
1
بىر كۈنى بىر كىتاب ئوقۇدۇم، شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتۈن ھاياتىم ئۆزگەردى. تېخى كىتابنىڭ باشتىكى سەھىپىلىرىنى ئوقۇۋېتىپلا ئۇنىڭ شۇنداق بىر سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدىمكى، جىسمىم مەن ئولتۇرغان بۇ ئۈستەل-ئورۇندۇقتىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك بولدى، شۇنداقتىمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ۋە جىمى مەۋجۇتلۇقۇم ھەر ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك ئۈستەلنىڭ ئالدىدا ۋە ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىدە ئىدى، كىتاب جىمى تەسىرىنى يالغۇز روھىمدىلا ئەمەس، مېنى مەن قىلىپ تۇرغان ھەممە نەرسىدە كۆرسىتىۋاتاتتى. بۇ شۇنداق كۈچلۈك تەسىر ئىدىكى، ئوقۇۋاتقان كىتابنىڭ سەھىپىلىرىدىن يۈزۈمگە نۇر، شۇ پەيتتە پۈتۈن خاتىرەمنى غۇۋالاشتۇرغان ھەم ئۇنى ۋال-ۋۇل چاقناتقان بىر نۇر چېچىلىۋاتقاندەك بولدى. بۇ نۇر بىلەن ئۆزۈمنى يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغانلىقىمنى ئويلىدىم، بۇ نۇر بىلەن تاپتىن چىقىدىغانلىقىمنى سەزدىم، بۇ نۇردا مەن كېيىن تونۇشىدىغان، يېقىنلىشىدىغان بىر ھاياتنىڭ شولىسىنى كۆردۈم. ئۈستەلدە ئولتۇرىمەن ۋە بۇنى بىر يېرىمدىن تۇيۇپ تۇرىمەن. كىتاب بەتلىرىنى ئۆرۈۋاتقىنىمدا، خىيالىمدا پۈتۈن ھاياتىم ئۆزگىرىۋاتقاندا يەنە يېڭى سۆزلەر ۋە سەھىپىلەرنى ئوقۇماقتا ئىدىم. بىر مەزگىلدىن كېيىن بېشىمغا كېلىدىغان ئىشلارغا نىسبەتەن ئۆزۈمنى شۇ قەدەر تەييارلىقسىز ۋە چارىسىز ھېس قىلدىمكى، خۇددى كىتابتىن چىقىۋاتقان سېھرىي كۈچتىن قوغدانماقچى بولۇۋاتقاندەك تەبىئىي ھالدا يۈزۈمنى كىتاب سەھىپىلىرىدىن قاچۇردۇم. ئەتراپىمدىكى دۇنيانىڭمۇ باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرگەنلىكىنى شۇ پەيتتىكى قورقۇنچتا بايقىدىم ۋە ھازىرغىچە ھېس قىلمىغان بىر تەنھالىق تۇيغۇسىغا ئەسىر بولدۇم. مەن شۇ تاپتا گويا تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، ئىقلىمىنى بىلمەيدىغان بىر دۆلەتتە تەنھا قالغانىدىم.
بۇ تەنھالىق تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەن ئامالسىزلىق شۇ پەيتتە مېنى بۇ كىتابقا تېخىمۇ ئەسىر قىلدى. بۇ كىتاب ماڭا مەن بارماقچى بولغان دىياردا قىلىدىغانلىرىمنى، ئىشىنىدىغانلىرىمنى، شاھىت بولىدىغانلىرىمنى، باسىدىغان قەدەملىرىمنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. كىتابنى بىر-بىرلەپ ۋاراقلاپ، ئۇنى ئەمدى يات ۋە قورقۇنچلۇق بىر دىياردا يول كۆرسىتىدىغان بىر يولباشچىدەك كۆرۈپ ئوقۇۋاتاتتىم. ئۇنىڭغا ” ماڭا ياردەم قىل، ياردەم قىلغىنكى، بالا-قازاغا ئۇچرىماستىن يېڭى ھاياتنى تاپاي“دېگۈم كېلەتتى. ئەمما بۇ ھاياتنىڭمۇ ئىگىسىنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. سۆزلەرنى بىر-بىرلەپ ئوقۇغاچ، بىر ياندىن يولۇمنى تېپىشقا تىرىشسام، بىر ياندىن يولۇمنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغاندەك خىيال ئاجايىباتلىرىنى ھەيرەت بىلەن بىر-بىرلەپ تەسەۋۋۇر قىلىۋاتاتتىم.
بۇ چاغدا ئۈستىلىمنىڭ ئۈستىدە يۈزۈمگە نۇر چېچىۋاتقان كىتاب ئۆيۈمدىكى باشقا بىساتلاردەك تونۇش كۆرۈنەتتى. بۇنى ئالدىمدا ئېچىلغان يېڭى بىر ھاياتنىڭ، يېڭى بىر دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەيرانلىق ۋە سۆيۈنۈش بىلەن قارشى ئېلىۋېتىپ ھېس قىلدىم: ھاياتىمنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان كىتاب ئەسلىدە ئادەتتىكى بىر نەرسە ئىدى. ئەقلىم روجەكلىرى كىتاب سۆزلىرى ماڭا ۋەدە قىلغان يېڭى بىر دۇنيانىڭ ئاجايىباتلىرى ۋە ۋەھىمىلىرىگە ئاستا-ئاستا ئېچىلىۋاتقاندا، بىر ياقتىن مېنى بۇ كىتابقا ئېلىپ بارغان قىسمەتنى يېڭىدىن ئويلاۋاتاتتىم، ئەمما بۇ كاللامدا چوڭقۇرلىشالمايۋاتقان بىر خىيال ئىدى. كىتابنى ئوقۇغانچە بۇ خىيالغا قايتىشىم گويا بىر خىل قورقۇنچتىن ئىدى: كىتاب ماڭا ئاچقان يېڭى دۇنيا شۇنچىلىك يات، شۇنچىلىك ئاجايىپ ۋە ھەيران قالارلىق ئىدىكى، بۇ دۇنيانىڭ ئىچىگە پۈتۈنلەي چۆكۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ھازىرغا ئائىت بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلىش زۆرۈرلۈكىنى تۇيۇۋاتاتتىم. بېشىمنى كىتابتىن كۆتۈرۈپ ئۆيۈمگە، ئىشكاپىمغا، كارىۋىتىمغا قارىسام، دېرىزىدىن تالاغا نەزەر سالسام، دۇنيانى تاشلاپ كەتكىنىمدەك، ئۇنى تاپالماسلىق قورقۇنچىمۇ ئىچىمگە ئورناۋاتاتتى.
مىنۇتلار ۋە كىتاب بەتلىرى بىر-بىرىنى قوغلايتتى، يىراقتا پويىزلار ئۆتتى، ئانامنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، خېلى ۋاقىتتىن كېيىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى سەزدىم. شەھەرنىڭ ھەر ۋاقىتتىكىدەك شاۋقۇنىنى، ئىشىكنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن قېتىقچىنىڭ قوڭغۇرىقىنى ۋە ماشىنىلارنىڭ ماتور ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، ماڭا تونۇش بارلىق ئاۋازلارنى يات ئاۋازلاردەك ھېس قىلدىم. تالادا يامغۇر قۇيۇۋەتتىمىكىن دەپ ئويلىدىم، ئەمما ئاتلاڭغۇچ ئويناۋاتقان قىزلارنىڭ ئاياغ تاۋۇشلىرى كەلدى. ھاۋا ئېچىلغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم، ئەمما دېرىزەمنىڭ ئەينىكىدە يامغۇر تامچىلىرى تىرىقلىدى. كىتاب ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم. باشقا ھاياتنىڭ يوچۇقىدىن چىققان نۇرنى كۆردۈم. ئۇنىڭدا مەن ھازىرغىچە بىلگەن-بىلمىگەنلىرىمنى، ئۆز ھاياتىمنى ۋە بۇ ھاياتىم ئاچىدىغان يولنى كۆردۈم…
كىتاب بەتلىرىنى ئاستا-ئاستا ئۆرۈگەنچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن ھېچ بىلمىگەن، ھېچ ئويلاپ باقمىغان ۋە باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان بىر دۇنيا روھىمغا سىڭدى. ھازىرغىچە مەن بىلگەن، ئويلىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بۇ ھەقتە توختىلىشقا ئەرزىمەيدىغان تەپسىلاتلارغا ئايلاندى، بىلمەيدىغانلىرىم يوشۇرۇنغان يەرلىرىدىن چىقىپ ماڭا ئىشارەت يوللىدى. كىتابنى ئوقۇۋېتىپ ئۇلارنىڭ نېمىلىكىنى ئېيتقىن دېسە بەلكىم ئېيتالمايتتىم، چۈنكى بۇ كىتابنى ئوقۇغانچە بارسا كەلمەس يولدا ئېغىر قەدەم بىلەن كېتىۋاتقانلىقىمنى، ئارقامدا قالغان بەزى نەرسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك قىزىقىشىمنىڭ تۈگىگەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم، ئەمما كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇۋاتقان يېڭى ھاياتقا شۇنچە زور ھاياجان بىلەن قىزىقىۋاتاتتىمكى، بارلىق نەرسە ماڭا قىزىقىشقا تېگىشلىك بىلىنمەكتە ئىدى. بۇ قىزىقىشنىڭ ھاياجىنىدىن تىترىگەن پۇتلىرىم جانسىزلىشىشقا باشلىغان ھامان، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنىڭ كۆپلۈكى، رەڭدارلىقى، مۇرەككەپلىكى ئىچىمدە بىر خىل قورقۇنچقا ئايلاندى.
بۇ قورقۇنچ بىلەن بىرلىكتە، كىتابتىن يۈزۈمگە چېچىلغان نۇردا كونا ئۆيلەرنى، ئەسەبىي ئاپتوبۇسلارنى، ھارغىن ئىنسانلارنى، تۇتۇق ۋىۋىسكىلارنى، ۋەيرانە يېزىلارنى ۋە داۋاملىشىۋاتقان ھاياتنى، خىيالىي نەرسىلەرنى كۆردۈم. كىتابتا بىر سەپەر سۆزلىنەتتى، ھەممە نەرسە بىر سەپەر ئىدى. بۇ سەپەردە مېنى دائىم كۆزىتىدىغان، ھېچبولمىغاندا ئالدىمغا تۇيۇقسىز چىقىدىغاندەكلا تۇيۇلىدىغان، ئارقىدىن غايىب بولىدىغان، غايىب بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئىزدىتىدىغان بىر نىگاھنى كۆردۈم. بۇ گۇناھ-جىنايەتتىن بۇرۇنلا پاكلانغان مۇلايىم بىر نىگاھ ئىدى… مەن شۇنداق نىگاھ بولالىشىمنى، ئۇ نىگاھ كۆرگەن دۇنيادا بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتىم. بۇلارنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلدىمكى، ئۇ دۇنيادا ياشايدىغانلىقىمغا ئىشەنگۈم كەلدى. ياق، ئىشىنىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى؛ مەن ئۇ يەردە ياشاۋاتاتتىم. دەرۋەقە، كىتابمۇ مېنىڭ ئۇ يەردە ياشايدىغانلىقىمغا گۇۋاھ بولۇپ مەن توغرۇلۇق گەپ قىلىۋاتقان بولسا كېرەك. بۇ، مېنىڭ ئويلىغانلىرىمنى مەندىن بۇرۇن بىرى ئويلاپ يازغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولغانىدى.
ئۇلار ماڭا سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرگەن ئىشلارنىڭ بىر-بىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولۇشى كېرەكلىكىنىمۇ مانا مۇشۇنداق چۈشەندىم. چۈنكى كىتابنىڭ بېشىدىن تارتىپ مەن ئۈچۈن يېزىلغانلىقىنى سەزگەنىدىم. ئۇنى ئوقۇۋاتقاندا ھەر بىر سۆزنىڭ، ھەر بىر گەپنىڭ قەلبىمگە تەسىر كۆرسىتىشى شۇ سەۋەبتىن ئىدى. ئۇلار ئاجايىپ گەپلەر، يارقىن سۆزلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كىتابنىڭ مەن توغرۇلۇق گەپ قىلىۋاتقانلىق تۇيغۇسىغا ئەسىر بولغانلىقىم ئۈچۈن ئىدى. بۇ تۇيغۇغا قانداق ئەسىر بولغانلىقىمنى بىلەلمىدىم. بىلسەممۇ ئۇنتۇغان بولۇشۇم مۇمكىن. چۈنكى مەن قاتىللار، ھادىسىلەر، ئۆلۈملەر ۋە غايىب ئىشارەتلەر ئارىسىدا يولۇمنى تېپىشقا تىرىشىۋاتاتتىم.
