نەچچە ۋاقىتتىن بېرى…

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قانداق ياشىدىم؟  ھاياتتا بۈيۈك غايىلىرىم، تۇرمۇشتا ئاجايىپ پىلانلىرىم بار ئىدى، ئەمما ھەر كۈنى ئۇششاق ئىشلار، كەچمىشلەر بىلەن ھەرە كېپىكىدەك ھەرىدىلىپ، ۋاقىت شامىلىدا ئۇچۇپ تۇردۇم. تۇرمۇش ھەقىقەتەن كاتتا ئىشلاردىن ئەمەس، ئۇششاق-چۈششەك كەچمىشلەردىن، ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان تۇيغۇ-تەسىراتلاردىن، ئۆلگەندە تۈگەيدىغان پانىي خىياللاردىن تەركىپ تاپىدىكەن. شۇڭا چوڭ ئىشلارنى قىلالماي ئاھ ئۇرۇپ يۈرگەندە تۇرمۇشنىڭ ئېقىنىغا ئۆزەمنى قويۇۋېتىپ ئارام تاپتىم، خۇددى كىچىك ۋاقتىمدا ئۆستەڭنىڭ ئېقىشىنى بويلاپ لەيلىگەندەك راھەتلەندىم.  ۋۇجۇدۇم بىر تال يوپۇرماقتەك يەڭگىللىدى، كۈن نۇرىدىن، شامالدىن، سۇدىن بەھىرلەندىم ۋە شۇنىڭدىن قانائەتلەندىم. ئېڭىمدا نېمىلەر يۈز بەرمىدى؟  گاھىدا  ئاچكۆزلۈك، گاھى سوپىلارچە شۈكرى-قانائەت، گاھىدا تۇرمۇش بېسىمى، گاھى بىغەملەرچە راھەت، گاھىدا شىرىن خىيال، گاھى ھەسرەت-نادامەت،  گاھىدا قورقۇنچ، گاھى غەيرەت- جاسارەت… بىر-بىرىنى يەكلەپ، چەكلەپ تۇردى. كۆنۈپ كەتتىم، ھاياتىم ئەمەس، ۋۇجۇدۇمنىڭ ئۆزىلا ئوقۇپ بولالمايدىغان كىتاب، يېشىپ بولالمايدىغان سىر-مۇئەمما ئىكەن.

ئۆزىنى كۆزەتمىگەن، ئۆزىنى چۈشەنمىگەن، چۈشىنىشكە تىرىشىپ باقمىغان، ئۆز ئالاھىدىلىكىنى بايقاپ باقمىغان ۋە تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ باقمىغان ئىنسان غەپلەتتە قالغان ئىنسان . خوش، ئۇنداقتا ئۆزەمچۇ؟ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن مۇشۇ ۋاققىچە ياشىىدىم،  بىر ئاز ئىلىم-مەرىپەت ئالدىم،  ھىدايەت تاپتىم، ئىنساپقا كەلدىم، پەرز ئەمەللەرنى بەجا كەلتۈرۈشكە تىرىشتىم، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن راۋرۇس ئادەم بولدۇم، ئىشىم پۈتتى دەپ ئېيتالمايمەن. چۈنكى رېئاللىقىم، مەۋجۇتلۇقۇم ھەر كۈنى  شۇنى ئىسپاتلاۋاتىدۇكى،  دۇنياۋى غەپلەت تۈگىمەيدىغان غەپلەتكەن، تامامەن ھوشيار ئەمەسكەنمەن، ھەر كۈنى شۇ كۈنگە خاس غەپلەتتىن بىرسى پەيدا بولىدىكەن،  بۇ غەپلەت، بۇ ئەخمەقلىقنى بىر تەبىئىيلىك دەپ قوبۇل قىلىدىكەنمەن. شۇنداق ياشىسام راھەتتە ياشايدىكەنمەن.  پېشانەمگە پۈتۈلگەن بۇ زامان ۋە ماكاندا ئەجىلىم يەتكىچە  شۇنداق ياشاپ ئۆتىۋېرىمەنمۇ ياكى غەپلەتتىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىمنى بىلگەنسېرى ئۆزەمنى سەگەكلىككە ئۈندەپ ئاگاھ ۋە دانا بولۇپ ياشايمەنمۇ؟  تاللايمەن، تاللىنىمەن. شەيتان بىلەن بولغان كۈرەشتە ئاخىر ئىمانىمنىڭ غالىب كېلىشىنى تىلەيمەن.

