يېڭى ھايات(7)

new life5

13

تالاغا چىقار چىقماي يېنىك بىر شامال گەجگەمدىن كىرىپ، پۈتۈن بەدىنىمنى كېزىپ، تۈكلىرىمنى تىكەنلەشتۈردى. كېلەچەكتىكى يۇرتداشلىرىم گۇمانلىق دۈشمەنلەرگە ئايلاندى. يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقاندا تاپانچامنىڭ يانپىشىمدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاچ، تاماكام بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئىسلاۋاتاتتىم.
قوڭغۇراق چېلىندى، ئىچكىرىگە قارىدىم، ئۇ گېزىتىنى تېخىچە ئوقۇۋاتاتتى. تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىكتە چېدىرغا قايتىپ ئۈچ رەت ئارقىدا ئولتۇردۇم، ”پروگرامما“ باشلاندى، بېشىم ئايلاندى. نېمە كۆرگىنىمنى، نېمە كۆرمىگىنىمنى، نېمە ئاڭلىغىنىمنى، نېمە تىڭشىغىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. كاللامدا بىر گەدەن — ياخشى بىر ئىنساننىڭ چىرايلىق قىرىلغان، كەمتەر گەدىنى بار ئىدى.
خېلىدىن كېيىن سۆسۈن رەڭ بىر خالتىدىن لاتارىيە تارتىلىشىنى كۆردۈم؛ مۇكاپات چىققان نومۇرنى ئاڭلاتتى. چىشلىرى تۆكۈلگەن بىر بوۋاي خۇشاللىق بىلەن سەھنىگە ئېتىلدى. ئۇچىسىغا ھېلىقى سۇ ئۈزۈش كىيىمىنى كىيىۋالغان، كېلىن رومىلى ئارتىۋالغان ”پەرىشتە“ ئۇنى تەبرىكلىدى. شۇ چاغدا چېدىرنىڭ ئىشىكىدە بېلەت كەسكەن ئادەم قولىدا يوغان بىر ئاسما چىراغ كۆتۈرگىنىچە پەيدا بولدى.
− يا رەببىم، يەتتە قەندىللىك سۈرەييا بۇ!− دەپ ۋارقىرىۋەتتى كوماك بوۋاي.
ئارقىدىن بەزى تاماشىبىنلارنىڭ ۋارقىراپ جارقىرىشىدىن، لاتارىيىنىڭ دائىم مۇشۇ ئادەمگە چىققانلىقىنى، ئاسما چىراغنىڭمۇ ھەر ئاخشىمى كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان، يالتىراق ياپقۇچ ئىچىدىكى ئاشۇ بىرلا ئاسما چىراغ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم.
”پەرىشتە“ نىڭ قولىدا ئاۋاز چوڭايتمايدىغان سىمسىز بىر مىكروفون ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە تۇراتتى، ئۇ: ”قانداق تەسىراتتا بولۇۋاتىسىز، تەلەيلىك بولۇش قانداق ئىشكەن، ھاياجانلاندىڭىزمۇ؟ “ دېدى
−بەك ھاياجانلاندىم، بەك بەختلىكمەن، ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن!− دېدى بوۋاي مىكروفونغا قاراپ،− ھايات گۈزەل نەرسە. بارلىق دەرد-ئەلەملەرگە قارىماي، بەختلىك بولۇشتىن ھېچ قورقمايمەن، خىجىلمۇ بولمايمەن.
بىر قانچە كىشى ئۇنى ئالقىشلىدى.
−ئاسما چىرىغىڭىزنى نەگە ئاساي دەيسىز؟− دەپ سورىدى ”پەرىشتە“.
− بۇ ئوبدان بىر ئامەت بولدى،− دېدى بوۋاي ۋە مىكروفونغا دىققەت بىلەن ئېگىلدى،− مەن ئاشىق، مەشۇقۇممۇ مېنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. يېقىندا توي قىلىمىز، يېڭى بىر ئۆيىمىز بولىدۇ، بۇ چىراغنى شۇ يەرگە ئاسىمىز.
ئالقىش ياڭرىدى. ئاندىن” سۆي، سۆي“ دېگەن ئاۋازلارنى ئاڭلىدىم.
”پەرىشتە“ ئۇ بوۋاينى ئىككى مەڭزىدىن ئاستاغىنە سۆيگەندە ھەممە ئادەم جىمىپ قالدى. بوۋاي جىمجىتلىق ئىچىدە ئاسما چىرىغىنى كۆتۈرۈپ غايىب بولدى.
− لېكىن بىزگە ھېچنېمە چىقمايدۇ،− دېدى ئارقىدىن بىرى.
− خەپشۈك،− دېدى ”پەرىشتە“،− ئەمدى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار.
قېرىنى سۆيگەن ۋاقىتتىكى ئاشۇ غەلىتە جىمجىتلىق يەنە باشلاندى.
− كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەرنىڭمۇ تەلىيىڭلار كېلىدۇ، ئۇنۇتماڭلار، سىلەرنىڭمۇ بەختلىك ۋاقتىڭلار كېلىدۇ،— دېدى ”پەرىشتە“،— ئالدىراپ كەتمەڭلار، ھاياتقا قېيدىماڭلار، ھېچكىمگە ھەسەت قىلماي كۈتۈڭلار! ھاياتنى سۆيۈپ تۇرۇپ ياشاشنى ئۆگەنسەڭلار بەختلىك بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭلار كېرەكلىكىنىمۇ بىلىۋالىسىلەر. ئۇ چاغدا يولۇڭلار غايىب بولسۇن-بولمىسۇن، مېنى كۆرەلەيسىلەر، — ئۇ ناز بىلەن بىر قاش ئاتتى، − چۈنكى ئارزۇ پەرىشتىسى ھەر ئاخشىمى بۇ يەردە، كۆڭۈللۈك ۋەيرانباغ بازىرىدا.
ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى سېھىرلىك نۇر ئۆچۈپ، يالاڭ لامپۇچكا ياندى. نىشانىم بىلەن ئارىلىق ساقلاپ تاماشىبىن بىلەن بىللە ئىشىكتىن چىقتىم. شامال كۈچەيگەنىدى. ئوڭ-سولۇمغا قارىدىم، ئالدىدا كىشىلەر توپلىشىۋالغانلىقتىن ئۇنىڭدىن ئىككى قەدەم يىراقلىقتا تۇردۇم.
− قانداقراق، ئوسمان ئەپەندى، بولامدىكەن؟ − دېدى خۇرۇم شەپكىلىك بىر ئادەم.
− ھەئە، ئىشقىلىپ،− دېدى ئۇ، ئاندىن گېزىتىنى قولتۇقلاپ، ناھىت بولۇشتىن قاچقاندەك ئىتتىكلەپ ماڭدى، ئۇنىڭ”مەھەممەت“لىكتىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى، يالغان نام سۈپىتىدە بۇ ئىسىمنى قويۇۋالىدىغانلىقىنى نېمىشقا ئېسىمگە كەلتۈرمىگەن بولغىيدىم؟ ئويلاپمۇ يېتەلمىدىم. ئارقىدا قالدىم، ئۇنىڭ يەنە بىر ئاز يىراقلىشىشىنى كۈتتۈم. ئالدىغا سەل ئېڭىشكەن ئاۋاق گەۋدىسىگە دىققەت بىلەن قارايتتىم. جانان ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالغان خۇمپەر مانا مۇشۇ ئىدى، ئارقىسىغا چۈشتۈم.
ۋەيرانباغ ناھىيىسى مەن كۆرگەن ئون نەچچە ناھىيە ئىچىدە كوچىلىرىدا دەرەخ ئەڭ كۆپ ناھىيە ئىدى. نىشانىم ئىتتىك مېڭىپ بىر كوچا چىرىغىنىڭ ئاستىغا كېلىۋىدى، ئۇ گويا چىرىغى غۇۋا سەھنىگە چىققاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى، ئاندىن ئۇ كاشتان ۋە ئىھلامۇر دەرەخلىرىدىن بىرىگە يېقىنلاشقىنىدا، دىر-دىر تىترەۋاتقان، ياپراقلىق، شاماللىق قاراڭغۇلۇقنىڭ ساراسىملىك قوينىدا غايىب بولۇۋاتاتتى. ناھىيە بازىرى مەيدانىدىن، ”يېڭى دۇنيا كىنوخانىسى“ نىڭ ئالدىدىن، نىشانىمنىڭ ئاق كۆڭلىكىگە سۇس سېرىق، ئاندىن قىزغۇچ، ئاندىن كۆك ۋە قىزىلراق رەڭ بەرگەن تورتخانا، پوچتىخانا، دورىخانا، چايخانىلارنىڭ غۇۋا نىئون لامپىلىرىنىڭ نۇرىدىن ئۆتۈپ، بىر خالتا كوچىغا كىردۇق. ئۈچ قەۋەتلىك ئوخشاش ئۆيلەر، كوچا چىراغلىرى ۋە شىلدىرلاۋاتقان دەرەخلەر نامايان قىلغان مۇكەممەل بىر مەنزىرىنى كۆرۈپ، مەن ئۇ Serkisof، Zenith، Seiko لار ئېرىشىدۇ دەپ ئويلىغان ئىز قوغلاش خۇشاللىقىدىن چۆچۈدۈم ھەمدە ئىشىمنى تۈگىتىش ئۈچۈن نىشانىمنىڭ ئۆزگىچىلىكى يوق ئاق كۆڭلىكىگە تېزراق يېقىنلىشىشقا باشلىدىم.
نېمە بولدىكىن، بىر شاۋقۇن كۆتۈرۈلدى: ئۇ ”سائەت“لەردىن بىرىنىڭ ئارقامدا ئىكەنلىكىنى تويۇقسىز ئويلاپ، ئالدىراپ بىر بۇلۇڭغا يوشۇرۇندۇم. بىر دېرىزە شامالدا سوقۇلۇپ، ئەينىكى جاراڭ-جۇرۇڭ چېقىلىۋىدى، قاراڭغۇلۇقتىكى نىشانىم بىردىنلا كەينىگە يېنىپ تۇرۇپ قالدى، مېنى كۆرمەي يولىنى داۋاملاشتۇرارمىكىن دەپ ئويلاپ، تېخى Waltherىمنىڭ بىخەتەرلىك كونۇپكىسىنىمۇ بىلىپ بولالماي تۇرغىنىمدا، ئۇ ئاچقۇچىنى چىقىرىپ، بىر ئىشىكنى ئېچىپ، ئوخشاش بىنالارنىڭ بىرىدە غايىب بولدى. ئىككىنچى قەۋەتتە بىر دېرىزىنىڭ چىرىغى يانغىچە كۈتتۈم.
كېيىن بىر دەم قارىدىم، دۇنيادا ئۆزۈمنى قاتىللار ۋە بولغۇسى قاتىللاردەك تەنھا ھېس قىلدىم. بىر كوچا نېرىدا ئورۇن ئالغان مەنزىرىگە ھۆرمەت بىلەن باش ئېگىپ تۇرغان ”ئامانلىق مېھمانخانىسى“نىڭ شامالدا ئالدى-كەينىگە لىڭشىپ تۇرۇۋاتقان ئېلان تاختىسىدىكى كەمتەر نىئون خەتلەر ماڭا بىر ئاز سەۋر، ئەقىل، ھۇزۇر، بىر كارىۋات، شۇنداقلا پۈتۈن ھاياتىمنى، قاتىل بولۇش قارارىمنى ۋە جانانىمنى باشقىدىن ئويلاش ئۈچۈن ئۇزۇن بىر كېچە ۋەدە قىلىۋاتاتتى. مېھمانخانىغا ئامالسىز كىردىم ۋە مۇلازىمغا دەپ تېلېۋىزورى بار بىر ياتاق ئالدىم.
ياتاققا كىرىپلا تېلېۋىزور كۇنۇپكىسىنى باستىم، رەڭسىز كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ياخشى قىلىپتىمەن دېدىم ئۆزۈمگە. شۇنداق قىلىپ كېچىنى خەتەرلىك بىر قاتىلنىڭ تەنھالىقى بىلەن ئەمەس، بۇ ئىشنى كىچىك ئىشلار قاتارىدا كۆرۈپ، رەڭسىز دوستلىرىمنىڭ دائىملىق خۇشال جىلۋىلىرى ئىچىدە ئۆتكۈزەتتىم. تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازىنى كۈچەيتتىم. بىر دەمدىن كېيىن قولىدا تاپانچا تۇتقان ئادەملەر بىر-بىرىگە ۋارقىراشقا، ئامېرىكا ماشىنىلىرى ئۇچقاندەك مېڭىپ، ئايلانمىلاردىن قېيىشقا باشلىغاندا راھەتلەندىم ۋە دېرىزىنىڭ سىرتىدىكى دۇنياغا، ئاچچىقى يامان كاشتان دەرەخلىرىگە ھۇزۇرلىنىپ قارىدىم.
شۇ سەۋەبتىن مەن ھېچقانداق يەردە ئەمەس، ھەر يەردە ئىدىم، ماڭا شۇنداق بىلىنىۋاتاتتىكى، دۇنيانىڭ مەۋجۇت بولمىغان مەركىزىدە ئىدىم. بۇ مەركەزدىكى جىمجىت ۋە كۆڭۈللۈك ياتىقىمنىڭ دېرىزىسىدىن مەن ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەمنىڭ ياتىقىنىڭ چىراغ يورۇقى كۆرۈنۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرمەيۋاتاتتىم، ئەمما ئۇنىڭ ھازىر ئۇ يەردە، مېنىڭ بۈگۈن كېچە بۇ يەردە ئىكەنلىكىمدىن مەمنۇن ئىدىم، يەنە كېلىپ تېلېۋىزوردىكى دوستلىرىممۇ بىر-بىرىگە ئوق ئېتىشقا باشلىغانىدى. نىشانىمنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ بىر دەمدىن كېيىن ھاياتنىڭ، مۇھەببەتنىڭ ۋە كىتابنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئويلانماستىن، ئوق ئاۋازلىرىنى ئاڭلاۋېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.
ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۇيۇنۇپ، ساقال-بۇرۇتۇمنى ئالدىم ۋە پۈتۈن مەملىكەتتە يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى سۆزلەۋاتقان تېلېۋىزورنى ئۆچۈرمەي مېھمانخانىدىن چىقتىم. Waltherىمغا قاراپمۇ باقمىدىم، مۇھەببەت ۋە كىتاب ئىشقىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانغان بىر يىگىتكە ئوخشاپ قالغانلىقىمدىن، ياتاقتىكى ئەينەككە ۋە دۇنياغا قاراپ نېرۋاممۇ ئۆرلىمىدى. ئۇچامدىكى سۆسۈن رەڭ چاپىنىم بىلەن، يازلىق تەتىللەردە شەھەرمۇ شەھەر كېزىپ، جۇمھۇرىيەت ۋە چولپانلار قامۇسىنى سېتىشقا تىرىشىۋاتقان ئۈمىدۋار ستۇدېنتلارغا ئوخشىسام كېرەك. ئۈمىدۋار ستۇدېنت چەت ياقىدا نامىنى ئاڭلىغان بىر كىتاب ھەۋەسكارىنىڭ ئىشىكىنى چەككەندە، ئەدەبىيات ۋە ھايات ھەققىدە ئۇزۇن گەپ سېتىشنى ئۈمىد قىلماسمۇ؟ ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرەلمەيدىغانلىقىمنى ئوبدان بىلەتتىم. بىر قەۋەتنىڭ پەلەمپىيىدىن چىقتىم، ئېلېكترونلۇق قوڭغۇراقنى بېسىشىمغا ئۇنىڭدىن جىرىڭلىغان ئاۋاز چىقماي، تورغاينىڭ سايرىشى ئاڭلاندى. ئەڭ ئاخىرقى يېڭىلىقلار ۋەيرانباغ ناھىيە بازىرىغىمۇ يېتىپ بارماقتا ئىدى، قاتىلمۇ ئۆزىنىڭ قۇربانىنى جەھەننەمنىڭ ئۇ چېتىدە بولسىمۇ تاپاتتى. بۇ خىل كۆرۈنۈشلەر كىنولاردا مۇنداق ئورۇنلىناتتى، يەنى قۇربانلار ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغاندەك كەيپىياتتا:”كېلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم“ دەيتتى. ئەمما مېنىڭ ئىشىم ئۇنداق بولمىدى.
ئۇ ھەيران قالدى. ئەمما ھودۇقماي ئادەتتىكىدەك تۇردى. چىرايى ئېسىمدە قالغان ۋە مەن ئويلىغان چوڭقۇر مەنىلەردىن بىر ئاز يىراق بولسىمۇ، قاملاشقان، شۇنداق، بەلكىم كېلىشكەن ئىدى.
− ئوسمان ئەپەندى، مەن كەلدىم،— دېدىم، ئارىنى سۈكۈت باستى.
شۇ پەيتتە ئىككىلىمىز ئېسىمىزگە كەلدۇق. ئۇ مېنى ئىچكىرىگە تەكلىپ قىلغۇسى يوقتەك ماڭا ۋە ئىشىككە خىجىللىق ئىچىدە بىر قاراپ قويۇپ:
− يۈر، سىرتقا بىللە چىقايلى،− دېدى.
ئۇ ئۇچىسىغا ئوق ئۆتىدىغان بىر كۈلرەڭ چاپان كىيدى، بىرلىكتە سىرتقا چىقىپ كوچىغا تەقلىد قىلىنغان كوچىلاردا ماڭدۇق. پىيادىلەر يولىدا گۇمانلىق بىر ئىت بىزگە سەپسالدى، كاشتان دەرىخىنىڭ ئۈستىدىكى قىرغاۋۇللار جىمىقتى. قارا، جانان، بىز ئۇنىڭ بىلەن قانداق يېقىن ئاغىنە بولۇپ كەتتۇق. ئۇنىڭ بوينىنىڭ مەندىن بىر ئاز قىسقا ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلىۋاتاتتىم ۋە مەندەك ئەبلەخلەرنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئۆزگىچىلىكى بولغان مېڭىش ئۇسلۇبىدا — قانداق دېسەم بولىدىكىن، مۈرىلەرنىڭ پەسلەپ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن قەدەملەرنىڭ چەبدەسلىكى ئارىسىدىكى ئۇ تەڭكەشلىكتە— ماڭا يېقىن بىر نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىۋاتاتتىم، ئۇ مەندىن ناشتا قىلغان-قىلمىغانلىقىمنى سورىغاندا ئويلىدىم: ناشتىلىق ئۈچۈن بىر نەرسىلەر يېگەنمىدىم، يەمدىمەن، بېكەتتە بىر قەھۋەخانا بار ئىدى، چاي ئىچەمدىمەن؟
ئۇ بولكىخانىدىن ئىككى دانە ئىسسىق قۇيماق ئالدى، بىر دۇكاندارنىڭ يېنىغا بېرىپ يۈز گرام قوي سۈتى پىشلىقىنى تىلىم-تىلىم كەستۈرۈپ ياغلىق قەغەزگە ئورىغۇزدى. شۇ پەيتتە، سېركچىلەرنىڭ ئۇ يەردىكى ئېلان قەغەزلىرىدىكى ”پەرىشتە“ بىزگە قول پۇلاڭلاتتى. بىر قەھۋەخانىنىڭ ئالدى ئىشىكىدىن كىردۇق، ئۇ ئىككى چاي بۇيرۇدى. ئارقا ئىشىكتىن بېكەتكە قارايدىغان بىر باغچىغا كىرىپ ئولتۇردۇق. كاشتان دەرىخىدىمۇ ياكى تامدىمۇ تۈنىگەن پاختەكلەر بىزگە پەرۋا قىلماي غۇقۇلدىشاتتى. سەھەرنىڭ يېقىملىق سالقىنلىقى، جىمجىتلىق ۋە يىراقتىكى رادىئودا ئاڭلىنار-ئاڭلانماس مۇزىكا ئاۋازى بار ئىدى.
