يېڭى ھايات(2)

new life2

3
كېيىنكى كۈنلەرنى جاناننى ئىزدەش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. ئەتىسى
ئۇ تاشقىشلادا كۆرۈنمىدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردىمۇ شۇنداق بولدى. ئۇنىڭ يوقلىقىنى دەسلەپتە توغرا چۈشەندىم، كېلىدۇ دەپ ئويلايتتىم، ئەمما قەدىمىم ئاستىدىكى كونا دۇنيا ئاستا-ئاستا يوقىلىۋاتاتتى. ئىزدەشتىن، ئۇياق-بۇياققا قاراشتىن، ئۈمىدلىنىشتىن ھارغانىدىم؛ ھالى خاراب ئاشىق ئىدىم، يەنە كېلىپ ھەر كۈنى ئاخشامدىن تاڭ ئاتقىچە ئوقۇغان كىتابنىڭ تەسىرىدىن ئۆزۈمنى تەنھا ھېس قىلاتتىم. بۇ دۇنيانىڭ بىر قاتار كۆرۈنۈشلەر، خاتا ئىزاھلانغان ئىشارەتلەر ۋە قارىغۇلارچە قوبۇل قىلىنغان بىر يۈرۈش ئۆرپ-ئادەتلەردىن شەكىللەنگەنلىكىنى، ئەسلى دۇنيانىڭ ۋە ھاياتنىڭ بۇلارنىڭ ئىچىدە ياكى تېشىدا، ئەمما يېقىن بىر يەردە ئىكەنلىكىنى ئېچىنىش ئىچىدە ھېس قىلاتتىم. جاناندىن باشقا بىر كىمنىڭ ماڭا يول كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەنىدىم.
سىياسىي جىنايەتلەر، مەستلىكتىن بولغان قاتىللىقلار، قانلىق ۋەقەلەر، ئوت ئاپەتلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرى يېزىلغان بارلىق گېزىتلەرنى، شەھەرنىڭ قوشۇمچە گېزىتلىرى ۋە ھەپتىلىك ژۇرناللارنى دىققەت بىلەن ئوقۇدۇم، ئەمما بىرەر يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىدىم. كېچىچە كىتاب ئوقۇپ، ئەتىسى چۈشكە يېقىن تاشقىشلاغا كېلىپ ئۇنى ئۇچرىتىپ قالارمەن، ئەمدى كەلگەندۇ دەپ كارىدورلاردا ماڭاتتىم، ئارىلىقتا چايخانىغا بېرىپ قوياتتىم، پەلەمپەيلەردىن چۈشۈپ چىقاتتىم، ھويلىغا قارايتتىم، كۇتۇپخانىلارنى ئارىلايتتىم، سىمتاناپ تۈۋرۈكلىرى ئارىسىدىن ئۆتەتتىم، ئۇ مېنى سۆيگەن سىنىپنىڭ ئىشىكىدە توختىۋالاتتىم، سەۋر-تاقىتىم يار بەرسە بىرەر دەرسكە كىرىپ بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكۈزەتتىم ۋە مۇشۇ مېڭىشنى يەنە تەكرارلاش ئۈچۈن سىنىپتىن چىقاتتىم. ئىزدەشتىن، كۈتۈشتىن، كېچىلىرى كىتابنى يېڭىۋاشتىن ئوقۇشتىن باشقا قىلىدىغان ئىشىم يوق ئىدى.
بىر ھەپتىدىن كېيىن جاناننىڭ ساۋاقداشلىرى ئارىسىغا كىرىشكە تىرىشتىم. مەھەممەتنىڭمۇ، جاناننىڭمۇ ئانچە كۆپ دوستى يوقلۇقىنى بۇرۇنلا پەرەز قىلغانىدىم. مەھەممەتنىڭ تاكسىمنىڭ يېنىدىكى بىر مېھمانخانىدا كاتىپلىق ھەم كېچە كۆزەتچىلىكى قىلىدىغانلىقىنى، ئۆيىنىڭمۇ شۇ يەردىلىكىنى بىلىدىغان بىر-ئىككى كىشى بار ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ بۇ كۈنلەردە تاشقىشلاغا نېمىشقا كەلمىگەنلىكى توغرۇلۇق ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمىدى. ئوتتۇرا مەكتەپنى جانان بىلەن بىللە ئوقۇغان، ئەمما ئانچە يېقىن بولالمىغان، ئۇنىڭغا رەقىبتەك كۆرۈنىدىغان بىر قىز جاناننىڭ ئۆيىنىڭ نىشانتاشتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. باشقا بىرسى جانان بىلەن بىللە تاڭ ئاتقىچە چېرتيوژ سىزىپ ئۇنى تاماملاشقا تىرىشقانلىقىنى، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىش ئورنىدا ئىشلەيدىغان كېلىشكەن، پوچى بىر ئاكىسى بارلىقىنى ئېيتتى؛ ئۇ جاناندىنمۇ بەك ئۇنىڭ ئاكىسىغا قىزىقىدىغاندەك قىلاتتى. جاناننىڭ ئادرېسىنى ئۇنىڭدىن ئەمەس، ساۋاقداشلىرىمغا يېڭى يىلدا ئاتكرىتكا ئەۋەتىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، ئارخىپ ئىشخانىسىدىن ئالدىم.
كېچىلىرى تاڭ ئاتقىچە، كۆزلىرىم تېلىپ، ئۇيقۇسىزلىققا چىدىماي قالغىچە ئۇ كىتابنى ئوقۇيتتۇم، ئوقۇش جەريانىدا بەزىدە كىتابتىن يۈزۈمگە ئۇرۇلغان نۇر ماڭا شۇنچە كۈچلۈك ۋە پارلاق تۇيۇلاتتىكى، پۈتۈن روھىملا ئەمەس، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ۋۇجۇدۇمنىڭمۇ ئېرىپ كەتكەنلىكىنى، مېنى مەندەك قىلغان ھەممە نەرسىنىڭ كىتابتىن چېچىلغان نۇر بىلەن بىرلىكتە يوق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلاتتىم. ئۇ چاغدا مېنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ چوڭايغان نۇرنىڭ ئاۋۋال يەر ئاستىدىكى بىر يېرىقتىن چىققان يورۇقلۇقتەك بولۇپ، ئاندىن بارغانچە كۈچىيىپ، يېيىلىپ دۇنيانى قاپلىغانلىقى، ئۇ دۇنيادا مېنىڭمۇ بىر ئورنۇمنىڭ بارلىقى كۆز ئالدىمدا جانلىناتتى؛ مەن جەسۇر ۋە يېڭى ئادەملەرنى، ئۆلمەس دەرەخلەرنى ۋە غايىب شەھەرلەرنى كۆرۈۋاتقاندەك قىلغان شۇ دىيارنىڭ كوچىلىرىدا جانان بىلەن ئۇچراشقانلىقىمنى، ئۇنىڭ مېنى قۇچاقلىغانلىقىنى ئويلاپ قالاتتىم.
دېكابىرنىڭ ئاخىرىغا يېقىن بىر ئاخشىمى جاناننىڭ مەھەللىسى بولغان نىشانتاشقا باردىم. چوڭ كوچىدا يېڭى يىل ئۈچۈن يورۇتۇلغان ئەينەك دۇكانلار ۋە سودا-سېتىقتىن يانغان، بالا يېتىلىۋالغان چوكانلار ئارىسىدا مەقسەتسىز مېڭىپ يۈردۈم. ھامبۇرگ بولكىچىلىرىنىڭ يېڭى ئاچقان دۇكانلىرى، گېزىت-ژۇرنالچىلار، تورتخانا ۋە تىككۈچىلەرنىڭ ئەينەك بوتكىلىرى ئالدىدا ۋاقىت ئۆتكۈزدۈم.
دۇكانلار تاقىلىپ، كوچىلاردا ئادەم شالاڭلىغاندا بىر ئارقا كوچىدىكى بىنانىڭ ئىشىكىنى چەكتىم. بىر خىزمەتچى ئىشىكنى ئاچقانىدى، جاناننىڭ ساۋاقدىشى ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم؛ ئۇ ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى؛ ئېچىقلىق تېلېۋىزوردىن بىر سىياسىي نۇتۇق ئاڭلىنىۋاتاتتى. پىچىرلاشلارنى ئاڭلىدىم. بىر دەمدىن كېيىن قولىدا ئاپئاق سالفېتكا تۇتقان، ئېگىز بويلۇق، ئاق كۆڭلەكلىك دادىسى چىقىپ مېنى ئۆيىگە باشلىدى. ئۆيدە ھەيران بولغان، گىرىم قىلغان بىر ئانا، كېلىشكەن ئاكا ۋە تۆتىنچى بۇرجىكى بوش قالغان بىر تاماق شىرەسى بار ئىدى، تېلېۋىزوردا خەۋەر بېرىلىۋاتاتتى.
جاناننىڭ بىناكارلىق كەسپىدىكى ساۋاقدىشى ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم. «جانان مەكتەپكە كەلمەيۋاتىدۇ، بارلىق ساۋاقداشلار ئەنسىرىدۇق. تېلېفون قىلغانلار بىزدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالالمىدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭدا مېنىڭ تاماملىشىم كېرەك بولغان ۋە قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتىدىغان بىر فىزىكا تاپشۇرۇقۇم بار ئىدى»دېدىم. مەرھۇم دادامنىڭ رەڭگى ئۆچكەن پەلتوسىنى سول قولۇمدا كۆتۈرۈۋالغان بۇ ھالىتىمدە ئۆڭۈپ كەتكەن قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان ياۋۇز بۆرىدەك كۆرۈنگەن بولۇشۇم مۇمكىن ئىدى.
− ياخشى بالىدەك قىلىسەن، ئوغلۇم،− دەپ گەپ باشلىدى جاناننىڭ دادىسى. مەن بىلەن ئوچۇق پاراڭلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سورىغانلىرىغا ئوچۇق جاۋاب بېرىشىمنى ئۈمىد قىلاتتى. سولچى ياكى ئوڭچى، دىندار ياكى سوتسىيالىست، قانداقتۇر بىر سىياسىي قاراشقا مايىل بولغىيمىدىم؟ ياق! ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ياكى جەمئىيەتتىكى سىياسىي تەشكىلاتلار بىلەن بىرەر مۇناسىۋىتىم بارمىدى؟ ياق، بۇنداق مۇناسىۋىتىممۇ يوق ئىدى.
ئارىنى سۈكۈت باستى. ئانىنىڭ قاشلىرى تەستىق ۋە يېقىنلىق تۇيغۇسى بىلەن ھىمىرىلدى. دادىسىنىڭ جاناننىڭكىگە ئوخشايدىغان قوڭۇر رەڭ كۆزلىرى تېلېۋىزوردىكى قالايمىقان كۆرۈنۈشلەرنى كەزدى، بىر دەم يوق دۆلەتلەرگە باردى ۋە بىر قارارغا كەلگەندەك ماڭا بۇرۇلدى.
جانان ئۆينى تاشلاپ يوقاپ كەتكەنىدى. لېكىن بۇنى يوقاپ كەتتى دېگىلىمۇ بولمايتتى. ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر كېلىدىغان تېلېفوننىڭ جىرىڭلىشىغا قارىغاندا ئۇ يىراق بىر شەھەردىن تېلېفون بېرىپ، ئۆزىدىن ئەنسىرىمەسلىكنى، ياخشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتاتتى، دادىسىنىڭ سوراپ تۇرۇۋېلىشلىرىغا، ئانىسىنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا قارىماستىن، ئارتۇق پاراڭلاشمايلا تېلېفوننى قويۇۋېتەتتى. بۇ ئەھۋالدا ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ بىرەر سىياسىي تەشكىلاتنىڭ مەخپىي ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشقا سېلىنغانلىقىدىن گۇمانلىنىشقا ھەقلىق ئىدى ۋە ساقچىغا خەۋەر بېرىشنى ئويلاشقانىدى، ئەمما قىزىنىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا كاللىسىنى ئىشقا سېلىپ پالاكەتتىن قۇتۇلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە بۇنداق قىلمىغانىدى. تۇرقۇمدىن چاچلىرىمغىچە، ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئارتىپ قويغان ئاتا مىراس پەلتويۇمدىن ئاياغلىرىمغىچە بىرمۇ بىر سىنچىلاپ قاراپ چىققان ئانىسى يىغلامسىرىغاندەك گەپ قىلىپ، مېنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق بىر ئۇچۇر، تەسىراتىم بولسا ئېيتىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەيران قالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ «خانىم، مېنىڭ ھېچقانداق پىكرىم ياكى پەرىزىم يوق» دېدىم. ھەممىمىز شىرەدىكى سامسا تاۋىقىغا، سەۋزە سالاتىغا بىر ھازا قاراپ قالدۇق. ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ چىققان كېلىشكەن ئاكىسى مېنىڭ چالا قالغان تاپشۇرۇقۇمنى تاپالمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزۈر تىلىدى. ئۆيگە ئۆزۈم قارىسام بەلكىم تاپالايدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم، ئەمما ئۇ سىڭلىسىنىڭ ياتاق ھۇجرىسىنى ئېچىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا داستىخاندىكى بوش ئورۇننى بەك تەكەللۇپ قىلماستىن ماڭا كۆرسىتىپلا قويدى. مەن غۇرۇرلۇق ئاشىق ئىدىم، تەكلىپنى رەت قىلدىم. ئەمما ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ، پىئانىنونىڭ ئۈستىدە رامكىغا ئېلىنغان بىر سۈرەتنى كۆرگەن ھامان پۇشايمان قىلدىم. سۈرەتتىكى توققۇز ياشلىق، چاچلىرى ئۆرۈلگەن جانان− پەرىزىمچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئويۇنى ئۈچۈن كىيىنگەن بولسا كېرەك− غەربچە، كىچىك قاناتلىق سۆيۈملۈك پەرىشتە قىياپىتىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا بىلىنەر-بىلىنمەس، غەمكىن كۈلۈمسىرەيتتى.
