
5
”ئىجتىمائىي سۇغۇرتا دوختۇرخانىسى“دا جاناننىڭ پېشانىسى تۆت يىپلىق تىكىلگەندىن كېيىن، شەھەرنىڭ پاكار تاملىرى، قاراڭغۇ بىنالىرى، دەرەخسىز كوچىلىرىنى بويلاپ ماڭغاندا پۇتلىرىمىزنىڭ مېخانىك ھەرىكەتلەر بىلەن بىر چۈشۈپ بىر كۆتۈرۈلۈشىنى سەزگەندىن كېيىن مەۋلانىنىڭ تاشلاندۇق شەھىرىنى تۇنجى ئاپتوبۇستىلا تەرك ئەتتۇق. ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇنجى ئۈچ شەھەرنى ئەسلىيەلەيمەن: مورا-تۇرخۇنلار شەھىرى، پۇرچاق شورپىسىغا ئامراق شەھەر ۋە تېتىقسىزلار شەھىرى. ئاندىن كېيىن ئاپتوبۇسلاردا يېتىپ-قوپۇپ، شەھەردىن شەھەرگە توزاندەك ئۇچقاندا ھەممە نەرسە بىر خىل غۇۋالىشىپ كەتتى. سۇۋاقلىرى تۆكۈلگەن تاملارنى كۆردۈم، قېرىلىق بوسۇغىسىغا بېرىپ قالغان ناخشىچىلارنىڭ ياشلىق ئېلانلىرىنى، باھار كەلكۈنى ئېلىپ كەتكەن بىر كۆۋرۈكنى ۋە باشمالتىقىم چوڭلۇقىدىكى «قۇرئان كەرىم»لەرنى سېتىۋاتقان ئافغان كۆچمەنلىرىنى كۆردۈم. جاناننىڭ قوڭۇر چاچلىرى مۈرەمگە چۈشكەندە باشقا نەرسىلەرنىمۇ كۆرگەن بولسام كېرەك: بېكەت قالايمىقانچىلىقى، سۆسۈن تاغلار، يوغان ئېلان تاختىلىرى، ناھىيە بازىرىنىڭ چىقىش ئېغىزلىرىدا بىزنى قوغلىغان ئويناق، يامان ئىتلار، ئاپتوبۇسنىڭ بىر ئىشىكىدىن كىرىپ يەنە بىر ئىشىكىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئۈمىدسىز سېتىقچىلار. كىچىك ئارامگاھلاردا جانان «تەتقىقاتلىرىم»دېگەن نەرسىسى ئۈچۈن يېڭى يىپ ئۇچى تېپىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن بولسىمۇ، تىزلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىكى داستىخانلارنى بۇ يەردىكى سېتىقچىلاردىن ئالغان يوغان تۇخۇملار، پوگاچالار، ئاقلانغان تەرخەمەكلەر ۋە ئۆمرۈمدە تۇنجى كۆرگەن يەرلىك، غەلىتە گازلىق سۇ قۇتىلىرى بىلەن تولدۇراتتى. ئاندىن تاڭ ئاتاتتى، كەچ بولاتتى، ئاندىن بۇلۇتلۇق بىر سەھەر ۋاقتى كېلەتتى-دە، ئاپتوبۇس خوتى ئالماشتۇرۇلاتتى، قاپقارا زۇلمەت كېچە بېسىپ كېلەتتى، شوپۇرنىڭ باش تەرىپىدىكى ۋىدىيودىن پىلاستىك ئاپېلسىنلار ۋە ئەرزان لەۋسۇرۇخ رەڭگىدە قىزغۇچ ۋە قىزىل نۇرلار يۈزلەرگە ئۇرۇلغاندا جانان ماڭا چۈشەندۈرەتتى.
جانان بىلەن مەھەممەتنىڭ ”مۇناسىۋىتى“− ئۇ تۇنجى قېتىم مۇشۇ سۆزنى قوللاندى − بىر يېرىم يىل ئاۋۋال باشلانغانىدى. ئىلگىرى تاشقىشلادىكى بىناكارلىق ۋە ئىنژېنېرلىق كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلار توپى ئىچىدە مەھەممەتنى كۆرگەنلىكىنى بەلكىم غۇۋا ئەسلەۋاتقاندۇ، ئەمما گېرمانىيىدىن كەلگەن تۇغقانلىرىنى كۆرگىلى بارغان ۋە تاكسىمغا يېقىن بىر مېھمانخانىنىڭ مۇلازىمەتچىلىرى ئىچىدە ئۇنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا ھەقىقىي دىققەت قىلغانىدى. بىر كۈنى يېرىم كېچىدە ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە مېھمانخانا زالىغا كىرىشكە مەجبۇر بولۇپ قاپتۇ، مۇلازىمەت پوكىيىدىكى ئېگىز بويلۇق، سولغۇن چىراي، نازۇك گەۋدىلىك بىرسى شۇ چاغدا ئۇنىڭ يادىدا قالغانىدى. بەلكىم ئۇنى ئىلگىرى نەدە كۆرگىنىمنى پەقەت ئەسلىيەلمىگەنلىكىم ئۈچۈندۇر دەپ ماڭا يېقىملىق كۈلۈمسىرىدى جانان، ئەمما ئۇنىڭ بۇنداق ئەمەسلىكىنى مەن چۈشىنەتتىم.
كۈزدە دەرسلەر باشلىنىشى بىلەن جانان ئۇنى تاشقىشلا كارىدورلىرىدا يەنە كۆرۈپتۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر-بىرىگە ”ئاشىق“ بوپتۇ. ئىستانبۇل كوچىلىرىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن بىللە ماڭىدىكەن، كىنولارغا كىرىدىكەن، ئوقۇغۇچىلار تاماقخانىسىدا، قەھۋەخانىلاردا ئولتۇرىدىكەن.”دەسلەپتە جىق پاراڭلاشمايتتۇق“ دېدى جانان ئەستايىدىل چۈشەنچە بېرىۋاتقاندەك تەلەپپۇزدا. بۇ مەھەممەتنىڭ تارتىنچاقلىقىدىن ياكى پاراڭ سېلىشنى ياقتۇرمىغانلىقىدىن ئەمەسكەن. چۈنكى جانان ئۇنى تېخىمۇ چۈشەنگەنسېرى، ئۇنىڭ بىلەن ياشىغانسېرى ئۇنىڭ شۇنچىلىك چىقىشقاق، ئىرادىلىك، سۆزمەن، ھەتتا جۈرئەتلىك ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرۈپتۇ. ”پەرىشانلىقتىن جىمىپ قالاتتى“ دېدى جانان بىر كېچىسى ماڭا ئەمەس، تېلېۋىزور ئېكرانىدىكى بىر ماشىنا قوغلىشىش كۆرۈنۈشىگە قاراپ. ”دەرد-ئەلەمدىن“دەپ قوشۇمچە قىلدى كەينىدىن، ھەتتا بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈمسىرەپ. ئېكراندا توختىماي قوغلاۋاتقان، كۆۋرۈكلەردىن دەريالارغا ئۇچقان، بىر-بىرىنىڭ ئۈستىدىن ھالقىپ ئۆتكەن ساقچى ماشىنىلىرى ئەمدى سوقۇشۇپ، بىر-بىرىگە كىرىشىپ بىر كاللەك بولۇپ قالغانىدى.
بۇ پەرىشانلىقنى، بۇ دەرد-ئەلەمنى ھەل قىلىش، ئۇنىڭ كەينىدىكى ھاياتقا كىرىش، مەھەممەتنى ئېچىلدۇرۇش ئۈچۈن جانان كۆپ ھەپىلىشىپتۇ ۋە تەدرىجىي مۇۋەپپەقىيەتمۇ قازىنىپتۇ. دەسلەپتە مەھەممەت باشقا ھايات ھەققىدە، بىر چاغلاردا باشقا ئادەم ئىكەنلىكى ۋە بىر چەت جايدىكى قەسىر ھەققىدە گەپ قىلىدىكەن؛ كېيىن جاسارەتلەنگەن ھامان ئۇ ئۆتمۈشىنى تاشلاپ، يېڭى بىر ھاياتنى باشلىماقچى ئىكەنلىكىنى، ئۆتمۈشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى ئېيتىپتۇ. بىرچاغلاردا ئۇ باشقا ئىنسان ئىكەن، كېيىن ئارزۇسىچە باشقا بىرسى بوپتۇ. جانان بۇ يېڭى ئادەمنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن سەپەر قىلىپ ئۆتمۈشنى كوچىلىماسلىقى لازىمكەن. چۈنكى مەھەممەت بېرىپ كەلگەن، كۆرۈپ ئۇچراشقان دەھشەت ئەسلىدە كونا ھاياتنىڭ ئىچىدە ئەمەس، بىر چاغدا ئارزۇلاپ قوغلاشقان يېڭى ھاياتنىڭ ئىچىدىكەن. ۋەيرانە بىر يېزا بازىرىدىكى چاشقان ئۇۋىلىغان باققال دۇكىنىدىن، كونا سائەتچىلەردىن ۋە پۇتبول لاتارىيىسى دۇكاندارىنىڭ توپا-چاڭ باسقان تەكچىسىدىن تاپقان ئاشۇ ئون يىللىق ”ۋەتەن“ ماركىلىق كونسېرۋا قۇتىسى، سائەت چىشلىرى ۋە بالىلار ژۇرنىلى بىر قاراڭغۇ بېكەتتىكى ئۈستىلىمىزدە تۇرغاندا، بىز ئەمدى قايسى ئاپتوبۇسقا چىقىدىغانلىقىمىزنى دوستانە، ھەتتا قىزغىن تالاش-تارتىش قىلىۋاتقاندا، ”بۇ ھايات بىلەن، − دېدى جانان ماڭا، − بۇ ھايات بىلەن مەھەممەت كىتابتا ئۇچراشقانىكەن.“
بىز ۋەيران بولغان ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدە ئۇچرىشىپ دەل ئون توققۇز كۈندىن كېيىن كىتاب ھەققىدە تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق پاراڭلاشتۇق. جانان ماڭا مەھەممەتتىن كىتاب ھەققىدە گەپ ئېلىشنىڭ ئۇنىڭ ئۆتمۈشتە قالدۇرغان ھاياتى، پەرىشانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە گەپ ئېلىشقا ئوخشاشلا تەس ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئىستانبۇل كوچىلىرىدا ئىككىسى كۆڭۈلسىز مېڭىشقانلىرىدا، بوغۇز قەھۋەخانىسىدا چاي ئىچكەنلىرىدە، بىرلىكتە دەرس ئۆگەنگەنلىرىدە بەزىدە ئۇنىڭدىن ئۇ كىتابنى، ئۇ سېھىرلىك نەرسىنى جاھىللىق بىلەن سورىغان ۋاقىتلىرى بوپتۇ، ئەمما مەھەممەت ئۇنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىپتۇ. ئۇ يەردە مەھەممەت كىتاب يورۇتقان دىيارنىڭ غۇۋا قاراڭغۇلۇقىدا ئۆلۈم، مۇھەببەت ۋە دەھشەت ئىچىدە، بېلىدە تاپانچىسى بار، چىرايى خۇنۈك، كۆڭلى سۇنۇق ئۈمىدسىز ئادەملەر قىياپىتىدە ئەرۋاھلاردەك بىچارىلەرچە ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ، جاناندەك بىر قىزنىڭ ئۇ سۇنۇق كۆڭۈللەر، غايىبلار ۋە قاتىللار دىيارىنى ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلىشىمۇ دۇرۇس ئەمەسمىش.
