
داڭلىق ئالەمشۇناس، فىزىكا پروفېسسورى ستىفېن خاۋكىڭ 76 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇ ئالبېرت ئېينىشتيىندىن قالسا دۇنيادا ئەڭ كۆپ تونۇلغان فىزىكا ئالىمىدۇر. ئۇنىڭ كۋانتۇم فىزىكسى ۋە قارا ئۆڭكۈر ھەققىدىكى قاراشلىرى ئالىملار ئىچىدە زور تەسىر قوزغىىدى، كىتابلىرى 40 نەچچە خىلغا تەرجىمە قىلىندى، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن پۇل تېپىپ باياشات ياشىدى، ئۇنىڭدىن ئېشىنىپ كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەمەلىي ماتېماتىكا ۋە نەزەرىيە فىزىكىسى تەجرىبىخانىسى قۇردى.
21 يېشىدا مۇسكۇل نېرۋىلىرى يىگىلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ بارا-بارا پالەچ بولۇپ قالغان خاۋكىڭ، دۇنيادا مۇنازىرە قوزغىغان كۆز قاراشلىرى، نەزەرىيەلىرى ۋە تۇرمۇشتىكى مۇھەببەت ھېكايىلىرى بىلەن دۇنيا تارىخىغا يېزىلغۇدەك داڭلىق شەخسكە ئايلاندى. ئۇ ئالەمنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. Roger Penrose بىلەن بىرلىكتە ئېينىشتىيىننىڭ ماكان ۋە زاماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى BigBang(بۈيۈك پارتىلاش) ۋە قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيىسى ئارقىلىق شەرھلەپ بەردى.
خاۋكىڭنىڭ A Brief History of Time«ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەسىرى 10 مىليوندىن كۆپ سېتىلدى. بۇ كىتابتا زامان ۋە ماكان Bigbang(بۈيۈك پارتىلاش)دىن باشلىنىپ Black Holes (قارا ئۆڭكۈر)دە ئاياغلىشىدۇ دېگەن نۇقتىئەنەزەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خاۋكىڭنىڭ قارىشىچە: قارا ئۆڭكۈر تامامەن قارا (زۇلمەت قاراڭغۇ) ئەمەس، بەلكى رادىئاتسىيە تارقىتىۋېرىش نەتىجىسىدە قۇرۇقدىلىپ يوقاپ كېتىدىغان بىر بوشلۇق.
خاۋكىڭ، 1942-يىل 8-يانۋار كۈنى تۇغۇلدى. 8 يېشىدا لوندوندىن 20 چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئالبانىسقا كۆچتى، بۇ يەردە باشلانغۇچنى تۈگەتكەندىن كېيىن دادىسى ئوقۇغان ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇدى. دادىسى ئۇنىڭ دوختۇر بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، ئۇ ماتېماتىكىنى ياخشى كۆرەتتى. 1960-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇنىڭغا مۇسكۇل يىگىلەش كېسىلى چاپلاشتى. مۇسكۇل نېرۋىلىرىنىڭ 80 پىرسەنتىنى كاردىن چىقىرىپ بەدەننى پالەچ قىلىپ قويىدىغان، ئەمما مېڭە نېرۋىلىرىغا تەگمەيدىغان بۇ كېسەللىك ئۇنى چاقلىق ئورۇندۇققا مەھكۇم قىلدى.
ئۇ 1985-يىلى ئاۋازىنىمۇ چىقىرالماس بولۇپ قالغاچقا چاقلىق ئورۇندۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاۋازنى يېزىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان كومپيۇتېر ئارقىلىق كىشىلەر بىلەن ئالاقىلەشتى. ئۇ ئىلمىي تەتقىقات ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە ئائىلىسىنىڭ زور ياردىمىگە تاياندى. گەپ قىلماقچى بولغىنىدا قولىدىكى ئېلېكترونلۇق ئەسۋاپنى سىقىپ، ئورۇندۇقىغا باغلانغان ئالاھىدە كومپيۇتېر ئېكرانىغا مىنۇتىغا ئون سۆز يازاتتى. ئادەتتە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك پاراڭلىرى 2500 سۆز ئەتراپىدا بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوي-پىكرىنى ئىپادىلەشتە قىينىلىپ قالمايتتى، نېمە دېمەكچى بولسا تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيتتى.
