دىلنۇر (پوۋېست)

dilnur

1
ئەسلىمىدىن ئەسلىمە تۇغۇلىدۇ، ئەپسۇس-نادامەتتىن ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ، شۈكۈر-قانائەتتىن خۇرسەنلىك تاپىمەن. ئۇنى تۇنجى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ ئانچە چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس كۆز جۇلاسىدىن ئەندىككەنىدىم، ئۇ مېنى تونۇمايتتى، دەل شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭغا قاراپ سالغانىدىم، ئۇنىڭ نەزىرى ئالدى تەرەپتە بولسىمۇ يەنىلا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماڭا قاراۋاتقانلىقىنى پەملىدىم، ھېچ بولمىسا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭدىن ئۆتۈشۈپ كەتكەندىن كبيىن ئىختىيارسىز كەينىمگە قارىدىم، ئالدىدىن قارىغاندىكى تۇيغۇمدىن رازى بولمىغانىدىم، كەينىدىن بىر قارىۋالسام تۇيغۇلىرىم پۈتۈنلىشەتتى. مەن ئۇچرىغانلىكى قىزلارغا بۇنداق قاراۋەرمەيتتىم، ئەمما مېنى قىزىقتۇرغان قىزنىڭ ئالدى-كەينىگە تولۇق قارىۋالمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى. بۇ قىز ئەگەر ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك كوچىلىرىدەك قايناق كوچىلاردا ئۇچراپ قالغان بولسا ئادەتتىكىدەكلا قاراپ ئۆتۈپ كەتكەن، ھەتتا نەزەر كۆزۈمنىمۇ سالمىغان بولاتتىم، چۈنكى بۇنىڭدىن چىرايلىق قىزلار بەلكىم بۇنىڭ دىدارىنى خۇنۇكلەشتۈرۈۋەتكەن بولاتتى. بۇ ماڭا بۇ ناھىيە بازىرىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا يالغۇز ئۇچراپ قالدى. يالغۇز جايدا يالغۇز ئوغۇل بىلەن يالغۇز قىز تونۇشمىسىمۇ تونۇشىدىغاندەك، تارتىشمىسىمۇ تارتىشىپ قالىدىغاندەك، ھېلىلا بىرسى بىر نېمە دەيدىغاندەك، ئوغۇل بالا ئۆزى گەى قىلىشى كېرەكتەك، قىزلار قورقۇشى كبرەكتەك… ئاللىقانداق ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ، ئاستا-ئاستا بىر-بىرىگە ئېقىپ كېلىدۇ، ئەمما كۆپ ھاللاردا ئىككى تارام ئبقىن سۇدەك يۇقۇشماي ئۆتۈپ كبتىدۇ. كۆپىنچە ئوغۇللار بۇنداق چاغدا قىزلارغا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى كۆز نۇرىغا ئايلاندۇرۇپ تىكىلىدۇ، يەۋەتكۈدەك قارايدۇ، قىزلار تارتىنىپ يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كبتىدۇ، ياق، ھازىر بۇنداق قىزلار ئاساسەن قالمىدى، ئوغۇللارنىڭ كۆزىنىڭ بالىخانىسىغا ئۇدۇل قارايدۇ، سوغۇق قارايدۇ، ياكى بىپەرۋا قارايدۇ. ئۇلار ئويلايدۇ: نبمىشقا تارتىنىپ خىجىل بولۇپ كېتىمەن؟ ئۇ مېنىڭ نبمەم ئىدى؟ ئۇنىڭ ئالدىدا مەن نبمە گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان؟ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى تايىنلىق…
بۇ قىزمۇ ماڭا سوغۇقلا قاراپ كەلدى، تىنىق كۆزلىرىدىكى سوغۇقلۇقتىن مەن ھەتتا سەل ئەندىكتىم، دەل مۇشۇ ئەندىكىش مېنى تىترەتتى، قىزىقىش ئويغاتتى، كەينىمگە قاراپ قالدىم: ئۇنىڭ بويى بەك بولسا مەنچىلىك چىقاتتى، ئەمما تەڭ ماڭساق ئۇ چوقۇم مەندىن ئېگىز كۆرۈنەتتى، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىۋالسا يەنە مەندىن ئېشىپ كبتەتتى. ئالدىدىغان قارىغاندا كۆرگىنىمدەك كەينىمۇ شۇنچىلىك ئورۇق، زىلۋا، پاچاقلىرى ئۇزۇن، قويۇۋەتكەن چاچلىرى بېلىگە چۈشكەن، ساغرىسى پاچاقلىرىغا ماسلاشقان، قەدەملىرى چەبدەس، مېڭىشلىرى ھەر ھالدا نازاكەتلىك ئىدى. ئەگەر ئۇمۇ بۇ چاغدا كەينىگە قاراپ سالسا ئۆزى ئوسال بولىدۇ، شۇڭا قىزلار ئالدىراپ كەينىگە قاراپ قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل كۆزى كەينىنىمۇ كۆرەلەيدۇ، بىرسىنىڭ كەينىدىن قاراى سېلىشىغا ھاماقەتلەرچە ئىشىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ ياسىنىدۇ، چاچلىرىنى كەينىگە قويۇۋېتىدۇ ياكى چىرايلىق قىسقۇچ بىلەن بوغۇۋالىدۇ؛ تار كاۋبوي شىم كىيىپ ساغرىسىنى تولۇق نامايەن قىلىدۇ، ئاياغلىرىنىڭ رەڭگىنى شىمى ياكى يوپكىسىغا ماسلاشتۇرۇپ تاللايدۇ، قەيەردىندۇ بىر ئەرنىڭ ئۆزىنى يوشۇرۇن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېسىدىن ھەرگىز چىقىرىپ قويماي، مېڭىشلىرىنى، بەل تولغاشلىرىنى، ساغرا ئوينىتىشلىرىنى نازاكەتلەشتۈرىدۇ، قوپاللىق، تومپايلىقنى جبنىنىڭ بارىچە يوقىتىشقا تىرىشىدۇ. كوچىدا، يولدا گۈلدەك جەزبىلىك كۆرۈنۈشنى، گۈزەللىك جىلۋىسى قوينىدا لەرزان ئۈزۈپ يۈرۈشنى ئۆلمەس ئادىتىگە ئايلاندۇرغان ئاشۇ قىزلار ئوغۇللارنىڭ نەزەر كۆزىدىن ئايرىلسا سۇدىن ئايرىلغان ببلىقتەك تۈگىشىپ كبتەرمۇ؟ بەلكىم ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ياسىنىشى ئوغۇللار ئۈچۈنلا ئەمەس، باشقا قىزلار ئۈچۈن، سبلىشتۇرۇلۇش، باھالىنىش، ھەۋەس ياكى ھەسەت قوزغاش ئۈچۈن… باشقا قىزلارنىڭ ئالدىدا ئۆز سۆلىتىنى، خاسلىقىنى نامايەن قىلىش قىزلارنىڭ يەنە بىر ياسىنىش مۇددىئاسى. بۇلارنىڭ بەسلىشىش ئېڭى لىۋەن قىزلىق دەۋرىدىن باشلاپلا قېرىغىچە داۋاملاشسا كبرەك، بۇلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا كۆرسىتەلەيدىغان، خوش بولالايدىغان نبمىسى باردۇر؟ قىزلار ئەرگە تەگكەندىن كبيىنمۇ بۇ بەسلىشىش ئېڭىدىن ھەرگىز قالمايدۇ، بەلكى كۈچىيىپ بارىدۇ، كەلگۈسىدە ئەر بولىدىغان بىچارە ئوغۇللار بۇ بېسىمغا ھامان ئۇچرايدۇ، بېلى پۈكلىنىدۇ، تارىختا ئاياللارنى قۇل قىلىپ ئەزگەن ئەرلەر ئۇلارنى تەلتۆكۈس بويسۇندۇرۇش بۈچۈن قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا، قوللىرىغا كويزىدەك بىلەيزۈك، پۇتلىرىغا ھالقا-كىشەن سالاتتىكەن، ھازىر شۇ نەرسىلەر گويا تۆمۈردىن ئالتۇنغا ئۆزگىرىپ ئاياللارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىغا ئايلاندى، ھىندىستان كىنولىرىدا پۇتلىرىغا ھالقا سالغان، ھەتتا بۇرنىغىمۇ ھالقا باسقان ئاياللارنى كۆرگىنىمدە ئۆتمۈشتە قۇل قىلىنغان، بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەن شۇ ئاياللارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ھۆرلۈكىدىن، ھەتتا شۇ زىننەت بويۇملىرى بىلەن ئەرلەرگە ببسىم ئىشلىتىپ يۈرۈشلىرىگە قاراپ ھەيران قالىمەن.
مەن مەكتەپتە قىرائەتخانىدىن چىقماي مەخسۇس قىز-ئاياللار ھەققىدە يبزىلغان ماقالىلەرنى تېپىپ ئوقۇيدىغان ئادىتىمنى مۇشۇ چاغقىچە تاشلىمىدىم، بۇنىڭغا قانداق كىرىشىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، لېكىن شۇنىسى ئايدىڭ: ئەڭ باشتا قانداق قىلسام قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشەلەيمەن، قانداق قىلغاندا قىزلارنى كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ مۇھەببەتلىشىشنىڭ سىرى نبمە؟ سۆيۈشۈشنى قاچان، نەدە، قانداق كەيپىىياتتا ئىشقا ئاشۇرۇش كبرەك… دېگەندەك كىچىك تبمىلارنى ئوقۇپ يۈرۈپ قىز-ئاياللارنى تەتقىق قىلىدىغان ھەۋەسكارغا ئايلىنىپ قالغانىدىم، مەن ماڭا تەڭتۇش شۇ قىز ساۋاقداشلىرىمغا، مەكتەپتىكى تەڭ دبمەتلىك ھەر مىللەت قىزلىرىغا تەبىئىي ئىنتىلىش بىلەن ھەر كۈنى قاراپ تويمايتتىم، تېشىدىن قاراپ بىلەلمىگەنچە ئۇلارنىڭ قەلب دۇنياسى، ئىچ-سىرلىرىنى بىلىشكە تېخىمۇ قىزىقاتتىم، بىرەر قىز بىلەن مۇڭدىشاي دەيتتىم، ئەمما يەنىلا ئۆزەمنىڭ ئىزدەنگىنىم ياخشىدەك تۇيۇلاتتى. يات جىنىسنى، بولۇىمۇ ماڭا تەڭتۇش قىزلار دۇنياسىنى چۈشىنىشتىنمۇ قىزىقارلىق ئىش يوق ئىدى، باشقىلار توپقا، قەرتكە، كىنوغا، ھاراققا، تانسىغا… خۇمار بولسا، مەن قىرائەتخاندىكى ئاياللا رەسىملىك ژۇرنىلىغا، مۇھەببەت، جىنسىيەت ھەققىدىكى يبڭى-يبڭى تبما، مۇلاھىزە، ھبكايىلەرگە خۇمار ئىدىم. مۇھەببەتلىشەلمەي تۇرۇى جىنسىيەت ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلىپ كېتىشنىمۇ ئانچە خالاپ كەتمەيتتىم، دىققىتىمنى ھامان مۇھەببەت، مۇھەببەتلىشىش ھەققىدىكى ئەسەرلەر جەلپ قىلىپ تۇراتتى، شۇ يوسۇندا ئەدەبىي ئەسەرلەرگىمۇ قىزىقىپ كەتتىم، چۈنكى ھەممىسىدە دبگۈدەك مۇھەببەت تبمىسى بار ئىدى، دبمىسىمۇ مۇشۇنداق تبمىلارلا كىشىنى، بولۇپمۇ مۇھەببەت سەۋداسى دەۋرىدە ياشاۋاتقان مەندەك بالىنى بەڭ جەلپ قىلاتتى. بەزى يازغۇچى گۇيلار كىشىنىڭ كۆڭلىدىكىنى زادى تېپىپ يازاتتى، بۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇغىنىمدا ئۇلارنىڭ ھبكايىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىپ، شۇ كەچمىشلەرنى ئۆز ببشىمدىن كەچۈرۈۋاتقاندەك ھاياجانلىنىپ كبتەتتىم، بۇ ھاياجانمۇ مبنى خۇمار قىلىۋالغانىدى. مەكتەپ قوينى تامامەن مۇھەببەت كارىدورىغا ئايلانغانىدى: قىرائەتخانا، قىرائەتخانىدىن چىقسام كىنوخانا، كىنوخانىدىن چىقسام تانسىخانا… ۋاھ… مۇھەببەت، مەن سۆيىدىغان ۋە مبنى سۆيىدىغان قىز قېنى سەن؟ دەپ ھەر ۋاق ئىچىمدە نىدا قىلاتتىم. كىنولاردىكى مۇبالىغە، مۇشتلاش ۋە تراگېدىيە، تانسىخانىدىكى غەيري رەسمىي جۈپلىشىش ماڭا نبمىشقىدۇر ئانچە تېتىمايتتى، كىنو پەقەت كۆرۈش سەزگۈمنى، تانسا پەقەت قىزلارغا تەشنا جېنىمنى ۋاقىتلىق ئارام تاپقۇزغان بىلەن، مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي ئىچكى مەنىسىنى ئېيتىپ بېرەلمەيتتى. قەلبىم بىلەن سىردىشىشقا ئامراق ئىچ مىجەزىم مبنى تېشى پال-پال، ئىچى قۇرۇق نەرسىلەرگە جەلپ قىلالمايتتى. كىنوخانىدىن ياكى تانسىخانىدىن چىققان ۋاقتىمدا مېنى شۇنچىلىك ئېغىر تەنھالىق، غەشلىك، بىئاراملىق ئورىۋالاتتى، ھەۋەس داۋاملىق كۆيۈپلا تۇراتتى؛ مۇھەببەتلەشمەي تۇرۇىلا مۇھەببەتتىن يىراقلاپ كبتىۋاتاتتىم. كىنودا چىققان چىرايلىق قىزلار، تانسخانىدا شەكلەن يېقىنلىشىپ قالغان، قوللىرى مۇز، باشقا ياققا قاراپ تانسا ئوينىغان قىزلار ئانچە ئبسىمدە قالمايتتى، پەقەت تانسىغا تارتسام قوپمىغان قىزلارلا خاتىرەمدە قاپقارا ئۆچمەنلىك، ئۆچمەس داغ بولۇپ ساقلىنىپ قالاتتى، ئىچ-ئىچىمدىن بۇ مەنىسىزلىككە لەنەت ئوقۇيتتىم، يالغان كىنو، مۇھەببەتسىز تانسا ماڭا بۇ ھاياتنىڭ مۇھەببەتتىن ئايرىلغان مەنىسىنى بىلدۈرىمەن دەيتتى. ئەمما ئالدانمايتتىم، ھامان بىر قىز بىلەن ئوتلۇق مۇھەببەت قاينىمىغا كىرەلەيدىغىنىمغا ئىشىنەتتىم. ئەمما ماڭا بۇ ئىشەنچنى كىم ببرىدۇ، نېمە بېرىدۇ؟ دەل مۇشۇ يەردە تاقىشىپ تۇرۇپ قالاتتىم. مەندە ۋاي دبگۈدەك قامەت يوق، ئۆزەمدىن ئېشىنغۇدەك پۇل يوق، سىنىپىمىزدىكى چىرايلىقلار بولسا ئاللىقاچان قولدىن كەتكەن. شۇ قىزلارمۇ ھەر كۈنى مېنىڭ ھەسرىتىمنى ھەسسىلەپ ئاۋۇتۇپ ئاخىر مبنى بۇنىڭغىمۇ كۆندۈرۈۋەتتى، ئاجايىپ كۆتۈرۈشلۈك، سەۋرچان بولۇپ كەتتىم.
دبمەك، ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك، قىزلارنىڭ ئەڭ نامايەن قىلالايدىغىنى بەش ئەزايىنىڭ ساغلاملىقى، چىرايلىقلىقى، بەدەن گۈزەللىكى.. ۋاھاكالار. خۇلقى، پەزىلىتىگە ھازىرچە بىر نېمە دېيەلمەيمەن، چۈنكى مەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىقىغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر ستودېنت بولساممۇ مۇشۇ كەمگىچە بىرەر قىزنىڭ قولىدىن تۇتۇپ تۈزۈككىنە مۇھەببەتلىشىپ باققان، ئۇنىڭ مىجەزى، پەزىلىتى، كىشىگە ئەڭ ياقىدىغان يېرىنى چۈشىنىپ باققان بەندە ئەمەسمەن. مانا ئەمدى ئاخىرقى يىلىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرىمەن، يازلىق تەتىلدە ناھىيە بازىرىغا كېلىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىدىن ئۆتتۈم، 4 يىل ئاۋۋالقى سەبىي بالا شۇ مەكتەى دەرۋازىسى بالدىدا ماڭا سالام قىلدى، تېخىچە چوڭ بولمىغاندەك تۇرىسەن دەپ مەسخىرىلىك كۈلدى. ئاندىن تەنتەربىيە كۇلۇبى ئالدىدا ئۇچراشقان ئورۇق قىز مېنى ئاجىز، چارىسىز قالدۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى. نېمە قىلسام بولاتتى، تونۇمىغان قىزغا نېمە دەيتتىم؟ كىم سېنى خوراز قىلدى مىكياننى چوقۇ دەپ…
تەنتەربىيە كۇلۇبى ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئىچىدە تولۇق ئوتتۇرىدا يېقىن ئۆتكەن بىر قىز ساۋاقدىشىم بار ئىدى، ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم بىلەن كۆرۈشكەنگە قارىغاندا بۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈش مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئىدى، يبڭىلىق، ھاياجانغا تولۇپ، مۇھەببەتسىز قالغان قاقشال قەلبىمگە ئازراق بولسىمۇ ئاراملىق ببغىشلىيالايتتىم. نبمىشقا دبسىڭىز، بۇ قىز تولىمۇ ئاسان ھاياجانلىناتتى، ئاسان كۈلۈپ ئاسان يىغلايتتى، ئاۋازى يبقىملىق ئىدى، ئوغۇللارنى ھەر قاچان كەلسە مەڭگۈلۈك مبھمىنىدەك قارشى ئالاتتى. مېنىمۇ شۇنداق قارشى ئالدى، قۇچاقلاپ قويغۇم كەپكەتتى. ئەمما ئاتا-ئانىسى بوسۇغا تۈۋىدىلا پەيدا بولۇپ مېنى ئىچكىرىگە باشلىدى. چاي ئىچكەچ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. مەسئۇلىيەتچان ئاتا بىر ياقتىن گېپىمىزنى تىڭشاپ ئولتۇراتتى، تويۇقسىز ئېغىز ئېچىپ قالدى:
__ببيجىڭغا قاچان ماڭىسىز؟
__ بىر ھەپتىدىن كېيىن
__ قىزىمغىمۇ ببيجىڭدىن چاقىرىق كەپتۇ،رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرۈپ كېيىنرەك ماڭىدىغان ئوخشايدۇ. بىللە ماڭغان بولساڭلار ياخشى بولاتتىكەن…
__ ياخشى بوپتۇ، پويىز بىخەتەر، ببيجىڭغا بارغاندىن كېيىن ئىزدىشىپ تۇرساق بولىدۇ.
__ مەندىن كىچىك سىڭلىم، _ دېدى ماينۇر،- ئۈرۈمچىدە تەييارلىقتا ئىككى يىل ئوقۇغان.
قىزىدىن ئەنسىرەپ ماڭا قوشۇپ قويماقچى بولغان ئاتىنىڭ كۆڭلى يەنىلا خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. مەن بېيجىڭ ھەققىدە ياخشى پاراڭ قىلىپ بۇ كىشىگە تەسەللىي بەردىم.
