دۇنياغا داڭلىق پىسخولوگلار ھاياتلىققا قانداق قارايدۇ؟

IMG_3359

سىگموند فروئىد (Sigmund Freud):

1. چاقچاق پەقەت چاقچاقلا ئەمەس، ئۇنىڭ راست تەرەپلىرى بولىدۇ.

2. روھى ساغلام ئادەم تىرىشىپ ئىشلەيدۇ ۋە باشقىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. مۇشۇ ئىككى ئىشنى ئورۇنلىيالىغانلارغا قالغان ئىشلار ئېغىر كەلمەيدۇ.

3. ئېغىزدىن كېتىپ قېلىش دەيدىغان ئىش يوق، خاتا كېتىپ قالغان ھەر قانداق گەپ يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسىدۇر.

4. ھاياتلىقتا ئىككى چوڭ كېلىشمەسلىك بار: بىرى، ياخشى كۆرگەن نەرسەڭگە زادىلا ئېرىشەلمەيسەن؛ يەنە بىرى، ياخشى كۆرگەن نەرسەڭگە ئېرىشىسەن. ھاياتلىقتا ئىككى چوڭ خۇشاللىق بار:ياخشى كۆرگەن نەرسەڭگە ئېرىشەلمىگەچكە ئۇنى توختىماي ئىزدەيسەن ۋە ئۇنى بارلىققا كەلتۈرىسەن؛ يەنە بىرى، ياخشى كۆرگەن نەرسەڭگە ئېرىشكەچكە، ئۇنى تېتىپ ھۇزۇرلىنىسەن.

5. ئەقىلسىز ئادەم يوق، ئەمما ئەقىلنى قوبۇل قىلمايدىغان ئادەم بار. 

ئالفرېد ئادلېر (Alfred Adler):

ئاۋسترىيەلىك روھىي ئانالىزچى، شەخسىيەت پىسخولوگىيەسىنىڭ ئاساسچىسى، شەخسىيەتچىلىك پىسخولوگىيەسىنىڭ باشلامچىسى، زامانىۋى ئۆزلۈك پىسخولوگىيەسىنىڭ ئاتىسى، ئىلگىرى فروئىدقا ئەگىشىپ نېرۋا كېسەللىكلىرى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان، كېيىن روھىي ئانالىزچىلار ئېقىمىدىن ئايرىلىپ، فروئىدقا بىرىنچى بولۇپ قارشى چىققان.

1. باشقىلارغا قىزىقمايدىغان ئادەم ئۆمرىدە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ ۋە باشقىلارغىمۇ كۆپ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ مەغلۇبىيىتىگە كۆپىنچە مۇشۇنداق ئادەملەر سەۋەبچى بولىدۇ.

2. بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشتىكى مۈشكۈلاتلارغا تاقابىل تۇرۇش جاسارىتى ئۇنىڭ بۇ تۇرمۇشقا بەرگەن ئېنىقلىمىسىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەر كىمدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆزىنى كەمسىتىش خاھىشى بار، چۈنكى ھەر كىم ئۆزىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. 

3. بىر ئادەم ھېچكىم ئامال قىلالمايدىغان مۈشكۈلاتقا يولۇققان ۋە مەن بۇنى ھەل قىلالايتتىم دەپ قارىغان چېغىدا ئۆزىنى كەمسىتىدۇ.

4. دۇنيا ئاددىيدۇر، ھاياتلىقمۇ شۇنداق. دۇنيا ئەسلىدە مۇرەككەپ ئەمەس، ئەمما سەن ئۇنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىسەن.

5. ھېچكىم ئوبيېكتىپ دۇنيادا ياشىمايدۇ، بەلكى ئۆزىچە ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان سۇبيېكتىپ دۇنياسىدا ياشايدۇ.

كارل گۇستاۋ جۇڭ (Carl Gustav Jung):   

شۋېتسىيارىيەلىك پىسخولوگ، 1907-يىلدىن باشلاپ فروئىد بىلەن ھەمكارلىشىپ روھىي ئانالىز ئىلمىنى 6 يىلدىن كۆپرەك تەتقىق ۋە تەشۋىق قىلغان. كېيىن فروئىد بىلەن ئىختىلاپلىشىپ، ئۆز ئالدىغا روھىي ئانالىز نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلغان. ئۇنىڭ نەزەرىيىسى ۋە ئىدىيەسى پسخولوگىيەگە ھازىرغىچە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

1. بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك تىرىشچانلىقى ئۇنىڭ بالىلىقتا يېتىلدۈرگەن مىجەزى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.

2. يالغۇزلۇق يېنىڭدا ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى دەردىڭگە دەرمان بىر مۇڭدىشىڭنىڭ بولمىغانلىقىدىن پەيدا بولىدۇ.

3. بۇ ۋاپاسىز دۇنيا ئالدىدا سەۋرچان بول، ھەم ئۆزەڭنى بەك مۇكەممەل چاغلىما.

4. روھىمىزدىكى توقۇنۇشلارنى يېڭەلىسەك ئاندىن خاتىرجەم ۋە ئازادە بولالايمىز. ھالبۇكى ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولغان ۋە ئۇزاق داۋاملىشىدىغان خاتىرجەملىك ۋە پاراغەتكە (روھىي ئازادىلىككە) ئېرىشىش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق توقۇنۇشلارنىڭ پارتلاپ چىقىشىغا مۇھتاجمىز.

5. بىزنى باشقىلارغا دىققەت قىلغۇزىدىغان ھەر قانداق ئىش ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ.

