ئەمدى مەن بۇ قېتىملىق ئۇزۇن سەپىرىمنى سۆزلەپ بېرەي. مەن يىراق دۆلەتتىن كەلدىم، ئۇ يەر دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىدە شېۋىتسىيە بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، ئۇ يەردىكى مەنزىرە ۋە جۇغراپىيەلىك بېكىنمە مۇھىت شېۋىتسىيە بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇ مېنىڭ دۆلىتىم چىلى، ئۇ شىمالدىن جەنۇبقا، يەر شارىنىڭ جەنۇب چېگرىسىغا سوزۇلىدۇ، ھەتتا جەنۇبىي قۇتۇپقا تۇتىشىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ.بۇنداق يەر شەكلى شېۋىتسىيە بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىدۇ، پەقەت تەرەپ ئوخشىمايدۇ، شېۋىتسيە بولسا شىمالغا سوزۇلۇپ، قار-مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان شىمالىي مۇز ئوكيانغا تۇتىشىپ كېتىدۇ.
ۋەتىنىمنىڭ زېمىنى شۇنچە بىپايان، ماڭا بەرگەن تەسىرى شۇنداق، ئەمما بۇ يەردە مەن ئەسلەشنى خالىمايدىغان بىر ئىش بار. بىر قېتىم بىز چىلى بىلەن ئارگېنتېنانىڭ چېگرىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەندىس تاغ تىزمىسىنى بويلاپ ماڭدۇق، بەئەينى تونېلغا ئوخشايدىغان، ئىپتىدائىي ئورمانلىق بىلەن قاپلىنىپ كەتكەن بۇ يەردە ماڭماق ناھايىتى تەس ئىدى، يەنە كېلىپ بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىز مەخپىي بولۇپ، بىر كىم تۇيۇپ قالسا بولمايتتى، شۇڭا بىز ئاندا-ساندا ئۇچراپ قالىدىغان بەلگىلەرگە ئاساسەن تىمىسقىلاپ ماڭدۇق. بۇ ھېچكىم ماڭمىغان يول بولۇپ، ئازادە ماڭغۇدەك چىغىر يولمۇ يوق ئىدى. مەن ۋە تۆت ھەمراھىم ئاتقا مىنىپ يوغان دەرەخلەر، تىك قىيالار، شىددەتلىك دەريالار ۋە قېلىن قار دالالاردىن ئايلىنىپ ئۆتتۇق. تاغلارغا ياماشتۇق، يانچە ماڭدۇق، تەڭپۇڭلۇقىمىزنى ساقلاشقا تىرىشتۇق، ماڭا ھەمراھ بولغان يەرلىك كىشىلەر بۇ قەدىمىي ئورمانلىقنى بەش قولدەك بىلسىمۇ، ئاتتا ئولتۇرۇۋېلىپ دەرەخلەرگە قىلىچ چېپىپ، قايتىدىغان يولغا بەلگە قالدۇرۇپ قويۇشتى، بۇ بەلگىلەر بىزنى قايتىدىغان مەنزىلىمىزگە سالامەت يەتكۈزۈپ قويالايتتى.
بىز چەكسىز غېرىبلىق ئىلكىدە ئالدىمىزغا سىلجىدۇق. غايەت چوڭ دەرەخلەر، يوغان شاخ-شۇمبىلار، ئەسىرلەردىن بېرى غازاڭلار قات-قات دۆۋلىنىپ كەتكەن مۇنبەت تۇپراقلار، ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئالدىمىزنى توسۇپ قويغان ياغاچلار− يېشىللىق ۋە قاقشاللىق ئارىلىشىپ كەتكەن، يىللار بويى سۈكۈتتە ياتقان بۇ يەردە توختىماي ماڭدۇق. تەبىئەت شۇنچە رەڭدار، شۇنچە سىرلىق ئىدى. بەزىدە قارنىڭ سوغۇقى سۆڭەكتىن ئۆتەتتى، بەزىدە ئارقىمىزدىن بىرەر نېمە قوغلاپ كېلىدىغاندەك تۇيۇلاتتى، دېمەك، بۇ جىددىي ۋەزىپىمىز يالغۇزلۇق ۋە خەۋپ-خەتەرگە باغلىنىپ كەتكەنىدى.
بەزىدە ئاندا-ساندا ئاياغ ئىزلىرى ئۇچراپ قالاتتى، ئەتكەسچىلەر ياكى قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئىزى بولسا كېرەك، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى قاتتىق سوغۇقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى.ئەندىس تېغىدىكى قارلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدىغان بولسا، كېتىۋاتقان ئادەملەرنى كۆمۈپ، نەچچە گەز چوڭقۇرلۇققا دەپنە قىلاتتى.
