ھەمدى تانپىنارمۇ شېئىرلىرىدا ۋاقۇت ئۇقۇمىغا ئورۇن بەرگەن، ۋاقىت بىلەن شېئىرنى يۇغۇرۇشقا تىرىشقان شائىرلاردىن بىرىدۇر.
بېشىم تۈگمەن (تېشى)
ئىچىم دەرۋىش
ۋاقىتنىڭ ئىچىدە
ۋە يا تېشىدا ئەمەسمەن
كۆك نۇر ئىچىدە ئۈزمەكتىمەن…

ئەھمەد ھەمدى تانپىنار (1901–1961) تۈركىيەنىڭ يېقىنقى زامان مەشھۇر شائىرى، يازغۇچىسى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى بولۇپ، تۈركىيە مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ پېشىۋالىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ «ھۇزۇر»، «سائەت تەڭشەش ئىنستىتۇتى» قاتارلىق رومانلىرى، «ئايدىكى ئايال» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «19-ئەسىر تۈرك ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق كىتابى تۈرك ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*