ئالتۇن خورازنىڭ ھېكايىسى

is (1)

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدە، بىپايان ياۋروپا-ئاسىيا تۈزلەڭلىكىدە توپ-توپ قوي-كالىلار ئوتلايدىكەن، سېپىل-قورغانلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن. بۇ زېمىندا ياش بىر ھۆكۈمران غەيرەتكە كېلىپ قۇدرەتلىك بىر دۆلەت قۇرماقچى بوپتۇ، ھە دېگەندە سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، بىپايان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈزلەڭلىكىنى بويسۇندۇرۇپ، دارتون چار پادىشاھلىقىنى قۇرۇپتۇ.

دارتون ئۆزىنىڭ بارغانچە قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قوشنا ئەللەرنى پەقەت كۆزىگە ئىلماپتۇ، دائىم ئەسكەر باشلاپ بېرىپ باشقا ئەللەرگە ھۇجۇم قىلىدىكەن. دارتوننىڭ چوڭ ئوغلى بىر قېتىم قاتتىق ئاغرىپ قاپتۇ، كۈن بويى يىغلاپ توختىماپتۇ، خاننىڭ دوختۇرى داۋالاپ باقسىمۇ ئانچە ئۈنۈمى بولماي، خاننى ئىنتايىن بىسەرەمجان قىلىۋېتىپتۇ. دەل شۇ چاغدا، شەرقتىكى سەمەرقەنت دۆلىتىدىن خان مەلىكىنىڭ تۇغۇلغانلىق خەۋىرى كېلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دارتون خان ئوغلىنىڭ كېسىلىنى سەمەرقەنت مەلىكىسىنىڭ شۇملۇقىدىن كۆرۈپ، ”مەلىكە شاھزادىنىڭ بەختىگە ئولتۇردى“ دەپتۇ ۋە ئون تۈمەن ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ سەمەرقەنت شەھىرىگە كىرىپ، سەمەرقەنت ئوردىسىنى كۆيدۈرۈپ، پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپ، خانىش ۋە مەلىكىنى چەت ئورمانلىققا سۈرگۈن قىلىۋېتىپتۇ.

كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئىككى شاھزادە قامەتلىك، كېلىشكەن يىگىتلەردىن بولۇپ يېتىلىپتۇ، دارتون خان قېرىپ، ئارمانىغا چۇشلۇق دەرمانى قالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھوقۇق-سەلتەنەتنى مۇشۇ يەرگىچە يۈرگۈزۈپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم، راھەت ئۆتكۈزمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئۇزاقتىن بۇيان ئۇنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن قوشنا ئەللەر ئاستىرتتىن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇنىڭ زېمىنىغا پاراكەندىچىلىك ساپتۇ، ھېلى شەرقتىكى كۆچمەن چارۋىچىلار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنسا، ھېلى غەربتىكى قورغانلار قورشاۋدا قالىدىكەن، ياكى جەنۇبتىكى ئاشلىق ئامبارلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلىدىكەن… بۇنىڭدىن دارتون خان ئېغىر زەربىگە ئۇچراپتۇ. گەرچە شاھزادە ۋە قوماندانلار تۆت تەرەپتىن كۈچەپ تاقابىل تۇرغان بولسىمۇ، ئۇ چاغدا ئاخباراتنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ناھايىتى ئاستا بولغاچقا، خان ئۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە دۈشمەننىڭ ئەھۋالىدىن ناھايىتى كېچىكىپ خەۋەر تېپىپتۇ؛ يەنە ئەسكەر ئەۋەتىپ ياردەمنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ ھەممىسى بىكار كېتىپتۇ! بىر مەھەل سەلتەنەت سۈرگەن دارتون خان ئەمدى سەل پۇشايمان قىلىپتۇ، دۈشمەنلىرىنى كۆپەيتىۋېلىپ، مانا ئەمدى تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەس بولۇۋاتقىنىغا ئۆكۈنۈپتۇ.