يول بويىدىكى دالىدا ئادەملەر ياسىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى− يوغان، ئۇزۇن شاخلار دۆۋىلەپ قويۇلغان قەبرىلەرنى كۆردۈم، بۇ شاخلارنى نەچچە قىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، بۇ يەردىن نەچچە ئۆتكەن ئادەملەر دۆۋىلەپ قويغانىدى. يىللاردىن بېرى، ھايات قالغۇچىلار بۇ شاخلارنى ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمەي، قارنىڭ ئاستىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنلەرگە ئاتاپ تىكلەپ قويغانىدى. ھەمراھلىرىممۇ بېشىدا ساڭگىلاپ تۇرغان شاخلارنى كەستى.ئۇ يوغان، مەزمۇت دەرەخ قىش ئالدىدىكى شىۋىرغاندا بىر نەچچە تال قۇرۇق يوپۇرماقلىرىنىڭ قالغىنىغا قارىماي شار-شار ئاۋاز چىقىراتتى. مەنمۇ ھەر بىر قەبرىگە كۆڭلۈمنى ئاتىدىم، ئاتىغىنىم ئەلۋەتتە شاخ ئىدى، بۇ شاخلار ئۇ ناتونۇش قەبرىلەرنىڭ زىننىتى بولۇپ قالىۋەردى.
ئەمدى دەريادىن ئۆتۈشىمىز كېرەك ئىدى. ئەندىس تېغىدىن ئېقىپ چۈشكەن سۇلار شىددەتلىك ئېقىنغا، ئاندىن شارقىراتمىغا ئايلانغان بولۇپ، تاش-تۇپراقنى كۈكۈم تالقان قىلغۇدەك زەربە بىلەن شارقىراپ چۈشەتتى. ئەمما بىز كۆلدەك تىنچ ئېقىنغا دۇچ كەلدۇق، ئاتلار دەرياغا كىردى، ئەمما پۇتلىرى يەرگە تەگمىگەچكە قارشى قىرغاققا قاراپ ئۈزۈشكە باشلىدى. ئات سۇدا تېپىچەكلەيتتى، بېشىنى سۇدىن چىقىرىۋېلىشقا تىرىشاتتى، بۇ چاغدا مەن ئىشەنچىمنى يوقاتتىم، ئات بىلەن گاھ لەيلەپ، گاھ چۆكتۈم، مۇشۇنداق قىلىپ قىرغاققا ئاران يەتتىم. ماڭا ئەگىشىپ كەلگەن يول باشلىغۇچىلار كۈلۈمسىرەپ:
− قورقۇنچلۇقمىكەن، ئەپەندى؟- دەپ سوراشتى.
− ھەئە، ئادەمنى راست قورقۇتىۋېتىدىكەن، مەن تېخى ئۆزەمنى تۈگەشتىم دەپ ئويلىغان.
− بىز سىزگە تايانغاچقا ئارقىڭىزدىن يېتىشىپ كەلدۇق.
يەنە بىر يول باشلىغۇچى گەپ قىستۇردى:
− ئەپەندىمنىڭ سۇغا چۆكۈپ كېتەي دەپ قالغىنىنى كۆرۈپ، ئىشىمىز تۈگىشىپتۇ دەپ ئويلىغانىدۇق.
بىز داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەبىئەت ئۆزى ئېچىپ قويغان يولغا كىردۇق. بۇ گرانت تاشلاردىن شەكىللەنگەن دەريا قىنى بولۇپ، يەر پوستىنىڭ ھەرىكىتىدىن ئەمەس، بەلكى تاشقىن سۇلارنىڭ زەربىسىدىن شەكىللىنىپ قالغانىدى. ئاتلار بۇ يولغا كىرىپلا تېيىلغىلى تۇردى، مۇدۇر-چوقۇر تاشلارنىڭ ئارىسىدىن پۇتىنى قويغۇدەك يەر تاپالمىدى، ئات تاقىلىرى بىلەن تاشلار سۈركىلىپ ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتاتتى. مەن پات-پات ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ كېتەتتىم. ئېتىم بىلەن مەن باشتىن ئاياغ قانغا بويىلىپ كەتتۇق، قانىغان يەرگە لاي سۇۋاپ قويدۇم. بۇ كەڭ ۋە يورۇق يولدا بىز مۇشۇ تەرىقىدە قىينىلىپ ماڭدۇق.
بۇ بىپايان بۈك ئورمانلىقتا بىزنى بىر نەرسە كۈتۈپ تۇراتتى.بىز توساتتىن تاغ تۈۋىدە كىچىككىنە يايلاقنى كۆرۈپ قالدۇق، يىراقتىن قارىغاندا ئۇ خۇددى كەم كۆرۈلىدىغان خىيالىي مەنزىرىگە ئوخشايتتى. سۇلىرى زۇمرەت، ئوتلىرى ياپيېشىل، ھەممە ياق ياۋا گۈللەرگە تولغان، ئېرىق سۇلىرى شىرىلداپ ئېقىۋاتقان، ئاسمىنى كۆپكۆك، ھېچقانداق دەرەخ توسۇۋالمىغان قۇياش نۇرى ئۇ يەرگە تولۇق نۇر سېپىپ تۇراتتى.