− ھەر ئەتىگىنى ئىش باشلاشتىن ئىلگىرى ئۆيدىن چىقىپ بىر قەھۋەخانىدا چېيىمنى ئىچىمەن، − دېدى ئۇ پىشلاق قېپىنى ئېچىپ، — بۇ يەر باھار پەسلىدە ۋە قىشتا قار ياغقاندا ياخشى بولىدۇ. ئەتىگەنلىرى بېكەتتە قار ئۈستىدە قاغىلارنىڭ مېڭىشلىرىنى، قارلىق دەرەخلەرنى تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن. يەنە مەيداندىكى ”ئۇلۇغ ۋەتەن“ قەھۋەخانىسى ياخشى، مېشى چوڭ، ئوت ياخشى كۆيىدۇ. ئۇ يەردە گېزىتىمنى ئوقۇيمەن، بەزىدە ئوچۇق رادىئونى ئاڭلايمەن، بەزىدە بىكار ئولتۇرىمەن.
يېڭى ھاياتىم رەتلىك، ئىنتىزاملىق، تەرتىپلىك… ئەتىگىنى سائەت توققۇزغا يېقىن قەھۋەخانىدىن قوزغىلىپ ئۆيگە، ئۈستىلىمگە يېنىپ كېلىمەن. توققۇز بولغاندىلا ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، قەھۋەيىمنى تەييارلاپ، بىر نەرسە يېزىشقا باشلايمەن. قىلىۋاتقان ئىشىم كىشىلەرگە ئاددىي كۆرۈنىدۇ، ئەمما دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ: بىر تال پەش ئاتلاپ كەتمەي، بىر ھەرپ، چېكىتنىڭ ئورنىنى خاتا قويماي كىتابنى قايتا-قايتا كۆچۈرۈپ يازىمەن. ھەممە نەرسە پەش، چېكىتلىرىگىچە ئوخشاش بولسۇن دەيمەن. شۇنداقلا بۇ پەقەت ئاشۇ ئىلھام، ئىستەك بىلەن ئورۇنلىنىدۇ. خەقلەر بۇ ئىشىمنى كىتاب كۆچۈرۈش دېيىشى مۇمكىن، ئەمما مېنىڭ ئىشىم ئاددىي ھالدا كۆچۈرۈشتىن ئېشىپ چۈشىدۇ. مەن ئۇنى ھېس قىلىپ، چۈشىنىپ تۇرۇپ، ھەر قېتىمدا ھەر بىر جۈملە، ھەر بىر سۆز، ھەر بىر ھەرپنى ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيىتىدەك يازىمەن. شۇنداق قىلىپ، ھەر ئەتىگىنى سائەت توققۇزدىن چۈش سائەت بىرگىچە بېرىلىپ ئىشلەيمەن، باشقا ھېچ ئىش قىلمايمەن، ھېچقانداق ئىش ماڭا دەخلى قىلمايدۇ. كۆپ ھاللاردا ئەتىگىنى ئىشنى ئوبدان قىلىمەن.
ئاندىن چۈشلۈك تاماق يېيىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىمەن. بۇ بازاردا ئىككى ئاشخانا بار. ئاسىمنىڭ ئاشخانىسىدا ئادەم كۆپ. تۆمۈر يول ئاشخانىسى چوڭ، ھاراق ساتىدۇ. بەزىدە بىرىگە، بەزىدە يەنە بىرىگە بارىمەن. بىر قەھۋەخانىدا پىشلاق، نان يېگەن ۋاقىتلىرىممۇ بولىدۇ، ئۆيدىن چىقمىغان ۋاقىتلىرىمدىمۇ شۇنداق. چۈشتە پەقەت ھاراق ئىچمەيمەن. بەزىدە بىر ئاز ئۇخلىۋالىمەن، ئەھۋال مانا شۇ. مۇھىمى، سائەت ئىككى يېرىم بولغاندىلا ئۈستەلگە يېڭىۋاشتىن ئولتۇرىمەن. كەچ سائەت ئالتە يېرىم، يەتتىگىچە راۋۇرۇس ئىشلەيمەن. ياخشى يازسام يەنە بىر ئاز داۋاملاشتۇرۇپ قالىمەن. كىشى ئۆزىنىڭ يازغىنىنى ياخشى كۆرسە، ھاياتىدىن مەمنۇن بولسا پۇرسەتنى قاچۇرماسلىقى كېرەك، يازالىشىچە يېزىشى كېرەك. ھايات قىسقا، ئىشلار مانا مۇشۇنداق، سەنمۇ بىلىسەن. چېيىڭنى سوۋۇتۇپ قويما.
پۈتۈن كۈن ئىشلىگەندىن كېيىن، يازالىغانلىرىمغا ھەۋەس بىلەن بىر قاراپ قويىمەن، ئاندىن يەنە كوچىغا چىقىمەن. چۈنكى، ئاخشىمى گېزىتلەرنى ۋاراقلىغاندا، تېلېۋىزور كۆرگەندە، يېنىمدا مەن پاراڭ سېلىپ بېرىدىغان بىر-ئىككى كىشى بولسا دەيمەن. يالغۇز ياشىغانلىقىم، يالغۇز تۇرۇشقا نىيەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇنداق يۈرۈشكە مەجبۇرمەن. كىشىلەرنى كۆرۈش، ئۇلار بىلەن پاراڭ سوقۇش، بىر ئاز ئىچىۋېلىش، بىر-ئىككى ھېكايە ئاڭلاش، بىر-ئىككى ھېكايە ئېيتىش، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنى خۇشال قىلىدۇ. كېيىن بەزىدە كىنوخانىغا بارىمەن، بەزىدە تېلېۋىزوردىكى بىر پروگراممىنى كۆرىمەن، قەھۋەخانىدا قارتا ئويناپ قالىدىغان كېچىلىرىممۇ، گېزىت كۆتۈرۈپ ئۆيگە بالدۇر قايتىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ بولىدۇ.
−تۈنۈگۈنمۇ چېدىر تىياتىرخانىسىغا باردىڭ،− دېدىم.
− بۇلار ناھىيىگە بىر ئاي ئاۋۋال كېلىپ تۇرۇپ قالدى. ئاخشاملىرى ئۇ يەرگە يەنە بارىدىغانلار بار.
− ئۇ يەردىكى ئايال، − دېدىم، − گويا ”پەرىشتە“ گە بىر ئاز ئوخشايدۇ.
− پەرىشتە-مەرىشتە ئەمەس، − دېدى ئۇ، − ئۇ بازارنىڭ بايۋەچچىلىرى بىلەن، پۇلنى كۆپ بەرگەن ئەرلەر بىلەن ياتىدۇ، ئۇقتۇڭمۇ؟
ئارىنى بىر سۈكۈت باستى. ”ئۇقتۇڭمۇ؟“ دېگەن گەپ مېنى مەن نەچچە كۈندىن بېرى ئۇ يەردىن بۇ يەرگە ماڭدۇرۇلغان بىر مەستنىڭ كەيپى بىلەن ھۇزۇرلانغان مەسخىرىلىك غەزەپنىڭ راھەت ئورۇندۇقىدىن ئېلىپ، بېكەتكە قارايدىغان باغچىدىكى قاتتىق، راھەتسىز بىر ياغاچ ئورۇندۇقنىڭ بىئاراملىقىغا تاشلىدى.
− كىتابتا يېزىلغان ئىشلار،−دېدى ئۇ،−مەن ئۈچۈن ئەمدى ناھايىتى يىراق بىر ئۆتمۈش!
− ئەمما سەن كۈن بويى ئۇ كىتابنى يېزىۋاتىسەن، − دېدىم دەررۇ جاۋاب بېرىپ.
− پۇل ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن، − دېدى ئۇ.
ئۇ نە بىر زەپەر تۇيغۇسى، نە بىر تارتىنىش بىلەن ئەمەس، بەلكى گويا ئۇنى چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزرە تىلىگەندەك گەپ قىلدى. ئۇ مەن بىلىدىغان پاكىز مەكتەپ دەپتەرلىرىگە كىتابنى قوليازمىسى بىلەن يېڭىۋاشتىن يازىدىكەن. ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەككىز-ئون سائەت ئىشلىگەچكە، بىر سائەتتە ئادەتتە ئۈچ بەت يازالىغاچقا، ئۈچ يۈز بەتلىك كىتابنىڭ بىر قوليازما نۇسخىسىنى ئون كۈندە ئازادە تاماملايدىكەن. بۇ يەردە بۇنداق ئىشلارغا مۇۋاپىق پۇل بېرىدىغان ئادەملەر بارمىش. شەھەر مۆتىۋەرلىرى، ئەنئەنىلىرىگە سادىق كىشىلەر، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلار، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى، ئېتىقادىنى، رىشتىسىنى، سەۋر-تاقىتىنى ماختايدىغانلار، كىتابنى بىر-بىرىدىن كۆرۈپ ياقتۇرغانلار، ”يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازىدىغان“ بىر كىشىنىڭ ئۆز ئارىلىرىدا ھۇزۇر ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىدىن خۇشال بولغانلار…… ھالبۇكى، ئۆزى خالىمىسىمۇ بۇنداق دەسمايىسىز تىجارەتكە پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلاش نەتىجىسىدە( بۇنى دېگۈسى يوقتەك دېدى) ھېچ بولمىغاندا پۈتۈكچىلەر ساھەسىدىكى نامدار شەخس بولۇپ قاپتۇ؛ كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەيدىكەن، قىلغان ئىشىدا (ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش قانداق دېسەم بولار دېدى) بىر ياخشىلىق بار دەپ قارايمىش…
ئۇ بۇلارنى مېنىڭ زورلىشىم بىلەن، كوچىلاپ سورىغان سوئاللىرىم سەۋەبىدىن چۈشەندۈرۈۋاتاتتى؛ بولمىسا ئۆزلۈكىدىن گەپ قىلغۇسى يوق ئىدى. ئۇ خېرىدارلىرىنىڭ، كىتابنىڭ قوليازما كوپىيىسىنى سېتىۋالغان ھەۋەسكارلارنىڭ ياخشى نىيىتى ۋە ئۆزىگە بولغان ھۆرمىتىنى مىننەتدارلىق بىلەن تىلغان ئالغاندىن كېيىن:
− نېمىلا بولسا، − دېدى، − ئۇلارغا بىر خىزمەت بېرىمەن. ئۇلارغا ھەقىقىي بىر نەرسە، يەنى ھەر بىر سۆزى ئىشەنچ، قان، جان بىلەن قولدا يېزىلغان بىر كىتاب بېرىمەن؛ ئۇلارمۇ ماڭا ھالال ئەمگىكىمنىڭ ھەققىنى ئازدۇر-كۆپتۇر بېرىدۇ. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھاياتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ ئاخىر.
جىم بولدۇق. يېڭى قۇيماقلارنى قوي سۈتى پىشلىقى بىلەن قوشۇپ يەۋېتىپ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ خېلىدىن بېرى مۇقىملىشىپ قالغانلىقىنى، كىتابتا ئېيتىلغاندەك، ”ئۆز ئىزىغا چۈشكەنلىكىنى“ كۆرۈۋاتاتتىم. ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش كىتابتىن تەسىرلىنىپ يولغا چىقىپتۇ، ئۆلۈم، مۇھەببەت ۋە پالاكەت بىلەن ئۇچرىشىش ئىزدىنىشلىرى، سەپەرلەر ۋە سەرگۈزەشتلەردىن كېيىن مەن قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق بوپتۇ، ھەممە ئىش يىللارچە شۇ پېتى قالىدىغان تەڭپۇڭلۇقنى، قەلب ھۇزۇرىنى تېپىپتۇ. ئۇ پىشلاق تىلىملىرىنى دىققەت بىلەن چايناۋاتقاندا، ئىستاكىنىنىڭ ئاستىدىكى بىر ئىلىك قېلىنلىقتىكى بىر يۇتۇم چاينى لەززەتلىنىپ ئىچىۋاتقاندا، ئۇنىڭ بۇ كىچىك قول، بارماق، ئېغىز، ئېڭەك ۋە باش ھەرىكەتلىرىنى ھەر كۈنى تەكرارلىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇ بايقىغان تەڭپۇڭلۇقنىڭ ھۇزۇرى ئۇنىڭغا تۈگىمەيدىغان ۋاقىت بەخش ئەتكەنىدى. مەن بولسام ئەندىشىلىك، ئۈمىدسىز ھالدا ئۈستەلنىڭ ئاستىدىكى پۇتلىرىمنى لىكىلدىتىپ ئولتۇراتتىم.
ئىچىمدە تۇيۇقسىز بىر ھەسەت، يامانلىق قىلىش ئىستىكى ئەۋج ئالدى؛ ئەمما تېخىمۇ يامان بىر ئىشنى بايقىدىم. ئەمدى تاپانچامنى ئېلىپ ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئاتسام، يېزىۋېرىپ ئەبەدىيلىك ھۇزۇرىغا ئېرىشكەن بۇ ئادەمگە ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇيۇلاتتى. ئاشۇ توختاپ قالغان ۋاقىتنىڭ ئىچىدە، ئىش باشقىچە بولسا، يولىنى داۋاملاشتۇراتتى. مېنىڭ توختاش بېكىتىنى تونۇمايدىغان ھۇزۇرسىز روھىم بولسا نەدىن نەگە ماڭغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان ھېلىقى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرىدەك بىر يەرلەرگە بېرىش ئۈچۈن تەلپۈنۈپ تۇراتتى.
ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ئىشنى سورىدىم، ماڭا ”ھەئە“، ”ياق“، ”ئەلۋەتتە“ دېگەندەك شۇنداق قىسقا جاۋابلارنى بەردىكى، سوئاللىرىمنىڭ جاۋابلىرىنى ئاۋۋال ئۆزۈمنىڭمۇ بىلىدىغانلىقىمنى ھەر قېتىم ئاڭقىردىم. ئۇ ھاياتىدىن مەمنۇن ئىدى. ھاياتتىن باشقا بىر نەرسە كۈتمەيتتى. ئۇ كىتابنى ھازىرمۇ ياخشى كۆرەتتى ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنەتتى. ھېچكىمگە ئاچچىقلانمايتتى. ھاياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنىدى، ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە چۈشەندۈرمەيتتى. مېنى يۈزتۇرانە كۆرۈپ ئەلۋەتتە ھەيران قالدى. بىر كىمگە بىر نەرسە ئۆگىتەلەيمەن دەپ ئويلىمايتتى. ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە يارىشا بىر تۇرمۇشى بار ئىدى، شۇڭا بارلىق تۇرمۇشلار ئەسلىدە بىر-بىرىگە تەڭداش ئىدى. ئۇ يالغۇزلۇقتىن خۇشاللىناتتى، ئەمما بۇ مۇھىم ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇ كىشىلەردىنمۇ خۇشال بولاتتى. جاناندىنمۇ بەك خۇش بولغانىدى. شۇنداق، ئۇنىڭغا ئاشىقمۇ بولغانىدى. ئەمما كېيىن قېچىپ كېتەلىگەنىدى. ئۇنى تېپىۋالغىنىمغا ھەيران قالمىدى. جانانغا كۆپ سالام ئېيتتى. ھاياتىنى يېزىش ئۇنىڭ قىلىدىغان بىردىنبىر ئىشى ئىدى، ئەمما بۇ بىردىنبىر خۇشاللىقى ئەمەس ئىدى. ھەر كىمگە ئوخشاش بىر ئىشىنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلەتتى، باشقا ئىشلاردىنمۇ خۇشاللىنالايتتى. ئەلۋەتتە، ئۇ ئىشلار جان بېقىشقا يەتكۈدەك پۇل ئەكىلەلىسە ئىدى، ئۇلارنىمۇ قىلاتتى. مەسىلەن، دۇنياغا قاراش، ھەقىقىي مەنىسى بىلەن نەزەر سېلىپراق قاراشمۇ ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىر ئىش ئىدى.
پويىز ئىستانسىسىدا بىر پاراۋوز سىناق قىلىنىۋاتاتتى، قارىدۇق. پاراۋوز پۇرقىرىغان قويۇق ئىسلارنى چىقىرىپ ياشانغان، ھارغىن، ئەمما يەنىلا تىنچ، جاراڭلىق ھۆكۈمەت مۇزىكا ئوركېستىرىدەك تاراق-تۇرۇق ئاۋازلارنى چىقىرىپ ئالدىمىزدىن ئۆتۈۋاتقاندا، بېشىمىز پاراۋۇزغا ئەگەشتى.
كىتابنى قايتا-قايتا كۆچۈرۈپ تاپقان ھۇزۇرنى بەلكىم مەن جانان بىلەن تاپالايمەن، بىر دەمدىن كېيىن تاپانچام بىلەن يۈرىكىنى تېشىۋېتىمەن دەپ ئويلىغان ئادەمنىڭ كۆزلىرىدە (پاراۋوز بادام دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا غايىپ بولغاندا) ھەسرەت پەيدا بولدى. بىردىنلا قېرىنداشلىق تۇيغۇسى بىلەن بۇ كۆزلەردىكى سەبىيلىككە ۋە پەرىشانلىققا قارىغىنىمدا، جاناننىڭ بۇ ئادەمنى نېمىشقا شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشەندىم. چۈشەنگەن نەرسەم ماڭا شۇ قەدەر ھەقىقىي ۋە دەل كەلدىكى، مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن جاناننى ھۆرمەتلىگۈم كەلدى؛ ئەمما بىر دەمدىن كېيىن، ماڭا زىيادە ئېغىر كەلگەن بۇ ھۆرمەتنىڭ ئورنىنى گويا مەن قۇدۇققا دومىلاپ كەتكەندەك ئىچىمگە چۈشكەن ھەسەت ئىگىلىدى.
