يېڭى ھايات(8)

new life3

15
بىر كېچە بۇ تىۋىشنى ئاڭلاش ئارزۇسىغا شۇنچىلىك بېرىلدىمكى، تېلېۋىزورنى ئۆچۈردۈم، بۇرۇنلا ئۇخلىغان ئايالىمنى ئويغاتماستىن كىتابنى كارىۋىتىمنىڭ بېشىدىن ئاستا ئالدىم ۋە ھەر ئاخشىمى تېلېۋىزور كۆرگەچ تاماق يەيدىغان شىرەگە كېلىپ، يېڭى بىر ئىشتىياق بىلەن ئوقۇشقا باشلىدىم. قىزىم ھازىر ئۇخلاۋاتقان ھۇجرىدا نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا بۇ كىتابنى ئوقۇغانلىقىمنى مۇشۇنداق خاتىرىلىدىم. ئاشۇ نۇرنىڭ كىتابتىن بالقىپ يۈزۈمگە چۈشۈشىگە شۇنچىلىك تەشنا بولدۇمكى، ئىچىمدە بىردىنلا يېڭى دۇنيانىڭ خىيالى تىپىرلىدى. بىر ھەرىكەت ۋە سەۋرسىزلىك ھېس قىلدىم، بۇ مېنى كىتابنىڭ مەركىزىگە ئاپىرىدىغان تىۋىشنىڭ سىرىنى بېرىدىغان بىر تىپىرلاش ئىدى…
كىتابنى تۇنجى ئوقۇغان كۈنى كېچىسىدىكىدەك، مەھەللەمنىڭ كوچىلىرىدا ئايلىنىۋاتاتتىم. كۈز ئاخشىمى قاراڭغۇ كوچىلار ھۆلچىلىك ئىدى، پىيادىلەر يولىدا بىر قانچە كىشى ئۆيىگە قايتىۋاتاتتى. ئېرەنكۆي ۋوگزالى مەيدانىغا بۇرۇلغىنىمدا تونۇش دۇكانلارنىڭ ئەينەك رامكىلىرىنى، كونا ماشىنىلارنى، پىيادىلەر يولىدىكى باققاللار ئاپېلسىن، ئالما يەشىكلىرىگە يېپىپ قويغان كونا كىليونكىلارنى، قاسساپ دۇكىنىدىن چىقىۋاتقان كۆك نۇرنى، دورىخانىنىڭ كونا، يوغان مېشىنى، ئىشقىلىپ ھەممە نەرسىنى ئۆز جايىدا كۆردۈم. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا مەھەللىدىكى ئاغىنىلىرىم بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بارىدىغان قەھۋەخانىدا بىر-ئىككى يىگىت تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇراتتى. كوچىلاردا كېتىۋېتىپ، تېخىچە ئۇخلىمىغان ئائىلىلەرنىڭ مېھمانخانا ئۆيلىرىنىڭ يېرىم ئوچۇق پەردىلىرى ئارىسىدىن، ئاشۇ تېلېۋىزور پروگراممىلىرىنىڭ چىنار دەرەخلىرىگە، نەملىشىپ كەتكەن ئىستولبىلارغا، بالكوننىڭ شادا تۆمۈرلىرىگە چۈشكەن گاھى كۆك، گاھى يېشىل، ئاندىن قىزىللىشىۋاتقان نۇرلىرىنى كۆردۈم.
يېرىم تارتىلغان پەردىلەر ئارىسىدىن چىققان تېلېۋىزور نۇرلىرىغا قاراپ كېتىۋاتقىنىمدا رىفقى تاغىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا توختاپ، ئىككىنچى قەۋەتتىكى دېرىزىلىرىگە خېلى ئۇزۇن قارىدىم. شۇ ئان گويا جانان بىلەن خالىغانچە چىققان بىر ئاپتوبۇستىن خالىغانچە چۈشۈۋەرگەندەك، ئەركىنلىك ۋە تاسادىپىيىلىق ھېس قىلدىم. ئۆيدىكى تېلېۋىزور يورۇتقان ئۆينى پەردىلەر ئارىسىدىن كۆرەلىدىم، ئەمما مەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇش ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان رىفقى تاغىنىڭ تۇل خوتۇنىنى كۆرەلمىدىم. تېلېۋىزور ئېكرانىدىكى كۆرۈنۈشكە ئەگىشىپ ئۆي بەزىدە ئاقۇش، بەزىدە جانسىز ساغۇچ بىر نۇردا يورۇيتتى. كىتاب ۋە ھاياتىمنىڭ سىرى ئۇ يەردە، ئۇ ئۆيدە كۆمۈلۈپ ياتىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.
بىنانىڭ باغچىسىنى پىيادىلەر يولىدىن ئايرىپ تۇرغان تامغا چەبدەسلىك بىلەن چىقىپ، راتىبە ھاممىنىڭ بېشىنى ۋە ئۇ قاراۋاتقان تېلېۋىزورنى كۆردۈم. ئۇ رەھمەتلىك ئېرىنىڭ بوش ئورۇندۇقىغا 45 گىرادۇس يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقاندا، خۇددى ئانامدەك بوينىنى قىسىپ ئولتۇراتتى، ئەمما ئانامدەك بىر نەرسە توقۇپ ئولتۇرماي، ھۇزۇرلىنىپ تاماكا چېكىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ، بۇ تامغا چىقىپ ئۆينىڭ ئىچىنى كۆزەتكەن مەندىن باشقا ئىككى كىشىنى ئېسىمگە ئالدىم.
بىنانىڭ ”رىفقى خات“ دېگەن ئىسىم چاپلانغان كىرىش ئىشىكىدىكى بىر كونۇپكىنى باستىم، سەل ئۆتۈپ ئېچىلغان ئىككىنچى قەۋەتتىن ئۇ ئايال پەسكە قاراپ توۋلىدى:
− كىمۇ؟
− مەن، راتىبە ھامما،− دېدىم مېنى ياخشىراق كۆرۈۋالسۇن دەپ بىر قانچە قەدەم كەينىمگە— كوچا چىرىغىنىڭ يورۇقىغا مېڭىۋېتىپ، — مەن تۆمۈر يول خادىمى ئاقىف ئەپەندىنىڭ ئوغلى ئوسمان.
− ھە، ئوسمانمۇسەن!− دېگىنىچە ئىچىگە كىرىپ كونۇپكىنى باستى، ئىشىك ئېچىلدى.
مېنى ئۆينىڭ ئىشىكىدە كۈلۈمسىرەپ قارشى ئالدى ۋە مەڭزىمگە سۆيۈپ ”بېشىڭغىمۇ قاراپ باقاي“ دېدى. ئېڭىشىۋىدىم، بالىلىق چېغىمدا قىلغىنىدەك (سەل ئاشۇرۇپراق) چاچلىرىمنى پۇراپ، بېشىمنىمۇ سۆيدى.
بۇ ھەرىكەت ماڭا ئاۋۋال ئۇنىڭ رىفقى تاغا بىلەن ئۆمۈر بويى تەڭ تارتىشقان دەرد-ئەلىمىنى، ئىككىسىنىڭ بالىسى يوقلۇقىنى، ئاندىن ئانام ۋاپات بولۇپ يەتتە يىلدىن بۇيان بىر كىمنىڭ مېنى كىچىك بالىدەك كۆرۈپ مۇئامىلە قىلمىغانلىقىنى ئەسلەتتى. بىردىنلا شۇنچىلىك راھەتلەندىمكى، ئۆيگە كىرىۋاتقاندا ئۇ سورىماستا مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلاي دەپ ئويلىدىم.
− راتىبە ھامما، كوچىدا ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتىم، ئۆيىڭىز يورۇق تۇرۇپتۇ، كەچ بولۇپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ بىر كىرىپ سالام بېرەي دېدىم.
− ئەجەپ ياخشى قىلىپسەن! − دېدى ئۇ،− تېلېۋىزورنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇر. مېنىڭمۇ كېچىسى ئۇيقۇم كەلمەي مۇشۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرىمەن. قارا، ماشىنىنىڭ بېشىدىكى ئايال بەئەينى بىر يىلان. بولغۇلۇق بىزنىڭ بالىلارغا، شۇ ساقچىلارغا بولۇۋاتىدۇ. بۇلار پۈتۈن شەھەرنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇيدۇ… چاي ئەكىلەيمۇ؟
لېكىن دەرھال چاي ئەكەلمىدى. بىردەم بىرلىكتە تېلېۋىزور كۆردۇق. ” قارا شۇنىڭغا، شۇ نومۇسسىزغا…“ دېدى ئۇ بىر چاغدا ئېكراندىكى ئوتقاشتەك بىر ئامېرىكا گۈزىلىنى كۆرسىتىپ. ئۇ گۈزەل كىيىملىرىنى بىر ئاز يېشىۋېتىپ، بىر ئادەم بىلەن ئۇزاق سۆيۈشتى ۋە راتىبە ھامما بىلەن ئىككىمىز چىقارغان تاماكا ئىسلىرى ئارىسىدا زىنا قىلدى. شۇ ئەسنادا، ئېكراندا كۆرۈنگەن نۇرغۇن ماشىنىلار، كۆۋرۈكلەر، تاپانچىلار، كېچىلەر، ساقچىلار ۋە گۈزەللەردەك راتىبە ھاممىمۇ يوقاپ كېتىۋاتاتتى. جانان بىلەن بىللە بۇ فىلىمنى كۆرگىنىمىزنى ئەسلىيەلمىدىم، ئەمما جانان بىلەن بىللە كۆرگەن كىنو ئەسلىمىلىرىنىڭ مېنى ئازابلاپ ئىچىمدە تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم.
راتىبە ھامما چاي ئەكىلىش ئۈچۈن ئىچكىرىكى ئۆيىگە ماڭغىنىدا بۇ ئازابلاردىن قۇتۇلۇش، مېنى دەردمەن قىلغان بۇ ھاياتنىڭ، ئۇ كىتابنىڭ سىرىنى يېشىپ، ئازراق بولسىمۇ راھەتلىنىۋېلىش ئۈچۈن بۇ يەردە، بۇ ئۆيدە بىر نەرسىلەرنى تېپىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغىنىمنى چۈشەندىم. بىر بۇلۇڭدىكى قەپەستە ئۇخلاپ قالغان سېرىق قۇشقاچ بالىلىق چېغىمدا رىفقى تاغا مېنى بۇ ئۆيىدە ئوينىتىۋاتقاندا جايىدا جىم تۇرالمايدىغان قۇش شۇمىدۇ ياكى ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەرنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ قەپەسكە سولانغان يېڭى قۇشمىدۇ؟ كۆڭۈل قويۇپ رامكىغا ئېلىنىپ تامغا ئېسىپ قويۇلغان ۋاگون ۋە پاراۋوز رەسىملىرىمۇ بۇرۇنقى جايىدا ئىدى، ئەمما بۇلارنى بالىلىق چېغىمدا، رىفقى تاغىنىڭ چاقچاقلىرىنى ئاڭلاپ، تېپىشماقلىرىنى تېپىشقا تىرىشىۋاتقان ۋاقىتلاردا كۆرگەنىدىم، ئەمدى كۆپ قىسمى ئىشلىمەيدىغان بۇ كونا نەرسىلەرنىڭ تېلېۋىزور نۇرى ئاستىدا ئۇنتۇلۇپ، چاڭ-توزانغا كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ پەرىشان بولدۇم. بىر ئەينەكلىك ئىشكاپنىڭ يېرىمىدا ھەر خىل ئىچىملىك، يەنە يېرىم قۇتا جىنەستە ئىچىملىكى بار ئىدى. بۇنىڭ يېنىدا بالىلىق چېغىمدا دادام بىلەن رىفقى تاغىنىڭ ئۆيىگە بارغان ۋاقىتلاردا ئۇ ماڭا ئوينا دەپ بەرگەن كونتروللۇق بېلەت تەشكۈچ، تۆمۈريول خىزمەت مېداللىرى بىلەن پاراۋوز شەكلىدىكى چاقماقنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى. مودېل ۋاگونلارنىڭ، سۈنئىي كرىستال كۈلداننىڭ ۋە 25 يىللىق پويىز ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەينەكتە كۆرۈنگەن ئىشكاپنىڭ يەنە بىر كۆزنىكىدە 25-30 دانە كىتاب كۆرۈپ يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقتى.
بۇلار رىفقى تاغا «يېڭى ھايات»نى يېزىۋاتقان يىللاردا ئوقۇغان كىتابلار بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇنچە سەپەرلەردىن، شۇنچە يىللاردىن كېيىن جاناننىڭ ھەقىقىي ئىزىنى تاپىدىغاندەك بىر ھاياجان پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قاپلىدى.
چېيىمىزنى ئىچكەچ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقاندا، راتىبە ھامما ئاۋۋال بالامنىڭ قانداقلىقىنى، ئاندىن ئايالىمنىڭ قانداقراق بىر ئايال ئىكەنلىكىنى سورىدى. ئۇنى تويۇمغا چاقىرمىغانلىقىمنىڭ خىجىللىقىدا بىر نەرسىلەرنى دەيتتىم، ئايالىمنىڭ ئەسلىدە بىزنىڭ كوچىدا ئولتۇرىدىغان بىر ئائىلىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم، كېيىن ئايالىم بولغۇچىنى كىتابنى تۇنجى ئوقۇغان چاغلاردا تۇنجى كۆرگەنلىكىمنى ئەسلىدىم. ئۆيىمىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى بوش ئۆيگە ئورۇنلاشقان ۋە ئۇ ئاخشىمى لامپۇچكىنىڭ كۈچلۈك يورۇقىدا، ئېچىقلىق تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا ھەممىسى بىرلىكتە تاماق يېگەن ئائىلىنىڭ قىزىنى، يەنى نەچچە يىللاردىن كېيىن مەن ئالغان ئۇ تەلەيسىز قىزنى ئۇ كىتابنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغان كۈنى تۇنجى رەت كۆرگىنىم تاسادىپىيلىقمۇ ياكى ئۆيلىنىپ نەچچە يىللاردىن كېيىن ھاياتىمنىڭ مەخپىي ئەندىزىسىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن رىفقى تاغىنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ شۇ تاسادىپىيلىقنى ئەسلەپ قالغىنىم تاسادىپىيلىقمۇ؟ بۇ تاسادىپىيلىقلارنىڭ قايسىسى بەكرەك ئاساسلىق ھەم ھەيران قالارلىق؟ شۇ چاغدا قىزنىڭ چاچلىرى سېرىق، تېلېۋىزور ئېكرانى يېشىل دەپ ئويلىغىنىم ئېسىمدە.
شۇنداق قىلىپ ئەسلىمە، تاسادىپىيلىق ۋە ھايات ھەققىدە كۆڭۈللۈك بىر ئەقىل گادىرماچلىقى ئىچىدە ئۆزۈمنى يوقاتقاندا، راتىبە ھامما بىلەن مەھەللىدىكى سۆز-چۆچەك ، يېڭى ئېچىلغان مېۋە-چىۋە دۇكىنى، مەن كىرىدىغان ساتراشخانا، كونا كىنوخانىلار، دادىسىنىڭ ئاياغ دۇكىنىنى چوڭايتىپ بىر كارخانا قۇرۇپ باي بولغاندىن كېيىن مەھەللىنى تاشلاپ كەتكەن بىر دوستۇم ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. سۈكۈت بىلەن ئۈزۈلۈپ تۇرغان بۇ پارچە-پۇرات سۆھبىتىمىز ”ھايات نەقەدەر خاراب“ دەۋاتقاندا، تاپانچا ئاۋازلىرى، شەھۋانىي ھەرىكەتلەر، ۋارقىراپ-جارقىراشلار، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانلار، پارتلىغان بېنزىن تۇڭلىرى بىلەن قىزىپ كەتكەن تېلېۋىزور” لېكىن يەنە خاراب قىلىش لازىم“ دەيتتى، ئەمما بىز بۇنىڭدىن بىئارام بولمايتتۇق.
خېلى كەچ بولغاندا تېلېۋىزوردىكى ئىڭراشلار، جۆيلۈشلەر ۋە ئۆلۈم پەريادلىرى ھىندى ئوكياننىڭ christmas ئارىلىدا ياشايدىغان قىزىل، قارا قىسقۇچ پاقىلار ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمگە ئورون بوشاتقاندا مەن—يامان ئىشپىيون ئەسلى تېمىغا ئېكراندىكى سەزگۈر قىسقۇچ پاقىدەك يېقىنلىشىپ:
−بۇرۇن ھەممە نەرسە نېمىدېگەن ياخشى ئىدى،− دېيىشكە جۈرئەت قىلدىم.
−ياش چېغىڭدا ھايات گۈزەلدۇر،— دېدى راتىبە ھامما. ئەمما ئېرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ياشلىق دەۋرى ھەققىدە (بەلكى بالىلار ھېكايىلىرىنى، تۆمۈر يول خىزمەتچىلىرى روھىنى، رىفقى تاغىنىڭ ئەسەرلىرىنى، رەسىملىك رومانلىرىنى سورىغانلىقىم ئۈچۈن) كۆڭۈللۈك بىر گەپ قىلمىدى.
−رىفقى تاغاڭ يېزىش، سىزىش ھەۋىسى بىلەن ھەر ئىككىمىزنىڭ ياشلىقىنى نابۇت قىلدى.
ئەسلىدە، دەسلەپكى يىللاردا ئېرىنىڭ «تۆمۈريول» ژۇرنىلىغا ئەسەر يېزىشىنى، مۇخبىرلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللىغانىدى. چۈنكى مۇشۇ باھانىدە رىفقى تاغا تۆمۈر يول مۇپەتتىشلىرىنىڭ ئۇزۇن سەپەرلىرىدىن بىرئاز بولسىمۇ قۇتۇلاتتى، راتىبە ھاممىمۇ ئۆيدە يالغۇز، نەچچە كۈنلەرگىچە ئېرىنىڭ يولىغا قاراپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولمايتتى. شۇ چاغلاردا رىفقى تاغا تۆمۈر يول خادىملىرىنىڭ بالىلىرىمۇ ژۇرنالنى ئوقۇسۇن، بۇ مەملىكەتنى تۆمۈر يول ياساش ئارقىلىق قۇتقۇزىۋالغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ ژۇرنالنىڭ ئاخىرقى بەتلىرىگە رەسىملىك ھېكايىلەرنى سىزىش نىيىتىگە كەلگەنىدى. ” بەزى بالىلار بۇلارنى بەك ياخشى كۆرەتتى، شۇنداق ئەمەسمۇ يا؟ “ دېدى راتىبە ھامما تۇنجى قېتىم كۈلۈمسىرەپ، مەنمۇ ئۇ ۋەقەلەرنى قىزىقىپ ئوقۇغانلىقىمنى، «پېرتېۋ بىلەن پېتېر» چاتما ھېكايىسىنى يادقا بىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
−ئەمما شۇ يەردە بولدى قىلسا بولاتتى، ئۇنچىلىك ئەستايىدىل بولۇپ كەتمىسىمۇ بولاتتى،− دەپ گېپىمنى بۆلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئېرىنىڭ خاتالىقى شۇكى، رەسىملىك ھېكايىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ھەققىدە ئۇ بابىئالىدىكى ھىيلىگەر بىر نەشرىياتچىنىڭ تەكلىپىگە ئالدىنىپ، بۇلارنى ئايرىم بىر ژۇرنال قىلىش نىيىتىگە كەلگەنىدى. — شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ كېچىسىمۇ، كۈندۈزىمۇ ئۆزىگە ئاشمىدى، تەپتىش ساياھىتىدىن، ئىدارىسىدىن ھېرىپ-ئېچىپ كېلىپلا ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ، تاڭ ئاتقۇچە ئىشلەيتتى.
بۇ ژۇرناللار بىر مەزگىل ئوقۇلغان، ئەمما دەسلەپتە نام قازىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەي تارىخىي رەسىملىك رومانلار، قاغانلار، باتۇر ئوغلانلار، خاقانلار، يەنى بىزانسلىقلار بىلەن جەڭ قىلىشقان تۈرك جەڭگىۋارلىرى مودا بولغاندا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىناۋەتتىن چۈشۈپ كەتكەنىدى.
− ئۇ ئارىلىقتا «پېرتېۋ بىلەن پېتېر» بىر ئاز سېتىلدى، پۇلمۇ تاپتۇق. ئەمما كۆپ پۇلنى، ئەلۋەتتە قىزىل كۆز نەشرىياتچى تاپتى، — دېدى راتىبە ھامما. قويمىكەش نەشرىياتچى رىفقى تاغىغا ئامېرىكا تۆمۈر يولىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پادىچى نوچى ۋە قاراقچى-بۇلاڭچىلىق رولىنى ئالىدىغان تۈرك بالىلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى ئەمدى تاشلاپ، ئۇ كۈنلەردە بەك سېتىلىدىغان باتۇر ئوغلانلار، قاغانلار، ئادىل چەۋەندازلاردەك نەرسىلەرنى سىزىپ ئەكېلىشنى ئېيتىپتۇ. ” ئىچىدە پويىز كۆرۈنۈشى بولمىسا سىزمايمەن“ دەپتۇ رىفقى تاغا. ۋاپاسىز نەشرىياتچى بىلەن ئۇنىڭ ئالاقىسى مۇشۇنداق ئۈزۈلۈپتۇ. ئۇ بىر مەزگىل ئۆيىدە رەسىملىك رومانلارنى ئۆزلىكىدىن سىزىپتۇ، باشقا نەشرىياتچىلارنى ئىزدەپتۇ، بىر چاغلاردىن كېيىن ئېتىبارسىز قېلىپ خاپا بوپتۇ.
− نەشر قىلىنمىغان ئۇ ھېكايىلەر ھازىر نەدە؟− دېدىم مەن ئۆيگە كۆز يۈگۈرتكەچ.