ئەمما جانان جاھىللىق بىلەن بۇنىڭ ئۆز كۆڭلىنى ناھايىتى يېرىم قىلغانلىقىنى ۋە مەھەممەتتىن يىراقلاشتۇرغىنىنى ئۇنىڭغا ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇنى بىر ئاز بولسىمۇ ئالدىيالاپتۇ. ”بەلكى ئۇ چاغلاردا ئۇ مېنىڭ شۇ كىتابنى ئوقۇشۇمنى ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭ سېھرىدىن ۋە زەھىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشۇمنى ئارزۇ قىلغاندۇ، − دېدى جانان،− چۈنكى ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. بەلكىم،—دەپ قوشۇپ قويدى ئۇ ئاپتوبۇسىمىز بىر تۆمۈر يول ئاچىلىدا ھېچ كەلمەيۋاتقان بىر پويىزنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈۋاتقاندا،− كاللىسىنىڭ بىر يېرىدە مىدىرلاۋاتقان ئۇ ھاياتقا بىرلىكتە بارالايدىغانلىقىمىزنى ئۆزىمۇ بىلمەستىن تېخىچە ئويلاۋاتقاندۇ. “ يېرىم كېچىدىن خېلى ئۆتكەندە بىزنىڭ مەھەللىدىن گۈدۈك چېلىپ ئۆتىدىغان قارا يۈك پويىزلىرىنىڭ پاراۋوزلىرىدەك كانايلىق بىر پويىزنىڭ بۇغداي ، ماشىنا ۋە پارچە ئەينەك يۈكلەنگەن ۋاگونلىرى باشقا بىر دىياردىن كەلگەن گۇناھكار، مۇلايىم خىيالەتلەردەك ئاپتوبۇس دېرىزىمىزنىڭ ئالدىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتتى.
كىتابنىڭ بىزگە قالدۇرغان تەسىراتى ھەققىدە جانان بىلەن بەك ئاز پاراڭلاشتۇق. بۇ تەسىرات شۇنچىلىك كۈچلۈك، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان، ساغلام نەرسە ئىدىكى، ئۇ ھەقتە گەپ قىلىش كىتابقا نىسبەتەن بىر خىل قۇرۇق ئەزۋەيلەشكە، بىھۇدە گەپ سېتىشقا ئايلىنىپ كېتەتتى؛ ئۇ كىتابنىڭ ئىككىمىزنىڭ ھاياتىدا، ئاپتوبۇس سەپىرىمىز جەريانىدا قۇياش ياكى سۇدەك زۆرۈرلۈكى گەپ كەتمەيدىغان ئاساسلىق نەرسە ئىدى؛ كىتاب ئۇ يەردە، ئارىمىزدا ئىدى. ئۇنىڭ يۈزىمىزگە ئۇرۇلغان نۇرىدىن سەپەرگە چىققانىدۇق ۋە يولدا سەزگۈلىرىمىز بىلەن ئىلگىرىلەشكە تىرىشاتتۇق، نەگە بارغىنىمىزنىمۇ پۈتۈنلەي بىلىشنى خالىمايتتۇق.
ئەمما يەنە قايسى ئاپتوبۇسقا چىقىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە بەزىدە خېلى ئۇزۇن تالاش-تارتىش قىلاتتۇق. بىر قېتىم، ناھىيە بازىرىغا قارىغاندا خېلىلا كەڭ جاي ئىگىلىگەن ماشىنا ئىسكىلاتىدەك بىر كۈتۈش زالىدا كانايدىن چىققان ئاۋاز جاناندا كۈچلۈك بىر تىلەك، ئۇ يەردە — قوزغىلىش ۋاقتى بىلدۈرۈلگەن ئاپتوبۇس بارىدىغان يەردە بولۇش ئارزۇسى ئويغاتتى ھەمدە ئىككىمىز مېنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي بۇ ئارزۇغا ئەگەشتۇق. باشقا بىر سەپەردە كۆزى ياش ئانىسى، بەڭگى دادىسى بىلەن بىرلىكتە كىچىك پىلاستىك چامادانىنى كۆتۈرۈپ ئاپتوبۇسلارغا قاراپ كېتىۋاتقان بىر يىگىتنىڭ ئارقىسىدىن، پەقەت بوي-بەستى ۋە سەل دۈمچەك تۇرۇشى مەھەممەتكە ئوخشايدىكەن دەپ، بىردىنبىر رىقابەتچىسىنىڭ تۈرك ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىكەنلىكىنى ئىچىگە يېزىپ قويغان بىر ئاپتوبۇسقا چىقتۇق، ئۈچ ناھىيە بازىرى ۋە ئىككى لاي ئۆستەڭدىن ئۆتكەندىن كېيىن يىگىتىمىزنىڭ يېرىم يولدا چۈشۈپ قېلىپ، تىكەنلىك سىملار ۋە قاراۋۇل پوتەيلىرى بىلەن ئورالغان، تاملىرى ” مەن تۈرك دېگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك“ دەپ شوئار توۋلاۋاتقان بىر گازارمىغا يول ئالغانلىقىنى كۆردۇق. بىز ھەر خىل ئاپتوبۇسلارغا ئولتۇرۇپ، بوز قىرلارنى ئىچكىرىلەپ كەزدۇق. بۇ−بەزىدە جاناننىڭ ئاپتوبۇسلارنىڭ سىرتىدىكى قارامتۇل يېشىل بىلەن سارغۇچ قىزىل رەڭلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن، ياكى بولمىسا، قارىمامسىز! ئاپتوبۇسلارنىڭ ئىككى يېنىدىكى YILDIRIMSÜRAT (چاقماق سۈرئەتلىك) دېگەن بەلگىلىرىدىكى R ھەرپلىرىنىڭ قۇيرۇقلىرىنىڭ ئاپتوبۇسلارنىڭ تىترىشى، سۈرئەتلىرىنىڭ ئىتتىكلىشى ئارقىسىدا ئىنچىكىلەپ، تېخىمۇ ئېگىلىپ كېتىشىدىن يالت قىلىپ چېقىلغان چاقماققا ئوخشاپ قېلىشىدىن ئىدى. بىز بارغان چاڭ-توزانلىق يېزا مەركەزلىرىدە، ئۇيقۇغا چۆككەن ناھىيە بازارلىرىدا، مەينەت بېكەتلەردە جاناننىڭ تەتقىقاتلىرى ھېچقانداق نەتىجە بەرمىگەنسېرى مەن نېمىگە، نەگە، نېمىشقا بارغىنىمىزنى سورايتتىم، قازاغا يولۇققانلارنىڭ يانچۇقلىرىدىن ئېلىۋالغان ھەميانلاردىكى پۇللارنىڭ ئازلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ قوياتتىم ۋە بۇنى تەتقىقاتلىرىمىزنىڭ مەنتىقسىز مەنتىقىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتقاندەك ھالەتتە قىلاتتىم.
تاشقىشلادىكى سىنىپنىڭ پەنجىرىسىدىن مەھەممەتكە ئوق تەگكەنلىكىنى كۆرگىنىمنى ئېيتىشىم جاناننى ھەيران قالدۇرمىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھايات كاللىسى ئاددىي بەزى ئەخمەقلەر”تاسادىپىيلىق“ دەيدىغان بىر يۈرۈش ئېنىق، ھەتتا مەقسەتلىك ئۇدۇل كېلىشلەر بىلەن تولغانىدى. مەھەممەتكە ئوق تېگىپ خېلى ۋاقىت ئۆتكەندە جانان ئۇدۇل پىيادىلەر يولىدىكى بىر كۆفتە ساتقۇچىنىڭ ھەرىكىتىدىن بىر ئالاھىدە ۋەقە بولغانلىقىنى تۇيۇپتۇ، ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك قىلغىنىنى يادىغا ئاپتۇ ۋە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى سېزىپ، يارىدار مەھەممەتنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپتۇ. باشقىلارچە بولغاندا، ئوق تەگكەن يەردە مەھەممەتنىڭ دەرھال بىر تاكسى توسۇپ، ”قاسىم پاشا دېڭىز ئارمىيىسى دوختۇرخانىسى“غا بېرىشىمۇ بىر تاسادىپىيلىق ھېسابلىناتتى، ھالبۇكى، شوپۇر قىسقا ۋاقىت ئىلگىرى ئۇ يەردە ئەسكەرلىك مەجبۇرىيىتى ئۆتىگەنىكەن. مۈرىسىدىكى يارا ئېغىر بولمىغاچقا مەھەممەت ئۈچ-تۆت كۈن ئىچىدە دوختۇرخانىدىن چىقىدىكەنتۇق، ئەمما ئىككىنچى كۈنى ئەتىگىنى جانان دوختۇرخانىغا بارغاندا ئۇنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، يوقاپ كەتتى دەپ بىلىپتۇ.
− مېھمانخانىغا باردىم، بىر كۈنى تاشقىشلاغا بىر باردىم، ئۇ
ياخشى كۆرىدىغان قەھۋەخانىلارنى ئايلاندىم ۋە بىھۇدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆيدە ئۇنىڭ تېلېفونىنى بىر مەزگىل كۈتتۈم،− دېدى جانان مېنى ھەيران قالدۇرغان سوغۇققانلىق ۋە ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن،− ئەمما ئۇنىڭ خېلىدىن بېرى ئۇ يەرگە، ئۇ دىيارغا، كىتابتا ئېيتىلغان يەرگە قايتىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەنىدىم.
ئۇ دىيارغا چىققان سەپەردە مەن جاناننىڭ ”سەپەرداش دوستى“ ئىدىم. ئۇ دىيارنى يېڭىدىن بايقاشقا ماڭغاندا بىر-بىرىمىزگە ”يۆلەنچۈك“ بولاتتۇق. ئۇ يېڭى ھاياتنى ئىزدەۋاتقاندا ئىككى كىشىنىڭ تېخىمۇ ”ئىقتىدارلىق“بولىدىغانلىقىنى ئويلاش خاتا ئەمەس ئىدى. بىز جان يولداش، سەپەردىكى دوستلار ئىدۇق؛ بىز بىر-بىرىمىزگە شەرتسىز ياردەمچى ئىدۇق؛ بىز كۆزەينەك بىلەن ئوت ياقىدىغان مارى بىلەن ئەلىدەك ئىقتىدارلىق ئىدۇق، بىز كېچە ئاپتوبۇسلىرىدا ھەپتىلەپ بىر-بىرىمىزگە يۆلىنىپ دېگۈدەك يانمۇ يان ئولتۇردۇق.
بەزى كېچىلەردە ئاپتوبۇسىمىزنىڭ ۋىدىيوسىدىكى ئىككىنچى فىلىممۇ قورال ئاۋازلىرىنىڭ، تاقالغان ئىشىكلەرنىڭ ۋە پارتلىغان تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ھەيۋەتلىك گۈمبۈرلىشى بىلەن تۈگىگەندىن كېيىن ۋە ئۆلۈم نەپسىنى ئېلىۋاتقان بىز ھارغىن، پەرىشان يولۇچىلار چۈشلەر ئالىمىگە قاراپ چاقلار بىلەن بىرلىكتە دومىلاپ، سىلكىنىپ، راھەتسىز بىر سەپەرگە چىقىپ خېلى ۋاقىتتىن كېيىن، ئاۋۋال بىرەر ئازگال ۋە تورمۇزلاش مېنى ئويغىتىۋېتەتتى، ئاندىن مەن يېنىمدا، دېرىزە قېشىدا پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان جانانغا ئۇزۇندىن ئۇزۇن قارايتتىم: بېشى كىچىك دېرىزە پەردىلىرىنى پۈكلەپ ياسىۋالغان ياستۇققا يۆلەنگەن، قوڭۇر چاچلىرى بۇ ياستۇقتا چىرايلىق ھالقا شەكلىنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن سوزۇلۇپ مۈرىلىرىگە چۈشكەنىدى. گۈزىلىمنىڭ ئۇزۇن قوللىرى بەزىدە بىر-بىرىگە پاراللېل سۇنغان ئىككى شاختەك مېنىڭ تاقەتسىز تىزلىرىمغا قويۇلاتتى، بەزىدە بىر قولىنى پەردە ياستۇققا ياردەمچى قىلىپ، ئىككىنچى ”ياستۇق“ قىلىۋالاتتى-دە، يەنە بىرقولى بىلەن ”ياستۇق“ قىلىۋالغان قولىنى جەينىكى ئاستىدىن نازاكەت بىلەن تۇتۇۋالاتتى. چىرايىدىن كۆپىنچە ئۇنىڭ قوشۇمىسىنى تۈرگۈزگەن بىر ئازابنى كۆرەتتىم، بەزىدە قوڭۇر چاچلىرى پېشانىسىگە يۆگىلىپ چۈشۈپ مېنى قىزىقتۇرىدىغان سوئال ئىشارەتلىرىنى يوللايتتى. ئاندىن سولغۇن مەڭزىلىرىدە بىر نۇر كۆرەتتىم-دە، ئېڭىكى بىلەن ئۇزۇن بوينى بىرلەشكەن ئاجايىپ يەردە، ئاندىن يەنە بېشى ئالدىغا ئېڭىشسە گەجگىسىگە تۆكۈلگەن چاچلىرىنىڭ ئاستىدىكى قول يەتكۈسىز ۋۇجۇدتا گۈللەرنىڭ ئېچىلغىنىنى، كۈننىڭ پاتقىنىنى، شوخ ۋە ئويۇنچى تىيىنلارنىڭ بۇ قول تەگكۈسىز سىلىق جەننەتكە مېنى چاقىرىپ سەكرەۋاتقىنىنى چۈشەيتتىم. ئۇنىڭ كەڭ، رەڭسىز لەۋلىرىدە ۋە بۇ لەۋلىرىنى ئاچچىقتا چىشلىگەنلىكى ئۈچۈن بەزى يېرىدە بىلىنىدىغان مەشۇتتەك ئىنچىكە سىزىقتا، ئەگەر ئۇيقۇسىدا بولسىمۇ بىر ئاز كۈلۈمسىرىيەلىسە، يۈزىدە ئۇ ئالتۇن دىيارنى كۆرەتتىم ھەم ئۆزۈمگە دەيتتىمكى: بۇنى ھېچقانداق دەرستە ئۆگەنمىدىم، ھېچقانداق كىتابتا ئوقۇمىدىم، ھېچقانداق فىلىمدە كۆرمىدىم؛ ئاھ، مەشۇقنىڭ ئۇخلىشىنى ئاشىقنىڭ قېنىپ-قېنىپ كۆرۈشى نېمىدېگەن كۆڭۈللۈك، ئەي پەرىشتە!
