
1
ئەپەندىنى جۇڭگودىكى ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدۇ. شىنجاڭدىن چىققان بۇ مەشھۇر نام خەنزۇ تىللىقلار دۇنياسىغا كىرىپلا كەڭ تارالدى.ئەمما دۇنيادا، ياۋروپالىق ياكى لاتىن ئامېرىكىلىق بولسۇن ئۇنى كۆپىنچە ”خوجا نەسىردىن“ دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ھەقتىكى خەنزۇچە تەرجىمە ئەسەرلەرمۇ ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، گې باۋچۈەن ئەپەندى رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغان «نەسىردىن لەتىپىلىرى» (جۇڭگو ئاممىۋى سەنئەت نەشرىياتى، 1983-يىل نەشرى)، بۇ كىتابتىكى لەتىپىلەر رۇس تۈركولوگلىرىنىڭ تۈرلەرگە ئايرىشى بويىچە”ئەنئەنىۋى لەتىپىلەر“ ۋە ”19-ئەسىردىكى قوليازمىلاردىن تاللىنىپ تولۇقلانغان لەتىپىلەر“ دېگەندەك مۇھىم بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن. ياپونلۇق تۈركولوگ تاكاخىتو مىكاسا تۈركىيىلىك ئەرجۈمەد ئەكرەم تالۇ 1954-يىلى رەتلىگەن «ئۇلۇغ نەسرىددىن خوجا»دېگەن تۈركچە يازمىلارنى ئاساس قىلىپ، بەش يۈز لەتىپە كىرگۈزۈلگەن «نەسرىدىن خوجا لەتىپىلىرى» نى تۈزۈپ چىققان. باشقا دۆلەتلەردىمۇ، نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدىكى كىتابلار ئاممىۋى ياكى ئىلمىي نۇقتىدىن، بولۇپمۇ بالىلار ئوقۇشلۇقى شەكلىدە بەس-بەستە نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر خىل تەرجىمە نۇسخىلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
خەنزۇ تىللىقلار دۇنياسىغا مەشھۇر ”ئەپەندى“ دېگەن سۆز ئەرەبچىدە ھۆرمەت نامى بولۇپ، ئۇنى پارسچىدىكى ”خوجا“ غا ئوخشاش ”جانابلىرى ياكى ئەپەندى“ دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. ھازىر تۈركىيەدە بۇ ئىككى سۆز ”خوجا نەسىردىن“ دەپ بىللە قوللىنىلىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ شەرقتە جيايۈگۈەندىن بېيجىڭ، شاڭخەيلەرگە سەپەر قىلسا ئېغىزغا بىر كېلىدىغان ”ئافەنتى“ دېگەن ئىسىم بىلەن مۇقىملىشىپ قالىدۇ. ھالبۇكى ئۇنى ئەرەب، پارىس، تۈرك مەنبەلىرىدىن چۈشەنگەن ياۋروپا-ئامېرىكلىقلارغا”خوجا نەسىردىن“ دېگەن نام تارىلىپ كەتكەن بولۇپ، قۇلاقلىرىغا سىڭىپ قالغان.
مەيلى قانداق بولسۇن، خەنزۇ تىللىقلار دۇنياسى ئەپەندىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەپەندى لەتىپىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرجىمانى ۋە توپلىغۇچىسى ئەكبەر غۇلام ئىسىمنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى زىغىرلاپ ئولتۇرماي، ”ئەپەندى“ دېگەن نامنىلا قوللىنىپ، ئالىي ھەم ئاددىي نۇسخىدا ئىككى توم «ئەپەندى لەتىپىلىرى»نى تەرجىمە قىلىپ تۈزدى.
ئەپەندى جاھانكەزدىلىك قىلىدۇ، ئۇ ئەقىللىق بولغاچقا ھەر ۋاقىت بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى يېشىۋېتەلەيدىغان لەتىپە سۆزلەيدۇ. ئۇ كىشىلەرگە پۈتمەس-تۈگىمەس خۇشاللىق بەخش ئېتىدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنى كۈلدۈرۈپ بولۇپ ئارقىدىن ئويلاندۇرىدۇ.”ئەپەندى“ ياكى ”خوجا نەسىردىن“ دەپ ئاتالغان بۇ ھۆرمەت نامى پەرىشتىلەرنىڭ قانىتىغا تايىنىپ ئەمەس، ئېشەك ئارقىلىق يايلاق، بوستانلىقلارغا، ئاندىن پۈتۈن ياۋروپا ۋە دۇنياغا تارالغان.