ئۇ جاۋاب بەرمىدى؛ تېلىۋىزورغا قاراپ، قورسىقىدىكى تۆللەنگەن تۇخۇملارنى دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلگەن مۇۋاپىق بىر پەيتتە چىقىرىش ئۈچۈن پۈتۈن بىر ئارالنى باشتىن ئاياغ كېزىپ چىققان جاپاكەش، قارا، چىشى قىسقۇچ پاقىنىڭ مۇشەققەتلىك سەپىرىنى بىر ھازا كۆردى.
− ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تاشلىۋەتتىم،− دېدى ئۇ،− ئىشكاپلارغا توشۇپ كەتكەن رەسىم، ژۇرنال، ئامېرىكىلىقلار ۋە پادىچى نوچىلار ھەققىدىكى كىتابلار، كىيىنىشلىرىنى نۇسخىلىۋالغان كىنو كىتابلىرى، «پېرتېۋ بىلەن پېتېر»لەر، ئەيتاۋۇر بىر نېمىلەر… ئۇ مېنى ئەمەس، شۇ نەرسىلەرنى ياخشى كۆرەتتى.
− رىفقى تاغا بالىلارغا بەك ئامراق ئىدى.
− ئامراق ئىدى، ئامراق ئىدى، − دېدى،− ياخشى ئادەم ئىدى، ھەممە كىشىنى ياخشى كۆرەتتى، بۇنداق ئادەم ھازىر بارمۇ؟
بەلكىم رەھمەتلىك ئېرىنىڭ ئارقىسىدىن بىر-ئىككى ئېغىز شىكايەت قىلىپ سالغانلىقىدىن پەيدا بولغان گۇناھ تۇيغۇسى بىلەن بىر ئاز كۆز يېشى قىلدى. ئېكراندا قاتتىق دولقۇنلارنىڭ ۋە دېڭىز قۇشلىرىنىڭ قۇربانى بولماستىن قۇرۇقلۇققا چىقالىغان بىر قانچە تەلەيلىك قىسقۇچ پاقا بالىلىرىغا قاراۋاتقانىدى، قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا نەدىن چىقارغىنىغا مەن ھەيران قالغان بىر قولياغلىق بىلەن يېشىنى سۈرتتى، بۇرنىنى سۈرتتى.
− يەنە،− دېدى سەزگۈر ئىشپىيون دەرھال، − رىفقى تاغا چوڭلار ئۈچۈن «يېڭى ھايات» دەپ بىر كىتاب يېزىپتىكەن، باشقا بىر نام بىلەنمۇ نەشر قىلىپتۇدەك.
− نەدىن ئاڭلىدىڭ سەن بۇنى؟−دەپ سۆزۈمنى بۆلدى، − ئۇنداق ئىش يوق.
ئۇ ماڭا بىر قاراپ قويۇپ، ئاچچىقى بىلەن بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ ئىسىنى قاتتىق پۈۋلەپ شۇنچە غەزەپلىك بىر جىمجىتلىققا چۆمدىكى، سەزگۈر ئىشپىيون جىم بولۇشقا مەجبۇر بولدى.
بىر ھازاغىچە پاراڭلاشمىدۇق. ئەمما بىر ئىشنىڭ بولۇشىنى كۈتۈپ يەنە قوپۇپ كېتەلمىدىم، ھاياتنىڭ كۆرۈنمەس تەڭداشلىقىنىڭ ئەمدى نامايان بولۇشىنى كۈتتۈم.
تېلېۋىزوردىكى ھۆججەتلىك فىلىم تۈگىگەندە، قىسقۇچ پاقا بولۇشنىڭ ئىنسان بولۇشتىنمۇ بەتتەر ئىكەنلىكىنى ئويلىغاچ تەسەللى ئىزدەۋاتاتتىم، راتىبە ھامما قوپال، كەسكىن ھەرىكەتلىرى بىلەن ئورنىدىن قوپتى، قولۇمدىن تۇتۇپ ئەينەك ئىشكاپنىڭ ئالدىغا تارتىپ ”قارا“دېدى، بېشى ئېگىك تىكلەنمە چىراغنى ياققاندا تامدىكى بىر رەسىم يورىدى.
ھەيدەر پاشا پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئالدىدىكى پەلەمپەيلەردە، ئوخشاش چاپان، ئوخشاش شىملارنى كىيىپ ئوخشاش گالستۇك تاقىغان ۋە كۆپ قىسمى ئوخشاش بۇرۇت قويۇۋالغان 35-40 ئادەم فوتو ئاپپاراتقا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
− تۆمۈر يول مۇپەتتىشلىرى، ئۇلار بۇ مەملىكەتنىڭ تۆمۈر يول بىلەن تەرەققىي تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، — دېدى راتىبە ھامما ۋە بىر بارمىقى بىلەن رىفقى تاغىنى كۆرسەتتى.
رىفقى تاغا مەن بالىلىقىمدا تونۇيدىغان، نەچچە يىللاردىن بېرى خىيال قىلغىنىمدەك ھالەتتە ئىدى. ئوتتۇرا بويدىن سەل ئېگىز، ئورۇق، بىر ئاز قاملاشقان ۋە بىچارە چىرايراق ئىدى. باشقىلار بىلەن بىرلىكتە بولۇشتىن، ئۇلارغا ئوخشىغانلىقىدىن خۇشال ھالدا بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈمسىرەيتتى.
− قارا، مېنىڭ ھېچكىمىم يوق، − دېدى راتىبە ھامما،− تويۇڭغا بارالمىدىم، بۇنى بولسىمۇ ئال، — قاچا-قۇچا ئىشكاپىدىن ئالغان كۈمۈش رەڭلىك كەمپۈت قۇتىسىنى قولۇمغا تۇتقۇزدى، — ئۆتكەندە پويىز ئىستانسىسىدا ئايالىڭ بىلەن قىزىڭنى كۆردۈم. نېمىدېگەن چىرايلىق ئايال! قەدرىنى بىلەمسەن؟
قولۇمدىكى قۇتىغا قاراپ، ئەيىبكارلىق تۇيغۇسىدا تولغاندىم، بۇنداق دېسەم، ئوقۇرمەن بەلكىم ئىشەنمەس. نېمىنى ئەسلىگىنىمنى بىلەلمەستىن بىر نەرسىنى ئەسلەۋاتاتتىم دېسەم بولار. كۈمۈش رەڭ كەمپۈت قاچىسىنىڭ ئەينىكىدە پۈتۈن ئۆي، مەن ۋە راتىبە ھامما كىچىكلەپ، يۇمىلاق، ياپىلاق ھالەتكە كېلىپ قالدۇق. دۇنيانى ئاچقۇچ تۆشۈكلىرىدەك كۆزلىرىمىز بىلەن ئەمەس، باشقا بىر مەنتىقىنىڭ فوكۇس نۇقتىسىدىن تەسادىپىي كۆرۈش نەقەدەر ئاجايىپ-ھە! ئەقىللىق بالىلار بۇنى چۈشىنىدۇ، ئەقىللىق چوڭلار بۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەيدۇ. كاللامنىڭ يېرىمى ئۇ تەرەپتە، يېرىمى بۇ تەرەپتە توختاپ قالغانىدى. ئوقۇرمەن، سىزدىمۇ شۇنداق ئىش بولامدۇ: بىر نەرسىنى ئەسلىمەكچى بولدىڭىز، ئەمما سەۋەب تاپالماي، ئەسلەشنى باشقا ۋاقىتقا قويۇپ قويدىڭىز.
− راتىبە ھامما، − دېدىم رەھمەت ئېيتىشنىمۇ ئۇنتۇپ، ئىشكاپنىڭ يەنە بىر كۆزنىكىدىكى كىتابلارنى ئىشارەتلىدىم، − بۇ كىتابلارنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟
− نېمە قىلىسەن ئۇلارنى؟
− ئوقۇيتتىم، − دېدىم، قاتىل بولغانلىقىم ئۈچۈن كېچىلىرى ئۇيقۇم كەلمەيدۇ، دېمىدىم، − كېچىلىرى ئوقۇيمەن، تېلېۋىزورغا قارىسام كۆزۈم چارچاپ كېتىدۇ، ئۇزۇن كۆرەلمەيمەن.
− ئالساڭ ئال، − دېدى شۈبھىلىنىپ،− ئەمما ئوقۇپ بولۇپ قايتۇرۇپ بەر. ئىشكاپنىڭ ئۇ يېرى بوش قالمىسۇن. رەھمەتلىك دائىم ئۇ كىتابلارنى ئوقۇيتتى.
شۇنداق قىلپ، پەرىشتىلەر شەھىرى لوس ئانژىلىستىكى ئەسكى ئادەملەرنى، كوكائىن ساتىدىغان بايلارنى، پاھىشە چىراي بىتەلەي چولپان نامزاتلىرىنى ، جاسارەتلىك ساقچىلارنى، پاك، گۇناھسىز بالىلارنىڭ شادلىقىدەك بەخت ئىچىدە بىر-بىرىنىڭ مۇرادىغا يېتىپ، ئاندىن بىر-بىرىنىڭ ئارقىسىدىن تىللىشىپ، غەيۋىتىنى قىلىشىدىغان سەتەڭ، كېلىشكەن ئادەملەرنى كۆرسەتكەن بىر كىنونى راتىبە ھامما بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، كېچە خېلى بىر ۋاق بولغاندا كىتابلارغا تولغان يوغان بىر يالتىراق خالتىنى كۆتۈرۈپ، خالتىنىڭ ئۈستىدە دۇنيانى، كىتابلارنى، كوچا چىراغلىرىنى، يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈۋاتقان سۆگەتلەرنى، قاراڭغۇ ئاسماننى، ئازابلىق كېچىنى، نەم ئاسفالت يولنى، خالتىنى كۆتۈرگەن قولۇمنى، بىلىكىمنى، مېڭىشلىرىمنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرغان كۈمۈش رەڭلىك كەمپۈت قۇتىسى بىلەن ئۆيگە قايتتىم.
ئانام ھايات چېغىدا ئارقا ئۆيگە قويۇپ قويۇلغان، مەن بىر قانچە يىللار مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىىتېت تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ «يېڭى ھايات»نىمۇ تۇنجى قېتىم ئوقۇغان مېھمانخانا ئۆيدىكى ئۈستىلىمگە كىتابلارنى كۆڭۈل قويۇپ تىزدىم. كۈمۈش رەڭلىك كەمپۈت قۇتىسىنىڭ ئېغىزى چىڭىپ كەتكەنىدى، ئېچىلمايتتى، ئۇنىمۇ كىتابلارنىڭ يېنىغا قويدۇم ۋە بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ ئۇلارغا زوق بىلەن قارىدىم. كىتابلار 33 پارچە ئىدى. ئارىسىدا «تەسەۋۋۇپ ئاساسلىرى»، «بالىلار پسىخولوگىيىسى»، «قىسقىچە دۇنيا تارىخى»، «بۈيۈك پەيلاسوپلار ۋە بۈيۈك زومىگەرلەر»، «رەسىملىك ھەم ئىزاھاتلىق چۈش تەبىرلىرى» دېگەندەك قوللانمىلار، مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ۋە بەزى مىنىستىرلىكلەرگە، باش ئىدارىلەرگە ھەقسىز تارقىتىلغان كلاسسىك ئەسەرلەر مەجمۇئەسىدىن دانتى، ئىبنى ئەرابى، رىلكې ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمىلىرى، «ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت شېئىرلىرى»، «ۋەتەن ھېكايىلىرى» دېگەندەك گۈلدەستىلەر، رەڭگارەڭ مۇقاۋىلىق «ژۇلېس ۋېرنې»، «شېرلوك ھولمىس»، «مارك تۋېن ئەسەرلىرىدىن تەرجىمىلەر »، «كون-تىكى»، «داھىيلارمۇ بالا ئىدى»، «ئاخىرقى بېكەت»، «ئۆي قۇشلىرى»، «ماڭا بىر سىر ئېيت»، «مىڭ بىر تېپىشماق» دېگەندەك كىتابلار بار ئىدى.
كىتابلارنى شۇ كېچىسىلا ئوقۇشقا باشلىدىم. شۇنداقلا بۇ كېچىدىن باشلاپ «يېڭى ھايات»تىكى بەزى كۆرۈنۈشلەرنىڭ، بەزى ئىپادىلەرنىڭ، بەزى خىياللارنىڭ يا بۇ كىتابلاردىن ئىلھاملىنىپ يېزىلغانلىقىنى، ياكى ئۇلاردىن بىۋاسىتە ئېلىنغانلىقىنى بىلدىم. رىفقى تاغا«Tommiks»، «Bill Pekos» ۋە «يالغۇز ئەمەلدار» ژۇرناللىرىدىكى نەرسىلەرنى ۋە رەسىملەرنى ئۆزى سىزغان بالىلار كىتابلىرىغا بەھۇزۇر ھالدا، ئادەتلىنىپ قالغان بويىچە كۆچۈرۈپ ئالىۋەرگەندەك،«يېڭى ھايات»نى يېزىۋاتقاندىمۇ بۇ كىتابلاردىن پايدىلانغانىدى. بىر نەچچە مىسال كۆرسىتەي:
” پەرىشتىلەر ئىنسان دېيىلگەن بۇ دۇنيا خەلىپىسىنىڭ يارىتىلىشىدىكى سىرنى بىلەلمىدى“
− ئىبنى ئەرابى، «فۇسۇسۇلھىكەم»
” بىز جانجىگەر ھەمراھ، سەپەرداشلار ئىدۇق، بىز بىر-بىرىمىزگە شەرتسىز ياردەمچى ئىدۇق“
− نەشاتى ئاققەلەم، «داھىيلارمۇ بالا ئىدى»
”شۇنداق قىلىپ ئۆيۈمنىڭ تەنھالىقىغا قايتتىم ۋە ئۇ گۈزەل قىزنى ئويلاشقا باشلىدىم. ئۇنى ئويلاۋېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، كۆز ئالدىمدا ئاجايىپ بىر خىيالەت نامايان بولدى.“
− دانتى، «يېڭى ھايات»
” بەلكىم بىز مۇنداق نەرسىلەرنى دېيىش ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ياشايمىز: ئۆي، كۆۋرۈك، بۇلاق، ئىشىك، كوزا، مېۋىلىك دەرەخ، دېرىزە، — بەلكىم شۇمۇ بار: تۈۋرۈك، مۇنار… ئەمما دېيىش ئۈچۈن، ئۇنتۇما، ئاھ، شۇنداق بىر دېيىش ئۈچۈنكى، بۇ نەرسىلەر بۇنچىلىك كۆپ مەۋجۇت بولۇشىنى ئۆزلىرىمۇ ھېچقاچان ئويلىمىغانىدى“. − رىلكې، «دۇئىنو مەرسىيىلىرى»
”ئەمما بۇ ئەتراپتا ھېچقانداق ئۆي يوق ئىدى، خارابىلىكتىن باشقا بىر نەرسە كۆرۈنمەيتتى. بۇ خارابىلەر ۋاقىت سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى بىر تالاي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەندەك قىلاتتى.“ − ژۇلېس ۋېرنې، «نامسىز ئائىلە»
”قولۇمغا بىر كىتاب كىرىپ قالدى. ئوقۇسام بىر قانچە توملۇق كىتابتەك قىلاتتى، ئوقۇمىسام بىر توپ يېشىل يىپەك رەختتەك تۈسكە كىرىپ قالاتتى… شۇ چاغلاردا كىتابنىڭ رەقەملىرىگە، ھەرپلىرىگە قاراپ قاپتىمەن، قول يازمىسىدىن بۇنىڭ ھەلەب قازىسى شەيخ ئابدۇرەھماننىڭ ئوغلى تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى بىلدىم. ئېسىمگە كەلسەم، ھازىر سىز ئوقۇۋاتقان بابنى يېزىۋاتاتتىم؛ بىردىنلا شۇنى چۈشەندىمكى، شەيخنىڭ ئوغلى يازغان ۋە مەن چۈشۈمدە كۆرگەن باب بىلەن ھازىر مەن يېزىۋاتقان كىتابتىكى باب بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ.“
− ئىبنى ئەرابى، «فۇتۇھاتۇل مەككىيە»
” ئىشقى مۇھەببەت ماڭا شۇنچىلىك تەسىر قىلدىكى، پۈتۈنلەي ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا كىرگەن جىسمىم كۆپ ھاللاردا ئېغىر ۋە جانسىز بىر نەرسىدەك ھەرىكەت قىلاتتى.“
− دانتى، «يېڭى ھايات»
” ھاياتنىڭ قايتماقچى بولغانلار ئۇ تەرىپىگە ئۆتسە بولمايدىغان رايونىغا قەدەم باستىم.“
− دانتى، «يېڭى ھايات»

16

كىتابىمىزنىڭ شەرھ قىسمىغا كەلگەنلىكىمىز مەلۇم بولدى دەپ ئويلايمەن. ئۈستىلىمدە تۇرغان 33 كىتابنى نەچچە ئاي قايتا-قايتا ئوقۇدۇم. سارغايغان بەتلەردىكى سۆزلەرنىڭ، جۈملىلەرنىڭ ئاستىنى سىزدىم، دەپتەرلەرگە، قەغەز پارچىلىرىغا خاتىرە قالدۇردۇم، خىزمەتچىلىرى ئوقۇرمەنلەرگە ” بۇ يەردە نېمە ئىشىڭ بار!“ دەپ قارايدىغان كۇتۇپخانىلارغا باردىم.
ھايات دېيىلگەن ئۇ دولقۇنغا بىر مەزگىل ئۆزىنى ھەۋەس بىلەن ئاتقان ۋە كۈتكىنىگە ئېرىشەلمىگەن قانچىلىغان دەردمەن ئادەملەردەك، ئوقۇغانلىرىمدىن، ئۆزۈم سېلىشتۇرغان بەزى خىياللاردىن، تەسۋىرلەردىن ئەسەرنىڭ ئۆز ئىچىدىكى يوشۇرۇن پىچىرلاشلارنى بايقايتتىم، بۇلاردىن سىرلارنى تېپىپ، ئۇلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئارىسىدا يېڭى مۇناسىۋەتلەر ئورنىتاتتىم ۋە يىڭنىدە قۇدۇق قازغاندەك سەۋرچانلىق بىلەن شەكىللەندۈرگەن بۇ مۇناسىۋەتلەر تورىنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن پەخىرلىنىپ، ھاياتتا مەقسىتىمگە يېتەلمىگەن ئىشلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا تىرىشاتتىم. مۇسۇلمانلار شەھىرىدىكى كۇتۇپخانا ئىشكاپلىرىنىڭ باشقا كىتابلارغا يېزىلغان قول يازما چۈشەندۈرۈشى ۋە شەرھلەرگە قانداق تولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنلەر بۇنىڭغا ھەيران قالدىم دېسە، كوچىلاردىكى ئاشۇ دەردمەن ئادەملەر توپىغا بىر نەزەر سالسىلا كۇپايە.
مۇشۇ تىرىشچانلىقىم جەريانىدا، رىفقى تاغىنىڭ بۇ كىتابچىسىغا ئۇ باشقا بىر كىتابتىن ئالغان يېڭى بىر جۈملە، خىيال، پىكىرگە دۇچ كەلسەم، خىياللىرىدىكى پەرىشتە قىزنىڭ ھەرگىز ئۇنچىلىك پاك ئەمەسلىكىنى بىلگەن خىيالپەرەس يىگىتتەك، ئاۋۋال بىر مەيۈسلۈككە ئۇچراپ، ئاندىن ھەقىقىي مۇھەببەت قۇربانىدەك، دەسلەپتە پاك كۆرۈنمىگەن نەرسىنىڭ ئەسلىدە ناھايىتى چوڭقۇر يوشۇرۇنۇپ ياتقان سېھىرلىگۈچى سىرنىڭ، تەڭداشسىز ھېكمەتنىڭ ئىشارىتى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەكچى بولاتتىم.
باشقا كىتابلار بىلەن بىرلىكتە «دۇئىنو مەرسىيىلىرى»نى قايتا-قايتا ئوقۇۋېتىپ، ھەر قانداق ئىشنى پەرىشتىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەل قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشەندىم؛ بەلكىم بۇ مەزكۇر مەرسىيەلەردىكى پەرىشتىنىڭ رىفقى تاغا ئۇ كىتابتا تىلغا ئالغان پەرىشتىنى ئېسىمگە سالغىنىدىن كۆرە، جانان بىلەن ئۆتكۈزگەن كېچىلەرنى بەكرەك سېغىنغانلىقىم، ئۇنىڭ پەرىشتە ھەققىدىكى گېپىنى ئەسلىگەنلىكىمدىن بولسا كېرەك. تۈن يېرىمدىن خېلى ئۆتۈپمۇ تاققىر-تۇققۇرلىرى تۈگىمەيدىغان ئۇزۇن يۈك پويىزلىرى شەرققە مېڭىپ ئۈتۈپ كەتكەندىن كېيىن مەھەللە چۆمگەن جىمجىتلىقتا بىر نۇرنىڭ، تىپىرلاشنىڭ، مەن ئۆتمۈشىنى ئەسلەشتىن خۇشاللىنىدىغان ھاياتنىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلىماقچى بولاتتىم؛ قەغەزلەر، دەپتەرلەر بىلەن قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئۈستەلدە ئولتۇرغان مېنى، تاماكا چېكىشىمنى، ئېچىقلىق تۇرغان تېلېۋىزورنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرغان كەمپۈت قۇتىسىغا دۈمبەمنى قىلىپ دېرىزىگە بېرىپ، پەردىلەرنىڭ ئارىسىدىن قاراڭغۇ كېچىنىڭ ئىچىگە قارايتتىم، كوچا چىراغلىرىدىن ياكى ئۇدۇلدىكى بىنا ئۆيلىرىدىن چىقىۋاتقان سۇس نۇر بىردىنلا دېرىزە ئەينىكىدىكى سۇ تامچىلىرىدا ئەكس ئېتەتتى.
