بېلىقچى بوۋاي بىلەن ئالتۇن بېلىق

is (3)

بۇرۇنقى زاماندا بىر بېلىقچى بوۋاي بوۋاي ئۆتكەن بولۇپ، دېڭىز بويىدا كەمپىرى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن، 33 يىل شۇنداق ياشاپتۇ. 33 يىلدىن بېرى تۇرمۇشى گەرچە نامرات ئۆتسىمۇ ناھايىتى خاتىرجەم، قانائەتچانلىق بىلەن ياشاپ كەپتۇ. بوۋاي ھەر كۈنى بېلىق تورىنى ئېلىپ دېڭىز بويىغا بېلىق تۇتقىلى چىقىدىكەن، كەمپىرى بولسا كونا كەپىسىدە يىپ ئېگىرىدىكەن. 33 يىل ۋاقىت ئېقىن سۇدەك شۇنداق تېز ئۆتۈپ، ھەش-پەش دېگۈچە ھازىرقى كۈنلىرى يېتىپ كەپتۇ.
بىر كۈنى بېلىقچى بوۋاي ئاۋۋالقىدەكلا بېلىق تورىنى ئېلىپ، كىچىككىنە ئەبجەق قولۋىقىغا چىقىپ بېلىق تۇتقىلى مېڭىپتۇ، كەمپىرىمۇ بۇرۇنقىدەكلا كەپىسىدە يىپ ئېگىرىپ قاپتۇ. بېلىقچى بوۋاي بوۋاي ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا كەمپىرى ئۇنىڭغا توختىماستىن تاپىلاپ:
−بۈگۈن ھاۋا سەل تۇتۇق تۇرىدۇ، ئەگەر بېلىق تۇتالمىساڭ دەرھال قايتىپ كەل، بولمىسا بوران-چاپقۇندا قالىسەن،− دەپتۇ.
بېلىقچى بوۋاي ”ماقۇل“ دەپ ئىشىكتىن چىقىپتۇ.
بېلىقچى بوۋاي قولۋاقنى ھەيدەپ دېڭىزغا كىرىپ، شۇ كۈنلۈك ئىشىنى باشلاپ تورىنى دېڭىزغا تاشلاپتۇ، تورنى تارتىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى تۇيۇپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ ئۆز-ئۆزىگە: ” بۈگۈن ئامىتىم كېلىدىغاندەك قىلىدۇ، تورنى بىر تاشلاپلا بېلىق سۈزۈۋالىدىغان بولدۇم“ دەپتۇ. ئەمما ئۇ تورنى قولۋاققا تارتىپ چىقىراي دېگەن چاغدا قارىسا، توردا بىر تالمۇ بېلىق يوق، ھەممىسى لەش ئىكەن، بېلىقچى بوۋاي خۇرسىنىپ قويۇپ، تورنى لەشلەردىن تازىلاپتۇ، بىرەر تال كىچىك راكمۇ تاپالماپتۇ. ” بۇ نۆۋەت تور تاشلاپ باقاي، ئامەت كېلىشى مۇمكىن“ دەپتۇ بوۋاي ئۆزىگە.
بېلىقچى بوۋاي قولۋاقنى ھەيدەپ دېڭىزغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ ئىككىنچى قېتىم تور تاشلاپتۇ، بىر دەم كۈتۈپ تۇرغاندىن كېيىن تورنى تارتىپتۇ، تورنى كۈچەپ تارتقاچ ئۆزىگە ” بۇ تور نېمانچە ئېغىر، نېمە تۇتتۇم قاراپ باقاي! “ دەپتۇ. بۇ قېتىم تاشلىغان تور بايىقىدىن ئېغىر بولسىمۇ، بېلىقچى بوۋاي ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرگە قاراپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپتۇ، بۇ تور بايىقىدىن ئېغىر بولغان بىلەن، ئىلىنغان نەرسە پۈتۈنلەي ئۇزۇن-ئۇزۇن دېڭىز چۆپلىرى ئىكەن. بوۋاي دېڭىز چۆپلىرىنى ئېلىۋەتكەچ: ” نېمە بولۇپ كەتتى بۇ، 33يىلدىن بۇيانقى ئامەتلىرىم نەگە كەتتى؟“ دەپ غۇدۇراپتۇ. بۇ توردىنمۇ ئوخشاشلا كىچىككىنە راكمۇ تېپىلماپتۇ.
بېلىقچى بوۋاي قولۋاقنى ھەيدەپ دېڭىزنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىسىگە كىرىپتۇ. ئۇ ئۈچىنچى قېتىم تور تاشلىغاچ ئۆزىگە: ” بۈگۈن مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقىسى، بېلىق تۇتسام-تۇتمىسام بەرىبىر ئۆيۈمگە قايتىمەن“ دەپتۇ. بۇ قېتىم ئۇ خېلى ئۇزۇن ساقلاپ، ئاندىن تورنى تارتىپ بېقىپتۇ؛ بولدىلا، ”بۈگۈن ئامىتىم يوقكەن، بۇنداق يەڭگىل توردىن نېمە ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن؟“ دەپ ھەسرەت چېكىپ تورنى تارتىپتۇ، توردىكى ئالتۇن رەڭدە چاقناپ تۇرغان نەرسىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. ئۇ كۆزىنى ئۇۋىلىۋېتىپ قارىسا، توردىكى نەرسە بىر تال كىچىك ئالتۇن بېلىق ئىكەن.
” بۇ نەچچە ئون يىللىق بېلىقچى بوۋايلىق ھاياتىمدىكى بىر مۆجىزە،− دەپ ئويلاپتۇ بېلىقچى بوۋاي،− مەن ھېچقاچان بۇنداق ئالتۇندەك چاقناپ تۇرىدىغان بېلىقنى تۇتۇپ باقمىغان، بىراق، ھەي كىچىك جانىۋار، سەن كەمپىرىم ئىككىمىزنىڭ بىر ۋاقلىق تامىقىغىمۇ يارىمايسەن، بىر قاچا شورپا قىلىشقا ئاران بولارسەن“.
ئەمما ئالتۇن بېلىق تۇيۇقسىز زۇۋانغا كىرىپ سۆزلەشكە باشلاپتۇ، بېلىقچى بوۋاي ھەيران قاپتۇ.
