يېڭى ھايات(4)

new life6

7
تۈگىمەس ياز يامغۇرىدىن ۋە ئۈچ ئاپتوبۇس ئالمىشىپ، ئىككى شەھەردىن ئۆتكەندىن كېيىن گۈدۈل ناھىيىسىگە باردۇق. پاتقاقلىق گاراژلاردىن ناھىيە بازىرىنىڭ تار پىيادىلەر يولىغا چىققاندا باش ئۈستۈمدە غەلىتە بىر ئاسماننى كۆردۈم؛ ئوتتۇرىغا تارتىلغان ئاق لوزۇنكىدا بالىلار يازلىق قۇرئان كۇرسىغا چاقىرىلىۋاتاتتى. مونوپول قىلىنغان سودا-سېتىق ۋە تەنتەربىيە لاتارىيىسى دۇكىنىنىڭ ئالدىدا قارنى كۆپۈپ كەتكەن ئۈچ چاشقان ئۆلۈكى رەڭلىك ئىچىملىك قۇتىلىرى ئارىسىدا چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ياتاتتى. دورىخانىنىڭ ئىشىكىگە سىياسىي جىنايەتلەردىن كېيىنكى دەپنە مۇراسىملىرىدا ياقىلارغا تاقاپ قويۇلىدىغان ئېلانلارغا ئوخشاش رەسىملەر چاپلانغانىدى. ئاستىلىرىدا تۇغۇلغان ۋە ئۆلگەن ۋاقتى يېزىلغان ئۆلۈكلەر جانانغا كونا يەرلىك فىلىملەردىكى ياخشى بايلارنى ئەسلەتتى. ئۆزىمىزنى ھۆرمەتكە سازاۋەر ياش بايدەك كۆرسىتىش ئۈچۈن دۇكانغا كىرىپ بىر پلاستىك قول سومكىسى ۋە نىلون كۆڭلەكلەر ئالدۇق. بىزنى ئۇدۇل مېھمانخانىغا ئاپىرىدىغان تار يوللاردا كاشتان دەرىخى ھەيران قالغۇدەك تەرتىپتە تىزىلغانىدى. بىرىنىڭ سايىسىدىكى لەۋھەدە ”لازىر(نۇرى) بىلەن ئەمەس، قول بىلەن سۈننەت قىلىمىز“ دېگەن سۆزلەرنى ئوقۇغان ھامان جانان”بىزنى كۈتۈۋاتىدۇ“ دېدى. مەن رەھمەتلىك ئەلى قارا بىلەن ئەپسۇن قارىنىڭ يانچۇقۇمدىكى نىكاھ گۇۋاھنامىسىنى تەييارلاۋاتاتتىم. ”ئىقبال مېھمانخانىسى“نىڭ گېتلىرچە بۇرۇت قويغان ئۇششاق-چۈششەك رەسمىيەت خادىمى گۇۋاھنامىنى ئىنچىكە تەكشۈردى.
− ئوقەتچىلەر يىغىنىغا كەلدىڭلارمۇ؟ ئۇلار ئوتتۇرا مەكتەپتىكى
ئېچىلىش مۇراسىمىغا كەتتى. بۇ سومكىدىن باشقا چامادان يوقمۇ؟− دېدى ئۇ.
− چامادانلىرىمىز ئاپتوبۇس ۋە يولۇچىلار بىلەن بىللە كۆيۈپ كەتتى، ئوتتۇرا مەكتەپ قەيەردە؟— دېدىم مەن.
− ئاپتوبۇسلارنىڭ كۆيۈشى تەبىئىي، ئەلى بەگ، — دېدى خادىم، − بۇ بالا سىزگە ئوتتۇرا مەكتەپنى كۆرسىتىپ قويىدۇ.
بىزنى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئېلىپ كېتىۋاتقان بالا بىلەن جانان پاراڭلاشتى:
− ئۇ قارا كۆزەينەك كۆزۈڭنى توسۇۋالمامدۇ؟
− توسۇۋالمايدۇ، − دېدى بالا،− چۈنكى مەن مەيكېل جېكسون.
− ئاناڭ بۇنىڭغا نېمە دەيدۇ؟ − دېدى جانان، − قارا، ئاناڭ ساڭا شۇنچە چىرايلىق بىر جىلىتكە توقۇپ بېرىپتۇ.
ئانام ئارىلىشالمايدۇ! — دېدى بالا.
نامى بەيئوغلى بىنالىرىدىكىدەك يېنىپ ئۆچىدىغان نىئون لامپىلىرى بىلەن يېزىلغان ”كەنان ئەۋرەن ئوتتۇرا مەكتىپى“گە بارغىچە ”مەيكېل جېكسون“دىن مۇنۇلارنى ئۇقتۇق: ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇيتتى، دادىسى مېھمانخانا ئىگىسى باشقۇرۇۋاتقان كىنوخانىدا ئىشلەيتتى، ئەمما ھازىر يىغىن بىلەن مەشغۇل ئىدى؛ پۈتكۈل ناھىيە ئوقەتچىلەر يىغىنى بىلەن مەشغۇل ئىدى. بەزىلىرى بولسا بۇ ئىشقا قارشى چىقىۋاتاتتى؛ چۈنكى ھاكىم: ”مەن ھاكىم بولغان يەرگە داغ كەلتۈرمەيمەن!“دېگەنىدى.
”كەنان ئەۋرەن ئوتتۇرا مەكتىپى“دىكى كۆرگەزمىدە ۋاقىتنى ساقلايدىغان ئاپپاراتنى، رەڭسىز تېلېۋىزورنى رەڭلىككە ئايلاندۇرىدىغان سېھىرلىك ئەينەكنى، تۈركىيىنىڭ ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ تەركىبىدە چوشقا گۆشىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاپ چىقالايدىغان تۇنجى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى، پۇراقسىز ساقال ئەتىرىنى، ئاپتوماتىك گېزىت كېسىدىغان قايچىنى، ئۆي ئىگىسى ئۆيگە كىرەر-كىرمەيلا ئۆزلۈكىدىن ئىسسىيدىغان مەشنى ۋە ئەزان توۋلاش مۇنارى، مەزىن، ئاۋاز ياڭراتقۇ ۋە غەربلىشىش-ئىسلاملىشىش مەسىلىسىنى زامانىۋى ھەم تېجەشلىك يول بىلەن بىراقلا ھەل قىلىۋەتكەن مېخانىك سائەتنى كۆردۈق. بىز بىلىدىغان كاككۇكلۇق سائەتنىڭ قۇشى ئورنىغا ئەنئەنىۋى مېخانىكا بويىچە ھەرىكەتلىنىدىغان ئىككى قورچاق ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ناماز ۋاقىتلىرىدا ئەزان پەشتىقى شەكلىدىكى بىرىنچى قەۋىتىدە كۆرۈنۈپ ئۈچ قېتىم ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەيدىغان كىچىك بىر”مەزىن“ ۋە سائەت باشلىرىدا يۇقىرىدىكى پەشتاقتا كۆرۈنۈپ ”مەن تۈرك دەيدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىك، مەن تۈرك، مەن تۈرك!“ دەيدىغان گالىستۇكلۇق، بۇرۇتى يوق قورچاق ئەپەندى بار ئىدى. سۈرەت ساقلاش ئەسۋابىنى كۆرۈپ، كىشىلەرنىڭ دېگىنىدەك، بۇ كەشپىياتلارنىڭ پۈتۈنلەي يەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلغانلىقىدىن شۈبھىلەندۇق. بۇ كەشپىياتلاردىن كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرگەن ئاتىلار، تاغىلار، ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ كاللىسى ئېلىشىپ قالاتتى.
ئىچ-ئىچىگە كىرىشكەن ئاپتوموبىل چاقىنىڭ قاسقىنى بىلەن تاش كامىر ئارىسىغا يۈزلەرچە قول ئەينىكى ئۆزئارا چىقىش يولى تار بىنا شەكىللەندۈرىدىغان ھالەتتە تىزىلغان بولۇپ، نۇر مۇشۇ خىيالىي ئەينەكلەر بىناسىدىكى بىر نۇقتىغا يىغىلاتتى، قاپقىقى ئېتىلگەن ھامان بىچارە نۇر ئەينەكلەر ئارىسىدا قايتىشقا ھامان مەجبۇر بولاتتى. كېيىن، كۆڭلۈڭ قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىكلىك تۆشۈككە كۆزۈڭنى توغرىلاپ، قاپقىقىنى ئاچساڭ، ئىچىدىكى كۆرۈنۈشنى، مەيلى قانداق كۆرۈنۈشى بەند قىلىنغان بولسۇن ئىچىدىكى ھەممىنى كۆرەتتىڭ. بىر چىنار دەرىخى، كۆرگەزمىنى كۆرۈۋاتقان پاراڭچى مۇئەللىم، توڭلاتقۇ دۇكىنىنىڭ سېمىز دۇكاندارى، يىرىڭلىق چاقا بېسىپ كەتكەن ئوقۇغۇچى، بىر ئىستاكان لىمون شەربىتى ئىچىۋاتقان مۈلكىيەت خادىمى، ئايران تولدۇرۇلغان كومزەك، ئەۋرەن پاشانىڭ سۈرىتى، ئاپپاراتقا قاراپ كۈلۈۋاتقان چىشى يوق كۈتكۈچى، قارامتۇل بىر ئادەم، شۇنچە سەپەر قىلغىنىغا قارىماي تېنى پارقىراپ تۇرغان گۈزەل ۋە مەپتۇنكار جانان ياكى ئۆز كۆزۈڭ، مانا ئۇنى يېڭىدىن كۆرۈۋاتاتتىڭ.
ئاپپاراتقا ئەمەس، كۆرگەزمىگە قاراۋاتقاندا باشقا ئىشلارنىمۇ كۆردۇق: مەسىلەن، كاتەكچە چاپانلىق، ئاق كۆڭلەكلىك، گالستۇكلۇق بىر ئادەم نۇتۇق سۆزلەۋاتاتتى. خالايىقنىڭ زور كۆپچىلىكى كىچىك توپ شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بىر-بىرىگە ۋە بىزگە سىنچىلاپ قارىشاتتى. چېچىغا قىزىل لېنتا چىگىۋالغان كىچىك بىر قىز بېشىغا ياغلىق چىگكەن، گەۋدىلىك ئانىسىنىڭ پېشىدە بىرئازدىن كېيىن ئوقۇيدىغان شېئىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتاتتى. جانان ماڭا يېقىنلاشتى. ئۇچىسىدا بىز كاستامونۇ دىن ئالغان، سۈمەربانك نۇسخىسىدىن ئاچ يېشىل رەڭلىك بىر يوپكا بار ئىدى. ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، بىلىسەن پەرىشتە. ئايران ئىچتۇق. ئاشخانىدىكى تۇمانلىق ئاخشام يورۇقىغا ئېرەڭسىز، ھارغىن، ئۇيقۇچان ھالدا قارىدۇق. ئۇ يەردە بىر خىل مەۋجۇتلۇق مۇزىكىسى، ھايات ئۇچۇرى، تېلېۋىزور ئېكرانى بولغاچقا، ئۇلارنى ئىچكىرىلەپ چۈشىنىشكە تىرىشاتتۇق.
بۇ يېڭى تېلېۋىزور دوكتور نارىننىڭ تۆھپىسى، − دېدى كېپىنەك شەكىللىك گالستۇك تاقىغان بىر ئادەم. ئۇ ماسون تەشكىلاتىنىڭ ئادىمىمىدۇ؟ بۇ تەشكىلات ئادىمىنىڭ كېپىنەك شەكىللىك گالستۇك تاقايدىغانلىقىنى بىر گېزىتتە ئوقۇغانىدىم.
− سىلەر كىم بولىسىلەر؟− دەپ سورىدى مەندىن ۋە بەلكى جانانغا مەندىن بەكرەك قاراشتىن تەپ تارتقانلىقى ئۈچۈن پېشانەمگە دىققەت بىلەن قارىدى.
− ئەلى قارا ۋە ئەپسۇن قارا،− دېدىم مەن.
− ناھايىتى ياش ئىكەنسىلەر. دەردمەن ئوقەتچىلەر ئارىسىدا بۇنداق ياشلارنىڭ بولۇشى بىزنى ئۈمىدلەندۈرىدۇ.
− ياشلىققا ئەمەس، يېڭى بىر ھاياتقا ۋەكىللىك قىلىۋاتىمىز، ئەپەندىم، — دېدىم.
− بىز دەردمەن ئەمەس، ساغلام ئىمانلىق، — دېدى بەستلىك، كېلىشكەن، كوچىدا ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلىرى سائىتىنىڭ قانچە بولغانلىقىنى سوراپ بېقىشقا يارىغۇدەك روھلۇق بىر تاغا.
شۇنداق قىلىپ بىزمۇ كۆپچىلىككە قېتىلدۇق. چېچىغا لېنتا چىگىۋالغان قىز مەيىن ياز شامىلىدەك بوش ئاۋازدا شېئىرىنى ئوقۇدى. يەرلىك فىلىملەردە ياخشى ناخشىچى بولالىغۇدەك كېلىشكەن يىگىت خۇددى سەپكە تىزىلىۋاتقان ئەسكەردەك چاققانلىق بىلەن بۇ رايوندىكى سەلجۇق مۇنارلىرى، تۇرنىلار، قۇرۇلۇۋاتقان ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە چەت مەھەللىلەرنىڭ بەرىكەتلىك ئىنەكلىرى ھەققىدە توختالدى. ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئاشخانا شىرەلىرىدە ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ بايقاشلىرىنى چۈشەندۈرۈۋاتقاندا، دادىسى ياكى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ غۇرۇر بىلەن بىزگە قارايتتى. ئايران ۋە لىمون ئىستاكانلىرىنى كۆتۈرۈپ بۇلۇڭلارغا يىغىلدۇق؛ بىر-بىرىمىزگە سوقۇلدۇق، قول سىقىشتۇق. بىلىنەر-بىلىنمەس ھاراق ھىدى ۋە OPA ھىدىنى پۇرىدىم، ئەمما كىمدىن، كىملەردىن؟ دوختور نارىننىڭ تېلېۋىزورىغا قارىدۇق. دوختور نارىن ھەققىدە كۆپرەك گەپ بولۇۋاتاتتى، ئەمما ئۆزى بۇ يەردە يوق ئىدى.
