
يۈ يىڭ(سۇمرۇغ تېلىۋىزىيەسى رىياسەتچىسى)
رېن جىچياڭ (ئۆي-مۈلك ساھەسىدىكى داڭلىق كارخانىچى، ئىقتىسادشۇناس)
يۈ يىڭ: ئولتۇرغانلاردىن سوراپ باقاي، رېن جىچياڭنى تونىمايدىغانلار بارمۇ؟ قول كۆتۈرۈڭلار، دېمەك يوق، رېن لىدېرنىڭ نامى مەشھۇر، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىلىدىكەن. رېن لىدېر خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ماگېستېرلىقىنى ئالغان، قانۇن ئوقۇغان ئادۋوكاتلار گەپكە بەكرەك دىققەت قىلىدۇ، لېكىن رېن لىدېر بىر ئاز ئاشۇرۇپ گەپ قىلىدۇ، ئوينىشىپراق گەپ قىلىدۇ. سوراپ باقسام، سىز دائىم مۇشۇنداقمۇ؟
رېن جىچياڭ: ئاۋۋال مەن گېپىڭىزدىكى خاتالىققا تۈزىتىش بېرەي: مەن قانۇن ماگېستىرى ئەمەس، خىزمەت قىلىۋېتىپ ئوقۇغان، چۈنكى چۈنكى ئوقۇش تارىخىم يوق، جەدۋەل تولدۇرغاندىلا بۇ روشەن پەرقلىنىدۇ. ماگېستېر دېگەندە چوقۇم ئۇنۋان ئېلىش كېرەك، ئەمما خىزمەت قىلىۋېتىپ ئوقۇسىڭىز سىزگە ئۇنۋان بەرمەيدۇ، دەرسنىلا ئوقۇيسىز، ئۆگىنىشكە قاتنىشىسىز، لېكىن سىزگە بەرىبىر ماگېستېرلىقنى بەرمەيدۇ. بۇ سۆزىڭىزدىكى بىرىنچى خاتالىق. ئىككىنچى خاتالىق، سىز مېنى ئوينىشىپراق گەپ قىلىدۇ دېدىڭىز، ئەمەلىيەتتە مەن ناھايىتى ئەستايىدىل گەپ قىلىمەن، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئون يىلدىن بۇيانقى ئۆي باھاسى تەخمىنلىرىم توغرا چىقارمىدى؟
يۈ يىڭ: لېكىن سىز بىر نەرسە دېسىڭىزلا باشقىلار تولۇمدىن توقماق چىققاندەك گەپ قىلىدۇ دېيىشىدۇ.
رېن جىچياڭ: چۈنكى باشقىلار ئۇنداق گەپ قىلالمايدۇ. ئەگەر ھەممە ئادەم راست گەپ قىلالىغان بولسا مەن نېمە ئىدىم؟! كۆپچىلىك راست گەپ قىلالماي تۇرغاندا بىرسى چىقىپ كۆڭلىدىكىنى دېسە ئۇنىڭ گېپى ئەلۋەتتە تولۇمدىن توقماق چىققاندەك تۇيۇلىدۇ. ئەگەر ھەممە ئادەم راست گەپ قىلىدىغان بولسا بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرەمدۇ؟ مەنچە، مەشەدە ئولتۇرغان ھەممىڭلار بالاڭلارنى تەربىيەلىگەن چاغدا ئۇلارغا راست قىل، يالغان ئېيتما دەپ تۇرىسىلەر. لېكىن ئۆزەڭلار تۇرمۇشتا، جەمئىيەتتە نېمىشقا راست گېپىڭلارنى دېمەيسىلەر ياكى يالغان ئېيتىىسلەر؟ بۇنىڭدىن بەك ئىچىم سىقىلىدۇ، مەنچە راست گەپ قىلىش ناھايىتى مۇھىم.
يۈ يىڭ: راست گەپ قىلىش ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما جۇڭگو مەدەنىيىتى ئەزەلدىن ئۆزىنى تۇتىۋېلىش تىپىدىكى مەدەنىيەت، ئەگەر بىرسى راست گېپىنى دەۋەتسە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، بەزىلىرى يالغان گەپ قىلغاندىن كۆرە سۈكۈت قىلغان ياخشى دەيدۇ. ئەمما سىز ئىزچىل راست گەپ قىلىپ كېلىۋاتىسىز، بۇنىڭ سىزگە نېمە پايدىسى تەگدى، زىيىنىچۇ؟
رېن جىچياڭ: ئۆتكەندە بىر نەچچەيلەن نېمىلەرنى دېيىشتىكى، گېپىنىڭ ئاخىرىنىلا ئاڭلاپ قالدىم. باشقىلار راست گەپ قىلغاندا سىز ھېچ بولمىسا بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشىسىز. ئەگەر بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىسىڭىز ھېچقانداق ئىشتا قارار چىقىرالمايسىز. كارخانىچى نېمە ئىش قىلىدۇ؟ كارخانىچى ئالدى بىلەن ئۇچۇر ئىگىلەيدىغان ئادەم، بۇنى ماشىنا ئادەملەر قىلالمايدۇ. ئەگەر قىلالىغان بولسا ئۇلارمۇ كارخانىچى بولالايتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئادەمنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئادەم دېگەن قارار چىقىرىدۇ، بۇ قارار نەدىن كېلىدۇ، ئەلۋەتتە بازار ئۇچۇرىدىن كېلىدۇ.
ئەگەر بازاردىكى ئۇچۇرلار ساختا بولسا، ماشىنا ئادەملەرمۇ خاتا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەگەر بازاردىكى ئۇچۇرلار يالغان بولسا، كارخانىچىلارنىڭ خاتا ھۆكۈم چىقىرىشى ناتايىن. چۈنكى كارخانىچىلار بىرىنچى سەپتە مۇلازىمەت قىلىۋاتقىنىدا كۈندىلىك خەۋەرلەردىن پەرقلىنىدىغان ئۇچۇرلارنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا بىرەر ئىشتا قارار چىقارغاندا، ھەقىقىي ئەھۋال زادى قانداق دېگەن نۇقتىدىن مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىدۇ، شۇندىلا ئۇ توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ.
بىز بۈگۈن ئۆي-مۈلك ھەققىدە پاراڭلاشمايمىز، ئەمما بۇ ساھەدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تولىسىنىڭ يالغانلىقىنى بىلىمىز. ئەگەر سىز ھازىر ئاشكارە ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن قارار چىقارسىڭىز، خاتا ھۆكۈم چىقىرىسز، بۇ دەل ماشىنا ئادەملەر سادىر قىلىدىغان خاتالىق. ئەگەر سىز بىرىنچى سەپتە بولسىڭىز، نۇرغۇن ھەقىقىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايسىز-دە، ئاشكارە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ نېمىشقا ساختىلىقىنى بىلەلەيسىز، ئاندىن توغرا ھۆكۈم چىقىرالايسىز.
ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر ھەر قانچە ئەقىللىق بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئادەمنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. ئۇ پەقەت ئادەمنىڭ بەزى ئىشىنى قىلالايدۇ. قالغىنى يەنىلا ئادەملەرنىڭ قارارىغا باغلىق. مۇھىم قارارلارنى ئادەملەر چىقىرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشقا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
بايا بىرەيلەن بانكىنىڭ كرېدىت مەبلىغى دېگەن نېمە دەپ سوراپ قالدى، ئۇ كىشىدە بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلا بار، قالغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئالالمايدۇ. بۇنى كىم ئالالايدۇ؟ كارخانىچى ئالالايدۇ. چۈنكى كارخانىچى بىرىنچى سەپتە تۇرغاچقا ئەھۋالنى بەكرەك بىلىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىگە بولالايدۇ، بۇ مەلۇماتلارغا كومپيۇتېرغا تايىنىپ ئېرىشكىلى بولمايدۇ. شۇڭا كارخانىچى تېخىمۇ توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ. قارايدىغان بولساق، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بەزىدە خاتا قارار چىقىرىدۇ، ھالبۇكى كارخانچىلاردا بۇنداق ئەھۋال ئاز كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق، بىر ھاكىم قوپۇپ: بۇ يىل ناھىيەمىزدە پۈتۈنلەي يېسىۋىلەك تېرىلىدۇ، دېسە، پېشقەدەم دېھقاندىن بىرسى چىقىپ: ھاكىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماسلىق كېرەك، ئەگەر ھەممە يەرگە يېسىۋىلەك تېرىلسا زىيان تارتىمىز، دېيىشى مۇمكىن. ئويلاپ بېقىڭلار، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئۇلار يېسىۋىلەك تېرىماي بېيىغان بولسا، ئۆز تەپەككۇرى بويىچە چىقارغان قارارىغا ئاساسەن بېيىغان بولىدۇ؛ بىر ھېسابتا، بازاردىكى ئۇچۇرلارنى زېرەكلىك بىلەن ئىگىلەپ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن بولىدۇ.
يۈ يىڭ: بۇمۇ بىر خىل تەڭسىزلىككە سەۋەب بولىدىغان ئىش ئىكەن، چۈنكى ئۇچۇر ئىگىلەشتە تەڭ نىسبەت بولمايدۇ، بۇنى ئۆتكەندىمۇ دېگەن، جەمئىيەتتىكى ئورنىڭىزنىڭ ئوخشىماسلىقىغا بېقىپ ئېرىشەلەيدىغان ئۇچۇر مىقدارىڭىزمۇ ئوخشىمايدۇ، نەتىجىدە چىقارغان قارارىڭىزدىمۇ ئىگىز-پەسلىك بولىدۇ.
رېن جىچياڭ: توغرا دېدىڭىز.
يۈ يىڭ: ئەڭ ئاخىردا بولسىمۇ گېپىمنى تەستىقلىدىڭىز.
رېن جىچياڭ: ئەگەر سىز دۇنياۋى كارخانىچى بولسىڭىز، دۇنياۋى ئۇچۇرلارنى ئىگىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر مەھەللىۋى كارخانىچى بولسىڭىز، شۇ مەھەللىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنى ئىگىلىسىڭىز كۇپايە. مەسىلەن، مەن بىر ناھىيە بازىرىنىڭ ئۆي-مۈلك كارخانىچىسى بولسام، مۇشۇ بازاردىكى ئاھالىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلسەملا بولدى، جۇڭگونىڭ بازىرى قانداق، ئامېرىكىنىڭ بازىرى قانداق دېگەنلەرنى ئويلاشمايمەن، چۈنكى مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىم مۇشۇ دائىرە بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
ئەمما ئۆتكەنكى سۆھبەتتە تىلغا ئېلىنغان پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىغا كېلەيلى، پۇل دېگەن نەرسە بۈگۈنىسى ئامېرىكىغا ئاقسا، ئەتىسى ياۋروپاغا ئاقىدۇ، 24 سائەت توختىماي ئايلىنىدۇ، ئۇ ھالدا تار دائىرىلىك ئۇچۇرلارنى ئەمەس، كەڭ دائىرىلىك ئۇچۇرلارنى ئىگىلىشىڭىز كېرەك. بولمىسا بۈگۈنى بار پۇلىڭىز ئەتىسى يوقايدۇ، چۈنكى پېرىۋوت نىسبىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى.
شۇڭا كارخانىچىلار قارار چىقارغاندا ئۆز ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، يېڭلىق يارىتىش دەيمىز، يېڭىلىق يارىتىش دېگەن نېمە؟ مەنچە، گۈرۈچ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، گۈرۈچ تامىقى يېمەي تۇرالمايسىز. گۈرۈچنىڭ ئورنىغا باشقا يېڭى نەرسە يارىتالمايسىز. ئەمما كارخانىچى بولسىڭىز، گۈرۈچتىن پايدىلىنىپ گۈرۈچ چۆپى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلىيەلەيسىز، بەلكىم يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيسىز. يەنە بىرسى بەلكىم گۈرۈچتىن پايدىلىنىپ باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشى، ياكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى يېڭىلىشى مۇمكىن. نېمىلا قىلسا قىلسۇن، گۈرۈچ بەرىبىر گۈرۈچتۇر. كارخانىچىلار، بولۇپمۇ پىشقان كارخانىچىلار نېمىلا بولسا يېڭىلىق يارىتىمەن، نەتىجە قازىنىمەن دېمەيدۇ، چۈنكى كونا كەسىپلەرنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. گۈرۈچ يەيدىغانلار يەنىلا گۈرۈچ يەيدۇ، ئۇن تامىقى يەيدىغانلار يەنىلا ئۇن تامىقى يەيدۇ، بولكا پىشۇرىدىغانلار يەنىلا بولكا پىشۇرىدۇ، بەلكىم بولكىنىڭ تەمىنى، شەكلىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن، قارا بولكىنى كۈندە يەۋەرگىلى بولمايدۇ، ئادەم بىر تەمنى يەۋەرسە زېرىكىدۇ.
شۇڭا يېڭىلىق يارىتىشنى خاتا چۈشەنمەسلىك، كونا نەرسىنى ساتقىلى بولمايدۇ، چوقۇم يېڭىنى ياساپ سېتىش كېرەك دەپ تۇرۇۋالماسلىق كېرەك. ئادەتتە پاختا رەخت ياكى يىپەك كىيىملەرنى كىيىمىز، خىمىيىۋى توقۇمىچىلىق ھەر قانچە تەرەققىي قىلسىمۇ، سۈنئىي تالالار كىشىگە پاختا رەختتەك راھەت بېرەلمەيدۇ. شۇڭا بىر نەرسىنى كونا دەپلا تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ، ئەگەر تاشلىۋەتسەك ياشىمىساق بولىدۇ. شۇڭا ئۇچۇرلارغا ھۆكۈم قىلىشتا شارائىتقا قارايسىز، مۇئەييەن شارائىتقا بېقىپ ئاندىن ئۇچۇرلارنى مۇھاكىمە قىلىسىز، بۇ گېپىم سىلەرگە ئىلھام بولۇپ قالسۇن.
يۈ يىڭ: سىز گۈرۈچ مەڭگۈ گۈرۈچتۇر، كىيىم مەڭگۈ كىيىمدۇر دەيسىز، ئەمما گۈرۈچ تېرىش ئۇسۇلى ئۆزگەرسە، مەھسۇلات ئاشىدۇ؛ كىيىم تىكىش ئۇسۇلى ئۆزگەرسە، ئوخشاشلا ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇلارمۇ يېڭىلىق يارىتىشقۇ؟
رېن جىچياڭ: بايا دېدىمغۇ، سىز گۈرۈچتىن گۈرۈچ چۆپى ئىشلەپچىقارسىڭىز بولىدۇ، تورت ياسىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇلار يېڭىلىق يارىتىشتۇر. ئەمما گۈرۈچنىڭ تەبىئىتى ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا كارخانىچىلار نېمە ئىشلەپچىقارماقچى بولسا كاللىسىدا ئېنىق سان بولۇشى كېرەك. بازارغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقارغاندا، مەھسۇلاتىڭىز داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ-يوق، بۇنى بىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىسا، ئەتىسىلا ئەخلەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن. مەسىلەن، چاقىرغۇنى ئالايلۇق، بىر نەچچە يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا بازاردىن قالدى، چۈنكى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى نەرسىلەرنىڭ چىقىش ئېھتىمالى بار ئىدى، دەرۋەقە چىقتى.