قاتىل ئۆزىنىڭ قۇربانىدىن بۇ چەت ناھىيىدە ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىش نىيىتىگە كەلگىنىدە يالغان ئىسىم سۈپىتىدە نېمىشقا ”ئوسمان“نى، يەنى قاتىلنىڭ ئىسمىنى تاللىغانلىقىنى سورىدى.
− ئۇقمايمەن، − دېدى ساختا ئوسمان ھەقىقىي ئوسماننىڭ كۆزلىرىدىكى ھەسەت بۇلۇتلىرىنى كۆرمەي. ئاندىن يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ گەپ قاتتى، − سېنى كۆرگەن چېغىمدا ياقتۇرغانىدىم، بەلكىم شۇ سەۋەبتىندۇر.
بادام دەرەخلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ۋە باشقا بىر لىنىيىدىن قايتىۋاتقان پاراۋوزنى ئۇ ھۆرمەتكە يېقىن بىر دىققەت بىلەن كۆزەتتى. قاتىل پاراۋوزنىڭ قۇياش ئاستىدىكى يالت-يۇلت نۇرلىرىغا مەپتۇن بولغان قۇربانىنىڭ شۇ تاپتا پۈتۈن دۇنيانى ئۇنتۇغانلىقىغا قەسەم قىلالايتتى. ئەمما ئۇنداق ئەمەسكەن. سەھەر سالقىنلىقىنى ئاپتاپلىق بىر كۈننىڭ ئېغىرلىقى ئىگىلىگەندە:
− سائەت توققۇزدىن خېلى ئاشتى، — دېدى دۈشمىنىم، — ئۈستەلدە بولۇش ۋاقتىم… سەن نەگە بارىسەن؟
نېمە قىلىپ قويغىنىمنى ئوبدان بىلگەچكە، جىددىي ھەم چارىسىز ، شۇنداقلا مەقسەتلىك ھالدا، ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم بىرسىگە سەمىمىيلىك بىلەن يالۋۇردۇم: يەنە بىر دەم ئولتۇرغانغا نېمە بولىدۇ، يەنە بىر ئاز پاراڭلىشايلى، يەنە بىر ئاز مۇڭدىشايلى.
ئۇ ئەجەبلەندى، بەلكىم بىر ئاز ئەنسىرىدى، ئەمما بىلدى، يانچۇقۇمدىكى تاپانچىنى ئەمەس، نىيىتىمنى بىلدى؛ ماڭا شۇنداق ئىللىق بىر كۈلۈمسىرىدىكى، يانپىشىمدا Waltherنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغاچ ئۇنىڭغا تەڭ تۇرالايدىغان ئىشەنچىم شۇ ھامان يوقالدى. شۇنداق قىلىپ ھاياتنىڭ مەركىزىگە ئەمەس، پەقەت ئۆز مۈشكۈلاتىنىڭ چېگرىلىرىغا بارالىغان تەلەيسىز يولۇچى(مەن) بۇ چېگرىدا ئۇچراپ قالغان بىلىملىك شەيختىن(ئۇنىڭدىن)ھاياتنىڭ، كىتابنىڭ، ۋاقىتنىڭ، ئەسەرنىڭ، پەرىشتىنىڭ، ھەممە نەرسىنىڭ مەنىسىنى سوراشقا ئالدىراپ قالدى.
ئۇنىڭدىن مانا بۇلارنىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سوراۋاتاتتىم، ئۇ بولسا ”مانا بۇلار“ دېيشىمدە نېمىنى كۆزدە تۇتقانلىقىمنى سورايتتى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھەممە نەرسىنىڭ بېشى بولالايدىغان سوئالنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سوراۋاتاتتىمكى، ئۇ سوئالنى ئۇنىڭدىن سورىۋالاي دەيتتىم. ئۇ ماڭا مەن تاپىدىغان نەرسىنىڭ باش-ئاخىرى يوق بىر يەر بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتاتتى. دېمەك، ئۇنىڭدىن سورىۋالغۇدەك سوئالىممۇ يوق ئىدى. ئۇنداقتا نېمە بار ئىدى؟ نېمە ئىكەنلىكى كىشىنىڭ قانداق قارىشىغا باغلىق ئىدى. بەزىدە جىمجىتلىق پەيدا بولىدۇ، كىشى ئۇنىڭدىن بىر نەرسىلەر ئېلىشقا تىرىشىدۇ. بەزىدە، ھازىر بۇ ئىككىمىزدەك، ئەتىگەندە بىر قەھۋەخانىدا چاي ئىچىپ كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىدۇ، پاراۋوزلارنى، پويىزلارنى تاماشا قىلىدۇ، پاختەكلەرنىڭ سايراشلىرىنى ئاڭلايدۇ. بۇلار بەلكىم ھەممە ئىش بولمىسىمۇ، يوق ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇنداقتا باشقا بىر يەردە، شۇنچە ئۇزۇن سەپەردىن كېيىن كۆرگەن يېڭى بىر دىيار يوقمىدۇ؟ نېرىدا بىر يەر بولسا، بۇ يەر ئەسەرنىڭ ئىچىدە ئىدى، ئەمما ئۇ ئەسەردە تاپقىنىنى ئەسەرنىڭ سىرتىدا، ھاياتتا ئىزدەشنىڭ بىھۇدە ئىش ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ بولغانىدى. چۈنكى دۇنيامۇ ھېچبولمىسا ئەسەرگە ئوخشاش چەكسىز، نۇقسانلىق ۋە كەمتۈك ئىدى.
شۇ چاغدا ئۇنىڭدىن ئىككىمىزنىڭ ئۇ كىتابتىن نېمىشقا شۇنچە تەسىرلىنىپ كەتكىنىمىزنى سورىدىم. ئۇ ماڭا بۇ سوئالنى پەقەت ئۇ كىتابتىن تەسىرلەنمەيدىغان بىرسىنىڭ سورايدىغانلىقىنى ئېيتتى. دۇنيادا بۇنداق ئادەملەر كۆپ ئىدى، ئەمما مەن شۇنداق بىرىمۇ؟ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالغانىدىم. چۈنكى جانانغا ئۆزۈمنى ياخشى كۆرسىتىش، كىتابتىكى دىيارنى ۋە دۈشمىنىمنى تېپىش، ئاندىن ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن باسقان يوللىرىمدا ئۆز روھىمنىڭ مەركىزىنى كۆككە سورۇۋەتكەنىدىم. بۇنى ئۇنىڭدىن سورىمىدىم، پەرىشتە، سېنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭنى سورىدىم.
−كىتابتا يېزىلغان ”پەرىشتە“نى پەقەت ئۇچراتمىدىم،− دېدى ئۇ ماڭا،− ئادەم ئۆلۈۋاتقاندا بەلكىم بىر ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن ئۇنى كۆرۈشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى نەقەدەر رەھىمسىز-ھە! ئۇنى ئۆلتۈرەتتىم. ئەمما ھازىر ئەمەس. تېخى پاراڭلىشىشىمىز كېرەك ئىدى. روھىمنىڭ غايىب بولۇپ كەتكەن فوكۇس نۇقتىسىنى تېپىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېغىزىدىن گەپ ئېلىشىم كېرەك. ئەمما مەن كىرىپ قالغان قىيىنچىلىق مەندىن ئاشۇ كېرەكلىك ۋە توغرا سوئاللارنى پەقەت سورىغۇزمايتتى. رادىئو يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئاناتولىيىنىڭ پارچە بۇلۇتلۇق، ئادەتتىكى بىر سەھىرى، ئازادە بېكەتنىڭ جىلۋىلىك يورۇقى، پويىز سۇپىسىنىڭ بىر ئۇچىدا ئۇ يەر-بۇيەرنى تاتىلاپ يۈرگەن ئىككى توخۇ، قول ھارۋىسىدىن بېكەت ئاشخانىسىغا گازسۈيى يېشىكلىرىنى توشۇغاچ پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقان ئىككى شوخ يىگىت، تاماكا چېكىۋاتقان پويىز باشقۇرغۇچى بۇ كۈننىڭ داۋاملىشىۋاتقان مەۋجۇتلۇقىنى ماڭا تولۇق ھېس قىلدۇرۇپ، قالايمىقانلىشىپ كەتكەن كاللامدا ھايات ۋە كىتاب ھەققىدە ياخشى بىر سوئال ئۈچۈن ھېچقانداق زېھنىي كۈچ قالدۇرمىغانىدى.
ئۇزاققىچە جىم بولۇپ قالدۇق. مەن ئۇنىڭدىن قايسى سوئالنى قانداق سورىسام بولار دەپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇ بولسا بەلكىم سوئاللىرىمدىن ۋە مەندىن قانداق قۇتۇلۇشنى ئويلاپ تۇرۇپ قالدى. يەنە تۇردۇق. شۇ چاغدا پالاكەت پەيتى يېتىپ كەلدى. ئۇ چاي پۇللىرىنى تۆلىدى، ماڭا ئېسىلىپ مەڭزىلىرىمدىن سۆيدى. مېنى كۆرۈپ شۇنچە مەمنۇن بولغانىدى! مەن ئۇنىڭدىن شۇنچە نەپرەتلىنەتتىم! ياق، بەلكىم ياخشى كۆرەتتىم. ياق، نېمىشقا ياخشى كۆرگۈدەكمەن؟ ئۆلتۈرەتتىم.
ئەمما ھازىر ئەمەس. ئۇ تەرتىپكە ۋە ئازادىلىككە بويسۇنغان مەنزىرە كوچىسىدىكى چاشقان ئۇۋىسىغا، ئەخمىقانە، بىمەنە ئىشىنى قىلىشقا قايتىشىدا چېدىر تىياتىرخانىسىدىن ئۆتەتتى. مەن تۆمۈريولنى بويلاپ مېڭىپ، ئۇنىڭ قارىسىنى يۈتتۈرمەي يېتىشىپ، ئۇ كىچىك كۆرگەن ئارزۇ پەرىشتىسىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنى ئۆلتۈرەتتىم.
قويۇپ بەردىم، بۇ تەكەببۇر ئادەم كەتسۇن. ئۇنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن جانانغا ئاچچىقىم كېلىۋاتاتتى. ئەمما جاناننىڭ توغرا قىلغانلىقىنى چۈشىنىشىمگە ئۇنىڭ بىچارە، قايغۇلۇق كۆلەڭگىسىگە يىراقتىن قاراپ قويۇشۇم يېتەرلىك بولدى: سىلەر ئوقۇۋاتقان بۇ روماننىڭ قەھرىمانى ئوسمان قانداقمۇ جۈرئەتسىز ۋە بىچارە بولسۇن… ئۇ ئۆزىگە نەپرەتلىنىشكە تىرىشىۋاتقان ئادەمنىڭ بۇنىڭغا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىنتايىن ياخشى بىلەتتى. ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرەلمەيدىغانلىقىمنىمۇ بىلەتتى. قەھۋەخانىنىڭ لىڭشىپ تۇرىدىغان سۇنۇق ئورۇندۇقلىرىدا ئىككى سائەتكە يېقىن دىققەت ۋە ھارغىنلىق بىلەن ئولتۇرۇپ، رىفقى تاغىنىڭ يېڭى ھاياتىمدا ماڭا يەنە قانداق تۇزاقلار قۇرغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئويلىدىم.
چۈشكە يېقىن خىجالەتتىن بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالغان بولغۇسى قاتىلدەك ” ئامانلىق مېھمانخانىسى“ غا خىجالەتتە قايتتىم. مۇلازىمەتچى كاتىپ ئىستانبۇللۇق خېرىدارىنىڭ يەنە بىر كېچە قونىدىغانلىقىدىن بەك خۇش بولدى، ئۇنىڭغا چاي تۇتتى. شۇنداق قىلىپ، ياتاقتىكى يالغۇزلۇقتىن قورققانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسكەرلىك ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇردۇم، گەپ ماڭا كەلگەندە ”قىلىدىغان ھېساب-كىتابىم“ بارلىقىنى، ئەمما ”ئىشنى تېخى پۈتتۈرەلمىگەنلىكىم“ نىلا دەپ قويدۇم.
ياتاققا كىرىپلا تېلېۋىزورنى ئاچتىم: ئېكراندا قولىدا تاپانچا تۇتقان بىر كۆلەڭگە رەڭسىز بىر تامنى ياقىلاپ كېتىۋاتاتتى، بىر بۇلۇڭغا بارار-بارماي نىشانىغا ئوق ئاتتى. بۇ كۆرۈنۈشنىڭ رەڭلىكىنى جانان بىلەن بىر ئاپتوبۇستا كۆرگەنمىدۇق، دېدىم ئۆزۈمگە. كارىۋاتنىڭ قىرىغا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى قاتىللىق كۆرۈنۈشىنى سەۋر بىلەن كۈتۈشكە باشلىدىم. بۇ چاغدا مەن دېرىزىدىن ئۇنىڭ دېرىزىسىگە قاراۋاتاتتىم. ئۇ كۆلەڭگە ئۇ يەردە كىتاب كۆچۈرۈۋاتاتتى ، كۆرگىنىم شۇمىدۇ، ئۇقالمايۋاتاتتىم. ئەمما ئۇ يەردە ئۇنىڭ مېنى غەزەپلەندۈرۈش ئۈچۈن ھۇزۇرلىنىپ خەت يېزىۋاتقىنىنى ئويلىدىم، بىر ھازا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزورغا چۆكۈپ كېتىپتىمەن، ئەمما ئورنۇمدىن قوپقاندا نېمە كۆرگەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالغانىدىم. بىر چاغدا دېرىزىدىن تالاغا يەنە ئۇنىڭ دېرىزىسىگە قاراۋاتاتتىم. ئۇ سەپەر مەنزىلىگە يەتكەن خۇشاللىق نۇقتىسىدا ئىدى، مەن بولسام بىر-بىرىگە ئوق ئېتىشىۋاتقان رەڭسىز كۆلەڭگىلەر ئارىسىدا ئىدىم. ئۇ بىلەتتى، باشقا تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنىدى، ئۇنىڭدا مەندىن يوشۇرۇپ يۈرگەن يېڭى ھايات بىلىمى بار ئىدى، مەندە بولسا جاناننى كەلتۈرۈشنىڭ يېرىم-ياتا ئۈمىدىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى.
بۇ فىلىملەر بۇ مېھمانخانا ياتاقلىرىدا ئۆز بىچارىلىكىگە پاتقان دەردمەن قاتىللارنىڭ ھەسرىتىنى بىزگە نېمىشقا كۆرسەتمەيدۇ ؟ مەن رېژىسسور بولسام ئىدىم، فىلىمىمدە يوتقان-كۆرپىلىرى چۇۋۇلغان كارىۋاتنى، دېرىزىنىڭ سىرى چۈشكەن كېشەكلىرىنى، قاسماق پەردىلىرىنى، بولغۇسى قاتىلنىڭ پۈرلىشىپ كەتكەن كىر كۆڭلىكىنى، سۆسۈن رەڭ چاپىنىنىڭ ئاختۇرۇلغان يانچۇقلىرىنىڭ ئىچىنى، كارىۋىتىنىڭ قىرىدا دولىسىنى چىقىرىپ ئولتۇرۇشىنى، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئانانىزم قىلىش-قىلماسلىقنى قانداق ئويلىغانلىقىنى كۆرسىتەتتىم.
خېلى بىر ھازا كاللامدىكى ئاۋازلار بىلەن شۇ تېمىلاردا ئوچۇق مەجلىس ئاچتىم: گۈزەل، چېچەن ئاياللار نېمىشقا تاپتىن چىققان دەردمەن ئەرلەرگە ئاشىق بولىدۇ؟ قاتىل بولسام ۋە قاتىللىقنىڭ ئىزلىرى ئۆمۈر بويى كۆزلىرىمدىن مەلۇم بولۇپ تۇرسا، ئەجىبا بۇ مېنى پەسكەش ئەردەك كۆرسىتەرمۇ ياكى دەردمەن ئەردەك كۆرسىتەرمۇ؟ جانان مېنى مەن بىر دەمدىن كېيىن ئۆلتۈرىدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرگىنىنىڭ يېرىمىچىلىك بولسىمۇ ھەقىقىي ياخشى كۆرەلەرمۇ؟ مەنمۇ ناھىت مەھەممەت ئوسماندەك، تۆمۈريولچى رىفقى تاغىنىڭ كىتابىنى دەپتەرلەرگە قايتا-قايتا كۆچۈرۈشكە پۈتۈن ئۆمرۈمنى بېغىشلىيالامدىمەن؟
قۇياش مەنزىرە كوچىسىنىڭ كەينىدە غايىب بولۇپ، كوچىلاردا ئۇزۇن سايىلەر بىلەن بىرلىكتە سالقىن ھاۋا ئوغرى مۈشۈكتەك كېزىشكە باشلىغاندىن كېيىن، دېرىزەمدىن ئۇنىڭ دېرىزىسىگە توختىماي قاراشقا باشلىدىم. ئۇنى كۆرەلمەيۋاتاتتىم، كۆرگەندەك قىلاتتىم، كوچىدا ئاندا-ساندا ئۆتكەنلەرگە ئازراق بولسىمۇ دىققەت قىلماي دېرىزىنى، دېرىزىنىڭ ئارقىسىدىكى ئۆينى كۆزىتىۋاتاتتىم، ئۇ يەردە بىرسىنى كۆرگىنىمگە ئىشەنسەم دەيتتىم.
مۇشۇ ھالدا قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. تېخى قاراڭغۇ چۈشمىگەن، ئۇنىڭ ئۆيىدە چىراغ يانمىغانىدى، دېرىزىسىنىڭ ئاستىدا ئۇنى چاقىرىۋاتاتتىم. كۆلەڭگىلىك ئەينەكتە بىرى كۆرۈنۈپ، مېنى كۆرە-كۆرمەي غايىپ بولدى. بىناغا كىردىم، پەلەمپەيلەردىن غەزەپ بىلەن چىقتىم، ئىشىك چېكىلىشكە ھاجەتسىزلا ئېچىلدى، ئەمما ئۇنى كۆرەلمىدىم.
ئۆينىڭ ئىچىگە كىردىم. ئۈستەلگە يېشىل يۇڭ رەخت داستىخان سېلىنغانىدى. ئۈستىدە ئېچىقلىق بىر دەپتەر بىلەن كىتابنى كۆردۈم. قەلەملەر، ئۆچۈرگۈچلەر، تاماكا قېپى، تاماكا كۈللىرى، كۈلداننىڭ يېنىدا قول سائىتى، سەرەڭگە، بىر پىيالە سوۋۇپ قالغان قەھۋە. ئۆمۈر بويى كىتاب كۆچۈرۈشكە مەھكۇم بىر بىچارىنىڭ خۇشاللىق ۋاسىتىلىرى مانا مۇشۇلار ئىدى.
ئۇ ئىچكىرىدىن چىقىپ كەلدى، يۈزىگە قاراشتىن قورققانلىقىمدىن بولسا كېرەك، دەپتەرگە يازغانلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدىم.