بۇ پەرىشتە كىمدۇ ؟ مەن سۈكۈتنىڭ قەلبىدىن ماڭا نىدا قىلىشىنى تىلىگەن كىم بولغىيدى؟ رىفقى تاغىدەك تۈركچىدىن باشقا بىر تىل بىلمەيتتىم، ئەمما يات تىلدا ئۆتكۈنچى ھاياجانلارنىڭ تاسادىپىيلىقلىرى بىلەن يىراقلىشىپ كەتكەن ناچار ۋە ئۇدۇل تەرجىمىلەر بىلەن باغلىنىپ قالغىنىمغا كۆڭۈلشىپ كەتمىدىم. ئۇنىۋېرىسىتېتلارغا باردىم، مېنى ھەۋەسكار كۆرۈپ قوپال تەگكەن ئوسال پروفېسسورلاردىن، تەرجىمانلاردىن سوئاللار سورىدىم، گېرمانىيىدىكى ئادرېسلارنى تېپىپ خەت يازدىم؛ تاۋى نازۇك، زىل كىشىلەردىن جاۋاب ئالغىنىمدا بۇ سىرنىڭ مەركىزىگە يول ئالغىنىمغا ئۆزۈمنى ئىشەندۈرمەكچى بولدۇم.
رىلكې ئۆز ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان پولشالىق تەرجىمانغا يازغان مەشھۇر بىر مەكتۇپىدا «دۇئىنو مەرسىيىلىرى»دىكى پەرىشتىنىڭ خىرىستىئان پەرىشتىسىدىن كۆرە ئىسلامىيەت پەرىشتىلىرىگە بەكرەك يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقانمىش، بۇنىمۇ رىفقى تاغا تەرجىمان يازغان قىسقا كىرىش سۆزدىن بىلگەنىدى. مەرسىيىلەرنى يېزىشقا باشلىغان يىلى لوئۇ ئاندرېس سالومە گە ئىسپانىيىدىن ئەۋەتكەن بىر مەكتۇپتىن رىلكېنىڭ قۇرئاننى ھەيران-ھەس ھالدا ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىشىم مېنى بىر مەزگىل قۇرئاندا ئۇچرايدىغان پەرىشتىلەرنى بىلىپ بېقىشقا ئىنتىلدۈردى، ئەمما قۇرئاندا مومامدىن، مەھەللىدىكى ھاممىلاردىن ۋە ئەقىللىق ئاغىنىلەردىن مەن ئاڭلىغان ھېكايىلەرنىڭ ھېچ بىرىنى ئۇچراتمىدىم. گېزىتلەردىكى كارتونلاردا، تۇرمۇش بىلىملىرى دەرسىدىكى قاتناش رەسىملىرىدە رەسىملىرىنى بىز دائىم كۆرىدىغان ئەزرائىلنىڭ نامىمۇ قۇرئاندا يوق ئىدى، پەقەت ئۆلۈم پەرىشتىسى دېيىلەتتى. مىكائىل ۋە قىيامەت كۈنى سۇر چالىدىغان ئىسراپىل ھەققىدە ئەسلىدە بىلگەنلىرىمدىن كۆپ نەرسىگە ئېرىشەلمىدىم. مەن گېرمانىيىلىك بىر تونۇشۇمدىن قۇرئاننىڭ 35-سۈرىسىنىڭ بېشىدىكى ”ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق“ پەرىشتىلەر ھەققىدىكى ئىپادىنىڭ ئىسلامغا خاس ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغىنىمدا، ئۇ گۈزەل سەنئەت كىتابلىرىدىن نۇسخىلىغان خرىستىئان پەرىشتىلىرىنىڭ رەسىملىرىدىن بىر توپ ئارخىپ ئەۋەتىپ ئىشنى تۈگەتتى: قۇرئاندا پەرىشتىلەر تۈركۈمى ھەققىدە ئايرىم باياننىڭ بېرىلىشى، جەھەننەمنىڭ ئىشىكىگە قارايدىغان زەبانىيلەرنىڭمۇ پەرىشتە ھېسابلىنىشى، پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ بىلەن مەخلۇقاتلىرى ئارىسىدا— ئىنجىلدا ئېيتىلىشىچە تېخىمۇ كۈچلۈك مۇناسىۋەت بولۇشىدەك ئۇششاق-چۈششەك پەرقلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا— ئىسلام دىنى بىلەن خىرىستىئان دىنىدا تىلغا ئېلىنىدىغان پەرىشتىلەر ئارىسىدا رىلكېنىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم پەرق يوق ئىدى.
يەنىلا ”ئىچىدە ھەممە نەرسە يېزىلغان كىتاب (قۇرئان)“نىڭ نازىل بولۇشىنى ۋە ئېقىپ كەتكەن، غايىب بولغان، چاقنىغان يۇلتۇزلار ئارىسىدا، قاراڭغۇ كېچە بىلەن ئاقارغان كۈن ئارىسىدا جىبرىئىلنىڭ ئۇپۇقتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆرۈنگەنلىكىنى بايان قىلىدىغان «تەكۋىر»سۈرىسىنىڭ بەزى ئايەتلىرىنى رىفقى تاغا كىتابىنى ئاخىرلاشتۇرۇۋاتقاندا رىلكېنىڭ گېپىسىزمۇ ئېسىگە ئالالىغان دەپ ئويلىدىم. ئەمما بۇ كۈنلەردە كىتابلارنى نەچچە ئاي ئوقۇپ، ئوقۇغان ھەممە نەرسىنى بىر-بىرىگە ئوخشىتىپ، رىفقى تاغىنىڭ كىچىك كىتابىنىڭ يالغۇز 33 كىتابتىن ئەمەس، بارلىق كىتابلاردىن بارلىققا كەلگەن بىر كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغانىدىم. ئۈستىلىمدە توپلانغان ناچار تەرجىمىلەر، نۇسخىلار، ئىزاھلار ماڭا پەقەت رىلكېنىڭ تەسۋىرىدىكى پەرىشتە ھەققىدىلا ئەمەس، پەرىشتىلەرنىڭ نېمىشقا گۈزەل ئىكەنلىكى، ھادىسە ۋە تاسادىپىيلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان مۇتلەق گۈزەللىك، ئىبنى ئەرابىنىڭ تەسۋىرىدىكى پەرىشتىنىڭ ئىنساندىن ئۈستۈن ئالاھىدىلىكلىرى ۋە چەكلىمىلىكى، ھەم بۇ يەردە ھەم ئۇ يەردە مەۋجۇت بولالىشى، ۋاقىت، ئۆلۈم، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھايات ھەققىدە سۆزلەيتتى، مەن بۇلارنى پەقەت رىفقى تاغىنىڭ كىچىك كىتابىدا ئەمەس، يەنە ئۇ يازغان «پېرتېۋ بىلەن پېتېر»نىڭ سەرگۈزەشتلىرىدىمۇ ئوقۇغانلىقىمنى ئەسلەيتتىم.
باھارغا يېقىن بىر ئاخشىمى تاماقتىن كېيىن:”ھەتتا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ،− دېدى رىلكېنىڭ ئەيتاۋۇر مەن نەچچىنچى قېتىم ئوقۇغان بىر مەكتۇپى ماڭا، −بىرەر ئېغىز ئۆيى، بىرەر قۇدۇقى، تونۇش مۇنارى، ئۆز كىيىملىرى، چاپانلىرى… ساناپ بولالمىغۇدەك، ھەددى-ھېسابسىز نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى خۇسۇسىي مۈلۈك دائىرىسىدىكى نەرسىلەر ئىدى“.
بىردىنلا ئەتراپىمغا قارىغانلىقىمنى، بېشىمنى ئەپچىلگىنە بۇرىغانلىقىمنى بىلىمەن. پەقەت كونا ئۈستىلىمدىن، كىتابلارنىڭ ئارىسىدىن ئەمەس، ھەممە نەرسىنى چېچىۋېتىدىغان قىزىم ئۇلارنى ئاپىرىپ قويغان يەرلەردىن، دېرىزىنىڭ چۆرىسىدىن، توپا-توزانلىق مەشلەرنىڭ، بىر پۇتى قىسقا ساپانىڭ، گىلەمنىڭ ئۈستىدىن يۈزلەرچە رەڭسىز پەرىشتە سايىسى ماڭا قارايتتى ۋە كۈمۈش رەڭلىك كەمپۈت قۇتىسىدا نەچچە يۈز يىللارنىڭ ئالدىدا ياۋروپادا سىزىلغان ھەقىقىي ماي بوياق رەسىملىرىدىكى پەرىشتىلەر تەقلىدىنىڭ رەڭسىز، سولغۇن نۇسخىلىرى ئەكس ئېتەتتى. ئۇلارنى ئەسلىي نۇسخىسىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرگەنلىكىمنى ئويلىدىم.
− پەرىشتىلەرنى يىغىشتۇرۇپ قوي، − دېدىم ئۈچ ياشتىكى قىزىمغا،— پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ پويىزغا قارايلى.
− كەمپۈتمۇ ئالامدۇق؟
ئۇنى قۇچىقىمغا ئېلىپ، سوپۇن پاراشوكى ۋە كاۋاپ قازىنى پۇرايدىغان ئاشخانىدىكى ئانىسىنىڭ قېشىغا باردۇق ۋە پويىزلارغا قارايدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. ئايالىم يۇيۇۋاتقان نەرسىلىرىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ بىزگە كۈلۈمسىرىدى.
قىزىمنى چىڭ قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ، باھارنىڭ مەيىن شامىلىدا پويىز ئىستانسىسىغا بېرىش مېنى خۇشال قىلغانىدى. ئۆيگە قايتقاندا تېلېۋىزوردا ھەر كۈنلۈك پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى كۆرىمەن، ئاندىن خوتۇنۇم بىلەن”يەكشەنبە ئاخشىمى“ كىنو پروگراممىسىدا كىنو كۆرىمىز دەپ ئويلاپ سۆيۈندۈم. پويىز ئىستانسىسى مەيدانىدىكى ”ھايات تورتخانىسى“ دېرىزىلىرىنى قىيا ئېچىپ، تورتخانا ئالدىغا ماروژنى پەشتاختىسى راسلىغان ھەمدە ئۈستىگە قەغەز ئىستاكانلارنى تىزىپ، قىشنى ئاياغلاشتۇرغانىدى. يۈز گرام Mabel كەمپۈتلىرى ئالدۇق. بىر دانىسىنى قەغىزىدىن سويۇپ، قىزىمنىڭ تاقەتسىزلىك بىلەن ئېچىلغان ئاغزىغا سالدىم. ئاندىن پويىز سۇپىسىغا چىقتۇق.
سائەت دەل9دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە، جەنۇب تېز پويىزى ئاۋۋال يەر ئاستىدىن، گويا زېمىننىڭ روھىدىن كېلىۋاتقان ئېغىر ماتورنىڭ گۈرۈلدىشى، كۆۋرۈك تاملىرى ۋە سىمتاناپ تۈۋرۈكلىرىدە ئەكس ئەتكەن يورۇقى بىلەن بىزگە ئۆزىنى مەلۇم قىلدى، ۋوگزالغا يېقىنلاشقاندا گويا جىمىپ قالدى-دە، بىر-بىرىمىزنى چىڭ قۇچاقلىغان ئىككىمىزنىڭ ئالدىدىن ماتورلارنىڭ تىترەتكۈچى، بۆسكەك كۈچى بىلەن چاڭ-توزان قالدۇرۇپ ئۆتتى. ئارقىسىدا قالدۇرغان تېخىمۇ ئىنسانىي شاۋقۇن-سۈرەنلەرنىڭ ئىچىدە تاقىلداپ ئۆتۈۋاتقان ۋىل-ۋىل ۋاگونلاردا ئارقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرغان يولۇچىلارنى كۆردۇق، دېرىزىگە يۆلەنگەن، چاپىنىنى ئاسقان، پاراڭلىشىۋاتقان، تاماكا تۇتاشتۇرغان، بىزنى كۆرمىگەن يولۇچىلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئۆتۈپ كېتىشتى. پويىز ئارقىدا قالدۇرغان بوش بىر شامال ۋە جىمجىتلىق ئىچىدە ئاخىرقى ۋاگوننىڭ ئارقىسىدىكى قىزىل چىراغقا ئۇزاق قارىدۇق.
−بۇ پويىز نەگە بارىدۇ، بىلەمسەن؟−دېدىم قىزىمغا ئىختىيارسىز.
−نەگە بارىدۇ؟
− ئاۋۋال ئىزمىتقا ، ئاندىن بىلەجىككە .
− ئاندىنچۇ؟
− ئاندىن ئەسكىشەھەرگە ، ئاندىن ئەنقەرەگە بارىدۇ.
− ئاندىنچۇ؟
− ئاندىن قەيسەرىگە، سىۋاسقا، مالاتياغا بارىدۇ.
− ئاندىن؟— دەپ سۆزىنى خۇشاللىق بىلەن تەكرارلىدى سېرىق چاچ قىزىم ئاخىرقى ۋاگوننىڭ كۆرۈنەر-كۆرۈنمەس قىزىل چىراغلىرىغا قىزىقىپ قاراپ.
ھالبۇكى قىزنىڭ دادىسى پويىزلار كەينى-كەينىدىن بارىدىغان بېكەتلەرنى بىر-بىرلەپ ئەسلەۋاتقاندا، بىر-بىرلەپ ئەسلىيەلمەيۋاتقاندا، ئەسلىمىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۆز بالىلىقىنى كۆردى.
11−12 ياشلاردا بولسام كېرەك. بىر كەچقۇرۇنلۇقى دادام بىلەن رىفقى تاغاملارنىڭكىگە بارغانىدۇق. رىفقى تاغا بىلەن دادام تاۋلا ئويناۋاتقاندا مەن راتىبە ھامما ماڭا بەرگەن باقالىنى ئېلىپ، قەپەستىكى سېرىق قۇشقاچلارنى تاماشا قىلغانىدىم، قانداق ئوقۇلۇپ چۈشەندۈرۈلىدىغانلىقىنى مەن ھازىرغىچە بىلمەيدىغان بارومېتىرنىڭ ئەينىكىگە تىك-تىك ئۇرۇپ قويغانىدىم، كىتاب ئىشكاپىدىكى كونا ژۇرناللاردىن بىرىنى ئېلىپ، «پېرتېۋ بىلەن پېتىر»نىڭ ئۆتمۈش سەرگۈزەشتلىرىگە بېرىلىپ كەتكەنىدىم، رىفقى تاغا مېنى يېنىغا چاقىردى ۋە ھەر قېتىم كەلگىنىمدە سورايدىغان سوئاللارنى سوراشقا باشلىدى:
− يولچاتى بىلەن كۇرتالان ئارىسىدىكى پويىز بېكەتلىرىنى ساناپ باق!
− يولچاتى، ئۇلۇئوۋا، كۈرك، سىۋرىجە، گېزىن، مادەن،− دەپ ھەممىسىنى تولۇق سانىدىم.
− ئاماسيا بىلەن سىۋاس ئارىسىدىكىلەرچۇ؟
تۇرۇپ قالماي ساناپ بەردىم، چۈنكى رىفقى تاغا ”ھەر بىر ئەقىللىق تۈرك بالىسى يادا بىلىشى لازىم“ دېگەن پويىز جەدۋىلىنى يادلىغانىدىم.
− كۈتاھيادىن قوزغالغان پويىز ئۇشاققا بېرىش ئۈچۈن نېمىشقا ئافيوندىن ئۆتىدۇ؟
بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى مەن پويىز جەدۋىلىدىن ئەمەس، رىفقى تاغىدىن بىلىۋالغانىدىم:
−ئەپسۇس، دۆلەت ئۆزىنىڭ تۆمۈر يول سىياسىتىنى ئىجرا قىلمىغانلىقتىن.
− ئاخىرقى سوئال،— دېگەنىدى رىفقى تاغا كۆزلىرىنى چاقنىتىپ،− چېتىنقايادىن مالاتياغا كېتىۋاتىمىز.
چېتىنقايا، دېمىرىز، ئاقگېدىك، ئۇلۇگۈنەي، ھاسان چەلەبى، ھېكىمخان، كېسىككۆپرۈ…− دەپ ساناشقا باشلاپ ئاياغلاشتۇرالماي تۇرۇپ قالدىم.
−ئاندىن؟
جىمىپ قالدىم. دادام بىر قولىغا ئۇرۇقلارنى ئېلىپ، تاۋلا تاختىسىدىكى ئۇرۇقلارغا قاراپ، قىسماققا چۈشۈپ قالغان ئويۇندىن چىقىش يولى ئىزدەيتتى.
−كېسىككۆپرۈدىن كېيىن؟
قەپەستىكى سېرىق قۇشقاچ تىپىرلاپ قويدى.
−ھېكىمخان، كېسىككۆپرۈ،− دەپ ئۈمىد بىلەن باشلىدىم، ئەمما كېيىنكى بېكەت ئېسىمگە پەقەت كەلمىدى.
− ئاندىن؟
−ئاندىن…
بىر ھازا جىمجىتلىق باستى. يىغلاپ تاشلايدىغاندەك قىلاتتىم، رىفقى تاغا دېدى:
− راتىبە، ئۇنىڭغا كەمپۈت بەر، قاراپ باقايلى، بەلكىم ئەسلەپ قالار.
راتىبە ھامما ماڭا كەمپۈتلەرنى ئەكىلىپ بەردى. رىفقى تاغىنىڭ دېگىنىدەك، بىر دانىسىنى ئاغزىمغا ئالار-ئالماي، كېسىككۆپرۈدىن كېيىنكى بېكەتنى ئەسلىدىم.
بىزنىڭ گالۋاڭ ئوسمان 23 يىلدىن كېيىن قۇچىقىدا گۈزەل قىزىنى تۇتۇپ، جەنۇب تېز پويىزىنىڭ ئاخىرقى ۋاگونىنىڭ ئارقىسىدىكى قىزىل چىراغلارغا قاراپمۇ ئۇ بېكەتنىڭ ئىسمىنى يەنە ئەسلىيەلمىدى. ئەمما ئەسلەش ئۈچۈن ئۆزۈمنى خېلى ئۇزاق زورلاپ باقتىم ۋە ئۇخلاۋاتقان نىدالارنى پەپىلەپ، قىزىقتۇرۇپ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈمگە دېدىمكى، نېمىدېگەن تاسادىپىيلىق: 1. ھازىر ئالدىمىزدىكى ئۆتۈۋاتقان پويىز مەن ئىسمىنى ئېسىمگە ئالالمىغان بېكەتتىن ئەتە ئۆتىدۇ. 2. راتىبە ھامما ئۇ كەمپۈتلەرنى نەچچە يىللاردىن كېيىن ماڭا سوۋغا قىلغان ئاشۇ كۈمۈش رەڭلىك كەمپۈت قۇتىسىدىن ئېلىپ بەرگەنىدى. 3. قىزىمنىڭ ئاغزىدا بىر دانە، مېنىڭ قولۇمدا يۈز گرام كەمپۈت بار.
بىر باھار ئاخشىمى بالا-قازالاردىن يىراق، ناھايىتى يىراق بىر كېسىشمە نۇقتىدا ئۆتمۈشۈم بىلەن كېلەچىكىمنىڭ بۇ ئۇچرىشىشىدىن، ئەس- يادىمنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدىن شۇنچىلىك شادلاندىمكى، قەدىرلىك ئوقۇرمەن، بېكەت ئىسمىنى ئەسلەش ئۈچۈن تۇرغان يېرىمدە قاراپ قالدىم.
− ئىت، − دېدى قۇچىقىمدىكى قىزىم بىر ھازادىن كېيىن.
ناھايىتى مەينەت، رەزگى بىر لالما ئىت پاچىقىمنى پۇراۋاتاتتى، پويىز بېكىتى ۋە مەھەللىنىڭ ئاخشىمى مەيىن شامالدا سالقىنلىشىۋاتاتتى. ئۆيگە دەرھال قايتتۇق، ئەمما كۈمۈش رەڭلىك كەمپۈت قۇتىسىنىڭ يېنىغا يۈگۈرمىدىم. قىزىمنى قىچىقلاپ، ھىدلاپ ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئايالىم بىلەن بىللە ” يەكشەنبە ئاخشىمى“ كىنو پروگراممىسىدا قويۇلغان كىنولاردىكى سۆيۈشۈشلەرنى ۋە جىنايەتلەرنى كۆرۈپ بولۇپ، ئايالىممۇ ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن مەن ئۈستىلىمنىڭ ئۈستىدىكى كىتابلارنى، پەرىشتىلەرنى، قارتىلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئاندىن ئەسلىمىلەرنىڭ قويۇقلىشىپ قىيام بولۇشىنى يۈرىكىم دۈپۈلدىگەن ھالدا كۈتتۈم.
ئاندىن، كەل نىدايىم، كەل، دېدى مۇھەببەت ۋە كىتاب قۇربانى بولغان دەردمەن ئادەم، كۈمۈش رەڭلىك كەمپۈت قۇتىسىنى قولۇمغا ئالدىم. ھەرىكىتىمدە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بىر شەھەرلىك تىياتىرخانا سەنئەتچىسىنىڭ ”يورك“ نىڭ كاللىسىغا ئوخشايدىغان بىچارە كۆچمەن چارۋىچىنىڭ كاللىسىنى كۆز-كۆز قىلىپ تۇتۇشىنى ئەسلىتىدىغان بىر ئالاھىدىلىك بار ئىدى، ئەمما سۈنئىي ھەرىكەتكە ئەمەس، نەتىجىسىگە قاراڭ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى دېگەن بۇ تېپىشماق نېمىدېگەن ماسلىشىشچان: دەرھال ئەسلىدىم.
