يېڭى ھايات(6)

new life7

11
جەمئىيىتىمىزدە مۆتىۋەر ئادەملەر، مەدەنىيىتىمىزدە كىتاب ئوقۇشتىن ھۇزۇرلىنىش دېگەن نەرسە يوق دەپ ئاغرىنىشىدۇ. ماڭا نىسبەتەن بۇ چاغدىكى ھۇزۇر دوكتور نارىننىڭ ئەسەبىي ۋە تەرتىپلىك ئارخىپىنىڭ ئىسپاتلىرى ۋە جىنايەت خەۋەرلىرى ئارىسىدا ئاڭلىغان مۇزىكا بولسا كېرەك. قوللىرىمدا كېچىنىڭ سالقىنلىقىنى ھېس قىلاتتىم، قۇلىقىمدا مەۋجۇت بولمىغان بىر كېچە مۇزىكىسىنى ئاڭلايتتىم، يەنە بىر تەرەپتىن، ياش تۇرۇپ ئۇچرىغان ھايات ئاجايىباتلىرى ئالدىدا ئىرادىلىك بولۇشقا نىيەت قىلغان بىر يىگىتتەك بۇندىن كېيىن نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئويلاپ تېپىشقا تىرىشاتتىم. كەلگۈسىنى ئويلايدىغان ياخشى نىيەتلىك بىر يىگىت بولۇش قارارىغا كەلگەنلىكىم ئۈچۈن دوكتور نارىننىڭ ئارخىپىدىن بىر قەغەزنى تارتىپ، ئەسقاتىدىغان كىچىك يىپ ئۇچىلىرىنى يېزىشقا باشلىغانىدىم.
مەن ئۆيىدە مېھمان بولۇۋاتقان بۇ پەيلاسوپ ئاتىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ نەقەدەر ئەمەلىي، نەقەدەر رەھىمسىز ئىكەنلىكىنى ئوبدانلا ھېس قىلدىم، قۇلاقلىرىمدا تېخىچە مۇڭلۇق بىر مۇزىكا جاراڭلاۋاتاتتى، ئارخىپ ئۆيىدىن تالاغا چىقتىم. ئەسەبىي بىر روھنىڭ جاسارەت بەرگۈچى كۈشكۈرتۈشلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندەك قىلاتتىم: خۇشال قىلغۇچى ۋە ئۈمىد بەرگۈچى بىر كىنودىن چىققاندىن كېيىن ماڭا ئوخشاشلار ھېس قىلغان لەرزان مۇزىكىدەك ئارتىسلىق تۇيغۇسى ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرىدە تىپىرلايتتى. شۇنداق بولىدىغۇ، فىلىمدىكى چاقچاقلارنىڭ، قەھرىمانغا ئۆزلىكىدىن كېلىۋەرگەن خوشلۇقلارنىڭ، ئادەم ئىشەنگۈسىز ھازىرجاۋابلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىدە خاتالاشمىسام مەنمۇ قىلغۇدەكمەن…
”مەن بىلەن تانسا ئوينامسىز؟ “ دېمەكچىدىم ماڭا ئەندىشە بىلەن قاراۋاتقان جانانغا.
ئۇ ئۈچ گۈل قىز دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە دالاندىكى شىرە ئالدىدا ئولتۇرۇپ، قولدا توقۇلغان تال سېۋەتتىكى مولچىلىق، بەختىيارلىق پەسلىنىڭ پىشقان ئالمىلىرى، ئاپېلسىنلىرىغا ئوخشاش شىرەگە تۆكۈلگەن رەڭگارەڭ كاللەك يىپلارغا قارايتتى. سېۋەتنىڭ يېنىدا بىر چاغلار ئاناممۇ ئالغان «ئائىلە ۋە ئايال»ژۇرنىلىنىڭ ئوتتۇرىدىكى بەتلىرىدىن چىقىدىغان كەشتىچىلىك ئەندىزىلىرى، پارچە-پارچە ئىشلەنگەن گۈللەر، غاقىلدايدىغان ئۆردەكلەر، مۈشۈكلەر، ئىتلار، گېرمانىيە ژۇرناللىرىدىن كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ تۈرك ئاياللىرىغا سۇنغان، نەشرىياتچىلار قوشۇپ قويغان مەسچىت شەكىللىرى بار ئىدى. گاز لامپىلىرىنىڭ يورۇقىدا بۇ رەڭلەرنىڭ ھەممىسىگە مەنمۇ تۇيۇقسىز قارىدىم-دە، بايا مەن ئوقۇغان ھەقىقىي ھايات سەھنىلىرىنىڭ بۇ رەڭلەر بىلەن ئىشلەنگەنلىكىنى ئەسلىدىم. كېيىن، گۈلجاھاننىڭ ئەسنىشىپ ئانىسىغا يېقىنلىشىۋاتقان، كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ بەختلىك ئائىلە كۆرۈنۈشىنىڭ ئىچىدە ئېرىپ كەتكەن ئىككى كىچىك قىزىغا بۇرۇلۇپ:
− قاراڭلار سىلەرگە، ئاناڭلار تېخىچە سىلەرنى ياتقۇزمىدىمۇ؟− دېدىم.
ئۇلار چۆچۈپ ھەم قورقۇشۇپ، ئانىسىنىڭ قوينىغا كىرىۋېلىشقانىدى، تېخىمۇ خوش بولدۇم.
ماڭا شۈبھە بىلەن قاراۋاتقان گۈلەندەم بىلەن گۇلزارغا ”سىلەر، سىلەر تېخى سولمىغان گۈل، خۇدا ساقلىسۇن“ دېيىشىم مۇمكىن ئىدى.
− ئەپەندىم،− دېيەلىدىم پەقەت دوكتور نارىنغا، ياندىكى
مېھمانخانىنىڭ ئەرلەر ياتىدىغان بۆلۈمىگە كىرگەندە،−ئەپەندىم، ئوغلىڭىزنىڭ ھېكايىسىنى ھەسرەت ئىچىدە ئوقۇدۇم.
− ھەممە ئىش بەلگىلەنگەن،− دېدى دوكتور نارىن.
ئۇ مېنى غۇۋا قاراڭغۇ ئۆيدىكى ئىككى نائېنىق ئادەم بىلەن تونۇشتۇردى. ياق، بۇ تىۋىشسىز ئەپەندىلەر ”سائەت“ ئەمەس ئىدى، بىرى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، يەنە بىرسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بۇنداق قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئېسىمدە تۇتالمىدىم، چۈنكى دوكتور نارىننىڭ مېنى ئۇلارغا قانداق تونۇشتۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتاتتىم: بەك چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تەيىنلەنگەن، سالماق، ئەستايىدىل ۋە جۇشقۇن ياش ئىدىم ۋە ھازىردىن باشلاپ ئۇنىڭ ناھايىتى يېقىن ئادىمى بولۇپ قالغانىدىم. ئامېرىكا فىلىملىرىدىن ئۆگىنىپ ئۇزۇن چاچ قويۇۋالىدىغان دورامچى ياشلارنىڭ ھېچ بىر قىلىقى مەندە يوق ئىدى. ئۇ ماڭا بەك ئىشىنەتتى.
بۇ مەدھىيىلەرنى قانداقسىگە دەرھال ئۆزلەشتۈرۈۋالدىم! قوللىرىمنى نەگە قويۇشنى بىلەلمىدىم، مۇشۇنداق يىگىتكە يارىشىدىغاندەك ماختاشلار ئالدىدا كەمتەرلىكنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن بوينۇمنى ئالىيجانابلىق بىلەن تۆۋەن قىلىپ گەپنى بۇرىماقچى بولدۇم.
−كېچە بۇ يەر نېمانچە جىمجىت، ئەپەندىم،− دېدىم.
− پەقەت بىر تۈپ ئۈجمىنىڭ يوپۇرماقلىرىلا شىۋىرلايدۇ،− دېدى دوكتور نارىن،− ئەڭ شامالسىز، ئەڭ تىنچ كېچىدىمۇ ئاڭلاپ بېقىڭ.
ھەممىمىز بىرلىكتە ئاڭلىدۇق. ئۆينىڭ قورقۇتقۇچى غۇۋا قاراڭغۇلۇقى كىشىگە يىراقتىن بىلىنەر-بىلىنمەس بىر يەردىن كېلىۋاتقان دەرەخ شىۋىرلاشلىرىدىنمۇ بەك قورقۇنچ سالاتتى. جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقاندا بىر كۈندىن بۇيان بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەمىشە پىچىرلىشىپ سۆزلىشىۋاتقىنىنى ئەسلىدىم.
دوكتور نارىن مېنى بىر يانغا تارتىپ، − ئەمدى قارتا ئوينايلى،− دېدى،− ماڭا جاۋاب بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. ئوغلۇم، سائەتلىرىمنى كۆرگىڭىز بارمۇ، قوراللىرىمنىمۇ؟
−سائەتلەرنى كۆرسەم دەيمەن ئەپەندىم،− دېدىم ئويلانمايلا.
تېخىمۇ قاراڭغۇ يان ئۆيدە ئەنسىز چىكىلداۋاتقان Zenith ماركىلىق ئىككى دانە كونا ئۈستەل سائىتىنى كۆردۇق. دوكتور نارىن بۇنىڭ بىر جۈپىنىڭ توپقاپى سارىيى ھەرەمخانىسىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. گالاتا كۆچمەنلىرى رايونىدىكى ئەجنەبىيلەر ياسىغان، ياغاچ ئويمىلىق، ئۆزلىكىدىن مۇزىكا چالىدىغان، ھەپتىدە بىر بۇراپ قويۇلىدىغان تارتمىلىق سائەتنى كۆردۇق. ماياتنىكلىق، قاپقىقى ياڭاق ياغىچىدىن ئىشلەنگەن، ئىشكاپلىق تام سائىتىنى ياساپ ئىمزا قويغان لېۋانتېن سىمونى سىمونىئېننىڭ قايسى پورت شەھىرىدىن ئىكەنلىكىنى سائەت يۈزىدىكى ”asmyrne“ دېگەن سۆزدىن بىلدۇق. ئايلىق، چېسلالىق ئۇنىۋېرسال ماركىلىق سائەتنىڭ ئايدىڭ كۈنلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشەندۇق. سۇلتان Ⅲسەلىمنىڭ تەشۋىقى بىلەن ئالدى يۈزى مەۋلىۋى كۇلاھى شەكلىدە ياسالغان ماياتنىكلىق سائەتنى دوكتور نارىن يوغان بىر ئاچقۇچ بىلەن بۇراۋاتقاندا ئىچ ئەزالىرىنىڭ كېرىلگەنلىكىنى بىئاراملىق ئىچىدە ھېس قىلدۇق. نۇرغۇن ئۆيدە قەپەستىكى سېرىق قۇشقاچلاردەك تېخىچە قايغۇلۇق تىپىرلاۋاتقان ماياتنىكلىق junghans ماركىلىق تام سائىتىنى بالىلىقىمىزدىن بېرى قانچىلىك جىق يەردە كۆرگەن، ئاڭلىغىنىمىزنى ئەسلىدۇق. serkisof ماركىلىق قوپال ئۈستەل سائىتىنىڭ ئەينىكىدىكى پاراۋوزنى ۋە ئاستىدىكى” سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياسالغان“ دېگەن خەتنى كۆرۈپ چۆچىدۇق.
−سائەتنىڭ چىكىلدىشى بىز ئۈچۈن جامە ھويلىسىدىكى فونتانلىق كۆل سۈيىنىڭ شىلدىرلىشىدەك، دۇنيانى بايقاشنىڭ ئەمەس، ئىچكى ئالەمگە ئۆتۈشنىڭ تىۋىشىدۇر،− دېدى دوكتور نارىن،− كۈندە بەش ۋاقىت ناماز، سۇھۇر، ئىپتار ۋاقىتلىرىنى توغرىلاش− ئورۇنلىرىمىز ۋە سائەتلىرىمىز غەربتىكىدەك دۇنياغا يېتىشىشنىڭ ئەمەس، ئاللاھقا قاراپ يۈگۈرۈشنىڭ قوراللىرىدۇر. ھېچقانداق بىر مىللەت سائەتكە بىزدەك مەستانە بولمىدى. ياۋروپا سائەتچىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى بىز ئىدۇق. ئۇلاردىن ئېلىپ روھىمىزغا قوبۇل قىلدۇرالىغان بىردىنبىر نەرسە سائەتلەردۇر. شۇڭا، سائەتنىڭ خۇددى قورالغا ئوخشاش يەرلىك ياكى ئەجنەبىيچىسى بولمايدۇ. بىز ئۈچۈن ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ئىككى يولى بار. جىھاد قورال بىلەن، ناماز سائەت بىلەن. ئۇلار قوراللىرىمىزنى بۇزۇشتى. ئەمدى سائەتلىرىمىزنى بۇزۇش ئۈچۈن بۇ پويىزلارنى چىقىرىشتى. ئەزان ۋاقتىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى پويىز ۋاقتى ئىكەنلىكىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. رەھمەتلىك ئوغلۇم بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن بىزنىڭ يوقاتقان ۋاقتىمىزنى ئاپتوبۇسلار بىلەن ئايلارچە ئىزدىگەن. ئۇنى مەندىن يىراقلاشتۇرماقچى بولغانلار شۇ سەۋەبتىن بالامنىڭ جېنىنى ئاپتوبۇس بىلەن ئېلىشتى، ئەمما دوكتور نارىن ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغان ساددا ئەمەس. شۇنى ئۇنتۇمايمەن: ئەسىرلەردىن بۇيان، ئارىمىزدا بىر ئاز پۇلى بارلار تۇنجى بولۇپ سېتىۋالغان نەرسە سائەتتۇر…
دوكتور نارىن بەلكىم پىچىرلاپ يەنە گەپ قىلاتتى ، ئەمما ئالتۇن يالىتىلغان، ئەينىكىدە خەت بار، ياقۇت گۈللۈك ۋە بۇلبۇل ئاۋازلىق prior ماركىلىق بىر ئىنگلىز سائىتى ئوسمان ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ”كاتىپىم“ ناملىق خەلق ناخشىسىنىڭ مېلودىيىسىنى ئېيتىپ ئۇنىڭ گېپىنى ئۈزۈۋەتتى.
ئۈسكۈدارغا ماڭغان قارتا ئوينىغۇچىلار مۇڭلۇق مۇزىكىنى دىققەت
بىلەن تىڭشاۋاتقاندا دوكتور نارىن قۇلىقىمغا پىچىرلىدى:
−بىر قارارغا كەلدىڭىزمۇ بالام؟
شۇ ئەسنادا، ئوچۇق قالغان ئىشىكتىن ئىچكىرىگە قارىدىم ۋە يان ئۆيدىكى چىنە-قاچا ئىشكاپىنىڭ ئەينەكلىرىدە ئەكس ئېتىۋاتقان، گاز لامپىنىڭ يورۇقىدا تىترەپ كۆرۈنۈۋاتقان جاناننىڭ گىرىمسەن تۇرقىنى كۆرۈپ، كاللام ئېلىشىپ كەتتى.
−ئارخىپ ئۈستىدە يەنە ئىشلىشىم كېرەك ئەپەندىم،−دېدىم.
بىر قارارغا كېلىش ئۈچۈن ئەمەس، تېخىمۇ چوڭ بىر قاراردىن قېچىش ئۈچۈن شۇنداق دېگەنىدىم. ياندىكى ئۆيدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتىم، بالىلىرىنى ياتقۇزۇپ قايتىۋاتقان گۇلجاھاننىڭ، شوخ مىجەز گۈلزارنىڭ، چۇس مىجەز گۈلەندەمنىڭ ماڭا قاراۋاتقانلىقىنى سەزدىم. جاناننىڭ خورما رەڭ كۆزلىرى شۇ قەدەر تەشنا ۋە قەتئىي ئىدى. ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈزەل ئاياللار يېنىدا يۈرىدىغان ئەرلەر شۇنداق قىلسا كېرەك، ئۆزۈمنى مۇھىم بىر ئىشلارنى قىلغان ئادەمدەك ھېس قىلدىم.
ھالبۇكى ئۇنداق ئادەم بولۇشتىن ئىنتايىن يىراق ئىدىم! دوكتور نارىننىڭ ئارخىپخانىسىدا ئولتۇرۇپ، ئالدىمغا ئاخبارات ئارخىپلىرىنى ئېچىپ، يان ئۆيدىكى چىنە-قاچا ئىشكاپىنىڭ ئەينەكلىرى ئارىسىدا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەن جاناننى ئىشقى ئازاب بىلەن خىيال قىلىپ، تېخىمۇ ئازابلىنىپ ئەڭ ئاخىرىدا بىر قارارغا كېلىمەن دەپ ئارخىپ بەتلىرىنى تېز-تېز ۋاراقلايتتىم.
بەك زىيادە تەتقىق قىلىپ كېتىشىمنىڭ ھاجىتى قالمىدى. ئوغلى دەپ ئويلاپ دەپنە قىلغان قەيسەرىيلىك بىتەلەي ياشنىڭ دەپنە مۇراسىمىدىن كېيىن، ئۇ كىتابنى ئوقۇغان ئادەمنى تېپىش ئۈچۈن دوكتور نارىن ئىشقا سالغان يېڭى ”سائەت“لەردىن ئەڭ ئىشچان، ھەۋەسكار بولغىنى Seiko، ئۇ كىتابنى ئوقۇغان بىرىنى ئۇچرىتىش ئۈمىدى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇلىرىدا، قەھۋەخانىلاردا، ئۇيۇشمىلاردا ۋە فاكۇلتېت كارىدورلىرىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىنىڭ بىرىدە بىناكارلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدىغان مەھەممەت بىلەن جاناننى ئېنىقلىغانىدى. بۇ 16 ئاي ئاۋۋالقى ئىش ئىدى، باھار پەسلى ئىدى، جانان بىلەن مەھەممەت بىر-بىرىگە ئاشىق ئىدى، ئۇلارنىڭ قولىدا بىر بۇلۇڭغا كىرىۋېلىپ بىللە ئوقۇغان كىتاب بار ئىدى. سەككىز ئايدىن بېرى ئۆزلىرىنى بەك يېقىندىن بولمىسىمۇ كۆزىتىپ يۈرگەن Seiko نىڭ بارلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى.
ئۇلارنى بايقاشتىن، مېنىڭ كىتابنى ئوقۇشۇمغا ۋە مەھەممەتنىڭ مىنىبۇس بېكەتلىرىنىڭ ئالدىدا ئېتىلىشىغىچە ئۆتكەن بۇ سەككىز ئايدا Seiko دوكتور نارىنغا قەرەلسىز ھالدا 22 ئاخبارات يوللىغانىدى. يېرىم كېچىدىن خېلى ئۆتكىچە بۇ ئاخباراتلارنى دىققەت، سەۋرچانلىق ھەم ھەسەت بىلەن قايتا-قايتا ئوقۇدۇم ۋە ئۇلاردىن چىقارغان يەكۈنلەرنىڭ زەھىرىنى ئۆزۈم تەكشۈرۈۋاتقان ئارخىپتىكى شەكىلگە ئۇيغۇن بىر مەنتىقە بىلەن ھەزىم قىلىشقا تىرىشتىم.
1. گۈدۈل ناھىيە بازىرى 19-نومۇرلۇق مېھمانخانىدىكى ياتىقىمىزدىن كېچىدە شەھەر مەيدانىغا قاراۋاتقاندا جانان ماڭا ئېيتقان، ئۆزىگە ھېچ بىر ئەرنىڭ چېقىلمىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى يالغان ئىدى. پەقەت باھار كۈنلىرىدىلا ئەمەس، ئۇلارنى ياز بويى بىر نەچچە قېتىم تېپىپ كۆزىتەلىگەنSeiko ئىككىسىنىڭ مەھەممەت ئىشلەۋاتقان مېھمانخانىغا كىرگەنلىكىنى، ياتاقتا ئۇزاق ۋاقىت تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلىغانىدى. بۇنى تەبىئىي پەرەز قىلاتتىم، ئەمما بىز پەرەز قىلىۋاتقان نەرسىلەرگە باشقا بىرى خېلىدىن بىرى شاھىد بولۇپ ئۇنى يازسا ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ئەخمەق ھېس قىلىمىز.
2. مەھەممەتنىڭ ناھىت بولۇپ ھاياتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىگە بولغان يېڭى سالاھىيىتى ۋە باشلىغان يېڭى ھاياتىدىن دادىسى، ئۇ ئىشلىگەن مېھمانخانىنىڭ خوجايىنلىرى، بىناكارلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئارخىپ ئىشخانىسى ۋە Seiko نىڭ ئۆزىمۇ شۈبھىلەنمىگەنىدى.
3. ئاشىقلارنىڭ بىر-بىرىگە ئاشىق بولۇشىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان بىرەر تەرىپى يوق ئىدى. ئاخىرقى ئون كۈننى ھېسابقا ئالىمغاندا قوللىرىدىكى كىتابنى باشقىلارغا بېرىشكە ئۇرۇنۇشقانىدى. ئۇلار كىتابنىمۇ ھەمىشە ئوقۇمايتتى. دەرۋەقە Seiko مۇ شۇ ۋەجىدىن ئۇلارنىڭ كىتاب بىلەن نېمە ئىش قىلغانلىقى ئۈستىدە بەك توختالمىغانىدى. ئۇلار ئادەتتىكىچە توي قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئادەتتىكى ئىككى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى كۆرۈنۈشىدە ئىدى. سىنىپداشلىرى بىلەن دوستلۇقلىرى نورمال، دەرسلىرىدە ياخشى، ھاياجانلىرى جايىدا ئىدى. ھەر قانداق بىر سىياسىي تەرەپ بىلەن مۇناسىۋىتىمۇ، يېزىشقا تېگىشلىك ھەر قانداق بىر ھاياجانلىرىمۇ يوق ئىدى. Seiko ھەتتا مەھەممەتنىڭ كىتابنى ئوقۇغان كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ سالمىقى، ئەڭ ئازمىغىنى، ئەڭ ئەسەبىيلەشمىگىنى ئىكەنلىكىنى يازغانىدى. شۇڭا كېيىن ھەيران قالغان، ھەتتا سۆيۈنگەنىدى.
