تىللا سۆزلەر، دۇردانىلەر، ئەپسانىلەر

day

مىجەزدىكى ئېسىللىكنى ياسالمىلىق بىلەن پەيدا قىلغىلى بولمايدۇ، ھەم كىيىمگە ئوخشاش خالىغانچە كىيگىلى ياكى سېلىپ تاشلىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئۇ خۇددى دەرەخنىڭ غولىدىكى يىل ھالقىلىرىدەك تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ. تەقدىرىمىزنى ھەر كۈنى بىر-بىرلەپ يېزىپ ماڭىمىز، چۈنكى قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىز تەقدىرىمىزنى ھەر ۋاقىت بەلگىلەپ تۇرىدۇ. مەن بۇنىڭ ھاياتلىقتىكى ئەڭ ئالىي مەنتىقە ۋە قانۇنىيەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. — سۇڭ مېيلىڭ

ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ئۆزىنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىشى كېرەكلىكى ۋە كىمنى ياخشى كۆرۈشى كېرەكلىكىنى بىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

«montmartreنەسىھەتلىرى»

p>; بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساڭ، ئۇلارنىڭ بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ۋە بوش ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىغا قارىساڭ كۇپايە. —خۇشى

ئىدىيەڭگە دىققەت قىل، چۈنكى ئۇ سېنىڭ سۆزۈڭگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ سۆزۈڭگە دىققەت قىل، چۈنكى ئۇ سېنىڭ قىلىق-ھەرىكىتىڭگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ھەرىكىتىڭگە دىققەت قىل، چۈنكى ئۇ سېنىڭ ئادىتىڭگە ئايلىنىپ قالىدۇ، ئادىتىڭگە دىققەت قىل، چۈنكى ئۇ سېنىڭ مىجەزىڭگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ مىجەزىڭگە دىققەت قىل، چۈنكى ئۇ سېنىڭ تەقدىرىڭگە ئايلىنىپ قالىدۇ. — ساچىر خانىم

بەزىلەر بىر كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى، شۇڭا كۈتۈش ۋە ئارىسالدىلىق دۇنيادىكى ئەڭ رەھىمسىز قاتىلدۇر. — سەن ماۋ

ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل ئىش ئۆزىنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىش ۋە تەۋەككۇل قىلىشتۇر. ئەمما تولا ئادەم نېمە ئىش قىلسا خەقنىڭ كۆزىگە قاراپ ئىش قىلىدۇ-دە، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى توسۇپ قويىدۇ.

ئاچچىقىڭنى كۈچكە ئايلاندۇرساڭ، مانا بۇ قابىلىيەتتۇر؛ ئاچچىقىڭنى بېسىۋالساڭ، مانا بۇ نوچىلىقتۇر.

ۋەسۋەسە گويا گۈلگە ئوخشايدۇ، خۇشپۇراقلىرى سېنى مەست قىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدا زەھەر بولسىمۇ كارىڭ يوق، ئۇنى ئۈزۈۋېلىشنى ئويلايسەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆزەڭنى تۇتالماي قىلتاققا چۈشىسەن. شۇڭا بىر ئادەمنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەشتە، ئۇنىڭ ئىقتىدارىغىلا ئەمەس، ۋەسۋەسىلەرگە قانچىلىك تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

دائىم غەزەبلىنىسەن، چۈنكى قورسىقىڭ ئانچە كەڭ ئەمەس؛ دائىم ئىچىڭ سىقىلىدۇ، چۈنكى ئانچە خۇشخۇي ھەم مەردانە ئەمەسسەن؛ دائىم تەشۋىشلىنىسەن، چۈنكى قىلدەك غەمنى پىلدەك يوغانتىسەن؛ دائىم ئازابلىنىسەن، چۈنكى ئانچە چىداملىق ئەمەسسەن؛ دائىم قايغۇرىسەن، چۈنكى ئاپتاپتىن كۆرە، قارا بۇلۇتنى بەكرەك كۆرىسەن؛ ھەسەت قىلىسەن، چۈنكى ئۆزەڭگە ئانچە شۈكۈر قىلمايسەن… دېمەك، خىلمۇ خىل بىئاراملىقنىڭ مەنبەسى ئۆزەڭدە، شۇڭا ھەر قېتىم بىئارام بولغىنىڭدا ئۆزەڭدىن بىر كەمچىلىك ئىزدەپ باق.

ئىنساننىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى مۇھەببەت ياكى قورقۇنچتىن كېلىدۇ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*