تاشقىرىدا كېچە نېمىدېگەن زەھەردەك سوغۇق، قاراڭغۇ كوچىلار نېمىدېگەن رەھىمسىز! پادىلاردەك ئۆتۈۋاتقان كوچا ئىتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە نېمىشقا شۇنچە چاپلىشىۋالىدىغانلىقىنى بىردىنلا چۈشەندىم. تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا ئۇخلاپ قالغان ئانامنى مېھرىبانلىق بىلەن ئويغىتىپ، سولغۇن بوينىنى سىلاپ، ئانىلىق ھىدىنى سەزدىم ۋە مېنى قۇچاقلىشىنى ئارزۇلىدىم. ھۇجرامغا كىرگىنىمدە ئەسلى ھاياتىمنىڭ پات يېقىندا باشلىنىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم.
ئۇ كىتابنى ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ مېنى بۇ دىياردىن ئېلىپ كېتىشىنى تىلەپ تۇرۇپ ھۆرمەت بىلەن ئوقۇدۇم. ئالدىمدا يېڭى دىيارلار، يېڭى ئىنسانلار، يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئايان بولدى. يالقۇن رەڭگىدىكى بۇلۇتلارنى كۆردۈم، قاراڭغۇ دېڭىزلار، سۆسۈن رەڭ دەرەخلەر، قىزىل دولقۇنلار. ئاندىن باھاردىكى سەھەر ۋاقتى يامغۇردىن كېيىنلا كۈن چىققاندا كىرلەشكەن بىنالارنىڭ، قارغىش تەگكۈر كوچىلارنىڭ، تىمتاس دېرىزىلەرنىڭ ئۈمىدۋار ۋە ئىشەنچلىك قەدەم بىلەن مېڭىشىم نەتىجىسىدە بىردىنلا كەينىگە چېكىنىپ ئېچىلىپ كەتكىنىدەك، كاللامدىكى مۇرەككەپ تەسەۋۋۇرلار ئاستا-ئاستا ئېچىلدى ۋە ئاپئاق نۇرنىڭ ئىچىدە ئالدىمغا بىر ئاشىق چىقتى؛ ئۇنىڭ قۇچىقىدا بىر كىچىك بالا بار ئىدى، بۇ مەن پىئانىنونىڭ ئۈستىدە رامكىغا ئېلىنغان سۈرىتىنى كۆرگەن قىز ئىدى.
قىز ماڭا كۈلۈمسىرەپ قارىدى ، بەلكىم بىر نەرسە دېمەكچى ئىدى، بەلكىم بىر نەرسە دېگەن بولسا ئۇنى ئاڭلىيالماي قالغانىدىم. ئۆزۈمنى بىردىنلا چارىسىز ھېس قىلدىم. ئىچىمدىن بىر ئاۋاز مېنىڭ ھېچقاچان بۇ گۈزەل سۈرەتنىڭ بىر قىسمى بولمايدىغانلىقىمنى ئېيتتى، ئۇنى چىداپ تۇرۇپ ئېتىراپ قىلدىم، ئىچىمنى پۇشايمان قاپلىۋالدى. شۇ ئەسنادا ئۇ ئىككىسىنىڭ بىر ئۆرلەپلا غايىب بولغانلىقلىرىنى ئىچىم ئۆرتەنگەن ھالدا كۆردۈم.
بۇ خىياللار مەندە شۇنداق قورقۇنچ پەيدا قىلدىكى، خۇددى كىتابنى تۇنجى ئوقۇغان كۈنى بەتلەردىن چېچىلغان نۇردىن قوغدىنىۋاتقاندەك، يۈزۈمنى ئەپقاچتىم. ھۇجرامنىڭ جىمجىتلىقىنى، ئۈستىلىمنىڭ ماڭا بەرگەن ھۇزۇرىنى، قوللىرىمنىڭ تەمكىن تۇرۇشىنى، ئۆي بىساتلىرىم، تاماكا قېپىم، قايچام، دەرسلىك كىتابلىرىم، پەردىلەر ۋە كارىۋىتىم ئارىسىدا ئۆز تېنىمنىڭ بۇ يەردە، باشقا بىر ھاياتنىڭ ئىچىدە قېپقالغانلىقىنى ئازاب ئىچىدە كۆردۈم.
ئىسسىقلىقىنى ھېس قىلغان، تومۇرۇمنىڭ سوقۇشىنى سەزگەن ۋۇجۇدۇمنىڭ بۇ دۇنيادىن يىراقلىشىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم، ئەمما بىر ياقتىن بىنانىڭ ئىچكى تىۋىشلىرىنى، تالادا يىراقلاردىكى بوزىچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتاتتىم، بۇ مۇھىتتا يېرىم كېچىدە كىتاب ئوقۇشنىڭ، بۇ پەيتتە مەۋجۇت بولۇشنىڭمۇ چىدىغىلى بولىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتىم. بىر دەم يالغۇز بۇ ئاۋازلارنى— ناھايىتى يىراقلاردىكى ماشىنىلارنىڭ سىگناللىرىنى، ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرىنى، بىلىنەر-بىلىنمەس ئۇرۇلغان شامالنى، كوچىدىن ئۆتكەن ئىككى كىشىنىڭ پاراڭلىشىشلىرىنى (ئەمدى تاڭ ئاتتى دېدى بىرسى) ۋە كېچىنىڭ ئاۋازلىرىنى بىردىنلا ئۆز ئىلكىگە ئالغان ئۇزۇن يۈك پويىزلىرىدىن بىرسىنىڭ گۈرۈلدەشلىرىنى ئاڭلىدىم. خېلىدىن كېيىن ھەممە نەرسە بىر ھازا مۇتلەق تىمتاسلىق ئىچىدە ئېرىۋاتقاندەك بولغاندا، كۆز ئالدىمدا بىردىنلا بىر تەسەۋۋۇر ئايان بولدى، كىتابنىڭ روھىمغا قانداق ئۆزلەشكەنلىكىنى چۈشەندىم. كىتابتىن چېچىلغان نۇرغا يۈزۈمنى تۇتقىنىمدا روھىم گويا ئېچىقلىق دەپتەرنىڭ ئاپئاق بەتلىرى ئىدى. كىتابتا يېزىلغانلار روھىمغا بىر-بىرلەپ مۇشۇنداق تەسىر قىلغان بولسا كېرەك.
ئولتۇرغان يېرىمدىن سوزۇلۇپ تارتمامدىن بىر دەپتەرنى ئالدىم. بۇ چاقماقلىق، خەرىتە ۋە مېتود دەپتىرى ئىدى، شۇ كىتابنى كۆرۈشتىن بىر قانچە ھەپتە ئاۋۋال ئۇنى فىزىكا دەرسىگە ئاتاپ ئالغان، لېكىن ئىشلەتمىگەنىدىم. بىرىنچى بېتىنى ئاچتىم، پاكىز، ئاق بەتنىڭ ھىدىنى پۇرىدىم، ماي قەلىمىمنى ئېلىپ كىتابنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنى دەپتەرگە جۈملىمۇ جۈملە يېزىشقا باشلىدىم. كىتاب ئېيتقان بىر جۈملىنى دەپتەرگە يېزىپ كېيىنكى جۈملىگە ئۆتەتتىم، ئۇ جۈملىنىمۇ ئالدىنقىسىدىن كېيىن يازاتتىم. كىتاب بىر پاراگراف بېشىغا كەلگەندە مەنمۇ يېڭى بىر پاراگرافنى باشلىدىم ۋە بىر ئازدىن كېيىن ئۇ پاراگرافنىڭ سۆزلىرىنى دەپتەرگە شۇ پېتى يازغىنىمنى كۆردۈم. شۇنداق قىلىپ بىر پاراگرافنى، ئارقىدىن يەنە بىر پاراگرافنى يازغاچ، كىتاب ماڭا ئېيتقان ئىشلارنى يېڭىدىن جانلاندۇردۇم. بىر ھازادىن كېيىن بېشىمنى خەت يازغان سەھىپىلەردىن كۆتۈردۈم ۋە بىر دەم كىتابقا، بىر دەم دەپتەرگە قارىدىم. دەپتەرگە مەن يازغانىدىم، ئەمما يازغانلىرىم كىتابتا يېزىلغانلارنىڭ ئۆزى ئىدى، بۇ ئىش ماڭا شۇنداق كۆڭۈللۈك تۇيۇلدىكى، ھەر ئاخشىمى تاڭ ئاتقۇچە شۇ ئىشنى قىلىشقا باشلىدىم.
ئەمدى دەرسلەرگە پەقەت بارمايتتىم. كۆپ ۋاقىتلاردا قەيەردە قايسى دەرس بارلىقىغا پەقەت كۆڭۈل بۆلمەي، جىندىن قاچقان ئەرۋاھتەك كارىدورلاردا يۈرەتتىم، بىر يەردە تۇرماستىن چايخانىغا، ئاندىن ئۈستۈنكى قەۋەتكە، كۇتۇپخانىغا، سىنىپلارغا، يەنە چايخانىغا كىرەتتىم، بۇ يەرلەردە جاناننىڭ يوقلۇقىنى ھەر قېتىم كۆرگىنىمدە، ئىچىمگە كىرگەن قاتتىق ئاغرىقتىن ئازاب چېكەتتىم.
كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئىچىمدىكى بۇ ئاغرىققا كۆنۈپ قالدىم، بۇ دەرد-ئاغرىق بىلەن ياشاشقا، ھېچ بولمىسا بۇنى بىر ئاز سىناپ بېقىشقا مۇۋەپپەق بولالىدىم. ئىتتىك مېڭىشنىڭ، تاماكا چېكىشنىڭمۇ بەلكىم بىرەر پايدىسى بار ئىدى، ئەمما ئەڭ مۇھىمى ۋاقىت ئۆتكۈزەلەيدىغان كىچىك ئىشلارنى تېپىش ئىدى: بىرسى ئېيتقان ھېكايە، سۆسۈن رەڭ ساپلىق يېڭى چېرتيوژ قەلىمى، دېرىزىدە ئەكس ئەتكەن دەرەخلەرنىڭ سۇنۇشى، كوچىدا ئالدىمغا ئۇچرىغان ناتونۇش چىرايلار بىر دەم بولسىمۇ مېنى ئىچ-قارنىمدىن پۈتۈن بەدىنىمگە تارىغان ئۇ تاقەتسىزلىك ۋە تەنھالىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇراتتى. جاناننى ئۇچرىتالايدىغان ھەر قانداق جايغا، مەسىلەن، چايخانىغا كىرگىنىمدە ھەممە يەرگە جىددىي نەزەر سېلىپ، بۇ جاي ئاتا قىلىدىغان بارلىق مۇمكىنچىلىكلەرنى ئويلايتتىم، ئاۋۋال كاۋبوي شىملىق بەڭگى قىزلار كوتۇلداپ ئولتۇرغان بۇلۇڭغا بىر قارايتتىم-دە، سەل نېرىدا، ئارقامدا جاناننىڭ بىر يەردە ئولتۇرغانلىقىنى خىيال قىلاتتىم. بۇ خىيالغا شۇئان شۇنچىلىك ئىشىنەتتىمكى، جانان يوق بولۇپ قالمىسۇن دەپ كەينىمگە بۇرۇلمايتتىم، بوتكا ئالدىدا نۆۋەت ساقلاپ تۇرغانلار بىلەن ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا جانان ئۇ كىتابنى ئالدىمغا تاشلاپ قويغان ئۈستەلدە ئولتۇرغانلارغا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن نەزەر سالاتتىم، شۇنداق قىلىپ جاناننىڭ ئوتلۇق خىيالى بىلەن تەڭ جانلانغان شىرىن مىنۇتلار ماڭا يەنە نېسىپ بولاتتى-دە، بۇ خىيالىمغا تېخىمۇ ئىشىنەتتىم. تومۇرلىرىمغا شەربەتتەك ئاستا-ئاستا تاراۋاتقان بۇ خىيال، بېشىمنى بۇراپ جاناننىڭ ياكى ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنى بىلدۈرگىدەك بىر نەرسىنىڭ يوقلىقىنى كۆرگىنىمدە، ئىچ-قارنىمنى كۆيدۈرىدىغان بىر زەھەرگە ئورۇن بوشىتىپ بېرەتتى.
مۇھەببەتنىڭ ئازاب ئىكەنلىكىنى كۆپ ئاڭلىدىم، كۆپ ئوقۇدۇم. ئۇ كۈنلەردە، كۆپىنچە پال كىتابلىرىدا، گېزىتلەردىكى «مۈچىلىڭىز » سەھىپىسىنىڭ بېشىدا، «ئائىلە ۋە بەخت» سەھىپىلىرىدە سالات رەسىملىرى، مەلھەم ياساش ئۇسۇللىرى ئارىسىدا ئورۇن ئالغان ئۇ يالغانلارنى كۆپ ئوقۇيتتىم. چۈنكى دەرد-ئاغرىقىم تۈپەيلىدىن ئىچ-قارنىمغا تۆمۈر ئېرىتمىسى قۇيغاندەك بىلىنىدىغان ئەبگا تەنھالىق ۋە ھەسەتخورلۇق مېنى ئىنسانلاردىن ئايرىپ، شۇنچە ئۈمىدسىز قىلىۋەتكەن ئىدىكى، گېزىت-ژۇرناللارنىڭ بۇرۇجلار، يۇلتۇزلار سەھىپىسىدىنلا ئەمەس، باشقا ئىشارەتلەردىنمۇ ھاماقەتلەرچە مەدەت كۈتۈشكە باشلىغانىدىم: ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىدىغان پەلەمپەيلەرنىڭ سانى تاق بولسا جانان ئۈستۈنكى قەۋەتتە… ئىشىكتىن تۇنجى بولۇپ بىر ئايال چىقسا بۈگۈن جاناننى كۆرىمەن … يەتتىگىچە ساناپ بولغىچە پويىز قوزغالسا ئۇ مېنى تېپىپ پاراڭلىشىدۇ… پاراخوتتىن قىرغاققا تۇنجى چۈشكەن كىشى مەن بولسام ئۇ بۈگۈن كېلىدۇ…ۋەھاكازالار.