4. Seiko نىڭ ئۇلارغا ئىچى تارلىقى كېلەتتى. باشقا ئاخباراتلار بىلەن ئۇچراشقىنىمدا ئاۋۋال ئۇنىڭ جاناننى ھەددىدىن زىيادە سەزگۈر ۋە شېئىرىي بىر تىلدا تەسۋىرلىگەنلىكىنى كۆردۈم: ”كىتابنى ئوقۇغاندا ياش قىزنىڭ قوشۇمىلىرى سەل تۈرۈلەتتى، چىرايى گۈزەل، تەمكىن تۈس ئالاتتى“، ”كېيىن ئۇ ئۆزىگە خاس بىر ھەرىكەت قىلدى ۋە بېشىنى بوش سىلكىپ چېچىنى قۇلاقلىرىنىڭ ئارقىسىغا جەملىدى“، ”ئاشخانىدا ئۆچرەتتە تۇرغاندا قولىدىكى كىتابقا قارىسا ئۈستۈنكى لېۋى سەل ئالدىغا چىقاتتى، كۆزلىرى بىردىنلا شۇنداق چاقناشقا باشلايتتىكى، كىشىگە بۇ قىزنىڭ شەھلا كۆزلىرىدە يوغان ياش تامچىسى مۆلدۈرلەپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى“. كىشىنى چۆچۈتىدىغان مانا مۇنداق قۇرلارمۇ بار ئىدى:” ئەپەندىم، قىز كىتابقا تامامەن بېرىلگەن دەسلەپكى يېرىم سائەتتىن كېيىن چىرايى شۇ قەدەر مۇلايىملىشىپ، ئاندىن شۇنچە غەلىتە، ئۆزگىرىشچان بىر ئىپادىگە كىردىكى، شۇئان سېھىرلىك بىر نۇر دېرىزىلەردىن ئەمەس، بەلكى بۇ پەرىشتە چىراي ئىنسان ئوقۇغان كىتابنىڭ بەتلىرىدىن چېچىلغاندەك ھېس قىلدىم“. ” كېيىن جاناننىڭ پەرىشتىلىشىشىگە پاراللىل ھالدا يېنىدىكى ئوغۇل ناھايىتى دۇنياۋىلىشىپ كېتىۋاتاتتى“. ”ياخشى بىر ئائىلىدىن چىققان ياش قىز بىلەن سالاھىيىتى، ئۆتمۈشى نائېنىق بىر ئائىلىدىن چىققان نامرات بىر يىگىتنىڭ مۇھەببىتى بۇ، ئەپەندىم“. ”يىگىتىمىز ھەر قاچان بىر ئاز ئېھتىياتچان، سەپرا، ئىچى تارراق ئىدى“. ”قىز بەلكىم دوستلىرىغا بەكرەك ئوچۇق بولۇشقا، ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا، ھەتتا ئۇلار بىلەن كىتابتىن بىللە ھۇزۇر ئېلىشقا مايىل ئىدى، ئەمما مېھمانخانا كاتىپى ئۇنىڭغا بەكلا چىڭ قارايتتى“. ”ئېنىقكى، نامرات بىر ئائىلىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن قىزنىڭ يېنىغا كىرىشتىن ئۆزىنى تارتاتتى“. ” ئەسلىدە قارىسىڭىز بۇ ياش قىزنىڭ بۇ سوغۇق ۋە دىققەتنى تارتمايدىغان ئادەمدىن نېمە بايقىغانلىقىنى چۈشەنمەكمۇ تەس“، ” ئۇ بىر مېھمانخانا كاتىپىنى كۈتۈلمىگىدەك دەرىجىدە ياقتۇرۇپ قاپتۇ“. ”جىمغۇرلۇق، كەم سۆزلۈكنى بىر پەزىلەتتەك كۆرسىتەلىگەن قابىلىيەتلىك كىشىلەردىن…“، ” پىخسىق تەلۋە“، ” ئەسلىدە ھېچ بىر ئالاھىدىلىكى يوق، ئەپەندىم“. Seiko نى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتىم. ئۇ مېنى ئىشەندۈرەلىسە ئىدى، لېكىن ئۇ باشقا بىر ئىشقا ئىشەندۈرۈپ قويۇۋاتاتتى.
5. ئاھ، ئۇلار نېمانچە بەختلىك! دەرستىن چىقىپلا بەيئوغلىدىكى بىر كىنوخانىغا باراتتى، بىر-بىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇشۇپ ئولتۇرۇپ «چەكسىز كېچىلەر» ناملىق كىنونى كۆرەتتى. مەكتەپ چايخانىسىدا بىر بۇلۇڭدىكى شىرەدە ئولتۇرۇپ كېلىپ-كېتىۋاتقانلارنى كۆزىتەتتى، ئاندىن ئۆز ئارا شېرىن-شېكەر پاراڭلارنى قىلىشاتتى. بىرلىكتە بەيئوغلىدىكى دۇكانلارنىڭ ئەينەك دېرىزىلىرىگە قارايتتى، بىرلىكتە ئاپتوبۇسقا چىقاتتى، دەرسلەردە يانمۇ يان ئولتۇراتتى. شەھەردە سەيلىگە چىقاتتى، بىر كىچىك ئاشخانىدا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇرۇپ ئەينەكتە ئۆزلىرىنى كۆزەتكەچ ساندىۋىچ يەيتتى، بۇ چاغدا قىز سومكىسىدىن كىتابنى ئېلىپ ئوقۇيتتى. ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە Seiko مەھەممەتنى مېھمانخانا دەرۋازىسىدىن چىقىشى بىلەنلا كۆزىتىشكە باشلاپتۇ، مەھەممەت يالتىراق خالتا كۆتۈرگەن جانان بىلەن ئۇچرىشىپتۇ. Seiko ئەمدى كۆرىدىغانغا تاماشا چىقتى دەپ ئويلاپ ئۇلارنىڭ پېيىغا چۈشۈپتۇ. ئۇلار پاراخوت بىلەن بۈيۈك ئاداغا بېرىپ، قېيىق كىرا قىلىپ دېڭىزغا چۈشۈپتۇ، ئات ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپتۇ، قوناق ماروژنىلارنى يەپتۇ، قايتقاندا بولسا مەھەممەت ئىشلەيدىغان مېھمانخانىنىڭ ياتىقىغا كىرىپتۇ. ئارخىپتىن بۇلارنى چۈشىنىش تەس ئىدى. ئۇلارنىڭ كىچىك جېدەللەرنى قىلغانلىقى، تاكاللاشقانلىقى، Seiko نىڭ بۇلارنى يامانغا چىقارغانلىقى يېزىلغانىدى. ئەمما كۈزگىچە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ قالمىغانىدى.
6. دېكابىرنىڭ ھېلىقى قار ياغقان كۈنى مىنىبۇس بېكىتىدە يالتىراق خالتىدىن ئالغان تاپانچا بىلەن مەھەممەتنى ئاتقان كىشىSeiko ئىدى. بۇنىڭغا تامامەن ئىشىنىپمۇ كەتمەيتتىم. ئەمما ئۇنىڭ ئاچچىقى، ھەسەتخورلۇقى بۇنى ئىسپاتلايتتى. مەن دېرىزىدىن كۆرگەن كۆلەڭگىنى، ئۇنىڭ قارلىق باغچىدا سەكرەپ يۈرۈپ قاچقانلىقىنى كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزگەندە Seiko نى 30 ياشلاردا دەپ ئويلايتتىم. ئۇ 30 ياشلاردا، قوشۇمچە كىرىم قىلاي دەپ سىرتتىن مۇشۇ كۆزەتچىلىك ئىشىنى تاپقان، بىناكارلىقتا ئوقۇۋاتقان ياشلارنى ”ئويۇنچى“ بىلىدىغان، ساقچى مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ئاچكۆز بىر ساقچى ئىدى. خوش، ئۇ مەن توغرىلىق نېمە ئويلىغاندۇ؟
7. مەن تۇزاققا چۈشۈرۈلگەن بىچارە بىر ئوۋ ئىدىم. Seiko مۇ بۇ قاراشقا شۇنچە ئاسان كېلىپ بولغان بولۇپ، مەن ئۈچۈن ھەسرەتلەنگەنىدى. ھالبۇكى، قىز بىلەن ئوغۇلنىڭ ئارىسىدا كۈزدىن تارتىپ باشلانغان سوغۇقچىلىقنىڭ جاناننىڭ كىتاب بىلەن بىر ئىش قىلماقچى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئۇ ئويلاپ يېتەلمىگەنىدى. كېيىن جاناننىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن ئۇلار كىتابنى باشقا بىرىگە بېرىش قارارىغا كەلگەن بولسا كېرەك. ياكى مەھەممەت جاناننىڭ جاھىللىقى تۈپەيلىدىن بۇنىڭغا رازى بولغاندۇ. ئۇلار بىر مەزگىل خۇددى مەلۇم ئىش ئورنىدا بوش قالغان بىر شىتات ئۈچۈن كەلگەن ئىلتىماسلارنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان خوجايىنلاردەك، فاكۇلتېت كارىدورلىرىدا ئالدىغا ئۇچرىغان ياشلارنى كۆزدىن كەچۈرگەنىدى. مېنى نېمىشقا تاللىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئەمما بىر مەزگىلدىن كېيىن مېنى ئىزدىگەنلىكى، مېنى كۆزەتكەنلىكى، مەن توغرىلىق پاراڭلاشقانلىقىنىSeiko دەل جايىدا ئىسپاتلىغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈم قىلتاققا ئىلىنغانىدىم، بۇ مېنى تاللىغانلىقىدىنمۇ ئاسان بولغانىدى، شۇنچىلىك ئاسان: جانان بىر قانچە قېتىم قولىدا كىتابنى تۇتقان ھالدا كارىدوردا ماڭا يېقىن ماڭغانىدى. بىر قېتىم ماڭا يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، ئارقىدىن ئەسلى ئويۇنىنى زوق بىلەن ئوينىغانىدى: كانتىندا نۆۋەت ساقلاپ تۇرغاندا مېنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىمنى بايقاپ، سومكىسىدىن ھەميېنىنى ئىزدەۋاتقاندا قولىدىكى نەرسىنى قويۇپ قويۇشى كېرەكتەك، كىتابنى مەن ئولتۇرغان شىرەنىڭ ئۈستىگە، ئالدىمغىلا قويۇپ، سەككىز-ئون مىنۇتتىن كېيىن نازۇك قوللىرى بىلەن ئۇ كىتابنى ئېلىۋالغانىدى. كېيىن ئىككىسى، جانان بىلەن مەھەممەت بىچارە بېلىقنىڭ يەمچۈكنى يېگەنلىكىگە ئىشىنىپ، ئۇلار ئىلگىرىلا مۇقىملاشتۇرغان قايتىش يولۇمدىكى پىيادىلەر يولى كىتابپۇرۇشىغا كىتابنى ھەقسىز قويۇپ قويغان بولۇپ، مەن كەچتە ئۆيگە قايتىشىمدا ئۇنىڭغا مەستانىلەرچە قاراپ ”مانا ئۇ كىتاب!“ دەپ ئالغانىدىم. شۇنداق بولدى. Seiko ئەھۋالنى خەۋەر قىلغاندا مەن توغرۇلۇق ھەسرەت چېكىپ:” بىرەر ئالاھىدىلىكى يوق خىيالىي يىگىت“ دېگەنىدى.
بۇ گەپنى مەھەممەت ھەققىدىمۇ ئىشلەتكەنلىكىگە دىققەت قىلىپ كەتمىدىم، ھەتتا بىر ئاز تەسەللى تاپتىم ۋە ئۆزۈمدىن شۇ سوئالنى سورىيالىدىم. كىتابنى ئۇ گۈزەل قىز بىلەن يېقىنلىشىشقا ياردەمچى بولۇپ قالار دەپ ئېلىپ ئوقۇغانلىقىمنى ھازىرغىچە نېمىشقا ئېتىراپ قىلماي كەلدىم؟
مەن جانانغا ھەيران-ھەس بولۇپ قاراۋاتقاندا، قارىغىنىمنىمۇ بىلمەستىن ئۇنى كۆزىتىۋاتقاندا، كىتاب سېھىرلىك ۋە ئۈركىگەك قۇشتەك ئۈستىلىمدە بىر قونۇپ بىر ئۇچقاندا، يەنى مەن ھاياتىمنىڭ سېھىرلەنگەنلىكىنى ھېس قىلغان چېغىمدا، مەھەممەتنىڭ ئىككىمىزنى، Seiko نىڭ بولسا ئۈچىمىزنى يىراقتىن كۆزىتىشى ئەڭ چىدىغۇسىز ئىش ئىدى.
” مەن ھاياتنىڭ ئۆزى دەپ بەختىيارلىق بىلەن كۈتۈۋالغان، ئىشتىياق بىلەن سۆيگەن تاسادىپىيلىق پەقەت باشقا بىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەن“ دېدىم مەن−ئالدانغان قەھرىمان. مەن دوكتور نارىننىڭ قوراللىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقماقچى بولدۇم. ئەمما تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتىشىم، ئۇنى تەتقىق قىلىشىم ئۈچۈن يەنە بىر سائەت ئىشلىشىم كېرەك ئىدى. چاپسان ئىشلىدىم ھەمدە دوكتور نارىننىڭ ئىشچان”سائەت“لىرى ۋە دەردمەن دۇكاندارلار ئاناتولىيىنىڭ تۆت تەرىپىدە كىتابنى ئوقۇۋاتقاندا كۆرۈپ جەزملەشتۈرگەن شۈبھىلىك ياش مەھەممەتلەر ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدۇم. Serkisof بىزنىڭ مەھەممەتنىڭ فامىلىسىنى يازمىغانلىقى ئۈچۈن، قولۇمدا ئۇ چاغدا قانداق ئىزدىشىمنىمۇ بىلمەيدىغان ئۇزۇن بىر تىزىملىك شەكىللەنگەنىدى.
خېلىلا كەچ كىرىپ قالغانىدى، ئەمما دوكتور نارىننىڭ مېنى ساقلاۋاتقانلىقىغا ئىشىنەتتىم. سائەت چىكىلداشلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا قارتا ئوينىلىۋاتقان ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. جانانمۇ، دوكتور نارىننىڭ قىزلىرىمۇ ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىشكەن، قارتا ئۈلپەتلىرى كېتىپ قېلىشقانىدى. دوكتور نارىن ئۆينىڭ ئەڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭىدا، يوغان بىر ئورۇندۇققا گاز لامپىسىنىڭ نۇرىدىن قېچىۋاتقاندەك چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇۋاتاتتى.
ئۇ مېنى كۆرۈپ، كىتابنى ئوقۇپ كەلگەن بېتىگە سەدەپ نەقىشلەنگەن بىر خەتكۈچ سېلىپ بىر چەتكە ئېلىپ قويدى، ئورنىدىن تۇرۇپ، مېنى ساقلاۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. كۆزلىرىم بىر نەرسە ئوقۇشتىن بەك چارچاپ كەتكەن بولسا بىر ئاز ئارام ئالالايتتىم. ئەمما ئۇ مېنىڭ ئوقۇغان ۋە بىلگەنلىرىمدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەتتى. بۇ ھايات شۇ قەدەر ھەيران قالارلىق ئىشلار ۋە ئالدامچىلىقلارغا تولغانىكەن ئەمەسمۇ؟ ئەمما ئۇ بۇ مۇرەككەپلىككە بىر تەرتىپ بېكىتىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغانىدى.
−ئارخىپلارنى، كاتالوگلارنى گۈلەندەم رېشىلىيە ئىشلەيدىغان
بىر قىزنىڭ ئەستايىدىللىقى بىلەن تەييارلىغان،−دېدى ئۇ،−گۇلزار بارلىق خەت-ئالاقىنى باشقۇرۇشنى، مېنىڭ جاۋابلىرىم ۋە ئىستەكلىرىمنىڭ نېگىزلىك يېرىنى مەندىن ئېلىپ سۆيۈملۈك، ئىتائەتكار ”سائەت“لىرىمگە خەت يېزىشنى دادىسىغا ئامراق بولغاندەك خۇشاللىق ئىش دەپ بىلىدۇ. ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن گۇلجاھان ماڭا بارلىق خەتلەرنى بىر-بىرلەپ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ئوقۇغاندا چايلىرىمىزنى ئىچكەچ ئاڭلايمىز. بەزىدە بۇ ئۆيدە ئىشلەيمىز، بەزىدە سىز ئىشلىگەن ئارخىپخانىغا كىرىمىز. باھار، ياز كۈنلىرىدە ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا بىر نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرىمىز. جىمجىتلىقنى مەندەك ياخشى كۆرىدىغان بىر كىشى ئۈچۈن ئۇ ۋاقىتلار ھەقىقىي بەختىيارلىقتا ئۆتىدۇ.
كاللامدا بارلىق پىداكارلىق ۋە سۆيگۈنى، ئەستايىدىللىق، نازۇكلۇق، تەرتىپ ۋە ھۇزۇرنى مەدھىيىلەيدىغان سۆزلەرنى ئىزدەيتتىم. دوكتور نارىن مېنى كۆرۈپ ئوقۇشنى توختىتىپ قويغان كىتابنىڭ بىر زاگور نۇسخىسىدىكى كىتاب ئىكەنلىكىنى مۇقاۋىسىدىن بىلدىم. ئادەملىرىگە ئۆلتۈرگۈزگەن رىفقى تاغىنىڭ بۇ رەسىملىك روماننى مۇۋەپپەقىيەتسىز يىللىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك كۆرۈنۈشلىرىگە تويۇنغان ھەجۋىي رەسىملىك كىتاب قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ يېزىشقا باشلىغانلىقىنى بىلىدىغانمىدۇ؟ ئەمما بۇ تاسادىپىيلىقلارنىڭ كىچىك تەپسىلاتلىرى بىلەن ئۆزۈمنى ئاۋارە قىلىدىغاندەك ھېس قىلمايتتىم.
− ئەپەندىم، قوراللارنى كۆرۈشكە بولارمۇ؟
ئۇ ماڭا ئىشەنچ ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى: ئۇنى دادا دېسەممۇ، دوكتور دېسەممۇ بولىدىكەن.
دوكتور نارىن ماڭا جامائەت خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى تەرىپىدىن 1956-يىلى ئېچىلغان بىر تاموژنا يولى بىلەن بېلگىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوماتىك ئوقدانلىق Browning تاپانچىسىنى كۆرسىتىپ، تېخى يېقىنغىچە بۇنداق تاپانچىلارنىڭ پەقەت دەرىجىسى يۇقىرى ساقچىلاردا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇزۇن ئىستىۋوللۇق، قېپىمۇ دەستە بولۇپ مىلتىققا ئايلىنالايدىغان گېرمانىيە ئاپتوماتىك تاپانچىسىنىڭ بىر قېتىم خاتا ئېتىلىپ، توققۇز مىللىمېتىرلىق ئوقنىڭ ئىككى يوغان ۋېنگىر ئېتىنى تېشىپ، ئۆينىڭ بىر دېرىزىسىدىن كىرىپ يەنە بىرسىدىن چىقىپ ئۈجمە ياغىچىغا تەگكەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما بۇ قورالنى ئېلىپ يۈرۈش ئەپسىز ئىدى. ئوڭاي ئىشلەتكىلى بولىدىغان ۋە ئىشەنچلىك بىر نەرسە ئىزدىسەم، ئۇ ماڭا ئامېرىكىنىڭ مىلتىقتىن ئىشەنچلىك بولغان Smith-Wesson تاپانچىسىنى تەۋسىيە قىلدى. چاتىقى بولۇش ئېھتىمالىغا قارىماي تەۋسىيە قىلىنغان يەنە بىر ئەپچىل تاپانچا، قورال ھەۋەسكارى زوقلانغۇدەك پارقىراپ تۇرىدىغان colt تاپانچىسى ئىدى، ئەمما بۇنى ئېلىپ ماڭغاندا ئادەم ئۆزىنى ئامېرىكىلىققا، پادىچىلارغا قالتىس ئوخشاپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ، كۆڭلىمىزگە ئەڭ ياخشى سىغدۇرالىغان بىر يۈرۈش گېرمانىيە Walther تاپانچىسى بىلەن ئۇلارنىڭ يەرلىك تەقلىدى، پاتېنتلىق ”قىرىق قەلئە“ تاپانچىسىغا قىزىقىپ قالدۇق. كەڭ تارقالغانلىقى، قىرىق يىلدىن بۇيان ئارمىيىدىن قاراۋۇلغىچە، ساقچىلاردىن بولكىچىلارغىچە نۇرغۇن قورال ھەۋەسسكارلىرى تەرىپىدىن ، ئوغرى، بۇلاڭچى، ئىسيانچى، سىياسىئون ۋە ئاچ-يالىڭاچ ۋەتەنداشلارغا يۈزمىڭ قېتىمچە سىنىلىشى بۇ تاپانچىلارنى مېنىڭ نەزىرىمدىمۇ سەرخىل كۆرسىتىۋاتاتتى.
دوكتور نارىننىڭ Walther بىلەن ”قىرىق قەلئە“ ئارىسىدا ھېچبىر پەرق يوقلۇقىنى، ئۇلارنىڭ تېنىمىزنىڭ روھىمىزچىلىك بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىر نەچچە قېتىم ئېيتقىنىغا قارىتا، ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئاسان ۋە چوقۇم بىر نەتىجە چىقىرىش ئۈچۈن يېقىندىن ئېتىشنىڭمۇ ھاجىتى بولمىغان 9 مىللىمېتىرلىق، تەپكىلىك بىر Walther نى ئېلىشنى قارار قىلدىم. تەبىئىيكى، كۆپ گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانىدى، دوكتور نارىن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قورال ھەۋىسىگە مۇۋاپىق بىر چىراي ئىپادىسى بىلەن قورالنى ماڭا تولۇق ئىككى ئوقدان بىلەن بىللە ھەدىيە قىلدى ۋە پېشانەمدىن سۆيدى. ئۇ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇراتتى، مەن ئەمدى ئۇخلىشىم، ئارام ئېلىشىم كېرەك ئىدى.
ئۇيقۇ كاللامدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىش ئىدى. تاپانچا ئىشكاپى بىلەن ياتىقىمىز ئارىسىدىكى 17 قەدەملىك يولنى مېڭىۋاتقاندا كاللامدىن 17 ئوخشىمىغان سىنارىيە ئۆتتى. ئۇزۇن ئوقۇش سائەتلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كاللامنىڭ بىر بۇرجىكىدە مۇلاھىزە قىلىپ، ئاخىرىدا ئاخىرقى سەھنىگە ئۇيغۇنلىشىشنى قارار قىلغانىدىم. كېچىدە ئون بەتتەك ئوقۇپ مەست بولغان كاللامدا بۇ كارامەتلەرنى جانان قۇلۇپلىغان ئىشىكنى ئۈچ قېتىم ئۆزۈم چەككەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىمنى ئەسلىدىم، ئەمما كۆزدىن كەچۈرگەن نەرسىنىڭ نېمىلىكى خىيالىمغىمۇ كەلمىدى. چۈنكى ئىشىكنى قاقا-قاقمايلا ”پارول؟“دېدى ئىچىمدىن بىر ئاۋاز، بەلكى جاناننىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئويلىغانلىقىم ئۈچۈن بولسا كېرەك، ”پادىشاھىم، ئۇزاق ياشا“ دېدىم ئۇنىڭغا جاۋابەن.