تاسادىپىيلىق ۋە بالا- قازاغا ئىشىنىدىغان ئوقۇرمەنلەر ھەمدە رىفقى تاغىنىڭ ئىشنى تاسادىپىيلىق ۋە بالا-قازاغا تاشلاپ قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى تەخمىن قىلالايدىغىنىدەك، ئۇ بېكەتنىڭ ئىسمى ۋەيرانباغ ئىدى.
يەنە ئەسلىدىم. چۈنكى 23 يىلنىڭ ئالدىدا مەن ئاغزىمدا كەمپۈتنى شۈمگەچ، كۈمۈش رەڭلىك كەمپۈت قۇتىسىغا قاراۋېتىپ ”ۋەيرانباغ“ دېگىنىمدە، رىفقى تاغا ”ئاپىرىن“ دېگەنىدى.
كەينىدىن ئالتە ۋە بەش ئىككى ئۇرۇق ئېتىپ، دادامنىڭ ئىككى ئۇرۇقىنى يوقىتىپ دېگەنىدى:
− ئاقىف! بۇ ئوغلۇڭ بەك ئەقىللىق! بىلەمسەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن نېمە ئىش قىلىمەن؟
ئەمما يوقالغان ئۇرۇقلارغا، ئالدىدىكى ئىشىكلەرگە قاراۋاتقان دادام ئۇنى ئاڭلىمايۋاتاتتى.
−بىر كۈنى بىر كىتاب يازىمەن، — دېگەنىدى رىفقى تاغا ماڭا، − قەھرىمانىغا سېنىڭ ئىسمىڭنى قويىمەن.
− «پېرتېۋ بىلەن پېتېر»دەك كىتابمۇ؟− دەپ سورىغانىدىم يۈرىكىم دۈپۈلدەپ.
− ياق، رەسىمسىز بىر كىتاب. ئەمما سېنىڭ ھېكايەڭنى بايان قىلىمەن.
مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەي، گەپ قىلمىغانىدىم. ئۇ كىتابنىڭ قانداق بىر نەرسە بولىدىغانلىقىنى ئويلىيالمايتتىم.
− رىفقى، بالىلارنى يەنە ئالدىما،− دېگەنىدى راتىبە ھامما شۇ چاغدا.
بۇ ئىش راستمۇ ياكى مەندەك دەردمەنگە تەسەللى ئۈچۈن ياخشى كۆڭۈل، ياخشى نىيەتلىك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم شۇ چاغدا ئۇيدۇرۇپ چىققان نەرسىمۇ، بىلەلمىدىم. راتىبە ھاممىنىڭ يېنىغا دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ سورىغۇم كېلەتتى. كۈمۈش رەڭلىك كەمپۈت قۇتىسىنى ئېلىپ دېرىزىگە قاراپ ماڭدىم، جىمجىت كوچىغا قاراپ ئويلىدىم، يەنە ئويلىدىم، ئەمما بۇلار ئويلىنىشمۇ ياكى جۆيلۈشمۇ، بىلمەيمەن: 1. ئۈچ ئۆينىڭ چىرىغى توساتتىن بىرلا ۋاقىتتا ياندى. 2. پويىز ئىستانسىسىدىكى پەرىشان ئىت ھەيۋە كۆرسىتىپ ئىشىكنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى. 3. تامامەن گاڭگىراش ئىچىدە ھەرىكەتلىنىۋاتقان قوللىرىم نېمە قىلسا قىلىپ، كۈمۈش رەڭلىك كەمپۈت قۇتىسىنىڭ ئېغىزىنى ھېچ زورۇقمايلا ، ئۆزلىكىدىن ئاچتى.
تۇيۇقسىز، بىر رىۋايەتتىكىدەك، كەمپۈت قۇتىسىدىن تىلسىملار، سېھىرلىك ئۈزۈكلەر، زەھەرلىك ئۈزۈملەر چىقىدۇ دەپ ئويلىماي قالمىدىم. قۇتا ئىچىدىن چەت يەردىكى باققاللاردا، يىراق بازارلاردىكى كەمپۈت دۇكانلىرىدىنمۇ تاپقىلى بولمايدىغان، بالىلىقىمدا يەيدىغان ”يېڭى ھايات“ماركىلىق كەمپۈتلەردىن يەتتە تال چىقتى. ھەر بىرىنىڭ ئۈستىدە ئالامەتلىرى پەرقلىق بىر ”پەرىشتە“، جەمئىي يەتتە ”پەرىشتە“ H ھەرپلىرىنىڭ چۆرىسىگە مەغرۇر ئورۇنلىشىپ، يېڭى بىلەن ھايات ئارىسىدىكى بوشلۇققا گۈزەل ئاياغلىرىنى چىرايلىق سۇنۇپ ئولتۇرۇشاتتى، يىگىرمە يىلدىن بۇيان چىداپ كەلگەن كەمپۈت قۇتىسىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋالغان ماڭا تەشەككۈر نەزەرىدە قارىشىپ يېقىملىق كۈلۈمسىرەيتتى.
كونىراپ مەرمەردەك قاتتىقلىشىپ كەتكەن كەمپۈتلەرنىڭ قەغىزى ئۈستىدىكى ”پەرىشتە“لەرنى يىرتىۋەتمەسلىككە تىرىشىپ دىققەت بىلەن تەستە سويدۇم. ھەر بىر كەمپۈت قەغىزىنىڭ ئىچىدە بىر بېيىت بار ئىدى، ئەمما بۇلارنى دۇنيانىڭ ۋە كىتابنىڭ مەنىسى ھەققىدە ماڭا ياردەمچى بولدى دېگىلى بولمايتتى. بىر مىسال:
ئۆيلەرنىڭ ئارقىسى
سېمونت زاۋۇتى.
يارىم سەندىن تىلەيمەن،
بىر تىكىش ماشىنىسى.
يەنە كېلىپ كېچىنىڭ بۇ جىمجىتلىقىدا بۇ مەنتىقىسىز نەرسىلەرنى ئۆزۈمچىلا تەكرارلاشقا باشلىغانىدىم. خىيالىمنى قاچۇرماي دەپ ئاخىرقى ئۈمىد بىلەن قىزىم ئۇخلاۋاتقان ئۆيگە كىرىپ، غۇۋا قاراڭغۇلۇقتا كونا ئىشكاپنىڭ ئاستىدىكى تارتمىنى ئاستا ئېچىپ، قولۇم بىلەن سىلاشتۇرۇپ بىر تەرىپى جەدۋەل، يەنە بىر تەرىپى كىتاب ئاچقۇچ، كوتمەك ئۇچى لوپا ئەينەك بولغان پلاستىك نەرسىنى− بالىلىقىمدىكى بۇ كۆپ ئىقتىدارلىق قورالنى تېپىپ چىقتىم-دە، ئۈستەل چىرىغىنىڭ يورۇقىدا، ساختا پۇللارنى تەكشۈرۈۋاتقان مالىيە مۇپەتتىشىدەك، كەمپۈت قەغەزلىرىدىكى پەرىشتىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزدۈم. بۇلار ماڭا ئارزۇ پەرىشتىسىنىمۇ، تۆت قاناتلىق پەرىشتىلەر قېتىپ قالغان پارس مودېللىرىنىمۇ، نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا ئاپتوبۇس دېرىزىلىرىدىن تۇيۇقسىز كۆرۈپ قالىمەن دەپ يۈرگەن پەرىشتىلەرنىمۇ، كۆپەيتىلگەن رەڭسىز رەسىملەردىكى مەخلۇقلارنىمۇ ئەسلىتىپ قويمىدى. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن، كىچىك ۋاقتىمدا بالىلارنىڭ بۇ كەمپۈتلەرنى پويىزلاردا ساتىدىغانلىقىنى ئەسلەتتى. كەمپۈت قەغىزىدىكى پەرىشتە شەكلىنىڭ چەت ئەلنىڭ بىر ژۇرنىلىدىن كېسىۋېلىنىپ ئوغرىلانغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىۋاتاتتىم، بىر بۇلۇڭدىن ماڭا قول پۇلاڭلىتىپ تۇرغان ئىشلەپچىقارغۇچى يادىمغا كەلدى:
”تەركىبى: گىلىكوزا، شېكەر، ئۆسۈملۈك يېغى، سېرىقياغ، سۈت ۋە ۋانىليا .
”يېڭى ھايات“ كەمپۈتلىرىنى پەرىشتە كەمپۈت-شاكىلات شىركىتى ئىشلەپچىقارغان
ئادرېسى: ئەسكىشەھەر گۈلزارئۆستەڭ كوچىسى 18-قورۇ
ئەتىسى ئاخشىمى ئاپتوبۇستا، ئەسكىشەھەر يولىدا ئىدىم. شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى باشلىقلىرىمغا يىراقتىكى ئىگە-چاقىسىز بىر تۇغقىنىمنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى، ئايالىمغا بولسا شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى كاللىسىدىن كەتكەن باشلىقلىرىمنىڭ مېنى ھېچكىمىم يوق، يىراق شەھەرلەرگە ئەۋەتكەنلىرىنى ئېيتقانىدىم. بىلىۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن: ھايات بىر ساراڭ بايان قىلغان بىمەنە ھېكايە بولمىسا، ھايات ئۈچ ياشلىق قىزىمدەك قولىغا قەلەم ئالغان بىر گۆدەك بالا قەغەزگە ئۇدۇل جىجىلاۋەرگەن سىزىق بولمىسا، ھايات ھېچبىر مەنتىقىسى يوق رەھىمسىز بىمەنىلىكلەر زەنجىرى بولمىسا، ئۇ ھالدا رىفقى تاغا «يېڭى ھايات»نى يېزىۋاتقاندا تاسادىپىي كۆرۈنىدىغان ھېلىقى چاقچاقلارنىڭ ئارقىسىغا بىر مەنتىقە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇ چاغدا پەرىشتىلەرنى نەچچە يىلدىن بېرى ئۇ يەر- بۇ يەردىن ئالدىمغا چىقىرىۋەرگەن ئۇ بۈيۈك پىلانلىغۇچىنىڭ بىر نىيىتى بولۇشى كېرەك ئىدى، ئۇ ھالدا مەندەك ئادەتتىكى، دەردمەن بىر قەھرىمان بالىلىقىدا ئامراق بىر كەمپۈتنىڭ قەغىزىگە نېمىشقا بىر پەرىشتە رەسىمىنىڭ قونۇپ قالغانلىقىنى بۇ ئىشقا نىيەت قىلغان كەمپۈتچى تاغىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن بىلسە، ھاياتىنىڭ كېيىنكى كۈز پەسىللىرىدە كەچقۇرۇنلىرى غەم باسقاندا تاسادىپىيلىقلارنىڭ رەھىمسىزلىكىنى تىلغا ئېلىپ ، ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئاغزىنى تاتلىق ئېتىپ، تەسەللى تاپالايتتى.
تاسادىپىيلىق دېدىم: مېنى ئەسكىشەھەرگە ئېلىپ كېتىۋاتقان ئەڭ مودا Mercedes ئاپتوبۇسى شوپۇرىنىڭ 14 يىلنىڭ ئالدىدا جانان بىلەن ئىككىمىزنى بوز دالادىكى مەسچىت بار بىر بازاردىن ئېلىپ، يامغۇر سۇلىرى بىلەن پاتقاقلىشىپ كەتكەن بىر شەھەرگە تاشلاپ قويغان شوپۇر ئىكەنلىكىنى كۆزلىرىمدىن ئاۋۋال دۈپۈلدەپ سوققان يۈرىكىم بايقىدى. كۆزلىرىم بولسا جىسمىم بىلەن بىرلىكتە يېقىنقى يىللاردا ئاپتوبۇسلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەڭ زامانىۋى راھەتلىكلەرگە، ۋىشىلداپ ئايلىنىۋاتقان ھاۋا تەڭشىگۈچلەرگە، ئورۇندۇقلارنىڭ خاس چىراغلىرىغا، مېھمانخانا كۈتكۈچىلىرىدەك كىيىنگەن ياردەمچى شوپۇرلارغا، ساياھەت شىركىتىنىڭ ”قانات“بەلگىسى چاپلانغان پەتنۇسلار ۋە قەغەز سالفېتكىلار بىلەن بېرىلگەن رېزىنگە تېتىيدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ رەڭگارەڭ خالتىلىرىغا كۆنۈشكە تىرىشاتتى. ھازىر ئورۇندۇقلار بارماقنى بىر تەگكۈزۈپ قويۇش بىلەن ئارقىدىكى تەلەيسىزنىڭ قۇچىقىغا سوزۇلىدىغان بىر كارىۋاتقا ئايلانغانىدى. بىر بېكەتتىن يەنە بىر بېكەتكە، چىۋىن قاينايدىغان ئاشخانىلاردا توختىماستىن تېز بارىدىغان قاتناش يولغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن بەزى ئاپتوبۇسلارغا ئادەم ئۆلتۈرىدىغان توك ئورۇندۇقلارنى ئەسلىتىدىغان ۋە شۇنداق بىر دەھشەتلىك بالا-قازا پەيتىدە ئادەم بۇنىڭ ئىچىدە بىر دەممۇ تۇرمىسام دەيدىغان ئايرىم كىچىك ھۇجرىلار ئورنىتىلغانىدى. تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا ھە دېسىلا بىزنى دالا بازىرىنىڭ ئاسفالتلىق مەركىزىگە دالالەت قىلىدىغان ساياھەت شىركىتى ماشىنىلىرىنىڭ ئېلانلىرى چىقىۋالاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئادەملەر ئاپتوبۇستا ئۇخلاپ ساياھەت قىلىپ تېلىۋىزورغا قارىغاندا، بۇنىڭ نەقەدەر ئوبدان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تېلېۋىزوردا كۆپلەپ كۆرەلەيتتى. دېرىزىلەردىن بىر چاغلاردا جانان بىلەن ئىككىمىز كۆرگەن ئادەمسىز، قورقۇنچلۇق دالا بولۇشىغا چىقىرىلغان تاماكا ۋە بالون ئېلانلىرى بىلەن ئاۋاتلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ كۈن نۇرىنى توسسۇن دەپ رەڭلەندۈرۈلگەن ئاپتوبۇس ئەينەكلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن ھالدا بەزىدە قەھۋە دۇغلىرى رەڭگىگە، بەزىدە مازارلىقلارنى ئەسلىتىدىغان بىر نېفىتلىك رەڭگىگە كىرىپ قالاتتى. شۇنداقتىمۇ، غايىب بولغان ھاياتىمنىڭ سىرلىرىغا ۋە مەدەنىيىتى كېيىن قالغانچە ئۇنتۇلغان چەت ناھىيىلەرگە يېقىنلاشقانچە تېخىچە ياشاۋاتقانلىقىمنى، تېخىچە ئاچكۆزلەرچە نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىمنى، تېخىچە (كونا گەپلەر بىلەن دەۋېرەي) بەزى ئارزۇلارنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلاتتىم.
سەپىرىم ئەسكىشەھەردە ئاياغلاشمايدىغاندەك قىلاتتى. بىر زامانلاردا ”پەرىشتە كەمپۈت-شاكىلات پاي شىركىتى“نىڭ باسمىخانىسى ۋە زاۋۇتى جايلاشقان گۈلزارئۆستەڭ كوچىسى 18-قورۇدا ئىمام-خاتىپلىق مەدرىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ياتاق قىلىپ ئىشلەتكەن ئالتە قەۋەتلىك بىر بىنا بار ئىدى. ئەسكىشەھەر سودا-سانائەت ئىشخانىسى ئارخىپخانىسىدا ماڭا گازسۈيى سۇنغان بىر ياشانغان خىزمەتچى نەچچە سائەت ئارخىپ دەپتەرلىرىنى ئاختۇرغاندىن كېيىن، ئۇ شىركەتنىڭ نامىنىڭ كۈتاھيا سودا جەمئىيىتىدە تىزىملىتىلغانلىقىنى، تىجارەت پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن 22 يىل بۇرۇن ئەسكىشەھەردىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.
كۈتاھيادا بولسا بۇ شىركەتنىڭ بۇ يەردە يەتتە يىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن ئىشتىن توختىغانلىقى مەلۇم بولدى. چىنە خىشلار بىلەن بېزەلگەن ھۆكۈمەت بىناسىدىكى نوپۇس ئىدارىسىغا ۋە مەنزىلخانە مەھەللىسىگە بېرىشنى ئويلىمىغان بولسام ”پەرىشتە كەمپۈت- شاكىلات پاي شىركىتى“نىڭ قۇرغۇچىسى سۈرەييا ئەپەندىنىڭ 15 يىل بۇرۇن يالغۇز قىزىنىڭ ئېرىنىڭ شەھىرى بولغان مالاتياغا كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقالمايتتىم. مالاتيادا بولسا بۇندىن 14 يىل ئىلگىرى ئۇ شىركەتنىڭ ئاخىرقى بىر قانچە يىلدا ئوبدان روناق تاپقانلىقىنى ئۇقتۇم ۋە جانان بىلەن ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە بۇ ئاخىرقى كەمپۈتلەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىمىزنى ئەسلىدىم.
خۇددى يىمىرىلىۋاتقان بىر ئىمپېراتورلۇق باستۇرغان ئاخىرقى بىر تەڭگىدەك، يېڭى ھايات كەمپۈتلىرى مالاتيا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ناھايىتى كۆپ تارقالغاندا، تىجارەت ئىشخانىسىنىڭ «خەۋەرلەر سەھىپىسى»دە بىر چاغلار پۈتۈن تۈركىيىدە ئىستېمال قىلىنغان كەمپۈتلەرنىڭ ۋە شىركەتنىڭ تارىخى ھەققىدە بىر ماقالە بېسىلغانمىش، ”يېڭى ھايات“ كەمپۈتلىرىنىڭ بىر چاغلاردا تەمىنات دۇكانلىرىدا، تاماكىچىلاردا پارچە پۇل ئورنىدا ئۆتىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەنمىش، «مالاتيا كەچلىك گېزىتى»دە پەرىشتىلەر ھەققىدە كەينى-كەينىدىن بىر قانچە ئېلان چىققانمىش، شۇ چاغدا بۇ ئەتراپتا كەمپۈت خۇددى بۇرۇنقىدەك ھەر كىم يانچۇقىدا ئېلىپ يۈرۈيدىغان بىر نەرسە بولۇپ قالغاندا، خەلقئارا چوڭ شىركەتلەرنىڭ مېۋىلەردىن ئىشلەنگەن، كۆپ ئېلان بېرىلگەن مەھسۇلاتلىرىنى تېلېۋىزوردا لەۋلىرى چىرايلىق بىر ئامېرىكا گۈزىلىنىڭ ناھايىتى يېقىملىق بىر ھالەتتە يېيىشلىرى نەتىجىسىدە ھەممە نەرسە ئاياغلاشقانىدى. قازانلارنىڭ، ئوراپ قاچىلاش ماشىنىلىرىنىڭ ۋە شىركەت نامىنىڭ سېتىلغانلىقىنى يەرلىك گېزىتلاردىن ئۇقتۇم. كۈيئوغۇلنىڭ تۇغقانلىرىدىن ”يېڭى ھايات“ كەمپۈتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى سۈرەييا ئەپەندىنىڭ مالاتيادىن كېيىن نەگە كەتكەنلىكىنى بىلىشكە تىرىشتىم. ئىزدىنىشلىرىم مېنى تېخىمۇ شەرققە، چەت شەھەرلەرگە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئاتلاسلىرىدا نامى كۆرۈنمەيدىغان خىلۋەت ناھىيىلەرگە ئېلىپ باردى. بىر زامانلاردا ۋابادىن چەت جايلارغا قاچقانلاردەك، سۈرەييا ئەپەندى بىلەن ئائىلىسىمۇ ئېلانلارنىڭ ۋە تېلېۋىزورنىڭ ياردىمى بىلەن غەربتىن كېلىپ پۈتۈن دۆلەتنى ئەجەللىك يۇقۇملۇق كېسەللىكتەك چىرمىۋالغان چەت ئەل نامىدىكى رەڭگارەڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىدىن قېچىشنى كۆزلەپ، يىراقلارغا، قاراڭغۇ ماكانلارغا قېچىپ كەتكەنىدى.
ئاپتوبۇسلارغا چىقتىم، ئاپتوبۇسلاردىن چۈشتۈم، بېكەتلەرگە كىردىم، ناھىيە بازارلىرىدىن ئۆتتۈم، نوپۇس ئىدارىلىرىدە، يېزىلىق ھۆكۈمەتلەردە، ئارقا كوچىلاردا، بۇلاقلىرى، دەرەخلىرى، مۈشۈكلىرى، قەھۋەخانىلىرى بولغان مەھەللە مەيدانلىرىدا ئايلاندىم. بىر مەزگىل، قەدىمىم تەگكەن ھەر شەھەردە، پىيادىلەر يولىدا ماڭغان ھەر كوچىدا، توختاپ چاي ئىچكەن ھەر بىر قەھۋەخانىدا بۇ يەرلەرنى ئەھلى سەلىپلەرگە، رىملىقلارغا، ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە باغلايدىغان، داۋاملىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر تەشكىلاتنىڭ ئىزلىرىنى تاپقاندەك بولدۇم: مېنى ساياھەتچى كۆرۈپ يېڭى بېسىلغان رىم پۇللىرىنى سېتىشقا ئۇرۇنغان سەزگۈر بالىلارغا كۈلۈمسىرەيتتىم، سۈيدۈك رەڭلىك ”يېڭى ئۇرارت“ ماركىلىق كولونيانى گەجگەمدىن تۆككەن ساتىراشقا جىلە بولمىدىم، ھەر جايدا يەر مەدىكىدەك كۆپەيگەن يەرمەنكىلەردىن بىرىنىڭ ھەيۋەتلىك دەرۋازىسىنىڭ بىر ھىتىت خارابىلىرىدىن چىقىرىۋېلىنىپ ئورنىتىلغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالمىدىم. پەننىي كۆزەينەكچى زەكىنىڭ ئادەم بويى كۆزەينەكلەردىن ياسالغان ئېلان تاختىسىنىڭ چاڭ-توزانلىق ئەينىكىدە ئەھلى سەلىپ ئاتلىق ئەسكەرلىرى قالدۇرغان چاڭ-توزانلىق بىر نەرسىلەرنىڭ بارلىقىغا دەرھال ھۆكۈم قىلىشىم ئۈچۈن خىيال كۈچۈمنىڭ چىڭقى چۈشتىكى ئىسسىقتا مەن ئۈستىدە كېتىۋاتقان ئاسفالتتەك يۇمشاپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.
