قانداق يېزىش مەسىلىسى

literature

رومان بىر مىللەتنىڭ مەخپىي تارىخىدۇر. –بالزاك

رومان- قۇرۇلما سەنئىتىدۇر. تۇرمۇشتىن قالسا، يازغۇچى ئۈچۈن مۇھىم بولغان نەرسە كىتاب ئوقۇش. كىتاب ئوقۇش ئەسلىمە ۋە تەسەۋۋۇرنى قوزغىتىدۇ، ئىلھام پەيدا قىلىدۇ. ئەدەبىيات رەھىمسىز نەرسە. تالانت بولمىسا ئاقمايدۇ. تۇخۇنىڭ پوكىنىدا تۇخۇم بولمىسا ئۇ ھەر قانچە ئىنجىقلىغان، قەقەسلىگەن بىلەن تۇغالمايدۇ. ئەگەر پوكىنىدا تۇخۇمى بولسا كاتەكتە تۇغمىسىمۇ، نەدىلا بولسا تۇغىۋېرىدۇ. –چېن جۇڭشى

ئەدەبىياتقا يۈكسەك نەزەر ۋە گۈزەل تۇيغۇدا قاراش كېرەك.

ئەسەر ئاۋۋال ئۆزەڭنى تەسىرلەندۈرۈشى كېرەك.

يېزىقچىلىقنىڭ مۇقىم قېلىپى بولمايدۇ، قانداق يازساڭ بولىۋېرىدۇ. ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزلۈك ئاڭنىڭ سىرغىپ چىقىشىدۇر. كەيپىيات چوقۇم ئەركىن، يەڭگىل ھالەتتە بولۇشى كېرەك. ئاۋۋال ئۆزەڭ تەسىرلەن.

سەنئەت تېخنىكىلىق، مېخانىكىلىق نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ قىزغىنلىقنىڭ مەھسۇلى. ئەسەر ئاۋۋال ئۆزەڭنى تەسىرلەندۈرسە، ئاندىن ۋولقاندەك پارتىلاپ باشقىلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.

بەزىلەر ھېكايە، رومان يازغاندا بايان قاتماللىقىغا پېتىپ قالىدۇ. بايان نۇقتىسى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ-دە، قىينىلىپ قەلىمى توختاپ قالىدۇ.بۇ چاغدا ئۇلار ئەسەرنى باشقا نۇقتىدىن يېزىشقا كىرىشسە، باياندا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئەسەرنى سترولۇققا ئىگە قىلالايدۇ، قەلىمىمۇ راۋانلىشىپ كېتىدۇ . –گاۋ جيەنچۈن

ماڭلاي تەرىم ۋە روھىم بىلەن يازىمەن. –فېڭ جىچى

پروزا بىلەن (سىياسىي) ۋۇجۇدنى ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك –چىن بازى

ئەدەبىيات ئاۋىياماتكا ياكى چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى ئەمەس، خەلق ئىگىلىكى بىلەن تاناسىپ تۈزىدىغان؛ ئەدەبىيات تارىختىن بۇيان توقلۇقتىن چىقىدىغان شوخلۇق. بەك ئەستايىدىل بولۇپ كەتسەڭ رومانتىكىلىقنى يوقىتىسەن؛ بەك يەڭگىلتەكلىك قىلساڭ پۈچەك كۆرۈنىسەن؛ بىر كىم مېنى ”يېيەلمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق“ دەيدىغان تۈلكىگە ئوخشاتسىمۇ مەيلى. نېمە گەپ بولسا دەۋېرىمەن؛ مەردانىلىق ۋە سەمىمىيلىك ئەمەلىيەتتە خاسلىقنىڭ بەلگىسى. بىلمەك ۋە ئۆزىگە ئەڭ لايىق ئۇسۇلدا ياشىماق ئالىيجاناپ، ئېسىل تۇرمۇشتۇر. ئوقۇماق (ۋە بەلكى يازماق) بۇ خىل تۇرمۇشنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك جەريانىدۇر.

بۇ دەۋردە ئۇلۇغ يازغۇچى چىقمايدۇ. –فاڭ يىڭۋېن

بىر پارچەئىنكاس بار

  1. تىلەك مۇنداق يازغان:

    نەگە كەتتىكى دىسەم يازما يازماي كىتاپ ئوقۇغىلى كىتىپتىكەن دە ئەرتۈرك ئەسلى، يېزىپ تۇرۇڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*