ئورخان پامۇك ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى

th

تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىيەت ھاياتى ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەرگە تولغان ھايات بولۇپ، تۇنجى رومانىدىن باشلاپ ھازىرغىچە تۈركىيە ۋە خەلقئارادا 24 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 2006-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالدى ۋە بۇ مۇكاپاتنى ئالغان تۇنجى تۈرك ھەمدە ئەڭ ياش ئىككى كىشىدىن بىرى بولدى. ئەسەرلىرى 60 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى، يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتە نەشىر قىلىندى، 11 مىليون نۇسخىدىن ئارتۇق بېسىلدى. 2006-يىلى ”ۋاقىت“ ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى داڭلىق 100 شەخسىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. 2006-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئامېرىكا يالى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 12 ئۇنىۋېرسىتېت ئۇنىڭغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى، 2005-يىلى ئامېرىكا يازغۇچىلار، سەنئەتچىلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئەزاسى، 2008-يىلى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ پەخرىي ئەزاسى بولدى.
ئورخان پامۇك نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن خەلقئارادا تېخىمۇ تونۇلدى، دۆلىتىمىزگە دەرھال تونۇشتۇرۇلدى، رومانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىنگىلىزچىدىن ياكى تۈركچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى. ئەدەبىياتىمىزدا بىر مەھەل ”ئورخان پامۇك قىزغىنلىقى“ يۈز بەردى، ئۇنىڭ «يېڭى ھايات»، «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»، «جىمجىت ئۆي»، «مەسۇمىيەت موزېيى» قاتارلىق رومانلىرى ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى، بۇ ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ تېز نەشر قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەرلەر نەشر قىلىنغاندىن كېيىن تورلاردا بەس-مۇنازىرىلەر بولدى. ئەدەبىيات قوشۇنىمىزغا يېڭى قېتىلغان ياشلارنىڭ ئورخان پامۇك ئەسەرلىرىنى ئوقۇشى، ئىجادىيىتىدىكى يېڭىلىقلارنى بايقىشى، ئىلھاملىنىشى ۋە ئۇنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن سېلىشتۇرۇشى نەتىجىسىدە بۇ قىزغىنلىق ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

پامۇك ئائىلىسى

ھەر قانداق بىر يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇنىڭ ئائىلىسى تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ڧرانز كاڧكانىڭ ئىچ مىجەز، چۈشكۈن، ئۈمىدسىز خاراكتېرىگە ئۇنىڭ دادىسى سەۋەبچى بولغان. لېۋ تولىستوينىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىگە خوتۇنى سەۋەبچى بولغان… دېگەندەك . ئورخان پامۇكمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، بەلكى ئائىلىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبەت بىر ئىجادىيەت تۇپرىقى، ئىلھام بۇلىقى بولغان، بىر نەچچە رومانىنى ئائىلىسىنى، جەمەتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ يازغان.
ئورخان پامۇك 1952-يىلى 7-ئايدا ئىستانبۇلنىڭ ياۋروپالىشىپ كەتكەن، ئەڭ باي رايونلىرىدىن بىرى بولغان نىشانتاش كوچىسىدا باي بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان. بوۋىسى مۇستاپا شەۋكەت ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن تۆمۈر يول مۇتەخەسىسى بولۇپ، ئىسمەت پاشا دەۋرىدە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىپ، قىسقا مۇددەتتە نۇرغۇن پۇل تاپقان. ئۇ پاكىزە خانىم بىلەن ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئۆزخان، ئايدىن،گۈندۈز (ئورخان پامۇكنىڭ دادىسى) ۋە گۆنۈل دېگەن تۆت بالىسى بولغان. ئۇ 1934-يىلى ۋاپات بولغاندا پۈتۈن ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى يىقىلغاندەك بولغان. ئورخان پامۇك بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: “ بوۋامنىڭ ۋاپات بولۇشى كۆپلەپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش دېگەنلىك ئىدى. ئىنژېنىرلىك كەسپىدە ئوقۇغان دادام بىلەن تاغام بوۋامدىن قالغان پۇل-مالنىڭ كۆپ قىسمىنى تاكى 1950-يىللارغا قەدەر ئۇنىڭ-بۇنىڭغا مەبلەغ سېلىش، زىيان تارتىش بىلەن تۈگەتتى. ھالىمىز بەك خاراپلىشىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، تۇرمۇشىمىز خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. مېنىڭ بالىلىقىم ئۆيدىكى ئۇ مال، بۇ مالنى سېتىش غەۋغاسى، مومامنىڭ يىغىسى ۋە نامراتلىشىپ كېتىشتىن قورقۇش ۋەھىمىسى ئىچىدە ئۆتتى. دادام مەبلەغ سالغۇچى ياكى قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى بولۇشتىن ۋاز كېچىپ، كارخانا، شىركەت باشقۇرغۇچى بولدى. بىزنى تاشلاپ پارىژغا كەتتى، بىر مەزگىل شۇ يەردە ياشىدى“.
ئورخان پامۇكنىڭ دادىسى گۈندۈز پامۇك قۇرۇلۇش ئىنژىنېرلىقىدا ئوقۇغان بولۇپ، ئىشلىرى ئاقمىغاندىن كېيىن پارىژغا كېتىپ، IBM شىركىتىدە ئىشلەيدۇ، كېيىن بۇ شىركەتنىڭ تۈركىيەدىكى ۋاكالەتچىلىكىنى ئېلىپ، 1959-يىلدىن 1964-يىلغىچە بۇ شىركەتنىڭ مۇدىرى بولىدۇ. 1964-يىلى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەردىن بولغان كوچ گۇرۇھىغا كىرىپ، بۇ شىركەتنىڭ مۇھىم مەسئۇللىرىدىن بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1978-يىلدىن 2001-يىلغىچە ئۆزى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. 2002-يىلى ۋاپات بولىدۇ.
ئورخان پامۇك ئانا تەرەپتىن 1720-يىللاردا گىرىتتا ۋالى بولغان ئىبراھىم پاشاغا تۇتىشىدۇ. ئىستانبۇل تىجارەتخانىسىنى قۇرغۇچىلاردىن باسماجىزادە ئىسىملىك كىشى ئورخاننىڭ چوڭ بوۋىسى (بوۋىسىنىڭ دادىسى) ئىبراھىم ڧەرىت بولۇپ، جەۋدەت، فۇئات، ئىززەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولغان. ”بىر زامانلار ئىش بانكىسىنىڭ باشلىقى بولغان ڧەرت باسماجىمۇ ئانا تەرەپ جەمەتىمىزدىندۇر، مېنىڭ پەقەت ياقتۇرمايدىغان، بىر كىمنىڭ بىلىپ قېلىشىنىمۇ خالىمايدىغان كىچىك ئىسمىممۇ ڧەرىتتۇر. بۇ جەمەتتىن بەزىلىرى باسمان، بەزىلىرى باسماجى دېگەندەك تەگئاتلار قوللاندى، ئەمما ھەممىسى بىر جەمەتتىن“ دەيدۇ ئورخان پامۇك. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ دادىسى جەۋدەت ڧەرىت (1882—1953) گېرمانىيەدە قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1933-يىلى مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلاھاتىدىن كېيىن بۇ يەردىن ھەيدەلگەن. جەۋدەت ڧەرىت نىكڧال خانىم بىلەن ئۆيلەنگەن بولۇپ، تۇركان، شەكۇرە (ئورخان پامۇكنىڭ ئاپىسى)، گۈلگۈن ئىسىملىك ئۈچ قىزى بولغان. گۈندۈز پامۇك بىلەن شەكۇرە 1949-يىلى توي قىلغان. “ كىنوخانىنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى دادام بىلەن ئاپام كىنوخانىدا تونۇشۇپتىكەن. 1950-يىلى ئاكام شەۋكەت پامۇك تۇغۇلدى، 1952-يىلى مەن تۇغۇلدۇم، ئورخان دېگەن ئىسمىمنى ئاپام قويۇپتىكەن. ئاكام بىلەن پەقەت چىقىشالمايتتىم. چۈنكى ئۆيدە ئۇ دائىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىۋالاتتى، ھەممە ئىشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالاتتى، مەن شۇمتەككە خىيال سۈرۈشتىن باشقا ئىش قالمايتتى. ئەسەرلىرىمدە بۇنى ئىپادىلەپ قويغاچقا مەندىن خاپا، بۇنى توغرا چۈشىنىمەن. ھالبۇكى مەن يازغۇچى، بىر ئەسەر يازغىنىمنى ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتىمەن، داۋاملىق يازىمەن. ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ يۈرۈشنى ۋە باشقىلارغا ناچار تەسىر بېرىشنى خالىمايمەن، ھازىرغىچە مۇناسىۋىتىمىزنى بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ بىز يەنىلا قېرىنداش“ دەيدۇ ئورخان پامۇك.