بىز ھەقىقەتەن خىيالىي دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك، مۇقەددەس جايغا كېلىپ قالغان مېھمانلاردەك ئىختىيارسىز توختاپ قالدۇق؛ ئاندىن بىر مۇراسىمغا قاتناشتۇق. يول باشلىغۇچىلار ئاتتىن چۈشۈپ مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا بۇقىنىڭ باش سۆڭىكىنى قويدى، مۇراسىم باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. ھەمراھلىرىمىز كەينى-كەينىدىن ئالدىغا ئۆتۈپ، باش سۆڭەكنىڭ تۆشۈكىگە تەڭگە ۋە يېمەكلىكلەرنى تاشلىدى، مەنمۇ ئۇلارنى دوراپ، ئۇلارغا قېتىلىپ بىر نەرسىلەرنى ئاتىدىم. يولدىن ئېزىپ قالغان سەيياھلار ۋە ھەر تۈرلۈك قاچقۇنلار كېيىنچە باش سۆڭەكنىڭ چانىقىدىن بولكا ۋە پۇل ياردىمى ئالاتتى.
ئەمما بۇ ئۇنتۇلماس مۇراسىم بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشمىدى، يېزىلىق دوستلىرىم قالپىقىنى ئېلىپ، غەلىتە ئۇسسۇللارنى ئويناشقا باشلىدى. ئۇلار ئالدىدىكىلەر دەسسەپ ئويمان قىلىپ قويغان يەرگە بىر پۇتى بىلەن دەسسەپ ئۇسسۇل ئوينىشاتتى، مەن ئۇلارنىڭ چۈشىنىكسىز ھەرىكەتلىرىگە قاراپ، مەستخۇشلۇق ئىلكىدە بەزى ئىلھاملارغا ئىگە بولدۇم:
”تونۇشمايدىغانلارمۇ بىر-بىرى بىلەن ئالاقىلىشەلەيدۇ. دۇنيانىڭ ئەڭ يىراق، ئادەم ئاياغ باسمايدىغان يەرلىرىدىمۇ غەمخورلۇق، ئىنتىلىش ۋە تەسىرلىنىشلەر بولىدۇ“.
بىز داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدۇق. ۋەتەن چېگرىسىغا يېقىنلاشقان ئەڭ ئاخىرقى سايلىققا كەلگىنىمىزدە كۈن ئولتۇرۇپ كەتكەنىدى. بىز چىراق يورۇغىنى كۆرۈپ، ئۇ يەردە چوقۇم ئادەم بار دەپ ئويلىدۇق. ئەمما ئۇ يەرگە بارغىنىمىزدا ۋاقىتلىق سېلىنغان، ھازىر خاراپلىشىپ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىر نەچچە ئۆينىلا كۆردۇق. بىر ئۆيگە كىرىپ، ئوت يورۇغىدا ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا غايەت يوغان بىر شاخنىڭ كۆيۈۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، يەنى غايەت زور كېتون ماددىسى كېچە-كۈندۈز كۆيمەكتە ئىدى، تورۇس بويى ئۆرلىگەن ئىس-تۈتەك بىر قەۋەت كۆك رەڭلىك پەردە بولۇپ، قاراڭغۇلۇققا يېيىلاتتى. ئۆيدە يەرلىك كىشىلەر ئەتكەن پىشلاق دۆۋىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئوتنىڭ يېنىدا بىر نەچچە ئەر تاشلىنىپ قالغان خالتا ياكى قانداقتۇر بىر نەرسە-كېرەكتەك جىمجىت ياتاتتى… بىز سۈكۈت ئىچىدە گىتار ئاۋازى ۋە ناخشىلارنى ئاڭلىدۇق. قاراڭغۇ كېچىدىكى بۇ ئىس-تۈتەكتىن چىققان نىدا بىز بۇ سەپەردە تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان ئىنسان ئاۋازى ئىدى، ئۇ مۇھەببەت ۋە تەنھالىق كۈيى ئىدى؛ ئۇ مۇھەببەتنىڭ ھەسرىتى، يىراقتىكى باھار، تەرك ئېتىلگەن يۇرت، تۈگىمەس ھاياتقا بولغان سېغىنىش ئىدى. ئۇلار بىزنىڭ كىملىكىمىزنى بىلمەيتتى؛ مەندەك قاچقۇننىمۇ بىلمەيتتى، مېنىڭ شېئىرلىرىم ۋە ئىسمىمنىمۇ بىلمەيتتى. ھەي، ئۇلار بىلەمدۇ؟ بەلكىم ھەممىنى بىلىدۇ. ئەمما ئۇ چاغدا ھەممىمىز ئوتنى چۆرىدەپ ناخشا ئېيتتۇق، يېمەكلىكلەرنى يېدۇق. كېيىن بىز يەنە ئۆيدەك ئىسكەتى يوق بىر نەچچە ئۆيگە كىردۇق، بىر نەچچە ئىشىكتىن ئۆتكەندىن كېيىن بىر ئارشاڭنىڭ ئېقىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق، ئۇ يانار تاغدىن ئېقىپ چىققان ئىسسىق سۇلار ئىدى، ئۇنىڭ ئىللىق باغرىغا شۇڭغۇدۇق.