− بەزىدە، بىر پەش ئاتلاپ كېتىمەن، − دېدى ئۇ، − بەزىدە بىرەر سۆزنى، بىرەر ھەرپنى خاتا يازىمەن… ئۇ چاغدا قەتئىي نىيەت ۋە مۇھەببەت، قىزغىنلىق بىلەن يېزىشقا كىرىشەلمىگەنلىكىمنى بىلىپ ئىشنى تاشلايمەن، ئاشۇ قىزغىنلىق بىلەن يېزىشقا يەنە كىرىشىشىمگە بەزىدە نەچچە سائەت، نەچچە كۈن كېتىدۇ. مەن ھېس قىلمىغان، كۈچىنى ئىچىمدە بىلىپ يېتەلمىگەن بىر سۆزنى يازغۇم كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىلھامنى سەۋر بىلەن كۈتىمەن.
− ماڭا قارا، − دېدىم ئۆزۈم توغرۇلۇق ئەمەس، باشقا بىرى ھەققىدە گەپ قىلىۋاتقاندەك سوغۇققانلىق بىلەن،− ئۆزۈم بولالمايۋاتىمەن، ھېچقانداق نەرسە بولالمايۋاتىمەن. ماڭا ياردەم قىل. ياردەم قىلغىنكى، سېنىڭ يازغىنىڭنى، بۇ ئۆينى، كىتابنى كاللامدىن چىقىرىپ تاشلاي، بۇرۇنقى ھاياتىمغا ھۇزۇر بىلەن قايتاي.
ئۇ ھاياتنىڭ ۋە دۇنيانىڭ مەركىزىگە نەزەر تاشلىيالىغان پىشقان كىشىلەردەك، مېنى چۈشەنگەنلىكىنى ئېيتتى. ھەممە ئىشنى چۈشەنگىنىگە بەلكىم ئىشىنەتتى. ئۇنى نېمىشقا شۇ چاغدا ئاتمىدىم؟ چۈنكى ئۇ:
− تۆمۈر يول ئاشخانىسىغا بېرىپ پاراڭلىشايلى، − دېدى.
ئاشخانىدا ئولتۇرغىنىمىزدا ئۇ ماڭا سائەت 9 غا 15 مىنۇت قالغاندا پويىز بارلىقىنى ئېيتتى. مېنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن ئۇ كىنوغا باراتتى. دېمەك، ئۇ مېنى ماڭغۇزۇۋېتىشنى بۇرۇنلا ئويلاپ قويغانىدى.
− جانان بىلەن تونۇشقان چېغىمدا ئۇ كىتابنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشتىن، تارقىتىشتىن ۋاز كەچكەنىدىم، — دېدى ئۇ، − ھاياتىمنىڭ باشقىلارنىڭكىدەك نورمال ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. باشقىلاردىن ئارتۇق نەرسە پەقەت شۇ كىتابىملا ئىدى. ئۇ كىتاب ماڭا نامايان قىلغان دۇنياغا بېرىش ئۈچۈن باشتىن كەچۈرگەنلىرىمدىن كۆپ ھاسىلات قالاتتى. ئەمما جانان مېنى كۆيدۈردى. مېنى يېڭى ھاياتقا ئېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تېخىمۇ يوشۇرۇن بىر يەردە، مەندىن يىراقتا، مەن بىلىدىغان، ئەمما ئۇنىڭغا ئېيتمىغان بىر باغ بارمىش، بۇنى ئۇنىڭدىن يوشۇرۇپتىمىشمەن. ئۇ باغنىڭ ئاچقۇچىنى ئۇ مەندىن شۇنداق بىر ئىشەنچ بىلەن سورىدىكى، ئۇنىڭغا كىتاب ھەققىدە گەپ قىلىشقا، ئاندىن كىتابنى بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم. كىتابنى ئوقۇدى، قايتا-قايتا ئوقۇدى. ئۇنىڭ كىتابقا خۇمارلىقىغا، ئۇنىڭدا كۆرگەن دۇنيانى كۈچلۈك تەلەپ قىلىشىغا ئالداندىم. شۇنداق قىلىپ، بىر مەزگىل ئۇ كىتابنىڭ جىمجىتلىقىنى، ئۇنىڭدا يېزىلغان نەرسىنىڭ — قانداق دېسەم بولار؟— ئۆزىنىڭ ئىچكى مۇزىكىسىنى ئۇنتۇدۇم. ئۇ كىتابنى گويا دەسلەپتە ئوقۇغان كۈنلىرىمدىكىدەك كوچىلاردا، يىراق يەرلەردە، نېمىلا بولسا بىر يەردە ئاڭلاپ قېلىش ئۈمىدىگە ئەخمەقلەرچە ئەسىر بولدۇم. ئۇ كىتابنى باشقىلارغا بېرىش شۇ چاغدا ئۇنىڭ پىكرى ئىدى. سېنىڭ ئۇ كىتابنى ئوقۇشۇڭ، ئۇنىڭغا دەرھال ئىشىنىپ كېتىشىڭمۇ مېنى قورقۇتتى. كىتابنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتاتتىم، بۇنىڭغىمۇ شۈكۈر، مېنى ئۇلار ئېتىپ يارىلاندۇردى.
تەبىئىيكى، كىتابنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭدىن سورىدىم.
− ياخشى بىر كىتاب بىزگە پۈتكۈل دۇنيانى ئەسلىتىدىغان نەرسىدۇر، − دېدى ئۇ، − بەلكىم ھەممە كىتاب شۇنداقتۇر، شۇنداق بولۇشى كېرەك، − بىر ئاز تۇرۇۋالدى، − كىتاب كىتابنىڭ ئۆز ئىچىدە بولمىغان، ئەمما مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۈزلۈكسىزلىكىنى مەن كىتابنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق ھېس قىلغان نەرسىنىڭ پارچىسىدۇر،− دېدى، ئەمما گەپلىرىدىن ئۆزىنىڭ ئانچە مەمنۇن ئەمەسلىكىنى بىلىۋاتاتتىم، − كىتاب دۇنيانىڭ جىمجىتلىقىدىن ياكى شاۋقۇن-سۈرەنلىرىدىن چىقىرىلغان نەرسە بەلكىم، ئەمما ئۇ جىمجىتلىقنىڭ ۋە شاۋقۇن-سۈرەننىڭ ئۆزى ئەمەس.
بىمەنە گەپ قىلىۋاتقىنىنى پەملىيەلىگەنلىكىم ئۈچۈن، ئاخىرقى قېتىم چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى:
− بىر ياخشى كىتاب مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار، مەلۇم بىر يوقلۇق ۋە ئۆلۈم ھادىسىسى چۈشەندۈرۈلىدىغان ئەسەرنىڭ پارچىسىدۇر… ئەمما تەسۋىرلەرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى بەختلىك ماكاننى ئەسەر ۋە كىتابنىڭ سىرتىدىن ئىزدەش بىھۇدە ئاۋارىچىلىق.
بۇنى ئۇ كىتابنى قايتا-قايتا كۆچۈرۈۋاتقاندا بايقىغانلىقىنى، بىلگەنلىكىنى، ياخشى بىلگەنلىكىنى ئېيتتى. يېڭى ھاياتنى ۋە ئۇ دىيارنى ئەسەردىن باشقا يەردە ئىزدەش بىكار ئاۋارىچىلىق ئىدى. مۇشۇنداق قىلغىنى ئۈچۈن جازالىنىشقا رازى بولغانىدى.
− ئەمما قاتىلىم يارىماس چىقتى، مېنى پەقەت مۈرەمدىن يارىلاندۇردى.
ئۇ مىنبۇس بېكەتلىرىنىڭ بىرىدە ئوق يېگەندە ئۇنى تاشقىشلانىڭ بىر دېرىزىسىدىن كۆرگىنىمنى ئېيتتىم.
− ئۇزۇن تەتقىقاتلىرىم، ساياھەتلىرىم، ئاپتوبۇستا قىلغان سەپەرلىرىم ئۇ كىتابقا قارشى بىر سۇيىقەستچى تەشكىلاتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ماڭا بىلدۈردى،− دېدى ئۇ، −ئۇچىغا چىققان بىر ساراڭ ئۇ كىتابقا تېزلا خۇمار بولۇپ قالغان ئادەمنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۈزمەكچى. ئۇ كىم، نېمىشقا مۇشۇنداق قىلىدۇ، بىلمەيمەن. لېكىن ئۇنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى بۇ كىتاب توغرۇلۇق باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلەشمەسلىك نىيىتىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. بىر كىمنىڭ بېشىنى بالاغا تىققۇم ھەم بىر كىمنى ئازدۇرغۇم يوق. جاناندىن قاچتىم. ئۇ ئىنتىلگەن دىيارنى تاپالمايدىغانلىقىمىزنى بىلگىنىمدەك، كىتابتىن چېچىلغان ئۆلۈمنىڭ نۇرىغا مەن بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭمۇ تۇتۇلىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشەنگەنىدىم.
ئۇنى بىردىنلا ھەيران قالدۇرۇش، ئۇ ماڭا بەرمىگەن، مەندىن يوشۇرغان بىر ئۇچۇرنى بىر ھۇجۇم بىلەن ئۇنىڭدىن ئېلىش ئۈچۈن تۆمۈريولچى رىفقى تاغىنىڭ گېپىنى چىقاردىم. كىتاب ئاپتورىنىڭ شۇ ئادەم بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتىم. بالىلىق ۋاقتىمدا ئۇنى تونۇيدىغانلىقىمنى، ئۇ يېزىپ ھەم سىزغان رەسىملىك رومانلارنى مەستانىلارچە ئوقۇيدىغانلىقىمنى دەپ بەردىم. ئۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇ رەسىملىك رومانلارنى، مەسىلەن «پېرتېۋ بىلەن پېتىر»نى قايتا بىر قېتىم دىققەت بىلەن كۆرۈپ چىققانلىقىمنى، ناھايىتى كۆپ مەزمۇنلارنىڭ ئاۋۋال شۇ كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرگىنىمنى ئېيتتىم.
− بۇ سېنىڭ كەيپىڭنى ئۇچۇردىمۇ ؟
− ياق،− دېدىم ئۇنىڭغا، − ماڭا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىڭنى دەپ بەر.
ئۇنىڭ دېگەنلىرى Serkisof يەتكۈزگەن ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى مەنتىقىلىق ھالدا تولۇقلايتتى. ھېلىقى كىتابنى ئۇ كۆپ قېتىم ئوقۇغاندىن كېيىن بىر قېتىم بالىلىقىدا ئوقۇغان رەسىملىك رومانلارنى ئوقۇغاندەك بوپتۇ؛ كۇتۇپخانىلارغا بېرىپ شۇ ژۇرناللارنى ئېلىپ بەزى ھەيران قالارلىق ئوخشاشلىقلارنى ئېنىقلاپتۇ ھەمدە يازغۇچىنىڭ كىملىكىنى تېپىپ چىقىپتۇ. تۇنجى قېتىم، رىفقى تاغىنىڭ خوتۇنىنىڭ كاشىلىسى تۈپەيلىدىن رىفقى ئەپەندى بىلەن ناھايىتى قىسقا كۆرۈشەلەپتۇ. ئىشىك تۈۋىدىكى بۇ كۆرۈشۈش ئەسناسىدا رىفقى ئەپەندى ئالدىدىكى بۇ ناتونۇش يىگىتنىڭ ئۇ كىتابقا قىزىقىپ قالغىنىنى سېزىپلا گەپنى ئۈزمەكچى بوپتۇ، مەھەممەت چىڭ تۇرۇۋالغانلىقتىن، ئەمدى ئۆزىنىڭ بۇ ئىش بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇ يەردە، ئىشىك ئالدىدا ياش ھەۋەسكار بىلەن قېرى يازغۇچىنىڭ ئارىسىغا كىرگەن خوتۇنى ئېرىنى ئۆيىگە تارتىپتۇ، تەكلىپ قىلىنمىغان مېھماننى قارىتىپ قويۇپ ئىشىكىنى تاقاپتۇ.
− شۇنداق مەيۈسلەندىمكى، ھەتتا بۇنىڭغا زادى ئىشەنمىدىم، − دېدى ناھىت، مەھەممەت ياكى ئوسمان دەپ ئاتىشىمنى ئۇقالمىغان دۈشمىنىم، − بىر چاغدا مەھەللىگە بېرىپ ئۇنى يىراقتىن كۆزەتتىم. كېيىن يەنە بىر قېتىم جۈرئەتلىنىپ ئۇنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم.
رىفقى ئەپەندى بۇ قېتىم ئۇنى تونۇشلارچە قارشى ئاپتۇ، ئۇ كىتاب بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئەمما جاھىل يىگىت بىلەن بىللە قەھۋە ئىچەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. نەچچە يىللار ئاۋۋال يېزىلغان بۇ كىتابنى ئۇنىڭ نەدىن تېپىپ ئوقۇغانلىقىنى سوراپتۇ، ئوقۇيدىغان نۇرغۇن ئېسىل كىتابلار تۇرسا نېمىشقا بۇ كىتابنى تاللىغانلىقىنى بىلگۈسى كەپتۇ ، ئەجىبا بۇ يىگىت قايسى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدۇ، كېيىنچە ھاياتىدا نېمە قىلماقچى، دېگەنلەرگە قىزىقىپتۇ.
−بىر قانچە قېتىم ماڭا كىتابنىڭ سىرلىرىنى ئېيتىپ بېرىشىنى دېسەم گېپىمگە زادى قۇلاق سالمىدى،− دېدى بىر چاغلاردىكى مەھەممەت، − شۇنداق قىلغىنىمۇ توغرىكەن، ماڭا بەرگۈدەك ھېچبىر سىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئەمدى بىلىۋاتىمەن.
ئۇ چاغلاردا بۇنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. ئۇ بوۋاي بولسا شۇ كىتاب تۈپەيلىدىن بالاغا قالغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ، سوتچىلارنىڭ ئۆزىنى ئاۋارە قىلغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە ”بۇنىڭ ھەممىسى بالىلارنى ئوينىتىپ خۇشال قىلغىنىمدەك، بەلكىم بىر قانچە چوڭ ئادەمنىمۇ ئوينىتىپ خۇشال قىلارمەن دەپ يازغان بىر كىتابىم تۈپەيلىدىن بولدى“ دەپتۇ. بۇ گېپى يەتمىگەندەك، رىفقى تاغا يەنە:”ئۆزۈمنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن يازغان بىر كىتابىم تۈپەيلىدىن پۈتۈن ھاياتىمنىڭ نابۇت بولۇشىنى ئەلۋەتتە خالىمايمەن“دەپتۇ. سوتچىغا ئۇ كىتابنى قايتا نەشر قىلدۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى دەۋاتقاندا، ئۇ بوۋاينىڭ قانچىلىك ھەسرەت چەككەنلىكىنى غەزەپلىك ناھىت شۇئان بايقىماپتۇ، ئەمما ھازىر ناھىت ياكى مەھەممەت ئەمەس، ئوسمان بولۇۋالغان چېغىدا بۇ دەرد-ئەلەمنى شۇنچىلىك ئوبدان چۈشىنىپتۇكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا قىلغان تەلۋىلىكىنى ھەر قېتىم ئەسلىگەندە نومۇس قىلىدىكەن.
ناھىت ئاشۇ كىتابقا ئىشەنچ بىلەن باغلىنىپ قالغان ئادەتتىكى ياشلاردەك، ئۇ پېشقەدەم يازغۇچىنى مەسئۇلىيەتسىز، يالغانچى، خائىن، قورقۇنچاق دەپ ئەيىبلەپتۇ. ”ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن تىترەپ تۇرۇپ ۋاقىراپ-جارقىرايتتىم، ئۇ بولسا مېنى چۈشىنەتتى، ئاچچىقلىنىپمۇ قويمايتتى“. بىر چاغدا رىفقى تاغا ئورنىدىن تۇرۇپ: ” بىر كۈنى چۈشىنىپ قالىسىز، ئەمما ئۇ چاغدا بەرىبىر ھېچ ئىشقا يارىمىغۇدەك قېرىپ كەتكەن بولىسىز“ دەپتۇ.
− چۈشەندىم. ئەمما بۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالالىغان-ئالالمىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، − دېدى جانان تەلۋىلەرچە ياخشى كۆرگەن ئادەم، — يەنە كېلىپ، ئۇ كىتابنى ئوقۇغان ھەر بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگۈزگەن ئۇچىغا چىققان ساراڭنىڭ ئادەملىرىمۇ مېنىڭ ئىزىمغا چۈشكەندىن كېيىن ئۇ قېرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى دەپ ئويلايمەن.
قەستلىگۈچى قەستلەنگۈچىدىن بىراۋنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولۇشنىڭ شۇ قاتىلغا ئۆمۈر بويى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئېغىر ئازاب بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىدى. قەستلەنگۈچى جىمىپ قالدى، ئەمما قەستلىگۈچى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەسرەتنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىن قورقتى. ئەپەندىلەر سۈزۈپ-سۈزۈپ ئارپابەدىيان ھارىقى ئىچىۋاتاتتى، تاملاردىكى پويىز رەسىملىرى، يۇرت مەنزىرىلىرى، ئارتىس سۈرەتلىرى ئارىسىدىكى رامكىغا ئېلىنغان سۈرەتتە ئاتا تۈرك گويا مەيخانىدا ھاراققا بېرىلىپ كەتكەن توپ-توپ ئادەمگە بۇ جۇمھۇرىيەتنى تاپشۇرۇپ بېرىپ خاتىرجەم بولغاندەك كۈلۈمسىرەيتتى.
سائىتىمگە قارىدىم. ئۇ مېنى جايلاشتۇرۇپ يولغا سېلىۋېتىشقا ئويلاشقان پويىزنىڭ قوزغىلىشىغا يەنە بىر سائەت 15 مىنۇت بار ئىدى، نېمە ئىش بولسا قانغۇدەك پاراڭلىشىۋېلىشىمىزغا ۋاقىت يېتەرلىك ئىدى، لېكىن ئارىمىزدا ”كىتابتا دېيىلىدىغان گەپنىڭ ھەممىسى دېيىلدى“ دەپ يېزىلغىنىدەك بىر كەيپىيات ھۆكۈم سۈرەتتى. ئوتتۇرىدا پەيدا بولغان سۈكۈتنى چۈشىنىكسىز ھېس قىلىپ جىددىيلەشمەيدىغان كونا ۋە ھەقىقىي ئاغىنىلەردەك خېلى ئۇزاققىچە گەپ قىلىشمىدۇق، مېنىڭچە بىز بۇ جىمجىتلىقنىڭ ئەڭ چۈشىنىشلىك پاراڭ سوقۇش ئىكەنلىكىنى ئويلىدۇق.