قاش قارايغاندا ئەرلەر ئالدىدا، ئاياللار كەينىدە ئاشخانىغا بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرا مەكتەپتىن چىقتۇق. بازارنىڭ قاراڭغۇ كوچىلىرىدا جىمجىت بىر دۈشمەنلىك بار ئىدى. تېخىچە تاقالمىغان ساتىراشخانا ۋە باققال دۇكانلىرىنىڭ ئىشىكلىرىدىن، تېلېۋىزورى ئوچۇق قەھۋەخانىدىن ۋە لامپىلىرى يېنىۋاتقان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ دېرىزىلىرىدىن كۆزىتىلىۋاتاتتۇق. كېلىشكەن ئوقۇغۇچى گېپىنى قىلغان تۇرنىلاردىن بىرى مەيداندىكى مۇناردىن ئاشخانىغا كىرىۋاتقان بىزگە تىكىلىپ تۇراتتى. قىزىقىش بىلەن؟ دۈشمەنلىك بىلەن؟
بۇ ئاشخانا تاملىرىغا تۈرك ئۇلۇغلىرىنىڭ شەرەپكە تولغان تارىخى، بىزگە تەۋە دېڭىز ئاستى، ئۈسكەك پۇتبولچىلار، كۆك ئەنجۈرلەر، ساپسېرىق ئامۇتلار ۋە بەختلىك قويلارنىڭ رەسىملىرى ئېسىلغان، ئەينەك ئىدىش، گۈل تەشتەكلىرى بار ئوبدان يەر ئىدى. بىر چاغدا بۇ يەر بايلار ۋە خوتۇنلىرى ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار، بىزنى ياخشى كۆرگەنلەر ۋە بىزگە ئىشەنگەنلەر بىلەن تولغاندا ئۆزۈمنى گويا بۇنداق يىغىلىشنى نەچچە ئايلاردىن بۇيان كۈتۈۋاتقاندەك، نەچچە ئايلاردىن كېيىن مۇشۇنداق كېچىگە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلدىم. ھەممەيلەندىن جىق ئىچتىم. ئەرلەر شىرەسىدە يېنىمدا ئولتۇرۇپ قوپقانلار بىلەن ھاراق قەدەھلىرىنى سوقۇشتۇرۇۋاتقاندا ئارزۇ بىلەن شەرەپ، ھاياتنىڭ غايىب مەنىسى، غايىب ئىشلار ھەققىدە سۆزلىدىم. ياق، گەپنى ئاۋۋال ئۇلار چىقارغانلىقى ئۈچۈن؛ يانچۇقىدىن بىر تۇتام قارتا چىقارغان ۋە پوپنىڭ ئورنىغا سىزغان شەيخنى، يىگىتنىڭ ئورنىغا سىزغان قۇلنى ئىپتىخار بىلەن كۆرسىتىپ، دۆلىتىمىزدىكى 170مىڭ قەھۋەخانىنىڭ ئىككى يېرىم مىليونغا يېقىن شىرەسىدە بۇنىڭدىن كېيىن بۇ قارتىلارنىڭ تارقىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن چۈشەندۈرگەن بۇرادەرنىڭ گېپىنى شۇنداق توغرا تاپتىمكى، قاراشلىرىمىزدىكى ئوخشاشلىققا ئىككىلىمىز ھەيران قالدۇق: ئۈمىد بۇ يەردە، بۇ كېچە بىر سۈرەت شەكلىدە ئارىمىزدا ئىدى؛ بۇ ئۈمىد پەرىشتىمىدى؟ بۇ بىر نۇر، دېيىشتى ئۇلار، ھەر نەپەستە بىر ئاز كېمىيىپ تۇرىمىز، ئەشيالىرىمىزنى كۆمگەن يېرىمىزدىن چىقىرىمىز. بىرى بىر مەش كۆرسەتتى. باشقا تونۇش بىرسى:” بىر ۋېلىسىپىت باركى، بەدىنىمىزگە تازا ماس كېلىدۇ “ دېدى. كېپىنەك گالستۇك تاقىغان ئەپەندى يانچۇقىدىن بىر بوتۇلكا سۇيۇقلۇق ئېلىپ دېدى: ”چىش مەلھىمى ئورنىغا مۇشۇ سۇيۇقلۇق ئىشلىتىلسە… “. ” بىر چۈش كۆردۈم،— دەپ بايان قىلدى چىشى چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن ھاراق ئىچەلمەس بولۇپ قالغان بوۋاي ئەپسۇسلىنىپ،− قورقماڭلار! شۇندىلا روھىڭلار سۇنمايدۇ“. ئۇ كىمدۇ؟ ئاساسلىق ئەشيانىڭ سىرىنى بىلىدىغان دوختور نارىن نېمىشقا كەلمىگەندۇ؟ نېمىشقا يوقتۇ؟ ”ئەسلىدە، — دېدى بىرسى، — دوختور نارىن بۇ ئېتىقادلىق ياش بىلەن كۆرۈشكەن بولسا ئۇنى ئۆز ئوغلىدەك ياخشى كۆرۈپ قالاتتى“. بۇ گەپنى قىلغان كىمدۇ؟ مەن ئارقامغا بۇرۇلغىچە جىم بولدى. ”ھەي، دوختور نارىن ھەققىدە بۇنداق ئېگىز-پەس گەپ قىلماڭلار. ئەتە تېلېۋىزوردا پەرىشتە كۆرۈنگەن ھامان بەس-مۇنازىرە چىقىدۇ! ھەممە ئىشقا ۋە بۇ ۋەھىمىلەرگە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت سەۋەبچى“ دېگەنىدى ئۇ، ئەمما ئۇمۇ ئەسلىدە بىزنىڭ قارىشىمىزغا پۈتۈنلەي قارشى ئەمەس ئىدى. ”تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ زەردارى ۋەھبى كوچمۇ بۇ داستىخانغا، بۇ تەكلىپكە كېلىدۇ. ئۇ ئەڭ چوڭ ئوقەتچى“ دېدى بىرى. بىركىملەر بىلەن، يەنى ياش دەپ مېنى تەبرىكلىگەنلەر، ئوچۇق سۆزلۈك دەپ مېنى قۇچاقلىغانلار بىلەن يۈز يېقىشقىنىمنى ئەسلەۋاتىمەن. چۈنكى ئۇلارغا ئاپتوبۇسلاردىكى ئېكراننى، رەڭلەرنى ۋە ۋاقىتنى سۆزلەپ بەرگەنىدىم. ”ئېكران، − دېدى مونوپولچى دۇكاندار، ئۇ يېقىملىق بىر ئادەم ئىدى،− بىزنىڭ ئاخىرلاشقان بۇ ئېكران ئەمدى بىزلەرگە بۇ تۇزاقنى ھازىرلىغانلارنىڭ خاتىمىسى بولىدۇ؛ يېڭى ئېكران يېڭى ھاياتتۇر“. كىمدۇ بىرى يېنىمدا ئولتۇرۇپ قوپاتتى؛ مەنمۇ باشقىلارنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم، قوپتۇم ۋە بالا-قازا، ئۆلۈم، ھۇزۇر، كىتاب، ئۇ پەيت… ھەققىدە سۆزلىدىم، ناھايىتى ئىچكىرىلەپ كەتكەن بولسام كېرەك: ”مۇھەببەت…“دەپ سالدىم ۋە جانان ئولتۇرغان يەرگە قارىدىم، ئۇ ئۆزىگە سەپسالغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرى ئارىسىدا ئىدى. ”ۋاقىت بىر ھادىسە،− دېدىم ئولتۇرۇپ، − بىر ھادىسىنىڭ سەۋەبىدىن بىز بۇ يەردە“. دۇنيادا بولۇشمۇ شۇنداق. ئۇلار”ۋاقىت“ تېمىسىغا شۇنچە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىمنى بىلىپ، خۇرۇم چاپانلىق بىر دېھقاننى چاقىرىپ، ئەمىسە سەن بۇ دېھقاننىڭ گېپىنى ئاڭلا دېيىشتى. ئۇ بەك قېرى ئەمەس ئىدى، ئەمما ئاچچىقى بىلەن ”ئەستاغپۇرۇللا“ دېدى، كىچىككىنە كەشپىياتىنى قويۇن يانچۇقىدىن چىقاردى: ئۇ بىر يانچۇق سائىتى ئىدى، ئەمما خۇشال بولغان پەيتنى چۈشىنەتتى-دە، شۇ ۋاقىتتا ئۆزلىكىدىن توختاپ قالاتتى، ئۇ چاغدا كىشىنىڭ خۇشاللىقىمۇ چەكسىزلىككە ئۇزىرايتتى. خۇشال بولمىغان چېغىڭدا سائەتنىڭ كىچىك ئىسترېلكىسى بىلەن چوڭ ئىسترېلكىسى تېز ماڭاتتى-دە، ئۇ چاغدا سەنمۇ ۋاقىت نېمىدېگەن تېز ئۆتكەن دەيتتىڭ، دەردلىرىڭمۇ كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچە ئۆتۈپ كېتەتتى. ئاندىن كېچىدە سەن سائەت بېشىڭدا ھۇزۇرلىنىپ ئۇخلاۋاتقاندا، سائەت − بوۋاينىڭ ماڭا ئاچقان قولىدا سەۋرچانلىق بىلەن چىكىلداۋاتقان بۇ كىچىك نەرسە − ۋاقىتنىڭ ئارتۇق- كېمىنى ئۆزلۈكىدىن تەڭشەپ، ئۇخلىغان ۋاقتىڭنى ئۆمرۈڭدىن چىقىرىپ تاشلايتتى، بۇنىڭ بىلەن قېرىپ كەتمەستىن ئەتىگىنى ھېچ ئىش بولمىغاندەك كىشىلەر بىلەن تەڭ قوپاتتىڭ.
ۋاقىت دېگەنتىمغۇ، بىر چاغدا ئەينەك ئىدىشتا ئاستا ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقلارغا قاراپ تۇراتتىم، بىر ئادەم قېشىمغا كەلدى، بىر كۆلەڭگە: ”بىزنى،− دېدى، − غەرب مەدەنىيىتىنى كەمسىتتى دەپ ئەيىبلەشمەكتە. ئەسلىدە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە… ئۈرگۈپ تىكى غارلارنىڭ ئىچىدە نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان ساقلىنىۋاتقان خرىستىيان يادىكارلىقلىرىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟“، مەن بېلىقلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا بۇ گەپنى قىلغان كىم ئىدى؟ مەن قايتقىچە غايىب بولدى. ئاۋۋال كۆلەڭگىمىكىن دېدىم، ئاندىن ئۇ دەھشەت پۇراقنى قورقۇنچ بىلەن پۇرىدىم: OPA نىڭ پۇرىقى ئىدى.
ئورۇندۇققا ئولتۇرۇشىمىز بىلەنلا شاپ بۇرۇتلۇق بىر تاغا بىر بارمىقىغا ئاچقۇچ زەنجىرىنى قوپاللىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىپ سورىدى: مەن كىم؟ كىمگە بېلەت تاشلاشنى ئويلاۋاتىمەن؟ قايسى كەشپىياتقا ئامراقمەن؟ ئەتە ئەتىگەندە نېمىنى قارار قىلىمەن؟ ئېسىمدە بېلىقلار بار ئىدى، يەنە بىر ئىستاكان ھاراق ئىچەمسىز دەيتتىم. ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلار ئاڭلىدىم. جىمىپ قالدىم. ئاندىن ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ساتىدىغان دۇرۇس نىيەتلىك دۇكاندار بىلەن يانمۇيان ئولتۇرغانلىقىمىزنى سەزدىم. ئۇ ئەمدى ھېچكىمدىن، ھەتتا ئەينەكلىك ئەۋرىشكە مال ئىشكاپىدىكى سېمىز ئۈچ چاشقانغا سەل قارىغان ھاكىمدىنمۇ قورقمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. نېمىشقا بۇ دۆلەتتە يالغۇز بىر شىركەتلا لىكۆر ساتىدۇ؛ دۆلەت مونوپوللۇقى دېگەن قانداق گەپ؟ بىر ئىشنى ئەسلەۋاتاتتىم، قورقتۇم ۋە قورققانچە يادىمغا كەلگەننى سۆزلىدىم: ”ھايات ئەگەر بىر سەپەر بولسا، − دېدىم،− ئالتە ئايدىن بېرى مەنمۇ سەپەردە، بىر نەرسە ئۆگەندىم، رۇخسەت قىلسىڭىز سۆزلەپ بېرەي“. چۈنكى بىر كىتاب ئوقۇغانىدىم، پۈتۈن دۇنيايىمنى تاشلاپ يېڭىسىنى تېپىش ئۈچۈن سەپەرگە چىققانىدىم! نېمە تاپتىم؟ نېمە تاپقانلىقىمنى سەن سۆزلەپ بېرىۋېرەتتىڭ، پەرىشتە!— بىر پەس جىمىپ قالدىم، بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن ’پەرىشتە‘ دېدىم، نېمە دېگەنلىكىمنى بىلمەستىن، چۈشۈمدىن تۇيۇقسىز ئويغانغاندەك ئەسلىدىم ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا سېنى ئىزدەشكە باشلىدىم. توساتتىنلا ئەسلىيەلىدىم. سەپەردە ئىزدىگىنىم ئىشق-مۇھەببەت ئىدى. جانان ئۇ يەردە−توڭلاتقۇ، مەش ساتقۇچىلار، ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرى، كېپىنەك شەكىللىك گالستۇك تاقىغان ئادەم بىلەن قىزلىرى ئارىسىدا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، ماغدۇرى كەتكەنلەرنىڭ نورمال قاراشلىرى ئارىسىدا، كۆرۈلمىگەن بىر رادىئو مۇزىكىسىنىڭ تەڭكەشلىكىدە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئېگىز بويلۇق، نومۇسسىز بىر ئەبلەخ بىلەن تانسا ئويناۋاتاتتى.
بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تاماكا چەكتىم. تانسا ئويناشنى… فىلىملەردە كېلىن بىلەن كۈيئوغۇل ئوينايدىغان بىر تانسىنى بىلگەن بولسام. قەھۋە ئىچتىم. بارلىق سائەتلەر، يانچۇق سائىتىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسا كېرەك…يەنە تاماكا چەكتىم… كۆپچىلىك تانسا ئوينىغان جۈپلەرنى ئالقىشلىدى. قەھۋە ئىچتىم… جانان ئاياللارنىڭ ئارىسىغا قايتتى. يەنە بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچتىم…
مېھمانخانىغا قايتىۋاتقاندا ئاياللىرىنى قولتۇقلىۋالغان بازارلىقلاردەك، يەرلىك ئوقەتچىلەردەك، مەنمۇ جانانغا يېقىنلاشتىم. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇ بالا كىم؟ سېنى نەدىن تونۇيدۇ؟ ناھىيە بازىرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا بىر تۇرنا ئۆزى قونغان مۇناردىن بىزگە قاراۋاتاتتى. بىز ھەقىقىي ئەر-خوتۇنلاردەك، مېھمانخانىنىڭ كېچىلىك خادىمىدىن 19-نومۇرلۇق ئاچقۇچىمىزنى ئېلىپ تۇراتتۇق، باشقىلاردىن جىق ئىش بىلىدىغان، ھەر كىمدىن بەك كەسكىن كۆرۈنىدىغان بىرسى پەلەمپەي بىلەن مېنىڭ ئارامغا بەستلىك، تەر پۇرايدىغان گەۋدىسىنى تىقىپ يولۇمنى توستى:
− ھۆرمەتلىك قارا، − دېدى ئۇ، − ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا…
ئۇنى ساقچى دەپ ئويلىدىم، ئۇ نىكاھ گۇۋاھنامىسىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدىكى ئۆلۈكلەردىن قالغان مىراس ئىكەنلىكىنى تونۇدى.
− مالال كەلمىسە، بىر ئاز پاراڭلىشىش مۇمكىنمىدۇ؟
ئىككى ئەر بىر-بىرى بىلەن مۇڭدىشىدىغان كەيپىياتتا ئىدى. جانان 19-نومۇرلۇق ياتاقنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ، پەلەمپەيدىن يوپكىسىنى دەسسىمەي نازاكەتلىك ھالدا چىقىپ كەتتى.
بۇ ئادەم گۈدۈل ناھىيە بازىرىدىن ئەمەس ئىدى، ئىسمىنىمۇ ئاڭلاۋېتىپ ئۇنۇتتۇم، كېچىدە پاراڭلاشقىنىغا قارىغاندا بۇ بىر بايقۇش ئەپەندى ئىدى، بەلكىم بۇ كۈتۈش زالىدىكى قەپەزدىكى سېرىق قۇشقاچ ۋەجىدىن ئېسىمگە كەلگەندۇ. سېرىق قۇشقاچ سىملارغا يۇقىرى-تۆۋەن سەكرىگەندە بۇ بايقۇش:
− ھازىر بىزگە يېگۈزۈۋاتىدۇ، ئىچكۈزۈۋاتىدۇ، ئەمما ئەتە ئاۋاز بېرىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئويلىدىڭىزمۇ؟ پۈتۈن بىر كېچە، پەقەت بۇ رايوندىن ئەمەس، مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدىن كەلگەن بارلىق ئوقەتچىلەر بىلەن بىرمۇ بىر پاراڭلاشتىم. ئەتە بىر قالايمىقانچىلىق چىقىشى مۇمكىن. ئويلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ئويلىدىڭىزمۇ؟ ئەڭ ياش ئوقەتچى سىز… كىمگە ئاۋاز بېرىسىز؟— دېدى.
− سىزچە كىمگە ئاۋاز بېرىشىم كېرەك؟− دېدىم.