ئورخان پامۇكنىڭ ھاياتى

ئورخان پامۇك دادىسى ۋە تاغىسى ئوقۇغان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئىككى يىلدىن كېيىن دادىسى IBM شىركىتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئەنقەرەگە كەتكەندە، بۇ شەھەردىكى مىمار كامال باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگىنىدە بۇرۇنقى مەكتىپىگە كىرەلمەي، شىشلى تەرەققىيات مەكتىپىدە باشلانغۇچنى پۈتتۈرىدۇ. ئاندىن روبېرت كولېژ (ئىنگىلىز تىلنى ئاساس قىلىدىغان كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ) دە ئوقۇيدۇ. “ ئۇ چاغدا تىرىشمايتتىم، ھورۇن ھەم ھاكاۋۇر ئىدىم، تولا چاقچاق قىلاتتىم، نەتىجەم تۆۋەن ئىدى. باينىڭ بالىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتەلمەيتتىم، قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشەلمەيتتىم، ئىچىم ئاجىز ئىدى، ئۆزەمنى كەمسىتەتتىم. ھازىرقىغا قەتئىي ئوخشىمايدىغان بىر خاراكتېرىم بار ئىدى“ دەيدۇ ئورخان پامۇك. ئۇ 1970-يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىناكارلىق كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۈچىنچى يىلىغا بارغاندا مەكتەپتىن چىقىۋالىدۇ، ئەسكەرلىك مەجبۇرىيىتىدىن قېچىپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ، 1977-يىلى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ، يەنە ھەربىيلىككە بېرىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ماگېستىرلىق ئوقۇشىغا كىرىدۇ، يېرىم يولدا بۇ ئوقۇشتىنمۇ ۋاز كېچىپ، كېيىن ئامالسىز 4 ئاي ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
ئالتە، يەتتە يېشىدىن باشلاپ رەسىم سىزىپ كەلگەن ھەم رەسسام بولىمەن دەپ ئويلىغان پامۇك، 22 يېشىدا يازغۇچى بولۇش قارارىغا كېلىدۇ. تۇنجى رومانى “ قاراڭغۇلۇق ۋە نۇر“ نى يېزىشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا ئۇ باي ساۋاقداشلىرى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ھۇجرىسىغا بېكىنىپ، ئۆز دۇنياسىغا كىرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ئۆيىدە ئادەم تولا، غەۋغا تولا ئىدى؛ پامۇك مۇنداق دەيدۇ: “ ئۇرۇغ-تۇغقان، جەددى-جەمەتىمىز كۆپ بۇ ئائىلىنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى چوڭقۇر. ھالبۇكى تۈركىيەدە 70، 80 پىرسەنت ئائىلىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق. دادام بىلەن ئاپام ئۇرۇشۇپ قالغاندا مېنى باشقا بىر تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىگە، ئاكامنى يەنە بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياتتى. دادام دائىم ئۆينى تاشلاپ، گەپ قىلماي ڧرانسىيەگە كېتىۋالاتتى، ئايلاپ، ھەتتا يىللاپ كەلمەيتتى. مەن بۇنىڭدىن بەك ئاغرىنىپ كەتمەيتتىم، ھەتتا خوش بولۇپ قالاتتىم. چۈنكى ئۆيىمىز تىنجىپ قالاتتى، مەنمۇ ئەركىن نەپەس ئالاتتىم. ئاپام ھۇجرىسىدىن تالاغا قاراپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ھەسرەت چېكىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. دادامنىڭ يوقلۇقىغا خۇرسەن بولىدىغىنىمنى بىلگەچكە “ داداڭ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتسە خوش بولىسەن ھە، كەلمىسىكەن دەيسەن- ھە“ دەيتتى. ئىككىسى 1972-يىلى ئۆي ئايرىدى، 1978-يىلى رەسمى ئاجراشتى. ئۇ چاغدا ئاكام ئامېرىكىدا ئوقۇيتتى. ئاپام بىلەن شۇنچە چوڭ ئۆيدە يالغۇز قالدىم. بۇ مېنىڭ ئەڭ مۇشەققەتلىك كۈنلىرىم ئىدى. ھەر كۈنى ھۇجرامدا ئولتۇرۇپ رومان يازاتتىم. ئاپام ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ: ”يەنە يېزىۋاتامسەن؟ تاماكىنى ئاز چەك، كۆزۈڭنى ئاسرا…“ دەپ قوياتتى. مەن ھەر كۈنى ئون سائەت رومان يازاتتىم، قاچان پۈتىدىغىنىنى، قاچان نەشىر قىلدۇرالايدىغىنىمنى بىلمەيتتىم. ئاپام بۇنچە تۈگىمەيدىغان يېزىقچىلىقىمدىن بىزار بولۇشقا باشلىدى. شۇنچە ئوقۇپ بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتمىدىڭ، ھېچ ئىشقا يارىمىدىڭ، ئەتىدىن كەچكىچە ئاقمايدىغان ئىشقا كىرىشىۋالدىڭ… دەپ قاقشايتتى. بۇ ھال مېنىڭ كەيپىياتىمنى بۇزاتتى. 25 تىن ئېشىپ كەتكەنىدىم، تالاغا چىقماي، ئىشلەپ پۇل تاپماي بىكار يېتىپ يەيتتىم، بىر نېمىلەرنى يازاتتىم. ئۆزەمنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ، بولۇپمۇ دادام بىلەن ئاپامغا كۆرسىتىش، ئۆزەمنىڭ يارىماس ئەمەسلىكىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يازاتتىم.. يەنە كېلىپ، ياشلىق ئارزۇ-ئىستەكلىرىمگە يېتەلمىگەنىدىم، كۆڭلۈمدىكىدەك بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشەلمىگەنىدىم، جەلپ قىلىش كۈچۈم يوق ئىدى، بۇ ئازابمۇ مېنى بوش قويمايتتى. 30 غا يېقىنلاپ قالغانىدىم، تېخىچە بىرەر ئىشتىن نەتىجە قازىنالمىغانىدىم، ئۇرۇغ-تۇغقانلارنىڭ توي-تۆكۈنلىرىگە بېرىشتىن قاچاتتىم، بىلىدىغانلا كۆڭلۈمنى ئاياپ گەپ سورىمايتتى، بىلمەيدىغانلار ”نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟“ دەپ سوراپ قالسا، ناھايىتى تەستە، بوغۇلۇپ تۇرۇپ: ھېچ..ئىش.. قىلمىدىم، شۇ ئۆيدە…رومان…يېزىۋاتىمەن“ دەپ قوياتتىم. قاتتىق ئوڭايسىزلىناتتىم. چوڭلار مېنى بىر پىچاققا ساپ بولمايدىغان يارىماسقا چىقىرىۋەتكەن شۇ چاغلاردا ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكۈم كېلەتتى… يازغۇچى بولۇش بولماسلىق ئارىسىدا تېڭىرقاپ يۈردۈم، بۇ ھالدا مەن خۇددى 90 مىنۇتلۇق پۇتبول مۇسابىقىسىدا توپ تىقالماي ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرگەن پۇتبۇلچىغا ئوخشايتتىم. ئانام پۇل بەرمەيتتى، بىرەر ئىش قىلىپ پۇل تاپ دەيتتى. ئېلان شىركىتىدە ئىشلەپ باقاي دەپ ئويلىدىم، ئەمما ئىشلىيەلمەيدىغانلىقىمنى بىلەتتىم. ئەھۋالىم چاتاق ئىدى، ئەمما بەل قويۇۋەتمىدىم. ئارىلىقتا توي قىلدىم، ئايالىم ئايلىن ئانا تەرەپتىن ئاق ئورۇسقا تۇتىشىدۇ، ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ھەمراھ بولدى. 1979-يىلدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىمۇ نۇرغۇن داۋالغۇشلار، ئىنقىلاپلار يۈز بەردى. ئۆزەمنى سولچى ھېسابلايتتىم، ئەمما بىرەر پائالىيەتكە، نامايىشقا قېتىلمايتتىم، مېنى ئۆز قوينىغا ئالالايدىغان بىرەر تەشكىلات ياكى پارتىيەمۇ يوق ئىدى. يەنىلا ئۆز يالغۇزلۇقۇمغا مەھكۇم بولۇپ، ئۆيگە بېكىنىپ رومان يازاتتىم. بۇ مەزگىلدە يەنە كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە كىتاب ئوقۇدۇم. “
ئورخان پامۇك «جەۋدەت بەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى»(1982)، «جىمجىت ئۆي» (1983)، «ئاق قەلئە» (1985)رومانلىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ تۈركىيە ۋە خەلقئارادا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئامېرىكا لوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بېرىلگەن ”خەلقئارا يازغۇچىلار كۇرسى“ (IWP) غا قاتنىشىدۇ. بۇ كۇرستا 1985-يىلدىن 1988-يىلغىچە ئۈچ يىل ئوقۇيدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن، ئىستىقبالى پارلاق يازغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىنى تونۇشى ۋە بۇ يەردە ئوقۇغاچ ئەسەر يېزىشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن بۇ قىممەتلىك پۇرسەت ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىنى ئۆزگەرتىدۇ. بۇ يەردە ئۇ كۆپلىگەن ئاۋانگارت يازغۇچى-شائىرلار بىلەن تونۇشىدۇ، ئىنگىلىزچە كىتاب، رومانلارنى بىمالال ئوقۇغىدەك، ئوتتۇرىغا چىقىپ پىكىر بايان قىلالىغۇدەك ھەم دەرس بېرەلىگۈدەك سەۋىيەگە كېلىدۇ. نۇرغۇن ئەدەبىي ئېقىملار، بولۇپمۇ كېيىنكى مودېرنىزم ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىدۇ، بەدئىي ماھارەت ۋە ئىجادىيەت تاكتىكىسىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە يازغان ”قارا كىتاب“ ناملىق رومانىنى 1990-يىلى نەشر قىلدۇرىدۇ، تېمىدىكى يېڭىلىقى، قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى بىلەن تۈركىيەدە غولغۇلا پەيدا قىلىدۇ. چوڭ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىدۇ.
ئورخان پامۇك ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھۇجرىسىغا بېكىنىپ سائەتلەپ رومان يېزىش، كىتاب كۆرۈشتىن باشقا ئىش قىلمايدۇ. سىرتقا چىقسىمۇ پەقەت ئارام ئېلىش، شەھەر ۋە ئادەملەرگە قاراپ ئىلھاملىنىش ئۈچۈن چىقىدۇ؛ ساياھەتكە بارسىمۇ رومان ئىجادىيىتىدىگە ئالاقىدار ئىشلار، تەكشۈرۈشلەر، ئىزدىنىشلەر ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ. پىكىر-خىيالى روماندىكى قەھرىمانلاردىن ئايرىلمايدۇ، ئۇلار ياشىغان مۇھىت، زامان، ئەتراپىدىكى ئادەملەر، يولۇققان سىياسىي ۋەقەلەر، ئۆتمۈشكە ئالاقىدا خاتىرىلەر ياكى يېزىشقا يارىغۇدەك بىرەر ئۇچۇر ۋە ئاجايىپ ئىشلارنى خاتىرىلەشنى قولدىن بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ تەبىرىچە، ئىجادىيەت ”يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغاندەك“ جاپالىق، “ بىر خىش، بىر خىشتىن ئۆي قوپۇرغاندەك“ نازۇك ئىش بولۇپ، سەۋرچانلىق ۋە جاھىللىق تەلەپ قىلىدۇ. تۆت يىلغا يېقىن تىركىشىش نەتىجىسىدە ئۇ 1994-يىلى ”يېڭى ھايات“ رومانىنى تاماملايدۇ.
ئىجادىيىتىدە كونا سەنىمىگە دەسسەشتىن ئۆلگۈدەك قاچىدىغان پامۇك، ھەر بىر رومانىدا يېڭى بىر مېتود، ئۇسلۇب ۋە قۇرۇلمىنى سىناق قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىم بۇرۇنقى رومانلىرىغا ئوخشىمايدىغان رەڭدار بىر رومان يېزىش قارارىغا كېلىدۇ، رەسساملىققا بولغان كونا ئىشتىياقى ۋە بۇ سەنئەتكە بولغان تونۇشلۇقىنى رومان ئارقىلىق ۋايىغا يەتكۈزمەكچى بولىدۇ. نۇرغۇن ئىجادىيەت پىلانلىرى ئىچىدىن ئاخىر بىرنى تاللاپ، كونا ئۇسلۇبتىكى رەسساملىق، مىنياتۇر ۋە ئوسمانلى نەققاشچىلىرىغا ئائىت بىر رومان يېزىش خىيالىغا كېلىدۇ. ئىستانبۇل توپقاپى سارىيىغا نەچچە ئون قېتىم بېرىپ، مىنياتۈر ۋە نەقىشلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، سائەت-سائەتلەپ خاتىرە يازىدۇ. مۇزېي ۋە ئارخىپخانىلارغا بېرىپ، 1591-يىلىغا ئائىت ئوسمانلى ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈپ، مىراس ھۆكۈملىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئەشيالارنى بىر-بىرلەپ خاتىرىلىۋالىدۇ ھەمدە بۇ ئەشيالاردىن ئەينى چاغدىكى ئوسمانلى پۇقرالىرىنىڭ ئۆيى ۋە ئاشخانىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. ئاكادېمىك تەتقىقات روھىدىن ئايرىلمىغان بۇ خىل ئىزدىنىشلەر كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ ”مېنىڭ ئىسمىم قىزىل“ رومانىنى يېزىشىغا ئىلھام، كۈچ بەخش ئېتىدۇ ۋە رومانغا بەدئىي قىممەت بېغىشلايدۇ. دەرۋەقە بۇ رومان ئىرلاندىيە، ئىتالىيە، ڧرانسىيەدىن تارقىتىدىلىدىغان كاتتا مۇكاپاتلارغا نائىل بولدى.
ئۇ ”بىردىنبىر ئاخىرقى سىياسىي رومانىم“ دەپ ئاتىغان ”قار“ رومانىنى 2002-يىلى نەشىر قىلدۇرىدۇ. بۇ روماننى يېزىشقىمۇ ئۈچ يىلدىن كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ، گېزىت مۇخبىرى سۈپىتىدە تۈركىيەنىڭ كارس ۋىلايىتىگە بېرىپ، رومانغا مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنى ۋە يۈز بەرگەن ئىشلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ. “ بۇ جاي تۈركىيە بىلەن روسىيەنىڭ چېگرىسى بولغاچقا ئاجايىپ ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان بىر جايدۇر ،-دەيدۇ ئورخان پامۇك،- قىشى بەك سوغۇق بولىدۇ، كۆپ قار ياغىدۇ، مەن بۇ يەردىكى مەھەللىلەرنى، ئادەملەرنى مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن تەكشۈردۈم. بىر فوتوگرافچى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇنىڭ قولىدا بەزى كونا سۈرەتلەر بار ئىدى، بىر كۈن ئولتۇرۇپ تەتقىق قىلدىم، بۇ سۈرەتلەرنىڭ ئىچىدە بۇ يەردىكى بىر توي مۇراسىمىدا تارتىلغان سۈرەت دىققىتىمنى تارتتى، سۈرەتتىكى كىشىلەر بۇ يەرنىڭ يېقىنقى تارىخى، تۇرمۇش سەۋىيەسى، بايلار ۋە كەمبەغەللەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر بېرىپ تۇراتتى. مۇشۇنداق قىممەتلىك ئۇچۇرلار دائىم سىز دىققەت قىلمايدىغان يەردىن كېلىدۇ. بىر كۈنى كوچىدا كېتىۋاتسام بىر ساقچى ئەگىشىۋالدى، ماشىنىسىغا ئەكىرىپ بەش مىنۇت سوراق قىلىپ قويۇۋەتتى. سولچىلار ھەر دائىم ئوڭچىلاردىن ئەنسىرەپ تۇرىدىكەن. ئەمما ئۇ يەردە ئىسلامچىلار يوق، «قار» رومانىدىكى ئىسلامچىلارنى مەن تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ كىرگۈزۈپ قويغان. بۇ سىياسىي روماننىڭ بىر ئېھتىياجى. ئەگەر تۈركىيە ھەققىدە بىرەر سىياسىي رومان يازىمەن دەيدىكەنسىز، تۈرك، كۇرت، ئەرمەنى، ئوڭچى، سولچى، ئىسلامچى مەسىلىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلمەيسىز.“
ئورخان پامۇك «قار» ناملىق رومانى بىلەن خەلقئارادا، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا شۆھرەت تاپتى. تۈركىيە ۋە خەلقئارا ئەدەبىيات سەھنىسىدە تېخىمۇ مۇھىم ئورۇن تىكلىدى، چولپان بولۇپ چاقنىدى. ئەمما ئارقىدىن بىر ئېغىز گېپى بىلەن ئۆز بېشىغا بالا تېرىدى. 2005-يىلى شېۋىتسارىيەدە بىر ژۇرنال مۇخبىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە: ”بۇ زېمىندا 30مىڭ كۇرت، 1 مىليون ئەرمەنى ئۆلتۈرۈلدى. تۈركىيەدە مەندىن باشقا ھېچكىم بۇنى تىلغا ئېلىشقا پېتىنالمايدۇ.“ دەپ قويۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 301. ماددىلىق قانۇنىغا ئاساسەن، “ ئۆز مىللىتىنى ھاقارەتلەش جىنايىتى“نى بوينىغا ئارتىۋالدى. تۈركىيە ئىچىدە ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىق، ھەتتا نەپرەت سادالىرى ئەۋج ئالدى. 2005-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى سوتقا تارتىلىدىغان بولدى. ئەمما ئادالەت مىنىستىرلىكىدىن رەسمى ئۇقتۇرۇش چۈشمىگەچكە، دەۋا-دەستۇر 2006-يىلى 2-ئايغا كېچىكتۈرۈلدى. بۇ دەۋاغا ئامېرىكا ئارىلىشىۋىدى، تۈركىيە خەلقى ئىچىدىن بۇنىڭغا قارشى نامايىش قوزغالدى. ئورخان پامۇكنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنىنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇنى تىللىغان، سېسىق تۇخۇم ئاتقان كىشىلەرنىڭ كۆرۈنۈشى تېلىۋىزوردا كۆرسىتىلدى. خەلقئارالىق خەۋەرگە ئايلانغان بۇ ئىش تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىگە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش مەسىلىسىگە چېتىلىپ قالدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارلامنېت باشلىقى : تۈركىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنت (مىللىي مەجلىس) ئارقىلىق بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەك، ئەڭ ياخشى چارە مۇشۇ، بولمىسا تۈركىيەنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىدۇ. بۇنداق مەشھۇر بىر يازغۇچىڭىزنى سوتلىسىڭىز، كوچىدا مىللەتچى پۇقرالىرىڭىز ئۇنىڭ ماشىنىسىغا ھۇجۇم قىلسا، دېمەك، بۇ يەردە جىددىي بىر مەسىلە بار، دېدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا ۋەكىللەرمۇ، ئەگەر تۈركىيە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلىسە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشتىن سۆز ئاچمىسۇن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىسلاھات ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەك، دېدى. نەتىجىدە بۇ دەۋا 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەمەلدىن قالدى.
مىللەتچىلەرنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە قېلىپ، كوچىغىمۇ خاتىرجەم چىقالماس بولۇپ قالغان ئورخان پامۇك ئامېرىكىغا كەتتى. كولومىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركىيە ئەدەبىياتىدىن دەرس ئۆتۈش، كىتاب ئوقۇش بىلەن كۈن ئۆتكۈزدى. 2006- يىل 10ئاينىڭ 12-كۈنى شېۋتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئۇنىڭغا بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندا خۇشاللىقىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمىدى، تۈركىيەدە ئۇچرىغان ھاقارەتلىرىنى ئۇنتۇپلا كەتتى. دەرھال قىزىغا تېلىپون قىلىپ، بۇ خۇشخەۋەردىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. قىزى رۈيا بۇ چاغدا سىنىپىدا ئىدى، ھاياجاندىن پەس ئاۋازدا ساۋاقداشلىرىغا: دادام نوبېل مۇكاپاتى ئاپتۇ… دېدى. ساۋاقداشلىرى تەنتەنە قىلىشتى.
ئورخان پامۇكنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيىتى تۈركىيەدە قاتتىق غولغۇلا پەيدا قىلدى، ئۇ نوبېل مۇكاپاتىنى ئالماستا 2005-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان، ئەرول مانىسالى يازغان “ ئورخان پامۇك نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ“ ناملىق ماقالە تۈركىيەنىڭ ھەممە يېرىدە مەشھۇر بولدى. مىللەتچىلەر ۋە ئۇنى كۆرەلمەيدىغان يازغۇچى-شائىرلار تۇشمۇ تۇشتىن ماقالە يېزىپ، ئورخان پامۇك تۈركىيە ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن مۇكاپاتى ئەمەس، بەلكى ئىش ھەققى دېيىشتى ۋە ئۇنىڭغا قارشى پىكىر توپلىدى. بەزى ئوبزۇرچىلار ئۇنىڭ «يېڭى ھايات» رومانىدا ئاتاتۈركنى ھاقارەتلىگەنلىكىنى ئېيتسا، بەزىلىرى «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» رومانىنىڭ بايان شەكلىنىڭ ئامېرىكىلىق يازغۇچى نورمان ماللېرنىڭ «كونا ئاخشام» رومانىنىڭ تەقلىدى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى. خەلقىئارادىكى بەزى مەتبۇئاتلارمۇ بۇ مۇكاپاتنىڭ سىياسىي سەۋەبتىن بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما خەلقئارادىكى كۆپلىگەن يازغۇچى ۋە ئوبزۇرچىلار ئورخان پامۇكنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى ھارولد پىنتېر، جۇڭگو يازغۇچىسى مويەن قاتارلىقلار بار.
ئورخان پامۇك ”ئۆز شەھرىنىڭ ھەسرىتىنى يېزىش داۋامىدا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە توقۇنۇشىدىكى يېڭى سمۋوللارنى بايقىغانلىقى“ ئۈچۈن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى بۇ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قىزى بىلەن بىللە قاتناشتى. مۇراسىمدا «دادامنىڭ چامادىنى» ناملىق نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆز ئىجادىيىتىدە دادىسىنىڭ كىتابلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بايان قىلدى. تۈركچە بىلمەيدىغانلار قولىدىكى تەرجىمىسىگە قاراپ ئۇنىڭ سۆزىگە ئەگەشتى، كەيپىياتىغا ھەمنەپەس بولدى. نۇتۇق ئاياغلاشقاندا ئۇزۇن ئالقىش ياڭرىدى.
نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغان، تۈرلۈك ھاقارەت ۋە ھاياجانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بۇرۇنقىدىن تەمكىن بولۇپ قالغان ئورخان پامۇك، سىياسىي پاراڭلاردىن قېچىپ يۈردى، مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا: مېنى ئەمدى سىياسىي ئىشلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالماڭلار، ئەدەبىيات توغرۇلۇق گەپ بولسا سوراڭلار، دەپ تەكىتلەپ تۇردى. تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىدىكى سۆھبەتلىرىدە ۋە ئۇنىۋېرستېتلاردىكى لېكسىيەلىرىدە ئۆزىنىڭ تۈرك تىلىدا ئەسەر يازىدىغان بىر يازغۇچى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، پۈتۈن دەردىنىڭ ئەدەبىيات ۋە يېزىقچىلىق ئىكەنلىكىنى، ئەلۋەتتە خەلقئاراغا تونۇلغان بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتى تۈركىيە جەمئىيىتىدىكى بەزى ئىشلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نوبېل مۇكاپاتى ئېلىپ كەلگەن شان-شەرەپ ئۇنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى، 2008-يىلى ”مەسۇمىيەت مۇزىيى“ ناملىق رومانى نەشر قىلىندى، بۇ رومانغا مۇناسىۋەتلىك بىر كىچىك مۇزېي قۇردى، بۇ مۇزېيدىكى ئەشيالارنى چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە “ نەرسىلەرنىڭ مەسۇمىيەتى“ ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇردى. پائالىيەتلىرى بۇرۇنقىدىن كۆپەيدى، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە دەرس ئۆتتى. دەرستە تەييارلىغان لېكسىيەلىرىنى رەتلەپ، “ ساددا ۋە ئەقىللىق يازغۇچى“ ناملىق بىر كىتاب تەييارلاپ، 2011-يىلى نەشر قىلدۇردى. ئارقىدىن ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ «كاللامدىكى غەلىتە خىياللار» ناملىق بىر رومانىنى تاماملىدى. بۇ روماننى يېزىش ئۈچۈن ئىستانبۇل كوچىلىرىنى قايتا-قايتا ئايلاندى، ئۇششاق سودا-سېتىقچىلار، ھۈنەرۋەنلەر بىلەن كۆرۈشتى، كونا ئۆيلەرنى تەكشۈرۈپ چىقتى.
ئۇ رومان يېزىشتىن باشقا يەنە «باشقا رەڭلەر» (1999)، «ئىستانبۇل: خاتىرىلەر ۋە شەھەر» (2003)، «مەنزىرىدىن پارچىلار» (2010)، «مەن بىر دەرەخ» (2013) قاتارلىق كىتابلىرىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھايات كەچمىشلىرى، ئوقۇغان كىتابلىرى، يېزىقچىلىق ئەھۋالى ۋە ئىجادىيەت قاراشلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىگە سۇندى. ھازىر بەزىدە ئامېرىكا، بەزىدە ياۋروپادا قىسقا مۇددەت تۇرۇپ قالغاندىن باشقا ئاساسەن ئىستانبۇلدىكى ئۆيىدە ئىجادىىيەت بىلەن شۇغۇللانماقتا. “ بۇ يىل 63 كە كىردىم، ئۆمۈر قىسقىراپ، ئۆلۈمگە قاراپ كېتىۋاتىمەن. ئەمما يازىدىغان نەرسە بەك كۆپ، كاللامدا نەچچە روماننىڭ ۋەقەلىكى بار، ھەممىسىنى يېزىپ بولالايمەنمۇ يوق، بىلمەيمەن، ئەمما چامىمنىڭ يېتىشىچە يازىمەن. مېنىڭچە رومان دېگەن نەرسە، قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئىلھامدىن ئەمەس، سەۋرچانلىق ۋە جاھىللىقتىن تۇغۇلىدۇ“ دەيدۇ ئورخان پامۇك.