6. بىر يىلدىكى كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ سانى ئوخشاش، ۋاقتىمۇ ئوخشاش. بىر خۇشاللىقنىڭ بىر قايغۇسى، بىر كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار. ئەگەر قايغۇ بولمىسا خۇشاللىق نەدە تۇرۇپتۇ. شۇڭا بۇ  دۇنيانىڭ ئىشلىرىدا تەمكىن بول، سەۋرچان بول، جاھاندارچىلىقنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەنە شۇدۇر.

7. يارىتىش (ئىجادىيەت) ئەقىلدىن ئەمەس، بەلكى ئويۇن ئويناش ئىستىكىمىزدىن بارلىققا كېلىدۇ. ئىجادكار كاللا ئۆزى ئامراق نەرسە بىلەن بىللە ئوينايدۇ.

8. ئەگەر بىرەر ئىشنى ئىسلاھ قىلماقچى بولساڭ ئاۋۋال ئۇنى قوبۇل قىل. چۈنكى ئەيبلەش بىلەن ئىش ھەل بولمايدۇ، بەلكى مەسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

9. شەيئىلەرنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ شەيئىلەرگە قاراش ئۇسۇلىمىز ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.

ئېرىخ فروم (Erich Fromm):

ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن گېرمانىيەلىك يەھۇدى، ئىنسانچىلىق (ھيۇمانىزم)پەيلاسوپى ۋە روھىي ئانالىز پسىخولوگى. ئۇ ئۆمۈر بويى فروئىدنىڭ روھىي ئانالىز تەلىماتىنى ئىسلاھ قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئۇنى ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى غەربلىكلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلغان. مەزكۇر روھىي ئانالىز تەلىماتىنىڭ دۇنياۋى تەسىرىمۇ ناھايىتى زور.

1. ھەر كۈنى 15 مىنۇت جىم ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشىڭنى تىڭشا، ئۇنى ھېس قىل، ئۆزەڭنى ھېس قىل ۋە بۇ پەيتتە ھېچنېمىنى ئويلىماسلىققا تىرىشقىن.

2. مۇھەببەت ياش پەرقىگە قارىمايدۇ. ئەگەر مىجەزىڭنى كامالەتكە يەتكۈزۈشكە تىرىشمىساڭ مۇھەببەتتىكى ئۇرۇنۇشلىرىڭمۇ  مەغلۇپ بولىدۇ؛ ئەگەر بىراۋنى ياخشى كۆرۈشكە قادىر بولالمىساڭ، ئۇنى كەمتەرلىك، سەمىمىيلىك ۋە دادىللىق بىلەن ئىزچىل سۆيەلمىسەڭ، ۋىسال شارابىدىن مەڭگۈ مەھرۇم قالىسەن.

3. ئەگەر بىراۋنى ياخشى كۆرسەڭ ئۇنىڭغا دىلكەش بول، مىجەز-خۇلقى قانداق بولسا شۇ بويىچە قوبۇل قىل؛ ئۇنىڭدىن پايدىلانسام دېگەن ئۈمىدتە، ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە «مۇنداق بولسىكەن» دېمە.

4. بىر ئادەم كىتاب كۆرمەي، رادىيو ئاڭلىماي، تاماكا چەكمەي، ھاراق ئىچمەي تۇرۇپمۇ بىر دەم يالغۇز ئارام ئېلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك، بۇ بەك مۇھىمدۇر. يالغۇزلۇقتا دىققىتىنى يىغىش ۋە ئارام ئېلىش قابىلىيىتى ئۆز نۆۋىتىدە مۇھەببەتنى ئۆگىنىشنىڭ بىر شەرتىدۇر. چۈنكى مەلۇم ئىشتا ئۆزىمىز يالغۇز كۈچ ئېلىشىپ بولالمىغاندا باشقا بىرىگە مۇھتاج بولىمىز. بۇ ئادەم بەلكىم بىزنىڭ نىجاتكارىمىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ مۇھەببەت بىلەن ئالاقىسى يوق.

5. مۇھەببەت ئاۋۋال بىراۋ بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئەمەس، بەلكى بىر خىل پوزىتسىيە ۋە مىجەزدىكى بىر مايىللىقتۇر. بۇ خىل پوزىتسىيە ۋە مايىللىق بىر ئادەمنىڭ ئاشىق ياكى مەشۇقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيدۇ.

6. ئەگەر بىر ئادەم پەقەت بىرسىنىلا مەجنۇنلارچە ياخشى كۆرۈپ، باشقا ئىنسانلار بىلەن كارى بولمىسا ئۇنىڭ مۇھەببىتى مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى سەۋدايىلىق ياكى ھەددىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىكتۇر.

7. ساڭا مۇھتاجمەن، شۇڭا سېنى سۆيىمەن دەيدىغان مۇھەببەت چالا مۇھەببەتتۇر؛ سېنى سۆيىمەن، شۇڭا ساڭا مۇھتاجمەن دەيدىغان مۇھەببەت كامالىي مۇھەببەتتۇر. 

2 پارچە ئىنكاس بار

  1. تىلەك مۇنداق يازغان:

    ياسىنجان مەتروزى ئەلقۇتنىڭ خەۋرىنى بىلەرسىزمۇ؟ ئۇندىدار ۋە يانكىتاپ بىلوگى توختاپ كەتكىلى بىر يېرىم يىلدىن ئاشتى، ھېچ خەۋەر يوق.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*