− دوختور نارىنغا ئەمەس، ماڭا ئىشەن قېرىندىشىم، سېنى قېرىندىشىم دەۋاتىمەن، بۇنىڭ ئاقىۋىتى كۈتۈلمىگەن بىر ئىشتەك قىلىدۇ. پەرىشتىلەر گۇناھ قىلارمۇ؟ قارشىمىزدىكى مانا مۇشۇ كۈچلەر بىلەن كۈچ ئېلىشالايمىزمۇ؟ ھازىر ئۆز خاھىشىمىزدىكىدەك بولۇشقا ئىمكان يوق. بۇنى گېزىتكە ماقالە يازىدىغان مەشھۇر يازغۇچى جالال سالىكمۇ چۈشەنگەن ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ماقالىلىرىنى ئۇنىڭ ئورنىدا باشقىسى يېزىۋاتىدۇ. ھەر بىر چاتاقنىڭ كەينىدە ئامېرىكىلىقلار بار. ئۆز-ئۆزىمىزگە ئىگە بولالمايدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىش ئەلۋەتتە بىر ئازاب. ئەمما بۇ پىشىپ يېتىلىش بىزنى پالاكەتلەردىن ساقلايدۇ. قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ئوغۇللىرىمىز، نەۋرىلىرىمىزمۇ بىزنى چۈشەنمىسە چۈشەنمىسۇن… مەدەنىيەتلەر يارىتىلىدۇ، ۋەيران بولىدۇ. يارىتىلىۋاتقاندا سەن يارىتىلىدىغانلىقىغا ئىشەن، ۋەيران بولغاندا ئويۇننى بۇزغان نەيچى بالىدەك قورالغا ئېسىل. پۈتكۈل خەلق باشقا بىر سالاھىيەتكە كىرىۋالغاندا سەن ئۇلارنىڭ قانچىسىنى ئۆلتۈرەلەيسەن؟ پەرىشتىنى گۇناھقا قانداق شېرىك قىلالايسەن؟ ئاندىن، پەرىشتە كىمدۇر ئەپەندىم؟ پەرىشتە كونا مەشلەرنى، كومپاسلارنى، بالىلار ژۇرناللىرىنى، ئىلغۇچلارنى توپلاۋېتىپتۇ، كىتابقا، مەتبۇئات ئىشلىرىغا دۈشمەن ئىكەن. ھەممىمىز مەنىلىك ھايات كەچۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز، ئەمما بىر نۇقتىدا تۇرۇۋاتىمىز. ئۆزى بولالىغان كىم؟ پەرىشتىلەر پىچىرلىغان تەلەيلىك كىشى كىم؟ بۇلار تەسەۋۋۇر، بۇلار چۈشەنمىگۈچىلەرنى قايىل قىلىش ئۈچۈن چىققان قۇرۇق گەپلەر، ئىش تاپتىن چىقىدۇ. ئاڭلىدىڭىزمۇ، كوچ كېلىدۇ دەيدۇ، زەردار ۋەھبى كوچ… بۇنىڭغا دۆلەت، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتمۇ رۇخسەت قىلمايدۇ؛ كۆز يېشى بىلەن بىللە قۇرۇق نەرسىمۇ كۆيىدۇ. دوختور نارىننىڭ تېلېۋىزورى نېمىشقا خۇسۇسىي يول بىلەن ئەتە كۆرسىتىلىدۇ؟ ئۇ ھەممىمىزنى كۈتۈلمىگەن بىر تەۋەككۈلچىلىككە زورلايدۇ، كوكا كولا ۋەقەسىنى چۈشەندۈرىدۇ دەيدۇ، بۇ ساراڭلىق. بىز بۇ يىغىنغا بۇنىڭ ئۈچۈن كەلمىدۇق.
ئۇ يەنە بىر ئاز سۆزلەيتتى، ئەمما زالغا قىزىل گالستۇكلۇق بىر ئادەم كىرىۋاتاتتى… شۇنىڭ بىلەن ئۇ بايقۇش:”كېچىچە بۇ مۇداپىئە داۋاملىشىدۇ…“ دەپ غىپپىدە تىكىۋەتتى. باشقا بىر ئوقەتچىنىڭ ئۇنىڭ كەينىدىن كوچىغا، ناھىيە بازىرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا چىققىنىنى كۆردۈم.
جانان چىققان پەلەمپەيلەر ئۇدۇلۇمدا ئىدى، ئىچىمدە بىر ئوت ھېس قىلدىم، پۇتلىرىم تىترەيتتى، بەلكى ھاراقتىن ياكى قەھۋەدىن؛ يۈرىكىم سوقاتتى، ئالىقىنىم تەرلەپ كەتكەنىدى. پەلەمپەيلەرگە ئەمەس، بۇلۇڭدىكى تېلېفونغا يۈگۈرۈپ، نومۇرنى چۆرىدىم، لىنىيە ئارىلىشىپ كەتتى، يەنە چۆرىدىم، نومۇرلار ئارىلىشىپ كەتتى، ساڭا چۆرىدىم ئانا: ” ئانا ئاڭلاۋاتامسەن، مەن ئۆيلىنىمەن، بۈگۈن ئاخشام، بىر ئازدىن كېيىن، ھازىر، ھەتتا توي قىلدۇق، ئۈستۈن قەۋەتتىكى ھۇجرىدا، پەلەمپەيلەردىن بىر پەرىشتە بىلەن چىقىۋاتىمەن، يىغلىما ئانا، قەسەم قىلىمەن، ئۆيگە قايتىمەن، يىغلىما ئانا، بىر كۈنى بىر پەرىشتىنى يېتىلەپ بارىمەن“.
سېرىق قۇشقاچ قەپىسىنىڭ كەينىدە بىر كامېرانىڭ بارلىقىنى نېمىشقا بايا بايقىمىدىم؟ پەلەمپەيلەردىن چىقىۋاتقاندا ئۇ غەلىتە كۆرۈنەتتى.
19-نومۇرلۇق ياتاق، جانان ماڭا ئىشىكىنى ئاچقان، قولىدا تاماكا تۇتۇپ مېنى قارشى ئالغان، ئاندىن ئوچۇق دېرىزە يېنىغا بېرىپ ناھىيە بازىرى مەيدانىنى تاماشا قىلغان ياتاق گويا باشقا بىرسىنىڭ بىزگە ئۆزلىكىدىن ئېچىلىپ كەتكەن شەخسىي غەللىسىگە ئوخشايتتى. جىمجىت، ئىسسىق، غۇۋا يورۇق، يانداش ئىككى كارىۋات.
ئوچۇق دېرىزىدىن ناھىيە بازىرىنىڭ غەمكىن يورۇقى ۋە غەزەبلىك، تاقەتسىز تاماكا ئىسى جاناننىڭ ئۇزۇن بوينىغا ۋە چاچلىرىغا ياندىن چۈشۈپ تۇراتتى، ماڭا شۇنداق تۇيۇلۇۋاتامدىكىن، گۈدۈل شەھىرىدىكى ئۇيقۇسىزلار، ئۆلۈكلەر ۋە بىئارام ئۇخلاۋاتقانلار يىللار بويى نەپەسلىنىپ ئاسماندا توپلىغان بىر خىل بەختسىزلىك تۇمانىغا جاناننىڭ مەن كۆرمىگەن ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئاچچىق، سەۋرسىز تاماكا ئىسى قوشۇلۇۋاتاتتى.
پەستىن بىر مەستنىڭ قاقاقلاپ كۈلگىنى ئاڭلاندى، بەلكىم بىرەر ئوقەتچى ئىشىككە ئۈستى بولغاي. جاناننىڭ ئۆچمىگەن تاماكىسىنى نوچىلاردەك پەسكە ئاتقىنىنى، تاماكىنىڭ موللاق ئېتىپ چۈشكەندىكى ساغۇچ يورۇقىغا كىچىك بالىلاردەك قارىغانلىقىنى كۆردۈم. دېرىزە يېنىغا باردىم، نېمىگە قارىغىنىمنى بىلمەستىن مەنمۇ پەسكە، كوچىغا، مەيدانغا قارىدىم. ئاندىن يېڭى بىر كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا قارىغاندەك، دېرىزىدىن كۆرگەن نەرسىلەرنى ئۇزاق تاماشا قىلدۇق.
− سەنمۇ خېلى ئىچتىڭغۇ دەيمەن؟— دەپ سورىدىم.
− ئىچتىم، − دېدى جانان روھلۇق ھالدا.
− بۇ يەنە نەگىچە بارار ؟
− يولمۇ؟ − دېدى جانان مەيداندىن چىقىپ باش بېكەتكە، بېكەتتىن ئاۋۋال مازارلىققا بارىدىغان يولنى كۆرسىتىپ.
− سەنچە بۇ قەيەردە ئاخىرلىشىدۇ ؟
− ئۇقمايمەن، − دېدى جانان،− ئەمما بارىدىغان يەرگىچە بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن، يەنە كېلىپ بۇ بىر يەردە ئولتۇرۇپ كۈتۈشتىن ياخشى ئەمەسمۇ؟
− ھەمياندىكى پۇللارنى تۈگىتەي دېدۇق، − دېدىم.
بايا جانان كۆرسەتكەن يولنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭلىرى بىر ماشىنىنىڭ كۈچلۈك چىراغلىرى بىلەن يورىدى. مەيدانغا كىرگەن ماشىنا بوش بىر يەردە توختىدى.
− ئۇ يەرگە بارالمايمىز، − دېدىم مەن.
− سەن مەندىن جىق ئىچىپسەن، − دېدى جانان.
ماشىنىدىن چۈشكەن بىر ئادەم ماشىنىسىنى ئەتكەندىن كېيىن بىزنى كۆرمەستىن، بىزگە قاراپ ماڭدى ۋە جانان پەسكە تاشلىۋەتكەن تاماكا قالدۇقىغا باشقىلارنى ئېزىدىغانلاردەك ئاڭسىز ھالدا دەسسىۋەتكەندىن كېيىن، ”ئىقبال مېھمانخانىسى“ غا كىردى.
ئۇزاق، ناھايىتى ئۇزاق داۋاملاشقان جىمجىتلىق باشلاندى؛ گويا بۇ كىچىك، سۆيۈملۈك گۈدۈل شەھىرىدە ھېچكىم يوق ئىدى. يىراق بىر مەھەللىدىن بىر-ئىككى ئىت قاۋاشتى-دە، يەنە جىمجىتلىق باشلاندى. مەيداننىڭ قاراڭغۇ يېرىدىكى چىنار ۋە كاشتان دەرەخلىرىنىڭ ياپراقلىرى مەيىن شامالدا ئارىلاپ شىۋىرلىماي مىدىرلايتتى. ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئۇ يەردىكى دېرىزىدىن، ئويۇن كۈتۈۋاتقان بالىلاردەك جىمجىت سىرتقا قاراپ تۇرغان بولساق كېرەك. قايسىدۇر بىر ئەستە تۇتۇش ئويۇنىدەك، ھەر سېكۇنتنى بىر-بىرلەپ ھېس قىلىۋاتاتتىم، ئەمما ئۆتكەن ۋاقىتنىڭ نېمە قالدۇرغانلىقىنى دېيەلمەيدىغاندەك قىلاتتىم. خېلىدىن كېيىن:
−ياق، ياق، ماڭا تەگمە! − دېدى جانان،− ماڭا تېخى ھېچقانداق ئەر يېقىنلىشىپ باقمىدى!
ئىشلار ئۆتمۈشنى ئەسلىگەندىلا ئەمەس، بەزىدە تۇرمۇشنىڭ ئىچىدىلا ئۇنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندا يۈز بېرىدىغۇ، بىر ھازا باشتىن كەچۈرگەن ئىشنىڭ ۋە مەن دېرىزىدىن كۆرگەن كىچىك گۈدۈل ناھىيە بازىرىنىڭ رېئاللىق ئەمەس، بەلكى مەن تەسەۋۋۇر قىلغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بەلكىم كۆز ئالدىمدا ھەقىقىي ناھىيە بازىرى ئەمەس، پوچتا ئىدارىسى چىقارغان بىر يۈرۈش يۇرت ماركىلىرىدا كۆرۈلىدىغان مەلۇم ناھىيە بازىرىنىڭ رەسىمى تۇراتتى، شۇنىڭغا قاراۋاتاتتىم. ئۇ ماركىلاردىكى كىچىك بازارلاردەك تۇيغۇ بەرگەن گۈدۈل ناھىيە بازىرىدىكى شەھەر مەيدانى ماڭا پىيادىلەر يولىدا ماڭغىلى، بىر قاپ تاماكا ئالغىلى ۋە چاڭ-توزان باسقان ئەينەك تەكچىلەرگە قارىغىلى بولىدىغان بىر يەر ئەمەس، بەلكى بىر خاتىرە بۇيۇمىدەك كۆرۈنەتتى.
ئۇنى خىيالىي شەھەر، يەنى خاتىرە شەھەر دەپ ئويلىدىم. كۆزلىرىمنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر يەردىن كەلگەن ۋە زادى ئۇنتۇلمايدىغان ئېچىنىشلىق ئەسلىمىنىڭ ئۆزلىكىدىن بىر ھەرىكەت بىلەن ئەمدى ئۇنتۇلمايدىغان كۆرۈشكە ئائىت نەتىجە ئىزدىگەنلىكىنى بىلەتتىم: مەيداننىڭ قاراڭغۇ تەرىپىدىكى دەرەخلەرنىڭ ئاستىغا، غۇۋا چىراغدا يورۇغان تراكتورلارنىڭ تاپانلىرىغا، دورىخانىنىڭ، بانكىنىڭ ئۈستىدىكى پۈتۈن كۆرۈنمەيدىغان خەتلىرىگە، كوچىدا ماڭغان بىر بوۋاينىڭ دۈمبىسىگە ۋە بەزى دېرىزىلەرگە قاراپ چىقتىم… ئاندىن سۈرەتتىكى مەيداننىڭ ئەمەس، ئۇ سۈرەتنى تارتقان ئاپپاراتنىڭ ۋە سۈرەتچىنىڭ ئورنىنى تېپىشقا تىرىشقان قىزىققۇچىدەك، ”ئىقبال مېھمانخانىسى“نىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى دېرىزىدىن قاراۋاتقان ئۆزۈمنى خىيالىمدا سىرتتىن كۆرۈشكە باشلىدىم. بىز ئاپتوبۇستا كۆرگەن چەت ئەل فىلىملىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكىدەك، ئاۋۋال شەھەرنىڭ ئاساسىي كۆرۈنۈشى كۆرۈنەتتى، ئاندىن بىر مەھەللە، ئاندىن بىر ھويلا، بىر ئۆي، بىر دېرىزە… ۋە بۇ چەت، يىراق مېھمانخانىنىڭ دېرىزىسىدىن قاراۋاتقىنىمدا، سەن بولساڭ ئۇچاڭدا چاڭ-توزانلىق كىيىملەر بىلەن دېرىزىنىڭ ئارقىسىدىكى بىر كارىۋاتتا سوزۇلۇپ ياتقاندا، ئىككىمىزنى، دېرىزىنى، مېھمانخانىنى، مەيداننى، ناھىيە بازىرىنى، بېسىپ ئۆتكەن شۇنچە يوللارنى ۋە يۇرتلارنى سىرتتىن، ئىچىمدىن كۆرۈۋاتاتتىم. گويا مەن تەسەۋۋۇر قىلغان ۋە ئۇ يەر-بۇ يېرىنى ئەسلىگەن ئۇ شەھەرلەر، يېزىلار، فىلىملەر، ماي قاچىلىغۇچىلار ۋە يولۇچىلار ئىچىمنىڭ چوڭقۇر بىر يېرىدە ھېس قىلغان ئېچىنىش، كۆڭۈلسىزلىك بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنىدى، بۇ ئازاب شەھەرلەردىن، تۆكۈلۈپ تۇرغان خارابلىقتىن، يولۇچىلاردىن ماڭا ئۆتتىمۇ ياكى قەلبىمدىكى ئېچىنىش تۈپەيلىدىن بۇ ئازابنى بۇ دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىگە ئۆزۈم تارقىتىۋەتتىممۇ، بىلەلمەيۋاتاتتىم.
دېرىزىنىڭ چۆرىسىدىن باشلانغان سۆسۈن رەڭ تام قەغىزىنى خەرىتىگە ئوخشاتتىم. بۇلۇڭدا تۇرغان توكلۇق مەشنىڭ ئۈستىگە vezuv” شىركىتى ئىشلىدى“ دەپ يېزىلغانىدى، يەرلىك باي بىلەن ئاخشام يېڭى تونۇشقانىدىم. ئۇدۇل تامدىكى قول يۇيىدىغان يەرنىڭ جۈمىكىدىن سۇ تامچىلاپ تۇراتتى. ئىشكاپنىڭ ئىشىكى چىڭ ئېتىلمىگەنلىكتىن ئۇنىڭدىكى سىنئەينەك ئىككى كارىۋاتنىڭ ئارىسىدىكى كىچىك ئىشكاپنى ۋە ئۈستىدىكى چىراغنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. چىراغ نۇرى ياندىكى كارىۋاتنىڭ سۆسۈن رەڭ يوپۇرماق گۈللۈك ياپقۇچىغا، بۇ ياپقۇچنىڭ ئۈستىدە كىيىمى بىلەن يېتىپ ئۇخلاپ قالغان جانانغا ئىللىق چۈشۈپ تۇراتتى.