گۈرۈچنى ئالساق، ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغان نەرسىنىڭ چىقىشى تەس، شۇنىڭدەك، مۇشۇ ۋاققىچە تۇخۇمنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغان باشقا نەرسە چىقىپ باقمىدى. كالا گۆشىمۇ شۇنداق، ئامېرىكىنىڭ ياكى ئاۋسترالىيەنىڭ كالا گۆشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى كالا گۆشى. كونا بىلەن يېڭىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە، ئومۇمەن يېڭى بولسىلا ياخشى دەپ قارىماي، ئۇلارنى يەنىلا بازارغا ئاساسەن تەڭشىگەن تۈزۈك. كالىلارنى ئۆلتۈرۈپ يەپ تۈگەتسىڭىز، ئۇنىڭ ئورنىغا قاغا گۆشى يەمتىڭىز؟ شۇڭا ھەممە نەرسىنى كونا-يېڭى دېگەن قىممەت بويىچە ئۆلچىمەسلىك كېرەك.
يۈ يىڭ: بىر كارخانىچى بولۇپ سۈپىتىڭىز بىلەن بىرىنچى سەپتە ئىشلەيسىز، ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىڭىز ئادەتتىكى پۇقرالاردىن نەچچە ھەسسە كۆپ، ئۇنداقتا بۇ ئۇچۇرلىرىڭىز ۋە قارارىڭىزنى كۆپچىلىككىمۇ بىلدۈرۈشنى بىر مەسئۇلىيەت دەپ قارىمامسىز؟
رېن جىچياڭ: جۇڭگو كارخانىچىلىرى خەلقئارا كارخانىچىلارغا ئوخشىمايدۇ، خەلقئارادىن ئېلىپ ئېيتىساق، كارخانىچىلار بىر نەچچە ئەۋلاد دەۋر سۈرىدۇ. مەسىلەن، روكفېلېر جەمەتى ھازىر بەشىنچى ئەۋلادقا كەلدى. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ تۈزۈمى ئۆزگەرمەي كەلدى. جۇڭگودىمۇ دەسلەپتە كارخانىچىلار بار ئىدى، چۈنكى ئۇ چاغدا شەخسىي مۈلۈك ھوقۇقى بار ئىدى، كېيىن پىلانلىق ئىگىلىك ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، بۇنداق مۇھىتتا كارخانىچىلار نېمە ئىش قىلسۇن؟ چۈنكى ئۆزىڭىزگە تەۋە ھېچنېمە يوق. شۇڭا دەيمىزكى، 1979-يىلى ئىسلاھات باشلىنىشتىن ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى بەكلا كەينىدە قالغانىدى.
ئۇنداقتا بىزنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد كارخانىچىلار نەدىن پەيدا بولدى؟ راستىنى ئېيتقاندا، يەرلەرنى ھۆددىگە بېرىشتىن باشلاندى. بۇ تۈزۈم قانداق رول ئوينىدى؟ جۇڭگودا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئاستىدا سىزنىڭ ئازغىنە بولسىمۇ شەخسىي پايدا ئېلىشىڭىزغا يول قويۇلىدىغان بولدى، بۇ ھۆددىگەرلىك تۈزۈم دەپ ئاتالدى. دېھقانلار ھۆددىگە ئالغان يەردىن ئالغان ھۇسۇلىنىڭ بىر قىسمىنى دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان، ئاشقىنى ئۆزىنىڭ بولىدىغان بولدى؛ زاۋۇتنى ھۆددىگە ئالسىڭىز، ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولسىڭىز، مەسىلەن، ئۈچ مىليونلۇق ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولسىڭىز، ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان يۈز مىڭ سوم سىزگە تەۋە بولىدىغان بولدى.
بۇ مەزگىلدە كارخانىچىلار بارلىققا كەلدىمۇ؟ ياق تېخى. چۈنكى سىزنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىڭىز قوغدالمايتتى. پايدىغا ئېرىشىمەن دېسىڭىز، ئۈچ مىليونلۇق ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ قويسىڭىزلا بولمايتتى، چوقۇم ئۈچ مىليون 100 مىڭ سوملۇق ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولىشىڭىز كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئۇ مۈلۈك (زاۋۇت) سىزگە تەۋە ئەمەس ئىدى، پەقەت سىزنىڭ ھۆددىگە ئېلىپ پايدىلىنىشىڭىزغىلا بولاتتى.
ئىككىنچى ئەۋلاد كارخانىچىلىرىمىزغا كەلسەك، 1984-يىلدىكى شەھەر ئىسلاھاتىدىن كېيىن، يېزا ئىسلاھاتىدىن شەھەر ئىسلاھاتىغا بۇرۇلۇۋاتقان ئۆتكۈنچى دەۋردە بىر تۈركۈم پۇقراۋى كارخانىلار بارلىققا كەلدى. ئۇ چاغدىكى پۇقراۋى كارخانىلاردا، ماركىسزملىق ئۇسۇل بويىچە، بىر ئادەم پەقەت يەتتە ئادەمنى ئىشلىتەلەيتتى، بولمىسا قاماققا ئېلىناتتى. بۇ ۋەزىيەتتە قانداقمۇ كارخانىچى چىقسۇن؟ كارخانىچى دېگەن بىر يەرگە مەركەزلەشكەن زور كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش، بازارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش، نۇرغۇن ئادەمنى ئىشلىتىش داۋامىدا، يۈرۈشلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئۆستۈرگەن ۋاقىتتا ئاندىن مەيدانغا كېلىدىغان تۇرسا، يەتتە ئادەمنى بىر كىچىك ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىدا ئىشقا سېلىش ئارقىلىق قانداقمۇ كارخانىچى بولغىلى بولسۇن؟ ئۇ مەزگىلدە بىزدە بىر تۈركۈم كارخانىچىلار مەيدانغا كەلدى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەقىقىي مەنىدىكى كارخانىچىلار ئەمەس، نېمىشقا؟ چۈنكى مۈلۈك ھوقۇقى يەنىلا ئۆزىگە تەۋە ئەمەس.
1984-يىلدىن كېيىن، دىڭ شياۋپىڭ: بىر تۈركۈم كىشىلەر ئالدىن بېيىسا بولىدۇ، دېدى. ئون مىڭ يۈەنلىك ئائىلىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئالدىن بېيىغانلارنىڭ كېيىنكىلەرگە تۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرايلى دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇشۇ ۋاقىتتىلا ئاندىن خۇسۇسىي مۈلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى، كارخانىچىلار بارلىققا كەلدى، ئارىلىقتا يەنە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولدى. 1992-يىل دېڭ شياۋپىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە سۆز قىلدى، بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان كارخانىچىلار ئاساسەن دېگۈدەك 1984-يىلى بىلەن 1992-يىلى ئارىلىقىدا، بولۇپمۇ 1992-يىلدىن كېيىن مەيدانغا كەلدى. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە بازار ئىگىلىكى راۋاجلانغاندىن كېيىنلا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىمۇ تەرەققىي قىلدى، ئاندىن كارخانىچىلار قوشۇنىمىز بارلىققا كەلدى.
كارخانىچىلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟ كارخانىچىلار جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. نېمىشقا؟ چۈنكى قاراپ باقايلى، نەچچە ئون مىڭ يىللىق ئىنسانىيەت تارىخىدا، مۇشۇ 200 يىل مابەينىدە يارىتىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 95 پىرسەنت، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تارىختا يارىتىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاران 5 پىرسەنت. سەۋەب نېمە؟ چۈنكى تارىختا زور كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش يوق ئىدى، كارخانىچىلار يوق ئىدى، خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغدايدىغان قانۇن يوق ئىدى. 17-ئەسرىگە كەلگەندىلا كارخانىچىلار ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسي مۈلكىنى قوغدايدىغان قانۇن بارلىققا كەلدى. ئەگەر دۆلىتىمىزدە خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغدايدىغان قانۇن بارلىققا كەلمىگەن بولسا، بازار ئىگىلىكى ۋە ئىسلاھات دېگەنلىرىمىز يالغان گەپ بولۇپ قالاتتى، ھەقىقىي بازار ئىگىلىكى شەكىللەنمىگەن بولاتتى. بازار ئىگىلىكىنىڭ ئالدىنقى شەرتى خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغداش، كارخانىچىلارنى قوغداش.
17-ئەسىردىن باشلاپ، كارخانىچىلار جەمئىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، غەرب ئەللىرى كارخانىچىلارنى، خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغدايدىغان بىر يۈرۈش قانۇنلارنى تۇرغۇزدى، بولمىسا كارخانىچىلار تالان-تاراج قىلىنىش، بايلىقلىرى مۇسادىرە قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلەتتى-دە، مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايتتى. ئۇ ھالدا روكفېللېر جەمەتى دېگەنلەر بەش ئەۋلاد ئەمەس، بىر ئەۋلادتىن كېيىنلا خانىۋەيران بولاتتى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەيمىز، ئەگەر كارخانىچىلار ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ بىر يۈرۈش ياخشى ئىجتىمائىي تۈزۈم بەرپا قىلمايدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ جان ساقلىشى تەس بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بۇ بىر يۈرۈش تۈزۈم بولمىسا ھېچكىم بايلىق يارىتىش ئۈچۈن بەجانىدىل تىرىشمايدۇ، جەمئىيەتمۇ «بىرگە نۆلنى كۆپەيتسەك نۆل» دېگەندەك قالاق پېتى قالىدۇ. كارخانىچىلار قوشۇنى بايلىق يارىتىدۇ، ئۇلار باشقىلارغا تەقسىملەپ بېرەلەيدىغان تورتنى تېخىمۇ چوڭ قىلىشى لازىم.
كارخانىچىلارنىڭ بايلىق تەقىسملەش نىسبىتى ئۆسمىگەن بىلەن، ئومۇمىي بايلىقى ئارتقان بولىدۇ، چۈنكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ بايلىقى ئېشىۋاتىدۇ. ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ياپونىيە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتتى. بۇلار كارخانىچىلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۈگۈنكى پۇقراۋى ئىقتىسادىمىزغا قاراپ باقايلى، بۇ ئىقتىسادنىڭ جەمئىيىتىمىزدە ئىگىلىگەن نىسبىتى GDPنىڭ 50 پىرسەنتىنى، سېلىنغان مەبلەغنىڭ 60 پىرسەنتىنى، باج كىرىمىنىڭ 70 پىرسەنتىنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ 80 پىرسەنتىنى، يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئەگەر جۇڭگودا كارخانىچىلار قوشۇنى بارلىققا كەلمىگەن، جەمئىيەت تەرەققىياتى مەزكۇر قوشۇنغا تايانمىغان بولسا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ۋە جۇڭگو جەمئىيىتىدە مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ناھايىتى تەس بولاتتى.
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كارخانىچىلار يەنە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، باي-كەمبەغەللىك پەرقىنى يوقىتىشى كېرەك. نېمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟ روكفېللېرنىڭ قارىشىچە، بايلار تېخىمۇ باي، كەمبەغەللەر تېخىمۇ كەمبەغەل بولۇپ كەتسە، بايلارغا پايدىسىز ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ، بايلار قىزغىنىشقا، ئۆچمەنلىككە، ھەتتا تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ سەۋەبتىن جىنايەت، ئۇرۇش، ھەتتا ئىنقىلاپ پارتلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بايلار چوقۇم كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىپ، جەمئىيەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىشى، كەمبەغەللەرگىمۇ ياشاش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك.
ئەنئەنىۋى قاراش بويىچە ئېيتقاندا، كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىشتا، ئۇلارغا بېلىق بەرمەي، بەلكى بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىش كېرەك؛ كارخانىچىلار نامراتلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىشى، ئۇلارغىمۇ جان ساقلاش، ياخشى ياشاش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك. كارخانىچىلار مۇشۇ تەرىقىدە ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئامېرىكىغا قاراپ باقايلى، فوت زاۋۇتىنى قۇرغۇچى كاپتالىست فوت، پايچىك شاھى باففېتتىن تارتىپ مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بېل گەيتىسقىچە چوڭ بايلار نېمىشقا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؟ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ باجنى ئازايتىمىز دەپ ئېلان قىلغاندا، نېمىشقا بايلارنىڭ ھەممىسى بايلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى ئازايتماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار بىلىدۇكى، ياخشى بىر ئىجتىمائىي تۈزۈم ئورنىتىلمىسا، ياخشى بىر ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىلمىسا ئۇلارنىڭ بايلىقى ھەر ۋاقىت تەھدىتكە ئۇچرايدۇ.
بىز يەنە شۇنى كۆرىمىزكى، ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى بىرسى جىجىۋەتسە ياكى قاسماق قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتوبۇسى ئۇ، نېمە بولسا بولمامدۇ دەيسىز. ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ پىكاپىنى بىرسى جىجىۋەتسە ياكى مەينەت قىلىۋەتسە ئىچىڭىز ئېچىشىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىش كېرەك. ئادەملەر ماشىنىڭىزغا قەست قىلمايدىغان پىسخىكىغا ئىگە بولغاندا ئاندىن بۇ جەمئىيەت ئەمىن بولىدۇ. شۇڭا كارخانىچىلار خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك. جۇڭگودىكى كارخانىچىلار گەرچە ئون نەچچە يىللىق تەرەققىياتنىلا بېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ زېھنى، پۇلى ۋە بايلىقىنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا بېغىشلىماقتا.
دېڭ شياۋپىڭ ”بىر قىسىملار ئالدىن بېيىسۇن، ئاندىن ئۇلار كېيىنكىلەرگە ياردەم قىلسۇن“‘ دېگەن بولسىمۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرگە ياردەم قىلىپ بولالمايۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا نەزەر سالساق، كارخانىچىلارنىڭ بۇ جەھەتتە بەزى ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئىلگىرى نېمىشقا بۇنداق ئىشلارنى قىلمىدۇق ياكى قىلالمىدۇق؟ چۈنكى كارخانىچىلارنىڭ ياشاش مۇھىتى يوق ئىدى، خەير-ساخاۋەت قانۇنى تېخى بارلىققا كەلمىگەنىدى. بۇ قانۇن تېخى يېڭى چىقتى. ئىلگىرى ساۋ دېۋاڭ ئەپەندى 3 مىليارد 600 مىڭ يۈەن بايلىقىنى ئىئانە قىلىمەن دېۋىدى، ئۇنىڭغا 600-700 مىليون يۈەندەك باج كەلدى، بۇ ئەھۋالدا قايسى كارخانىچى خەير-ساخاۋەت قىلىدۇ؟ يېڭى چىققان خەير-ساخاۋەت قانۇنىدا سىز باج تاپشۇرمايسىز ياكى ناھايىتى ئاز تاپشۇرىسىز.