جىددىيلىشىپ گاڭگىراپ قالغان دارتون خاننىڭ سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلىشىپ، مىجەزى ئوساللىشىپ كېتىپتۇ.شاھزادە ۋە ۋەزىرلەر بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا شىكارغا چىقىپ كۆڭۈل ئېچىپ كېلىشنى، جەڭ ئىشلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشنى، بۇ ئىشنى شاھزادە ۋە ۋەزىرلەرگە تاپشۇرۇشنى نەسىھەت قىلىپتۇ. چارچاپ ھالىدىن كەتكەن چار پادىشاھ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، بىر قىسىم قورۇقچىلىرى ۋە ئوۋ ئىتلىرىنى ئېلىپ شىكارغا ئاتلىنىپتۇ.

دارتون خان بىپايان دالىدا ئات چاپتۇرۇپ، چۇقان-سۈرەن سېلىپ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىپتۇ. ئاخىرى ئېتى ھېرىپ قېلىپ، بىر سۈزۈك ئېرىقنىڭ بويىغا كېلىپ توختاپتۇ. دارتون ئېرىق بويىدا ئۇخلاپ قاپتۇ؛ چۈشىدە بوۋىسىنى كۆرۈپ، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى دەردلىرىنى تۆكۈپتۇ ھەمدە بوۋىسىدىن ئۆز خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. بوۋىسى ئۇنىڭغا قاراپ بىر دەم ئويلىنىپتۇ، ئېرىق سۈيى كېلىۋاتقان تەرەپنى قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ، گەپ-سۆز قىلماي كېتىپ قاپتۇ.

دارتون خان ئويغىنىپ، بوۋىسى كۆرسەتكەن ياققا مېڭىپ ئېرىقنىڭ باش تەرىپىگە كېلىپتۇ. بۇ يەر ياۋا گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن ئوتلاق ئىكەن، بۇ يەردە چاچ-ساقاللىرى ئاپئاق، كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان بىر دانىشمەن مىيىقىدا كۈلۈپ، ھاسىسىنى تۇتۇپ ئاجايىپ قىياپەتتە ئولتۇرغۇدەك. دارتون خان بۇ مويسىپىتنى بىر كۆرۈپلا بوۋىسى ئېيتقان ئادەمنىڭ مۇشۇ ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ، ئېھتىرام بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ياردەم سوراپتۇ. دانىشمەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولۇپ، قوينىدىن ۋىجىككىنە بىر رەڭدار ئالتۇن خورازنى چىقىرىپ، پەيلىرىنى سىلاپ، تاجىنى مىجىپ قويۇپ، چار پادىشاھقا ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپتۇ: ”بۇ ئالتۇن خوراز ھەر قانداق جايدا يۈز بەرگەن جەڭنى كۆرەلەيدۇ، ساڭا سادىق خەۋەرچى بولالايدۇ. ئەگەر دۆلەت سىرتى تىنچ بولسا، ئۇ شۇ يەردىكى تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ جىم تۇرىدۇ. ئەگەر سىرتتىن كەلگەن ئۇرۇش ئاپىتىگە، مەسىلەن، دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىساڭ، ئۇ دەرھال سەگەكلىشىپ، تاجى تىك تۇرۇپ كېتىدۇ-دە، قاتتىق چىللاپ قاناتلىرىنى قاقىدۇ؛ جەڭ يۆنىلىشىگە بۇرۇلۇپ، قاياققا ئەسكەر ئەۋەتىشىڭ كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. يەنە كېلىپ خوراز قانچىكى قاتتىق چىللاپ قاناتلىرىنى قاقسا، دۈشمەنلەر شۇنچە ۋەھشىي بولغان بولىدۇ. سەن مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن لەشكەر يۆتكىسەڭ بولىدۇ، ئالدىراقسانلىق بىلەن ئاتلانمىساڭمۇ بولىدۇ “. دارتون خان بۇ ئاجايىپ خورازغا قاراپ ناھايىتى خۇشال بوپتۇ، ئۇنى ئىگىلىۋېلىش ئىستىكى جۇش ئۇرۇپتۇ ۋە دانىشمەنگە دەرھال بەدەل تۆلەش شەرتىنى جاكارلاپ:

