يېڭى ھايات(5)

new life8

9
شۇنىڭدىن كېيىن بىز ئىككىمىز دوكتور نارىننىڭ قورۇقىدا ئۇزۇن بىر سەيلىگە چىققىنىمىزدا، بۇ ئىككى ئىستەك دوكتور نارىن تەرىپىدىن ماڭا بىرەر ھاياتلىق تاللىشى سۈپىتىدە مەردلەرچە سۇنۇلدى. چەكسىز ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ۋە خاتىرە دەپتەرلىرى بولغان تەڭرىدەك، ئاتىلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاللىسىدىن كەچكەن ھەر قانداق ئىشنى بىلىشى بىر تاسادىپىيلىقتۇر. ئۇلار كۆپ ھاللاردا ئوغۇللىرىغا ۋە ئوغۇللىرىغا ئوخشىتىپ قالغان ياتلارغا ئۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغان خاھىشلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، خالاس.
خاتىرە ئۆيىنى كۆرگەندىن كېيىن، دوكتور نارىننىڭ مەن بىلەن يالغۇز ماڭغۇسى، پاراڭلاشقۇسى بارلىقىنى چۈشەندىم. مەيىن شامالدا دولقۇنلىنىۋاتقان بۇغداي ئېتىزلىرىنىڭ قىرلىرىدىن، مېۋىلىرى غورا بولغان ئالما دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدىن ۋە ئۇيقۇلۇق بىر قانچە قوي بىلەن سىيىر پۇراپ يۈرگەن شالاڭ ئوت-چۆپلۈك تاشلاندۇق يەرلەردىن ئۆتتۇق. دوكتور ماڭا سۇغۇرلار كولىغان ئورەكلەرنى كۆرسەتتى، قاۋانلارنىڭ ئىزلىرىغا دىققىتىمنى بۇرىدى ۋە ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى يەرلەردىن مېۋىلىك باغلارغا قاراپ تەرتىپىسىز قانات قېقىپ ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنىڭ سۈرەتقاش ئىكەنلىكىنى قانداق پەرقلەندۈرىدىغانلىقىمنى چۈشەندۈردى. تەربىيەچى، سەۋرچان ۋە بىر ئاز مېھرىبان تەلەپپۇزدا باشقا نۇرغۇن نەرسىلەرنىمۇ چۈشەندۈردى.
دوكتور نارىن ئەسلىدە دوكتور ئەمەس ئىدى. بۇرمىلىق مىخنىڭ سەككىز قىرلىق قالپىقى، ماگنېتلىق تېلېفوننىڭ ئايلىنىش تېزلىكى دېگەندەك ئۇششاق-چۈششەك رېمونت ئىشلىرىدا پايدىلىق تەرەپلەرگە دىققەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بۇ لەقەمنى ئەسكەرلىكتىكى سەپداشلىرى قويغانىدى. نەرسىلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكى، ئۇلارغا قاراشتىن كۆڭلى خۇش بولىدىغانلىقى، ھەر نەرسىنىڭ باشقا ئوخشىشى يوقلۇقىنى بايقاشنى ھاياتنىڭ ئەڭ چوڭ نېمىتى سۈپىتىدە كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ نامنى قوبۇل قىلغانىدى. مېدىتسىنادا ئەمەس، خەلق ۋەكىلى دادىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە قانۇن كەسپىدە ئوقۇغانىدى؛ ناھىيە بازىرىدا ئادۋوكاتلىق قىلغانىدى؛ دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ماڭا كۆرسەتكەن بۇ يەرلەر، بۇ دەرەخلەر ئۆزىگە قالغاندا، ئۆز خاھىشى بويىچە ياشاشنى، ئۆزى تاللىغان، ئۆزى ئادەتلەنگەن، ئۆزى چۈشىنىدىغان نەرسىلەر ئارىسىدا ياشاشنى ئارزۇ قىلغانىدى، بازاردىكى دۇكىنىنى شۇ سەۋەبتىن ساتقانىدى.
قارارسىز قۇياش يېرىمىنى ئىسسىتمايلا يورۇتقان بىر تۆپىلىككە چىققاندا، دوكتور نارىن ماڭا نەرسىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى بارلىقىنى دېدى. خۇددى بىزگە ئوخشاش، نەرسىلەرنىڭمۇ ئەسلىدە بېشىدىن كەچۈرگەن ئىشلارنى خاتىرىلەيدىغان، ساقلايدىغان يەرلىرى بار ئىدى، ئەمما كۆپىنچىمىز بۇنى بايقىمايتتۇق. ”نەرسىلەر بىر-بىرىدىن سورايدۇ، بىر-بىرى بىلەن كېلىشىدۇ، كۇسۇلدىشىدۇ ۋە ئارىلىرىدا يوشۇرۇن تەڭكەشلىك ھاسىل قىلىپ، دۇنيا دېگەن بۇ مۇزىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ، — دېدى دوكتور نارىن، — دىققەت قىلغان ئادەم ئاڭلايدۇ، كۆرىدۇ، چۈشىنىدۇ.“ ئۇ يەردىن ئالغان قۇرۇق بىر شاختىكى شورلۇق لاي داغلىرىدىن سۈرەتقاشنىڭ بۇ يەرلەردە ئۇۋا ياسىغانلىقىنى، لاي ئىزلىرىدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ياغقان يامغۇرنى ۋە شاخنىڭ قايسى شامال بىلەن، قاچان سۇنغانلىقىنى ماڭا چۈشەندۈردى.
ناھىيە بازىرىدىكى دۇكىنىدا ئۇ پەقەت ئەنقەرەدىن، ئىستانبۇلدىن ئەمەس، ئاناتولىيىنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىكى زاۋۇتلاردىن ئەكەلگەن ماللارنى سېتىپتىكەن: ئۇپرىمايدىغان بىلەي تاشلار، گىلەملەر، تۆمۈرچىلەر بازغاندا ئۇرۇپ ياسىغان قۇلۇپلار، گاز ئوچاقلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان خۇشپۇراقلىق پىلىكلەر، ئاددىي توڭلاتقۇلار، ئەڭ ياخشى ئۆچكە يۇڭىدىن توقۇلغان تۇماقلار، ronson چاقماق تاشلىرى، ئىشىك تۇتقۇچلىرى، بېنزىن تۇڭىنى بۇزۇپ ياسىغان مەشلەر، كىچىك ئىدىشلار، ئىشقىلىپ ناھايىتى زور ئىلھام بىلەن ئىشلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىپتىكەن. كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنىڭ ھەممىسىنى قانائەتلەندۈرگەن دۇكاندا ئۆتكەن ئاشۇ يىللار ئۇنىڭ ئەڭ بەختلىك يىللىرى ئىكەن. ئۈچ قىزدىن كېيىن بىر ئوغۇل بالىسى بولغاندا ئۇ تېخىمۇ بەختلىك بولغانىكەن. ئۇ يېشىمنى سورىۋىدى، دەپ بەردىم. ئوغلى ئۆلگەندە مېنىڭ يېشىمدا ئىكەن.
تۆپىلىكنىڭ تۆۋىنىدىكى بىر يەردىن كۆزىمىزگە چېلىقمىغان بالىلارنىڭ ۋارقىراشلىرى ئاڭلىناتتى. قۇياش تېزلا يېقىنلاشقان جاھىل قارا بۇلۇتلارنىڭ ئارقىسىدا غايىب بولغاندا، يىراقتىكى تاقىر تۈزلەڭلىكتە پۇتبول ئويناۋاتقان بالىلارنى كۆردۇق. ئۇلارنىڭ توپ تېپىشلىرى بىلەن ئاۋازلىرىنىڭ ئاڭلىنىشىغىچە بىر-ئىككى سېكۇنت ئۆتەتتى. دوكتور نارىن بالىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئوغرىلىقلارنى قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۈيۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى، يادىكارلىقلارنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن بىللە تۇنجى بولۇپ ئەخلاقسىزلىققا ئەسىر بولغانلار بالىلار ئىكەن. ئۇلار كونىنى ناھايىتى تېز ۋە رەھىمسىزلەرچە ئۇنتۇيدىكەن، يېڭىسىنى دەرھال خام خىيال قىلىدىكەن. ئۇ بۇ بالىلارنىڭ بازاردىن كەلگەنلىكىنى ئىزاھلاپ قويدى.
ئۇ ئوغلى توغرۇلۇق گەپ قىلىۋاتقاندا ئاچچىقىم كەلدى. ئاتىلار نېمىشقا بۇنچە تەكەببۇر كېلىدىغاندۇ؟ نېمىشقا بۇنچە يوشۇرۇن زالىم بولىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ كۆزەينىكىنىڭ ئارقىسىدا(كۆزەينىكى بولغاچقا) پەقۇلئاددە كىچىك تۇرغانلىقلىرىنى بايقىدىم. بۇ كۆزلەرنىڭ ئوغلىدىمۇ بارلىقىنى ئەسلىدىم.
ئوغلى ناھايىتى ئەقىللىق، چىرايلىق ئىكەن؛ تۆت يېرىم يېشىدا مەكتەپتە ئوقۇشقا باشلاپتۇ، گېزىتنى تەتۈر تۇتۇپ ھەرپلەرنى تەتۈر ئوقۇيالايدىكەن. قائىدىلىرىنى ئۆزى بېكىتكەن كىچىك بالىلار ئويۇنلىرىنى ئىجاد قىلىدىكەن، دادىسىنى شاھماتتا ئۇتۇۋالىدىكەن، ئىككى قېتىم ئوقۇغان ئۈچ كۇپلېتلىق شېئىرنى دەرھال يادلىۋالىدىكەن. مانا بۇلارنىڭ ئوغلىدىن مەھرۇم بولغان، شاھماتنى ياخشى ئوينىيالمايدىغان بىر ئاتىنىڭ ھېكايىلىرى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتىم، ئەمما يەنىلا ئالدانماقتا ئىدىم. ئۇ ئوغلى ناھىت بىلەن ئاتقا قانداق مىنگەنلىكلىرىنى سۆزلەۋاتقاندا، خىيالىمدا مەنمۇ ئۇلار بىلەن ئاتقا مىنەتتىم؛ ناھىتنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا بىر مەزگىل دىنغا قىزىقىپ كەتكەنلىك ھېكايىسىنى سۆزلەۋاتقاندا، مەنمۇ خىيالىمدا ئۇنىڭدەك مومام بىلەن بىرلىكتە سوغۇق قىش كېچىسىدە سۇھۇرلۇققا قوپاتتىم؛ دادىسى ئۇنىڭ ئىشلىرىنى دەپ بېرىۋاتقاندا، ئەتراپىمدىكى يوقسۇللۇققا، جاھالەتكە، ئەخمەقلىككە مەنمۇ ئېچىنىش ئارىلاش غەزەپلەندىم؛ شۇنداق، غەزەپلەندىم! دوكتور نارىن سۆزلەۋاتقاندا مەنمۇ ناھىتتەك— بۇ ئېسىل تەرەپلىرىمگە قارىماي— ئىچكى دۇنياسى باي يىگىت ئىكەنلىكىمنىمۇ ئويلىدىم. ئەلۋەتتە، بەزىدە كۆپ كىشىلەر ئارىسىدا ئىستاكان ۋە تاماكا تۇتقان ئادەملەر بىرەر چاقچاق قىلىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى دەرھال جەلپ قىلىشنى ئويلاپ تۇرغاندا، ناھىت بىر چەتكە چىقىپ، قوپال قاراشلىرىنى مۇلايىملاشتۇرىدىغان سەزگۈر خىياللارغا چۆكۈپ كېتىدىكەن، ئەلۋەتتە، ئەڭ بولمىغاندا بىز زادى دىققەت قىلمايدىغان بىرسىنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى بايقايدىكەن، ئاشكارىلايدىكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن− ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىكى خىزمەتچىنىڭ ئوغلى بىلەن ياكى كىنو ئاپپاراتىغا فىلىمنى دائىم خاتا سېلىپ قويىدىغان مەجنۇن ۋە شائىر كىنوچى بىلەن دوست بولىدىكەن. ئەمما بۇ دوستلۇقلار ئۇنىڭ ئۆز دۇنياسىدىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن. چۈنكى ئەسلىدە ھەر كىم ئۇنىڭ بىلەن دوست ۋە يېقىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇ دۇرۇس، كېلىشكەن يىگىت ئىكەن، ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىكەن، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىكەن…
بىر ھازاغىچە جاناننى ئويلىدىم. داۋاملىق بىر قانالنى كۆرسىتىۋەرگەن تېلېۋىزوردەك ئۇنى ئويلاپلا تۇراتتىم. ئەمما بۇ قېتىم باشقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئويلىدىم، بەلكىم ئۆزۈمگە باشقىچە قاراشقا باشلىغانلىقىم ئۈچۈن بولسا كېرەك.
−كېيىن ماڭا بىردىنلا قارشى چىقتى،−دېدى دوكتور نارىن تۆپىلىككە چىققىنىمىزدا،−چۈنكى ئۇ بىر كىتاب ئوقۇپتۇ.
تۆپىلىكتىكى سەرۋى دەرەخلىرى قاتتىق ئەمەس، ئەمما سالقىن ۋە پۇراقسىز شامالدا تەۋرىنەتتى. سەرۋىلەرنىڭ نېرىسىدا بىر ئېگىزلىك، قىيا ۋە تاش پارچىلىرى بار ئىدى. باشتا مازارلىق دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما تۆپىلىككە چىقىپ تەكشى كېسىلگەن يوغان تاشلار ئارىسىدا مېڭىۋاتقىنىمىزدا دوكتور نارىن بىر زامانلاردا بۇ يەردە سەلجۇقلارنىڭ بىر قەلئەسى بولغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇدۇلىمىزدىكى تاغ باغرىنى، ئۈستىدىكى سەرۋىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقەتەن بىر مازارلىق بولغان بۈك-باراقسان بىر تۆپىلىكنى، بۇغداي ئېتىزلىرى بىلەن جىلۋىلىنىپ تۇرغان تۈزلەڭلىكنى، شامال چىقىپ، قارا يامغۇر بۇلۇتلىرىنى تېخىمۇ قارايتقان ئېگىزلىكلەرنى ۋە بىر يېزىنى كۆرسەتتى: قەلئەدىن تارتىپ ھەممىسى ھازىر ئۇنىڭ ئىدى.