−مېنى قويۇۋەتسىلە بوۋا،− دەپتۇ بېلىق،− مېنى دېڭىزغا قويۇۋەتسىلە، مەن ئەسلىدە ئالتۇن بېلىق ئەمەس، بەلكى دېڭىز شاھىنىڭ ئوغلى. مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسىلە سىلىگە قىلچە پايدىسى يوق، مېنى يەۋەتسىلىمۇ قورساقلىرىغا دال بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى مېنى سۇغا قويۇپ بەرسىلە، مېنى سۇدا ئۈزگىلى قويسىلا، سىلىگە قىممەتلىك ھەق-نېسىۋە بېرەي. بۇندىن كېيىن سىلىگە نېمە لازىم بولسا دېڭىز بويىغا كېلىپ مېنى چاقىرسىلا قولۇمدىن كېلىشىچە ئارزۇلىرىنى قاندۇرىمەن. ھازىر مېنى سۇغا دەرھال قويۇپ بەرسىلە، بۇ قۇرۇقلۇقتا مەن نەپەس ئالالماي قىينىلىپ كەتتىم.
بېلىقچى بوۋاي ئالتۇن بېلىقنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنى توردىن ئاپتۇ، بېلىقنىڭ ھېچقانداق يېرى يارىلانمىغانىكەن. بېلىقچى بوۋاي ئۇنى دېڭىزغا قويۇپ بەرگەچ ئامراقلىق بىلەن :
− ئوماق ئالتۇن بېلىقىم، خۇدا سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، ماڭا مۇكاپاتىڭ كېرەك ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىن سەن بۇ ياقتىكى دېڭىز بويىغا كەلمەي، دېڭىز تەكتىگە ئۈزۈپ كەتكەيسەن، سەن شۇ يەردىلا ئەركىن-ئازادە ئۈزۈپ يۈرەلەيسەن− دەپتۇ.
ئالتۇن بېلىق دېڭىزغا قايتىپ، بىردەمدىلا ھاياتىي كۈچكە تولۇپتۇ. ئۇ بېلىقچى بوۋاينىڭ قولۋىقىغا ئەگىشىپ، ئۇنى دېڭىز بويىغىچە ئۇزىتىپ كەپتۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ”خوش“ دەپ سۇغا شۇڭغۇپ، دېڭىزغا قايتىپ كېتىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بېلىقچى بوۋاي كەپىسىگە قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ، كەمپىرى تاماق ئېتىپ ئۇنى ساقلاپ تۇرغانىكەن.
− موماي، ساڭا بىر ئىشنى دەپ بېرەي ،− دەپتۇ بوۋاي كەچمىشلىرىنى خۇشاللىق بىلەن بايان قىلىپ،− بۈگۈن مەن بېلىق تۇتقىلى بېرىپ بىرىنچى قېتىم، ئىككىنچى قېتىم تور تاشلىغاندا تەلىيىم كەلمىدى، تورغا لەش بىلەن دېڭىز چۆپىدىن باشقا ھېچ نەرسە ئىلىنمىدى، ئەمما ئۈچىنچى قېتىم تور تاشلىغىنىمدا بىر تال بېلىق سۈزۈۋالدىم. شۇنداق، بىر تال بېلىق، لېكىن ئۇ ئادەتتىكى بېلىق ئەمەس، بەلكى ئالتۇن بېلىق. بۇنداق بېلىقنى چوقۇم كۆرۈپ باقمىدىڭ، 33 يىلدىن بۇيان مەنمۇ تۇنجى قېتىم بۇنداق بېلىقنى تۇتۇپ باقتىم. تېخىمۇ ئاجايىپ يېرى شۇكى، بۇ ئالتۇن بېلىق تېخى گەپ قىلالايدىكەن، مېنى دېڭىزغا قويۇۋەتكىن دەپ ماڭا يالۋۇردى، ئۆزىنى دېڭىز شاھىنىڭ ئوغلىمەن دېدى، ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ ماڭا نۇرغۇن ھەق بەرمەكچى بولدى. لېكىن مەن ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە تەلەپ قىلماي، ئۇنى شۇنداقلا دېڭىزغا قويۇۋەتتىم. قايتىپ كېلىۋاتقان چېغىمدا ئۇ تېخى مېنى قىرغاققىچە ئۇزىتىپ قويدى ھەم مەن بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن ئايرىلدى.
− ھەي قېرى، مۇشۇنداق يالغان گەپلەرنى توقۇپ مېنى ئالدايمەن دەمسەن، كاللاڭ سەل قېيىپ قالدىمۇ نېمە!− دەپتۇ موماي ئانچە ئىشەنمەي.
−مەن سېنى ئالداپ قانداق قىلاي،− دەپتۇ بېلىقچى بوۋاي كەمپىرىنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىما-ئىشارەتلەر بىلەن سۆزلەپ،− بۇنىڭ ھەممىسى راست، خۇدا ھەققى، قەسەم قىلىمەنكى، مەن ساڭا بىر ئېغىزمۇ يالغان ئېيتمىدىم.
ئەمما كەمپىر بېلىقچى بوۋايغا قولىنى شىلتىپ تىللاپ كېتىپتۇ:
− سەن نېمانچە دۆت، ئەخمەق قېرى! سەن يا ئوغرىلىق، يا بۇلاڭچىلىق قىلمىساڭ، نېمىشقا ئۇ بېلىقنىڭ مۇكاپاتىنى رەت قىلىسەن؟ سەن قېرى ئەخمەق مۇشۇ ياشقا كىرگىچە بىكار ياشاپسەن، ھېچ بولمىغاندا بىر دانە تەڭنە بولسىمۇ ئالساڭ بولمامدۇ، قاراپ باقە، بىزنىڭ تەڭنىمىز كونىراپ نېمە بولۇپ كەتتى!“
بېلىقچى بوۋاي دېڭىز بويىغا بېرىشنى پەقەت خالىمىسىمۇ كەمپىرىنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز غەزەپلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سەل قورقۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز يەنە بېرىپتۇ. دېڭىز بايىقىدەك تىپتىنچ ئەمەس ئىكەن، يېنىك دولقۇنلىنىپ تۇرىدىكەن، سۇلار بايىقىدەك سۈزۈك ئەمەس، بەلكى يېشىل ھەم سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىپ قاپتۇ. بېلىقچى بوۋاي دېڭىز بويىدا تۇرۇپ بېلىقنى ئەنسىز ھالدا چاقىرىپتۇ:
− شاھزادە، ھەي شاھزادە، ئالتۇن بېلىق، بۇ ياققا چىققىن، كەمپىرىم مېنى تىللىدى، مەن قېرىنى ئارامىمدا قويمىدى!