−ماڭا قىلغان بۇنچە ياخشىلىقىڭنى قايتۇرۇش ئۈچۈن مەن ئەڭ مۇھىم ئارزۇيۇڭنى قاندۇرىمەن، سەن قاچانلا بولسۇن ماڭا تەلىپىڭنى ئۇدۇل ئېيتىۋەر، مەن ئۇنى چوقۇم قاندۇرىمەن!“ دەپتۇ. دانىشمەن بېشىنى لىڭشىتىپ ئەستايىدىل ھالدا:” سەن ۋەدەڭنى ئېسىڭدە مەھكەم تۇتساڭ، ئىشەنچىڭنى ھەرگىز يوقىتىپ قويمىساڭلا، بۇ ئالتۇن خوراز سېنىڭكى “ دەپتۇ-دە، خورازنى چار پادىشاھقا بېرىپ كۆزدىن غايىب بوپتۇ.

دارتون خان خورازنى ئېلىپ، خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا سىغمىغان ھالدا ئوردىغا قايتىپ كەپتۇ، ئىلگىرىكى كۆڭۈلسىزلىكلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ. ئۇ ئۇستا بىر ھۈنەرۋەننى چاقىرىپ خورازغا چىرايلىق كاتەك ياسىتىپ، چېگرا ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ھۇجرىسىنىڭ دېرىزىسى ئالدىغا قويۇپ قويۇپتۇ. ئاندىن ئۇ ئوغۇللىرى ۋە ۋەزىرلىرىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ، ئالتۇن خورازنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىنى بىر قۇر ماختاپ، ئۇلارنى بۇ ئالتۇن خورازنى چوقۇم ھۆرمەتلەشكە بۇيرۇپتۇ.

ئالتۇن خوراز دارتون خان ئوردىسىدا ماكانلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا باشلاپتۇ، ئۇ ئەتىگەندىن-كەچكىچە كاتەكتە قەددىنى كېرىپ، يىراقتىكى چېگراغا قاراپ تۇرىدىكەن.

بىر كۈنى خورازنىڭ تاجى تىك تۇرۇپ كېتىپتۇ، قاناتلىرىنى جىددىي قېقىشقا باشلاپتۇ ۋە جەنۇبقا قاراپ ”قى-قى-قىق“ دەپ چىللاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، چار پادىشاھ چوڭ شاھزادىنى بەش تۈمەن خىللانغان قوشۇننى باشلاپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشقا ئەۋەتىپتۇ؛ قوشۇن جەنۇبقا مېڭىۋېرىپ، تاشقى كافكازىيە سەردارىنىڭ ھە دەپ ئاشلىق ۋە ماللارنى بۇلاۋاتقىنىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ قاپتۇ، بۇ بىر توپ ئالىقاپلار قانداقمۇ شاھزادىگە تەڭ كېلەلىسۇن، ئۇلار ئىككى پەشۋا يەپلا چېدىر، ئاشلىق قاتارلىق غەنىيمەتلىرىنى تاشلاپ ئالدىراپ قېچىشىپتۇ. شاھزادە ئالتۇن خورازنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىقتىدارىغا قايىل بولۇپ، ئاجايىپ ھېسسىياتلار بىلەن ئاستانىگە قايتىپ كەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، دارتون خان ئالتۇن خورازنىڭ ياردىمىدە قورقماي لەشكەر تارتىپ، ھەر ياقتا جەڭ قىلىپ، قوشنا ئەللەرنىڭ ھۇجۇمىنى بېسىقتۇرۇپتۇ.

ئالتۇن خورازنىڭ تۆھپىسىنى بىلگەن قوشنا ئەللەر ئالدىراپ ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالماپتۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدە دارتون خان كۈنلىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپتۇ، پۈتۈن مەملىكەت تىنچلىققا، باياشاتلىققا چۆمۈپتۇ، قوشنا ئەللەر بۇ مەملىكەتكە يەنە بىر-بىرلەپ مال تارتۇق قىلىشقا باشلاپتۇ.