ئەمما يەنە، ئۇنىڭغا ھەۋەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى دوراش بىلەن ئۇنى جايلىۋېتىپ جاناننى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۇمانلىرى ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇۋاتقان مەن ئۇنىڭ جېنىنى ئازابلاش ئۈچۈن، ئۆزۈمنىڭ تارتقان جان ئازابىمدىن، ئۇنىڭغا كىتابنى ئوقۇغان ھەر بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگۈزگەن ۋەھشىي ساراڭنىڭ ئۇنىڭ دادىسى دوكتور نارىن ئىكەنلىكىنى دەۋېتىشنى خىيال قىلدىم، ئەمما دېمىدىم. خوش، ئۇنداقتا، دەرۋەقە، نېمە بولۇپ كېتەر دەپ ئويلىدىم؛ تەڭپۇڭلۇقنى بەك بۇزماسلىق كېرەك ئىدى.
ئۇ بۇ ئويلىرىمنى، ھېچ بولمىسا بۇ ئويلىرىمنىڭ ئىنكاسىنى ئازراق بولسىمۇ ئۇققان بولسا كېرەك، دادىسى ئۆزىنىڭ ئىزىغا سېلىپ قويغان ئادەملەردىن قۇتۇلۇشقا سەۋەب بولغان ئاپتوبۇس ھادىسىسىنى تۇنجى قېتىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بايان قىلدى. سىياھتىن بۇلغانغان قاپقارا ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدە يېنىدىكى ياشنىڭ بۇ ھادىسىدە دەرھال ئۆلگەنلىكىنى بىلىپتۇ، مەھەممەت ئىسىملىك بۇ ياشنىڭ كىملىكىنى يانچۇقىدىن ئېلىۋاپتۇ. ئاپتوبۇس كەينىگە يېنىشقا باشلىغاندا سىرتقا چىقىۋاپتۇ. ئاپتوبۇس كۆيۈشكە باشلىغاندىن كېيىن كاللىسىغا بۇ پىكىر چاقماقتەك كەپتۇ-دە، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى كۆيۈۋاتقان جەسەتنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويۇپتۇ. جەسەتنى ئۆزىنىڭ ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، يېڭى ھاياتقا يۈگۈرەپتۇ. ئۇ بۇلارنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندا كۆزلىرى بالىلاردەك خۇشاللىقتا جىلۋىلىنەتتى. دادىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇرغان خاتىرە ئۆيىدىكى بالىلىق رەسىملىرىدىمۇ ئۇنىڭ بۇ خۇشال چىرايىنى كۆرگىنىمنى، ئەلۋەتتە، ئىچىمدە بىلدىم.
ئۇزاق جىمجىتلىق، ئۇزاق بىر سۈكۈت؛ كۈتكۈچى بىزگە پىدىگەن ھېسىپى كەلتۈردى.
ۋاقىت ئۆتسۈن دەپ، شۇنداق، پاراڭ بولسۇن دەپ بىر پەس ئەھۋالىمىزنى، يەنى ھاياتىمىزنى، شۇنداق بىر كۆزدىن كەچۈرەيلى دېدۇق. ئۇنىڭ كۆزى پات-پات سائىتىدە، مېنىڭ كۆزۈم ئۇنىڭ كۆزىدە، بىر-بىرىمىزگە شۇنداق بىر نەرسىلەرنى دېدۇق: ھايات مۇشۇنداق ئىدى. ئەسلىدە ھەممە ئىش ناھايىتى ئاددىي ئىدى. «تۆمۈريول» ژۇرنىلىغا ئەسەر يازىدىغان مۇتەئەسسىپ بىر قېرى، ئاپتوبۇسلاردىن ۋە ئاپتوبۇس ۋەقەلىرىدىن نەپرەتلىنىپ ئۆزى يازغان بالىلار كىتابىنىڭ ئىلھامى بىلەن شۇنداق بىر كىتاب يازغانىدى. كېيىن، يەنى يىللار ئۆتۈپ، بالىلىق چاغلىرىمىزدا بۇ رەسىملىك رومانلارنى ئوقۇغان بىز ساددا ياشلار ئۇ كىتابنى ئوقۇپ، ھاياتىمىزنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگەرگىنىگە ئىشىنىپ، ھايات يولىمىزدىن چەتنەپ كەتكەنىدۇق. بۇ كىتابتا نېمە سېھىر، بۇ ھاياتتا نېمە كارامەت باردۇ؟ ئەجىبا بۇ ئىش قانداق بولۇپ كەتتى؟
رىفقى تاغىنى بالىلىق چېغىمدا تونۇيدىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم ئېيتتىم.
−بۇ گەپ قانداقتۇ غەلىتە ئاڭلىنىۋاتىدۇ، −دېدى ئۇ.
ئەمما بىلەتتۇق، ھېچقانداق ئىش غەلىتە ئەمەس ئىدى. ھەممە ئىش شۇنداق ئىدى.
− ۋەيرانباغ بازىرى تېخىمۇ غەلىتە، − دېدى سۆيۈملۈك دوستۇم.
ئۇ بۇ گېپى ئارقىلىق ماڭا بىر ئىشنى ئەسلەتمەكچى بولاتتى، شۇڭلاشقا دىققىتىمنى يىغىپ، سۆزلەۋاتقاندا ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ، سۆزلەرنىڭ ھەققىنى بېرىۋاتقاندەك ئالدىرىماي دېدىم:
− بىلەمسەن، كىتابنىڭ مېنى بايان قىلغانلىقىنى، ھېكايىنىڭ مېنىڭ ھېكايەم ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئويلىدىم.
سۈكۈت. جان تالىشىۋاتقان بىر روھنىڭ، بىر مەيخانىنىڭ، بىر ناھىيىنىڭ، بىر دۇنيانىڭ ئاخىرقى ئىچكى سادالىرى. ۋىلكا، پىچاق ئاۋازلىرى. تېلېۋىزورلاردا خەۋەرلەر. پويىز كېلىشكە يەنە 25 مىنۇت بار ئىدى.
− بىلەمسەن، − دېدىم يەنە، − ئاناتولىيە سەپەرلىرىمدە ناھايىتى كۆپ يەردە ”يېڭى ھايات“ ماركىلىق تاتلىق-تۈرۈملەرنى كۆردۈم. ئىستانبۇلدا نەچچە يىللار ئاۋۋال سېتىلاتتىكەن، ئەمما چەت يەرلەردە، كوزىلارنىڭ، قۇتىلارنىڭ تېگىدە ئۇ نەرسىلەر ھازىرمۇ بار.
− ھەممە نەرسىنىڭ ئەسلى ھالىتىگە، تۇنجى سەۋەبىگە، يىلتىزىغا باراي دەمسەن؟ — دېدى باشقا بىر ھاياتتىن قانچىلىغان مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلالىغان دۈشمىنىم، − ساپ بولغان، بۇزۇلمىغان نەرسىگە، توغرا نەرسىگە ئېرىشسەم دەيسەن. ئەمما ئۇنداق ئىپتىدائىي نەرسە يوق. ئەسلىي نەرسە− ئاچقۇچ، سۆز، يىلتىز ئىزدىشىمىز بىھۇدىلىك، چۈنكى ئۇلارمۇ تەقلىدىي نەرسە.
شۇنداق قىلىپ، پەرىشتە، جاناننى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، ساڭا ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى پويىز ئىستانسىسى يولىدا ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلىدىم.
خاراب جىمجىتلىقلارنى بۇزۇش ئۈچۈن ئۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر نەرسىلەرنى دەيتتى، ئەمما مەن ھەر قانچە قىلىپ بۇ دەردمەن، قاملاشقان ئادەمنىڭ گېپىنى بېرىلىپ ئاڭلىيالمايۋاتاتتىم.
− بالىلىق چېغىمدا، ئوقۇش ماڭا كەلگۈسىدە باشقا ھەممە كەسىپلەرگە ئاندا-ساندا كىرىشكەن ۋاقىتلاردا ئىنسان ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان بىر كەسىپتەك كۆرۈنەتتى.
− نوتا كۆچۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان روسسېئائو مۇ باشقىلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى يېڭىۋاشتىن كۆچۈرۈپ يېزىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
شۇ چاغدا ئارىمىزدىكى جىمجىتلىققا دەز كەتكەندەك، ھەممە نەرسە خاراب بولغاندەك تۇيۇلدى. بىرسى تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈپ، رادىئودىكى ئىشق-مۇھەببەت ۋە ھىجران ناخشىسىنى قويدى. ئىنسان ھاياتتا قانچە قېتىم بۇ جىمجىتلىقتىن ئۆز ئارا شۇنچە زوق ئالىدۇ؟ ئۇ كۈتكۈچىدىن ھېساب-كىتاب قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋىدى، ئۈستىلىمىزگە ئوتتۇرا ياشلىق، چاقىرىلمىغان بىر مېھمان كېلىپ ئولتۇردى ۋە ماڭا سەپسېلىپ، ئوسمان ئەپەندىنىڭ ئەسكەرلىكتىكى دوستى ئوسمان ئىكەنلىكىمنى بىلىپ، ” بىز بۇ يەردە ئوسمان ئەپەندىنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرىمىز؛ دېمەك ئىسىمدىشىڭىز بىلەن ئەسكەرلىكتە بىللە تۇرۇپتىكەنسىز-دە!“ دەپ چاقچاق قىلدى. ئاندىن كىتابنىڭ قوليازمىسى ئۈچۈن چىققان بىر خېرىدار ھەققىدە ئۇنىڭغا سىر بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەن گەپ قىلدى. بۇنداق ۋاسىتىچىلارغا تاپان ھەققى بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ، بۇ ئەقىللىق دوستۇمنى ئاخىرقى قېتىم چىن كۆڭلۈمدىن ھۆرمەتلىگۈم كەلدى.
خوشلىشىش ۋاقتىدا Waltherىمنىڭ ”پاڭ-پۇڭ“لىرىدىن باشقا، قانداقلا بولمىسۇن «پېرتېۋ بىلەن پېتېر» چاتما ھېكايىلىرىنىڭ ئاخىرىدىكى ۋەقەلىك يۈز بېرىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم، خاتالىشىپتىمەن. ئۇ ئاخىرقى ۋەقەلىكتە ئوخشاش مەقسەت ئۈچۈن بىرلىكتە نەچچە قېتىم ئۇرۇش قىلغان ۋە قانچىلىغان ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئىككى جانجىگەر دوست بىر غايىگە باغلانغان بىر قىزنى تەڭ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلىپ، بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ مەسىلىنى دوستانە ھەل قىلىدۇ. تېخىمۇ سەزگۈر، تېخىمۇ جىمىغۇر بولغان پېرتېۋ ئۇ قىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بەكرەك بەختلىك بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، مىجەزى ئوچۇق، ئۈمىدۋار پېتېرغا قىزنى جىمجىتلا ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ ۋە كۆزلىرى نەملەنگەن مەندەك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىچ ئاغرىتىشلىرى ئىچىدە ئۇ قەھرىمانلار بىر چاغدا قەھرىمانلارچە قوغدىغان پويىز ئىستانسىسىدا خوشلىشىدۇ. لېكىن ئارىمىزدا زىيادە سەزگۈرلۈك ۋە غەزەبلىنىشكە پىسەنت قىلمايدىغان ۋاسىتىچى ئادەم بار ئىدى.
ئۈچىمىز پويىز ئىستانسىسىغا گەپ-سۆز قىلىشماي ماڭدۇق. بېلەت ئالدىم ۋە ئۆزۈمگە ئەتىگەنكى قۇيماقتىن ئىككىنى ئالدىم. ”پېرتېۋ“ ماڭا ۋەيرانباغنىڭ داڭلىق چاۋۇش ئۈزۈمىدىن بىر كىلو ئېلىپ بەردى. مەن ھەجۋىي ژۇرناللارنى تاللاۋاتقاندا ئۇ ئۈزۈمنى يۇغىلى كەتتى، ۋاسىتىچى ئادەم بىلەن قارىشىپ قالدۇق. پويىز ئىككى كۈندە ئىستانبۇلغا بارىدىكەن. ”پېرتېۋ“ قايتىپ كەلگەندە ئىستانسا خادىمى دادامنى ئەسلىتىدىغان چەبدەس، چىۋەر ھەرىكەت بىلەن ئىشارەت بەردى. سۆيۈشۈپ خوشلاشتۇق.
بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار رىفقى تاغىنىڭ رەسىملىك رومانلىرىغا قارىغاندا، جانان ئاپتوبۇس ۋىدىيولىرىدا بېرىلىپ كۆرگەن جىددىي فىلىملەرگە بەكرەك ماس كېلىدۇ: مۇھەببەت ئۈچۈن قاتىل بولۇش نىيىتىگە كەلگەن، كۆزى قانغا تولغان يىگىت نەم ئۈزۈم سېلىنغان يالتىراق خالتا بىلەن ژۇرناللارنى ۋاگوننىڭ بىر بۇلۇڭىغا تاشلايدۇ-دە، پويىز تېز سۈرئەتتە مېڭىشتىن ئاۋۋال پويىز سۇپىسىنىڭ ئۇچىغا بارغان ۋاگوندىن سەكرەيدۇ؛ كۆرۈنۈپ قالمىغىنىغا ئىشەنگەندىن كېيىن، قەستلەنگۈچىنى ۋە ۋاسىتىچىنى يىراقتىن دىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ. ئۇ ئىككىسى بىر ھازا پاراڭلىشىپ، ئادەمسىز، كۆڭۈلسىز كوچىلاردا لاغايلىشىپ يۈرگەندىن كېيىن پوچتىخانىنىڭ ئۇدۇلىدا خوشلىشىدۇ. قەستلىگۈچى قەستلەنگۈچىنىڭ ”يېڭى دۇنيا كىنوخانىسى“غا كىرگىنىنى كۆرۈپ، بىر تال تاماكا چېكىۋالىدۇ. بۇنداق فىلىملەردە قەستلىگۈچى تاماكا چېكىۋاتقاندا نېمىلەرنى ئويلىغىنىنى بىلمەيمىز، پەقەت ئۇنىڭ چېكىپ تۈگىگەن تاماكىسىنىڭ بۇلۇتىنى مەندەك يەرگە ئېتىپ دەسسەپ مىجىغىنىنى، خاتىرجەم كۆرۈنىدىغان قەدەملىرى بىلەن«چەكسىز كېچىلەر» فىلىمىگە بېلەت ئېلىپ ئىچىگە كىرگىنىنى، زالغا كىرىشتىن ئاۋۋال چىقىش ۋە قېچىش يولىنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ھاجەتخانىغا كىرىپ چىققىنىنى كۆرىمىز.
ئۇنىڭ ئاخىرىدىكى كۆرۈنۈشلەر كېچىگە ھەمراھ بولغان جىمجىتلىقتەك خاراب ئىدى. Waltherىمنى قولۇمغا ئېلىپ تەكشۈرۈپ باقتىم، كىنو قويۇلۇۋاتقان زالغا كىردىم؛ زالنىڭ ئىچى نەم، ئىسسىق، تورۇسى پاكار ئىدى. قولىدا قورال تۇتقان قارا سايەم كىنو پەردىسىگە چۈشتى-دە، كۆڭلىكىم ۋە سۆسۈن رەڭ چاپىنىمنىڭ ئۈستىدە بىر رەڭلىك فىلىم قويۇلۇشقا باشلىدى. كىنو ئاپپاراتىنىڭ نۇرلىرى كۆزۈمگە كىرىۋاتاتتى، ئەمما ئورۇندۇقلار خېلىلا بوش بولغاچقا، قۇربانىمنى دەرھال تېپىۋالدىم.
ئېھتىمال ئۇ ھەيران قالدى ياكى ھېچنېمىنى چۈشىنەلمىدى، بەلكىم مېنى تونۇيالمىدى ياكى مېنى كۈتۈۋاتاتتى، چۈنكى جايىدىن ھېچ قىمىرلىمىدى.
”مەندەك بىرىنى تاپىسىلەر، ئۇنىڭغا بىر كىتاب بېرىپ ئوقۇتىسىلەر، ئاندىن ئۇنى ئازدۇرىسىلەر“ دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە.
ئۇنى ئاتقىنىمغا ئوبدان ئىشىنىش ئۈچۈن مەيدىسىگە ۋە مەن كۆرەلمىگەن يۈزىگە يېقىن ئارىلىقتىن ئۈچ پاي ئوق ئاتتىم. Walther ىمنىڭ ”پاڭ-پۇڭ“ ئاۋازىدىن كېيىن قاراڭغۇلۇقتىكى تاماشىبىنغا دېدىم:
− مەن ئادەم ئۆلتۈردۈم.
پەردىدىكى سايەمنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى «چەكسىز كېچىلەر»نى كۆرگەچ زالدىن سىرتقا چىقىۋاتقنىمدا ”ماكىنىست!− دەپ ۋاقىرىدى بىرسى، − ماكىنىست، ماكىنىست!“
بېكەتتىن دەرھال چىقىۋالغان تۇنجى ئاپتوبۇستا، پويىز ھەيدىگۈچى بىلەن كىنو قويغۇچىنىڭ دۆلىتىمىزدە نېمىشقا ئۆز ئەينى پەرەڭچە سۆز بىلەن چاقىرىلىدىغانلىقىنى جىنايەتچىگە خاس نۇرغۇن سوئاللار بىلەن بىللە ئۆزۈمدىن سورىدىم.

14

ئىككى ئاپتوبۇس ئالماشتىم، ئۇيقۇسىز بىر قاتىل كېچىسى ئۆتكۈزدۈم، يولدىكى بىر بېكەتنىڭ ھاجەتخانىسىدىكى دەز كەتكەن ئەينەكتە ئۆزۈمگە سەپسالدىم: مەن ئەينەكتە كۆرگەن كىشىنى قاتىلدىن كۆرە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئەرۋاھىغا بەكرەك ئوخشاتقىنىمنى دېسەم ھېچكىم ماڭا ئىشەنمەس. ئەمما ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ كىتاب كۆچۈرۈپ ئېرىشكەن قەلب ھۇزۇرى ئۇ ھاجەتخانىدا، ئاندىن ئاشۇ يېقىمسىز ئاپتوبۇس چاقلىرىنىڭ ئۈستىدە مەندىن نەقەدەر يىراقتا ئىدى-ھە!
دوكتور نارىننىڭ كاتتا تۇرالغۇسىغا قايتىشتىن ئاۋۋال، جانانىمنىڭ ئالدىغا بەختلىك بىر ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن ئۆلۈم بىلەن ئۇچراشقان، نۇرغۇن سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بىمالال، ئۈمىدۋار يىگىتتەك چىقىش ئۈچۈن، ناھىيە بازىرىدا ئەتىگەندىلا بىر ساتىراشخانىغا كىرىپ ساقال-بۇرۇتلىرىمنى ئالدۇردۇم. دوكتور نارىننىڭ قورۇقىغا كىرگىنىمدە قورۇنىڭ دېرىزىلىرىگە قاراپ، جاناننىڭ ئىسسىق كارىۋىتىدا مېنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئويلاپ يۈرىكىم دۈپۈلدەپ كەتتى، چىنار دەرىخىدىكى بىر قۇشقاچنىڭ ۋىچىرلىشى ئۇنىڭغا تەڭكەش بولاتتى.