__ ئۈرۈمچىدە ئىككى يىل ئوقۇغان قىز بېيجىڭنى لاۋدا بولۇپ سورايدۇ،-دبدىم ماينۇرغا،__ بېيجىڭلىق دبگەن يۇۋاش خەق، ئاددىي ياشايدۇ، سىڭلىڭ ببيجىڭدا بەك ئېسىل كىيىم كەيمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ…
__ ئۇنداق دبگىنىڭ بىلەن ئوقۇش پۇلى بەك قىممەتكەن، تاماقنىمۇ قىممەت دەيدۇ… دادامنىڭ بېشى بەك قېتىپ كەتتى.
__ ئەمىسە ئۈرۈمچىدە ئوقۇتىۋەرسەڭلار بولمامدۇ؟
__ بۇ دىلنۇر بەك جاھىل، ئۇنىماي تۇرىدۇ، مەكتەپ ئالماشتۇرىدىغانغا خەجلەيدىغان پۇل بىر يىللىق ئوقۇش پۇلۇمغا يېتىدۇ، بىر يىل ئوقۇۋالسام ئىش تېپىپ ئىشلەيمەن… دەيدۇ.
__ بوپتۇ ئوقۇش ئىرادىسى بولسا ئوقۇسۇن، ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە شىنجاڭلىقلارنى يۆلەيدىغان سىياسەت بار.
مەن بۇ گەپنى نبمىگە تايىنىپ دبدىم، ئۇقمايمەن، ئاغزىمدىن جۆيلىگەندەكلا چىقىپ كەتتى، ساددا ساۋاقدىشىم قاراپ تۇرۇپ ئىشەندى. بۇ قىزنى قۇلاققا خوش ياقىدىغان مۇشۇنداق گەپلەر بىلەن چاققانلا ئىندەككە كەلتۈرۈۋالغىلى بولغىدەك دەپ ئويلىدىم. دادىسى چىقىپ كەتكەندە ئۇنىڭغا ئەلبۇملىرىڭنى كۆرۈپ باقاي دبدىم، ئەكىلىپ كۆرسەتتى، تولۇق ئوتتۇرىدا چۈشكەن ئوپچە رەسىمدىكى ئۆزەمگە قاراپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى، سەبىي چىرايىم مبنى يەنىلا مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. يەنە بىر رەسىمدە بىز سەيلىگاھتىكى بۇلاق بويىدا رەسىمگە چۈشكەنىدۇق، شۇ رەسىمدىمۇ قىزلار قاقۋاش، ئوغۇللار، بولۇپمۇ مەن ناھايىتى دۆت، ساددا قىياپەتتە قاراپ تۇراتتىم، قولۇمدا تېخى ئۆزەم ئانچە-مۇنچە تىرىڭشىتىپ قويالايدىغان قاپاق گىتار تۇتۇقلۇق تۇراتتى، بۇ قاملاشمىغان سۈرەتكە بىر قاراپلا بەت ئۆرۈدۈم، ماينۇر يبنىمدا بويۇنداپ قاراپ تۇراتتى، كۆزۈم سۈرەتتە توختاپ قالدى، ياق، ھېچنېمىنى كۆرمىدى. بۇرنۇمغا يۈرىكىمدىن تارتىپ بۆرەكلىرىمگىچە ئاغرىتىۋېتىدىغان، ناھايىتى ئۇزاقتىن بېرى كۈتۈپ كبلىۋاتقان بىر خۇش پۇراق ئۇرۇلدى. ھاياجاندىن دبمىم بوغۇلدى،ئۇنى مۇشۇ يەردىلا قۇچاقلاى سۆيۈپ كبتىش تەقەززاسى جۇش بۇردى… ئەمما جۈرئەت، مۇشۇ لەنىتى جۈرئەت باتارىيىسى يوق سائەتتەك توختاى قالغانىدى.
__ ماينۇر، ساۋاقدىشىڭغا چاي قۇيغاچ ئولتۇر-ھە… __ ئاپىسىنىڭ ئاۋازى مېنى چۆچۈتىۋەتتى.
__ ھة.. مانا.. – ماينۇر لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ يېنىمدىن ئايرىلدى، بىراق مېنىڭ يۈرەك سوقۇشۇم ئۇزاققىچە بېسىقمىدى. تانسا ئوينىغاندا ھەرگىز بۇنداق تىترىمەيدىغان يۈرەك ئىدى بۇ… چۈنكى ئۇنىڭدا مبخانىك ھەرىكەتلا بار، تاتلىق، گۈزەل ھېس يوق ئىدى. قولىدىن تۇتۇلغان قىز قوچاقتەك تۇراتتى، چىرايى ھەيكەلنى ئەسلىتەتتى. ئەمما بۇ ماينۇر پۈتۈن ۋۇجۇدى ھاياجانغا تولغان، ئەمما ھايالىق چوڭ بولغان قىز ئىدى. ئوخشىمايتتى، ئوخشىمايتتى…
شۇ ئەسنادا سىرتتىن بىر قىزنىڭ ئاۋازى كەلدى:
__ دادا، ئۇلار ئىشتىن چۈشۈپ كېتىپتۇ.
__ بوپتۇ بالام، ئۆيگە كىر، ئۆيدە مېھمان بار.
بىر قىز ئۆيگە كىرىپ كەلدى، ماڭا قاراپ تەۋرىنىپ تۇرۇپ قالدى، ئاڭغىچە ماينۇر ئۇنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ بولدى:
__ مۇشۇ مېنىڭ سىڭلىم..
مەن ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدىم، ئاچىسىغا ھبچ ئوخشىمايتتى، ئاشۇ سالقىن كۆز جۇلاسى… ئاقۇش چىرايى، بوينى، بېلى، ئۇزۇن چىرايلىق پۇتلىرى… تايچاقنىڭكىگە ئوخشىتايمۇ، كىيىكنىڭكىگىمۇ… ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى: ياخشىمۇسىز، دېدى. ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى چىرايلىق ئىدى، ئەمما پەرۋاسىز ھالىتىدىكى كۆز نۇرىمۇ جەلپ قىلارلىق ئىدى. شۇڭا مەن كەينىمگە قاراپ سالغان. ئەمدى ئۇ بۇ ئاجايىپ پۇرسەتتە ماڭا تېخىمۇ يبقىندىن، تبخىمۇ ئېنىق، تبخىمۇ تەپسىلىي كۆرۈنۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئىنچكە ببلىدىن تۇتۇپ تانسا ئويناش ماڭا شۇ ببيجىڭنىڭ مەلۇم بىر يبرىدە_ مبنىڭ ياكى ئۇنىڭ مەكتىپنىڭ تانسىخانىسىدا نېسىىپ بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ بىر دەمدىلا بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كەتكىنىمگە ھەيران ئىدىم، خىيالدىن خىجىل بولۇش دبگەن نېمە گەپ، خىيالنى ھەممە ئادەم سۈرەلەيدۇ، گەپ جۈرئەتتە… مۇھەببەت ھەۋەسنىڭ گۈزەل ئاتىلىشىمۇ؟ قوپاللىق جۈرئەتنىڭ بىر تۇغقان ئانىسىمۇ؟… چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ كاللام گادىرماچ بولۇپ كەتتى…
سەھەرنىڭ ئەڭ يارقىن گۈزەل چاغلىرىدەك، ئەتىيازنىڭ مەين شامىلىدەك، جۇشقۇن ئۆستەڭ سۇلىرىدەك بىلىنمەيلا ئۆتۈپ كەتكەن، ئاجايىپ ئەسلىمىلەر قالغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتكىنىمدە تۆت يىل بۇرۇنقى ھايات مېنى ئۆزىگە تارتتى، مەكتەپ ئىچىگە كىردىم، قەدەملىرىمگە ئەگىشىپ ئەسلىمىلەرمۇ جانلىنىپ يۈرىكىمدە ھاياجان ۋە كىچىك ھەسرەتلەر ئويغىنىشقا باشلىدى. يازلىق تەتىل بولغاچقا مەكتەپ ئىچى سۈكۈتكە چۆمگەن؛ ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا ياتقۇزۇلغان، بىر چاغلاردا ئۆزىمىز قۇيغان ئالتە بۈرجەكلىك سىمونت تاختىلار بۇرۇنقى ئىسكەتىنى يوقاتقانىدى، ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرلەر بۇ مەرىپەت بۆشۈكىدىكى ئۇششاق تەڭسىزلىك، كۆڭۈلسىز ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ سمۋولىدەك تولىمۇ خاراپ، بىچارە كۆرۈنەتتى. قانچە بالىلار مۇشۇ دۆڭ-ئويمانغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشكەندۇ، پۇتى قايرىلغاندۇ ياكى ۋەلىسپىتىنىڭ چاقى ئېتىلغاندۇ… ياتاق بىناسى يېڭىدىن سېلىنغان بولسىمۇ يەنىلا كونا كۆرۈنەتتى. بىز كونا بىنانىڭ ئەڭ ئاخىرقى مېھمانلىرى ئىدۇق. ھەر يېزىدىن كەلگەن خىلمۇ خىل بالىلار بىلەن ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيتتىم، يېشىممۇ، جۇغۇممۇ، جۈرئىتىممۇ ھەممىدىن كىچىك ئىدى، ئەگەر ھەممىسى بىلەن بىر قېتىم ئۇرۇشۇپ چىقسام چوقۇم ھەممىسىدىن تاياق يەيتتىم. قامەتلىك، جۈرئەتلىك بالىلار بار ئىدى، نوچىلىق تالىشىپ مەكتەپ كەينىدە قەستەن مۇشتلىشاتتى، ئاشخانىدا بىر تۆشۈكنىڭ ئالدىدا قىستىلىپ تاماق تالىشىپمۇ سوقۇشاتتى، بىز يۇۋاشلار قىزلار قاتارىدا ئۇلارغا ھەۋەسلىنىپ تاماشا كۆرەتتۇق. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا تاماق ئېلىۋېلىپ ئاشخانا سەيناسىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئاش ئىچىۋاتقان بولسا شۇ نوچىلار كۆرەلمەسلىك قىلىپ شەپكىمىزنى ئېلىۋېتىپ چېچىمىزدىكى كېپەكنى ئاشقا چۈشۈرىۋېتەتتى. ھەر يەكشەنبە كۈنى كەچتە قاپاق نوچىدىن بىرسى ھاراق ئىچىپ كېلىپ، ئۇخلاپ بولغان بالىلارنى بىر شاپىلاقتىن ئۇرۇپ چىقاتتى. خىلمۇ خىل ئويۇن، مۇسابىقىلەر تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تالانتى بار، يېڭى ئىشلارنى ئويلاپ تېپىپ تۇرىدىغان يېزىلىقلار ياتاقتا يەل قويۇپ بېرىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزسە، تالادا يىراققا سىيىش مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كۆڭۈل ئاچاتتى… قىش كۈنلىرى بويى 2 مېتىرغا يېتىدىغان تەنتەربىيە مۇئەللىمى غۇلام دارازا ياتاقلىرىمىزغا باستۇرۇپ كىرىپ تەنھەرىكەتكە چىقىمىغان گۇيلارنى تالاغا يالىڭاچ قوغلاپ چىقىراتتى، تالادا قار يېغىۋاتقان بولسىمۇ كارى يوق ئىدى، ئۇنىڭچە بولغاندا ئىنتىزام سوغۇقتىنمۇ قاتتىق بولۇشى كېرەك ئىدى، ئىرادە مۇشۇنداق تاۋلىناتتى.