مانا بۇ جانلىق زېمىنغا، سەرۋىلەرگە، سۆگەتلەرگە ۋە سىبىرىيە قارىغايلىرىغا، بۇ قەلئەگە، دادىسىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈتكەن ئوي-خىياللىرىغا ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر دۇكان نەرسىلەردىن ۋاز كېچىپ، دادىسىغا ئەمدى ئۇنى قەتئىي كۆرگۈسى يوقلۇقىنى، كەينىگە ئادەم سالماسلىقىنى، ئۆزىنى ئىزدەتمەسلىكىنى، يوقاپ كەتكۈسى بارلىقىنى بىر يىگىت نېمىشقا يازىدۇ؟ دوكتور نارىننىڭ چىرايىدا بەزىدە شۇنداق بىر ئىپادە نامايان بولاتتىكى، ئۆزى ماڭا، مېنىڭدەك بولغانلارغا، پۈتۈن دۇنياغا نەشتەر سانچىۋاتامدۇ ياكى مانا بۇ لەنىتى دۇنيادىن خېلىدىن بېرى ۋاز كەچكەن خاپىغان ۋە گاس ئادەم بولۇپ قالدىمۇ، بىلەلمەيۋاتاتتىم. ”ھەممىسى سۇيىقەست تۈپەيلىدىن“ دېدى. ئۇنىڭ ئۆزىگە، ئوي-خىيالىغا، پۈتۈن ھاياتىنى سەرپ قىلغان مال-دۇنياسىغا، بۇ دۆلەت ئۈچۈن قىسمەت بولغان ھەممە نەرسىگە قارىتا چوڭ بىر سۇيىقەست بارمىش.
ئۇ چۈشەندۈرىدىغانلىرىنى مېنىڭ دىققەت بىلەن ئاڭلىشىمنى تەلەپ قىلدى. دەيدىغانلىرىنىڭ چەت بىر ناھىيىدە قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئالجىغان قېرىنىڭ جۆيلۈشلىرى، ئوغلىدىن مەھرۇم قالغان بىر ئاتىنىڭ ھەسرەت بىلەن قىلغان خىياللىرى ئەمەسلىكىگە ئىشىنىشىم كېرەك ئىكەن. ئىشەنگەنىدىم، بەزىدە يىپ ئۇچىنى قاچۇرۇپ تۇرساممۇ دىققەت بىلەن ئاڭلىدىم. بەلكىم بۇ خىيالىم ئوغلىغا ۋە جانانغا كەتكەنلىكى ئۈچۈن ۋە بۇنداق ئەھۋالدا ھەر كىم مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك.
قانداقلا بولمىسۇن قولغا چىققۇدەك بىر نەرسە ھەققىدە گەپ قىلىۋاتقاندەك كۈچلۈك بىر ئىشەنچ بىلەن مال-دۇنياسىنىڭ ئەستە ساقلاش خۇسۇسىيىتى ھەققىدە خېلى ئۇزۇن سۆزلىدى ۋە بۇ مال-دۇنياغا سەرپ بولغان ۋاقىتنى چۈشەندۈردى. بىساتلاردىن، ئاددىي بىر قوشۇق ياكى قايچىدىن، ئۇلارنى تۇتقان، ئىشلەتكەن بىزلەرگە ئۆتىدىغان سېھىرلىك، كېرەكلىك ۋە شېئىرىي بىر ۋاقىتنىڭ بارلىقىنى ئۇ چوڭ سۇيىقەستتىن كېيىن، بولۇپمۇ، پىيادىلەر يوللىرىنى قانداقتۇر روھسىز، نۇرسىز يېڭى نەرسىلەر ۋە بۇ نەرسىلەرنى مال تەكچىلىرىدە كۆرگەزمە قىلىپ دۇكانلىرىدا ساتىدىغان ئوقەتچىلەر قاپلىۋالغان چاغلاردا بايقاپتۇ. ئاۋۋال گاز ئوچاقلىرىغا، يەنى كۇنۇپكىلىق نەرسىلەرنى ياندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئاشۇ كۆزگە كۆرۈنمەس سويۇق گازنى ساتىدىغان Aygaz دۇكاندارىغا، ئاق رەڭلىك سۈنئىي قېتىشما توڭلاتقۇلارنى ساتىدىغان AEG سودىگىرىگە دىققەت قىلماپتۇ. ھەتتا بىز بىلىدىغان قايماقلىق قېتىق ئورنىغا MIS قېتىق (دوكتور نارىن بۇ سۆزنى ”مەينەت، پاسكىنا“ مەنىسىدىكى pis سۆزىگە ئوخشىتىپراق تەلەپپۇز قىلدى) ۋە مۇزدەك سوغۇق ئەنئەنىۋى گىلاس شەربىتى ياكى ئايران ئورنىغا كۆركەم، پاكىز ئاپتوموبىللار بىلەن، ئاۋۋال گالستۇك تاقىمىغان شوپۇرلار ئەكەلگەن تەقلىدىي ئىشلەپچىقىرىلغان ”تۈرك ئەپەندى كولا“سى كىرگۈزۈلۈپتۇ (ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ھەقىقىي كوكا كولا ”تۈرك ئەپەندى كولا“سىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپتۇ)، بۇ خىل يېڭى مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغان سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى ئالىپتە كىيىنگەن گالستۇكلۇق ئەپەندىلەر بولغاچقا، بىر چاغلاردا ئۆزىمۇ ئەخمەقلەرچە بىر ھەۋەس بىلەن سودىگەر بولۇش ئويىدا بوپتۇ. دوكتور نارىن بىزنىڭ بۇ يەرلەردىكى دېۋىرقايدا ئىشلەنگەن يىلىمنى ئەمەس، گېرمانىيىنىڭ UHU يىلىمىنىڭ سېتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش (UHU يىلىمىغا ئوماققىنە مۈشۈكياپىلاق ماركا قىلىنغان بولۇپ، ھەر قانداق نەرسىنى گەپ-سۆزسىز چاپلىغىلى بولىدىكەن)، ياكى بولمىسا سېغىزدا ئىشلەنگەن ئەنئەنىۋى سوپۇن ئورنىغا پۇرىقىمۇ قۇتىسىدەك زىيانلىق بولغان LUX سوپۇنىنى سېتىش ئارزۇسىدا بوپتۇ. ئەمما بۇ نەرسىلەرنى باشقا بىر دەۋرنى ھۇزۇر بىلەن بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان دۇكىنىغا قويار-قويماي، پەقەت سائەتنىڭلا ئەمەس، ۋاقىتنىڭمۇ ئېزىپ قالغىنىنى ھېس قىلىپتۇ. قەپەسكە قونۇۋالغان نومۇسسىز سېرىق قۇشقاچلارنىڭ جاۋىلداپ ۋىچىرلىشىدىن بۇلبۇللارنىڭ ئارامى بۇزۇلۇپ كەيپى ئۇچقاندەك، تاۋار ماللىرىنىڭ ئاپتاپتا قالغىنىدىن ئەرۋاھى ئۇچۇپ، دۇكان ئېچىشتىن ۋاز كېچىپتۇ. كېيىن يەنە دۇكىنىغا پەقەت قېرىلار بىلەن چىۋىنلارنىڭ كىرىپ-چىقىشىغىمۇ ئانچە ئېتىبار قىلماي، ئۆزىگە خاس ھاياتى ۋە ۋاقتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان بىلىپ، تونۇپ كەلگەن ماللارنى قايتا سېتىشقا باشلاپتۇ.
خۇددى كوكا كولا ئىچىپ ئەقلىنى يوقاتقان، ئەمما ھەممە كىشى ئىچىپ ئەقلىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنى پەرق ئېتەلمىگەنلەردەك، يەنىلا بەزىلىرى بىلەن ئاندا-ساندا ئارىلىشىدىغان، بەزىلىرى بىلەن دوستلۇق ئورناتقان ئوقەتچىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بولغان چوڭ سۇيىقەستنى بەلكىم ئۇنتۇپ كېتەرمىش… يەنە كېلىپ، ئۇلار دۇكاننى، ئۆز ماللىرىنى (دەزماللار، چاقماقلار، ئىس چىقماس مەشلەر، قۇش قەپەسلىرى، ياغاچ ئەخلەت ساندۇقلىرى، ئىلغۇچلار، يەلپۈگۈچلەر ۋەھاكازالارنى) ئۆز ئىچىدە شەكىللەندۈرگەن سېھىرلىك مۇزىكىنىڭ ئاھاڭىدىن بولسا كېرەك، دۇكاندارلار سۇيىقەستكە قارشى تەييار تۇرۇپتۇ. ئۆزى بىلەن بىر يولدىكى ئادەملەر، كونيادىن گالستۇكلۇق قارا ئادەم، سىۋاستىن پېنسىيونېر پاشا، ترابزوندىن، تېھراندىن، شامدىن، ئەدىرنەدىن ۋە بالقانلاردىن يۈرىكى دەردكە تولغان، ئەمما ئىمان-ئېتىقادلىق دۇكاندارلارمۇ سۇيىقەستچىلەرگە قارشى چىقىپ ئۇنىڭغا قېتىلىپتۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ يېڭى ماللار نىزامىنى تۈزۈپتۇ ۋە دەردمەن دۇكاندارلار تەشكىلاتىنى قۇرۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئىستانبۇلدا دوختۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوغلىدىن خەت تاپشۇرۇۋاپتۇ: ”مېنى ئىزدىمە، كەينىمگە ئادەم سالما، مەن يوقىلىمەن!“ دەپ مەسخىرىلىك تەكرارلىدى دوكتور نارىن ئۆلگەن ئوغلىنىڭ ئىسيانكار سۆزلىرىگە بولغان ئاچچىقتىن.
چوڭ سۇيىقەست بىلەن چېتىشلىق ئۇ زور كۈچلەرنىڭ ئۆز دۇكىنىغا، كۆز قارىشىغا، ھەۋەس-قىزىقىشىغا پىكرى بارلىقىنى دوكتور نارىن دەرھال بىلىپ يېتىپتۇ. ئۇلار ئاللىبۇرۇنلا ئۇنىڭ ئوغلىغا قول سېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى ئىكەن. ”مەن دوكتور نارىننى ۋەيران قىلماقچى!“دېدى ئۇ غۇرۇر بىلەن. شۇنىڭ بىلەن ئوغلىنىڭ خېتىدە ئېيتىلغان تەلەپلىرىنىڭ تەتۈرىسىچە ئىش تۇتۇپ، مەغلۇبىيەتنى غالىبىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئارزۇسىدا بولۇپتۇ. ئوغلىنىڭ ئارقىسىغا ئادەم سېلىپ، ئۇنىڭدىن ئوغلىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ خەۋەر يېزىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ. كېيىن بىرىنچىسىدىن رازى بولماي ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئادەملىرىنى ئوغلىنىڭ ئارقىسىدىن يوللاپتۇ. ئۇلارمۇ خەۋەر يېزىشقا باشلاپتۇ. كېيىن يوللىغان باشقىلىرىمۇ ئوخشاش خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈشۈپتۇ… بۇ خەۋەرلەرنى ئوقۇپ، بۇ يۇرتنى، بىزنىڭ روھىمىزنى بۇزۇپ يوق قىلماقچى، كاللىمىزدىكى ئەستىلىكلىرىمىزنى ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولغانلارنىڭ چوڭ سۇيىقەستىنىڭ بارلىقىغا تېخىمۇ ئىشىنىپتۇ.
− خەۋەرلەرنى سىز ئوقۇسىڭىزمۇ مېنىڭ دېگەنلىرىمنى چۈشىنىسىز، − دېدى ئۇ، − ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر، ئىشلار سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەك. دۆلەت قىلىدىغان چوڭ بىر ئىشنى مەن قىلىۋاتىمەن. ئۇنى قىلالايمەن، چۈنكى مېنى ياخشى كۆرىدىغان، ماڭا ئىشىنىدىغان ناھايىتى كۆپ دەردمەن ئىنسان بار.
بىز ئۈستىگە چىققان تۆپىلىكتىن كۆرۈنگەن ۋە ھەممىسى دوكتور نارىننىڭ مۈلكى بولغان بۇ كىچىك ئاتكرىتكىدەك زېمىننىڭ ھەممىسى ئەمدى كۈل رەڭ بۇلۇتلارنىڭ ئاستىدا ئىدى. كەسكىن ۋە گىرىمسەن كۆرۈنۈش مازارلىق جايلاشقان تۆپىلىكتىن باشلىنىپ، بىر خىل تۇتۇق زەپىرەڭ تىترەش ئىچىدە غايىب بولاتتى. ”ئۇ يەردە يامغۇر يېغىۋاتىدۇ، — دېدى دوكتور نارىن، — ئەمما بۇ يەرگە كەلمەيدۇ.“ ئۇ ئېگىز بىر تۆپىلىكتىن مەۋجۇداتنىڭ ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىمىرلاۋاتقان ھەرىكىتىگە قاراۋاتقان تەڭرىدەك گەپ قىلاتتى، ئەمما تەلەپپۇزىدا مۇشۇنداق گەپ قىلىدىغانلىقىمنى بىلىمەن دەيدىغان بىر خىل ھەزىلكەشلىك، ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشمۇ بار ئىدى. ئانچە بىلىنمەيدىغان بۇنداق زىل خاراكتېرنىڭ ئۇنىڭ ئوغلىدا پەقەت يوقلۇقىنى جەزملەشتۈردۈم. دوكتور نارىننى ياقتۇرۇپ قېلىۋاتاتتىم.
بۇلۇتلار ئارىسىدا ئىنچىكە ۋە ئاجىز چاقماقلار چېقىۋاتقاندا، دوكتور نارىن ئوغلىنى ئۆزىگە قارشى چىقارغان نەرسىنىڭ بىر كىتاب ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئېيتتى. ئوغلى بىر كۈنى بىر كىتاب ئوقۇپتۇ ۋە پۈتۈن دۇنياسى ئۆزگەرگەندەك ھېس قىلىپتۇ.” ئەلى بەگ، − دېدى ئۇ ماڭا، − سىزمۇ بىر سودىگەرنىڭ ئوغلى ھەمدە 20 ياشلاردا، ماڭا ئېيتىڭە: ئىنساننىڭ پۈتۈن دۇنياسىنى ئۆزگەرتىۋەتكۈدەك مۇنداق بىر كىتابنىڭ بولۇشى بۈگۈن مۇمكىنمۇ؟“ كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا دوكتور نارىننى كۆزەتكەچ جىم تۇردۇم. ”بۇنداق كۈچلۈك سېھىر بۈگۈنكى كۈنىمىزدە قانداق ئۇسۇل بىلەن ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن؟ “ ئۇ بىرەر خىيالىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، تۇنجى قېتىم مەندىن بىر جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن بۇنى سوراۋاتاتتى، قورقۇپ جىم بولدۇم. شۇ ھامان ئۇنى ئارقامدىكى قەلئەنىڭ تاشلىرىغا ئەمەس، ماڭا قاراپ كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. ئۇ بىردىنلا توختاپ يەردىن بىر نەرسە يۇلۇۋالدى.
− كېلىپ قاراڭ،−دېدى يۇلۇۋالغان نەرسىنى ئالىقىنىنىڭ ئىچىدە ماڭا كۆرسىتىپ، − ئۈچ ياپراقلىق سېمىز ئوت،− دېدى كۈلۈمسىرەپ.