جانان مېنى ھەيرانلىقتا قالدۇرغان يېرىم خۇشال، يېرىم ئازابلىق، ياق پۈتۈنلەي سىرلىق بىر چىراي بىلەن ئاۋۋال قۇلۇپنى، ئاندىن ئىشىكنى ئاچقان ھامان ئۆزۈمنى بىردىنلا بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى يادلىغان سۆزلەرنى سەھنە نۇرلىرى ئاستىغا چىقار-چىقماي ئۇنتۇپ قالغان خام سەنئەتچىگە ئوخشاش ھېس قىلدىم. بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن ئەسكە ئالغان بىر قانچە قالدۇق سۆزلەرگە ئىشىنىشتىن كۆرە ئەس-يادى جايىدا بىرىنىڭ ئۆزىنى ئىچكى ئىستەكلىرىگە تاشلاپ قويىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس ئىدى. مەنمۇ شۇنداق قىلدىم؛ ھېچبولمىغاندا تۇزاققا چۈشۈرۈلگەن بىر ئوۋ ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇشقا تىرىشتىم.
ئۇزۇن سەپەردىن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن ياش ئەردەك جاناننىڭ لېۋىگە سۆيدۈم. مانا ئەڭ ئاخىرىدا، شۇنچە خەتەرلىك ھادىسىلەردىن كېيىن، ئىككىمىز بىرلىكتە ئۆيىمىزدە، ھۇجرىمىزدا جەم بولغانىدۇق. ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. باشقا ھېچ نەرسىنى ئۇنىڭدەك مۇھىم بىلمەيتتىم. ھاياتتا ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر-ئىككى قىيىنچىلىق بولسا، بۇنچە يولنى جاسارەت بىلەن باسقان مەن ئۇلارنىمۇ ئاسان ھەل قىلاتتىم. ئۇنىڭ لېۋى ئۈجمە پۇرايتتى. يىراقلاردىكى، ئېنىقسىز يەرلەردىكى ئۇلۇغۋار خىياللاردىن، بۇ خىياللارغا ئالدىنىپ ھاياتى تاپتىن چىققان كىشىلەردىن، ئۆزىنىڭ بىمەنە خىياللىرىنى دۇنياغا نامايەن قىلىشقا تىرىشىۋاتقان ھۆرمەتكە سازاۋەر تەلۋە ئەخمەقلەردىن، پىداكارلىقلىرى بىلەن بىزنى پەرىشان قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلاردىن، ئۇ يەردىكى ئېرىشكۈسىز ۋە مەقسەتلىك ھاياتنىڭ چاقىرىقىدىن بىز ئىككىمىز بۇ ھۇجرىنىڭ ئىچىدە قۇچاقلىشىش ئارقىلىق يۈز ئۆرۈشىمىز كېرەك ئىدى. ئەي پەرىشتە، ئۇلۇغۋار خىياللاردىن تەڭ بەھرىمەن بولغان، ئەتىگەن-ئاخشاملىرى نەچچە ئاي ھەمراھ بولغان، شۇنچە يولنى بىرلىكتە باسقان ئىككى كىشىنىڭ ئىشىك-دېرىزىنىڭ سىرتىدىكى دۇنيانى ئۇنتۇپ قۇچاقلىشىشلىرىغا، ھەممىدىن بەكرەك ھەقىقىي بولۇشلىرىغا، ئۇ تەڭداشسىز ھەقىقىي ۋاقىتنى تېپىشلىرىغا نېمە توسقۇن بولالىسۇن؟
مانا بۇ ئۈچىنچى بىرىنىڭ قۇرۇق خىيالى ئىدى.
ياق، جېنىم بولدى قىل، لەۋلىرىڭگە سۆيەي، چۈنكى ئەمدى پايلاقچىلارنىڭ ئاخبارات دوكلاتلىرىدا ئىسمىلا قالغانلارنىڭ ئەرۋاھى يوقاپ، ھەقىقىي ئادىمىيلىك سالاھىيىتى نامايەن بولغۇسى. مەن بولسام بۇ يەردە، قارا، بىلىۋاتىمەن، ۋاقىت ئاستا-ئاستا تۈگەۋاتىدۇ: بىز بىللە ئولتۇرغان ئاپتوبۇسلار بېسىپ ئۆتكەن ئۇ يوللار بىز ئۇنىڭدىن غايىب بولغاندىن كېيىن نېمىشقىدۇر بىز بىلەن ھېچ كارى بولماستىن، ياز كېچىلىرىدە، يۇلتۇزلار ئاستىدا ئاسفالت، تاش ۋە ئىسسىقلار بىرلىكتە ئۆزلىرى بىلەن تەلتۆكۈس مەۋجۇت بولۇپ ھۇزۇر بىلەن سوزۇلۇپ ياتسا، بىزمۇ بۇ يەردە ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي بىرلىكتە ياتايلى… ياق جېنىم، ۋاقىتنى زادى ئۆتكۈزمەي، قوللىرىم زىبا مۈرىلىرىڭنى، ئىنچىكە، نازۇك قوللىرىڭنى تۇتقانچە، ساڭا يېقىنلاشقانچە، بارلىق ئاپتوبۇسلار ۋە يولۇچىلار ئىزدىگەن ئاشۇ تەڭداشسىز ۋاقىتقا، قارا، نەقەدەر بەختلىك ھالدا ئاستا-ئاستا يېتىپ بېرىۋاتىمىز. لەۋلىرىمنى قۇلىقىڭ بىلەن چېچىڭ ئارىسىدىكى سۈزۈك يەرگە باسقىنىمدا، چاچلىرىڭنىڭ زەرەتلىرىدىن ئۈركىگەن قۇشلار شۇئان يۈزۈمگە، پېشانەمگە كۈز پەسلىنىڭ ھىدىنى ئېلىپ كەلگىنىدە، ئالىقىنىمنىڭ ئىچىدە كۆكسۈڭ قانات قاققان جاھىل قۇشتەك تىكلەنگىنىدە، قارا، مانا ئەمدى، ئۇ ئېرىشكۈسىز ۋاقىت ئارىمىزدا قانداق تولۇق، ساغلام تىرىلمەكتە. مانا ئەمدى ئىككىمىز ئۇ يەردىمۇ، باشقا بىر يەردىمۇ، مەن خىيال قىلغان دىياردىمۇ، ئاپتوبۇس ۋە قاراڭغۇ مېھمانخانا ياتاقلىرىدىمۇ ، پەقەت كىتاب بەتلىرىدە بار بولغان بىر كېلىچەكتىمۇ ئەمەس، بەلكى بۇ يەردە ، بۇ ھۇجرىدا ئىكەنلىكىمىزنى كۆزلىرىڭدىن كۆرۈۋاتىمەن، قانماي سۆيۈشلىرىم ۋە سېنىڭ مەيلىڭ بىلەن ئىككىمىز ئىككى ئۇچى ئېنىق بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تۇرغاندەك، بىر-بىرىمىزنى تۇتقان بىر مۆجىزىنى كۆرۈشنى كۈتۈۋاتىمىز. ۋىسال پەيتى! مېنى قۇچاقلا، ۋاقىت ئۆتمىسۇن، قېنى جېنىم مېنى قۇچاقلا، مۆجىزە تۈگىمىسۇن! ياق، قارشى چىقما، ئەسلە: گەۋدىلىرىمىز ئاپتوبۇس ئورۇندۇقلىرىدا بىر-بىرىگە ئاستا-ئاستا تايىنىپ، چۈشلىرىمىز چاچلىرىمىزدەك بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن كېچىلەرنى؛ لېۋىڭنى تارتىۋالماي تۇرۇپ ئەسلە، باشلىرىمىز بىرلىكتە سوغۇق ۋە قاراڭغۇ ئەينەككە يۆلىنىپ قالغاندا بىز كىچىك ناھىيىلەرنىڭ ئارا كوچىلىرىدا كۆرگەن ئۆيلەرنى؛ بىز قول تۇتىشىپ كۆرگەن شۇنچە فىلىملەرنى ئەسلە: يامغۇردەك ياغقان ئوقلارنى، پەلەمپەيلەردىن چۈشكەن ئاق تەنلىكلەرنى، سەن ياخشى كۆرۈپ قالغان تەمكىن، كېلىشكەن ئەرلەرنى؛ بىز گۇناھ قىلغاندەك، جىنايەتنى ئۇنتۇغاندەك ۋە باشقا بىر دىيارنى چۈشىگەندەك جىمجىت ئولتۇرۇپ كۆرگەن سۆيۈشۈشلەرنى ئەسلە؛ لەۋلەرنىڭ بىر-بىرىگە يېقىنلىشىشىنى ۋە كۆزلەرنىڭ سىنئالغۇدىن يىراقلىشىشىنى ئەسلە ؛ ئاپتوبۇسىمىزنىڭ چاقلىرى سېكونتىغا يەتتە يېرىم قېتىم ئايلىنىۋاتقاندا بىزنىڭ بىر ھازا قىمىرلىماي، قانداق ھەرىكەتسىز قالغانلىقىمىزنى ئەسلە. ئەمما ئۇ ئەسلىمىدى. ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەرچە سۆيدۈم. ياتاق قالايمىقان بولۇپ كەتكەنىدى. Walther ىمنىڭ قاتتىقلىقىنى بايقىغانمىدۇ؟ جانان يېنىمدا يېتىپ، يۇلتۇزلارغا قارىغاندەك تورۇسقا قاراپ خىيال سۈرۈۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ دېدىم:
− جانان، بىز ئاپتوبۇستا بەختلىك ئەمەسمىدۇق؟ يەنە ئاپتوبۇسلارغا قايتايلى.
بۇ گەپنىڭ ھېچقانداق مەنتىقىسى يوق ئىدى، ئەلۋەتتە.
— نېمە ئوقۇدۇڭ، بۈگۈن نېمىنى بىلىۋالدىڭ، — دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.
− ھايات ھەققىدە بەك كۆپ نەرسە، − دېدىم مەن ئاۋاز ئارتىسىدەك ھەم قىسىملىق بىر فىلىم ئىچىدە تۇرغاندەك، — ئەسلىدە بەك پايدىلىق نەرسىلەر. بۇ كىتابنى ئوقۇغانلار خېلى كۆپ ئىكەن، كىتاب ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرلەرگە چاپتۇرۇپتۇ… ھەممە نەرسە مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن، كىتابنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن ئىلھامبەخش نۇرى گويا ئۆلۈمدەك كۆز قاماشتۇرىدۇ. ھايات نېمىدېگەن ئازدۇرغۇچى.
بۇ تىل بىلەن داۋاملىق چۈشەندۈرىدىغانلىقىمنى، مۇھەببەت ئارقىلىق يارىتالمىدىم دېگەندىمۇ ، ھېچبولمىغاندا سۆزلەر ئارقىلىق، بالىلار ياخشى كۆرىدىغان مۆجىزىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتاتتىم. ساددىلىقىمنى ۋە بۇ چارىسىزلىكتە مۇراجىئەت قىلغان ھىيلىگەرلىكىمنى ئەپۇ قىل، پەرىشتە، چۈنكى يەتمىش كۈندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جانانغا شۇ قەدەر يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ يېنىدا يېتىۋاتاتتىم، بىر ئاز كىتاب كۆرگەنلەرنىڭ بىلگىنىدەك، بالىلىقنى دوراش ھەقىقىي مۇھەببەت جەننىتىنىڭ ئىشىكلىرىگە سوقۇلغان مەندەكلەر مۇراجىئەت قىلىدىغان تۇنجى چارىدۇر. توپان بالاسىنى ئەسلىتىدىغان شىۋىرغانلىق يامغۇر ياغقان بىر كېچىدە، ئافيون بىلەن كۈتاھيا ئارىسىدا بىز ئۈستىدىن، دېرىزىلىرىدىن سەلدەك سۇلار ئاققان بىر ئاپتوبۇستا كۆرگەن «ساختا جەننەتلەر» ناملىق فىلىمنى بىر يىلنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ بەخت ۋە ھۇزۇر ئىچىدىكى جاناننىڭ ئاشىقىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كۆرگەنلىكىنى Seiko ماڭا تېخى يېقىندا بىلدۈرگەن ئەمەسمىدى؟
− پەرىشتە كىم؟ − دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.
− بۇ شۇنداق چۈشىنىشلىك بولدىكى، كىتاب بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنى بىلىدىغان يالغۇز بىزلا ئەمەس، پەرىشتىنى قوغلىشىۋاتقان باشقىلارمۇ بار، — دېدىم.
− ئۇ كىمگە كۆرۈنىدۇ؟
− كىتابقا ئىشەنگەن، ئۇنى دىققەت بىلەن ئوقۇيدىغانلارغا.
− ئاندىن كېيىنچۇ؟
− ئاندىن كىتابنى ئوقۇۋېرىپ سەن ئۇ بولىسەن. سېنى كۆرگەنلەر بىر ئەتىگىنى ئورنىدىن قوپۇپ كىتابنى ئوقۇغاندا ، ئەپەندىم، جانابلىرى دەيدۇ، كىتابتىن چىققان نۇردا بۇ قىز پەرىشتە بوپتۇ! دېمەك، پەرىشتە بىر قىز ئىكەن. ئەمما بۇنداق بىر پەرىشتە باشقىلارنى قانداق تۇزاققا چۈشۈرەلەيدۇ دەپ كېيىن ھەيران بولىسەن! پەرىشتىلەرنىڭ ئوسال ئويۇنلارنى ئوينىشى مۇمكىنمۇ؟
− بىلمەيمەن.
− مەنمۇ بىلمەيمەن. مەنمۇ ئويلاۋاتىمەن، ئىزدەۋاتىمەن،— دېدىم بەلكىم بۇ سەپەر مېنى يەتكۈزەلەيدىغان بىردىنبىر جەننەتنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ مەن جانان بىلەن ياتقان بۇ ھۇجرا ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، خەتەرلىك ۋە ئىشەنچسىز رايونلارغا قەدەم بېسىشتىن ئۆزۈمنى تارتىپ، ئەي پەرىشتە. بوپتۇ، ھۆكۈمىنى سۈرۈۋالسۈن شۇ تەڭداشسىز پەيت. ھۇجرىدا بىلىنەر-بىلىنمەس بىر خىل ياغاچ پۇرىقى، يەنە بالىلىقىمىزدا ئىشلەتكەن، ئەمما ھازىر ئوراپ-قاچىلىنىشى ياخشى ئەمەس دەپ دۇكاندىن ئالمايدىغان كونا سوپۇنلارنىڭ ۋە كەمپۈتلەرنىڭ خۇشپۇرىقىنى ئەسلىتىدىغان بىر سالقىنلىقمۇ بار ئىدى.
كىتابنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغا چۆكەلمىگەن، جاناننىڭ ئەستايىدىللىقىغا يېتەلمىگەن مەن كېچىنىڭ كەچ سائىتىدە قاپبەلدىن بىر قانچە ئېغىز گەپ قىلالايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن، جانانغا ۋاقىتنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم؛ بىز بۇ سەپەرگە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چىققان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭدىن خەۋىرىمىز يوق ئىدى. شۇڭا ھەرىكەت قىلىۋاتاتتۇق ۋە زادى قىمىرلىيالمايدىغان ئاشۇ بىر پەيتنى ئىزدەۋاتاتتۇق. مىسلىسىز پەيت مانا مۇشۇ سەۋەبتىن ئىدى. ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىنىمىزدا بىر چىقىش ۋاقتى بارلىقىنىمۇ ھېس قىلغان، بۇ ئىشەنگۈسىز رايوننىڭ مۆجىزىلىرىگە ئۆلگەنلەر ۋە ئۆلۈۋاتقانلار بىلەن بىرلىكتە ئۆز كۆزىمىز بىلەن تولۇق شاھىد بولغانىدۇق. ئەتىگىنى ۋاراقلىغان بالىلار ژۇرناللىرىدا، كىتابتىكى مەلۇماتلار بىر يادرو ھالىتىدە ئەڭ سەبىي شەكلىدە بار ئىدى، ئەمدى بىز ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ ئۇنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك ئىدى. ئۇ ياقتا، يەنى يىراقتىكى بىر يەردە ھېچ نەرسە يوق ئىدى. سەپىرىمىزنىڭ بېشىمۇ، ئاخىرىمۇ بىز قەيەردە بولساق شۇ يەر ئىدى. دەرۋەقە يوللار، قاراڭغۇ ئۆيلەر قورال تۇتقان قاتىللار بىلەن تولغانىدى. كىتابتىن، كىتابلاردىن ھاياتقا ئۆلۈم سىرغىيتتى. ئۇنى قۇچاقلىدىم، جېنىم، بۇ يەردە قالايلى، گۈزىلىم بۇ ھۇجرىنىڭ قىممىتىنى بىلەيلى؛ قارا، ئۈستەل، سائەت، لامپا، دېرىزە. ھەر ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، بۇ ئۈجمە دەرىخىگە ھەيرانلىق بىلەن قارايمىز. ئۇ ئەنە شۇ يەردە بولسا، بىز بۇ يەردە، دېرىزىنىڭ كېشىكى، ئۈستەلنىڭ پۇتى، لامپىنىڭ پىلىكى: نۇر ۋە پۇراق؛ بۇ دۇنيا نەقەدەر يالىڭاچ. ئەمدى كىتابنى ئۇنۇت. ئۇمۇ ئۇنى ئۇنتۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مەۋجۇتلۇق سېنى قۇچاقلاشتۇر. ئەمما جانان ئۇ يەردە ئەمەس ئىدى.
− مەھەممەت قەيەردە؟
ئۇ بۇ سوئالىغا جاۋابنى تورۇستىن تاپىدىغاندەك پۈتۈن دىققىتى بىلەن تورۇسقا قاراۋاتقاندا قوشۇمىسى تۈرۈلدى، ماڭلىيى سوزۇلدى، لەۋلىرى بىر سىر بەرمەكچى بولغاندەك بىر ئاز پۈرۈلدى. ھۇجرىدىكى رەسىم قەغىزى ساغۇچ نۇردا ئىلگىرى مەن زادى كۆرمىگەن سۆسۈن رەڭگە ئۆزگەرگەنىدى. ئاشۇ سەپەرلەردىن، ئاپتوبۇسلاردا ئۆتكۈزگەن كېچىلەردىن، ئارامبەخش بىر مۇھىتتا بىر كۈن ئۆي تاماقلىرىنى يەپ ئۇخلىغاندىن كېيىن جاناننىڭ رەڭگىرويى تۈزىلىپ قالغانىدى. بەزى قىزلار بەختلىك ۋە تەرتىپلىك بىر ئائىلە تۇرمۇشىنى سېغىنىپ، بىردىنلا توي قىلىۋەتكەندەك، ئۇنىمۇ مەن بىلەن توي قىلامدىكىن دەپ ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچتىم.
− مىجەزىم يوق،− دېدى ئۇ، − يامغۇردا ئۆزۈمگە سوغۇق تەگكۈزۈۋالدىم، قىزىتمام ئۆرلەپ قالدى.
ئۇ ئوڭدا يېتىپ تورۇسقا قاراۋاتقاندا، مەن يېنىدا يېتىپ ئۇنىڭ يۈزىنىڭ رەڭگىگە ھەيران بولدۇم، قولۇمنى دوختۇردەك ئۇنىڭ پېشانىسىگە قويۇپ مەغرۇر تۇتۇپ تۇرۇش نەقەدەر كۆڭۈللۈك، قولۇم مەندىن قاچمايدىغانلىقىغا ئىشەنمەكچى بولغاندەك ئۇنىڭ پېشانىسىدە تۇرۇپ قالغانىدى. بالىلىق چاغلىرىمنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتاتتىم، تۇتۇش لەززىتىنىڭ ماكانلارنى، تۆشەكلەرنى، ھۇجرىلارنى، پۇراقلارنى، ئادەتتىكى نەرسىلەرنى باشتىن-ئاخىر قانداق ئۆزگەرتكىنىنى بايقاۋاتاتتىم. كاللامدا باشقا ھېسابلار، ئوي-خىياللارمۇ بار ئىدى. ئۇ يۈزىنى سەل بۇراپ ماڭا سوئال نەزىرى بىلەن قارىغاندا قولۇمنى پېشانىسىدىن تارتىپ، راستىنى ئېيتتىم:
− قىزىتماڭ بار.
شۇ ھامان ئالدىمدا ھېچ ھېسابتا يوق بىر مۇنچە ئېھتىماللىق نامايەن بولدى. يېرىم كېچىدىن كېيىن ئاشخانىغا چۈشتۈم. كۆرۈنۈشى قورقۇنچلۇق كورىلار ۋە خىيالەتلەر ئارىسىدىن، غۇۋا قاراڭغۇلۇقتا ئالدىمغا ئۇچرىغان يوغان بىر قەھۋە چەينىكىدە بىر ئىدىشتىن تاپقان ئىھلامۇرنى قاينىتىۋاتقىنىمدا، بىر يۇڭ ئەدىيالنىڭ ئىچىگە كىرىپ باشقا بىرىنى قۇچاقلاشنىڭ سوغۇق تەگكەنلەرگە ئەڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى جانانغا ئېيتىشنى خىيال قىلىۋاتاتتىم. بىر دەمدىن كېيىن جانان ماڭا ئېيتقان يەردىكى ئاشخانا ئىشكاپى ئۈستىدىكى دورا قۇتىلىرى ئارىسىدىن ئاسپىرىن ئىزدەۋاتقىنىمدا، ئەگەر مەنمۇ ئاغرىپ قالسام ھۇجرىدا نەچچە كۈن تۇرۇپ قالالايمىز دەپ ئويلاۋاتاتتىم. بىر پەردە قىمىرلىدى، ساپما كەشلەر شىپىرلىدى. دوكتور نارىننىڭ ئايالىنىڭ ئاۋۋال كۆلەڭگىسى، ئاندىن نېرۋىسى ئىتتىك ئۆزى بىلەن ئۇچراشتىم. ياق خانىم، دېدىم، ئەنسىرىگۈدەك ئىش يوق، پەقەت ئۆزىگە بىر ئاز سوغۇق تەگكۈزۈۋاپتۇ.
ئۇ مېنى ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىرىپ، يوتقان-كۆرپە ئىشكاپى ئۈستىدىن قېلىن بىر يۇڭ ئەدىيالنى ئالغۇزۇپ، ئۇنىڭغا كىرلىك قاپلىدى ۋە: ”ۋاي بالام، ئۇ قىز بىر پەرىشتە، ئۇنى خاپا قىلما، دىققەت قىل“ دېدى. ئاندىن كاللامدىن ھېچ چىقمىغۇدەك بىر گەپ قىلدى: ئايالىڭنىڭ بوينى شۇ قەدەر گۈزەل ئىكەن.
ھۇجرىغا كىرگەندە ئۇنىڭ بوينىغا ئۇزۇندىن ئۇزۇن قارىدىم. بۇرۇن دىققەت قىلمىغانمىدىم؟ دىققەت قىلغانىدىم، ياقتۇرغانىدىم، ئەمما بوينىنىڭ ئۇزۇنلۇقى مېنى شۇنچىلىك جەلپ قىلىۋالدىكى، خېلى بىر ۋاقىت باشقا ھېچنېمە ئويلىيالمىدىم. ئۇنىڭ ئىھلامۇرنى ئاستا-ئاستا ئىچىشىنى، ئاسپىرىننى يۇتار-يۇتماي دەرھال ”ياخشى“ بىر ئىشلار بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ياخشى بالىلاردەك يۇڭ ئەدىيالغا يۆگىنىپ ئۈمىدۋارلىق بىلەن كۈتۈشىنى كۆزەتتىم.