پاراخوتتىن تۇنجى بولۇپ مەن چۈشتۈم. پىيادىلەر يولىنىڭ تاشلىرى ئارىسىدىكى سىزىقلارغا پەقەت دەسسىمىدىم. قەھۋەخانىدا يەرلەرگە تاشلانغان گاز سۈيى قۇتىلىرى سانىنىڭ تاق ئىكەنلىكىگە توغرا ھۆكۈم قىلدىم. پەلتوسى بىلەن ئوخشاش سۆسۈن رەڭدە بىر پوپايكا كىيگەن كەپشەرچى شاگىرت بىلەن چاي ئىچتىم. ئالدىمغا تۇنجى بولۇپ ئۇچرىغان بەش تاكسىنىڭ نومۇر تاختىلىرىدىكى خەتلەر بىلەن نامىنى يېزىۋالالىدىم. قاراكۆي يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولىنىڭ بىر ئېغىزىدىن كىرىپ نەپەس ئالماي يەنە بىر ئېغىزىدىن چىقالىدىم. نىشانتاشقا بېرىپ جاناننىڭ ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىلىرىگە قاراپ توققۇز مىڭغىچە توغرا سانىدىم. ئۆز ئىسمىنىڭ ئاللاھنىڭ نامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان يېقىملىق ئىسىم ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلەر بىلەن دوستلۇقىمنى ئۈزدۈم. ئىسىملىرىمىزنىڭ قاپىيىلىك بولۇشىغا قاراپ خىيالىمدا باستۇرغان توي باغاقلىرىنى ”يېڭى ھايات“ كەمپۈت قەغىزىدە يەتتە مىسرالىق شېئىر بىلەن چىرايلىق زىننەتلىدىم. بىر ھەپتە ھەر كۈنى كېچە سائەت ئۈچتە دېرىزەمدىن كۆرۈنگەن يورۇق دېرىزىلەرنىڭ سانىنى، ئۆزۈمگە تېگىشلىك يۈزدە بەش پىرسەنت خاتا ئۈلۈشىنى بىر دەمدىلا پەرەز قىلالىدىم. فۇزۇلىنىڭ« جانان بولمىسا جانىم نە كېرەك» دېگەن مىسراسىنى تەتۈرىسىگە 39 كىشىگە سۆزلىدىم. جاناننىڭ ئۆيىگە 28 خىل ئوخشىمىغان ئاۋاز ۋە سالاھىيەتتە تېلېفون بېرىپ ئۇنى سورىدىم، تام ئېلانلىرىدا، ۋاراق ئېلانلاردا، يېنىپ ئۆچىدىغان نېئون چىراغلاردا، قىيمىلىق بولكىچى، لاتارىيىچى ۋە دورىخانا ئىشكاپلىرىدا كۆرۈپ خىيالىمدا ئۇ يەرلەردىن سۆكۈپ چىقارغان يېزىقلار بىلەن ھەر كۈنى 39 قېتىم «جانان» دېمەي ئۆيگە قايتمىدىم، ئەمما جانان كەلمىدى.
بىر كۈنى يېرىم كېچىدە بارلىق ئويۇنلىرىمنى ئىككى ھەسسىلەپ، ھېچ بولمىسا جاناننى ئۈمىدلىرىمدە ئازغىنە بولسىمۇ ماڭا يېقىنلاشتۇرالايدىغان ۋاقتى ئېنىق ۋە تاسادىپىي كۈچ سىنىشىشلاردا سەۋرچانلىق بىلەن غەلىبە قىلىپ ئۆيگە قايتقىنىمدا، كوچىدىن ھۇجرا ئۆيۈمنىڭ يېنىقلىق چىراغلىرىنى كۆردۈم. كەچ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئانام مەندىن ئەنسىرىگەنىدى، يا بولمىسا ئۆيۈمدە بىر نەرسە ئىزدەۋاتاتتى، ئەمما تەسەۋۋۇرۇمدا پۈتۈنلەي باشقىچە بىر مەنزىرە نامايان بولدى.
ئۇ يەردە، يورۇق دېرىزىسىنى كۆرگەن ئۆيۈمدە، ئۈستىلىمنىڭ قېشىدا ئۆزۈمنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى خىيال قىلدىم. بۇنى شۇنداق بىر ئىستەك ۋە مۇشەققەت ئىلكىدە خىيال قىلدىمكى، پەردىلەرنىڭ ئارىسىدا بىلىنەر-بىلىنمەس كۆرۈنگەن كىرلەشكەن ئاق تامنىڭ ئالدىدا، ئاپېلسىن رەڭگىنى مەن دەرھال بىلەلەيدىغان لامپۇچكىنىڭ يېنىدا ئۆز بېشىمنى دەرھال كۆرەلەيمەن دەپ ئويلىدىم. شۇ چاغدا ئىچىمدە بىر توك ئېقىمىدەك پەيدا بولغان ئەركىنلىك تۇيغۇسى مېنى شۇنچىلىك چۇلغىۋالدىكى، ھەيران قالدىم. ھەممە نەرسە ئىنتايىن ئاددىي ئىكەن دېدىم ئۆزۈمگە: مەن باشقا بىرسىنىڭ كۆزى بىلەن قارىغان ئۆيدىكى ئادەم شۇ يەردە، شۇ ئۆيدە بولۇشى كېرەك ئىدى. مەن بولسام ھۇجرامدىن ، ئائىلەمدىن، ئۆي بىساتلىرىمدىن، ئانامنىڭ ھىدىدىن، كارىۋىتىمدىن ۋە 22 يىللىق كەچۈرمىشىمدىن قېچىشىم كېرەك ئىدى. يېڭى ھاياتنى شۇ ئۆينى تەرك ئېتىشتىن باشلايتتىم، چۈنكى مەيلى جانان، مەيلى ئۇ دىيار بولسۇن، شۇ ئۆيدىن ئەتىگىنى چىقىپ ئاخشىمى قايتىپ كېلەلىگۈچىلىك يېقىن يەردە ئەمەس ئىدى.
ھۇجرامغا كىرىپ كارىۋىتىمغا باشقا بىرسىنىڭ كارىۋىتىغا قارىغاندەك قارىدىم، ئۈستەلنىڭ بۇرجىكىدە تۇرغان كىتابلارغا، جاناننى كۆرگىنىمدىن بۇيان ئانانىزم قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن ۋاراقلىمىغان يالىڭاچ ئاياللار ژۇرنىلىغا، تاماكىلىرىمنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن پارۋاينىڭ ئۈستىگە قويغان كارتون قەغەزگە، بىر تەلەڭگە ئىچىدە تۇرغان پارچە پۇللىرىمغا، ئاچقۇچلىرىمغا، ئىشىكى ھىم ئېتىلمەيدىغان ئىشكاپىمغا، مېنى بۇ كونا دۇنياغا باغلاپ تۇرغان نەرسە-كېرەكلىرىمگە قارىدىم ۋە قېچىپ كېتىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىتابنى ئوقۇغاندا ۋە دەپتەرگە يازغاندا، ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ ئىچىدىكى بىر ھەرىكەتكە ئىشارەت قىلىدىغانلىقىنى سەزدىم. بىر يەردىلا ئەمەس، گويا ھەر يەردە بولۇشۇم كېرەك ئىدى. ھۇجرام ھەر يەر ئەمەس، بىر يەر ئىدى! ئەتىگەنلىككە تاشقىشلاغا نېمىشقا باراتتىم دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە، جانان تاشقىشلاغا كەلمەيدۇ! جانان كەلمەيدىغان باشقا يەرلەرمۇ بار ئىدى، ئۇ يەرلەرگە بىكاردىن بىكار بارغانىدىم، ئەمدى بارمايتتىم. ئەمدى كىتاب مېنى ئاپىرىدىغان يەرلەرگە باراتتىم. جانانمۇ يېڭى ھاياتتا، ئۇ يەردە بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ، كىتابنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنى يېزىۋاتقاندا، بارىدىغان يەرلىرىمگە بولغان تونۇش كاللامغا ئاستا-ئاستا تەسىر قىلدى ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ئاستا-ئاستا باشقا بىر ئىنسانغا ئايلانغانلىقىمنى بەختىيارلىق ئىچىدە ھېس قىلدىم. بىر ھازادىن كېيىن، دەپتىرىمگە يېزىپ تولدۇرغان بەتلەرگە قارىغىنىمدا، چىققان سەپىرىدىن مەمنۇن بولۇۋاتقان يولۇچىدەك ئۆزۈم ئۆزگەرمەكچى بولغان يېڭى ئىنساننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئوپئوچۇق كۆردۈم.
ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىتابنى دەپتىرىگە جۈملىمۇ جۈملە يازغان ۋە يازغانچە ئۆزى ئىزدىگەن ھاياتقا چىقىدىغان يولنىڭ نىشانىنى سەزگەن ئۇ ئادەم مەن ئىدىم؛ بىر كىتابنى ئوقۇپ پۈتۈن ھاياتى ئۆزگەرگەن، ئاشىق-بىقارار بولغان، يېڭى بىر ھاياتقا قاراپ يول ئالىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئۇ ئادەم مەن ئىدىم؛ يېتىشتىن ئاۋۋال ئانىسى ئىشىكىنى چېكىپ: ”تاڭ ئاتقۇچە يازىسەن، تاماكا چەكمە جۇمۇ“ دەپ جېكىلىنىدىغان ئادەم مەن ئىدىم؛ كېچىنىڭ شاۋقۇنى بېسىققان ھامان مەھەللىدە پەقەت ئۇزاقتىن ئۇزاق قاۋايدىغان ئىتلارنىڭ غىڭشىشلىرى ئاڭلانغان چاغدا ئۈستىلىدىن تۇرۇپ، نەچچە ھەپتە ئوقۇغان كىتابقا، ئۇ كىتابنىڭ ئىلھامى بىلەن تولدۇرۇلغان دەپتەرنىڭ بەتلىرىگە ئاخىرقى قېتىم قارىغان ئادەم مەن ئىدىم؛ ئىشكاپىنىڭ ئاستىدىن، پايپاقلىرىنىڭ تېگىدىن يىغىلىپ قالغان پۇللىرىنى ئېلىپ، ھۇجرىسىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي، ئانىسىنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ، ئىچىدىن ئاڭلانغان نەپەس تىۋىشلىرىنى سۆيۈنچ بىلەن تىڭشىغان ئادەم مەن ئىدىم؛ ئەي پەرىشتە! يېرىم كېچىدىن خېلى ئۆتكەندە، ئۆز ئۆيىدىن بىراۋنىڭ ئۆيىدىن قاچقان تارتىنچاق، يات ئادەمدەك غىپپىدە قېچىپ، كوچىلارغا كىرىپ كەتكەن ئادەم مەن ئىدىم؛ پىيادىلەر يولىدىن ئۆز ئۆيىنىڭ يورۇق دېرىزىلىرىگە باشقا بىرسىنىڭ ۋەيران بولۇپ تۈگەشكەن ھاياتىغا كۆز ياشلىرى ۋە تەنھالىق تۇيغۇسى بىلەن قارىغاندەك قارىغان ئادەم مەن ئىدىم؛ جىمجىتلىقتا مەزمۇت قەدەملىرىمنىڭ ئەكس ساداسىنى ئاڭلىغاچ يېڭى ھاياتقا ھاياجان بىلەن يۈگۈرگەن ئادەم مەن ئىدىم.
مەھەللىدە پەقەت تۆمۈر يولچى رىفقى تاغىنىڭ ئۆيىنىڭ چىراغلىرى غۇۋا يېنىپ تۇراتتى. باغنىڭ تېمىغا چىقىپ، غۇۋا يورۇقلۇقتا تاماكا چېكىپ ئولتۇرغان راتىبە ھاممىنى يېرىم ئوچۇق پەردىلەر ئارىسىدىن كۆردۈم. رىفقى تاغىنىڭ بىر بالىلار ھېكايىسىدىمۇ ئالتۇن دىيارنىڭ كويىغا چۈشكەن بىر جەسۇر قەھرىمان قاراڭغۇ كوچىلارنىڭ چاقىرىشىغا، يىراق دۆلەتلەرنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىگە، كۆرۈنمەس دەرەخلەرنىڭ شىۋىرلاشلىرىغا خۇددى ماڭا ئوخشاش قۇلاق سالغاچ، بالىلىقىنىڭ دەرد -ئەلەملىك كوچىلىرىدا كۆز يېشىنى تۆكۈپ ماڭاتتى. ئۇچامدا دۆلەت تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن دەم ئېلىشقا چىققان رەھمەتلىك دادامنىڭ پەلتوسى بار ئىدى. كۆز يېشىمنى تۆككەچ قاراڭغۇ كېچىنىڭ مەركىزىگە قاراپ ماڭدىم.