2
تۈركىيىلىكلەر ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان يېرىنى كىچىك ئاسىيا دەپ تۇرۇۋېلىشقا ئامراق. ئۇنى تەتقىق قىلغۇچىلار بىر قانچە ئېقىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇ 14-ئەسىردە ئۆتكەن تۇغلۇق تۆمۈرخان بىلەن دەۋرداش دەيدىغانلار بىلەن ئۇنىڭ قەبرە تېشىدىكى يېزىق ۋە قەدىمىي كىتابلار ئۇنىڭ 13-ئەسىردە تۇغۇلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ دەيدىغانلار ئۇزاقتىن بېرى تالىشىپ كەلدى. ئېيتىلىشىچە، تۈركىيىنىڭ مەدەنىيەت تۈگۈنى بولغان كونياغا يېقىن ئاقشەھەردىكى بىر قەبرە ئەپەندىنىڭ بولۇپ، يېڭى توي قىلغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇ قەبرىنى يوقلايدىكەن، بولمىسا ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە دەز كېتەرمىش. يەنە قەبرىنى يوقلىغاندا كىمكى جاراڭلىق كۈلمىسە شۇملۇقنى چىللىغان بولىمىش.
بىراق تاكاخىتونىڭ يەكۈنىگە قارىغاندا، ئىلىمدىكى ھەقىقەتلەشلەرنىڭ ھەممىسى ئىلمىي جەھەتتىن گۇمانلىنىشقا ئۇچرايدۇ. ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان ماكانى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.
بۇ لەتىپە ئۇستىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرىكى دەۋردىكى ئەرەبلەردىن ئىزدەپ بېقىشقىمۇ بولىدۇ، كۇفەدىكى داڭلىق قىزىقچى جۇھا 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەرەبلەردە ناھايىتى مەشھۇر ئىدى.
بىز ئوقۇغان ئۇيغۇرچە نۇسخىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىدە ”كۇرد تىلىدىكى قىززىق شورپا بىلەن سوغوق شورپا“، ”ئەرەبچىدە موزاينى نېمە دەيدۇ؟“ دېگەندەك لەتىپىلەرنىڭ ئەسلى ۋارىيانتى ئوتتۇرا شەرقتە كەڭ تارالغان. ئۇنىڭ ئەرەبلەردىن ئىكەنلىكى مەنتىقە جەھەتتىن كۈچلۈك. ئەمما داڭلىق قىزىقچىلار دۇنياغا كەلسىلا ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان يىل، ئاي كۈنلىرىنى ئېنىقلاش قىيىن بولۇپ كېتىدۇ. تاكاخىتو ھەر خىل ئېقىملارنىڭ قاراشلىرىنى دەلىللەپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ مۇنۇ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان: ” نەسىردىن خوجا لەتىپىلىرى دۇنيا ئەدەبىياتىدا ھەممە يەردە ئۇچرايدىغان لەتىپىلەرنىڭ تۈركلەردىكى ۋارىيانتىدۇر. مەزكۇر شەخسنىڭ راست يالغان بولۇشى ئانچە مۇھىم ئەمەس“ («ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسىيا تارىخىي تىزىسلىرى»(1)، دۆلەت كىتاب-ژۇنال نەشر ئەپكارى، 1964-يىل نەشرى، 186-بەت).
ئەپەندىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ھازىرچە مۇھاكىمە قىلمايمىز، ئەمما ئۇنىڭ يومۇرىستىك ئوبرازى تەخمىنەن 13-ئەسىر بىلەن 15-ئەسىر ئارىسىدا، ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنرەك شەكىللەنگەن دەپ ھۆكۈم قىلالايمىز. ئۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تىلى تېخى شەكىللەنمىگەن ھەم مۇقىملاشمىغان بولۇپ، تۈركىي تىللار ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن خاتىرىلىنىۋاتقان ئۆتكۈنچى دەۋردە تۇرۇۋاتاتتى.چاغاتاي كىلاسسىك دەۋرى دەپ ئاتالغان بۇ دەۋردىن سەل كېيىن تەسەۋۋۇپ پىرى جالالىدىن رۇمى ئېقىمى كەڭ تارىلىپ، ئەرەب دۇنياسىدا كېزىپ يۈرگەن جۇھا تۈرك دۇنياسىدا تېخىمۇ ئەپلىك ياشاش مۇھىتىغا ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۈركلەرنىڭ يەكتىكىنى كىيىپ، خوجا دېگەن ھۆرمەت نامىنى قوبۇل قىلىپ، ئېشىكىگە مىنىپ، ئەپەندى، خوجا نەسرۇددىن بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادا قىرانلىق يېشىغا يەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
ئۇ سوپىزم پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا تارالغان مەزگىل ئىدى. ئەگەر ئەپەندىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېشىكىنى توختاتقان دەۋرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى پەرەز قىلماقچى بولساق ئەينى دەۋردىكى يېزىق تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىسلام سوپىزم ئېقىمىنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا تارالغان جەريانىغا نەزەر سېلىشىمىز كېرەك. پەرىزىمچە، ئۇنىڭ ”قىرانلىق دەۋرى“ ئىسلام مىستېتسىزمى جەنۇبىي شىنجاڭغا كەڭ تارالغاندىن كېيىنكى دەۋرگە توغرا كېلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭدا شۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىزنالىرى بار. ”خوجا“ دېگەن نام، جاھانكەزدىلىك، جاھان رەپتارىنى كۆرۈپ يەتمەك، نامرات تۇرمۇش، غىل-پال ئۇچراپ قالىدىغان تەقدىرچىلىك خاھىشى، قاتماللىققا قارشى دىنىي نۇقتىئىنەزەر، ئىپادىلەشتىكى، باياندىكى قىزىقچىلىق… ۋاھاكازالار بۇنىڭ ئىپادىلىرى. بولۇپمۇ كىشىلەر باي ياكى كەمبەغەل، كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولسۇن، قايغۇ ياكى خۇشاللىقتا، ئەزىزلىك ياكى خارلىقتا ياشىغان بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەقدىرىي ئەزەلدە بېكىتىلگەنلىك ئىدىىيىسى بۇ دەۋرنى پەرق ئېتىشتىكى ئىسپاتتۇر.
ئىلگىرى سودا كارۋانلىرى يولىدا سەپەر قىلغۇچىلار شۇ دەۋرگە كەلگەندە توپا-توزانلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن جاھانكەزدىگە ئايلانغان بولۇپ، سوپى، دەرۋىش، ئىشان، پىر دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇلار ئىدى. يەنە تېخى، ئۇ زاماندىكى بوستانلىق ھەمدە موڭغۇللار بىلەن كۆچمەن تۈركلەرنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى نەتىجىسىدە كۆچمەن چارۋىچىلارمۇ خوجا نەسرۇددىنغا ئامراق بولۇپ قېلىشقان. قازاقلار: ” خوجا نەسرۇددىن ئەسلىدە قازاقلارنىڭ، ئىشەنمىسەڭلار قازاقىستانغا بېرىپ سوراپ بېقىڭلار“ دەيدۇ؛ موڭغۇللار: ”بىزنىڭ بارگېنساڭ دەيدىغان قىزىقچىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ لەتىپىلىرىنى بوۋامنىڭ بوۋىسى ئاڭلاپتىكەن. كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ يايلىقىدا ئۇ سەللىسىنى ئېلىۋىتەركەن، بىر ئاز سەمرىپ قاپتىكەن، مىنگىنى ئېشەك ئەمەس، ئورۇق ئات بولۇپ، ئېگەردىن سىرىلىپ چۈشۈپ كىگىز ئۆينىڭ مىلەڭزىسىنى قايرىشتىن ئاۋۋال ئەھۋال سورايدىكەن. بەزىدە موڭغۇلچە گەپ قىلسا، بەزىدە قازاقچە گەپ قىلىدىكەن“ دېيىشىدۇ.
ئۇنىڭ ئوبرازى جاھانغا تارالغان. ئۇ بارغانلا يېرىدە كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقان بولۇپ، نام-شۆھرىتى ئوسمانلى ئېمپىرىيىسىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن؛ كىمكى ئەپەندىگە ئوخشاش ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ قىززىق لەتىپىلىرىنى ئاڭلىسا ئۇنىمۇ ئەپەندىنىڭ نامىدا ئېيتىپ، بېيىتىپ، ئەرەب- پارس- تۈرك ئەدەبىياتنىڭ تەركىۋىگە قوشۇۋەتكەن؛ ئەڭ يېقىنقى مىسالنى ئالساق، ئۇ بەلكىم شىنجاڭلىق شائىر كىرىم خوجا يېزىپ، ”تۆت كىشىلىك گۇرۇھ“نى مەسخىرە قىلغان «يېڭى تۈزۈلگەن ئەپەندى لەتىپىلىرى» بولسا كېرەك.
ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىدا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ھۈجەيرىسى بولغاچقا شىنجاڭدىكى بوستانلىقلارغا يومۇر، قىزىقچىلىقنىڭ ھىدى سىڭىپ كەتكەن. تارىم بوستانلىقلىرىنىڭ مەيىن شامىلىدا ئۇنىڭ بەدئىي سىماسى گۈلدەك پورەكلەپ ئېچىلىپ خەلقنىڭ روھىغا ئايلىنىپ كەتتى. دەرۋەقە، بىز بىلىدىغان ئەپەندى ئۇيغۇرغا تەۋە بولۇپ، ئۇ يەكەن ياكى قەشقەردە ئېشىكىنى يېتىلەپ بىزنى ھەر ۋاقىت كۈتۈپ تۇرىدۇ.
3
بالىلارغا خۇشاللىق بەرگۈچى بىلىم ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئەكبەر غۇلام 12 يىل تىرىشتى. گەرچە بەزىلىرى ئوخشىشىپ ياكى تەكرارلىنىپ قالسىمۇ ئۇ نەسىردىن ئەپەندىنىڭ 1300 دىن ئارتۇق لەتىپىسىنى يىغىپ تەرجىمە قىلدى! ھالبۇكى ئىلگىرىكى ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا مىقياسىدا توپلانغان لەتىپىلەر تەخمىنەن 550 ئەتراپىدا («ئىسلام قامۇسى»، پىڭفەن نەشرىياتى، 1982-يىل نەشرى).
ئۇ بالىلارغا ھېكايە سۆزلەش ئۇسلۇبىدىكى تىلنى قوللانغان بولۇپ، سۆز ئوينىتىشتىن خالىي، كىشىنى زېرىكتۈرمەيدۇ، ھەممە يېرىگە دېگۈدەك ئىزاھات بەرگەن. بالىلار ئۇ كىتابنى قولىغا بىر ئېلىۋالسا تاماق ۋاقتىدىمۇ تاشلاپ قويغۇسى كەلمەي، كۈلكە-يومۇرلارنى تاماققا ئارىلاشتۇرۇپ ئىشتىھا بىلەن يەۋېتەمدىكىن دەيمەن.
كىچىك بالا ئۇياقتا تۇرسۇن مەنمۇ ئۇ كىتابنى بىر ئوقۇپلا خۇمار بولۇپ قالدىم، ھەر ئاخشىمى بىر دەم ئوقۇۋېتىپ، ئۇيقۇم كېلىپ بولالمىغاندا ئاندىن ئۇخلايمەن. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ياستۇق بېشىدىكى كىتاب مەرىپەت كىتابىغا ئايلاندى. مەن ئۇ لەتىپىلەرنى چوڭلارغىمۇ ئوقۇپ بېرىش كېرەك دەپ ئويلايمەن.لەتىپىلەرنى ئوقۇۋېتىپ ئىختىيارسىز: كونىلار دۇنيادىكى ئىشلارنى شۇ قەدەر چوڭقۇر چۈشىنەلەيدىكەن، ئۇلارنىڭ ئەقلى نېمانچە تەرەققىي قىلغان-ھە! يەنە كېلىپ ئۇ دانىشمەنلەر ھەر خىل چەكلىمە-تەقىپلەرنى پايخان قىلالىغان. بەزى لەتىپىلەرنى بۈگۈن ئوقۇسا كىشى ھەيران قالىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۇنى ئادەتتىكىدەك ئېيتىۋەرگەن. مەن يەنە ”بالىلار قايسى لەتىپىىلەرنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىغاندۇ؟“ دەپ ئويلىدىم، ئويلاۋېرىپ بەزى كىچىك مەسىلىلەرمۇ كۈتۈلمىگەندە مۇرەككەپ ئىلمىي تېمىغا ئايلىنىپ قالدى.
ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىدە چوقۇم بىر ھېكمەت ياكى خاسىيەتلىك دورا بار، بولمىسا ئۇ كىشىنى نېمىشقا بۇنچە ئەسىر قىلىۋالىدۇ؟ مەنچە ئۇنىڭ سىرىدىن بىرى، ئۇ پەقەت ئېسىل لەتىپە، باشقا چوڭقۇر مەنىسى يوق. تاكاخىتونىڭ ئېيتقىنىدەك: ”كىشىلەرنىڭ يومۇرلىرىنى، ئەقىل-پاراسىتىنى، ئادەملەرگە بولغان كۆز قارىشىنى بىلىپ قويساق بولىدۇ؛ بەلكىم ئوقۇپ بىر كۈلىۋېتىپ، كىتابنى قاتلاپ قويغان تېخىمۇ ياخشى“ (تاكاخىتو، يۇقىرى كىتاب، 188-بەت).