دېڭىز گىرۋىكىدە تۇيۇقسىز كىچىك قاينام ھاسىل بولۇپ، ئالتۇن بېلىق بېلىقچى بوۋاينىڭ ئالدىغا ئۈزۈپ كېلىپتۇ:
− قەدىرلىك بوۋا، ساڭا نېمە لازىم؟
بېلىقچى بوۋاي ئالتۇن بېلىققا سالام بېرىپ:
− ھەي ئالتۇن بېلىق، سېنى پەقەت ئاۋارە قىلغۇم يوق ئىدى، ئەمما خوتۇنۇم مېنى تىللاپ ئامالسىز قويدى، مېنى سەندىن بىر دانە يېڭى تەڭنە سوراشقا ئەۋەتتى، چۈنكى بىزنىڭ ئۇ كونا تەڭنىمىز تەڭنىگە ئوخشىماي قالدى، ئىشلەتكىلى پەقەت بولمىدى،− دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئالتۇن بېلىق بېلىقچى بوۋايغا قاراپ:
− بوۋا، غەم قىلما، خۇدا ياخشى ئادەملەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ، پات يېقىندا سىلەرنىڭ بىر دانە يېڭى تەڭنەڭلار بولىدۇ،− دەپتۇ.
بېلىقچى بوۋاي ئالتۇن بېلىق بىلەن خوشلىشىپ، كونا كەپىسىگە قايتىپ كەپتۇ. قارىسا دەرۋەقە ھېلىقى كونا تەڭنىسى يوق، دېرىزىنىڭ ئاستىدا يېپيېڭى بىر تەڭنە تۇرغىدەك، تېخى مايلانغان مايلىرىمۇ پارقىراپ تۇرغىدەك.
−قەدىناس كەمپىرىم، ئەمدى رازى بولغانسەن. بايا مەن بېرىپ بېلىقتىن تەڭنە سورىغانىدىم، ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ماقۇل دېدى، مانا قارا، يېڭى تەڭنىمۇ بار بولدى. كەمپىرىم، ماڭا نېمانداق چەكچىيىپ قاراپ تۇرىسەن، كەل، چۈشلۈك تامىقىمىزنى يەيلى،− دەپتۇ بېلىقچى بوۋاي ۋە شىرەنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، پىچاق-ۋېلكىلارنى ئېلىپ، تاماق يېيىشكە تەييارلىنىپتۇ.
− ھەي ئەخمەق، ھاماقەت قېرى ! سەن سېپى ئۆزىدىن دۆت قېرى ئىكەنسەن. ئاران مۇشۇ تەڭنىنى ئەكەلگىنىڭ بىلەن بۇ تەڭنە قانچە پۇلغا يارايدۇ؟ چاققان دېڭىز بويىغا بار دۆت قېرى، ئۇنىڭغا ئوبدان گەپ قىلىپ ياغاچ ئۆيدىن بىرنى سورا. قاراپ باققىنا، بۇ كەپىمىز يامغۇر-يېشىن، جۇدۇن-چاپقۇنغا دال بولالامدۇ؟
كەمپىرنىڭ بۇنداق چالۋاقاپ كېتىشىدىن قورققان بېلىقچى بوۋاي پىچاق، ۋېلكىسىنى تاشلىۋېتىپتۇ.
بېلىقچى بوۋاي كۆڭلىدە قەتئىي رازى بولمىسىمۇ كەمپىرىدىن قورققاچقا، دېڭىز بويىغا يەنە كەپتۇ. قارىسا دېڭىز چايقىلىپ، دولقۇنلار ئۆركەشلەپ تۇرغىدەك، دېڭىز سۈيى يېشىل ياكى سېرىق رەڭدە ئەمەس، بەلكى سۆسۈن ھەم كۆك رەڭگە كىرىپ قاپتۇ. بېلىقچى بوۋاي دېڭىز بويىدا تىترەپ تۇرۇپ ئالتۇن بېلىقنى چاقىرىپتۇ:
− كىچىك شاھزادە، ھەي كىچىك شاھزادە! ئالتۇن بېلىق، ئالتۇن بېلىق، بۇ ياققا چىققىن، كەمپىرىم مېنى تىللاپ ئولتۇرغۇزمىدى.
ئالتۇن بېلىق دولقۇنلار چوققىسىدا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بوپتۇ:
− ساڭا نېمە لازىم بوۋا!
بېلىقچى بوۋاي ئالتۇن بېلىققا سالام بېرىپ:
− ھەي ئالتۇن بېلىق، مېنىڭ سېنى راستىنلا ئاۋارە قىلغۇم يوق ئىدى، ئەمما كەمپىرىم مېنى بەك تىللاپ كەتتى. ئۇ سەندىن بىر ياغاچ ئۆي تەلەپ قىلىشىمنى بۇيرۇدى، چۈنكى بىزنىڭ كەپىمىز كونىراپ، يامغۇر-يېشىن، جۇدۇن-چاپقۇنغا دال بولالمايدىغان بولۇپ قالدى،− دەپتۇ.
− بوۋا، چاتاق يوق، − دەپتۇ بېلىق،− خۇدا ياخشى ئىنسانلارنى قوغدايدۇ، قايتىپ بارغىن، ياغاچ ئۆيۈڭلار بار بولىدۇ.
بېلىقچى بوۋاي ئالتۇن بېلىق بىلەن خوشلىشىپ، ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ قارىسا، بۇرۇنقى كونا كەپىسىنىڭ ئورنىدا راستىنلا بىر يېڭى ياغاچ ئۆي تۇرغىدەك، كەمپىرى ئىشىك ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغىدەك، ئۇ بوۋاينىڭ قايتىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ قولىدىن تۇتۇپ:
− كىرىپ قاراپ باققىنە، مانا ھازىر بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى،− دەپتۇ.
بېلىقچى بوۋاي كەمپىرى بىلەن ئۆيگە كىرىپتۇ، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كارىدور، بىر ئېغىز چىرايلىق ھۇجرا، ئىچىدە ئۇلارنىڭ كارىۋىتى، بىر ئېغىز ئاشخانا، ئىككى ئېغىز قازناق، ئىچىدە ناھايىتى ياخشى ئۆي جاھازىلىرى، يەنە مىستىن، تۇشتىن ئىشلەنگەن سايمانلار بار ئىكەن، نېمە ئىزدىسە شۇ تېپىلىدىكەن. ئۆينىڭ كەينىدە كىچىك ھويلا بولۇپ، ھويلىدا توخۇ-ئۆردەك، بىر ئىت، يەنە سەي-كۆكتات، مېۋىلىك دەرەخلەر ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلىق بار ئىكەن.
− مانا قارىغىنە، مۇشۇنداق بولسا ياخشى ئەمەسمۇ!؟− دەپتۇ كەمپىر.
− شۇنداق، ياخشى بولىدىكەن، بىز ئەمدى خۇشال تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بوپتۇق،− دەپتۇ بوۋاي.