پەرىشتىدىن ۋە بىزگە ئۇنىڭ بىر خىل ئېغىر-بېسىق، تەمكىن ئۆگەي ئاكىسىدەك كۆرۈنىدىغان ئۆلۈمدىن گەپ ئاچتۇق: ئەمما جاناننىڭ كۆكتات، مېۋە دۇكانلىرىدىن، بۇلۇڭدىكى تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرىدىن، ئەسنەپ ئولتۇرىدىغان ياغلىق، پايپاق ساتقۇچىلاردىن سېتىۋېلىپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ سىلاپ، كېيىن بېكەت قەھۋەخانىلىرىدا ، ئاپتوبۇس ئورۇندۇقلىرىدا تاشلاپ قويۇپ ئۇنتۇپ قالغان پارچە-پۇرات نەرسىلەردەك ئۇششاق گەپلەر بىلەن پاراڭلىشاتتۇق: ئۆلۈم ھەممە يەردە، كۆپىنچە ئۇ يەردە ئىدى. چۈنكى ئۇ يەر ھەممە يەرگە يېيىلغانىدى. بىز ئۇ يەرنى تېپىش، مەھەممەت بىلەن تېپىشىش ئۈچۈن يىپ ئۇچلىرىنى توپلايتتۇق، كېيىن ئۇلارنى ئىز قالدۇرغاندەك تاشلاپ قوياتتۇق. بۇلارنى، يەنى تەڭداشسىز ھادىسە پەيتلىرى، ئۇ دۇنيا كۆرۈنىدىغان بوسۇغىلار، كىنوخانا ئىشىكلىرى، ”يېڭى ھايات“ ماركىلىق مۇراببالار، مەھەممەتنى، بەلكى بىزنى ئۆلتۈرىدىغان قاتىللار، ئىشىكلىرىدە قەدەملىرىم ئاستىلاپ قالىدىغان مېھمانخانىلار، ئۇزاق جىمجىتلىقلار، كېچىلەر ۋە ئاشخانىنىڭ خۇنۈك چىراغلىرى دېگەندەكلەرنى كىتابتىن ئۆگەنگەنىدۇق. شۇنداق دېيىشىم كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاپتوبۇسلارغا چىقىپ يولىمىزغا راۋان بولاتتۇق، بەزىدە تېخى قاراڭغۇ چۈشمەي تۇرۇپ، يەنى شوپۇر ياردەمچىلىرى بېلەت يىغقاندا، يولۇچىلار بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇۋاتقاندا، بالىلار بىلەن ھەۋەسكارلار تۈپتۈز ئاسفالتقا ياكى توپا-چاڭلىق تاغ يولىغا ۋىدىيو كۆرۈۋاتقاندەك قارىغاندا جاناننىڭ كۆزلىرىدە بىردىنلا بىر نۇر چاقنايتتى-دە، سۆزلەشكە باشلايتتى.
” كىچىك چاغلىرىمدا يېرىم كېچىلىرى،— دېدى بىر قېتىم،− ئۆيدە ھەممەيلەن ئۇخلاۋاتقاندا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، پەردىنى قايرىپ، كوچىغا قارايتتىم. كوچىدا بىر ئادەم كېتىۋاتقان بولاتتى، بىر مەست، بىر دۈمچەك، بىر پور سېمىز، بىر كۆزەتچى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەر ئىدى… قورقاتتىم، ھۇجرامنى ياخشى كۆرەتتىم، ئەمما ئۇ يەردە، تالادا بولغۇم كېلەتتى“.
”باشقا ئوغۇللارنى بولسا ئاكامنىڭ ئاغىنىلىرى يازلىق داچىدا مۆكۈشمەك ئوينىغاندا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە سىنىپتا، ئۇلار پارتىنىڭ تۆشۈكىدىن چىقارغان بىر نەرسىگە قارىغىنىمدا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئويۇننىڭ دەل يېرىمىدا، ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز سىيگۈسى كېلىپ پاچاقلىرىنى مىدىرلاتقاندا تونۇغانىدىم.“
”توققۇز ياشتا ئىدىم، دېڭىز قىرغىقىدا يىقىلىپ چۈشۈپ تىزىم قاناپ كەتكەندە ئانام ۋارقىراپ كەتتى. مېھمانخانىدىكى دوختۇر تاغىنىڭ يېنىغا باردۇق. ’نېمانچە ئوماق، نېمانچە تاتلىق قىز سەن،— دېدى دوختۇر تاغا ۋە يارامغا ئوكسىگېنلىق سۇ قۇيدى،— نېمانچە ئەقىللىق قىز‘. چاچلىرىمغا قاراۋاتقاندا ئۇ تاغىنىڭ ماڭا ئامراق بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندىم. ئۇنىڭ ماڭا دۇنيانىڭ باشقا يېرىدىن قارىيالايدىغان سېھىرلىك كۆزلىرى بار ئىدى، كۆز قاپاقلىرى بىر ئاز ساڭگىلاپ قالغانىدى، بەلكىم مۈگدەۋاتقاندەك، ئەمما ھەممە نەرسىنى ۋە مېنى تولۇق كۆرۈۋاتقان بىر ئادەمدەك قىلاتتى…“
”پەرىشتىنىڭ كۆزلىرى ھەر يەردە، ھەر نەرسىدە، ھەر ۋاقىت ئۇ يەردە… لېكىن بىز بىچارىلەر يەنە بۇ كۆزلەرنىڭ مېيىپلىق دەردىنى تارتىمىز. بۇ ئۇنى ئۇنتۇغانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ، ئىرادىمىزنىڭ بوشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنمۇ، ھاياتنى سۆيەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈنمۇ؟ يول يۈرگەنچە، شەھەردىن شەھەرگە بارغانچە، بىر كۈنى، بىر كېچىدە ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن پەرىشتە بىلەن دەرقەمدە ئۇچرىشىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. ئۇلارنى كۆرۈشكە نېسىپ بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قارىشىنى بىلىش لازىم. بۇ ئاپتوبۇسلار ئىنساننى ئارزۇلىغان يېرىگە ئەڭ ئاخىرىدا ئاپىرىدۇ. ئاپتوبۇسلارغا ئىشىنىمەن، پەرىشتىگە بەزىدە، ياق ھەر ۋاقىت ئىشىنىمەن، توغرا، ھەر ۋاقىت، ياق، بەزىدە.“
”مەن ئىزدىگەن پەرىشتىنى كىتابتا ئوقۇدۇم. ئۇ يەردە ئۇ باشقا بىرسىنىڭ ئوي-خىيالىدەك بىر نەرسە ئىدى، خۇددى بىر مېھمان، ئەمما ئۇنى قوبۇل قىلدىم. مەن ئۇنى كۆرگەن ھامان ھاياتنىڭ پۈتۈن سىرىنىڭ ماڭا بىردىنلا كۆرۈنىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئاپتوبۇسلاردا، ھادىسە يۈز بەرگەن يەرلەردە ئۇنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ھەممە ئىش مەھەممەتنىڭ دېگىنىدەك بىرمۇ بىر چىقىۋاتىدۇ. مەھەممەت نەگە بارسا ئەتراپىدا ئۆلۈم كۆلەڭگىسى، بىلەمسەن، بەلكىم ئىچىدە كىتابنى ئېلىپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن. ئەمما كىتابتىن، يېڭى ھاياتتىن خەۋەرسىز ئىنسانلارنىڭمۇ ھادىسە يۈز بەرگەن يەرلەردە، ئاپتوبۇسلاردا ئۇ پەرىشتە ھەققىدە گەپ قىلغانلىرىنى ئاڭلىدىم. مەن ئۇنىڭ ئىزىدا، ئۇ قويۇپ كەتكەن ئىشارەتلەرنى توپلاۋاتىمەن.“
”يامغۇرلۇق بىر كېچىدە مەھەممەت ماڭا ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. ئۇلار ھەممە جايدا بولۇشى مۇمكىن، ھازىر بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلاۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. خاتا چۈشەنمە، ئەمما سەنمۇ ئۇلارنىڭ بىرسى بولۇشۇڭ مۇمكىن. ئىنسان كۆپىنچە ئويلىغانلىرىنىڭ، قىلدىم دەپ بىلگەنلىرىنىڭ دەل تەتۈرىسىنى قىلىدۇ. ئۇ دىيارغا كېتىۋاتقىنىڭدا ئۆزۈڭگە قايتىپ كېلىسەن، كىتابنى ئوقۇۋاتىمەن دەپ ئويلىغىنىڭدا ئۇنى يېڭىدىن يازىسەن، ياردەم قىلىۋاتىمەن دېگىنىڭدە ئۇنى قاقشىتىسەن… كۆپلىگەن ئىنسانلار ئەسلىدە يېڭى بىر ھاياتنىمۇ، يېڭى بىر دۇنيانىمۇ ئارزۇ قىلمايدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ كىتابنىڭ ئاپتورىنى ئۆلتۈرۈشتى.“
كىتابنىڭ ئاپتورى، يەنى ئۇ پېشقەدەم يازغۇچى ھەققىدە جانان ماڭا مۈجمەل بىر تىلدا، سۆزلىرىنىڭ ئۆزىدىن ئەمەس، ئۇلارنى سۆزلىگەندىكى سىرلىق كەيپىياتىدىن مېنى ھاياجانلاندۇرغان بىر ئۇسلۇبتا گەپ قىلدى. يېڭىچە بىر ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى ئورۇندۇقلىرىنىڭ بىرىدە ئولتۇرغان جاناننىڭ كۆزلىرى ئاسفالتتا پارقىراۋاتقان ئاق يول بەلگىلىرىگە تىكىلگەنىدى، قاراڭغۇ كېچىنىڭ قوينىدا باشقا ئاپتوبۇس، ئاپتوموبىل، پىكاپلارنىڭ چىراغلىرى كۆرۈنمەيۋاتاتتى.