دوكتور نارىن كىتابنىڭ ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەسەرلەرنىڭ بۇ ھۇجۇمىغا قارشى كونيالىق گالستۇكلۇق ئادەم، سىۋاسلىق پېنسىيونېر پاشا، ترابزوندىكى خالىس ئىسىملىك خوجىدار ۋە دەمەشقتىن، ئەدىرنەدىن، بالقانلاردىن ئاۋاز قوشقان باشقا دەردمەن دوستلىرى بىلەن ئالاقىسىنى كۈچەيتىپتۇ. چوڭ سۇيىقەستكە قارشى ئۇلار ئۆز ئىچىدىلا بىر-بىرىدىن مال ئېلىپ سېتىشقا، باشقا دەردمەن قېرىنداشلارغا ئىچ سىرىنى تۆكۈشكە باشلاپتۇ ۋە چوڭ سۇيىقەستچىلەرنىڭ لالمىلىرىغا قارشى ئېھتىياتچانلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە كىچىك پېئىللىق بىلەن تەشكىللىنىپتۇ. بۇ پەرىشانلىق ۋە ئۇنتۇلۇش كۈنلىرىدىن كېيىن قۇتۇلۇش كۈنى كەلگەندە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمىزنى، يەنى بۇ ”ئەڭ چوڭ خەزىنىمىزنى“ يوقىتىپ، ماڭقۇرتلاردەك چارىسىز قالمايلى ۋە ”يوقىتىلماقچى بولغان ساپ دەۋرىمىزنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى“ يېڭىدىن زەپەر بىلەن قۇرايلى دەپ دوكتور نارىن ھەممە دوستلىرىدىن ماللىرىنى، قوللىرىنىڭ يەنە بىر قىسمى بولغان ۋە روھلىرىنى شېئىردەك تولۇقلايدىغان ئاشۇ ھەقىقىي نەرسىلەرنى− كىچىك چاي ئىستاكانلىرىنى، ماي كەمچەنلىرىنى، قەلەم قاپچۇقلىرىنى، يوتقانلىرىنى، ”قايسى نەرسە سېنى ھەقىقىي قىلسا شۇنى“ ساقلىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ دۇكانلاردا — ئەگەر دۆلەت تېررورىزمى يەنى ئاتالمىش دۆلەت قانۇنى تۈپەيلىدىن دۇكانلاردا ساقلاش چەكلەنسە− ئۆيلىرىدە، يەر ئاستى ئۆيلىرىدە، ھەتتا باغلىرىدا قېزىلغان ئورەكلەردە، يەر ئاستىدا، ھەر كىم ئۆزىگە قارىتا كونا ھېسابلىنىدىغان ماشىنىلىرىنى، مەشلىرىنى، بوياقسىز سوپۇنلىرىنى، پاشىلىقلىرىنى، ئاسما سائەتلىرىنى ساقلاپتۇ.
دوكتور نارىن ئارىلاپ مەندىن يىراقلىشىپ، ئۆزى يالغۇز ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ، قەلئە خارابىلىرى ئارقىسىدىكى سەرۋى دەرەخلىرىنىڭ ئىچىدە يوقاپ كەتكىنىدە ئۇنى ساقلىدىم. ئۇنىڭ ئېگىز چاتقاللار ۋە سەرۋى دەرەخلىرى ئارقىسىدا يوشۇرۇنغان بىر تۆپىلىككە ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن ئارقىسىدىن يۈگۈردۈم. بىز يانتاق ۋە تىكەنلىك چاتقاللار بىلەن قاپلانغان بىر يانتۇلۇققا چۈشۈپ، ئاندىن بىر تىك داۋانغا چىقىشقا باشلىدۇق. دوكتور نارىن ئىلدامراق مېڭىپ كېتىپ، دېگەنلىرىمنى ئاڭلىسۇن دەپ بەزىدە مېنى ساقلايتتى.
ئۇ دوستلىرىغا:”چوڭ سۈيىقەستچىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئادەملىرى، يالاقچىلىرى بىزگە ماقالە بىلەن، كىتاب بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا. بىزمۇ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنايلى“ دەپتۇ. ئۇ بىر قىيادىن يەنە بىر قىياغا چەبدەس ئىزچىدەك ئاتلاۋېتىپ مەندىن ”قايسى ماقالە؟ “ دەپ سورىدى. ”قايسى كىتاب بولغىيدى؟“ دەپ ئويلىدى، ئۇنى قانداق ئىنچىكە ئويلىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقتى كەتكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكچى بولغاندەك بىر دەم جىمىپ قالدى، ئاندىن پۇشقىقىم ئىلىنىپ قالغان بىر تىكەنلىك چاتقالدىن مېنى تارتىپ چىقىرىۋېتىپ چۈشەندۈردى: ”ئوغلۇمنى ئالدىغان پەقەت ئۇ كىتابلا ئەمەس، مەتبەئەدىن چىققان كىتابلارنىڭ ھەممىسى زامانىمىزنىڭ، ھاياتىمىزنىڭ دۈشمىنى.“
قەلەمدە يېزىلغان، قەلەمنى تۇتقان قولنىڭ بىر قىسمى بولغان، قولنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان، كاللىنى راھەتلەندۈرىدىغان، كۆڭۈلنى خۇش قىلىدىغان، روھنىڭ ھەسرىتى، قىزىقىشى ۋە شەپقىتىنى ئىپادىلىگەن قوليازما ئەسەرلەرگە ئۇ قارشى ئەمەسكەن. چاشقانلىرىنى بويسۇندۇرالمىغان نادان دېھقانلارغا بىلىم بېرىدىغان، ئېزىققۇچىغا يول كۆرسىتىدىغان، ئۆزىنى يوقىتىپ قويغۇچىغا ئەجدادلىرىنى ئەسلىتىدىغان، دۇنيادىن خەۋىرى يوق بالىغا رەسىملىك ھېكايىلەر بىلەن دۇنيانى ۋە ئۇنىڭدىكى سەرگۈزەشتىلەرنى كۆرسىتىدىغان تەربىيىۋى كىتابلارغىمۇ قارشى ئەمەسكەن، ھەتتا ئۇ كىتابلار بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىگە ئوخشاش ھازىرمۇ زۆرۈر ئىكەن، كۆپ يېزىلسا تېخى ياخشى بولىدىكەن. دوكتور نارىننىڭ قارشى چىققىنى نۇرىنى، يەنى توغرىلىقىنى، ھەقىقىتىنى يوقاتقان كىتابلار بولۇپ، بۇ كىتابلارنى ئاپتورلار بىر بولسا ئىدىيىسى ئىلغار، توغرا، ھەقىقىيدەك يازارمىش. بىزگە بۇ چەكلىك دۇنيانىڭ تاملىرى ئىچىدە جەننەتنىڭ سېھرى ۋە ھۇزۇرىنى تاپىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدىغان كىتابلار باركى، ئۇلارنى چوڭ سۇيىقەستچىلەرنىڭ ئادەملىرى — بىر ئېتىز چاشقىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە يېنىمىزدىن قېچىپ كەتتى— بىزگە ھاياتىمىزنىڭ شېئىرىي گۈزەللىكى ۋە ياخشىلىقىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بېسىپ تارقىتارمىش. ”ئىسپاتمۇ؟“دېدى ئۇ بۇ سوئالنى خۇددى مەن سوراۋاتقاندەك گۇمان بىلەن ماڭا قاراپ. ”ئىسپات نەدە؟“، ئۇ ئۈستى قۇش ماياقلىرىغا تولغان قىيالارنىڭ، ئىنچىكە ئارچا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدىن تولغىنىپ تېز يامىشىپ چىقىۋاتاتتى.
ئىسپاتى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىستانبۇلدىكى، ھەممە دۆلەتتىكى ئادەملىرىگە، جاسۇسلىرىغا قىلدۇرغان تەتقىقاتلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئوقۇشۇم كېرەك ئىكەن. كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئوغلى نىشاندىن ئادىشىپ، دادىسىدىن، ئائىلىسىدىن يۈز ئۆرۈگەندىن سىرت − بوپتۇ، بۇ نوچىلىقنى ياشلىق دەپ تۇرايلى−ھاياتنىڭ ھەممە بايلىقىغا، يەنى ” ۋاقىتنىڭ يوشۇرۇن سىممېترىك سىزىقلىرىغا“، ”شەيئىلەرنىڭ بارلىق تەرەپلىرىگە، بىر خىل ئۆلۈم سەپسەتىسىگە قارىغۇلارچە ئەسىر بوپتۇ.
− بۇنىڭ ھەممىسى بىر كىتابنىڭ ئىشىمۇ؟− دەپ سورىدى دوكتور نارىن،− ئۇ كىتاب پەقەت چوڭ سۇيىقەستچىلەرنىڭ كىچىك قورالى.
ئەمما ئۇ كىتابنى ۋە ئاپتورىنى باشتا سەل چاغلىمىغانلىقىنى ئېيتتى. دوستلىرى ۋە جاسۇسلىرى يازغان خەۋەرلەرنى، ئالغان ئىسپات-ھۆججەتلەرنى ئوقۇسام، ئۇ كىتابنىڭ ئاپتورنىڭ مەقسىتىنىڭ ئەكسىچە يېزىلغانلىقىنى كۆرىدىكەنمەن. ئاپتور بىچارە− پېنسىيىگە چىققان كادىر، كىتابىدا يازغىنىدەك ئىشەنچ-ئېتىقادىنى قوغدىيالىغۇدەك جاسارىتىمۇ يوق ئادەم ئىكەن. ”ئۇ غەربتىن كەلگەن شاماللارغا ئەگەشكەن، خاتىرىلىرىمىزنى يوقىتىدىغان ئۇنتۇش ۋاباسىنى بىزگە يۇقتۇرىدىغانلار بىزدىن تەلەپ قىلىدىغان زەئىپ خاراكتېر… زەئىپ روھتىكى، ئەبگا، ئەرزىمەس ئادەم ئىكەن! ئۇ يوقىتىلدى، ۋەيران قىلىندى، يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈلدى.“ ئۇ كىتاب ئاپتورىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئېچىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىر ھازاغىچە پاراڭلاشماي بىر پادا يولىنى بويلاپ ماڭدۇق. ئاستا-ئاستا سۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان، ئەمما يېقىنلاشمايۋاتقان ياكى يىراقلاشمايۋاتقان يامغۇر بۇلۇتلىرى ئارىسىدا يىپەكسىمان چاقماقلار چاقاتتى، ئەمما ئاۋازى پەسەيتىلگەن تېلېۋىزورنى كۆرگەندىكىدەك، ھېچقانداق شاۋقۇن-سۈرەن ئاڭلىمايتتۇق. تۆپىلىككە چىققاندا پەقەت دوكتور نارىننىڭ زېمىنلىرىنى ئەمەس، پەستىكى تۈزلەڭلىكتە ئىشچان ئۆي ئايالى راسلىغان داستىخاندەك رەتلىك تۇرغان بازارنى، قىزىل كاھىشلىق ئۆيلەرنى، ئىنچىكە مۇنارلىق جامەنى، كوچىلارنىڭ ئەركىن يېيىلىشىنى ۋە بازار سىرتىدىكى، تۈز چېگرا سىزىقلىرى بىلەن بىر-بىرىدىن ئايرىلغان بۇغداي ئېتىزلىرى بىلەن مېۋىلىك باغلارنى كۆردۇق.
− ئەتىگەنلىرى كۈن مېنى ئويغىتىپ قارشى ئېلىشتىن بۇرۇن مەن ئويغىنىپ كۈننى قارشى ئالىمەن، − دېدى دوكتور نارىن مەنزىرىگە قاراۋېتىپ، − تاغلارنىڭ ئارقىسىدىن سەھەر كېلىدۇ، ئەمما باشقا يەرلەردە قۇياشنىڭ خېلى بۇرۇن چىقىپ بولغانلىقىنى كىشى قارلىغاچلار بىلەن تەڭ بىلىدۇ. ئەتىگەنلىرى بەزىدە تا بۇ يەرگىچە مېڭىپ كېلىمەن، ماڭا سالام بەرگەن قۇياشنى قارشى ئالىمەن. تەبىئەت تۇرغۇن بولىدۇ. ھەرىلەر، يىلانلار تېخى چىقمىدى. مەن بىلەن دۇنيا، بىر-بىرىمىزدىن نېمە سەۋەبتىن مەۋجۇت بولغانلىقىمىزنى، نېمىشقا بۇ ۋاقىتتا بۇ يەردە ئىكەنلىكىمىزنى، مەقسەتنىڭ، ئەڭ بۈيۈك مەقسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورايمىز. بۇلارنى تەبىئەت بىلەن باغلاپ ئويلايدىغان ئىنسانلار بەك ئاز. ئەگەر ئىنسانلار ئويلانسا، كاللىسىدا پەقەت باشقىلاردىن ئاڭلىغان، ئەمما ئۆزىنىڭ دەپ ئويلىغان بىر قانچە تايىنى يوق چۈشەنچىسى بار، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە قاراپ بايقىغانلىرى ئەمەس، شۇڭا ھەممىسى زەئىپ، خۇنۈك، تۇترۇقسىز چۈشەنچىلەر .