ئىككىنچى كۈنى بېلىقچى بوۋاي يەنە دېڭىزغا چىقىپ بېلىق تۇتۇپتۇ، دېڭىز تىپتىنچ، كۆپكۆك ئىكەن. كەمپىر ئۆيىدە توخۇ-ئۆردەكلىرىنى بېقىپتۇ، كۆكتاتلىقىنى پەرۋىش قىلىپتۇ. ئۇلار مۇشۇ تەرىقىدە بىر ھەپتىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپتۇ، يەنە بىر ھەپتىمۇ ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى بېلىقچى بوۋاي بېلىق تۇتۇپ قايتىپ كەپتۇ، كەچ كىرىپ قالغان ئىكەن، قارىسا كەمپىرى ئىشىك تۈۋىدىكى پاكار ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇدەك، ئۇ بېلىقچى بوۋاينى كۆرۈپ ئورنىدىن قوپۇپلا ئۇنىڭغا قولىنى شىلتىپ:
− ھەي ئەخمەق، ئۆتۈپ كەتكەن ھاماقەت، قېرى ئەبلەخ! ئاران مۇشۇ ياغاچ ئۆيگە رازى بولدۇڭما؟ ھازىرلا دېڭىز بويىغا بېرىپ ئۇ بېلىققا سالام بەر، ئۇنىڭغا مېنىڭ بېلىقچى بوۋاينىڭ پەس خوتۇنى بولغۇم يوقلۇقىنى، بەلكى ئېسىلزادە ئايال بولغۇم بارلىقىنى ئېيت، مەن ئوردا-سارايدا تۇرۇشۇم كېرەك.
بېلىقچى بوۋاي بۇنداق قىلىشنى پەقەت خالىمىسىمۇ كەمپىرىنىڭ ئالدىدا چارىسىز قېلىپ، دېڭىز بويىغا يەنە بېرىپتۇ. دېڭىز كۈندۈزدىكىدەك تىنچ ئەمەسكەن، دولقۇنلار نەچچە گەز ئېگىزلىكتە ئۆركەشلەپ تۇرغىدەك، كۈندۈزدىكىدەك سۈزۈك ئەمەس سۇلارمۇ بىر دەمدىلا كۈلرەڭ، قاپقارا رەڭگە ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، ئاستىدىن ئۈستىگە ئۆرلەپ چىققان سۇلار سېسىق پۇرايدىكەن. بېلىقچى بوۋاي دېڭىز بويىدا تۇرۇپ ئالتۇن بېلىقنى يەنە چاقىرىپتۇ:
− كىچىك شاھزادە، ھەي كىچىك شاھزادە، ئالتۇن بېلىق، ئالتۇن بېلىق، بۇ ياققا چىققىن، كەمپىرىم ماڭا زەھەر سانچىپ، مەن قېرىنى خاتىرجەم ياشىغىلى قويمىدى.
ئالتۇن بېلىق تۇيۇقسىز دولقۇنلار ئۈستىدە پەيدا بوپتۇ:
− ساڭا نېمە لازىم بوۋا!
بېلىقچى بوۋاي ئالتۇن بېلىققا سالام بېرىپ:
− ھەي ئالتۇن بېلىق، سەن ئۆتكەندە بەرگەن ياغاچ ئۆيدە ناھايىتى راھەت ياشاۋاتاتتىم، سېنى يەنە ئاۋارە قىلىشنى خالىمايتتىم، ئەمما كەمپىرىم ماڭا قاتتىق تەگدى. ئۇنىڭ ئەمدى بېلىقچى بوۋاينىڭ پەس خوتۇنى بولغۇسى يوقكەن، بەلكى ئېسىلزادە خېنىم بولغۇسى، ئوردا- سارايلاردا تۇرغۇسى بار ئىكەن، ئۇ ” كۆكتاتلىقنى ئۆزۈم يالغۇز پەرۋىش قىلىپ بولالمايمەن“ دەيدۇ، ئۇنىڭ بىر مالاي ئىشلەتكۈسى بار ئىكەن،− دەپتۇ.
ئالتۇن بېلىق ئۇنىڭغا:
− بوۋا، قايغۇرما، خۇدا ياخشى ئادەملەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ، قايتىپ بارغىن، ئارزۇيۇڭ دەرھال ئەمەلگە ئاشىدۇ،− دەپتۇ.
بېلىقچى بوۋاي ئالتۇن بېلىق بىلەن خوشلىشىپ، ياغاچ ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇ. قارىسا ياغاچ ئۆيى يوق، ئۇنىڭ ئورنىدا چىرايلىق بىر ئوردا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىدەك. ئۇنىڭ كەمپىرى پەلەمپەيدە تۇرۇپ ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ: ”بىللە كىرەيلى“ دەپتۇ. بوۋاي كەمپىرى بىلەن بىللە سارايغا كىرىپتۇ. سارايدا مەرمەر تاش ياتقۇزۇلغان چوڭ زال ۋە نۇرغۇن مالايلار بار ئىكەن؛ ئۇلار ئىشىكنى ئېچىپ، ئىككى رەت تىزىلىپ، بېلىقچى بوۋاي بىلەن كەمپىرىنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇرۇشۇپتۇ. ساراي تاملىرىغا گۈللۈك قەغەزلەر چاپلانغان بولۇپ، ئۆيلەرگە ئالتۇندىن ئىشلەنگەن ئۈستەل-ئورۇندۇقلار تىزىقلىق ئىكەن، تورۇستا خرۇستال چىراغلار ئېسىقلىق ئىكەن، ھەممە ئۆيگە گىلەم سېلىنغان بولۇپ، شىرەدە ئېسىل ھاراق ۋە سەيلەر ناھايىتى مول ئىكەن. ساراينىڭ كەينىدە ناھايىتى چوڭ ھويلا بولۇپ، ھويلىدا ئات ئېغىلى، كالا قوتىنى ۋە ئەڭ ئېسىل ئات ھارۋىسى بار ئىكەن. ھويلىدا تازا چوڭ ھەم چىرايلىق گۈللۈك بولۇپ، رەڭگارەڭ گۈللەر، ئېسىل مېۋىلىك دەرەخلەر ياشناپ تۇرۇپتۇ. يەنە بىر نەچچە چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتا باغچە بولۇپ، ئۇ يەردە بۇغا-مارال، بۆكەن، توشقان ۋە كىشىلەر ئامراق باشقا ھايۋانلار بار ئىكەن.
− مانا ئەمدى بولدى ئەمەسمۇ؟− دەپتۇ كەمپىر.
− شۇنداق، ئەمدى ئوبدان بولدى، بىز ئەمدى ھەشەمەتلىك ئوردا-سارايدا تۇرىدىغان بولدۇق، رازى بولساق بولىدۇ،− دەپتۇ بېلىقچى بوۋاي.