”مەھەممەت بىلەن پېشقەدەم يازغۇچى كۆرۈشكەندە بىر-بىرىنىڭ كۆزلىرىدىن ھەممە نەرسىنى چۈشەنگەنلىكىنى بىلىمەن. مەھەممەت ئۇنى ئىزدەپتۇ، تەتقىق قىلىپتۇ. ئۇچراشقانلىرىدا ئانچە كۆپ پاراڭلاشماپتۇ، سۈكۈت قىلىشىپتۇ، بىر ئاز مۇنازىرە قىلىشىپتۇ، يەنە گەپ قىلىشماپتۇ. ئۇ بوۋاي ئۇ كىتابنى ياش چېغىدا يازغانىكەن ياكى ئۇنى يازغان يىللاردا ياش ئىدىم دەيدىكەن،’كىتاب ياشلىقىمدا قالدى‘ دېگەنىكەن ھەسرەت بىلەن. ئاندىن مەھەممەت ئۇ بوۋاينى قورقۇتۇپتۇ، ئۇ ئۆز قولى بىلەن يازغان، ئۆز روھىدىن چىقارغان نەرسىلەرنى ئۆزىگە ئىنكار قىلغۇزۇپتۇ. بۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىرىدىمۇ شۇ… بوۋاي ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن نۆۋەتنىڭ مەھەممەتكە كېلىشىدىمۇ شۇ… بىز مەھەممەتنى قاتىلدىن ئاۋۋال تاپىمىز… ئەھمىيەتلىك بولغىنى مۇنداق: كىتابنى ئوقۇپ ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەر بار. شەھەرلەردە، چوڭ بېكەتلەردە، دۇكانلاردا، كوچىلاردا كېتىۋاتقاندا ئۇلارنى ئۇچرىتىۋاتىمەن، كۆزلىرىدىن تونۇۋاتىمەن، ئۇلارنى بىلىۋاتىمەن. كىتابنى ئوقۇپ ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەرنىڭ چىرايى باشقىچە، كۆزلىرىدىكى ئازاب ۋە ئارزۇ-ئىستەك بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ، بۇلارنى سەنمۇ بىر كۈنى چۈشىنىسەن؛ بەلكىم چۈشىنىپ بولغانسەن. سىرىنى بىلسەڭ، ئۇنىڭغا قاراپ يول ئالساڭ ھايات گۈزەلدۇر.“
بۇلارنى جانان ماڭا ئېيتىۋاتقاندا ئەگەر چەت-ياقىدىكى مېھمانخانىلارنىڭ زېرىكىشلىك، چىۋىن قاينايدىغان ئاشخانىلىرىدا بولساق، يېرىم كېچىدە ئۇيقۇچان بىر بالا ئەكەلگەن ھەقسىز چاينىڭ يېنىدا تاماكا چېكىپ، رېزىنكە پۇرايدىغان بۆلجۈرگەن قىيامىنى قوشۇق بىلەن يەۋاتقان بولاتتۇق. كونا بىر ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى ئورۇندۇقلىرىدا ئەگەر گۈركىرەشلەر ئىچىدە تەۋرىنىۋاتقان بولساق، مېنىڭ كۆزلىرىم جاناننىڭ چىرايلىق ۋە چوڭ ئاغزىدا، لەۋلىرىدە، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاندا-ساندا ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ مايماق چىراغلىرىدا بولاتتى. ئەگەر ئادەم تولۇپ كەتكەن بېكەتلەرنىڭ بىرىدە يالتىراق خالتىلىرىنى، كاردون چامادانلىرىنى، بوغجۇمىلىرىنى تۇتۇپ ماشىنا كۈتۈپ تۇرغانلار ئارىسىدا ئولتۇرغان بولساق، جانان گېپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ، مېنى مۇزدەك يالغۇزلۇق ۋە خالايىق ئىچىدە تاشلاپ قويۇپ يوقاپ كېتەتتى.
ئۆتمەيۋاتقان مىنۇت-سائەتلەردىن كېيىن، بەزىدە ئۇنى بىز ئاپتوبۇس كۈتكەن بىر شەھەرنىڭ ئارقا كوچىلىرىدىكى ئەسكى-تۈسكىچى دۇكانلىرىنىڭ بىرىدە قەھۋە ياغۇنچاقىغا، سۇنۇق بىر دەزمالغا، ئەمدى ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان كۆمۈر مەشلىرىدىن بىرىگە دەرگۇمان بىلەن قاراۋاتقىنىدا تاپاتتىم. بەزىدە ئۇنىڭ قولىدا غەلىتە بىر يەرلىك گېزىت بولاتتى، سىرلىق كۈلۈپ قويۇپ كەينىگە قايتىپ، ئاخشاملىرى ئېغىل-قوتانلىرىغا يانغان پادىلار بازارنىڭ چوڭ كوچىسىدىن ئۆتمىسۇن دەپ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللانغان تەدبىرلىرىنى، Aygaz دۇكاندارىنىڭ ئىستانبۇلدىن دۇكىنىغا كەلتۈرگەن ئاخىرقى يېڭى ماللىرىنىڭ ئېلانىنى ماڭا ئوقۇپ بېرەتتى. كۆپ چاغلاردا ئۇنى خەقلەر بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغاندا تاپاتتىم: بېشىغا ياغلىق ئارتقان ھاممىلار بىلەن مۇڭدىشىپ كېتەتتى، ئۆردەكتەك سەت، كىچىك بىر قىزنى قۇچىقىغا ئېلىپ قايتا-قايتا سۆيەتتى، ئاپتوبۇسلار ۋە بېكەتلەر ھەققىدىكى ئاجايىپ بىلىمى بىلەن، OPAپۇرايدىغان يامان نىيەتلىك چەت ئەللىكلەرگە يول كۆرسىتەتتى. مەن ئۇنىڭ يېنىغا ئېھتىيات بىلەن ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ يېتىپ بارغىنىمدا، بۇ سەپەرگە بىز خۇددى مۇشۇنداق دەردلەرگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن چىققاندەك: ” بۇ ھاممىنىڭ ئالدىغا ئەسكەرلىكتىن قايتقان ئوغلى چىقماقچى ئىكەن، ئەمما Vanماركىلىق ئاپتوبۇستىن تونۇش ھېچكىم چىقماپتۇ!“ دەيتتى. باشقىلارغا ئاپتوبۇس ۋاقتىنى سوراپ بېرەتتۇق، بېلەتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ بېرەتتۇق، يىغلاۋاتقان بالىلارنى پەس قىلاتتۇق، ھاجەتخانىغا بارىدىغانلارنىڭ چامادانلىرىغا، بوغچىلىرىغا قاراپ بېرەتتۇق. بىر قېتىم ئالتۇن چىشلىق بىر سېمىز ھامما”ئاللاھ رازى بولسۇن!“دېدى، ئاندىن ماڭا بۇرۇلۇپ قېشى بىلەن شەرەتلەپ:”ئايالىڭ بەك گۈزەلكەن، كۆز تەگمىگەي “ دېدى.
يېرىم كېچىدە ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدىكى چىراغلار ۋە بۇ چىراغلاردىنمۇ يورۇق ۋىدىيو ئېكرانى ئۆچكەندە، ئەڭ قايغۇلۇق، ئەڭ ئۇيقۇسىز يولۇچىلارنىڭ چېكىۋاتقان تاماكىلىرىنىڭ تورۇسقا ئۆرلىگەن ئىسلىرىدىن باشقا ئاپتوبۇستىكى پۈتۈن ھەرىكەت توختىغاندا، يېنىك-يېنىك سىلكىنىۋاتقان ئورۇندۇقلىرىمىزدا بەدىنىمىز بىر-بىرىگە ئاستا-ئاستا كىرىشەتتى. ئۇنىڭ چاچلىرىنى يۈزۈمدە، ئىنچىكە بىلەكلىك ئۇزۇن قوللىرىنى تىزلىرىمدا، ئۇيقۇ پۇرايدىغان نەپەسلىرىنى تىترەۋاتقان گەجگەمدە سېزەتتىم. چاقلار ئايلىنىپ، دىزېلماتور يەنە شۇنداق غارقىرىغاندا، ۋاقىت ئېغىر، قارا ۋە ئىسسىق سويۇقلۇقتەك ئارىمىزغا ئاستا يېيىلاتتى، ئۇيۇشۇپ سەزگۈسىنى يوقاتقان، قېتىپ قالغان پۇتلىرىمىز ۋە سۆڭەكلىرىمىز ئارىسىدا بۇ يېڭى ۋاقىتنىڭ يېڭى سېزىمچانلىقى ئىستەك بىلەن تىنىم تاپمايتتى.
بۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بەزىدە قولۇم ئۇنىڭ قولىنىڭ تېگىشىدىن ئوتتەك يانغاندا، بەزىدە بېشى مۈرەمگە چۈشسىكەن دەپ سائەتلەرچە كۈتكەندە، بەزىدە بوينۇمغا تەگكەن چاچلىرى شۇ پېتى تۇرسۇن دەپ ئورۇندۇقۇمدا مۇسكۇللىرىم تارتىشىپ قالغاندا ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشلىرىنى دىققەت، ھۆرمەت بىلەن سانايتتىم، پېشانىسىدە بىلىنىدىغان دەردلىك قورۇقلارنىڭ مەنىسىنى ئۆزۈمدىن سورايتتىم، ئۇنىڭ مېنىڭ دىققەت نەزىرىم ئاستىدىكى سولغۇن چىرايى كۆزنى چاقىدىغان بىر نۇردا تۇيۇقسىز يورۇپ، ئويغانغان ھامان تۇنجى ھەيرانلىقتا، نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن دېرىزىدىن سىرتقا ئەمەس، مېنىڭ ئىشەنچلىك كۆزلىرىمگە قاراپ كۈلۈمسىرىسە نەقەدەر بەختلىك بولاتتىم! بېشى مۇزدەك ئەينەككە يۆلىنىپ ئۈششۈپ قالمىسۇن دەپ پۈتۈن بىر كېچە قاراپ ئولتۇردۇم، ئەرزىنجاندىن ئالغان گىلاس رەڭلىك چاپىنىمنى سېلىپ ئۈستىگە يېپىپ قويدۇم، تاغلىق يوللاردا شوپۇرىمىز داۋاندىن پەسكە تېز ماڭغاندا ئېڭىشىپ قالغان بەدىنى قاڭقىپ بىر يەرگە ئۇرۇلمىسۇن دەپ تۇتۇپ تۇردۇم. بۇ جەرياندا بەزىدە كۆزلىرىم ئۇنىڭ بوينى بىلەن يۇمشاق قۇلاقلىرىنىڭ ئەگمەچلىرى ئارىسىدا بىر يەرگە تىكىلىپ قالغاندا، ماتورنىڭ گۈركىرەشلىرى، ئاھ ئۇرۇشلار ۋە ئۆلۈم ئىستەكلىرى ئارىسىدا، بالىلىق چۈشلىرىمدە قالغان قولۋاق ساياھىتى ياكى قار پومزىكى ئويۇنىنىڭ ئەسلىمىلىرى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە جانان بىلەن توي قىلىپ بەختلىك ياشايدىغان تۇرمۇشنىڭ خىياللىرى بىلەن بىئارام بولاتتىم، ئاندىن ئۇ يەرلەرنىڭ بىر يېرىدە ئۆزۈمنى يوقىتىپ قوياتتىم. نەچچە سائەتتىن كېيىن دېرىزىدىن ئۇرغان قىزىقچى قۇياش نۇرىنىڭ كرىستالدەك سوغۇق، گېئومېتىرىيىلىك سەزگۈسىدىن ئويغانغىنىمدا، ئاۋۋال بېشىمنى چۈمكىگەن خۇشپۇراق ئىللىق باغچىنىڭ ئۇنىڭ بوينى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتىم، ئۇ يەردە ئۇيقۇ بىلەن ئويغاقلىق ئارىسىدا سەۋر بىلەن يەنە بىر ئاز تۇراتتىم، كۆزلىرىمنى قىسىپ سىرتتىكى قۇياش نۇرىغا چۆمگەن سەھەرگە، سۆسۈن رەڭ تاغلارغا، يېڭى ھاياتنىڭ تۇنجى ئىزلىرىغا سالام بەرگىنىمدە جاناننىڭ كۆزلىرىنىڭ مەندىن شۇنچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىنى ئازاب ئىچىدە كۆرەتتىم.