كېچە مېنى يوشۇردى، كېچە مېنى ساقلىدى، كېچە ماڭا يول كۆرسەتتى. شەھەرنىڭ ئاستا-ئاستا تىترىگەن ئىچكى ئورگانلىرىغا، مۇسكۇلى كېسىلگەن پالەچتەك بېتونلۇق كوچىلىرىغا، سۈت، گۆش، كونسېرۋا ۋە قاراقچى ماشىنىلىرىنىڭ نالىلىرى بىلەن تىترىگەن نېئون چىراغلىق كەڭ كوچىلارغا كىردىم. ئىچىدىكى لىق ئەخلەتلەر، يالتىراپ تۇرغان ھۆل پىيادىلەر يولىغا تۆكۈلگەن، ئاغزى ئوچۇق ئەخلەت ساندۇقلىرىنى مۇقەددەس بىلدىم؛ ئۆز ھالىتىدە تۇرالمايدىغان قورقۇنچلۇق دەرەخلەردىن يول سورىدىم؛ غېرىب دۇكانلاردا غەللە بېشىدا ھېساب-كىتاب قىلىۋاتقان ۋەتەنداشلارغا كۆز قىسىپ قويدۇم؛ ساقچىخانا دەرۋازىلىرىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ساقچىلاردىن ھەزەر ئەيلىدىم. يېڭى ھاياتنىڭ شولىسىدىن خەۋەرسىز مەستلەر، ئۆي-ماكانسىزلار، دىنسىزلار ۋە سەرگەردانلارغا ئېچىنىش بىلەن كۈلۈمسىرىدىم؛ يېنىپ ئۆچىدىغان قىزىل چىراغلارنىڭ جىمجىتلىقىدا ماڭا ئۇيقۇسىز گۇناھكارلاردەك ئاستا سوقۇنۇپ قويغان كاتەك بەلگىلىك تاكسىلارنىڭ شوپۇرلىرى بىلەن قاراڭغۇدا كۆز بېقىشتىم. تاملارغا ئېسىقلىق سوپۇن ئېلانلىرىدا ماڭا كۈلۈمسىرىگەن گۈزەل ئاياللارغا ئىشەنمىدىم؛ تاماكا ئېلانلىرىدىكى كېلىشكەن ئەرلەرگە، ئاتاتۈرك ھەيكەللىرىگە، مەستلەر بىلەن ئۇيقۇسىزلار تالىشىۋاتقان ئەتىلىك گېزىتلەرگىمۇ ئىشەنمىدىم. ئەتىگەنلىك قەھۋەخانىلاردا چاي ئىچكەن لاتارىيەچى بىلەن مېنى قول پۇلاڭلىتىپ چاقىرىپ” ئولتۇر يىگىت“ دېگەن بۇرادەرگىمۇ ئىشەنمىدىم. چىرىگەن شەھەرنىڭ بىقسىغان پۇراقلىرى مېنى دېڭىز ۋە كۆفتە ، تەرەتخانا ۋە گاز تۇمانى، بېنزىن ۋە كىر پۇرايدىغان ئاپتوبۇس باش بېكىتىگە ئاپاردى.
ئاپتوبۇس سەپىرى تىزىملىكىدىن ماڭا يېڭى دىيار، يېڭى قەلب، يېڭى ھاياتلارنى ۋەدە قىلغان بىرەر يۈزدەك رەڭگارەڭ شەھەر ۋە بازار ئىسمىنىڭ قۇيما ھەرپلىرىدىن مەست بولماسلىق ئۈچۈن كىچىك بىر ئاشخانىغا كىردىم. كەڭ ئەينەكلىك توڭلاتقۇدا شەھەر ئىسىملىرى ۋە ئاپتوبۇس شىركەتلىرىنىڭ ھەرپلىرىدەك قاتار-قاتار تىزىقلىق تۇرغان، بەلكىم نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراق بىر يەردە، بەلكىم ئاللىقانداق ئاشقازانلاردا سىڭىدىغان رەۋانى ، مۇھاللەبى ۋە سالاتلارغا يېنىمنى قىلىپ بىر شىرەدە ئولتۇردۇم ۋە نېمىنى كۈتۈشكە باشلىغانلىقىمنى ئۇنۇتتۇم. بەلكىم، پەرىشتە، سېنىڭ مېنى يېنىك تارتىپ، ئۈن-تىۋىشسىز يول كۆرسىتىپ، چىرايلىقچە ئاگاھلاندۇرۇشۇڭنى كۈتۈۋاتقاندىمەن. ئەمما ئاشخانىدا ئۇيقۇچان ھالدا ئاچ كۆزلەرچە تاماق يەۋاتقان، بۇ يەردىن ماڭىدىغان بىر قانچە يولۇچى بىلەن قۇچىقىدىكى بالىسى بىلەن ئولتۇرغان ئانىدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. كۆزلىرىم يېڭى ھاياتنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدەۋاتقاندا ”چىراغ بىلەن ئويناشماڭ“ دېدى بىر تام لوزۇنكىسى، ”ھاجەتخانىغا ھەق ئېلىنىدۇ“ دېدى يەنە بىرسى، ”سىرتتىن ھاراق-شاراب ئەكىرىشكە بولمايدۇ“ دېدى ئۈچىنچىسى تېخىمۇ قاتتىق ۋە كەسكىن ھەرپلەر بىلەن. ئەس-ھوشۇم كۆزنەكلىرى ئالدىدىن قارا قاغىلارنىڭ ئۇچۇپ ئۆتۈشلىرىنى، ئۆز ئۆلۈمۈمنىڭ مۇشۇ چىقىش نۇقتىسىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. بېكەت ئاشخانىسىنىڭ ئىچ-ئىچىدىن تۈگىشىپ كېتىۋاتقان دەرد-ئەلىمىنى ساڭا ئېيتالىشىمنى ئارزۇ قىلاتتىم پەرىشتە، لېكىن شۇنچىلىك ھارغىن ئىدىمكى، نەچچە ئەسىرنىڭ ئۇيقۇسىز ئورمانلاردەك شىۋىرلاشلىرىنى، ئىڭراشلىرىنى ئاڭلاۋاتاتتىم، ھەر بىرى باشقا بىر دىيارغا قاراپ يولغا چىققان جەسۇر ئاپتوبۇسلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ماتورلىرى ئىچىدىكى ئەسەبىي روھنى سۆيەتتىم، يىراقلاردىكى بىر يەردە چىقىش نۇقتىسى ئىزدەۋاتقان جاناننىڭ مېنى چاقىرغىنىنى ئاڭلاۋاتاتتىم، ئەمما بىر تېخنىكىلىق كاشىلا تۈپەيلىدىن كىنونى ئاۋازسىز كۆرۈشكە رازى بولغان تاماشىبىندەك ئۇنى ئاۋازسىز ئاڭلايتتىم، چۈنكى بېشىم شىرەگە موكلا چۈشۈپ، بىر ئاز ئۇخلاپ قالغانىدىم.
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى، بىلمەيمەن. ئويغانغاندا يەنە شۇ ئاشخانىدا باشقا ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئىدىم. مېنى تەڭداشسىز مىنۇتلارغا ئاپىرىدىغان بۈيۈك سەپەرنىڭ چىقىش نۇقتىسىنى بۇ قېتىم پەرىشتىگە ئېيتالايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئالدىمدا پاراڭ سېلىپ پۇل ۋە بېلەت ھېسابى قىلىۋاتقان ئۈچ ياش بار ئىدى. پەلتوسىنى ۋە يالتىراق خالتىسىنى شىرەدىكى شورپا قاچىسىنىڭ يېنىغا قويغان تىكەندەك يالغۇز بىر بوۋاي قولىدىكى قوشۇق بىلەن ئۆزىنىڭ ھەسرەتلىك ھاياتىنى ھىدلايتتى، ئارىلاشتۇراتتى، بوش شىرەلەر ياتقۇزۇلغان غۇۋا قاراڭغۇلۇقتا بىر كۈتكۈچى ئەسنەپ ئولتۇرۇپ گېزىت ئوقۇۋاتاتتى. يېنىمدىلا تورۇستىن مەينەت تاپسىغىچە چۈشكەن ھورداپ كەتكەن ئەينەك، ئۇنىڭ كەينىدە قارامتۇل كېچە، كېچە قوينىدا ماتورلارنىڭ گۈرۈلدەشلىرى ۋە مېنى ئۇ دىيارغا چاقىرىۋاتقان ئاپتوبۇسلار بار ئىدى.
قانداقتۇر بىر ۋاقىتتا ئاپتوبۇسلارنىڭ بىرىگە چىقىۋەردىم. سەھەر ۋاقتى ئەمەس ئىدى، لېكىن ئاستا-ئاستا تاڭ ئاتتى، كۈن چىقتى، ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىم كۈن نۇرىغا تولدى. ئۇخلاپ قالغانىدىم.
ئاپتوبۇسلارغا چىقتىم، ئاپتوبۇسلاردىن چۈشتۈم، بېكەتلەرنى كەزدىم؛ يەنە ئاپتوبۇسلارغا چىقتىم، ئۇخلىدىم، كۈنلەرنى كېچىلەرگە ئۇلىدىم؛ ئاپتوبۇسلارغا چىقتىم، بازارلارغا چۈشتۈم، كۈن بويى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ماڭدىم ۋە ئۆزۈمگە دېدىم: ئۆزىنى ئۇ ناتونۇش دىيارنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپىرىدىغان يوللاردا مېڭىشقا بۇ ياش يولۇچىنىڭ ئىرادىسى قانچىلىككىن؟!

4

سوغۇق قىش كېچىلىرىنىڭ بىرىدە ھەر كۈنى بىر-ئىككىسىگە ئولتۇرغان ئاپتوبۇسلارنىڭ بىرىنىڭ ئىچىدە نەدىن كەلگىنىمنى، ھازىر نەدە ئىكەنلىكىمنى، نەگە بارىدىغانلىقىمنى بىلمەستىن، قانچىلىك تېز ماڭغانلىقىمىزنى پەرق ئەتمەستىن كېتىۋاتاتتىم. نەچچە كۈندىن بېرى كېتىۋاتاتتىم، ئەي پەرىشتە. ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدىكى چىراغلار ئاللىقاچان ئۆچكەن، گۈركىرەپ كېتىۋاتقان ھارغىن ئاپتوبۇسنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى بىر يەردە ئۇيقۇ بىلەن ئويغاقلىق ئارىسىدا، ئۇيقۇدىنمۇ تولىراق چۈشلەرگە، چۈشلەردىنمۇ تولىراق سىرتتىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ خىيالەتلىرىگە يېقىن ئىدىم. كۆزۈمنى يېرىم يۇمۇپ، ئاپتوبۇسىمىزنىڭ يىراقنى كۆرسىتىدىغان ئالغاي چىراغلىرى يورۇتقان يولنىڭ قىرىدىكى ئاجىز دەرەخنى، ئۈستىگە كولونيا ئېلانى يېزىلغان قورام تاشنى، سىمتاناپ تۈۋرۈكلىرىنى، ئاندا-ساندا ئۆتكەن ئاپتوموبىللارنىڭ تەھدىتلىك چىراغلىرىنى ۋە شوپۇرنىڭ ئۈستىدىكى ۋىدىيوغا چېتىلغان تېلېۋىزور ئېكرانىدا چىقىۋاتقان كىنولارنى كۆرەتتىم. قىز رولچى پاراڭلىشىۋاتقاندا ئېكران جاناننىڭ پەلتوسى رەڭگىگە كىرىپ سۆسۈنلىشەتتى، ئالدىراقسان، شوخ يىگىت ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىۋاتقاندا ئۇ بىر چاغلاردا ئىچىمگە سىڭگەن خۇنۈك كۆك رەڭگە ئايلىناتتى. ساپلا مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ دەپ تۇرغىنىمدا، مەن سېنى ئويلىغاندا، سەن مېنى ئەسلىگەندە، شۇ سۆسۈن ۋە خۇنۈك كۆك رەڭ بىر كاتەكچىدە بىرلەشتى، ئەمما سۆيۈشمىدى.