ئەمما كەمپىر:
− بىز يەنە ئويلىنىپ باقايلى، كېيىن بىر گەپ بولسۇن،− دەپتۇ.
ئاندىن ئىككىسى بىرلىكتە كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ئۇخلاپتۇ.
ئەتىسى بېلىقچى بوۋاي ئويغىنىپ قارىسا، بىر ئايال ئەينەكنىڭ ئالدىدا پەرداز قىلىپ ئولتۇرغۇدەك. ئۇچىسىغا قارا بۇلغۇن تېرىسىدىن ئىشلەنگەن جىلىتكە كىيگەن، بېشىغا گۆھەر تاج تاقىغان، بوينىغا مەرۋايىت مارجان ئاسقان، ئون بارمىقىغا ھەر خىل ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك سالغان، بىر جۈپ قىزىل ئۆتۈك كىيىۋالغان بۇ ئايالغا بېلىقچى بوۋاي زەن سېلىپ قارىسا، ئۆزىنىڭ ئايالى− ئەسكى كەپىدىكى قېرى كەمپىرى ئىكەن. بېلىقچى بوۋاي ئورنىدىن قوپۇپ كەمپىرىگە:
− ھەي كەمپىرىم، ئېسىلزادە خانىمىم، سەن بۇ تۇرقۇڭدا كىشىنى بەكمۇ مەپتۇن قىلىدىكەنسەن!− دەپتۇ.
كەمپىر ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي، ئۇنى ئات ئېغىلىدا ئىشلەشكە بۇيرۇپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، ھەپتىلەر ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى كەمپىر بېلىقچى بوۋاينى ئالدىغا چاقىرىپ ئۇنىڭغا شالىنى چېچىپتۇ:
−چاققان دېڭىز بويىغا بار ئەخمەق قېرى، ئالتۇن بېلىققا سالام بەر. ئۇنىڭغا ئېيت، مېنىڭ ئەمدى ئېسىلزادە خېنىم بولغۇم يوق، مەن بۇ يەرنىڭ پادىشاھى بولۇشۇم كېرەك.
بېلىقچى بوۋاي بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىپتۇ:
− كەمپىر، ساڭا نېمە بولدى ؟ سەن بۇ مەملىكەتتىكى جىمى ئادەمنىڭ ئالدىدا مەسخىرىگە قالاي دەمسەن؟
كەمپىر بۇنى ئاڭلاپ غەزىپى ئۆرلەپ ئېرىگە تۇيۇقسىز بىر شاپىلاق ساپتۇ:
− دۆت قېرى، قارىغاندا ساڭا خۇشاللىق ياراشمايدىكەن! ۋۇي ھاماقەت تومپاي، تېخى ماڭا گەپ ياندۇرغىدەك بولدۇڭما؟ چاققان دېڭىز بويىغا بار، ساڭا دەپ قوياي، بارماي ھەددىڭ ئەمەس، بولمىسا مەن ئادەم ئەۋەتىپ سېنى يالاپ ئېلىپ بارىمەن.
بېلىقچى بوۋاي چارىسىز ھالدا دېڭىز بويىغا يەنە كەپتۇ. قارىسا دېڭىز ئۈچ گەز ئېگىزلىكتە شىددەتلىك دولقۇنلاپ، سۇلار قاپقارا رەڭگە كىرىپ ، ئوقچۇپ چىققان سۇلار كۆپۈكلىنىپ تۇرغىدەك، دېڭىزدا بوران چىقىۋاتقان بولۇپ، دولقۇنلار قىرغاققا زەرب بىلەن ئۇرۇلغىدەك… بېلىقچى بوۋاي دېڭىز بويىدا تۇرۇپ ئالتۇن بېلىقنى يەنە چاقىرىپتۇ:
− كىچىك شاھزادە، كىچىك شاھزادە، ئالتۇن بېلىق، ئالتۇن بېلىق، بۇ ياققا چىققىن، كەمپىرىم ناھايىتى مۇتتەھەملىشىپ كەتتى، قېرى جېنىمنى پەقەت ئارامىدا قويمىدى.
ئالتۇن بېلىق دېڭىز بويىدىكى دولقۇن ئۈستىدە پەيدا بوپتۇ:
− ساڭا نېمە لازىم، قەدىرلىك بوۋا!
بېلىقچى بوۋاي ئالتۇن بېلىققا تەزىم قىلىپ، خىجالەت ئىلكىدە مۇنداق دەپتۇ :
−ھەي ئالتۇن بېلىق، سېنى ھەرگىز ئاۋارە قىلغۇم يوق، لېكىن كەمپىرىم بەك ئوساللىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ھازىر ئېسىلزادە خېنىم بولماي، مۇشۇ يەرنىڭ پادىشاھى بولغۇسى بار ئىكەن. مەن ئۇنىڭ تەلىپىنىڭ زادى قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. لېكىن، ھەي ئالتۇن بېلىق، بۇنىڭغا باشقا ئامالىم يوق، پەقەت سەنلا ياردەم قىلالايسەن.
ئالتۇن بېلىق:
−بوۋا، چوڭ مەسىلە يوق، خۇدايىم سەندەك ياخشى ئىنساننى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ، قايتىپ بارغىن، كەمپىرىڭ دەرھال بۇ يەرنىڭ پادىشاھى بولىدۇ،−دەپتۇ.
بېلىقچى بوۋاي ئالتۇن بېلىق بىلەن خوشلىشىپ، كەمپىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەپتۇ. دەرۋەقە، ھازىرقى ئوردا- ساراي بۇرۇنقىسىدىنمۇ چوڭ بولۇپ، ھەيۋەتلىك ئېگىز مۇنارى، كۆركەم بېزەكلىرى بار ئىكەن، دەرۋازا تۈۋىدە بىر سەپ قوغدىغۇچىلار، كاناي-سۇنايلارنى تۇتۇۋالغان ئوركېستىر ئەترىتى بار ئىكەن. بېلىقچى بوۋاي ئۆيلەرگە كىرىپتۇ، ئۆيدىكى ھەممە نەرسىلەرنىڭ مەرمەر ۋە ئالتۇندىن ئىشلەنگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ، مەخمەلدىن ئىشلەنگەن شىرە ياپقۇچلارنىڭ چىرايلىق پۆپۈكى بار ئىكەن. بۇ چاغدا دەرۋازا ئېچىلىپتۇ، قارىسا كەمپىرى ئېگىز ئالتۇن-كۈمۈش تەختتە ئولتۇرغۇدەك، بېشىغا ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن بېزەلگەن ئالتۇن تاج تاقىۋاپتۇ، ياقۇتتىن ئىشلەنگەن ئالتۇن يوسۇن تاختىسىنى قولىغا ئېلىۋاپتۇ، قېشىدا 12 چۆرە قىز ئىككى رەت تىزىلىپ تۇرۇپتۇ، ئوردىدىكى بارلىق ۋەزىر-ۋۇزرالار ئىككى تەرەپتىن جاي ئاپتۇ. بېلىقچى بوۋاي ئوردىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ ئۆرە تۇرۇپ:
− ئەي كەمپىرىم، ئەمدى رازى بولغانسەن، سەن ئەمدى بۇ يەرنىڭ پادىشاھى بولدۇڭ،−دەپتۇ.