بەدىنىمىز ئىسسىق سۇدا يايراپ، خوشلۇقىمىز دولقۇنلاردەك يامرىدى. كۆپچىلىك سەپەردىكى ھارغىنلىقىنى تۈگىتىپ، قايتىدىن كۈچ-مادارغا تولدى. تاڭ يورۇغان ھامان بىز ئاخىرقى بىر نەچچە چاقىرىملىق سەپىرىمىزنى باشلىدۇق. روھىمىز كۆتۈرەڭگۈ، خۇشال-خورام ئىدۇق، ئات ئۈستىدە ناخشا توۋلىغاچ ماڭدۇق. بۇ ئىشلار ھازىرغىچە ئېسىمدە.ماڭىدىغان چاغدا بىز ناخشا، يېمەكلىك، ئارشاڭ، ئۆي، ئوتۇن دېگەندەك كۈتۈلمىگەن ياردەمگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر ئاز پۇل چىقىرىپ ئۇلارغا، يەنى ھېلىقى بىر نەچچە ئەرگە بەرسەك، ئۇلار قەتئىي رەت قىلدى:
− بۇ ئازغىنە ياردەم، خالاس.
” خالاس “ دېگەن بۇ بىر نەچچە سۆزگە نۇرغۇن گەپلەر، چۈشىنىش ۋە غايە مۇجەسسەم بولغان!
ئەپەندىلەر، خانىملار:
مەن كىتابتىن شېئىر يېزىش ماھارىتىنى ئۆگەنگەن ئەمەس؛ شۇنداقلا دېمەكچى بولغانلىرىم، ئۇسلۇب-ماھارەتلىرىم دېگەندەك نەرسىلەرنى كىتاب قىلىپ چىقارمايمەن. يېڭى شائىرلار مەندىن ئاتالمىش ئەقىل-پاراسەت جەۋھىرىدىن بىر تامچىمۇ ئالالمايدۇ. بۇ نۇتقىمدا ئۆتمۈشتىكى بەزى ئىشلارنى بايان قىلدىم، بۇ ئالاھىدە سورۇن، ئالاھىدە مەيداندا ئۇنتۇلماس كەچمىشلىرىمنى سۆزلىدىم، چۈنكى ھاياتلىق سەپىرىمدە دائىم مەلۇم جايدا زۆرۈر ئىشەنچكە ۋە مېنى كۈتۈپ تۇرغان پىلان-لايىھەگە ئىگە بولدۇم، نۇتقىمنى پۇختىلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز ھېسسىياتىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇلارنى دەۋاتىمەن.
ئۇزۇن سەپەردە مەن شېئىر تەييارلاشنىڭ زۆرۈر رېتسىپلىرىنى بايقىدىم، ئۇ بولسىمۇ زېمىن ۋە قەلبىمنىڭ ماڭا قوشقان تۆھپىسى. مەنچە شېئىر ۋاقىتلىق ۋە تەنتەنىلىك ھەرىكەت؛ يالغۇزلۇق ۋە مەدەت، ھېسسىيات ۋە ئىش-ھەرىكەت، شەخسنىڭ دەردى، ئىنساننىڭ مەخپىي ھېسسىياتى، يارىتىش بېشارىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شېئىردا بىرلا ۋاقىتتا قانات يايىدۇ. مەن يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەممە نەرسە− ئادەم ۋە ئۇنىڭ سايىسى، ئادەم ۋە ئۇنىڭ پوزىتسىيەسى، ئادەم ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى كۈنسېرى كېڭىيۋاتقان دائىرىدە، رېئاللىقىمىز ۋە چۈشلىرىمىزنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان پائالىيەتلىرىمزدە داۋاملىشىدۇ، شۇنداق بولغاچقا ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشەلەيمىز ۋە بىرلىشەلەيمىز. مەن يەنە شۇنداق دېيەلەيمەنكى، شۇنچە يىللاردىن كېيىن، بىز شىددەتلىك دەريادىن ئۆتكەندە، كالا سۆڭىكىنى چۆرىدەپ ئۇسسۇل ئوينىغاندا، ئېگىزلىكتىكى ئارشاڭغا چۆمۈلگەندە ئالغان بېشارەتلەرنىڭ كېيىنچە باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش مەقسىتىدە ئىچىمىزدىن تۇغۇلغان ئىلھاملار ئىكەنلىكىنى ياكى باشقىلار تەلەپ ۋە چاقىرىق سۈپىتىدە بىزگە يوللىغان ئۇچۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. مەن ئۇلارنىڭ زادى كەچمىشلىرىم ياكى ئىجادىيىتىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئەينى چاغدا يازغان شېئىرلىرىم بىلەن كېيىن ئۇنى دېكلاماتسىيە قىلغاندىكى تەسىراتىمنىڭ زادى ئەمەلىيەت ياكى شېئىر ئىكەنلىكىنى، ئۆتكۈنچى ياكى مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.