مەسىلەن، بۇ لەتىپە پەقەت تىل ئويۇنى، بەلكىم بالىلار ئۈچۈن بىر زېھنىي مەشىق:
بىر چاشقان ئەپەندىنىڭ ئۆيىدىكى بايىلا سۇ توشقۇزۇلغان ئىدىشقا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئەپەندىنىڭ بالىسى ئەپەندىگە:
− دادا، بىر سەت چاشقان ئۆيىمىزدىكى ئىدىشقا چۈشۈپ كەتتى!- دەپ توۋلاپتۇ.
− ئەستا، ئۇنى دەرھال سۈزۈپ ئېلىۋەت!− دەپتۇ ئەپەندى.
− بولدىلا، دادا، مەن ئۆيىمىزدىكى مۈشۈكنى ئۇ يەرگە قويۇۋەتتىم!− دەپتۇ ئەپەندىنىڭ بالىسى.
(ئالىي نۇسخىلىق«ئەپەندى لەتىپىلىرى»، 28-بەت)
يەنە بىر لەتىپە بولسا سىياسىي ھەم ئىدىيىۋى مەناغا ئىگە. مەسىلەن، تاكاخىتو تەرجىمە قىلغان مۇنۇ لەتىپىدە دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئىككى تەرەپ يول تۇتقان تۈزۈم ئۇستىلىق بىلەن مەسخىرە قىلىنغان:
ئەپەندى كىچىك ۋاقتىدا بىر كۈنى مەدرىسكە ئوقۇغىلى مېڭىپتۇ. ئۇ ۋاقىتتا يېنىدا پىچاق ئېلىپ يۈرۈش چەكلىنەتتىكەن.بازارنى چارلاپ يۈرگەن پاششاپ ئەپەندىنىڭ يەكتىكىنىڭ ئاستىدىن كۆرۈنۈپ قالغان يوغان پىچاقنى كۆرۈپ قېلىپ:
−ئۇ نېمە؟− دەپ سوراپتۇ.
− مەن بۇ پىچاق بىلەن كىتابتىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىمەن،− دەپتۇ ئەپەندى.
− بۇنداق يوغان پىچاق بىلەن خاتالىقنى تۈزەتكىلى بولامدا؟− دەپ ۋاقىراپتۇ پاششاپ غەزەپ بىلەن.
− شۇنداق بېگىم، تېخى مۇشۇ پىچاقمۇ خاتالىقنى تۈزىتىشكە كىچىكلىك قىلىۋاتسا، ئادەتتىكى چوڭ خاتالىقلارنى نېمە بىلەن تۈزىتىمەن! (تاكاخىتو، يۇقىرىقى كىتاب، 187-بەت).
ئەكبەر غۇلام تەرجىمە قىلغان تۆۋەندىكى لەتىپىمۇ سىياسىي مەناغا ئىگە بولۇپ، چىرىكلەشكەن قازى مەسخىرە قىلىنغان. ”قازى“ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە噶的、噶最”گېزۈي، گې دى“ دەپ تەرجىمە قىلىغان. ئەسلى ئەرەبچە بولغان ”قادىي“ ئاتالغۇسى دىن بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشكەن دەۋردىكى سوتچىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۆز ئىسپان تىلىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن alcalde (شەھەر باشلىقى) دېگەن سۆزگە ئايلانغان.
بىر كۈنى ئەپەندى قازىغا ئەرز ئېيتىپ كەپتۇ.
− ئىسمىڭ نېمە؟− دەپ سوراپتۇ قازى.
−ئىسمىم پارا،− دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندى.
− نەدىمۇ بۇنداق ئىسىم بولسۇن؟− دەپ كۈلۈپ كېتىپتۇ قازى.
− ئاڭلىسام سىلى پارىنى بەك ياخشى كۆرىدىكەنلا، شۇڭا ئىسمىمنى پارا دەپ ئۆزگەرتىۋالدىم،− دەپتۇ ئەپەندى.
(ئاددىي مۇقاۋىلىق «ئەپەندى لەتىپىلىرى»، 8-بەت)
ئەپەندى ئاساسەن خان، قازى، باي قاتارلىقلارنى قاتتىق مەسخىرە قىلىدۇ. كۆپلىگەن دانىشمەنلەر نامرات پۇقرالارغا ئوخشاش ئېشەك مىنىپ يۈرگەندەك، ئۇلار بىلەن دائىم بىر تەرەپتە تۇرىدۇ. بۇنداق چاققانلىق، پەم-پاراسەت، ئۈمىدۋار قەلب ۋە گەپدانلىق ئاۋام خەلقنىڭ مەڭگۈلۈك بايلىقى. خەلقنىڭ مەيدانى كۈلكە ساداسى ئىچىدە نامايەن بولىدۇ. ئېنىقكى، بۇ كىتاب تەربىيىلەش قوللانمىسى: بالىلارغا كۈلكە-يومۇر ئاڭلىتىپ چوڭ قىلىش ئۇلارغا يىغا-زارە ئاڭلىتىپ چوڭ قىلغاندىن جىق ياخشى. شۇنداق ئادەتلىنىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار جەبىر-مۇشەققەتلەرگە دادىل يۈزلىنىدىغان مىللەتكە ئايلانغان.