جاناننىڭ كاشتانرەڭ چاچلىرى سۇس قىزارغانىدى. مەن بۇ قىزىللىقنى ھازىرغىچە نېمىشقا بايقىمىدىم ؟
يەنە نۇرغۇن نەرسىنى تېخى بايقىمىغانلىقىمنى ئويلىدىم. كاللام كېچە سەپىرىدە بىز ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ شورپا ئىچكەن ھېلىقى ئاشخانىلاردەك پارقىراق ھەم قالايمىقان ئىدى. قايسىبىر يول تۈگۈنىدىكى ئاشخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن غەپلەت باسقان، خىيالىي ماشىنىلاردەك ھارغىن ئوي-خىياللار ئۇھ تارتقان ھالدا خوت ئالماشتۇرۇپ كاللامنىڭ بۇ قالايمىقانچىلىقىدىن كېسىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، خىيالىمدىكى قىزنىڭ ئارقامدىلا باشقا بىرسىنى چۈشەپ ئۇخلاۋاتقاندىكى نەپەس ئېلىشلىرىنى ئاڭلاۋاتاتتىم.
يېنىدا يات، ئۇنى قۇچاقلا، شۇنچە بىللە بولغاندىكىن تەنلەر بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. دوختور نارىن دېگەن كىمدۇ؟ ئىختىيارسىز بۇرۇلۇپ گۈزىلىمنىڭ پۇتلىرىغا قاراۋاتقىنىمدا ئەسلىدىمكى، قېرىنداشلار، ئاشۇ گۈزەل پۇتلار كېچە جىمجىتلىقىدا ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىۋاتىدۇ، مېنى كۈتۈۋاتىدۇ. ئاشۇ جىمجىتلىقنىڭ ئىچىدىن چىققان بىر پەرۋانە توك چىراغنىڭ ئەتراپىدا ھەسرەت بىلەن چاڭ-توزان قالدۇرۇپ ئايلىنىۋاتىدۇ. ئوت ئىچىدە ئىككىمىز تەڭ يېنىپ كۆيۈپ ئۆلگىچە قېنىپ-قېنىپ سۆيەي جاناننى. بىر مۇزىكا ئاڭلاۋاتىمەنمۇ ياكى خىيالىم ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە «كېچىنىڭ چاقىرىقى»ناملىق ئارىيەنى چالدىمىكىن-تاڭ. كېچىنىڭ چاقىرىقى ئەسلىدە مەن قۇراملىق ئەر بۇرادەرلىرىم بەك ياخشى بىلگىنىدەك، نىشان تاپالمىغان جىنسىي ئىستەكلەرنىڭ ئورنىغا قاراڭغۇ بىر خالتا كوچىغا كىرىپ، ئۆزۈمدەك ئۈمىدسىز ئىككى-ئۈچ ئىتنى تېپىپ، ئېچىنىشلىق ھۇۋلاش، بىرسىنى تىللاش، بىرسىنى ھاۋاغا ئۇچۇرىدىغان بومبىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش، بەلكىم سەن چۈشىنىسەن پەرىشتە، بىزنى بۇ پەرىشان ھاياتقا مەھكۇم قىلغان خەلقئارا سۇيىقەست پىلانلىغۇچىلار ھەققىدە غەيۋەت قىلىشتۇر. بۇ غەيۋەتنىڭ «تارىخ» دېيىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن.
يېرىم سائەت، بەلكىم 45 مىنۇت، بوپتۇ، بوپتۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر سائەت ئۇخلىغان جاناننى تاماشا قىلدىم. ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپ، سىرتقا چىقىپ، ئىشىكنى تېشىدىن قۇلۇپلاپ، ئاچقۇچنى يانچۇقۇمغا سالدىم. جانانىم ئۇ يەردە قالدى، رەت قىلىنغان مەن كېچىنىڭ ئىچىدە، كوچىدا ئۇ ياق-بۇياققا ماڭىمەن، بىر تال تاماكا چېكىپ بولۇپ، ئوچۇق بىر دۇكاندا بىر ئاز ئىچىپ جاسارەتلىنىپ، قايتىپ ئۇنى قۇچاقلايمەن.
كېچىنىڭ سۇيىقەستچىلىرى ماڭا پەلەمپەيدە ئېسىلىشتى ۋە: ”سىز ئەلى قارا، − دېدى بىرى، − سىزنى تەبرىكلەيمەن، مۇشۇ يەرگىچە كەلدىڭلار ھەم شۇنچە ياش ئىكەنسىلەر.“
”بىزگە قوشۇلساڭلار، − دېدى قارىماققا تەڭ بويلۇق ۋە ئوخشاش ئىنچىكە گالستۇك بىلەن ئوخشاش قارا چاپان كىيگەن تەڭ قۇراملىق ئىككىنچى قاراقچى، − سىلەرگە ئەتە چىقىدىغان غوۋغادىن بەزى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن.“
ئۇلار قوللىرىدىكى تاماكىلىرىنىڭ چوغلىنىۋاتقان قىزىل ئۇچىنى پېشانەمگە ئىستوۋۇلنى تەڭلىگەندەك تەڭلەپ تۇراتتى، كۈشكۈرتكىچى ئەلپازدا كۈلۈمسىرەيتتى.
− سىزنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن،− دەپ قوشۇپ قويدى بىرىنچىسى.
يېرىم كېچىدە ئۇلارنىڭ بۇ يەردە غەيۋەت، قاقتى-سوقتى
قىلىش تەييارلىقى قىلىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلاتتىم.
ئەمدى تۇرنىلار كۆزىتەلمەيدىغان كوچىلارغا چىقتۇق، لىكۆر قۇتىلىرىنىڭ ۋە قارنى كۆپۈپ كەتكەن چاشقانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ، بىر خالتا كوچىغا كىرىپ، ئىككى قەدەم ماڭا- ماڭماستىنلا بىر ئىشىك ئېچىلىپ، بىزنى قويۇق ھاراق ۋە مەيخانا پۇرىقى قارشى ئالدى. داستىخان سېلىنغان قاسماق شىرەدە ئولتۇرۇپ ئىككى قەدەھ ھاراقنى ئارقا-ئارقىدىن ئىچكەندىن كېيىن، دوستلىرىم، بەخت، ھايات ھەققىدە يېڭى نەرسىلەرنى بىلگەندەك بولدۇم.
ماڭا تۇنجى پاراڭ قىلغان سىتقى بەگ سەيدىشەھەردە پىۋا سودىگىرى ئىدى. ئۇ ماڭا قىلغان ئىشى بىلەن ئېتىقادى ئارىسىدا ھېچقانداق زىددىيەت يوقلۇقىنى ھېكايە قىلدى. چۈنكى پىۋا، بىر ئاز ئويلاپ كۆرۈلسە ئايدىڭلىشاتتىكى، ھاراقتەك ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئەمەس ئىدى. ئۇ ئىچىدىكى كۆپۈكلەرنىڭ ”گاز“ ئىكەنلىكىنى ماڭا ئاچتۇرۇپ، بىر ئىستاكانغا تۆككەن بىر بۇتۇلكا Efes پىۋىسى بىلەن كۆرسەتتى. ئىككىنچى دوستۇم بەلكىم تىكىش ماشىنىسى سودىگىرى بولغانلىقتىن، بۇ خىل ھاسىلاتلار، زىيادە سەزگۈرلۈكلەر ۋە بىئاراملىقلارغا پىسەنت قىلمايتتى، يېرىم كېچىدە قاراڭغۇ ئىستولبىلار بىلەن قارغۇلارچە تېپىشقان ئۇيقۇچان، مەست ماشىنا شوپۇرلىرىدەك ھاياتنىڭ تا مەركىزىگە تېزلا چۆكەتتى.
مانا، ھۇزۇر بۇ يەردە ئىدى، بۇ ناھىيە بازىرىدا، بۇ كىچىك مەيخانىدا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە؛ بىز ئېتىقادلىق ئۈچ يولداش بىرلىكتە بەھىرلەنگەن ھاراق شىرەسىنىڭ ۋە ھاياتنىڭ مەركىزىدە. ئەمدى ئۆتمۈشتە بېشىمىزغا كەلگەنلەرنى ۋە ئەتە كېلىدىغانلارنى ئويلىغانچە بۇ پەيتنىڭ، غەلىبىلىك ئۆتمۈشىمىز بىلەن قورقۇنچلۇق ۋە جاپالىق كېلەچىكىمىز ئارىسىدىكى بۇ تەڭداشسىز پەيتنىڭ قىممىتىنى بىلەتتۇق. بىر-بىرىمىزگە ھەر قاچان ھەقىقەتنى سۆزلەيدىغانلىقىمىزغا قەسەم قىلدۇق، يۈز يېقىشتۇق، كۆزىمىزدىن ياش چىقىرىپ كۈلۈشتۇق. دۇنيانىڭ ۋە ھاياتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تەبرىكلىدۇق. مەيخانىدىكى ساراڭ خوجايىنلار ۋە ھوشيار تەشكىلاتچىلار توپىغا قاراپ قەدەھلىرىمىزنى كۆتۈردۇق. ھايات مانا شۇ ئىدى، نە ئۇ يەردە، نە باشقا بىر يەردە، نە جەننەتتە، نە جەھەننەمدە ئەمەس، دەل مۇشۇ يەردە، بۇ پەيتنىڭ ئىچىدە ئىدى بۇ ھەشەمەتلىك ھايات. قايسى تەلۋە بىزنى خاتالاشتى دېيەلىسۇن، قايسى ئازغۇن بىزگە گەپ قىلالىسۇن، بىزنى بىچارە، پەسكەش، ئەخلەت دېيەلەيدىغان كىم ئىدى! بىز ئىستانبۇلدىكى ھاياتنىمۇ، پارىژدىكى ياكى نيۇيوركتىكى ھاياتنىمۇ خالىمايتتۇق؛ زىياپەت زاللىرى، دوللارلار، بىنالار ۋە ئايروپىلانلار ئۇ يەردە قالسۇن؛ رادىئولار ۋە تېلېۋىزورلار −بىزنىڭمۇ ئېكرانىمىز بار−رەڭلىك گېزىتلەر قالسۇن. بىزدە بىرلا نەرسە بار: قارا، قارا، يۈرىكىمگە ھەقىقىي ھاياتنىڭ نۇرى قانداق سىڭمەكتە.
پەرىشتە، بىردىنلا ھوشۇمنى يىغىپ، كىشىلەر نېمىشقا مۇشۇنىمۇ قىلالمايدۇ؟ دەپ ئويلىغىنىمنى بىلىمەن. ئۈمىدسىزلىكنىڭ دورىسىنى ئىچىش شۇنچە ئاسان بولسا ، مەيخانىدىن چىقىپ جان دوستلىرى بىلەن ياز كېچىسىدە كېتىۋاتقان يالغان ئىسىملىك ئەلى قارا سورايدۇ: بۇنچە ئېچىنىش، ئازاب، مۇشەققەت نېمىدىن؟ زادى نېمىدىن؟ ”ئىقبال مېھمانخانىسى“نىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە جانانىمنىڭ چاچلىرىنى قىزىللاشتۇرغان لامپىنىڭ چىرىغى يانماقتا ئىدى.
ئاندىن جۇمھۇرىيەت، ئاتاتۈرك، قانۇنلۇق تامغا ماركىسى دۇنياسىغا كىرىپ كەتكەنلىكىمىزنى بىلىمەن. بىناغا تاكى ئۇنىڭ ھۇجرىسىغىچە كىردۇق، ھاكىم بەگ مېنى پېشانەمدىن سۆيدى؛ ئۇمۇ بىزنىڭ ئادەملەردىن ئىدى. ئەنقەرەدىن بۇيرۇق كەلگەنلىكىنى، ئەتە بىزدىن ھېچكىمنىڭ بۇرنى قانىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مېنى ئەيىبلىدى، لېكىن ماڭا ئىشىنەتتى، ئەگەر خالىسام تاراقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى كۆپلەپ ئىشلەپچىقارغان ھاراق بىلەن نەملىشىپ كەتكەن ئۇقتۇرۇشلارنى ئوقۇيتتۇم:
”ھۆرمەتلىك گۈدۈل خەلقى، چوڭلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىز، ھەدىلەر، ئانىلار، ئاتىلار ۋە ئىمام-خاتىپ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئېتىقادلىق ياشلىرى! مەلۇم بولدىكى، تۈنۈگۈن ناھىيىمىزگە مېھمان بولۇپ كەلگەن بەزى كىشىلەر بۈگۈن مېھمان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشتى! ئۇلار نېمە تەلەپ قىلىشىدۇ؟ نەچچە يۈز يىللىق جامەلىرى، مەسچىتلىرى، بايراملىرى بىلەن دىنىغا، پەيغەمبىرىگە، شەيخلىرىگە، شۇنداقلا ئاتاتۈرك ھەيكىلىگە باغلانغان ناھىيىمىز مۇقەددەس بىلگەن ھەممە نەرسىنى ھاقارەتلەيمەن دەمدۇ؟ ياق، بىز ھاراق ئىچمەيمىز، ياق، بىزگە كوكا كولا ئىچۈرەلمەيسىلەر، بىز بۇتقا، ئامېرىكىغا، شەيتانغا ئەمەس، ئاللاھقا چوقۇنىمىز! ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مارشال فەۋزى چاقماقنى كەمسىتىشكە ئۇرۇنغان يەھۇدىي ئىشپىيۇنى ماكس رۇلو، مارى، ئەلى تەقلىدچىلىرى ۋە ئەنگە ئېلىنغان پاھىشىلەر راھەتبەخش شەھىرىمىزگە نېمىشقا يىغىلىدۇ؟ پەرىشتە كىم؟ ئۇنى تېلېۋىزورغا چىقىرىپ مازاق قىلىش كىمنىڭ ھەددى؟ يىگىرمە يىلدىن بۇيان بۇ شەھەرنى قوغدىغان ھاجى تۇرنا بوۋىغا ۋە جاپاكەش ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرگە قىلىنغان نومۇسسىزلىقلارغا قاراپ تۇرغۇلۇقمۇ؟ ئاتاتۈرك گېرىكلەرنى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن قوغلىغانمىدى؟ مېھمان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان بۇ ھاياسىزلارغا ئۆزىنى تونۇتقۇزمىساق، بۇلارنى شەھىرىمىزگە تەكلىپ قىلغان غاپىللارغا تېگىشلىك ساۋاق بەرمىسەك ئەتە بىر-بىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ سائەت ئون بىردە ئوت ئۆچۈرۈش مەيدانىدا توپلىنىمىز. چۈنكى نومۇسلۇق ياشىغاندىن، شەرەپ بىلەن ئۆلۈشنى خالايمىز“.
ئۇقتۇرۇشنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇدۇم. تەتۈر ئوقۇلسا ياكى چوڭ ھەرپلىرى بىرلەشتۈرۈلسە يېڭى بىر ئاخباراتقا ئېرىشكىلى بولارمىدى؟ ياق. ھاكىم بەگە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ ئەتىگەندىن بېرى گۈدۈل دەرياسىدىن سۇ تارتقانلىقىنى ئېيتتى. ئەتە، كىچىك بىر ئېھتىماللىق شۇكى، ئىشلار بەلكىم كونتروللۇقتىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن، ئوت-يانغىنلار يامراپ كېتىشى، كىشىلەر ئىسسىقتا ئۆزىگە پۈركۈپ چېچىلغان سۇدىن شىكايەت قىلماسلىقى مۇمكىن ئىدى. رەئىس دوستلىرىمىزنى بېسىقتۇردى: ئۇلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىۋاتاتتى ۋە ۋىلايەت مەركىزىدىكى قوراللىق ساقچى ئەترەتلىرى ۋەقە چىقار-چىقماستىنلا ئۇنى باستۇراتتى. ”ۋەقەلەر بېسىقىپ، كۈشكۈرتكۈچىلەرنىڭ، جۇمھۇرىيەت ۋە خەلق دۈشمەنلىرىنىڭ نىيىتى ئاشكارىلانغان ھامان، — دېدى ھاكىم، — كۆرىمىز ئۇ چاغدا، تاملاردىكى سوپۇن ئېلانلىرىنى، ئاياللارغا ئائىت ئېلان لوزۇنكىلىرىنى كىم ئىناۋەتسىز قىلىدىكىن؟ قېنى ئۇ چاغدا، تىككۈچىنىڭ دۇكىنىدىن مەست چىقىپ ھاكىمنى ۋە ھاجى تۇرنىنى يەتمىش پۇشتىغىچە كىم تىللايدىكىن؟“
تىككۈچىلىك دۇكىنىنىمۇ مېنىڭ (مەندەك جەسۇر ياشلىرىمىزنىڭ)كۆرۈشۈم كېرەكلىكىنى شۇ ئارىدا قارار قىلىشتى. ھاكىم زامانىۋى مەدەنىيەتكە يۈكسىلىش تەشكىلاتىنىڭ يېرىم مەخپىي ئەزاسى بولغان ئىككى ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان بىر «قارشى ئۇقتۇرۇش»نىمۇ ماڭا ئوقۇتقاندىن كېيىن، بىر مۇلازىمنى يېنىمغا قوشتى. ئۇنىڭغا مېنى كىيىم تىككۈچىنىڭ يېنىغا ئاپىرىشىنى ئېيتتى.