مۇشۇنداق ئەۋزەل يېڭى باج تۈزۈمى يولغا قويۇلسا تېخىمۇ كۆپ كارخانىچى پاراۋانلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ نامراتلار ۋە ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىماي قالارمۇ؟ ئۇلارنىڭ چىقىرىدىغان پۇلى ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلىدىن كۆپ بولسا، نەتىجە، ئۈنۈم ھەقىقەتەن باشقىچە بولىدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، كارخانىچىلار قوشۇنىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى دۆلىتىمىزدە چوقۇم ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنى يۆلەيدىغان بىر دولقۇن پەيدا قىلىدۇ، نەتىجىدە ئىجتىمائىي مۇھىت تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.
يۈ يىڭ: سىز بايا ساۋ دېۋاڭ ئەپەندىنى تىلغا ئالدىڭىز، مەنمۇ ئۆتكەندە ئۇنى زىيارەت قىلغان، ئۇ ئەمەلىيەتتە شىركەتنىڭ پېيىنى ئىئانە قىلىپ، بىر خەير-ساخاۋەت فوندى تەسىس قىلماقچى بولغان. بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ھەر خىل ئىدارە-بۆلۈملەرگە قاتراپ، ئەڭ ئاخىردا ئۇ فوندنى تەسىس قىلغان. بۈگۈنگىچە ئۇ 11 مىليارد يۈەن ئىئانە قىلدى. شۇڭا جۇڭگونىڭ كارخانىچىلىرىغا قارايدىغان بولساق، خەير-ساخاۋەت قىلسۇن ياكى ئىش-ئوقەت قىلسۇن، ئىشلىرى خېلىلا تەس. سىز بايا ياخشى تۈزۈم بەرپا قىلىش كېرەك دېدىڭىز، سىز دەۋاتقان بۇ ياخشى تۈزۈم ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت زادى نېمە؟ قەدىمكى جۇڭگودىن بۈگۈنگىچە، چەت ئەلدىن جۇڭگوغىچە بۇ ھەقتىكى قاراش خېلى ئايدىڭ، ئەمما ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا ھەر خىل شاۋقۇن-سۈرەنلەرنىمۇ ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز. شۇنداقتىمۇ جۇڭگو كارخانىچىلىرى يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە، جېنىنى ساقلاپلا قالماي بەلكى قالتىس ئىشلارنىمۇ قىلماقتا، سىزچە، جۇڭگو كارخانىچىلىرىدىكى روھ نېمە؟
رېن جىچياڭ: ئىككى يۈز يىللىق تارىختىن قارىغاندا، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلەر سىياسىيونلار ئەمەس، بەلكى كارخانىچىلار. چۈنكى سىياسىيونلار چىقارغان سىياسەت ۋە قارارلاردا مەسىلە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، بۈگۈن مەسىلە بار دەپ قارالمىغان ئىشلاردىن كەلگۈسىدە مەسىلە چىقىشى مۇمكىن.
يۈ يىڭ: نېمىشقا مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟
رېن جىچياڭ: ئەڭ تىپىك مىسالنى دەي، پار ماشىنىسى چىقمىغان مەزگىلدە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى كالا ھارۋىسى ۋە ئات ھارۋىسىنى قوغداش قانۇنى چىقاردى، بىز نېمىشقا يولنى «马路» دەيمىز؟ چۈنكى يوللار ئات ھارۋىسى بىلەن كالا ھارۋىسى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان-دە. پار ماشىنىسى چىققاندا ئات ھارۋىسى بىلەن كالا ھارۋىسىنى قوغداش ئۈچۈن «قىزىل بايراق قانۇنى» دېگەن بىر قانۇن چىققان، بۇ قانۇندا بېكىتىلىشىچە، پار ماشىنىسى قوزغالغاندا ئۈچ ئادەم قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ ماشىنىنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك، مانا بۇ قانۇن، چۈنكى قانۇن دېگەن مەڭگۈ كونىسىنى قوغدايدۇ. يېڭى تېخنىكا چىقىپ، نۆۋەتتىكى پايدا-مەنپەئەت توقۇنۇشىغا دۇچ كەلگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟ مەسىلە مانا مەشەدە. قىزىل بايراق قانۇنى چىققاندا پار ماشىنىسىنىڭ سائىتىگە ئاران 4 كىلومېتىر مېڭىشىغا يول قويۇلغان، بىز بەزى كونا فىلىملەردىن ئات مىنگەن چەۋەندازنىڭ پويىزغا يېتىشىۋالغانلىقىنى كۆرىمىز، نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇ چاغدا پويىز ئاتتىن ئۆتۈپ كېتەلمەيتتى. ھازىر قاراپ بېقىڭ، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز سائىتىگە 360 كىلومېتىردىن ماڭىدۇ، دۇلدۇل بولسىمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيدۇ.
دېمەك، كارخانىچىلار شۇ دەۋردىن بېرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق جەمئىيەتنى، ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئۆزگەرتتى، كالا ھارۋىسى بىلەن ئات ھارۋىسىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان قانۇن-تۈزۈممۇ ئاخىردا يېڭى تەرەققىياتقا باش ئەگدى، تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىماي بەلكى ئىلغار پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ھارۋىلارنى ئىسلاھ قىلىشقا، ئۇنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلدى. پويىز ۋە ماشىنا تۇرغان يەردە ھارۋىنىڭ نە ھاجىتى؟ مانا بۇ جەمئىيەت تەرەققىياتى بولماي نېمە؟
ئۆز دۆلىتىمىزدىن مىسال ئالساق، ئاممىۋى ۋەلىسپىتنى ھەممىمىز ياخشى دەيمىز، ياخشى نەرسىنىڭ قايسىبىرى قاتمال قائىدە-تۈزۈملەرنى ئۆزگەرتىشتىن كەلمىدى؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا، كونا قائىدە-تۈزۈملەر پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى چۈشەپ قويۇش بىلەن ئاۋارە، ئەمما تەرەققىيات داۋاملىق ئالدىغا ماڭىدۇ. توردا ھەق تۆلەش دېگەندەك يېڭىلىقلارغا قاراپ باقايلى، بۇ يېڭى ھادىسىلەر بانكا، سودا-سانائەت دېگەندەك باشقۇرۇش تارماقلىرىنى ھۇدۇقتۇرۇپ قويدى، بۈگۈن بىر سىياسەت چىقارسا، ئەتىسى باشقا بىر سىياسەت چىقىرىش بىلەن ئالدىراش، نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇلار پەن-تېخنىكىدىكى ئىلگىرىلەشنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايدۇ. كارخانىچىلارنىڭ جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئۇلارنى توسۇپمۇ توسۇپ بولالمايسىز. ئىنتېرنېت ماشىنا كىراكەشلىكى «دى دى» پەيدا بولۇۋىدى، قاتناش مىنىستىرلىكى بىر ھۆججەت چىقىرىپ پىكىر توپلىدى. نەتىجە قانداق بولدى؟ كىشىلەر مىنىستىرلىكنىڭ پىكرىنى قوللىمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا قاتناش مىنىستىرلىكى ھۆججەت چىقىرىپ، ھەر قايسى جايلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن سىياسەت بەلگىلىسە بولىدۇ، بىزنىڭ كارىمىز يوق دېدى. شۇنداق قىلىپ، كارخانىچىلار بۇ ئىشتىمۇ غەلبە قىلىپ، پۈتكۈل دۆلەتنىڭ قاتناش تۈزۈمىنى (تاكسىچىلىقىنى، كىراكەشلىكىنى) ئۆزگەرتىپ، كىشىلەرگە قولايلىق ياراتتى. يېڭلىق يارىتىش روھى بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلغانلار ئاخىرقى ھېسابتا ئۇتۇپ چىقىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەردە مۇشۇ ئەھۋال بار، يەنى كارخانىچىلار ئىلغار پەن-تېخنىكىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ، شۇ دەۋر، شۇ ماكاننىڭ سىياسىتى ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىنى ئۆزگەرتمەكتە. ئۇنداق بولمىسا، ئىنسانىيەت قانداقمۇ 200 يىلدىن بۇيان تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كېلەلەيدۇ؟ كارخانىچىلار ھۆكۈمەتنى قايىل قىلىش، ھەتتا شۇنداق قىلىشقا قىستاش ئارقىلىق تەرەققىياتنى سىلجىتىپ كەلدى.