− مەزمۇت تۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ۋە كەسكىن بولۇش كېرەكلىكىنى غەربتىن كەلگەن چوڭ سۇيىقەستنىڭ بارلىقىنى بايقاشتىن ئاۋۋال بىلگەنىدىم، − دېدى دوكتور نارىن، − غېرىب كوچىلار، سەۋرچان دەرەخلەر، خۇنۈك چىراغلارنىڭ مەن بىلەن كارى يوق ئىدى، مەنمۇ ماللىرىمنى توپلىدىم، ئۆز ۋاقتىمنى تەرتىپكە سالدىم؛ تارىخقا ۋە تارىخقا ھۆكۈم قىلماقچى بولغانلارنىڭ ئويۇنىغا باش ئەگمىدىم. نېمىشقا باش ئېگىمەن؟ ئۆزۈمگە ئىشەندىم. ئۆزۈمگە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن مېنىڭ ئىرادەمگە ۋە ھاياتىمنىڭ شېئىرىي گۈزەللىكىگە باشقىلارمۇ ئىشەندى. ئۇلارنى ئۈمىد ئارقىلىق ئۆزۈمگە باغلىدىم. شۇنداق قىلىپ ئۇلارمۇ ئۆز ۋاقىتلىرىنى يېڭىدىن بايقىدى. بىر-بىرىمىزگە باغلاندۇق. شىفىرلەر بىلەن خەۋەرلەشتۇق، ئاشىق-مەشۇقلاردەك خەت يېزىشتۇق، پات-پات مەخپىي يىغىلدۇق. گۈدۈلدىكى تۇنجى قېتىملىق ئوقەتچىلەر يىغىلىشىمىز يىللارچە داۋاملاشقان كۈرەشنىڭ، يىڭنىدە قۇدۇق قازغاندەك سەۋر-تاقەت بىلەن ئىشلەنگەن، پىلانلانغان بىر ھەرىكەتنىڭ، ئۆمۈچۈك تورىدەك دىققەت، چىۋەرلىك بىلەن قۇرۇلغان بىر تەشكىلاتنىڭ غەلىبىسىدۇر ئەلى ئەپەندى! ئەمدى غەرب نېمىلا قىلسا بىزنى يولىمىزدىن قايتۇرالمايدۇ! — بىر ئاز سۈكۈتتىن كېيىن قوشۇمچە قىلدى، — مەن ياش، چىرايلىق خوتۇنۇم بىلەن گۈدۈلدىن سالامەت ئايرىلىپ ئۈچ سائەتتىن كېيىن شەھەردە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپتۇ. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ دۆلەتنىڭ شۇنچە ياردىمىگە قارىماي مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى تاسادىپىيلىق ئەمەسكەن. چۈنكى ئىسيانچىلاردا، يەنى گېزىتلەر كۈشكۈرتكەن توپىلاڭچىلاردا روھلىرىنىڭ، ئۆز شېئىرلىرىنىڭ، خاتىرىلىرىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى سېزىۋالغان دەردمەن دوستلىرىنىڭ كۆز ياشلىرى ۋە ئاچچىقى بارمىش. ماشىنىلارنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى، قوراللارنىڭ ئېتىلغانلىقىنى، بىر كىشىنىڭ — قانداقتۇر قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى بىلسەم ئىش قانداق بولماقچىدى؟ تەبىئىيكى، ئەنقەرە ۋە يەرلىك پارتىيىلەر بىلەن بىرلىكتە تەشكىللىگەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت جەمئىيەت تەرتىپىگە تەھدىت سالغانلىق پاكىتى بىلەن دەردمەن ئوقەتچىلەر يىغىلىشىنى چەكلىگەنىدى.
− ئوق ئەمدى يادىن چىقتى،−دېدى دوكتور نارىن،− باش ئەگمەيمەن. يىغىلىشتا پەرىشتىلەر تېمىسىنىڭ مۇنازىرە قىلىنىشىنىمۇ مەن تەلەپ قىلدىم. بىزنىڭ ئۆز روھىمىزنى ۋە بالىلىقىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر تېلېۋىزورنىڭ ياسىلىشىنىمۇ مەن تەلەپ قىلدىم، ئۇ قورالنى مەن ياسىتىمەن. ئوغلۇمنى تارتىۋالغان كىتابقا ئوخشاش يامانلىقلارنىڭ مەنبەسىنىڭ تاكى رەزىللىك قاينىمىغىچە ئىزدەپ تېپىلىپ يوقىتىلىشىنىمۇ مەن تەلەپ قىلدىم. ھەر يىلى يۈزلىگەن، مىڭلىغان ياشلىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئويۇنلار ئارقىلىق ”پۈتۈن ھاياتىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى“، قوللىرىغا سىلەر بىلەلمىگەن بىر-ئىككى كىتاب بېرىلىپ ”پۈتۈن روھىي دۇنيالىرىنىڭ ھەيران قالدۇرۇلغانلىقىنى“ بىلدۇق. ھەر ئىشنى مەن بىر-بىرلەپ ئويلىدىم. يىغىلىشقا بارمىغانلىقىممۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇ يىغىلىشنىڭ سىزدەك بىر ياشنى ماڭا يەتكۈزۈپ بېرىشىدەك بۇ ئىلتىپاتمۇ بەدەلسىز ئامەت ئەمەس. ھەر ئىش باشتا ئويلىغىنىمدەك جايى جايىدا كېتىۋاتىدۇ… ئوغلۇم بىر قاتناش ھادىسىسى بىلەن مەندىن تارتىۋېلىنغاندا سىزنىڭ يېشىڭىزدا ئىدى… بۈگۈن ئايغا 14، دەل بۈگۈنكى كۈندە ئوغلۇمدىن ئايرىلدىم.
دوكتور نارىن ئالىقىنىنى ئاچقاندا ئىچىدىكى سېمىز ئوتنى كۆردۈم. بۇنى ئۇ سېپىدىن تۇتۇپ بىر دەم دىققەت بىلەن كۆزەتكەندىن كېيىن مەيىن شامالغا قويۇۋەتتى. بىلىنەر-بىلىنمەس شامال يامغۇر بۇلۇتلىرىنىڭ يۆنىلىشىدە چىقىۋاتاتتى؛ ئەمما چىقىۋاتقانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سالقىنلىقىدىن ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سېزىۋاتاتتىم. بوز رەڭ بۇلۇتلار گويا قارارسىز تۇرغان يەرلىرىدە تۇرۇپ قېلىشقانىدى. بازاردىن ناھايىتى يىراق بىر يەردە سۇس ساغۇچ، غۇۋا بىر چىراغ پىلىلدايتتى، ئۇ يەردە بىر مەخپىي ئىشلار بار ئىدى. دوكتور نارىن يامغۇرنىڭ ئەمدى ئۇ يەردە ياغقانلىقىنى ئېيتتى. تۆپىلىكنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى خادا تاشلىق ھاڭنىڭ قىرىغا كەلگىنىمىزدە، مازارلىق ئۈستىدىكى بۇلۇتلارنىڭ تارىغانلىقىنى كۆردۇق. ھەممە يېرى قورقۇنچلۇق تىك قىيالار ئارىسىغا ئۇۋا سالغان بىر كۆكىنەك بىزنى كۆرۈپ تېزلىكتە ئۇچتى-دە، دوكتور نارىننىڭ زېمىنى ئۈستىگە كەڭ بىر ياي سىزىشقا باشلىدى. قانداقتۇر قاناتلىرىنى زادى قاقمىغان ئاشۇ قۇشنى بىر خىل زوقلىنىش ۋە ھەيرانلىق بىلەن جىمجىت كۆزەتتۇق.
−مانا بۇ زېمىندا، − دېدى دوكتور نارىن، − بىردىنبىر كەسكىن پىكىردىن يىللارچە ئىلھام ئېلىپ پىشىپ يېتىلدۈرگەن ئۇلۇغ چۈشەنچەمنى، بۇ ئۇلۇغ ھەرىكەتنى مەزمۇت تۇتۇپ تۇرىدىغان بايلىق ۋە كۈچ بار. ئوغلۇم شۇنچە سۆيۈملۈك بولسىمۇ، ئەگەر چوڭ سۇيىقەستچىلەرنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىمايدىغان، بىر كىتابقا ئىشەنمىگۈدەك كۈچلۈك، ئىرادىلىك بولسىدى، بۈگۈن بۇ تۆپىلىكتىن قاراۋاتقاندا مەن ھېس قىلغان كۈچنى ۋە قابىلىيەتنى ھېس قىلاتتى. بۈگۈن بىلىۋاتىمەن، شۇ ئىلھامنى ۋە ئۇپۇقنى سىز كۆرۈۋاتىسىز. ئوقەتچىلەر يىغىلىشىدىكى كەسكىنلىكىڭىزنى، ماڭا ئېيتقانلارنىڭ ئاشۇرۇۋەتمىگەنلىكىنى باشتىلا چۈشەندىم. يېشىڭىزنى ئۇقۇپ ئىككىلىنىپمۇ قالمىدىم. كەچمىشىڭىزنى بىلىشىمنىڭمۇ ھاجىتى قالمىدى. بۇ ياشتا، يەنى ئوغلۇم ھىيلە ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن تارتىۋېلىنغان ياشتا سىز ھەر ئىشنى، يىغىلىشقا ئىستەك بىلەن قاتناشقۇدەك دەرىجىدە چۈشىنىپسىز. شۇ بىر كۈنلۈك تونۇشلۇقىمىز ماڭا تارىخنىڭ بىر كىشىدە چالا قالدۇرغان ئىرادە ھەرىكىتىنى باشقا بىر كىشىدە قايتا باشلاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئوغلۇم ئۈچۈن قىلدۇرغان ئۇ كىچىك خاتىرە ئۆيىنى سىزگە بىكاردىن ئېچىپ بەرمىدىم. ئانىسى ۋە ئاچا-سىڭىللىرىدىن باشقا ئۇ ئۆينى تۇنجى كۆرگەن ئادەم سىز بولىسىز. ئۆزىڭىزنى، ئۆز ئۆتمۈشىڭىزنى ۋە كېلەچىكىڭىزنى ئۇ يەردە كۆردىڭىز. بۇندىن كېيىن بېسىلماقچى بولغان قەدەمنىمۇ ماڭا— دوكتور نارىنغا قاراپ چۈشىنىسىز. ئوغلۇم بول! ئۇنىڭ ئورنىنى ئال. مەندىن كېيىن ھەممە ئىشنى سەن ئۈستۈڭگە ئال. قېرى بىر ئادەممەن، لېكىن قىزغىنلىقىم تېخى پەسەيمىدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشەنگۈم بار. ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتىم بار. ماڭا خەۋەر يېزىۋاتقانلار يەنىلا ئاكتىپ. ئالدانغان يۈزلەرچە ياشنىڭ كەينىگە ئادەم سالدىم. ئارخىپلارنى، پۈتۈن ئارخىپلارنى ساڭا كۆرسىتىمەن، ئوغلۇمنىڭ پۈتۈن ھەرىكەتلىرىنى ئىز قوغلاپ كۆزەتكۈزدۈم، ئوقۇيسەن. ئېزىقتۇرۇلغان ياشلار نېمىدېگەن كۆپ! داداڭدىن، ئائىلەڭدىن ئايرىلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. ھەر خىل قوراللىرىمنىمۇ ساڭا كۆرسەتسەم دەيمەن. ماڭا ’ماقۇل‘دە! خوپ، مەسئۇلىيىتىمنى بىلىمەن دېگىن. مەن چاكىنا ئادەملەردىن ئەمەسمەن، ھەممە ئىشنى كۆرۈۋاتىمەن. ئىلگىرى بىر ئوغۇل بالام بولمىغاچقا ئازاب چەككەنىدىم، كېيىن ئۇنى مەندىن تارتىۋېلىشتى، تېخىمۇ ئېغىر ئازاب چەكتىم. ئەمما ھېچقانداق نەرسە ماڭا بۇ مىراسنى ئىگىسىز قالدۇرۇشتىنمۇ ئېغىر كەلمەيدۇ.
يىراقتا يامغۇر بۇلۇتلىرى ھەممە ياقتا تارقىلىۋاتقاندا، دوكتور نارىننىڭ ماكانىغا بىر سەھنىنىڭ بۇلۇڭلىرىغا تىك چىراغلاردىن چۈشكەن نۇردەك قۇياش نۇرلىرى چۈشۈپ تۇراتتى. كۈن نۇرىدىن بىردىنلا يورۇغان بىر پارچە زېمىن، ئالما ۋە جىگدە دەرەخلىرى بىلەن قاپلانغان بىر تۈزلەڭلىك، ئوغلى يەرلىككە قويۇلغان مازارلىق، بىر ئېغىلنىڭ چۆرىسىدىكى سېغىز توپىلار، قىسقا بىر ۋاقىتتىن كېيىن رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋاتاتتى، شۇنداقلا كونۇس شەكلىدىكى نۇر دەستىسىنىڭ جىددىي ئىلگىرىلەۋاتقان بىر روھتەك چېگرا تونىماستىن، ئېتىزلارنى ئىتتىك ئاتلاپ ئۆتۈپلا يوقاپ كەتكىنىنىمۇ كۆرۈۋاتاتتۇق. تۆپىلىككە چىقىش ئۈچۈن ماڭغان يولنىڭ كۆپ قىسمىنى بىز تۇرغان نۇقتىدىن كۆرەلىگىنىمىزنى بايقىغان ھامان، كۆزلىرىم قىيالىق يانباغىر، پادا يولى، ئۈجمە دەرەخلىرى، ئاساسلىق تۆپىلىك، دەرەخلىكلەر ۋە بۇغداي ئېتىزلىرىنى بويلاپ خېلىلا ئارقىغا كەتتى ھەم بىردىنلا ئۆز ئۆيىنى ئايروپىلاندىن تۇنجى كۆرۈۋاتقان بىرسىدەك ھەيرانلىق بىلەن دوكتور نارىننىڭ تۇرالغۇسىنىمۇ كۆردۈم، ئۇ ئەتراپى دەرەخلىكلەر بىلەن قاپلانغان كەڭ بىر تۈزلەڭلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى، ئۇ تۈزلەڭلىكتە ناھىيە بازىرىغا بارىدىغان يولغا ۋە سىبىرىيە قارىغايلىرىغا قاراپ مېڭىۋاتقان بەشەيلەندىن بىرىنىڭ جانان ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئالغان گىلاس رەڭلىك گۈللۈك چاپىنىدىن، ياق، پەقەت ئۇنىڭدىن ئەمەس، مېڭىشىدىن، تۇرقىدىن، نازۇكلىقىدىن، گۈزەللىكىدىن، ياق، يۈرىكىمنىڭ سوقۇشلىرىدىن بىلدىم. يەنىمۇ يىراقلاردا دوكتور نارىننىڭ كىچىك ماكانىنىڭ چېگرىلىرى باشلانغان تاغلارنىڭ چوققىسىدا ئاجايىپ بىر ھەسەن-ھۈسەننىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆردۈم.
− باشقىلار تەبىئەتكە قارىسا،− دېدى دوكتور نارىن، − ئۇنىڭدىن ئۆز چېگرىلىرىنى، يېتەرسىزلىكلىرىنى، قورقۇنچلىرىنى كۆرىدۇ. ئاندىن ئۆز زەئىپلىكلىرىدىن قورقۇپ بۇنى تەبىئەتنىڭ چەكسىزلىكى، چوڭلۇقى دەيدۇ. مەن بولسام تەبىئەتتە مەن بىلەن سۆزلىشىدىغان، تىكلەپ تۇرۇشۇم كېرەك بولغان ئىرادەمنى ماڭا ئەسلىتىدىغان قۇدرەتلىك بىر نەسىھەتنى، مول مەزمۇنلۇق بىر ئەسەرنى كۆرىمەن، ئۇنى قەتئىيلىك، رەھىمسىزلىك، قورقۇمسىزلىق بىلەن ئوقۇيمەن. ئۇلۇغ ئادەملەر خۇددى بۈيۈك دەۋرلەر، بۈيۈك دۆلەتلەردەك ئۆز ئىچىدە قانداقلا بولسۇن پارتلىغۇدەك مەسئۇلىيەتچان بىر كۈچنى توپلىيالىغانلاردۇر. ۋاقتى كەلگەندە، پۇرسەتلەر چىققاندا، يېڭى تارىخ يارىتىلىدىغان چاغدا بۇ بۈيۈك كۈچ ئۆزى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ئادەم بىلەن بىرلىكتە رەھىمسىزلەرچە بىر قارارغا كېلىدۇ، قوزغىلىدۇ. ئۇ چاغدا تەقدىرمۇ شۇ رەھىمسىزلىكى بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. ئۇ بۈيۈك كۈندە جامائەت پىكرىنىڭ، گېزىت ماقالىلىرىنىڭ ياكى ھازىرقى زامان ئېقىملىرىنىڭ، بىچارە قېرىنداشلىرىمىزنى ئالدىغان Aygaz لارنىڭ،Lux سوپۇنلىرىنىڭ، CocaCola بىلەن Marlboro نىڭ، غەربنىڭ ئۇششاق ماللىرى بىلەن ساختا ئەخلاقىنىڭ ناملىرى تىلغا ئېلىنمايدۇ.