ئەمما كەمپىرنىڭ سەپرايى ئۇشتۇمتۇت ئۆرلەپ قاپتۇ، ئېگىز تەختىدە ئولتۇرۇپ ئاچچىقلاپ:
− ياق، دۆت قېرى، مېنىڭ ھازىر بۇ يەرنىڭ پادىشاھى بولغۇم يوق، بۇ يەر بەك زېرىكىشلىك ئىكەن، مەن چىداپ تۇرالمىدىم. دۆت قېرى، چاققان دېڭىز بويىغا بېرىپ ئالتۇن بېلىققا ئېيت، مېنىڭ پادىشاھ بولغۇم يوق، ئايال پادىشاھ بولغۇم بار،− دەپتۇ.
− ئەي ھۆرمەتلىك شاھىم، ئالتۇن بېلىق بىر كىمنى خاقان قىلالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر دۆلەتتە پەقەت بىرلا خاقان بولىدۇ،− دەپتۇ بېلىقچى بوۋاي جىددىيلىشىپ.
− دۆت قېرى، دېڭىز بويىغا بارماي ھەددىڭ ئەمەس، ئەگەر بۇ يەردە زۇۋانىڭنى يىغمىساڭ ئاغزىڭنى ئاچالماس قىلىۋېتىمەن،− دەپتۇ كەمپىر غەزەپتىن بوغۇلۇپ.
بېلىقچى بوۋاي دېڭىز بويىغا ئامالسىز كەپتۇ، قارىسا دېڭىز جۇش ئۇرۇپ قايناپ، دولقۇنلار تۆت گەز ئېگىزلىككە ئۆرلەپ كېتىپتۇ، دېڭىز سۈيى تېخىمۇ قاپقارا بولۇپ، ئوقچۇپ چىققان سۇلار بۇژغۇنلىنىپ تۇرۇپتۇ، دېڭىزدا قارا بوران چىقىۋاتقان بولۇپ، دولقۇنلار قىرغاققا قاتتىق ئۇرۇلۇپ تۇرغىدەك… بېلىقچى بوۋاي ناھايىتى قورقۇپتۇ، ” بۇ دېڭىز نېمە بولغاندۇ؟“ دەپ ئويلىغاچ، دېڭىز بويىدا تۇرۇپ ئالتۇن بېلىقنى چاقىرىپتۇ:
− كىچىك شاھزادە، ھەي كىچىك شاھزادە، ئالتۇن بېلىق، ئالتۇن بېلىق، بۇ ياققا چىققىن، كەمپىرىمنىڭ ساراڭلىقى تۇتتى، قېرى جېنىمنى ئارامىدا قويمىدى.
ئالتۇن بېلىق قىرغاق بويىدىكى دولقۇنلار ئۈستىدە تۇيۇقسىز پەيدا بوپتۇ:
− ساڭا نېمە لازىم بوۋا!
بېلىقچى بوۋاي ئالتۇن بېلىققا چوڭقۇر ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ، نومۇستىن قىزىرىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:
− ھەي ئالتۇن بېلىق، سېنى ئاۋارە قىلغۇم يوق، لېكىن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن.كەمپىرىمنىڭ ساراڭلىقى تۇتتى، ئۇنىڭ ئەمدى پادىشاھ بولغۇسى كەلمەپتۇ، بەلكى بۇ دۆلەتنىڭ خاقانى بولغۇسى بار ئىكەن.
ئالتۇن بېلىق بېلىقچى بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قۇيرۇقىنى پىلتىڭلىتىپ قويۇپ:
− بوۋا، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، بۇمۇ ئانچە قىيىن ئىش ئەمەس، خۇدا سەندەك ياخشى ئىنساننى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ. سەن ھازىر قايتىپ كەتكىن، كەمپىرىڭ بۇ دۆلەتنىڭ خاقانى بولىدۇ،− دەپتۇ.
بېلىقچى بوۋاي ئالتۇن بېلىققا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ، كەمپىرىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. دەرۋەقە، كۆز ئالدىدا شاھ ئوردىسى نامايان بوپتۇ: پۈتۈن ئوردا- ساراي نەمدەپ سىلىقلانغان مەرمەر تاشتىن ياسالغان بولۇپ، سارايدا برونزىدىن ياسالغان ئادەم ھەيكىلى ۋە ئالتۇن زىننەتلەر بار ئىكەن، دەرۋازا ئالدىدا ئەسكەرلەر مەشىق قىلىۋاتقۇدەك، بىر ياقتىن ياڭراق سۇناي، بىر ياقتىن داقا-دۇمباق قىزغىن چېلىنىۋاتقۇدەك. قەسىرنىڭ ئىچىدە ئۇ ياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرگەن مالايلارنىڭ ھەممىسى بارون، گراف، كېنەزلەر ئىكەن. بېلىقچى بوۋاي زالغا كىرىپ، تەخمىنەن ئۈچ گەز ئېگىزلىكتىكى ئالتۇن تەختتە كەمپىرىنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ئۇ تىكلىكى ئىككى گەز كېلىدىغان ئالتۇن تاج تاقىغان بولۇپ، تاجىغا ئورنىتىلغان ئالماس ۋە قىزىل ياقۇتلار چاقناپ تۇرىدىكەن. كەمپىر ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ كەچلىك غىزا يەۋاتقان بولۇپ، ۋەزىر-ۋۇزرا ۋە ئاقسۆڭەكلەر ئۇنى كۈتۈۋاتقان، ئۇنىڭغا ئۈزۈم ھارىقى قۇيۇپ، گۈللۈك قەنت-گېزەكلەرنى سۇنۇۋاتقان ئىكەن. كەمپىرنىڭ كەينىدە سۈرلۈك ۋە ھەيۋەتلىك ئوردا قاراۋۇللىرى تىك تۇرغان بولۇپ، مۈرىسىگە ئېسىۋالغان ئايپالتىلىرى سوغۇق چاقناپ تۇرىدىكەن. بېلىقچى بوۋاي بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپتۇ، كەمپىرىنىڭ ئالدىغا ئالدىراپ بېرىپ تىزلىنىپ يەرگە باش قويۇپ:
− سەلتەنەتلىك خاقان ئايىم، ياخشى تۇرۇۋاتاملا، مەن سىلىنىڭ ئەرلىرى، سىلى ھازىر بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپلا، بۇ قېتىم چوقۇم رازى بولدىلىمىكىن دەپ ئويلايمەن!− دەپتۇ.