مانا ھازىر ئاممىۋى ۋەلىسپىتلەر بېيجىڭنىڭ پۈتۈن كوچىلىرىنى بىر ئالدى، بۇنىڭغا بىر قائىدە-تۈزۈم بېكىتىشىڭىز كېرەك، بۇ ھەقتە قانۇن بارمۇ؟ يوق. بايا مەشەدە ئولتۇرغان بىرەيلەن: ئاممىۋى ۋەلىسپىت بىزنىڭ ئەمەس، بىز پەقەت ئۇنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغىلا ئىگە، دېدى. مەنچە بىزدە ئۇنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ھەم ئىشلىتىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. سىز ئۇنى مۈلكۈم ئەمەس دەيسىز، ئەمما ئۇ نەرسە بىراۋدىن مۈلۈك ھوقۇقى تەلەپ قىلىدۇ، كارخانىچىلار بۇنىڭغا كەلگەندە سەزگۈر، ئەگەر ئۇلار مۈلكىنى ھەممەيلەنگە ئورتاق تەقسىم قىلىپ بېرىۋەتسە قانداق بايلىق يارىتالايدۇ؟ بايلىق دېگەن نېمە؟ بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. بايلىق دېگەننى بىز ئۆتمۈشتە باي غوجاملار يەرگە كۆمۈپ قويغان ئالتۇن-يامبو دەپ قارايتتۇق. شۇڭا ئۆي چاققاندا يەرلەرنىڭ ئاستىدىن تىللا چىقىپ قالارمۇ دەپ كولاپ باقاتتۇق. ئەمما ئۇ بايلىق ئەمەس، ئۇنى بىز پۇل-پىچەك دەيمىز. بايلىق دېگىنىمىز، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ۋە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي رولىنى جارى قىلدۇرالىغان نەرسىدۇر.
شۇڭا كارخانىچىلار بايلىق يارىتىش داۋامىدا مەبلىغىنى توختىماي ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. مىسالەن، بېل گەيتىس مۇنچىلىك پۇلىنى پالانى نەرسىنى تەتقىق قىلىشقا ئىشلىتىپتۇ دېگەننى ئاڭلاپ تۇرىمىز. كارخانىچىلار ھازىر يوق نەرسىنى تەتقىق قىلىشقا مەبلەغ سالىدۇ، بەلكىم ئۇ نەرسە ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن ماددىلىرى ياكى ئىجتىمائىي تۈزۈمى يول قويمايۋاتقان نەرسە بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، غول ھۈجەيرە تېخنىكىسى، كېسەلنى گېندىن داۋالاش… دېگەندەك. بىر كارخانىچى چىقىپ: مەن جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشۇم كېرەك، مەن كىشىلەرگە پايدىلىق تەتقىقات ئۈچۈن مەبلەغ سالىمەن، مۇكاپات تەلەپ قىلمايمەن، دېسە، ئەگەر ئىشىدا نەتىجە قازىنىپ يېڭى مەھسۇلاتنى (مەسىلەن، بىرەر يېڭى دورىنى) ھەقىقەتەن بارلىققا كەلتۈرسە، بۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. مەزكۇر يېڭى دورا داۋالاش سۇغۇرتىسى تىزىملىكىدىكى دورىلار قاتارىغا كىرمىدى دەيلى، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ داۋالاشتا كەم بولسا بولمايدىغان دورىغا ئايلانغاندا، سۇغۇرتا تىزىملىكىدىكى دورىغا ئايلىنىدۇ، سۇغۇرتىنىڭ قائىدە-تۈزۈمىمۇ ئۆزگىرىدۇ.
شۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەككى، كارخانىچىلار قوشۇنى پۇل تېپىش ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان قوشۇن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم رولى جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. كارخانىچى روھى دېگەن نېمە دېسىڭىز، مەن شۇنداق جاۋاپ بېرىمەن: كارخانىچى روھى دېگەن ھەر قانداق قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق، بەلكى ئۇنىڭدىن بۆسۈپ ئۆتۈش. ئەگەر سىز ھازىرقى تۈزۈم مۇشۇنداق تۇرسا، مەن بۇ تۈزۈم بويىچە ئىش قىلمىسام بولمايدۇ، دېسىڭىز، شۇنى ئويلاپ بېقىڭ: باشقا ئەللەردە شوپۇرسىز ماشىنا قانداق بارلىققا كەلدى؟ شوپۇرسىز ماشىنا ھەيدەش قانۇنغا خىلاپ. ئەگەر سىز بۇ قانۇننى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنسىز ئاۋۋال شوپۇرسىز ماشىنىڭىزنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ، قاتناش ئورۇنلىرىنى قايىل قىلىشىڭىز كېرەك، شۇندىلا سىز غەلىبە قازىنالايسىز. مانا بۇ كارخانىچىنىڭ رولى، ئەگەر كارخانىچىدا مۇشۇنداق روھ بولمىسا، ئۇنىڭ ئۇششاق سېتىقچىدىن نېمە پەرقى؟ كارخانىچىدا جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان جاسارەت ۋە بۆسكەك روھ بولغاندىلا سودا ساھەسىدە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ ۋە قىممەت يارىتالايدۇ.