قىزىل ئارمىيە پەلسەپىسىنى ھورۇن ئوقۇغۇچىلارغا تېڭىش ئۇنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىدى. تەنھەرىكەتتىن كېيىن مەيداندا ئايلىنىپ يۈگۈرەيتتۇق، قاردا تېيىلىپ كەتمەيمىز دەپ گوپ-گوپ قىلىپ چىڭ سەكرەپ يۈگۈرەيتتۇق. قىزلار چىلىكىنى كۆتۈرۈپ چايغا ماڭاتتى.بىرسىگە بىر گىردە، بىر ياتاققا بىر چىلەك قارا چاي. تاڭ سۈزۈلمەستە ھورى چىقىپ تۇرغان چاينىڭ تۇمانلىرى ئىچىدە بىر-بىرىمىزگە تەقدىرداشلىق تۇيغۇسىدا قارىشىپ چاي ئىچەتتۇق، مۇئەللىملەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلغاچ ئارقىدىن قىزلارنىڭ پارىڭىغا چۈشەتتۇق. ياتاق يېنىدا بۇلاق سۇلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ قىش ياز ئۆكسىمەي ئاقىدىغان بىر چىرايلىق ئۆستەڭ بار ئىدى، ھەممە ياق ئاپئاق قارغا پۈركىنىپ ئېغىر جىمجىتلىققا چۆمسە بۇ ئۆستەڭ شوخلىنىپ، قىيغىتىپ ئېقىپ تۇراتتى، كۆپكۆك سۇلىرىدىن مەن رومانتىك تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ شېئىر يازغان، نېمىشقا شۇ سۇلارچىلىكمۇ شوخ، ئەركىن بولالمايمەن دەپ ئاھ ئۇرغانىدىم. ئۇ چاغدا مۇھەببەتلىشىش يوشۇرۇن ئىدى، ھەممە ئىش ئاساسەن كۆڭۈلدىلا ئېلىپ بېرىلاتتى. يېزىلىق ئوغۇللار، يېزىلىق قىزلار يەنىلا ئۆز مەھەللىسىنىڭ ئەنئەنىسىنى قوغداپ، ئاشكارا يۈرۈشكە قارشى ئىدى. نامەھرەملىك تۇيغۇسى يەنىلا ھۆكۈمران ئىدى. كېيىن بۇزۇلدى، بەلكىم ھازىر تېخىمۇ بۇزۇلدى…
خىياللىرىم، ئەسلىمىلىرىم ئايلىنىپ كېلىپ يەنە مۇھەببەتتە توختىدى، بۇنىڭغا مەكتەپ ئىچىدە ئۇچراپ قالغان يەنە بىر قىز سەۋەب بولدى؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدەك، بىرەر مۇئەللىمنىڭ قىزىدەك قىلاتتى، سەبىيلىكى ئوماق چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى، مېنى كۆرۈپ قىزىققاندەك بىر قاراپ قويدىيۇ، قىزىققۇچىلىكى يوق چىرايىمدىن كۆزىنى ئەپقاچتى؛ شۇنداق قىلىپ بۇ قىزمۇ بالاغەتكە يەتكىنىمدىن باشلاپ ھاياتىمدا كۆزىنى مەندىن پەرۋاسىزلىق، قىزىقماسلىق، ھەتتا بىزارلىق بىلەن ئېلىپ قاچقان نۇرغۇن قىزلارنىڭ قاتارىغا قېتىلدى، شۇ چاغدا چىرايىمنىڭ، بەستىمنىڭ پەۋقۇلاددە كېلىشكەن بولۇشىنى، ھېچ بولمىسا بىرەر چولپانغا ئوخشىشىپ كەتكەن بولۇشۇمنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلدىم، ئارقىدىنلا بۇ خام خىيالدىن تېخىچە قۇتۇلالماي يۈرگىنىمگە، ھەۋەس تاماخورلۇقىدىن ئېزىلىپ غۇرۇرۇمنى توپا، ساماندەك ئۇچۇرتۇپ يۈرگىنىمگە ئېچىندىم. يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزەمنى تېخىمۇ ئەيبلەيدىغان، ئازابلايدىغان بولدۇم. كېيىن قايسىبىر ژۇرنالدىن: «ئۆزەڭگە ياخشى مۇئامىلە قىل» دېگەن ھېكمەتلىك گەپنى ياقتۇرۇپ قېلىپ خاتىرەمگە كۆچۈرۈۋالدىم، توۋا دەيمەن، شۇنچىلىك ئاددىي گەپقۇ بۇ، ئەمما مۇشۇنچىلىك ئاددىي گەپنى ساڭا باشقىلار دەپ بەرسە ئاندىن راست دەپ ئاڭلايسەن، ئۆزەڭنىڭ ئىچكى نىدالىرىڭغا، ئۆز ھېكمەتلىرىڭگە بولسا قۇلاق سالمايسەن…
بۇ ئوماققىمۇ كەينىدىن قارىدىم، ئۇ نەگە كېتىۋاتاندۇ؟ ئىشقىلىپ، بىر تەقدىر، بىر ئىستىقبال ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە بارىدىغان قىزلارنىڭ قاتارىغا قېتىلىدۇ، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ياشاشقا شۇنچىلىك قىزىقىدۇ، ئاتا-ئانىسىدىن كۆز يېشىنى تۆكۈپ خوشلاشقان بىلەن سەل ئۆتۈپلا يېشىنى سۈرتىۋېتىپ ئاپتوبۇستا خۇشال ئولتۇرىدۇ، بىللە ماڭغان دوستلىرى بىلەن ئازادە، ھەتتا قېلىن پاراڭلىشىدۇ، ماشىنا يولدا توختىغاندا يەرگە چۈشۈپ ئەركىن نەپەسلىنىدۇ، بىرەر ئاشخانىدا ئۆزى مۇستەقىل تاماق بۇيرۇتۇپ ھوزۇرلىنىپ يەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن… ئەركىن ھاياتى باشلىنىدۇ.