دەل شۇ چاغدا، ئاپتوبۇس سەپىرىنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىدە، كىنونىڭ دەل شۇ يېرىدە، ھەيران قالارلىق بىر كەمچىلىك، بىزارلىق ۋە كۈتۈش ھېسسىياتىغا مەھكۇم بولغىنىم ئېسىمدە. قولۇمدا تاماكا بار ئىدى، بىر دەمدىن كېيىن كۈلىنى قاقىدىغان، قاپقىقىنى قاتتىق ئۇرمىسا ئېتىلمەيدىغان كۈلدانغا تاماكامنى ئاچچىق سىلكىيتتىم. تېخىچە سۆيۈشەلمىگەن ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ جۈرئەتسىزلىكى ئىچىمدە كۈچەيگەن تاقەتسىزلىك بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ كەسكىن، تېخىمۇ ئېغىر بىئاراملىققا ئايلاندى. مانا، ئەمدى ئۇ كېلىۋاتىدۇ، چوڭقۇر ۋە ھەقىقىي نەرسە ئەمدى يېقىنلىشىۋاتىدۇ دېگەن تۇيغۇ! پادىشاھقا تاج كىيدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال كىنودىكىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر تاماشىبىن سېھىرلىك بىر جىمجىتلىقنى ھېس قىلىدۇ، ئۇ جىمجىتلىقتا سەلتەنەت مەيدانىنى باشتىن ئاخىر كەزگەن بىر جۈپ كەپتەرنىڭ قانات قېقىشلىرى ئاڭلىنىدۇ. مەن يېنىمدا ئۇخلاۋاتقان بوۋاينىڭ تۇيۇقسىز ئىڭرىغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ قارىدىم. يۈز كىلومېتىر ئارىلىقتىكى، بىر-بىرىنى كۆرەلمەسلىك بىلەن تەقلىد قىلىپ سېلىنغان ئىككى كىچىك ئەبگا شەھەر ئالدىمىزدا ئىدى، بوۋاينىڭ ماڭا قورقۇنچلۇق ئاغرىقتىن دەرت تۆكۈۋاتقان تاقىر بېشى قاراڭغۇ ئەينەكنىڭ مۇزدەك سوغۇقىغا يۆلىنىپ، بەھۇزۇر تەۋرىنەتتى. ئەتىگىنى ناھىيە بازىرىغا بارغىنىمىزدا بارىدىغان دوختۇرخانىدىكى دوختۇر ئۇنىڭغا بېشىنىڭ سالقىنداپ تۇرۇشى ئۈچۈن بېشىنى سوغۇق ئەينەككە تىرەشنى تەۋسىيە قىلىشى كېرەك دېدىم ئۆزۈمگە، قاراڭغۇ يوللارغا نەزەر سالغىنىمدا شۇ ھامان نەچچە كۈندىن بېرى زادى بولۇپ باقمىغان بىر ئىزتىراپقا چۈشتۈم: مەندىكى بۇ چوڭقۇر ۋە قارشى قوپقۇسىز ئارزۇ زادى نېمە؟ ۋۇجۇدۇمنى ئىگىلىۋالغان بۇ سەۋرسىز ئىستەك نەدىن كەلدى؟
قاتتىق بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىچ باغرىمنى قوزغىۋەتكەن بىر كۈچنىڭ بېسىمىدىن سىلكىندىم، ئورنۇمدىن ئۇچۇپ، ئالدىمدىكى ئورۇندۇققا ئۇرۇلدۇم ۋە تۆمۈر-قەلەي، ئاليۇمىن، ئەينەك پارچىلىرىغا قاتتىق سوقۇلۇپ ماكچايدىم. شۇ پەيتتە يېڭىدىن، پۈتۈنلەي باشقا بىرسى بولۇپ كەينىمگە يىقىلىپ، ئۆزۈمنى ئاپتوبۇستىكى شۇ ئورۇندۇقتا كۆردۈم.
ئەمدى بۇ ئاپتوبۇس بايىقى ئاپتوبۇس ئەمەس ئىدى. كابىنكىنىڭ كەينىدىكى ئورۇندۇقلار بىلەن بىللە پارە-پارە بولۇپ كەتكەنلىكىنى مەڭدەپ ئولتۇرغان يېرىمدىن، كۆك ئىسنىڭ ئىچىدىن كۆرۈۋاتاتتىم.
دېمەك، ئارزۇ قىلغىنىم مۇشۇ ئىكەن، ئىزدىگىنىم مۇشۇ ئىكەن. تاپقان نەرسىلەرنى يۈرەك قېتىمدا قانداق ھېس قىلدىم: ھۇزۇر، ئۇيقۇ، ئۆلۈم، ۋاقىت! ئۇ يەردە ئىدىم، ھەم بۇ يەردە؛ ھەم ھۇزۇرنىڭ ھەم قانلىق ئۇرۇشنىڭ ئىچىدە؛ خورەكلىك ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ھەم تۈگىمەس ئۇيقۇنىڭ، ئاخىرلاشماس كېچىنىڭ ۋە تېزلا ئۆتكەن ۋاقىتنىڭ قوينىدا ئىدىم. كىنولاردا چىقىدىغۇ، ئورۇندۇقتىن ئاستا قوپتۇم-دە، دەرھال ئۆلۈكلەر دىيارىغا كۆچكەن ياش شوپۇر ياردەمچىسىنىڭ بوتۇلكىنى تۇتقىنىچە ياتقان جەسىتىنىڭ يېنىدىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ ئۆتۈپ، ئاپتوبۇسنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن قاراڭغۇ كېچىنىڭ باغچىسىغا چىقتىم.
قاقاس، چەكسىز كەتكەن باغچىنىڭ بىر چېتى پارچە ئەينەكلەر بىلەن قاپلانغان ئاسفالت، كۆرۈنمەيدىغان يەنە بىر چېتى بولسا بارسا-كەلمەس دىيار ئىدى. نەچچە ھەپتىدىن بېرى خىيالىمدا جەننەت ھارارىتى بىلەن ۋىلىلداپ تۇرغان بۇ تىمتاس دىيارنىڭ مۇشۇ يەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، كېچىنىڭ قارا دۇخاۋىدەك قاراڭغۇلۇقى قوينىغا قورقماي ئىلگىرىلىدىم. ئۇيقۇدا ماڭغاندەك، ئەمما ئويغاق؛ ماڭغاندەك، ئەمما پۇتلىرىم گويا سېغىز تۇپراققا تەگمىگەندەك ماڭدىم. بۇ بەلكىم ئاياغلىرىم بولمىغانلىقىدىن، ۋە بەلكىم ھازىر ئەسلىيەلمىگەنلىكىمدىن، پەقەت ئۇ يەردە بولغانلىقىمدىن ئىدى، پەقەت ئۇ يەردە ئۆزۈم، ئۇيۇشۇپ قالغان تېنىم ۋە ئىدراكىم: ئۆز- ئۆزۈم بىلەن تولۇپ تاشقانىدىم.
”جەننەت“ قاراڭغۇلۇقىنىڭ ئىچىدىكى بىر يەردە، بىر يارنىڭ گىرۋىكىدە ئولتۇردۇم، يەردە سوزۇلۇپ ياتتىم. كۆكتە ئاندا-ساندا يۇلتۇزلار، يېنىمدا ھەقىقىي بىر قىيا تاش پارچىسى بار ئىدى؛ ھەقىقىي ئۇرۇنۇشنىڭ ئىشەنگۈسىز پەيزىنى ھېس قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ھەسرەت بىلەن ئۇرۇندۇم . بىر چاغلاردا بارلىق ئۇرۇنۇشلار ئۇرۇنۇش ، پۇراقلار پۇراق، ئاۋازلار ئاۋاز بولغان ھەقىقىي دۇنيا بار ئىكەندۇق، ئۇ چاغلار بۇ چاغلارغا بىر كۆرۈنۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىنمۇ، يۇلتۇزچۇ؟ مەن ھاياتىمنى قاراڭغۇلۇقتا كۆرۈۋاتاتتىم. بىر كىتاب ئوقۇدۇم، سېنى تاپتىم. ئۆلۈم مۇشۇ بولسا، مەن يېڭىدىن تۇغۇلدۇم. چۈنكى مەن ئەمدى بۇ يەردە، بۇ دۇنيانىڭ ئىچىدە كەچۈرمىشى، ئەس-خاتىرىسى يوق، گويا تېلېۋىزورلاردىكى كۆپ قىسىملىق يېڭى تىياتىرلارنىڭ يېڭى ۋە گۈزەل چولپانلىرىدەك، بىر قانچە يىللاردىن كېيىن چولپانلارنى تۇنجى كۆرگەن تۈرمە قاچقۇنىنىڭ بالىلارچە ھەيرانلىقىدەك يېپيېڭى بىر ئادەم ئىدىم. ئىلگىرى تەڭدىشى، ئوخشىشىنى زادى ئاڭلاپ باقمىغان بىر جىمجىتلىقنىڭ چاقىرىشىنى ئاڭلاۋاتىمەن ۋە سوراۋاتىمەن: ئاپتوبۇسلار، كېچىلەر، شەھەرلەر نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ ئاشۇ بارلىق يوللار، كۆۋرۈكلەر، چىرايلار نېمىشقا شۇنداق؟ كېچىلەرنى بۈركۈتتەك باستۇرۇپ كېلىدىغان يالغۇزلۇق نېمىدىن؟ سۆز-ئىبارىلەر نېمىشقا يۈزەكىيلىككە تاقىشىپ قالىدۇ؟ ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدىغان ئاشۇ ۋاقىتنىڭ سەۋەبى نېمە؟ تۇپراقنىڭ تىۋىشلىرىنى ۋە سائەتنىڭ چىكىلداشلىرىنى ئاڭلاۋاتىمەن. چۈنكى ئۇ كىتاب ”ۋاقىت ئۈچ ھەجىملىك جىمجىتلىقتۇر“دەپ يازغانىدى. دېمەك، ئۈچ ھەجىمنى پەقەت ھېس قىلماي، ھاياتنى، دۇنيانى ۋە كىتابنى چۈشەنمەي ھەم سېنى قايتا كۆرەلمەي ئۆلىدىغان ئوخشايمەن دەيتتىم، مانا ئەمدى يېڭى، يېپيېڭى يۇلتۇزلارغا تۇنجى قېتىم گەپ قىلىۋاتىمەنكى، بۇ بالىلارچە ئەقلىمگە كەلدى! مەن تېخى ئالدىراپ ئۆلمەيدىغان بالا ئىدىم، نەرسىلەرنىڭ ئۇرۇنۇشىنى ، پۇرىقىنى ۋە نۇرىنى بايقىغاچ، پېشانەمدىن ئاققان قاننىڭ ئىسسىقلىقىنى سوغۇق قوللىرىمدا بەختىيارلىق ئىلكىدە ھېس قىلدىم. جانان، سېنى سۆيگەن ھالدا بۇ دۇنيانى خۇشاللىق بىلەن تاماشا قىلدىم.
ئالدىدا، مەن ئۇنى تاشلاپ كەتكەن يەردە، شور پېشانە ئاپتوبۇس سېمونت يۈكلەنگەن ئاپتوموبىلغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۈسكەن نۇقتىدا كۆتۈرۈلگەن سېمونت تۇمانى ئۆلۈكلەرنىڭ ۋە ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە مۆجىزىلىك بىر كۈنلۈككە ئوخشاش يېيىلغانىدى. ئاپتوبۇستىن كۆك ۋە جاھىل بىر يورۇقلۇق كۆرۈنەتتى. ھايات قالغان ۋە بىر دەمدىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلىدىغان بەختسىزلەر يېڭى بىر پلانېتاغا قەدەم تاشلايدىغاندەك ئېھتىيات بىلەن ئارقا ئىشىكتىن سىرتقا چىقىۋاتاتتى. ئانا، ئانا، سىز قالدىڭىز، مەن چىقتىم، ئانا، ئانا، يانچۇقلىرىمنى قانلار پارچە پۇلدەك توشقۇزۇپ قويدى. ئۇلار بىلەن−يالتىراق خالتا كۆتۈرۈپ يەردە ئۆمىلەۋاتقان تۇماقلىق تاغا بىلەن، ئىشتىنىنىڭ يىرتىقىغا دىققەت بىلەن قاراۋاتقان ئەستايىدىل ئەر بىلەن، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېتىش ئالدىدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خۇشاللىق بىلەن ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋاتقان موماي بىلەن… پاراڭلاشقۇم كەلدى. يۇلتۇزلارنى ساناۋاتقان قاقۋاش سۇغۇرتىچىغا، ئۆلۈك شوپۇرغا يالۋۇرۇۋاتقان ئانىنىڭ ھاڭۋېقىپ تۇرغان قىزىغا، تونۇشماي تۇرۇپ قول تۇتۇشۇپ، بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈشۈپ قالغانلاردەك ئىككى ياققا يېنىك لىڭشىپ ئامان قالغانلىق ئۇسۇلى ئويناۋاتقان بۇرۇتلۇق ئەرلەرگە بۇ تەڭداشسىز ۋە مۇكەممەل ۋاقىتنىڭ سىرىنى، شۇنداقلا ”تەڭداشسىز پەيت“ دېيىلگەن بۇ تەلەيلىك مىنۇتنى ئاللاھنىڭ بىزدەك بەختلىك بەندىلىرىگە ئاز بولسىمۇ ئېھسان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقۇم كەلدى؛ پەرىشتە، ماڭا كۆرۈنسەڭ، ھاياتتا بىر قېتىم، مانا بۇ مۆجىزىلىك سېمونت بۇلۇتىنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدىكى ئاجايىپ ۋاقىتتا كۆرۈنىدىغانلىقىڭنى ئۆزۈڭگە ئېيتقۇم ۋە ھازىر نېمىشقا بۇنچىلىك بەختلىك بولغانلىقىمىزنى سەندىن سورىغۇم كەلدى. بىپەرۋا ئاشىقلاردەك چىڭ قۇچاقلىشىپ، ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئەركىن يىغلاۋاتقان ئانا-بالا، قاننىڭ لەۋسۇرۇختىنمۇ بەك قىزىل، ئۆلۈمنىڭ ھاياتتىن بەكرەك شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان سۆيۈملۈك ئايال، دادىسىنىڭ جەسىتى بېشىدا تىكىلىپ، قولىدا قورچىقىنى تۇتۇپ، يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلىۋاتقان تەلەيلىك بالا… بۇ مۇكەممەللىك، پۈتۈنلۈك ۋە نۇقسانسىزلىقنى بىزگە ئاتا قىلغان كىم؟ ”بىر سۆز،− دېدى ئىچىمدىكى ئاۋاز،− سەپەرگە چىقىش… ۋىدالىشىش… “ ئەمما ئۆلمەيدىغانلىقىمنى ئاللىبۇرۇن بىلگەنىدىم. بىر دەمدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدىغان، يۈز-كۆزى قاندىن قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن بىر ھامما مەندىن شوپۇر ياردەمچىسىنى سورىدى، ئۇ چامادانلىرىنى ئېلىپ، ئەتىگەندە شەھەردىكى پويىزغا ئۈلگۈرمەكچىكەن. قانلىق پويىز بېلىتى مەندە قالدى.