ئۇ ئۆتكەن يىل 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋاتكاندا «ئالەمنىڭ مەنبەسى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات بېرىپ، پاپا فرانسىس بىلەن كۆرۈشكەنىدى.
ستېفېن خاۋكىڭنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىمۇ دائىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلدى. Jane Wilde ئۇنىڭ تۇنجى ئايالى بولۇپ، ئىككەيلەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقاندا پويىز ئىستانسىسىدا تونۇشۇپ قالغانىدى. 1964-يىلى خاۋكىڭغا مۇسكۇل يىگىلەش كېسىلى دىياگنوزى قويۇلدى ۋە بۇنى داۋالىغىلى بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى. ئۇلار بۇ كېسەلنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ 1965-يىلى دەرھال توي قىلدى. Jane Wilde شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ: ستىفېننىڭ قانچىلىك ياشىيالايدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق، دەيدۇ. خاۋكىڭمۇ Jane بىلەن توي قىلغىنىنى «ھاياتىمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دەيدۇ.
توي كۈنى ھاسىغا تايىنىپ ئاران تۆرە تۇرالىغان خاۋكىڭنىڭ تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ تايانچى ئەنە شۇ ئايالى بولدى. 1960-يىللارنىڭ ئاخىرى پۇت-قولى يىگىلەپ، ئۆرە تۇرالمىغۇدەك ھالغا كېلىپ قالغان خاۋكىڭ چاقلىق ئورۇندۇق ئىشلىتىشكە باشلىدى. 1967-يىلى روبېرت ئىسىملىك ئوغلى، 1970-يىلى لۇسى ئىسىملىك بىر قىزى دۇنياغا كەلدى. 1979-يىلى يەنە بىر پەرزەنتى تۇغۇلدى. ئۈچ بالىلىق بولغان بۇ قەدىناس ئەر-خوتۇن 1991-يىلى ئاجرىشىپ كەتتى. بۇنىڭغا خاۋكىڭنىڭ شۆھرەت قازىنىشى بىلەن تەڭ پەيدا بولغان بېسىملار، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشى، چاقلىق ئورۇندۇقىدىكى ئالاھىدە كومپيۇتېرنىڭ لايىھىلىگۈچىسى داۋىد ماسوننىڭ خوتۇنى ۋە خاۋكىڭغا قاراۋاتقان خىزمەتچى ئەيلىن ماسون بىلەن خاۋكىڭنىڭ ئىش-پەش تارتىشىپ قېلىشى سەۋەب بولدى. Jane Wilde مۇنداق دەيدۇ: «ستىفېننىڭ بىز بىلەن كارى بولمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇ مېنىڭ ئېرىم ۋە بالىلىرىمنىڭ دادىسى بولسىمۇ، ئەتراپىدا ئۇنىڭغا ۋاي دەيدىغان، «كارامەت ئادەمسەن، ئەۋلىياسەن، ئايىغىڭنىڭ ياكى ئورۇندۇقۇڭنىڭ ئاستىدىكى يەرگە سەجدە قىلىمەن…» دەپ ئۇنى كۆككە كۆتۈرۈپ ئۇچۇرىدىغان ئادەملەر تولا ئىدى. بۇ ئەھۋال كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلاتتى. ئاخىردا ئۇ ئۆزىگە قاراۋاتقان چوكان بىلەن يېقىنلىشىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن سەۋر قاچام تاشتى. 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا مۇناسىۋىتىمىز بۇزۇلدى، تۈگەشتۇق دەپ ئويلىدىم. مەندە گۇناھ يوق دەپ قارايتتىم. ئۆي خىزمەتچىسىنىڭ ماڭا ياردەمچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم، ئەمما بۇنداق ئەھۋال بەك ئاز كۆرۈلدى. ئۈمىدسىزلەندىم، بۇ بېسىمغا ئەمدى چىداشلىق بېرەلمەيمەن دەپ ئويلىدىم، چۈنكى ھەقىقەتەن تۈگىشىپ كەتكەنىدىم.»