ئىلاۋە: ئورخان پامۇك بىلەن كۆرۈشۈش

گېزىت خەۋىرى: ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ 2008-يىلى 5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21-ﻛﯜﻧﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨاشتى ﯞﻩ «ﻣﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻢ؟» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ دېدى: “ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ، ﺋﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻗﺴﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﻡ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻤﻼ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ“. ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ: “ ﻣﻪﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯧﺘﯩﻘﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻤﻪﻥ، ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻤﺪﺍ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ. ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ ﺷﯘﻛﻰ، ﻧﻮﺑﯧﻞ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ 600 ﺑﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺭﻭﻣﺎﻧﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﯨﻢ“.
ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣوﻳﻪﻥ، ﺟﺎﯓ ﻳﯚﺭﻩﻥ، ئوبزۇرچىلاردىن ﭼﯧﻦ ﺷﻴﺎﯞﻣﯩﯔ، ﻣﯘ ﺧﻮﯕﻴﻪﻥ، ﻟﯘ ﺟﻴﻪﻧﺪې ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷتى. ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺳﻮﺯﯗﻟدى، ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، مۇھەببىتىنى ئېلىپ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﻏﯩﭙﭙﯩﺪﻩ ﺗﯩﻜﯩﯟﻩﺗتى، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ:“ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻢ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺴﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﺧﻮﺷﻴﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ“ ﺩﯦدى.
گېزىت خەۋىرى: ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ 2002-يىلى ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ 2006-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻙ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻟﻮﻣﺒﻴﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﻚ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﻗﯩﺰ ﺋﯘ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻧﻤﯩﺶ. 5- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 24-ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ئۇنىۋېرسىتېتى ﻗﺎﺭﯨﻤﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ”ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ دېدى:“ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﻏﺎ ﺑﺎﻱ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ، ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯗ، ﺑﯩﻠﯩﻨﮕﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ 30 ﻳﯩﻞ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﻳﺎﺯﺍﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﯩﻢ“. ﺋﯘ ﺑﯘ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺷﭙﻪﺯﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﺪﻩ ﺟﯘﯞﺍﯞﺍ ﺗﯜﮔﯜﺷﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﭖ باقتى، ﺑﯩﺮ ﺟﯘﯞﺍﯞﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﯕﻼﭖ ﺗﯜﮔﻪﻟﻤﻪﻱ ﺋﯩﭽﻰ ﭘﯘﺷﯘﭖ، ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯧﻤﯩﺮﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘپ، ﺳﻪﯞﺭ ﻗﺎﭼﯩﺴﻰ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﻗﯧﭽﯩﭗ چىقتى. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ قىلدى، ”ﻣﻪﻥ ﻛﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ لېكسىيە سۆزلىدى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻤﯩﺶ. “ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﻩﯕﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻗﯩﺴﻪﻥ؟ ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ. ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺟﺎﯞﺍﺑﻪﻥ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﺗﯜﺳﺘﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﺎﺗﺘﻰ- ﺩﻩيدﯘ ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ،- ﺭﻩﯕﮕﺎﺭﻩﯓ ﺋﯘﭼﯘﺭ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﭘﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻐﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ، ﺷﯘ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺷﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﺎﻟﻼ ﻗﺎﺗﯘﺭﯨﺪﯗ“.
5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﺋﻪﺕ 3 ﺗﯩﻦ 5 ﻛﯩﭽﻪ ﺷﯩﺪﻩﻥ ﻛﯘﺗﯘﺑﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ، ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ، ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﻱ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﭼﺮﻩﺗﻜﻪ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﻪﺟﺪﯨﮭﺎﺩﻩﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﻜﯩﭽﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺋﯚﭼﺮﻩﺕ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ، ﺋﯚﭼﺮﻩﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﻟﯧﻔﯩﺘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ كەسىپداشلار ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ، ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺳﻮﻗﯘﻧﯘﭖ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﺪﯨﻢ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯚﺯﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ”ﺳﻪﻥ ﺋﯚﭼﺮﻩﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﻣﺎﭘﺴﻪﻥ“ ﺩﻩﭖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﻮﻳﯘﺷﻤﯩﺪﻯ، ﺳﻮﻗﯘﺷﯘﭖ ﺳﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻛﻘﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﺎﻓﻜﺎ، ﺑﯘﺭﺧﯩﺲ، دوستويىۋىسكى، ﻟﯧﯟ ﺗﻮﻟﯩﺴﺘﻮﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﺍﺭﺍﻗﻼﭖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯛﻡ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭘﻤﯘ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻣﯘ ﺳﺎﻣﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﻮﻻ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺳﺎﺋﻪﺕ 5 ﻛﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﻪﺳﻜﻪ ﭼﯜﺷﺘﯜﻡ، ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺋﯚﭼﺮﻩﺕ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﭘﺘﯘ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ 8 ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ(ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺭﻭﻣﺎﻥ، ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ) ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﮬﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺗﻮﺷﯘﺷﯩﻨﻰ ﺯﺍﺭﯨﻘﯩﭗ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﭼﺮﻩﺗﻜﻪ ﺳﻮﻗﯘﻧﯘﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ”ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺋﯚﻱ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﺪﯗﺭﺩﯗﻡ، ﺋﯘ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﻱ ﺷﺎﺭﺕ-ﺷﯘﺭﺗﻼ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﺩﻯ.
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﻠﺪﯗﻗﻜﻰ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 877 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺳﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ 23ﻣﯩﯔ 800 ﻳﯜﻩﻥ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ (ﺋﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ) ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
-ﺳﺎﺋﻪﺕ 5 ﺗﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ،- ﺩﯦﺪﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ.
- ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ، ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯟﺍﻟﺴﺎﻕ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺱ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻣﺎﯕﺪﻯ، ﺑﯩﺰﻣﯘ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﺎﻧﺪﺍﭖ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ.
ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﺮﺍﻕ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﯞﻩ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ:
- ﺑﯘ ﻳﺎﻕ ”ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ…
ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﯜﻟﺪﻯ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﮬﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
- ﮬﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺴﯩﺰ، _ﺩﯦﺪﻯ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ،- ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﺴﺎﻕ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.
- ﺋﯩﺰﻣﯩﺮﺩﺍ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺑﯘﻳﺎﻗﻤﯘ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ…-ﺩﯦﺪﻯ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ.
- ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭙﻼ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، – ﺩﯦﺪﯨﻢ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻻﻱ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪﻣﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ. ﻛﺎﻟﻼﻣﺪﺍ ”ﭼﻮﻙ… ﻣﻪﺭﺍﻙ.. ﺳﻪﯞﯨﻨﺪﯨﻢ، ﺋﯩﺴﺘﻴﻮﺭﺩﯗﻡ“ ﯞﺍﮬﺎﻛﺎﺯﺍﻻﺭ ﺋﻪﻟﻪﯕﮕﯩﻴﺘﺘﻰ.
ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻛﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﻓﯧﻴﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺩﻩﺭﻗﻪﻣﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻜﻪﭺ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺘﯘﻕ. ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ”ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺴﯩﻠﻪﺭ، ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﺮﺍﮊﺩﺍ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎﯕﻼﺭ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﭘﯘﻝ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺗﯜﺳﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ-ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ“ ﺩﯦﺪﻯ. ﺳﯚﺯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺑﺎﺭﻏﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﯩﻐﺎ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ»، «ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ ﻗﯩﺰﯨﻞ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯﻯ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺗﯚﻛﯜﻟﺪﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻗﯩﻘﻪ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﺱ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﺘﯘﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺭﻩﺳﯩﻤﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ.
ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ پامۇكنىڭ ھەمراھلىرى ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺘﯘﻕ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﻨﯘﺕ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﺘﯘﻕ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﻨﯘﺕ، ﺩﯦﻴﻪﻟﻤﯩﺪﯗﻕ ﭼﻮﯓ ﺳﯜﭘﻪﺕ، ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﺗﯘﺭﯗﯓ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﻨﯘﺕ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﺗﯜﺯﯛﻛﻜﯩﻨﻪ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻣﯘ ﻗﻮﻻﺷﻤﯩﺪﻯ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ، ﭘﯩﻜﯩﺮ-ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻼﺭ ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﻰ. 50 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﻩﻙ ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ، ﺧﯘﺷﺨﯘﻱ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﻩﻙ، ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻼﺭﺩﻩﻙ ﺗﯧﺘﯩﻚ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﻥ، ﭘﺎﺳﺎﮬﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ.
ﻛﺎﻓﯧﻴﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ”ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﺑﻪﻱ، ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﺴﺎﻕ“ ﺩﯦﯟﯨﺪﯨﻢ، ”ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻧﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ“ ﺩﯦﺪﻯ. ﭘﻪﺳﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺭﻩﺳﯩﻤﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﯞﯦﻠﯩﭗ ﺧﻮﺷﻼﺷﺘﯘﻕ.