−ھاكىم بەگ ھەممىمىزگە كۆپ ئىش قىلدۇرىدۇ، − دېدى مۇلازىم ھەسەن تاغا ماڭا كوچىدا. ئىككى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى قۇرئان كۇرسىنىڭ رەختكە يېزىلغان ئېلانىنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا ئىككى ئوغرىدەك شەپە چىقارماي سۆكۈۋاتاتتى. ”ھەممىمىز دۆلەت، خەلق ئۈچۈن ئىشلەۋاتاتتۇق“.
تىككۈچىلىك دۇكىنىدا رەختلەر، كىيىم تىكىش ماشىنىلىرى ۋە ئەينەكلەر ئارىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان شىرەدە بىر تېلېۋىزور، ئاستىدا بىر ۋىدىيونى كۆردۈم. مەندىن بىر ئاز چوڭ ئىككى يىگىت تېلېۋىزورنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، كۇلۇچ ۋە سىملارنى تۇتىۋېلىپ، بىر ئەسۋاب بىلەن ھەپىلىشىۋاتاتتى. بىر ياندىكى سۆسۈن رەڭ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇلارغا ھەم ئۇدۇلىدىكى تىكلەنمە ئەينەكتە ئۆزىگە قاراۋاتقان ئادەم بىر دەم ماڭا قارىدى، بىردەم سوئال نەزىرىدە ھەسەن تاغىغا قارىدى.
−ھاكىم بەگ ئەۋەتتى، − دېدى ھەسەن تاغا، − بۇ بالا سىزگە ئامانەت ئىكەن.
سۆسۈن رەڭ ئورۇندۇقتىكى ئادەم ماشىنىسىنى مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ، جاناننىڭ تاماكىسىنى دەسسىۋەتكەندىن كېيىن مېھمانخانىغا كىرگەن ھېلىقى ئادەم ئىدى. ئۇ ماڭا مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ، ئولتۇرۇشۇمنى ئېيتتى. يېرىم سائەتتىن كېيىن يېتىپ تۇرۇپ بىر كۇنۇپكىنى بېسىپ ۋىدىيونى ماڭدۇردى.
تېلېۋىزور ئېكرانىدا باشقا بىر قانال پروگراممىسى كۆرۈندى. ئۇ ئېكراننىڭ ئىچىدە يەنە باشقا بىر كۆرۈنۈش بار ئىدى. شۇ چاغدا بىر دەستە كۆك نۇرنى كۆردۈم، ئۇ ئۆلۈمنى ئەسلىتىدىغان بىر نۇر ئىدى، ئەمما ئۇ چاغدا ئۆلۈم ناھايىتى يىراق بولۇشى كېرەك ئىدى. نۇر بىزنىڭ ئاپتوبۇسلار ماڭغان بىپايان بىر دالىدا مەلۇم ۋاقىت بىكار كەزدى. ئاندىن سەھەر بولۇپ، شەپەق كۆتۈرۈلدى ۋە ئۇنىڭدىن كالېندار مەنزىرىلىرىنى كۆردۈم. بۇلار دۇنيانىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىگە ئائىت بەزى كۆرۈنۈشلەر بولۇشى مۇمكىن ئىدى. سۆيۈملۈكۈم مېھمانخانا ياتىقىدا ئۇخلاۋاتقاندا، ناتونۇش بىر ناھىيە بازىرىدا مەندەك مەست بولۇپ، ناتونۇش دوستلار بىلەن بىر تىككۈچىلىك دۇكىنىدا ئولتۇرۇپ ھاياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى پەقەت ئويلىماستىن، ئۇنى كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق بىردىنلا كۆرۈش نەقەدەر گۈزەل! ئىنسان سۆزلەر ئارقىلىق ئويلىنىدۇيۇ، نېمىشقا كۆرۈنۈشلەر تۈپەيلىدىن ئازاب چېكىدۇ؟ ”خالايمەن، خالايمەن!“دېدىم ئۆزۈمگە نېمىنى ئارزۇ قىلغىنىمنى ئېنىق بىلمەستىن. ئاندىن ئېكراندا بىر دەستە ئاق نۇر كۆرۈندى، تېلېۋىزورغا ئېڭىشكەن ئىككى يىگىتمۇ بەلكىم نۇرنىڭ يۈزىگە چۈشۈشىدىن بۇنى ھېس قىلىپ ئېكرانغا قارىدى ۋە تېلىۋىزورنىڭ ئاۋازىنى كۈچەيتتى. شۇ چاغدا نۇر پەرىشتە بولدى.
”مەن نېمانچە يىراقتا، − دېدى بىر ئاۋاز، − شۇنچە يىراقتىمەنكى، ھەر زامان ئاراڭلاردىمەن. مېنى ئەمدى ئۆزەڭلارنىڭ ئىچكى ئاۋازى بىلەن تىڭشاڭلار، مېنىڭ ئاغزىمنى ئۆزەڭلارنىڭكىدەك ئويلاپ پىچىرلاڭلار.“
مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ سۆزلىرىنى ناچار تەرجىمە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا تىرىشقان بەختسىز ئاۋاز ئارتىسىدەك پىچىرلىدىم.
−چىدىغۇسىزسەن، ۋاقىت،−دېدىم شۇ ئاۋازدا، −جانان ئۇخلاۋاتقاندا، تاڭ ئېتىۋاتسىمۇ چىدىسام يەنە بەرداشلىق بېرىمەن.
ئاندىن جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى، خىيالىمدىكىلەرنى گويا تېلېۋىزوردا كۆرۈۋاتاتتىم. شۇڭىمىكىن، كۆزۈم ئوچۇقمۇ، يۇمۇقمۇ، خىيالىمدىمۇ، تاشقى دۇنيادىمۇ، بەرىبىر ھەممىسى ئوخشاش مەنزىرە دەيتتىم. شۇنداق قىلىپ يەنە پاراڭ قىلدىم:
− ئۆزىنىڭ چەكسىز سۈپەتلىرىنىڭ شەكلىنى كۆرمەكچى، ئۆزىنى ئۆز ئەينىكىدە كۆرۈپ ئۆز سىرى قىلماقچى بولغاندا، ئاللاھ ئالەمنى ياراتتى: شۇنداق قىلىپ ئېكرانلاردا ۋە فىلىم بېشىدا بىز تولا كۆرىدىغان دالا سەھەرلىرى، يالت-يۇلت ئاسمان، قول تەگمىگەن سۇلار يۇيۇۋاتقان خادا تاشلىق ساھىللار بىلەن، كېچىدە ئورماننىڭ ئىچىدە كۆرگىنىمىزدە قورقىدىغان ئاي شەكىللەندى. كېچىدە ھەممە ئائىلىلەر قاتتىق ئۇخلاۋاتقاندا ئۈزۈلۈپ قالغان توك تۇيۇقسىز كېلىپ، مېھمانخانا ئۆيدىكى تەنھا تېلېۋىزور ئۆزلۈكىدىن قانداق يورۇپ دۇنيانى چۈشەندۈرگەن بولسا، ئۇ چاغدا، قاراڭغۇ ئاسماندا ئايمۇ تىكەندەك يالغۇز ئىدى. ئاي ۋە باشقا نەرسىلەر شۇ چاغدىمۇ بار ئىدى، ئەمما ھېچكىم ئۇلارغا قارىمىغانىدى. دېمەك، ھەممە نەرسە خىرە ئەينەكتە كۆرۈنگەندەك روھسىز ئىدى. بىلىسىز، كۆپ تاماشا قىلدىڭىز، ئەمدى بۇ روھسىز ئالەمنى ئىبرەت ئۈچۈن يەنە بىر تاماشا قىلىڭ.
− ئاكا، بومبا دەل مۇشۇ يەردە پارتلايدۇ، − دېدى ئىككى يىگىتتىن قولىدا ئۈشكە تۇتقان بىرى.
كېيىنكى پاراڭلاردىن تېلېۋىزورغا بىر بومبا ئورناتقانلىقىنى بىلدىم، بىلگىنىم خاتامۇ، ياق، توغرا، كۆرۈنىدىغان بىر خىل بومبا؛ پەرىشتىنىڭ نۇرى كۆزنى قاماشتۇرۇپ ئېكراندا كۆرۈنگەن ھامان پارتلايتتى. توغرا بىلگىنىمنى شۇنىڭدىن ئۇقتۇم. بىر خىل گۇناھ تۇيغۇسى خىيالىي بومبىنىڭ تېخنىكىلىق تەرەپلىرىگە بولغان قىزىقىشىم بىلەن بىللە كاللامنى قوچۇيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ”مانا مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك“ دەپ ئويلايتتىم. بەلكىم شۇنداق بولاتتى: ئەتىگەنلىك يىغىلىشتا خوجايىنلار ئېكراندىكى سېھىرلىك كۆرۈنۈشلەرگە چۆكۈپ كەتكەندە، پەرىشتە ۋە ئەشيالار، نۇر ۋە ۋاقىت ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشقا كىرىشكەندە، بومبا خۇددى دەل قاتناش ۋەقەسىدە يۈز بەرگەندەك يۇمشاق، ئىسسىق پارتلايتتى ھەمدە ياشاشقا، غوۋغا چىقىرىشقا، سۇيىقەستكە تەشنا بولغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە يىللارچە توپلانغان ۋاقىت بىردىنلا ئەتراپقا شىددەتلىك يېيىلىپ ھەممە نەرسىنى توڭلىتىپ قوياتتى. بومبىدا ياكى يۈرەك كېسىلىدىن ئەمەس، ھەقىقىي قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلمەكچى بولغىنىمنى مۇشۇ پەيتتە ئويلىدىم، چۈنكى پەرىشتە ماڭا بەلكىم شۇ ۋاقىتتا كۆرۈنىدۇ، ھاياتنىڭ سىرىنى قۇلىقىمغا پىچىرلايدۇ. قاچان، پەرىشتە؟
ئېكراندا تېخىچە كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈۋاتاتتىم. بىر دەستە نۇر بەلكىم رەڭسىز بىر رەڭ، بەلكىم پەرىشتە، ئەمما ئويلاپ يېتەلمەيتتىم. بومبىدىن كېيىنكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈش ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتقا بىر نەزەر سېلىشقا ئوخشايدۇ. بۇ تەڭداشسىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىشنىڭ ھاياجىنىدا ئۆزۈمنى گويا ئېكراندىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئاۋاز بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. باشقا بىرى سۆزلەۋاتقاندا مەن تەكرارلاۋاتاتتىممۇ ياكى بۇ ئىككى روھنىڭ باشقا بىر دىياردا تېپىشىشىدەك بىر قېرىنداشلىق پەيتى بولغىيمىدى، بىلمەيمەن، مۇنداق دەۋاتاتتۇق:
”ئاللاھنىڭ پۈۋلىشى بىلەن تەڭ ئالەمگە روھ بىلەن بىرلىكتە ئادەم ئاتىنىڭ كۆز نۇرىمۇ يېيىلدى. ئۇ چاغدا نەرسىلەرنى خىرە ئەينەكتە ئەمەس، ئالەمدە بولغاندەك، شۇنداق، دەل بالىلارنىڭ كۆرىدىغىنىدەك كۆردۈق. كۆرگىنىگە نام بېرىدىغان، كۆرگەن نەرسىسىنى نامى بىلەن بىللە ئېسىدە تۇتىدىغان بىز بالىلار ئۇ ۋاقىتلاردا نەقەدەر خۇشال ئىدۇق! ئۇ چاغلاردا ۋاقىت ۋاقىت ئىدى، ھادىسە ھادىسە، ھايات ھايات ئىدى. بىز ھەقىقىي بەختلىك ئىدۇق، لېكىن شەيتان خۇشاللىقىمىزنى كۆرەلمەيتتى؛ شۇڭا خۇشاللىقىمىزغا چىدىماي غەزەبلەنگەن شەيتان بىر چوڭ سۇيىقەستنى پىلانلىدى. گۈتەنبەرگ دېگەن ئادەم چوڭ سۇيىقەستنىڭ پېچكىسى ئىدى. گۈتەنبەرگ (ئۇنى ۋە تەقلىدچىلىرىنى مەتبەئەچى دېدى)نىڭ ئىشچان قولى، چىداملىق بارمىقى ۋە چىۋەر قەلىمى سۆزلەرنى ئۈلگۈرەلمىگىدەك دەرىجىدە كۆپەيتتى؛ يىپىنى ئۈزۈۋەتكەن سۆزلەر مارجانلاردەك تۆت تەرەپكە چېچىلدى؛ كوچا دەرۋازىلىرىمىزنىڭ ئاستىنى، سوپۇن قېلىپلىرىنىڭ، تۇخۇم قاپلىرىنىڭ ئۈستىنى ئاچ ۋە تەلۋە قۇرت-قوڭغۇزلاردەك سۆزلەر ۋە يازمىلار قاپلىدى. شۇنداق قىلىپ بىر زامانلاردا گۆش بىلەن سۆڭەكتەك بولغان سۆز بىلەن ئەشيا بىر-بىرىگە كەينىنى قىلدى. شۇنداق قىلىپ كېچە ئاي يورۇقىدا بىزدىن ’ۋاقىت نېمە؟ ھايات نېمە؟ دەرد-ئەلەم نېمە؟ تەقدىر-قىسمەت نېمە؟ ئازاب-ئوقۇبەت نېمە؟‘ دەپ سورالغاندا، بىر ۋاقىتلاردا قەلبىمىزدىن بىلگەن بارلىق جاۋابلارنى، ئىمتىھان كېچىسىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىدىغان يادىكەش ئوقۇغۇچىدەك بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋەتتۇق. ۋاقىت، − دەيتتى بىر ئەخمەق، − بىر شاۋقۇن-سۈرەندۇر. بالا-قازا، − دەيتتى يەنە بىر تەلەيسىز، − تەقدىر-قىسمەتتۇر. ھايات، − دەيتتى ئۈچىنچى بىرى، − بىر كىتابتۇر. بىز تېڭىرقىغۇچىلار، بىلىسىلەرغۇ، توغرا جاۋابنى قۇلىقىمىزغا پىچىرلىسۇن دەپ پەرىشتىنى كۈتەتتۇق“.
− ئەلى بەگ ئوغلۇم، − دەپ سۆزۈمنى بۆلدى سۆسۈن رەڭ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئادەم،−ئاللاھقا ئىشىنەمسەن؟
بىر دەم ئويلاندىم.
− جانانىم مېنى مېھمانخانا ياتىقىدا ساقلاۋاتىدۇ، − دېدىم.
− ھەممىمىزنىڭ جانانى ئۇ، بېرىپ ئۇنىڭ ۋىسالىغا يەت، −دېدى ئۇ، − ئەتىگەندە ”ۋېنۇس ساتىراشخانىسى“دا چاچ-ساقاللىرىڭنى ئالدۇر.