”مۇھەببەت،− دەپ گەپ باشلايتتى جانان مېنىڭ ئىچىمدە كۆيۈپ-كۆيۈپ ئۆچكەن بىر سۆزنى ئۇستا بىر ئاۋاز ئارتىسىدەك دەرھال جانلاندۇرۇپ، − ئىنساننى بىر نىشانغا قارىتىدۇ، ھايات مەئىشەتلىرىنىڭ قوينىدىن تارتىپ چىقىرىدۇ، ئەمدى چۈشىنىۋاتىمەنكى، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا بىزنى دۇنيانىڭ تىلسىماتىغا ئېلىپ بارىدۇ، ھازىر بىز شۇ يەرگە كېتىۋاتىمىز.“
”مەھەممەتنى تۇنجى كۆرگىنىمدە، — دەيتتى جانان كۈتۈش زالىدىكى ئۈستەلگە تاشلاپ قويۇلغان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىدىن ئۆزىگە قاراپ تۇرغان Clint Eastwood نى كۆرمەستىن،— پۈتۈن ھاياتىمنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى دەرھال چۈشەندىم. ئۇنى كۆرمەستىكى ھاياتىم باشقىچە ئىدى، ئۇنى تونۇغاندىن كېيىن باشقىچە بىر ھاياتىم بولدى. خۇددى ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە، پۈتۈن ئەشيالار، كارىۋاتلار، ئادەملەر، چىراغلار، كۈلدانلار، كوچىلار، بۇلۇتلار، تۇرخۇنلار دەرھال رەڭ ۋە شەكىل ئۆزگەرتتى-دە، مەن بۇ يېپيېڭى دۇنيانى ھەيرانلىق بىلەن تونۇشقا باشلىدىم. كىتابنى ئوقۇش ئۈچۈن ئالغىنىمدا ئەمدى ھېچقانداق كىتابقا، ھېچقانداق ھېكايىگە ھاجىتىم چۈشمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم. ئالدىمدا نامايان بولغان يېڭى دۇنيانى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن پەقەت كۆزىتىشىم، كۆزلىرىمدە ھەممە نەرسىنى بىرمۇ بىر كۆرۈشۈم كېرەك ئىدى. ئەمما كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن بىلىشىم كېرەك بولغان نەرسىلەرگە يوشۇرۇنغان سىرلارنى ئېنىق بىلىۋېلىشىم كېرەكلىكىنى شۇئان چۈشەندىم. كەتكەن دىياردىن ئازابتا قايتىپ كەلگەن مەھەممەتنى ئاگاھلاندۇردۇم، ئۇ ھاياتقا بىرلىكتە بارالايدىغانلىقىمىزغا ئۇنى ئىشەندۈردۈم. ئۇ كۈنلەردە كىتابنى بىرلىكتە يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇيتتۇق. بەزىدە بىر بابىغا ھەپتىلەپ ۋاقىت بېرەتتۇق، بەزىدە تېخى ئوقۇ-ئوقۇماي ھەممە نەرسىنىڭ ناھايىتى يالىڭاچ ۋە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرەتتۇق. ئاندىن كىنولارغا باراتتۇق، باشقا كىتابلارنى، گېزىتلەرنى ئوقۇيتتۇق، كوچىلاردا ئايلىناتتۇق. كاللىمىزدا كىتاب، ئۇنى يادا ئوقۇغىنىمىزدا ئىستانبۇل كوچىلىرى تامامەن باشقا بىر نۇردا يورۇپ كېتەتتى، بىزنىڭ بولاتتى. بىز كوچىدا كۆرگەن ھاسا تايانغان بوۋاينىڭ ئاۋۋال قەھۋەخانىغا بېرىپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، ئاندىن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن نەۋرىسىنى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتۇق. بىز يولدا كۆرگەن ئۈچ ئات ھارۋىسىنىڭ ئۈچىنچىسىنى سۆرىگەن بايتالنىڭ باشتىكى ئىككىسىنى سۆرىگەن ئورۇق ئاتلارنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى بايقايتتۇق. كۆك پايپاقلىق ئادەملەرنىڭ نېمىشقا زىچلىشىپ كەتكەنلىكىنى، پويىز ۋاقىت جەدۋەللىرى تەتۈر ئوقۇلغاندا نېمە مەنە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە شەھەر ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرغان تەرلەيدىغان، سېمىز ئادەمنىڭ قولىدىكى چاماداننىڭ بايا بۇلىغان ئۆيدىن ئالغان نەرسىلەر ۋە ئىچ كىيىملەر بىلەن تولغانلىقىنى دەرھال بىلەتتۇق. ئاندىن كىتابنى يەنە ئوقۇش ئۈچۈن بىر قەھۋەخانىغا باراتتۇق، توختىماستىن، ھېچ توختىماستىن كىتاب ھەققىدە بىر نەچچە سائەتلەپ پاراڭ سوقاتتۇق. بۇ مۇھەببەت ئىدى. گاھىدا بەزى كىنولاردىكىدەك، يىراقتىكى دۇنيانى بۇ دۇنياغا يۆتكەشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭمۇ مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى ئويلايتتىم.“
” ئەمما مەن ھېچ بىلمەيدىغان نەرسىلەر بار ئىدى، ھېچ بىلەلمەيدىغان نەرسىلەر بار ئىدى، — دېدى جانان يامغۇرلۇق بىر كېچىدە، كۆزلىرىنى ئېكراندىكى سۆيۈشۈش كۆرۈنۈشلىرىدىن ئۈزمەي ھەمدە بىر قانچە كىلومېتىر ئەگرى يول تۈگىگەن ۋە ئۈچ ياكى بەش ھارغىن ئاپتوموبىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئېكراندىكى سۆيۈشۈش كۆرۈنۈشى بىزنىڭكىگە ئوخشايدىغان بىر ئاپتوبۇسنىڭ بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان گۈزەل بىر مەنزىرىدە ئىلگىرىلىشىگە ئالماشقاندا گەپ قوشۇپ،− بىز ھازىر ئۆزىمىز بىلمەيدىغان ئۇ يەرگە كېتىۋاتىمىز “.
ئۇچىمىزدىكى كىيىملەر تەر، چاڭ-توزان ۋە كىردىن كىيگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغاندا، ئەھلى سەلىپلەردىن تارتىپ مۇشۇ كەمگىچە بۇ زېمىنلارنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغان پۈتكۈل تارىخنىڭ قالدۇقلىرى ۋۇجۇدىمىزدا قاتمۇ قات بىرىككەندە، بىر ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ يەنە بىرسىگە چىقىشتىن ئىلگىرى ”گەلىشىگۈزەل“ شەھىرىنىڭ بازىرىغا خالىغانچە چىقاتتۇق. جانان ئۆزىنى ئاق كۆڭۈل يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشىتىدىغان ئۇزۇن يىپەك كۆڭلەكلەردىن ئالاتتى، مەن ئۆزۈمنى ئىلگىرىكى سولغۇن قىياپىتىمگە ئوخشىتىدىغان ھېلىقى كۆڭلەكلەردىن ئالاتتىم… ئاندىن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت، ئاتاتۈرك ھەيكىلى، ئارچەلىك دۇكانلىرى، دورىخانا ۋە جامە ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقاندا، قۇرئان كۇرسىنىڭ تالىپ قوبۇل قىلىش ئۈچۈن رەختكە يېزىلغان ئېلانلىرى ئارىسىدا كۆرۈنگەن زەڭگەر ئاسماندا رېئاكتىۋ ئايروپىلان قالدۇرۇپ كەتكەن ئاق ۋە ئىنچىكە سىزىقنى بايقايتتۇق، قوللىرىمىزدا قەغەز بولاقلار ۋە يالتىراق خالتىلارنى تۇتۇپ دەرھال تۇرۇپ ئاسمانغا مۇھەببەت بىلەن قارايتتۇق، ئارقىدىنلا، ئۆڭۈپ كەتكەن گالستۇك تاقىغان سولغۇن ھۆكۈمەت خادىمىدىن شەھەر مۇنچىسىنىڭ ئورنىنى سورايتتۇق.
مۇنچا ئەتىگىنى ئاياللارغا ئوچۇق بولغاچقا، مەن باشتا كوچىدا بىكار يۈرەتتىم، قەھۋەخانىلاردا مۈگدەيتتىم، مېھمانخانىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە جانانغا ھېچ بولمىسا بىر كۈنى بىر كېچىنى ماشىنا چاقىنىڭ ۋە ئاپتوبۇس ئورۇندۇقلىرىنىڭ ئۈستىدە ئەمەس، خەقلەردەك يەر يۈزىدە، مەسىلەن، بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىشنى خىيال قىلاتتىم، بەزى ئاخشاملىرى خىيالىمنى ئېيتاي دەيتتىم، ئەمما قاش قارايغاندا جانان ماڭا، مەن مۇنچىدىكى ۋاقىتتا قىلغان تەتقىقاتلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرسىتەتتى: كونا «رەسىملىك رومان» ژۇرنىلى توپلاملىرى، تېخىمۇ كونا بالىلار ژۇرناللىرى، بىر ۋاقىتلاردا چاينىغىنىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان شاكىلات ئۆرنەكلىرى ۋە ئىسمىنى بىلمىگەن بىر چاچ قىسقۇچى. ئاپتوبۇستا دەپ بېرىمەن دەيتتى جانان يۈزىدە ئاشۇ ۋىدىيو فىلىمىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەن ۋاقىتتا ئىپادىلىنىدىغان ھېلىقى گۈزەل تەبەسسۇم بىلەن.
زېرىكەرلىك ئاپتوبۇسىمىزنىڭ تېلېۋىزور ئېكرانىدا رەڭگارەڭ بىر ۋىدىيو فىلىمى ئەمەس، قائىدە-يوسۇنلۇق بىر ھەدە نامايان بولۇپ، شۇم ئۆلۈم خەۋەرلىرىنى بەرگەن بىر كېچىدە ”مەھەممەتنىڭ باشقا ھاياتىغا كېتىۋاتىمەن،− دېگەنىدى جانان،− ئەمما باشقا ھاياتىدا ئۇ مەھەممەتنىڭ ئۆزى ئەمەس، باشقا بىرسى ئىدى.“ ئاپتوبۇس بىر ماي قاچىلاش ئورنىنىڭ ئالدىدىن تېزلا ئۆتكەندە سوئال سورىغان قىزىل نېئون چىراغلار يۈزىگە شولا ئۇردى.
” مەھەممەت ئۆتمۈش ھاياتى، قىز قېرىنداشلىرى، كاتتا تۇرالغۇسى، بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخى ۋە يەنە باشقا ئىسمى، باشقا خاراكتېرى بولغانلىقى ھەققىدە ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى. بىر قېتىم ئۇ كىچىكىدە بالىلار ھەپتىلىكى ژۇرناللىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. سەن بالىلار ھەپتىلىكى ژۇرنىلىنى ئوقۇغانمۇ؟— ئۇنىڭ ئۇزۇن بارماقلىرى كۈلدان بىلەن پۇتىمىز ئارىسىدىكى بوشلۇقتا ۋە سارغايغان ژۇرنال توپلاملىرىنىڭ بەتلىرى ئارىسىدا ھەرىكەتلەندى ۋە ژۇرنال بەتلىرىگە ئەمەس، ژۇرنال بەتلىرىگە قاراۋاتقان ماڭا قاراپ،—مەھەممەت ھەر كىمنىڭ بۇ يەرگە، بىر يەرگە قايتىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. شۇڭا بۇ نەرسىلەرنى، ئۇنىڭ بالىلىقىنى شەكىللەندۈرگەن بۇ ماتېرىياللارنى يىغىۋاتىمەن… بۇلار بىز كىتابتا تاپقان نەرسىلەر، چۈشىنىۋاتامسەن؟“ دېدى. تولۇق چۈشەنمەيتتىم، بەزىدە پەقەتلا چۈشەنمەيتتىم، ئەمما جانان مەن بىلەن شۇنداق بىر پاراڭلىشاتتىكى، چۈشەندىم دەپ ئويلايتتىم. ”سەندەك، −دەيتتى جانان، − مەھەممەتمۇ ئۇ كىتابنى ئوقۇ-ئوقۇماي پۈتۈن ھاياتىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ ۋە ھېس قىلغان نەرسىسىنىڭ ئاخىرىغىچە بېرىپتۇ، ئاخىرىغىچە…ئۇ مېدىتسىنا ئوقۇۋېتىپتىكەن، پۈتۈن ۋاقتىنى كىتابقا، كىتابتىكى ھاياتقا بېغىشلاش ئۈچۈن ئۇنىمۇ تاشلاپتۇ. يىپيېڭى بىر ئادەم بولۇش ئۈچۈن پۈتۈن ئۆتمۈشىنى تەرك ئېتىشى كېرەكلىكىنىمۇ چۈشىنىپتۇ. دادىسى، ئائىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئاشۇنداق ئۈزۈپتۇ… ئەمما ئۇلاردىن ئاسان قۇتۇلالماپتۇ. ماڭا ئەسلى قۇتۇلۇشنىڭ، يېڭى ھاياتقا تۇنجى چىقىشىنىڭ قاتناش ھادىسىسى بىلەن ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى… توغرا، قازا (بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياغا)چىقىشتۇر؛ چىقىش قازادۇر…پەرىشتە ئۇ چىقىش ۋاقتىدىكى سېھىرنىڭ ئىچىدە كۆرۈنىدۇ ۋە شۇ چاغدا ۋاقىت، ھايات دېگەن مۇرەككەپ نەرسىنىڭ ئەسلى مەنىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئۆيىمىزگە قايتىمىز…“بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تاشلاپ كەتكەن ئانامنى، ھۇجرامنى، بىساتلىرىمنى، ئورۇن-كۆرپەمنى، ئۆيۈمنى خىيال قىلغاندا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالاتتىم، خىيال قىلغان نەرسىلىرىم بىلەن، يېنىمدا يېڭى ھاياتنى خىيال قىلىۋاتقان جاناننى يامان غەرەزلىك بىر ئەقىل ۋە مۇۋاپىق گۇناھ تۇيغۇسى بىلەن يانمۇ يان ئېلىپ كېلىش خىيالىنى سۈرەتتىم.