ئورخان پامۇكنىڭ رومانلىرى

ئورخان پامۇكنىڭ تۇنجى رومانى «قاراڭغۇلۇق ۋە نۇر» 1982-يىلى «جەۋدەت بەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى» دېگەن نامدا نەشر قىلىندى. ئورخان پامۇك بۇ رومانىدا نىشانتاشتا ئولتۇرۇشلۇق باي بىر تۈرك ئائىلىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد ھېكايىسىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز جەمەتىنى پروتوتىپ قىلغان. بىرىنچى بۆلۈمدە ئوسمانلى دەۋرىنى، ئىككىنچى بۆلۈمدە 30 يىلدىن كېيىنكى دەۋرنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ چاغدا ئابدۇلھەمىد سۇلتان تەختتىن چۈشكەن، مەشرۇتىيەت دەۋرى مالىمانچىلىقلىرى ۋە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بالايى ئاپەتلىرى ئاياغلاشقان بولۇپ، تۈركىيەدە جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنىدۇ. جەۋدەت بەگنىڭ ئىشلىرى روناق تاپىدۇ ھەمدە نىشانتاشتىن بىر قورۇ سېتىۋالىدۇ. ئايالى نىگان خانىم ئوسمانلى پاشالىرىدىن بىرەيلەننىڭ قىزى بولۇپ، ئىككى ئوغلى، كېلىنلىرى ۋە بىر قىزى بىلەن بىللە ياشايدۇ. چوڭ ئوغلى ئوسمان دادىسىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولىدۇ. كىچىك ئوغلى رەپىق بولسا بىر ئىشقا ئالدىرىمايدىغان، ئويۇنخۇمار يىگىت بولۇپ، دوستلىرى ئۆمەر ۋە مۇھىددىن بىلەن دائىم پاراڭلىشىدۇ، مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلىشىدۇ. ئۆمەر ھوقۇق، بايلىق سەۋداسى، مۇھىددىن بولسا شائىرلىققا ھەۋەس قىلىدۇ. كېيىنكى كۈنلەردە رەپىق ئۆمرىدە بىرەر ئىش قىلىش ئۈچۈن ئىنقىلاپچىلارغا قېتىلىپ، يېزىلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بىر ھەرىكەت پىلانى تەييارلايدۇ. ئۆمەر شەرقتە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ پۇل تاپىدۇ، ئەمما ئىستانبۇلدىن ئايرىلىدۇ. مۇھىددىن تۈرك مىللەتچىلىرىگە قېتىلىدۇ. جەۋدەت بەگنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بالىلىرى بىنا ئۆيگە كۆچىدۇ. روماننىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى 1970-يىللاردىن باشلىنىدۇ، جەۋدەت بەگنىڭ بالىلىرى قورۇ جايىنىڭ ئورنىغا بىر بىنا سالىدۇ. رەپىق بەگ راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئوغلى ئەھمەت سولچىل ئىدىيەسى بار رەسسام بولۇپ، دادىسىنى ئانچە تونۇمايدۇ ھەم ياقتۇرمايدۇ. نىگان خانىمنىڭ ئۆلۈمى بىلەن رومان ئاياغلىشىدۇ. ئورخان پامۇك تۈركىيەنىڭ زامانىۋىلىشىش جەريانىنى بايلار قاتلىمىدىكى بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ئارقىلىق بايان قىلغان بولۇپ، جەۋدەت بەگ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى، ئۆمەر، مۇھىددىن، مۇختەر بەگ قاتارلىقلار زامانىۋىيلىشىش دەۋرىدىكى تۈركلەرنىڭ ئوخشىمىغان تىپلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ياۋروپالىقلاردەك زامانىۋىلىشالماسلىق تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئۈمىدسىزلىك ئۇلارنى ھەر خىل كويلارغا سالىدۇ، ھەر خىل يوللارغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ.
پامۇكنىڭ قەلەمدە خېلىلا پىشقان، ئەنئەنىۋى رومانلاردەك بەدئىي زوق بېرىدىغان بۇ رومانى 1983-يىلى ئورخان كامال رومان مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ تۈرك ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى دەسلەپكى قەدەمدە تىكلەيدۇ.
ئورخان پامۇكنىڭ ئىككىنچى رومانى «جىمجىت ئۆي» 1983-يىلى نەشر قىلىنىدۇ. پامۇك بۇ رومانىدا ئۈچ قېرىنداشنىڭ ئىستانبۇل ئەتراپىدىكى جەننەتھىسار بازىرىدا ئولتۇرىدىغان مومىسى پاتىمە خانىمنى كۆرگىلى بارغاندىكى بىر ھەپتىلىك كەچمىشىنى بايان قىلىدۇ. موماي جەننەتھىساردىكى كونا، چوڭ، جىمجىت بىر ئۆيىدە يالغۇز ياشايدۇ. ئۆي خىزمەتچىسى رەجەپ ئۆينىڭ بارلىق ئىشلىرىنى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. موماينىڭ ئۈچ نەۋرىسى بۇ ئۆيدە بىر ھەپتە تۇرۇش ئۈچۈن كەلمەكچى بولىدۇ، موماي ئۇلار ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ تۇرىدۇ. كېچىسى ئۇخلىماي نەۋرىلىرىنى ئويلايدۇ، ئۇلار بىلەن قانداق پاراڭلىشىش، نېمە توغرۇلۇق پاراڭلىشىش ھەققىدە خىيال سۈرىدۇ. ئاندىن ئۆتمۈشىنى، ئۆلۈپ كەتكەن يولدىشى سالاھىدىن بەگنى ياد ئېتىدۇ. كەچمىش ھاياتى گويا بىر ڧىلىمدەك كۆز ئالدىدىن ئۆتىدۇ. دوختۇر سالاھىدىن بەگ كاللىسى ئوچۇق كىشى بولۇپ، ئوسمانلىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات ھاكىمىيىتىنى ياقتۇرمايتتى. شۇ سەۋەبتىن تەلئەت پاشانىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، ئىستانبۇلدىن ئايرىلىپ گەبزەگە كېلىدۇ. پاتىمە خانىمنىڭ ھازىر ئولتۇرۇۋاتقان بۇ ئۆيى شۇ سۈرگۈن قىلىنغان يىللاردا سېلىنغانىدى. پاتىمە خانىمنىڭ نەۋرىلىرى كېلىدۇ، چوڭ نەۋرىسى فارۇخ ئۇنىۋېرسىتېتتا دوتسېنت، تارىخچى؛ ئوتتۇرانچىسى نىلگۈن جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى، پائالىيەتچى؛ مېتىن بولسا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. رەجەپ داستىخان ھازىرلايدۇ، تاماقتىن كېيىن فارۇخ بىلەن نىلگۈن ئۇزۇن پاراڭلىشىدۇ. رەجەپ دوستى ۋىداتنى ئىزدەپ تېپىپ باينىڭ بالىلىرىنىڭ سورۇنىغا بارىدۇ، مېتىن بۇ يەردە جەيلان دېگەن بىر قىزنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. ئەتىسى موماي نەۋرىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يولدىشى سالاھىدىن بەگنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ دۇئا قىلىدۇ، ئۆزىنى تۇتالماي يىغلايدۇ. نەۋرىلىرىنىڭ بۇتتەك تۇرۇشلىرىدىن ئاغرىنىدۇ.
فارۇخ گەبزە ئارخىپ ئىشخانىسىغا كىرىپ ماتېرىيال ئىزدەيدۇ. كونا گېزىت-ژۇرنال ۋە سوت ئارخىپلىرىنى تەكشۈرىدۇ، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولىدۇ. بۇ ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، بۇ يەرنىڭ تارىخى ھەققىدە ماقالە يېزىش خىيالىغا كېلىدۇ. كەچتە تاماق ۋاقتىدا بۈگۈن كۆرگەن ماتېرىياللىرى ھەققىدە پاراڭ سالىدۇ. مېتىن بولسا ھەر كۈنى يەپ-ئىچىپ، ئويناپ-كۈلۈپ يۈرىدۇ. بىر قېتىم مەست بولۇپ قېلىپ، جەيلانغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ، ئەمما قىز ئۇنىمايدۇ.
رەجەپ كەچتە ئۆيدىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، تالاغا ئايلانغىلى چىقىدۇ. بويى پاكار بولغاچقا قۇرۇق سۆلەت بالىلارنىڭ مەسخىرىسىدىن قېچىپ، ئۆزى يالغۇز كوچا چۆگىلەيدۇ. ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى ھەسەن ئوڭچى تېرورىست بولۇپ، تەشكىلاتىدىكى دوستلىرى بىلەن بىللە كېچىلىرى يوللارغا، تاملارغا سوتسىيالىزمنى، كوممۇنىزمنى تىللايدىغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى چاپلايدۇ. كۈندۈزلىرى بولسا تەھدىت ۋە يالغان ھۆججەت ئارقىلىق تىجارەتچىلەردىن پۇل توپلايدۇ. ھەسەن نىلگۈننىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى دوستلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆڭلى بار ئىدى. قىز بۇنى سېزىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا يېقىن كەلمەيدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر كىتاب ئېلىپ دېڭىز بويىغا بېرىپ سۇ ئۈزىدۇ. قايتىشىدا «جۇمھۇرىيەت گېزىتى» نى ئېلىپ ئوقۇيدۇ. قىزنى پايلاپ تۇرغان ھەسەن بۇنى كۆرۈپ قىزنىڭ سولچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە دوستلىرىغا بۇنى ئاشكارىلىۋېتىدۇ. دوستلىرى ئۇنى بۇ قىزدىن مېھرىنى ئۈزۈشكە چاقىرىدۇ ھەمدە قىزنىڭ ئەدىۋىنى بەرمەكچى بولىدۇ. نىلگۈن دېڭىز بويىدىن قايتىۋاتقاندا ھەسەن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، دوستلىرىنىڭ ئۇنى ئەدەبلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما نىلگۈن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ، بەلكى “ لەنىتى فاشىست!“ دەپ ۋاقىرايدۇ. بۇنىڭدىن غەزەبلەنگەن ھەسەن قىزنى كوچىدا ئۇرۇپ قاچىدۇ. رەجەپ بىلەن بىر دورا ساتقۇچى ئايال نىلگۈننى ئۆيگە ئاپىرىدۇ. دورا ساتقۇچى ئايال يۈزى ئىششىپ چىققان، بەدىنى زەخمىلەنگەن نىلگۈننى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ نىلگۈن ئۇنىمايدۇ.
ئاخشىمى ئۈچ قېرىنداش توپلىشىپ، بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشلار توغرۇلۇق پاراڭلىشىدۇ. ئەتىسى ئىستانبۇلغا قايتىش قارارىغا كېلىدۇ. ئەتىسى رەجەپ نەۋرىلەرنىڭ بۇ قارارىنى مومايغا خەۋەر قىلىدۇ. نەۋرىلەر ناشتىلىقتىن كېيىن ئۈستىگە چىقىپ مومىسى بىلەن خوشلاشماقچى بولىدۇ. نىلگۈن ئورنىدىن قوپقاندا بېشى ئايلىنىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ، يىقىلىپ قالىدۇ. ئەھۋالى بارغانچە ناچارلىشىدۇ ھەمدە مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلۈپ قالىدۇ. نەۋىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمەي قالىدۇ، ئازابتىن ھۇشىنى يوقىتىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەيدۇ. مومىسى ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئۇلار بىلەن خوشلىشىشنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. رەجەپنى چاقىرىدۇ، ئەمما ئۇ كەلمەيدۇ. موماي ئاستىنقى قەۋەتكە چۈشەلمەيدۇ، كارىۋىتىدا يېتىپ بېشىنى يوتقانغا پۈركەيدۇ. ئۆي ئۆلۈمدەك بىر جىمجىتلىققا چۆمىدۇ. ھەسەن بېكەتكە بېرىپ كۈندىلىك گېزىتلەرگە قايغۇلۇق نەزەردە قاراپ، نىلگۈن ھەققىدە بىرەر خەۋەرنىڭ چىققان-چىقمىغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ. پويىزغا چىقىپ جەننەتھىساردىن ئايرىلىدۇ.
بۇ رومان 32 بۆلۈمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر بۆلۈم بىر پىرسۇناژنىڭ كۆزىتىش بۇلۇڭىدىن، بىرىنچى شەخس بايانىدىن بېرىلگەن. ھەجىم جەھەتتىن بەش بايانچىنىڭ بىرىنچىسى ھەسەن، ئۇنىڭدىن قالسا چوڭ خانىم (موماي)، رەجەپ، ڧارۇخ ۋە مېتىن. بايان رەجەپ بىلەن باشلىنىپ، چوڭ خانىمدا تۈگەيدۇ.
ئورخان پامۇكنىڭ بۇ رومانى ھەققىدە ئېيتقانلىرى:
بوۋامنىڭ مومامغا يازغان بەزى مەكتۇپلىرى بۇ روماننى يېزىشىمغا ئىلھام بولدى. بوۋام بۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا قانۇندا ئوقۇش ئۈچۈن بېرلىنغا كېتىدۇ، كېتىشتىن ئاۋۋال چوڭلار ئۇنى مومام بىلەن چېتىشتۇرۇپ چاي ئىچكۈزۈپ قويىدۇ. بوۋام بېرلىندا مومامغا نۇرغۇن خەت يازىدۇ. بۇ خەتلەر سالاھىدىن بەگنىڭ پاتىمە خانىمغا قىلغان نەسىھەتلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. مومامنىڭ بۇ خەتلەرگە ئانچە ئېتىبار بەرمىگەنلىكىنى، گۇناھتىن قېچىپ، چەكلىمىلەردە سىقىلىپ ياشىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بۇ بەختسىز مۇناسىۋەتنى ئويلىغانچە بۇ روماننى يېزىش خىيالىم تۇغۇلدى. روماندىكى بۇ ئائىلە مۇھىتى مەن ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئائىلىگە ئوخشايدۇ، مەنمۇ مومام ۋە تاغىلىرىمنىڭ يېنىدا چوڭ بولغان. شۇڭا بۇنداق مۇھىتنى كەڭ-كۇشادە يازالايمەن. ياشلارنىڭ ھەممىدىن بەك بۇ رومانىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىمەن. بۇ بەلكىم مېنىڭ ياشلىق دەۋرىم بىلەن بۇ روماننىڭ زىچ باغلىنىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك. بۇ روماندىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى مەن، ھەر بىرىدە ياشلىقتىكى ئوخشىمىغان روھىي ھالەتلىرىم مەۋجۇت، ئۇلارنى زوق-شوخ بىلەن يازدىم. روماندىكى ماشىنا مۇسابىقىسى، بىر ئۆيگە يىغىلىپ ئىچىپ مەست بولۇش، دېسكوخانىغا كىرىش، دېڭىز بويىغا بېرىش دېگەندەك ئىشلار 1970-يىللارنىڭ بېشىدا، بايرامئوغلى ساھىل مەھەللىسىدە دوستلىرىمنىڭ ۋە مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلاردۇر. دادىسىنىڭ ماشىنىسىنى ئېلىپ، سوقتۇرۇپ بۇزۇۋېتىپ قاراپ ئولتۇرىدىغان نوچىلارنى ئوبدان تونۇيمەن. روماننى يېزىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئەسلىدىم.
ئورخاننىڭ بۇ رومانى 1984-يىلى تۈركىيە مادارالى رومان مۇكاپاتىغا ، ڧرانسۇزچە تەرجىمىسى 1991-يىلى ”ياۋروپا كەشىپ مۇكاپاتى“غا ئېرىشتى.
1985-يىل ئورخان پامۇكنىڭ ئۈچىنچى رومانى « ئاق قەلئە» نەشر قىلىندى. بۇ ئۇنىڭ ”سۇلتان قانۇنى دەۋرىدىكى ئىستانبۇل“ دىن ئىلھام ئېلىپ يازغان، 17-ئەسىردىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان تارىخىي رومانىدۇر. ئوتتۇرا دېڭىزدا ناپولىغا قاراپ كېتىۋاتقان بىر كېمە ئوسمانلى دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىدۇ، كېمىدىكى بىر ۋېنىتسىيەلىك ئالىم ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىنىپ قۇل قىلىپ سېتىلىدۇ. ئوسمانلى سارىيىدا ئىلىم، ھۈنەر، ھەربىي سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئالىم ئۇنى سېتىۋالىدۇ. كېيىنكى كۈنلەردە بۇ قۇلىنىڭ ئادەتتىكى قۇل ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ، ئىلىم ئالدىدا تىز پۈكۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، تېخنىكىلىق ئىشلاردا ئۇنىڭدىن پايدىلانماقچى بولىدۇ. ئىككىسىنىڭ ياشىغان مۇھىتى ئوخشىمىسىمۇ ئىلىمگە، يېڭىلىققا بولغان ئىشتىياقى ئوخشىغاچقا، بارا-بارا سىرداش، پىكىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا سايىسىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىغۇدەك دەرىجىدە يېقىن بولۇپ كېتىدۇ. ئىشلاردا ھەمكارلىشىدۇ. ئوسمانلى ئالىمى: ئىنسانلارنىڭ تولىسى دۆت، ئەخمەقلەردۇر، ئىلىمگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، خۇراپاتلىقنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېتىدۇ، دەيدۇ. ئەسلىدە غەرب دۇنياسىمۇ بۇ دەۋردە ئوسمانلىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى، ئەمما ئىلىم-پەنگە ئەھمىيەت بېرىش جەھەتتە بىر ئاز ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. سۇلتاننىڭ ئەمرى بىلەن ئىككەيلەن بىرلىشىپ غايەت چوڭ زەمبىرەكتىن بىرنى ياسايدۇ، ئوسمانلى ئەسكەرلىرى يېڭى زېمىنلارنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىدۇ، ئېغىر ھارۋىغا بېسىلغان زەمبىرەكنى ئات-ئۇلاغقا سۆرىتىپ، ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭىدۇ، بۇ زەمبىرەككە مەسئۇل ۋىنتسىيەلىك قۇل يىراقتىن بىر ئاق قەلئەنى كۆرىدۇ…