ئالدىدىكى ئورۇندا يۈزلىرى ئەينەكلەرگە چاپلىشىپ قالغان ئۆلۈكلەرنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشماستىن ئارقا ئىشىكتىن ئاپتوبۇسقا چىقتىم. بارلىق ئاپتوبۇس سەپىرىم جەريانىدىكى قورقۇنچلۇق ماتور گۈرۈلدىشىنى ئەسلىدىم ۋە تۇيدۇم. مېنىڭ تاپقىنىم ئۆلۈم جىمجىتلىقى ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئەسلىمىلىرى، ئارزۇلىرى ۋە خىياللىرى ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقانلار بار ئىدى. شوپۇر ياردەمچىسى تېخىچە قولىدىكى بوتۇلكىنى، كۆزى ياش تەمكىن ئانا پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان بالىسىنى تۇتۇپ ياتاتتى: چۈنكى سىرت سوغۇق ئىدى. ئولتۇردۇم، چۈنكى پۇتۇمدىكى ئاغرىقلارنى تۇيغانىدىم. يېنىمدىكى تاقىر باش ھەمراھىم ئالدى ئورۇندۇقتىكى ئالدىراقسان ئادەملەر بىلەن بىللە بۇ دۇنيادىن كۆچۈپ كەتكەنىدى، ئەمما تېخىچە سەۋرچانلىق بىلەن ئولتۇراتتى، ئۇخلىغاندا كۆزلىرى يۇمۇق، ئۆلگەندە ئوچۇق ئىدى. ئالدىمىزدىكى بىر يەردىن، نەدىن چىققانلىقى نامەلۇم ئىككى ئادەم قانلار ئىچىدىكى بىر جەسەتنى توڭلىسۇن دەپ پۇت-قولىدىن تۇتۇپ سىرتتىكى سوغۇققا ئاچىقىپ قويدى.
شۇ چاغدا ئەڭ ئاجايىپ تاسادىپىيلىقنى، ئەڭ مۇكەممەل بەخت-تەلەينى بايقىدىم: شوپۇرنىڭ ئورنىنىڭ ئۈستىدىكى تېلېۋىزور ساپساق ئىدى، فىلىمدىكى ئاشىق-مەشۇقلار ئەڭ ئاخىرىدا بىر-بىرىگە چىرمىشىۋاتاتتى. قولياغلىقىم بىلەن پېشانەمدىكى، يۈزۈمدىكى، بوينۇمدىكى قاننى سۈرتتۈم، بايا ئالىقىنىمدا يېپىۋەتكەن كۈلداننى ئەمدى ئاچتىم، خۇشاللىق بىلەن بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردۇم-دە، ئېكراندىكى فىلىمنى كۆردۈم.
ئۇلار سۆيۈشتى، بىر-بىرىنىڭ لەۋلىرىدىن لەۋسۇرۇخ ۋە ھايات شوراۋاتقاندەك يەنە سۆيۈشتى. كىچىك ۋاقتىمدا كىنولاردا سۆيۈشىدىغان يەرگە كەلگەندە نېمىشقا نەپسىم قىسىلاتتى؟ نېمىشقا پۇتۇمنى تەۋرىتىپ، سۆيۈشۈۋاتقانلارغا ئەمەس، پەردىدىكى ئۇلاردىن سەل ئېگىز يەرگە قارايتتىم؟ ئاھ سۆيۈش! مۇزلۇق ئەينەكتىن ئۇرۇلغان ئاق نۇرنىڭ ئىچىدە لەۋلىرىمگە تەگكەن نەرسىنىڭ لەززىتىنى شۇنداق كۆڭۈللۈك ئەسلىگەنىدىم. ھاياتتا بۇ پەقەت بىرلا قېتىم! جاناننىڭ ئىسمىنى كۆز ياشلىرىم بىلەن تەكرارلىدىم.
فىلىم تۈگىگەندە، سىرتنىڭ سوغۇقى سوۋۇغان ئۆلۈكلەرنىمۇ توڭدۇرغاندا ئاۋۋال چىراغ نۇرلىرىنى، ئاندىن كۆڭۈللۈك مەنزىرە ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن تۇرغان ئاپتوموبىلنى كۆردۈم. قۇرۇق ئېكرانغا تېخىچە چۈشىنىكسىز قاراپ ئولتۇرغان يېنىمدىكى ھەمراھىمنىڭ چاپىنىنىڭ يانچۇقىدا يوغان ۋە قېلىن بىر ھەميان بار ئىدى. ئىچىدە ئىسمى مەھمۇت، فامىلىسى ماھلەر بولغان بىر كىملىك، ئەسكەرلىكتىكى ئوغلىنىڭ ماڭا ئوخشايدىغان سۈرىتى بىلەن خوراز سوقۇشتۇرۇشنى خەۋەر قىلغان ناھايىتى كونا بىر گېزىت پارچىسى («دېنىزلى پوچتىسى» 1966) بار ئىدى. بۇ پۇللار ماڭا يەنە بىر قانچە ھەپتە يېتىدۇ، توي قىلىدىغان پۇلۇممۇ مەندە قالسۇن، رەھمەت.
بىزنى ناھىيە بازىرىغا ئاپارغان ئاپتوموبىلنىڭ كوزۇپىدا سەۋرچان ئۆلۈكلەر بىلەن بىللە بىز ئېھتىياتچان تىرىكلەر سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېتىپ يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلىشقا باشلىدۇق. بىز تىنچ بولمىغاندەك، يۇلتۇزلار گويا بىزگە ”تىنچلىنىڭلار، قاراڭلار بىز كۈتۈشنى نېمىدېگەن ئوبدان بىلىمىز“ دەۋاتقاندەك قىلاتتى. ياتقان يېرىمدە ئاپتوموبىل بىلەن بىرلىكتە تىترەۋاتقاندا، بەزى ئالدىراڭغۇ بۇلۇتلار ۋە بەزى ئالدىراش دەرەخلەر قارا دۇخاۋىدەك كېچە بىلەن ئارىمىزغا كىرگەندە بۇ ھەرىكەتلىك، ئۆزگەرمەس نۇرلار ۋە ئۆلۈكلەر بىلەن ئىرماش-چىرماش ئارىلىشىپ كەتكەن خۇشاللىق ئويۇنىنىڭ ھەجۋىي، خۇشاللىنارلىق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغانلىقىم سۆيۈملۈك پەرىشتەمنىڭ ئاسماندا بىر كۆرۈنۈشى، ماڭا قەلبىم ۋە ھاياتىمنىڭ سىرلىرىنى ئېچىۋېتىشى ئۈچۈن مۇكەممەل، كەڭ ئېكرانلىق بىر سەھنە شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئويلىدىم، ئەمما رىفقى تاغىنىڭ رەسىملىك رومانىدا مەن تەخمىنەن شاھىد بولغان سەھنە رېئاللىققا ئايلانمىدى. شۇنداق قىلىپ، دەرەخ شاخلىرى ئۈستىمىزدىن ئىتتىك ئېقىۋاتقان سۇدەك ئۆتۈشۈۋاتقاندا، قاراڭغۇ سىمتاناپ تۈۋرۈكلىرى بىر-بىرلەپ كەينىمىزدە قېلىۋاتقاندا، قۇتۇپ يۇلتۇزى، قۇتۇپ ئېيىقى ۋە π سانى بىلەن تەنھا قالدىم. كېيىن ئويلىدىم، ھېس قىلدىم، ئەسلىدە بىر دەقىقە ۋاقىتمۇ مۇكەممەل ئەمەس ئىدى، بىر نەرسە كەم ئىدى. تېنىمدە يېڭى روھ، ئالدىمدا يېڭى ھايات، يانچۇقۇمدا باغلام-باغلام پۇل ۋە ئاسماندا يېڭى يۇلتۇزلار بار چاغدا، قەدىرلىكىم، مەن ئۇنى ئىزدەپ تاپىمەن.
ھاياتنى كەمتۈك قىلغان نەرسە نېمە؟
”مېيىپ پۇت!“ دېدى دوختۇرخانىدا تىزىمنى تىككەن زەڭگەر كۆزلۈك سېسترا، چىدىشىم كېرەككەن. ”ئۇنداقتا، مەن بىلەن توي قىلامسىز؟ پاچاقتا، پۇتتا سۇنۇق-دەز يوق، ئۇنداقتا مەن بىلەن يېقىنچىلىق قىلامسىز؟ پېشانەمدىمۇ قورقۇنچلۇق بىر تاتۇق يوق…“ دېدىم ئاغرىقتىن كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىۋاتقاندا، ”كەم بىر نەرسە بار ئىكەن“، جاراھەتنى تىككۈچى سېسترانىڭ ئوڭ قولىدىكى ئۈزۈكتىن چۈشىنىشىم كېرەككەن. گېرمانىيىدە ساقلاۋاتقان يىگىتى بار ئىكەن. مەن يېڭى بولساممۇ، پۈتۈنلەي يېڭى ئەمەس. شۇنداق قىلىپ دوختۇرخانىنى ۋە ئۇيقۇسى كەلگەن سېسترانى تەرك ئەتتىم.
ئەتىگىنى ئەزان ئېيتىلىۋاتقاندا ”يېڭى نۇر مېھمانخانىسى“غا بېرىپ، كېچىلىك كۆزەتچىدىن ئەڭ ياخشى ياتاق تەلەپ قىلدىم. ياتاقنىڭ توپا باسقان ئىشكاپىدىن تاپقان كونا بىر پارچە «ھۆرىيەت» گېزىتىگە قارىغاچ ئانانىزم قىلدىم، بازار بېتىنىڭ رەڭلىك سەھىپىسىدە ئىستانبۇل نىشانتاشتىكى بىر ئاشخانىنىڭ ئايال خوجايىنى مىلاندىن ئەكەلدۈرگەن بارلىق ئۆي جاھازىسىنىڭ، قىسىر قىلىنغان مۈشۈكلىرىدىن ئىككىسىنىڭ ۋە ئالا-چىپار گەۋدىسىنىڭ بىر قىسمىنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلدۇرغانىدى. ئۇخلىدىم.
مەن ئاتمىش سائەتكە يېقىن تۇرغان ۋە «يېڭى نۇر مېھمانخانىسى»دا ئوتتۇز ئۈچ سائەت ئۇخلىغان شىرىنيەر شەھىرى سۆيۈملۈك جاي ئىدى: بىرىنچى، ساتىراشخانا. دۇكانلىرىدا سېپى ئاليۇمىن قەغەزدىن ياسالغان OPA ماركىلىق ساقال سوپۇنى بولۇپ، ئۇنىڭ سۇس مېنتول پۇرىقى بۇ شەھەردە تۇرغان مۇددەتتە مەڭزىمدە قالدى. ئىككىنچى، ياشلار قىرائەتخانىسى. قوللىرىدا قارتا قەغىزىنىڭ قاغا، تاپان ۋە پوپلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان خىيالچان قېرىلار مەيداندىكى ئاتاتۈرك ھەيكىلىگە، تراكتورلارغا، ئاقساپراق مېڭىۋاتقان ماڭا ۋە داۋاملىق ئېچىقلىق تېلېۋىزوردىكى ئاياللارغا، پۇتبولچىلارغا، جىنايەتلەرگە، سوپۇنلارغا ۋە سۆيۈشۈشلەرگە قارايتتى. ئۈچىنچى، Marlboro. مۇشۇنداق يېزىپ قويغان دۇكاندا تاماكىدىن باشقا، چامباشچىلىق ۋە يېرىم سېرىق فىلىملەرنىڭ لېنتىلىرى، دۆلەت لاتارىيىسى ۋە سپورتوتو ، شەھۋانىيەت ۋە رازۋېدكا رومانلىرى، چاشقان دورىسى ۋە تامدا جاناننى ئەسلىتىدىغان گۈزەل بىر قىز كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بىر كالېندار بار ئىدى. تۆتىنچى، ئاشخانا. پۇرچىقى، كۆفتىسى ياخشى. بەشىنچى، پوچتىخانا. تېلېفون قىلدىم. ئانىلار چۈشەنمەيدۇ، يىغلايدۇ. ئالتىنچى، شىرىنيەر قىرائەتخانىسى. ئىككى كۈن يېنىمدا ئېلىپ يۈرگەن «ھۆرىيەت»گېزىتىدىكى بىزنىڭ ھېلىقى بەختلىك قاتناش ۋەقەسىنىڭ مەن يادلاپ بولغان قىسقا خەۋىرىنى − ئۆلگەنلەر ئون ئىككى!− بۇ يەردىكى ئۈستەلدە يەنە بىر قېتىم زوق-شوخ بىلەن ئوقۇۋاتقاندا ئوتتۇز ياشلاردا، ياق ئوتتۇزبەش ياشلاردا، ياق قىرىق ياشلاردا، ياللىۋېلىنغان قاتىل ياكى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىدەك كۆرۈنىدىغان بىر ئادەم ئارقامدىن سايىدەك يېقىنلاشتى، يانچۇقىدىن چىقارغان سائەتنىڭ ماركىسىنى ماڭا Zenth دەپ ئوقۇدى ۋە دېدىكى:
”دىۋانە غەزەللىرىدە نېچۈن ئۆلۈمگە ئەمەس، ئىشققا باھانىدۇر بادە ،
نېمىشقا قازانىڭ شارابى بىلەن مەست بولۇپسىز دەيدۇ گېزىتتە؟ “
جاۋابىمنى كۈتمەستىنلا ئارقىسىدا قويۇق OPA پۇرىقىنى قالدۇرۇپ قەھۋەخانىدىن چىقىپ كەتتى.