شۇنداق قىلىپ، كىتابنى ئوقۇغانچە مېنىڭ قارىشىم كىتابنىڭ گەپلىرىگە، كىتابنىڭ گەپلىرى بولسا مېنىڭ قارىشىمغا ئايلاندى. نۇردىن قاماشقان كۆزلىرىم كىتابتىكى دۇنيا بىلەن دۇنيادىكى كىتابنى بىر-بىرىدىن ئايرىيالماي قالدى. يوچۇن بىر دۇنيا، بارلىق نەرسە، بارلىق رەڭ ۋە جىسىملارمۇ گويا كىتابنىڭ ئىچىدە، سۆزلەرنىڭ ئارىسىدا ئىدى. مەن ئۇلارنى ئوقۇۋېتىپ، كەلگۈسىدە مۇمكىن بولىدىغان ھەممە نەرسىنى ئۆز ئەقلىم بىلەن، خۇشاللىق ۋە ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۆزلەشتۈرۈۋاتاتتىم. كىتابنى ئوقۇغانچە شۇنى ھېس قىلدىمكى، كىتاب ماڭا ئاۋۋال پىچىرلىغاندەك، ئاندىن ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل زىڭىلداتقاندەك، ئاندىن پەرۋاسىز بىر شىددەت بىلەن كۆرسەتكەن نەرسە ئۇ يەردە، روھىمنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا نەچچە يىللاردىن بېرى ياتاتتى. كىتاب ئۇلارنىڭ تېگىدە ئەسىرلەر بويى ياتقان غايىب بىر خەزىنىنى تېپىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتاتتى، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ قۇرلار ۋە سۆزلەر ئارىسىدا تاپقانلىرىمنى ”بۇلار ئەمدى مېنىڭمۇ؟“ دېگۈم كېلىۋاتاتتى. ئاخىرقى بەتلەردىكى بىر يەردە، بۇنى مەنمۇ ئويلىغانىدىم دېگۈم كەلدى. ئاندىن كېيىن كىتاب بايان قىلغان دۇنياغا پۈتۈنلەي كىرگىنىمدە قاراڭغۇلۇق بىلەن غۇۋا قاراڭغۇلۇق ئارىسىدىن چىققان بىر پەرىشتىگە ئوخشاش ئۆلۈمنى، يەنى ئۆز ئۆلۈمۈمنى كۆردۈم…
بىر دەمدىلا ھاياتىمنىڭ ئۆزۈم ھېچ ئويلاپ يېتەلمىگۈدەك مول، رەڭدار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇ پەيتتە ئەنسىرىگىنىم دۇنياغا، شەيئىلەرگە، ئۆيۈمگە، كوچىلارغا قاراپ ئۇ يەردە كىتابنىڭ بايان قىلغانلىرىنى كۆرەلمەسلىك بولماستىن، بەلكى كىتابتىن يىراقلاپ كېتىش ئىدى. كىتابنى ئالىقانلىرىمنىڭ ئارىسىغا ئالدىم ۋە بالىلىقىمدا رەسىملىك رومانلارنى ئوقۇپ تۈگەتكەندە قىلغىنىمدەك، بەتلەر ئارىسىدىن چىققان قەغەز ۋە سىياھ ھىدىنى پۇرىدىم، ئوخشاش پۇراق ئىدى.
ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ، بالىلىق چېغىمدىكىدەك دېرىزىگە قاراپ مېڭىپ، پېشانەمنى سوغۇق ئەينەككە چاپلاپ، كوچىغا قارىدىم. بەش سائەتنىڭ ئالدىدا، يەنى چۈشتىن كېيىن كىتابنى ئۈستەلگە قويۇپ تۇنجى ئوقۇشقا باشلىغان ۋاقتىمدا، ئۇدۇلدىكى پىيادىلەر يولى ياقىسىدا تۇرغان يۈك ئاپتوموبىلى ئەمدى كەتكەنىدى، ئەمما بوشالغان ماشىنىدىن ئەينەكلىك ئىشكاپلار، ئېغىر ئۈستەللەر، كىچىك ئۈستەللەر، قاپلار، تىكلەنمە چىراغلار چۈشۈرۈلگەن، ئۇدۇلدىكى بوش ئۆيگە يېڭى بىر ئائىلە ئورۇنلاشقانىدى. پەردىلەر تارتىلمىغان، لامپۇچكىنىڭ كۈچلۈك يورۇقىدا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئاتا-ئانا بىلەن مەن قۇراملىق بىر ئوغۇل ۋە قىزنىڭ تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ كەچلىك تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. قىزنىڭ چاچلىرى قوڭۇر، تېلېۋىزور ئېكرانى يېشىل ئىدى.
بۇ يېڭى قوشنىلارغا بىر ھازا قارىدىم، يېڭى بولغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك، ئۇلارنى تاماشا قىلغۇم كېلەتتى. بۇمۇ گويا مېنى قانداقتۇر ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى. ئەتراپىمدىكى تونۇش، كونا دۇنيانىڭ باشتىن-ئاخىر ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلمايتتىم. ئەمما كوچىلارنىڭ كونا كوچىلار، ئۆيۈمنىڭ كونا ئۆي، ئانامنىڭ، دوستلىرىمنىڭ ئوخشاش ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ قويمايتتىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر خىل دۈشمەنلىك، نېمىدەپ نام قويۇشۇمنى بىلەلمىگەن بىر تەھدىت ۋە ۋەھىمە بولسا كېرەك. دېرىزىدىن بىر قەدەم چېكىندىم، ئەمما ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىن مېنى چاقىرىۋاتقان كىتابنىڭ يېنىغىمۇ بارالمىدىم. ھاياتىمنى ئۆزگەرتىدىغان نەرسە ئۇ يەردە، كەينىمدىكى ئۈستەلدە مېنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا قارىمىغىنىم بىلەن، ھەممە نەرسىنىڭ ئىپتىداسى ئۇ يەردە، كىتاب قۇرلىرى ئارىسىدا ئىدى، مەن ئەمدى يولغا چىقاتتىم.
كونا ھاياتىمدىن تۇيۇقسىز ئايرىلىش ماڭا شۇنچە قورقۇنچلۇق بىلىنگەچكىمىكىن، قانداقتۇر بىر كېلىشمەسلىكتىن ھاياتى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن كىشىلەرگە ئوخشاش، ھاياتىمنىڭ بۇرۇنقىدەكلا داۋام قىلىدىغانلىقىنى، بېشىمغا كېلىدىغان بالا-قازا ياكى قورقۇنچلۇق ئىشنىڭ ئۇ ئەمەسلىكىنى خىيال قىلغاچ ھۇزۇرلىنىشنى توغرا تاپتىم. ئەمما ئارقامدىكى ئۈستەلدە تېخىچە ئېچىقلىق تۇرغان كىتابنى ئويلىغانچە، ھاياتىمنىڭ قانداقلارچە بۇرۇنقىدەك داۋاملىشىدىغانلىقىنى خىيالمۇ قىلالمىدىم.
شۇنداق قىلىپ، بىر ئازدىن كېيىن ئانام مېنى چاقىرغاندا كەچلىك تاماق يېيىش ئۈچۈن ئۆيۈمدىن چىقتىم ۋە يېڭى بىر دۇنياغا كۆنۈشكە تىرىشىۋاتقان يات بىر ئادەمگە ئوخشاش ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ئانام بىلەن پاراڭلاشماقچى بولدۇم. تېلېۋىزور ئوچۇق ئىدى، تەخسىلەردە قىيمىلىق ياڭيۇ، زەيتۇن يېغىدا قورۇغان كۈدە، كۆكتات سالاتى ۋە ئالمىلار بار ئىدى. ئانام يېڭى كۆچۈپ كەلگەن ئۇدۇل قوشنا، مېنىڭ چۈشتىن كېيىن مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ ئىش قىلغانلىقىم، بازار، يامغۇر، تېلېۋىزوردىكى خەۋەر ۋە خەۋەر بەرگۈچىلەر ھەققىدە گەپ قىلدى. ئانامنى ياخشى كۆرەتتىم، ئۇ چىرايلىق، نازۇك، مۇلايىم ۋە ئوڭلۇق ئايال ئىدى، بىر كىتابنى ئوقۇپ ئۇنىڭدىن ياتلىشىپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىبلىك ھېسابلىدىم.
بۇ كىتاب ھەممە كىشى ئۈچۈن يېزىلغان بولسىدى دەپ ئويلايتتىم، بىر تەرەپتىن، ھايات بۇرۇنقىدەك ئېغىر ۋە پەرۋاسىز ئۆتۈپ كېتەلمەيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، كىتابنىڭ پەقەت مەن ئۈچۈن يېزىلغانلىق چۈشەنچىسىمۇ ئىنژېنېرلىقتا ئوقۇيدىغان، مەنتىقىلىق ئىش قىلىدىغان مەندەك ئوقۇغۇچى ئۈچۈن توغرا بولمايتتى. ئۇ چاغدا ھەممە نەرسە قانداقمۇ بۇرۇنقىدەك داۋام قىلالىسۇن؟ كىتابنىڭ پەقەت مەن ئۈچۈن خىيال قىلىنغان بىر سىر ئىكەنلىكىنى ئويلاشتىنمۇ قورقتۇم. بىر ئازدىن كېيىن ئانام قاچىلارنى يۇيۇۋاتقاندا ئۇنىڭغا ياردەملەشكۈم، خىيالىمدىكى دۇنيانى بۇ ۋاقىتقا يۆتكىگۈم كەلدى.
− قوي، قوي، ئۆزۈم قىلىمەن بالام،− دېدى ئانام.
تېلېۋىزورغا بىر ھازا قارىدىم. بەلكىم ئۇ يەردىكى دۇنياغا كىرەلەيتتىم ياكى تېلېۋىزورنى بىر تېپىپ چېقىۋېتەتتىم. ئەمما كۆرگىنىم بىزنىڭ ئۆينىڭ تېلېۋىزورى ئىدى، بىر خىل دۇنيا، بىر خىل لامپا… چاپىنىمنى، ئايىغىمنى كىيدىم.
− تالاغا چىقىمەن،− دېدىم.
− قاچان قايتىپ كېلىسەن؟− دېدى ئانام، − ساڭا قاراپ ئولتۇرامدىمەن؟
− مېنى ساقلىما، بولمىسا تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا ئۇخلاپ قالىسەن.
− ياتىقىڭنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈردۈڭمۇ؟
شۇنداق قىلىپ، 22يىلدىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان ئۆز مەھەللەمنىڭ كوچىلىرىغا خۇددى ناتونۇش بىر دۆلەتنىڭ خەتەرلىك كوچىلىرىغا چىقىدىغاندەك چىقتىم. دېكابىرنىڭ نەم سوغۇقى يۈزۈمگە يېنىك شامالدەك تەگكەن ھامان، كونا دۇنيادىن يېڭىسىغا ئۆتكەن نەرسىلەر باردۇر، دېدىم ئىچىمدە. بۇنى ئەمدى ئۆزەم ياشىغان كوچىلاردا، پىيادىلەر يولىدا كېتىۋېتىپ كۆرەتتىم، يۈگۈرگۈم كېلەتتى.
قاراڭغۇ پىيادىلەر يولىدىن، يوغان ئەخلەت تۇڭلىرى، پاتقاقلىقلار ئارىسىدىن، تام تۈۋىلىرىدىن تېز-تېز مېڭىپ ئۆتتۈم ۋە تاشلىغان ھەر قەدەمدە يېڭى بىر دۇنيانىڭ رېئاللىققا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بالىلىقىمدىكى چىنار ۋە قاپاق تېرەكلەر تۇنجى قاراشتا ئاشۇ چىنار ۋە تېرەكلەر ئىدى، ئەمما ئۇلارغا مېنى باغلايدىغان خاتىرە- ئەسلىمىلەرنىڭ كۈچى يوقاپ كەتكەنىدى. ھارغىن دەرەخلەرگە، ئىككى قەۋەتلىك تونۇش ئۆيلەرگە، ئۇلىدىن تارتىپ تا ئۆگزىسىنىڭ كاھىشلىرىغىچە قانداق سېلىنغانلىقىنى بالىلىقىمدا كۆرگەن، كېيىن يېڭى دوستلىرىم بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدە ئوينىغان كىرلەشكەن بىنالارغا ھاياتىمنىڭ ئايرىلماس قىسمىدەك بولمىسىمۇ، قاچان قانداق تارتىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان سۈرەتلەرگە قارىغاندەك قارىدىم: سايىلىرى، يورۇق دېرىزىلىرى، باغلىرىدىكى دەرەخلىرى ياكى دەرۋازىلىرىدىكى خەتلىرى، بەلگىلىرى بىلەن ئۇلارنى تونۇدۇم، ئەمما تونۇغان نەرسىلەرنىڭ كۈچىنى پەقەتلا ھېس قىلالمىدىم. تونۇش مىلىچمال دۇكانلىرى، ئېرەنكۆي ۋوگزالى مەيدانىدىكى چىرىغى تېخىچە يېنىق تۇرغان ناۋايخانا، باققالنىڭ مېۋە ساندۇقلىرى، قول ھارۋىلىرى، ”ھايات“ تورتخانىسى، كونا ئاپتوموبىللار، قاراڭغۇ ۋە ھارغىن چىرايلار ئۇ يەردە، ئۇدۇلۇمدا، يېنىمدا، كوچىلارنىڭ ئىچىدە كونا دۇنيا بولۇپ كۆرۈنەتتى، ھەممىسى ئەتراپىمدا ئىدى. كېچە نۇرىدا يېنىك تەۋرىنىۋاتقان بارلىق كۆلەڭگىلەرگە قاراپ يۈرىكىمنىڭ بىر يېرى مۇزلىدى. ئۇ يەردە بىر جىنايەتنى يوشۇرغاندەك، كىتابنى ئېلىپ كېتىۋاتاتتىم. مېنى چوڭ قىلغان بۇ تونۇش كوچىلاردىن، ھۆل دەرەخلەرنىڭ ھەسرىتىدىن، پىيادىلەر يولىدا يىغىلىپ قالغان سۇلار ۋە ئاسفالتتا ئەكس ئەتكەن نېئون خەتلەردىن، باققال- قاسساپلارنىڭ چىراغلىرىدىن قاچقۇم كېلەتتى. سەلكىن شامال چىقتى، دەرەخ شاخلىرىدىن سۇ تامچىلىرى تۆكۈلدى، بىر شەپە ئاڭلىدىم ۋە كىتابنىڭ ماڭا بېرىلگەن بىر سىر ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدىم. قورقتۇم، بىر كىم بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلدى.