6
بىز ئولتۇرغان ئاپتوبۇسلارنىڭ ھەممىسىدە تېلېۋىزور شوپۇرنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى، بەزى كېچىلىرى پاراڭلاشماي، پەقەت شۇ يەرگىلا قارايتتۇق. بوتۇلكىلار، چۇچىلىق ياپقۇچلار، دۇخاۋا پەردىلەر، پارقىراق تاختايلار، كۆز مۇنچاقلار، مارجانلار، نۇسخا رەسىملەر ۋە نەقىشلەر بىلەن زامانىۋى بىر مېھرابقا ئايلاندۇرۇلغان ئېگىزلىكتىكى ئېكران، ئايلاپ گېزىت ئوقۇمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاپتوبۇس دېرىزىلىرى كۆرسەتكەن مەنزىرىلەردىن باشقا بۇ دۇنياغا ئېچىلغان بىردىنبىر كۆزنەك ئىدى. دىڭ-دىڭ سەكرەيدىغان چەبدەس قەھرىمانلار بىر دەمدە يۈزلەرچە ئەبگانىڭ يۈزىگە مۇشت ئاتقان چامباشچىلىق فىلىملىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ قوپال قەھرىمانلارغا ئوينىتىلغان يەرلىك كالانپاي تەقلىدلىرىنى كۆردۈق. زېرەك، سۆيۈملۈك ۋە قوراللىق بىر قەھرىمان يارىماس بايلارنى، ساقچىلارنى، جىنايەت شايكىلىرىنى ئالدايدىغان ئامېرىكا فىلىملىرىنى، كېلىشكەن يىگىتلەر ئايروپىلان، تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى موللاق ئاتتۇرىدىغان ليۇتچىك فىلىملىرىنى، ئەرۋاھلار ۋە قانخور ئالۋاستىلار گۈزەل، ياش قىزلارنى قورقۇتۇپ جېنىنى چىقىرىدىغان ۋەھىمىلىك كىنولارنى كۆردۇق. ئاقكۆڭۈل بايلار بويىغا يەتكەن قىزلىرىغا قانداقتۇر ياخشى، سەمىمىي بىر ئەر تاپالمايدىغان مىللىي فىلىملەرنىڭ كۆپىنچىسىدە بارلىق ئەر-ئايال قەھرىمانلار ھاياتلىرىنىڭ بىر باسقۇچىدا ناخشىچى بولاتتى ۋە بىر-بىرلىرىنى شۇنچىلىك خاتا چۈشىنەتتىكى، ئاخىرىدا بۇلار قانداقتۇر بىر توغرا چۈشىنىشكە ئايلىناتتى. يەرلىك فىلىملەردە چىرايى، قامىتى پۈتۈنلەي بىر قېلىپتىكى چىداملىق پوچتىكەش، رەھىمسىز باسقۇنچى، ئاقكۆڭۈل سەت سىڭىل، زۇۋانى چوڭ ھاكىم، زېرەك، قۇۋ ھامما ۋە ساراڭ قېتىشلارنىڭ روللىرىنى كۆرۈشكە شۇنچىلىك كۆنۈپ كېتىپتۇقكى، بىر كۈنى بىر ئىستىراھەت ئورنىدا تاملىرىغا جامە، ئاتا تۈرك، ئارتىست ۋە چېلىشچىلارنىڭ رەسىملىرى ئېسىلغان ”پاششاپبېگى خاتىرىلىرى رېستورانى“دا ئاق كۆڭۈل سىڭىل بىلەن باسقۇنچىنى ئۇيقۇچان كېچە يولۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەدەپلىك ھالدا ئېزوگېلىن شورپىسى ئىچىۋاتقاندا كۆرگەن ھامان ئالدانغىنىمىزنى ئويلىدۇق. جانان بىز كۆرگەن فىلىملەردە، تامدىكى مەشھۇر ئارتىسلاردىن قايسىلىرىنى باسقۇنچىنىڭ ئاياغ-ئاستى قىلغانلىقىنى بىرمۇ بىر ئەسلەۋاتقاندا، ئاشخانىدىكى رەڭگارەڭ خېرىدارلارغا ئەلەڭ-سەلەڭ قارىغانلىقىمنى ۋە ھەممىمىزنى مەۋھۇم بىر كېمىنىڭ ئايدىڭ، سوغۇق زالىدا شورپا ئىچە-ئىچە ئۆلۈمگە يول ئالىدىغان يولۇچىلار دەپ خىيال قىلغانلىقىمنى ئەسلەۋاتاتتىم.
ئېكراندا سانسىز ئۇرۇش-جېدەل كۆرۈنۈشى كۆردۈق؛ سۇنغان ئەينەكلەر، ئىستاكانلار، ئىشىكلەرنى كۆردۇق؛ ئايروپىلانلار، پىكاپلارنىڭ بىردىنلا كۆزدىن غايىب بولۇشىنى، ئاندىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن ئوت-يالقۇنلارنى كۆردۇق. ئوت يالماپ كەتكەن ئۆيلەرنى، ھەربىي قوشۇنلارنى، بەختلىك ئائىلىلەرنى، ئەسكى ئادەملەرنى، سۆيگۈ مەكتۇپلىرىنى، غايەت ئېگىز بىنالارنى، خەزىنىلەرنى كۆردۇق. يارىلاردىن، چىرايلاردىن، كېسىك بويۇنلاردىن چاچرىغان قانلارنى، تۈگىمەس-پۈتمەس قوغلىشىش كۆرۈنۈشلىرىنى، سانسىز فىلىمدە يۈزلەرچە، مىڭلارچە پىكاپنىڭ بىر-بىرىنى قوغلىشىنى، يول تۈگەپ قالغاندا تېزلا كەينىگە يېنىشىنى، ئاندىن خۇشال سوقۇلۇشلىرىنى كۆردۇق. بىر ۋىدىيو فىلىمى تۈگەپ ئىككىنچىسى چىقىشتىن ئاۋۋال جانان:” ئۇ بالىنىڭ بۇنچە ئاسان ئالدىنىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن“ دەيتتى ياكى ” ئىشەنمەيمەن، ئالدانمايمەن، ئەمما ياخشى كۆرىمەن“ دەيتتى ۋە ياكى ئۇيقۇ بىلەن ئويغاقلىق ئارىسىدا، فىلىم ئاتا قىلغان خۇشاللىق بىلەن”چۈشۈمدە بەختلىك ئەر-خوتۇنلارنى كۆرىمەن“ دەيتتى.
جانان بىلەن سەپىرىمىزنىڭ ئۈچىنچى ئېيىنى تاماملىغاندا سەپەردىكى مۇھەببەتنىڭ سۆيۈشۈش كۆرۈنۈشىنى كۆرگەن بولساق كېرەك. ھەر قېتىملىق سۆيۈشۈشتە ئاپتوبۇس قايسىبىر كىچىك ناھىيە بازىرىدىن يىراق شەھەرگە ماڭغان بولسۇن، ئىچىدە تۇخۇم سېۋىتى بار يولۇچىلار، چامادان كۆتۈرگەن خىزمەتچىلەر ياكى كىملەر بولسا بولسۇن، ئولتۇرغانلاردا بىر جىمجىتلىق باشلىناتتى، جاناننىڭ قولىنى تىزىنىڭ ئۈستىدە ياكى قۇچىقىدا قويغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم، ئاندىن مەن بىردىنلا مۇرەككەپ، چوڭقۇر، دەھشەتلىك ۋە مەنىلىك بىر ئىش قىلىشنى كۈچلۈك ئارزۇ قىلاتتىم. ئۆزۈممۇ تازا ئۇقۇپ كېتەلمىگەن بۇ ئىشنى، ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر ئىشنى يامغۇرلۇق بىر ياز كېچىسى قىلدىم.
قاراڭغۇ ئاپتوبۇسنىڭ يېرىمى توشقانىدى؛ ئوتتۇرىسىدا بىر يەردە ئولتۇراتتۇق، ئېكراندا بىزدىن ناھايىتى يىراق، بىزگە ناھايىتى يات بىر ئىسسىق بەلۋاغ مەنزىرىسىدە يامغۇر يېغىۋاتاتتى. بىر تەبىئىي ئىستەك بىلەن دېرىزىگە ۋە مۇشۇنداق قىلىپ جانانغا بېشىمنى ئاپارغىنىمدا سىرتتا يامغۇر يېغىشقا باشلىغانلىقىنى كۆردۈم. شۇ چاغدا ماڭا كۈلۈمسىرىگەن جانانىمنىڭ لەۋلىرىنى، فىلىملەردە كۆرگىنىمدەك، تېلىۋىزورلاردا قىلىنغاندەك، شۇنداق قىلىنغان دەپ ئويلىغىنىمدەك سۆيدۈم، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن سۆيدۈم، ھەۋەس ۋە ئاچكۆزلۈك بىلەن سۆيدۈم، پەرىشتە تىپىرلايتتى، لەۋلىرىنى قانىتىۋەتكۈدەك سۆيدۈم.
− ياق، ياق قەدىرلىكىم، − دېدى ماڭا،− ئۇنىڭغا ناھايىتى ئوخشايسەن، ئەمما سەن ئۇ ئەمەس، ئۇ باشقا بىر يەردە…
قىزغۇچ رەڭلىك نىئون چىراغلارنىڭ يورۇقى ئەڭ چەت، ئەڭ چىۋىنلىق، ئەڭ قارغىش تەگكۈر تۈرك نېفىت شىركىتىنىڭ باھا ئېكرانىدىن ئۇنىڭ يۈزىگە چۈشتىمۇ، ياكى ئېكراندىكى ئۇ دۇنيانىڭ ئادەم ئىشەنگۈسىز شەپەق نۇرى چۈشتىمۇ؟ بۇنداق ئەھۋاللاردا قىزنىڭ لەۋلىرى قاناپ كېتەتتى دەپ يازىدۇ كىتابلاردا، بىز كۆرگەن فىلىملەرنىڭ قەھرىمانلىرىمۇ بۇنداق ئەھۋاللاردا ئۈستەللەرنى ئۆرۈيتتى، ئەينەكلەرنى سۇندۇراتتى، پىكاپلىرىنى تام تەرەپكە بولۇشىغا ھەيدەيتتى. مەن لەۋلىرىمدە سۆيۈش تەمىنى غەزەپلىنىپ كۈتتۈم، بەلكىم كاللامغا كەلگەن ئىجادكار بىر بايقاشنىڭ تەسەللىسى بىلەن: مەن يوق،— دېدىم ئۆزۈمگە،— ئەگەر مەن بولمىسام نېمە بولاتتى؟ ئەمما ئاپتوبۇس يېڭى بىر ئىستەك بىلەن سىلكىنگەندە ھەر ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك مەۋجۇت ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم، يوتىلىرىمنىڭ ئارىسىدا كۈچىيىۋاتقان ئاغرىق سەۋەبىدىن كېرىلسەم، پارتلىسام، بوشاشسام دەيمەن. كېيىن بۇ ئىستەك تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى، پۈتۈن دۇنيا بولۇشى، يېڭى بىر دۇنيا بولۇشى كېرەك. نېمە بولۇشۇمنى بىلمەستىن كۈتۈۋاتاتتىم، كۆزلىرىمدە ياش، تەرلىرىم ئاققاندا كۈتۈۋاتاتتىم، ئارزۇ بىلەن ۋە نېمىنى كۈتۈۋاتقانلىقىمنى بىلمەستىن كۈتۈۋاتاتتىمكى، ھەممە نەرسە ئېغىرمۇ ئەمەس، ئاستىمۇ ئەمەس خۇشاللىق بىلەن پارتلىدى، ئېرىدى، يوقاپ كەتتى.