دوستلار، شۇنداق قىلىپ، شائىرلار باشقىلاردىن ئۆگىنىدىغان بىر خىل بېشارەت تۇغۇلدى: مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان يالغۇزلۇق يوق. يوللار تۇتىشىپ بىر نۇقتىغا− پىكىرلىشىش نۇقتىسىغا كەلدى. يالغۇزلۇق، مۇشەققەت، بېكىنمچىلىك، غېرىبلىقنى بۆسۈپ ئۆتكەندىلا ئاجايىپ مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ. ئاندىن ئۇ يەردە كالاڭپايلارچە ئۇسسۇل ئويناپ، ھەسرەتلىك ناخشىلارنى ئېيتالايمىز، ئەڭ قەدىمكى ئاڭنى تولۇق ئىپادىلىيەلەيمىز، مانا بۇ، ئاڭ ۋە ئىشەنچنى ئورتاق تەقدىر قىلغان ئەنئەنىدۇر.
دەرۋەقە، بەزىلەر، بەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەر مېنى دىندار دەپ قارايدۇ، مېنى دوستلۇق ۋە ئېتىقادنىڭ ئورتاق زىياپىتىگە قاتناشمايدۇ دەپ ئويلايدۇ، مەن ئۆزەمنى ئاقلىماقچى ئەمەس؛ مېنىڭچە، ئەيىبلەش ياكى ئاقلاش شائىرنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. يەنە كېلىپ ھەر قانداق شائىر دەسلەپتە شېئىر يازمىغان. ئەگەر ئۇلاردىن بىرى كەسىپداشلىرىنى مەخسۇس ئەيىبلىسە ياكى توغرا بولسۇن، بىمەنە بولسۇن، بارلىق ئەيبلەشلەرگە رەددىيە قايتۇرۇش بىلەن ئۆمرىنى تۈگەتسە، ئىشىنىمەنكى، بىكارچىلىق، مەنىسىزلىكلا بىزنى مۇشۇنداق تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. مېنىڭچە شېئىرىيەت دۈشمەنلىرى شېئىر يازغۇچىلار ۋە شېئىرنى قوغدىغۇچىلار ئىچىدە ئەمەس، بەلكى شائىرلارنىڭ ئۆزىدىكى زىددىيەتتە. شۇڭا ھەر قانداق شائىرنىڭ ئەمەلىي دۈشمىنى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدا، ھەممىدىن بەك ئەخمەق قىلىنغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغان قۇرداشلىرى بىلەن ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلالماسلىقتىكى ئىقتىدارسىزلىقىدا، بۇ نۇقتا ھەر قانداق دەۋر، ھەر قانداق رايونغا ماس كېلىدۇ.
شائىر ھەرگىز ”كىچىك تەڭرى“ ئەمەس. شۇنداق، ”كىچىك تەڭرى“ ئەمەس. شائىر ھەرگىز باشقا خىزمەت، باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلاردىن ئەقىللىق ئەمەس. مەن دائىم شۇنداق دەيمەن، ياخشى شائىر بىزگە ھەر كۈنى بولكا بېرىدىغان ئادەم؛ بىزگە ئەڭ يېقىن بولكىچى ئۆزىنى ھەرگىز تەڭرى دەپ ئويلىمايدۇ. ئۇ بۇ ئاددىي، ئەمما شەرەپلىك ئىشىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇنى مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ ھەر كۈنى خېمىر يۇغۇرىدۇ، ئوچاقنى تەييار قىلىدۇ، بولكىنى پىشۇرىدۇ، تارقىتىدۇ. ئەگەر شائىردىمۇ مۇشۇنداق سەمىمىيلىك بولسا، ئۇمۇ ئۆزىنى ياخشى ھۈنەرۋەنگە، ئاددىي ياكى مۇرەككەپ بىر قۇرۇلۇشنىڭ تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندۇرالايدۇ، بۇ قۇرۇلۇش جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدۇر، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدۇر، مالنىڭ تەمىنلىنىشىدۇر: بولكا، ھەقىقەت، ھاراق ۋە چۈش.