−ئەپەندىم، ھۆججەتلەرنى ئوقۇسام بولامدۇ؟−دەپ سورىدىم.
ئارىنى ئۇزۇن بىر سۈكۈت باستى. ھەسەن-ھۈسەن دوكتور نارىننىڭ چاڭ-توزان باسقان، داغ چۈشكەن كۆزەينەكلىرىدە ئىككى پاراللېل ھەسەن-ھۈسەن بولۇپ پىلىلدايتتى.
− مەن بىر داھىي،− دېدى دوكتور نارىن.

10

تۇرالغۇغا قايتتۇق. ھەممەيلەن بىللە چۈشلۈك تاماق يېگەندىن كېيىن، دوكتور نارىن گۈلجاھان ئەتىگەن بىزگە مەھەممەتنىڭ بالىلىقتىكى ھۇجرىسىنى ئېچىپ بەرگەن بىر ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكىنى ئېچىپ مېنى ئىشخانىسىغا باشلاپ كىردى. ئۇ ئىشكاپلاردىن چىقارغان دەپتەرلەرنى، كىتاب ئىشكاپلىرىدىن ئالغان ئارخىپلارنى كۆرسىتىپ، بۇ ئىسپاتلارنىڭ، بۇ جاسۇس ئاخباراتلىرىنىڭ تەييارلىنىشىنى بۇيرۇغان ئىرادىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر دۆلەت شەكلىدە مەيدانغا كېلەلىشىگە كۆز يۇممايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ تەشكىللىگەن جاسۇسلار بيۇروكراتسىيىسى كۆرسەتكەندەك، دوكتور نارىن چوڭ سۇيىقەستچىلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلسا يېڭى بىر دۆلەت قۇراتتى.
دەرۋەقە بارلىق ئاخباراتلار تېز خاتىرىلىنىپ ئارخىپلاشتۇرۇلغانلىقتىن ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ ئىچىگە كىرىشىم ئوڭاي بولدى. دوكتور نارىن ئوغلىنىڭ ئارقىسىغا سالغان ئىزچىلارنى بىر-بىرىگە تونۇشتۇرماي، بىر سائەت ماركىسىنى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە تەخەللۇس سۈپىتىدە بەرگەنىدى. بۇ سائەتلەرنىڭ كۆپى غەربنىڭ مېلى بولسىمۇ، يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان بىزنىڭ ۋاقتىمىزنى كۆرسىتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن دوكتور نارىن بۇ سائەتلەرنى بىزنىڭ دەپ بىلەتتى.
تۇنجى ئىزچى Zenith تۇنجى ئاخباراتىنى تۆت يىل ئاۋۋال يازغانىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئىسمى يەنىلا ناھىت بولغان مەھەممەت چاپادىكى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوختۇرلۇقتا ئوقۇيتتى. Zenith بۇ ئۈچىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسىنىڭ كۈزدىن باشلاپ دەرسلىرىدە پەۋقۇلئاددە ناچارلاپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ، ئاندىن تەكشۈرۈشىنى مۇنداق خۇلاسىلىغانىدى: مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاخىرقى ئايلاردا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىكى ئۇنىڭ كادىرگادىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىدىن بەك ئاز چىققانلىقى، دەرسلەرگە قاتناشمىغانلىقى، ھەتتا شىپاخانىدىكى، دوختۇرخانىدىكى پراكتىكا دەرسىگە پەقەت كەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولغان. ئارخىپ ناھىتنىڭ ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىدىن قاچان چىقىپ، قايسى قاتلىمىخانىغا، كاۋاپخانىغا، مۇھەللەبخانىغا، ساتىراشخانىغا، بانكىغا بارغانلىقىنى تەپسىلاتى بىلەن بايان قىلغان ئىسپاتلار بىلەن تولغانىدى. مەھەممەت ھەر قېتىم ئىشىنى تۈگەتكەندە ھېچ ئىككىلەنمەستىن، تېز قەدەملەر بىلەن ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىغا قايتاتتى، Zenith يازغان ھەر خەۋەر خېتىدە دوكتور نارىندىن ”تەتقىقاتى“ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇل تەلەپ قىلاتتى.
دوكتور نارىن Zenith تىن كېيىن تەيىنلىگەن Movado كادىرگادىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىنىڭ بىر باشقۇرغۇچىسى بولۇشى كېرەك ئىدى، شۇنداقلا كۆپلىگەن باشقۇرغۇچىلاردەك ساقچى بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىدى. مەھەممەتنى قانداقلا بولمىسۇن ۋاقتى- ۋاقتىدا ئىزدىيەلەيدىغان بۇ تەجرىبىلىك ئادەمنىڭ شەھەر چېتىدىكى باشقا بەزى ئەندىشىلىك ئاتىلارغا ياكى مىللىي ئاخبارات تەشكىلاتىغا خېلى بۇرۇنلا ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە خەۋەر يېزىپ پايدا ئالغىنىنى ئويلىدىم. چۈنكى تۇرالغۇدىكى سىياسىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى كەسپىي بىر ئىنچىكىلىك ۋە ئىخچاملىق بىلەن ناھايىتى ئۇستىلارچە يېزىۋەتكەنىدى. نەتىجە مۇنداق ئىدى: ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىدا تەسىرى كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغاندىن ئىككىسى ئەسەبىي دىنچى، بىرى نەقشىبەندىيە تەرىقىتى بىلەن ئالاقىدار، يەنە بىرى بىلىملىك سولچى ئوقۇغۇچىلار تەرەپدارى، بۇلار بىلەن ناھىتنىڭ ھېچبىر مۇناسىۋىتى يوق. بۇ ياش يىگىتىمىز ئۇ تەرەپبازلارنىڭ ھېچ قايسىسى بىلەن ئارىلاشماي، ئۆز ھالىدا، ئۆز يولىدا ئۈچ دوستى بىلەن بىر ياتاقتا ياشايتتى، ھۆرمەتلىك ئەپەندى، چۈشەندۈرۈش كېرەك بولسا، ئەتىگەندىن كەچكىچە قۇرئان ئوقۇيدىغان بىر ھافىزدەك ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن بىر كىتابتىن باشقا ھېچ بىر نەرسە كۆرمەيتتى. Movado نىڭ سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيىلىك تېمىلاردىكى چۈشەنچىلىرىگە ئىشەنگەن ياتاق باشقۇرغۇچىلىرى، ساقچىلار ۋە يىگىتىمىزنىڭ ياتاقداشلىرى بۇ كىتابنىڭ سىياسىي ۋە دىنچى ياشلار يادلايدىغان خەتەرلىك كىتابلاردىن ئەمەسلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشكەنىدى. Movado خوجايىنىغا ئەھۋالنىڭ ئۇنچىۋالا ئېغىر ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈش يۈزىسىدىن، ئۇ يىگىتنىڭ ياتىقىدىكى ئۈستەلدە بىر نەچچە سائەتلەپ كىتاب ئوقۇغاندىن كېيىن دېرىزىدىن سىرتقا قانداق ئەلەڭ-سەلەڭ قارىغانلىقى ياكى ئاشخانىدا دوستلىرىنىڭ ئويۇن-كۈلكىلىرىگە، ھەتتا مازاق قىلىشلىرىغا قانداق كۈلۈمسىرەپ ياكى پەرۋاسىزلارچە ئىنكاس قايتۇرغانلىقى، ياكى ھەر كۈنى ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئالمىغانلىقىغا ئوخشاش ئىشلاردىن بىر-ئىككىنى قېتىپ قويغانىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ داۋاملىق شۇ بىرلا سېرىق فىلىمنى كۆرىدىغانلىقى، شۇ بىرلا ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى مىڭ قېتىمدەك تىڭشىغانلىقى، دائىم شۇ بىرلا قىيمىلىق قاتلىمىغا ئامراقلىقى دېگەندەك ئىشلارنى «ئۆتكۈنچى ياشلىق ھەۋەسلىرى» دەپ خەۋەر قىلغانىدى.
ماي ئېيىدا ئىش باشلىغان Omega نىڭ مەھەممەتنى پايلاشتىن بەكرەك مەھەممەت كۆپ ئوقۇغان كىتابنىڭ ئارقىسىغا چۈشكىنىگە قارىغاندا، بۇ ھەقتە دوكتور نارىندىن بىر بۇيرۇق ئالغان بولسا كېرەك. بۇمۇ، دادىسىنىڭ دەسلەپكى ئايلاردىن كېيىن مەھەممەتنى، يەنى ناھىتنى ئازدۇرغان نەرسىنىڭ بىر كىتاب ئىكەنلىكىنى توغرا ئىسپاتلىغىنىنى كۆرسىتەتتى.
شۇ ئارىدا Omega ئوخشاش بىر كىتابنى ئۈچ يىلدىن كېيىن ماڭىمۇ سېتىپ بەرگەن كىتاب يايمىسىنى ۋە ئىستانبۇلدىكى شۇنىڭغا ئوخشاش كىتاب سېتىلىدىغان نۇرغۇن يەرنى كۆزدىن كەچۈرگەنىدى. سەۋرچانلىق بىلەن ئىزدەشلەردىن كېيىن پىيادىلەر يولىدىكى ئىككى يايمىدا ئۇ كىتابنى ئۇچرىتىپتۇ، بۇ يەردىكى ساتقۇچىلاردىن ئالغان ئۇچۇر بىلەن كونا كىتابپۇرۇشلارنىڭ بىر دۇكىنىغا بېرىپتۇ ۋە ئۇ يەردىن ئۇققانلىرىدىن شۇ يەكۈننى چىقىرىپتۇ: ئاز بىر قىسىم كىتاب (150 پارچىدىن 200 پارچىغىچە) نامەلۇم يەردىن، بەلكىم تاقالغان، قۇرۇقدالغان، بىخسىغان كىتاب ئامبىرىدىن كىلولاپ مال ئالىدىغان بىر ئەسكى-تۈسكىچىگە، ئۇ يەردىن كونا كىتابپۇرۇشلارنىڭ دۇكىنى ئارقىلىق بىر قانچە يايمىكەشكە يەتكۈزۈلگەنىدى. كىلولاپ مال ئالغۇچى ۋاسىتىچى شېرىكى بىلەن سوقۇشۇپ، دۇكىنىنى تاقاپ، ئىستانبۇلدىن كېتىپتۇ. ئۇنى تېپىپ تۇنجى ساتقۇچىنى تېپىپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. كونا كىتابپۇرۇشلار ئىچىدىكى بىر دۇكاندار Omega غا بۇ كىتابنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تارقىتىلغانلىقى توغرىسىدا شەپە بەرگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ كىتاب بىر چاغلاردا قانۇنلۇق نەشر قىلىنغان بولۇپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن يىغىۋېلىنىپ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا قاراشلىق بىر كىتاب ئامبىرىغا قويۇلۇپتىكەن، بۇ يەردىن بولسا پۇلسىز قالغان ساقچىلار تەرىپىدىن پات- پات، ئاز-ئازدىن ئوغرىلىنىپ، كىلولاپ مال ئالىدىغان ئەسكى-تۈسكىچىلەرگە سېتىلىپ، يېڭىۋاشتىن تارقىلىشقا باشلاپتۇ.
تىرىشچان Omega كۇتۇپخانىلاردا ئۇ كىتاب ئاپتورىنىڭ باشقا ئەسەرلىرىنى تاپالماي، كونا تېلېفون قوللانمىلىرىدىنمۇ ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلالماي مۇنداق پىكىرنى قىلغانىدى: بىزدە تېلېفون ئېلىشقا پۇلى يەتمەيدىغان كىشىلەرنىڭ كىتاب يېزىشقا جۈرئەت قىلغانلىقى ھەممىگە ئايان بىر ئىش بولسىمۇ، بۇ ئۆزگىچە ئەسەردىكى نامنى تەخەللۇسمىكىن دەيمەن، ئەپەندىم.
ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىدا كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇپ پۈتۈن يازنى ئۆتكۈزگەن مەھەممەت كۈزگە يېقىن كىتابنىڭ كېلىش مەنبەلىرىگە يېقىنلىشىپ، ئىزدىنىشكە كىرىشكەنىدى. دادىسى بۇ قېتىم ئارقىسىغا سالغان يېڭى ئادەمنىڭ تەخەللۇسىنى جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى يىللىرىدا ئىستانبۇلدا كىشىلەر ياخشى كۆرگەن سوۋېت مېلى−يانچۇق ۋە ئۈستەل سائەتلىرىنىڭ Serkisof دېگەن ئىسمىدىن ئالغانىدى.
Serkisof مەھەممەتنىڭ بەيازىت دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا ئىزچىل كىتاب ئوقۇشقا بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن دوكتور نارىنغا بۇ يىگىتنىڭ نورمال ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىغا قايتىش ئۈچۈن چالا تاشلاپ قويغان دەرسلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئاۋۋال خەۋەر قىلغانىدى. ئاندىن كېيىن يىگىتىمىزنىڭ كۇتۇپخانىدا ھەر كۈنى «پېرتېۋ بىلەن پېتىر» ياكى «ئەلى بىلەن مارى» دېگەندەك بالىلار ژۇرناللىرىنى ئوقۇغانلىقىنى بايقىغاندا ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈپ، تەسەللى سۈپىتىدە پىكىر يۈرگۈزگەنىدى: يىگىت بەلكىم بالىلىق ئەسلىمىلىرىگە قايتىپ، ئىچكى دۇنياسىغا كىرىپ قالغان كرىزىستىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بولسا كېرەك.