1990-يىلى ئۇنىڭ تۆتىنچى رومانى «قارا كىتاب» نەشر قىلىندى. روماندىكى غالىپ ئىستانبۇلدا ياشايدىغان بىر ئادۋۇكات، بىر كۈنى ئايالى رۈيانىڭ ئۆزىگە بىر تال باغاقچە يېزىپ قالدۇرۇپ ئۆينى تاشلاپ كەتكەنلىنى بىلىدۇ، ئايالىنى ئىزدەپ شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا سوكۇلداپ يۈرىدۇ. ئايالىنىڭ بەلكىم قېرىندىشى، ”مىللىيەت گېزىتى“ ئوبزۇرچىسى جالالنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئويلايدۇ، ئارقىدىن جالالنىڭمۇ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ جالالنى ئىزدەش داۋامىدا ئۇنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئۇنىڭ تارىخى ھەققىدە يازغان، گېزىتكە يېڭىدىن بېسىلغان ماقالىسىنى ئوقۇيدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ جالالغا ئوخشاش ياشاپ بېقىش ئارقىلىق ئۇنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى بىلىۋالالايدىغانلىقىغا، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇرۇۋاتقان جايىنىمۇ تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. مۇشۇ خىيال بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىنى تېپىپ ماكانلىشىدۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئۇنىڭ نامىدا گېزىتكە ماقالە يېزىشقا باشلايدۇ. بۇلار ئەسلىدە غالىبنىڭ ئارزۇسى بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا جالالنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى، جالالدەك ياشاپ بېقىشنى، ئۇنىڭ ئورنىدا ماقالە يېزىشنى خىيال قىلاتتى. نەتىجىدە ئۇ جالالدەك بولۇش ئارزۇسىغا يېتىپ، ئايالى رۈيانى ئىزدەشتىنمۇ ۋاز كېچىدۇ. ”گېزىت ئوبزۇرچىسى جالال“ سۈپىتىدە BBC تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىن كەلگەنلەر بىلەن سۆھبەت پروگراممىسىغا قاتنىشىدۇ، ”جالال مەستانىلىرى“ دىن كەلگەن تېلېپونغا جاۋاب بېرىدۇ. روماننىڭ ئاخىرىدا ھەقىقىي جالالنىڭ بۇرۇنقى مەستانىلىرىدىن بىرى بىر كۈنى ئاخشىمى يولدا كېتىۋاتقان جالال بىلەن رۈيانى كۆرۈپ قېلىپ ”جالال مېنىڭ خوتۇنۇمنى يولدىن چىقاردى“ دەپ غەزەبلىنىپ ئىككىسىنى ئېتىپ تاشلايدۇ. ئىككىسى ئۆلگەندىن كېيىن غالىپ داۋاملىق ئادۇكاتلىق قىلىدۇ، جالالنىڭ ئورنىدا گېزىت ئوبزۇرچىسى بولۇشنى ھەم داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئورخان پامۇك بۇ روماننىڭ «قارلىق كېچىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىلىرى» دېگەن بۆلۈمىگە ئاساسەن «يوشۇرۇن يۈز» ناملىق سىنارىيە يازغان بولۇپ، رىژىسور ئۆمەر كاۋۇك بۇنىڭغا ئاساسەن بىر كىنو ئىشلىگەن. بۇ فىلم 1991-يىلى ئىتالىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
“ بىر كۈنى بىر كىتاب ئوقۇدۇم، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ھاياتىم ئۆزگەردى…“ ئورخان پامۇكنىڭ 1994-يىلى نەشىر قىلىنغان لېرىك، سىھىرلىك رومانى ”يېڭى ھايات“ مۇشۇ جۈملە بىلەن باشلىنىدۇ. ئوقۇغان بىر كىتابنىڭ تەسىرى بىلەن ئەقلى لال بولغان، كىتابتىن چېچىلغان نۇرغا ياشلىق ھاياتىنى، مۇھەببىتىنى بېغىشلىغان، كىتاب ۋەدە قىلغان مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەرلەرگە چىقىپ، ئاجايىپ سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بىر قەھرىماننىڭ ھېكايىسى بۇ. ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم ئارىسىدىكى غىل-پال كۆرۈنىدىغان نۇرغا شەيدا بولغان ئوسمان ئەبجەق ئاپتوبۇسلارغا چىقىپ ئەڭ خەتەرلىك يوللارنى تاللاپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. نەچچە بالا-قازادىن ئاتلايدۇ، ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ سېھىرلك يۈزىنى كۆرگەندەك بولىدۇ ھەمدە تىرىكلىك ھاياجىنىدا لاغىلداپ تىترەيدۇ. ئۆزىدەك ”تاپتىن چىققان“ بىر قىز جانان بىلەن يولدا ئۇچرىشىپ سەپىرىنى داۋام قىلىدۇ. سەپەر جەريانىدا تۈركىيەنىڭ قالاق، غېرىبانە يېزىلىرىنى، غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بېكەتلىرىنى، مىسكىن ئادەملىرىنى، مەخپىي تەشكىلات ئادەملىرىنى، يولدا قازاغا ئۇچرىغان ”بەختلىك ياشلار“نى، ”مەن تۈرك دېگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك“ دېگەن شوئار چاپلانغان گازارمىلارنى، يولدا چۈشۈپ قالغان ئەسكەرلەرنى، مەكتەپلەرنى، جېكسونغا ھەۋەسمەن ئوغۇللارنى، چىرايلىق ئېتىزلارنى، مەھەللىنىڭ خىلۋەت يېرىگە ماكانلاشقان بايلارنى كۆرىدۇ، ئومۇمەن ھەر جايدا ئاجايىپ-غارايىپ ئادەملەر ۋە ئىشلارغا شاھىد بولىدۇ. مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ غېمىنى قىلىدىغان، بۇ يولدا ئۆز ئوغلىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ يانمايدىغان يەرلىك باي، دوختۇر نارىن ئوغلى مەھەممەتنىڭ ”سېھىرلىك كىتاب“ ئارقىلىق نۇرغۇن ياشلارنى ئازدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئوسمانغا مۇھىم بىر ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. جاناننىڭ ۋەسلىگە يېتەلمەيۋاتقان ئوسمان ئۇنىڭ ئوغلى، جاناننىڭ كونا مۇھەببىتى مەھەممەتنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئەمما جاناندىن ئايرىلىپ قالىدۇ. كېيىن ئوسمان ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىپ، توي قىلىپ بالىلىق بولىدۇ. ئىككىنچى قېتىم كونا ئىزىنى بويلاپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ، ئاپتوبۇستىن تارتىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، بېكەتلەرنىڭ يېڭىلىنىپ، يېزىلارنىڭ قىياپىتىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىش بولغانلىقى كۆرىدۇ، دوختۇر نارىننىڭ بىر زامانلاردىكى خىلۋەت، چىرايلىق ئۆيى ۋە باغ-ۋارانلىرىنى تاپالمايدۇ، ئۆيلەر زاۋۇت، بىناغا، دەرەخلەر ئېلىكتىر تۈۋرۈكلىرىگە، چىغىر يوللار ئاسپالىت يوللارغا ئايلانغان، ھەممە يەرنى دېگۈدەك قاتناش بەلگىلىرى، بانكا ۋە شىركەتلەرنىڭ يوغان ئېلان تاختىلىرى ئىگىلەپ كەتكەنىدى. دۇكانلاردىن ئىلگىرىكى يەرلىك مەھسۇلاتلارنى تاپقىلى بولمايتتى، ئىستېمالدىكى خەلقئارالىشىشنىڭ تەسىرىدە يەرلىك كارخانا، يەرلىك سانائەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋەيران بولغان بولۇپ، ھەتتا يەرلىك يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىمۇ تاپماق تەس ئىدى. ئوسمان بۇ سەپىرىدىن ئۆتمۈشىنىڭ ھېچقانداق ئىزناسىنى تاپالمايدۇ، ئىلگىرىكى تەۋەككۇلچىلىكى، قىزغىنلىقى، ھاياجانلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇرۇنقى سەۋدالىقى ۋە جاراھەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭى ھاياتىنى قايتىدىن باشلاش قارارىغا كېلىدۇ. ئىللىق ئائىلىسىنى، قىزىنى ئويلايدۇ، كەلگۈسىگە ئۈمىدلىك قارايدۇ. ئەمما قىسمەت ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ، ئىلگىرى سېھىرلىك ئۆلۈمنى قوغلىشىپمۇ ئۆلمىگەن قەھرىمان، بۇ قېتىمقى ئۆيىگە قايتىش سەپىرىدە ئۆلۈم بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا، ئەڭ بۇرۇن ئىنتىلگەن يېڭى ھايات ئۇنىڭغا قۇچاق ئاچىدۇ. ھالبۇكى بۇ پەيتتە ئۇ تىرىكلىك پىلانىنى سوقۇۋاتاتتى. ئەمما تەقدىر ھامان ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە باقمايتتى، قوغلىغاندا قاچقان ئۆلۈم ھامان بىر كۈنى ئۇنى كۈتۈلمىگەندە ئىزدەپ تاپاتتى.
«يېڭى ھايات»تىن كېيىن ئورخان پامۇك لىرىك ھاياجانلىرىدىن ئاستا-ئاستا قۇتۇلۇپ، رەسساملىق ئىشتىياقى ۋە تارىخقا بولغان قىزىقىشىنى جانلاندۇرۇپ، يۈكسەك مۇددىئاسىنى ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» رومانىنى يېزىپ چىقتى. ئوسمانلى تارىخىغا ئائىت مول ئۇچۇرلار ، دىن، پەلسەپە، سەنئەت، بولۇپمۇ رەسساملىق ھەققىدىكى بىلىملەرگە تويۇنغان، قۇرۇلمىسى پۇختا، ۋەقەلىكى ئۆزگىچە، بايانلىرىدىن شائىرانە پىكىر ۋە چىن ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇ نادىر رومان تارىخىي رومانچىلىقتا ھەقىقەتەن كەم كۆرۈلىدىغان بىر ئەسەردۇر.
مەزكۇر روماندا 1591-يىلدىكى ئوسمانلى سۇلتانى Ⅲ.مۇرات زامانىدا ئىستانبۇلدا 9 كۈن ئۇدا قار ياغقان كۈنلەردىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ. ئوردا خەتتاتلىرى ۋە نەققاشلىرى سۇلتاننىڭ ئەمرى بىلەن مەخپىي ھالدا غەربچە ئۇسلۇبتا رەسىم سىزىدۇ. بۇ سەنئەتكارلارنى ئۆيىدە تۇرغۇزغان رەسسامنىڭ قىزى شەكۇرە ۋە ئۇنىڭغا ئاشىق بولغان كارا (قارا) بۇ روماننىڭ باش قەھرىمانلىرىدۇر. ئىستانبۇلدا قەھەتچىلىك ۋە ۋەھىمىگە تولغان كۈنلەر داۋام قىلىۋاتقاندا بۇ ئۆيدىكى خەتتاتلار ۋە نەققاشلار قەھۋەخانىلارغا يىغىلىپ، مەدداھلارنىڭ قىسسەلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭۈل ئاچىدۇ. شەكۇرەنىڭ دادىسى، ئۆلتۈرۈلگەن رەسسامنىڭ قاتىلىنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە باغلانغان گۇمان ۋە تەخمىنلەر روماننىڭ ئاخىرىغىچە بىر كۆرۈنۈپ، بىر يوقاپ تۇرىدىغان ئالۋۇندەك سىرلىق بىر نۇقتىغا ئايلىنىدۇ. ئوقۇرمەن بۇ نۇقتا ئايدىڭلانغىچە روماندىكى ھەر بىر شەخسنىڭ بايانلىرىنى دىققەت بىلەن ئوقۇشقا مەجبۇردۇر. بۇ ئالاھىدىلىك روماننىڭ قۇرولما، شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بولۇپ، ھەر بىر شەخس (ھەتتا ئۆلۈك، شەيتان، ئىت ۋە باشقا نەرسىلەر) ئۆز تىلىدا ھېكايە سۆزلەيدۇ.
بۇ رومان كونا شەكىلنى بۇزۇپ يېڭى شەكىل بەرپا قىلغانلىقى، يېڭى بىر تارىخىي كەيپىيات، پەلسەپە ۋە ئىستېتىكا چوڭقۇرلۇقى ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن گويا ئەدەبىيات ئاسمىنىدا پارلىغان بىر يۇلتۇز بولدى، چوڭ تىللاردىن 20 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى، كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.
2002-يىلى ئورخان پامۇكنىڭ بىردىنبىر سىياسى رومانى «قار» نەشر قىلىندى. بۇر روماننى يېزىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ كارس ۋىلايىتىگە بېرىپ، ماتېرىيال توپلىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. بۇ رومانمۇ ئورخان پامۇكنىڭ ئەدەبىياتقا ئاكادېمىك رۇھ، ئەستايىدىللىق، جاھىللىق، سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. روماندىكى باش قەھرىمان كا ئەسلىدە گېرمانىيەدە سۈرگۈنلۈكتە ياشاۋاتقان بىر شائىر بولۇپ، تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ تۆت كۈندىن كېيىن كارس شەھىرىگە بارىدۇ. توختىماي قار يېغىۋاتقان كۈنلەردە بۇ شەھەرنىڭ كوچىلىرىنى، دۇكانلىرىنى ئايلىنىپ، بۇ يەرنىڭ ئەھۋالى ۋە دەرتمەن ئادەملىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلايدۇ. ئىشسىزلار بىلەن تولۇپ كەتكەن چايخانىلاردا ئولتۇرۇپ گەپ تىڭشايدۇ، سىرتتىن كەلگەن ۋە قار ئاپىتى سەۋەبىدىن قايتالمىغان بىر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرىدۇ، بېشىغا ياغلىق چىگكەنلىكى سەۋەبىدىن بېسىمغا ئۇچراپ ئۆلۈۋالغان قىزلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلايدۇ، ھەر خىل سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلىرىغا شاھىد بولىدۇ. يەرلىك مېھمانخانىنىڭ خوجايىنى تۇرگۇت بەگ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى ئىپەك، كادىڧەلەر بىلەن تونۇشىدۇ، گۈزەل قىز ئىپەكنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، بۇ يەردىن كېتىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ بىلەن ۋىسال تېپىشقا ئىنتىلىدۇ، جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولمايدۇ دېگەن پەلسەپە بويىچە، ھەر خىل توسقۇنلۇق ۋە خەتەرگە قارىماي سەۋرچانلىق بىلەن كۈتىدۇ، ھەرىكەت قىلىدۇ، پۇرسەت ئىزدەيدۇ. ئەمما ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ، سولچىلارنىڭ تىياتىرخانىنى بېسىۋېلىپ، ئوڭچىلار ۋە ئىسلامچىلارغا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە جېنىدىن ئايرىلغىلى تاس قالىدۇ ۋە مىڭ بالالىقتا بۇ يەردىن ئايرىلىپ گېرمانىيەگە كېتىدۇ. ئۇ يەردىمۇ ئىپەكنى ئۇنتۇيالمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر سەتەڭنىڭ سېرىق ۋىدىيولىرىنى كۆرۈپ، ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەيدۇ. ئاخىردا تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن بىر جاسۇس تەرىپىدىن گېرمانىيەدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