ئىشىكنى گۈلزار ئاچتى. يېرىم كۈن ئاۋۋال ئۇنىڭ ئاكىسىنى بىر كىنونىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىم ئۈچۈن، بەلكىم ئۇنىڭ چىرايىدىكى ھەيرانلىققا قارىيالمىدىم ھەم گۇمانلىق قاشلىرىنى ئۇچۇرغىنىنى بايقىيالمىدىم، گەپلىرىنى يېرىم-ياتا ئاڭلىدىم، دادامنىڭ ئۆيىگە كىرگەندەك ئىچكىرىسىگە كىرىپ، جاناننى كېسەل كارىۋىتىدا تاشلاپ كەتكەن ئۆيگە— ئۆيىمىزگە ئۇدۇل ماڭدىم. مەشۇقۇمنى ھەيران قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىشىكنى چەكمەي ئاچتىم. ئىشىك ئېچىلغان ئۆينىڭ ۋە بۇلۇڭدىكى كارىۋاتنىڭ قۇپقۇرۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپلا گۈلزارنىڭ مەن بايا ئىشىكتىن كىرەر-كىرمەيلا دېگەن گەپلىرىنى، تېخىچە دەۋاتقانلىرىنى چۈشەندىم.
جانان ئۈچ كۈن قىزىپ يېتىپ ئەسلىگە كەپتۇ. ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن بازارغا بېرىپ ئىستانبۇلغا تېلېفون قىلىپتۇ، ئانىسى بىلەن سۆزلىشىپتۇ، ئۇ كۈنلەردە مەندىن ھېچ سادا بولمىغاچقا، تۇيۇقسىز بىر قارارغا كېلىپلا قايتىپ كېتىپتۇ.
بوش ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن ئارقا باغدىكى سەھەر قۇياشىدا جىلۋىلىنىپ تۇرغان ئۈجمە دەرىخىگە قاراۋاتقان كۆزلىرىم رەتلىك يىغىشتۇرۇپ قويۇلغان كارىۋاتقا پات-پات قاراپ قالاتتى. بۇ يەرگە كېلىۋاتقاندا ماشىنىدا يەلپۈگۈچ قىلىپ ئىشلەتكەن «گۈدۈل پوچتىسى» گېزىتى قۇرۇق كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى. ئىچىمدىكى بىر ئاۋاز جاناننىڭ مېنىڭ رەزىل بىر قاتىل بولغىنىمنى بىلىپ بولغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنى ئەمدى زادى كۆرەلمەيدىغانلىقىمنى، بۇ ھالدا قىلىدىغان بىردىنبىر ئىشنىڭ ئىشىكنى تاقاپ، تېخىچە جاناننىڭ پۇرىقىنى ئېلىپ كېلىۋاتقان كارىۋاتتا يېتىپ يىغلاپ-يىغلاپ ئۇخلاپ قېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئىچىمدىن يەنە بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا قارشى چىقتى، قاتىللار قاتىلدەك ھەرىكەت قىلىشى، تەمكىن بولۇشى، جىددىيلەشمەسلىكى كېرەك ئىدى: جانان ئانىسى بىلەن دادىسىنىڭ ئۆيىدە، نىشانتاشتا مېنى چوقۇم كۈتۈۋاتاتتى. ئۆيدىن چىقىشتىن ئاۋۋال، شۇنداق، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ خائىن پاشىنى ئەينەكنىڭ چېتىدە كۆردۈم-دە، ئالىقىنىم بىلەن بىرنى قويۇپ ئېزىۋەتتىم. پاشىنىڭ قارنىدىن ئالىقىنىمدىكى مۇھەببەت سىزىقلىرىغا يۇققان قاننىڭ جاناننىڭ تاتلىق قېنى ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتىم.
” سۇيىقەستچىلەرگە قارشى گۇرۇھ“ نىڭ مەركىزىدىكى كاتتا تۇرالغۇدىن تىكىۋېتىشتىن، جانانىم بىلەن ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىشىتىن ئاۋۋال دوكتور نارىن بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ كېلەچىكىم ۋە كېلەچىكىمىز ئۈچۈن ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئويلىدىم. دوكتور نارىن ئۈجمە دەرىخىنىڭ سەل نېرىسىغا قويۇلغان ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ بىر ساپاق ئۈزۈمنى ئىشتىھا بىلەن يېگەچ، قولىدىكى بېرىلىپ ئوقۇۋاتقان كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ بىز بىرلىكتە ئايلانغان تۆپىلىككە قاراپ، چارچىغان كۆزىنى ئارام ئالدۇرۇۋاتاتتى.
ئىككىمىز ھاياتنىڭ رەھىمسىزلىكى، تەبىئەتنىڭ ئىنسان تەقدىرىگە ئەسلىدە قانداق يوشۇرۇن ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى، ۋاقىت دەيدىغان زىچ نەرسىنىڭ ئىنسان روھىغا قانداق سۈكۈت ۋە جىمجىتلىق سىڭدۈرىدىغانلىقى، بۈيۈك ئىرادىلىك ۋە كەسكىن بولمىغۇچە ئىنساننىڭ شۇ پىشقان ئۈزۈم دانىلىرىنىمۇ تېتىيالمايدىغانلىقى، ھېچقانداق تەقلىد ئىزى ئېلىپ يۈرمەيدىغان ھەقىقىي ھاياتنىڭ ئۆزىگە يېتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يۈكسەك ئاڭ ۋە ئارزۇ بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى، يېنىمىزدىن شىپىرلاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىچىك پېئىل بىر كىرپىنىڭ قايسى بۈيۈك تەرتىپ، قايسىبىر تاسادىپىيلىقنىڭ مەسخىرىلىك جىلۋىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە ۋاقتى مول كىشىلەردەك كەڭ كۇشادە پاراڭلاشتۇق. ئادەم ئۆلتۈرۈش كىشىنى پىشىپ يېتىلدۈرسە كېرەك، ئۇنىڭغا ھاڭ-تاڭ قېلىۋاتقان ھالىتىمدىكى مەپتۇنلۇقنى روھىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى يوشۇرۇن كېسەللىكتەك بىردىنلا ئاشكارا بولغان چۈشىنىش ۋە ئامراقلىق بىلەن بىرلەشتۈرەلىدىم. شۇڭا، دوكتور نارىن چۈشتىن كېيىن ئوغلىنىڭ تۇپراق بېشىغا مېنى بىللە بېرىشقا تەكلىپ قىلغاندا ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلماستىن كەسكىنلىك بىلەن ئۆزرە ئېيتالىدىم: ئالدىراشلا يۈرگەن ئاخىرقى ھارغىن بىر ھەپتە مېنى خېلىلا قىينىغانىدى؛ ئۆيۈمگە، ئايالىمنىڭ يېنىغا بالدۇرراق قايتىپ ئارام ئېلىشىم كېرەك، ئۇ ماڭا تەۋسىيە قىلغان بۈيۈك مەسئۇلىيەت ھەققىدە بىر قارارغا كېلىش ئۈچۈن كاللامنى بىر يەرگە يىغىشىم كېرەك ئىدى.
دوكتور نارىن ماڭا بەرگەن ھەدىيەنى سىناش پۇرسىتىمنىڭ بولغان-بولمىغانلىقىنى سورىغاندا Walther نى سىنىغانلىقىمنى ۋە بەك رازى بولغىنىمنى ئېيتتىم ھەمدە ئىككى كۈندىن بۇيان ئېلىپ يۈرگەن Serkisof سائەتنى ئېسىمگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا بەردىم. بۇنىڭ كۆڭلى سۇنۇق ھەم چىشى سۇنۇق بىر دۇكاندارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ۋە قايىللىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى دېگەچ، سائەتنى ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈم تاۋىقىنىڭ يېنىغا قويۇپ قويدۇم.
− بۇ دەردمەن بەختسىزلەر، بىچارىلەر، ئاجىزلارنىڭ ھەممىسى،− دېدى دوكتور نارىن ۋە سائەتكە كۆزىنىڭ قىرىدا مۇنداقلا بىر قاراپ قويدى، — ئۇلار كۆنگەن ھاياتىنى ئۆزلىرى ئامراق نەرسىلىرى بىلەن ئۆتكۈزەلىسۇن دەپ، مەندەك بىرسى ئۇلارغا ئادالەتلىك بىر دۇنيانىڭ ئۈمىدىنى بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا قانداقتۇر بىر ئىشتىياق بىلەن باغلىنىۋالىدۇ. ھاياتىمىزنى، خاتىرىلىرىمىزنى نابۇت قىلماقچى بولۇۋاتقان سىرتقى كۈچلەر نېمىدېگەن رەھىمسىز-ھە! ئىستانبۇلغا قايتقىنىڭدا، قارارىڭنى بېكىتمەستە، بۇ كىشىلەرنىڭ دەردمەن ھاياتى ئۈچۈن قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئويلا.
ئىستانبۇلدا جاناننى دەرھال تېپىپ، ئالداپ، بۇ يەردىكى تۇرالغۇغا ئېلىپ كېلىپ، ”سۇيىقەستچىلەرگە قارشى گۇرۇھ“نىڭ بۇ مەركىزىدە يىللارچە، ”ئۇلار يېتىپتۇ مۇرادىغا، بىز چىقايلى كارىۋىتىغا“ دېگەندەك ياشىيالايدىغانلىقىمىزنى دەرھال ئويلىدىم…
− سۆيۈملۈك ئايالىڭنىڭ يېنىغا قايتىشتىن ئاۋۋال، — دېدى دوكتور نارىن فرانسۇزچىدىن تەرجىمە قىلىنغان رومانلاردىكىگە ئوخشاش بىر تەلەپپۇزدا،— سېنى قەھرىماندىن كۆرە قاتىلغا بەكرەك ئوخشىتىپ قويغان شۇ سۆسۈن چاپىنىڭنى سېلىۋېتىپ قۇتۇلمامسەن؟
ئاپتوبۇس بىلەن دەرھال ئىستانبۇلغا قايتتىم. بامداتقا ئەزان چىققاندا ماڭا ئىشىكنى ئاچقان ئانامغا ئالتۇن دىيارغا بارىمەن دەپ چېپىپ يۈرگىنىم ياكى پەرىشتە كېلىن ھەققىدە ھېچ گەپ قىلمىدىم.
− ئەمدى ئاناڭنى ئۇنداق تاشلاپ كەتمە!− دېدى ئانام گاز ئوچاقنى يېقىپ مۇنچىغا سۇ ئىسسىتقاچ.
ئانا-بالا ئىككىمىز بۇرۇنقىدەكلا جىمجىت ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدۇق. ئوغۇللىرى سىياسىيغا، دىنىي ئېقىملارغا ئارىلىشىپ قالغان نۇرغۇن ئانىلاردەك ئانامنىڭ مېنىڭ دۆلەتنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئىچىدىكى بىر مەركەزنىڭ تارتىش كۈچىگە كىرىپ قالغىنىمنى ئويلىغىنىنى، ئەگەر سوراپ قالسا، ئۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىمنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن گەپ قىلمىغىنىنى چۈشەندىم. ئانامنىڭ چىۋەر، يەڭگىل، ھەرىكەتچان قوللىرى قىزغۇچ مېۋە قىيامىنىڭ يېنىدا بىر ھازا توختاپ قالغاندا ئۇنىڭدىكى داغلارنى كۆردۈم-دە، بۇرۇنقى ھاياتىمغا قايتىپ كەلگەنلىكىمنى ئويلىدىم. ھەممە ئىشنىڭ ھېچ ئىش بولمىغاندەك داۋاملىشىشى مۇمكىنمىدۇ؟
ناشتا قىلىپ بولۇپ ئۈستىلىمدە ئولتۇردۇم ۋە مەن تاشلاپ قويغان يەردە تېخىچە ئېچىقلىق تۇرغان كىتابقا ئۇزۇندىن ئۇزۇن قارىدىم. ئەمما بۇ ھەرىكىتىم كىتاب ئوقۇش ئەمەس، بىر خىل ئەسلەش، بىر خىل ئازاب… ئىدى.
جاناننى تېپىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىۋاتاتتىم، ئانام يولۇمنى توستى:
− ئاخشاملىققا ئۆيگە قايتىمەن دەپ قەسەم قىل.
قەسەم قىلدىم. ئىككى ئاي ھەر ئەتىگىنى ئىشىكتىن چىققاندا قەسەم قىلدىم، ئەمما جانان ھېچ يەردە يوق ئىدى. نىشانتاشقا باردىم، كوچىلارنى كەزدىم، ئىشىكلىرىنىڭ ئالدىدا كۈتتۈم، قوڭغۇراقلىرىنى چالدىم، كۆۋرۈكلەردىن ئۆتتۈم، پاراخوتلارغا چىقتىم، كىنولارغا باردىم، تېلېفونلار قىلدىم، ھېچ ئۇچۇر ئالالمىدىم. 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئوقۇش باشلانغاندا تاشقىشلا كارىدورلىرىدا ئۇچراپ قالار دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم، ئەمما كەلمىدى. كۈنبويى تاشقىشلانىڭ كارىدورلىرىدا ماڭاتتىم، بەزىدە كارىدورلارغا قارايدىغان ئەينەكلەرنىڭ ئالدىدىن جانانغا ئوخشايدىغان بىر كۆلەڭگە ئۆتتى دەپ سىنىپتىن ئېتىلىپ چىقىپ يۈگۈرەيتتىم، بەزىدە باغچا ۋە مىنىبۇس بېكەتلىرىگە قارايدىغان بوش سىنىپلارنىڭ بىرىگە كىرىپ يولدىن، پىيادىلەر يولىدىن ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرگە تەكشى قارايتتىم.
مەشلەرگە ئوت يېقىلغان، پارلار بېرىلىشكە باشلىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇستىلىق بىلەن پىلانلىدىم دەپ ئويلىغان بىر يالغانچىلىق بىلەن، يوقاپ كەتكەن ساۋاقدىشىمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان يالغان گەپلەرنى قىلىپ رەسۋا بولدۇم. ماڭا جاناننىڭ نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچبىر ئۇچۇر بەرمىگەندەك، قەيەردىن ئۇچۇر ئالالايدىغانلىقىم ھەققىدىمۇ ھېچبىر يىپ ئۇچى بەرمىدى. يەنە بىر بازار كۈنى چۈشتىن كېيىن تېلېۋىزور قىزىقارلىق بىر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ رەڭلىرى بىلەن چاقناپ تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئىككىنچى قېتىم بارغىنىمدا مەندىن زىغىرلاپ ئۇچۇر ئېلىشقا ئۇرۇنۇشلىرىدىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇم. ئۇلارنىڭ مەن تېلېفون نومۇرى قوللانمىسىدىن ئېنىقلىۋالغان تۇغقانلىرىدىن بۇ ئۇچۇرنى ئىگىلەشكە تىرىشىشلىرىممۇ ئاقمىدى. ئۇ تەرسا تاغىلار، ئەنسىز يەڭگىلەر، ئېھتىياتچان خىزمەتچىلەر، چاقچاقچى يېزنىلەر بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، جاناننىڭ تاشقىشلادا بىناكارلىق كەسپىدە ئوقۇغانلىقىدىن باشقا بىر گەپ ئالالمىدىم.
جاناننىڭ بىناكارلىقتا ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلىرى بولسا بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئۇ يەردىكى مىنىبۇس بېكىتىدە ئوق يېگىنىدىن خەۋەردار بولغان مەھەممەت ھەققىدە جانانغا ئوخشاش ئۆزلىرى توقۇۋالغان ئەپسانىلەرگە ئىشىنىپ كېتىشكەنىدى. مەھەممەت ئۆزى ئىشلىگەن مېھمانخانىدىكى خىروئىن سودىگەرلىرىنىڭ ئۆچمەنلىكى نەتىجىسىدە ئېتىۋېتىلدى دېگۈچىلەرنىڭ گېپىنىمۇ، كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدىغان شەرىئەتچىلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى دېگۈچىلەرنىڭ پىچىرلاپ ئېيتقان سۆزلىرىنىمۇ ئاڭلىدىم. ياخشى ئائىلىلەر ناتونۇش بىر بالىغا باغلىنىپ قالغان قىزلىرىغا قىلغاندەك، جاناننىڭ ياۋروپاغا، يىراق بىر يەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتقۇچىلارمۇ بار ئىدى، ئەمما تىزىملاش ئورنىدا ئېلىپ بارغان كىچىككىنە تەكشۈرۈشلىرىم ماڭا بۇنىڭ يالغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئايلارچە، يىللارچە ئېلىپ بارغان باشقا تەكشۈرۈشلىرىمنىڭ داھىيلارچە تەپسىلاتلىرى، بىر قاتىلغا يارىشىدىغان سالماق ھېسابلاشلىرى، ئۈمىدسىز كىشىنىڭ چۈشلىرىنى ئەسلىتىدىغان رەڭلىرى ھەققىدە توختالماي قوياي. ئىشقىلىپ، جانان يوق ئىدى، ئۇنىڭدىن ئۇچۇر ئالالمايۋاتاتتىم، ھېچبىر ئىز-دېرىكىنى قىلالمايۋاتاتتىم. يېرىم يىل قالدۇرغان دەرسلىرىمگە كىرىشتىم، ئۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم يىلنىمۇ تۈگەتتىم. دوكتور نارىننىڭ ئادەملىرىنى ئىزدىمىدىم، ئۇلارمۇ مېنى ئىزدىمىدى. ئۇلارنىڭ داۋاملىق جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان-ئۆتكۈزمەيۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم. جاناننىڭ يوقلۇقى بىلەن بىرلىكتە ئۇلار خىياللىرىمدىن ۋە قورقۇنچلۇق چۈشلىرىمدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىشكەنىدى. ياز كەلدى، كۈزدە يېڭى ئوقۇش يىلى باشلاندى، ئۇنىمۇ تۈگەتتىم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىلنىمۇ تۈگەتتىم. ئاندىن ئۇدۇل ھەربىيلىككە كەتتىم.