ئاۋۋال ھەيۋەتلىك بىر گۈلدۈرلەشنى، ئاندىن بالا-قازادىن كېيىنكى بىر دەملىك ھوزۇرلۇق جىمجىتلىقنى ئاڭلىدۇق. بۇ قېتىم شوپۇر بىلەن بىللە تېلېۋىزورنىڭمۇ كۇكۇم-تالقان بولغانلىقىنى كۆردۈم. ۋارقىراش-چىقىراشلار، پەريادلار باشلانغان ھامان جاناننى قولىدىن تۇتۇپ ئۇستىلىق بىلەن يەرگە سالامەت چۈشۈردۈم.
شار-شۇر يامغۇر ئاستىدا بىزدىمۇ، بىزنىڭ ئاپتوبۇستىمۇ ئىككى يا ئۈچ ئۆلۈك ۋە بىر شوپۇردىن باشقا چوڭ زىيان بولمىغانلىقىنى دەرھال بىلدىم. ئەمما قارشى تەرەپتىن ئۇرۇلغان يەنە بىر ئاپتوبۇس ― شوپۇرى قارنىدىن يېرىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ ئۆلگەن، ئىككىگە قاتلىنىپ پەسكە−پاتقاق ئېتىزلىققا دومىلىغان HEMENVARAN ئۆلۈكلەر ۋە ئۆلۈۋاتقانلار بىلەن داشقايناق بولۇپ كەتكەنىدى. ھاياتنىڭ قاراڭغۇ مەركىزىگە دىققەت ۋە قىزىقىش بىلەن چۈشىدىغاندەك، ئاپتوبۇس دومىلىغان يەرگە، قوناقلىققا چۈشتۈق ۋە سېھىرلىك بىر تۇيغۇدا ئاپتوبۇسقا يېقىنلاشتۇق.
ئاپتوبۇس يېنىغا بارغىنىمىزدا، پارتلىغان دېرىزىلەرنىڭ بىرسىدىن باشتىن-ئاياغ قانغا مىلەنگەن بىر قىز سىرتقا چىقىشقا تىرىشىۋاتاتتى. ماشىنىنىڭ ئىچىدە سوزۇلغان قولىدا باشقا بىرسىنىڭ − ئېڭىشىپ قارىدۇق− ماغدۇرى قالمىغان ياش بىر ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇراتتى. كاۋبوي كىيىملىك بۇ قىز قولىنى زادى قويۇۋەتمەستىن، بىزنىڭ ياردىمىمىز بىلەن ماشىنىدىن سىرتقا چىقتى، ئاندىن تۇتۇۋالغان قولغا قاراپ ئېڭىشتى ۋە ئۇنى تارتىپ سىرتقا چىقىرىشقا تىرىشتى. ئەمما كۆرۈۋاتاتتۇق، قارشى ماڭغان ئاپتوبۇستىكى بۇ يىگىت نىكېل قاپلىق پولات چىۋىقلارنىڭ، كاردون قەغەزدەك قاتلانغان سىرلاقلىق قاڭالتىرلارنىڭ ئارىسىدا مىجىلىپ قالغانىدى. بىر دەمدىن كېيىن بىزگە، قاراڭغۇ ۋە يامغۇرلۇق دۇنياغا تەتۈر قاراپ ئۆلدى.
ئۇزۇن چاچلىق قىزنىڭ يۈزىدىن، كۆزىدىن قان ئارىلاش يامغۇر سۇلىرى ئېقىۋاتاتتى. بىز قوراملىق بولسا كېرەك. يامغۇردا سۇس قىزىللاشقان چىرايىدا ئۆلۈم بىلەن ئۇچراشقان بىرسىدىن بەكرەك، ھەيرانلىقتا قالغان بىر كىچىك بالىنىڭ ئىپادىسى بار ئىدى. كىچىك، ھۆل قىز، سەن ئۈچۈن بىز كۆپ پەرىشان بولدۇق. ئۇ شۇ ئان بىزنىڭ ئاپتوبۇستىن چۈشكەن يورۇقلۇقتا ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان ئۆلگەن ئەرگە قاراپ:
− دادام، دادام ئەمدى قاتتىق ئاچچىقلىنىدۇ،− دېدى.
قىز ئۆلگەن يىگىتنىڭ قولىنى قويۇۋەتتى، ئاندىن بۇرۇلۇپ جاناننىڭ يۈزىنى قوللىرىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ، ئۇنى يۈز يىلدىن بۇيان تونۇش، گۇناھسىز بىر سىڭلىسىنى سىلىغاندەك سىلىدى.
− پەرىشتە،− دېدى ئۇ، − ئاخىرىدا، يامغۇردا، شۇنچە
سەپەردىن كېيىن سېنى ئاخىر تاپتىم.
ئۇنىڭ قانغا مىلەنگەن گۈزەل چىرايى جانانغا ھەيرانلىق، سېغىنىش، بەختىيارلىق بىلەن قارايتتى.
− مېنى دائىم كۆرىدىغان، ئاللىقانداق بىر يەردە ئالدىمدا تۇيۇقسىز كۆرۈنۈپ قويۇپ، ئاندىن غايىب بولىدىغان، غايىب بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئىزدىتىدىغان نىگاھ سېنىڭ نىگاھىڭ ئىدى،−دېدى قىز،−پەرىشتە، سەن بىلىسەن، سېنىڭ نىگاھىڭ بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقتۇق، سېنىڭ بۇ ئىللىق نىگاھىڭ بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسلاردا كېچىنى ئۆتكۈزدۇق، شەھەرمۇ شەھەر كەزدۇق، كىتابنى يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇدۇق…
جانان بىر ئاز ھەيران، بىر ئاز دېلىغۇل بولۇپ قالدى، ئەمما خاتالىقنىڭ يوشۇرۇن گېئومېتىرىيىسىدىن مەمنۇن بولدى ۋە ھەسرەتلىك، سۇس كۈلۈمسىرىدى.
−كۈل ماڭا،− دېدى مەن ئۆلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بولغان، ئۆلۈۋاتقان كاۋبوي كىيىملىك قىز، — پەرىشتە، ماڭا قاراپ كۈلگىنكى، ئۇ دۇنيانىڭ نۇرىنى يۈزۈڭدە بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈۋالاي. ماڭا قارلىق قىش كۈنلىرىدە سومكا كۆتۈرۈپ مەكتەپتىن قايتىۋاتقاندا بولكا ئېلىش ئۈچۈن كىرگەن دۇكاندىكى دوخوپكىنىڭ ئىسسىقلىقىنى ئەسلەت؛ ئىسسىق ياز كۈنىدە پورت كۆۋرۈكىدىن دېڭىزغا خۇشال سەكرىگىنىمنى ئەسلەت؛ ماڭا تۇنجى سۆيۈشنى ئەسلەت؛ تۇنجى قۇچاقلاشنى، ئۆزۈم يالغۇز تاكى ئۇچىغىچە چىققان ياڭاق دەرىخىنى، كۆڭۈللۈك ياز ئاخشىمىنى، شادلىقتىن مەست بولغان كېچىنى، يوتقىنىمنىڭ ئىچىنى ۋە ماڭا مەنىلىك قارىغان چىرايلىق بالىنى ئەسلەت. ھەممىسى ئۇ دىياردا، مەنمۇ ئۇ يەرگە كېتىشنى ئارزۇ قىلىمەن، ياردەم قىل، ياردەم قىلغىنكى، ھەر نەپەس ئېلىشتا بىر ئاز يېنىكلىشىمنى خۇشال كۈتىۋېلىشقا مۇيەسسەر بولاي.
جانان ئۇنىڭغا يېقىملىق كۈلۈمسىرىدى.
−سىلەر پەرىشتىلەر، − دېدى قىز قوناقلىقتىن ئاڭلىنىۋاتقان ئۆلۈم ۋە ئەسلەش پەريادلىرى ئىچىدە، — سىلەر نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق، نېمىدېگەن رەھىمسىز، ئەمما گۈزەل! بىز ھەر سۆز، ھەر نەرسە، ھەر ئەسلەش بىلەن ئاستا-ئاستا قۇرۇپ، توپا-توزان بولۇپ تۈگىگەندە سىلەر ۋە تۈگىمەس نۇرۇڭلار تەگكەن ھەر يەر قانداقمۇ ۋاقىتتىن تاشقىرى بىر ھۇزۇرنىڭ ئىچىدە قالسۇن. شۇڭا كىتابنى ئوقۇيلى دەپ ئوقۇدۇق، تەلەيسىز ئاشىقىم بىلەن مەن ئاپتوبۇس دېرىزىلىرىدىن نىگاھىڭلارنى ئىزدىدۇق. سېنىڭ نىگاھىڭنى ئەمدى كۆرۈۋاتىمەن پەرىشتە، كىتاب ۋەدە قىلغان تەڭداشسىز پەيت مۇشۇ ئىكەن. ئىككى دىيار ئارىسدىكى ئۆتكۈنچى ۋاقىت ئۇ يەردىمۇ، بۇ يەردىمۇ ئەمەس دەل مۇشۇ يەردىكەن؛ مەن ھازىر ھەم ئۇ يەردە، ھەم بۇ يەردە تۇرۇۋاتقاندا ”ۋىدالىشىش“ دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋاتىمەن؛ ھۇزۇرنىڭ، ئۆلۈمنىڭ ۋە ۋاقىتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى خۇشال ھالدا ھېس قىلىۋاتىمەن. پەرىشتە، ماڭا قاراپ تېخىمۇ بەكرەك كۈلگىن.
ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولغانلىقىنى تازا ئەسلىيەلمىدىم. ھېلىقى كەيپنىڭ ئاخىرىدا كاللا خېلىلا قاپاق بولۇپ، ئەتىسى ئەتىگىنى”مانا ئۇ يەردە فىلىم ئۈزۈلدى“ دەيدىغان گەپ بارغۇ، كاللامغىمۇ شۇنداق بىر نەرسە كەلگەنىدى. ئاۋۋال ئاۋاز ئۆچتى، خىيالىمدا قىز بىلەن جاناننىڭ بىر-بىرىگە قانداق نەزەر سېلىشقانلىرىنى كۆرگەندەك بولۇۋاتاتتىم. ئاۋازنىڭ ئارقىسىدىن كۆرۈنۈشمۇ بىردەم يوقالغان بولسا كېرەك، كۆرگەنلىرىم تاسادىپىيلىقلىرىم ئارىسىغا ئارىلاشماي، ھېچقانداق خاتىرىلەنمەيلا يوقاپ كەتتى.
كاۋبوي كىيىملىك قىزنىڭ سۇ ھەققىدە گەپ قىلغانلىقى غۇۋا ئېسىمدە ئىدى، قوناقلىقتىن قانداق ئۆتتۇقكى، بىر دەريا بويىغا كەلدۇق، بۇ يەر بىر دەريا ياكى پاتقاقلىق ئۆستەڭ بولغىيمىدى، توختام سۇنىڭ ئۈستىگە چىپ-چىپ چۈشۈۋاتقان يامغۇر تامچىلىرىنى ۋە سۇدا ھاسىل بولغان ھالقىلارنى قەيەردىندۇر كەلگەن كۆك نۇرنىڭ ئىچىدە كۆرۈۋاتقانلىقىمنى بىلەلمەيۋاتاتتىم.
بىر دەمدىن كېيىن كاۋبوي كىيىملىك قىزنىڭ جاناننىڭ يۈزىنى ئىككى قوللاپ تۇتقىنىنى كۆردۈم، ئۇنىڭغا بىر نەرسىلەرنى پىچىرلايتتى، ئەمما ئاڭلىيالمايتتىم ياكى چۈشتىكىدەك پىچىرلانغان سۆزلەر ماڭا ئاڭلانمايۋاتاتتى. ئىككىسىنى يالغۇز قويۇشۇم كېرەكلىكىنى قانداقتۇر بىر گۇناھ تۇيغۇسىدا ئويلىدىم. ئۆستەڭ بويىغا بىر-ئىككى قەدەم تاشلىدىم، ئەمما پۇتلىرىم بىر پاتقاققا پېتىۋاتاتتى. كالانپاي قەدەملىرىمدىن ئۈركىگەن بىر توپ پاقا بىر-بىرلەپ ئېگىزگە سەكرەپ ئۆزلىرىنى سۇغا ئېتىشتى. سۇ ئۈستىدە پۈرلىشىپ كەتكەن بىر تاماكا قېپى ئاستا-ئاستا يېقىنلاشتى. ئۇ بىر مالتەپە قېپى ئىدى، ئوڭ-سولىغا تەگكەن يامغۇر تامچىلىرىدىن ئارىلاپ-ئارىلاپ شۇنداق بىر سىلكىنەتتى، ئاندىن ئۆزىدىن خاتىرجەم ۋە مەغرۇر ھالدا ناتونۇشلار دىيارىغا ھەيۋەت بىلەن ئىلگىرلەيتتى. غۇۋا كۆرۈش دائىرەم ئىچىدە تىپىرلاۋاتقاندەك كۆرۈنگەن جانان بىلەن قىزنىڭ كۆلەڭگىلىرى ۋە بۇ تاماكا قېپىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسىنى ئىلغا قىلالمايتتىم. ئانا، ئانا، ئۇنىڭ بىلەن سۆيۈشتۈم ۋە ئۆلۈمنى كۆردۈم دېدىم ئۆزۈمگە، جاناننىڭ گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.