بۇ رومان غەرب ئەللىرىدە، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا شۆھرەت تاپتى. ئامېرىكلىقلار گويا بۇ رومان ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى چۈشەندى.
ئورخان پامۇك 2006-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالغاندىن كېيىن، سەككىزىنچى رومانى «مەسۇمىيەت مۇزېيى» نى نەشر قىلدۇردى. بۇ روماننى يېزىش پىلانى ئەسلىدە 10 يىل ئاۋۋال بېكىتىلگەن بولسىمۇ، «قار» رومانىنى تاماملىغاندىن كېيىن يېزىشنى باشلىدى ۋە ئارىلىقتا توختىتىپ قويۇپ، «ئىستانبۇل: خاتىرىلەر ۋە شەھەر» نى يازدى. بۇنى نەشر قىلدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن رومانىنىڭ داۋامىنى يېزىشقا باشلىدى، ئەمما نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇلىشىپ كەلگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۇنىڭ ئىشىنى ئاقسىتىپ قويدى، نەتىجىدە 2008-يىلى ئاندىن بۇ رومانىنى تاماملىيالىدى.
روماننىڭ قىسقىچە ۋەقەلىكى مۇنداق: توقۇمىچىلىق كارخانىسى قۇرۇپ بېيىغان باسماجى ئائىلىسىنىڭ ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئوغلى كامال، سىبەل دېگەن قىز بىلەن توي قىلماقچى بولىدۇ. كامال سىبەلگە سومكا ئالماقچى بولۇپ بىر دۇكانغا كىرىدۇ، دۇكان ئېچىۋاتقان قىز فۈسۇن ئۇنىڭ شىرەم تۇغقىنى بولۇپ، كىچىك ۋاقىتلىرىدا كامالنىڭ ئۆيىگە ھېيتلىغىلى كېلەتتى، ئۇزاقتىن بېرى كۆرۈشەلمىگەن، ئەمدى 18 ياشقا كىرىپ بوي تارتىپ گۈزەللىشىپ كەتكەن بۇ قىزنى كۆرۈپ كامالنىڭ ئىچىگە ئوت كىرىۋالىدۇ. توي قىلىدىغان قىزى سىبەلنى ئۇنتۇپ، فۈسۇننى كەلتۈرۈۋالىدۇ. فۈسۇن دۇكان ئاچقاچ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىدۇ، كامال ئۆزلىرىنىڭ ھازىر ئولتۇرمايدىغان باشقا بىر ئۆيىدە فۈسۇنغا ماتېماتىكىدىن يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ھەر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ. نەچچە ئاي داۋاملاشقان بۇ مۇناسىۋەت كامال بىلەن سىبەلنىڭ مەسلىھەت چېيى مۇراسىمىدىن كېيىن ئاياغلىشىدۇ. كامال فۈسۇننى دەرس تەكرارلىغان شۇ ئۆيدە ھەر كۈنى كۈتىدۇ، ئەمما فۈسۇن كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىگەن كامال ئۇنى سېغىنىشقا، ئازابلىنىشقا باشلايدۇ. پەقەت چىدىمىغاندا فۈسۇن قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇششاق-چۈششەك ئەشيالار بىلەن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ ياشايدۇ. كامال سىبەل بىلەن توي قىلغان بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇندەك ياشىيالماي ئاجرىشىپ كېتىدۇ. پۈتۈن سەۋداسى فۈسۇندا قالغان كامال ئۇنى ئىزدەپ بارىدۇ، كۆچۈپ كەتكەن يېرىنى تاپالمايدۇ، ئەمما ئىزدەشنى توختاتمايدۇ. كامالنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، كامالغا فۈسۇننىڭ كۆچۈپ بارغان يېرىدىن بىر خەۋەر(باغاقچە) كېلىدۇ. كامال بۇ يەرگە كەلگىنىدە فۈسۇننىڭ توي قىلىپ بولغانلىقىنى بىلىدۇ. فۈسۇننىڭ بەش ئاي بۇرۇن تەگكەن ئېرى فەرىدۇن فۈسۇنغا بالىلىق چېغىدىن باشلاپ ئاشىق بولغان يىگىت ئىدى؛ ئۆزى نامرات، ئىشسىز بولۇپ، كىنوچىلىق ئىشلىرىغا قىزىقاتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ كامال فۈسۇن ئائىلىسىگە داۋاملىق بېرىپ تۇرىدۇ ھەمدە فۈسۇننىڭ نېمىشقا ئۆزىنى ئىزدەپ قالغانلىقىنى بىلىدۇ، ئېرى فەرىدۇننىڭ كىنو ئىشلىشى ئۈچۈن بىرەر باي ياردەم قىلمىسا بولمايتتى. كامال فۈسۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن فەرىدۇنغا ياردەم قىلماقچى بولىدۇ ھەمدە فۈسۇننى كىنودا باش رول ئېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ. ئۈچەيلەن ھەر كۈنى كىنوخانىغا بېرىپ كىنو كۆرىدۇ، ئىشلەيدىغان كىنوسى ھەققىدە مەسلىھەتلىشىدۇ. فۈسۇن كامالنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلغىنى بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلاشمايدۇ، فۈسۇننىڭ ئانىسى كامالغا قىزىنىڭ بۇ نىكاھىنىڭ ئۆز ئابرۇيىنى قوغداش ئۈچۈنلا قىلىنغان بىر نىكاھ ئىكەنلىكىنى، ئېرىدىن ھامان ئاجرىشىدىغانلىقىنى، سەۋر قىلسا غورىدىن ھالۋا پىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كامالغا تەسەللىي بېرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. كامال ڧۈسۇندىن ئايرىلىپ قالسىمۇ، ئەشيالىرىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق سەۋداسى بىلەن ھەر قېتىم كەلگىنىدە ئۇنىڭ قولى تەگكەن ياكى ئۇنىڭغا ئائىت نەرسىلەرنى (تاماكىسىنىڭ كۆتىكىدىن تارتىپ چاچ قىسقۇچلىرىغىچە ھەممە نەرسىسىنى) ئوغرىلىقچە ئېلىۋالىدۇ، ئەتىسى ئۇنىڭدىنمۇ قىممەت نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئەيىۋىنى يېپىشقا تىرىشىدۇ. كامال فۈسۇن باش رول ئالىدىغان فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن ”لىمون فىلىم شىركىتى“نى قۇرىدۇ. ئەمما ھەقىقەتتە، كامالمۇ، فەرىدۇنمۇ فۈسۇننىڭ فىلىمدە رول ئېلىشىنى خالىمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا فەرىدۇننىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى مەشۇقى پاپاتيانى تاللايدۇ. بۇ فىلىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فەرىدۇن بىلەن فۈسۇننىڭ ئاتالمىش ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىمۇ ئاياغلىشىدۇ. كامال بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. فۈسۇننىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن كامال فۈسۇن بىلەن بىللە بولماقچى بولىدۇ. ئەمما فۈسۇن كامالغا رەسمىي توي قىلىشنى، كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئانىسى ۋە دوست يارەنلىرىگە تونۇشتۇرۇشنى شەرت قىلدۇ. كامال بۇنىڭغا قوشۇلىدۇ ۋە شۇنداق پۈتۈشىدۇ. توينىڭ ئالدىدا كامال فۈسۇننى ۋە ئانىسىنى ئېلىپ پارىژغا بېرىپ ساياھەت قىلماقچى بولىدۇ. ئۈچەيلەن ماشىنىدا سەپەرگە ئاتلىنىدۇ، ئەدىرنە تەۋەسىدىكى بىر مېھمانخانىدا كامال فۈسۇن بىلەن بىللە بولىدۇ. ئەتىسى ئىككەيلەن ماشىنىدا سىرتنى ئايلىنىپ كەلمەكچى بولىدۇ، يېڭىدىن ماشىنا ئۆگەنگەن فۈسۇن يولدا توساتتىن ئەسەبىيلىشىپ، ماشىنىنى تېز ھەيدەپ بىر دەرەخكە ئۈسىدۇ. فۈسۇن ئۆلىدۇ، كامال ئېغىر يارىلىنىدۇ. كامال دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىققاندىن كېيىن يىللاردىن بۇيان توپلىغان، (فۈسۇننىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەتكەن) ئەشيالارنى توپلاپ بىر مۇزېي ئاچماقچى بولىدۇ. فۈسۇننىڭ چۇقۇرجۇمادىكى ئۆيىنى مۇزېيغا ئايلاندۇرغان كامال، ئورخان پامۇكقا مۇزېيدىكى ئەشيالارنىڭ كاتالوگىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر رومان يېزىش تەكلىپىنى بېرىدۇ؛ پامۇكمۇ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىدۇ. روماننىڭ بېشىدىن باشلاپ كامالنى سۆزلىتىپ كەلگەن ئورخان پامۇك ئاخىردا ئۆزى گەپنى ”تارتىۋېلىپ“، كامالنىڭ ئاخىرقى كەچمىشى ۋە ئۆلۈمىدىن خەۋەر بېرىپ، ئەسەرنى ئاياغلاشتۇرىدۇ.
بۇ ئەسەر نەشر قىلىنىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتاب بولۇپ قالدى، ئوبزۇرچىلار ھەر خىل باھا بەردى، بەزىلىرى بۇ روماندا تۇيغۇلار (بولۇپمۇ جىنسىيەت) ئاشۇرۇۋېتىلگەن، ۋەقەلىك كۆپتۈرۈۋېتىلگەن دېسە، بەزىلىرى رىئاللىق بىلەن بەدىئىي تەسەۋۋۇرنىڭ ئارىلىقى يىراقلاپ كېتىپ، روماننىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزگەن، كامالنىڭ بۇ ئاشىقلىق، سەۋدالىق ھېكايىسىدە بىرئاز قەستەنلىك ۋە مۇبالىغە بار دېيشتى. يەنە بىر ئوبزۇرچى “ بۇ ئەسەردىكى مۇھەببەت ئەسەبىي سۆيگۈمۇ ياكى ئەسەبىي ساراڭلىقمۇ؟“ دەپ سوئال قويدى ۋە فۈسۇننىڭ چىرايى، بەدىنىدىن باشقا شۇنچە ئاشىق بولغۇدەك نېمىسى بار؟ ئوقۇرمەنلەر بۇنى چۈشىنەلمەي ئاۋارە، دېدى. بىر مۇنچە تەھلىللەردىن كېيىن، باش قەھرىماننىڭ ھېسسىياتى ئەسەبىي ساراڭلىق، بۇ ساراڭلىق ئاخىر ئۇنى نەرسىلەرگە چوقۇنىدىغان (فەتىشىزىم) كېسىلىگە گىرىپتار قىلغان، دەپ خۇلاسە چىقاردى. شۇنداقتىمۇ، بەزى ئوبزۇرچىلار پامۇك بايان قىلغان بۇ مۇھەببەت ھېكايىسىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زامانىۋى ئىنسانلىرى ئارىسىدا مەۋجۇت ئىشلار ئىكەنلىكىنى، ئىستانبۇلنىڭ 70-يىللاردىكى بايلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىشتى. يەنە بەزىلىرى، بۇ روماندا بىمەنە تىياتىرچىلىققا ئائىت بەزى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى، تەسەددىپىيلىق ۋە غەلىتىلىككە تولغان سەۋەب-نەتىجىلەرنىڭ روماننىڭ بىر پۈتۈن ۋەقەلىكىنى تەشكىل قىلغانلىقىنى، بايانچىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ رەڭدارلىقى نۇقتىسىدىن مارسېل پرۇستنىڭ «سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش» ناملىق رومانىغا ئوخشىشىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.
ئورخان پامۇكنىڭ توققۇزىنچى رومانى «كاللامدىكى غەلىتە خىياللار» 2014-يىلى نەشر قىلىندى. ئوقۇرمەنلەر يەنە ئۆچرەتتە تۇرۇپ بۇ روماننى سېتىۋالدى. روماننىڭ ئىسمى ئىنگىلىز شائىرى ۋىللىيام ۋوردسۋوردنىڭ “ كاللامدا بىر غەلىتە خىيال، ھېچقانداق ماكان ياكى زامانغا تەۋە ئەمەسلىك تۇيغۇسى بار…“ دېگەن سۆزلىرىدىن ئېلىنغان. روماندا ئاساسەن يېزىدىن شەھەرگە كۆچكەن، تالادا قېلىپ ئۆلمەسلىك ئۈچۈن تاغ تۆپىسىدىن يەر ئىگىلەپ ”نامراتلار كەپىسى“ سېلىۋالغانلارنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغان. روماندا ھومېرنىڭ ”ئىلئادا ۋە ئودېسسا“ داستانىدا قوللىنىلغان ماھارەت قوللىنىلغان بولۇپ، باش قەھرىمان مەۋلۇتنىڭ ئۆزى سۆيگەن قىزنى ئېلىپ قېچىشى بىلەن ۋەقەلىك باشلىنىدۇ. مەۋلۇت قىزنى ئېلىپ يېزىدىن شەھەرگە-ئىستانبۇلغا كېلىپ ياشايدۇ. ئىككىنچى قىسىمدا مەۋلۇت 1994-يىلى كوچىدا ياما سېتىۋاتقاندا قارا گۇرۇھنىڭ بۇلاڭچىلىقىغا ئۇچرايدۇ. بۇ ئىككى مۇھىم ۋەقەلىكتىن كېيىن مەۋلۇتنىڭ 1968-يىلدىكى بالىلىق ھاياتىدىن باشلاپ 2012-يىلغا قەدەر بولغان كەچمىشلىرى بايان قىلىنىدۇ. روماندا مەۋلۇتنىڭ ھېكايىسى مەركىزىي ئورۇندا تۇرسىمۇ، باشقا بىر مۇنچە پىرسۇناژلارنىڭ بۇ ھېكايىگە قېتىلىشى بىلەن ئومۇمىي ۋەقەلىك روشەنلىشىدۇ. ئورخان پامۇك بۇ رومانىدا ئوبراز يارىتىشتىن ۋاز كېچىپ ئەسلىدە بار بولغان ئوبرازلارنى (كىشىلەرنى) ۋەقەلىككە تىزىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرگىمۇ تەپەككۇر بوشلۇقى، ئۆز ھېكايىسىنىڭ تەرتىپىنى شەكىللەندۈرۈش ئىمكانىيىتى ياراتقان. روماندا ئىنسانىيەت تەپەككۇرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئەر بىلەن ئايال، زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنە، سولچىلىق بىلەن ئوڭچىلىق، شەھەر بىلەن يېزا، تىل بىلەن قەلب، نىيەت بىلەن قىسمەت دېگەندەك روبىرو كەلگەن ئۇقۇملارنىڭ بىر ئىنساننىڭ ماكان ئالماشتۇرۇشى نەتىجىسىدە قانداق مەنىلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. روماندىكى بىر مۇنچە پىرسۇناژلار ئورخان پامۇك نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ پاراڭلاشقان، ئىچ سىرىنى ئىگىلىگەن ئادەملەر بولۇپ، ماكان ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىدا، ئىدىيەسىدە، قىزىقىشىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقى، ھەتتا ئاۋازىنىڭمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قالغانلىقىنى ئورخانغا ئېيتىپ بېرىشكەن. بۇر ومانمۇ ”جىمجىت ئۆي“ ۋە ”مېنىڭ ئىسمىم قىزىل“ غا ئوخشاش بىر مۇنچە ئادەم ئۆزىنى بايان قىلىدىغان، ھەر بىرىدىن ئوخشىمىغان سادا چىقىدىغان رومان بولۇپ ، بىرلا ئوخشىمايدىغان يېرى، مەزكۇر روماندا ئۈچىنچى شەخس بىلەن بىرىنچى شەخس بايانى( يەنى ئاپتورنىڭ بايانى بىلەن پىرسۇناژنىڭ ئۆزىنىڭ بايانى) كىرىشتۈرۈۋېتىلگەن.
ئورخان پامۇك بۇ رومانىنى يېزىش جەريانىدا ئىستانبۇلدىكى كونا كوچىلار ۋە نامراتلار مەھەللىسىنى بىر نەچچە يىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان بولۇپ، يۈزدىن ئارتۇق كىشى بىلەن پاراڭلاشقان، تۈرك، كۇرت، ئوڭچى، سولچى، مىللەتچى، سۈننىي مۇسۇلمان، شىئە مۇسۇلمان، سوپى-دەرۋىش، دەھرى ياكى ھېچقانداق مەسلەككە يانداشمىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتقا بولغان مۇئامىلىسى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە، ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيەگە بولغان كۆز قاراشلىرى بىلەن تونۇشقان. ئاقسۆڭەك زىيالىي بولغان ئورخان بۇ تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن نامراتلارنىڭ دەردىنى چۈشىنىپ، يازغۇچى ئۈچۈن ئىنساننى چۈشىنىشتىن، ئىنساننى يېزىشتىن باشقا كاتتا ئىشنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلغان، ھەتتا بىر زامانلاردا ماشىنىسىنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ۋەتەن خائىنى دەپ سېسىق تۇخۇم ئاتقان مىللەتچىلەرنىمۇ توغرا چۈشەنگەن، شۇنداق مىللەتچىدىن بىرىنى رومانىغا كىرگۈزگەن.