جىمجىتلىق ئۇزاق ھۆكۈم سۈردى. قوللىرىمنى چېكەمگە تىرەپ دېرىزىدىن سىرتقا قارىدىم. ئۈجمە دەرىخى بىلىنەر-بىلىنمەس قىمىرلايتتى. جېنىم، ئۈجمە دەرىخىمىز يېنىك بىر شامالدىمۇ شۇنچە تىترەۋاتىدۇ. جىمجىتلىق. جانان تىترىمەكتە، ۋاقىت تېز ئۆتمەكتە.
شۇنداق قىلىپ بۇ ھۇجرا، يەنى ھۇجرىمىز قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە”كېسەل ھۇجرىسى“ دېيىلگەن ئۆزگىچە ئىقلىم ۋە مەنزىرىلىك يەرگە ئايلاندى. ئۇياق-بۇياققا مېڭىۋاتقاندا ئۈستەلنىڭ، ئىستاكاننىڭ، كىچىك شىرەنىڭ ناھايىتى تونۇش، يېقىملىق نەرسىلەرگە ئاستا-ئاستا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم. سائەت تۆت بولدى. جانان ماڭا ”بۇ يەردە، كارىۋاتنىڭ قىرىدا، يېنىمدا ئولتۇرامسەن“ دېدى. يۇڭ ئەدىيالنىڭ ئۈستىدىن پۇتلىرىنى تۇتتۇم. ماڭا كۈلۈمسىرىدى، مەن بەك بەلەن ئىكەنمەن. كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئۇخلىغاندەك قىلدى، ياق مۈگدىدى، ئۇخلىدى. ئۇخلىدىمۇ؟ ئۇخلىدى.
سائەتكە قارىغاندا، كوزىدىن سۇ ئالغاندا، جانانغا نەزەر سالغاندا، بىر قارارغا كېلەلمىگەندە، بىر ئىش بولسۇن دەپ بىر تال ئاسپىرىننى يۇتقىنىمدا، جانان كۆزلىرىنى ئاچقاندا، قولۇمنى پېشانىسىگە قويۇپ قىزىتمىسىغا يەنە بىر قارىغاندا ئۆزۈمنى توختىماي مېڭىپ يۈرگەندەك ھېس قىلدىم.
ۋاقىت تېز ئۆتسۇن دەپ تەقەززا بولۇۋاتقان چاغدا ۋاقىت گويا بىر ھازا ئىككىلەندى، مەن ئورىنىۋالغان نېپىز يۇڭ ئەدىيالدىن بىر تۆشۈك ئېچىلىپ كەتتى، جانان ياتقان ئورنىدىن قوپتى: ياردەمچى شوپۇرلار ھەققىدە توساتتىن قىزىق پاراڭلارنى قىلىشتۇق. شوپۇرلاردىن بىرى بىر كۈنى يەرلىك شوپۇرلارنى قولغا كەلتۈرۈپ نامەلۇم بىر دىيارنى بايقايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. يەنە بىرى ئېغىزىنى يىغالماي: بۇ شىركەتنىڭ سىلەردەك قەدىرلىك يولۇچىلارغا قىلغان ھەقسىز سوۋغىتى، مەرھەمەت، شاكىلاتلاردىن ئېلىڭ، كۆپ چاينىماڭ، چۈنكى تەركىبىدە ئەپيۇن بار، يولۇچىلار ئاپتوبۇسقا چىقىپلا بوۋاقلاردەك پۇشۇلداپ ئۇخلاپ كېتىدۇ، بۇنى ئاپتوبۇسنىڭ سىلىقلىقى، رولغا پىشقان شوپۇرنىڭ ھۈنىرى، شىركىتىمىز ۋە ماشىنىلىرىمىزنىڭ ئىلغارلىقى دەپ بىلىدۇ، دېگەنىدى. يەنە باشقا بىرسىمۇ بار ئىدى، ئىنتايىن تاتلىق كۈلۈشكەنىدۇق، ئەسلىدىڭمۇ جانان، بۇنى ئايرىم ئىككى ئاپتوبۇستا كۆرگەنىدۇق، شوپۇر ماڭا: ” ئاكا، ئالدىنقى قېتىم سېنىڭ بۇ قىزنى ئەپقاچقانلىقىڭنى بىلگەنىدىم، ئەمدى كۆرۈۋاتىمەن، توي قىلىپسىز يەڭگە، تەبرىكلەيمەن“ دېگەنىدى.
مەن بىلەن توي قىلامسەن؟ بۇ سۆزلەرنىڭ نۇرلىرى بىلەن جانلانغان نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەنىدۇق: گىرەلىشىپ كەتكەن ئاشىق-مەشۇقلار دەرەخلەر ئاستىدا مېڭىشقاندا، كېچىدە بىر ئىستولبىنىڭ ئاستىدا، ماشىنىنىڭ ئىچىدە، ئەلۋەتتە ئارقا ئورۇندۇقتا، بوغۇز كۆۋرۈكى ئۈستىدە، چەت ئەل فىلىملىرىدىكىگە ئوخشاش يامغۇر ياغقاندا، قەدىرلىك تاغىلار قىز بىلەن ئوغۇلنى ئۇچراشتۇرمىغاندا ۋە ياكى ئاق كۆڭۈل دوستلار ”سىلەرنى دەپ شۇنداق قىلدۇق“ دېگەن باھانە بىلەن قىز-ئوغۇل ئىككىسىنى ئايرىۋەتكەندە، ياكى باي يىگىت گۈزەل قىزدىن شۇنى سوراپ كۆلگە چولتوك قىلىپ چۈشكەندە شۇ گەپ چىقاتتى:”مەن بىلەن توي قىلامسەن؟ “. بوينى گۈزەل قىزدىن كېسەل ھۇجرىسىدا بۇ سوئال سورالغان بىر كۆرۈنۈشنى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈن، سۆزلىرىمنىڭ جاناندا فىلىملەردىكىدەك سېھىرلىك تۇيغۇلار ئويغىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنەلمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە دىققىتىم ھۇجرىدىكى بىغەم بىر پاشىغا قادىلىپ قالغانىدى.
سائەتكە قاراپ جىددىيلىشىپ كەتتىم. جاناننىڭ قىزىتمىسىدىن ئەنسىرەپ قالدىم. تىلىڭغا قاراپ باقاي دېدىم، تىلىنى چىقاردى، ئۇچى ئۇچلۇق ۋە سۆسۈن رەڭ ئىدى. ئالدىغا ئېڭىشىپ تىلىنى ئاغزىمغا ئالدىم، مۇشۇ پېتى بىر ئاز تۇردۇق، ئاھ ، پەرىشتە.
− ئۇنداق قىلما،− دېدى ئۇ،−بەك شېرىنسەن، ئەمما ئۇنداق قىلمايلى.
جانان ئۇخلاپ قالدى. كارىۋاتنىڭ قىرىدا، يېنىدا يېتىپ تىنىقىنى سانىدىم. خېلىدىن كېيىن، تاڭ يورۇش ئالدىدا شۇنداق بىر نەرسىلەرنى قايتا-قايتا ئويلاۋاتاتتىم: ئۇنىڭغا دەيمەنكى، ئاخىرقى قېتىم يەنە بىر ئويلان، جانان، سېنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىمەن، جانان، سېنى نە قەدەر ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلمەمسەن… مۇشۇ گەپلەرنى دېيىشنى ئويلىدىم ئېھتىمال. يالغان گەپتىن بىرنى قىلىپ ئۇنى يېڭىۋاشتىن ئاپتوبۇسلارغا ئېلىپ چىقاي دەپمۇ ئويلىدىم ، ئەمما ئەمدى نەگە بېرىشىم كېرەكلىكىنى تەخمىنەن بىلەتتىم ھەمدە دوكتور نارىننىڭ رەھىمسىز ”سائەت“لىرىنى تونۇغاندىن، جانان بىلەن بۇ ھۇجرىدا بىر كېچىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆلۈمدىن قورقۇشقا باشلىغىنىمنىمۇ بىلەتتىم.
پەرىشتە، بىلىۋاتىسەن، بىچارە يىگىت سۆيگىنىنىڭ يېنىدا يېتىپ كۈن چىققىچە ئۇنىڭ تىنىقلىرىنى تىڭشىدى؛ جاناننىڭ تۈز، چىرايلىق ئېڭىكىنى، گۈلزار بەرگەن ئۇخلاش كىيىمىدىن چىقىپ تۇرغان قوللىرىنى، چاچلىرىنىڭ ياستۇققا يېيىلىشىنى ۋە ئۈجمە دەرىخىنىڭ بارا-بارا يورۇغانلىقىنى تاماشا قىلدى.
ئاندىن ھەممە نەرسە تېزلەشتى: ئۇ ئۆينىڭ ئىچىدىن تاراق-تۇرۇق ئاۋازلارنى تۇيدى، ئىشىكنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن ئېھتىياتلىق ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىدى، يېڭىدىن چىقىشقا باشلىغان شامالدا بىر دېرىزە ئېچىلىپ يېپىلدى، بىر ئىنەك مۆرىدى، بىر ماشىنا گۈرۈلدىدى، يۆتەلگەن بىر كىشى ئىشىكىمىزنى چەكتى. قولىدا يوغان بىر دوختۇر سومكىسى تۇتقان، دوختۇرلۇقى كۆرۈنۈپ تۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق، ساقال-بۇرۇتلىرى قىرىلغان بىرى، سىرتتىكى قىزارغان نان پۇرىقى بىلەن بىللە ئىچكىرىگە كىردى. ئۇنىڭ كالپۇكلىرى بايا قان ئىچكەندەك قىپقىزىل ئىدى، چۆرىسىدە سەت بىر جاراھەت بار ئىدى. ئۇ قىززىتما ئىچىدىكى جاناننى نومۇسسىزلارچە يېشىندۈرىدۇ ۋە تىترەۋاتقان بوينىنى، دۈمبىسىنى بۇ كالپۇكلىرى بىلەن سۆيىدۇ دەپ ئويلىدىم. ئۇ نەپرەتلىك سومكىسىدىن تىڭشىغۇچىنى ئېلىۋاتقاندا مەن قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا Waltherىمنى تىقىپ قويغان يەردىن ئېلىپ، ئىشىكتىكى ئەندىشىلىك ئانىغا پەرۋا قىلماي ھۇجرىدىن ۋە ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم.
دوكتور نارىن ماڭا تونۇشتۇرغان يەرگە ھېچكىمگە كۆرۈنمەي ئالدىراشلىق بىلەن كىرىپ كەتتىم. ھېچكىمنىڭ مېنى كۆرمەيدىغانلىقىدىن ۋە شامالنىڭ غەيۋەت توشۇمايدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولغان، تېرەكلەر بىلەن قورشالغان بىر خىلۋەتتە تاپانچامنى بېسىپ كەينى-كەينىدىن ئوق ئاتتىم. شۇنداق قىلىپ دوكتور نارىننىڭ سوۋغىتى بولغان ئوقلار بىلەن پىخسىقلارچە قىسقا، كۆڭۈلسىز ۋە ئىقتىدارسىز ئېتىش مەشىقى قىلغان بولدۇم. مەن نىشان قىلىپ تاللىغان تېرەككە تۆت قەدەم ئارىلىقتىن ئاتقان ئۈچ تال ئوقتىن بىرەرسىمۇ تەگمىدى. بىر ئاز دېلىغۇل بولۇپ قالغىنىمنى، شىمالدىن كەلگەن ئالدىراڭغۇ بۇلۇتلارغا قاراپ چارىسىزلىك بىلەن خىياللىرىمنى يىغىۋېلىشقا تىرىشقىنىمنى بىلىمەن، ياش Walther نىڭ ئىزتىراپلىرى…
ئالدىدا بىر يەردە دوكتور نارىننىڭ بوش يەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن ئېگىز بىر قىيالىق بار ئىدى. ئۇ يەرگە چىقىپ ئولتۇردۇم، مەنزىرلەرنىڭ كەڭلىكىگە ۋە موللۇقىغا قاراپ ئېسىل خىياللارغا چۆكۈپ، ھايات مەنزىلىمنىڭ ئەمدى قانداق خاراب يەرلەردە بولىدىغانلىقىنى ئويلىدىم. خېلى ۋاقىت ئۆتتى، ئەمما بۇنداق قىيىن ۋاقىتلاردا پەيغەمبەرلەرگە، كىنو چولپانلىرىغا، ئەزىزلەرگە ۋە سىياسىي داھىيلارغا ياردەم بېرىشكە ئالدىرىغان پەرىشتىلەر، كىتابلار، ئىلھام پەرىلىرى ۋە سەھرا ئاقىللىرى ماڭا پەقەت ئۇچرىمىدى.
قورۇغا چارىسىز قايتتىم. جانانىمنىڭ قېنىنى بەھۇزۇر سۈمۈرگەن قىزىل كالپۇكلۇق ساراڭ دوختۇر ئەمدى ئانىسى بىلەن ئولتۇرغان گۈل قىزلارنىڭ چېيىنى ئىچىۋاتاتتى. مېنى كۆرۈپ نەسىھەت قىلىش ئىشتىياقىدىن كۆزلىرى چاقنىدى.
−يىگىت!−دېدى ئۇ ماڭا،−ئايالىڭ سوغۇق تەگكۈزۈۋاپتۇ، ئېغىر زۇكام بولۇپتۇ، تېخىمۇ يامان بولغىنى، ھارغىنلىق، ھالسىزلىق، كۈتۈنەلمەسلىك تۈپەيلىدىن ئاجىزلاپ كېتىپتۇ.
نېمە قىلىپ ئۇنى بۇنچە چارچىتىۋەتكەندىمەن، نېمە قىلىپ ئۇنى بۇنچە ئازابلىغاندىمەن؟ قىزلار بىلەن ئانىسى يېڭى ۋە ياش ئەربولغان ماڭا شۈبھىلىك قاراشتى.
−ئۇنىڭغا كۆپ دورىلارنى بەردىم، بىر ھەپتە مىدىرلىماي ياتسۇن.
بىر ھەپتە! دوختۇر چېيىنى ئىچىپ، ئىككى بادام باقالىسىنى يەپ بولۇپ يوقالغاندا، يەتتە كۈننىڭ ماڭا يېتىپ ئېشىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىدىم. جانان ئۇخلاۋاتاتتى، مەن ھۇجرىدىن كېرەكلىك ھېسابلىغان بىر-ئىككى ئۇششاق-چۈششەك نەرسىنى، خاتىرىلىرىمنى، پۇللىرىمنى ئالدىم. جاناننىڭ بوينىغا سۆيدۈم-دە، ۋەتەننى قوغداشقا ئاتلانغان خۇشال ئەسكەردەك ئالدىراشلىق بىلەن ئۆيدىن چىقتىم. ئاندىن گۈلزار بىلەن ئانىسىغا ئالدىراش بىر ئىشىم، باش تارتىپ بولماس بىر مەسئۇلىيىتىم بارلىقىنى ئېيتىپ، ئايالىمنى ئۇلارغا ئامانەت قىلدىم. ئۇلار ئۇنىڭغا ئۆز كېلىنىدەك قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بەش كۈندىن كېيىن قايتىدىغانلىقىمنى ئالاھىدە بىلدۈردۈم ۋە كەينىمدە قالدۇرغان جادۇگەرلەر، ئەرۋاھلار ۋە قاراقچىلار دىيارىغا، دوكتور نارىننىڭ ئوغلى ئۈچۈن قەيسەرىيلىك يىگىت ياتقان مازارلىققا كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قاراپمۇ قويماي بازارغا، ئاپتوبۇس بېكەتلىرىگە قاراپ كەتتىم.

12

يەنە سەپەرگە ئاتلاندىم! ئەي ئەسكى بېكەتلەر، ئەبجەق ئاپتوبۇسلار، دەردمەن يولۇچىلار، مەرھابا! شۇنداق بولىدىغۇ، ئىختىيارسىز كۆنۈپ قالغان، كۆنۈپ قالغىنىمىز ئېسىمىزدە يوق ئادەتتىكى بىر ئىشتىياق خۇمارىدىن ئايرىلىپ قالغىنىمىزدا ھاياتنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ پەرىشان بولىمىز. كونا بىر MAGIRUS مېنى دوكتور نارىن ئېنىقلىماستىن ھۆكۈم قىلغان چاتىق ناھىيىسىنىڭ قالاق بىر يېرىگە ئېلىپ كېتىۋاتقاندا بۇ پەرىشانلىقتىن قۇتۇلىمەن دەپ ئويلىغانىدىم. چۈنكى يۆتەلسەممۇ، چۈشكۈرسەممۇ، تاغ يوللىرىدا بوۋايدەك ھاسىراپ-ھۆمۈدىسەممۇ، ئاقىۋەت بىر ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدە ئىدىم. ئەمما ئارقامدا قالدۇرغان چۆچەكسىمان دىيارنىڭ مەركىزىدە جانان قىزىتما ئىچىدە بىر ھۇجرىدا ياتاتتى، مەن ئەدىۋىنى بېرەلمىگەن بىر پاشا شۇ ھۇجرىدا كېچىنى شۇملۇق بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. ئىشىمنى بالدۇرراق پۈتتۈرۈپ، غەلىبە بىلەن قايتىپ، يېڭى ھاياتنى باشلاشقا مۇۋەپپەق بولۇش ئۈچۈن پۇللىرىمنى ۋە ماتېرىياللىرىمنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈردۈم.
يېرىم كېچىدە باشقا بىر ئاپتوبۇسنىڭ تىترەۋاتقان ئەينىكىدىن ئۇيقۇ بىلەن ئويغاقلىق ئارىسىدىكى بېشىمنى يىراقلاشتۇرۇپ كۆزلىرىمنى ئاچقىنىمدا، بەلكىم بۇ يەردە تۇنجى قېتىم، سەن بىلەن يۈزمۈ يۈز ئۇچرىشىدىغانلىقىمنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئويلىدىم، پەرىشتە. ئەمما روھ ساپلىقى بىلەن مىسلىسىز پەيتنىڭ سېھرىنى بىرلەشتۈرىدىغان ئىلھام مەندىن شۇ قەدەر يىراقتا ئىدى. ئاپتوبۇس دېرىزىلىرىدىن ئۇزۇن مەزگىل سېنى كۆرەلمەيدىغانلىقىمنى بىلەتتىم. قاراڭغۇ تۈزلەڭلىكلەر، قورقۇنچلۇق قىيالار، كۈمۈش رەڭلىك دەريالار ۋە تاشلاندۇق ماي ئىسكىلاتلىرى، خەتلىرى ئۆچۈپ تۆكۈلۈپ كەتكەن تاماكا ۋە كولونيا ئېلانلىرى دېرىزەمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈۋاتقاندا، كاللامدا شۇم پىلانلار، شەخسىيەتچى ئويلار، ئۆلۈم ۋە كىتاب بار ئىدى، خىياللىرىمنى جانلاندۇرىدىغان بىرەر ۋىدىيونىڭ ئانار رەڭلىك نۇرىنى كۆرمىدىم ياكى قۇشخانىدىكى كۈندىلىك قەتلىئامدىن ئۆيىگە قايتقان ھۇزۇرسىز بىر قاسساپنىڭ قورقۇنچلۇق خورىكىنى ئاڭلىمىدىم.
ئاپتوبۇس سەھەرگە يېقىن مېنى چۈشۈرۈپ قويغان تاغلىق ئالاجائەللى ناھىيە بازىرى ياز ئاخىرىدىنلا ئەمەس، كۈزدىنمۇ ھالقىپ، قىش پەسلىگە ئالدىراش كىرىپ كەلگەنىدى. مەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈش ئۈچۈن كىرگەن كىچىك بىر قەھۋەخانىدا، چاي دەملەۋاتقان، ئىستاكانلارنى يۇيۇۋاتقان، چاچلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك قاشلىرى بىلەن تۇتىشىپ ئۆسكەنلىكى ئۈچۈن پېشانىسى كۆرۈنمەيدىغان بىر شاگىرت مېنىڭ شەيخ ئەپەندىنىڭ گېپىنى ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەنلەردىن ئىكەنلىكىمنى ياكى ئەمەسلىكىمنى سورىدى. ۋاقىت ئۆتسۇن دەپ ئۇنىڭغا ھەئە دېدىم. شاگىرت ماڭا بىر ئىستاكان قېنىق چاي بەردى ۋە شەيخنىڭ كېسەللەرگە داۋا قىلىش، تۇغماس خوتۇنلارنى تۇغدۇرۇش ھۈنىرىدىن باشقا يەنە بىر تىكىلىپ قاراش بىلەن قولىدىكى ۋىلكىنى پۈكلىۋېتىش، بارمىقىنىڭ ئۇچىنى تەگكۈزۈپ Pepsi-cola قۇتىسىنى ئۆزلۈكىدىن ئېچىۋېتىش قاتارلىق مۆجىزىلىرىنىڭ بارلىقىنى ماڭا دەۋالغىنىغا خۇش بولدى.
قەھۋەخانىدىن چىققىنىمدا كۈز بىلەن قىش كېتىپ، ئىسسىق ۋە پاشا تولا بىر ياز كۈنى بۇرۇنلا باشلىنىپ كەتكەنىدى. ئالدىدىكى مەسىلىلەرنى بىر دەمدىلا ھەل قىلىۋېتىدىغان كەسكىن، پىشقان كىشىلەردەك ئۇدۇللا پوچتىخانىغا ماڭدىم ۋە ئۈستەللەردە گېزىت ئوقۇۋاتقان، ئىش ئۈستەللىرىدە چاي ئىچىۋاتقان، تاماكا چېكىۋاتقان ئۇيقۇچان ئەر، ئايال مەمۇرىي خادىملارنى سەل ھاياجان ئىچىدە دىققەت بىلەن كۆزدىن كەچۈردۈم. ئەمما مەن ئىزدەۋاتقان ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يوق ئىدى. مەن بەكرەك دىققەت قىلغان، شەپقەتلىك ھەدىدەك كۆرۈنگەن بىر ئايال خادىم ناھايىتى يامان خوتۇن چىقتى: ئۇ مەھەممەت بۇلدۇمبەگنىڭ باياتىن خەت تارقىتىشقا كەتكىنىنى ماڭا ئېيتقانغا قەدەر مېنى شۇنچە ئاۋارە قىلدىكى، مەندىن ”نېمىسى بولىسىز؟ نېمىشقا بۇ يەردە كۈتمەيسىز؟ ھازىر ئىش ۋاقتى، كېيىن كەلسىڭىز بولمامدۇ؟“ دېگەندەك بىر پاتمان سوئاللارنى سوراپ كەتتى؛ مەن چىپ-چىپ تەرگە چۆمۈپ، ئامالسىز ھالدا ئۇنىڭغا ئىستانبۇلدىن كەلگەنلىكىمنى، مەھەممەتنىڭ ئەسكەرلىكتىكى سەپدىشى ئىكەنلىكىمنى، پوچتىخانا باشلىقلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىمنىڭ ياخشىلىقىنى ئېيتتىم. شۇنداق قىلىپ، ھېلى، بايا، مانا ھازىر پوچتىخانىدىن چىققان، ئەتراپتىكى مەھەللە ۋە كوچىلاردا غايىب بولۇشقا ئۈلگۈرگەن مەھەممەتنى تېپىش ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس ئىدى؛ خېلى ئۇزۇن ئايلىنىپ، كوچا ئىسىملىرىدىن قايمۇقۇپ قالدىم.