ئۆتكەن يىلى، ئىسرائىلىيە گازا رايونىدا توپ ئېتىپ قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقاندا بۇ كىتابنىڭ ئالىي نۇسخىسى، ئاددىي نۇسخىسى كۆركەم مۇقاۋىلىرى بىلەن بېيجىڭدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا، يىغىن مەيدانىنىڭ سىرتىدا قىرغىنچلىق داۋام قىلىۋاتاتتى. ئەپەندىنىڭ قېرىنداشلىرى ياۋۇزلارچە باستۇرۇپ كېلىۋاتقان تانكىغا تاش ئاتماقتا ئىدى. شۇ ئەسنادا مەن ”مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئەپەندى لەتىپىلىرىنى ئوقۇشنىڭ پايدىسى كۆپ، چۈنكى ئۇ كىشىلەرگە قوراللىق زەربە بېرىشتىن باشقا يۇمۇرنىڭمۇ ئۇلارنىڭ قورالى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ“ دەپ ئويلاپ قالدىم.
بۇ زاكون ناھايىتى كۈچلۈك. مەن مەدەنىيەت ئىخلاسمەنى بولۇپ سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ ۋەزنىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم. خەلقنىڭ تىلى ھەقىقەتەن زور بايلىق، دۇنيادىكى تەڭسىزلىك ۋە جەبىر-زۇلۇمغا بولغان قارشىلىق غەزەپ بىلەن تاش ئېتىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ قالماستىن، ئاچچىق كۈلكە، يومۇر ئارقىلىق پارتىلاپ چىقالايدۇ!
4
ئەگەر ئازراق ئىزدىنىپ باقىدىغان بولساق مەسىلىنىڭ تەكتىگە چۆكەلەيمىز. ئەپەندىنىڭ ئادەتتىكى گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەرگىز جاھاندىن بىغەم ھەزىلكەشلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭدا مەلۇم ئىدىيە ئىپادىلەنگەن.
ئەپەندىنىڭ دوگمىچىلىقنى ئۆتكۈر مەسخىرە قىلىشى دىن مەدەنىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان دىندىن خالىي تەتقىقاتچىلاردا دائىم خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى تۈركولوگلار پىكىر ئەركىنلىكى جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا گەپ-سۆز قولايلىقى ئۈچۈن دىنىي مەزمۇنلارنى يەكلىگەن. بۇ شامال جۇڭگوغا كەلگەندىن كېيىن ئەپەندىنى بىر تەرەپلىمە چۈشەندۈرىدىغان ئەھۋال پەيدا بولغان.
شۇنداقتىمۇ ئۇنى سوپىزىمغا باغلاپ يىغىنچاقلاپ بېقىش كىشىنى قاراملىققا باشلاپ قويىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. چۈنكى بىر ئىستاكان سۇ ياكى دېڭىز بولسۇن، ئۇنىڭدا قانچە تامچە سۇ بارلىقىنى ئېنىقلاش مۇمكىن ئەمەس. ئەپەندىنىڭ بەزى لەتىپىلىرى ئېيتىلغان ھامان كىشىلەردە قاتتىق كۈلكە قوزغايدۇ. ئەمما ئارقىدىنلا سوئال قويغاندا، كۈلكە گويا ئۇنى ئوراپ تۇرغان قېلىن قاسراققا ئايلىنىپ، تەكتى ماھىيىتىنى بايقاش تەسلىشىپ كېتىدۇ. بەك بولسا بىز ئۇنىڭدىن ئېچىنىشتىن كېيىنكى شۈكۈر-قانائەتنى، چۈشىنىشتىن كېيىنكى كەڭ قورساقلىقنى ھېس قىلالايمىز.