مەھەللىدىكى بەزى دوستلىرىم كېچىلىرى توپلىشىپ قارتا ئوينايدىغان، تېلېۋىزوردا پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى كۆرىدىغان ، بىر-بىرى بىلەن تېپىشقىلى كېلىپ كىرىپ قويىدىغان ۋوگزال مەيدانىدىكى ”ياشلار قەھۋەخانىسى“ غا كىردىم. دادىسىنىڭ موزدۇزلۇق دۇكىنىدا ئىشلەيدىغان بىر ستۇدېنت بىلەن ھەۋەسكارلار گۇرۇپپىسىدا پۇتبول ئوينايدىغان باشقا مەھەللىلىك ئاغىنىسى ئارقا ئۈستەلدە تېلېۋىزورنىڭ رەڭسىز نۇرلىرى ئاستىدا ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا تولا ئوقۇلۇپ سەھىپىلىرى بىر-بىرىدىن ئاجراپ كەتكەن گېزىتلەرنى، ئىككى چاي ئىستاكانى، تاماكىلار ۋە بوتكىدىن ئېلىپ ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا يوشۇرغان بىر پىۋا بوتۇلكىسىنى كۆردۈم. بىراۋلار بىلەن ئۇزۇن، ھەتتا سائەتلەرچە پاراڭلاشقۇم بار ئىدى، ئەمما ئۇلار بىلەن پاراڭلىشالمايدىغانلىقىمنى دەرھال ھېس قىلدىم. ئىچىمنى مەيۈسلۈك، ئېچىنىش چۇلغىۋالدى، غۇرۇر بىلەن سىلكىندىم: كۆڭلۈمنى ئاچىدىغان كىشىلەرنى كىتابتىكى دۇنيادا ياشايدىغان كۆلەڭگىلەر ئارىسىدىن ئىزدەيتتىم.
شۇنداق قىلىپ كېلەچىكىمگە پۈتۈنلەي ئىگە بولغىنىمغا ئىشەنگۈم كەلدى، ئەمما بىلەتتىمكى ، بۇ كىتاب ئەمدى ماڭا خوجايىن ئىدى. بۇ كىتاب ئىچىمگە پەقەت بىر سىر ۋە گۇناھتەك سىڭىپ كېتىش بىلەنلا قالماي، مېنى چۈش كۆرۈۋاتقان ۋاقتىمدىكىدەك بىر خىل گاچىلىققا ئاپارغانىدى. مەن بىلەن پاراڭلىشالايدىغان كىشىلەر نەدىدۇ، قەلبىمگە نىدا قىلغان چۈشنى تاپالايدىغان دىيار نەدىدۇ، بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىشىلەر زادى نەدە؟
تۆمۈر يولدىن ئۆتۈپ خالتا كوچىلارغا كىردىم، تۆكۈلۈپ ئاسفالتقا چاپلىشىپ قالغان سېرىق ياپراقلارنى دەسسەپ ئەزدىم. ئىچىمدە بىردىنلا ئۈمىدۋارلىق پەيدا بولدى: مۇشۇنداقلا ماڭسام، تېز سۈرئەتتە توختىماي ماڭسام، كىتابتىكى دۇنياغا بارىدىغاندەك قىلاتتىم. ئىچىمدە شولىسىنى ھېس قىلغان يېڭى ھايات يىراق بىر يەردە، بەلكىم يەتكىلى بولمايدىغان بىر دىياردا ئىدى، ئەمما ھەرىكەت قىلغانچە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىدىغاندەك، ھېچ بولمىسا كونا ھاياتىمدىن ۋاز كېچەلەيدىغاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم. ساھىلغا بارغىنىمدا دېڭىزنىڭ قاپقارا كۆرۈنۈشىگە ھەيران قالدىم. كېچىلىرى دېڭىزنىڭ بۇنداق قاراڭغۇ، سۈرلۈك ۋە رەھىمسىز ئىكەنلىكىنى نېمىشقا بۇرۇن بايقىمىغان بولغىيدىم؟ شەيئىلەرنىڭ گويا تىلى بار ئىدى، كىتاب مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان ئۆتكۈنچى جىمجىتلىقتا بۇ تىلنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىشكە باشلىغانىدىم. يېنىك چايقىلىۋاتقان دېڭىزنىڭ تۇرغۇنلۇقىنى شۇ چاغدا گويا كىتابنى ئوقۇۋاتقىنىمدا ئۆزۈمگە تۇيۇقسىز ئۇچرىغان، كەتسەم كەلمەيدىغان ئۆلۈمۈمدەك ھېس قىلدىم. ئەمما ئىچىمدە ھەقىقىي ئۆلۈم، يەنى ”ھەممىسى ئاخىرلاشتى“ دېگەن تۇيغۇ ئەمەس، بەلكى ھاياتىنى يېڭى باشلىغان بىرىنىڭ قىزىقىشى، ھاياجىنى تىپىرلايتتى.
ساھىلدا ئۇياق-بۇياققا ماڭدىم. كىچىك چاغلىرىمدا بۇ يەرگە جەنۇبتىن كېلىدىغان قارا بوراندىن كېيىن مەھەللىلىك دوستلىرىم بىلەن كېلىپ، دېڭىز سۈيى ئەكىلىپ دۆۋىلەپ قويغان كونسېرۋا قۇتىلىرى، پلاستىك توپلار، بوتۇلكىلار، پىلاژ كەشلىرى، مېتال پارچىلار، لامپۇچكىلار، پلاستىك قورچاقلار ئارىسىدىن قانداقتۇر بىر قىممەتلىك نەرسىنى، نېمە ئىكەنلىكى نامەلۇم پارقىراق، يېپيېڭى بىر سېھىرلىك نەرسىنى ئىزدەيتتۇق. كىتاب نۇرىدىن يورۇغان كۆزۈم كونا دۇنيانىڭ ھەر قانداق ئاددىي نەرسىسىنى تېپىپ كۆزەتسە، بۇ نەرسىنى بالىلىق چاغلىرىمىزدا ئىزدىگەن ھېلىقى سېھىرلىك نەرسىگە ئايلاندۇرالايدىغانلىقىنى دەرھال ھېس قىلدىم. ئەمما شۇ تاپتا كىتابنىڭ مېنى بۇ دۇنياغا تەنھا تاشلاپ قويغانلىق تۇيغۇسى ئىچىمنى شۇنداق چۇلغىۋالدىكى، قاراڭغۇ دېڭىز بىردىنلا ئۆرلەپ مېنى غەرق قىلىۋېتەمدىكىن دەپ ئويلىدىم.
ھودۇقتۇم، ھەر قەدەمدە يېڭى دۇنيانىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆيۈمدە بىر دەم بولسىمۇ بۇرۇنراق كىتابىم بىلەن يالغۇز قېلىش ئۈچۈن ئالدىراپ ماڭدىم، يۈگۈرگەندەك كېتىۋېتىپ ئۆزۈمنى ھەتتا كىتابتىن چىقىۋاتقان نۇردىن ھاسىل بولغان بىر ئادەمدەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم، بۇمۇ مېنى پەسكويغا چۈشۈرۈۋاتاتتى.
دادامنىڭ دۆلەت تۆمۈر يول ئىدارىسىدە ئۆزىگە ئوخشاش ئۇزۇن يىل ئىشلەپ مۇپەتتىشلىككىچە ئۆسكەن تەڭ دېمەتلىك ياخشى دوستى بار ئىدى، ئۇ تۆمۈر يول ژۇرنىلىغا تۆمۈر يول قىزغىنلىقى ھەققىدە ماقالىلەرنى يازاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزى يېزىپ، رەسىملىرىنى ئۆزى سىزغان بالىلار رومانلىرى «يېڭى زامان بالىلار ھېكايىلىرى» مەجمۇئەسىدە نەشر قىلىناتتى. تۆمۈر يولچى رىفقى تاغا ماڭا سوۋغا قىلغان«پېرتېر بىلەن پېتېر» ياكى «كامەر ئامېرىكىدا» ناملىق كىتابلىرىنى ئوقۇۋاتقان كۈنلىرىمدە دەرھال ئۆيگە قايتىپ بېرىپ كىتابقا شۇڭغۇپ كىرىپ كەتكەن چاغلىرىم كۆپ بولغانىدى، ئەمما ئۇ كىتابلاردا ھامان بىر خاتىمە بولاتتى. ئۇ يەردە، ئۈچ ھەرپ بىلەن خۇددى كىنولاردىكىدەك SON (تۈگىدى) دەپ يازاتتى، بۇ ئۈچ ھەرپنى ئوقۇغىنىمدا ئۆزەم ئارزۇ قىلغان دۆلەتنىڭ چېگرىلىرىنى كۆرۈپلا قالماي، ئۇ سېھىرلىك دىيارنىڭ تۆمۈر يولچى رىفقى تاغا تەسەۋۋۇر قىلىپ يازغان بىر يەر ئىكەنلىكىنى مەيۈس ھالدا چۈشىنەتتىم. يېڭىدىن ئوقۇش ئۈچۈن ئۆيگە ئېلىپ كېتىۋاتقان كىتابتا بولسا ھەممە نەرسىنىڭ رېئاللىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم ، شۇڭا بۇ كىتابنى قەلبىمدە ئېلىپ كېتىۋاتاتتىم. شۇڭىمىكىن، مەن يۈگۈرگەندەك كېتىۋاتقان بۇ پاتقاق كوچىلار ماڭا رېئاللىق بولماي، بەلكى بىر كىمنىڭ مېنى جازالاش ئۈچۈن بەرگەن قىيىن سىناقلىرىدەك بىلىندى. چۈنكى ئۇ كىتاب ماڭا بۇ دۇنيادا نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىمنى چۈشەندۈرۈۋاتقاندەك قىلاتتى.
تۆمۈر يولدىن ئۆتۈپ جامەنىڭ يېنىدا كېتىۋاتاتتىم، سۇ يىغىلىپ قالغان بىر يەرگە دەسسەيدىغانلىقىمنى كۆرۈپ سەكرىدىم، بىر نېمىگە پۇتلىشىپ دەلدۈگۈنۈپ كەتتىم-دە، پاتقاق يولغا يىقىلدىم. دەرھال قوپۇپ ماڭاي دەپ تۇراتتىم،− يىقىلىپ چۈشەتتىڭ ئەمەسمۇ بالام،−دېدى سوزۇلۇپ ياتقىنىمنى كۆرگەن ساقاللىق بىر بوۋاي،—چاتاق يوقتۇ؟
− بار،− دېدىم، − تۈنۈگۈن دادام ئۆلدى، بۈگۈن كۆمۈپ قويدۇق. پوقتەك ئوسال بىر نېمە ئىدى، دائىم ھاراق ئىچىپ يۈرەتتى، ئانامنى ئۇراتتى، بىزنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشىمىزنى خالىمىدى، مەن نەچچە يىل ۋەيرانباغدا ياشىدىم.
”ۋەيرانباغ شەھىرى“ دېگەن بۇ سۆز كاللامغا قانداق كەلدى؟
دېگەنلىرىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇ بوۋايمۇ چۈشەنگەندۇ، ئەمما ئۆزۈمنى بىردىنلا ئەقىللىق ھېس قىلدىم. يالغانچىلىقىمدىنمۇ، كىتاب سەۋەبىدىنمۇ ياكى ئۇ بوۋاينىڭ ھاماقەتلەرچە تۇرقىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، ئۆزۈمگە: ”قورقما، قورقماي ماڭ! ئۇ دۇنيا، يەنى كىتابتىكى دۇنيا ھەقىقىي دۇنيا!“ دېدىم، لېكىن يەنە قورقۇۋاتاتتىم…
نېمىشقا؟
بىر كىتاب ئوقۇپلا ھاياتىدا بۇرۇلۇش ياسىغان مەندەكلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى ئاڭلىغانىدىم. «پەلسەپە ئاساسلىرى» دېگەن بىر كىتابنى ئوقۇپ، ئوقۇغان ھەر بىر گەپكە ئىشىنىپ، ئەتىسى ”ئىنقىلابچى پرولېتارىيات يېڭى ئاۋانگارتى“غا قېتىلىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن بانكا بۇلاڭچىلىقىدا تۇتۇلۇپ ئون يىل تۈرمىدە ياتقانلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلىغانىدىم. «ئىسلام ۋە يېڭى ئەخلاق» ياكى «غەربلىشىش خائىنلىقى» دېگەندەك كىتابلاردىن بىرىنى ئوقۇپ، بىر كېچىدىلا قاۋاقخانىدىن مەسچىتكە كىرىپ، مۇزدەك سوغۇق گىلەملەردە، مۇئەتتەر ھىدى ئىچىدە ئولتۇرۇپ، 50 يىلدىن كېيىن كېلىدىغان ئۆلۈمىنى سەۋر بىلەن كۈتۈشكە باشلىغانلارنىمۇ بىلەتتىم . ئاندىن «مۇھەببەت ئەركىنلىكى» ياكى «ئۆزۈمنى تونۇدۇم» دېگەندەك كىتابلارغا ئەسىر بولۇپ قالغانلاردىن خەۋىرىم بار ئىدى. بۇنداقلار كۆپىنچە مەسئۇلىيەتكە ئىخلاس قىلىدىغان ئىنسانلار ئارىسىدىن چىقاتتى، ھالبۇكى، بۇلارمۇ سەمىمىيەت بىلەن: ”بۇ كىتاب بىر كېچىدە پۈتۈن ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى!“ دەيتتى.