ئۆي خىزمەتچىسى ئەيلىن ماسون خاۋكىڭنى تامامەن ئۆزىگە قارىتىۋالغان بولۇپ، خاۋكىڭنىڭ ئايالى Jane Wilde بىلەن خور ئۆمىكى باشلىقى Jonathan نى خاۋكىڭغا توختىماي چېقىشتۇراتتى. خاۋكىڭ بۇنىڭغا گەپ قىلمايتتى، ھەتتا ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنەتتى. Jane Wilde ئوڭلۇق، مېھرىبان ئايال بولۇپ، ئۆز قەلبىدە ئېرى ۋە باشقىلارغا يېتەرلىك مېھىر-مۇھەببىتى بار ئىدى. Jonathan نىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىنى بۇزۇش نىيىتى يوق ئىدى.
1995-يىل ستىفېن خاۋكىڭ ئايالى Jane Wilde دىن رەسمىي ئاجراشقاندىن كېيىن ئەيلىن ماسون بىلەن توي قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن 2006-يىلغىچە ئۆي تۇتتى. 2000-يىلى، «ئەيلىن ماسون ئېرى خاۋكىڭنى بوزەك قىلىدىكەن، ئۇرۇپ دۆشكەللەيدىكەن» دېگەن گەپ چىقتى. ساقچىلار بېرىپ تەكشۈردى. خاۋكىڭ بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېمىدى، 2006-يىلى بۇ خوتۇنىنى قويۇۋەتتى.
بىز ئىنسانلار ئالەم ۋە ئادەم، يەنى ئۆزىمىزنىڭ كېلىپ چىقىشىمىز ۋە بارىدىغان يېرىمىز ھەققىدە توختىماي ئىزدىنىپ، تەپەككۇر تەلقىنلىرىنى سۈرۈپ كەلدۇق. ستىفېن خاۋكىڭ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن فىزىكا ئالىمى، ئۇنىڭ نەچچە خوتۇن ئېلىپ قويۇۋەتكەنلىكى، نەچچە بالا تاپقانلىقى، نەچچە ئاشنا تۇتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن كۆرە، ئۇنىڭ ئالەم، ماكان، زامان ۋە ھاياتلىق توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرى، زېھنىمىزنى ئاچىدىغان بىلىملىرى ۋە كۆز قاراشلىرى بەكرەك مۇھىم ھەمدە ئەنە شۇلارلا بىزنى بەكرەك قىزىقتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئالەمنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ياراتقۇچى ئىلاھنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى پىكىرلىرى خىلمۇ خىل بولۇپ، بەزىدە ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلسا، بەزىدە ئىنكار قىلغان ياكى شۇنىڭغا يېقىنراق گەپ قىلغان. مەسىلەن، 2010-يىل ئۇ «ئالەمنى بىر ياراتقۇچىنىڭ ياراتمىغانلىقىنى ئىلىم-پەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ» دېگەن بولسا، يەنە شۇ يىلى «ئىلاھ بار بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەمما ئالەمنىڭ بىر ياراتقۇچىغا مۇھتاج ئەمەسلىكىنى ئىلىم-پەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ» دېگەن. يەنە بىر قېتىمدا بولسا: «ئىلىم-پەن دىنىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرماقتا» دېگەن. ئاخىرقى قېتىم ۋاتكاندا پوپ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئۇ يەردە ئالەمنىڭ مەنبەسى ھەققىدە لېكسىيە بەرگىنىگە قارىغاندا ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بىر ئاز ئىشەنگەن، دىنغا بىر ئاز يېقىنلاشقان بولسا كېرەك. ئۇنىڭ چەكسىز ئالەم ۋە بىز ياشاۋاتقان بۇ چەكلىك دۇنيانى تەتقىق قىلىمەن دەپ چەككەن رىيازەتلىرى ۋە شۇنىڭ بەدىلىگە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە، نوپۇزلۇق كۆز قاراشلىرىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. 76 يىللىق ئۆمۈرنى ئۇنىڭدەك ئۆتكۈزمەك بەسى مۈشكۈل، نۇرغۇن ئوي-پىكىر ۋە سىرلىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى، بەلكىم ئۆلۈش ئالدىدا ئۆزى بىر ئۆمۈر ئىزدەنگەن مەسىلىلىرىنىڭ جاۋابىنى روھىنى تەسلىم قىلغاندىن كېيىن تاپالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەندۇ، چۈنكى ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىزدىنىش روھى ئۆلۈمنىمۇ ئۇنىڭغا قىزىقارلىق تۇيۇلدۇرغان بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە ئۇنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن، زېھنىمىزنى ئاچىدىغان پىكىرلىرىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ باقايلى:
1. جىمغۇر كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ئەڭ جۇشقۇن تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
(قارىماققا تىنچ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ ئاستىدىكى شىددەتلىك دولقۇنلارنى كۆرەلمەيمىز)
2. بىز ئادەتتىكى بىر يۇلتۇزنىڭ كىچىك سەييارىسىدە ياشاۋاتقان تەرەققىي تاپقان مايمۇنسىمان ئادەملەرمىز، شۇغىنىسى ئالەمنى تونۇيالايمىز. بۇ بىزنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىمىزدۇر.