ئاخباراتلارغا قارىغاندا، ئۆكتەبىر ئېيىدا مەھەممەت بىر چاغلاردا بالىلار ژۇرنىلى چىقارغان ياكى ھازىرغىچە چىقىرىۋاتقان نەشرىياتلارنى ۋە بۇ ژۇرناللاردا قەلەم تەۋرىتىۋاتقان، نەشاتى ئۇسلۇبىغا پىشىپ كەتكەن يازغۇچىلارنى زىيارەت قىلغانىدى. دوكتور نارىننىڭ ئوغلىنىڭ كەينىگە ئادەم سېلىپ پايلاشتىن مەقسىتى، ئوغلىدىكى سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيىلىك خاھىشلارنى بىلىۋېلىش، دەپ ئويلىغان Serkisof ئۆزىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرگە قارىتىپ يازغان: ”ئەپەندىم، ئۇلار سىياسەتكە ھەر قانچە قىزىققاندەك كۆرۈنسىمۇ، كۈندىلىك سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيىلىك تېمىلاردا قەلەم تەۋرەتسىمۇ، بۇ قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسلىدە چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن ھېچبىر پىكىر-چۈشەنچىلىرى يوق. كۆپىنچىسى پۇل ئۈچۈن، ئەگەر پۇل ئۈچۈن بولمىسا، ئۆزلىرى ياقتۇرمىغانلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈن بىر نەرسە يېزىشىدۇ.“ دېگەن ئۇچۇرنى دوكتور نارىنغا يەتكۈزگەنىدى.
كۈز كۈنلىرىنىڭ بىر ئەتىگىنى مەھەممەتنىڭ ھەيدەرپاشادىكى دۆلەت تۆمۈر يولى خىزمەتچىلىرى باشقارمىسىغا بارغانلىقىنى ھەم Serkisof نىڭ، ھەمOmega نىڭ ئاخباراتلىرىدىن بىلدىم. بىر-بىرىدىن پەرقلەنمەيدىغان ئىككى كۆزەتچىدىن توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشكىنى Omega ئىدى: يىگىت دەم ئېلىشقا چىققان خىزمەتچىلەردىن بىرى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولماقچى ئىكەن.
ئارخىپلاشتۇرۇلغان ئاخبارات سەھىپىلىرىنى تېز-تېز ۋاراقلىدىم. كۆزلىرىم جىددىيلىك بىلەن مېنىڭ مەھەللەمنى، كوچامنى، بالىلىقىمدىكى ئىسىملارنى ئىزدەيتتى. مەھەممەتنىڭ مەن ئولتۇرۇشلۇق كوچىدا ماڭغانلىقىنى، بىر ئۆينىڭ ئىككىنچى قەۋەتتىكى دېرىزىلىرىگە بىر ئاخشام قارىغانلىقىنى ئوقۇغىنىمدا يۈرىكىم تېز سوقۇپ كەتتى. ئىچىگە مەن چاقىرىلىدىغان ئاجايىپ دۇنيانىڭ ھازىرلىغۇچىلىرى گويا ماڭا ئاسان بولسۇن دەپ ھۈنەرلىرىنى مېنىڭ يېنىمدىلا چىقىرىشنى قارار قىلىشقانىدى، ئەمما ئۇ چاغلاردا بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغان مېنىڭ بۇلاردىن ھېچ خەۋىرىم يوق ئىدى.
مەھەممەتنىڭ رىفقى تاغا بىلەن كۆرۈشۈشى ئەتىسى بولغانىدى. ئەمما بۇ مەن چىقارغان يەكۈن ئىدى. مەھەممەتنى كۆزەتكەنلەرنىڭ ئىككىسىلا ئۇ يىگىتنىڭ ئېرەنكۆي قاپاق تېرەك كوچىسىدىكى 28-نومۇرلۇق بىر ئۆيگە كىرگەنلىكى ۋە ئۇ ئۆيدە ئالتە، ياق بەش مىنۇت تۇرغانلىقىنى ئېنىقلىغان، ئەمما قايسى قەۋەتتىكى ئىشىكىنى چەككەنلىكى، كىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېنىقلىيالمىغانىدى. تىرىشچان Omega ھېچ بولمىسا بۇلۇڭدىكى دۇكاندار ياردەمچىسىنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئېلىپ، ئۇ ئۆيلەردە ياشايدىغان ئۈچ ئائىلە ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانىدى. پەرىزىمچە، دوكتور نارىننىڭ رىفقى تاغا ھەققىدە ئېرىشكەن تۇنجى ئۇچۇرى مۇشۇ ئىدى.
رىفقى بەگ بىلەن بۇ كۆرۈشۈشىدىن كېيىنكى كۈنلەردە مەھەممەت Zenith نىڭمۇ كۆزىدىن قاچمىغان بىر كرىزىسقا دۇچ كەلگەنىدى. Movado مەھەممەتنىڭ ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىدىكى ياتىقىدىن چىقمىغانلىقىنى، ھەتتا ئاشخانىغىمۇ كىرمىگەنلىكىنى، ئەمما ئۇنى كىتابنى بىر قېتىم بولسىمۇ ئوقۇۋاتقاندا كۆرەلمىگەنلىكىنى يازغانىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىدىن چىقىشلىرى بولسا تەرتىپسىز، شۇنداقلا Serkisof نىڭ قارىشىچە مەقسەتسىز ئىدى. بىر كېچىسى ئۇ تاڭ ئاتقىچە سۇلتان ئەھمەد نىڭ ئارقا كوچىلىرىدا ئايلىنىپتۇ، باغچىدا ئولتۇرۇپ سائەتلەرچە تاماكا چېكىپتۇ. يەنە بىر كېچىسى Omega ئۇنىڭ قولىدىكى قەغەز قاچىدىكى ئۈزۈمنىڭ ھەر بىر دانىسىنى ئۈنچە-مەرۋايىتنى كۆزەتكەندەك ئۇزۇندىن ئۇزۇن كۆزىتىپ، ئاندىن ئاستا-ئاستا چايناپ يۇتۇپ تۆت سائەتنى ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىغا قايتقانلىقىغا شاھىد بولغانىدى. ئۇنىڭ ساقاللىرى ئۆسۈپ، ئۈستۋېشى قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەنىدى. كۆزەتكۈچىلەر ئاخباراتلىرىدا يىگىتنىڭ ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىدىن چىقىش ۋاقتىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنىپ، ھەقلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.
نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن مەھەممەت پاراخوت بىلەن ھەيدەر پاشاغا ئۆتۈپتۇ، پويىزغا چىقىپ ئېرەنكۆيدە چۈشۈپ كوچىلاردا خېلى ئۇزۇن مېڭىپتۇ. ئارقىسىغا چۈشكەن Omega نىڭ يېزىشىچە، يىگىت مەھەللىنىڭ پۈتۈن كوچىلىرىنى كېزىپ چىقىپتۇ. مېنىڭ دېرىزەمنىڭ ئالدىدىنمۇ ( مېنىڭ ئۆيدە ئولتۇرغان بولۇشۇم ئېھتىمالغا بەك يېقىن) ئۈچ قېتىم ئۆتكەندىن كېيىن قاراڭغۇ چۈشكەندە قاپاق تېرەك كوچىسىدىكى 28-نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ دېرىزىلىرىگە قاراشقا باشلاپتۇ. قاراڭغۇلۇقتا، سىم-سىم يېغىۋاتقان يامغۇردا، بىر قارارغا كېلەلمەي ياكى Omega نىڭ ئاخباراتىچە، چىراغلىرى يېنىپ تۇرغان دېرىزىلەردىن ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئىشارەتكە ئېرىشەلمەي ئىككى سائەت كۈتكەن مەھەممەت شۇ كېچىسى كادىكۆيدىكى مەيخانىلەرنىڭ بىرىدە خېلىلا مەست بولۇپ ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىغا قايتىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، Omega بىلەن Serkisof ئۇ يىگىتنىڭ شۇ سەپەرنى ئالتە قېتىم تەكرارلىغانلىقىنى يېزىشقانىدى، ھەمىشە ئىنتايىن قەتئىي بولغان Serkisof ئۇ يىگىت داۋاملىق قارىغان يورۇق دېرىزىنىڭ ئارقىسىدىكى كىشىنىمۇ توغرا ئېنىقلىغانىدى.
رىفقى تاغا بىلەن مەھەممەتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشى Serkisof نىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا بولغانىدى. ئىككىنچى قەۋەتنىڭ يورۇق دېرىزىلىرىنى ئاۋۋال ئۇدۇلدىكى پىيادىلەر يولىدىن، ئاندىن باغچىنىڭ پەس تاملىرىنىڭ ئۈستىدىن كۆزەتكەن Serkisof بۇ كۆرۈشۈشنى (بەزىدە ۋەدىلەشكەن كۆرۈشۈشمۇ دەيتتى) كېيىنكى خەتلىرىدە ناھايىتى كۆپ قېتىم ئىزاھلىغانىدى. ئەمما تۇنجى كۆزەتكەنلىرى كۆپىنچە كۆرگەنلىرىگە ھەم ۋەقەلەرگە تايانغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ راست ئىدى.
دەسلەپتە ياشانغان ئادەم بىلەن يىگىت (ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئامېرىكا پادىچىلار كىنوسىنى بېرىۋاتقان تېلېۋىزور) ئورۇندۇقتا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇرۇپ، يەتتە-سەككىز مىنۇت پەقەت پاراڭلاشماپتۇ. بىر چاغدا ياشانغان ئادەمنىڭ خوتۇنى ئۇلارغا قەھۋە ئەكىلىپتۇ. ئاندىن مەھەممەت ئورنىدىن تۇرۇپ، قول ھەرىكەتلىرى بىلەن، ئەسەبىيلەرچە ۋە غەزەپ-ئاچچىقى بىلەن بىر نەرسىلەرنى دەپ كېتىپتۇكى، Serkisof ئۇ يىگىتنى قېرىغان ئادەمگە قول تەگكۈزۈپ سالارمىكىن دەپ ئويلاپتۇ. بۇ چاغدا پەقەت دەردلىك كۈلۈمسىرىگەن رىفقى بەگ يىگىتنىڭ سۆزلىرىدىن جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوخشاش بىر ھاياجان بىلەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپتۇ. ئاندىن كېيىن ئىككىلىسى تامدا ئۆزلىرىنى دورىغان سادىق كۆلەڭگىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئورۇندۇققا قايتا ئولتۇرۇپتۇ ۋە سەۋرچانلىق بىلەن بىر-بىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپتۇ، جىم تۇرۇشۇپتۇ، تېلېۋىزورغا كۆڭۈلسىز ھالدا بىر ئاز قارىشىپتۇ، يەنە پاراڭلىشىپتۇ، ئاندىن ياشانغان ئادەم بىر ھازا چۈشەندۈرۈپتۇ، يىگىت ئاڭلاپتۇ، شۇ ۋاقىتتا يەنە جىمىپ قېلىشىپ دېرىزىدىن سىرتقا پەرىشان ھالدا قارىشىپتۇ، Serkisof نى بايقىماپتۇ.
ئەمما ياندىكى بىنانىڭ دېرىزىسىدىن قىتىغۇر بىر خوتۇن كۆزەتتىكىSerkisof نى كۆرۈپ قېلىپ زۇۋانىنىڭ بېرىچە: ”ئادەم بارمۇ! ئاللاھ جازاسىنى بەرسۇن، تەلۋە!“ دەپ توۋلىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئاخىرقى ئۈچ مىنۇتىنى ئېنىقلىيالماستىن، مول كۆزىتىش نۇقتىسىنى ھاپىلا-شاپىلا تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى. لېكىن ئۇنىڭ كېيىنكى دوكلاتلىرىدا پەرەز قىلىشىچە، بۇ ئىش جەزمەن مەلۇم يەر ئاستى تەشكىلاتى ياكى خەلقئارا سىياسىي تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن؛ ئۇ يەنە سۇيىقەست توغرىسىدىكى گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
كېيىنكى بىر ئارخىپتىن مەلۇم بولغىنىغا قارىغاندا، دوكتور نارىن ئۇ كۈنلەردە ئوغلىنىڭ ھەر ۋاقىت كۆزىتىلىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ، كۆزەتكۈچىلەرمۇ ئۇنى ئاخبارات يامغۇرىغا تۇتۇپتۇ. Omega نىڭ ئېيتىشىچە، مەھەممەت رىفقى بەگ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنكى كۈنلەردە تولىمۇ سەپرا مىجەز بولۇپ قاپتۇ، ئەمماSerkisof نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قاتتىق دەردمەن كۆرۈنگىنى بىلەن قەتئىي نىيەتلىك ئىكەن. مەھەممەت جىمى يايمىلاردىن شۇ كىتابنىڭ تاپالىغانلىكى نۇسخىلىرىنى سېتىۋېلىپ، بۇ ”ئەسەر“نى كادىرگا ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىدا (Movado يەتكۈزگەن خەۋەر)، ئوقۇغۇچىلار قەھۋەخانىلىرىدا (Zenith بىلەن Serkisof يەتكۈزگەن خەۋەر) ۋە ئاپتوبۇس بېكەتلىرى، كىنوخانا ئىشىكلىرى، پاراخوت بېكەتلىرى(Omega يەتكۈزگەن خەۋەر) دېگەندەك ئېسىگە كەلگەن ھەر يەرگە تارقىتىشقا تىرىشىپ، قىسمەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغانىدى. ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىدىكى ياتىقىدا ئۇنىڭ ياش ئوقۇغۇچىلارنى تۇيدۇرتماي تەسىرلەندۈرۈشكە تىرىشقانلىقىنى Movado ياخشى بىلەتتى. باشقا ئوقۇغۇچىلار ماكانلىرىدىمۇ ئەتراپىغا ياشلارنى توپلاشقا تىرىشقانلىقى مەلۇم بولغانىدى، ئەمما ئۇ مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۆز دۇنياسىغا چېكىنگەن تەنھا بىر ئوقۇغۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن تەسىرىنى تولۇق كۆرسىتەلمىگەنىدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىدىكى ئاشخانىلاردا ۋە مەكتەپتە ئۇچراتقان ساۋاقداشلىرىنىڭ ئىسىم تىزىملىكىنى تۇرغۇزىۋېلىپ، مۇشۇ مەقسەتتە دەرسلەرگە كىرىپ، بىر-ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرغىنىنى، ئۇلارغا كىتابنى ئوقۇتالىغانلىقىنى تولۇق ئىگىلىگەنىدىم، بىر گېزىت پارچىسىغا كۆزۈم چۈشتى:

ئېرەنكۆيدە جىنايەت (ئەنقەرە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرى):
دۆلەت تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان باش مۇپەتتىشلىرىدىن رىفقى ھات تۈنۈگۈن ئاخشام سائەت توققۇزلاردا كىملىكى نامەلۇم بىرسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. تۈنۈگۈن ئاخشام ئۆيىدىن قەھۋەخانىغا چىققاندا قاپاق تېرەك كوچىسىدا رىفقى ھاتنىڭ يولىنى توسقان بىر ئادەم ئۇنىڭغا تاپانچىدا ئۈچ پاي ئوق ئاتتى. كىملىكى نامەلۇم قاتىل نەق مەيداندىن قېچىپ كەتتى. يارىلىنىپ شۇ ھامان جان بەرگەن ھات (67ياش) دۆلەت تۆمۈر يول ئىدارىسىدا خىزمەتلەرنى ئاكتىپ ئىشلەپ ئاخىرىدا باش مۇپەتتىشلىكتىن دەم ئېلىشقا چىققانىدى. ئەتراپىدىكىلەر ۋە تۆمۈر يول ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ھاتنىڭ ئۆلۈمى ئۇلارغا قايغۇ-ماتەم ئېلىپ كەلدى.