كاللامدىكى نەرسىلەر ئەسلىدە بۇ قورقۇنچلۇق مەنزىرىلەرنىڭ پەرىشانلىقى ئەمەس ئىدى، يالغۇزلۇقتىن قورقاتتىم. مەندەك ھاماقەتنىڭ سادىر قىلىپ قويۇشى مۇمكىن بولغان ئىشلاردىن، مەسىلەن كىتابنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشتىن، بۇ چۈشىنىشنىڭ يۈزەكى بولۇش ياكى بولماسلىقىدىن، باشقىلاردەك بولالماسلىقتىن، مۇھەببەتتىن زېرىكىشتىن، ھەر ئىشنىڭ سىرىنى بىلىپ، بۇ سىرنى بىلىشنى زادى خالىمايدىغانلارغا ئۇنى ئۆمۈر بويى چۈشەندۈرۈپ مازاققا قېلىشتىن، تۈرمىگە كىرىشتىن، بېشى يېرىق كۆرۈنۈشتىن، ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيانىڭ مەن ئويلىغاندىنمۇ ۋەھشىي ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشتىن، گۈزەل قىزلارغا ئۆزۈمنى سۆيدۈرەلمەسلىكىمدىن قورقاتتىم. چۈنكى كىتابتا يېزىلغانلار راست بولسا، ھاياتلىق شۇ سەھىپىلەردە ئوقۇغىنىمدىكىدەك بولسا، شۇنداق بىر دۇنيا مەۋجۇت بولسا، نېمىشقا ھەممە ئادەم ھېلىمۇ جامەگە بارىدۇ، قەھۋەخانىدا تاغدىن-باغدىن گەپ سېتىپ مۈگدەپ ئولتۇرۇشىدۇ ۋە ياكى ھەر ئاخشىمى بۇ ۋاقىتتا ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىن كەتمەيدۇ؟ بۇنى ھېچ چۈشەنگىلى بولمايتتى. كوچىلاردىمۇ تېلېۋىزوردىكىگە ئوخشاش قىزىقارلىق ئىشلار بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، بىرەر ماشىنا تېزلىكتە ئۆتۈشى، بىرەر ئات كىشنىشى، ياكى بىرەر مەست ۋارقىراپ قېلىشى مۇمكىن دەپ بۇ كىشىلەر دېرىزە پەردىلىرىنى قىيا ئوچۇق قويىدۇ.
قىيا ئوچۇق پەردىلەر ئارىسىدىن ئۆينىڭ ئىچىگە بىر ھازا قارىدىم. ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ تۆمۈر يولچى رىفقى تاغىلارنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى قاچان بايقىغانلىقىمنى بىلەلمىدىم، تاسادىپىي بايقىغان بولۇشۇم مۇمكىن، ھاياتىم بىر كىتاب بىلەن باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرگەن كۈنى ئاخشىمى بەلكى ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز سالام يوللاۋاتقان بولۇشۇم مۇمكىن. كاللامدا غەلىتە بىر ئىستەك، يەنى دادام بىلەن ئۇ يەرگە ئاخىرقى قېتىم بارغان چاغلىرىمدا ئۆينىڭ ئىچىدە كۆرگەن نەرسىلەرنى— قەپەستىكى تورغايلارنى، تامدىكى بارومېتىرنى، كۆڭۈل قويۇپ رامكىلىنىپ تامغا ئېسىلغان تۆمۈر يول رەسىملىرىنى، بىر يېنىغا ئىسپىرتلىق مېۋە شەربەتلىرى، ۋاگون مودېللىرى، كۈمۈشرەڭ كەمپۈت قۇتىسى، تەكشۈرگۈچ سايمانلار، تۆمۈر يول خىزمىتى مېداللىرى، بىر يېنىغا قىرىق-ئەللىك كىتاب تىزىلغان ئەينەكلىك ئىشكاپنى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تۇتۇلمىغان ساماۋارنى، ئۈستەلدىكى قارتىلارنى… تېخىمۇ يېقىندىن كۆرۈش ئىستىكىم بار ئىدى. قىيا ئوچۇق پەردىلەر ئارىسىدىن ئۆيدىكى تېلېۋىزورنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، يورۇقىنى كۆرۈۋاتاتتىم.
نەدىن كەلگىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمىگەن بىر قەتئىي نىيەت بىلەن بىنا باغچىسىنى پىيادىلەر يولىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان تامغا چىقتىم ۋە تۆمۈر يولچى رىفقى تاغىنىڭ تۇل خوتۇنى راتىبە ھاممىنىڭ بېشىنى ۋە ئۇ كۆرۈۋاتقان تېلېۋىزورنى كۆردۈم. ئۇ ئېرىنىڭ بوش قالغان ئورۇندۇقىغا قىرىق بەش گرادۇس يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتاتتى، ئۇ خۇددى ئانامدەك بوينىنى قىسىپ ئولتۇراتتى، ئەمما ئانامدەك بىر نېمە توقۇماي، پۇرقىرىتىپ تاماكا چېكىپ ئولتۇراتتى.
تۆمۈر يولچى رىفقى تاغا ئۆتكەن يىلى يۈرەك كېسىلى بىلەن قازا قىلغان دادامدىن بىر يىل ئاۋۋال ئۆلۈپ كەتكەنىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئۆلۈمى تەبىئىي ئۆلۈم ئەمەس ئىدى، بىر كۈنى كېچىدە قەھۋەخانىغا كېتىۋاتقاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، قاتىل تۇتۇلماي قالغانىدى؛ بۇ ھەقتە بىر ئۆسەك گەپ چىققان، داداممۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلىدا ئۇ گەپكە زادى ئىشەنمىگەنىدى. رىفقى تاغىنىڭ بالىسى يوق ئىدى. يېرىم كېچىدە ئانام ئۇخلاپ خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئورۇندۇقۇمدا تىك ئولتۇرۇپ بىلەكلىرىم، جەينەكلىرىم، ئالىقانلىرىم ئارىسىدا تۇرغان كىتابقا قاراۋېتىپ مەھەللىنىڭ ۋە شەھەرنىڭ ئۆچكەن چىراغلىرىنى، ئادەمسىز ۋە پاتقاق كوچىلارنىڭ سولغۇنلۇقىنى، ئاخىرقى قېتىم ئۆتكەن بوزىچىنىڭ ئاۋازىنى، بىمەھەل ئۆتكەن بىر-ئىككى قاغىنى، شەھەر ئەتراپىغا قاتنايدىغان ئەڭ ئاخىرقى پويىزدىن كېيىن ئۆتۈشكە باشلىغان ئۇزۇن يۈك پويىزلىرىنىڭ تاقىر-تۇقۇرلىرىنى، يېرىم كېچىدە بىزنىڭ مەھەللىنى مۇشۇ يەرلەردەك قىلغان ھەممە نەرسىنى ئاستا-ئاستا، ھاياجان ۋە خۇشاللىق ئىلكىدە ئۇنۇتتۇم ھەمدە كىتابتىن چىقىۋاتقان نۇرغا ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي بېغىشلىۋەتتىم. شۇنداق قىلىپ، ھاياتىمنى ۋە خىياللىرىمنى مۇشۇ كۈنگىچە شەكىللەندۈرگەن چۈشلۈك تاماقلار، كىنوخانا ئىشىكلىرى، ساۋاقداشلار، كۈندىلىك گېزىتلەر، گازلىق سۇلار، پۇتبول مۇسابىقىلىرى، رەت-رەت دەرسخانىلار، پاراخوتلار، گۈزەل قىزلار، بەخت خىياللىرى، كەلگۈسىدىكى سۆيگىنىم، خوتۇنۇم، خىزمەت ئۈستىلىم، ئەتىگەنلىرىم، ناشتىلىقلىرىم، ئاپتوبۇس بېلەتلىرىم، ئۇششاق كۆڭۈلسىزلىكلىرىم، ئىشلەپ بولالمىغان فىزىكا تاپشۇرۇقلىرىم، كونا ئىشتانلىرىم، يۈزۈم، ئۇخلاش كىيىملىرىم، كېچىلىرىم، مېنى ئانانىزم قىلدۇرغان ژۇرناللار، تاماكىلىرىم، ھەتتا ئارقامدىكى قەدىناس كارىۋىتىممۇ كاللامدىن پۈتۈنلەي چىقتى، مەن ئۆزۈمنى ئۇ يەردە، ئاشۇ يورۇق دىياردا ساياھەت قىلىۋاتقان ھالدا كۆردۈم.
2
ئەتىسى ئاشىق بولدۇم. كىتابتىن يۈزۈمگە چېچىلغان نۇردەك كۈچلۈك بۇ ئاشىقلىق ھاياتىمنىڭ خېلى بۇرۇنلا تاپتىن چىققانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
ئەتىگىنى ئويغىنىش بىلەنلا، بىر كۈن ئاۋۋال بېشىمدىن ئۆتكەنلەرنى ئەسلەپ، ئالدىمدا نامايان بولغان يېڭى دىيارنىڭ بىر دەملىك خىيال بولماستىن، بەلكى بەدىنىم، قوللىرىم، پۇتلىرىمغا ئوخشاش ھەقىقىي نەرسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ يېڭى دۇنيادىكى چىدىغۇسىز يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ماڭا ئوخشاش كىشىلەرنى تاپمىسام بولمايتتى.
كېچە ياغقان قار دېرىزە تەكچىلىرى، پىيادىلەر يوللىرى ۋە تاملارنى قاپلىغانىدى. ئۈستەلدە ئېچىقلىق تۇرغان كىتاب سىرتتىن كەلگەن ئاق ۋە مۇزدەك سوغۇق نۇرنىڭ ئىچىدە تۇرغاندىنمۇ بەك يالىڭاچ، پاك كۆرۈنەتتى، بۇمۇ ئۇنى قورقۇنچلۇق ھالەتكە كىرگۈزگەنىدى.
شۇنداقتىمۇ بۇرۇنقىدەكلا ئانام بىلەن ناشتا قىلىشقا، قىزارغان بولكا ھىدىنى پۇراپ «مىللىيەت»گېزىتىنى ۋاراقلاشقا، جەلال سالىكنىڭ ماقالىسىغا كۆز يۈگۈرتۈشكە مۇۋەپپەق بولالىدىم. ھەممە ئىش ئۆزۈم ئادەتلەنگەن كونا قېلىپتا كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى، داستىخاندىكى پىشلاقتىن يېدىم، چاي ئىچىۋېتىپ ئانامنىڭ خۇش چىرايىغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم. قاچا-قۇچا ۋە قوشۇقلارنىڭ جىرىڭلارشلىرى، كوچىدىكى ماندارىن ساتقۇچىنىڭ ماشىنىسى ماڭا ھاياتنىڭ بۇرۇنقىدەك داۋاملىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىمەن دەيتتى. ئەمما ئالدانمىدىم. دۇنيانىڭ باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرگەنلىكىگە ئىشەنچىم كامىل ئىدىكى، ئۆيدىن چىققۇچە دادامنىڭ ھېلىقى ئېغىر، كونا پەلتوسىنى كىيىشىممۇ ئۆزۈمگە غەيرىي تۇيۇلمىدى.
ۋوگزالغا بېرىپ پويىزغا چىقتىم، پويىزدىن چۈشۈپ پاراخوتقا ئۈلگۈردۈم، قاراكۆيدە پاراخوت توختايدىغان پورت كۆۋرۈكىگە سەكرىدىم، قىستاڭچىلىقتا جەينەكلەشتىم، پەلەمپەيلەردىن يۇقىرىغا چىقىپ، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ تاكسىمگە باردىم، تاشقىشلاغا كېتىۋېتىپ پىيادىلەر يولىدا گۈل سېتىۋاتقان سىگانلارغا بىر پەس قاراپ تۇردۇم. ھاياتنىڭ بۇرۇنقىدەك داۋاملىشىشىغا ئىشىنەلەمدىم، كىتابنى ئوقۇغانلىقىمنى ئۇنتۇيالامدىم؟ بۇلار ماڭا بىردىنلا قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈپ كەتتىكى، يۈگۈرگۈم كەلدى.
فىزىكىدىكى قارشىلىق كۈچى دەرسىدە دوسكىغا سىزىلغان شەكىللەرنى، خەتلەرنى، سانلارنى ۋە فورمۇلالارنى دەپتىرىمگە ئەستايىدىل كۆچۈردۈم. دوسكىغا بىر نەرسە يېزىلمىغان چاغدا قول قوشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ پاينەكۋاش پروفېسسورنىڭ مۇلايىم ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. راستتىنلا ئاڭلاۋاتامدىمەن ياكى باشقىلاردەك ئاڭلاۋاتقان بولۇۋېلىپ، تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنشائات فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسىنى دوراۋاتامدىمەن، بىلەلمىدىم. بىر ھازادىن كېيىن، مەن بىلىدىغان ئۇ كونا دۇنيانىڭ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئېچىنىشلىق دۇنيا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانچە يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى، تومۇرلىرىمدا دورىلىق قان ئېقىۋاتقاندەك بولۇپ بېشىم قايدى، ئۇ كىتابتىن يۈزۈمگە چېچىلىۋاتقان نۇرلارنىڭ گەجگەمدىن پۈتۈن گەۋدەمگە ئاستا-ئاستا تاراۋاتقانلىقىنى پەيزىم بىلەن ھېس قىلدىم. يېڭى دۇنيا كونا نەرسىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھازىرقى زاماننى ئۆتكەن زامانغا ئايلاندۇرۇۋەتكەنىدى. مەن كۆرگەن، تۇتقان ھەممە نەرسە ئېچىنىشلىق دەرىجىدە كونا ئىدى.