كەمپىر ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، كەينىدىكى ئوردا قاراۋۇللىرىغا:
−بۇ قېرى ئەبلەخ ئالجىپتۇ، ئۆزىنى تېخى مېنىڭ ئېرىم دەۋاتىدۇ. سىلەر ئۇنى دەرھال ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، ئاتخانىغا ئاپىرىپ ئوت-چۆپ توغرىغىلى سېلىڭلار،− دەپتۇ.
ئوردا قاراۋۇللىرى ئايپالتىلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، بېلىقچى بوۋاينىڭ گەجگىسىدىن تۇتۇپ تالاغا سۆرەپتۇ، بىر ياقتىن : ” ھۇ ئۆلمەيدىغان قېرى، ئايال خاقانىمىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇتتەھەملىك قىلىشقا قانداق پېتىندىڭ؟ بىز بىلەن دەرھال ئاتخانىغا بېرىپ ئوت-چۆپ توغرايسەن، ئەمدى ياۋاش بولۇپ، خاقانىمىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمە، بولمىسا بېشىڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمىز“ دەپ تىللاپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بېلىقچى بوۋاي ئاتخانىدا ئوت-چۆپ توغراشقا سېلىنىپتۇ، بىر ھەپتە تىنچ ياشاپتۇ. يەنە بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن بىر كۈنى ئەسكەرلەر ئۇنى ئوردىغا يالاپ ئاپىرىپتۇ.
ئېگىز تەختتە ئولتۇرغان كەمپىرى ئۇنى كۆرۈپلا نەشتىرىنى سانچىپتۇ:
−دۆت قېرى، نەچچە كۈندىن بېرى ئاتخانىغا مۆكۈنۈپ نېمە ئىش قىلدىڭ؟ دەرھال دېڭىز بويىغا بارماي نېمىگە قاراپ تۇرىسەن؟ ساڭا ئېيتىپ قوياي، مەن بۇنداق ئايال خاقان بولۇشتىنمۇ زېرىكتىم. سەن دەرھال دېڭىز بويىغا بېرىپ ھېلىقى بېلىققا ئېيت، مېنىڭ ئەمدى پاپا بولغۇم بار.
بېلىقچى بوۋاي بۇنى ئاڭلاپ غەمگە چۆكۈپتۇ:
− ھۆرمەتلىك خاقانىم، سىلى قانداقمۇ پاپا بولالايلا؟ خرىستىئان دۇنياسىدا ئاران بىرلا پاپا بولىدۇ، بۇنىڭغا ئالتۇن بېلىقمۇ ئۇنىمايدۇ.
كەمپىر تېخىمۇ غەزەپلىنىپ كېتىپتۇ:
− دۆت قېرى، سەن بۇ يەردە ماڭا يەنە گەپ ياندۇرۇپ، بۇيرۇقۇمغا قارشى چىقىۋاتامسەن؟ سەن ئەڭ ياخشىسى ياۋاشلىق بىلەن دېڭىز بويىغا بار، بولمىسا كاللاڭنى ئالىمەن.
بېلىقچى بوۋاي ئامالسىز ھالدا دېڭىز بويىغا كەپتۇ. قارىسا دېڭىز شىددەتلىك ئۆركەشلەپ شاۋقۇنلاپ تۇرغىدەك، قاپقارا بولۇپ كەتكەن سۇلاردىن سېسىق پۇراق چىقىۋاتقۇدەك. شامال چىقىپ، بۇلۇتلار يىغىلىپتۇ، دېڭىز سۈيى ئۆرلەپ، ئالتە گەز ئېگىزلىكتە دولقۇن كۆتۈرۈلۈپتۇ، ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسى ئازراق كۆك، چۆرىسى قىزىل بولۇپ، قار-يامغۇرنىڭ شەپىسى پەيدا بوپتۇ. بېلىقچى بوۋاي ناھايىتى قورقۇپتۇ، بەدىنى توختىماي تىترەپ، پۇتلىرى بوشىشىپ كېتىپتۇ، دېڭىز بويىدا تۇرۇپ بار كۈچى بىلەن بېلىقنى چاقىرىپتۇ:
− كىچىك شاھزادە، ھەي كىچىك شاھزادە، ئالتۇن بېلىق، ئالتۇن بېلىق، بۇ ياققا چىققىن، كەمپىرىم ئەلپازىنى بۇزۇپ، قېرى جېنىمنى ئارامىدا قويمىدى.
ئالتۇن بېلىق دېڭىز بويىدىكى دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدە ئۇشتۇمتۇت پەيدا بوپتۇ:
−قېنى بوۋا، ساڭا نېمە لازىم؟
بېلىقچى بوۋاي ئالتۇن بېلىققا ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ، غەمكىن ھالدا:
−ھەي ئالتۇن بېلىق، سېنى ئەسلا ئاۋارە قىلغۇم يوق ئىدى، لېكىن كەمپىرىم غەزەپلىنىپ كەتتى، ئەگەر مەن كەلمىسەم، ئۇ مېنىڭ كاللامنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئايال خاقانلىقتىنمۇ زېرىكىپتۇ، ئۇ خرىستىئان دۇنياسىنىڭ پاپاسى بولماقچى ئىكەن.
ئالتۇن بېلىق بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قۇيرۇقىنى پىلتىڭلىتىپ قويۇپ:
−بوۋا، سەن ماڭا ئەركىنلىك بەرگەن، ياخشىلىقىڭنى قايتۇرۇش ئۈچۈن مەن ساڭا ياردەم قىلىشنى خالايمەن. خۇدا سەندەك ياخشى ئىنساننى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي. ئەمدى قايتىپ بارغىن، كەمپىرىڭ دەرھال بۇ دۇنيادىكى پاپا بولىدۇ،− دەپتۇ.