ئورخان پامۇكنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى

ئورخان پامۇكنىڭ رومانلىرى كېيىنكى مودېرنىزم ئېقىمغا تەۋە بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئوبزۇرچىلار ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ئۇنى تۈركىيەدىكى ئاۋانگارت يازغۇچىلارنىڭ ئالدى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئوبزۇرچى يىلدىز ئەجەۋىت ”ئورخان پامۇكنى چۈشىنىش“ دېگەن كىتابىدا ئۇنىڭ “ ئاق قەلئە“ ، ”قارا كىتاب“، “ يېڭى ھايات“، ”مېنىڭ ئىسمىم قىزىل“ دېگەن رومانلىرىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئىجادىيەت مېتودى ۋە ئۇسلۇبىنى بايان قىلىدۇ. ئەدەبىيات تارىخچىسى جالى پارلامۇ “ دون كىخوتتىن بۈگۈنكى دەۋرگىچە بولغان رومانچىلىق“ دېگەن تەتقىقات ئەسىرىدە ”مېنىڭ ئىسمىم قىزىل“ رومانىنى سېلىشتۇرما ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىدۇ. پارلاغا كۆرە، ئورخان پامۇك تۈرك رومانچىلىقى تارىخىدا غەرب-شەرق مەسىلىلىرى بىلەن ھېسابلىشىشقا يۈزلەنگەن ۋە بۇنى يۇقىرى ئىستېتىك سەۋىيەدە ئىپادىلەشكە تىرىشقان ئەخمەت ھەمدى تانپىنار (1901-1962)، ئوغۇز ئاتاي(1934-1977) قاتارلىق يازغۇچىلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان يازغۇچىدۇر. ئورخان پامۇكمۇ ئۆز ئىجادىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئەدىبلەرنىڭ قاتارىدا ئوغۇز ئاتاينى تىلغا ئالىدۇ.
ئورخان پامۇك غەرب-شەرق مەسىلىلىرىنى مەدەنىيەت ۋە پەلسەپە نۇقتىسىدىن ئەدەبىياتقا تەتبىقىلىغان بولۇپ، ”قارا كىتاب“ ناملىق رومانىدا بۇ ئالاھىدىلىك ئەڭ روشەن گەۋدىلىنىدۇ. كەمىنىنىڭ ھېس قىلىشىچە، ئورخان پامۇكنىڭ ئىجادىيىتىدە مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك ئالاھىدىلىك بار:
بىرىنچى، ئىجادىيەت روھى. ئورخان پامۇكنىڭ ھاياتى ۋە رومانلىرىدىكى يۇقىرى سەۋىيەدىن شۇنى ھېس قىلغىلى بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۈچ ئامىل قىزغىنلىق، جاھىللىق ۋە سەۋرچانلىق. ئۇ ئىلھامغا ئىشەنمەيدۇ، ”يىڭنە بىلەن قۇدۇق قېزىش“ روھىغا ئىشىنىدۇ. نەچچە ئايدا بىر رومان يېزىشنى قاملاشتۇرالمايدۇ، بەلكى يىللارچە ئىزدىنىپ، يىللارچە قېتىرقىنىپ، ئۇستا بىناكاردەك نازۇكلۇق بىلەن ئىشىنى تاماملايدۇ. ئاكادېمىكلار بىر كىتابنى نەچچە يىل ماتېرىيال توپلاپ، نەچچە يىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېزىپ چىققان بولسا، ئۇمۇ شۇنداق ئەستايىدىللىق ۋە مۇشەققەت بىلەن بىر رومانىنى يېزىپ چىقىدۇ. ھەر بىر ئەسىرى كۆركەم بىر بىناغا ئوخشايدۇ؛ تەتقىقات ئەسىرىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ ئەقلىيلىك، سوغۇققانلىق بىلەن كىشىنى چارچىتىپ قويمايدۇ، بەلكى ئىچىدىكى رەڭدار دۇنيا، ئىستېتىك گۈزەللىك بىلەن كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
ئۇنىڭ ئىجادىيەت روھى كىتاب ئوقۇش روھىدىن ئىزچىل ئايرىلمىغان بولۇپ، ئىجادىيەتنى باشلىمىغاندا يېڭى بىلىم، يېڭى ئىلھاملارغا ئېرىشىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇغان بولسا، ئەسەرنى باشلىغاندىن كېيىن بۇ ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك تارىخ، ماكان ۋە ئادەملەر ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇغان، خاتىرە قالدۇرغان.
ئىككىنچى، ئىجادىيەت ئۇسۇلى. ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى كېيىنكى مودېرنىزمغا تەۋە قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما شۇ بىرلا كاتىگورىيە بىلەن چەكلەپ قويغىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ رومانلىرىدا نۇرغۇن ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىرلىشىپ كەتكەن. ئەڭ مودېرنىست رومانى ”قارا كىتاب“، ”يېڭى ھايات“، مېنىڭ ئىسمىم قىزىل“ دىمۇ ئەنئەنىۋى رىئالىزم بىلەن رومانتىزمنىڭ ۋاز كېچىلمەس مېتودلىرى قوللىنىلغان. كېيىنكى يىللاردا يازغان “ مەسۇمىيەت مۇزېيى“، “ كاللامدىكى غەلىتە خىياللار“ دېگەن رومانى ئەڭ باشتا يازغان رومانى ”جەۋدەت بەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى“ دېگەن رومانغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبقا تېخىمۇ يېقىن بولۇپ، چۈشەنمەكمۇ بىر قەدەر ئاسان.
ئۈچىنچى، ئىجادىيەت تاكتىكىسى. ئورخان پامۇك يېزىقچىلىققا كىرىشىشنىڭ ئالدى كەينىدە لېۋ تېلىستوي، دوستويىۋىسكى، كاڧكا، بورخىس دېگەندەك ئەدەبىيات پېشىۋالىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئوقۇپ چىققان، مودېرنىزم ۋە كېيىنكى مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىملىرى بىلەن تونۇشۇپلا قالماي بەلكى ئۇلارنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ پايدىسىنى كۆرگەن، نەزەر دائىرىسى ئېچىلغان، يېڭى ئىجادىيەت پىلانلىرى تۇغۇلغان، ئىجادىيەتنى ھەقىقىي مەنىدە بىر نەرسە ئىجات قىلىش، كەشىپ قىلىش دەپ چۈشەنگەن ۋە ھەر بىر رومانىدا بىر يېڭى ئۇسۇلنى سىناق قىلغان. بۇ خىل يېڭىلىق يالغۇز شەكىل ۋە قۇرۇلما جەھەتتىنلا بولغان بولسا چېنىپ قالاتتى ھەم ئۇنچىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان بولاتتى. يېڭىلىق ئاساسەن ئۇنىڭ پىكرىدە، تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىدە، ئۆزىنى ئىپادىلەشتىكى يۇقىرى ماھارىتىدە كۆرۈلدى. قارىماققا بۇنىڭ تاكتىكا بىلەن بەك ئالاقىسى يوق، ئەمما ئەقىللىق يازغۇچى تالانتىنى قانداق يەردە ئىشلىتىشنى بىلىدۇ، دېمەك بۇمۇ ئەقىل ۋە تاكتىكا مەسىلىسىدۇر. بۇنى ئۇنىڭ ”ساددا ۋە ئەقىللىق يازغۇچى“ دېگەن ماقالىسىدىنمۇ ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى، ئىپادىلەش سەنئىتى. رەسساملىق سەنئىتىدە رەڭ قانداق مۇھىم ئورۇندا تۇرغان بولسا، ئەدەبىي ئەسەردە، بولۇپمۇ شېئىردا ھېسسىيات شۇنچە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. رەسسام قانچە ئۇستا بولسا، سىزىق ۋە رەڭلەرنى ئۆز تەسەۋۋۇرى بويىچە شۇنچە ۋايىغا يەتكۈزۈپ بىر شەكىل ھاسىل قىلالايدۇ، شۇنىڭدەك، يازغۇچىمۇ قانچە تالانتلىق بولسا، ئەڭ مۇھىم ئىپادىلەش ۋاسىتىسى بولغان تىلنى شۇنچە ئۇستىلىق بىلەن قوللىنالايدۇ. ئەسلىدە رەسساملىققا قىزىققان ۋە رەسساملىقتىمۇ بەلگىلىك ماھارەت يېتىلدۈرگەن ئورخان پامۇك ئەدەبىي ئەسەرلىرىگىمۇ بۇ سەنئەتنىڭ بەزى ئېلىمېنتلىرىنى ئېلىپ كىردى. رومانلىرىدا ھەر خىل ئۇسلۇبتا سىزىلغان ماي بوياق رەسىملىرىگە ئوخشايدىغان بەدئىي كارتىنىلار ھېچ كەم بولمىدى. ”يېڭى ھايات“ رومانىدىكى يوللار، كوچىلار، بېكەتلەر، دوختۇر نارىننىڭ خىلۋەت مەھەللىسى، ”قار“ رومانىدىكى غېرىبانە مېھمانخانا، قېلىن قارنىڭ سۈكۈتىگە چۆمگەن كوچا، كونا تىياتىرخانا، ”مەسۇمىيەت“ مۇزىيىدىكى ئىستانبۇل تەسۋىرلىرى بۇنىڭ نادىر ئۆرنەكلىرىدۇر. شېئىر بىلەن رەسىم گىرەلىشىپ كەتكەن بۇنداق ئۆزگىچە تەسۋىرلەرنى ئورخان پامۇكنىڭ رەسساملارغا خاس رەڭ سەزگۈرلۈكى، يازغۇچىلارغا خاس دەل ئىپادىلەش قابىلىيىتىنىڭ مەھسۇلى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ “ ئاق قەلئە“، “ قارا كىتاب“، ”مېنىڭ ئىسمىم قىزىل“، ”باشقا رەڭلەر“ دېگەن ئەسەرلىرىنىڭ ماۋزۇسىدىنمۇ ئۇنىڭ سەنئەت تالانتىنىڭ بىر يېرىدە رەسساملىقنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئورخان پامۇكنىڭ ئەسەردە قوللانغان تىلى ئىجادىيەت ئۇسۇلى ۋە ئىجادىيەت تاكتىكىسىغا بېقىپ ئاددىيلىقتىن قىيىنلىققا ، ئارقىدىن يەنە ئاددىيلىققا يۈزلەنگەن. مەسىلەن، ”ئاق قەلئە“ رومانىدىن كېيىن يازغان ”قارا كىتاب“، ”يېڭى ھايات“نىڭ تىلى رومانلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر، جۈملىلىرى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، ئالدىراپ چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ”مېنىڭ ئىسمىم قىزىل“ ۋە ”قار“ دىن باشلاپ تىلى يەنە ئاددىيلىشىشقا باشلايدۇ، ”مەسۇمىيەت مۇزېيى“ بىلەن ”كاللامدىكى غەلىتە خىياللار“ دا قوللىنىلغان تىل بولسا تېخىمۇ ئاددىي.
ئورخان پامۇك ئۆز ھېكايىسىنى باشقىلارنىڭ ھېكايىسىدەك، باشقىلارنىڭ ھېكايىسىنى ئۆز ھېكايىسىدەك يېزىشقا، ئاجايىپ ۋەقەلىك قېتىغا غەلىتە دېتاللارنى قىستۇرۇشقا، ھېسسىيات ۋە تۇيغۇلىرىنى چوڭقۇر ئىپادىلەشكە، ئارىلاپ-ئارىلاپ سۆز ئوينىتىش ۋە كىنايە قىلىشقا ئۇستا بولۇپ، پىرسۇناژلىرىنى ئاساسەن ئۆزىنىڭ رايىچە سۆزلىتىدۇ، دىئالوگلارنى ئۆز ئېقىشىغا قويۇۋېتىدۇ، گەپنى ئۇزارتمايدۇ. شەيئىلەرنى كەيپىياتقا باغلاپ جانلىق تەسۋىرلەيدۇ، بەزى تەسۋىرلىرى سموۋلىزىملىق شائىر بودلىرنىڭ مىسرالىرىغا ئوخشاپ قالىدۇ. بىر يەرلىرىگە كەلگەندە ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ پىكىر بايان قىلىدۇ، يەنى لېرىك كەيپىياتتىن زېرىككەندە پەلسەپە ئويناپ قويىدۇ، ھېچنېمىگە بوي بەرمەيدىغان بۇ خىل جۇشقۇنلۇقى، ئەركىنلىكى ۋە تەنتەكلىكى دوستويىۋىسكىنىڭ: ھەر قانداق ئۇلۇغ تالانتقا بىر ئەسەبىيلىك (ساراڭلىق) يانداشقان بولىدۇ، دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇنىڭ يېزىقچىلىقتىكى بۇ خىل شاشلىقى، ھېرىپ-چارچاشنى بىلمەيدىغان ئويۇنخۇمارلىقى ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرىدىغان يالغۇزلۇقى، غېرىبلىقىنىڭ دەل ئەكسى بولۇپ، تېنى ئورۇندۇققا مىقلانغان بىلەن روھى باشقا يەرلەردە كېزىپ يۈرىدۇ. بۇ خۇسۇسىيەتلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ئۆزگىچە خاسلىق ۋە سېھرىي كۈچ بېغىشلىغان بولۇپ، شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، بىر تۈركۈم ”ئورخان پامۇك ئوقۇرمەنلىرى“ شەكىللەندى ۋە ئەنگىلىيە يازغۇچىسى جامېس جويسنىڭ ”ھەر بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ“ دېگەن سۆزى ئىسپاتلاندى.