يۈ يىڭ: سىز بايا كارخانىچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۆز بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېدىڭىز. ئەمما جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، كۆپىنچى كىشىلەر كارخانىچى دېسىلا قاقۋاش، ۋىجدانسىز ئوقەتچىلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. چۈنكى كارخانىچى دەپ ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى سىز ئېيتقاندەك ئۇنداق يۈكسەك غايىگە ئىگە ئەمەس. مەن ئىلگىرى ئامېرىكىدىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن پاراڭلاشقان، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگودا يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىلار دەسلەپتىلا يۇقىرىغا يامىشىپ، كارخانىلىرىنى پاي چېكى بازىرىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنىدىكەن. ئامېرىكا كارخانىلىرىدا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەيدىكەن، چۈنكى كارخانا ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ جەمئىيەتكە قوشالايدىغان تۆھپىسىنى، بۇنىڭغا كېرەكلىك قىزغىنلىق ۋە جاسارىتىنى ئويلىشىدىكەن. ئەمما جۇڭگودا تېخىچە «ھەممىدە پايدىغا قاراش» (向钱看) ھۆكۈم سۈرمەكتە، بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟ مەسىلەن، سىزدەك كارخانىچىلار جەمئىيەتتە قانداق باشلامچىلىق رول ئويناپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ؟
رېن جىچياڭ: بۇنى بىزدىكى تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان. نېمىشقا ئامېرىكىدا بۇنداق ئىش يوق؟ چۈنكى ئامېرىكىدا پاي چېكى بازىرىغا خالىغان چاغدا كىرەلەيسىز، كىرگەندىن كېيىن بىر يۈرۈش قانۇن-تۈزۈملىرى سىزنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ. مېنى خالىغانچە ئالدىيالمايسىز، پېيىڭىزنى بازارغا سالسىڭىز بولىدۇ، ئۇنى جەزمەن نەقلەشتۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق، پاينى سېتىۋالامسىز-يوق، بۇنىڭ بىلەن كارى يوق، ئەمما سىز ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئاشكارىلاپ تۇرىسىز، بۇلارنى ۋاقتىدا تاماملايسىز، پاي چېكىنى ئېلىش-ئالماسلىقىڭىز ئايرىم مەسىلە. ئامېرىكىدا ھەر خىل پۇل-مۇئامىلە يوللىرى بار، پېيىمنى بازارغا سالمىساممۇ ئوخشاشلا پۇل تاپالايمەن. تەۋەككۇل قىلىپ مەبلەغ سېلىش ۋە باشقا مەبلەغ سېلىش ئۇسۇللىرى بار، بۇلار بىر يۈرۈش سىستېما ۋە ئۆلچەم بويىچە ماڭىدۇ. ئەمما جۇڭگونىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى دېگەندەك ئىلغار ئەمەس ھەم تولۇق ئېچىۋېتىلگەن ئەمەس. پاي چېكى بازىرىمىز نەچچە تاقىلىپ كېيىن ئەسلىگە كەلمىدىمۇ؟ ئىلگىرى بار ئىدى، ئارىلىقتا توختىدى، كېيىن يەنە بار بولدى. دۆلەت پېيى دەسلىۋىدىلا ئاقمىدى، كېيىن ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلدىغۇ، چۈنكى ھۆكۈمىتىمىز پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى قانداق باشقۇرۇشنى ئۆگىنىپ بولالمىدى، شۇڭا بىر قىسىم ساھەنى ئېچىۋېتىشىمۇ ئاستا بولدى. قانداقلىكى بىر نەرسىنى تەستىقلاتسىڭىز پۇلغا يارايدىغان بولدى. ئەگەر لى كېچىياڭ زۇڭلىنىڭ ئېيتقىنىدەك، ھۆكۈمەت ئەگەر تەستىقلاش ھالقىلىرىنى ئازايتسا، بۇنداق مەسىلە چىقارمىدى؟ چىقمايتتى. پاي چېكى بازىرىغا كىرىمەن دەپ قانداق قىلاتتىڭىز؟ كىرسىڭىزمۇ ھېچكىمنىڭ سىز بىلەن كارى يوق، چۈنكى بۇ بازارغا كىملا كىرسە بولىۋېرىدۇ. كارخانىچىلار ھازىرمۇ ئۆز ئىچىدە شىركىتىمىز پاي چېكى بازىرىغا كىرسە بولامدۇ-بولمامدۇ، ئۇنىڭغا بېلەت تاشلامدۇق-يوق، دەپ ئېھتىيات بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ يۈرۈيدۇ، شۇ تەرىقىدە ئون مىڭلىغان شىركەت پاي چېكى بازىرىغا كىرىشنى تاللىسا، سىز يەنە ئۇ بازارغا كىرەمسىز؟ كىرمەيسىز. شۇڭا ئامېرىكىدىمۇ بۇنداق تۈزۈم شارائىتىدا ھېچقانداق شىركەت ئالدىراپ پاي چېكى بازىرىغا كىرىشنى ئويلاشمايدۇ. جۇڭگودا بۇ پۇرسەت ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن شىركەتلەر پايچىك بازىرىغا كىرىشكە قاراقچىنىڭ كېمىسىگە چىقىشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىراپ كېتىشىدۇ، كېمىگە چىقىپ بولۇپ ئاندىن ئۇنىڭدىن چۈشمەكنىڭ تەسلكىنى ھېس قىلىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل-مۇئامىلە قانۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
تەستىقلاش تەس بولغان ھۆججەتلەر پۇلغا يارايدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىشلار مەۋجۇت. مەسىلەن، نوپۇس بېجىرىش دېگەندەك. شۇڭا جۇڭگو يەنىلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىمۇ داۋاملىق ئېچىۋېتىش مەسىلىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگودىكى ئىسلاھات نېمىگە تايىنىدۇ؟ بىرىنچىدىن، سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچېۋېتىشكە، ئىككىنچىدىن، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشىكنى ئېچىۋېتىشكە تايىنىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دېگەنلىك، كۆپچىلىكىنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ قويماي، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا يول قويۇش، قانۇن-تۈزۈم ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشىغا يول قويۇش دېگەنلىكتۇر. ئېچىۋېتىلگەن شەھەرلەردىكى ئەركىن سودا رايونى ئەنە شۇ قانۇن-تۈزۈم چەكلىمىسىنى «بۆسۈپ ئۆتۈش»نىڭ نەتىجىسى بولۇپ، سىناق ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن ئالاھىدە رايون قانۇنى تۈزۈلدى ياكى ئەسلىدىكى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇن-تۈزۈمنى «بۆسۈپ ئۆتۈپ» يېڭىلىق يارىتىشنىڭ نەتىجىسى.
يۈ يىڭ: ئەمما سىز چوڭ ۋەزىيەت، چوڭ مۇھىتتا بولۇۋاتقان ئىشلارنى دەۋاتقاندەك قىلىسز، بىز مۇشۇنداق مۇھىت، مۇشۇنداق بىر دەۋردە ياشاۋاتقان تۇرساق، «بۆسۈپ ئۆتكۈدەك» نېمە ئىشلارنى قىلالايتتۇق؟
رېن جىچياڭ: قانداق قىلالايتتۇق؟ ئاستا-ئاستا قىلىمىز، بۈگۈن بىر نەرسىنى ئىسلاھ قىلساق، ئەتىسى بىر نەرسىنى، ئۇنىڭ ئەتىسى يەنە باشقا نەرسىنى ئىسلاھ قىلىمىز. ئىسلاھ قىلغان نەرسىلەر كۆپەيگەنچە چوڭ ئۆزگىرىش مەيدانغا كېلىدۇ. سىز چوقۇم تىرىشىشىڭىز كېرەك. ھەممە ئادەم تۈگۈلۈۋېلىپ، مەن قىلالمايمەن، مەن بولمايتتىم، مەن چېقىلالمايتتىم دەپ قېچىپ تۇرۇۋالسا، ئىسلاھات-ئۆزگىرىش قانداق بارلىققا كېلىدۇ؟ شۇڭا ئاز-ئازدىن بولسىمۇ تىرىشىش، ھېچ بولمىسا نېمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، دۆلەتنىڭ يەر-زېمىن بايلىقى ئىقتىسادقا، پۇل-مۇئامىلىگە بېرىپ چېتىلىدۇ، سىز بۇنى بىلىشىڭىز ۋە چامىڭىزنىڭ يېتىشىچە ئىسلاھاتقا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەك. يەنە مەسىلەن، ئۆي-مۈلۈك مەبلىغى ھاۋالە فوندىغا يول قويدۇق دەيلى، ھالبۇكى ئامېرىكىدا بۇ خىل فوندلارغا باج ئېلىنمايدۇ، بىز نېمىشقا باج ئالىمىز؟ ئامېرىكا بۇ قېتىم باجنى ئازايتتى، بىزمۇ بۇنى ئويلىشىشىمىز كېرەك.