ئەمما بەزىدە، بۇ زېمىنلارنى مۇقىم قىلغان ئاشۇ تارىخىي ۋە قوغدىغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى سېزەتتىم، 14 يىل بۇرۇن جانان بىلەن ماڭا سەلجۇق قەلئەلىرىدەك يىقىلماس، ئۆزگەرمەس كۆرۈنگەن ناھىيە بازارلىرىنىڭ، مەھەللە دۇكانچىلىرىنىڭ، ئىچ كىيىملەر ئېسىلغان كوچىلارنىڭ غەربتىن كەلگەن شامالنىڭ كۈچى بىلەن سورۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلاتتىم. شەھەر مەركىزىدىكى رېستورانلارنىڭ ئەڭ كۆركەم يەرلىرىنى جىمجىتلىقنىڭ ھۇزۇرى بىلەن چىڭ ئوراپ تۇرغان ئەينەك ئىدىشلارنىڭ ھەممىسى خۇددى مەخپىي ئاگاھلاندۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلگەندەك ئىچىدىكى بېلىقلار بىلەن بىللە تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىشكەنىدى. 14يىلدا پەقەت چوڭ كوچىلارنى ئەمەس، چاڭ-توزانلىق ئارقا كوچىلارنىمۇ ھەددى ھېسابسىز پلاكات، لوزۇنكا، شوئارلارنىڭ بۇدۇشقاقتەك قاپلاپ كېتىشىگە كىم سەۋەبچى؟ شەھەر مەيدانلىرىدىكى دەرەخلەرنى كىم كەستۈردى؟ ئاتاتۈرك ھەيكەللىرىنى تۈرمە تاملىرىدەك قورشىغان بېتون بىنالارنىڭ بالكونلىرىدىكى تۆمۈر رىشاتكىلارنىڭ ئوخشاش شەكىلدە بولۇشىنى كىم بۇيرۇدى؟ كېلىپ كېتىۋاتقان ئاپتوبۇسلارغا تاش ياغدۇرۇڭلار دەپ بالىلارنى كىم كۈشكۈرتتى؟ مېھمانخانا ياتاقلىرىنى دېزىنفېكسىيە دورىسىنىڭ زەھەرلىك پۇرىقىدا پۇرىتىشنى ئويلاپ تاپقان، ئانگلوساكسون مودېللىرى ئۇزۇن پاچاقلىرىنىڭ ئارىسىغا ماشىنا چاقلىرىنى قىستۇرۇۋالغان كالېندارلارنى پۈتۈن دۆلەتكە تارقاتقان، لىفىت، تاشقى پېرېۋوت ئالماشتۇرۇش ئورنى، كۈتۈش ئۆيى دېگەندەك يېڭى ئورۇنلاردا ۋەتەنداشلار ئۆزلىرىنى خاتىرجەم ھېس قىلىش ئۈچۈن بىر-بىرىگە دۈشمەنچە قارىشى كېرەك دېگەن كىم ئىدى؟
بالدۇرلا قېرىپ كەتكەنىدىم؛ تېز ھېرىپ قالاتتىم، ئاز ماڭاتتىم، تېنىمنىڭ ئىشەنگۈسىز جىق ئادەم ئارىسىدا ئاستا-ئاستا ئىتتىرىلىشىنى ۋە بىر چەتتە قېلىشىنى گويا ئۇقمايلا قالاتتىم، تار پىيادىلەر يولىدا ماڭا سوقۇلغانلارنىڭ ۋە مەن سوققانلارنىڭ چىرايلىرىنى باش ئۈستۈمدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئېلان تاختىلىرىدىكى سانسىز ئادۋوكاتلارنىڭ، چىش دوختۇرىنىڭ، ئىقتىساد مەسلىھەتچىسىنىڭ ئىسمىدەك كۆرە-كۆرمەي ئۇنتۇپ قالاتتىم. بىر چاغلاردا ئاقكۆڭۈل بىر ھامما بىزگە ئېچىپ بەرگەن بىر ئارقا باغچىدا ئايلىنىۋاتقاندەك، جانان بىلەن بىر ئويۇن ۋە مەپتۇنلۇق تۇيغۇسىدا ئايلانغان كىچىك شەھەرلەر ۋە رەسىملەرگە ئوخشايدىغان ئارقا كوچىلار ھازىر نېمە بولۇپ ھەممىسى بىر-بىرىنى تەقلىد قىلغان خەتەرلىك بەلگىلەر، ئۈندەشلەر بىلەن تولغان قورقۇنچلۇق سەھنە دېكوراتسىيىلىرىگە ئايلىنىپ كەتتى، بىلەلمەيۋاتاتتىم.
ئەڭ ناتونۇش يەرلەردە جامە ھويلىلىرىغا ياكى ساناتورىيىلەرگە ئۇدۇل بۇلۇڭلاردا ئېچىلغان قاراڭغۇ مەيخانىلار، پىۋىخانىلارنى كۆردۈم. كىيىمگە توشقان چامادانىنى ئېلىپ، شەھەرمۇ شەھەر ئايلىنىپ ئاپتوبۇسلاردا، ناھىيە كىنوخانىلىرىدا، بازارلاردا ئۆز ئالدىغا كىيىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن كۆرگەزمە قىلغان كىيىملەرنى ئۇزۇن كىيىملىك، ياغلىق ئارتقان ئاياللارغا سېتىۋاتقان بوتا كۆزلۈك رۇس مودېلىنى كۆردۈم. ئاپتوبۇسلارغا چىقىپ بارماقچىلىك چوڭلۇقتىكى «قۇرئان كەرىم» ساتىدىغان ئافغان كۆچمەنلىرىنىڭ ئورنىنى پلاستىك شاھماتلارنى، قېتىشما مېتالدىن ياسالغان دۇربۇنلارنى، ئۇرۇش مېداللىرىنى ۋە ھازار دېڭىزى بېلىق تۇخۇمى قىيامى ساتىدىغان گۇرجى ، رۇس ئائىلىلىرىنىڭ ئىگىلەپ بولغانلىقىنى كۆردۈم. جانان بىلەن يامغۇرلۇق بىر كېچىدە باشتىن كەچۈرگەن قاتناش ھادىسىسىدىن كېيىن ئۆلگەن ئاشىقىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۆلگەن كاۋبوي شىملىق قىزنى تېخىچە ئىزدەۋاتقان دادىسىنى كۆردۈم. ئېلان قىلىنمىغان ئۇرۇش تۈپەيلىدىن قۇرۇقدالغان، ئەرۋاھلار ماكانىدەك كۇرد يېزىلىرىنى، يىراقلاردىكى قىيالىق تاغلارنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا توپ ئېتىۋاتقان توپچى قىسىملارنى كۆردۈم. مەكتەپتىن قاچقان بالىلار، ئىشسىز ياشلار ۋە يەرلىك ئاتامانلار يىغىلىپ قابىلىيەتلىرىنى، تەلەيلىرىنى، ئاچچىقىنى سىنايدىغان ئېلېكترونلۇق ئويون زالىدىكى ئويۇنلارنىڭ بىرىدە نومۇر يىگىرمە مىڭغا يەتكەندە، بىر ياپونىيىلىك پىلانلاپ، بىر ئىتالىيلىك سىزغان ھال رەڭلىك ”ئويۇن پەرىشتىسى“ نىڭ زەيلىشىپ كەتكەن چاڭ-توزانلىق زالنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا كونۇپكىلارنى بېسىپ، كىچىك خوتلىرىنى ئۇياق-بۇياققا تولغاۋاتقان بىز تەلەيسىزلەرگە بىر ئامەتنى ۋەدە قىلىۋاتقاندەك يېقىملىق كۈلۈمسىرىگىنىنى كۆردۈم. OPA ماركىلىق ساقال سوپۇنىنىڭ ئۇچۇچان، تېز تارىلىشچان پۇرىقىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن بىر ئادەمنىڭ مەرھۇم گېزىتچى جالال سالىكنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان مەخسۇس سەھىپە ماقالىلىرىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يېڭى تەرەققىي قىلىپ، كونا ياغاچ سارايلار يىقىتىلىپ، ئورنىغا بېتون بىنالار سېلىنغان ناھىيە بازارلىرىنىڭ قەھۋەخانىلىرىدا سېرىق ۋە گۈزەل خوتۇنلىرى ۋە بالىلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ Coca-Cola ئىچىۋاتقان، يېڭى ئالمىشىپ كەلگەن بوسىنىيىلىك، ئالبانىيىلىك پۇتبولچىلارنى كۆردۈم. خىلۋەت مەيخانىلاردا، ئاسمانغا يىڭنە ئاتسا يەرگە چۈشمەيدىغان بازارلاردا، ئىچكى ئەزالارنى كۆرگەزمە قىلغان دورىخانىلارنىڭ ئۇدۇلدىكى دۇكاننى كۆرسىتىدىغان ئەۋرىشكە ئىشكاپلىرىدا، كېچىلىرى مېھمانخانا ياتاقلىرىدا ياكى ئاپتوبۇس ئورۇندۇقلىرىدا كۆرگەن قاباھەتلىك چۈشلىرىمنىڭ ۋە رەڭگارەڭ بەخت خىياللىرىنىڭ ئارىسىدا مەن Seiko ياكى Serkisof دەپ ئويلىغان كۆلەڭگىلەرنى كۆرۈپ قورقتۇم.
گەپ تېشىلگەنىكەن، ئاخىرقى نىشانىم بولغان سونبازارغا بېرىشتىن بۇرۇن، دوكتور نارىن دۆلەتنىڭ مەركىزى قىلىۋالماقچى بولغان چەت ياقىدىكى چاتىق ناھىيىسىگىمۇ شۇنداق بىر كۆرۈنۈپ قويغىنىمنى دېيىشىم كېرەك. ئەمما ئۇ يەرنىڭمۇ ئۇرۇشلارنىڭ، كۆچۈشلەرنىڭ، غەلىتە ھالدا خاتىرىسىنى يوقىتىشلارنىڭ، ئادەملەر توپىنىڭ، قورقۇنچلارنىڭ ھەم پۇراقلارنىڭ تەسىرىدىن− ئۇسلۇبىمدىن بىلگەنسىلەر، يەنە نېمىلەردىن ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمەيۋاتاتتىم− ناھىيە بازىرىنىڭ شۇنچىلىك ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىمكى، كوچىلاردىكى غايە-نىشانسىز كىشىلەر ئارىسىدا جايىدىن، نىشانىدىن ئازغان ئەقلىمدەك، جاناندىن ماڭا قالغان خاتىرىلەرمۇ نابۇت بولىدۇ دەپ ئويلاپ جىددىيلىشىپ كەتتىم. دورىخانىنىڭ ئەينەك ئىشكاپلىرىغا تىزىلغان رەقەملىك ياپون سائەتلىرى دوكتور نارىننىڭ سۇيىقەستكە قارشى گۇرۇھىنىڭ ۋە خىزمىتىدىكى ”سائەتلەر“ تەشكىلاتىنىڭ خېلى بۇرۇنلا ۋەيران بولغانلىقىنى ھەقىقىي ھەم سمۋوللۇق ھالدا ماڭا ئېلان قىلدى؛ بازارلارغا رەت-رەت تىزىلىپ، ئىسىملىرى چەت ئەلچە ھەرپلەر ۋە سۆزلەر بىلەن يېزىلغان گاز سۈيى، ماشىنا، توڭلاتقۇ ۋە تېلېۋىزور دۇكانلىرى تېخىمۇ يامان بىر ئەھۋالنى نامايان قىلدى.
شۇنداقتىمۇ جاناننىڭ چېھرىدىن، كۈلۈشىدىن، سۆزلىگەن ھەر بىر سۆزىدىن ئېسىمدە قالغانلىرىنى جانلاندۇرۇپ ھەم ئۇلغايتىپ، غايىب بولغان، خاتىرىسىنى يوقاتقانلارنىڭ بۇ ماكانىدا ھاياتنىڭ مەنىسىنى تېپىشقا تىرىشىۋاتقان بەختسىز، ئەخمەق قەھرىمانغا كۆڭۈللۈك خىيال پاناھگاھى بولالايدىغان سايىدايدىغان، سالقىن يەر ئىزدەپ دوكتور نارىننىڭ سۆيۈملۈك قىزلىرى بىلەن بىر چاغلاردا بىللە ياشىغان كاتتا تۇرالغۇغا، خاتىرىلىرىمدىكى كۆڭۈللۈك ئۈجمە دەرىخىگە قاراپ ماڭدىم. ۋادىغا سىمتاناپ تۈۋرۈكلىرى قادالغان، سىملار تارتىلغان، توك كەلگەنىدى، ئەمما بۇ ئەتراپتا ئۆي يوق ئىدى، خارابىلەردىن باشقا بىر نەرسە كۆرۈنمەيتتى. بۇ خارابىلەر ۋاقىت سەۋەبىدىن ئەمەس، بىر تالاي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەندەك كۆرۈنەتتى.
ئاشۇ قۇرلارنى يىللارچە يېزىپ، ئەبەدىيلىك ھۇزۇرىنى، ھاياتنىڭ سىرىنى ( بۇنىڭغا نېمە دېسىڭىز دەڭ) تاپىمەن دەپ ئويلىغان جاناننىڭ كونا ئاشىقىنى ئۆلتۈرۈپ ياخشى قىلغانلىقىمنى بۇ ئەسنادا، دوكتور نارىن بىلەن بىر چاغلاردا بىللە چىققان تۆپىلىككە ئورنىتىلغان ”ئاق بانكا“ ئېلانىغا قاراۋېتىپ ھەيرانلىق ئىلكىدە ئويلاشقا باشلىدىم. دوكتور نارىننىڭ ئوغلىنى بۇ ئىپلاس كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشتىن، بۇ ۋىدىيولار، لوزۇنكا-پلاكاتلار ئارىسىدا چاڭقاپ بوغۇلۇشتىن، بۇ نۇرسىز، زۇلمەت دۇنيادا كور بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغانىدىم. بۇ سەپرا غەلىتىلىكلەر، كىچىك پېئىل رەھىمسىزلىكلەر دۆلىتىدىن مېنى ئۆزىنىڭ نۇرىغا چۈمكەپ كىم قۇتقۇزىدۇ؟ بىر چاغلاردا مەن چىرايلىق ۋە ئاجايىپ رەڭلىرىنى تاللىغان، قەلبىمدە بولسا سۆزلىرىنى ئاڭلىغان پەرىشتىدىن ھېچقانداق ئاۋاز ۋە ئىشارەت ئالالمايۋاتاتتىم.
كۇرد ئىسيانچىلىرى تۈپەيلىدىن ۋەيرانباغ شەھرىدە پويىز سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى. قاتىلنىڭ نەچچە يىللاردىن كېيىن بولسىمۇ جىنايەت ئۆتكۈزگەن يەرگە قايتىپ بېرىش نىيىتى يوق ئىدى، ئەمما كەمپۈتلىرىگە ”يېڭى ھايات“نامىنى بېرىپ، ئۈستىگە بىر ”پەرىشتە“ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاپ تاپقان سۈرەييا ئەپەندىنىڭ نەۋرىسى بىلەن بىللە ياشاۋاتقانلىقى ماڭا مەلۇم بولغان سونبازارغا بېرىشىم ئۈچۈن، كۇردلار كۈچلۈك بولغان بۇ رايوندىن كۈندۈزى ماڭىدىغان بىر ئاپتوبۇس بىلەن ئۆتۈشۈم كېرەك ئىدى. ئاپتوبۇس بېكىتىدىن كۆرگىنىمچە بولغاندا بۇ يەردە ئەسلىگۈدەك بىر نەرسە قالمىغانىدى، ئەمما ئېھتىمال بىرەرسى قاتىلنى كۆرۈپ يادىغا ئېلىپ قالمىسۇن دەپ، ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىشىنى كۈتۈۋاتقاندا بېشىمنى «مىللىيەت»گېزىتىنىڭ ئىچىگە تىقتىم.
شىمالغا قاراپ يولغا چىققاندا سەھەرنىڭ تۇنجى تېڭى بىلەن تەڭ تاغلارنىڭ چوققىسى كۆرۈندى، چوڭايدى، ئاپتوبۇسىمىزنىڭ ئىچىنى قورقۇنچلۇق بىر جىمجىتلىق باستىمۇ ياكى قوپال تاغلار پىرقىراۋېرىپ ھەممىمىزنىڭ بېشى قايدىمۇ، بىلەلمىدىم. ئەسكەرلەرنىڭ پات-پات كىملىك تەكشۈرۈشى تۈپەيلىدىن ياكى قۇش ئۇچماس، كارۋان كەزمەس بىر يەردىكى يېزىسىغا بۇلۇتلارغا ھەمراھ بولۇپ پىيادە كېتىدىغان ۋەتەنداشنى چۈشۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن توختاپ ئۆتەتتۇق. ئۆز ئىچىلىرىگە بېكىنىپ، نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان شاھىد بولۇپ كەلگەن رەھىمسىزلىكلەرگە مىت قىلماس بولۇپ كەتكەن تاغلارغا ھەيرانلىق ئىچىدە قارىدىم. جىنايەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يوشۇرغان قاتىللارنىڭمۇ بۇ جەھەتتە خېلى كۆپ جۈملىلەرنى يېزىش ھەققى بار دەي-دە، بۇ ئاخىرقى جۈملىلەرگە قاشلىرىنى ئۇچۇرغان ئوقۇرمەن ئاخىرغىچە سەۋر بىلەن ئوقۇپ كەلگەن بۇ كىتابنى ئەيىبلەپ بىر بۇلۇڭغا ئاتمىسۇن.
سونبازار ناھىيىسى كۇردلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنىڭ سىرتىدا قالدى دەپ ئويلىدىم. بۇ ناھىيىنى يەنە زامانىۋى مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سىرتىدا قالغان دېيىشكىمۇ بولاتتى، چۈنكى ئاپتوبۇستىن چۈشكەندىن كېيىن ناھىيە بازىرى مەيدانلىرىدا ”ئايلىنىپ چۆگىلەپ يەنە ئاشۇ يەرگە كېلىپ قاپتىمەن“تۇيغۇسى بېرىدىغان بانكا، ماروژنا، توڭلاتقۇ، تاماكا ۋە تېلېۋىزور دۇكانلىرىنىڭ دەبدەبىلىك ۋېۋىسكىلىرى ۋە بەلگىلىرىگە قامىلىپ قالمىدىم ، بەلكى ئارامبەخش شەھەرلەر ۋە بەختلىك پادىشاھلار بايان قىلىنىدىغان ئۇنتۇلغان چۆچەكلەردىن چىققان سېھىرلىك بىر جىمجىتلىق مېنى قارشى ئالدى. بىر مۈشۈكنى كۆردۈم. ئۇ مۈشۈك بازار مەيدانى بولۇش ئېھتىمالى بولغان دوقمۇشنىڭ ئۇدۇلىدىكى قەھۋەخانىنىڭ تىپتىنچ لەمپىسى ئاستىدا، ھاياتىدىن ناھايىتى مەمنۇن ھالدا تۈكلىرىنى يالايتتى. قاسساپ دۇكىنىىنىڭ ئالدىدىكى خۇشال قاسساپ، باققال دۇكىنىنىڭ ئالدىدىكى دەردسىز باققال، كۆكتات دۇكىنىنىڭ ئالدىدىكى ئۇيقۇچان دۇكاندار ۋە ئۇيقۇچان چىۋىنلەر يېقىملىق بىر سەھەر قۇياشىنىڭ ئاستىدا ئولتۇراتتى، ئۇلار يەر يۈزىدە مەۋجۇت بولۇشنىڭ ۋە ھەممە ئادەم قىلىدىغان ئاددىي ئىشلارنىڭ نەقەدەر بۈيۈك نېمەت ئىكەنلىكىنى زېرەكلىك بىلەن چۈشىنىپ، كوچىدىكى ئالتۇن نۇرلار قېتىدا ھۇزۇر ئىلكىدە ئېرىپ كېتىشكەنىدى. ئۇلار كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قارىغان، ناھىيە بازىرىغا كەلگەن يات كىشى بولسا چۆچەكلەردىكىدەك بۇ سېھىرلىك مەنزىرىلەرگە بىردىنلا مەپتۇن بولۇپ، بىر چاغلاردا تەلۋىلەرچە ياخشى كۆرگەن جانانىنى بوۋىلىرىمىزدىن قالغان كونا سائەتلەرنى، بىر يۆگەم كونا ژۇرنالنى ئېلىپ، چېھرىدە كۈلكە ئوينىتىپ، بىرىنچى كوچىدىن ئۆزىنىڭ ئالدىغا تۇيۇقسىز چىقىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلاتتى.