دارتون خان نەغمە-ناۋا، ئەيش-ئىشرەتتە يۈرۈپ ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئالتۇن خوراز توساتتىن ”قى-قى-قىق“ دەپ چىللاپ كېتىپتۇ، بۇ قېتىم ئۇ قانداقتۇر چوڭ ئەنسىزلىك ۋە ئەندىشە بىلەن قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك قاتتىق چىللاپ، قاناتلىرىنى بۆلەكچە شىددەتلىك قېقىپتۇ، بۇنداق ئەھۋال ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغانىكەن. دارتون خان بۇنىڭغا سەل قارىيالماستىن ۋەزىرلىرىنى دەرھال يىغىپ، قارشى تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىشىپتۇ.

ئالدىراڭغۇ ھەم قارام مىجەزلىك چوڭ شاھزادە ئاكتىپلىق بىلەن جەڭگە بېرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ، ئۆزىگە بەك ئىشەنگەن ۋە دۈشمەننى مەنسىتمىگەن ھالدا:” خان ئاتا، ئالتۇن خورازنىڭ چىللىشىدىن قارىغاندا، بىزگە بويسۇنغان سەمەرقەنت خانلىقىدا توپىلاڭ چىققان ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ ئايال پادىشاھى بىر نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئۆلگەن بولۇپ، تاغ ئورمانلىقلىرىدا يۈرۈۋاتقان بىر سېرىق تۈك قىز ئۇنىڭ ۋارىسى ئىكەن، لەشكىرىي كۈچ ياكى بايلىق جەھەتتىن بولسۇن ئۇ قىز بىز بىلەن ھەرگىز تەڭلىشەلمەيدۇ. ئەگەر سىلى خاتىرجەم بولالمىسىلا، مېنى ئۈچ تۈمەن ئاتلىق لەشكەر بىلەن ئۇ يەرگە ئەۋەتىپ بىر قېتىم جاھان سۈرگىلى قويسىلا!“ دەپتۇ. دارتون خان شاھزادىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئۇنى ئۈچ تۈمەن ئەسكەر بىلەن سەمەرقەنت خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپتۇ ۋە ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم جەڭ مەلۇماتى يوللاپ تۇرۇشقا ئۇنىڭدىن ۋەدە ئاپتۇ.

ئۈچ كۈن ئۆتۈپتۇ، قوشۇندىن ھېچقانداق خەۋەر كەلمىگەچكە چار پادىشاھ ئەنسىرەپتۇ. يەنە ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كېتىپتۇ، سەمەرقەنت خانلىقىدىن يەنە خەۋەر كەلمەي، دارتون خان سەپرالىشىپ كېتىپتۇ. سەككىزىنچى كۈنىگە كەلگەندە جەڭگاھتىن يەنىلا ھېچقانداق خەۋەر يوق، دارتون خان ئولتۇرالماي قاپتۇ، مىجەزى ئېغىر ئىككىنچى شاھزادىنى دەرھال چاقىرىپ، يەنە ئۈچ تۈمەن چەۋەنداز بىلەن بىرلىكتە ئۇنى ياردەمگە ئەۋەتىپتۇ.

يەنە سەككىز كۈن ئۆتۈپ كېتىپتۇ، چوڭ شاھزادىدىن خەۋەر كەلمەيلا قالماستىن كىچىك شاھزادىدىنمۇ ھېچقانداق خەۋەر بولماپتۇ. بۇ چاغدا ئاجايىپ ئىقتىدارلىق ۋە ساداقەتمەن خوراز يەنە ئەسەبىيلىك بىلەن ”قى-قى-قىق“ دەپ چىللاپ كېتىپتۇ. ئۇ شەرق تەرەپكە قاراپ چىللاۋېرىپ ھەم سەكرەۋېرىپ، چار پادىشاھنى پاراكەندە قىلىپلا قالماستىن، ۋەزىر-ۋۇزرا، پۇقرالارنىڭ كۆڭلىنىمۇ ئەنسىز قىلىۋېتىپتۇ، قانداقتۇر چوڭ بىر بالا- قازا يېتىپ كېلىدىغاندەك تۇيۇلۇپتۇ.