ھەر قېتىم ئەڭ ئاخىرىدا ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە تاقەتسىزلىك بىلەن ئاياغلاشقان ساياھىتىم جەريانىدا ھەر بىر سۆيۈملۈك شەھەرنىڭ بىر بەختلىك سارىڭى بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم. شاراب ۋە شېئىرنى ياخشى كۆرۈدىغان دوستىمىز سۆيۈملۈك شەھەرنىڭ ھەر ئىككى مەيخانىسىدا يوق ئىدى، ئاتمىش سائەتتىن كېيىن مەن يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەست قىلغۇچى چاڭقاقلىقنى، ئەي جانان، سېنى ئاشىقلارچە سېغىنغاندەك، چوڭقۇر ھېس قىلىشقا باشلىغانىدىم. ئۇيقۇسىز شوپۇرلار، ھارغىن ئاپتوبۇسلار، ساقال-بۇرۇتى ئۆسۈپ كەتكەن شوپۇر ياردەمچىلىرى، مېنى ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئاشۇ ناتونۇش دىيارغا ئاپىرىڭلار! پېشانەم قانلار ئىچىدە، ئۆلۈمنىڭ بوسۇغىسىدا ئۆزۈمدىن كېچىپ باشقا بىرسى بولاي. شۇنداق قىلىپ، بەدىنىمدە ئىككى ياماق، يانچۇقۇمدا قازاغا ئۇچرىغۇچىدىن قالغان بىر توم ھەميان، بىر ئاخشىمى كونا بىر«MAGIRUS» نىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا شىرىنيەر شەھىرىنى تەرك ئەتتىم.
كېچە! ئۇزۇن، ناھايىتى ئۇزۇن شاماللىق كېچە! دېرىزەمنىڭ قاراڭغۇ ئەينىكىدىن يېزىلار ئۆتتى، تېخىمۇ قاراڭغۇ ئېغىللار، ئۆلمەس دەرەخلەر، بىچارە ماي قاچىلاش ئورنى، قۇپقۇرۇق ئاشخانىلار، جىمجىت تاغلار، يۈگۈرۈك توشقانلار. يالت-يۇلت بىر كېچىدە بەزەن يىراقتىكى تىترەك بىر نۇرغا ئۇزاقتىن ئۇزاق قارايتتىم، نۇرنىڭ يورۇتقانلىقىنى خىيال قىلغان بىر ھاياتنى ھەر مىنۇت تەسەۋۋۇر قىلاتتىم، جانان بىلەن ئۆزۈمگە ئۇ بەختلىك ھاياتتا بىر ئورۇن تاپاتتىم ۋە ئاپتوبۇس ئۇ تىترەك نۇردىن يىراقلىشىشقا باشلىغاندا دىر-دىر تىترەۋاتقان ئورۇندۇقۇمدا ئەمەس، ئاشۇ ماكاندا بولۇشنى خالايتتىم. بەزىدە ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدا، دەم ئېلىش ئورۇنلىرىدا، ماشىنىلار بىر-بىرىنى ھۆرمەت بىلەن ساقلاپ تۇرغان ئاچاللاردا، تار كۆۋرۈكلەردە يېنىمىزدىن ئاستا-ئاستا ئۆتۈۋاتقان ئاپتوبۇسنىڭ يولۇچىلىرىغا كۆزۈم چۈشەتتى، ئارىسىدا جاناننى كۆرگىنىمنى خىيال قىلاتتىم ۋە بۇ خىيالىمغا ئىشەنچ بىلەن باغلىنىپ، ئۇ ئاپتوبۇسقا قانداق يېتىشىپ، ماشىنىغا قانداق چىقىپ جاناننى قۇچاقلايدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. بەزىدە ئۆزۈمنى شۇنچە ھارغىن ۋە ئۈمىدسىز ھېس قىلاتتىمكى، غەزەپلىك ئاپتوبۇسىمىز بىر يېرىم كېچىدە تەنھا بىر ناھىيە بازىرىنىڭ تار كوچىلىرىدا قايتقاندا يېرىم ئوچۇق دېرىزىلەرنىڭ ئارىلىقىدىن كۆرگەن ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىۋاتقان ئادەمنىڭ مەن بولۇپ قېلىشىمنى ئارزۇ قىلاتتىم. ئەمما ئەسلىدە باشقا بىر يەردە،باشقا بىر چاغدا، ئۇ يەردە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغىنىمنى بىلەتتىم .
ئۇ يەردە، دەھشەتلىك ھادىسىدىن كېيىن ئۆلگەنلەر ۋە ئۆلۈكلەر ئارىسىدا، روھ تەندىن ئايرىلىش بىلەن ئايرىلماسلىق ئارىسىدا ئىككىلىنىپ قالغان بەختلىك، راھەت مىنۇتلاردا… يەتتە قات ئاسمانغا چىقىپ ساياھەت قىلىشقا ھازىرلىنىشتىن ئاۋۋال، قان كۆلچەكلىرى ۋە ئەينەك پارچىلىرى بىلەن باشلانغان ۋە بارسا كەلمەس دىيارنىڭ بوسۇغىسىدىن قاراڭغۇ مەنزىرىگە كۆزلىرىمنى كۆندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقاندا ھەۋەس بىلەن ئويلايمەن: ئەجەبا ئىچىگە كىرسەم بولارمۇ-بولماسمۇ ؟ يانسام بولارمۇ-بولماسمۇ؟ ئەجەبا باشقا دىيارنىڭ ئەتىگەنلىرى قانداقتۇ؟ سەپەرنى پۈتۈنلەي تاشلاپ تېگى يوق كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا غايىب بولۇش قانداقتۇ؟ ئۆزۈمدىن ئۆزگىرىپ باشقا بىرسى بولىدىغان ۋە بەلكىم جانان بىلەن قۇچاقلىشىدىغان ئۇ تەڭداشسىز ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن دىيارنى ئويلىغان ھامان تىترەيتتىم، تىكىلگەن پېشانەمدە، پاچاقلىرىمدا بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈتۈلمىگەن بەختنىڭ تاقەتسىزلىكىنى ھېس قىلاتتىم.
ئەي كېچە ئاپتوبۇسىغا چىققانلار، بەختسىز قېرىنداشلار، سىلەرنىڭمۇ يەرنىڭ تارتىش كۈچىدىن ئايرىلغان ۋاقىتنى ئىزدىگىنىڭلارنى، ئۇ يەردىمۇ، بۇ يەردىمۇ ئەمەس، بەلكى ئىككى دۇنيانىڭ ئارىسىدىكى كۆڭۈللۈك باغچىدا باشقا بىرى بولۇپ سەيلە-تاماشا قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن. خۇرۇم چاپانلىق پۇتبول مەستانىسىنىڭ ئەتىگەنلىك مۇسابىقىنى ئەمەس، قانلار ئىچىدە قىزىل قەھرىمانغا ئايلىنىدىغان ھادىسە پەيتىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. يالتىراق خالتىسىدىن ئارىلاپ بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ يەپ تويمايۋاتقان ئەسەبىي ھاممىنىڭ سىڭلىسىغا ۋە يېزنىسىگە ئەمەس، باشقا دۇنيانىڭ بوسۇغىسىغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن ئالدىراۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. ئوچۇق كۆزى يولدا، يېپىق كۆزى چۈشلەردە بولغان دۆلەت يەر-مۈلۈك كادىرىنىڭ ۋىلايەت بىنالىرىنى ئەمەس، پۈتۈن ۋىلايەتلەر ئارقىدا قالىدىغان ئۇ كېسىشمە نۇقتىنى ھېسابلاۋاتقانلىقىنى ۋە ئەڭ ئالدى ئورۇندۇقتا ئۇخلاۋاتقان سولغۇن يۈزلۈك ئوتتۇرا مەكتەپ مۇھەببەت مەستانىسىنىڭ سۆيگۈنىنى ئەمەس، ئالدى ئەينەكنى سەۋدالىق ۋە ھېرىسمەنلىك بىلەن سۆيىدىغان دەھشەتلىك ئۇچرىشىشنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتقىنىنى بىلىمەن. بۇ ھاياجان بىلەن ھەممىمىز ئەسلىدە شوپۇر ماشىنىنى قاتتىق بىر تورمۇزلىغاندا، ئاپتوبۇسىمىز شامالدا شۇنداق بىر ئۇچقىنىدا كۆزلىرىمىزنى دەرھال ئېچىپ، يولنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا قاراپ ئۇ سېھىرلىك مىنۇتلارنىڭ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى بىلىشكە تىرىشىمىز. ياق، تېخى كەلمەپتۇ!
سەكسەن توققۇز كېچەمنى ئاپتوبۇس ئورۇندۇقلىرىدا ئۆتكۈزدۈم ۋە بۇ بەختلىك سائەتنىڭ جىرىڭلىشىنى روھىمدا تۇيالمىدىم. بىر قېتىم قاتتىق بىر تورمۇزلاشتىن كېيىن توخۇ يۈكلەنگەن بىر ئاپتوموبىلغا سوقۇلدۇق، ئەمما ئۇيقۇچان يولۇچىلارنىڭ ئەمەس، ئالاقزادە توخۇنىڭمۇ تۇمشۇقى قانىمىدى. يەنە بىر كېچىدە ئاپتوبۇسىمىز مۇزدەك ئاسفالتنىڭ ئۈستىدىن ھاڭغا چىرايلىق قايغاندا مۇزلىغان دېرىزەمدىن پەرۋەردىگار بىلەن روبىرو كېلىشنىڭ نۇرىنى شۇ ئان بايقىدىم؛ مەۋجۇتلۇقنىڭ، مۇھەببەتنىڭ، ھاياتنىڭ ۋە ۋاقىتنىڭ ئورتاق بىر سىرىنى بايقاۋاتاتتىمكى، چاقچاق قىلىۋاتقان ئاپتوبۇس، بوشلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا ئېسىلىپ قالدى.
تەلەي قارىغۇ ئەمەس، نادان دەپ ئوقۇغانىدىم بىر يەردە. تەلەي ستاتىستىكا ۋە مۇمكىنلىكنى بىلمەيدىغانلارنىڭ تەسەللىيسىدۇر دەپ ئويلىدىم. ئارقا ئىشىكتىن يەرگە چۈشتۈم، ئارقا ئىشىكتىن ھاياتقا قايتتىم، ئارقا ئىشىكتىن بېكەتلەرگە، بېكەتلەرنىڭ تىنىمسىز ھاياتىغا ئۆتتۈم: گازىرچىلار، ئۈنئالغۇ لېنتىسى ساتقۇچىلار، قارتا قىمارۋازلىرى، يۈك-تاق كۆتۈرۈۋالغان تاغىلار، يالتىراق خالتا كۆتۈرۈۋالغان ھاممىلار، مەرھابا. ئىشنى تەلەيگە باغلاپ قويماسلىق ئۈچۈن ئەڭ كىچىك ئاپتوبۇسلارنى ئىزدىدىم، ئەڭ ئەگرى-توقاي تاغ يوللىرىنى تاللىدىم، شوپۇر قەھۋەخانىلىرىدا ئەڭ ئۇيقۇچان شوپۇرلارنى تاپتىم. خىزىردىن تېز، ئۇچۇپ بارىدىغان، ھەقىقىي بارىدىغان، ئېكسپرېس(تېز بارىدىغان)… شوپۇر ياردەمچىلىرى لىق قۇتىدىن قولۇمغا كولونيا تۆكتى، ئەمما ھېچبىرىدە مەن يوللاردا ئىزدەۋاتقان يۈزنىڭ پۇرىقىنى تاپالمىدىم. شوپۇر ياردەمچىلىرى كۈمۈش رەڭ پەتنۇسلاردا بالىلار يەيدىغان پېچىنىلەرنى ئەكىلىپ بەردى، ئەمما ئانامنىڭ چايلىرىنى ئەسلىمىدىم. قەھۋە خۇرۇچى يوق تۈرك شاكىلاتىنى يېدىم، ئەمما بالىلىق ۋاقتىمدىكىدەك پاچاقلىرىمنىڭ مۇسكۇلى تارتىشىپ قالمىدى. بەزىدە خىلمۇ خىل كەمپۈتلەر، مۇراببالار بىلەن تولغان سېۋەت ئەكەلدى، ئەمما رىفقى تاغا ئامراق ”يېڭى ھايات“ ماركىسىنى زامبو، مابېل ۋە گولدېنلار ئارىسىدا پەقەت ئۇچراتمىدىم. ئۇخلىغاندا كىلومېتىرلارنى سانايتتىم، ئويغاق چاغدا چۈشلەرنى كۆرەتتىم. ئورۇندۇقۇمغا تۈگۈلۈپ كىچىكلىدىم، كىچىكلەۋېرىپ پۈرلىشىپ كەتتىم، پاچاقلىرىمنى بىر يەرگە تىقتىم ۋە ياندىكى ھەمراھىم بىلەن چۈشۈمدە يېقىنچىلىق قىلدىم. ئويغانغاندا ئۇنىڭ تاقىر بېشىنى مۈرەمدە، چارىسىز قولىنى قۇچىقىمدا كۆردۈم.