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى نادىر ئەسەر يېزىشنى ئۆزەمگە بېسىم قىلىۋالدىم، ئۇنى يازالمىغانچە ئاقماس خىيالىم كۆپىيىپ كەتتى.  بىر نەرسە يازالمىغانچە  رېئاللىقنىڭ ئۆزىدىكى جەلپكارلىققا، مەيلىخوشلۇققا بېرىلىپ كەتتىم.  كۈنلىرىم ئۆزىنىڭ يېڭىلىقى، ئۇششاق-چۈششەك كەچمىشلەرگە بايلىقى بىلەن يۈزۈمنى سىپاپ ئۆتۈپ كېتىۋەردى، ھەتتا بەزىدە ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمۇ قالدىم. مۇشۇ ۋاققىچە بەش كىتاب چىقىرىپتىمەن، ئۈرۈمچىدە كىتابخانىلارنى ئايلىنىپ«كۆپۈك» دېگەن رومانىمدىن باشقا كىتابلارنى ئاساسەن تاپالمىدىم. سېتىلىپ تۈگىگەن بولۇشى مۇمكىن، ياكى ۋىلايەت-ناھىيىلەردىكى كىتابخانىلاردا توپا بېسىپ ياتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. نېمىلا بولسۇن،  ئۇ مېنىڭ ئۆتمۈش ھاسىلاتلىرىم، گويا مەندىن يىراقلىشىپ كەتكەن كونا مۇھەببەتلىرىم. ئەسلەپ قالىمەن تارتقان جاپالىرىمنى، ھاياجان ۋە كۆز ياشلىرىمنى…   كۆپ ھاللاردا، كىتاب بولغۇدەك ئەسەر يازماي تۇرۇپ،  تۇرمۇش كىتابىنىڭ ئۆزىگە بېشىمچىلاپ كىرىپ كېتىمەن.

ئىجادىيەت مەنبەسى بولغان تۇرمۇشنىڭ ئۆزى قايناپ تۇرغان بۇلاق ئەمەس، بەلكى ھەممە نەرسە ئارىلىشىپ ئېقىۋاتقان دەريا. بۇ ئېقىندا بېشىم تاشقا ئۇرۇلغاندا، كۆزۈم قاراڭغۇلاشقاندا ياكى غەيرى بىر نەرسىنى بايقىغاندا ئاندىن ئىلھامىم كېلىدۇ. ئىلھامىم كەلگەندىلا يازىدىغان ئىش يوق، ئۇنىڭغا بىكارچىلىق، تىنچلىق كېرەك. تۇرمۇش، خىزمەت زۆرۈرىيەتلىرىدىن ئېشىنغاندا ئاندىن يېزىقچىلىق قىلىدىغان گەپ، شۇڭا مەن خوتۇن-بالىلىرىنى قايرىپ قويۇپ يېزىقچىلىق قىلىدىغان پىداكارلارغا ئاجايىپ ھەيران قالىمەن. قىسقىسى، مەندە يېزىقچىلىققا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كەمچىل؛ يېشىم چوڭايغانچە، تۇرمۇش بېسىمى كۈچەيگەنچە ئۇنداق روھ تېخىمۇ قالمىغىلى تۇردى.  ئىلگىرىكى ئۇ يۈكسەك غايىلەر ھازىر پەسكويغا چۈشتى، ئۇلۇغ ئارمانلىرىم، پىلانلىرىم كىچىكلەپ كەتتى. ھەتتا يېزىقچىلىقنى ھاياتىمدىكى مۇھىم ئىش قاتارىدا كۆرمەس بولدۇم. شۇغىنىسى، تالانتىمدىن گۇمانلىنىپ باقمىدىم، ئىچىمدە بىر  ئىستەك ۋە يېزىش ئىشتىياقى بار.