ئەسكەرلىك ھاياتىم ئاياغلىشىشقا ئىككى ئاي قالغاندا ئانامنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى كەلدى. رۇخسەت ئالدىم، ئىستانبۇلغا بېرىپ جىنازا نامىزىغا ئۈلگۈردۈم، ئانامنى دەپنە قىلدۇق. ئاغىنىلىرىم بىلەن بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئۆيگە قايتتىم، ئۆيلەرنىڭ بوش قالغىنىنى، جىمجىتلىقىنى كۆرۈپ قورقتۇم. ئاشخانا تاملىرىغا ئېسىلغان ساپلىق قازان، قەھۋە چەينىكىگە قاراۋېتىپ، توڭلاتقۇنىڭ ماڭا تونۇش ئاۋازدا غىڭىلداپ ھەسرەتلىك پىغان چېكىۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم. ھاياتتا يالغۇز قالغانىدىم. ئانامنىڭ كارىۋىتىدا يېتىپ بىر ئاز يىغلىدىم؛ تېلېۋىزورنى ئېچىپ، ئانامدەك ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، تەۋەككۈلچىلىك ھەم بىر خىل مەۋجۇتلۇق خۇرسەنلىكى ئىچىدە ئۇزاق كۆردۈم. ئۇخلاشتىن ئاۋۋال كىتابنى ساقلاپ قويغان يەردىن ئېلىپ ئۈستەلگە قويدۇم ھەمدە تۇنجى ئوقۇغان كۈندىكىدەك تەسىرلىنىشنى ئۈمىد قىلىپ ئوقۇشقا باشلىدىم. گەرچە يۈزۈمگە بىر نۇر چېچىلغاندەك ياكى تېنىم مەن ئولتۇرغان ئۈستەل، ئورۇندۇقتىن ئاجراپ يىراقلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلمىساممۇ، يۈرىكىم راھەتلەندى.
كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇشنى مۇشۇنداق باشلىدىم. ئەمما ھەر قېتىم ئوقۇغاندا نەدىن كەلگەنلىكى ئېنىق بولمىغان بىر شامالدا ھاياتىمنىڭ مەۋھۇم بىر دىيارغا ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى ئەمدى ئويلىمايتتىم. بۇرۇنلا تۈگىگەن بىر ھېسابنىڭ، بىر ھېكايىنىڭ سىرلىق گېئومېتىرىيىسىنى، مۇھىم نۇقتىلىرىنى، ئۇنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندا ئاڭلىيالمىغان ئىچكى سادالىرىنى ئاڭلاشقا تىرىشىۋاتاتتىم. بىلدىڭىزغۇ دەيمەن، مەن تېخى ھەربىيلىكنى تۈگەتمەي تۇرۇپ قېرى بىر ئادەمگە ئايلانغانىدىم.
باشقا كىتابلارغىمۇ مۇشۇنداق بېرىلدىم: كەچقۇرۇنلىرى ئىچىمدە مۇجەسسەم بولىدىغان باشقا بىر روھقا ئىگە بولۇش ئىستىكىنى ۋە دۇنيانىڭ زادى كۆرۈلمىگەن باشقا بىر تەرىپىدىكى مەخپىي تەنتەنىگە خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىش ھاياجىنىنى ئۇلغايتىش، ياكى كىم بىلىدۇ، بىر يېرىدە مەن جاناننى ئۇچرىتالايدىغان يېڭى بىر ھاياتقا ئاتلىنالىشىم ئۈچۈن ئەمەس، باشتىن كەچۈرگەنلىرىمنى ۋە جاناننىڭ مەن چوڭقۇر ھېس قىلغان كەمچىلىكىنى ئىلمىي ھالدا، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن، زىيالىيدەك قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيتتىم. ئارزۇ پەرىشتىسىنىڭ تەسەللى ئۈچۈن ماڭا بېرىش ئېھتىمالى بولغان، جانان بىلەن ئۆيىمىزگە ئېسىش ئېھتىمالى بولغان يەتتە قەندىللىك ئاسما چىراغدىنمۇ ئۈمىدىم قالمىغانىدى. يېرىم كېچىلىرى بىر خىل روھىي تەڭپۇڭلۇق ۋە خۇشنۇدلۇق بىلەن ئوقۇغان كىتابلىرىمنىڭ بىرىدىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ مەھەللىنىڭ چوڭقۇر جىمجىتلىقىنى ھېس قىلاتتىم ھەمدە مەن ئايىغى چىقمايدۇ دەپ ئويلىغان ئاپتوبۇس سەپەرلىرىنىڭ بىرىدە جاناننىڭ يېنىمدا ئۇخلىشى كۆز ئالدىمدا بىردىنلا جانلىنىپ كېتەتتى.
ھەر ئەسلىگىنىمدە كۆز ئالدىمدا جەننەت چۈشلىرىدەك رەڭگارەڭ جانلىنىدىغان ئۇ ئاپتوبۇس سەپەرلىرىنىڭ بىرىدە، ئاپتوبۇسنىڭ تۇيۇقسىز ئىسسىپ كەتكەن پارلىرىدىن جاناننىڭ پېشانىسى ۋە مەڭىزلىرىنىڭ تەر ئىچىدە قالغىنىنى، چاچلىرىنىڭ بىر-بىرىگە يېپىشىپ كەتكىنىنى كۆرگەنىدىم، كۈتاھيادىن ئالغان نەقىشلىك قولياغلىقىم بىلەن ئۇنىڭ پېشانىسىدىكى تەر تامچىلىرىنى دىققەت بىلەن سۈرتۈۋاتقىنىمدا، چۈش ئالىمىدىكى مەشۇقۇمنىڭ چىرايىدا(ئۈستىمىزگە تويۇقسىز چۈشكەن ماي پونكىتى چىراغلىرىنىڭ كۆكۈش يورۇقلۇقى ياردىمىدە) مول خۇشاللىق ۋە ھەيرانلىق ئىپادىسىنى بايقىغانىدىم. ئاندىن بىر ئاشخانىدا توختىغىنىمىزدا، ئۇ تەردىن ھۆل بولۇپ كەتكەن”سۈمەر بانك“نۇسخىسىدىكى گۈللۈك كىيىمى بىلەن ئولتۇرۇپ ئىستاكانلاپ چاي ئىچىۋاتقاندا خۇشاللىنىپ، چۈشىدە دادىسىنىڭ ئۆزىنى پېشانىسىدىن سۆيۈپ قويغانلىقىنى، ئەمما بىر دەمدىن كېيىن ئۇ ئادەمنىڭ دادىسى ئەمەس، بەلكى نۇردىن بىنا قىلىنغان دىيارنىڭ پوچتىكىشى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىنى كۈلۈمسىرەپ ئېيتىپ بەرگەنىدى. ئۇ كۈلۈمسىرەپ بولغاندىن كېيىن كۆپىنچە چاققان قول ھەرىكىتى بىلەن چېچىنى قۇلىقىنىڭ كەينىگە يىغاتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ھەر قېتىم ئەس-يادىم، قەلبىم، روھىمنىڭ بىر قىسمى ئېرىپ، قاراڭغۇ كېچىدە غايىب بولاتتى.
ئۇ كېچىلەردىن كېيىن روھىمدىن، يادىمدىن، قەلبىمدىن چىقىپ كەتكەنلەر بىلەن بىللە ئۆلۈشكە تىرىشقانلىقىمنى چۈشەنگەن بەزى ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئازابلانغانلىقىنى كۆرۈۋاتقاندەك قىلىمەن. سەۋرچان، ئاڭلىق، سەزگۈر ئوقۇرمەن، ئەگەر يىغلىيالىساڭ مېنىڭ ھالىمغا يىغلا، ئەمما سەن كۆز يېشى تۆككەن كىشىنىڭ بىر قاتىل ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇما. ئەگەر بۇمۇ بولمىسا، ئادەتتىكى قاتىللار ئۈچۈن، جازا قانۇنىدىكى يەڭگىللىتىش سەۋەبلىرىدەك بىر شەپقەت، چۈشىنىش، مۇھەببەت ھېس قىلىش ئۈچۈن بەزى سەۋەبلەر بار دېيىلسە، مەن بەكلا مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن بۇ كىتابقا مۇنۇلارنىمۇ قوشۇپ قويغۇم كېلىدۇ:
كېيىنكى چاغلاردا، ئۆيلەنسەممۇ بەك ئۇزاق ياشىيالمايمەن دەپ ئويلىغان ھاياتىمدا ئاخىرىغىچە قىلالايدىغان ئىشىمنىڭ جانان بىلەن يىراقتىن ياكى يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئۆيلىنىشتىن ئاۋۋال دادامدىن قالغان، ئانام بوشىتىپ بەرگەن ئۆيگە كېلىن ئاسانلا ئورۇنلىشىپ نەچچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىنمۇ جانان بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىش ئۈمىدى بىلەن ئۇزۇن ئاپتوبۇس سەپىرىگە چىقتىم. يىلبويى سەپەرلىرىمدە ئاپتوبۇسلارنىڭ بارا-بارا چوڭايغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىنى دېزىنفېكسىيە دورىلىرىدەك بىر پۇراقنىڭ قاپلىغانلىقىنى، ئىشىكلىرىگە ئاپتوماتىك سىستېما ئورنىتىلغاچقا كونۇپكىنى بېسىش بىلەن ئاۋازسىز ئېچىلىپ يېپىلىدىغانلىقىنى، شوپۇرلارنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەن چاپانلاردىن، تەرلىك كۆڭلەكلەردىن قۇتۇلۇپ، مۈرىلىرىگە پاگون تاقىغان ئۇچقۇچى قىياپىتىدە كىيىنگەنلىكىنى، قوپال ياردەمچى شوپۇرلىرىنىڭ ھەر كۈنى ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەم ھاكاۋۇرلىشىپ قالغانلىقىنى، توختايدىغان يەرلەرنىڭ ناھايىتى چىرايلىق، ئاۋات، ئەمما بىر-بىرىگە ئوخشاش ماكانلارغا ئايلانغانلىقىنى، ئاسفالت ياتقۇزۇلغان يوللارنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇردۇم، ئەمما جاناننى ئۇچرىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بىرەر ئىز-دېرىكىنىمۇ ئالالمىدىم. ئۇنىڭ ئۆزىدىن، ئىز-دېرىكىدىن ۋاز كەچتىم. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاپتوبۇسلاردا ئۆتكۈزگەن ئاجايىپ كېچىلەردىن چىقىپ كەلگەن بىر نەرسە بىلەن، بىر بېكەتتە قولىمىزغا چاي ئىستاكانلىرىنى ئېلىپ پاراڭلاشقان بىر ھامما بىلەن، ھەتتا ئۇنىڭ يۈزىگە چۈشكەن، ئۇنىڭ يۈزىدىن مېنىڭ يۈزۈمگە ئەكس ئەتكەنلىكى ئېنىق بولغان بىر دەستە نۇر بىلەن ئۇچرىشىشقا، ئۇ نۇرنىڭ كۈچى بىلەن ئۇنى يېنىمدا بىر دەم بولسىمۇ ھېس قىلىشقا مۇۋەپپەق بولۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلماستىم! ئەمما ئۈستى ئاسفالت بىلەن قاپلىنىپ، بالىلىق خاتىرىلىرى غۇۋالاشقان، ئەتراپى قاتناش بەلگىلىرى، يېنىپ ئۆچۈپ تۇرىدىغان چىراغلار ۋە رەھىمسىز ئېلان تاختىلىرى بىلەن قاپلانغان يېڭى يوللاردەك، ھەممە نەرسە ماڭا خاتىرىلەردىن، خاتىرىلىرىمىزدىن جىددىي قۇتۇلۇش بىلەن ئالدىراشتەك بىلىنەتتى.
ئىچىمنى قاراڭغۇلاشتۇرغان بۇ سەپەرلەرنىڭ بىرىدە، بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن، جاناننىڭ ياتلىق بولغانلىق ۋە بۇ دۆلەتتىن چىقىپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. ئائىلىلىك، بالىجانلىق، ياخشى ئائىلە باشلىقى ھەم قاتىل قەھرىمانىمىز شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرەققىيات ئىدارىسىدىكى ئىشىدىن ئاخشىمى ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا، قولىدا سومكا، سومكىدا بالىسىغا ئالغان شاكىلات، قەلبىدە قارا بۇلۇتلار، چىرايىدا ھارغىنلىق، كادىكۆي پاراخوتىدا كىشىلەر بىلەن بىللە ئۆرە تۇرغاندا ئۇنىۋېرسىتېتىكى گەپدان بىر ساۋاقدىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ”جانانمۇ؟“ دېدى ۋات-ۋات چوكان ساۋاقدىشى ياتلىق بولغان قىزلارنى ساناپ بولغاندىن كېيىن، ”سامسۇنلۇق بىر دوختۇرغا ياتلىق بولۇپ گېرمانىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ“. يەنە تېخىمۇ شۇم خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ سالماي دەپ كۆزلىرىمنى ئۇ چوكاندىن قاچۇرۇپ پاراخوتنىڭ دېرىزىلىرىدىن سىرتقا قارىغىنىمدا، كەچقۇرۇنلىرى ئىستانبۇلغا ۋە بوسپۇر دېڭىزى بوغۇزىغا ناھايىتى شالاڭ ئولتۇرۇشۇپ قالغان تۇماننى كۆردۈم. ”بۇ تۇمانمۇ ياكى بەختسىز روھنىڭ سۈكۈتىمۇ ؟ “ دېدى قاتىل ئۆز-ئۆزىگە.
جاناننىڭ ئېرىنىڭ سامسۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدىغان، كىتابنى ئوقۇپ ئۇنى باشقىلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ھالدا ساغلام ھەزىم قىلىپ، ھۇزۇر، بەخت ئىچىدە ياشىيالىغان بەستلىك، كېلىشكەن دوختۇر ئىكەنلىكىنى بىلىشىم ئۈچۈن ئۇنى ئارتۇقچە سۈرۈشتۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى قالمىدى. ئۇ دوختۇر بىلەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا دوختۇرخانىسىدىكى ئىشخانىسىدا ھاياتنىڭ ۋە كىتابنىڭ مەنىسى ئۈستىدە قىلىشقان پاراڭلىرىمىزنىڭ كۆڭۈلسىز تەپسىلاتلىرىنى رەھىمسىز ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم ئېسىمگە سېلىپ قالمىسۇن دەپ، بىر مەزگىل ھاراققا بېرىلگەن بولساممۇ، بۇنىڭ نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىدى.
ئاخشىمى ھەممە ئادەم ئۆيىگە بېكىنىپ، كۈندىلىك ھاياتنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى تۈگەپ، قىزىمنىڭ ئىككى چاقى چىقىپ كەتكەن بىر ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى بىلەن ھاۋا تاپان بولۇپ قالغان، ئۆچۈرۈگلۈك تېلىۋىزورغا تەتۈر قاراپ تۇرغان كۆك ئېيىقى تاشلاپ قويۇلغان ۋاقىتلاردا ئاشخانىدا چاققانلىق بىلەن تەييارلىغان ھاراقنى قولۇمغا ئېلىپ، ”ئېيىق“نىڭ يېنىدا مەغرۇر ئولتۇرۇپ، تېلىۋىزورنى ئېچىپ ئاۋازىنى كىچىكلىتىپ، ئۇرۇش كۆپ چىقمايدىغان، بەك ئادەتتىكىچىمۇ بولمىغان بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئېكراندا قويۇلۇشقا باشلىغاندا، تۇمانلىق كاللا بىلەن تېلېۋىزورغا قاراپ كاللامنىڭ ئىچىدىكى تۇمانلارنىڭ رەڭلىرىنى تاللاشقا تىرىشاتتىم.
ئۆزۈڭگە ئېچىنىۋەرمە! ئۆز مەۋجۇتلۇقۇڭ ۋە خاراكتېرىڭنىڭ ئەسلىدە نەقەدەر يېگانە ئىكەنلىكىگە ئىشەن. ھېس قىلغان سۆيگۈ قۇدرىتىنىڭ چۈشىنىكسىزلىكىدىن شىكايەت قىل. بىلەمسىلەر، مەن بىر چاغدا بىر كىتاب ئوقۇغانىدىم، بىر قىزغا ئاشىق بولغانىدىم، ئاجايىپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەنىدىم. مېنى ئۇلار چۈشەنمىدى، غايىب بولۇشتى، ئەجىبا ئۇلار نېمە ئىش قىلىشىۋاتقاندۇ؟ جانان گېرمانىيىدە، باخ كوچىسىدا، ئەجىبا دوختۇر ئېرى قانداقتۇ؟ ئويلىما. كىتابلارنى دائىم ئاستىغا سىزىپ ئوقۇيدىغان ئەخمەق، كېلىشكەن دوختۇر، ئويلىما. ئاخشىمى ئۆيىگە كېلىدۇ، جانان ئۇنى كۈتۈۋالىدۇ، چىرايلىق ئۆيلىرى، يېڭى ماشىنىلىرى، بىر-ئىككى بالىسى… ئويلىما، ئەخمەق ئەر. شەھەر تەتقىقات كومىتېتى مېنى گېرمانىيىگە ئەۋەتىدۇ، بىر ئاخشىمى ئەلچىخانىدا ئۇچرىشىپ قالىمىز، مەرھابا، بەختلىكمۇسەن، سېنى بەك ياخشى كۆرەتتىم… ھازىرچۇ؟ ھازىرمۇ شۇنچە ياخشى كۆرىمەن، سېنى سۆيىمەن، ھەممىنى تاشلاپ گېرمانىيىدە قالالايمەن، سېنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، سېنىڭ سەۋەبىڭدىن قاتىل بولدۇم… بولدى سۆزلىمە، نەقەدەر گۈزەلسەن… ئويلىما… ساڭا ھېچكىم مېنىڭچىلىك ئاشىق بولالمايدۇ. ئېسىڭدىمۇ، بىر قېتىم، ئاپتوبۇسىمىزنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتكەندە، يېرىم كېچىدە بىر تويدىكى مەستلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانىدۇق، ئويلىما…
بەزىدە ئىچىپ-ئىچىپ ئۇخلاپ قالاتتىم، نەچچە سائەتتىن كېيىن ئويغىنىپ سافادا ئولتۇرغىنىمدا تىك موللاق تۇرغان كۆك ”ئېيىق“نىڭ تېلىۋىزورنىڭ ئۇدۇلىدا تۈز ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالاتتىم: ئەجىبا ئېيىقنى قايسى كۆڭۈلسىز چاغلىرىمدا جايىغا تۈز ئولتۇرغۇزدۇم؟ بەزىدە ئېكراندىكى بىر چەت ئەل ناخشىسىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە، ئاندىن يەنە بىرىگە ئېرەڭسىز قاراۋاتقاندا جانان بىلەن ئاپتوبۇس سەپەرلىرىدە، بەدىنىمىزنىڭ بىر-بىرىگە بوش يۆلەنگىنىنى، مۈرەمدە ئۇنىڭ سولغۇن مۈرىلىرىنىڭ ئىسسىقىنى سەزگەندە بۇ ناخشىلاردىن بىرىنى بىرلىكتە ئاڭلىغىنىمىزنى ئەسلىدىم: بىر چاغدا بىز بىرلىكتە ئاڭلىغان ئاشۇ مۇزىكا تېلېۋىزوردا رەڭگارەڭ بولۇپ كەتكەندە، قارا، مەن بۇ يەردە قانچىلىك قاتتىق يىغلاۋاتىمەن. بىر قېتىم، ئىچكىرىكى ئۆيدە بالىنىڭ يۆتەلگىنىنى ئانىسىدىن ئاۋۋال ئاڭلىدىم، ئويغانغان قىزىمنى قۇچاقلاپ مېھمانخانىغا كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئېكراندىكى ئاشۇ رەڭلەرگە قاراۋاتقىنىمدا، قىزىمنىڭ يېتىلگەن بىر ئىنسان قولىنىڭ نۇقسانسىز بىر كىچىك نۇسخىسى بولغان قوللىرىنىڭ، بارماقلىرىنىڭ ۋە تىرناقلىرىنىڭ ھەيران قالغۇدەك كىچىك، ئەمما بىر-بىرىدىن ئايرىم ئەگىملىرىنى ھەيرانلىق بىلەن كۆزىتىپ، ھايات دېگەن بۇ كىتاب ھەققىدە ئويغا چۆمگەن ئىدىم…
− بىرسى ئۆلدى،− دېدى قىزىم.