بۇ ئىشلار گەرچە ئاستا بولسىمۇ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىز، بىر جايىڭىزدا تۇرۇۋالماسلىقىڭىز كېرەك. بۇنىڭدا كىملەرگە تايىنىمىز؟ ئەلۋەتتە كارخانىچىلارغا تايىنىمىز. ئەگەر كارخانىچىلار سودىنىڭ، پۇلنىڭلا گېپىنى قىلىپ يۈرىۋەرسە بىر جايىدا توختاپ قالىدۇ. ئۆزەم بېيىساملا بولدى دەپ ئويلىسا ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ. يەنە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، جەمئىيەت تەرەققىي قىلمىسا، كارخانىچىلار پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. شۇڭا كارخانىچىلار چوقۇم جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سەركىلىرىدىن بولۇشى لازىم، شۇندىلا ئالدىن بېيىش ئارقىلىق كېيىنكىلەرگە تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق كۈچكە ئايلىنالايدۇ. ئەمما ئۈمىدنى بەك چوڭ قىلىۋەتمەسلىك كېرەك، بىرىنچى ئەۋلاد كارخانىچى ھەل قىلالمىغان مەسىلىنى ئىككىنچى ئەۋلاد كارخانىچى ھەل قىلىشى مۇمكىن. بىر نەچچە ئەۋلاد مۇشۇنداق تىرىشىش ئارقىلىق چوڭ مەسىلىلىرىمىز ھەل بولىدۇ، تەرەققىيات داۋاملىشىدۇ.
يۈ يىڭ: دېمەكچى بولغىنىڭىز، بىرىنچى ئەۋلاد كارخانىچى كۈچىنىڭ يېتىشىچە تەرەققىياتقا تۆھپە قوشىدۇ، ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بەلكىم بۇ جەرياندا تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. سىزنىڭچە، ھاياتىڭىزدا دۇچ كەلگەن ئەڭ زور قىيىنچىلىق نېمە؟ ئۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
رېن جىچياڭ: ئادەم ئۆمرىدە بىر تالاي مەسىلىلەرگە يولۇقىدۇ، مەنمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن. ئەمما مەنچە، مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگىنىڭىزدە بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنىڭىز باشقىلارغا كېرەكلىك بولغان بىلىمىم، تەجرىبەم ياكى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمنى ئۇلارغا بىلدۈرۈش كېرەكمۇ-يوق؟ مەنچە بىلدۈرۈش كېرەك. مەن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، «مۇھىتقا ماس ئۆي-مۈلۈك» مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىشكە تىرىشتىم، مول نەتىجە قازاندۇق. بۇنىڭدىن ئېرىشكەن خۇشاللىقلىرىمىز ئۈندىدار ئويناپ ئېرىشكەن خۇشاللىقلاردىن كۆپ. بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتكە نۇرغۇن پايدىلىق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدۇق.
تۈنۈگۈن كەچتە رەسساملار يىغىلىشىدا بىرەيلەن رەسىمىمنى سىزدى، دەسلەپتە كىمنى سىزغانلىقىنى ئۇقالمىدۇق، كېيىن ئۇ رەسسام زەر بوياقنى بىر پۈركۈۋىدى، رەسىم روشەنلەشكەندە قارىسام مەن ئىكەنمەن. ئاندىن بۇ رەسىمنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ مۇھىت ئاسراش ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولدۇق. قانچە پۇلغا ساتتۇق، بىلەمسىلەر؟ بىر مىليونغا. رەسىمنى ئالغان ئادەم ماڭا، بۇ رەسىمنى يەنە بىر قېتىم كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى قاتناشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى جەمئىيەتكە، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتەيلى، دېدى.
بىز يەنە دېھقانلارغا ھەمكارلىشىپ قۇمنى تىزگىنلەپ، تېرىق تېرىماقچى. ئىسرائىلىيەتنىڭ تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، پۈركۈپ سۇغىرىدىغان تېرىق تېرىيمىز. قۇملىشىش قانداق پەيدا بولىدۇ؟ يەر ئاستىدىن كۆپ مىقداردا سۇ تارتىش تۈپەيلىدىن سۇ قاتلىمى بارغانچە پەسلەيدۇ، ئاندىن بۇ يەردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قۇرۇپ كېتىدۇ، ئوت-چۆپ دېگەن نېمە قالمايدۇ. شۇڭا بىز قۇملۇققا كۆممىقوناقنىڭ ياۋىسى بولغان چۈژگۈن ۋە سۇ يېمەيدىغان تېرىقلارنى تېرىپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇ قاتلىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز. نەتىجىدە قۇملىشىشنى تىزگىنلەيمىز. نۇرغۇن ئادەم بىز تېرىغان تېرىقلارنى سېتىۋالىدۇ، بىز ئىككى يىل بۇرۇن 20-30 مو يەردىن ئىش باشلىغان، ھازىر ئون مىڭ موغا يەتكۈزدۇق. پىلانىمىزدا بۇنى 150 مىڭ موغا يەتكۈزمەكچى. مۇشۇنداق قىلساق، تېڭگېر چۆللۈكىدىكى سۇ بايلىقى قايتىدىن شەكىللىنىدۇ.
ئۆتكەن يىلى بىز 750مىڭ كۇپ مېتىر سۇ تېجىدۇق، بۇ سۇ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر قېتىم يۇيۇنىشىغا يېتىدۇ. سىلەر شۇنچىلىك بىر تېرىقنىڭ قانچىلىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىلەر. شۇڭا مەن بارلىق كارخانىچىلارنىڭ ئاممىۋى ئىگىلىك، ھۈنەر-تېخنىكا، پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللاپ، مۇھىتىمىزنى ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ بۇ رەسىمىم بەلكى ئىككى مىليونغا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىشى مۇمكىن، سېتىلىپ قالسا يەنە بىرەيلەن چىقىپ: بۇ رەسىمىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ئىئانە قىلىڭ، يەنە بىر قېتىم كىم ئارتۇق قىلىپ ئۈچ مىليونغا ساتايلى، تېخىمۇ كۆپ كارخانىچى پاراۋانلىق سېپىگە قېتىلسۇن، دېيىشى مۇمكىن. مەن بۇ ئىشلاردىن تېلېفون ئويناپ ئېرىشكەن خۇشاللىقتىنمۇ چوڭ خۇشاللىق تاپىمەن.
يۈ يىڭ: ھازىرچە سىزنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانىڭىز ۋە غايىڭىز نېمە؟
رېن جىچياڭ: مەن دەم ئېلىشقا چىققان ئادەم، يۈكسەك نىشان، ئۇلۇغ غايىلىرىممۇ يوق. ئۆمرۈمدە دۆلەت كادىرى بولۇپ باققانمۇ ئەمەسمەن. ئەمما بىر كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆڭلۈمدە شۇ نەرسە ئېنىقكى، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىنساۋى ۋە مەرتلىكىنى نامايەن قىلسۇن. ئەگەر شۇنداق قىلالىسا بۇ جەمئىيەت ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ئادەملەر ھوقۇق-ئەمەل، نام-مەنپەئەت كويىغا كىرىپ كەتسە، بۇ جەمئىيەت ناچارلىشىدۇ. شۇڭا مەن ھەر كىمنىڭ ئۆز قەلبىنى، مۇھەببىتىنى جەمئىيەتكە بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇندىلا جەمئىيىتىمىز گۈللىنىدۇ، پۇقرالار ياخشى ياشىيالايدۇ.
(سۇمرۇغ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)