ئۇ كىتابنى دەسلەپتە بىناكارلىق كەسپىدە ئوقۇيدىغان بىر قىزنىڭ قولىدا كۆرگەنىدىم. ئۇ ئاستىنقى قەۋەتتىكى چايخانىدىن بىر نەرسە ئالماقچى ئىدى، سومكىسىدىن ھەميانىنى ئىزدەۋاتاتتى، ئەمما يەنە بىر قولى بوش بولمىغاچقا سومكىسىنى ئاختۇرالمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ قولىدا كىتاب بار ئىدى، قولىنى بوشىتىش ئۈچۈن ئۇنى مەن ئولتۇرغان شىرەگە قويۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىتابقا مۇنداقلا قارىغان بولدۇم. پۈتۈن ھاياتىمنى ئۆزگەرتكەن تاسادىپىيلىق پەقەت مۇشۇنچىلىكلا ئىدى. ئاندىن قىز ئۇ كىتابنى ئېلىپ سومكىسىغا سالدى. چۈشتىن كېيىن ئۆيۈمگە قايتىش يولىدىكى يايمىكەشنىڭ كونا كىتابلار، رىسالىلەر، شېئىر ۋە پال كىتابلىرى، مۇھەببەت ۋە سىياسەت رومانلىرى ئارىسىدا ئۇ كىتابنى قايتا كۆرگەن ھامان سېتىۋالدىم.
چۈشتە زىل چېلىنىشى بىلەنلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولىسى تاماق ئېلىش ئۆچىرىتىدە تۇرۇش ئۈچۈن پەلەمپەيلەرگە قاراپ يۈگۈردى، مەن پارتامدا جىممىدە ئولتۇردۇم. ئاندىن كارىدورلارنى كەزدىم، چايخانىغا كىردىم، ھويلا- سەينالاردىن ئۆتتۈم، تۈۋرۈكلەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ، بوش سىنىپلارغا كىردىم، ئۇدۇلدىكى باغچىدىكى قارغا كۆمۈلگەن دەرەخلەرگە دېرىزىلەردىن قارىدىم، خالادىكى جۈمەكتىن سۇ ئىچتىم. تاشقىشلانىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقتىم. ئۇ قىز ھېچنەدە يوق ئىدى، ئەمما ئالدىراپ كەتمىدىم.
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن كارىدورلار ئوقۇغۇچىلار بىلەن تولۇپ كەتتى. بىناكارلىق سىنىپى جايلاشقان كارىدورلاردا ئارىلاپ يۈرۈپ ئىشخانىلارغا كىردىم، ئۇ يەردە پۇل تىكىشىپ قارتا ئويناۋاتقانلارنى تاماشا قىلدىم ۋە بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ، پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن گېزىتلەرنى يىغىپ ئوقۇدۇم. ئاندىن كارىدورلاردا ماڭدىم، پەلەمپەيلەردىن چىقىپ چۈشتۈم؛ پۇتبول، سىياسەت ۋە تۈنۈگۈن ئاخشام تېلېۋىزوردا كۆرگەنلىرى ھەققىدە ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىشىۋاتقانلارنىڭ گېپىنى تىڭشىدىم. بالىلىق بولۇش نىيىتىگە كەلگەن بىر كىنو چولپىنى بىلەن چاقچاقلىشىۋاتقانلارغا قېتىلدىم. تاماكا، چاقماق سورىغانلارغا بەردىم، بىرسى بىر لەتىپە سۆزلەۋاتاتتى، ئاڭلىدىم، شۇ ئەسنادا بىرسى مېنى توختىتىپ: ”پالانچىنى كۆردۈڭمۇ؟“ دەپ سورىۋىدى، ياخشى نىيەتتە جاۋاب بەردىم. گاھى ئۇچرىشىپ قالىدىغان بىر-ئىككى ئاغىنە، قارايدىغان بىرەر دېرىزە ياكى ماڭىدىغان بىرەر نىشان تاپالمىغاندا كاللامغا ناھايىتى مۇھىم بىر نەرسە كېلەتتى-دە، بىر يەرگە بېرىشقا قارار قىلىپ، ناھايىتى ئالدىراش ئىشىم باردەك ئىتتىك ماڭاتتىم. ئەمما بارىدىغان تەرەپ ئېنىق بولمىغانلىقتىن كۇتۇپخانا ئالدىغا كەلگىنىمدە، پەلەمپەيلەرنىڭ سۇپىسىغا قەدەم باسقىنىمدا، ياكى تاماكا سورايدىغان بىرسىگە ئۇچراپ قالغىنىمدا يولۇمنى ئۆزگەرتىپ، توپ ئارىسىغا قېتىلاتتىم، بەزىدە تاماكىدىن يەنە بىرنى چېكىش ئۈچۈن توختاپ تۇراتتىم. بىر چاغدا ئېلان تاختىسىغا يېڭى ئېسىلغان بىر ئۇقتۇرۇشقا قارىشىم بىلەنلا يۈرىكىم تۇيۇقسىز دۈپۈلدەپ كەتتى، بىرسى غىل-پال كۆرۈنۈپ كېتىپ قالدى، مېنى چارىسىز قويدى: مەن قولىدا ئۇ كىتابنى كۆرگەن قىز ئەنە شۇ يەردە ئىدى، توپلىشىۋالغانلار ئارىسىدا مەندىن يىراقلىشىۋاتاتتى، خۇددى چۈشۈمدىكىدەك، ئاستا كېتىۋېتىپ مېنى چاقىرىۋاتاتتى. ھوشۇمنى يوقاتتىم، مەن ئەمدى مەن ئەمەس ئىدىم؛ بۇنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتىم ، ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردۈم.
ئۇنىڭ ئۇچىسىدا ئاقۇش، ئەمما قانداق رەڭدە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر كىيىم بار ئىدى. پەلەمپەيلەرگە بارمايلا ئۇنىڭغا يېتىشتىم ۋە چىرايىغا يېقىندىن قارىدىم، يۈزۈمگە كىتابتىن چېچىلغان نۇردەك كۈچلۈك، ئەمما ئىللىق بىر نۇر ئۇرۇلدى. بۇ دۇنيادا ئىدىم ۋە يېڭى ھاياتنىڭ ئىشىكىدە تۇراتتىم. ئۇ يەردە تازىلانمىغان پەلەمپەيلەرنىڭ بېشىدا ۋە كىتابتىكى ھاياتنىڭ ئىچىدە ئىدىم. بۇ نۇرغا قارىغانچە قەلبىمنىڭ مېنى تامامەن ئەسىر قىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
ئۇنىڭغا كىتابنى ئوقۇغانلىقىمنى ئېيتتىم، كىتابنى ئۇنىڭ قولىدا كۆرگەنلىكىمنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغانلىقىمنى دېدىم. كىتابنى ئوقۇماستا بىر دۇنيايىم بار ئىدى، ئوقۇغاندىن كېيىن باشقا بىر دۇنيايىم بولدى. ئەمدى پاراڭلىشىشىمىز كېرەك ئىدى، چۈنكى مەن بۇ دۇنيادا تىكەندەك يالغۇز قالغانىدىم.
− ھازىر دەرسىم بار،− دېدى قىز.
تېخىمۇ ھەيران بولدۇم، بۇنى ئۇمۇ چۈشەندى بولغاي، بىر ئاز ئويلاندى.
− بولىدۇ،−دېدى ئۇ ئاخىر بىر قارارغا كېلىپ،− بوش بىر سىنىپنى تېپىپ پاراڭلىشايلى.
ئىككىنچى قەۋەتتىن بوش سىنىپ تاپتۇق. سىنىپقا كىرىۋاتقاندا پۇتلىرىم تىترەپ كەتتى. كىتاب ماڭا ۋەدە قىلغان دۇنيانى كۆرگەنلىكىمدىن قانداق گەپ ئېچىشنى بىلەلمەيۋاتاتتىم. كىتاب مەن بىلەن پىچىرلىشىپ، ئۇ دۇنيانى بىر سىرنى ئاچقاندەك ئېچىپ بەرگەنىدى. قىز ئىسمىنىڭ جانان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، مەنمۇ ئىسمىمنى ئېيتىپ بەردىم.
− ئۇ كىتابقا نېمىشقا قىزىقىپ قالدىڭ؟− دەپ سورىدى قىز.
”كىتابنى سېنىڭ ئوقۇغانلىقىڭ بولمامدۇ پەرىشتە“دېگۈم كەلدى بىر ئىلھام بىلەن. بۇ پەرىشتە نەدىن كەلدى، كاللامنى ئېلىشتۇرۇپ؛ كاللام دائىم ئېلىشاتتى، ئەمما كېيىن بىرسى ياردەم قىلاتتى، بەلكىم شۇ پەرىشتە بولسا كېرەك.
− كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن پۈتۈن ھاياتىم ئۆزگەردى،− دېدىم مەن ،− ھازىر مەن ھۇجرام، ئۆيۈم، ئىشقىلىپ پۈتۈن دۇنيايىمدىن ئايرىلىپ، ئۆزۈمنى يات بىر دۇنيادا يۇرت-ماكانسىز ھېس قىلدىم. كىتابنى دەسلەپتە سېنىڭ قولۇڭدا كۆردۈم. كىتابنى سەنمۇ ئوقۇدۇڭ. ئەگەر بارغان بولساڭ ماڭا شۇ دىيارنى ئېيتىپ بەر. ئۇ دىيارغا قەدەم بېسىشىم ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ماڭا ئېيتىپ بەر. ھازىر نېمىشقا بۇ يەردە ئىكەنلىكىمىزنى ماڭا چۈشەندۈر. ئۇ دۇنيا قانداقچە ئۆز ئۆيۈمدەك تونۇش بولالايدۇ، ئۆز ئۆيۈم قانداقچە پۈتۈن دۇنيادەك يات كۆرۈنىدۇ، بۇنى ماڭا چۈشەندۈر.
بۇ كەيپىيات ۋە شۇ تەلەپپۇز بىلەن بەلكىم تېخىمۇ كۆپ سۆزلەيتتىم، ئەمما كۆزلىرىم بىردىنلا قاماشقاندەك بولدى. تالادىن قىشتىكى چۈش ۋاقتىنىڭ قارلىق ۋە كۈمۈشرەڭ نۇرى شۇ قەدەر تۈز، پارلاق كېلىۋاتاتتىكى، بور پۇرايدىغان كىچىك سىنىپنىڭ ئەينەكلىرى گويا مۇزدەك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ چىرايىغا ئەيمىنىپرەك قارىدىم.
− كىتابتىكى دۇنياغا كىرىش ئۈچۈن قانداق قىلاتتىڭ؟− دەپ سورىدى.
ئۇنىڭ يۈزى سولغۇن، قاشلىرى، چاچلىرى قوڭۇر، بېقىشلىرى مۇلايىم ئىدى. ئەگەر ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە بۇ دۇنيا سەۋەبچى بولغان بولسا، ئاساسەن بۇ دۇنيالىق ئەسلىمىلىرى سەۋەبچى بولغانىدى. ئەگەر كېلەچەك سەۋەبچى بولغان بولسا، ئاساسەن كېلەچەكنىڭ قورقۇنچى ۋە ئازابلىرى سەۋەبچى بولغانىدى. ئۇنىڭغا كۆپرەك قاراپ كەتسەم راستتىنلا شۇنداق بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدىغاندەك قاراپ تۇراتتىم.
−كىتابتىكى دۇنيانى تېپىش ئۈچۈن ھەممىنى قىلاتتىم،− دېدىم.
ئۇ سۇس كۈلۈمسىرەپ ماڭا يېقىملىق باقتى. ئاجايىپ گۈزەل، سۆيۈملۈك بىر قىز سىزگە شۇنداق قارىسا قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ سەرەڭگىنى قانداق تۇتۇش، تاماكىنى قانداق يېقىش كېرەك؟ دېرىزىدىن قانداق قاراش، ئۇنىڭ بىلەن قانداق پاراڭلىشىش، ئۇنىڭ ئالدىدا قانداق تۇرۇش، قانداق نەپەس ئېلىش كېرەك؟ بۇلارنى بۇ دەرسخانىلاردا زادى ئۆگەتمەيدۇ. مەندەكلەر مانا مۇشۇنداق بىر ئامالسىزلىقتا، يۈرەكلىرىنىڭ دۈپۈلدەشلىرىنى چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ تولغىنىدۇ.
− زادى قانداق ئىشلارنى قىلالايسەن؟ − دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.
− ھەممە ئىش…− دېدىم ۋە يۈرىكىمنىڭ سوقۇشىنى تىڭشاپ جىمىپ قالدىم.
نېمىشقىكىن بىلمىدىم، ناھايىتى ئۇزۇن، ئاخىرلاشمايدىغان ئۇزۇن سەپەرلەر، توختىماي ياغىدىغان قاتتىق يامغۇرلار، ھەممىسى بىر-بىرىگە ئۆتۈشىدىغان بېكىنمە كوچىلار، غەمكىن دەرەخلەر، پاتقاقلىق ئېرىقلار، باغچىلار، دىيارلار كاللامغا كەلدى. ئۇنىڭغا بىر كۈنلەردە مۇيەسسەر بولالىسام، بۇ دىيارلارغا كەتسەم بولاتتى.
− مەسىلەن، ئۆلۈمنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرەلەمسەن ؟
− كەلتۈرەلەيمەن.