ئاۋامنىڭ يولىدىن ئايرىلمىغاندىلا بىز شېئىرنى كەڭ دۇنياغا قايتۇرالايمىز، مانا بۇ، كىشىلەر ھەر قايسى دەۋرلەردە شېئىر ئۈچۈن ئاچقان دۇنيا، شۇنداقلا بىز ھەر قايسى دەۋردە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاچىدىغان دۇنيا.
مېنى نىسبىي ھەقىقەتنىڭ سەپسەتىسىگە، ئاندىن يەنە سەپسەتىنىڭ ھەقىقىتىگە باشلايدىغان نەرسىلەر ماڭا ئەزەلدىن يول قويغان ئەمەس، مەنمۇ ئۇلاردىن ئارتۇقچە ئۈمىد كۈتكەن ئەمەس. ئىجادىيەت جەريانى دەيدىغان بۇ ئىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئەدەبىياتنىڭ ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولىدىن ئىبارەت. ئۆزىمىز پەيدا قىلغان ياكى پەيدا قىلماقچى بولغان پاتقاقلىقتا كەلگۈسى تەرەققىياتىمىزنى توسىدىغان نۇرغۇن توسقۇنلۇقلار شەكىللىنىدۇ. رېئالىزم يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىشقا مەجبۇرمىز ، يەنى ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار ۋە ئۆزگىرىشلەرگە بىۋاسىتە شاھىد بولىمىز، ئاندىن بۇ نەرسىلەرنى كېچىكىپ چۈشەنگەندەك بولىمىز، بىز مۇشۇنداق غايەت زور چەكلىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھاياتلىقنى تەرەققىي قىلدۇرماي، بەلكى ئۇنى ۋەيران قىلدۇق. بىز بۇ خىل رېئاللىقنى ئامالسىز قوبۇل قىلدۇق، ئاندىن ئۇ بىزگە نىسبەتەن خىش بىلەن بىنا سېلىشتىنمۇ ئېغىر ئىش بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيەت بىناسىنى تولۇق سالالمايمىز، ئەلۋەتتە، ئەكسىچە ئېيتقاندا، بىز ئەقىلگە سىغماس (ياكى ئىنتايىن ئاز كىشىلەر چۈشىنەلەيدىغان) ئوبراز ياراتساق، يەنى ناھايىتى نەپس، ئەمما غەلىتە ئوبراز ياراتساق ھالاكەتلىك سازلىققا پېتىپ قالىمىز، ئۇ يەردە ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان غازاڭلار، پاتقاقلار، تۇمانلار بار، پۇتىمىز بارغانچە پېتىپ كېتىدۇ-دە، دىمىمىزنى بوغىدىغان پاتقاق بىزنى يۇتىۋېتىدۇ.
ئۆزىمىزگە كەلسەك، زېمىنى كەڭ لاتىن ئامېرىكىسىدا ياشاۋاتقان يازغۇچىلاردىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر خىل چاقىرىق-نىدالارغا سەۋرچانلىق بىلەن قۇلاق سالىمىز، جانلىق ئوبرازلار ئارقىلىق بۇ غايەت زور بوشلۇقنى تولدۇرىمىز. ئۆزىمىزگە − ئۆزىمىزدەك يول ئاچقۇچىلارغا يۈكلىگەن بۇرچىمىز ناھايىتى ئېنىق (شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم ناھايىتى شالاڭ بىر دۇنيادا تەنقىدىي دوكلات يېزىشمۇ بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز، بۇ دۇنيادا ئادەم شالاڭ بولغانلىقى ئۈچۈنلا تەن جازاسى، ئازاب ۋە ئادالەتسىزلىكلەر ئازلاپ قالمايدۇ)؛ يەنە كېلىپ بىز قەدىمىي غايىلەرنى توپلاش مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلدۇق، بۇ غايىلەر تاش ئويمىلاردا، چېقىلغان خاتىرە تاشلاردا، بىپايان يايلاقنىڭ غېرىبلىقىدا، قويۇق ئىپتىدائىي ئورمانلىقلاردا، شارقىراپ ئېقىۋاتقان دەريالاردا ئۇخلاپ ياتماقتا. بىز سۈكۈتتىكى بۇ زېمىننى تىل ئارقىلىق ساداغا كەلتۈرىمىز، تاغ-دەريالارنى يېزىش، خىلۋەت جايلارنى تەسۋىرلەش بىزنى ھاياجانغا سالىدۇ. ئاددىي ھالىتىمنىڭ ئالاھىدە بولۇشىدىكى سەۋەب مۇشۇ بولسا كېرەك: بۇنداق ئەھۋالدا كۆپ يازغىنىم، ئىجادىيىتىمنىڭ گۈللىنىشى ياكى ئۇسلۇبۇم قاتارلىقلار پەقەت ئىش-ھەرىكىتىمنىڭ، ئەڭ ئاددىي ئەمەلىيەتنىڭ، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنىڭ مەھسۇلى. ھەر بىر مىسرايىم قولنى سوزسىلا تۇتقىلى بولىدىغان نەرسىدەك نەق ۋە راست؛ ھەر بىر شېئىرىم ياراملىق بولۇشقا ئىنتىلىدىغان قورال؛ ھەر بىر ناخشام يوللارنىڭ تۇتىشىش نۇقتىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بەلگە، باشقىلارنىڭ يەنە يېڭى بەلگە سېلىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن قويۇلغان بىر پارچە تاش ياكى ياغاچ.