ئىسسىق ياز كېچىسىگە چىقتىم، بومبا خۇددى بالا-قازادەك بىر ئېزىتقۇ، قاچان كۆرۈنىدىغانلىقى بىلىنمەيدۇ، دېدىم ئۆزۈمگە. بۇ شۇنداق مەنە بېرىدۇكى، تارىخ دېيىلگەن قىماردا ئۇتتۇرغان بىز− پەرىشان مەغلۇبلار ھېچ بولمىغاندا بىر نەرسە ئۇتقانلىقىمىزغا ئۆزىمىزنى ئىشەندۈرۈش، زەپەر تۇيغۇسىنىڭ تەمىنى تېتىش ئۈچۈن يۈز يىللارچە بىر-بىرىمىزگە بومبا ئېتىشاتتۇق. ئاللاھ ئۈچۈن، كىتاب، تارىخ ۋە دۇنيانى دەپ قۇرئانغا، كەمپۇت قېپىغا ۋە خوت قاپقىقىغا ئورۇنلاشتۇرغان بومبىلىرىمىز بىلەن روھىمىزنى ھەم تېنىمىزنى بىر ئوبدان ھاۋاغا سورۇيتتۇق. بۇ ماڭا ئانچە يامان بىلىنمەيدۇ دەپ ئويلاۋاتقىنىمدا، بىردىنلا جاناننىڭ ياتىقىنىڭ يورۇقىنى كۆردۈم.
مېھمانخانىغا ۋە ياتاققا كىردىم، ئانا، مەن بەك مەست. جاناننىڭ يېنىدا ياتتىم، ئۇنى قۇچاقلىدىم دەپ ئويلىغاچ ئۇخلىدىم.
ئەتىگەندە ئويغىنا-ئويغانماي، يېنىمدا ياتقان جانانغا كۈزۈمنى ئۈزمەي قارىدىم. ئۇنىڭ چىرايىدا ئاپتوبۇس ئورۇندۇقلىرىدا ۋىدىيو فىلىمىنى كۆرگەندە بەزىدە كۆرۈنىدىغان ئەندىشە ۋە دىققەت بار ئىدى، ئۇ كۆرۈۋاتقان چۈشىنىڭ تەسىرلىك، ھەيران قالدۇرارلىق بىر سەھنىسىگە تەييارلىنىدىغاندەك كاشتان رەڭگىدىكى قاشلىرىنى كۆتۈرگەنىدى. قول يۇيىدىغان جۈمەكتىن تېخىچە سۇ تامچىلاپ تۇراتتى. قۇياشنىڭ پەردىلەر ئارىسىدىن شۇڭغىغان چاڭ-توزانلىق نۇرى ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ھەسەل رەڭگىدە چۈشكەنىدى، جانان بىر سوئال سوراپ گۇڭرىدى. ئۇ كارىۋىتىدا يېنىك ئۆرۈلگەندە مەن شەپە چىقارماي ياتاقتىن چىقتىم.
سەھەر سالقىنلىقىنى پېشانەمدە سەزگەچ مېڭىپ بارغان ”ۋېنۇس ساتراشخانىسى“دا تۈنۈگۈن ئاخشامقى ئادەمنى كۆردۈم، جاناننىڭ تاماكىسىنى دەسسىگەن ئۇ ئادەم ساقىلىنى قىردۇرۇۋاتقان بولۇپ، يۈزى ماغزاپ ئىچىدە ئىدى. كۈتۈش ئورۇندۇقىدا ئولتۇرار-ئولتۇرمايلا ساقال سوپۇنىنىڭ پۇرىقىنى قورقۇنچ ئىچىدە تونىدىم. ئەينەكتە كۆزىمىز ئۇچراشتى، بىر-بىرىمىزگە كۈلۈمسىرىدۇق. بىزنى دوكتور نارىننىڭ يېنىغا ئاپىرىدىغان ئادەم ئەلۋەتتە مۇشۇ ئىدى.

8

بىزنى دوكتور نارىننىڭ يېنىغا ئېلىپ كېتىۋاتقان 61 تىپلىق كوزۇپلۇق ”Chevrolet“نىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان جانان قولىدىكى «گۈدۈل پوچتىسى» گېزىتى بىلەن چىدامسىز ئىسپانىيە مەلىكىلىرىدەك ئەسەبىيلەرچە يەلپۈنىۋاتقاندا، مەن ئالدى ئورۇندۇقتا خىيالەتتەك يېزىلارنى، ھارغىن كۆۋرۈكلەرنى، زېرىكىشلىك بازارلارنى سانىدىم. OPA پۇرايدىغان شوپۇرىمىز پاراڭچى ئەمەس ئىدى، رادىئونى تولغاپ، ئوخشاش خەۋەرلەرنى، يالغان ھاۋارايى مەلۇماتلىرىنى ئاڭلاشتىن ھۇزۇرلىناتتى. مەركىزىي ئاناتولىيىدە يامغۇر بەزىدە يېغىپ، بەزىدە ياغمايتتى، غەربىي ئاناتولىيىنىڭ ئىچكى رايونلىرىدا ھەممە يەردە قاتتىق يامغۇر ياغاتتى، ھاۋا بەزىدە بۇلۇتلۇق، بەزىدە بۇلۇتسىز ئىدى. بۇ پارچە بۇلۇتلارنىڭ تېگىدىن، دېڭىز قاراقچىلىقى ھەققىدىكى فىلىملەردىن ۋە رىۋايەتلەردىكى دىيارلاردىن چىقىپ كەلگەن قارا يامغۇرلارنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈپ ئالتە سائەت يول ماڭدۇق. ”Chevrolet“ نىڭ ئۈستىگە رەھىمسىزلەرچە ئۇرغان ئاخىرقى قارا يامغۇردىن كېيىن، خۇددى چۆچەكلەردىكىدەك ئۆزىمىزنى بىردىنلا پۈتۈنلەي باشقا بىر يەردە كۆردۇق.
ماشىنىنىڭ ئەينەك سۈرتكۈچلىرىنىڭ ھەسرەتلىك مۇزىكىلىرى جىمىغانىدى. قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى گېئومېتىرىك بىر دۇنيادا سول دېرىزىنىڭ كېپىنەك شەكىللىك ئەينىكىدىن پېتىپ كېتىۋاتاتتى. ئالماستەك سۈزۈك، ئوچۇق، جىمجىت دىيار بىزگە سىرلىرىڭنى تاپشۇر! ئۈستىگە سۇ تامچىلىرى قونغان دەرەخلەر ھەر خىل كۆرۈنەتتى، قۇشلار ۋە كېپىنەكلەر ئالدى ئەينەككە يېقىنلاشماي ئەقىللىق قۇش، كېپىنەكلەردەك ئالدىمىزدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشەتتى. زاماندىن تاشقىرى دىيارنىڭ رىۋايەتلەردىكى دىۋىسى نەدە، ھال رەڭ پەتەكلەر بىلەن سۆسۈن رەڭ جادۇگەرلەر قايسى دەرەخنىڭ ئارقىسىدا؟ دەيتتىم. مەنزىرىدە ھېچقانداق ھەرپ، ھېچقانداق ئىشارەت يوق دېمەكچىدىم، يالتىراۋاتقان ئاسفالت يولدا بىر ماشىنا يېنىمىزدىن جىممىدە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدا ”يانداپ ئۆتۈشتىن ئاۋۋال ئويلان!“ دېگەن سۆزلەر يېزىقلىق ئىدى. سولغا قايرىلىپ بىر توپىلىق يولغا كىردۇق، داۋانلارغا چىقتۇق، غۇۋا قاراڭغۇلۇقتا غايىب يېزىلاردىن ئۆتۈپ، قاراڭغۇ ئورمانلارنى كۆردۇق ۋە دوكتور نارىننىڭ ئۆيى ئالدىدا توختىدۇق.
كۆچۈشلەردىن، ئۆلۈملەردىن ۋە تەلەيسىزلىكلەردىن كېيىن چوڭ ئائىلە تارقىلىپ كەتكەندە، بۇ ياغاچ ئۆي شەن پالاس، سەفا پالاس، جىھان پالاس ۋە كونفور پالاس دېگەندەك ناملار بىلەن مېھمانخانىغا ئايلاندۇرۇلغان كونا ناھىيە بازىرىنىڭ كاتتا تۇرالغۇلىرىدىن بىرىگە ئوخشايتتى، ئەمما ئەتراپىدا يا شەھەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋە بىكار يەرلىرى، توپا باسقان تراكتورلار ياكى مەركەز لەززەت ئاشخانىسى يوق ئىدى. جىمجىتلىق… ئۈستۈنكى قەۋەتتە بۇ خىل كاتتا ئىمارەتلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئالتە ئەمەس، تۆت دېرىزە بار ئىدى، ئۈچ دېرىزىدىن ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئۈچ تۈپ چىنارنىڭ ئاستىنقى شاخلىرىغا ئاپېلسىن رەڭگىدە يورۇق چۈشۈپ تۇراتتى. يالغۇز بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخى غۇۋا قاراڭغۇلۇقتا ئىدى. پەردىلەر قىمىرلىدى، بىر دېرىزە ئۇرۇلدى، ئاياغ تىۋىشلىرى، قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلاندى؛ كۆلەڭگىلەر مىدىرلىدى، ئاخىر ئىشىك ئېچىلدى، ئالدىمىزغا چىققان كىشى دەرۋەقە دوكتور نارىن ئىدى.
ئۇ ئېگىز بوي، كېلىشكەن، 65-70 ياشلاردا، كۆزەينەكلىك ئادەم ئىدى. ئەمما ياتىقىڭدا يالغۇز قېلىپ خىيال سۈرگىنىڭدە ئۇنىڭ كۆزەينەكلىرىنى ئەمەس، چىرايىنى ناھايىتى ياخشى ئەسلەيتتىڭ؛ ناھايىتى تونۇش بەزى ئادەملەرنىڭ بۇرۇتلۇق ياكى ئەمەسلىكىنى كېيىن ئەسلىيەلمەيدىغان ئىشلار بولىدۇ. ئالدىمىزدا دوكتور نارىننىڭ ناھايىتى كۆپ مەۋجۇدىيىتى بار ئىدى. بىر دەمدىن كېيىن ياتاقتا ”قورقۇۋاتىمەن“ دېدى جانان قورقۇنچتىن بەكرەك قىزىقىش بىلەن.
ئۇزۇن شىرەدە گاز لامپىلىرىنىڭ يورۇقىدا سايىلىرىمىز تېخىمۇ
ئۇزىرىغاندا، ھەممىمىز بىرلىكتە كەچلىك تاماق يېدۇق. دوكتور نارىننىڭ ئۈچ قىزى بار ئىدى. ئەڭ كىچىكى خۇشال ۋە خىيالپەرەس گۈلزار، شۇنچە چوڭ بولۇپ كەتسىمۇ بويتاق ئىدى. ئوتتۇرانچىسى گۈلەندەم دادىسىدىن بەكرەك ئۇدۇلۇمدا پۇشۇلداپ نەپەس ئېلىۋاتقان دوختۇر ئېرىگە يېقىن ئىدى. ئەڭ چوڭى، گۈزەل گۈلجاھان − ئالتە-يەتتە ياشلاردىكى ئىككى ئەدەپلىك قىزىنىڭ گېپىدىن قارىغاندا− ئېرىدىن خېلى بۇرۇن ئايرىلغان بولسا كېرەك. گۈل قىزلارنىڭ ئانىسى ئاز-تولا ھەيۋىسى بار، پەقەت كۆزلىرى، قاراشلىرىدىنلا ئەمەس، پۈتۈن تۇرقىدىن خېلى سۈرى بار ئايال ئىدى، ئۇ ”قاراڭ، مانا ھازىر يىغلىۋېتىمەن-ھە“ دەيتتى. شىرەنىڭ يەنە بىر بېشىدا ناھىيە بازىرىدىن ( قايسى ناھىيە بازىرى ئىدى، بىلمەيتتىم) بىر ئادۋوكات بار ئىدى، بىر دەم يەر داۋاسى ھەققىدە گۇرۇھۋازلىق، سىياسەت، پارا ۋە ئۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ۋەقەنى سۆزلىدى، شۇنداقلا كۈتكىنىدەك، دوكتور نارىن ئۇنى قىزىقىپ ھەم بىزار بولۇپراق، بىزار بولغىنىنىمۇ بىر خىل تەستىقلىغاندەك، بۇنى كۆزلىرىدىن ئىپادىلىگەچ ئاڭلىغاندا ئۇ سۆيۈندى. مېنىڭ يېنىمدا ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنى كۈچلۈك، نوپۇزلۇق ۋە جان سانى كۆپ ئائىلىلەرنىڭ جانلىق تۇرمۇشىغا شاھىد بولۇشنىڭ خۇشاللىقى بىلەن ئۆتكۈزەلەيدىغان قېرىلاردىن بىرى ئولتۇرغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ئائىلىنىڭ نېمىسى ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىدى، ئەمما ئۆزى شاھىد بولغان بەختىيارلىققا تەخسىسىنىڭ يېنىدا قوشۇمچە بىر تەخسىدەك قويۇپ قويغان كۈچەيتكۈچلۈك كىچىك بىر رادىئو بىلەن مەدەت بېرەتتى. ئۇنى بىر قانچە قېتىم رادىئوسىنى قۇلىقىغا تىقىپ−بەلكىم قۇلىقى ياخشى ئاڭلىمىسا كېرەك−بىر نەرسىلەر ئاڭلاۋاتقاندا كۆردۈم.” گۈدۈلدىن بىرەر خەۋەر يوق!“ دېدى ئۇ، ئاندىن دوختور نارىنغا ۋە ماڭا قاراپ، سالغۇزغان چىشلىرىنى كۆرسىتىپ كۈلدى ھەمدە سۆزلىرىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدەك قوشۇمچە قىلدى: ”دوكتور، پەلسەپىلىك مۇنازىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىدۇ، سىزدەك ياشلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئوغلىغا نېمانچە ئوخشايسىز!“
ئۇزاق سۈكۈت باشلاندى. ئانا يىغلايدىغاندەك قىلاتتى، دوكتور نارىننىڭ كۆزلىرىدە چاقناپ تۇرغان غەزەپنى كۆردۈم. ئۆينىڭ سىرتىدا بىر يەردىن بىر ئاسما تام سائىتى ۋاقىتنىڭ ۋە ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ توققۇز قېتىم داڭ ئۇردى.
كۆزلىرىمنى شىرەدە، ئۆيدە، بىساتلارنىڭ، ئادەملەرنىڭ، تاماقلارنىڭ ئۈستىدە يۈگۈرتكەنچە بارا-بارا بايقىدىمكى، ئۇ يەردە، ئارىمىزدا، كاتتا تۇرالغۇدا چۈشلەردە كۆرگەن ياكى بىر چاغلاردا چوڭقۇر ھېس قىلىنغان تۇرمۇش ۋە ئەسلىمىلەردىن قالغان بەزى ئىزلار، ئىشارەتلەر بار ئىدى. جانان بىلەن ئاپتوبۇسلاردا ئۆتكۈزگەن ئۇزۇن كېچىلەردىن بىرىدە، ھەۋەسمەن يولۇچىلارنىڭمۇ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن ياردەمچى شوپۇر ۋىدىيوغا ئىككىنچى بىر فىلىمنىڭ لېنتىسىنى سالغاندىن كېيىن، بىر قانچە مىنۇت بەزەن ھارغىن، قارارسىز مەپتۇنلۇق، كەسكىن، ئەمما نىشانسىز ئىرادىسىزلىك تۇيغۇسىغا چۆكەتتۇق، ئۆزىمىزنى تاسادىپىيلىق ۋە مەجبۇرىيلىقنىڭ مەنىسىنى ئۇقالمىغان بىر ئويۇنغا بېرەتتۇق ۋە ئىلگىرى باشتىن كەچۈرگەن بىر مىنۇتنى باشقا بىر ئورۇندۇقتا، باشقا بىر كۆز قاراش بىلەن يېڭىۋاشتىن باشتىن كەچۈرۈش ھودۇقۇشى بىلەن ھايات دېيىلگەن يوشۇرۇن ۋە ھېسابلانمىغان گېئومېتىرىيىنىڭ سىرىنى بايقىماقچى بولغىنىمىزنى ھېس قىلاتتۇق. ئېكراندىكى دەرەخ سايىلىرىنىڭ، تاپانچىلىق ئادەمنىڭ سولغۇن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ مەنىسىنى، شۇنداقلا قىزغۇچ ئالمىلارنىڭ، مېخانىك ئاۋازلارنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭقۇر مەنىنى تەنتەنىلىك ھالدا دەل ئېنىقلىغاندا بىردىنلا ”ۋاي بىز بۇ فىلىمنى بۇرۇن كۆرۈپتىكەنمىز!“ دەپ قالاتتۇق.