شۇنداقتىمۇ ” ھامما، پوچتالىيون مەھەممەت بۇ يەردىن ئۆتتىمۇ؟“ دەپ سوراپ، چوڭ مەھەللىلەردە، تار كوچىلاردا ئېزىپ-تېنەپ يۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. بىر ئالا مۈشۈك ئاپتاپتا ھورۇنلۇق بىلەن ئۆزىنى يالاۋاتاتتى. ھۆكۈمەت خادىملىرى بىر ئىستولبىغا شوتا قويۇۋاتقاندا كىرلىكلىرىنى، ياستۇقلىرىنى بالكونغا ئېلىپ چىققان ياش ۋە گۈزەل بىر ھامما ئۇلار بىلەن قارىشىپ قالدى. قارا كۆزلۈك بىر بالىنى كۆردۈم، ئۇلار مېنىڭ بۇ يەرگە يات ئىكەنلىكىمنى دەرھال بىلدى، ”نېمە بولدى؟“ دېدى ماڭا خورازدەك ھۈرپىيىپ. جانان يېنىمدا بولسىدى، بۇ جىن كۆز بىلەن دەرھال دوست بولۇپ، زېرەكلىك بىلەن پاراڭلىشاتتى، تاقەت قىلغۇسىز گۈزەل، سىرلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بۇ بالا بىلەن دەرھال مۇشۇنداق پاراڭلىشالايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاتتىق ئاشىقمەن دەپ ئويلايتتىم.
پوچتىخانىنىڭ ئۇدۇلىدا ئاتاتۈرك ھەيكىلى، كوچا ئۇدۇلىدا ”زۇمرەت قەھۋەخانىسى“ بار ئىدى. مەن پىيادىلەر يولىدىكى كاشتان دەرىخىنىڭ ئاستىدىكى ئورۇندۇقلارنىڭ بىرىدە ئولتۇردۇم. بىر دەمدىن كېيىن «ئالاجائەللى پوچتىسى» گېزىتىنى ئوقۇۋاتقاندا ئېسىمگە كەلدىم: ”بۇلاق“ دورىخانىسى ئىستانبۇلدىن Stlops ماركىلىق قەۋزىيەت دورىسىنى ئەكەلدۈرۈپتۇ، بولۇسپور كۇلۇبىدىن ھەيدەلگەن تېرنېر بۇ بازارغا تۈنۈگۈن كەلگەنىدى. ئۇ كېلەركى پەسىلدە ئالاجائەللى كاھىش زاۋۇتى ياشلار پۇتبول كۇلۇبىغا تېرنېر بولاتتى. دېمەك، بۇ بازاردا بىر كاھىش زاۋۇتى باردەك قىلاتتى. مەھەممەت بۇلدۇمبەگنىڭ مۈرىسىگە يوغان بىر پوچتا سومكىسىنى ئارتىپ، ھاسىراپ-ھۆمىدىگىنىچە بازارلىق ھۆكۈمەتكە كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم غەش بولدى. بۇ ئاۋارە مەھەممەت جانان ئۇنتۇيالمىغان مەھەممەتكە پەقەت ئوخشىمايتتى. بۇ يەردە ئىشىم تۈگىگەن، تىزىملىكىمدە مېنى كۈتۈۋاتقان تېخىمۇ كۆپ ياش مەھەممەتلەرنىڭ بارلىقىغا كۆرە بۇ ئاددىي، كۆڭۈللۈك ناھىيىنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بۇ يەردىن دەرھال كېتىشىم كېرەك ئىدى. ئەمما شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ، مەھەممەت بۇلدۇمنىڭ بازارلىق ھۆكۈمەت بىناسىدىن چىقىشىنى كۈتتۈم.
ئۇ سايە چۈشۈپ تۇرغان پىيادىلەر يولىدا كىچىك، چاققان پوچتالىيون قەدىمى بىلەن كېتىۋاتقاندا، ئىسمىنى چاقىرىپ يولىنى توستۇم، ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراۋاتقاندا ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيدۈم ۋە ئەسكەرلىكتىكى سۆيۈملۈك دوستى بولغان مېنى تېخىچە تونۇيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئەيىبلىدىم. ئۇ گۇناھكارلىق تۇيغۇسىدا قەھۋەخانا ئۈستىلىدە مېنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇردى، ”مېنىڭ تولۇق ئىسمىمنى ئەسلە“ دېگەن رەھىمسىز ئويۇنۇمغا تۇتۇلۇپ، ئۈمىدسىز تەخمىنلەرنى قىلىشقا باشلىدى. بىر دەمدىن كېيىن ئۇنى قوپاللىق بىلەن توختىتىپ، بىر يالغان ئىسىم توقۇدۇم ۋە پوچتىخانىدا تونۇشلىرىم بارلىقىنى ئېيتتىم. سەمىمىي بىر ئاغىنە ئىكەن، پوچتىخانىغا ياكى ئۇنى تەرىپلىشىمگە ئانچە قىزىقمىدى، ئىسسىقتىن ۋە پوچتا يۈكىدىن تەرلەپ پىشىپ كەتكەچكە، كۈتكۈچى دەرھال ئەكىلىپ ئاغزىنى ئاچقان ”پۇتاق“ ماركىلىق مۇزدەك گاز سۈيى قۇتىسىغا مىننەتدارلىق بىلەن قارايتتى، ئەسكەرلىكتە بىللە تۇرغانلىقى گۇمانلىق بولغان بۇ بېزەڭ سەپدىشى ئېلىپ كەلگەن ئوڭايسىزلىقتىن تېزرەك قۇتۇلۇشنى ئىستەيتتى. بەلكىم ئۇيقۇسىزلىقتىن بولسا كېرەك، كاللامنى يېقىملىق قايدۇرۇۋاتقان بىر ئۆچمەنلىكنى ئېنىق ھېس قىلىۋاتاتتىم.
− بىر كىتاب ئوقۇپسەن!− دېدىم چېيىمدىن بىر ئوتلاپ، — بىر كىتاب ئوقۇۋېتىپسەن، بەزىدە بۇ ئىشنى كىشىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ قىلىدىكەنسەن.
ئۇنىڭ چىرايى شۇئان تاتىرىپ كەتتى، مەقسىتىمنى ياخشى چۈشەنگەنىدى.
− ئۇ كىتابنى قەيەردىن تاپتىڭ؟
ئەمما ئۇ تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى. ئىستانبۇلغا دوختۇرخانىغا كەتكەن بىر تۇغقىنى بارمىش، ئىسمىغا ئالدىنىپ، ساغلاملىققا ئائىت كىتاب دەپ ئويلاپ پىيادىلەر يولىدىكى يايمىچىدىن سېتىۋالغانمىش، تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيمىغاچقا ئەكىلىپ ئۇنىڭغا بەرگەنمىش.
بىر ئاز جىمىپ قالدۇق. بىر قۇشقاچ ئىككى بوش ئورۇندۇقنىڭ بىرىگە قونۇپ، يەنە بىرىگە سەكرىدى.
ئىسمى كىچىك ھەرپلەر بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ياقىسىغا يېزىلغان پوچتالىيونغا سەپسالدىم، مەن قۇراملىق، بەلكىم مەندىن بىر قانچە ياش چوڭدۇ. پۈتكۈل ھاياتىمنى يولدىن چىقارغان، دۇنيايىمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن كىتاب بۇ ئادەمگىمۇ ئۇچراپ، ئۇنىمۇ مەن تولۇق بىلەلمىگەن(بىلىشنى خالاش-خالىماسلىقىم ئارىسىدا دېلىغۇل بولغان)بىر ھالدا تەسىرلەندۈرۈپ، روھىنى زىل-زىلىگە سالغانىدى. ئىككىمىز ئوخشاشلا زىيانكەشلىككە ئۇچراش ياكى ئوخشاشلا غەلىبىگە ئېرىشىش− بىزدىكى ئورتاقلىق ئىدى، بۇمۇ نېرۋامغا تېگىۋاتاتتى.
ئۇنىڭ بۇ گەپنى ئېتىبارغا ئالماي، قولىدىكى ”پۇتاق“ ماركىلىق گاز سۈيى قۇتىسىنىڭ ئېغىزىنى پەرۋاسىز ھالدا بىر بۇلۇڭغا تاشلىغانلىقىنى كۆردۈم-دە، كىتابنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ قانداق ئادەم؟ ئۇنىڭ بارماقلىرى ئۇزۇن، تۈز، چىرايلىق قوللىرى بار ئىدى؛ نازۇك دېگۈدەك تېنى، تۇيغۇچان يۈزى ۋە ئەمدى بىر ئاز ئاچچىقلانغانلىقىنى، ھەيران بولغىنىنى بىلدۈرۈپ تۇرغان بادام كۆزلىرى بار ئىدى. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئۇ كىتاب بىلەن مەندەك تۇزاققا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتالارمىدى؟ ئۇنىڭمۇ پۈتۈن دۇنياسى ئۆزگەرگەن بولغىيمىدى؟ ئۇنىڭمۇ شۇ كىتاب ئاتا قىلغان يالغۇزلۇق بىلەن ئازابقا بوغۇلغان كېچىلىرى بولغىيمىدى؟
− بوپتۇلا،− دېدىم، − دوستۇم، بۈگۈن بەك خۇش بولدۇم، ئەمما ئاپتوبۇسۇم قوزغىلىدۇ.
قوپاللىقىمنى كەچۈر پەرىشتە، چۈنكى ئۇ پەيتتە بىردىنلا بىمەنە بىر ئىش قىلىشىم مۇمكىنلىكىنى، بۇ ئادەم ماڭا روھىنى ئاچسۇن دەپ ئۆز روھىمنىڭ پەرىشانلىقىنى ئۇنىڭغا بىر جاراھەتنى كۆرسەتكەندەك كۆرسىتىشىم مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلدىم. ھاراق شىرەلىرىدە دەرد-ئەلەم، كۆز يېشى ۋە كىشىنى ئانچە ئىشەندۈرەلمەيدىغان بىر قېرىنداشلىق تۇيغۇسى بىلەن بۇ خىل سەمىمىيلىكلەرگە نەپرەتلەنگەنلىكىم ئۈچۈن ئەمەس، (مەھەللىدىكى دوستلىرىم بىلەن پاكار مەيخانىلاردا ئىككى رومكا قېقىۋېلىشقا ئەسلىدە ئامراقمەن) شۇ ئان جاناندىن باشقا ھېچ نەرسىنى ئويلىغۇم كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق بولدى. بالدۇرراق يالغۇز قېلىش ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە جانان بىلەن بىللە ئۆتكۈزەلەيدىغان بەختلىك ئائىلە ھاياتىنىڭ خىياللىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشنى خالايتتىم . شىرەدىن قوپۇشۇمغا:
− بۇ ۋاقىتتا بۇ بازاردا ھېچنەگە ئاپتوبۇس قاتنىمايدۇ،− دېدى ئەسكەرلىكتىكى سەپدىشىم.
پاھ! ئۇ مۇشۇنداق زېرەك ئىدى. گەپنى جايىدا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىدىن مەمنۇن ھالدا چىرايلىق قوللىرى بىلەن گاز سۈيى قۇتىسىنى سىلاۋاتاتتى.
تاپانچام بىلەن ئۇنىڭ نازۇك تېنىنى ئۆتمىتۆشۈك قىلىۋېتىش ياكى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى، سىردىشى، دەرتدىشى بولۇپ قېلىش ئارىسىدا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. بەلكىم بىر ئوتتۇرا يول تېپىشىم مۇمكىن؛ مەسىلەن، ئاۋۋال مۈرىسىگە ئېتىپ، ئاندىن پۇشايمان قىلىپ، دوختۇرخانىغا ئاپارغان بولاتتىم، كېچىدە، مۈرىسى تېڭىقلىق تۇرغاندا بىرلىكتە پوچتا خالتىسىدىكى بارلىق خەتلەرنى بىر-بىرلەپ ئېچىپ ئوقۇپ، ساراڭلارچە ئويۇن-تاماشا قىلغان بولاتتۇق.
−ھېچقىسى يوق−دېدىم ئاخىرىدا. چاي بىلەن گاز سۈيى پۇللىرىنى ئەپچىللىك بىلەن بىلەن شىرەگە قويۇپ، ئارقامغا بۇرۇلۇپ ماڭدىم. بۇ ھەرىكەتلەرنى قايسى فىلىمدىن ئۆگىنىۋالغىنىمنى بىلمەيمەن، ئەمما بەك چېنىپمۇ قالمىدى.
داۋاملىق بىر ئىشنىڭ پېيىدە يۈرىدىغان، تۇتقىنىنى يۇلىدىغان ئادەملەردەك ئىتتىك ماڭدىم؛ ئۇ ئارقامدىن قاراۋاتقان بولۇشى كېرەك. ئاتاتۈرك ھەيكىلىنىڭ يېنىدىن تار ۋە سايە چۈشۈپ تۇرغان پىيادىلەر يولىغا چىقىپ بېكەتكە باردىم. بېكەتنىڭ بېكەت دېگۈچىلىكى يوق بولۇپ، ئۇ پەقەت ئاپتوبۇس ساقلايدىغانلارنىڭ قارا-يامغۇردىن پاناھلىنىدىغان لاپىسى ئىدى. قېرىشقاندەك، نامرات ئالاجائەللى ناھىيىسىدە بىر كېچە تۈنەشكە توغرا كەلدى ( پوچتالىيون دوستۇم بۇ يەرنى شەھەر دېگەنىدى). ئىككى قەدەم كېلىدىغان بىر ئۆيدە ئۆمۈر بويى بېلەت سېتىش بىلەن ئۆتكەن مەغرۇر بىر ئادەم ماڭا تۇنجى ئاپتوبۇسنىڭ چۈشتىن بۇرۇن كەلمەيدىغانلىقىنى خۇش خۇيلۇق بىلەن ئېيتتى. ئەلۋەتتە، مەن ئۇنىڭغا ئۇنىڭ تاز بېشىنىڭ بەئەينى ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان كالېنداردىكى Goodyear ماركىلىق بالون ئېلانىدىكى گۈزەلنىڭ يوتىسىدەك قىزغۇچ رەڭدە ئىكەنلىكىنى ئېيتمىدىم.
چۈنكى ئۆزۈمدىن” نېمىشقا ئاچچىقىم كەلدى، ئۇنىڭغا نېمىشقا ئۆچ بولدۇم؟ “ دەپ سورايتتىم، سەن كىم، سەن نېمە، ئېيت ماڭا سىرلىق پەرىشتە، ئېيت! ھېچ بولمىسا ماڭا دىققەت قىل، مېنى ئويغىتىپ، غەزەپنىڭ ئاچچىقىدىن تاپتىن چىقماستا، دۇنيادىكى بارچە يامانلىق ۋە تەلەيسىزلىكلەرنى ئۆيىنى قوغدىماقچى بولغان بەختسىز ئاتىدەك بىر تەرەپ قىلىپ، ئوت-ھارارەت ئىچىدىكى جانانىمغا بالدۇرراق يېتەي.
ئەمما ئىچىمدىكى غەزەپ يوقاي دېمەيتتى. ئەجىبا يېنىدا بىر Walther ئېلىپ يۈرۈشكە باشلىغان 22 ياشتىكى يىگىت مۇشۇنداق بولامدۇ؟
خاتىرىلىرىمگە كۆز يۈگۈرتۈپ، ئىسمى ئۇچرىغان كوچىنى ۋە ”سالامەت تۈرلۈك ماللىرى دۇكىنى“نى ئاسانلا تاپتىم. كىچىك ئەينەك ئىشكاپقا كۆڭۈل قويۇپ تىزىلغان، قولدا ئىشلەنگەن ياپقۇچلار، پەلەيلەر، بالىلار ئاياغلىرى، پۆپۈكلەر دوكتور نارىن ياخشى كۆرىدىغان باشقا بىر زاماننىڭ شېئىرىغا سەۋر بىلەن مەنە ئېيتاتتى. دۇكانغا كىرىشىمگە، پەشتاختىدا ئولتۇرۇپ «ئالاجائەللى پوچتىسى»نى ئوقۇۋاتقان ئادەمنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ كەينىمگە ياندىم. ئەجىبا بۇ ناھىيىدىكى ھەر كىم ئۆزىدىن شۇنچە خاتىرجەممۇ ياكى ماڭا شۇنداق بىلىنىۋاتامدۇ؟
كۆڭۈلسىز ھالدا بىر قەھۋەخانىغا كىرىپ، گاز سۈيىدىن بىرنى ئىچىپ كاللامنى سەگىتتىم. سايە چۈشۈپ تۇرغان پىيادىلەر يولىدىن ئۆتكەندە توپا باسقان بىر ئەينەك ئىشكاپتا دىققىتىمنى تارتقان بىر قارا كۆزەينەكنى ”بۇلاق دورىخانىسى“دىن سېتىۋالدىم. تىرىشچان خوجايىن قەۋزىيەت دورىسى ئېلانىنى گېزىتتىن كېسىۋېلىپ ئەينەك ئىشكاپقا خېلى بۇرۇنلا چاپلاپ قويغانىدى.
قارا كۆزەينەكنى تاقىغان ھامان ”سالامەت تۈرلۈك ماللىرى دۇكىنى“غا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە مەنمۇ كىرەلىدىم. پەلەيلەرنى كۆرۈپ باققۇم بارلىقىنى پەس ئاۋازدا ئېيتتىم. ئانام شۇنداق قىلاتتى: ”ئۆزۈمگە تېرە پەلەي ئالاتتىم“ ياكى”ئەسكەرلىكتىكى ئوغلۇمغا يەتتىنچى نومۇرلۇق يۇڭ پەلەي“، دېمەي، ”پەلەيلەرنى كۆرۈپ باقسام!“ دەيتتى، ئانامنى رازى قىلىش ئۈچۈن دۇكاندا بىر ئالدىراشلىق پەيدا بولاتتى.
ئەمما بۇيرۇقۇم ئۆز-ئۆزىگە خوجايىن ھەم مۇلازىمەتچى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرغان بۇ ئادەمگە يېقىملىق بىر مۇزىكىدەك تۇيۇلغان بولسا كېرەك، تېتىك بىر ئۆي ئايالىنىڭ ئېھتىياتچانلىقىنى ئەسلىتىدىغان ئىنچىكىلىك ۋە قوماندان بولۇش ئىرادىسى بار ئەسكەرنىڭ تۈرگە ئايرىش ئىشتىياقىغا يېقىنلاشقان بىر تەرتىپ بىلەن بارلىق ماللىرىنى تارتمىلىرىدىن، قولدا تىكىلگەن خالتىلىرىدىن ۋە ئەينەك ئىشكاپتىن ئېلىپ ماڭا كۆرسەتتى. ئۇ ئاتمىش ياشلاردا بولسا كېرەك، ساقال-بۇرۇتلىرىنى قىرمىغانىدى، گەپلىرى پەلەينىڭ ساختىلىقىنى زادى ئاشكارىلىمايدىغان دەرىجىدە كەسكىن ئىدى؛ ئۇ ماڭا قولدا ئىگىرىلگەن يۇڭدىن توقۇلغان، ھەر بارمىقى ئۈچ ئوخشىمىغان رەڭدە جۇلالاندۇرۇلغان كىچىك ئايالچە پەلەيلەرنى كۆرسەتتى، چوپانلار ياقتۇرىدىغان قوپال يۇڭ پەلەيلەرنىڭ ئالىقان قىسمىغا كەشتىلەنگەن ئۆچكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنى تەتۈر ئۆرۈدى، ئۆزى توپلىغان يۇڭ يىپلىرىدىن يېزىلىق ئاياللارغا زاكاز قىلىپ توقۇتقان پەلەيلەرگە ھېچبىر سۈنئىي بوياق ئىشلەتمىگەنىدى. يۇڭ پەلەيلەرنىڭ ئەڭ ئاسان يىرتىلىدىغان يېرى بولغان بارماق ئۇچىلىرىغا ئىچىدىن ئەستەر قويدۇرغانىدى. ئەگەر تومۇرنىڭ ئۈستىدە بىر گۈل بولسۇن دېسەم، ئەڭ ساپ ياڭاق بويىقى بىلەن بويالغان ۋە بىلەك قىسمى پۆپۈكلەنگەن بۇ بىر جۈپنى ئېلىش كېرەك، ئۇنداق بولماي، ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ئۆزگىچە پاسونلار توغرۇلۇق كۆڭلۈمدە سان بولسا، بۇ باشقا گەپ. ئۇ مېنىڭ سىۋاس مالچى ئىتى تېرىسىدىن تىكىلگەن بۇ ئاجايىپ ئۆزگىچە مەھسۇلاتقا قارا كۆزەينىكىمنى ئېلىۋېتىپ بىر قاراپ بېقىشىمنى ئۆتۈندى.
قارىدىم. كۆزەينىكىمنى يەنە تاقىدىم.
− يېتىم ئەللىك،− دېدىم،− چۈنكى ئۇنىڭ دوكتور نارىنغا يوللىغان خەۋەرلىرىدە قوللانغان تەخەللۇسى مۇشۇ ئىدى،−مېنى دوكتور نارىن ئەۋەتتى، ئۇ سەندىن رازى ئەمەس.
−نېمىشقا؟− دېدى ئۇ سوغۇققانلىق بىلەن. گويا مەن پەلەيلەردىن بىرىنىڭ رەڭگىگە نارازى بولغاندەك.
− پوچتالىيون مەھەممەت جىم يۈرگەن بىر ۋەتەنداش، ئۇنى يامان كۆرسىتىپ خەۋەر بېرىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟
− جىم ئەمەس،− دېدى ئۇ پەلەيلەرنى بىرمۇ بىر كۆرسىتىۋاتقان ۋاقىتتىكى ئاۋازى بىلەن چۈشەندۈرۈپ: كىتابنى ئوقۇيدىكەن ۋە ئوقۇغاندىمۇ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئوقۇيدىكەن. دېمەك، ئۇنىڭ كاللىسىدا بۇ كىتاب ۋە بۇ كىتاب تەشۋىق قىلىدىغان يامانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك قەبىھ ئوي-پىكىرلەر بار. بىر قېتىم ئۇ خەت تاشلاپ قويىمەن دېگەن باھانە بىلەن بىر تۇل خوتۇننىڭ ئۆيىگە ئىشىكىنى چەكمەيلا كىرگەندە ئۇنى تۇتۇۋالغانمىش. يەنە بىر قېتىم ئۇ بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن قەھۋەخانىدا يېقىن، يانمۇ يان ئولتۇرۇپ بىر رەسىملىك روماننى خەق ئاڭلىسۇن دەپ ئوقۇۋاتقاندا باشقىلار كۆرۈپتۇ. ئۇ رەسىملىك رومان قاراقچىلار، ئەخلاقسىزلار، ئوغرىلار بىلەن ئەزىزلەرنى، ئەۋلىيالارنى ئوخشاش ئورۇنغا قويىدىغان كىتابلاردىن ئىكەن. ”ئەمدى يېتەرلىك بولدىمۇ؟“ دەپ سورىدى مەندىن.