چۈنكى، ھەر كېچىسى ئاۋۋال يېڭى بىر بەختسىزنىڭ ئېھتىياتچان ھەمراھى، كېيىن مۇڭداش دوستى بولاتتىم، تاڭغا يېقىن بولسا گىرەلىشىپ ھاياسىز سىردىشى بولاتتىم. تاماكا؟ سەپەر نەگە؟ نېمە ئىش قىلىسىز؟ ئاپتوبۇستا شەھەرمۇ شەھەر كېزىدىغان ياش سۇغۇرتىچى ئىدىم، مۇزدەك سوغۇق باشقا ئاپتوبۇستا تاغامنىڭ چۈشۈمگە كىرگەن قىزى بىلەن توي قىلغىلى باراتتىم. بىر قېتىم بىر كىشىگە ئۇچار تەخسە كۆزىتىۋاتقانلارغا ئوخشاش بىر پەرىشتىنى كۈتۈۋاتقانلىقىمنى ئېيتتىم، يەنە بىر سەپەردە بىرەيلەنگە ”بۇزۇق سائەتلىرىڭىزنى رېمونت قىلىپ بېرىمەن“ دېدىم. ”مېنىڭكى Movado،− دېدى يالغان چىش تاغا،− زادى خاتا ماڭمايدۇ“. خاتا ماڭمايدىغان سائەتنىڭ ئىگىسى ئاغزى ئوچۇق ئۇخلاۋاتقاندا ئۇ نەرسىنىڭ كەسكىن چىكىلدىشىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. ۋاقىت دېگەن نېمە؟ ھادىسە! ھايات دېگەن نېمە؟ ۋاقىت! ھادىسە دېگەن نېمە؟ ھايات، يېڭى ھايات! شۇنداق قىلىپ، مەن بۇرۇن نېمىشقا بىر كىمنىڭ چۈشەندۈرمىگىنىگە ھەيران بولغان بۇ ئاددىي مەنتىقىگە بويسۇنۇپ، بېكەتلەرگە ئەمەس، ھادىسىلەرگە قاراپ مېڭىشنى قارار قىلدىم، ئەي پەرىشتە!
ئۇچى كوزۇپتىن سىرتقا چىقىپ قالغان قۇرۇلۇش پولات چىۋىقلىرى بېسىلغان ئاپتوموبىلغا ئارقىدىن بىخۇدلارچە، ئەدەبسىزلەرچە ئۇرۇلغان بىر ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى ئورۇندۇقلىرىدا چىۋىق رەھىمسىزلەرچە كىرىپ كەتكەن يولۇچىلارنى كۆردۈم. تاغىل مۈشۈكنى بېسىىۋەتمەي دەپ يوغان ئاپتوبۇسىنى ھاڭغا چۈشۈرۈۋەتكەن شوپۇرنىڭ قىستىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن چىقارغىلى بولمايۋاتقان جەسىتىنى كۆردۈم. پارە-پارە بولۇپ كەتكەن باشلارنى كۆردۈم، بۆسۈلگەن تەنلەر، ئۈزۈلگەن قوللار، ماشىنا رولى ئىچكى ئەزالىرىغا پېتىپ كەتكەن شوپۇرلار، چېچىلغان كاللەك يېسسىۋىلەكتەك مېڭە پارچىلىرى، قانلىق ۋە ھالقىلىق قۇلاقلار، سۇنۇق ۋە ساق كۆزەينەكلەر، ئەينەكلەر، گېزىتلەر ئۈستىگە كۆڭۈل قويۇپ يېيىلغان ”رەڭلىك“ ئۈچەيلەر، تارغاقلار ، ئېزىلىپ كەتكەن مېۋىلەر، پارچە پۇللار، تۆكۈلگەن چىشلار، سوسكىلار، ئاياغلار، ھەممىسى شۇ پەيتكە ئارزۇ بىلەن ئاتالغان جانلار ۋە نەرسىلەر ئىدى.
كونيادىكى قاتناش ساقچىلىرىدىن ئالغان ئۇچۇرغا ئاساسەن سوغۇق بىر باھار كېچىسى تۇز كۆلى ئەتراپىدىكى بىر يەردە، چۆلنىڭ جمجىتلىقىدا بىرى-بىرىگە بېشىچە تۇرۇشقان ئىككى ئاپتوبۇسقا يېتىشتىم. خۇشال ۋە قىزغىن سوقۇشۇش پەيتىنىڭ گۈلدۈرلەپ پارتلىشىدىن ئىككى سائەت ئۆتكەنىدى، ئەمما ھاياتنى ياشاشقا ئەرزىيدىغان، مەنىلىك قىلىدىغان ئۇ سېھىر تېخىچە نامەلۇم ئىدى. ساقچى ۋە قوراللىق قىسىم ماشىنىلىرى ئارىسىدىن، كەينىگە يانغان ئاپتوبۇسلاردىن بىرىنىڭ قارا چاقلىرىغا قارىغىنىمدا يېڭى ھاياتنىڭ ۋە ئۆلۈمنىڭ خۇش پۇرىقىنى ھىدلىدىم، پۇتلىرىم تىترىدى، پېشانەمدىكى ياماق ئىزلىرى شەلۋەرىدى، دېيىشىپ قويغان بىر يەرگە ئۈلگۈرمىسەم بولمايدىغاندەك، گاڭگىراپ قالغانلار ئارىسىدىن غۇۋا قاراڭغۇلۇق تۇمانى ئىچىگە قاراپ مەقسەتلىك ئىلگىرىلىدىم.
ئىشىكىنىڭ تۇتقۇچى ئېگىزلەپ قالغان ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىگە چىقتىم، ئۆڭتۈرۈلگەن ئورۇندۇقلار ئارىسىدىن، يەرنىڭ تارتىش كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلمەي تورۇسقا تۆكۈلگەن كۆزەينەكلەر، ئەينەكلەر، زەنجىرلەر، مېۋىلەرگە دەسسەپ خۇشال مېڭىۋاتقاندا گويا بىر نەرسىنى ئەسلىدىم. مەن بىر چاغلاردا باشقا بىرسى ئىدىم، ئۇ باشقا بىرسىمۇ مەن بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. مەن بىر چاغلاردا ۋاقىت بىر-بىرىگە كىرىشىپ كېتىدىغان ۋە رەڭلەر كاللامدا شارقىراتمىلاردەك ئاقىدىغان بىر ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلغانىدىم، تەسەۋۋۇر قىلغان ئەمەسمىدىم! ئۈستەلگە تاشلاپ قويغان كىتاب ئېسىمگە كەلدى، ئاغزى ئوچۇق ئۆلۈكلەر ئاسماننى تاماشا قىلغاندەك، كىتابنىڭمۇ ياتىقىمنىڭ تورۇسىغا قاراپ قالغىنىنى خىيال قىلدىم. ئانامنىڭ كىتابىمنى ئۇ يەردە، مېنىڭ يېرىم يولدا قالغان كونا ھاياتىمنىڭ نەرسىلىرى ئارىسىدا، ئۈستىلىمدە تۇتقىنىنى تەسەۋۋۇر قىلدىم. ”ئانا قارا، مەن سۇنۇق ئەينەكلەر، قان تامچىلىرى ۋە ئۆلگەنلەر ئارىسىدا باشقا بىر ھايات كۆرۈنىدىغان بوسۇغىنى ئىزدەۋاتىمەن“دېمەكچى بولۇپ تۇرغاندا بىر ھەميان كۆردۈم. بىر جەسەت، ئۆلۈشتىن ئاۋۋال ئولتۇرغان ئورۇندۇقىغا ۋە سۇنۇق دېرىزىگە قاراپ تىرماشقان، ئەمما دېرىزىنىڭ تەڭپۇڭ نۇقتىسىدا ئېسىلىپ قېلىپ، ئارقا يانچۇقىدىكى ھەمياننى بۇ تەرەپتىكىلەرگە قالدۇرغانىدى.
ھەمياننى ئېلىپ يانچۇقۇمغا سالدىم، ئەمما بايا ئەسلەپمۇ ئېسىمگە ئالالمىغان ئىشىم بۇ ئەمەس ئىدى. كاللامدىكىسى ئەمدى قارىغان يېرىمدىن، يېنىك تەۋرىنىۋاتقان كىچىك، چىرايلىق پەردىلەر ۋە پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن دېرىزىلەر ئارىسىدا كۆرگەن باشقا بىر ئاپتوبۇس ئىدى. ئۇ ئاپتوبۇسنىڭ سىرتىغا Marlboroنىڭ قېپىدىكىگە ئوخشايدىغان قىزىل تەگلىك ئۈستىگە ئەجەللىك كۆك رەڭدە VARANVARAN(تېز بارىدىغان) دەپ يېزىلغانىدى.
ئەينىكى كۈكۈم-تالقان بولغان بىر دېرىزىدىن سەكرەپ، قوراللىق قىسىملارنىڭ ۋە تېخىچە ئېلىپ مېڭىلمىغان جەسەتلەرنىڭ ئارىسىدىن قانلىق ئەينەك سۇنۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ يۈگۈردۈم. ئۇ ئاپتوبۇس ئىدى، خاتالاشمىغانىدىم، ئۇ ئاپتوبۇس ئالتە ھەپتىنىڭ ئالدىدا بىر ئويۇنچۇق شەھەردىن قاراڭغۇ بىر بازارغا مېنى سالامەت تاشلىغانVARANVARAN ئىدى. بۇ كونا دوستنىڭ ئىچىگە پارچىلانغان ئىشىكىدىن كىرىپ ئالتە ھەپتىنىڭ ئالدىدا مەن ئولتۇرغان ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم ۋە بۇ دۇنياغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىشەنگەن سەۋرچان يولۇچىدەك كۈتۈشكە باشلىدىم. نېمىنى كۈتۈۋاتاتتىم؟ بەلكىم شامال، ۋاقىت، ياكى يولۇچىنى. غۇۋا قاراڭغۇلۇق يىراقلىشىۋاتاتتى، ئورۇندۇقلاردا مەندەك ئۆلۈك ياكى تىرىك بىر-ئىككى جاننىڭ تېخى بارلىقىنى سەزدىم؛ ئۇلار قاباھەتلىك چۈشلىرىدىكى گۈزەللەر ۋە جەننەت چۈشلىرىدىكى ئۆلۈم بىلەن خىرقىرىشىپ جان تالىشىۋاتقان بولسا كېرەك، نامەلۇم روھ بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك ئاۋاز چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئاندىن سەزگۈر روھىم تېخىمۇ چوڭقۇر بىر نەرسىنى ھېس قىلدى: رادىئوسىدىن باشقا ھەممە نېمىسى تۈگەشكەن كابىنكىغا قارىدىم ۋە ۋارقىراشلار، خىرقىراشلار، سىرتتىكى يىغا-زار ۋە پەريادلار بىلەن بىللە يېقىملىق، چىرايلىق شامال ئىچىدە چىقىۋاتقان بىر مۇزىكىنى ئاڭلىدىم.
بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى، يورۇقلۇقنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆردۈم. چاڭ-توزان بۇلۇتى ئىچىدە خۇشال خىيالەتلەر، ئۆلگەنلەر ۋە ئۆلۈۋاتقانلارنى كۆردۈم: بارالىغان يېرىڭگىچە باردىڭ يولۇچى، ئەمما ئويلىدىمكى، يەنە داۋاملىق بارالايسەن، چۈنكى سەن دەل ئۇ پەيتنىڭ بوسۇغىسىدىمۇ يا بولمىسا يېتىپ بارغان ئىشىكنىڭ ئارقىسىدىكى بىر باغچىدىمۇ، ئاندىن باشقا بىر ئىشىك ۋە ئۇنىڭمۇ ئارقىسىدا ئۆلۈم بىلەن ھايات، مەنە بىلەن ھەرىكەت، ۋاقىت بىلەن تاسادىپىيلىق، نۇر بىلەن بەخت بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن باشقا بىر باغچە يەنە بارمۇ بىلەلمەيۋاتىسەن، بىر كۈتۈشنىڭ ئىچىدە كۆڭۈللۈك ئىرغاڭلاۋاتىسەن. بىردىنلا پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى يەنە ھېلىقى تاقەتسىز ئارزۇ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىگىلىۋالدى. بۇ ھەم بۇ يەردە، ھەم ئۇ يەردە بولۇش ئارزۇسى ئىدى. بىر قانچە ئېغىز سۆز ئاڭلىغاندەك بولدۇم، مۇزلاپ كەتتىم ۋە شۇ چاغدا سەن ئىشىكتىن كىردىڭ گۈزىلىم، جانانىم، ئۇچاڭدا سېنى تاشقىشلانىڭ كارىدورىدا كۆرگىنىمدە كىيىۋالغان ئاق كىيىم، يۈزۈڭ قان ئىچىدە. ماڭا ئاستا-ئاستا يېقىنلاشتىڭ.
” بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن“ دەپ سورىمىدىم. جانان، سەنمۇ مەندىن ”سېنىڭ بۇ يەردە نېمە ئىشىڭ بار“ دەپ سورىمىدىڭ. چۈنكى ئىككىلىمىز كۆڭلىمىزدە بىلىشەتتۇق. قولۇڭدىن تۇتۇپ سېنى يېنىمدىكى 38-نومۇرلۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدۇم ۋە شىرىنيەر شەھىرىدىن ئالغان چاقماق قولياغلىق بىلەن پېشانەڭدىكى، يۈزۈڭدىكى قانلارنى مېھرىبانلىق بىلەن سۈرتتۈم. ئاندىن گۈزىلىم، قولۇڭنى تۇتتۇم، خېلى ئۇزاق مۇشۇنداق جىمجىت ئولتۇردۇق. تاڭ ئاقىرىۋاتاتتى، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كەلگەنىدى، ئۆلۈك شوپۇرنىڭ رادىئوسىدا بىزنىڭ ناخشىمىز ياڭراۋاتاتتى.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*