بىرىنچى كوچىدا ئەس-يادىمنىڭ سۈكۈتكە پاتقانلىقىنى بايقىدىم، ئىككىنچى كوچىدا يەرگىچە ئېگىلگەن سۆگەت تاللىرى مېنى سىلاپ قويدى، ئۈچىنچى كوچىدا ئۇزۇن كىرپىكلىك گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى بولغان بىر قىزچاقنى كۆرۈپ يانچۇقۇمدىكى قەغەزنى چىقىرىپ ئادرېسىنى سورىۋالغۇم كەلدى. ئازغۇن دۇنيايىمنىڭ ھەرپلىرى ئۇنىڭغا ناتونۇشمۇ ياكى ئۇ قىزچاق بۇ ھەرپلەرنى ئوقۇشنى بىلمەمدۇ، ئۇقالمىدىم؛ ئەمما 200 كىلومېتىر جەنۇبتىكى بىر مەھەللە باشلىقىدىن ئېرىشەلىگەن ئادرېسقا قارىدىم، لېكىن ئۇنى ئوقۇغىلى بولمايتتى، ”زىيا تۆپە كوچىسى“ دەپ ھەجىلەپ، سۆزۈمنى تۈگەتمەي تۇرۇشۇمغا، بىر بالكوندىن بېشىنى چىقارغان سەت بىر ھامما : ”ھە، ئاۋۇ تەرەپتە، مۇشۇ كوچىنى بويلاپ داۋانغا قاراپ مېڭىڭ“ دېدى.

17

نەچچە يىل داۋاملاشقان سەپىرىمنىڭ مەنزىلى بۇ داۋان بولغۇسى دەپ ئويلاۋاتقىنىمدا، ئېغىزىغىچە سۇغا توشقان تۇڭلارنى ئارتىپ ماڭغان بىر ئات ھارۋىسى مەندىن ئاۋۋال داۋانغا چىقتى. يۇقىرىدىكى بىر يەردىكى قۇرۇلۇشقا سۇ توشۇۋاتقان بولسا كېرەك. ھارۋا سىلكىنىپ يۇقىرىغا چىققانچە ئېغىزىدىن سۇلار شالاق-شۇلۇق تۆكۈلۈۋاتقان تۇڭلار نېمىشقا سىنىكلەنگەن تۈنىكىدىن ياسالدى؟ دەپ سورىدىم ئۆزۈمدىن، بۇ دىيارغا پلاستىك، رېزىنكىدىن ياسالغان مەھسۇلاتلار تېخى كەلمىدىمۇ؟ ئىشى بىلەن بولۇۋاتقان ھارۋىكەش بىلەن ئەمەس، ئات بىلەن كۆزىمىز ئۇچراشتى-دە، ئۆزۈمدىن نومۇس قىلدىم. ئات قارا تەرگە چۆمگەن بولۇپ، غەزەپلىك ھەم چارىسىز ئىدى، يۈك توشۇپ قىينىلىپ كەتكەنىدى، ئۇنى پەقەت ئازابلا تارتىۋاتىدۇ دېيىشكە بولاتتى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئازابلىق، ھەسرەتلىك يوغان كۆزىنىڭ ئىچىدە ئۆزۈمنى كۆردۈم-دە، بۇ ئاتنىڭ ھالىنىڭ مېنىڭكىدىن خاراب ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. داراڭ-داراڭ ئاۋاز چىقىرىۋاتقان تۈنىكە تۇڭلار، شېغىل تاشتا تاقىر-تۇقۇر مېڭىۋاتقان چاقلار بوغۇلۇپ قالغان ۋۇجۇدۇم بىلەن بىرلىكتە ھاسىراپ-ھۆمىدەپ مەقسەت داۋىنىغا ياماشتى. ھارۋا سېمونت ياتقۇزۇلغان كىچىك بىر باغچىغا كىردى، قۇياش بىر قارا بۇلۇتنىڭ ئارقىسىدا غايىب بولغاندا، مەن ”يېڭى ھايات“ كەمپۈتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىنىڭ تاملار كەينىدىكى سايە تاشلاپ تۇرغان تىلسىم باغچىسىغا ۋە ئۆيىگە كىردىم. باغدىكى تاش ئۆيدە ئالتە سائەت تۇردۇم.
”يېڭى ھايات“ كەمپۈتلىرىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگۈچىسى، ماڭا ھاياتىمنىڭ سىرى ھەققىدە ئاچقۇچ بېرەلەيدىغان سۈرەييا ئەپەندى كۈندە ئىككى قاپ ”سامسۇن“ تاماكىسىنى ھاياتى بەخش ئەتكەن بىر ئابىھاياتتىن ھۇزۇرلىنىۋاتقاندەك خۇشاللىق بىلەن چېكىۋېتىدىغان سەكسەن ياشتىكى قېرىلاردىن ئىدى. مېنى نەۋرىسى خېلى بۇرۇنلا تونۇيدىغان يېقىنى، ئائىلە دوستىدەك قارشى ئالدى ۋە گويا تۈنۈگۈن ئوتتۇرىدا ئۈزۈپ قويغان بىر ھېكايىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندەك، كۈتاھيادا قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە دۇكىنىغا كەلگەن ۋېنگىرىيىلىك فاشىست جاسۇسىنىڭ ھېكايىسىنى ئۇزۇن بايان قىلىشقا باشلىدى؛ ئاندىن پەشتەدىكى تاتلىق-تۈرۈم دۇكىنى، 1930-يىللاردا ئىستانبۇلدىكى بىر تانسا مۇراسىمىدا ئاياللار كىيگەن باش كىيىملىرى، تۈرك ئاياللىرىنىڭ چىرايلىق كۆرۈنىمەن دەپ قىلغان خاتالىقلىرى، ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ-چىقىپ يۈرگەن مەن قۇراملىق نەۋرىسىنىڭ نېمىشقىدۇر پەقەت ئۆيلىنەلمىگەنلىكى ھەققىدە ( ئىشلىرى بۇزۇلغان ئىككى لايىقىنىڭ ھېكايىسىنى تەپسىلىي ئېيتقاچ) سۆزلىدى. توي قىلغانلىقىمنى بىلىپ سۆيۈندى ۋە مەندەك بىر ياش سۇغۇرتا خادىمىنىڭ بۇ دۆلەتنى سۇغۇرتىلاشتۇرغاندا يېقىنلىشىۋاتقان پالاكەتلەرگە قارشى ۋەتەنداشلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ھەممە نېمىسىنى يىغىپ-تۆشەپ چىققان سەپەرلەردە خوتۇن-بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى ئويلاپ قويۇشىنىڭ ھەقىقەتەن بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ ئىككىنچى سائەتنىڭ ئاخىرى ئىدى. ئۆمۈر سۇغۇرتىسى خادىمى ئەمەسلىكىمنى، ”يېڭى ھايات“ كەمپۈتلىرىگە قىزىقىپ قالغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ ئورۇندۇقىدا تىپىرلىدى؛ سايە چۈشۈپ تۇرغان باغچىدىن كېلىۋاتقان قوغۇشۇن رەڭلىك نۇرغا يۈزلىنىپ، مەندىن گېرمانچىنى بىلىدىغان-بىلمەيدىغانلىقىمنى سىرلىق ھالدا سورىدى. جاۋابىمنى كۈتمەستىن”Schachmatt“دېدى. بۇ سۆزنىڭ پارسچە ”شاھ“ بىلەن، ”ئۆلدى“نىڭ ئەرەبچىسى ”ماتە“ دىن ياسالغان شالغۇت سۆز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. غەربكە شاھماتنى بىز ئۆگەتكەنىدۇق؛ شاھمات دۇنياۋى نەرسە، ئۇرۇش مەيدانى كۆرۈنۈشىدىكى نەرسە، ئاق قوشۇن بىلەن قارا قوشۇننىڭ، ئىچىمىزدىكى ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ روھىي كۈرىشى سۈپىتىدىكى نەرسە ئىدى. ئۇلار نېمە قىلىشتى؟ ۋەزىرىمىزنى خانىش، پىلىمىزنى ئېپىسكوپ قىلىشتى؛ بۇ مۇھىم ئەمەس ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلار شاھماتنى ئۆز ئەقىللىرىنىڭ ۋە دۇنيادىكى ئەقلىيەتچىلىكنىڭ غەلىبىسى سۈپىتىدە بىزگە قايتۇرۇپ بېرىشتى. بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئەقلى بىلەن ئۆز شان-شەرىپىمىزنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتىمىز ھەم بۇنى مەدەنىيەت دەپ قاراۋاتىمىز.
دىققەت قىلىۋاتامدىمەن— نەۋرىسى دىققەت قىلغانىدى— ياز بېشىدا تۇرنىلار شىمالغا ئۇچقاندا ياكى ئاۋغۇستتا جەنۇبقا، ئافرىقىغا قايتىشقاندا بۇرۇنقى بەختىيار ۋاقىتلاردا ئۇچقىنىدىنمۇ ئېگىز ئۇچۇشاتتى. چۈنكى ئۇلار ئۈستىدىن قانات قېقىپ ئۇچۇپ ئۆتكەن بۇ شەھەرلەر، تاغلار، دەريالار، بارلىق دۆلەتلەر ئاپەتتىن ئازاب چېكىۋاتاتتى. ئۇلار ئېچىنىشلىق بىر ماكانغا ئايلانغان بۇ زېمىننىڭ نامراتلىقىنى كۆرۈشنى خالىمايتتى. ئۇ تۇرنىلار ھەققىدە ئامراقلىق بىلەن گەپ قىلىۋېتىپ، ئىستانبۇلغا 50 يىل بۇرۇن كەلگەن تۇرنا پاچاقلىق، گۈلەڭگۈچ ئۇچىدىغان بىر فرانسۇز قىز توغرۇلۇق گەپ باشلىدى ھەم كونا سېركلەرنى، يەرمەنكىلەرنى، ئىشىكلەردە سېتىلىدىغان تاتلىق-تۈرۈملەرنى سېغىنىشتىن ئۆتە ئەستايىدىل ياد ئېتىش تەرزىدە تەپسىلىي ۋە ئەينەن بايان قىلدى.
مېنى تەكلىپ قىلغان داستىخاندا چۈشلۈك تامىقىمىزنى يەپ، سوغۇق Tuborg پىۋىلىرىنى ئىچىۋاتقاندا سۈرەييا ئەپەندى ئەھلى سەلىپلەر سەككىزىنچى قېتىم يۈرۈش قىلغاندا ئوتتۇرا ئاناتولىيىدە قاپسىلىپ قالغان بىر تۈركۈم شۆۋاليەلەرنىڭ كاپادوكيادىكى غارلارنىڭ بىرىگە كىرىپ يەر ئاستىغا چۈشۈشلىرىنى بايان قىلدى. نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى نوپۇسلىرى كۆپەيگەندە بۇ شۆۋاليەلەرنىڭ بالىلىرى، نەۋرىلىرى غارلارنى كېڭەيتىپتۇ، يەر ئاستىدا دەھلىزلەر ئېچىپتۇ، باشقا غارلارنى تېپىپتۇ، شەھەرلەر قۇرۇپتۇ. ئىچىدە ئەھلى سەلىپلەر نەسلىدىن بولغان يۈزمىڭلارچە كىشى (خرىستىئانلار) ياشىغان، كۈن نۇرى كۆرمەيدىغان بۇ سىرلىق يەر ئاستى دۆلىتىدىن بىر جاسۇس بەزىدە قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ شەھەرلىرىمىزگە، كوچىلىرىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىپ، بىزگە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ بىر نەرسە ئىكەنلىكى ھەققىدە ۋەز ئېيتىشقا باشلىدىكى، ئاستىمىزنى ئويۇپ ئورۇنلاشقانلار كاللىمىزنىڭمۇ ئويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭۈل راھەتلىكى ئىچىدە يەر يۈزىگە چىقىشتى. بۇ جاسۇسلارنىڭ OPA دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، بۇ ماركىنىڭ بىر ساقال سوپۇنى ئىكەنلىكىنى بىلەمدىمەن؟
ئاتاتۈركنىڭ ”قوماچ قورۇش“ ئىشتىياقىنىڭ دۆلىتىمىز ئۈچۈن نەقەدەر ئاپەت بولغانلىقىنى سۈرەييا ئېيتتىمۇ، مەن شۇ ئەسنادا تەسەۋۋۇر قىلىۋاتامتىم؟ گەپنى دوكتور نارىنغا شۇ تەسەۋۋۇر يەتكۈزدىمۇ؟ ياكى گەپ توغرا كېلىپ قالغاچقا مەن يوشۇرۇن مەنىدە ئېيتتىممۇ، بىلەلمەيۋاتاتتىم. دوكتور نارىننىڭ خۇددى بىر ماتېرىيالىستتەك ماددىغا ئىشىنىپ، ئۇلارنى ساقلاش ئارقىلىق يوقاپ كەتكەن روھنى قوغدايمەن دەپ ئويلىغىنى دەل ئۇنىڭ خاتالىقى ئىدى. ئۇنىڭ دېگەنلىرىدەك، بۇ راست بولسىدى، پىت بازىرىغا نۇر ياغاتتى. ”نۇر“ دېگەن سۆز بىلەن باشلىنىدىغان بەك كۆپ ماركا بار بولۇپ، ئەلۋەتتە ھەممىسى تەقلىد ئىدى. نۇر چىراغلىرى، نۇر سىياھلىرى ۋە باشقىلار. دوكتور نارىن ماددىي ئەشيالار بىلەن بىللە يوقاپ كەتكەن روھنى، روھىمىزنى قوغداپ قالالمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەندە، ئىشنى تېررورلۇققا بۇرىۋەتكەنىدى. بۇ تەبىئىيلا ئامېرىكىنىڭ ئىشىغا ئوخشاپ قالغانىدى، بۇنداق ئىشلارنى ھېچكىم ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدەك ئەپلەشتۈرۈپ قىلالمايتتى . بۈگۈن دوكتور نارىننىڭ كاتتا قورۇ جايىنىڭ ئورنىدا شامال ئۇچاتتى، گۈل قىزلىرى بىر-بىرلەپ قېچىپ يوقاپ كېتىشكەنىدى، ئوغلى بۇرۇنلا ئۆلتۈرۈلگەنىدى. تەشكىلاتى بولسا تارقىلىپ كەتكەن، بۈيۈك ئىمپېراتورلۇقلار غۇلاپ چۈشۈۋاتقاندا يۈز بېرىدىغان ئىشلاردەك بەلكىم ھەر بىر قاتىل ئۆز ئالدىغا شاھزادىلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. ئاسسىمىلياتسىيىچى قاقۋاشلار ئاقىللارچە بىر تاكتىكا بىلەن ”ئوتتۇرا شەرق“ دەۋالغان بىپايان زېمىنلار ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ساختىپەز شاھزادە قاتىللار بىلەن بۈگۈن شۇ ۋەجىدىن ئايرىلالماس بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ تاماكىسىنىڭ ئۇچى بىلەن مېنى ئەمەس، يېنىمدىكى بوش ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئاتالمىش ”مۇستەملىكىچىلىكتىكى زىددىيەت“نى تەكىتلىدى: بىز مۇستەملىكە زېمىن بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان ئۆز ئەركىنلىك تارىخىنىڭ خاتىمىسىدە تۇرۇۋاتىمىز.
ئاخشىمى بىز قاراڭغۇ باغچىغا گويا مازارلىققا كىرگەندەك جىمجىت كىرىۋاتقاندا ئۇ نەچچە سائەتتىن بېرى مەن كۈتۈۋاتقان گەپنى تۇيۇقسىز دېدى. ئۇ قەيسەرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئۇچراپ قالغان ياپونىيىلىك بىر كاتولىك مىسسىيونېرىنىڭ بىر جامە ھويلىسىدا ئېلىپ بارغان كاللا يېڭىلاش پائالىيىتىنى بايان قىلىۋاتقاندا، بىردىنلا گەپنى بۇرىدى: ”يېڭى ھايات“ دېگەن نامنى نەدىن تاپقانلىقىنى ئەسلىيەلمەيدىكەن، ئەمما كەمپۈت بۇ زېمىنلاردا ئۇزۇن مەزگىل ياشاۋاتقان ئىنسانلارغا يېڭى شان-شەرەپنىڭ، يېڭى تەمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يوقىتىۋېتىلگەن ئۆتمۈشنى ئەسلەتكەچكە، بۇ نامنىڭ سېھرىي كۈچىنى، جايىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ھېس قىلغانىدى. ئويلىغاننىڭ ئەكسىچە karamela (كەمپۈت) ۋە كەمپۈت دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئۆزى فرانسىيىدىن كەلگەن مەلۇم بىر ئىمپورت مال، مەلۇم بىر تەقلىد ئەمەس ئىدى. ”kara“ سۆزى ئەسلىدىنلا بۇ زېمىنلاردا 10مىڭ يىلدىن بۇيان ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ سۆزلۈكلىرىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سۆز بولغاچقا، 32يىللىق ئىشلەپچىقىرىش تارىخى جەريانىدا، كەمپۈتلەرنىڭ قەغىزىگە يازغان 10مىڭ پارچە بېيىتنىڭ مىڭغا يېقىنىدا بۇ سۆز بار ئىدى.
خوش، ئۇنداقتا پەرىشتىچۇ؟ دەپ يەنە بىر قېتىم سورىدى بەختسىز يولۇچى، سەۋرلىك سۇغۇرتىچى، بىچارە قەھرىمان.
سۈرەييا ئەپەندى جاۋاب سۈپىتىدە بۇ 10مىڭ بېيىتتىن سەككىزىنى يادا ئوقۇدى. دۇنيا گۈزەللىرىگە قىياسلانغان، ئۇيقۇچان ياش قىزلارنى ئەسلىتىدىغان، چۆچەكلەردىن ئېلىنغان بىر سېھىر بىلەن بۇلغانغان ۋە بارغانچە سەبىيلىشىپ مەندىن يىراقلاشقان، ماڭا جەلپكار تۇيۇلمايدىغان ۋە ئەسلىمىلىرىمنى جانلاندۇرمايدىغان ساپ پەرىشتىلەر مىسرالارنىڭ ئىچىدىن ماڭا قول پۇلاڭلاتتى.
سۈرەييا ئەپەندى ئوقۇغان بېيىتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. يېڭى ھايات كەمپۈتلىرىدىكى 10مىڭ بېيىتنىڭ ئالتە مىڭغا يېقىنىنى ئۆزى يازغانىدى. ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە دەۋر سۈرگەن ئۇ ئالتۇن يىللاردا بەزىدە كۈندە 20 بېيىت توقۇغان ۋاقىتلىرى بولغانىدى. شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسنىڭ تۇنجى تەڭگىسىنى باستۇرغان ئاناستاسىئۇسمۇ پۇلنىڭ ئالدى يۈزىگە ئۆز رەسىمىنى چىقارغان بولغىيمىدى؟ سۈرەييا ئەپەندى بىر چاغلاردا بۇ دۆلەتتىكى بارلىق تەمىنات دۇكانلىرىدا تارازا بىلەن غەللە ئارىسىدىكى كوزىلاردا ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ تۇرغانلىقىنى، ئۆز مۆھۈرى بار نەرسىلەرنىڭ ئون مىليونلارچە يانچۇقتا يۆتكىلىپ يۈرگەنلىكىنى، پارچە پۇل سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقىنى ماڭا ئەسلىتىۋېتىپ، خۇددى بىر زامانلاردا تەڭگە باستۇرغان بىر ئىمپېراتوردەك ئىقتىدارى، بايلىقى، ئىقبالى، گۈزەل خوتۇنلىرى، شۆھرىتى، مۇۋەپپەقىيىتى، بەختىيارلىقىنى، قىسقىسى ھاياتنىڭ بارلىق لەززىتىنى تېتىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇڭا ئەمدى ئۇ قاتناشماقچى بولغان ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايتتى. ئەمما تەسەللى سۈپىتىدە ياش سۇغۇرتىچى دوستىغا كەمپۈتلىرىدە نېمىشقا بىر پەرىشتە رەسىمىنى ئىشلەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرەلەيتتى. ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا پات-پات بارىدىغان بەيئوغلى كىنوخانىلىرىدا Dietrich Marlene رول ئالغان فىلىملەرنى كۆرۈشنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ھازىرمۇ «Engel Blaue Der» فىلىمىگە ئامراق ئىدى. بىزدە «كۆك پەرىشتە» دەپ كۆرسىتىلگەن بۇ فىلىم گېرمانىيە رومانچىسى ھېنرىخ ماننىڭ داڭلىق ئەسىرىدىن سېنارىيىلەشتۈرۈلۈپ ئىشلەنگەنىدى. سۈرەييا ئەپەندى «پروفېسسور ئۇنرات» ناملىق ئەسلى روماننىمۇ ئوقۇغانىدى. پروفېسسور ئۇنرات (فىلىمدە Jannings Emil رول ئالغان) ئاددىي بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بىر كۈنى كوچىغا چىقىپ قالغان بىر ئايالغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئايال پەرىشتىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەسلىدە…
سىرتتا كۈچلۈك شامال بولغاچقا دەرەخلەر شىۋىرلاۋاتامدۇ ياكى قەلبىمنى شامال شىۋىرلىتىۋاتامدۇ، بىلەلمەيۋاتاتتىم. خىيالپەرەس، كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدىغان دەرىجىدە ساددا ۋە مەسۇم ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئاق كۆڭۈل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېيتقىنىدەك، بىر ھازا ” كاللام توختاپلا قالغانىدى“. مېنىڭ «يېڭى ھايات»نى تۇنجى قېتىم ئوقۇغان چاغدىكى ياشلىق كۈنلىرىمنىڭ نۇرلۇق خىيال-تەسەۋۋۇرلىرى كۆز ئالدىمدىن گويا قاراڭغۇ كېچىدە يوقاپ كېتىۋاتقان ئاجايىپ بىر كېمىنىڭ يالت-يۇلت چىراغ نۇرلىرىدەك ئاستا ئۆتتى. مەن چۆكۈپ كەتكەن جىمجىتلىقتا سۈرەييا ئەپەندىنىڭ ئۆزى ياش ۋاقتىدا كۆرگەن كىنو، ئوقۇغان روماننىڭ ئېچىنىشلىق ھېكايىسىنى ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما گويا ھېچ نەرسە ئاڭلىمايتتىم، كۆرمەيتتىم.