بىر ئاز ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم.
− بۈگۈن بۇ بازاردا (شۇنداق، ئۇ بازار دەپ ئاتىدى) ئىشقىي ھەۋەسكە چەك قويۇشتەك گۈزەل ئەخلاقىمىز ئەيىب سانالسا ۋە قوللىرىغا خېنە ياققان خانىملار كەمسىتىلسە، بۇلار پوچتالىيوننىڭ، ئاپتوبۇسلارنىڭ ۋە قەھۋەخانا تېلېۋىزورلىرىنىڭ ئامېرىكىدىن بىر نېمە ئېلىپ كەلگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولغان، سەن قايسى ئاپتوبۇس بىلەن كەلدىڭ؟
ئېيتتىم.
− دوكتور نارىن،− دېدى ئۇ، − شۈبھىسىز ئۇلۇغ ئادەم، ئۇنىڭ بىر ئەمرىمەرۇپىنى، بىر تەبلىغىنى ئاڭلاش ماڭا ھۇزۇر بېرىدۇ، شۈكۈر. ئەمما يىگىت، بېرىپ ئۇنىڭغا ئېيت، ماڭا ئەمدى بالىلارنى ئەۋەتمىسۇن،— ئۇ پەلەيلىرىنى يىغىۋاتاتتى،— شۇنىمۇ ئېيت: مۇستاپا پاشا جامەسىنىڭ ئاممىۋى تەرەتخانىسىدا مەن ئۇ پوچتالىيوننىڭ قولىدا لەززەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
− ئاشۇ چىرايلىق قوللىرى بىلەنمۇ،−دېدىم-دە، يېنىپ چىقتىم.
سىرتتا راھەتلىنىپ قالىمەن دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما قۇياش نۇرىدا تاۋلىنىپ ياتقان، تاش يېيىتىلغان كوچىغا قەدىمىمنى باسا-باسماي بۇ ناھىيە بازىرىدا يەنە ئىككى يېرىم سائەت گالۋاڭ بولىدىغانلىقىمنى ئويلاپ ئەرۋاھىم ئۇچتى.
ئاشقازىنىمدا ئىستاكانلاپ ئىچكەن ئىھلامۇرلار، چايلار، ”پۇتاق“گاز سۇلىرى، يادىمدا «ئالاجائەللى پوچتىسى»دىكى قىسقا خەۋەرلەر، كۆز ئالدىمدا بازارلىق ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ كاھىشلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىك بانكىسى پىلاكاتلىرىنىڭ ئېزىتقۇدەك بىر كۆرۈنۈپ بىر يوقىلىۋاتقان قىزىل، سۆسۈن رەڭلىرى، قۇلاقلىرىمدا قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرى، گېنېراتورلارنىڭ گۈرۈلدەشلىرى، يۆتەللەر… باش قېيىش، بۇرۇقتۇرمىلىق ۋە تېخىمۇ يامان بولغان بىر ئۇيقۇسىزلىق ئىچىدە ماشىنا كۈتتۈم. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى كۆرسەتكەن بىر ئەلپازدا توختىغان ئاپتوبۇسنىڭ ئىشىكىگە ئېسىلىپ ئاچقىنىمدا، ئىچىدىن تېشىغا بىر ئىتتىرىشمەك بولدى. سىرتتىكىلەر(شۈكۈر، Waltherىمنى ئاختۇرماستىن) مېنى تۆۋەنگە تارتتى، چۈنكى ئاپتوبۇستىن چۈشۈۋاتقان شەيخ ئەپەندىگە يول بېرىشىم كېرەك ئىدى. ھالرەڭ يۈزىدە نۇرلۇق بىر ئىپادە بالقىپ تۇرغان ئۇ زات بىزدەك ئازغۇنلار ئۈچۈن ئازابلىنىۋاتقاندەك ئېغىر- بېسىق، ئەمما راھەت ھاياتىدىن ۋە ھۆرمەتلىنىشلەردىن كۆپ مەمنۇن ھالدا سالماق مېڭىپ ئالدىمدىن ئۆتتى. قورالىمنى يانپىشىمنىڭ ئۈستىدە سېزىۋېتىپ، قورالىمنى نېمىشقا چىقىراي، دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە. ھېچكىمگە دىققەت قىلماي ئاپتوبۇسقا چىقتىم.
ئاپتوبۇس قوزغالمايدىغاندەك، پۈتۈن دۇنيا بىلەن بىرلىكتە جانانمۇ مېنى ئۇنتۇيدىغاندەك ھالدا 38-نومۇرلۇق ئورۇندۇقتا كۈتۈپ ئولتۇرغىنىمدا، شەيخنى كۈتۈۋالغان كۆپچىلىكنى تاماشا قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، قولىنى سۆيۈش نۆۋىتى كەلگەندە، ئوتتۇرىدا بىر يەردە پېشانىسى كۆرۈنمەيدىغان قەھۋەچى شاگىرتنى كۆردۈم. ئۇ شەيخنىڭ قولىنى چىرايلىق سۆيۈپ، ئاندىن قولىنى پېشانىسىگە دىققەت بىلەن ئاپىرىۋاتقاندا، ئاپتوبۇسىمىز قوزغالدى. بۇ ۋاقىتتا دولقۇنلانغان كىشىلەر توپىنىڭ باشلىرى ئىچىدە تۈرلۈك ماللار دۇكىنىنىڭ دەردمەن خوجايىنىنىمۇ كۆردۈم. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا بىر سىياسىي رەھبەرنى قەتلى قىلىش نىيىتىدىكى قاتىلدەك كېلىۋاتاتتى، ئاپتوبۇس يىراقلىشىۋاتقاندا ھېس قىلدىمكى، ئۇ شەيخكە ئەمەس، ئەسلىدە ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى.
ناھىيە بازىرى ئارقامدا قالغاندا، رەھىمسىز قۇياش ھەر بىر دەرەختىن، ھەر بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن كېيىن ياراملىق بىر جاسۇستەك مېنى ئورۇندۇققا نىقتاپ گەجگەمنى ۋە بىلەكلىرىمنى ناندەك پىشۇرىۋاتقاندا ئۇنۇت دېدىم ئۆزۈمگە، ئۇنتۇپ كەت. ئەمما ئۆيسىز، تۇرخۇنسىز، دەرەخسىز، قىياسىز، ساپسېرىق قاقاسلىقتا ئاپتوبۇس غىڭىلداپ كېتىۋاتقاندا، ئۇيقۇسىز كۆزلىرىم نۇردىن قامىشىۋاتقاندا، ئۇنتۇش ئەمەس، ئىچىمگە تەسىر قىلىۋاتقان باشقا بىر نەرسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر سەزدىم: مەن پوچتالىيون دوستۇمنىڭ ئىسمى مەھەممەت دەپ كەلگەن بۇ ناھىيە بازىرىدا ئۆتكۈزگەن بەش سائەتنىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن مەن بىر ھەۋەسكار رازۋېتچىك روھى بىلەن بارىدىغان ناھىيىلەردە، مەن كۆرىدىغان ئادەملەر ۋە مەن باشتىن كەچۈرىدىغان مەيدانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنىڭ (نېمىلا دېسەم) رەڭگىنى، ئۇيغۇنلۇقىنى تۈرلۈك ماللار دۇكىنىنىڭ دەردمەن خوجايىنى ئاخبارات مەكتۇپىدا بىلدۈرۈپ بولغانىدى.
مەسىلەن، ئالاجائەللىدىن ئايرىلىپ دەل 36 سائەتتىن كېيىن رىئاللىقنىڭ ئۆزىدىن كۆرە خىياللاردىن چىققاندەك كۆرۈنىدىغان توپا-توزانلىق بىر يېزىدىن ئۆزگەرتىلگەن ناھىيىنىڭ قاتناش بېكىتىدە يېرىم كېچىدە ئاپتوبۇس كۈتۈپ، قانداقتۇر زادى ئۆتمەيۋاتقان ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈش ۋە كوركىراۋاتقان ئاشقازىنىمنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن پىشلاقلىق كۆمەچنى چايناۋاتقىنىمدا، بىر شۇم كۆلەڭگىنىڭ ماڭا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. پەلەيگە ئامراق دۇكانچى بولغىيمىدى بۇ؟ ياق، ئۇنىڭ ئەرۋاھى! ياق، دەردمەن ۋە غەزەپلىك بىر ئوقەتچى! ياق، Seiko بولسا كېرەك دەپ ئويلاۋاتقاندا بىردىنلا ”تاق“ قىلىپ ئىشىك ئۇرۇلدى. كۆرۈنۈش پۈتۈنلەي ئۆزگەردى، يامغۇرلۇق كىيىم كىيىۋالغانSeiko تەسەۋۋۇرۇمدىمۇ شۇنداق كىيىنگەن، تەمكىن بىر ئادەمگە ئايلاندى. ئاندىن يالتىراق خالتا كۆتۈرگەن ھارغىن چىراي، روماللىق ئايال بىلەن قىزىمۇ ئۇ ئادەمگە قوشۇلغاندا Seiko نېمىشقا كۈلرەڭ يامغۇرلۇق كىيىۋالدى؟ دەپ خىيال قىلغىنىمنى بىلدىم. دەردمەن دۇكانچى دوستۇمنىمۇ بېكەتتىكى كىشىلەر توپى ئارىسدا ئاشۇ رەڭدىكى يامغۇرلۇق بىلەن كۆرگەنىدىم، شۇنىڭدىنمىدۇ؟
يەنە بىر قېتىم، ئاشۇ تەھدىتنى يەنە بىر قېتىم باشتىن كەچۈردۈم. يامغۇرلۇق كىيىۋالغان Seiko خىيالىي ھالەتتە ئەمەس، بىر ئۇن زاۋۇتىدا كۆرۈنگەنىدى. مەن تىنچ بىر ئاپتوبۇستا پۇشۇلداپ ئۇخلىغاندىن كېيىن، يۆلىنىپ ئۇخلايدىغان ئورۇندۇقى بار، خېلى تۈزۈك باشقا بىر ئاپتوبۇستا ئۇيقۇغا كەتكەنكىدىم. ئەتىگەندە مەن تېزراق نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بارغان ئۇن زاۋۇتىدا بىر دەردمەن باقالىچى خەۋەر بەرگەن زاۋۇتنىڭ ياش بوغالتىرىنى بالدۇرراق كۆرۈش ئىستىكىدە بوغالتىرنىڭ ئەسكەرلىكتىكى سەپدىشى دېگەن يالغاننى دەپ تاشلىدىم. مەن ئارقىسىغا چۈشكەن ھەر خىل مەھەممەتلەر ھەقىقىي مەھەممەتكە ئوخشاش 23، 24 ياشلاردا بولغاچقا ھەر قاچان ئەسقېتىۋاتقان بۇ ئەسكەرلىك يالغانچىلىقى ئۇندىن ئاپئاق بولۇپ كەتكەن بىر ئىشچىغا شۇنچىلىك راست تۇيۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۇمۇ بىز بىلەن بىر قىسىمدا تۇرغاندەك، كۆزلىرىدە دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ھەيرانلىق ئۇچقۇنلىرى چاقنىغان ھالدا مېنى زاۋۇتقا كىرىشكە تەكلىپ قىلدى. بىر بۇلۇڭغا بېرىپ ئولتۇردۇم ۋە ئۆزەمنى قانداقتۇر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. زاۋۇت دېيىلگەن بۇ كەپىدەك يەردىكى توك تۈگمەننىڭ ماتورىدىن ھەرىكەتلىنىۋاتقان يوغان بىر تۆمۈر بۇرغا ئۈستۈمدە تاقىر-تۇقۇر قىلىپ ئايلىنىۋاتاتتى. غۇۋا يورۇقلۇقتا ئاق، قورقۇنچلۇق ئىشچىلارنىڭ سىرلىق سىيمالىرى، چېكىۋاتقان پال-پۇل تاماكىلىرى ئاستا-ئاستا قىمىرلايتتى. ئۇلارنىڭ ماڭا دۈشمەنلەرچە قارىغانلىقىنى، مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۆز ئىچىدە پاراڭلاشقانلىقىنى بايقىدىم، ئەمما مەن ئۆز جايىمدا تەمكىن كۆرۈنۈشكە تىرىشىۋاتاتتىم. بىر دەمدىن كېيىن مەن ئۇن تاغارلىرى تېمىنىڭ ئارىلىقىدىن قارىسىنى كۆرگەن بىر چاقنىڭ ماڭا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇرىۋىدىم، ئۇلاردىن بىرى دەلدەڭشىپ كېلىپ ماڭا سوقۇلدى-دە، نېمىشقا ئوسۇرغانلىقىمنى سورىدى. ئۇ شاۋقۇن-سۈرەندىن مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايتتى، ۋارقىراپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئوسۇرمىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ياق،− دېدى ئۇ، مەندىن نېمىشقا كەلگەنلىكىمنى سورىغانلىقىنى ئېيتتى. بايىقىدەك ۋارقىراپ تۇرۇپ، ئەسكەرلىكتىكى دوستۇمنى بەك ياقتۇرىدىغانلىقىمنى، مەھەممەتنىڭ چاقچاقچى، ئاغىنىدارچىلىقى بار ئىشەنچلىك دوست ئىكەنلىكىنى، ئۆمۈر سۇغۇرتىسى سېتىش ئۈچۈن ئاناتولىيىگە قىلغان بۇ سەپىرىمدە ئۇنىڭ بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلىقىنى ئەسكە ئېلىپ ئىزلەپ كەلگەنلىكىمنى چۈشەندۈردۈم. ئۇننىڭ توزۇندىسىدىن شەكىللەنگەن خىيالىي ئادەم سىياقىدىكى بۇ كىشى مەندىن سۇغۇرتا كەسپىنى سورىدى: بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئوغرىلار، ئالدامچىلار، تەشكىلاتلار، تاپانچا ئېلىپ يۈرىدىغان ھەزىلەكلەر−شاۋقۇن-سۈرەن تەسىرىدىن خاتا ئاڭلاپ قالدىم دەپ ئويلىدىم مەن− يامان نىيەتلىك دىن ۋە يۇرت دۈشمەنلىرىمۇ؟ ئامالسىز ئۇزۇندىن ئۇزۇن چۈشەندۈردۈم، ئۇ دوستانە ھالدا ئاڭلىدى. شۇنداق قىلىپ، ھەر كەسىپ مانا مۇشۇنداق دېگەن كەيپىياتقا كىردۇق. بۇ دۇنيادا دۇرۇس ۋەتەنداشلارمۇ بار ئىدى، نېمىنىڭ كەينىدىن چېپىپ يۈرگىنىنى ئۇققىلى بولمايدىغان ساختىپەز، قۇۋ ئادەملەرمۇ بار ئىدى. شۇ ئەسنادا يەنە ئەسكەر دوستۇم مەھەممەتنى سورىدىم: ئۇ نەدە قالدى؟ ”ماڭا قارا،— دېدى ئۇ، ئاندىن ئىشتىنىنى قايرىپ ئاجايىپ پاچىقىنى كۆرسەتتى،— مەھەممەت قارى ئاقساق پاچىقى بىلەن ئەسكەرلىككە بارىدىغان ئەخمەق ئەمەس، ئۇقتۇڭمۇ؟“ مەن كىم ئىدىم؟
بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئامالسىزلىقتىن ئەمەس، ھەيرانلىقتىن بىر دەمدە ئۇنتۇغاندەك بولدۇم. ھېچقانداق ئىشەندۈرگۈچىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ: ” كاللام ئېلىشىپ، ئادرېسلار، ئىسىملارمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتتى“ دېدىم.
تاياق يېمەي قېچىپ چىققاندىن كېيىن ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىدە دەردمەن خەۋەرچىمىزنىڭ دۇكىنىدا ئېغىزدا ئېرىپ كېتىدىغان لەززەتلىك سامسىنى يەۋاتقاندا ئاقساق مەھەممەتنىڭ ئۇ كىتابنى ئوقۇغان بىرىگە پەقەت ئوخشىمايدىغانلىقىنى خىيال قىلدىم، ئەمما سىناقلىرىم ئادەمنىڭ ياخشى-يامىنىنى تاللاش يولىنىڭ نەقەدەر خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەسىلەن، بارلىق كوچىلىرى ئىس پۇرايدىغان ئەنجۈرپاشا ناھىيىسىدە ئۇ كىتابنى پەقەت خەۋەر قىلىنغان ياش ئوت ئۆچۈرگۈچىلا ئەمەس، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئوت ئۆچۈرگۈچى ئەترىتى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇغانىدى. بۇ ناھىيىنىڭ گرېتسىيە ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلغانلىقىنىڭ يىل خاتىرىسى تەييارلىقى يۈزىسىدىن ئىتتىپاقداش ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنىڭ باشلىرىدا تۆمۈر قالپاق، قالپاقلىرىنىڭ ئۈستىدە مىخلانغان كىچىك گاز ئوچاقلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش مەيدانىدا باشلىرىدا ئوتلار يالقۇنلاۋاتقان، تەڭكەش قەدەمدە يۈگۈرۈشۈپ «ئوتلار، ئوتلار، ئوتلار ئىچىدە ۋەتەن» خورىنى تولۇق كەلتۈرۈپ ئېيتىۋاتقاندا ئۇلارنى بالىلار ۋە رايىش بىر پادىچى ئىتى بىلەن بىللە تاماشا قىلدىم. ئارقىدىن ھەممىمىز بىرلىكتە داستىخانغا كېلىپ ئۆچكە گۆشى قورۇمىسى يېدۇق. ساغۇچ قىزىل رەڭلىك، قىسقا يەڭلىك خىزمەت كۆڭلەكلىرى بىلەن ھەممىسى بەختلىك كۆرۈنگەن ئوت ئۆچۈرگۈچى دوستلار قىزىقچىلىق بولسۇن دەپ ياكى ماڭا سالام بولسۇن دەپ ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۇ كىتابتىن بىر-ئىككى ئېغىز كۇسۇرلىشىپ قوياتتى. ئۇ كىتاب (ئۇلار كېيىن كۆرسەتتى) ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ كابىنكىسىدا قۇرئاندەك ئاۋايلاپ ساقلىناتتى. ئىسسىق ياز كېچىلىرىدە پەرىشتىلەرنىڭ( پەرىشتىلەرنىڭ ئەمەس) يۇلتۇزلار ئارىسىدىن ئېقىپ چۈشۈپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئىس ھىدىنى ئېلىپ، بىچارىلەر، دەردمەنلەرگە بىر كۆرۈنۈپ ئۇلارغا بەخت يولىنى كۆرسەتكىنىگە ئىشەنگەن بۇ ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئۇ كىتابنى خاتا ئوقۇدىمۇ ياكى مەن خاتا ئوقۇدۇممۇ؟
بىر ناھىيىنىڭ رەسىمخانىسىدا سۈرەتكە چۈشتۈم. يەنە بىر ناھىيىنىڭ دوختۇرخانىسىدا جىگىرىمنى تەكشۈرتتۈم. ئۈچىنچى بىر شەھەرنىڭ زەرگەرخانىسىدا سىناپ باققان ئۈزۈكنى ئالمىدىم، بۇ پەرىشان، توپا-توزانلىق، ۋەيرانە يەرلەردىن ھەر بىر چىققىنىمدا كۈنلەرنىڭ بىرىدە جانان بىلەن بىرلىكتە بەختىيارلىق رەسىملىرىمىزنى تارتقۇزۇش، ئۇ گۈزىلىمگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىش ۋە بىزنى بىر-بىرىمىزگە ئۆلۈمگە قەدەر باغلايدىغان بىر ئۈزۈك ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق يەرلەرگە كىرىدىغانلىقىمىزنى خىيال قىلدىم، بۇ فوتوگراف مەھەممەتنىڭ، دوختۇر ئەھمەدنىڭ ۋە زەرگەر رەھمەتنىڭ ئەسلىدە كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۇ كىتابنى قانچىلىك ئىشتىياق بىلەن ئوقۇغىنىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىدى.
ئاندىن ناھىيە بازىرى مەيدانىدا ئايلاندىم، ئاتاتۈرك ھەيكىلىگە ماياقلاپ قويغان كەپتەرلەرنى ئەيىبلىدىم، سائىتىمگە قارىدىم، Waltherىمگە قاراپ باقتىم، گاراژلارغا يول ئالدىم، مۇشۇنداق چاغلاردا بەزىدە ئۇ يامان ئادەملەر−يامغۇرلۇق كىيىۋالغان دۇكاندارلار، ”سائەت“ خىيالەتلىرى ۋە قەتئىي نىيەتلىك Seiko ئارقامغا چۈشكەندەك تۇيغۇغا كېلەتتىم. ئادانا ئاپتوبۇسىغا چىقىپ تۇرۇشۇمغا مېنى كۆرۈپ كەينىگە يېنىپ ئاپتوبۇستىن چۈشكەن ئېگىز بويلۇق كۆلەڭگە دۆلەتلىك ئاخبارات تەشكىلاتىدىكى Movado بولغىيمىدى؟ شۇنداق، شۇ بولۇشى كېرەك، شۇ ئىدى، بالدۇرراق يولۇمنى ئۆزگەرتىشىم كېرەك ئىدى. ئۆزگەرتتىم، لەش پۇرايدىغان پاسكىنا بىر يەرگە يوشۇرۇندۇم، ئەڭ ئاخىرىدا مەن غىپلا قىلىپ چىقىۋالغان HEMENVARAN نىڭ دېرىزىلىرىدىن پەرىشتىنى ئۈمىدسىزلەرچە كۈتۈۋاتقاندا، گەجگەمنى چۈمۈلىدەك چېقىۋاتقان بىر جۈپ كۆزنىڭ تىكىلىشىنى ھېس قىلدىم، كەينىمگە قاراپ بۇ قېتىم ئەڭ ئارقا ئورۇندۇقتا Serkisof نىڭ مېنى خائىنلارچە كۆزىتىپ ئولتۇرغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدىم. شۇنداق قىلىپ يېرىم كېچىلەردە دەم ئالغان يەرلەرنىڭ ئاشخانىلىرىدا چېيىمنى چالا-پۇلا ئىچىپ، ئاپتوبۇس قوزغالغىچە قوناقلىقلاردا كۆك تاۋاردەك ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلدىم. شەھەر بازىرىدىكى بىر دۇكانغا ئاپئاق كىيىم بىلەن خۇشچىراي كىرىپ، بىر قىزىل كۆڭلەك، سۆسۈن رەڭ چاپان، سارجا ئىشتان ئېلىپ، خاپا چىراي چىقتىم. بىر قانچە قېتىم ئارقامدىكى قاراڭغۇ كۆلەڭگىلەر بازاردىكى ئادەملەر توپى ئىچىدە مېنى بېكەتلەرگىچە قوغلايتتى.