− ئۇ كىتابنى ئوقۇغانلارنى ئۆلتۈرىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى بىلسەڭمۇ شۇنداق قىلالامسەن؟
كۈلۈمسىرەشكە تىرىشتىم، چۈنكى، ئىچىمدىكى بولغۇسى ئىنژېنېر: بۇ بىر كىتابقۇ ئاخىر! دەيتتى، ئەمما جانان ماڭا مىقتەك تىكىلىپ تۇراتتى. سەللا دىققەت قىلمىسام، خاتا بىر نەرسە دەپ سالسام كىتابتىكى دۇنياغىمۇ، ئۇنىڭغىمۇ يېقىنلىشالمايدىغانلىقىمنى ئويلاشقا باشلىدىم.
− مېنى بىر كىمنىڭ ئۆلتۈرۈشىگە ئىشەنمەيمەن،— دېدىم كىم ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلمىگەن بىرىنى دوراپ،− راستىنى ئېيتسام، شۇنداق بولسىمۇ ئۆلۈمدىن قورقمايمەن.
دېرىزىدىن چۈشكەن بور رەڭ ئاق نۇرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ خورما رەڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.
− سېنىڭچە ئۇ دۇنيا بارمۇ؟ ياكى شۇ كىتابقا يېزىلىپ كەتكەن چۈشسىمان بىر خىيالمۇ؟
− ئۇ دۇنيا بار!− دېدىم،−سەنمۇ شۇنچىلىك گۈزەلسەنكى، شۇ يەردىن كەلگەنلىكىڭنى بىلىمەن.
ئۇ ماڭا قاراپ چەبدەسلىك بىلەن ئىككى قەدەم مېڭىپ، بېشىمنى ئىككى تەرەپتىن قاماللاپ، بوينىنى سوزۇپ لېۋىمگە سۆيدى، تىلى لېۋىمدە بىر پەس تۇردى، قولۇم يېنىك بەدىنىنى تۇتۇپ بولغۇچە كەينىگە داجىدى.
− ناھايىتى جەسۇر ئىكەنسەن،— دېدى ئۇ.
ئۇنىڭدىن لاۋانتا ۋە كولونيا پۇرىقىنى سەزدىم-دە، ئۇنىڭغا قاراپ مەستانىلەرچە بىر-ئىككى قەدەم ماڭدىم. ئىشىك ئالدىدىن ئىككى ئوقۇغۇچى ۋارقىرىشىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.
− ئەمدى توختاپ گېپىمنى ئاڭلا، —دېدى ئۇ،— بۇ دېگەنلىرىڭنى مەھەممەتكىمۇ ئېيتىشىڭ كېرەك. ئۇ كىتابتا ئېيتىلغان دۇنياغا بېرىپ يېنىپ كەلدى. ئۇ شۇ يەردىن كېلىۋاتىدۇ، بىلدىڭمۇ؟ چۈشەندىڭمۇ؟ ئەمما ئۇ باشقىلارنىڭمۇ ئۇ كىتابقا ئىشىنىشىگە، ئۇ يەرگە بارالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇ قورقۇنچلۇق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەنمىش، ئىشەنچىنى يوقاتقانمىش. ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويامسەن؟
− مەھەممەت دېگەن كىم؟
− ئون مىنۇتتىن كېيىن، تۇنجى دەرس باشلانماستا 201-سىنىپنىڭ ئالدىغا بار،— دېدى ۋە بىردىنلا ئىشىكتىن چىقىپ غايىب بولدى.
سىنىپ قۇپقۇرۇق قالدى، گويا مەنمۇ ئۇ يەردە يوق ئىدىم،
داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. ھېچكىم مېنى ئۇنداق سۆيمىگەنىدى، ھېچكىم ماڭا ئۇنداق قارىمىغانىدى. ئەمدى تىكەندەك يالغۇز قالغانىدىم. قورقۇۋاتاتتىم، ئۇنى يەنە كۆرەلمەيدىغانلىقىمنى ئويلىدىم، ئەمدى بۇ دۇنياغا راۋۇرۇس قەدەم تاشلىيالمايتتىم؛ ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرگۈم كەلدى، ئەمما يۈرىكىم شۇنداق تېز سوقۇۋاتاتتىكى، نەپەس ئالالماسلىقىمدىن قورقتۇم. ئاق، ئاپئاق بىر نۇر كۆزلىرىمنىلا ئەمەس، ئەقلىمنىمۇ غۇۋالاشتۇرغانىدى. بۇ شۇ كىتاب سەۋەبىدىن دەپ ئويلىدىم ھەم توساتتىن ئۇ كىتابنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگىنىمنى، ئۇ يەردە، ئۇ دۇنيادا بولۇشنى شۇنچىلىك ئارزۇلىغىنىمنى چۈشەندىمكى، گويا ھازىرلا يىغلاپ سالارمەنمىكىن دەپ ئويلىدىم. ئۇ كىتابنىڭ بارلىقى قەددىمنى تىك تۇتۇپ تۇرۇشۇمغا ئىمكان بېرەتتى. بىلىمەنكى، ئۇ قىزمۇ مېنى چوقۇم يەنە بىر قېتىم قۇچاقلايتتى. پۈتۈن دۇنيانىڭ مېنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى ئويلىدىم.
ئۇ يەردىن ئاۋازلار ئاڭلىناتتى، دېرىزىدىن تالاغا قارىدىم. بىناكارلىق كەسپىدىكى بىر توپ ئوقۇغۇچى پەستىكى باغچىنىڭ ئەتراپىدا ۋارقىرىشىپ قار پومزىكى ئېتىپ ئويناۋاتاتتى. نېمىگە قارىغىنىمنى بىلمەيلا ئۇلارغا قارىدىم. ئەمدى ھەرگىز بالا ئەمەس ئىدىم، غايىب بولغانىدىم.
ئادەتتىكىچە بىر كۈن ھەممىمىزگە نېسىپ بولغۇسى ھەم نېسىپ بولغان، بۇ دۇنيادا ئادەتتىكىچە قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتىمىز دەپ يۈرگىنىمىزدە تۇيۇقسىز بايقايمىزكى، ئېڭىمىزدا مەۋجۇت گېزىت خەۋەرلىرى، ماشىنا شاۋقۇنلىرى، كۆڭۈلسىز سۆزلەر، يانچۇقلىرىمىزدا ئىشلىتىپ بولغان كىنو بېلەتلىرى ۋە تاماكا كۈللىرى ئەسلىدە خېلىدىن بېرى باشقا بىر يەرگە كېتىپ بولغان؛ ئەسلىدە بىز بۇ يەردە−قەدەملىرىمىز بىزنى ئېلىپ بارغان يەردە ئەمەسمىز. مەن بۇرۇنلا غايىب بولغانىدىم، مۇز ئەينەكلەرنىڭ ئارقىسىدا، ئۆچكەن بىر رەڭنىڭ ئىچىدە ئېرىپ كەتكەنىدىم. ئۇنداقتا بېرىشقا تېگىشلىك ھەر قانداق جايغا، ھەر قانداق دۇنياغا بارالىشىم ئۈچۈن بىر قىزغا، يەنى ھېلىقى قىزغا يېپىشىپ، ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشىم كېرەك. تىنجىماس قەلبىم بۇ ئەخمەقلىقنى قانداقسىگە تېزلا ئۆگىنىۋالغان بولغىيدى! ئاشىق بولغانىدىم، ئۆزۈمنى قەلبىمنىڭ ئۆلچەمسىز ئۆلچىمىگە قوياتتىم، سائىتىمگە قارىدىم. دەرسكە كىرىشكە سەككىز مىنۇت قاپتۇ.
بىر تېنىم، بىر ھاياتىم، بىر چىرايىم، بىر ھېكايەم بولغانلىقىنى غەلىتە ھالدا ھېس قىلغاچ ئېگىز تورۇسلۇق كارىدورلاردا ئەرۋاھتەك ماڭدىم. ئوقۇغۇچىلار توپى ئارىسىدا ئۇنى ئۇچرىتالامدىمەن، ئۇچراتسام نېمە دەيمەن،چىرايىم قانداق ئىدى، ئەسلىيەلمىدىم. پەلەمپەيلەرنىڭ يېنىدىكى خالاغا كىرىپ، ئاغزىمنى جۈمەككە تىرەپ سۇ ئىچتىم ۋە ئەينەككە، بايا سۆيۈلگەن لەۋلىرىمگە قارىدىم. ئانا، مەن ئاشىق بولدۇم؛ ئانا، مەن غايىب بولۇپ كېتىۋاتىمەن؛ ئانا، مەن قورقۇۋاتىمەن، ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىنى قىلالايمەن. جاناندىن”مەھەممەت دېگەن كىم؟“ دەپ سورايمەن، نېمىشقا قورققۇلۇق؟ كىتابنى ئوقۇغانلارنى ئۆلتۈرىمىز دەيدىغانلار كىملەر؟ مەن ھېچنېمىدىن قورقمايمەن، كىتابنى چۈشەنسەڭ، ئۇنىڭغا ئىشەنسەڭ، ئەلۋەتتە مەندەك قورقمايسەن.
كارىدورلاردىكى ئوقۇغۇچىلار توپى بىلەن ئۇچراشقان ھامان بىردىنلا ئۆزۈمنى يەنە ناھايىتى ئالدىراش بىر ئىشىم باردەك ئىتتىك كېتىۋاتقان ھالەتتە سەزدىم. ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتىم، كۆلچەكلىك ئىچكى سەيناغا قارىغان ئېگىز دېرىزىلەرنى بويلاپ ماڭدىم، ئۆزۈمنى ئارقىدا قويۇپ، جاناننى ئويلىغاچ ماڭدىم. دەرسىم بار سىنىپنىڭ ئالدىدىن، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئارىسىدىن ئۆتتۈم. دىلرەبا بىر قىز بايا مېنى شۇنداق سۆيدىكى، بىلەمسىلەر؟ چەبدەس پۇتلىرىم مېنى كېلەچىكىمگە ئۇدۇل ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ كېلەچەكتە قاراڭغۇ ئورمانلار، مېھمانخانا ياتاقلىرى، سۆسۈن ۋە كۆك رەڭ خىياللار، ھايات، ھۇزۇر ۋە ئۆلۈم بار ئىدى.
دەرسكە ئۈچ مىنۇت قالغاندا 201-سىنىپنىڭ ئالدىغا كېلىپ، جاناننى كۆرمەي تۇرۇپلا مەھەممەتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلدىم: چىرايى سولغۇن، مەندەك ئاۋاق، ئېگىز، خىيالچان، پەرۋاسىز، ھارغىن ئىدى. ئىلگىرى ئۇنى جانان بىلەن بىللە كۆرگىنىمنى غىل-پال ئەسلىدىم. ئۇ مەندىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدۇ، مەندىن كۆپ ياشىغان، مەندىن بىر-ئىككى ياش چوڭ دەپ ئويلىدىم.
ئۇنىڭ مېنى قانداق تونۇغانلىقىنى بىلمەيمەن. بىر چەتكە، ئىشكاپلارنىڭ ئارىسىغا ئۆتتۇق.
− كىتابنى ئوقۇپسەن، ئۇنىڭدىن نېمىنى چۈشەندىڭ؟− دەپ سورىدى ئۇ.
− يېڭى بىر ھاياتنى،− دېدىم.
− ئۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟
− ئىشىنىمەن.
ئۇنىڭ چىرايى شۇنچىلىك ھارغىن كۆرۈنەتتىكى، كەچۈرمىشلىرىدىن قورقتۇم.
− قارا، گېپىمگە قۇلاق سال،− دېدى ئۇ،− مەنمۇ ئىشەنگەنىدىم. ئۇ دۇنيانى تاپىمەن دەپ ئويلاپ ئاپتوبۇسلارغا چىقىپ-چۈشۈپ شەھەرمۇ شەھەر ئايلاندىم، ئۇ دىيارنى، ئۇ ئىنسانلارنى، ئۇ كوچىلارنى تاپماقچى بولدۇم. ماڭا ئىشەن، ئاخىرىدا ئۆلۈمدىن باشقا ئاقىۋەت يوق ئىكەن. ئادەملەرنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرىدىكەن. بەلكىم ھازىرلا بىزنى ئىزدەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
−ئۇنى قورقۇتما،− دېدى جانان.
ئارىنى بىر دەم سۈكۈت باستى. مەھەممەت ماڭا مېنى ئۇزۇندىن بېرى تونۇيدىغاندەك بىر پەس قارىدى. ئۇنىڭ خىيالىنى بەربات قىلغانلىقىمنى ئويلىدىم.
− قورقمايمەن،− دېدىم جانانغا قاراپ، − ئاخىرىغىچە بارالايمەن،− دېدىم كىنولاردىكى ئىرادىلىك ئادەملەردەك.
جاناننىڭ پەۋقۇلئاددە گۈزەل قامىتى مەندىن ئىككى قەدەم نېرىدا، ماڭا قارىغاندا مەھەممەتكە يېقىنراق ئىدى.
−ئاخىرىغىچە بارغۇدەك نېمىسى بار،− دېدى مەھەممەت،− ئۇ بىر كىتاب، بىرسى ئولتۇرۇپلا يازغان خىيال. ئۇنى قايتا-قايتا ئوقۇشتىن باشقا ئىش يوق.
− ماڭا دېگىنىڭنى ئۇنىڭغىمۇ دەپ باق،− دېدى جانان.
−ئۇ دۇنيا بار،−دېدىم. جاناننى چىرايلىق، ئۇزۇن بىلىكىدىن تۇتۇپ تارتقۇم كەلدىيۇ، ئىككىلىنىپ،− ئۇ دۇنيانى تاپىمەن،− دەپ تەكىتلىدىم.