شۇ چاغدا نەۋرىسى ئۆيگە كىرىپ، لامپىنى يېقىۋەتتى، بىردىنلا ئۈچ نەرسىنى بايقىدىم. 1. تورۇستىكى يېنىپ تۇرغان ئاسما چىراغ ۋەيرانباغ شەھىرى چېدىر تىياتىرخانىسىدىكى ھەر ئاخشىمى بىر تەلەيلىككە ھايات ھەققىدە ئاجايىپ نەسىھەتلەر بىلەن بىللە ھەدىيە قىلغان ئاسما چىراغ بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى. 2. شۇنچىلىك قارڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن ئىدىكى، قېرى كەمپۈتچىنى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت زادى كۆرمەيۋاتاتتىم، لېكىن ئۇنىڭ ”سۈرەييا“دېگەن ئىسمى چېدىر تىياتىرخانىسىدىكى يەتتە قەندىللىك سۈرەييا بىلەن ئوخشاش ئىدى. 3. ئۇمۇ مېنى پەقەت كۆرمەيتتى، چۈنكى ئەما ئىدى.
بۇ ئۈچىنچىسىگە ئەجەبلىنىپ، ئالتە سائەتكىچە بىر ئادەمنىڭ ئەما ئىكەنلىكىنى بايقىيالمىغان مەن ئەخمەقنىڭ دىققىتىدىن، ھوشيارلىقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان يامان، مەسخىرىۋاز ئوقۇرمەندىن مەنمۇ يامان ئەلپازدا ئۇنىڭ قولىدىكى كىتابنىڭ ھەر بىر يېرىگە يېتەرلىك دىققەت قىلغان-قىلمىغانلىقىنى، ئەقىل ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىنى سورايمۇ؟ مەسىلەن، پەرىشتە دەسلەپتە تىلغا ئېلىنغان سەھنىنىڭ رەڭلىرىنى ئەمدى ئەسلەپ باقالامسىز؟ ياكى «تۆمۈر يول قەھرىمانلىرى»ناملىق ئەسىرىدە رىفقى تاغىنىڭ شىركەت ناملىرىنى سانىشىنىڭ «يېڭى ھايات»قا قانداق ئىلھام بەرگەنلىكىنى دەرھال ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ مەن مەھەممەتنى كىنوخانىدا ئاتقاندا ئۇنىڭ جاناننى ئويلاۋاتقانلىقىنى كېيىن قايسى يىپ ئۇچىدىن بىلەلىگەنلىكىمنى بايقىدىڭىزمۇ؟ مەندەك ئازغۇنلاردا دەرد-ئەلەم ئەقىللىق بولۇشقا تىرىشىۋاتقان غەزەپ سۈپىتىدە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. ئەقىللىق بولۇش ئارزۇسىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا ھەممە نەرسىنى بەربات قىلىدۇ.
ئۆز دەردىگە كۆمۈلگەن، ئەما ئىكەنلىكىنى مەن ئۈستىمىزدە يېنىۋاتقان ئاسما چىراغقا قارىشىدىن بىلگەن بۇ قېرىنى تۇنجى قېتىم بىر خىل ھۆرمەت، بىر خىل مەستانىلىق، راستىنى ئېيتسام بىر خىل قايىللىق بىلەن ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ ئېگىز بويلۇق، ئورۇق، ئاۋاق، يېشىغا يارىشا تەمكىن سالاپەتتە ئىدى. قول بارماقلىرىنى ھۈنەر بىلەن ئىشلىتىشنى بىلەتتى، كاللىسى ھازىرمۇ زاۋۇتتەك ئىشلەيتتى، سۇغۇرتىچى دەپ ئويلىغان خىيالپەرەس بىر قاتىلنىڭ ئالدىدا زېرىكمەستىن ئالتە سائەت پاراڭلىشالايتتى. بەخت ۋە ھاياجان ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ياشلىقىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپتۇ، مۇۋەپپەقىيىتى مىليونلارچە كىشىنىڭ ئاغزىدا ھەم ئاشقازىنىدا قانچىلىك ئېرىپ كەتسىمۇ، ئالتە مىڭ بېيىتى كەمپۈت قەغەزلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەخلەتكە تاشلانسىمۇ، بۇ غەلىبە ئۇنىڭغا دۇنيادىكى ئورنى ھەققىدە ساغلام، ئۈمىدۋار بىر ئەقىل بېرىپتۇ، يەنە كېلىپ 80 يېشىغىچە كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چېكەلەپتۇ.
جىمجىتلىقتا ئۇ ئەمالارغا خاس بىر سەزگۈ بىلەن مەندىكى دەرد-ئەلەمنى ھېس قىلدى ۋە كۆڭلۈمنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ پاراڭغا كىرىشتى. ھايات مانا مۇشۇنداق ئىدى، ئۇنىڭدا بالا-قازا بار ئىدى، ئامەت، مۇھەببەت، يالغۇزلۇق، خۇشاللىق بار ئىدى؛ قىسمەت بار ئىدى، يورۇقلۇق، ئۆلۈم، ئەمما بىلىنەر-بىلىنمەس بەختمۇ بار ئىدى؛ بۇلارنى ئۇنتۇش كېرەك ئىدى. رادىئودا سائەت سەككىزدە خەۋەر بار ئىدى؛ نەۋرىسى ئەمدى رادىئونى ئاچاتتى، مەن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كەچلىك تاماققا داخىل بولۇپ قالاتتىم.
ئۆزرە ئېيتتىم، ئەتە ۋەيرانباغ ناھىيە بازىرىدا ئۆمۈر سۇغۇرتىسىغا قاتناشماقچى بولغان ناھايىتى كۆپ كىشىنىڭ مېنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتىم. شۇ چاغدا قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا ئۆيدىن، باغچىدىن چىقىپ، كوچىغا كەلدىم. سىرتتا، قىشنىڭ بۇ يەردە تەستە ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان سالقىن بىر باھار كېچىسىدە ئۆزۈمنى باغچىدىكى قاراڭغۇ سەرۋى دەرەخلىرىدىنمۇ يالغۇز ھېس قىلدىم.
بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىش قىلاتتىم؟ بىلىشىم كېرەك بولغىنىنى (ھېچ كېرەك بولمىغىنىنى) بىلگەنىدىم، ئەمدى ئۆزۈم ئۈچۈن ئىجاد قىلالايدىغان بارلىق سىرلارنىڭ، سەرگۈزەشتلەرنىڭ ۋە سەپەرلەرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەنىدىم. مەن كېلەچىكىم دېيەلەيدىغان ھاياتنىڭ بىر قىسمى خۇددى تاغ باغرىدىكى ئۇنتۇلغان سونبازاردەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ كېچىلەردىن، قاينام-تاشقىنلىق ئادەملەر توپىدىن، ياخشى يورۇتۇلغان يوللاردىن خېلى يىراقتىكى بىر قانچە خۇنۈك كوچا چىرىغىنىڭ سىرتىدىكى قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە ئىدى. نىشانى ئېنىق بىر ئىت ئىككى قېتىم ”ھاۋ“ دېيىشىگە، داۋاندىن پەسكە چۈشتۈم.
دۇنيانىڭ ئاخىرىدىكى بۇ كىچىك بازاردىن مېنى بانكىلارنىڭ تەشۋىق ۋاراقلىرى، تاماكا ئېلانلىرى، گاز سۈيى قۇتىلىرى ۋە تېلېۋىزور ئېكرانلىرىنىڭ داۋراڭلىرىغا يەنە ئاپىرىدىغان ئاپتوبۇسنى كۈتكەچ كوچىلاردا مەقسەتسىز ئايلاندىم. دۇنيانىڭ، كىتابنىڭ، ھاياتىمنىڭ بىرلىكى ۋە مەنىسىگە يېتىش ئۈچۈن ئەمدى بەك چوڭ ئۈمىد، ئارمىنىم قالمىغاچقا، كوچىلاردا كېتىۋېتىپ ھېچ نەرسىنى بىلدۈرمەيدىغان، ھېچ نەرسىنى كۆرسەتمەيدىغان قالايمىقان كۆرۈنۈشلەر ئارىسىدا ئېسىمگە كەلدىم. ئېچىقلىق بىر دېرىزىدىن، بىر شىرەنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ كەچلىك تاماق يەۋاتقان بىر ئائىلىنى تاماشا قىلدىم. ئەنە شۇنداق ئىدى، بىلىسىلەر. جامە تاملىرىغا ئېسىقلىق بىر كاردون قەغەزدىن قۇرئان كۇرسىنىڭ ۋاقىتلىرىنى بىلدىم. سايىۋەنلىك قەھۋەخانىدا ”پۇتاق“ گاز سۈيىنىڭ، Coca-Cola، Schweppes ۋە Pepsi-Cola نىڭ ھۇجۇملىرىغا قارىماي بۇ يەردە پۇت تىرەپ تۇرغانلىقىنى مۇنداقلا كۆرۈپ قويدۇم. سايىۋەننىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر ۋېلىسپىت دۇكىنىنىڭ ئالدىدا، دۇكاندىن كېلىۋاتقان يورۇقلۇقتا بىر چاقنى تەڭشەۋاتقان ئۇستا بىلەن، تاماكىسىنى تۇتقىنىچە ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىۋاتقان دوستىنى كۆزەتتىم. نېمىشقا ”دوست“ دەيمەن، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىچ-ئىچىدىن بىر دۈشمەنلىك ۋە ياتلىشىش بار ئىدى. ئۇلار ھەر ئىككى ئەھۋالدا ئانچە قىزىق تۇيۇلۇپ كەتمەيتتى. بۇنىڭ بەك مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ئويلايدىغان ئوقۇرمەنلىرىمگە، سايىۋەنلىك بىر قەھۋەخانىنىڭ سالقىنلىقىدا ئولتۇرۇپ ئۇلارنى كۆزىتىشنىڭ بۇنداق قىلماسلىقتىن ياخشىراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىمنى ئېيتاي.
ئاپتوبۇس كەلدى، بۇ تۇيغۇلار بىلەن سونبازارنى تەرك ئەتتىم. بۇرۇلۇپ-بۇرۇلۇپ قىيالىق تاغلارغا چىقتۇق. بىر قانچە قېتىم توختىتىلدۇق، ئەسكەرلەرنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن كىملىكلىرىمىزنى چىقىرىپ كۆرسەتتۇق. نەۋاخ بولدىكىن، تاغلار، ئەسكەرلەر ۋە كىملىك تەكشۈرۈشلىرى تۈگىدى، ئاپتوبۇسىمىز كەڭ، قاراڭغۇ تۈزلەڭلىكلەردە ئۆزى بىلگەنچە تېزلىنىشقا، ئىلگىرىلەشكە، كۆرەڭلەشكە باشلىدى، ماتورنىڭ گۈركىرىشى ۋە چاقلارنىڭ تىۋىشلىرى ئىچىدە قۇلاقلىرىم تونۇش، كونا بىر مۇزىكىنىڭ ھەسرەتلىك نوتىلىرىنى تاللاشقا باشلىدى.
بەلكىم بۇ ئاپتوبۇس بىر چاغلاردا جانان بىلەن ئىككىمىز چىققان چىداملىق، چوڭ ۋە ئاۋازى يوغان كونا Magirus لارنىڭ ئاخىرقىسى بولغانلىقى ئۈچۈن؛ بەلكىم ھەر سېكۇنتتا سەككىز قېتىم ئايلىنىدىغان چاقلىرى چىقارغان ئۆزگىچە ئىڭراشقا ماس بىر ئەسكى ئاسفالت يولدا كېتىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن؛ بەلكىم ۋىدىيو فىلىمىدە يېشىلچام ئاشىقلىرى بىر-بىرلىرىنى خاتا چۈشىنىپ يىغلىشىۋاتقاندا ئۆتمۈشۈمنىڭ ۋە كېلەچىكىمنىڭ سۆسۈن، بوز رەڭلىرى ئېكراندا كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن؛ بىلەلمىدىم، بىلەلمەيۋاتاتتىم؛ بەلكىم ھاياتىمدا تاپالمايدىغان مەنىنى تاسادىپىيلىقنىڭ يوشۇرۇن تەرتىپىدە تاپاي دەپ، ياكى ئۇنىڭ (جاناننىڭ) بوش ئورۇندۇقىغا بويۇنداپ قاراڭغۇ دېرىزىگە قارىغان ھامان سىرتتا بىر چاغلاردا بىزگە ۋاقىتتەك، خىيالدەك، ھايات ۋە كىتابتەك پۈتمەس-تۈگىمەس دەرىجىدە سىرلىق، جەلپكار كۆرۈنگەن كېچىنىڭ قاراڭغۇ سىيماسىنى بىردىنلا كۆرگىنىم ئۈچۈن ئىختىيارسىز ھالدا 37-نومۇرلۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم. مەندىنمۇ ھەسرەتلىك يامغۇر تامچىلىرى ئەينەكلەرگە چىپىلداپ چۈشۈشكە باشلىغاندا ئورۇندۇقۇمغا يۆلەندىم-دە، ئۆزۈمنى ئەس-خاتىرىلىرىمنىڭ مۇزىكىسىغا تاشلىدىم.
مەندىكى دەرد-ئەلەمگە قوشۇلۇپ يامغۇر تېز يېغىشقا باشلىدى، يېرىم كېچىگە يېقىن بىر ۋاقىتتا بۇ يامغۇر كاللامدا ئېچىلغان سۆسۈن رەڭ ھەسرەت گۈللىرى بىلەن بىر رەڭدىكى چاقماقلار ۋە ئاپتوبۇسىمىزنى پاراكەندە قىلغان شامالنىڭ ھەمراھلىقىدا شىددەتلىك يامغۇرغا ئايلاندى. دېرىزىلەرنىڭ گىرۋەكلىرىدىن ئورۇندۇقلارغا سۇ ئېقىۋاتقاندا كونا ئاپتوبۇس شىددەتلىك يامغۇردا كۆرۈنمەي قالغان بىر ماي پونكىتىنىڭ، سۇدىن شەكىللەنگەن خىيالەتلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن پاتقاقلىق يېزىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر توختاش يېرىگە قاراپ ئىغاڭلاپ ماڭدى. ”سۇبېشى خاتىرە رېستورانى“ ۋېۋىسكىسىنىڭ كۆك نۇرى ئۈستىمىزگە چۈشكەن ھامان ”يېرىم سائەت مەجبۇرىي توختايمىز“ دېدى ھارغىن شوپۇر.
جايىمدىن قىمىرلىماي ئۆزۈم خاتىرىلىرىم دەۋالغان ئېچىنىشلىق فىلىمنى يالغۇز ئولتۇرۇپ كۆرسەم دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما Magirus نىڭ تورۇسىنى ئۇرغان يامغۇر ئىچىمدىكى ئېغىر ھەسرەتنى شۇنچىلىك كۈچەيتىۋاتاتتىكى، چىدىماي قېلىشىمدىن قورقتۇم. باشلىرىنى گېزىتلار، يالتىراق خالتىلار بىلەن توسۇپ پاتقاقتا ئاتلاپ-ئاتلاپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزۈمنى تالاغا ئاتتىم.
كۆپچىلىككە قوشۇلۇپ كېتىش ماڭا ئوبدان بولۇۋاتىدۇ دەيتتىم، شورپا ئىچىمەن، مۇھەللەب يەيمەن، دۇنيانىڭ قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان خۇشاللىقلىرى بىلەن ئۆزۈمنى گالۋاڭ قىلىمەن، شۇنداق قىلىپ ھاياتىمنىڭ ئۆتكەن قىسمىغا قاراپ ئېچىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئالدىمدا سوزۇلۇپ ياتقان قىسمىغا ئەقلىمنىڭ يىراق مۇساپىلىك چىراغلىرىنى توغرىلاپ، ھوشۇمنى يىغىۋالىمەن. ئىككى پەلەمپەي باستىم، قولياغلىقىم بىلەن چاچلىرىمنى قۇرۇتتۇم، ياغ ۋە تاماكا پۇراپ كەتكەن، چىراغلىرى پالىلداپ تۇرغان بىر زالغا كىرىپ بىر مۇزىكا ئاڭلىدىم-دە، تىترەپ كەتتىم.
يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان يۈرەك كېسىلىنى سېزىۋاتقان تەجرىبىلىك بىماردەك، تەدبىر قوللىنىش، خەتەرنى ئۆتكۈزۈۋېتىش ئۈچۈن چارىسىزلىك بىلەن تولغىنىپ كەتكىنىمنى بىلىمەن. ئەمما ”رادىئودىكى شۇ مۇزىكىنى ئۆچۈرۈڭلار، جانان بىلەن ئىككىمىز بىز ئۇچرىغان بالا-قازادىن كېيىن ئۇنى قول تۇتۇشۇپ بىللە ئاڭلىغانىدۇق“ دېيەلمەيتتىم. ياكى” تامدىكى شۇ يەرلىك ئارتىسلارنىڭ رەسىملىرىنى ئېلىۋېتىڭلار، جانان ئىككىمىز بۇ ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقاندا ئۇلارغا قاراپ قانداق كۈلۈشۈپ كەتكەنىدۇق-ھە!“ دەپ ۋارقىرىيالمايتتىم. يانچۇقۇمدا ھەسرەت بىئاراملىقىنى باسىدىغان دورا بولمىغانلىقتىن، بىر گەپ بولار دەپ بىر چىنە ئېزوگېلىن شورپىسى، بىر پارچە نان ۋە بىر جۈپ رومكا ئارپىبەدىيان ھارىقى ئېلىپ، پەتنۇسۇمغا قويۇپ بۇلۇڭدىكى شىرەگە كەلدىم. شورپىنى قوشۇقۇم بىلەن قوچۇۋاتقاندا ئۇنىڭغا ئاچچىق كۆز ياشلىرىم چىپىلداپ چۈشۈشكە باشلىدى.
قويۇڭلار، چېخوپنى تەقلىد قىلىشقان يازغۇچىلار يازماقچى بولغاندەك، ھەسرىتىگە بارلىق ئوقۇرمەنلەر تەڭ شېرىك بولىدىغان ئىنسان بولۇش غۇرۇرۇمنى كۆرسەتمەي، شەرقلىق، ئەنئەنىۋى بىر يازغۇچى يازماقچى بولغاندەك، ئۇنى بىر ئىبرەت سەۋەبچىسى سۈپىتىدە كۆرسىتەي. قىسقىسى، ئۆزۈمنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرمەكچى، ئۆزۈمنى خەقلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر مەقسىتى بار ئۆزگىچە بىر ئادەم سۈپىتىدە كۆرمەكچى بولغانىدىم. بۇمۇ بۇ يەرلەردە كەچۈرۈلىدىغان جىنايەت ئەمەس. بۇ ئىمكانسىز خىيالغا رىفقى تاغىنىڭ بالىلىقىمدا ئوقۇغان رەسىملىك رومانلىرىدىن ئېرىشكىنىمنى ئۆزۈمگە ئېيتتىم. شۇنداق قىلىپ، بىرەر ئىبرەت ئېلىشقا قىزىقىدىغان ئوقۇرمەن خېلىدىن بېرى ئويلىغان نەرسىنى، يەنى بالىلىق چاغلىرىمدىكى كىتابلار مېنى ئەسلىدە شۇنىڭغا ھازىرلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن «يېڭى ھايات»تىن شۇنچىلىك تەسىرلەنگەنلىكىمنى يەنە بىر قېتىم ئويلىدىم. ئەمما بۇرۇنقى مەسەل يازغۇچىلىرىدەك، ئۆزۈم ئالغان ئىبرەتكە ئۆزۈم ئىشەنمىگەنلىكىم ئۈچۈن، ھاياتلىق ھېكايەم ئۆز ئالدىغا مېنىڭ ھېكايەم بولۇپ قالاتتى، بۇمۇ ئازابىمنى يېنىكلەتمەيتتى. كاللامغا ئاستا-ئاستا كېلىۋاتقان بۇ رەھىمسىز يەكۈننى ئەسلىدە قەلبىم ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولغانىدى، رادىئۇدىكى مۇزىكىنىڭ تەڭكەشلىكىدە ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدىم.
شورپىلىرىنى قوشۇقلاپ ئىچىۋاتقان، گۈرۈچ تامىقىنى تېز-تېز يەۋاتقان سەپەرداشلىرىم بۇ ئەھۋالىمنى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ خالاغا كىرىپ كەتتىم. ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ بېشىمنى بىر جۈمەككە تىرەپ، ئىسسىق ۋە دۇغ سۇ بىلەن يۈزۈمنى يۇيدۇم، بۇرنۇمنى سۈرتتۈم، بۇنىڭ بىلەن بىر ئاز گالۋاڭ بولدۇم، جايىمغا قايتىپ ئولتۇردۇم.
بىر دەمدىن كېيىن ئۇلارغا كۆزۈمنىڭ قىرىدا قارىغىنىمدا، ماڭىمۇ كۆزىنىڭ قىرىدا قاراۋاتقان سەپەرداشلىرىمنىڭ بىر ئاز راھەتلىنىپ قالغانلىقلىرىنى كۆردۈم. شۇ ئەسنادا، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە مېنى كۆزىتىپ تۇرغان ياشانغان بىر سېتىقچى چىغدىن توقۇلغان سېۋىتىنى ئېلىپ، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ ماڭا يېقىنلاشتى.