ئارقامدا قالغان قوراللىق كۆلەڭگىلەرنى خېلى يىراقلارغا تاشلىۋەتكىنىمگە ئىشەنگىنىمدە ياكى دوكتور نارىننىڭ ساراڭ ”سائەت“ لىرىنىڭ مېنى دۇمبالاشلىرى ئۈچۈن ئەسلىدە ھېچبىر سەۋەب يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگىنىمدە، سىرتتىن مېنى كۆزىتىۋاتقان يامان كۆزلەرنىڭ ئورنىنى مېنى ئۆز ئارىسىدا كۆرۈشتىن بەخت ھېس قىلىدىغان دوستانە بازارلىقلارنىڭ زېرەك كۆزلىرى ئىگىلىدى.
بىر قېتىم، قوشنا ئۆيگە ئورۇنلاشقان، ئەمما ھازىر ئىستانبۇلدىكى تاغىسىنىڭكىگە كەتكەن بىر مەھەممەتنىڭ بىزگە مەلۇم مەھەممەت ئەمەسلىكىگە ئىشىنىش ئۈچۈن ئۇدۇل ئۆيدىكى ۋات-ۋات ھاممىغا بازاردىن قايتىشىمدا ھەمراھ بولدۇم. بىز بىرلىكتە كۆتۈرۈپ ماڭغان تور خالتا ۋە يالتىراق خالتىلاردىكى يوغان پىدىگەنلەر، پارقىراق پەمىدۇرلار ۋە ئۇچلۇق مۇچلار قۇياشنىڭ يالت-يۇلت نۇرلىرىغا تاشلىنىپ ياتقاندا، ھامما ماڭا بىراۋنىڭ ئەسكەرلىكتىكى دوستىنى ئىزدىشىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئۆيدە مېنى كۈتۈۋاتقان ئايالىمنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىگە ئىرەن قىلماي، ھاياتنىڭ نە قەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.
بەلكىم ھايات شۇنداق ئىدى. كاراچالىدا يوغان بىر چىنارنىڭ ئاستىدىكى باغچىلىك”نەفاسەت (نەپىسلىك)“ ئاشخانىسىدا رەيھان پۇراقلىق لەززەتلىك بىر دۆنەر يېدىم. ياپراقلارنى بىر دەم تەتۈرىگە، بىر دەم ئوڭىغا ئۆرۈپ-چۆرۈۋاتقان مەيىن شامال ماڭا بەختلىك ئانىلاردەك خۇشبۇي خېمىر پۇرىقىنى ئېلىپ كەلدى. ئافيونغا يېقىن بىر يەرلەردە— مەن ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغان كۆڭۈلسىز بىر بازاردا— ئۆز سەزگۈلىرى بىلەن پات-پات يۆنىلىش تاللاۋاتقان پۇتلىرىم مېنى ئىختىيارسىز ئېلىپ بارغان بىر تاتلىق-تۈرۈم دۇكىنىدا قۇرۇتۇلغان قىزىل گۈل ۋە ماندارىن قوۋزىقى رەڭگىدىكى شېكەرلەر تولدۇرۇلغان كوزىلارنى ۋە شۇ پار-پۇر كوزىلاردەك يۇمىلاق، يېقىملىق بىر ئانىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدىم، بۇرۇلۇپ پىركازچىكقا قاراپلا چۆچۈدۈم. ھېلىقى ئانىنىڭ قىزى ئانىسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسىنىڭ ئۆزى بولۇپ، سولغۇن چىراي كۆرۈنەتتى. 16 ياشلاردىكى، ياڭاق سۆڭىكى بۆرتۈپ چىققان بۇ ساھىبجامالنىڭ كۆزلىرى ئالغايراق ئىدى. ئۇ بېرىلىپ ئوقۇۋاتقان سۈرەتلىك روماندىن شاققىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىللىق كۈلۈمسىرىدى. ئەمما ئىشەنگۈسىز بىر ئىش، ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى كىشىگە ئامېرىكا فىلىملىرىدىكى ھېلىقى ئەركىن، شەيتانىي ئاياللارنىڭ كۈلۈمسىرىشىنى ئەسلىتەتتى.
بىر كېچىسى، ئىستانبۇلدىكى كۆركەم، راھەت ئۆيلەرنىڭ ئازادە، جىمجىت مېھمانخانىسىدەك يورۇتۇلغان بىر بېكەتتە ئاپتوبۇسىمىزنى كۈتۈۋاتقاندا تونۇشۇپ قالغان ئۈچ كاندىدات ئوفىتسېر دوستۇم بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى كەشىپ قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرغان قارتا ئويۇنى—”شاھ چۆچۈدى“نى ئوينىدىم. ھەر بىرى” يېنىچې“ ماركىلىق تاماكىلىرىنىڭ كاردون قېپىدىن كېسىلگەن ئويۇن قارتىلىرىنىڭ ئۈستىگە شاھلار، ئەجدىھالار، سۇلتانلار، جىنلار، ئاشىقلار ۋە پەرىشتىلەرنى سىزىۋالغانىدى، دوستلارنىڭ بىر-بىرىنى دوستلارچە مەسخىرە قىلىشلىرىدىن مەلۇم بولدىكى، يول ۋە شەپقەت كۆرسىتىۋاتقان بىرەر خېنىم مىجەز قىزىقچى رولىدىكى ”پەرىشتە“لەر ئۇلارنىڭ مەھەللىسىدىكى سۆيگۈنىگە ۋەكىللىك قىلاتتى ياكى ياشلىقىدىكى بىردىنبىر ئۇلۇغ مۇھەببىتىگە ۋە ياكى ئارىلىرىدىكى ئەڭ چاقچاقچى بىرىدە يۈز بەرگىنىدەك پەقەت ئانانىزم خىياللىرىدا بىرگە بولغان بىرەر يەرلىك فىلىم ۋە كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبى چولپىنىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. ئۇلار تۆتىنچى ”پەرىشتە“نى ماڭا ئۆتۈندى ۋە خىيالىمدا ئۇنى كىمنىڭ ئورنىغا قويغانلىقىمنى مەندىن سورىماسلىقتەك ياخشى كۆڭلى ئارقىلىق ئەقىللىق ۋە ئاڭلىق دوستلارمۇ كەمدىن كەم ئىپادىلەيدىغان ئەدەپ-قائىدىنى نامايان قىلىشتى.
دەردمەن خەۋەرچىلەرنىڭ قۇرۇق گەپلىرىنى ئاڭلاۋېتىپ، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ چەت بۇلۇڭلىرىغا يوشۇرۇنغان ئىشىكلىرى تاقاق، بېغىنىڭ تاملىرى تىكەنلىك ۋە يۆگىمەچلەر بىلەن قاپلانغان، يوللىرىمۇ ناھايىتى ئەگرى-توقاي بولغان ھەر خىل مەھەممەتلەر ئىچىدىن ماڭا كېرەكلىك بولغانلىرىنى ئىزدەۋاتقاندا ۋە بېكەتلەردە، شەھەر مەيدانلىرىدا، ئاپتوبۇس بېكەتلىرىنىڭ ئاشخانىلىرىدا ئارقامدىكى ھەقىقىي يامغۇرلۇق كىيگەنلەر بىلەن يامان نىيەتلىك ”سائەت“لەردىن قېچىش ئۈچۈن ئۇلارنى يۈگۈرتۈپ يۈرگەندە مەن شاھىد بولغان بەخت مەنزىرىلىرىدىن بىرسى مېنى خېلىلا ئازابلىدى.
يولغا چىققان بەشىنچى كۈنۈم ئىدى. «چورۇم ئەركىن ئاۋازى»گېزىتى خوجايىنىنىڭ ئوقۇغان شېئىرلىرىمنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنسۇن دەپ چاي ئىستاكانىغا قۇيۇپ ماڭا سۇنغان ئارپابەدىيان ھارىقىنى ئىچتىم، گېزىتچىنىڭ كىتابتىكى بەزى پارچىلارنى «ئۆي ۋە ئائىلە» سەھىپىسىدە ئېلان قىلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ ئەمدى تۆمۈر يول دەۋاسىغىمۇ، چورۇمغا ئاماسيادىن بىر تۆمۈر يول ياتقۇزۇلۇشىغىمۇ ھېچ پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندىم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ناھىيىدە ئىزلار ۋە ئادرېسلار ئىزدەپ ئالتە سائەت پىرقىرىغاندىن كېيىن ئۇ دەردمەن خەۋەرچىنىڭ دوكتور نارىندىن پۇل ئۈندۈرۈش ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە يوق بىر ئوقۇرمەننى خەۋەر قىلىپ، ئۇنى بۇ جاھاندا يوق بىر كوچىغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى غەزەپ ئىچىدە بايقىدىم، ئىككى يېنىدىكى قىيالىق، تىك ھاڭلىق تاغلار تۈپەيلىدىن بالدۇر قاراڭغۇ چۈشكەن ئاماسيا مەنزىلىگە يەتتىم. تىزىملىكىمدىكى مەھەممەتلەرنىڭ ھېچبىر نەتىجە بەرمەي تۇرۇپ يېرىمى تۈگىگەنلىكى ۋە مەن تېخىچە قىزىتما ئىچىدە تۆشەكتە يېتىۋاتىدۇ دەپ خىيال قىلغان جاناننىڭ كۆرۈنۈشى پۇتلىرىمدا چۈمۈلە چاققاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ شەھەردە كېرەكلىك ئادرېسلارغا بېرىپ، ئەسكەرلىكتىكى دوستۇمنى سوراپ، ئۇنىڭ مەلۇم مەھەممەت ئەمەسلىكىنى ئۇقار-ئۇقماي، مېنى قارادېڭىز بويىغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بىر ئاپتوبۇسقا دەرھال چىقىشنى پىلانلىدىم.
پەقەت يېشىل بولمايدىغان بۇلغانغان بىر سۇنى— بۇ تېخى داڭقى چىققان يېشىل دەريامىش— ھالقىپ ئۆتكەن بىر كۆۋرۈكتىن تاغدىكى قىيالارغا ئويۇلغان قەبرىلەرنىڭ ئاستىغىلا جايلاشقان بىر مەھەللىگە كىردىم. بۇ يەردىكى كونا ۋە ھەيۋەتلىك تۇرالغۇلار بىر زامانلاردا راھەت-پاراغەتتە ياشىغان كىشىلەرنىڭ —كىم بىلىدۇ، قايسى پاشالارنىڭ ياكى پومېشچىكلارنىڭ— بۇ توپا باسقان مەھەللىدە ياشىغىنىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. بۇ تۇرالغۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىشىكىنى قېقىپ ئەسكەرلىكتىكى دوستۇمنى سورىدىم، ئۇلار ئۇنىڭ ماشىنىسى بىلەن يولدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مېنى ئىچكىرىگە باشلىدى ۋە ماڭا نۇرانە، بەختلىك بىر ئائىلە ھاياتىدىن جىلۋىدار كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسەتتى:
1. ئۆي ئىگىسى نامراتلارنىڭ دەۋالىرىنى ھەقسىز قوبۇل قىلىدىغان ئادۋوكات بولۇپ، ئىشىكتىن ئۇزىتىپ قويغان دەردمەن ھال ئېيتقۇچىنىڭ دەردلىرى ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ، ھەيۋەتلىك بىر كۇتۇپخانىدىن ئېلىپ چىققان قانۇنلار توپلىمىنى ئىجتىھات بىلەن تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. 2. بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈپ كەتكەن، شۇنداقلا دەۋادىن خەۋىرى بار ئانا مېنى ئۆز ئىشىغا كىرىشىپ كەتكەن ئاتىغا، جادۇ كۆزلۈك سىڭىلغا، يېقىننى كۆرۈش كۆزەينىكى تاقىۋالغان چوڭ ئانىغا ۋە بىر تۈركۈم پوچتا ماركىسى(بىر يۈرۈش ”دۆلەت زېمىنى“ ماركىسى) نى كۆزىتىۋاتقان كىچىك ئوغۇلغا تونۇشتۇرغاندا، ھەممىسى تۈركلەرنىڭ ھەقىقىي مېھماندوست خەلق ئىكەنلىكى توغرۇلۇق غەرب سەيياھلىرىنىڭ كىتابلىرىدا تەسۋىرلەنگىنىدەك ھەقىقىي مېھماندوستلۇق تۇيغۇسى ۋە ھاياجىنى بىلەن خۇش بولۇشتى. 3. ئانا بىلەن جىن قىز سۈۋەيدە ھاممىنىڭ دۇخوپكىسىدا پىشۇرغان ئىپار پۇراقلىق سامسىنىڭ قىزىرىشىنى كۈتۈۋاتقاندا ئاۋۋال مەندىن ئالاھىدە گەپ سوراشقا باشلىدى، ئاندىن ئاندرى مائۇروئىسنىڭ «ئىقلىملار» ناملىق رومانى ھەققىدە مۇنازىرىلەشتى. 4. پۈتۈن كۈنىنى ئالمىلىق باغدا ئۆتكۈزگەن ئىشچان ئوغۇل مەھەممەت مېنى ئەسكەرلىكتىكى كۈنلىرىدە ھېچ ئەسلىيەلمىگەنلىكىنى ئۇدۇللا ئېيتتى ۋە ياخشى كۆڭلى بىلەن ئورتاق پاراڭ تېمىسى ئىزدىدى، تاپتى. شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا تۆمۈر يول سىياسىتىنىڭ تاشلىنىپ قېلىشىنىڭ ۋە يېزىلاردا كوپىراتسىيەلەشتۈرۈشنىڭ تەشۋىق قىلىنماسلىقىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان سىياسىي غەرەزلەرنى كىشىلەرنىڭ ئۇنتۇپ كېتىشكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ دۆلىتىمىز ئۈچۈن نە قەدەر زىيانلىق ئىكەنلىكىنى مۇنازىرە قىلىشقا پۇرسەت تۇغۇلدى.
بۇ كىشىلەر بەلكىم ئەزەلدىن ئالدىنىپ باقمىغان، دەپ ئويلىدىم بەختلىك تۇرالغۇدىن چىقىپ كوچىلارنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا شۇڭغۇغاندا. ئىشىكنى چېكىپ، ئۇلارنى كۆرە-كۆرمەي مەلۇم مەھەممەتنىڭ بۇ ئۆيدە ياشىمىغانلىقىنى بىلگەنىدىم. ئۇنداقتا نېمىشقا ئۇ يەردە تۇردۇم ھەم قەرز ئۆي ئېلانلىرىدىكى مەنزىرىلەر بىلەن ئوپئوخشىشىدىغان بۇ بەختلىك ئائىلە كۆرۈنۈشىگە مەپتۇن بولدۇم؟ Walther تۈپەيلىدىن دېدىم تاپانچامنى يانپىشىمنىڭ ئۈستىدە سېزىپ. مەن چىققان بەختلىك تۇرالغۇنىڭ كۆركەم دېرىزىلىرىگە قارىتىپ توققۇز مىللىمېتىرلىق ئوقلىرىمنى ئاتسامچۇ دەپ ئويلىدىم، ئەمما بىلەتتىم، بۇ ئويلاش ئەمەس، بەلكى ”ئىچىمنىڭ قاراڭغۇ ئورمانلىقىدىكى قارا بۆرىنى ئۇخلىتىشقا ئۈندەش“ئىدى، ئۇخلا، قارا بۆرە، ئۇخلا! ئاھ، شۇنداق، ئۇخلايلى. بىر دۇكان، ئاندىن ئەينەك ئىشكاپ ۋە ئېلان كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى: پۇتلىرىم، بۆرىدىن قورققان قوزىدەك ياۋاش پۇتلىرىم مېنى بىر يەرلەرگە ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. نەگە؟ سەفا(ئويۇن-تاماشا) كىنوخانىسى، باھار دورىخانىسى، ئۆلۈم قۇرۇق يەل-يېمىش دۇكىنىغا. قولىدا تاماكا تۇتۇۋالغان يەل-يېمىشچىنىڭ شاگىرتى ماڭا نېمىشقا ئۇنداق قارايدۇ؟ باققالنىڭ دۇكىنىدىن چىقىپ چەرچىن ماللار دۇكىنىغا ۋە بىر تورتخانىغا باردىم، ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ ئارچەلىك شىركىتىنىڭ چوڭ ئەينەكلىك دېرىزىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىمنى بايقىدىم ۋە دېرىزە ئىچىدىكى ”ئارچەلىك“ماركىلىق توڭلاتقۇلارنى، تۈركىيە كۆمۈر گازى شىركىتىنىڭ ”ئايگاز“ ماركىلىق ئوچاقلىرىنى، نان قۇتىلىرىنى، ئورۇندۇقلارنى، دىۋانلارنى ۋە زامانىۋى مەشلەرنى كۆردۈم. ئۈستىگە ئۇچىلىق يېپىلغان قويۇق تۈكلۈك بىر ئىتقا (”ئارچەلىك“ ماركىلىق رادىئونىڭ ئۈستىگە قوندۇرۇلغان زىننەت ھەيكەلگە) قاراۋاتقاندا ئەمدى ئۆزۈمنى تۇتالمىغانلىقىمنى بىلىۋاتاتتىم.
شۇنداق قىلىپ، ئىككى تاغ ئارىسىدىكى ئاماسيا شەھىرىدە، يېرىم كېچىدە بىر ئەينەكلىك دېرىزىنىڭ ئالدىدا ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدىم، پەرىشتە. چوڭلار بالىلىرىدىن ”نېمىشقا يىغلايسەن قوزام“ دەپ سورىشىدىغۇ! ئۇ چوڭقۇر جاراھىتى ئىچىدىكى بىر يەر قانىغاچقا يىغلايدۇ؛ ئەمما ئۆزىدىن گەپ سورىغان تاغىغا، كۆك قەلەمتۇرىچىمنى يوقاتتىم دەيدۇ، مېنىڭمۇ ئەينەكلىك دېرىزە ئىچىدىكى پۈتۈن نەرسىلەرگە ئىچىم ئېچىشىۋاتاتتى. سۈنئىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رەسۋا قاتىل بولاتتىم ۋە ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئاشۇ ئازاب بىلەن ياشايتتىم. يەل-يېمىشچىدىن مېغىز ئالغىنىمدا، باققالنىڭ ئەينەكلىك ئىشكاپىدا ئۆزۈمگە قارىغىنىمدا، توڭلاتقۇلار ۋە مەشلەر ئارىسىدىكى بەختلىك ھاياتتا گەۋدەمنى كۆرگىنىمدە، ئىچىمدىكى لەنەت ۋە ئالدامچى ئاۋاز، يەنە چىشلىرىنى كۆرسىتىۋاتقان خائىن قارا بۆرە ماڭا ”سەن جىنايەتچى“ دېمەكچى بولاتتى. شۇنداقتىمۇ ئەي پەرىشتە، مەن بىر چاغلاردا ھاياتقا ۋە ھاياتلىقتا ياخشى ئادەم بولۇش كېرەكلىكىگە نە قەدەر ئىشىنەتتىم، ئەمدىلىكتە مەن ئىشىنەلمىگەن بىر جانان بىلەن، ئىشەنگەن تەقدىردە مەن ئۆلتۈرىدىغان بىر مەھەممەت ئارىسىدا تېڭىرقاۋاتاتتىم، ئەگرى-توقاي ۋە ھىيلىگەر بىر ھېساب-كىتاب ۋەدە قىلغان خەتەرلىك تۇمانلار ئىچىدە بەختلىك ھايات كەچۈرۈش خىيالىدىن ۋە Waltherىمدىن باشقا ئېسىلىدىغان ھېچ بىر ئۈمىد شېخىم يوق ئىدى. توڭلاتقۇلار، ئاپېلسىن سىقىدىغان ئەسۋابلار ۋە بازاردىن نېسى ئېلىنغان ئورۇندۇقلار ئاڭلانماس بىر يىغا-زارىنىڭ ھەمراھلىقىدا كۆز ئالدىمدىن لەپپەڭلەپ ئۆتتى.
يەرلىك فىلىملەردىكى ماڭقىسىنى تارتىپ يۈرگەن كىچىك بالىلارنىڭ ۋە كۆزى نەملەشكەن گۈزەل ئاياللارنىڭ دەردىگە دەرمان بولغانلاردەك سىياقتىكى بىر تاغا شۇ ئارىدا ماڭا— سوقۇشتا مەغلۇب بولغان قېرى خورازغا يېتىشتى ۋە : ”ئوغلۇم، نېمىشقا يىغلايسەن، بىرەر دەردىڭ بارمۇ بالام؟… يىغلىما“ دېدى.
بۇ ئەقىللىق ۋە ساقاللىق تاغا يا جامەگە كېتىۋاتاتتى ياكى بىرسىنى بوغۇزلىغىلى.
− تاغا، تۈنۈگۈن دادام تۈگەپ كەتتى،−دېدىم.
گۇمانلانغان بولسا كېرەك:
−سەن كىملەرنىڭ ئەۋلادى ئوغلۇم؟−دېدى ئۇ، − بۇ يەرلىك ئەمەسلىكىڭ ئېنىق.
−ئۆگەي دادام بىزنى بۇ يەردە ھېچ قوينىغا ئالمىدى، − دېدىم ۋە ” تاغا، مەككىگە ھەج قىلغىلى كېتىۋاتاتتىم، لېكىن ئاپتوبۇس كېتىپ قالدى، قەرز بېرىپ تۇرساڭچۇ!“ دېسەم بوپتىكەن دەپ ئويلىدىم.
قاراڭغۇلۇققا ئازابتىن ئۆلۈۋاتقاندەك ماڭدىم.
يەنە تۇرۇپلا بىر-ئىككى ئېغىز يالغان گەپ قىلغۇم كەلدى. كېيىن، مەن ھەر قاچان ئىشىنىدىغان GÜVENLIVARAN نىڭ تېلېۋىزور ئېكرانىدا كىچىك، سۆيۈملۈك بىر خانىمنىڭ ئەسكى ئادەملەر توپىغا ماشىنىسىنى رەھىمسىز بىر نىيەتتە ھەيدىگەنلىكىنى كۆرۈش مېنى خېلىلا راھەتلەندۈردى. ئەتىگەندە قارادېڭىز بويىدىكى باققال دۇكىنىدىن ئىستانبۇلدىكى ئانامغا تېلېفون قىلدىم، ئىشلىرىمنى ھەل قىلىپ پەرىشتە كېلىنى بىلەن ئۆيگە قايتماقچى بولۇپ تۇرغىنىمنى ئېيتتىم. يىغلىسا خۇشاللىقتىن يىغلىشى كېرەك. كونا بازاردا بىر تورتخانىدا ئولتۇرۇپ خاتىرىلىرىمنى ئاچتىم، ئىشنى بالدۇرراق تۈگىتىش ئۈچۈن ھېساب-كىتاب قىلدىم.