ۋاھالەنكى، ھازىرقى مەن، شۇنچە ياشاپ، شۇنچە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ بالىلارچە تەپەككۇر قىلىدىغان مەن، غەپلەتتە يۈرسىمۇ سەگەك ياشاشقا تىرىشىۋاتقان مەن،  ھەر ھالدا ئۆزەمنى تونۇغان مەن،  قىلىدىغان ئىشىمنىڭ ئەھمىيىتى، زۆرۈرىيىتى قانچىلىك دېگەننى ئويلايدىغان بولدۇم. خەلقنى تەربىيىلەيمەن دېگەن يازغۇچىلارغا، خەلقىمنى كۈلدۈرىمەن دەپ سەھنىگە چىقىۋاتقان ئثېتوت چولپانلىرىغا زوقلىنىمەن. ئەمما  ئاشكارا سورۇندا خەلقىم ئۈچۈن دەپ سۆزلىگەنلەرنىڭ سۆزىدىن گۇمانلىنىمەن. ئەگەر ئۇ  ” پۇل تېپىش ئۈچۈن، ئۆزەمنى تونۇتۇش ئۈچۈن، ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن باشقا ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغانلىقىم ئۈچۈن…“ دېگەن بولسا ماڭا تېخىمۇ سەمىمىي، ھەقىقىي تۇيۇلاتتى. لېكىن ئۇنداق دەيدىغانلارنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. سەنئەتكارلار ئۆزىنى خەلققە تەۋە دەپ ئويلىغاچقا جامائەت پىكرى ئۈچۈن ئۆزىنى پەردەزلايدۇ،  شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى،   ئۆزىنى بىلمەيدىغان، ئۆزىگە دادىل يۈزلىنەلمەيدىغان، مۇستەقىللىقى يوق، ئېقىمغا ئەگىشىپ مېڭىۋېرىدىغان، ئۆزىنى مەسخىرە قىلالمايدىغان ئادەمدىن ھەقىقىي سەنئەت، يۈرەكنى تىترەتكۈدەك بىر نەرسە چىقمايدۇ.

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يۇرتۇمنى ئەسلەپ سېغىنىپ ياشاپ كەلدىم، يىلدا دېگۈدەك بارىمەن، كېلىمەن. تالاي خۇشاللىق ۋە ھەسرەت، ئارمانلىرىم شۇ كەچمىشلەرگە سىڭىپ كەتتى. ئۆتكەن ئايدا يەنە باردىم،  رېئاللىق ھەر قاچانقىدىن بەك رەڭگارەڭ، چاقچاقلىق ئولتۇرۇشلاردەك قىزغىن ھەم كۆڭۈللۈك، بازارلاردەك ئاۋات، ئىلھاملار يېتىشىپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە تەسىرلىك بولۇپ كەتتى، خوتەن، قەشقەرلەردە يۈز بەرگەن ئىشنىڭ شامىلى،  تالاي غەشلىك، كۆڭۈلسىزلىكلەر ھېچ يادىمدىن چىقمىدى.  گۈزەل ھاۋا، نازۇ نېمەت، قەۋم-قېرىنداش، ئۇرۇغ-تۇغقان، دوستلار كۈلكىسى بىر دەم چىققان ئاپتاپتەك ئۆتۈپ كەتتى. رامىزان كىردى، توپ-توپ جامائەت بىلەن ئۇچراشتىم، سالاملاشتىم، ھەمداستىخان بولۇپ سۆھبەتلەشتىم. جاھاندا ئۆزىنىڭ يېقىن يورۇقلىرى بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ خۇشال پاراڭلار بىلەن غىزالىنىشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك.  يىلدا ئاران بىر قېتىم يۇرتقا بېرىپ كېلەلەيدىغان مەن ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور.  ۋاقىتنىڭ قانداق تېز ئۆتكەنلىكىنى، ئەمما شۇ مۇددەتتە تالاي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، ئۆتكەن يىلى دىدارلاشقانلاردىن بىر-ئىككىسى بۇ يىل يوق.  ئۆمىلەپ يۈرگەن نەۋرىلەر ماڭىدىغان، تىلى چىقمىغانلار سۆزلەيدىغان، ھەتتا ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان سەت گەپلەرنى قىلىدىغان بوپتۇ. ”ئاكا“ دەپ شوخلۇق بىلەن تاتلىق كۈلىدىغان سىڭىلچاقلار ئەرگە تېگىپ، ھايالىق، خىجىلچان، ئېغىر-بېسىق بولۇپ كېتىپتۇ.  ئۆتكەن يىلقى نوتا ياڭاقلار بۇ يىل يوغىناپ مېۋىگە كىرىپتۇ، كېسىلگەن تېرەكلەرنىڭ ئورنىدا  نوتىلار باراخسان بولۇپ شاخلاپتۇ… ئۆتكەن يىلى كۆرگىنىم بۇ يىل يوق، بۇ يىل كۆرگەنلىرىممۇ شۇنداق ئۇنتۇلۇپ كېتەرمۇ؟ شۇ چاغدا بۇ ئەسنادىكى   ۋاقىتلارنى تۇتۇۋالغۇم، سىنئالغۇغا ئېلىپ كېتىپ، قايتا-قايتا قويۇپ ئەسلىگۈم كەلدى.  قانداق  ئۆتكۈزۈشۈمدىن قەتئىينەزەر ئۇ  گۈزەل كۈنلەر قىسقىلا داۋاملىشىدىغان ياشلىقتەك ئۆتۈپ كەتتى، مانا ئۇ ۋاقىتلارنى 80 ياشلىق قېرىلاردەك ئەسلەپ ئولتۇرىمەن.