− بولدى قىل، − دېدى ئۇ، − بۇمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. نانە كەمپۈتىدىن بىر تال يەپ باق، دەردىڭگە دەرمان بولىدۇ.
ئۇ ئالدىمغا ”فەراھ“(خۇشاللىق) ماركىلىق كىچىك بىر خالتا نانە كەمپۈتى قويۇپ قويدى.
− قانچە پۇل بۇ؟
− ياق، ياق، بۇ مېنىڭ ساڭا قىلغان سوۋغام.
كىچىك بالا كوچىدا يىغلاۋاتقاندا ئاقكۆڭۈل بىر تاغا ئۇنىڭغا كەمپۈت تۇتقۇزىدىغۇ… خۇددى شۇنداق بالىدەك كەمپۈتچى تاغىغا ئەيىبكارلارچە قارىدىم. شۇنى دەپ ئۆتۈپ كېتەي، بۇ تاغا بەلكىم مەندىن بەك قېرى ئەمەس ئىدى.
− بۈگۈن بىز جىق نەرسىلىرىمىزنى يوقاتتۇق،− دېدى ئۇ، − غەرب بىزنى يۇتتى، ئەزدى، بىزگە سىڭدى. شورپىمىز، كەمپۈتىمىز، تونىمىزغىچە ھەممە يېرىمىزگە كىرىپ ئىشىمىزنى تۈگەشتۈردى. ئەمما بىر كۈنى، مىڭ يىلدىن كېيىن بىر كۈنى، بۇ سۇيىقەستچى گۇرۇھنى گۇمران قىلىپ ئۇلارنى شورپىمىز، كەمپۈتلىرىمىز، روھىمىزنىڭ قېتىدىن چوقۇم تارتىپ چىقىرىپ، ئىنتىقامىمىزنى ئالىمىز. ھازىر نانە كەمپۈتۈڭنى يە، بىكاردىن يىغلىما.
مەن ئىزدىگەن تەسەللى مۇشۇمىدى، بىلمەيمەن. ئەمما كوچىدىكى ئاقكۆڭۈل تاغىنىڭ چۆچىكىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغان بالىدەك بۇ تەسەللىنى بىر ھازا ئويلاپ باقتىم. ئاندىن ئەرزۇرۇملۇق ئىبراھىم ھەققىنىڭ ياكى ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئەدىبلەرنىڭ ئوي-پىكرى كاللامغا كەلدى-دە، يېڭى بىر تەسەللى تاپتىم. ھەسرەت مەنبەسىنىڭ ئاشقازاندىن كاللىغا قەدەر يېيىلىدىغان زىيانلىق، قاپقارا بىر سۇيۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇلاردەك ئويلاپ، يېگەن-ئىچكىنىمگە دىققەت قىلىش قارارىغا كەلدىم.
شورپامغا نان ئۇشتۇپ ئاندىن ئىچىشكە باشلىدىم، ھارىقىمنى ئاۋايلاپ يۇتۇپ، بىر تىلىم قوغۇن بۇيرۇتتۇم. ئاپتوبۇس قوزغالغىچە، ئاشقازىنىدىكى ئالامەتلەرگە بەك دىققەت قىلىدىغان ئېھتىياتچان بوۋايدەك يېمەك-ئىچمەك بىلەن ھەپىلىشىپ تۇرۇپ قالدىم. ئاپتوبۇسقا چىقىپ ئەڭ ئالدىدىكى بوش ئورۇندۇقلاردىن بىرىگە ئولتۇردۇم. چۈشىنىشلىك بولدىغۇ دەيمەن: مەن ھەمىشە ئولتۇرىدىغان 37-نومۇرلۇق ئورۇننى ئۆتمۈشۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسە بىلەن بىرلىكتە ئۇ يەردە تاشلاپ قويماقچى ئىدىم. ئۇخلاپ قاپتىمەن.
ئۇزۇن ۋە پۈتۈن بىر ئۇيقۇنى پۇشۇلداپ ئۇخلاپ بولغاندىن كېيىن، سەھەرگە يېقىن بىر چاغدا ئاپتوبۇس توختىغاندا ئويغاندىم، مەدەنىيەتنىڭ چەت قاراۋۇللىرىدىن بىرىگە، يېڭى ئېچىلغان بىر زامانىۋى بېكەتكە كىردىم. تاملاردىكى ئاپتوموبىل بالونلىرىنى، بانكا ۋە Coca-Cola ئېلانلىرىدىكى گۈزەل، ئاقكۆڭۈل قىزلارنى، كالېندار مەنزىرىلىرىنى، ۋارقىراپ-جارقىراپ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان ئېلان خەتلىرىنىڭ جىلۋىلىك رەڭلىرىنى ۋە بىر بۇلۇڭىدا ئۇستاتلىق بىلەن ”تاللا بازار“ دەپ يېزىلغان مال تەكچىسىنىڭ ئۈستىدىكى، قىيمىلىرى بولكا ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قېلىن ھامبۇرگ بولكىلىرىنىڭ، لەۋسۇرۇختەك قىزىل، زەپىرەڭدەك سېرىق، چۈشسىمان كۆك مارۇژنىلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ بىر ئاز خۇشال بولدۇم.
بېرىپ قەھۋە ئېلىپ، بىر بۇلۇڭدا ئولتۇردۇم. ئۇدۇلۇمدىكى ئۈچ تېلېۋىزور ئېكرانىنىڭ ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك نۇرلىرىنىڭ ئاستىدا، يىپيېڭى ماركىسى بار پلاستىك قۇتىدىن ياڭيۇلىرىنىڭ ئۈستىگە پەمىدۇر تېتىتقۇسى تۆكەلمەيۋاتقان يارىشىملىق كىيىنگەن كىچىك قىزنى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىۋاتقان ئانىسىنى كۆزەتتىم. مېنىڭ ئالدىمدىمۇ ئۈستىدە ئالتۇندەك سېرىق ھەرپلەر بار”ALTAT“ماركىلىق ئاشۇ تېتىتقۇدىن بىر قۇتا بار ئىدى. زادىلا ئېچىلمايدىغان، ئېچىلسا كىچىك قىزلارنىڭ كىيىملىرىنى مەينەت قىلىۋېتىدىغان ئۇ قۇتا ئېغىزلىرىنىڭ 30 دانىسىنى ئۈچ ئايدا توپلاپ، قۇتىنىڭ ئاستىدىكى ئادرېسقا ئەۋەتسەم، تەلىيىم چىقىپ قالسا ماڭا فىلورىدادىكى دىسنىي باغچىسىدا بىر ھەپتە ئويناش پۇرسىتى بېرىلەتتى. شۇ ئەسنادا ئوتتۇرىدىكى تېلىۋىزوردا ۋاراتاغا بىر توپ كىردى.
ھامبۇرگ بولكىسىغا نۆۋەت كۈتۈپ ئۈستەللەردە ئولتۇرۇۋاتقان باشقا ئەرلەر بىلەن توپ كۆرۈۋاتقاندا، كۆز ئالدىمدىكى ھاياتقا ئۇيغۇن ئاقىلانىلىق ۋە يۈزەكى بولمىغان ئۈمىدۋارلىق ئىچىمنى قاپلىدى. تېلېۋىزوردا پۇتبول كۆرۈشنى، يەكشەنبىلەردە ئۆيدە ئولتۇرۇپ ھورۇنلۇق قىلىشنى، بەزى كېچىلىرى ئىچىپ قويۇشنى، قىزىمنى ئېلىپ پويىزلارنى تاماشا قىلغىلى پويىز ئىستانسىسىغا بېرىشنى، يېڭى پەمىدۇر تېتىتقۇلىرىنى تېتىپ بېقىشنى، كىتاب ئوقۇشنى، خوتۇنۇم بىلەن غەيۋەت قىلىشقاچ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى، تاماكا چېكىشنى، ھازىرقىدەك خالىغان بىر يەردە ئولتۇرۇپ ھۇزۇرلىنىپ قەھۋە ئىچىشنى ۋە مۇشۇنداق مىڭلارچە ئىشنى ياخشى كۆرەتتىم. كۈتۈنۈشتە بىر ئاز دىققەت قىلساملا، مەسىلەن، كەمپۈتچى سۈرەييا ئەپەندىدەك ياشىيالىسام، قانداقلا بولمىسۇن، كەلگۈسىدە بۇ ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ زوقلىنىپ قىلالايدىغان يېرىم ئەسىرلىك ۋاقتىم بار ئىدى… توساتتىن ئۆيۈم، ئايالىم، قىزىمنى كۆرگۈم كەلدى. شەنبە كۈنى ئۆيگە بېرىپ قىزىم بىلەن قانداق ئوينىشىدىغانلىقىمنى، پويىز ئىستانسىسىدىكى تورتخانىدىن ئۇنىڭغا ئالىدىغان كەمپۈتلەرنى، كەچقۇرۇنلىرى قىزىم ھېلىقى باغچىدا ئويناۋاتقاندا ئايالىم بىلەن راۋرۇس، سېغىنىش بىلەن، ھورۇنلۇق قىلماستىن يېقىنچىلىق قىلىشىمنى، ئاندىن ھەممىمىز بىرلىكتە تېلېۋىزورغا قاراپ قىزىمنى قىچىقلاپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇشىمىزنى مەستانىلىق بىلەن خىيال قىلدىم.
ئۇيقۇدىن كېيىن قەھۋە مېنى روھلاندۇرۇپ قويغانىدى. ئاپتوبۇستا سەھەرگە يېقىن پەيدا بولغان ئۇ تىمتاس جىمجىتلىقتا شوپۇر ۋە ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە سەل كەينىگە يۆلىنىپ ئولتۇرغان مەن ئىككەيلەنلا ئۇخلىمىغانىدۇق. ئاغزىمدا نانە كەمپۈتى، كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپ، خۇددى ھاياتىمنىڭ قالغان قىسمىغا ئوخشاش ھېچ تۈگىمەيدىغاندەك كۆرۈنۈۋاتقان بوز دالانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۈپتۈز ئاسفالت يولغا نەزىرىمنى تىكىپ، يول ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزۈك سىزىقلارنى ساناپ، پات-پات ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ، ئاپتوبۇسلارنىڭ چىراغلىرىغا دىققەت بىلەن قاراپ سەھەرنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتاتتىم.
سەھەرنىڭ تۇنجى ئالامەتلىرىنى يېرىم سائەت ئۆتمەستىن، مېنىڭ ئوڭ تەرىپىمدىكى دېرىزىدىن (دېمەك شىمالغا كېتىۋاتاتتۇق) كۆرۈشكە باشلىدىم. ئاۋۋال قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىچىدە ئاسماننىڭ ۋە يەرنىڭ پاسىللىرى خىيالىي كۆرۈندى. شۇ ئەسنادا بۇ پاسىل سىزىقى بوز دالىدا تولۇق يورۇماي، قاراڭغۇ ئاسماندا بىر بۇرجىكىدىن يىرتىلغان تاۋاردەك ھالەتتە قىزىل رەڭگە كىردى، ئەمما بۇ ئاقۇش قىزىل سىزىق شۇ قەدەر ئىنچىكە، شۇ قەدەر گۈزەل، شۇ قەدەر ئاجايىپ ئىدىكى، قاراڭغۇلۇققا قاراپ باشقۇرغىلى بولمايدىغان ئاساۋ ئاتتەك ئۇچقاندەك چېپىۋاتقان جاپاكەشMagirus ۋە ئۇ ئېلىپ كېتىۋاتقان بىز يولۇچىلار توساتتىن ئۆزىمىزنى بىر بىھۇدە، مېخانىك جىددىيلىشىشنىڭ ئىچىدە ھېس قىلدۇق. ھېچكىم، ھەتتا كۆزىنى ئاسفالت يولغا تىككەن شوپۇرمۇ بۇنى ئاڭقىرالمايتتى.
بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن سۇس قىزىللاشقان ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئەتراپىغا يېيىلغان بىلىنەر-بىلىنمەس يورۇقلۇقتىن شەرقتىكى قارا بۇلۇتلارنىڭ چۆرىسى ۋە ئاستىلىرى يورۇغاندەك بولدى. ئۇزۇن كېچە سەپىرى جەريانىدا ئاپتوبۇس ئۈستىگە يامغۇرىنى تۆكۈپ تۇرغان بۇ ئازغۇن بۇلۇتلارنىڭ سۇس يورۇقلۇقتا كىرگەن ئاجايىپ شەكىللىرىگە قاراۋاتقىنىمدا بىر نەرسىنى بايقىدىم: بوز دالا تېخىچە قاپقاراڭغۇ بولغاچقا، ئالدىمدىكى كەڭ ئەينەكتە ئاپتوبۇس ئىچىدىكى غۇۋا چىراغدا يورۇغان يۈزۈمنى، گەۋدەمنى ھەمدە ئاشۇ سېھىرلىك قىزىللىقنى، ئاجايىپ بۇلۇتلارنى ۋە سەۋرچانلىق بىلەن بىر-بىرىنى تەكرارلايدىغان يول سىزىقلىرىنى كۆرەلەيتتىم.
ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى چىراغلىرى بىلەن يورۇيدىغان بۇ يول سىزىقلىرىغا قاراۋاتقاندا كاللامغا ھېلىقى نەقرات كەلدى. چاقلار سائەت-سائەتلەپ ئوخشاش تېزلىكتە ئايلىنىدۇ، ماتور ئوخشاش رېتىمدا گۈرۈلدەيدۇ، ھاياتمۇ شۇ يوسۇندا تەكرارلانغاندا، ھارغىن ئاپتوبۇستىكى ھارغىن، ئىچى پۇشۇق يولۇچى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىقىرىپ، سىمتاناپ تۈۋرۈكلىرى بىلەن بىرلىكتە تەكرارلايدىغان بىر نەقرات بار: ھايات نېمە؟ ۋاقىت! ۋاقىت نېمە؟ ھادىسە. ھادىسە نېمە؟ ھايات، يېڭى ھايات… مانا بۇلارنى تەكرارلاۋاتاتتىم. بىر ياقتىن، ئاپتوبۇسنىڭ ئىچكى قاراڭغۇلۇقى بىلەن سىرتنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئوخشاش بولغان بۇ سېھىرلىك پەيتتە، ئالدى ئەينەكتىكى كۆرۈنۈشۈمنىڭ قاچان يوقىلىدىغانلىقى ۋە قاراڭغۇ بوز دالىدا تۇنجى ئېغىل كۆلەڭگۈسىنىڭ ۋە دەرەخ خىيالىتىنىڭ قاچان كۆرۈنىدىغانلىقىنى ئۆزۈمدىن سوراۋاتاتتىم، توساتتىن بىر نۇر كۆزۈمنى قاماشتۇردى.
ئۇ يېڭى نۇردا، ئاپتوبۇسنىڭ ئوڭ تەرەپ ئالدى ئەينىكىدە پەرىشتىنى كۆردۈم.
ئۇ مەندىن سەل نېرىدا، ئەمما مەندىن شۇنچىلىك يىراقتا ئىدى. شۇنداقتىمۇ بىلدىم: ئۇ چوڭقۇر، يالىڭاچ، كۈچلۈك نۇر مەن ئۈچۈن ئۇ يەردە ئىدى. Magirus پۈتۈن تېزلىكى بىلەن بوز دالىدا ئىلگىرىلەۋاتسىمۇ، پەرىشتە ماڭا يېقىنلاشمايتتى، يا مەندىن يىراقلاشمايتتى. ئۇنىڭ پارلاق نۇرى ۋەجىدىن ئۇنىڭ نېمىگە دەل ئوخشىغانلىقىنىمۇ كۆرەلمەيۋاتاتتىم، ئەمما ئىچىمدە جانلىنىۋاتقان قىزىقچىلىق تۇيغۇسى، يەڭگىللىك، ئەركىنلىك سەۋەبىدىن ئۇنى تونىغانلىقىمنى بىلدىم.
ئۇ نە پارس رەسىملىرىدىكى پەرىشتىگە ، نە كەمپۈت قەغەزلىرىدىكى پەرىشتىگە ئوخشىمايتتى، نە ياۋروپا پەرىشتىلىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرىدىكى پەرىشتىگە، نە نەچچە يىلدىن بۇيان خىيالىمدا ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن نەرسىگە ئوخشىمايتتى.
توساتتىن ئۇنىڭغا بىر نەرسە دېگۈم، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلدى. بەلكىم بۇ تېخىچە داۋاملىشىۋاتقان بىلىنەر-بىلىنمەس قىزىقچىلىق، ھەيرانلىق تۇيغۇسى تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك. ئەمما ئاۋازىم چىقمىدى، ئەنسىرىدىم. مەن دەسلەپ ھېس قىلغان دوستلۇق، يېقىنلىق ۋە شەپقەت ئىچىمدە تېخىچە تىرىك ئىدى؛ بۇلار بىلەن بەخت تاپماقچى بولدۇم ھەم بۇنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان مەن كۈتۈۋاتقان بىر پەيت ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ئۇنىڭ ماڭا ئاپتوبۇس تېزلىكىدىنمۇ تېز ھالدا كۈچىيىۋاتقان قورقۇنچۇمنى بېسىش ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ، بالا-قازانىڭ، ھۇزۇرنىڭ، ئەسەرنىڭ، ھاياتنىڭ، يېڭى ھاياتنىڭ سىرلىرىنى تەقدىم قىلىشىنى ئارزۇ قىلدىم. ئەمما ئاقمىدى.
ئۇ مەندىن قانچىلىك يىراق، قانچىلىك ئاجايىپ بولسا شۇنچىلىك رەھىمسىز ئىدى. بۇ ئۇنىڭ رەھىمسىز بولماقچى ئىكەنلىكىدىن ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ شاھىد بولغانلىقى ۋە ئۇ چاغدا باشقا ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى. ئۇ پەقەت غۇۋا قاراڭغۇ بوز دالىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، Magirus نىڭ غىچىرلاپ تۇرغان ئالدى ئورۇندۇقىدا، ئىشەنگۈسىز سەھەر نۇرىدا جىددىيلىك ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە ئولتۇرغان مېنى كۆرۈۋاتاتتى. كەم-كۈتسىز رەھىمسىزلىكنىڭ، چارىسىزلىقنىڭ چىدىغۇسىز كۈچىنى سەزدىم.
ئىختىيارسىز ھالدا شوپۇرغا قارىغىنىمدا، يورۇقلۇقنىڭ پۈتۈن ئالدى ئەينەكنى پەۋقۇلئاددە بىر كۈچتە قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. ئاتمىش-يەتمىش مېتىر نېرىدا ئۆتۈشۈپ كەتكەن ئىككى ئاپتوموبىل ئالدى چىرىغىنى بىزگە توغرىلاپ، بىزنى باستۇرۇش ئۈچۈن تېز يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. بالا-قازادىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تۇيدۇم.
نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا بېشىمدىن كەچۈرگەن بالا-قازالاردىن كېيىن ھېس قىلغان ئۇ ھۇزۇرنىڭ كۈتۈلگەن نەتىجىسىنى ئەسلىدىم. بالا-قازادىن كېيىن خۇمارلىق ھالدا بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ”ئۆتۈش“ تۇيغۇسىنى: يا ئۇ ياقتا، يا بۇ ياقتا بولالمىغان يولۇچىلارنىڭ بىر-بىرلىرى بىلەن جەننەتتىن قالغان بىر ۋاقىتتىن قېرىنداشلارچە تەڭ بەھىرلىنىۋاتقاندەك بەختىيارلىق ئىلكىدە تولغىنىشلىرى يادىمدىن كەچتى. بىر دەمدىن كېيىن، ئۇخلاۋاتقان بارلىق يولۇچىلار ئويغىنىدۇ، سەھەرنىڭ جىمجىتلىقىنى خۇشال-خورام ۋاراڭ-چۇرۇڭلار، قارىغۇلارچە ۋارقىراشلار بۇزىدۇ، ئىككى دۇنيا ئارىسىدىكى ئىشىكتە، يەرنىڭ تارتىش كۈچىگە ئۇچرىمايدىغان بىر ماكاننىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس چاقچاقلىرىنى تاپقاندەك، قانلىق ئىچكى ئەزالارنىڭ، تۆكۈلگەن مېۋىلەرنىڭ، تىتىلغان بەدەنلەرنىڭ ۋە يىرتىلغان چامادانلاردىن ئېتىلىپ چىققان تارغاقلارنىڭ، ئاياغلارنىڭ ۋە بالىلار كىتابلىرىنىڭ بارلىقىنى ھەممىمىز بىرلىكتە ھەيرانلىق ۋە ھاياجان ئىلكىدە بايقايتتۇق.
ياق، ھەممىمىز بىرلىكتە ئەمەس. ئۇ تەڭداشسىز پەيتنى باشتىن كەچۈرەلەيدىغان تەلەيلىكلەر بالا-قازا ئاجايىپ قاتتىق بىر ئاۋازدا پارتلىغاندىن كېيىن، ئارقا ئورۇندىكى ساق قالالىغان يولۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن چىقاتتى. ئەڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ۋە كېلىۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ چىرىغىغا كىتابتىن چېچىلغان ئاجايىپ نۇرغا كۆزلىرى قاماشقان ھالدا ھەيرەت، قورقۇنچ ئىلكىدە قارىغاندەك قاراۋاتقان مەن بولسام دەرھال يېڭى بىر دۇنياغا ئۆتۈپ كېتەتتىم.
بۇنىڭ ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرى ئىكەنلىكىنى تۇيدۇم. ھالبۇكى، مەن ئۆيۈمگە قايتماقچى ئىدىم؛ يېڭى بىر ھاياتقا ئۆتۈشنى− ئۆلۈشنى زادى خالىمايتتىم.

1992-1994-يىللار، ئىستانبۇل

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*