ئورخان پامۇكنىڭ سۆزلىرى

ماڭا نىسبەتەن يازغۇچى بولۇش ئىنساننىڭ ئۆز ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئىككىنچى كىشىنى، ئۇ كىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن دۇنيانى نەچچە يىل سەۋر-تاقەت بىلەن تىرىشىپ بايقىشىدۇر: ئەسەر دېگەندە ئاۋۋال رومانلار، شېئىرلار، ئەدەبىيات ئەنئەنىسى ئەمەس، بىر ئۆيگە بېكىنىپ، ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز ئۆز ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن ۋە بۇنىڭ سايىسىدا سۆزلەر بىلەن يېڭى بىر دۇنيا قۇرغان ئىنسان كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.
يېزىقچىلىق قىلىش ئىچكى نەزەرنى تىلغا سىڭدۈرۈش، ئىچكى دۇنيانى كۆڭۈلدىن ئۆتكۈزگەچ يېڭى بىر دۇنيانى سەۋر، جاھىللىق ۋە شادلىق بىلەن تەتقىق قىلىشتۇر. مەن ئۈستىلىمدە ئولتۇرۇپ بوش بەتكە يېڭى سۆزلەرنى بىر-بىرلەپ قوشقانچە، كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتكەنسېرى، ئۆزۈمگە يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇۋاتقانلىقىمنى، ئۆز ئىچىمدىكى باشقا بىر ئىنساننى خۇددى بىر كۆۋرۈكنى ياكى بىر قۇببىنى بىر تاش، بىر تاشتىن قوپارغاندەك روياپقا چىقىرىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىپ كەلدىم، بەزىدە يىراقتىن كۆزىتىپ، بەزىدە بارماقلىرىمىز ۋە قەلىمىمىزنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇلارنى ئوڭشاپ، سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ سالمىقىنى دەڭسىگەچ جايى-جايىغا قويۇپ، يىل بويى، سەۋر ۋە ئۈمىد بىلەن يېڭى دۇنيا قۇرىمىز.
يازغۇچى ئۆز ھاياتىنى باشقىلارنىڭ ھېكايىسى سۈپىتىدە بىر-بىرلەپ بايان قىلالىشى، بۇ بايان كۈچىنى ئۆز ئىچىدە ھېس قىلالىشى ئۈچۈن يېزىقچىلىق ئۈستىلىگە چۆكۈپ، ئۆمرىنى بۇ سەنئەتكە، بۇ ھۈنەرگە سەۋر-تاقەت بىلەن بېغىشلىشى، ئۈمىدۋارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بەزىلەرگە پەقەت يولىمايدىغان، بەزىلەرگە پات-پات كېلىۋالىدىغان ئىلھام پەرىشتىسى بۇ ئىشەنچ ۋە ئۈمىدۋارلىقنى ياخشى كۆرىدۇ ؛ يازغۇچى ئۆزىنى ئەڭ يالغۇز ھېس قىلغان، چەككەن جاپالىرى، خىياللىرى، يازغانلىرىنىڭ قىممىتىدىن گۇمانلانغان پەيتتە، يەنى ھېكايىسىنى پەقەت ئۆز ھېكايىسى دەپ قارىغان چېغىدا ئۇ پەرىشتە يەنە ئۇنىڭغا(يازغۇچىغا)ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققان دۇنيا بىلەن قۇرماقچى بولغان دۇنيانى بىرلەشتۈرىدىغان ھېكايىلەرنى، رەسىملەرنى، خىياللارنى تۇيۇقسىز ئاتا قىلىدۇ. پۈتۈن ھاياتىمنى بېغىشلىغان بۇ يازغۇچىلىقتا مېنى تولىمۇ خۇشال قىلغان جۈملىلەرنى، خىياللارنى، سەھىپىلەرنى مەن ئەمەس، باشقا بىر كۈچ تېپىپ ماڭا مەردلەرچە سۇندى دەپ ئويلىغىنىم ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان تۇيغۇ بولدى.
نېمە ئۈچۈن ئەسەر يازىمەن؟ يازغۇم كەلگەنلىكى ئۈچۈن يازىمەن. باشقىلاردەك نورمال ياشىيالمىغانلىقىم ئۈچۈن يازىمەن. باشقىلارمۇ مېنىڭكىگە ئوخشاش رومانلارنى يازسۇن-دە، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇي دەپ يازىمەن. ھەممىڭىزگە، ھەر بىرىڭىزگە ئاچچىقىم بولغانلىقى ئۈچۈن يازىمەن. بىر ئۆيگە بېكىنىپ كۈنبويى ئەسەر يېزىشتىن ھۇزۇرلانغىنىم ئۈچۈن يازىمەن. مەن، باشقىلار، بىزلەر ئىستانبۇلدا، تۈركىيەدە قانداق ياشىدۇق، قانداق ياشاۋاتىمىز، پۈتۈن دۇنيا بۇنى بىلسۇن دەپ يازىمەن. قەغەز، قەلەم، سىياھنىڭ پۇرىقىنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن يازىمەن، ئەدەبىياتقا، رومانغا، سەنئەتكە ھەممىدىن بەك ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن يازىمەن. بۇ ئىشقا كۆنۈپ قالغانلىقىم ۋە سەۋدا بولغانلىقىم ئۈچۈن يازىمەن. كىشىلەرنىڭ مېنى ئۇنتۇپ كېتىشىدىن قورققانلىقىم ئۈچۈن يازىمەن. يازغۇچىلىق ئېلىپ كەلگەن شان-شۆھرەت ۋە ھۆرمەتتىن سۆيۈنگەنلىكىم ئۈچۈن يازىمەن. يالغۇز قېلىش ئۈچۈن يازىمەن، ھەممىڭىزگە، ھەر بىرىڭىزگە نېمىشقا ئۇنداق ئاچچىقلىنىدىغانلىقىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن يازىمەن. ئەسەرلىرىمنى باشقىلارنىڭ ئوقۇشىدىن زوقلىنىدىغانلىقىم ئۈچۈن يازىمەن. باشلاپ قويغان شۇ روماننى، شۇ ئەسەرنى، شۇ سەھىپىنى ئەمدى تاماملاي دەپ يازىمەن. ھەممەيلەن بۇنى مەندىن كۈتۈۋاتىدۇ دەپ يازىمەن. كۈتۈپخانىلارنىڭ ئەبەدىيلىكىگە، كىتابلارنىڭ كىتاب جاھازىسىدا ئەبەدىي قالىدىغانلىقىىغا بالىلارچە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن يازىمەن. ھاياتلىق، دۇنيا، ھەممە نەرسە كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك دەرىجىدە گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن يازىمەن. ھېكايە بايان قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ھېكايە توقۇماق ئۈچۈن يازىمەن. مېنى ساقلاۋاتقان گۈزەل بىر ماكان باردەك، ئەمما چۈشۈمگە ئوخشايدىغان شۇ ماكانغا زادىلا بارالمايۋاتقاندەك بىر تۇيغۇدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يازىمەن. ھەر قانچە قىلساممۇ بەختلىك بولالمايۋاتقانلىقىم ئۈچۈن يازىمەن، بەختلىك بولۇش ئۈچۈن يازىمەن. (ئورخان پامۇكنىڭ ”دادامنىڭ چامادىنى“ نۇتقىدىن ئۈزۈندە).

ئايال كېتىدۇ ۋە بۇ شېئىر دېيىلىدۇ
ئايال كېتىدۇ، بىر شائىر تۇغۇلىدۇ ئۇنىڭدىن
(مەن قايسى ئايالدىن تۇغۇلغان شائىر ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن)
يازنىڭ كېتىپ قېلىشى بىلەن ھەممە يەردە گەپ بولسا
ئايالنىڭ كېتىپ قېلىشى بىلەنمۇ ھەممە يەردە گەپ بولىدۇ
ئايال ئۆزى بارغان يەرلەردە شېئىر دېيىلىدۇ
ئايال كەتسە يازمۇ ئاياغلىشىدۇ ئۇ يەردە
ياز كېتىپ، ئايالمۇ كەتسە بۇنىڭ ئاقىۋىتى شېئىردۇر
يازنىڭ ئاخىرى شېئىردۇر، مۇھەببەتنىڭ ئاخىرى شېئىردۇر
شەھەر كوچىلىرى يازنىڭ ئارقىسىدىن ماڭسا
ياز يىراقلىشىدۇ، مۇھەببەتمۇ ئۇنىڭدىن شادلىنىدۇ
يازنىڭ ئارقىسىدا شەھەر، ئايالنىڭ ئارقىسىدا شېئىر
كۈز پەسلى كوچىسىغا قەدەر بۇ يول مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ
بىر كۈنى كېچىدە ئىيۇندىن سىنتەبىرگىچە مېڭىۋىدىم
كۈز پەسلى يازنى، ياز پەسلى شېئىرنى تەرك ئەتتى
شائىرمۇ بىر ئايال تەرىپىدىن تەرك ئېتىلدى شېئىرگە
بارلىق ئوغۇللار ئانىسىنى بىر شېئىر ئۈچۈن تەرك ئېتىدۇ!
ئۇ ئايال مېنى تەرك ئەتسە شائىر بولىمەن
ئانام بولغان ئەي ئايال، مېنى تەرك ئەتمە
شېئىرلار ئوقۇلىدۇ، ياز كېتىدۇ، ئايالمۇ كېتىدۇ
بارلىق ئاياللار شېئىرنى بىر ئايالغا تاشلاپ كېتىدۇ.
__ ئورخان پامۇكنىڭ ”سىنتەبىر“ ناملىق شېئىرى

++++++++++++++
پايدىلىنىغان قوشۇمچە مەنبەلەر:
1. تۈركچە ۋىكىپىدىيا: ئورخان پامۇك ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى
2. ”بىر يۇتۇم ئادەم“ : ئورخان پامۇك ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك ڧىلم
3. “ كەڭ زامان“: ئورخان پامۇك بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت پروگراممىسى
4. ”ساددا ۋە ئەقىللىق يازغۇچى“: تېلىۋىزىيە سۆھبىتى
5. ئورخان پامۇكنىڭ ئىنگىلىزچە شەخسىي تور بېكىتى

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*