خان ئوردىسىغا قوشنا دۆلەتتىن بىر ئۇلىما كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئۇ ئوتتۇرا قويغان قىرىق سوئالغا بىرلا ئېغىز گەپ بىلەن جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىپتۇ. پادىشاھ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ھېچ جاۋاب بېرەلمەي ئەپەندىنى چاقىرتىپ كەپتۇ. ئەپەندى ئوردىغا كىرىپ، بولغان ئەھۋالنى ئاڭلاپ، ئۇلىماغا:
− قېنى سوئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويسىلا، قۇلىقىم سىلىدە،− دەپتۇ.
ئۇلىما قىرىق سوئالنى كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ بولۇپ:
− قېنى ئەپەندى، جاۋابىڭنى ئېيت!− دەپتۇ.
ئەپەندى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ:
− بىلمەيمەن،− دەپتۇ.
(ئاددىي نۇسخىلىق «ئەپەندى لەتىپىلىرى»، 44-بەت)
بۇ لەتىپىنى بىر-ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ مەنتىقىسىنى ئىزدەپ، ئەپەندى زادى ئۇ ئۇلىمانىڭ شەرىئەتتىكى شەكىلۋازلىقى، چۈپەيلىكىنى مەسخىرە قىلماقچىمۇ ياكى ئۇنىڭ مەمەدانلىقىنىمۇ؟ دېگەننى بىلەلمەي يۈرۈۋاتىمىز. بۇ لەتىپە ئىسلام دىنىدىكى ئاساسىي ئۇقۇم بولغان ۋەھدەت (ئاللاھنىڭ بىرلىكى) نى بىر ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ بەرمەكچىمۇ؟ ياكى ئۇ پەقەت سىرلىق دۇنيانى ھەزىل قىلغان بولۇپ، باشقا ھېچقانداق پەلسەپىۋى مەنە يوقمۇ؟
ئەپەندى بىر ئۆمۈر جاھان كېزىپ يۈرگەن؛ سەللە ئوراپ، ئېشىكىگە مىنىپ، دېھقانلار، سودىگەرلەر، مەسچىت ئەھلى، تىرىكچىلىك ئەھلى، بوستانلىقتىكى ئاددىي ئادەملەر بىلەن ئۇچراشقان؛ ئۇ نەگىلا بارسا مول تۇيغۇسى، چىۋەر-چاققانلىقى بىلەن قىزىقچىلىق قىلىپ، چىرىپ كەتكەن پادىشاھلار، بايلار، ئاخۇنلار، ئۇلىمالارنى ئۇستىلىق بىلەن مەسخىرە قىلىپ، ئەدەبلەپ تۇرغان. ئۇ ساڭساڭ (كالتىكى) بىلەن خاننى مەسخىرە قىلسا، قەبرە تېشى بىلەن باينى مەسخىرە قىلغان؛ ھەقىقەت ئارقىلىق بىدئەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئۇلىمالارنى مازاق قىلغان. ئۇ ئۆلۈك ئەقىدىۋازلىق ۋە چىرىپ كەتكەن تۈزۈمنى ئالا قويماي تەنقىدلىگەن بولۇپ، ئۆزگىچە ساۋاق، ھېكمەتلىرى كۆرۈلۈپلا تۇرىدۇ، مەزمۇنى ئىنتايىن مول. ئەگەر ئۇنىڭ نېگىزىنى تەتقىق قىلىدىغان بولساق، بارلىق ئىشلارنىڭ ھەقىقەتنى ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى قۇدرەتلىك ئاللاھقا ھاۋالە قىلىنغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئاخىرىدا خوجا نەسىردىننى يەنىلا بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ بولالمايمىز. ئەپەندى زادى قانداق ئادەم؟ بەلكى ئۇنى سوپى دېسەك بىر ئاز توغرا.
ئارقىدىن ئۇنىڭغا مۇنداق بىر جۈملىنى قوشۇپ قويۇش كېرەك: ئەپەندىنىڭ سۆزلىرى، چاقچىقى، ھەتتا ئۇنىڭ ئېشىكى بەلكىم قىزىقچىلىقتىن، گەپ ئوينىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. بۇ نۇقتىغا ئەستايىدىل قاراش ئۇنىڭ سوپىلىق ماھىيىتىگە ئەستايىدىل قاراشقا ئوخشاشلا مۇھىم. چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدىغان سوپىزم ئېھتىمال بۇ يەردە باشقىچە جۇلالاندۇرۇلغاندۇر. تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش، ئۆزىنى كەڭ قورساقلىققا ئۈندەش، تىلىدا پاسسىپ تۈسكە ئىگە ئاكتىپ جۈملە، دارىتما سۆز، نازۇك مەنىلەرنى دائىم قوللىنىش، كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش، كىشىلەرگە ئۈمىد بېغىشلاش، مۇشەققەتكە پەرۋا قىلماسلىق دېگەندەك چىن ئېتىقاد دەل سوپىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.
ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرىدە جاھاندىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تېپىلىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى لەتىپە شەكلىدىكى قامۇس دەپ ئاتىشىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭدا ئۇرۇش-جەڭگە چېتىلىدىغان مەزمۇن يوق. بۇ بەلكىم كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر ئەھۋال، دەرۋەقە، بوستانلىقتىكى كىشىلەر ئۆزىمۇ ھېس قىلمىغان تىنچ، بىغەم كۈنلەردە پەقەت سۆيۈملۈك تىنچلىقلا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بولۇشى كېرەك. ئەپەندىنىڭ ئۇ يەردە كۈلكە چىراي ھالدا ئېشەكلىك سەپەر قىلىشى بىزگە شۇنىڭدىن بېشارەت بېرىدۇ.
دېرىزىنى ئېچىشىم بىلەنلا كىرىپ كەلگەن تىنچلىق شامىلى ئوچوق ئاسماندا يېغىۋاتقان، تېخى يەرگە چۈشۈپ ئۇرۇقلارغا سىڭمىگەن يامغۇر تامچىلىرىدەك قەلبىمگە سىڭدى. ھەر كۈنلۈك ھاۋاغا كىممۇ ئالاھىدە دىققەت قىلسۇن؟ دېمەك بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تىنچلىققا تەساددىپىي ئېرىشىپ قالغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان. تىنچ پەسىللەردە جىمى مەۋجۇداتنىڭ تەپەككۇر قانىلى ئېچىلىپ، ھاياتلىق شادلىقىنى سۈمۈرىدۇ. ئۇ كىشىلەرنى تېخىمۇ ئەقىللىق، بەلكى ئازراق شوخلۇقىمۇ بار قىلىپ قويىدۇ. نەتىجىدە قاتمال بىدئەتچىلىكنىڭ ئۇلى تەۋرەپ ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ قالدۇقلىرى پەقەت ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرىگە كۈلكە خۇرۇچى بولۇپ بېرىدۇ.
شۇڭا ئاخىرىدا ئۇنىڭ قايسى دەۋرگە تەۋەلىكىنى ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيا تىنچلىقتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بولۇپ، ئەنجۈر كۆچۈرىدىغان جايغا يتەرلىك كۈن نۇرى ۋە يامغۇر كېرەك بولغىنىدەك، ئەرەبلەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئەپەندىگە تىنچ، ئىللىق ماكان بەخش ئەتتى. مەسخىرە-كىنايە ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن، سۆزلەر بارغانچە يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان، كىشىنى زوقلاندۇرۇپ ئارقىدىن ئويلاندۇرىدىغان لەتىپىلەر مەيدانغا كەلگەن ئۇ دەۋر زادى قانداق دەۋر؟ ئەپەندى بەھرىمەن بولغان سۆزلەش ھوقۇقى كىشىنى ھەۋەسلەندۈرىدۇ ھەم ئويغا سالىدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، شىنجاڭنىڭ 19-ئەسىردىن ئىلگىرىكى تارىخى ھەققىدە بىلىمىمىز چولتا، ئۇ دەۋرلەرنىڭ سىرلىق يۈزىنى تولۇق كۆرۈشكە تېخى مۇۋەپپەق بولالمىدۇق.
ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئېشىكىگە ئەگىشىپ ماڭساق جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئۆتمۈشىگە قايتىپ بارالايمىز. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ باشقا ساھەلىرىدىكى تەتقىقات، كۆزىتىشلەرگە ئوخشاشلا مۇئەييەن بىلىم ۋە تاۋلىنىش جەريانى كېرەك.ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش قالتىس ئىش، ئۇنىڭ لەتىپلىرىنى كۆپ ئوقۇسا ئاۋام خەلقنىڭ تىلى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ئۇققىلى، ئېشەككە مىنىپ ئولتۇرغان كىشىنىڭ كۆز ئىشارەتلىرىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
بۈگۈن ئۇ ياشىنىپ قالسىمۇ يەنىلا ئېشىكىگە مىنىپ جاھان كېزىپ مەدەنىيەت داۋانلىرىنى قېدىرىپ تەكشۈرمەكتە. بىز بالىلىرىمىز بىلەن بىللە ئۇنىڭغا خۇشال-خوراملىق بىلەن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ يەنە قانداق قىزىق لەتىپىلەرنى سۆزلەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلايلى.
(بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى جاڭ چېڭجىژ (خۇيزۇ)،
«كىتاب ئوقۇش» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 5-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)