بېشىمنى ئارخىپلاردىن كۆتۈرۈپ ئەسلىدىم: دادام كەچقۇرۇن ئۆيگە پەرىشان قايتقانىدى. دەپنە مۇراسىمىدا ھەممە كىشى يىغا-زارە قىلىشقانىدى. ھەسەتخورلۇقتىن كېلىپ چىققان جىنايەتنىڭ گېپى تارقالغانىدى. بۇ ھەسەتخور ئادەم كىم بولغىيتى؟ دوكتور نارىننىڭ تەرتىپلىك ئارخىپلىرىنى ئاچچىقىم بىلەن ۋاراقلاۋېتىپ ئويلاپ تېپىشقا تىرىشتىم: تىرىشچان Serkisof؟ ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغان Zenith؟ ۋاقىتنى چىڭ تۇتىدىغانOmega ؟
باشقا بىر ئارخىپتىن دوكتور نارىننىڭ ئەيتاۋۇر قانچىلىك چىقىم تارتىپ ئېلىپ بارغان كۆزىتىشلىرىنىڭ باشقا بىر نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدىم. چوڭ بىر ئېھتىماللىق شۇكى، دۆلەت ئاخبارات تەشكىلاتىدا ئىشلەيدىغان ”ھامىلتون سائەت“ ناملىق ئىشپىيون قىسقا بىر خەتتە دوكتور نارىنغا مۇنداق ئۇچۇرلارنى بەرگەنىدى:
رىفقى ھات كىتابنىڭ ئاپتورى ئىدى. بۇ ئەسەرنى 12 يىل ئاۋۋال يازغان، كىتابقا ئۆز ئىسمىنى يېزىشقا تارتىنچاق ھەۋەسكارلاردەك جۈرئەت قىلالمىغان. ئۇ يىللاردا ئوغۇللىرىنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كېلەچىكىدىن ئەندىشە قىلغان خەۋەرچى ئاتىلارنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شىكايەتلىرىگە قۇلاقلىرى دىڭ تۇرىدىغان دۆلەت ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ نەشرىيات خادىملىرى كەلگەن خەۋەرلەردىن كىتابنىڭ بەزى ياشلىرىمىزنى ئازدۇرغانلىقىنى ئۇقۇپ، ھەۋەسكار ئاپتورنىڭ كىملىكىنى باسمىخانىدىن ئېنىقلاپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى بۇ ئىشقا مەسئۇل نەشرىيات تەپتىشىگە تاشلاپ قويغانىدى. 12 يىل ئاۋۋال تەپتىش كىتابنى جىمجىتلا يىغدۇرۇپ ئامبارغا تىقتۇرۇپتۇ، ئەمما بىر سوت ئېچىپ ھەۋەسكار ئاپتورنى قورقۇتۇپ قويۇشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىغانىدى. چۈنكى ئاپتور— دەم ئېلىشقا چىققان تۆمۈر يول مۇپەتتىشى رىفقى ھات تەپتىش مەھكىمىسىگە تۇنجى چاقىرتىلىشىدا كىتابنىڭ يىغىۋېلىنىشىغا قارشى ئەمەسلىكىنى، يىغدۇرۇش قارارىغا ئېتىراز بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى قانداقلا بولمىسۇن مەمنۇنىيەتكە يېقىن ئوچۇق بىر تىلدا ئىپادىلەپتۇ، ئۆز ئارزۇسى بويىچە يېزىلغان بىر ھۆججەتكە دەرھال ئىمزا قويۇپتۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يېڭى كىتاب يازماپتۇ. ھامىلتوننىڭ ئاخباراتى رىفقى تاغا ئۆلتۈرۈلۈشتىن 11 كۈن بۇرۇن يېزىلغانىدى.
كۆرسەتكەن ئىپادىلىرىدىن مەھەممەتنىڭ رىفقى تاغىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى شۇ ۋاقىتتا ئاڭلىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. Movado نىڭ ئېيتىشىچە”ئازغۇن يىگىت“ كېسەل ھالدا ياتىقىغا بېكىنىپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئورنىدىن قوپماي بىر خىل دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن كىتابنى ئوقۇشقا باشلىغانىدى. كېيىن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىدىن سىرتقا چىققانلىقىنى ئېنىقلىغانSerkisof مۇ، Omega مۇ يىگىتىمىزنىڭ بىرەر نىشانى ۋە مەقسىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەزملەشتۈرگەنىدى. بىر كۈنى ئۇ زەيرەك نىڭ ئارقا كوچىلىرىدا بىكارچىدەك بىر نەچچە سائەت مەقسەتسىز ئايلانغان ھەم چۈشتىن كېيىنكى ۋاقتىنى بەيئوغلى كىنوخانىلىرىدا جىنسىيەت فىلىملىرىنى كۆرۈش بىلەن ئۆتكۈزگەن. Serkisof ئۇنىڭ بەزىدە يېرىم كېچىدە ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىدىن چىققانلىقىنى ئېنىقلايتتى، ئەمما نەگە ماڭغانلىقىنى ئۇقالمايتتى. بىر كۈنى چۈشتە Zenith ئۇنى ناھايىتى پەرىشان ھالدا كۆرۈپتۇ:چاچ-ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن، ئۈستۋېشى رەتسىز بولۇپ، كوچىلاردىكى، پىيادىلەر يوللىرىدىكى كىشىلەرگە ”كۈن نۇرى بىلەن خوشى يوق مۈشۈكياپىلاق“ تەك قارايدىكەن. ئوقۇغۇچىلار قەھۋەخانىلىرىدىن، كىتابنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن بارغان دەرسخانا كارىدورلىرىدىن، تونۇشلىرىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك يىراقلاشقانىكەن. ھەر قانداق بىر ئايال بىلەن مۇناسىۋىتى ياكى شۇنداق بىر مۇناسىۋەت قۇرۇشتەك تىرىشچانلىقى يوق ئىكەن. ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىدا باشقۇرغۇچى بولغان Movado مەھەممەت يوق چاغدا ئۇنىڭ ياتىقىنى تەكشۈرگەندە يالىڭاچ ئاياللار رەسىملىرىنى باسقان بىر قانچە ژۇرنالنى كۆرۈپ، بۇلارنىڭ ئادەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىغانىدى. بىر-بىرىدىن خەۋەرسىز Zenith بىلەن Omega نىڭ تىرىشچانلىقلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەھەممەت بىر مەھەل ھاراققا بېرىلىپ كەتكەنىدى. كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار بارىدىغان ”شاد قاغا قېرىنداشلار پىۋىخانىسى“دا مەسخىرىلىك بىر گەپ قىلىش تۈپەيلىدىن بىر جېدەلگە ئارىلشىپ قالغاندىن كېيىن، ئارقا كوچىلاردىكى چەت ۋە ناچار مەيخانىلارغا بارىدىغان بولغانىدى. بىر مەزگىل باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن، مەيخانىدا تونۇشقان تەلۋىلەر بىلەن يېڭىدىن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانىدى. كېيىنكى چاغلاردا كىتاب يايمىلىرىنىڭ ئالدىدا بىر نەچچە سائەتلەپ قاراپ كىتابنى ئۆزىگە ئوخشاش سېتىۋېلىپ ئوقۇيدىغان بىر دىلكەش قېرىندىشىنى ئىزدەش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزگەنىدى. ئۇ دوستلۇقنى كۈچەيتىپ قوللىرىغا كىتابنى بېرىپ ئوقۇتالىغان بىر قانچە ياشنى قايتا ئىزدەپ تېپىپتۇ، ئەمما Zenith نىڭ ئېيتىشىچە، مىجەزىنىڭ ئوساللىقى تۈپەيلىدىن ئۇلار بىلەن دەرھال سوقۇشۇپ قاپتۇ. ئاقساراي نىڭ ئارقا كوچىلىرىدىكى بىر مەيخانىدا Omega بۇ تالاش-تارتىشنىڭ بىرىنى يىراقتىن بولسىمۇ ئاڭلىغانىدى، ئەمدى بىر يىگىتتەكمۇ كۆرۈنمەيدىغان يىگىتىمىزنىڭ كىتابتىكى دۇنيادىن، ئۇ يەرگە بېرىشتىن، بوسۇغىدىن، ھۇزۇردىن، تەڭداشسىز پەيتتىن، ھادىسىدىن گەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى. ئەمما بۇ ھاياجانلارمۇ ئۆتكۈنچى بولۇشى كېرەك ئىدى، چۈنكى Movadoنىڭ ئېنىقلىغىنىدەك، چېچى، ساقىلى، قاسماقلىقى ۋە رەتسىزلىكى دوستلىرىنى(ئەگەر ئەمدى دوستى بولسا) بىئارام قىلىدىغان ھالغا كېلىپ قالغان مەھەممەت كىتابمۇ ئوقۇمايتتى. ”مېنىڭچە ئەپەندىم،− دەپ يازغانىدى يىگىتىمىزنىڭ مەقسەتسىز ئايلىنىشلىرىدىن، ھېچبىر نەتىجىسى چىقمىغان مېڭىشلىرىدىن بىزار بولغانOmega ، − بۇ دەردمەن يىگىت دەردىنى ئازايتىدىغان بىر نەرسە ئىزدەۋاتىدۇ، زادى نېمە ئىزدەۋاتقىنىنى ئېنىق بىلمەيمەن، لېكىن مېنىڭچە ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ.“
ئىستانبۇل كوچىلىرىدا مەقسەتسىز يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە Serkisof يېقىندىن كۆزەتكەن ئۇ يىگىتىمىز دەردىنى ئازايتىدىغان، روھىغا بىر ئاز بولسىمۇ ھۇزۇر بېرىدىغان ”بۇ نەرسىنى“ ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە، ياق، ئاپتوبۇسلارنىڭ ئۆزىدە تېپىۋاتاتتى. مەھەممەت قولىدا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر سومكا تۇتماي، بىر نىشانى بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر بېلەت ئالماي، بېكەتلەردىن قوزغالماقچى بولغان بىر ئاپتوبۇسقا ئاللىقانداق ئىلھام بىلەن چىقىۋىرەتتى، بىر پەس ئارىسالدى بولغان Serkisof ئۇنىڭ ئارقىسىدىن Magirus قا چىقاتتى.
ئۇلار نەگە ماڭغانلىقىنى بىلمەستىن، نەگە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئاڭقىرالماستىن ناھىيىدىن ناھىيىگە، بېكەتتىن بېكەتكە ئاتلىنىپ، ئاپتوبۇستىن ئاپتوبۇسقا ئالمىشىپ بىر-بىرىنىڭ ئارقىسىدىن ھەپتىلەپ سەپەر قىلغانىدى. Serkisof دىر-دىر تىترەيدىغان ئاپتوبۇس ئورۇندۇقلىرىدا ئولتۇرۇپ ئىرماش-چىرماش ھەرپلەر بىلەن يازغان ئىسپاتلار بۇ نائېنىق سەپەرلەرنىڭ سېھىرىگە، مەقسەتسىز ساياھەتلەرنىڭ رەڭلىرىگە ھەقىقىي شاھىدلىق قىلاتتى: ئۇلار يوللىرىنى، چامادانلىرىنى يوقاتقان يولۇچىلارنى، ئەسىر-زامانىدىن ئازغان تەلۋىلەرنى كۆرگەنىدى؛ كالېندار ساتىدىغان پېنسىيونېرلار، ئەسكەرلىككە ماڭغان ھەۋەسكارلار، يېقىنلىشىۋاتقان قىيامەتتىن خەۋەر بېرىدىغان ياشلار بىلەن ئۇچراشقانىدى. بېكەت ئاشخانىلىرىدا ئولتۇرۇپ، توي قىلىشقا ۋەدىلىشىپ قويغان ياشلار، رېمونتچى شاگىرتلىرى، پۇتبولچىلار، ئەتكەس تاماكا ساتقۇچىلار، ياللانما قاتىللار، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، كىنوخانا مەسئۇللىرى بىلەن تاماق يېيىشكەنىدى، يۈزدەك كىشى بىلەن كۈتۈش زاللىرىدا، ئاپتوبۇس ئورۇندۇقلىرىدا بىر-بىرىگە يۆلىنىپ ئۇخلىغانىدى؛ بىر مېھمانخانىدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ قونمىغان، بىرەر قېتىممۇ بىرسى بىلەن مۇقىم مۇناسىۋەت، دوستلۇق ئورناتمىغان، بىر قېتىم بولسىمۇ بىرەر نىشانى باردەك سەپەر قىلالمىغانىدى.
” ئەپەندىم، بىزنىڭ قىلغان ئىشىمىز بىر ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ يەنە بىرىگە چىقىشتىنلا ئىبارەت بولدى،− دەپ يازغانىدى Serkisof،− بىر ئىشنى كۈتىمىز؛ بەلكىم بىر مۆجىزە، بىر نۇر، بىر پەرىشتە، بىر ھادىسە؛ بىلمەيمەن، ئەمما قەلىمىمنىڭ ئۇچىغا مۇشۇلار كېلىدۇ… گويا بىزنى ناتونۇش بىر دىيارغا ئاپىرىدىغان ئىشارەتلەرنى ئىزدەيمىز، ئەمما ھېچ تەلىيىمىز يوق. مۇشۇ چاغقىچە كىچىك بىر قاتناش ھادىسىسىنى بولسىمۇ باشتىن كەچۈرمىگەنلىكىمىز بەلكىم بىر پەرىشتىنىڭ بىزنى قوغداۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. يىگىت مېنىڭ بارلىقىمنى تېخىچە بىلەلمىدىمۇ، بىلمەيمەن. ئاخىرىغىچە چىدىيالايمەنمۇ يوق، ئۇنىمۇ بىلمەيمەن.“
ئۇ چىدىيالمىغانىدى. ئۇششاق-چۈششەك گەپلەر يېزىلغان بۇ خەتتىن بىر ھەپتە كېيىن مەھەممەت بىر ئۆتەڭدە يېرىم كېچىدە ئىچىۋاتقان شورپىسىنى تاشلاپ قويۇپ، قوزغىلىۋاتقان بىر MAVIVARAN غا چىققانىدى، بۇلۇڭدىكى شىرەدە شورپىسىنى قوچۇپ ئولتۇرغان Serkisof قېچىپ غايىب بولغان مەھەممەتكە ھەيران-ھەسلىكتە قاراپ قالغانىدى. ئاندىن ئۇ شورپىسىنى ئالدىرىماي ئىچىپ تۈگىتىپ، بۇنىڭدىن خىجالەت ئەمەسلىكىنىمۇ دوكتور نارىنغا سەمىمىي بىلدۈرگەنىدى. ئەمدى قانداق قىلىشى كېرەك؟
شۇنىڭدىن كېيىن مەھەممەتنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى دوكتور نارىنمۇ، كۆزەتكۈچىلىكىنىڭ داۋاملىشىشىنى تەلەپ قىلغان Serkisof مۇ بىلەلمىگەنىدى.