بېلىقچى بوۋاي ئالتۇن بېلىققا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن خوشلىشىپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. قارىسا ناھايىتى چوڭ بىر چېركاۋ تۇرغىدەك، ئۇنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن ئوردا-سارايلار بار ئىكەن، نەچچە مىڭلىغان ئىنسانلار ئۇ يەردە قىستىلىشىپ تۇرغىدەك. بېلىقچى بوۋاي ئادەملەر ئارىسىدىن قىستىلىپ ئۆتۈپ چېركاۋغا كىرىپتۇ. چېركاۋدا ياندۇرۇلغان نەچچە مىڭ شام چىراغ چېركاۋنى يۇپيورۇق قىلىۋەتكەنىكەن. كەمپىر كالۋۇتۇن كىيىم كىيىپ تۆت گەز ئېگىزلىكتىكى تەختتە ئولتۇرغۇدەك؛ بېشىدا ئالتۇن تاج بولۇپ، تاجغا ئۈنچە-مەرۋايىت، ئالماسلار قادالغانىكەن. ئۇنىڭ چۆرىسىدە نۇرغۇن ئېپىسكوپلار بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە مۇناردەك يوغان شاملار يېقىلغانىكەن؛ بارلىق خان-پادىشاھلار ئۇنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ، ئۇنىڭ ئايىغىنى سۆيۈپ تۇرغىدەك. بېلىقچى بوۋاي كەمپىرىنى چاقىرالماي، ئاشخانىغا ئاستاغىنا كىرىپ مۆكۈۋاپتۇ.
ئەمما ئاران ئۈچ كۈن تىنچ ئۆتۈپتۇ، كەمپىر يەنە ئېپىسكوپنى ئەۋەتىپ ئاشخانىدىن بېلىقچى بوۋاينى تېپىپتۇ، شۇنداق قىلىپ بېلىقچى بوۋاي پاپانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنىپتۇ.
− ئەي ھۆرمەتلىك پاپا، قانداق تاپشۇرۇقلىرى باركىن؟ يەنە نېمىدىن رازى بولمىدىلا؟ − دەپتۇ بېلىقچى بوۋاي.
− دۆت قېرى، دەرھال دېڭىز بويغا بار، مېنىڭ ئەمدى بۇنداق پاپا بولغۇم يوق، مەن دېڭىزدا ياشىشىم كېرەك، ئۇ يەردىكى شامال ناھايىتى خۇشپۇراق ئىكەن، مەن دېڭىزنىڭ ئايال خوجايىنى بولىمەن، ھېلىقى بېلىق مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇپ، مېنىڭ دېگەنلىرىمنى ھەر ۋاقىت ئورۇنلىسۇن. چاققان بول قېرى، مەن بۇ يەردە سېنىڭ خەۋىرىڭنى كۈتىمەن،− دەپتۇ كەمپىر.
بېلىقچى دېگەن بۇ بىچارە بوۋاي گەپ ياندۇرالماي، ئۇنىڭغا قارشى گەپمۇ قىلالماي دېڭىز بويىغا يەنە كەپتۇ. دېڭىز شامىلى گۈركىرەپ چىقىۋاتقۇدەك، بېلىقچى بوۋاي جايىدا مەزمۇت تۇرالماپتۇ، دېڭىزدا يەتتە گەز ئېگىزلىكتە دولقۇن كۆتۈرۈلۈپتۇ، دېڭىز قاپقارا تۈسكە كىرىپ سېسىق پۇراق تارقىتىپتۇ، ئاسماندا ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىپتۇ، ئەتراپ زۇلمەت قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىپتۇ، بېلىقچى بوۋاي بۇنىڭدىن ناھايىتى قورقۇپتۇ، دېڭىز بويىدا تۇرۇپ ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ بېلىقنى چاقىرىپتۇ:
− كىچىك شاھزادە، ھەي كىچىك شاھزادە، ئالتۇن بېلىق، ئالتۇن بېلىق، بۇ ياققا چىققىن، كەمپىرىم غەزەپلىنىپ، مەن قېرىنى غەم-قايغۇغا سالدى.
ئالتۇن بېلىق دېڭىز بويىدىكى دولقۇنلار ئۈستىدە تۇيۇقسىز پەيدا بوپتۇ:
− ساڭا نېمە لازىم بوۋا!
بېلىقچى بوۋاي ئالتۇن بېلىققا يۈكۈنۈپ تەزىم قىلىپ قايغۇلۇق ھالدا:
− ھەي ئالتۇن بېلىق، سېنى ھەرگىز ئاۋارە قىلغۇم يوق ئىدى، ئەمما كەمپىرىم غەزىپىنى باسالمىدى، ئۇنىڭ ئەمدى خرىستىئان دىنىنىڭ پاپاسى بولغۇسىمۇ يوق ئىكەن، ئۇ دېڭىز شامىلىنى ناھايىتى خۇشپۇراق ئىكەن دەيدۇ، ئۇ بۇ دېڭىزنىڭ ئايال خوجايىنى بولماقچى ئىكەن، شۇنداق بولغاندا ئۇ دېڭىز-ئوكياندا ياشىيالايدىكەن، ئۇ تېخى سېنىڭ ئۇنى كۈتۈشۈڭنى، گېپىگە ھەر ۋاقىت بويسۇنۇشۇڭنى تەلەپ قىلىدىكەن. ھەي ئالتۇن بېلىق، ئۇنىڭ تەلىپىنىڭ چېكى يوقمۇ!
ئالتۇن بېلىق بېلىقچى بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قۇيرۇقىنى پىلتىڭلىتىپ قويۇپ، ھېچنېمە دېمەستىن دېڭىزغا كىرىپ كېتىپتۇ. بېلىقچى بوۋاي دېڭىز بويىدا ئۇزاق كۈتۈپتۇ، ئەمما ئالتۇن بېلىق قايتىپ چىقماپتۇ. تاڭ ئاستا-ئاستا يورۇپتۇ، دېڭىز شامىلىمۇ توختاپتۇ، ھەيۋەتلىك دولقۇنلارمۇ تىنجىپتۇ، دېڭىز تىپتىنچ بولۇپ، دېڭىز سۇلىرىمۇ سۈزۈلۈپ، كۆپكۆك دولقۇنلار چاقناپ تۇرۇپتۇ. بېلىقچى بوۋاي ناھايىتى ئۇزۇن ساقلاپ، ئاخىرى كەمپىرىنىڭ يېنىغا قايتىشقا مەجبۇر بوپتۇ. قارىسا چېركاۋمۇ، ئوردا- سارايمۇ يوق، بۇرۇنقى كونا كەپىسى تۇرغىدەك، كەمپىرى بوسۇغىدا ئولتۇرۇپ يىپ ئېگىرىۋاتقۇدەك، ھېلىقى پۇچۇق تەڭنىمۇ ئاۋۋالقىدەك دېرىزە ئالدىدا تۇرغىدەك.
(«پوشكىن چۆچەكلىرى»دىن تەرجىمە قىلىندى)

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*