ئۇ چاغدا مەكتەپ شۇنچە چوڭ، شۇنچە ھەيۋەت، چىرايلىق كۆرۈنەتتى، نەزەر دائىرەم شۇنچىلىك بولغاچقا شۇنداق كۆرۈنگەن بولسا كېرەك. چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ،كۆپنى كۆرۈپ كېلىپ ئەمدى قارىسا مەنزىرە پۈتۈنلەي باشقىچە ئىدى، گويا ھەممە نېمە ئادەمنى غەش قىلغۇدەك دەرىجىدە كەينىگە چېكىنىپ كەتكەنىدى. ئۆتمۈشتىكى گۈزەللىك، شۇ زامان، شۇ مۇھىت، شۇ كەيپىياتقا خاس ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىم ئەمدى تەكرارلانمايدۇ، تۇنجى ياخشى كۆرگەن قىزنى ھازىر شۇ ۋاقىتتىكىدەك ياخشى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى نازۇك، يۇمران قولىنى ھازىرقى قولۇم بىلەن تۇتقىلى بولمايدۇ.ئاھ، قىيالمايمەن، ئەمما ئامالىم يوق. بەلكىم ئالىي مەكتەپ ھاياتىممۇ ئاشۇنداق ھەۋەسلىك، ھەسرەتلىك ئارمان بىلەن ئاياغلىشىدۇ ۋە «ئاجايىپ» ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ…
9-يىللىق 4-سىنىپ ئالدىغا كېلىپ، كۆزۈم ئۆتمۈشتىكى ۋاقىتنىڭ فوكۇس نۇقتىسدا دوسكىدىكى چېكىتتەك قېتىپ قالدى، كەچلىك مۇزاكىرىگە ۋەلىسپىتلىق كېلىدىغان شەھەرلىك ئاقسا ئوغۇللارنىڭ، چىرايلىق ياسىنىدىغان شەھەرلىك قىزلارنىڭ شاد-خورام ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى، ۋەلىسپىت قوڭغۇراقلىرىنىڭ جىرىڭلاشلىرى 7 يىللىق تارىخنى شۇڭغۇپ ئۆتۈپ قۇلىقىمىغا قايتا ئاڭلانغاندەك بولدى…
— ۋۇي، غەنىجانغۇ بۇ… قاچانلاردا كېلىپ قالدىڭىز؟
يېنىمدىن ئايالچە ۋەلىسپىت مىنىپ خاسىيەت خانىم ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، ۋەلىسپىتىدىن چۈشتى. مەنمۇ دەرھال ئېسىمنى يىغىپ خانىمغا سالام قىلدىم، مەن ھازىر قاراپ تۇرۇۋاتقان شۇ سىنىپتا بىزگە ئەدەبىيات دەرىسى بەرگەن، بىر قېتىم دەرسكە دىققەت قىلماي ئولتۇرسام يېنىمغا كېلىپ قولىدىكى كىتاب بىلەن يۈزۈمگە ئۇرغان، شۇ ۋاقىتتىكى ئەلەمنى ئەسلىتىپ تۇرغان خانىم شۇ تاپتا ئالدىمدا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلىپ تۇراتتى.نۇرغۇن ئىشلارنى، نۇرغۇن دەرت-ئەلەملەرنى ئۇنتۇپ كەتكەنىدىم، ئەمما بىر چاغلار كېلىپ شۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ يىپ ئۇچى تېپىلىپ قالسا كونا غەللە-غەش ئۆتمۈشنىڭ لاي-لاتقىلىرىدىن تارتىپ چىقىلاتتى-دە ھازىرقىدەك يەنە ماڭا ئەلەم سالاتتى. خانىمغا تۈزۈك گەپمۇ قىلالمىدىم، ھېچ گەپ قولاشمىدى، چىراي ھالىتىممۇ گويا شۇ ۋاقىتتا ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇلغاندەك، يۈزۈم شۇ چاغدا زەربە يېگەندەك جىم-جىم قېتىپ قالدى. «ئۆيلەرگە بېرىڭ» دەپ كېتىپ قالدى قېرىپ قالغان خانىم. «بولىدۇ» دېدىم. رەسمىيەتكە ئايلىنىپ قالغان گەپلەر بىزنى ئوڭايسىزلىقتىن ئوڭايلا قۇتۇلدۇردى.
مەكتەپتىن چىقىشىمغا يەنە ئۇچقۇن مۇئەللىمگە ئۇچراپ قالدىم. ئەينى چاغدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بىر تۈركۈم ياش مۇئەللىم ۋە خانىملار كىيىنىش، يۈرۈش-تۇرۇشتا پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە ئىدى. ئاشۇ بەرنا يىگىت-قىزلار بىزگە كەلگۈسىدىكى ھالىتىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلدۇراتتى، ئۇلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ئالاھىدىلىكى، نۇتقى، دوسكىدىكى خېتى، چىراي ئالامىتى، ئىش-ھەرىكەتلىرى، كۈلكە-چاقچاقلىرى ھەر كۈنى دىققەت مەركىزىمىزدە ئىدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە مېنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان خانىم مەن مەكتەپ پۈتتۈرمەستىلا توي قىلىپ كەتتى. ئەرلەر ئىچىدە ئۇچقۇن مۇئەللىممۇ مېنى ناھايىتى قايىل قىلاتتى، ئۇ ئادەتتە ھەر قانداق ھالىتىگە ناھايىتى دىققەت قىلاتتى، چاچلىرىنى كەينىگە تاراپ، بۇرۇتىنى چىرايلىق ياسىتىپ يۈرەتتى، پاكىز، سالاپەتلىك كىيىنەتتى، بىر چاغدا بىر ئاق كاستۇم كىيىپ كەلگىنىدە قىزلار ئۇنىڭغا بۆلەكچە دىققەت قىلغانىدى. خىزمىتىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەيدىغان ئاشۇ بەرنا يىگىت-قىزلار دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دائىم بىرگە توپ ئوينايتتى، باغچىلارغا بېرىپ كېلەتتى، ياتاقلىرىدا بەلكىم ئولتۇرۇشمۇ قىلىپ تۇرسا كېرەك، ئىشقىلىپ، شۇ مەزگىلدە جاھاننىڭ گۈزەللىكى شۇلارنىڭ ئەترپىدا ئايلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم. ھازىر كۆرگەن ئۇچقۇن مۇئەللىم 4 يىل ئىچىدە تېزلا قېرىپ كەتكەندەك بىلىندى، سالاملاشتىم، ئەھۋاللاشتىم، دەرت-ھەسرەتلىرىگە قۇلاق سالدىم. يىللاردىن بۇيان ۋىلايەت بويىچە ئوقۇتۇشتا ئالدىدا تۇرۇپ كەلگەن بۇ مەكتەپ بۇ يىل ئەڭ ئارقىدا چىقىپتۇ. ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى تىك سىزىق بويلاپ تۆۋەنلەپتۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى بوغۇلۇپ، تەتىلى قىسقىراپ، ئارام ئېلىش ئاساسەن تۈگەپتۇ.تۈگىمەس سىياسىي ئۆگىنىش بىلەن زېھنى ئۇپراپ، ئەقىللىرى گال پىچاقتەك داتلىشىپتۇ.
— سىلەر ئوقۇغان ۋاقىتتىكى كەيپىيات ھازىر يوق، بىزمۇ بوشاپ كەتتۇق… دۆلەت ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بالىلارنى بىر تۇتاش تەقسىم قىلمايدىغان بولغاندىن كېيىن خەقلەر بالىلىرىنى ئوقۇتۇشتىن زېرىكتى، ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ كېلىپ ئىشسىز يۈرگەن بالىلارغا قاراپ ھەممىسى ئۈمىدسىزلەندى، ئاتا-ئانىلىرىغا قاراپ بالىلىرى تېخىمۇ چۈشكۈنلەشتى.. بۇنداق ئەھۋالدا بىز مىڭ كۇچىسەكمۇ بىكاركەن..