شائىرنىڭ بۇ ۋەزىپىسىنى ئۇنىڭ ھەقىقەت ياكى سەپسەتە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەقدادىغا يەتكۈزۈشۈم كېرەك؛ شۇ ۋەجىدىن، جەمئىيەت ۋە ھاياتلىق ئالدىدىكى پوزىتسىيەمنى توغرىلاپ بولدۇم، بۇمۇ چوقۇم ئاددىي ۋە تەبىئىي شەكىللەنگەن سىستېما. شان-شەرەپنىڭ مەغلۇبىيىتى، غېرىبلىقنىڭ غەلىبىسى، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىنى كۆرۈپ ئاندىن بۇ قارارغا كەلدىم. ئىنسانىيەتكە بولغان مەسئۇلىيىتىمنى مۇنداق چۈشەندىم: تەشكىللەنگەن ئاۋامنىڭ غايەت زور تىرىشچانلىقىغا ئۆزەمنى ئاتايمەن؛ قان-تەرىم ۋە روھىمنى، قىزغىنلىق ۋە ئۈمىدىمنى ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي بېغىشلايمەن.چۈنكى يازغۇچى ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغان ئىنقىلاپ پەقەت مۇشۇنداق قاينام-تاشقىنلىق ئېقىندىلا مەيدانغا كېلىدۇ. مېنىڭ مەۋقەيىم كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان ياكى كىشىلەر ئۆزى ياخشى دەپ قارايدىغان ئەيبلەشلەرگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، بەلكى ئاللىقاچان شۇنداق بولدى. ھالبۇكى ئەمەلىيەت شۇكى، بۇ بىپايان ۋە رەھىمسىز دۆلىتىمىزدە زۇلمەتنى يوقاتماقچى بولىدىكەنمىز، ئەسەرلىرىمىزنى ئوقۇيالمايدىغان، ئوقۇشنىمۇ بىلمەيدىغان مىڭلىغان، مىليونلىغان كىشىلەرنى، بىزگە خەت يازالمايدىغان، خەت يېزىشنىمۇ بىلمەيدىغان كىشىلەرنى ئىززەت-ھۆرمەت زېمىنىدا مۇستەقىل ياشاشقا (ئىززەت-غۇرۇرى بولمىسا ئىنساندەك ياشىيالمايدۇ) چاقىرماقچى بولىدىكەنمىز، يازغۇچىغا نىسبەتەن، بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق يول يوق.
بىز ئەسىرلەردىن بۇيان كويزا-كىشەنلىرىنى سۆرەپ كېلىۋاتقان خەلقنىڭ بەختسىز تۇرمۇشىغا ۋارىسلىق قىلدۇق، بۇلار ئەڭ ساددا خەلق، ئەڭ ساپ خەلق، ئۆتمۈشتە تاش ۋە مېتال قوراللار بىلەن مۆجىزە كەبى بىنالار سالغان، كۆزنى چاقناتقۇدەك جاۋاھىراتلار ياسىغان خەلق، ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇۋاتقان قورقۇنچلۇق مۇستەملىكە دەۋرىدە تۇيۇقسىز بويسۇندۇرۇلۇپ، ئاۋازىنى يوقاتقان خەلق.