قورقۇنچ ۋە ئەنسىزلىك كۈنسېرى كۈچىيىپ، دارتون خان ئاخىرى ئولتۇرالماي قاپتۇ ۋە ئۆزى سەمەرقەنت خانلىقىغا قوشۇن باشلاپ بېرىشنى قارار قىلىپتۇ؛ ئىشنى پۇختا باشلاپ، ئون سانغۇننى ئۆزى بىر قوللۇق تاللاپ، ھەر بىرىنى بىر تۈمەن قوغدىغۇچى لەشكەرگە قوماندان قىلىپ، ھەيۋەت بىلەن شەرققە يۈرۈش قىلىپتۇ.

ئۇلار سەمەرقەنت خانلىقىغا يېقىنلىشىپ قاپتۇ، تونۇش كۆرۈنگەن بۇ زېمىن ئەينى ۋاقىتتا دارتون خان ئۆزى قوشۇن تارتىپ بارغان جاينىڭ دەل ئۆزى ئىكەن. ئەمما ھازىر بۇ جاي بەكلا ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، جەڭگاھقا ھەرگىز ئوخشىمايدىكەن؛ ھەممە ياق ئۆلۈكتەك جىمجىتلىققا چۆككەن بولۇپ، بارگاھلار، ئۆلۈكلەر ۋە تۆكۈلگەن قانلارنى كۆرگىلى بولمايدىكەن.

دارتون خان قوشۇننى بىر تاغ ئورمانلىقىغا باشلاپ كىرىپ ھەممە ياقنى ئاختۇرۇپتۇ، بۇ تاغ ئورمانلىقى شاما خانلىقى مەلىكىسى قېچىپ يۈرگەن جاي ئىكەن. دارتون خاننىڭ قوشۇنلىرى ئىچكىرىلەپ مېڭىۋېرىپتۇ، قويۇق ئورمانلىق ئىچىدە ياۋا قۇشلار پات-پات قورقۇپ ئۇچۇشۇپتۇ. بۇ ئەسنادا ھېچكىم گەپ قىلماي، ئۆزلىرىنى نېمە قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلمەستىن، بىر-بىرىگە يېتىشىپ مېڭىۋېرىپتۇ. قوشۇن ئاخىرى بىر تاغ جىلغىسىغا كېلىپ توختاپتۇ، جىلغىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە بىر يىپەك چېدىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جىمجىتلىق ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىكەن، جەڭدە ئۆلگەن لەشكەرلەر چېدىرنى چۆرىدەپ نەچچە رەت يېتىشىپ، ”ھەيۋەتلىك“ مەنزىرە ھاسىل قىلىپتۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۆلگەن لەشكەرلەر دارتون خاننىڭ لەشكەر فورمىسىنى كىيگەن، دارتون خانغا سادىق چەبدەس لەشكەرلەر ئىكەن! دارتون خاننىڭ يۈرىكى لەختە قان بوپتۇ، بۇ سىرلىق، قورقۇنچلۇق چېدىرغا ئالدىراپ مېڭىپتۇ.

ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغان مەنزىرە نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە! ئۇنىڭ ئىككى باتۇر ئوغلى بىر-بىرىنىڭ يۈرىكىگە خەنجەر تىققان بولۇپ، كۆزلىرىدە ئازراق پۇشايمان ئەكس ئېتىپ تۇرىدىكەن، ئۇلار ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىنى سېلىپ تاشلىۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقە ئىكەنلىكى ئېنىق ئىكەن. دارتون خان قاتتىق قايغۇرۇپ: ”ئاھ، جېنىم بالىلىرىم، مېنىڭ بۈركۈتۈم، مەن نېمىدېگەن بەختسىز-ھە! سىلەر قانداق بولۇپ دۈشمەننىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتتىڭلار، بۇ نېمە ئۈچۈن! تەڭرىم مېنى نېمىشقا بۇنداق جازالايدىغانسەن، ئالساڭ مېنىڭ جېنىمنى ئېلىپ ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ بەر!“ دەپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ، بارلىق قوماندان ۋە لەشكەرلەر ماتەم قايغۇسىغا چۆمۈپتۇ، ئۆلۈكتەك جىمجىت جىلغا يىغا-زارە، داد-پەريادلار بىلەن زىل-زىلىگە كەپتۇ.