قاتتىق تاياق يەپ قانلار ئىچىدە يەرگە يىقىلىپ ئۆلگەن بىر بىچارىنىڭ ئۈمىدسىز يۈزىگە قىزىقىپ قاراپ قالدۇق.
سەرگۈزەشتلىرىمگە دىققەت قىلىۋاتقان ئەقىللىق ئوقۇرمەنلىرىم، مېنىڭ ھاياتىمنىڭمۇ بۇرۇنلا تۈگەشكىنىگە، تۈن يېرىملاردا ھاراققا بېرىلىپ كەتكىنىمگە قاراپ، مېنى ھەرگىز ئۆزىنى تاشلىۋېتىپتۇ دەپ قالمىسۇن. دۇنيانىڭ بۇ چېتىدىكى نۇرغۇن ئەرلەردەك مەنمۇ تېخى 35 ياشقا بارماي تۇرۇپ دەردمەن بىر ئادەم بولۇپ قالغانىدىم، ئەمما يەنە ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشقا، كىتاب ئوقۇپ يۈرۈپ كاللامنى ئوڭشىۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.
كۆپ كىتاب ئوقۇدۇم، پۈتۈن ھاياتىمنى ئۆزگەرتكەن كىتابنىلا ئەمەس، باشقا كىتابلارنىمۇ ئوقۇدۇم. ئەمما ئوقۇۋاتقاندا، ھەسرەتلىك ھاياتىمغا چوڭقۇر بىر مەنە بېرىشكە، تەسەللى ئىزدەشكە، ھەتتا ھەسرەتنىڭ گۈزەل، قەدىرلىك تەرىپىنى ئىزدەشكە ئۇرۇنمىدىم. چېخوپقا، يەنى بۇ قابىلىيەتلىك، سىل كېسەل، كىچىك پېئىل رۇسقا كىشى سۆيگۈ ۋە قايىللىقتىن باشقا قانداق تۇيغۇدا بولار؟ ئەمما بىكار ئۆتكەن دەردلىك، ئازابلىق ھاياتىنى چېخوپچە سەزگۈرلۈك بىلەن گۈزەللەشتۈرگەن، ھاياتىنىڭ پەرىشانلىقىدىن مەغرۇرلىنىۋېرىپ گۈزەللىك، ئۇلۇغلۇق تۇيغۇسىغا ئېرىشكەن ئوقۇرمەنلەرگە ئېچىنىمەن، بۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەللى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ۋەزىپە قىلىۋالغان ئەقىللىق يازغۇچىلارغىمۇ نەپرەتلىنىمەن. شۇڭا كۆپلىگەن ھازىرقى زامان رومانلىرىنى ۋە ھېكايىلەرنى ئوقۇپ بولالماي تاشلاپ قويدۇم. ئاھ، ئېتى بىلەن پاراڭلىشىپ يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقان بىچارە ئادەم. ۋاھ، مۇھەببىتىنى پات-پات سۇ قۇيۇپ تۇرىدىغان تەشتەكتىكى گۈلگە ئاتىغان ماغدۇرىدىن كەتكەن بەگزادە. ۋاي، كونا نەرسىلەر ئارىسىدا ھېچقاچان كەلمەيدىغان، ئەيتاۋۇر بىر سالام خەتنى، كونا بىر مەشۇقىنى ياكى دۆت قىزىنى كۈتۈۋاتقان سەزگۈر بىر ئادەم. بىزگە جاراھەتلىرىنى، ئاغرىقلىرىنى توختىماي كۆرسىتىۋاتقان بۇ قەھرىمانلارنى چېخوپتىن قوپاللاشتۇرۇپراق ئوغرىلاپ باشقا مۇھىت، ئىقلىملاردا بىزگە سۇنغان يازغۇچىلار ئەسلىدە تەڭلا شۇنى دېمەكچى: قاراڭ، بىزگە، ئازابلىرىمىزغا، يارىلىرىمىزغا قاراڭ؛ بىز نەقەدەر سەزگۈر، نەقەدەر نازۇك، نەقەدەر ئۆزگىچە! ئازابلار بىزنى سىلەردىنمۇ بەك نازۇك، سەزگۈر قىلىۋەتتى. سىلەرمۇ بىزدەك بولۇشنى، پەرىشانلىقىڭلارنى بىر غەلىبىگە، ھەتتا بىر ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىغا ئايلاندۇرۇشنى خالىمامسىلەر؟ ئۇنداقتا بىزگە ئىشىنىڭلار، بىزنىڭ ئازابلىرىمىزنىڭ ھاياتنىڭ ئادەتتىكى خۇشاللىقىدىنمۇ بەك پەيزى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭلارلا بولدى.
ئەي ئوقۇرمەن، مانا شۇ ۋەجىدىن، سەندىنمۇ بەك سەزگۈر بولمىغان ماڭا ئەمەس، مەن بايان قىلغان ھېكايىنىڭ شىددىتىگە، مېنىڭ ئازابلىرىمغا ئەمەس، بۇ دۇنيانىڭ رەھىمسىزلىكىگە ئىشەن! شۇنداقلا رومان دېگەن بۇ زامانىۋى ئويۇنچۇقنى، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ بۇ ئەڭ چوڭ كەشپىياتىنى بىز پەيدا قىلمىدۇق. كىتابلار بىلەن بۇلغانغان، دەبدەبىلىك پىكىرلەر بىلەن كۇرسى چۈشۈپ كەتكەن ھالىمدىن پاراڭ قىلغىنىم ئۈچۈن ئەمەس، ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ چەت ئەل ئويۇنچۇقىنىڭ ئىچىدە قانداق يوشۇرۇنۇشۇمنى تېخىچە بىلەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ سەھىپىلەردە ئاۋازىمنى ئوقۇرمەنلەر بەتمۇ بەت ئاڭلايدۇ.
شۇنى دېمەكچىمەن: جاناننى ئۇنتۇش، بېشىمغا كەلگەنلەرنى چۈشىنىش، يېتەلمىگەن يېڭى ھاياتىمنىڭ رەڭلىرىنى خىيال قىلىش، خۇشاللىق ھەم بىر ئاز زېرەكلىك بىلەن( ھەمىشە زېرەك بولغىلى بولمايدىغۇ) ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، كىتاب ئوقۇۋېرىپ، ئاخىرىدا بىر كىتاب مەستانىسى بولدۇم، ئەمما ئىلمىي يەكۈنلەرگە كىرىپ قالمىدىم. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ يەكۈنلەرگە كىرىپ قالغانلارنىمۇ كەمسىتمىدىم. كىتاب ئوقۇشقا گويا كىنوغا بېرىشقا، گېزىت-ژۇرناللارنى ۋاراقلاشقا ئامراق بولغاندەك ئامراق ئىدىم. بۇلارنى بىرەر پايدا، نەتىجە كۈتكىنىم ئۈچۈن، ئەيتاۋۇر، ئۆزۈمنى باشقىلاردىن تېخىمۇ ئۈستۈن، تېخىمۇ بىلىملىك، تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىرلىك دەپ بىلىش ئۈچۈن قىلمايتتىم. ھەتتا شۇنداق دېيەلەيمەنكى، كىتاب مەستانىلىقى ماڭا كىچىك پېئىللىقنىمۇ ئۆگەتكەنىدى. كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم، ئەمما كېيىن رىفقى تاغىنىڭ قىلغىنىنى بىلىۋالغىنىمدەك، ئوقۇغان كىتابلىرىم توغرۇلۇق بىر كىمگە گەپ قىلىشنى خالىمايتتىم. كىتابلار مەندە پاراڭلىشىش ئىستىكى پەيدا قىلسا، بۇ ئىشنى كۆپ ھاللاردا مېڭەمدە ئۆز ئىچىدە قىلىشاتتى. بەزىدە، شۇ چاغلاردا كەينى-كەينىدىن ئوقۇغان كىتابلىرىمنىڭ ئۆزئارا بىر تىۋىش ھاسىل قىلغانلىقىنى، بۇلار ئارقىلىق مېڭەمنىڭ ھەر بۇرجىكىدە بىر چالغۇ ئەسۋاب جاراڭلايدىغان ئوركېستىر ھاڭىغا ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كاللامدىكى مۇشۇ مۇزىكا ئارقىلىق بۇ ھاياتقا بەرداشلىق بېرىۋاتقانلىقىمنى بايقايتتىم.
مەسىلەن، بىر ئاخشىمى ئۆيدە ئايالىم بىلەن قىزىم ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن باشلانغان ئاشۇ جەلپكار ھەم ئازابلىق جىمجىتلىقتا تېلىۋىزورنىڭ ئاق رەڭلىرىگە خىيالىي ھەم مەستانىلارچە قاراپ ئولتۇرۇپ جاناننى، مېنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتۇرغان كىتابنى، يېڭى ھاياتنى، پەرىشتىنى، بالا-قازانى، ۋاقىتنى ئويلىدىم، بۇ مۇزىكىنىڭ مۇھەببەت ھەققىدە ماڭا پىچىرلاشلىرىدىن بىر گۈلدەستە تىزالايدىغانلىقىم كاللامغا كەلدى. ياش تۇرۇپ، پۈتۈن ھاياتىم مۇھەببەت تۈپەيلىدىن( كۆرۈۋاتىسەن ئوقۇرمەن، كىتاب تۈپەيلىدىن دېمىگۈدەك ئەقلىم بار) ئازغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە كىتاب، گېزىت- ژۇرناللارنىڭ، رادىئو، تېلېۋىزور، ئېلانلارنىڭ، سەھىپە يازغۇچىلىرىنىڭ، رەسىملىك ژۇرنال سەھىپىلىرى ۋە رومانلارنىڭ ئېيتقانلىرى كاللامدىن زادى چىقمىغۇدەك ئورناپ قالدى.
مۇھەببەت دېگەن نېمە؟
مۇھەببەت تەسلىم بولۇشتۇر. مۇھەببەت مۇھەببەتنىڭ سەۋەبىدۇر. مۇھەببەت چۈشىنىشتۇر. مۇھەببەت بىر مۇزىكىدۇر. مۇھەببەت بىلەن ئېسىل قەلب بىر نەرسىدۇر. مۇھەببەت ھەسرەت شېئىرىدۇر. مۇھەببەت سۇنغان روھنىڭ ئەينەكتە ئەكس ئېتىشىدۇر. مۇھەببەت ئۆتكۈنچىدۇر. مۇھەببەت ھېچقاچان پۇشايمان قىلدىم دېمەسلىكتۇر. مۇھەببەت كىرىستاللىشىشتۇر. مۇھەببەت بېغىشلاشتۇر. مۇھەببەت بىر سېغىز كەمپۈتنى تەڭ يېمەكتۇر. مۇھەببەت يوشۇرۇن بولىدۇ. مۇھەببەت قۇرۇق گەپتۇر. مۇھەببەت بىر ئازابتۇر. مۇھەببەت ”پەرىشتە“ بىلەن دەرقەمدە ئۇچرىشىشتۇر. مۇھەببەت كۆز يېشىدۇر. مۇھەببەت تېلېفون كېلىشنى كۈتۈشتۇر. مۇھەببەت پۈتۈن بىر دۇنيادۇر. مۇھەببەت كىنوخانىدا قول تۇتۇشۇپ ئولتۇرۇشتۇر. مۇھەببەت بىر مەستلىكتۇر. مۇھەببەت بىر يالماۋۇزدۇر. مۇھەببەت قارىغۇلۇقتۇر. مۇھەببەت يۈرەكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشتۇر. مۇھەببەت مۇقەددەس سۈكۈتتۇر. مۇھەببەت ناخشىلاردا ئېيتىلىدۇ. مۇھەببەت تېرىگە ياقىدۇ.
ئىشەنچىمنى يوقىتىپ ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىپ، ئەمما روھىمنى ماكانسىز قويىدىغان بىر مەسخىرىۋاز بولۇپمۇ كەتمەستىن، يەنى گويا تېلېۋىزوردىكى كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ ئالدىنىۋېتىپ ئالدانغانلىقىمنى بىلىپ، ئالدانمىغاندا ئالدانغۇم كېلىپ بۇ دۇردانىلەرگە ئېرىشتىم. ئۆزۈمنىڭ چەكلىك، ئەمما مول تەجرىبىلىرىمنى ئاساس قىلىپ، بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىمنى قوشۇپ قوياي:
مۇھەببەت بىرسىنى چىڭ قۇچاقلاش، ئۇنىڭ بىلەن كونا جايدا بىللە بولۇش سېغىنچىدۇر. ئۇنى قۇچاقلاپ، پۈتۈن دۇنيانى سىرتتا قالدۇرۇش ئارزۇسىدۇر. ئىنساننىڭ ئۆز روھىغا خاتىرجەم بىر پاناھگاھ تېپىش ئىستىكىدۇر.
كۆردۈڭلارغۇ، ھېچقانداق يېڭى نەرسە دېمىدىم. شۇنداقتىمۇ بىر نەرسە دېدىم! ئۇنىڭ يېڭى بولۇش-بولماسلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمەن. بەزى دورامچى ئەخمەقلەرنىڭ ئويلىغىنىنىڭ دەل ئەكسىچە، بىر-ئىككى ئېغىز سۆزمۇ سۈكۈتتىن ياخشىدۇر. جىمى رەھىمسىزلىكى بىلەن ئاستا-ئاستا يول ئالغان پويىزدەك، ھايات بىزنىڭ روھىمىزنى، جىسمىمىزنى يەنچىپ ئۆتۈۋاتقاندا سۈكۈتتە تۇرۇش، بىر ئېغىز گەپ قىلماسلىق نېمىگە يارايدۇ؟ پەرۋەردىگارغىمۇ؟ بىر ئادەمنى تونۇيتتىم، ئۇ مەن قۇراملىق ئىدى، مۇشۇنداق بىر سۈكۈنات بىزگە ئارقىمۇ ئارقا كېلىۋېرىپ ۋۇجۇدىمىزنى ئۆتمە-تۆشۈك قىلىدىغان يامانلىقلار ۋە دەھشەتلەر بىلەن قارشىلىشىشتىن ياخشىراقتۇر دەپ گەپ يورغلىتاتتى. شۇنداق، گەپ يورغىلىتاتتى، چۈنكى بۇ گەپنى ئۇ دېمەيۋاتاتتى، ئەتىگەندىن كەچكىچە بىر ئۈستەلدە جىمجىت ئولتۇرۇپ، خەقنىڭ گەپلىرىنى بىر دەپتەرگە چىرايلىق يېزىۋاتاتتى. بەزىدە ئۇنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى، تېخىچە خەت يېزىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، ئۇنىڭ سۈكۈتىنىڭ ئىچىمدە يوغىناپ تېنىمنى تىكەنلەشتۈرىدىغان بىر دەھشەتكە ئايلىنىشىدىن قورقاتتىم.
يۈزىگە ۋە مەيدىسىگە ئوق ئاتقانىدىم، ئەمما ئۇنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈرەلىگەندىمەنمۇ؟ ئاتقىنىم پەقەت ئۈچ پاي ئوق ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇ كىنوخانىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا ۋە كىنو ئاپپاراتىنىڭ كۆزۈمگە چۈشكەن نۇرىدا ئەتراپىمنى ياخشى كۆرەلمىگەنىدىم.
ئۇنىڭ ئۆلمىگەنلىكىگە ئىشەنگەن چېغىمدا ئۇنىڭ ئۇ كىتابنى ئۆيىدە كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى خىيال قىلاتتىم. بۇ خىيال ماڭا شۇ قەدەر دەھشەتلىك تۇيۇلاتتى! مەن، ئاقكۆڭۈل خوتۇنۇم، تاتلىق قىزىم، تېلېۋىزورۇم، گېزىتلىرىم، كىتابلىرىم، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى ۋە ئىشخانىدىكى خىزمەتداشلىرىم، غەيۋەت-شىكايەتلىرىم، قەھۋەلىرىم ۋە تاماكىلىرىم بىلەن ئۆزۈمگە ئايدىڭ بىر تەسەللى دۇنياسى يارىتىشقا تىرىشاتتىم، قول بىلەن تۇتقىلى بولغىدەك نەرسىلەر بىلەن ئۆزۈمنى قورشاپ قوغدانغىنىمدا، ئۇ تولۇق بىر سۈكۈناتقا ئۆزىنى كەسكىن ھالدا تەسلىم قىلالايتتى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىگە خۇشاللىق تاپاتتى. تۈن يېرىمىدا ئۇ ئىشەنگەن ۋە ئۆزىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاتىغان جىمجىتلىقنى ئويلىغىنىمدا، ئۇنىڭ ئۇ كىتابنى يېڭىۋاشتىن كۆچۈرۈشلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە، كاللامدا ئەڭ بۈيۈك مۆجىزە رېئاللىققا ئايلىنىپ، ئۇ يەردە، ئۇنىڭ ئۈستىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ سەۋر بىلەن دائىم بىر ئىشنىلا قىلىۋاتقاندا جىمجىتلىقنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. مەن ئېرىشەلمىگەن، ئەمما ئۈمىد-ئارزۇلىرىم ۋە مۇھەببىتىم شاھىد بولغان ئىشلارنىڭ سىرلىرى ئاشۇ جىمجىتلىق ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىچىدە ئىدى؛ شۇنداقلا جانان ياخشى كۆرگەن ئادەم خەت كۆچۈرۈۋاتقاندا، مەندەك بىرسى زادى يېتەلمەيدىغان چوڭقۇر كېچىنىڭ جىمجىتلىقى زۇۋانغا كېلىدۇ دەپ ئويلايتتىم.

3 پارچە ئىنكاس بار

  1. ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

    ئەنۋەر مۇھەممەد دەپ ئالسىڭىز بولىدۇ.

  2. ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

    بولىدۇ

ئەرتۈرك ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*