− ياردەم قىل، − دېدى جانان ماڭا، − يۈزىنى يۇيىۋېتەي، دادىسى قانلارنى كۆرمىسۇن.
قىزنى كەينىدىن تۇتتۇم، مۈرىسى سۇنغانىدى. تاماكا قېپى ئېقىپ كەلگەن سۇدىن ئوچۇملاپ ئالغان جاناننىڭ قىزنىڭ يۈزىنى يۇيۇشىنى، پېشانىسىدىكى قاننى مېھرىبانلىق بىلەن سۈرتۈپ تازىلىشىنى، ھەرىكەتلىرىدىكى ئىنچىكىلىك، ئېھتىياتچانلىق، گۈزەللىكنى قانغۇچە تاماشا قىلدىم. قىزنىڭ قېنىنىڭ توختىمايدىغانلىقىنى بىلدىم. قىز بىزگە كىچىك ۋاقىتلىرىدا مومىسىنىڭ ئۆزىنى مانا مۇشۇنداق يۇيغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بىر چاغلاردا كىچىك ئىدى، سۇدىن قورقاتتى، ئەمدى چوڭ بولغانىدى، سۇنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ئۆلۈۋاتاتتى.
− ئۆلۈمىمدىن ئاۋۋال سىلەرگە دەيدىغان گېپىم بار، − دېدى ئۇ،− مېنى ئاپتوبۇسقا ئاپىرىڭلار.
ئىككى پۈكلىنىپ تەتۈر ياتقان ئاپتوبۇسنىڭ ئەتراپىدا ئەمدى تېز، ھارغىن بىر بايرام كېچىسىنىڭ ئاخىرىدا كۆرۈلىدىغان قارارسىز ئادەملەر توپى بار ئىدى. ئىككى-ئۈچ كىشى قانداقتۇر بىر مەقسەت بىلەن ئاستا-ئاستا تىپىرلايتتى، بەلكىم بىر جەسەتنى خۇددى چامادان توشىغاندەك يۆتكىشىۋاتاتتى. بىر ئايال كۈنلۈكىنى ئاچقان قولىدا پلاستىك سومكا تۇتۇپ، يېڭى بىر ئاپتوبۇسنى كۈتۈۋاتقاندەك قىلاتتى. بىزنىڭ قاتىل ئاپتوبۇسنىڭ يولۇچىلىرى بىلەن زىيانغا ئۇچرىغان ئاپتوبۇسنىڭ بەزى يولۇچىلىرى ئەبجىقى چىققان ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدە، چامادانلار، ئۆلۈكلەر ۋە بالىلار ئارىسدا قالغانلارنى سىرتقا، يامغۇرنىڭ ئىچىگە تارتىشقا تىرىشىۋاتاتتى. ئۆلەي دەپ قالغان قىز بايا تۇتقان قول بولسا قويۇۋېتىلگەن پېتى تۇراتتى.
قىز ئېچىنىشتىن بەكرەك بىر خىل بۇرچ ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئاپتوبۇسقا كىرىپ، ئۇنىڭ قولىنى مېھرىبانلىق بىلەن تۇتتى.
− ئاشىقىم ئىدى،−دېدى قىز،−كىتابنى مەن باشتا ئوقۇدۇم، مەپتۇن بولدۇم، قورقتۇم. خاتا قىلدىم، ئۇنىمۇ مەندەك مەپتۇن بولىدۇ دەپ ئويلاپ كىتابنى ئۇنىڭغا ئوقۇشقا بەردىم. دەرۋەقە ئۇ مەپتۇن بولدى، ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلمىدى، ئۇ دىيارغا كېتىشنى ئارزۇ قىلدى. بۇنىڭ بىر كىتاب ئىكەنلىكىنى ئېيتساممۇ ئۇنى قايىل قىلالمىدىم. ئۇ ئاشىقىم ئىدى، سەپەرگە چىقتۇق، شەھەرمۇ شەھەر ئايلاندۇق، ھاياتنىڭ يۈزەكى تەرەپلىرى بىلەن ئۇچراشتۇق، رەڭلەر يوشۇرغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىگە كىردۇق، ئاساسلىق بولغىنىنى ئىزدىدۇق، ئەمما تاپالمىدۇق. ئارىمىزدا جېدەل چىقىشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشلىرىدە يالغۇز تاشلاپ قويدۇم، ئۆيگە، ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا قايتىپ كۈتتۈم. سۆيگىنىم ئاخىر يېنىمغا قايتىپ كەلدى، ئەمما پۈتۈنلەي باشقا بىر ئادەم بولۇپ قايتقانىدى. ماڭا ئۇ كىتابنىڭ ناھايىتى كۆپ ئادەمنى ئازدۇرغانلىقىنى، ناھايىتى كۆپ تەلەيسىزنىڭ ھاياتىنى قايمۇقتۇرغانلىقىنى، بارلىق يامانلىقلارنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمدى ئۇ ئاشۇ بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ۋە ھاياتنى بەربات قىلىشقا سەۋەپ بولغان ئۇ كىتابتىن ئىنتىقام ئېلىشقا قەسەم قىلغانىدى. ئۇنىڭغا كىتابنىڭ بىرەر جىنايىتى يوقلۇقىنى ئېيتتىم، بۇنىڭدەك نۇرغۇن كىتابنىڭ بارلىقىنى ئېيتتىم. ’مۇھىمى ئىنسان شۇ كىتابنى ئوقۇغاندا كۆرگەن نەرسىلەر‘ دەپمۇ ئۇنىڭغا گەپ ئاڭلىتالمىدىم. ئالدانغان بەختسىزلەرنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش سەۋداسى ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىۋالغانىدى. ئۇ ماڭا دوختور نارىن ھەققىدە گەپ قىلدى، ئۇنىڭ كىتابقا قارشى قىلغان ئۇرۇشلىرى، بىزنى يوقىتىۋاتقان چەت ئەل مەدەنىيەتلىرىگە، غەربتىن كېلىۋاتقان يېڭى نەرسىلەرگە ۋە ماقالە-ئەسەرلەرگە قارشى كۈرەشلىرى ھەققىدە توختالدى… ئۇ ھەر خىل سائەتلەر، كونا نەرسىلەر، قارلىغاچ قەپەزلىرى، قول تۈگمەنلىرى، قۇدۇق چىغرىقلىرى توغرۇلۇق گەپ قىلاتتى؛ چۈشەنمەيتتىم، ئەمما ئۇنى سۆيەتتىم؛ ئۇنىڭ ئىچىنى ئۆچمەنلىك قاپلىۋالغانىدى، ئەمما يەنىلا مېنىڭ قەدىرلىك سۆيگىنىم ئىدى. شۇ سەۋەپتىن، گۈدۈل ناھىيىسىدە”مەقسەتلىرىمىز“ ئۈچۈن مەخپىي بىر ئوقەتچىلەر يىغىنى بار دېگەن ھامان ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم. دوختور نارىننىڭ ئادەملىرى بىزنى تېپىپ ئۇنىڭ قېشىغا ئاپىراتتى… ئەمدى ئۇ يەرگە بىزنىڭ ئورنىمىزدا سىلەر بېرىڭلار… كىتابقا ۋە ھاياتقا خائىنلىق قىلىشنى توختىتىڭلار. دوختور نارىن بىزلەرنى بۇ ئىشقا ئىخلاس قىلغان ياش مەش سودىگەرلىرى دەپ كۈتۈۋاتىدۇ. كىملىكلىرىمىز ئاشىقىمنىڭ چاپىنىنىڭ ئىچ يانچۇقىدا… بىزنى ئېلىشقا كېلىدىغان ئادەمدىنOPA ساقال سوپۇنى پۇرايدۇ.
يۈزى يەنە قانلار ئىچىدە قالغان قىز قولىدىكى ئۆلۈك قولنى سۆيدى، سىيلىدى ۋە يىغلاشقا باشلىدى. جانان ئۇنى مۈرىسىدىن تۇتتى.
−مەنمۇ گۇناھكار، پەرىشتە،−دېدى قىز،−سېنىڭ مۇھەببىتىڭنى ئېتىراپ قىلمايمەن. ئاشىقىمغا ئالدىنىپ ئارقىسىدىن ماڭدىم، كىتابقا خىيانەت قىلدىم. ئۇ مەندىنمۇ بەكرەك گۇناھكار بولغانلىقى ئۈچۈن سېنى كۆرەلمەي ئۆلدى. ئەمما دادام قاتتىق ئاچچىقلىنىدۇ، مەن سېنىڭ قولۇڭدا ئۆلىدىغانلىقىم ئۈچۈن بەختلىكمەن.
جانان ئۇنىڭغا ئۆلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما بىز كۆرگەن فىلىملەردە ئۆلگەنلەر ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقلىرىنى ھېچقاچان ئېلان قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئۆلۈم بىزگە خېلىدىن بېرى ئىشەندۈرگۈچى بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلىغانىدى. پەرىشتە رولىدىكى جانان خۇددى ئاشۇ فىلىملەردىكىدەك، قىزنىڭ قولىنى ئۆلۈك يىگىتنىڭ قولى بىلەن چىڭ تۇتاشتۇردى. كېيىن قىز ئاشىقىنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە ئۆلدى.
جانان دۇنياغا تەتۈر قارىغان يىگىتنىڭ جەسىتى يېنىغا كىردى، بېشىنى ئاپتوبۇسنىڭ پارتلىغان ئەينىكىدىن ئىچىگە تىقىپ، ئۇ يەردە بىر ھازا بىر نەرسە ئىزدىدى، يۈزىدە بەختلىك بىر كۈلۈمسىرەش، قولىدا يېڭى كىملىكلىرىمىزنى ئېلىپ بىزنىڭ يامغۇرلۇق دۇنيايىمىزغا قايتىپ كەلدى.
جاناننىڭ يۈزىدە ئۇ بەختلىك تەبەسسۇمنى كۆرگەن ھامان نەقەدەر ئامراقلىقىم كېلەتتى جانانغا، چوڭ ئاغزىنىڭ چۆرىسىدە، چىرايلىق چىشلىرى ئاخىرلاشقان يەر بىلەن لەۋلىرىنىڭ سىلىق ئېچىلىشى بىرلەشكەن نۇقتىلاردا ئاغزىنىڭ ئىككى قاراڭغۇ نۇقتىسىنى كۆرەتتىم. جانان كۈلگەندە مىيىقىدا نامايان بولىدىغان ئۇ ئىككى سۆيۈملۈك زىناق!
ئۇ مېنى بىر قېتىم سۆيگەنىدى، مەن ئۇنى بىر قېتىم سۆيگەنىدىم، ئەمدى يامغۇر ئاستىدا يەنە بىر قېتىم سۆيۈشۈشنى ئارزۇ قىلدىم، ئەمما ئۇ مەندىن ئاستا يىراقلاشتى.”يېڭى ھاياتىمىزدا سېنىڭ ئىسمىڭ ئەلى قارا، مېنىڭ ئىسمىم ئەپسۇن قارا، − دېدى ئۇ قولىدىكى كىملىكلەرنى ئوقۇۋېتىپ، − نىكاھ گۇۋاھنامىسىمۇ بار“. ئۇ يەنە بىز ئىنگلىزچە دەرستە ئاڭلايدىغان مېھرىبان، ئوڭلۇق ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن:” ئەپەندى ۋە خانىم قارا ئوقەتچىلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گۈدۈل ناھىيىسىگە كېتىۋاتىدۇ“ دەپ كۈلۈمسىرىدى.