بۇ تۇيغۇ تاماقتىن كېيىنمۇ مېنى ئەسىر قىلىۋالدى. مويسىپىت مېھماننىڭ رادىئوسىدىن بالىلىقىمدا ئاڭلايدىغان رادىئو درامىسىنى بىر دەم ئاڭلىدۇق. گۈلزار بىر جۈپىنى مەن رىفقى تاغىلارنىڭ ئۆيىدە كۆرگەن كۈمۈش كەمپۈت قاچىسىدا بىزگە ھازىر ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ھىندىستان ياڭىقى قېتىلغان”شىر“ شاكىلاتلىرى ۋە يېڭى ھايات مۇراببالىرىنى ئەكىردى. گۈلەندەم قەھۋە سۇندى، ئانىسى بىزدىن نېمە تەلىپىمىز بارلىقىنى سورىدى. شىرەنىڭ ئۈستىدە، ياپقۇچى ئوچۇق ئەينەكلىك ئىشكاپنىڭ تاختىلىرىدا يۇرتنىڭ ھەر يېرىدە سېتىلىدىغان رەسىملىك رومانلار بار ئىدى. دوكتور نارىن قەھۋەسىنى ئىچىۋاتقاندا، تامدىكى سائەتنى توغرىلاۋاتقاندا دۆلەت لاتارىيىسى بېلەتلىرىنىڭ ئۈستىدىكى بەختلىك ئائىلە رەسىملىرىدىكى ئاتىلاردەك مېھرىبان، مۇلايىم ئىدى. ئۆيدىكى بىساتتىمۇ بۇ ئاتىنىڭ گۈزەل ۋە ئاسان ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان ئېدىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئىزلىرى بار ئىدى: چۆرىلىرىدە لالە ۋە كارانفىل گۈل نۇسخىلىرى ئىشلەنگەن پەردىلەر، ھازىر ئىشلىتىلمەيدىغان گاز مەشلىرى، نۇرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆلگەن لامپىلار شۇنىڭ مىسالى ئىدى. دوكتور نارىن قولۇمدىن تۇتۇپ تامنىڭ بىر يېنىغا ئېسىلغان بارومېتىرنى كۆرسەتتى ۋە ئىنچىكە، نازۇك ئەينىكىگە ئۈچ قېتىم تىك-تىك ئۇرۇشۇمنى ئېيتتى. ئۇردۇم، بارومېتىرنىڭ ئىسترېلكىسى مىدىرلىغاندا ئۇ ” ئەتە ھاۋا يەنە بۇزۇلىدۇ!“ دېدى ئاتىنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن.
تامدا بارومېتىرنىڭ يېنىدىلا ئەينەكلىك چوڭ بىر رامكا ئىچىدە يەنە بىر كونا سۈرەت ئېسىقلىق ئىدى؛ بۇ ياش بىرسىنىڭ سۈرىتى بولۇپ، مەن بايقىمىغانىدىم، ياتىقىمىزغا قايتقاندا بۇنى ماڭا جانان ئېيتتى. فىلىملەرنى ئۇخلىغاچ كۆرىدىغان، كىتابلارنى دىققەتسىز ئوقۇيدىغان ئازغۇنلار، تايىنى يوقلار سورايدىغاندەك، مەنمۇ ئۇنىڭ كىمنىڭ سۈرىتى ئىكەنلىكىنى سورىدىم.
− مەھەممەتنىڭ، − دېدى جانان، بىز بىزگە بېرىلگەن ياتاقتىكى گاز لامپىسىنىڭ خىرە يورۇقىدا ئىدۇق، − تېخىچە ئۇقمىدىڭمۇ؟ دوكتور نارىن مەھەممەتنىڭ دادىسى!
تەڭگە چۈشمىگەن ئەبجەق تېلېفوننىڭ ئاۋازىدەك بىر ئاۋازلارنى ئاڭلىغىنىمنى بىلىمەن. ئاندىن ھەممە نەرسە جايىغا چۈشتى، شەپەق ۋاقتىدا شىۋىرغان توختىغاندىن كېيىنكى ھالەتتەك ئەمەلىيەتنى مۇمكىنقەدەر قەتئىيلىكى بىلەن كۆرۈپ چۈشەنگەچ، ھەيرانلىقتىن بەكرەك قاتتىق غەزەپلەندىم. كۆپچىلىكىمىزدە بولىدۇ، بولغاندۇر، بىر سائەتتىن بېرى كىنوخانىدا چۈشىنىپ كۆردۇق دەپ ئويلىغان بىر فىلىمنى ئەسلىدە خاتا چۈشەنگەن ئەخمەقنىڭ ئۆزىمىز ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە غەزەپلىنىپ كېتىمىز.
− بۇرۇنقى ئىسمى نېمىكەن؟
−ناھىت، − دېدى جانان، ئاسترولوگىيەگە ئىشىنىدىغانلاردەك بېشىنى لىڭشىتىپ، — ۋېنۇس يۇلتۇزى دېگەنلىك بولىدىكەن.
”مېنىڭمۇ مۇشۇنداق ئىسمىم، مۇشۇنداق دادام بولسىدى، مەنمۇ باشقا بىرى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم“ دەي دەپ تۇراتتىم، جاناننىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئاققىنىنى كۆردۈم.
كېچىنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئەسلەشنىمۇ خالىمايمەن. مەھەممەت ئىسىملىك ناھىت ئۈچۈن كۆز يېشى تۆكۈۋاتقان جانانغا تەسەللى بەرمىسەم بولمايتتى. بۇ بەلكى ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى؛ ئەمما جانانغا مەھەممەت، ناھىتنىڭ بىزنىڭمۇ بىلگىنىمىزدەك ئۆلمىگەنلىكىنى، پەقەت بىر قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلگەنلىك ھىيلىسى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەسلىتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتاتتىم: مەھەممەتنى بوز دالىنىڭ مەركىزىدىكى بىر يەردە كىتابتىن تاپقان بىلىمىنى ھاياتقا كۆچۈرۈپ يېڭى ھاياتىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئاجايىپ دىيارنىڭ ئاجايىپ كوچىلىرىدا كېزىپ يۈرگىنىدە تاپاتتۇق.
بۇ ئىشەنچ ئەسلىدە جاناندا مەندىنمۇ چوڭ، كۈچلۈك بولسىمۇ، مەھەممەتتىن قىلىنغان گۇمان ھەسرەتلىك گۈزىلىمنىڭ روھىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەھەممەتنىڭ قانداقچە توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشۈم كېرەك ئىدى. قارا، ئوقەتچىلەر يىغىلىشىدىن بېشىمىزنى بالاغا تىقماي قانداق قۇتۇلۇپ چىقتۇق، قارا، ئۆزىنى تاسادىپىيلىق قىلىپ كۆرسەتكەن يوشۇرۇن مەنتىقىنىڭ ھۆكۈمى بويىچە بىز ئىزدىگەن كىشى بالىلىقىنى ئۆتكۈزگەن كاتتا تۇرالغۇغا، بۇ يەرگە، ئۇنىڭ ئىزلىرى توپلانغان بۇ ئۆيگە قانداق كەلدۇق. تىلىمدىكى ئاچچىق مەسخىرىنى سەزگەن ئوقۇرمەنلەر كۆز ئالدىمدىكى پەردىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، روھىمنى نۇر بىلەن تولدۇرغان، ھەر تەرىپىمنى قورشىغان مەندىكى ئاشۇ مەپتۇنلۇقنىڭ−قانداق دېسەم بولىدىكىن−بىر خىل يۆنىلىش ئۆزگەرتكەنلىكىنى بەلكىم بايقاۋاتىدۇ. مەھەممەت، يەنى ناھىتقا ئۆلۈم مۇئامىلىسى قىلىنىشى جاناننى شۇنچىلىك ئازابلىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاپتوبۇس سەپىرىمىزنىڭ بۇرۇنقى ئاپتوبۇس سەپىرىدەك بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىش مېنى پەرىشان قىلاتتى.
ئەتىگەندە ئۈچ قىز قېرىنداش بىلەن بىللە قىلغان ناشتا —ھەسەل، ساپ پىشلاق، چايدىن كېيىن دوكتور نارىننىڭ ياش پېتى ئېچىنىشلىق بىر ئاپتوبۇس ھادىسىسىدە كۆيۈپ ئۆلگەن تۆتىنچى بالىسى ۋە بىردىنبىر ئوغۇل بالىسى ناھىت ئۈچۈن تۇرالغۇنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ياساتقان بىر خاتىرە ئۆيىنى كۆردۇق. ”دادام بۇ يەرنى سىزنى كۆرسۇن دېگەن“ دېدى گۈلجاھان قولىدىكى يوغان ئاچقۇچنى كىچىك بىر تۆشۈككە مېنى ھەيران قالدۇرۇپ ھېچ قىينالمايلا تىقىۋېتىپ.
ئىشىك سېھىرلىك بىر جىمجىتلىققا ئېچىلدى. كونا گېزىت- ژۇرنال پۇرىقى. پەردىلەردىن شۇڭغۇغان غۇۋا يورۇقلۇق. ناھىت ياتقان كارىۋات ۋە ئۈستىدە گۈل ئىشلەنگەن ياپقۇچ. تامدا رامكىلار ئىچىدە مەھەممەتنىڭ بالىلىق، ياشلىق ۋە ھازىرقى سۈرەتلىرى.
غەلىتە بىر تەسىردە جىددىيلەشكەن يۈرىكىم دۈك-دۈك سوقاتتى. گۇلجاھان ناھىتنىڭ رامكىلار ئىچىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ شاھادەتنامەلىرىنى، تەقدىرنامىلىرىنى پىچىرلاپ ئىشارەت قىلدى. ھەممىسى ياخشى ئىدى. ئۆسمۈر ناھىتنىڭ پۇتبول ئوينىغاندا كىيگەن لاي ئاياغلىرى، ئېسىقلىق قىسقا پەلتوسى، ئەنقەرەدىكى ”فۇليا“ سودا سارىيىدىن كەلتۈرۈلگەن ياپون مېلى بولغان قەلەيدوسكوپلارمۇ بار ئىدى. ئۆيدىكى غۇۋا قاراڭغۇلۇقتا تىترىگەچ ئۆز بالىلىقىمنى تېپىۋاتاتتىم ۋە جانان دېگەندەك، قورقۇۋاتاتتىم، گۈلجاھان پەردىلەرنى قايرىدى ۋە سۆيۈملۈك قېرىندىشىنىڭ مېدىتسىنادا ئوقۇغان يىللاردا، يازلىق تەتىللەردە كۈنبويى پەقەت قوپماي كىتاب ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇ دېرىزىنى ئېچىپ ئۈجمە دەرىخىگە قاراپ تاڭ ئاتقىچە تاماكا چېكىدىغانلىقىنى پىچىرلاپ سۆزلەپ بەردى.
بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. جانان ناھىتنىڭ ئۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇغان كىتابلىرىنى سورىدى. چوڭ ئاچىسى سىرلىق سۈكۈتكە چۆمدى ۋە دېلىغۇل بولدى. ”دادام ئۇلارنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشىنى توغرا تاپمىدى، − دېدى ئۇ ئاۋۋال، ئاندىن تەسەللى تاپقاندەك كۈلۈمسىرىدى، − بالىلىقىدا ئوقۇغان نەرسىلەردىن كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك مۇشۇلارلا بار.“
ئۇ كارىۋاتنىڭ بېشىدىكى كىتاب تەكچىسىدىكى بالىلار ژۇرناللىرىنى، رەسىملىك رومانلارنى ئىشارەت قىلىۋاتاتتى. بىر چاغلار بۇ ژۇرناللارنى ئوقۇغان بالا بىلەن ئۆزۈمنى تېخىمۇ ئوخشىتىشتىن ۋە ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى بۇزىدىغان بۇ خاتىرە ئۆيىدە جاناننىڭ ھېسسىياتلىنىپ يەنە يىغلىشىدىن قورققانلىقىم ئۈچۈن، بىر نەرسىلەرگە ئىچكىرىلەپ تېگىشنى خالىمىدىم. ئەمما تەكچىدە رەتلىك تىزىلغان ژۇرناللارنىڭ تېشى، ئۆڭگەن بولسىمۇ ناھايىتى تونۇش رەڭلىرى، قانداقتۇر بىر كۈچ بىلەن ئىختىيارسىز سوزۇلغان قولۇم ئېلىپ سىلىغان مۇقاۋا رەسىمى مەندىكى سەۋر-تاقەتنى يوقاتتى.
مۇقاۋىدا تاقىر خادا تاشلار بىلەن قاپلانغان تىك بىر يارنىڭ قىرغىقىدا 12 ياشلاردىكى بىر بالا ياپراقلىرى بىر-بىرلەپ سىزىلغان، ئەمما مۇقاۋا باسمىسى ياخشى چىقمىغانلىقى ئۈچۈن يېشىللىقى سىرتقا يېيىلغان بىر دەرەخنىڭ يوغان غولىغا بىر قولى بىلەن ئېسىلىۋالغانىدى، يەنە بىر قولىدا تەگسىز ھاڭغا چۈشۈپ كېتىدىغاندەك تۇرغان تەڭتۇش، سېرىق بىر بالىنى ئاخىرقى دەقىقىدە قولىدىن تۇتۇۋېلىپ قۇتقۇزۇۋاتاتتى. بالا قەھرىمانلارنىڭ ئىككىلىسىنىڭ يۈزىدە قورقۇنچ ئىپادىسى بار ئىدى. ئارقىدا كۈل رەڭ ۋە كۆك رەڭلەرگە بويالغان بىر ئامېرىكا قوزغۇنى بىر يامانلىقنىڭ يۈز بېرىشىنى، قان ئېقىشىنى كۈتۈپ ئۇچۇۋاتاتتى.
مۇقاۋىدىكى ماۋزۇنى بالىلىقىمدىكىدەك ۋە خۇددى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك يۇقىرى ئاۋازدا ھەجىلىدىم: «نەبى نەبراسكادا». ژۇرناللارنىڭ بەتلىرىنى ئىتتىك ئۆرۈۋاتقاندا، رىفقى تاغىنىڭ تۇنجى ئەسەرلىرىدىن بولغان بۇ رەسىملىك رومانلاردا بايان قىلىنغان سەرگۈزەشتلەرنى ئەسلىدىم.
سۇلتان كىچىك نەبىنى چىكاگودا ئېچىلغان دۇنيا كۆرگەزمىسىگە مۇسۇلمان بالىلىرىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىشقا تەيىنلەيدۇ. چىكاگودا تونۇشۇپ قالغان ئىندىئان نەسىللىك توم ئىسىملىك بىر بالا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بېشىغا بىر بالا-قازا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئىككىسى بىرلىكتە نەبراسكاغا بارىدۇ. تومنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى يۈز يىللاردىن بۇيان ياۋا كالا ئوۋلىغان زېمىنلارغا كۆز تىككەن ئاق تەنلىكلەر تومنىڭ ئىندىئان قەبىلىسىنى ھە دەپ ھاراققا ئۆگىتىۋاتاتتى، قەبىلىنىڭ تاپتىن چىقىشقا مايىل ياشلىرىنىڭ قولىغا كونياك بوتۇلكىسى بىلەن بىللە قورال بېرىۋاتاتتى. نەبى بىلەن توم بىلىۋالغان سۇيىقەستچىلەرنىڭ پىلانى رەھىمسىز ئىدى: تىنچلىقپەرۋەر ئىندىئانلارنى مەست قىلىپ ئىسيان كۆتۈرگۈزەتتى، ئارقىدىن بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن باستۇرۇپ ئۇلارنى بۇ زېمىندىن قوغلايتتى. تومنى ھاڭغا ئىتتىرگەندە ئۆزى ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەن قاۋان ۋە مېھمانخانىنىڭ پۇلدار خوجايىنىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن بالىلار قەبىلىنى بۇ تۇزاققا چۈشۈشتىن ساقلاپ قالاتتى.