3. ئەگەر تاشقى پىلانېت ئادەملىرى بىزنى زىيارەت قىلغىلى كېلىپ قالسا، كولۇمبۇنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىغىنىدەك بىر ئىش بولىدۇ. ئىندىئانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى بىلىمىزغۇ، دېمەك ئاقىۋەت ئانچە خەيرلىك بولمايدۇ.
4. ئالەمنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم بىر ئۇچۇر (بەلگە ياكى ئالامەت) بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى چەكسىز ئالەمدىنمۇ ئۆزگىچە نېمە بار؟
5. ئۆمۈر بويى چوڭ سوئال، قىيىن مەسىلىلەرگە يۈزلىنىشتىن زور خۇشاللىق تاپتىم ۋە ئۇنىڭغا ئىلمىي جاۋاب بېرىشكە تىرىشتىم. شۇڭىمىكىن، نەزەرىيىۋى فىزىكا ھەققىدە يازغان كىتابلىرىم مادوننانىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ھەققىدە يازغان كىتابلىرىدىنمۇ بەكرەك سېتىلدى.
6. بىز تارىختا نەچچە مىليون يىل ھايۋاندەك ياشىدۇق. ئاندىن توساتتىن بىر ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، كاللىمىز ئېچىلىپ كەتتى، خىيال-تەسەۋۋۇرىمىز قاناتلاندى. ئاندىن بىز گەپ قىلىشنى ۋە گەپكە قۇلاق سېلىشنى ئۆگەندۇق، پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرالىدۇق ۋە مەلۇم بىر ئىشتا (ئەمگەكتە) ھەمكارلىشالىدۇق، نەتىجىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۇق. ئىنسانلارنىڭ بۈيۈك نەتىجىلىرىمۇ، چوڭ-چوڭ خاتالىقلىرىمۇ ئۆزئارا سۆزلىشىش، پىكىرلىشىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلدى. پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز ئېشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمىزنىڭ پەقەت پىكىر قىلالايدىغان، گەپ قىلالايدىغان ئەقىللىق ھايۋان ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.
7. 1942-يىلى، گالېلىي ئۆلۈپ 300 يىلدىن كېيىن تۇغۇلدۇم. پەرىزىمچە، شۇ پەيتتە مېنىڭ بىلەن تەڭ 2000 بوۋاق تۇغۇلدى. ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ ئاسترونومىيەگە قىزىققان-قىزىقمىغانلىقىنى بىلمەيمەن… پۇتىڭىزغا قاراپ ئولتۇرماي ئاسمانغا قاراڭ، ئاسماندىكى نەرسىلەرنىڭ سىرىنى بىلىشكە ئىنتىلىڭ، ئالەم نېمە سەۋەبتىن، قانداق بارلىققا كەلدى دېگەنلەرنى ئويلاپ بېقىڭ، بىر نەرسىگە قىزىقىڭ.
8. كەلگۈسى 1000 يىلدا ئەگەر ئىنسانلار باشقا پلانېتلارغا كۆچمىسە يەر شارىدا جان ساقلاپ تۇرالمايدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى (يەر شارىدەك) سەييارىلەر پالاكەتكە ئۇچراپ تۇرىدۇ. يەر شارى بەلكىم كەلگۈسى 100 يىل، ياكى 200 يىل ئىچىدە چوڭ بالا-قازاغا يولۇقۇشى مۇمكىن. شۇڭا بىز تۇخۇمنىڭ بارىنى بىر سىۋەتكىلا قاچىلىۋالماسلىقىمىز، يەنى بارلىق ئۈمىدنى بىر يەر شارىغىلا باغلىۋالماسلىقىمىز كېرەك. مەن ئۈمىدۋارمەن، ئىنسانلار ھامان بىر كۈنى ئالەمنىڭ باشقا بىر يېرىدە ماكانلىشالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
9. سۈنئىي ئەقىل دېگەن نەرسە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىشى مۇمكىن.