− ئۇنداق دۇنيا يوق، ھەممىسى بىر ھېكايە. ئۇنى بىر ئەخمەق قېرىنىڭ بالىلارغا ئويناپ بەرگەن ئويۇنى دەپلا ئويلا. بالىلارنى ئويناتقان ئۇ قېرى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوڭلار ئۈچۈنمۇ بىر كىتاب يازاي دېگەن گەپ. نېمە دېمەكچى بولغىنىنى ئۆزىنىڭمۇ بىلگەن بولۇشى ناتايىن. ئوقۇساڭ خۇش بولىسەن، ئەمما ئىچىگە كىرىپ كەتسەڭ چاتاق.
− ئۇ يەردە بىر دۇنيا بار،− دېدىم كىنولاردىكى ئىرادىلىك ئەخمەقلەردەك،— مەن بىر يولىنى تېپىپ ئۇ يەرگە بارىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىمەن.
− يول بولسۇن ئەمىسە.
مەھەممەت كەينىگە بۇرۇلدى ۋە مەن ساڭا دېگەنتىمغۇ دېگەن مەنىدە جانانغا قارىدى، كېتىۋېتىپ سورىدى:
− ئۇ ھاياتقا قانداقچە بۇنچىۋالا ئىشىنىپ كەتتىڭ؟
− چۈنكى ئۇ كىتاب ماڭا ئۆز ھېكايەمنى بايان قىلىۋاتقاندەك
تۇيۇلىدۇ.
ئۇ دوستلارچە كۈلۈمسىرەپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭدى.
− سەن كەتمەي تۇر،− دېدىم جانانغا،− سۆيگىنىڭمۇ ئۇ؟
− ئەسلىدە ئۇ سېنى ياقتۇرىدۇ،−دېدى ئۇ،— ئۇ ئۆزىدىن ئەمەس، ئىككىمىزگە ئوخشاشلاردىن ئەنسىرەيدۇ.
− ئۇ سېنىڭ سۆيگىنىڭمۇ ؟ ماڭا ھەممىنى دېمەي تۇرۇپ كەتمە!
− ئۇ ماڭا موھتاج،− دېدى جانان.
بۇ گەپنى كىنولاردا كۆپ ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن ئىشىنىپرەك ھاياجان بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم:
− مېنى تاشلىۋەتسەڭ ئۆلىمەن.
جانان كۈلۈمسىرىدى، ئوقۇغۇچىلار توپى بىلەن بىرلىكتە ئىككى چىراي بىر بولدى. ئىككىسىنىڭ ئارقىسىدىن دەرسكە كىرىپ كەتكۈم كەلدى. سىنىپنىڭ كارىدورلارغا قارىغان كەڭ دېرىزىلىرىدىن ھەممىسى ئوخشاش ئاچ يېشىل ۋە بوزرەڭ كىيىملىك، كاۋبوي كىيىملىك ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىككىسىنىڭ بىر يەردە ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئىككىسى جىمجىت ئولتۇرۇپ دەرسنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈۋاتاتتى، جانان سىلىق قول ھەرىكىتى بىلەن قوڭۇر چاچلىرىنى قۇلاقلىرىنىڭ كەينىگە يىغدى، قەلبىمنىڭ بىر قىسمى يەنە ئېرىپ كەتتى. كىنولاردىكى مۇھەببەت ھەققىدىكى گەپلەرنىڭ ئەكسىچە ئۆزۈمنى ئىنتايىن پەرىشان ھېس قىلىپ، بېشىم قايغان، پۇتۇم تايغان يەرگە كەتتىم.
جانان مەن توغرۇلۇق نېمىنى ئويلايدىغاندۇ، ئۆيىنىڭ تاملىرى قانداق رەڭدىدۇ، دادىسى بىلەن نېمە ھەققىدە پاراڭلىشىدىغاندۇ، مۇنچىسى چىنىدەك پاكىزمىدۇ، قېرىنداشلىرى بارمىدۇ، ناشتىلىقتا نېمە يەيدىغاندۇ، ئۇلار سۆيۈملۈكمىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ مېنى نېمىشقا سۆيدى؟
ئۇ مېنى سۆيگەن كىچىك سىنىپ بوش ئىدى. مەغلۇپ بولغان بىر قوشۇندەك، ئەمما يېڭى بىر جەڭنىڭ خىياللىرى بىلەن ئىرادىلىك ھالدا ئۇنىڭ ئىچىگە كىردىم. بوش سىنىپتا ئەكس سادا چىقىرىۋاتقان ئاياغ تاۋۇشلىرىم، تاماكا قېپىنى ئېچىۋاتقان پەرىشان ۋە گۇناھكار قوللىرىم، بور پۇرىقى، مۇزدىن ئاق بىر نۇر… ئالىقىنىمنى ئەينەككە تىرىدىم. ئەتىگەن ئۆزۈمنى بوسۇغىسىدا كۆرگەن يېڭى ھايات مۇشۇمىدۇ؟ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار مېنى چارچىتىپ قويدى، ئەمما كاللامنىڭ بىر يېرىدە بولغۇسى ئىنژېنېر ئۆز ئالدىغا ھېساب-كىتاب قىلىۋاتاتتى. دەرسكە كىرگۈدەك ھالىم يوق ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىككى سائەتتىن كېيىن چىقىشىنى كۈتەتتىم. ئىككى سائەت!
پېشانەم سوغۇق ئەينەككە تىرەلدى، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى، بىلمەيمەن، ئۆزۈمگە ئىچىم ئاغرىۋاتاتتى، بۇنىڭدىن خۇشال بولۇۋاتاتتىم، كۆزلىرىمگە ياش كېلىدىغاندەك قىلاتتى، يېنىك شاماللار بىلەن تەڭ قار ئۇچقۇنداشقا باشلىدى. پەستە، دولماباغچىغا چۈشىدىغان دۆڭلۈڭتىكى چىنار ۋە كاشتان دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا ھەممە نەرسە شۇنچىلىك جىمجىت ئىدى! دەرەخلەر دەرەخ ئىكەنلىكلىرىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلىدىم. قار چۈمكىگەن شاخلارنىڭ ئارىسىدىن قاغىلار قانات قېقىپ ئۇچۇشقانىدى، ھەيران بولۇپ قارىدىم.
قارلارنى تاماشا قىلدىم، ئۇلار يېنىك لەپىلدەپ بىر-بىرىنى قوغلىشىپ چۈشەتتى، بوشلۇقتا تۇرۇپ قالغاندا يېنىك بىر شامال كېلىپ ئۇلارنى ئېلىپ كېتەتتى. گاھىدا بىر قار دانىسى بوشلۇقتا بىر پەس لەيلىگەندىن كېيىن ھاۋادا قىمىرلىماي تۇراتتى، ئاندىن تۇيۇقسىز بىر نەرسىسىدىن ۋاز كەچكەندەك، خىيالىنى ئۆزگەرتكەندەك قىلىپ ئارقىغا−ئاسمانغا ئاستا-ئاستا ئۆرلەشكە باشلايتتى. نۇرغۇن قار دانىسىنىڭ ئەسلىدە پاتقاققا، باغچىغا، ئاسفالتقا ياكى دەرەخلەرگە قونماستىن بارا-بارا ئارقىغا، ئاسمانغا قايتقانلىرىنى كۆردۈم. بۇنى كىم بىلىدۇ، بۇلارغا كىم دىققەت قىلغان؟
باغچىنىڭ ئۆسۈپ چىققان بىر يېرىدەك تۇرغان ۋە ئىككى يېنىدىن ئاسفالت يول بىلەن كېسىشكەن ئۈچ تەرەپلىكنىڭ ئۇچلۇق بۇلۇڭىنىڭ ”قىز مۇنارى“نى كۆرسىتىدىغانلىقىغا كىم دىققەت قىلغان؟ پىيادىلەر يولى بويىدىكى قارىغايلارنىڭ شەرق شامىلىدىن يىل بويى مۇكەممەل بىر سىممېترىك شەكىلدە ئېگىلىپ، مىنىبۇس بېكەتلىرىنىڭ ئۈستىدە بىر سەككىز تەرەپلىك شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كىم كۆرگەن؟ پىيادىلەر يولىدا قىزغۇچ يالتىراق خالتا كۆتۈرۈپ ماشىنا كۈتۈۋاتقان ئادەمنى كۆرۈپ، ئىستانبۇللۇقنىڭ يېرىمىنىڭ كوچىلاردا يالتىراق خالتا كۆتۈرۈپ يۈرىدىغانلىقىنى كىم ئويلاپ باققان؟ پەرىشتە، سېنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭنى بىلەلمەي، شەھەرنىڭ قار ۋە كۈل بىلەن قاپلانغان جىمجىت باغچىلىرىدىكى ئاچ ئىتلارنىڭ، قۇرۇق بوتۇلكا يىغقۇچىلارنىڭ ئاياغ ئىزلىرىغا قاراپ سېنىڭ ئىشارەتلىرىڭنى كىم ئويلىغان؟ ئىككى كۈن ئاۋۋال ئۇ يەردىكى پىيادىلەر يولى يايمىسىدىن سېتىۋالغان كىتاب ماڭا بىر سىرنى ئاچقاندەك كۆرسىتىپ بەرگەن يېڭى دۇنياغا مۇشۇنداق شاھىد بولامدىم؟
كۈمۈش رەڭگە كىرگەن نۇرنىڭ ۋە بارغانچە كۈچىيىۋاتقان قارنىڭ ئىچىدە، يەنە شۇ پىيادىلەر يولىدا جاناننىڭ كۆلەڭگىسىنى ئاۋۋال كۆزلىرىم ئەمەس، دۈپۈلدەۋاتقان يۈرىكىم بايقىدى. ئۇنىڭ ئۇچىسىدا سۆسۈن پەلتو بار ئىدى، دېمەك، مەن تۇيماستىنلا كۆڭلۈم ئۇ پەلتوغا ئەيىب قويغانىدى. ئۇنىڭ يېنىدا كۈل رەڭ كاستۇم كىيگەن مەھەممەت قارلىق يولدا يامان بىر ئەرۋاھتەك ئىز قالدۇرماي كېتىۋاتاتتى. كەينىدىن يۈگۈرۈپ يېتىشىۋالغۇم كەلدى.
ئۇلار ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا كىتاب كۆرگەزمىسى بولغان يەردە تۇرۇپ پاراڭلىشىشقا باشلىدى. پاراڭلىشىشىدىن بەكرەك، ئۇلارنىڭ قول ھەرىكەتلىرى، جاناننىڭ ئاچچىقلىنىشى، كەينىگە داجىشلىرىدىن مەلۇم ئىدىكى، ئۇلار ئۇرۇشقاق ئاشىق-مەشۇقلاردەك تاكاللىشىۋاتاتتى.
ئاندىن ئۇلار يەنە مېڭىشقا باشلىدى ۋە يەنە توختاشتى. مەن ناھايىتى يىراقتا ئىدىم، ئەمما بۇ قېتىم تېخىمۇ قاتتىق تاكاللىشىۋاتقانلىقىنى ئۇلارنىڭ تۇرۇشلىرىدىن، پىيادىلەر يولىدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئۇلارغا قاراشلىرىدىن سوغۇققانلىق بىلەن ھۆكۈم قىلدىم.
بۇمۇ كۆپ داۋاملاشمىدى. جانان كەينىگە يېنىپ تاشقىشلاغا، ماڭا قاراپ كېلىۋاتقاندا مەھەممەت بىر دەم ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ، تاكسىمغا قاراپ يولىنى داۋاملاشتۇردى. قەلبىم يەنە تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتتى.
شۇ ئەسنادا سارىيەر مىنىبۇس بېكىتىدە ماشىنا كۈتۈۋاتقان، قىزغۇچ يالتىراق خالتا كۆتۈرۈۋالغان بىر ئادەمنىڭ يولنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگە ئۆتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمما سۆسۈن رەڭ پەلتولۇق گۈزەل كۆلەڭگىنىڭ چىرايلىق قەدەملىرىگە تىكىلگەن كۆزلىرىم يولنى كېسىپ ئۆتۈۋاتقان بىرسىگە دىققەت قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئۇ ياقتىن بۇ ياققا يۈگۈرۈپ ئۆتكەن، قولىدا يالتىراق خالتا بار ئۇ ئادەمنىڭ ھەرىكەتلىرىدە مۇزىكا ئارىيىسىدىكى بىر خاتا نوتىغا ئوخشاش دىققەت قوزغايدىغان بىر يەر بار ئىدى. پىيادىلەر يولىغا ئىككى قەدەم قالغاندا ئۇ ئادەم يالتىراق خالتىدىن بىر نەرسە، يەنى بىر قورال چىقىرىپ مەھەممەتكە تەڭلىدى. ئۇمۇ بۇ ئادەمنى كۆردى.
ئاۋۋال مەھەممەتنىڭ تىترىگىنىنى، ئوق يېگەنلىكىنى كۆردۈم. ئاندىن قورال ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئارقىدىن ئىككىنچى ئوق ساداسىنى ئاڭلىدىم. ئۈچىنچىسىنىمۇ ئاڭلايمەن دەپ تۇراتتىم، مەھەممەت سەنتۈرۈلۈپ يىقىلدى. ئۇ ئادەم يالتىراق خالتىسىنى تاشلاپ باغچىگە قېچىشقا باشلىدى.