ئىسمى تونۇش بولغانلىقى ئۈچۈن، جانان قولىغا ئېلىپ ۋاراقلاشقا باشلىغان «مارىي بىلەن ئەلى»دىمۇ ئامېرىكىغا بارغان ئىستانبۇللۇق بىر بالىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغانىدى: گالاتادىن تەۋەككۈلچىلىك ھەۋىسى بىلەن يولغا چىققان ئەلى پاراخوت بىلەن بوستۇن پورتىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئېسەدەپ يىغلىغان ھالدا «ئاتلاس قامۇسى»غا قاراۋاتقان مارىي بىلەن تونۇشىدۇ، ئۆگەي ئانىسى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن بۇ قىزنىڭ دادىسىنى تېپىش ئۈچۈن بىرلىكتە غەربكە سەپەرگە چىقىدۇ. Tommiks ژۇرناللىرىدىكى سىزمىلارنى ئەسلىتىدىغان St.louis كوچىلىرىدىن ئۆتىدۇ، رىفقى تاغا قاراڭغۇ بۇلۇڭلارغا بۆرە كۆلەڭگىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئاق ياپراقلىق lowa ئورمانلىرىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ ۋە بەلگىلىك بىر جايدىن كېيىن بارلىق مەرگەن پادىچىلارنىڭ، پويىزلارغا ھۇجۇم قىلغان بۇلاڭچىلارنىڭ، كارۋانلارنى قورشىۋالغان ئىندىئانلارنىڭ ئارقىسدا قالغان پارلاق بىر جەننەتكە بارىدۇ. بۇ ياپيېشىل ۋە يورۇق ۋادىدا مارىي بەختىيارلىقنىڭ دادىسىنى تېپىشتا ئەمەس، ئەلىدىن ئۆگەنگەن شەرقچە ئەنئەنىۋى ئېتىقادنى، ھۇزۇرنى، تەۋەككۈلچىلىكنى ۋە سەۋرنى ھېس قىلىشتا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن بوستوندىكى قېرىندىشىنىڭ يېنىغا قايتىدۇ. ئەلى بولسا ئىستانبۇل سېغىنىشى بىلەن ئولتۇرغان يەلكەنلىك كېمىدىن ئۆزى ئارقىدا قالدۇرغان ئامېرىكىغا نەزەر تاشلىغىنىدا ” ئادالەتسىزلىك ۋە رەزىل ئىنسانلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار! مۇھىمى ئىنساننىڭ ئۆز قەلبىدىكى ياخشىلىقنى قوغداپ ياشىيالىشىدۇر“ دەپ ئويلايدۇ.
ئويلىغىنىمدەك، جاناننىڭ كۆڭلى بۇزۇلمىغانىدى، ماڭا بالىلىقىمنىڭ سوغۇق ۋە قاراڭغۇ قىش ئاخشاملىرىنى ئەسلىتىدىغان، سىياھ پۇرايدىغان كىتاب بەتلىرىنى ئۆرۈۋاتقىنىدا ئىنتايىن خۇشال بولغاندەك تۇيۇلدى. ئۇنىڭغا بۇ ژۇرناللارنى بالىلىقىمدا مېنىڭمۇ ئوقۇغانلىقىمنى ئېيتتىم. سۆزۈمدىكى مەقسەتنى ئۇقالمىغانلىقىنى ئويلاپ، بۇنىڭ مەھەممەت، يەنە بىر ئىسمى ناھىت بىلەن ئارىمىزدىكى ناھايىتى كۆپ ئوخشاشلىقتىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتىم. مۇھەببىتىدىن جاۋاب ئالالمىغانچە ئاشىقلىرىنى ئاڭسىز دەپ بىلگەن غەزەپلىك ئاشىقلاردەك بىر ئىش قىلىۋاتاتتىم بەلكىم. بۇ رەسىملىك رومانلارنى روياپقا چىقارغان يازغۇچى-رەسسامنىڭ بالىلىقىمدىكى رىفقى تاغا ئىكەنلىكىنى پەقەت ئېيتقۇم كەلمەيۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا رىفقى تاغىنىڭ نېمىشقا بۇ كىتابلارنى ۋە بۇ قەھرىمانلارنى ياراتقۇسى كېلىپ قالغانلىقىنى بىزگە ئېيتقۇسى كەلدى.
”سۆيۈملۈك بالىلار، −دەيتتى رىفقى تاغا تۇنجى سەرگۈزەشت كىتابىدىن بىرىنىڭ بېشىغا بەرگەن ئىزاھاتىدا، − مەكتەپ ئىشىكلىرىدە، پويىز ۋاگونلىرىدا، مەھەللىنىڭ غېرىبانە كوچىلىرىدا سىلەرنىڭ ھەمىشە ئاشۇ پادىچى نوچىلار ژۇرناللىرىدىكى tommiks، billkid لەرنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ئوقۇۋاتقىنىڭلارنى كۆرەتتىم. مەنمۇ ئاشۇ دۇرۇس، جەسۇر پادىچىلار، پارتىزانلارنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى سىلەرگە ئوخشاش ياخشى كۆرىمەن. شۇڭا بىر تۈرك بالىنىڭ ئامېرىكىدا پادىچىلار ئارىسىدىكى سەرگۈزەشتلىرىنى سىلەرگە بايان قىلسام بەلكىم خوش بولىسىلەر دەپ ئويلىدىم. شۇنداق بولغاندا سىلەر پەقەت خرىستىيان قەھرىمانلىرى بىلەن ئۇچراشمايسىلەر، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزگە مىراس قالدۇرغان ئەخلاق ۋە مىللىي قىممەتلىرىمىزنىمۇ جەسۇر تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولىسىلەر. ئىستانبۇللۇق بىر نامرات مەھەللە بالىسىنىڭ billkid دەك چەبدەس مەرگەنلىكىنى، tommiks تەك دۇرۇس ئىكەنلىكىنى كۆرۈش سىلەرنى قىزىقتۇرسا، كېيىنكى ھېكايىمىزنىمۇ كۈتۈڭلار.“
جانان بىلەن بىرلىكتە رىفقى تاغا سىزغان دۇنيانىڭ رەڭسىز قەھرىمانلىرىغا، كۆلەڭگىلىك تاغلىرىغا، قورقۇنچلۇق ئورمانلىرىغا ۋە ئاجايىپ كەشپىياتلار، ئۆرپ- ئادەتلەر بىلەن قايناپ تۇرغان شەھەرلىرىگە، خۇددى ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى ۋەھشىي جايلىرىدا دۇچ كەلگەن ئاجايىباتلارغا قارىغان مارىي ۋە ئەلىدەك سەۋرچانلىق، دىققەت بىلەن بىر ھازا قارىدۇق. ئادۋوكاتلىق ئىشخانىلىرىدا، يەلكەنلىك كېمىلەر بىلەن تولغان پورتلاردا، ئۇزۇن يوللۇق پويىز ئىستانسىلىرىدا، ئالتۇنغا ھۇجۇم قىلغانلار ئارىسىدا پادىشاھقا ۋە تۈركلەرگە سالام ئېيتقان مەرگەنلەرنى، قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ ئىسلامغا كىرگەن نېگىرلارنى، شامان تۈركلىرىنىڭ چېدىر ياساش ئۇسۇللىرىنى سورىغان ئىندىئان قەبىلە ئاقساقاللىرىنى ۋە پەرىشتىدەك ساپ، پەرىشتىدەك ئاقكۆڭۈل دېھقانلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى كۆردۇق. تېز ئوق ئاتىدىغان مەرگەنلەر بىر-بىرىنى چىۋىنغا ئوخشاش ئۆلتۈرگەن بىر قانلىق ماجىرادا ياخشىلىق بىلەن يامانلىق پات-پات قىياپەت ئۆزگەرتىپ، قەھرىمانلارنى ھودۇقتۇرغان ۋە شەرقنىڭ ئەخلاقى بىلەن غەربنىڭ ئەقىلچىلىكى سېلىشتۇرۇلغان بەزى سەھىپىلەردىن كېيىن، ئارقىدىن ئوق ئېتىلىپ نامەردلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ۋىجدانلىق، جەسۇر قەھرىمانلاردىن بىرى شەپەق ۋاقتىدا، ئۆلۈشتىن ئاۋۋال ھەر ئىككى دۇنيانىڭ سىرتىدىكى بىر ئىشىكتە پەرىشتە بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، ئەمما رىفقى تاغا پەرىشتىنى سىزمىغانىدى. ئىستانبۇللۇق پېرتېۋ بىلەن بوستونلۇق پېتېر دوست بولۇپ پۈتۈن ئامېرىكىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن بىر قاتار سەرگۈزەشتلەر بايان قىلىنغان سەھىپىلەرنى يېپىپ قويۇپ، جانانغا مەن ئەڭ ياخشى كۆرگەن يەرلەرنى كۆرسەتتىم: كىچىك پېرتېۋ پۈتۈن ناھىيە بازىرىنى بۇلاپ قۇرۇقداپ قويغان ھىيلىگەر قىمارۋازنىڭ ساختىلىقىنى پېتېرنىڭ ياردىمى بىلەن ياسىغان بىر ئەينەك ئەسۋاب ئارقىلىق ئاشكارىلايدۇ ھەمدە پوكەرگە ۋە قىمارغا توۋا قىلغان ئاھالىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇنى ناھىيە بازىرىدىن قوغلايدۇ. تېكساستىكى ناھىيە بازىرى چېركاۋىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن نېفىت چىققاندا ئىككىگە بۆلۈنگەن، كاناي سىقىشىپ ئۇرۇشۇش ۋە نېفىت ماگناتلىرى بىلەن دىن ئاسىمىلياتسىيىچىلىرىنىڭ قىلتىقىغا قېلىش گىردابىدا تۇرغان خەلقنى پېتېر پېرتېۋدىن ئۆگەنگەن غەربلەشكۈچى، مەرىپەت سۆيەر ئاتاتۈركچى، لايىكچى (دىن بىلەن سىياسىنى ئايرىغۇچى) نۇتۇق بىلەن تىنچلاندۇرىدۇ. پېرتېۋ پەرىشتىلەرنىڭ نۇردىن يارىتىلغانلىقىنى، ئېلېكترنىڭمۇ ئۆز سېھىرى بىلەن بىر خىل پەرىشتە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇ چاغلاردا تېخى پويىزلاردا گېزىت سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان كىچىك ئېدىسونغا ئېلېكتر چىرىغىنى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن تۇنجى ئەقىلنى كۆرسىتىدۇ.
«تۆمۈر يول قەھرىمانلىرى » بولسا رىفقى تاغا ئۆز ھەۋىسى ۋە ھاياجانلىرىنى ئەڭ كۆپ ئەكس ئەتتۈرگەن ئەسەر ئىدى. بۇ ئەسەردە پېرتېۋ بىلەن پېتېرنى ئامېرىكىنى شەرقتىن غەربكە باغلايدىغان تۆمۈر يول پىلانلىغۇچىلىرىغا ياردەملىشىۋاتقاندا كۆرەتتۇق. خۇددى 1930-يىللاردىكى تۈركىيىنىڭ تۆمۈر يول دەۋاسىدەك، ئامېرىكىنى بىر باشتىن يەنە بىر باشقا تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يولنىڭ ياسىلىشىمۇ دۆلەت ئۈچۈن ھايات-ماماتلىق مەسىلىسى ئىدى، ئەمما ۋېللس فارگو ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ خوجايىنلىرىدىن موبىل نېفىت شىركىتىنىڭ ئادەملىرىگىچە، زېمىنلىرىدىن تۆمۈر يولنىڭ ئۆتۈشىنى خالىمايدىغان پوپلاردىن تارتىپ رۇسىيەگە ئوخشاش ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئاداۋەتچىلىرىگە قەدەر نۇرغۇن دۈشمەن كۈچلەر ئىندىئانلارنى كۈشكۈرتۈپ، ئىشچىلارنى ئىش تاشلاشقا قۇترىتىپ، خۇددى ئستانبۇلنىڭ شەھەر سىرتى پويىزلىرىدا ياشلارغا ۋاگونلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى بېرىتۋا ۋە پىچاقلار بىلەن يىرتقۇزغىنىغا ئوخشاش، تۆمۈر يولچىلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە تىرىشچانلىقىنى ۋەيران قىلىشقا تىرىشاتتى.
”تۆمۈر يول دەۋاسى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىسا، — دەيتتى جىددىيلەشكەن پېتېر، — دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى سۇغا چىلىشىدۇ ھەم تەقدىرىمىز چاتاق بولىدۇ. ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك پېرتېۋ!“
يوغان شارلارنى تولدۇرغان يوغان ھەرپلەرنىڭ كەينىدىن كەلگەن ئاشۇ يوغان ئۈندەشلەرنى مەن نەقەدەر ياخشى كۆرەتتىم! ”دىققەت!“ دەپ ۋارقىرايتتى پېرتېۋ پېتېرغا ۋە بىر كالۋا ئارقىدىن ئاتقان پىچاققا ئۆزىنى تەگكۈزمەي ئۆزىنى يانغا ئاتاتتى. ”ئارقاڭدا!“ دەپ ۋارقىرايتتى پېتېر پېرتېۋغا ۋە پېرتېۋ ئۇ ياققا قاراپمۇ قويماستىن ئارقىسىغا بىر مۇشت ئاتاتتى-دە، تۆمۈر يول دۈشمىنىنىڭ ئېڭىكىگە تەگكۈزەتتى. بەزىدە رىفقى تاغا ئارىغا كىرەتتى، رەسىملەر ئارىسىغا ئاچقان كاتەكچىلەر ئىچىگە ”تۇيۇقسىز“دەپ يازاتتى ئۆزىدەك ئىنچىكە پۇتلۇق ھەرپلىرى بىلەن، ”لېكىن ئۇ نېمىسى“ دەپ يازاتتى، ”ئەمما بىردىنلا“ دەپ يازاتتى ۋە يوغان بىر ئۈندەش قوياتتى، شۇنداقلا مېنى ۋە بىر چاغلاردا ئىسمى ناھىت بولغان مەھەممەتنى ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا جەلپ قىلاتتى.
جانان ئىككىمىز ئۈندەشلىك جۈملىلەرگە دىققەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئاخىرى ئۈندەش بىلەن ئاياغلاشقان شار بەلگىلىك دىئالوگلارنى بىر دەم ئوقۇدۇق.
”كىتابتا يازغان نەرسىلەر مەن ئۈچۈن بەك كونا بولۇپ قالدى!“ دەيتتى ئۆزىنى ساۋات چىقىرىش سەپەرۋەرلىكىگە ئاتىغان، پۈتۈن ھاياتى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچراپ، غېرىبانە ئۆيىگە بېكىنىۋالغان بىر قەھرىمان ئۆز كۆلبىسىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن پېرتېۋ بىلەن پېتېرغا.
ياخشى نىيەتلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەممىسى سېرىق چاچلىق ۋە سەپكۈن يۈزلۈك، يامانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاغزى مايماق سىياقتا تەسۋىرلىنىدىغان، ھەممە كىشى بىر-بىرىگە ھەر ۋاقىت رەھمەت ئېيتىدىغان، ئۆلۈكلەرنى قۇزغۇنلار تىتىپ-تىتىپ يەيدىغان، كاكتۇسلاردىن قاغجىراپ ئۆلەي دېگەنلەرنى قۇتقۇزىدىغان سۇلار چىقىدىغان بۇ سەھىپىلەردىن جاناننىڭ يىراقلاشقانلىقىنى كۆرۈپ ئېسىمنى يىغىۋالدىم.
باشقىدىن ناھىت بولۇپ ھاياتىمنى يېڭىدىن باشلاشنىڭ خىيالىنى قىلماستىن، ئەكسىچە ناھىتنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ شاھادەتنامىلىرىغا ۋە كىملىك كېنىشكىسىدىكى سۈرىتىگە قاراپ ھەسرەتلەنگەن جاناننى خاتا خىياللاردىن قۇتقۇزۇشۇم كېرەك، دېدىم ئۆزۈمگە. تەلەيسىزلىك ۋە دۈشمەنلىرى بۇلۇڭغا قىستاپ قويغان ياخشى بىر قەھرىمانىغا رىفقى تاغا بىر كاتەكچىنىڭ ئىچىگە ”تۇيۇقسىز“ دەپ يېزىپ ياردەم قىلغىنىدەك، ئۆيگە تۇيۇقسىز گۈلزار كىردى ۋە دادىسىنىڭ بىزنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بۇنىڭدىن كېيىن بېشىمىزغا كېلىدىغانلار ھەققىدە ھېچقانداق پىكرىم يوق ئىدى، جانانغا بۇنىڭدىن كېيىن قانداق يېقىنلىشالايدىغانلىقىم ھەققىدە بىرەر ئاساسمۇ يوق ئىدى كاللامدا. ئۇ ئەتىگىنى مەھەممەت ناھىت بولغان يىللارنىڭ خاتىرە ئۆيىدىن چىقىۋاتقاندا، كاللامدا بىردىنلا ئىككى تەبىئىي پىكىر — بۇ يەردىن قېچىش ياكى ناھىت بولۇش ئويى پەيدا بولدى.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*