شۇ چاغدا چېدىرنىڭ ئىچىدىكى پەردە تۇيۇقسىز قايرىلىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بىر نازۇك بەدەن، ئاندىن ساھىبجامال چىراي كۆرۈنۈپتۇ، پەرىزاتتەك چىرايلىق بىر قىز يېنىك دەسسەپ چىقىپ كەپتۇ؛ جەزبىلىك، مۇلايىم بېقىشلىرى بىلەن پادىشاھنى قارشى ئاپتۇ. دارتون خان ئۆز جايىدا قېتىپ تۇرۇپلا قاپتۇ، ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلۈمىنى، ماتەم قايغۇلىرىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىپتۇ؛ بۇ گۈزەل قىزغا گەپ-سۆزسىز، سەۋدالارچە قاراپ تۇرغىنىنىلا بىلىدىكەن، ئۆزىنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىكەن! قىز باشتا ئېغىز ئېچىپتۇ:

−سەن نامى مەشھۇر دارتون خان بولامسەن؟

دارتون خان ئېسىگە كېلەلمەپتۇ، قىزغا تىكىلىپ قاراپلا تۇرۇپتۇ، خىيالىي ھالدا ”ھەئە…“ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

قىز بۇنى كۆرۈپ پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپتۇ، ئىككى مەڭزى قىزىرىپ تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ.

− مېنىڭ كىملىكىمنى بىلىدىغانلا ئالىيلىرى؟

−بىلمەيمەن، مېنىڭچە سەن ھۆر-پەرىدەكلا قىلىسەن! − دەپتۇ خۇدىنى يوقاتقان دارتون خان.

− مەن سەمەرقەنت خانلىقىنىڭ پادىشاھى، ئالىيلىرىنىڭ چوقۇنغۇچىسى، ئالىيلىرى بۈگۈن بىر كۈن بولسىمۇ يۈزۈمنى قىلىپ ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلىشقا رۇخسەت قىلغايلا!− دەپلا چار پادىشاھنى ئىچىدىكى چېدىرغا ئېلىپ كىرىپتۇ. قىز ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ تۆرگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ، ئاندىن بىر تەخسە يېڭى مېۋە-چېۋە ئېلىپ كىرىپ ئۇنى كۈتۈپتۇ. ئىككىيلەن پاراڭلىشىپ چىقىشىپ كېتىپتۇ، بۇنداق مەھلىيالىق ئىچىدە دارتون خان سىرتتىكى ئون تۈمەن قوشۇننى، ئېچىنىشلىق ئۆلگەن ئوغۇللىرىنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ. يېرىم كېچىدە قىز ئۇنى تاۋار-دوردۇنلۇق كارىۋاتتا راھەت ئۇخلىتىپ قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئارىدىن ساق بىر ھەپتە ئۆتۈپ كېتىپتۇ. دارتون خان سەمەرقەنت خانلىقىنىڭ ئايال شاھى بىلەن ئەيش-ئىشرەتتە كۈن ئۆتكۈزۈپ، ئايال شاھ تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇلۇپتۇ، ئۇنى دەپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىپتۇ، دىلى يايراپ كېتىپتۇ. قىز ئۇنىڭغا دۆلىتىگە قايتىشنى ئېيتقاندىلا ئاندىن ئېسىگە كەپتۇ. ئۇ قىزنى ئەمرىگە ئېلىپ خانىش قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە دۆلىتىگە قايتىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلىپتۇ، قىز بىر ئاز ئىككىلىنىپ ئاندىن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ.