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۆپلىگەن ماختاشلارنى ئاڭلىدىم، دوستلارنىڭ ئىلھام-مەدەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. ئەمما شۇنىڭغا لايىق بىر ئىش قىلىپ بولالمىدىم. ئىجادىيەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەي كونا مېۋىلەرنى كۆشەپ ياتتىم، يازمىدىڭ دېگۈچىلەرگە كۆڭلۈمدە ”يولۋاس ئون يىلدا بىر تۇغىدۇ، يولۋاس بولىدۇ. ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ بىر ئەسەر يازىمەنكى، بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە يارىتىمەن“ دەيمەنۇ، ئۇنىڭغا ئانچە ئىشەنمەيمەن. چۈنكى  يازماي-يازماي بىرلا يازسام خۇددى چېنىقماي يۈرگەن ئادەم بىرلا يۈگۈرسە ھاسىراپ قالغاندەك بىئارام بولىدىكەنمەن، قەلىمىم خۇددى قەدەملىرىمدەك كالاڭپايلىشىدىكەن، شۇڭا بەك نادىر بولمىسىمۇ، ھەتتا ناچار بولسىمۇ يېزىپ تۇرغىنىم ياخشىكەن، چۈنكى يازمايۋەرگەنچە كاللامدا يېزىقچىلىققا نىسبەتەن ئاكتىپ ئاڭ، ئىجادىي تەپەككۇر قالمايدىكەن.  يېزىقچىلىق دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىدىكەنمەن، بۇ بىلوگمۇ يېڭىلانمايدىكەن.     

2 پارچە ئىنكاس بار

  1. Saypidin مۇنداق يازغان:

    يازمىڭىزنى ئوقۇپ ئاجايىپ غەلىتە تۇيغۇ ئىچىدە قالدىم،ئەنۋەركا،چۈنكى مەنمۇ ئىزچىل ئۆزىنى كۆزىتىۋاتقانلارنىڭ ، ئىزچىل ياخشى بىرنەرسە يازالمايۋاتقانلارنىڭ بىرى.ئۆزۈمگە يارىغۇدەك بىر نەرسە يازمىغىلى خېلى بولدى، تۇيغۇلىرىممۇ قېتىپ كەتكىلى تۇردى، بەلكىم چۇقۇم ياخشى نەرسە يازىمەن دەپ ئۆزۈمگە بېسىم قىلىۋالغانلىقىمدىن يازالمايۋاتقاندىمەن…
    ئەسلى بۈگۈن جۈمەگە بارغاچ ،سىز بىلەن كۆرۈشۈپ كىلەي دېگەنىدىم،ئەمما مەكتەپتە يەنە باشقا ئىش چىقىپ قالدى، سىز بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ يۈرگىلىمۇ خېلى بولدى، ئەمما ھىچ بىر ۋاقىت-سائىتى بولمايۋاتىدۇ، خۇدا بۇيرىسا كىلەر ھەپتە سىزنى ئىزدەپ بارىمەن. كۆرۈشكىچە ئاما ن بولۇڭ~~!

  2. ئۇزدىل مۇنداق يازغان:

    تېخىمۇ نادىر ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. قانداقلا بولمىسۇن ئىلھام بىسلىرىڭىز قايرىلىپ كەتمىسۇن، ۋاقتى ۋاقتىدا بىلەپ تۇرۇڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*