10. بىر ئادەم بىر ئىشقا ئۆزىنى قۇربان قىلسا، تىلىگىنىنى تېپىپتۇ دەيمىز. ئۆلۈۋالغان بولسا بۇمۇ ئۆزىنىڭ شورى دەيمىز، مەن بۇنى غايەت زور خاتالىق دەيمەن. چۈنكى ھايات ھەر قانچە مەنىسىز، ئازابلىق بولسىمۇ، بىزنى كۈتۈپ تۇرغان، بىز قىلىدىغان ۋە قىلالايدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپتۇر. جان بار يەردە ئۈمىد بار، ئاش بار يەردە قازان بار.
11. قارا ئۆڭكۈرنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، تەڭرى قارىسىغا «ئوشۇق» ئاتمايدۇ، بەلكى «كۆزىنى تېڭىپ قويۇپ» ئاتىدۇ، بەزىدە پات-پات كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان يەرگە ئاتىدۇ.
12. مېنىڭچە مېڭىمۇ كومپيۇتېرغا ئوخشاش بىر پروگرامما. شۇ سەۋەبتىن، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا مېڭىنى كومپيۇتېرغا قاچىلاش مۇمكىن. مېڭە تەن جەھەتتىن (جىسمانەن) ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنى باشقا بىر شەكىلدە (ياكى ھالەتتە) ياشاتقىلى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ھازىرقى شارائىتتا بۇنى ئورۇنلاش مۇمكىن ئەمەس.
13. ئالەمشۇناسلىق دەرسىدە مەن: BigBang (بۈيۈك پارتىلاش)دىن ئىلگىرى نېمە ھادىسىلەر بولغان؟ دەپ پات-پات سورايتتىم. «بۈيۈك پارتىلاش»تىن ئىلگىرى ھېچنېمە يوق ئىدى دېيىلسە بۇنىڭغا گۇمان تۇغۇلماي قالمايدۇ. چۈنكى «بۈيۈك پارتىلاش» نەتىجىسىدە زامان(ۋاقىت) مەيدانغا كەلدى، بۇنىڭغا بىر ئىش سەۋەب بولغان بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى «سەۋەب»، «تەسىر» دېگەنلەر يەنىلا ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملار بولۇپ، ۋاقىت مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋالدا ئۇلار كارغا يارىمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەن سورىغان يۇقىرىقى سوئالمۇ بىمەنە سوئالدۇر.
14. ئالىملارنىڭ چۈشەنگىنىدەك، بىزمۇ ئاتوم ئۇرۇشى ۋە بۇنىڭ ھالاكىتىنى كۆرۈپ يېتەلىسەك، ئىنسانلارنىڭ پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ جان-جەھلى بىلەن تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇشى ۋە تەبىئەتنى ئۆزگەرتىشى نەتىجىسىدە كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تەسىرىنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. دۇنيا ئەھلى بىر-بىرىنىڭ بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.
15. ئەگەر قەھرىمان بولۇشنى تاللىغان بولسام superman(خاسىيەتلىك ئادەم) بولاتتىم. خاسىيەتلىك ئادەمدە مېنىڭدە يوق جىمى خىسلەتلەر بار.
16. مەن ئىمكانقەدەر نورمال ياشاشقا تىرىشىپ كەلدىم ۋە بۇ مېيىپ، نىمجان ھالىتىمنى بەك ئويلاپ كەتمىدىم، بۇ كېسەللىك مېنى نۇرغۇن ئىمكانىيەت ۋە ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلدى دەپ قاقشاپمۇ يۈرمىدىم. بەلكى كېسىلىمنىڭ ئاستا-ئاستا ئېغىرلاشقانلىقىنى ئامەت دەپ بىلدىم. مېنىڭ مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىم باشقىلارغا ئىلھام بېرەلىسە ئەجەب ئەمەس.