چوڭ قوشۇن ھەيۋەت بىلەن قايتىشقا باشلاپتۇ، چار پادىشاھ گۈزەل بىر خانىشقا ئېرىشكەنلىكىدىن خۇشال بولسا، لەشكەرلەر ئۆز جانلىرىنىڭ ساق قالغىنىدىن خۇشال بولۇشۇپتۇ. شۇڭا، گەرچە ئىككى شاھزادە سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن، دۈشمەنلەرنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىگەن بولسىمۇ، كۆپچىلىك يەنىلا خۇشال بولۇشۇپ، جەڭدىن غەلىبە قىلىپ قايتقاندەك زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ، يول بويى تەنتەنە بىلەن قايتىپتۇ.

دۆلەت ئىچىدە پادىشاھ بىلەن خانىشنىڭ ئىشى سۆز-چۆچەك بولۇپ تارىلىپ كېتىپتۇ. كىشىلەر دارتون خاننىڭ پەزىلىتى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشىپتۇ، خاتالىقىنى سۆزلىشىپتۇ: ئىككى شاھزادىسى ئۆلۈپ كەتكەن تۇرۇقلۇق يات ئايال بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇپ يۈرەلەيدىكىنە! ئەمما كۆپلىگەن پۇقرالار خانىشنىڭ تۇرقىنى، ئۇنىڭ چار پادىشاھنى شۇنچە مەھلىيا قىلغۇدەك زادى قانداق جەلپ قىلىش كۈچى بارلىقىنى بىر كۆرۈپ باققۇسى كەپتۇ.

كىشىلەر ھەر خىل ئوي-خىيال بىلەن چار پادىشاھنى كۈتۈۋالغىلى چىقىپتۇ، يوللار ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپتۇ. ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىۋاتقان كىشىلەر توپى ئىچىدە بىر ئاق ساقال بوۋاي خەقلەرگە ئەگەشمەي، پادىشاھ ئۆتىدىغان يولدا جىمجىت كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرۇپتۇ. خان مەپىسى بىر خىل رىتىمدا سىلىق مېڭىپ كەپتۇ، چار پادىشاھ بىلەن بولغۇسى خانىشى مەپىنىڭ ئالدىدا خۇش چىراي ئولتۇرۇپ، تەنتەنە قىلىۋاتقان خەلققە قولىنى پۇلاڭلىتىپتۇ. ئېگىزدە ئولتۇرغان پادىشاھ يولدا تۇرغان ئۇ بوۋاينى بىر كۆرۈپلا تونۇۋاپتۇ، مەپىدە تۇرۇپ: ” مەپىنى توختات“ دەپ توۋلاپتۇ، ئاتلار ياۋاشلىق بىلەن توختاپتۇ. ئاندىن ئۇ بوۋايغا قاراپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ:

− بوۋاي، ئەھۋاللىرى ياخشىمۇ؟ سىلىنىڭ ئالتۇن خورازلىرى بۇ گۈزەل خانىشنى ماڭا نېسىپ قىلدى، سىلىگە ھەقىقەتەن كۆپ رەھمەت! سىلىنىڭ بۈگۈن ماڭا يەنە قانداق مەسلىھەتلىرى باركىن؟−دەپتۇ.

بوۋاي ئەسلىدە ھېلىقى ئاجايىپ دانىشمەن كىشى ئىكەن! ئۇ دارتون خانغا نەق گەپنىلا دەپتۇ:

− شاھ ئالىيلىرى، بۈگۈن مەن سىلى بىلەن ھېسابلاشقىلى كەلدىم. ئاشۇ ئالتۇن خورازنىڭ بەدەل شەرتى يادىلىرىدا بارمىكىن؟

− ھە، مۇنداق دېسىلە، تېخى ئۇنتۇپ قالمىدىم! ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىمەن دېگەندەك قىلغانىدىم.

− توغرا! شاھ ئالىيلىرىنىڭ بۇنداق ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى جاھاندا كەم ئۇچرايدۇ، بۈگۈن مەن شۇ ئارزۇيۇمنى ئورۇنلاپ بېرىشلىرىنى سوراپ كەلدىم!