جانان ئاشۇ بىچارە، نازۇك، كىچىك قەدەملىرى بىلەن دىكىلداپ مېڭىپ ماڭا يېقىنلىشىۋاتاتتى، قورال ئاۋازىنى ئاڭلىمىغانىدى. ئاپېلسىن قاچىلىنىپ ئۈستى قار بىلەن قاپلانغان بىر يۈك ماشىنىسى شاۋقۇن-سۈرەن بىلەن دوقمۇشقا كىردى، ئەتراپ گويا ئەمدى ھەرىكەتكە كەلدى.
ئۇ يەردىكى مىنىبۇس بېكەتلىرىدە بىر جىددىيلىكنى كۆردۈم. مەھەممەت ئورنىدىن تۇرۇۋاتاتتى. يىراقتا، دۆڭلۈكتە يالتىراق خالتىسى يوق بىر ئادەم قارلىق باغچىدا بالىلارغا ئويۇن كۆرسىتىدىغان قىزىقچىدەك سەكرەپ-تاقلاپ پەسكە−ئىنۆنۈ تەنھەرىكەت سارىيىغا قاراپ يۈگۈرەيتتى، ئىككى ئويۇنچى ئىت ئۇنى قوغلايتتى.
يۈگۈرۈپ پەسكە چۈشۈپ جاناننىڭ ئالدىنى توسۇپ، خەۋەر بېرىشىم كېرەك ئىدى، ئەمما مەھەممەتنىڭ دەلدەڭشىگىنىگە، ئەتراپىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراشلىرىغا قاراپ تۇردۇم. قانچىلىك ۋاقىت؟ جانان تاشقىشلانىڭ بىر بۇرجىكىدىن، مېنىڭ كۆرۈش دائىرەمدىن چىقىپ كەتكۈچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت.
پەلەمپەيلەردىن يۈگۈرۈپ چۈشتۈم، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئىشىكتىكى خادىملارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتتۈم. ئەمما ئىشىككە بارغىنىمدا ئۇ يەردە جانان كۆرۈنمەيتتى، بىرەر ئىز-ئەسىرىمۇ يوق ئىدى. يۇقىرىغا قاراپ ئىتتىك ماڭدىم، جاناننى كۆرەلمىدىم. بىر ئازدىن كېيىن دوقمۇشقا بارغىنىمدا بايا كۆرگەنلىرىمگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر نەرسىمۇ كۆرەلمىدىم، ھېچكىمنىمۇ ئۇچرىتالمىدىم. ئارىدا مەھەممەتمۇ، تاپانچىسى بار ئادەم يەرگە تاشلىۋەتكەن يالتىراق خالتىمۇ يوق ئىدى.
مەھەممەت ئوق يەپ يىقىلغان يەردە پىيادىلەر يولىدىكى قار ئېرىپ پاتقاقلىشىپ كەتكەنىدى. بېشىغا بۆك كىيگەن ، ئىككى ياشلىق بىر بالا بىلەن مودا كىيىنگەن، گۈزەل ئانىسى ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.
− توشقان نەگە قېچىپتۇ ئانا، توشقان نەگە؟− دېدى بالا.
يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە، سارىيەر مىنىبۇس بېكەتلىرىگە قاراپ تېز يۈگۈردۈم. دۇنيا يەنە قارنىڭ سۈكۈتلىرىگە، دەرەخلەرنىڭ پەرۋاسىزلىقىغا پۈركەنگەنىدى. مىنىبۇس بېكەتلىرىدە بىر-بىرىگە ئوپئوخشاش ئىككى شوپۇرنىڭ ئىككىلىسى سورىغانلىرىمغا ھەيران قېلىشتى: ئۇلار ھەممە ئىشتىن خەۋەرسىز ئىدى. ئۇلارغا چاي سۇنىدىغان، چىرايى قورقۇنچلۇق قەھۋەچىمۇ ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىمىغانىدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ھېچنەرسىگە ھەيران قېلىش خىيالىمۇ يوق ئىدى. قولىدا كاناي تۇتۇۋالغان باشقۇرغۇچى خۇددى ئوق چىقارغان جىنايەتچى مەندەك ماڭا قارىدى. بېشىمدىكى قارىغاي شاخلىرىغا قاغىلار توپلىنىشتى. قوزغىلىۋاتقان بىر مىنىبۇسقا ئاخىر چىقىۋالدىم ۋە جىددىي ھالدا سوئاللىرىمنى سورىدىم، بىر ئايال:
− بايا بىر قىز بىلەن ئوغۇل بۇ يەردىن تاكسى توسۇپ چىققان،− دېدى.
ئۇنىڭ بارمىقى تاكسىم مەيدانىنى كۆرسىتىۋاتاتتى. قىلغان ئىشىمنىڭ بىمەنىلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇ يەرگە قاراپ يۈگۈردۈم. مەيداندىكى كىشىلەر توپىنىڭ ئىچىدە سېتىقچىلار، ماشىنىلار، دۇكانلار ئارىسىدا تەنھا قالغىنىمنى ئويلىدىم. بەيئوغلىغا كىرىدىغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى. ”سىراسەلۋىلەر كوچىسى“دىن ”جىددىي قۇتقۇزۇش دوختۇرخانىسى“غا قاراپ يۈگۈرۈپ چۈشتۈم، جىددىي كېسەلدەك تېز قۇتقۇزۇش بۆلۈمى ئىشىكىدىن ئىسپىرت ۋە يود پۇرىقىنىڭ ئىچىگە كىردىم.
ئىشتانلىرى يىرتىلغان، پۇشقاقلىرى تۈرۈلگەن، قانلارغا مىلەنگەن ئەپەندىلەرنى كۆردۈم؛ ئاشقازىنى تازىلانغان، كېسەل كارىۋىتىدا ياتقۇزۇلۇپ، ھاۋالانسۇن دەپ قارلار ئىچىدىكى توشقان قۇلاق گۈلى تەشتەكلىرىنىڭ ئارىسىغا قويۇلغان، يۈز-كۆزى كۆكىرىپ كەتكەن زەھەرلەنگەنلەرنى، ئاشقازىنى بۇزۇلغانلارنى كۆردۈم؛ قانسىراشتىن ئۆلۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بىلىكىنى چىڭ باغلىغان ئىچ كىيىمىنىڭ يىپىنى تۇتۇپ ئىشىكمۇ ئىشىك ئارىلاپ، نۆۋەتچى دوختۇرنى ئىزدەپ يۈرگەن سېمىز، قاملاشقان بىر تاغىغا يول كۆرسەتتىم؛ بىر-بىرىنى پىچاقلىشىپ، پىچاقنى ئۆيدە ئۇنتۇغاندىن كېيىن نۆۋەتچى ساقچىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، تۇتۇلغاندا ئۇنتۇپ قالغان پىچاق ئۈچۈن ئەپۇ سوراپ، ئەدەپلىك ئىپادە بىلدۈرۈۋاتقان كونا دوستلارنى كۆردۈم. نۆۋىتىمنى كۈتۈپ، ساقچىلاردىن ئاۋۋال سېسترالاردىن بىلدىمكى، بۈگۈن بۇ يەرگە ئوق تەگكەن بىر ئوقۇغۇچى بىلەن قوڭۇر چاچلىق قىز كەلمىگەنىدى.
ئاندىن كېيىن ”بەيئوغلى شەھەرلىك دوختۇرخانىسى“غىمۇ باردىم، ئوخشاشلا بىر-بىرىگە پىچاق سېلىشقان دوستلارنى، يود ئىچىپ ئۆلۈۋالغان قىزلارنى، قولىنى ماشىنا چانىۋەتكەن، بارمىقىغا يىڭنە سانجىۋالغان شاگىرت موزدۇزلارنى، ئاپتوبۇس بىلەن بېكەت، پاراخوت بىلەن پورت ئارىسىدا تىقىلىشىپ يۈرگەن يولۇچىلارنى كۆردۈم. يازمىلارنى دىققەت بىلەن تەھلىل قىلدىم، شۈبھىلىك ھەرىكەتلىرىمدىن گۇمانلانغان بىر ساقچىغا گۇماندار ئەمەسلىك ئىپادەمنى كۆرسەتتىم، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى تۇغۇت بۆلۈمىدىن چىقىپ كەلگەن بىر بەختلىك ئاتىنىڭ ھەممىمىزنىڭ قولىغا جىق-جىق سەپكەن لاۋانتا كولونياسىنى پۇرىغاندىن كېيىن يىغلاپ سېلىشتىن قورقتۇم.
قاراڭغۇ چۈشۈۋاتقاندا ۋەقە يۈز بەرگەن يەرگە قايتىپ، مىنىبۇسلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ كىچىك باغچىگە كىردىم. قاغىلار ئاۋۋال غەزەپ بىلەن باش ئۈستۈمدە ئۇچۇشتى، ئاندىن شاخلار ئارىسىغا مۆكۈنۈپ كۆزىتىپ يېتىشتى. بەلكىم مەن شۇ تاپتا شەھەرنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدىم، ئەمما بىر بۇلۇڭغا كىرىۋالغان، بىرىگە پىچاق سالغان قاتىلدەك قورقۇنچلۇق بىر جىمجىتلىقنى سېزەتتىم. يىراقتا جانان مېنى سۆيگەن سىنىپنىڭ چىراغلىرى غۇۋا يېنىپ تۇراتتى؛ ئۇ يەردە دەرس داۋاملىشىۋاتقان بولسا كېرەك. ئەتىگەندە مەن بىچارىلىكىگە ئەجەبلەنگەن دەرەخلەر قوپال ۋە رەھىمسىز قوۋزاق يىغىندىلىرىغا ئايلانغانىدى. ئاياغلىرىمنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن قارغا دەسسەپ ماڭدىم ۋە تۆت سائەتنىڭ ئالدىدا بۇ قاردا خۇشال بىر قىزىقچىدەك سەكرەپ-تاقلاپ يۈگۈرگەن، قولىدا يالتىراق خالتىسى يوق ئادەمنىڭ ئىزلىرىنى تاپتىم. ئىزلارنىڭ بارلىقىغا تېخىمۇ ئىشىنىش ئۈچۈن تۆۋەنكى يولغىچە ئىز قوغلاپ ماڭدىم، يولدىن قايتىپ، يەنە يۇقىرىغا ماڭغاندا يالتىراق خالتىسى يوق ئادەمنىڭ ئاياغ ئىزلىرى بىلەن مېنىڭ ئاياغ ئىزلىرىمنىڭ بىر-بىرىگە ئاللىقاچان ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. شۇ چاغدا چاتقاللىقتىن مەندەك جىنايەتكار ۋە شاھىد ئىككى قارا ئىت چىقىپ قورقۇپ قېچىشتى. بىر پەس تۇرۇپ، ئاسمانغا قارىدىم، ئاسمان ئىتقا ئوخشاش قارا ئىدى.
ئۆيدە ئانام بىلەن كەچلىك تاماق يەۋېتىپ تېلېۋىزورغا قارىدۇق. ئېكراندىكى خەۋەرلەر، ئارىلاپ كۆرۈنۈۋاتقان ئادەملەر، جىنايەت، ھادىسە، ئوت ئاپىتى ۋە سۇيىقەست خەۋەرلىرى ماڭا تاغلار ئارىسىدىن كۆرۈنگەن كىچىك بىر دېڭىز بۆلىكىدىكى بوران دولقۇنلىرىدەك يات ۋە غەلىتە كۆرۈندى. ئەمما يەنە، يىراقتىكى ئۇ كۈمۈش رەڭ دېڭىزنىڭ بىر قىسمى بولۇش، ”ئۇ يەردە“ بولۇش ئارزۇسى ئىچىمنى تىنىم تاپقۇزمايۋاتاتتى. ئانتېنناسى ياخشى تەڭشەلمىگەن رەڭسىز تېلېۋىزوردا سەل-پەل دولقۇنلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئىچىدە ئوق تەگكەن بىر ئوقۇغۇچى ھەققىدە گەپ قىلىدىغان بىرسى چىقمىدى.
تاماقتىن كېيىن ياتىقىمغا كىردىم. كىتاب ئۈستەلدە قويغىنىم پېتى ئوچۇق تۇراتتى، ئۇنىڭدىن قورقتۇم. كىتابنىڭ چاقىرىقىغا قايتىش، ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي بېغىشلاش ئۈچۈن ئىچىمدە كۈچىيىۋاتقان ئارزۇ-ئىستەكتە قوپال بىر كۈچ بار ئىدى. ئۆزۈمنى تىزگىنلىيەلمەيدىغانلىقىمنى ئويلاپ كوچىغا چىقتىم. پاتقاق ۋە قار بىلەن قاپلانغان كوچىلاردا دېڭىزغىچە ماڭدىم. دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقى ماڭا كۈچ بەردى. ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا بۇ كۈچ بىلەن ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم ۋە ۋۇجۇدۇمنى مۇقەددەس بىر نەرسىگە تاپشۇرىدىغاندەك، كىتابتىن چېچىلىۋاتقان نۇرنى يۈزۈمگە جاسارەت بىلەن تۇتتۇم. بۇ نۇر دەسلەپتە كۈچلۈك ئەمەس ئىدى، ئەمما ئۇنىڭدىكى سۆزلەرنى ئوقۇپ، بەتلىرىنى ئۆرۈگەنچە مېنى شۇنچىلىك كۈچلۈك جەلپ قىلىۋالدىكى، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنىڭ ئېرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ كىتابنى چىدىغۇسىز بىر ياشاش ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش ئارزۇسى بىلەن، ئىچ-باغرىمدا بىر تاقەتسىزلىك ۋە ھاياجان ئاغرىقىنى ھېس قىلغاچ تاڭ ئاتقۇچە ئوقۇدۇم.
(تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ «يېڭى ھايات»ناملىق رومانىدىن تەرجىمە قىلىندى)