بىزنىڭ ئاساسلىق ئۈمىد يۇلتۇزىمىز كۈرەش ۋە ئۈمىد، ۋاھالەنكى، كۈرەش ۋە ئۈمىد يالغۇز بولمايدۇ. يىراق دەۋر، قاشاڭلىق، سەپسەتە، قىزغىنلىق، بۈگۈنكى كۈچلۈك ئېھتىياجىمىز، تارىخنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادەمگە مەركەزلەشكەن. مىسالەن ئېيتساق، ئەگەر بۈيۈك لاتىن ئامېرىكىسى قۇرۇقلۇقىنىڭ ئۆتمۈشتىكى فىئوداللىق تۈزۈمىگە مەلۇم تۆھپە ياراتقان بولسام، قانداق بولاتتىم؟ ئەگەر مەن ۋەتەننىڭ نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلىرىگە ئازراق ھەسسە قوشقىنىمدىن پەخىرلەنمىگەن بولسام شېۋىتسىيە ماڭا بەرگەن بۇ شەرەپتىن پارقىراپ كەتكەن بېشىمنى قانداق كۆتۈرەلەيتتىم؟ ئامېرىكا قىتئەسى خەرىتىسىگە قاراپ، ئۇ يەردىكى خىلمۇ خىل ھاۋا رايىنى، ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى توغرا كۆزىتىش كېرەك. شۇندىلا نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ نېمىشقا ئالجىغان ئەۋلىيالار لاتىن ئامېرىكىسى خەلقىگە تاڭغان ھاقارەتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ئۆتمۈشنى تارتىۋېلىشىغىمۇ يول قويمايدىغانلىقىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
مەن مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن قىيىن يولنى تاللىۋالدىم. جەمئىيەتنى ئىگىلەپ تۇرغان غوللۇق شەخسلەرگە باش ئېگىپ سەجدە قىلىشنى خالىمايمەن، قابىلىيىتىمنى ئاشۇ زور قوشۇنغا رازىمەنلىك ۋە كەمتەرلىك بىلەن بېغىشلايمەن، ئۇ قوشۇن يولدا ھەر خىل خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىدۇ، ئەمما ئىلگىرلەشتىن بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالمايدۇ، ئۇ بىھۇدە جاھىللىققىمۇ، ئالدىراڭغۇ ئەسەبىيلىككىمۇ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. شائىرنىڭ مەسئۇلىيىتى ماڭا ئەتىرگۈل، ئىناقلىق، ئەسەبىي سۆيگۈنىڭ يۇرتقا بولغان چەكسىز مۇھەببەت، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسى بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بەردى، مەن بۇ ۋەزىپە بىلەن شېئىرلىرىمنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇۋەتتىم.
يۈز يىل بۇرۇنقى دەل بۈگۈنكى كۈندە بىچارە ھەم كاتتا شائىر، ئەڭ دەرتمەن چۈشكۈنلەشكۈچى مۇنداق بېشارەتلەرنى يېزىپ قالدۇرغان: تاڭ ئاتقاندا بىز قىزغىن سەۋرچانلىق بىلەن يورۇق شەھەرگە كىرىمىز.
مەن رامبونىڭ بېشارىتىگە ئىشىنىمەن، ئۇ ئالدىن كۆرەر ئىدى. مەن چەت ماكاندىن كەلدىم، جۇغراپىيەلىك شارائىت بۇ دۆلەتنى دۇنيادىن ئايرىۋەتكەن. مەن شائىرلار ئىچىدىكى ئەڭ تەنھا ئادەم ئىدىم، شېئىرلىرىم ئازابقا، سىم-سىم يامغۇرغا تولغان يەرلىك شېئىرلار، ئەمما مەن ئىنسانىيەتكە ئىزچىل ئىشىنىمەن، ئۈمىدىمنى ئەزەلدىن يوقاتقان ئەمەس. شۇڭا بەلكىم شېئىرلىرىمنى ۋە بايرىقىمنى ئېلىپ بۇ يەرگە كەلدىم.
ئاخىرىدا ئاقكۆڭۈل كىشىلەرگە، ئەمگەكچىلەرگە ۋە شائىرلارغا دەيدىغىنىم، رامبونىڭ ئاشۇ مىسراسى كەلگۈسىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ: قىزغىن سەۋرچانلىق بولغاندىلا ئاشۇ يورۇق شەھەرگە كىرەلەيمىز، ئاندىن ئۇ شەھەر كىشىلەرگە ئىززەت-غۇرۇر، ئادالەت ۋە يورۇقلۇق ئاتا قىلالايدۇ. بۇنداق بولغاندا شېئىرمۇ قۇرۇق زارلىنىش بولۇپ قالمايدۇ.
****************************************************************************
پابلو نېرودا(1904−1973) چىلىنىڭ مەشھۇر شائىرى، 1971-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھېسسىيات ۋە تەسەۋۋۇرغا باي شېئىرلىرى بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش تارىخىنى يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، يۈكسەك غايىۋىلىك ۋە بەدئىي سېھرىي كۈچكە ئىگە.
يۇقىرىقى تېكىست ئۇنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە قىلغان سۆزىدۇر.
(«ياشلار ئەدەبىياتى» 2007-يىللىق 7-ساندىن تەرجىمە قىلىندى)