چار پادىشاھ شۇ تاپتا خۇشال بولۇپ تۇرغاچقا نەق جاۋاب بېرىپ:

− بولىدۇ، قېنى ئېيتقايلا، بۈگۈن ئۇنى دەرھال ئەمەلگە ئاشۇرىمەن!− دەپتۇ.

− ئوبدان گەپ، مۇشۇ گەپلىرى راست بولسىلا چاتاق يوق! − دەپتۇ دانىشمەنمۇ خۇشال بولۇپ، ئاندىن ئاجايىپ بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، − ماڭا ئاشۇ قىز، قېشىڭدا ئولتۇرغان سەمەرقەنت خانلىقىنىڭ ئايال شاھى لازىم.

چار پادىشاھ بۇ تەلەپنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ :

− نېمە دەۋاتىسەن! ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ سەن زادى نېمىنى ئويلاۋاتىسەن؟ شۇنداق، مەن ساڭا ۋەدە بەرگەن، لېكىن ھەممە نەرسىنىڭ چېكى بار-دە! سەن بۇ قىزنى نېمە قىلىسەن؟ مەن دېگەن پادىشاھ، بىلەمسەن؟ سەن مېنىڭ خەزىنەمدىن نېمە تەلەپ قىلساڭ قىل، ئاقسۆڭەكلىك نامىنى، ھەتتا يېرىم پادىشاھلىقنى تەلەپ قىلساڭمۇ مەيلى!− دەپتۇ.

− ماڭا سەمەرقەنت خانلىقىنىڭ ئايال شاھىدىن باشقا ھېچنېمە لازىم ئەمەس! ئۇ تېخى ساڭا ياتلىق بولمىدىغۇ، سېنىڭ خانىشلىرىڭ تولا، بىر ئايالغا ئېسىلىۋېلىپ قانداق قىلىسەن؟− دەپتۇ دانىشمەن ئۆزىنىڭ تەلىپىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ. ئەمما پادىشاھ بىلەن گەپ تالىشىپ قانداق ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشەلەيتتى؟ چار پادىشاھ ئاچچىقلاپ كېتىپتۇ:

− تۈفى! ئالجىغان قېرى، بەرمەيمەن ! ساڭا ھېچنېمە بەرمەيمەن! بۇنداق قىلساڭ ئۆزۈڭنىڭ پۇتىغا ئۆزۈڭ پالتا چاپىسەن، كۆزۈمدىن يوقال، سېنى ئىككىنچى كۆزۈم كۆرمىسۇن!

بوۋاي ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ تازا دېيىشمەكچى بولغاندا، چار پادىشاھ سەلتەنەت تايىقىنى ئېلىپ بوۋاينىڭ بېشىغا قاتتىق ساپتۇ، بوۋاي دەرھال يەرگە يىقىلىپ چۈشۈپ، نەپەستىن قاپتۇ.

بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ سەمەرقەنت خانلىقىنىڭ ئايال شاھى ئۆزىنى تۇتالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ! پادىشاھ گەرچە چاندۇرماي تۇرغان بىلەن، بۇ ئىشتىن قاتتىق قورقۇپ كېتىپتۇ.

مەپە شەھەرگە كىرىپتۇ، ئاسماندىن تۇيۇقسىز ئارقىمۇ ئارقا گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز كەپتۇ، ئەسلىدە ئالتۇن خوراز ئېگىزگە ئېلىپ قويۇلغان كاتەكتىن ئۇچۇپ چۈشۈۋاتقان ئىكەن، ئۇ مەپىگە ئۇدۇل ئۇچۇپ كېلىپ، پادىشاھنىڭ بېشىنى چوقۇلاپتۇ-دە، چىرقىراپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. دارتون خان بۇ زەربىدىن مەپىدىن دومىلاپ چۈشۈپ كېتىپ، بىر ئىڭراپلا جېنىدىن ئايرىلىپتۇ، ئايال پادىشاھمۇ تۇيۇقسىز قاياققىدۇر كېتىپ قاپتۇ.
(«پوشكىن چۆچەكلىرى»دىن تەرجىمە قىلىندى)

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*