Serkisof مەھەممەت دەپ ئويلىغان باشقا بىر ياش بالىنىڭ ئۆلۈكىنى ئۇچراتقانغا قەدەر ئالتە ھەپتە ئاپتوبۇس گاراژلىرىدا، قاتناش تارماقلىرىدا، شوپۇرلار يىغىلغان قەھۋەخانىلاردا ۋاقىت ئۆتكۈزۈپتۇ، بىر سەزگۈ بىلەن بولۇپ ئۆتكەن قاتناش ۋەقەلىرىگە ئۈلگۈرۈپ بېرىپ جەسەتلەر ئارىسىدا يىگىتىمىزنى ئىزدەپتۇ. شۇ ۋاقىتتا دوكتور نارىننىڭ ئوغلىنىڭ كەينىگە باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئادەم سالغانلىقىنى ئاپتوبۇسلاردىن يېزىلغان باشقا خەتلەردىن بىلدىم. بۇ خەتلەردىن بىرىنى قەلەمگە ئالغان پەيتتە ئاپتوبۇسنىڭ بىر ئات ھارۋىسىغا ئارقىدىن سوقۇلۇشى بىلەن Zenith نىڭ قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدىغان يۈرىكى قان يېتىشمەي توختاپ قاپتۇ، چالا قالغان بۇ قانلىق خېتىنى ERKENVARAN شىركىتىنىڭ باشلىقلىرى دوكتور نارىنغا سېلىۋەتكەنىدى.
مەھەممەتنىڭ ناھىت بولۇپ ئۆتكۈزگەن تۇنجى ھاياتىنى زەپەر بىلەن ئاياغلاشتۇرغان قاتناش ھادىسىسىگە Serkisof ۋەقەدىن پەقەت تۆت سائەت كېيىن ئۈلگۈرگەنىدى. بىر SELAMET EXPRES ئاپتوبۇسى مەتبەئە سىياھى بېسىلغان بىر باكلىق ماشىنىغا كەينىدىن سوقۇلۇپتۇ، ھايالشىمايلا بىر ھازا قىيا-چىيا كۆتۈرۈلۈپتۇ ۋە قاپقارا سىياھ بىلەن بويالغان ئاپتوبۇس يالقۇنلاپ كۆيۈپتۇ، كېيىن يېرىم كېچىدە كۆيۈپ تۈگەپتۇ. Serkisof ”ھېچ تونۇغىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە كۆيگەن ئازغۇن، بەختسىز ناھىت“نى ئەسلىدە تونۇيالمىغانلىقىنى، قولىدىكى بىردىنبىر ئىسپات−تەلەيگە يارىشا كۆيمەي قالغان كىملىك ئىكەنلىكىنى يازغانىدى. ۋەقەدىن ساق چىققانلار ئۇ يىگىتنىڭ باشتا 37-نومۇرلۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانلىقىنى ئېيتىشتى. ناھىت 38-نومۇرلۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بولسا بۇرنىمۇ قانىماستىن قۇتۇلۇپ قالىدىكەن. 38-نومۇرلۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ۋە ئىسمىنىڭ مەھەممەت ئىكەنلىكىنى ساق قالغان باشقا بىر يولۇچىدىن ئاڭلىغان، ناھىت بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر يىگىتنى بولسا Serkisof ناھىتنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىنى سوراش ئۈچۈن تاكى قەيسەرىدىكى ئۆيىگىچە ئىز قوغلاپ بېرىپ ئىزدەپتۇ، ئەمما تاپالماپتۇ. بۇ قورقۇنچلۇق ھادىسىدىن ساق قالغاندىن كېيىن بۇ يىگىت ئۆزىنى كۆز ياشلىرى بىلەن كۈتۈۋاتقان ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا تېخىچە قايتمىغانلىقىغا قارىغاندا، ئۇ ھادىسىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن بولۇشى كېرەك، ئەمما Serkisof نىڭ دەردى بۇ ئەمەس ئىدى. بىر نەچچە ئايلاردىن بېرى پېيىغا چۈشكەن يىگىت ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئەمدى باشقىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن دوكتور نارىندىن بۇيرۇق ۋە پۇل كۈتۈۋاتاتتى. چۈنكى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى ئاناتولىيىنىڭ، ھەتتا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بالقان(يېرىم ئارىلى)نىڭ ئاشۇنداق كىتابلارنى ئوقۇغان چۈشكۈن ياشلار بىلەن تولغانلىقىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتكەنىدى.
ئوغلىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەن ۋە كۆمۈردەك جەسەت ئۆيگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن دوكتور نارىن قاتتىق ئەسەبىيلىشىپ كەتكەنىدى. رىفقى تاغىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بۇ ئەسەبىيلىكنى يېنىكلىتەلمەيتتى، بەلكى ئۇنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتكە ياياتتى. جىنازىنى ئۇزۇتۇۋاتقان كۈنلەردە دوكتور نارىن ئىستانبۇلدىكى ئىش كۆرگەن، ئالاقىسى كەڭ بىر پېنسىيونېر ساقچىنىڭ ياردىمى بىلەن يەنە يەتتە يېڭى تەكشۈرگۈچىنى ئىشقا ئاپتۇ، ئۇلارغىمۇ ئىمزا سۈپىتىدە ھەر تۈرلۈك سائەت ماركىلىرىنى بېرىپتۇ. يەنە ئورتاق دۈشمەنلىرىنىڭ چوڭ سۇيىقەستىگە قارشى دەردمەن تىجارەتچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىپتۇ، ئۇلاردىن ئانچە-مۇنچە خەۋەر خەتلىرىنى ئېلىشقا باشلاپتۇ. بولۇپمۇ خەلقئارالىق توك مەش، مارۇژنا، توڭلاتقۇ، گازلىق سۇ، جازانىخورلۇق ۋە ھامبۇرگ بولكىسى شىركەتلىرىنىڭ رىقابىتى بىلەن دۇكانلىرى بىر-بىرلەپ تاقالغان بۇ كىشىلەر پەقەت رىفقى تاغىنىڭ كىتابىنى ئەمەس، ئاساسەن غەلىتە، غەيرىي، يات كۆرگەن كىتابلارنى ئوقۇغان ياشلاردىن ئاچچىقلىناتتى، ئۇلارنى ئەيىبلەيتتى، دوكتور نارىن تەرىپىدىن ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ قالسا بۇ ياشلارنى ئىزدەپ، ئىشلىرىنى كۆزىتىپ، غەزەپلىك، گۇمانلىق ئاخباراتلارنى يېزىشنى خۇشاللىق بىلەن قىلاتتى.
گۈلزارنىڭ ”دادام سىزنى ئىشىنى ئۈزۈپ قويمايدۇ دەپ ئويلىدى“ دېگەچ بىر پەتنۇستا ئەكىرگەن كەچلىك تاماقنى يەۋېتىپ، بۇ ئاخباراتلارنىڭ ئۇ يەر- بۇ يېرىدىن ئوقۇۋاتاتتىم. بىر چەت كەنتتە ياكى بۇرۇقتۇم بىر ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا ياكى ئىستانبۇلنىڭ چەت بىر مەھەللىسىدە مەندەك بىرى كىتابنى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇغاندۇ ۋە دوكتور نارىننىڭ جاسۇسلىرىدىن بىرى كۆرۈپ ئىزدەۋاتقاندۇ دەپ ئويلىغاچ… بىر مەنىۋى قېرىندىشىغا ئۇچراپ قېلىش ھەۋىسى بىلەن تېز-تېز ۋاراقلىغان بەتلەر ئارىسىدا بەدىنىمنى تىكەنلەشتۈرۈۋەتكەن بىر-ئىككى ئاجايىپ ۋەقەنى ئۇچراتتىم، ئەمما بۇلار مېنىڭ قانچىلىك مەنىۋى قېرىنداشلىرىم، بىلەلمىدىم:
دادىسى زونگۇلداكتا كۆمۈر كان ئىشچىسى بولغان بىر مال دوختورلۇق ئوقۇغۇچىسى كىتابنى ئوقۇشقا باشلاپلا باشقا ھېچ ئىش قىلالماس ھالغا كېلىپتۇ. قارنىنى تويغۇزۇش، ئۇخلاشتەك ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىدىن باشقا ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى كىتابنى يېڭىدىن ئوقۇشقا سەرپ قىلىپتۇ. بۇ يىگىت بەزىدە كۈن بويى بىر بەتنى مىڭ قېتىم ئوقۇيدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىش قىلمايدىكەن. دائىم ئۆلۈۋالغۇسى كېلىدىغان ۋە مەست يۈرۈيدىغان بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا ئوقۇغۇچىلىرى چۇقان سالغانغا قەدەر دەرسلىرىنىڭ ئاخىرقى ئون مىنۇتىنى كىتابتىن بىر قانچە جۈملە ئوقۇش ۋە ئارقىدىن ئادەمنى ساراڭ قىلىدىغان قاقاقلاپ كۈلۈش بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن. ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئەرزۇرۇملۇق بىر يىگىت بولسا ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىدىكى ياتىقىنىڭ تاملىرىغا تام قەغىزى چاپلىغاندەك كىتاب بەتلىرىنى چاپلاپتۇ. بۇ ئىش ياتاقداشلىرى بىلەن بولغان جېدەللەرگە سەۋەب بوپتۇ؛ بۇلاردىن بىرى كىتابنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىنىڭ كۆزى ئاجىز باشقۇرغۇچىسى بىر ئورۇندۇققا چىقىپ، مەشنىڭ كانىيى بىلەن تورۇس ئارىسىدىكى بۇلۇڭنى لوپا ئەينەك بىلەن ئوقۇشقا باشلاپتۇ. ۋەقەنى دوكتور نارىنغا خەۋەر قىلغان كۆڭلى سۇنۇق ئۇستام (قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى قوراشتۇرۇش ئۇستىسى) كىتابتىن شۇنداق خەۋەردار بولغانىدى، ئەمما ”تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز قىلايلىمۇ“ دېگەن تالاش-تارتىشقا يول ئاچقان ۋە ئەرزۇرۇملۇق يىگىتىمىزنىڭ ھاياتىنى قارايتقان كىتابنىڭ رىفقى تاغا يازغان كىتاب ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىدىم.
شۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇكى، تاساددىپىي ئۇچرىشىشلار، چالا ھەۋەسكار ئوقۇرمەنلەرنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، كىتاب يايمىلىرىدا دىققەتنى جەلپ قىلىش بىلەن، ئارىدا يەنىلا 100— 150 نۇسخىسى قولدىن قولغا بىر پارتلاتقۇچ دورىدەك ئايلىنىپ يۈرگەن كىتاب ياكى شۇنداق رولنى سېھىرلىك ھالدا ئوينىيالايدىغان باشقا كىتابلار بەزىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىرىدە بىر ھاياجان دولقۇنى، بىر خىل ئىلھام ئويغىتاتتى. بەزىلىرى كىتاب بىلەن تەنھالىققا بېكىنەتتى، جىددىي بىر بوھراننىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغاندا دۇنياغا يۈزلىنىپ كېسەللىكتىن قۇتۇلاتتى. كىتابنى ئوقۇپلا قەلبى دەھشەتكە چۆمگەن، غەزەپتىن بوغۇلغانلارمۇ بار ئىدى. بۇلار كىتابتىكى دۇنيانى بىلمىگەنلىكى، تونۇمىغانلىقى، ئىزدىمىگەنلىكى ئۈچۈن دوستلىرىنى، يېقىنلىرىنى، سۆيگىنىنى ئەيىبلەيتتى، كىتابتىكى دۇنيانىڭ ئادەملىرىگە ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە تەنقىدلەيتتى. باشقا بىر قىسىملىرى بولسا كىتابنى ئوقۇ-ئوقۇمايلا، كىتاب مەزمۇنى ئۈستىدە ئەمەس، ئىنسان تەبىئىتى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ كېتەتتى. ئۇلار تېكىستنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، ئىنسانلارغا يۈزلەنگەن تەشكىلاتچىلار ئىدى. بۇ ھەۋەسكارلار كىتابنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئوقۇغانلارنى ئىزدەشكە باشلاپ، بۇنىڭدا نەتىجىگە ئېرىشەلمىسە(دائىم مۇشۇنداق بولاتتى) كىتابنى باشقىلارغا ئوقۇتۇپ قولغا كەلتۈرگەن كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا تىرىشاتتى. ئورتاق ئىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇلارنىڭمۇ، بۇ ئىشنى قىلغۇچىلارنى كۆزىتىۋاتقان ئاخباراتچىلارنىڭمۇ ھېچقانداق بىر چۈشەنچىسى يوق ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى سائەت ئىچىدە، كىتابتىن ئىلھام ئالالىغان شۇ ئوقۇرمەندىن بەشىنىڭ دوكتور نارىننىڭ ”سائەت“لىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاخبارات مەكتۇپلىرىنىڭ ئارىسىغا كۆڭۈل قويۇپ سېلىنغان گېزىت پارچىلىرىدىن بىلدىم. جىنايەتلەرنى قايسى ”سائەت“ نىڭ، قايسى مەقسەت ۋە بۇيرۇق بىلەن قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىدى. پەقەت گېزىتلەردىن كېسىلگەن قىسقا جىنايەت خەۋەرلىرى ۋاقىت تەرتىپىگە ئاساسەن ئاخبارات ئىسپاتلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىنغانىدى. ئىككى جىنايەت ھەققىدە ئىزاھلىق ئۇچۇر بار ئىدى: بىرىدە، ئاخبارات كەسپىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن بىر ئوقۇغۇچىسى «قۇياش»گېزىتىنىڭ خەلقئارا خەۋەرلەر بۆلۈمىدە تەرجىمانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ۋەتەنپەرۋەر ئاخباراتچىلار تەشكىلاتى بۇ ئىشنى مۇھىم كۆرۈپ، تۈرك نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئازغۇن تېررورلۇققا قەتئىي بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. يەنە بىرسىدە، دۆنەر دۇكىنىدا ئىشلەۋاتقان بىر كۈتكۈچى قولىدا قېتىق قۇتىلىرى تۇتۇقلۇق ھالدا ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. ياش ئىسلامچى ئاۋانگارتلار ئۆلگۈچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئىشنىCIA ۋە Coca-Colaجاسۇسلىرىنىڭ قىلغانلىقىنى بىر ئاخبارات يىغىنى ئارقىلىق ئېلان قىلغانىدى.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*