كىتابنىڭ سامسۇن دىكى ئوقۇرمىنى كوللېكتىپ سۇغۇرتا دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ياش دوختۇر ئىدى. ئۇنىڭ مەلۇم مەھەممەت ئەمەسلىكىنى كۆرە-كۆرمەي —ساقالنى پاكىز ئېلىشىدىن، يېقىملىق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ھالىدىنمۇ ئەيتاۋۇر دەرھال شۇنى چۈشەندىم: بۇ ئادەم كىتابنى مەندەك ئېزىپ-تېزىپ ياشىغانلاردەك ئەمەس، باشقا بىر ساغلام يول بىلەن ھەزىم قىلىپ، كىتاب بىلەن بىرلىكتە ھۇزۇر ۋە ئىشتىياق ئىچىدە ياشاشنى بىلەتتى. ئۇنىڭدىن دەرھال نەپرەتلەندىم. مېنىڭ پۈتۈن ھاياتىمنى ئۆزگەرتكەن، دۇنيايىمنى زىلزىلىگە سالغان بۇ كىتاب بۇ ئادەمگە قانداقچە ۋىتامىن دورىسىدەك ياخشى تەسىر بەردى؟ ناۋادا سەۋەبىنى سوراپ بىلىۋالمىسام، قىزىقسىنغانلىقىمنىڭ دەستىدىن ئۆلۈپ بېرىدىغاندەك قىلاتتىم. مۈرىسى كەڭ، كېلىشكەن بۇ دوختۇرغا كۆزى چوڭ، بەدىنى قوپال، كىم نوۋاكنىڭ ئۈچىنچى سىنىپتىكى ۋاقتىغا ئوخشايدىغان قارامتۇل بىر سېسترا سىنچى كۆزلىرى بىلەن قاراۋاتقاندا، ئۈستەلدىكى دورا كاتالوگلىرى ئارىسىدا دورا كاتالوگلىرىدەك ساختا بىر گۇناھسىزلىق ئىچىدە تۇرغان كىتابنى كۆرسىتىپ گەپنى باشلىدىم.
−ۋاي بۇ دوختۇر ئەپەندى بۇ كىتابنى ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ،−دەپ جاراڭلىق كۈلدى كۈچلۈك، قەتئىي نىيەتلىك”كىم نوۋاك“.
سېسترانىڭ چىقىپ كېتىشىگە دوختۇر ئىشىكنى قۇلۇپلىدى، ئىش كۆرگەن ئادەملەردەك سالاپەت بىلەن ئورۇندۇقىغا كېلىپ ئولتۇردى. تاماكا چېكىشىپ ئولتۇرۇپ ھەممە گەپنى دېيىشتۇق.
ئۇ ئائىلىسىنىڭ تەسىرىدىن بىر مەزگىل دىنغا ئىشىنىپتۇ، ياشلىققا قەدەم قويغان مەزگىلىدە جۈمە كۈنلىرى جامەگە بېرىپتۇ، رامىزاندا روزا تۇتۇپتۇ. كېيىن بىر قىزغا ئاشىق بوپتۇ، شۇ مەزگىلىدە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىپتۇ، ئارقىدىن ماركسىزمچىمۇ بوپتۇ. بۇ بوران-چاپقۇنلار ئىز قالدۇرۇپ چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۆز روھىدا بىر بوشلۇقنى ھېس قىلىپتۇ. بىر دوستىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا كۆرۈپ قالغان بۇ كىتابنى ئوقۇپ ھەممە ئىشى جايىغا چۈشۈپتۇ. ئۆلۈمنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئورنىنى ئەمدى بىلىپتۇ: ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى باغچىدىكى ئەتىۋارلىق بىر دەرەخ، كوچىدىكى بىر دوستتەك قوبۇل قىلىپتۇ، ئىسيانكارلىقىنى تاشلاپتۇ. بالىلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپتۇ. ئۆتمۈشىدە قالغان ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلىرىنى، كەمپۈتلىرىنى، رەسىملىك رومانلارنى ئەسلەپ ئۇنى ياخشى كۆرۈشنىمۇ شۇ يوسۇندا ئۆگىنىپتۇ، تۇنجى كىتابلىرىنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى سۆيگىنىدەك ئورنىنىمۇ بىلىپتۇ. تەلۋە، ھەسرەتلىك ئاپتوبۇسلارنى، ئاجايىپ دىيارنىمۇ ئەسلىدە بالىلىقىدىن بېرى ياخشى كۆرۈپ كەپتۇ. پەرىشتىگە كەلسەك، ئەڭ مۇھىمى، بۇ مۆجىزىلىك پەرىشتىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئەقلى بىلەن چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا چىن قەلبىدىن ئىشەنگەنىدى. مانا بۇ بىرلىشىشتىن كېيىن پەرىشتىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېلىپ ئۆزىنى تاپىدىغانلىقىنى ۋە بىرلىكتە يېڭى بىر ھاياتقا يۈكسىلىدىغانلىقلىرىنى، مەسىلەن، گېرمانىيىدە ئىش تاپالايدىغانلىقىنى بىلگەنىدى.
ئۇ بۇلارنى بىر بەخت رېتسېپى يېزىپ، مېنىڭ قانداق شىپالىق
تاپىدىغانلىقىمنى چۈشەندۈرۈۋاتقاندەك سۆزلىدى. رېتىسېپىنىڭ چۈشىنىشلىك بولغانلىقىغا ئىشەنگەن دوختۇر ئەپەندى ئورنىدىن تۇرغاندا مەندەك بىر ساقايماس كېسەلمۇ ئىشىكتىن چىقماقچى بولۇۋاتاتتى. چىقىۋاتاتتىم، دورىنى تاماقتىن كېيىن ئىچىش كېرەكلىكىنى ئېيتىۋاتقاندەك دېدى:
− مەن كىتاب ئوقۇسام دائىم ئاستىغا سىزىپ ئوقۇيمەن، سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ.
جەنۇبقا قېچىۋاتقاندەك بىرىنچى ئاپتوبۇس بىلەن جەنۇبقا كەتتىم پەرىشتە، قارا دېڭىز بويىغا ئەمدى ئىككىنچى بارمايمەن دېدىم ۋە خۇشال پىلانلىرىم ئىچىدە بۇنداق گۈزەل، قەتئىي خىيالىم باردەك، «جانان ئىككىمىز قارا دېڭىزدا ئەسلىدىنلا بەختلىك بولالمايتتۇق» دەپ ئەسكەرتىپ قويدۇم. دېرىزىنىڭ قاراڭغۇ ئەينىكىدىن قاراڭغۇ يېزىلار، قاراڭغۇ ئېغىللار، مەڭگۈلۈك دەرەخلەر، دەرتمەن بېنزىن ساتقۇچىلار، ئادەم يوق ئاشخانىلار، جىمجىت تاغلار، يۈگۈرەك توشقانلار ئۆتتى. ئاپتوبۇس ئېكرانىدىكى فىلىمدە چىققان ئاق كۆڭۈل، ياخشى نىيەتلىك يىگىتنىڭ ئالدىنىپ قالغانلىقىنى بىلىپ خېلى بىر ۋاقىت ئۆتكەندە، يامان ئادەملەردىن ئاۋۋال ھېساب ئېلىپ ئاندىن ئۇلارغا ئوق ئېتىشقا باشلىغاندا، بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى بۇرۇنلا كۆرگەنىدىم دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە. ئۇ ھەر بىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن ئاۋۋال سوراققا تارتاتتى، يالۋۇرتاتتى، پۇشايمان قىلدۇراتتى، گېپىدىن يېنىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىدىغان دەرىجىدە ئىككىلەندۈرۈپ، ئۇلارنى كەچۈرۈۋەتكەندەك قىلاتتى، شۇ تېنىۋېلىش بىلەن بىرلىكتە بىز تاماشىبىنلارمۇ ئۇ ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك بولغان بىر ئەبلەخنىڭ نەق ئۆزى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا، شوپۇرىمىزنىڭ سەل ئۈستىدىكى ئېكراندىن نىشانلىق ئوق ئاۋازى كېلەتتى. بۇ ۋاقىتتا قان ۋە جىنايەت بىلەن خوشى يوق ئادەمدەك دېرىزىدىن سىرتقا — پەرىشتە ۋە قاملاشقان دوختۇرغا قارىدىم، ماڭا كىتابنىڭ رېتسېپىنى بەرگىنىدە ئۇنىڭ كىملىكىنى نېمىشقا سورىمىغانلىقىمنى ئويلاپ ئوق ئاۋازلىرى، ماتورنىڭ گۈركىرىشى، چاقنىڭ ۋىژىلدىشى قوشۇلۇپ كەتكەن غەلىتە بىر ناخشىنىڭ مۇڭىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. ناخشا تېكىستى مۇنداق باشلىناتتى:
بىمار ”پەرىشتە كىم؟“ دەپ سورىغاندا ،”پەرىشتىنى دەمسەن؟— دەيتتى دوختۇر ۋە مەغرۇر ئادەملەردەك خاتىرجەملىك بىلەن بىر خەرىتە چىقىرىپ ئۈستەلگە ياياتتى ھەمدە بىچارە بىمارنىڭ رېنتېگىن نىگاتىۋىدا ئۈمىد قالمىغان ئىچكى ئەزالىرىنى كۆرسىتىۋاتقاندەك،— بۇ يەر مەنە داۋىنى، بۇ يەر تەڭداشسىز پەيت شەھىرى، بۇ يەر پاكلىق ۋادىسى، بۇ يەر بالا-قازا نۇقتىسى بولسا، ئۇ چاغدا قارا، بۇ يەر جەزمەن ئۆلۈم“ دەيتتى.
دوختۇر، كىشىلەر پەرىشتە بىلەن ئۇچرىشىشنى ئارزۇلىغىنىدەك، ئۆلۈم بىلەنمۇ ئاشىقلارچە ئۇچرىشىشى كېرەكمۇ؟
قولۇمدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسەن، ئىكىزلى ناھىيە بازىرىدا كىتابنى ئوقۇغان گېزىتچى خوجايىن بىلەن كۆرۈشۈشۈم كېرەك: ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ ئون مىنۇتتىن كېيىن ئۇنى بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دۇكىنىدا جاناننىڭ سۆيگۈنىگە ھېچ ئوخشىمايدىغان پاكار، يوغان ۋە سېمىز بەدىنىنى كۆڭلىكىنىڭ ئۈستىدىن راھەت بىلەن قاشلاۋاتقاندا كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن مەن— كەسكىن، چەبدەس رازۋېتچىك ئون مىنۇت كېيىنكى تۇنجى ئاپتوبۇس بىلەن بۇ شەھەرنى تەرك ئەتتىم. تۆت سائەت ئىچىدە ئىككى ئاپتوبۇس ئالمىشىپ بارغان ۋىلايەت مەركىزىدىكى گۇمانلىق ئادىمىم بولسا مېنى بايىقىسىدىن ئازراق ئاۋارە قىلدى: چۈنكى گاراژنىڭ دەل ئۇدۇلىدىكى ساتىراشخانىدا ئىشچان خوجايىن بىرىنىڭ ساقال-بۇرۇتىنى ئېلىۋاتقاندا، ئۇ بىر قولىدا ئەخلەت ئالغۇچ، يەنە بىر قولىدا پاكپاكىز بىر پەرتۇقنى تۇتقان ھالدا ئاپتۇبۇستىن چۈشكەن بىز بەختلىك يولۇچىلارغا غەمكىنلىك بىلەن قارايتتى. ئىچىمدە ”كەل قېرىندىشىم ئاپتوبۇسقا، ئەڭ نامەلۇم دۆلەتلەرگە بىللە كېتەيلى!“ دېگۈم بولسىمۇ، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم، ئىلھام پەرىسى مېنى تەرك ئەتمەستە بۇ ئىشنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىگىچە بېرىپ باققۇم بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭدىن بىر سائەت كېيىن يېتىپ بارغان ناھىيىدە شۈبھىلىك بىر ساياقتىن ئىنتايىن گۇمانلانغىنىم ئۈچۈن ئامالسىز ئۇنىڭ دۇكىنىدىكى كونا قەپەسلەرنى، پانۇسلارنى، قايچىلارنى، گۈل دەرىخىدىن ياسالغان تۇۋاقلارنى(ئەمما ھەيران قالغۇدەك ئىش) تەكشۈرۈپ چىقتىم؛ مەن ئىزدىگەن دەردمەن خەۋەرچىنىڭ ئۆيىنىڭ ئارقا بېغىدىكى قاراڭغۇ قۇدۇققا ساڭگىلىتىپ قويغان پەلەيلەرنى، كۈنلۈكلەرنى، يەلپۈگۈچلەرنى ۋە Browning ماركىلىق بىر تاپانچىنى تەھلىل قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. كۆڭلى سۇنۇق ۋە چىشى سۇنۇق باي دوكتور نارىنغا بولغان ھۆرمەت ۋە قايىللىقنىڭ نازۇك ئىپادىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بىر Serkisof سائەتنى ھەدىيە قىلدى. ئازادلىق كۈنى ئۈچۈن ئۈچ ئاغىنىسى بىلەن بىللە جۈمە نامىزىدىن كېيىن تورتخانىنىڭ ئارقىسىدىكى ئۆيدە قانداق تېپىشقانلىرىنى سۆزلەۋاتقاندا بىردىنلا، ئاخشامنىڭلا ئەمەس، كۈز پەسلىنىڭمۇ قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا كېلىپ قالغىنىنى ئويلىدىم. قاپقارا ۋە پاكار بۇلۇتلار كاللامغا كىرىۋالغاندا ياندىكى ئۆينىڭ بىر ھۇجرىسىدا لامپا ياندى، بىر دەمدە كۈز ياپراقلىرى ئارىسىدىن يېرىم يالىڭاچ بىر ئايالنىڭ بەستلىك، بالرەڭ مۈرىلىرى دېرىزىدە قورقۇنچلۇق بىر كۆرۈنۈپ قويۇپ يوقالدى. ئاندىن كېيىن ئۇپۇقتا چاپتۇرۇلغان تۇلپارلارنى، پەرىشتىنى، ئالدىراڭغۇ جانىۋارلارنى، بېنزىن قاچىلاش پومپىلىرىنى، بەخت خىياللىرىنى، ئۆچۈرۈلگەن كىنولارنى، باشقا يۆنىلىشتىكى ئاپتوبۇسلارنى، باشقا ئىنسانلارنى، باشقا ناھىيە بازارلىرىنى كۆردۈم.
شۇ كۈنى، خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن مەھەممەتنىڭ يوقلۇقىنى بىلگەندە نېمىلا بولسا ماڭا كۆڭۈلسىزلىكتىن كۆرە چوڭ ئۈمىد بەرگەن بىر ئۈنئالغۇ لېنتىسى ساتقۇچى بىلەن ساتقان نەرسىلەر ئاتا قىلغان خۇشاللىق، ئۆتكۈنچى يامغۇرلار، مەن يېڭى كەلگەن ناھىيە بازىرىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر ھەققىدە ئەزۋەيلەشتۇق، قايغۇلۇق پويىز گۈدۈكىنى ئاڭلاپ ئالدىرىدىم: ئىسمىمۇ ئېسىمدە قالمىغان بۇ ناھىيىنى تەرك ئېتىپ، يەنە بىر ئاپتوبۇس مېنى ئېلىپ بارىدىغان سۆيۈملۈك قاراڭغۇ كېچەمگە قايتىشىم كېرەك ئىدى.
پويىز گۈدۈكى كەلگەن تەرەپكە — بېكەتكە قاراپ كېتىۋاتقىنىمدا، بىر يەرگە توختىتىپ قويۇلغان پارقىراپ تۇرىدىغان بىر ۋېلىسىپىتنىڭ ئەينىكىدە پىيادىلەر يولىدا كېتىۋاتقان ئۆزۈمنى كۆردۈم: تاپانچام يوشۇرۇلغان، يېڭى سېتىۋالغان سۆسۈن رەڭ چاپىنىم، يانچۇقۇمدا دوكتور نارىنغا ھەدىيە قىلىنغان Serkisof، پاچىقىمغا چىڭ كەلگەن پادىچى شىمى ، كارغا كەلمەس قوللىرىم، ئۆتكۈنچى قەدەملىرىم… شۇ ئەسنادا دۇكانلار، ئەينەكلىك رامكىلار بارا-بارا يوقىلىپ باردى، كېچىنىڭ قوينىدا بىر مەيداندا سېركچىلەر چېدىرىنى، چېدىر ئىشىكىنىڭ ئۈستىدە بىر پەرىشتە رەسىمىنى كۆردۈم. پەرىشتىنىڭ رەسىمى— پارس زىننەتلىك رەسىملىرى بىلەن يەرلىك فىلىم چولپانلىرىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى ئىدى، شۇنداقتىمۇ يۈرىكىم دۈپۈلدەپ كەتتى. قاراڭ ئەپەندى، دەرس تاشلىغان ئوقۇغۇچى ھەم تاماكا چېكىدۇ ھەم يوشۇرۇنچە سېرك كۆرگىلى كىرىدۇ.
بېلەت ئېلىپ، چېدىرغا كىرىپ ئولتۇردۇم، سېسىقچىلىق، تەر ۋە توپىنىڭ پۇرىقى ئىچىدە ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇماقچى بولۇپ كۈتۈشكە باشلىدىم. تېخىچە قىسىمغا قايتمىغان تەلۋە ئەرلەرنى، ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەرنى، قېرىلار ۋە دەردمەنلەرنى، بىر-ئىككى بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ بەلكىم بۇ يەرگە خاتا كىرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلارنى كۆردۈم. چۈنكى بۇ يەردە تېلېۋىزورلاردا مەن كۆرگەن ئاجايىپ سېركچىلەر، ۋېلىسىپىت مىنىدىغان ئېيىقلار، يەرلىك سېھىرگەرلەر يوق ئىدى. بىر ئادەم قاسماق، كۈلرەڭ بىر پەردىنىڭ ئاستىدىن بىر رادىئونى ئالدى، ئاندىن رادىئودا مۇزىكا ئاڭلاندى. بىر قەدىمىي ناخشىنى ئاڭلىدۇق، شۇ ئەسنادا ئىچكىرىسىدىن چىققان ياش ئايال ئۇ ناخشىنى ئېيتىپ، ئاندىن ھەسرەتلىك ئاۋازى بىلەن ئىككىنچىسىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. بېلەتلىرىمىز نومۇرلۇقمىش، نومۇرلار لاتارىيىگە ھېسابمىش، سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشىمىز كېرەك ئىكەن، بىزگە شۇنداق دېدى.
بايا ناخشا ئېيتقان ئايال يەنە كۆرۈندى، ئەمدى ئۇ بىر ”پەرىشتە“ بولغانىدى، ئۇ كۆزلىرىنىڭ چۆرىسىگە خۇمار كۆز كۆرسىتىدىغان سىزىقلارنى سىزغانىدى. ئۇچىسىدا ئانام سۈرەييا دېڭىزى ساھىلىدا كىيىدىغان، بەدەننى خېلى ياپىدىغان سۇ ئۈزۈش كىيىمى بار ئىدى. ئۇ غەلىتە بىر كىيىم ئىدى، مەن شارپا ياكى چوڭ ياغلىق دەپ ئويلىغان نەرسىنىڭ ئۇنىڭ بوينىغا يۆگەپ، زىبا مۈرىلىرىنىڭ ئىككى يېنىدىن ساڭگىلاتقان بىر يىلان ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. كۆرۈپ باقمىغان ئاجايىپ نۇرنى كۆرۈۋاتاتتىم، يا بولمىسا بۇ نۇرنى كۈتۈۋاتقان بولغىيمىدىم، بەلكىم شۇنداق ئويلىدىم. ئۇ يەردە، ئۇ چېدىرنىڭ ئىچىدە پەرىشتە ۋە ئۇنىڭ يىلىنى ھەمدە باشقا 20− 25 ئادەم بىلەن بىرلىكتە بولۇشتىن شۇنچىلىك بەختىيارلىق سەزدىمكى، كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كېتەمدىكىن دېدىم.
ئاندىن ئۇ ئايال يىلان بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا يادىمغا بىر نەرسە كەلدى. ئىنسان ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بۇرۇنقى بىر ۋاقىتنى بەزىدە تۇيۇقسىز ئەسلەپ قالىدۇ، بۇنى نېمىشقا ئەمدى ئەسلەپ قالدىم دەپ ئۆزىدىن سورايدۇ، كاللىسى قوچۇلىدۇ، مەنمۇ شۇنداق بىر نەرسىنى ھېس قىلدىم، ئەمما كاللامنىڭ ئېلىشىپ كېتىشىدىن ناھايىتى ھۇزۇرلاندىم. بىر قېتىم، دادام بىلەن رىفقى تاغىنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمىزدا رىفقى تاغا: ”دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىدە بولسىمۇ پويىز بارغانلىكى يەردە ياشىيالايمەن، چۈنكى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال پويىزنىڭ گۈدۈكىنى ئاڭلىيالمايدىغان بىر ھاياتنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايمەن“ دېگەنىدى. ئۇ چاغلاردا بۇ ناھىيە بازىرىدا، بۇ كىشىلەر ئارىسىدا ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە ياشىيالايدىغانلىقىمنى ناھايىتى ياخشى تەسەۋۋۇر قىلالايتتىم. ھېچبىر نەرسە ھەممىنى ئۇنتۇش ئاتا قىلغان ھۇزۇردىن قىممەتلىك بولالماس. يىلان بىلەن كۆڭۈللۈك سۆزلىشىۋاتقان ”پەرىشتە“گە قاراپ ئەنە شۇلارنى ئويلاۋاتاتتىم.
چىراغلار بىردىنلا خىرەلەشتى، ”پەرىشتە“ سەھنىدىن چىقىپ كەتتى. ئارىلىقتا چىراغ يانغاندا ”ئون مىنۇت ئارام“ دەپ ئۇقتۇردى. مەن پۈتۈن ئۆمرۈمنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان يۇرتداشلىرىم بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن سىرتقا چىقاي دېدىم.
قەھۋە رەڭگىدىكى ياغاچ ئورۇندۇقلار ئارىسىدىن چىقىۋاتقاندا، سەھنە دەۋالغان توپا دۆۋىسىدىن ئۈچ-تۆت رەت ئارقىدا ئولتۇرۇپ، «ۋەيرانباغ پوچتىسى»گېزىتىنى ئوقۇۋاتقان بىرسىنى كۆرۈپ يۈرىكىم دۈپۈلدەپ كەتتى. ئۇ مەھەممەت ئىدى، جاناننىڭ يىگىتى، دوكتور نارىننىڭ ”ئۆلگەن“ ئوغلى پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ، دۇنيانى ئۇنتۇغان ھالدا مەن ئىزدىگەن ھۇزۇر بىلەن گېزىتىنى ئوقۇۋاتاتتى.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*