ئۇچقۇن ئەپەندىنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى ئەمەس، تىنىپ كەتكەن ھارغىنلىق ۋە چارىسىزلىكنى كۆرۈپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدىم، تەسەللى بېرەلىگۈدەك گەپمۇ تاپالمىدىم.
ـــ ئەخمەت قانداقراق، ئوبدان ئوقۇۋاتقانسىلەر؟
ــ ئىشقىلىپ بولىدۇ..
ئەخمەت قايتا ئوقۇپ ئوقۇشقا ئۆتكەن بالا ئىدى، بېيجىڭغا كېلىپلا بوشاڭلىقىغا قايتتى، تانسىغا بېرىلدى، بىر قىز بىلەن يۈرگەنمۇ بولدى، كېيىن ئۇ قىزغا چېقىلدىمۇ ياكى قىز ئۆزى خالاپ شۇنداق رەسۋالاشتىمۇ ئىشقىلىپ ئاخىرىدا ناھايىتى سەتلىشىپ ئايرىلدى، ئۇ قىز تەييارلىق سىنىپىنى تۈگىتىپ باشقا مەكتەپكە كەتكەندىن كېيىنمۇ خېلى ۋاقىتلارغىچە بىر-بىرىگە خەت يېزىپ سەت گەپلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىشتى. ئەخمەت ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قانداق قەبىھ، سەت تىللار بىلەن خەت يازغانلىقىنى دەپ بېرەتتى. ئۇ مەندىن بىر قارار كېيىن ئوقۇسىمۇ، ئۆزىنى ماڭا قارىغاندا ئىش كۆرگەن، يىگىتلىكتە ئېشىپ چۈشكەن ھېسابلايتتى. بۇنىڭدىنمۇ ئىچىم سىقىلاتتى. ئۆز ھالىم بىلەن ئاران-ئاران تۇرغاندا، مۇشۇنداق يېقىنلىرىممۇ ماڭا ھەر خىل بىئاراملىق، ئىچ پۇشۇقى، روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىپ تۇراتتى.
— ياخشى ئوقۇڭلار،- دېدى ئۇچقۇن مۇئەللىم،- بىلىم دېگەن ھامان ئەسقاتىدۇ. بىزنىمۇ پات-پات ئەسلەپ تۇرۇڭلا…
— ئەسلەيمىز مۇئەللىم…
ئۆزۈمنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەلۇم بىر سىنىپىدا مۇئەللىمىگە شېئىر ئوقۇپ بېرىۋاتقان بالىدەك ھېس قىلدىم. ئۇچقۇن مۇئەللىم مەيۈسقىنا كۈلۈپ قويۇپ يولىغا راۋان بولدى.
غۇلام دارازا كوچىنىڭ باشقا بىر تەرىپىدە غىل-پال ئۇچراپ قالدى، كەچقۇرۇن بولغاچقا ھالى تېخىمۇ خاراب كۆرۈنۈپ كەتتى، بېرىپ كۆرۈشەي دېدىم، ئەمما قۇرۇق سالام-سائەتتىن بۆلەك دېيىشكۈدەك گەپ يوق ئىدى، ئۇنى كۆرسەملا قارلىق توپ مەيدانى ئېسىمگە كېلىپ تىترەيتتىم، ئۇ مېنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ قالغان، نېمە قىلاي ئېسىگە سېلىپ… ئۇنىڭغا ئازادىلىك يارىتىشىم كېرەك، يولىغا ماڭسۇن. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا قىزىقىپ يىراقتىن قارىدىم: ھەر خىل بېسىم ئۇنىمۇ تېزدىن كاردىن چىقىرىپ قەددىنى پۈككەندەك، ئىككى مېتىر بويى بۇرۇنقىدىن 10 سانتا پاكارلاپ كەتكەندەك قىلاتتى.

2

دىلنۇرنى كۆرۈپ ئەخمەتنىڭ كۆزلىرى ئويناپ، قىلىق-قىياپەتلىرى ئۆزگەرگىلى تۇردى. چۈنكى بۇ كۈنى پۈتۈن ئىش دىلنۇرنى مەركەز قىلاتتى، دىلنۇر بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇشتىن، ئۇنى ئوينىتىپ كېلىشتىن ماڭا نېمە خۇشاللىق كېلىدىغانلىقىنى بىلە-بىلمەستىن ئارىلىشىپ قالدىم، جاھاندا بىر قىزنى ئىككى تايىنى يوق ئوغۇلنىڭ ئوينىتىپ كېلىشىدىن ئارتۇق قاملاشمىغان، بىمەنە ئىش يوقلۇقىنى شۇ كۈنى چۈشەندىم. دىلنۇرغا بېيجىڭنى كۆرسىتىپ ئوينىتىپ كېلىش ئىشىنى ئەخمەت چىقارغان، مەنمۇ يۇرتداشلىق ۋە بۇ قىزغا ئەخمەتتىنمۇ يېقىنلىق يۈزىسىدىن قوشۇلغانىدىم، ئىشلار تەبىئىي داۋاملىشىدۇ، يۇرتداشلار بىللە خۇشال ئايلىنىپ كېلىمىز دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما مەكتەپتىن چىقىپ نەگە بېرىش ئىشىنى تالىشىشىتىن باشلاپ ئەخمەت بىلەن ئوسال كەيپىياتتا تىركەشتىم. ئۇ ھە دېسە دىلنۇر ئالدىدا ئۆزەمنى كۆرسىتىمەن دەپ چاپچىيتتى، بىلەرمەنلىك قىلىپ ئالدىمنى توسۇپ قوياتتى، پۇل چىقىرىدىغاندا قاشاڭلىق قىلاتتى. ئىككىمىز بىر يەرگە كېلەلمەي تالىشىپ قالغاندا دىلنۇر ئەكسىچە خۇشال بولۇپ «ۋاي بولدى قىلىڭلارچۇ…» دەيتتى. بىز شۇ كۈنى دىلنۇرنى تالاشتۇق، ئۆزىمىزنى كۆرسىتىپ رىقابەتلەشتۇق، سىڭلىمىزدەك بىر قىز ئالدىدا ئويۇن قويۇپ بەردۇق، ئاستىرىتتىن دىلنۇرنى خوش قىلدۇق، ئۇنى خوش قىلىپ ئۆزىمىز تېرىكىپ جىددىيلىشىپ ئىچىمىزنى سىقتۇق، بۇ كۈندىكى چۆگىلەش كېيىن ھەر قانداق ۋاقىتتا ئويلىسىمۇ، ئەسلىسىمۇ كىشىنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدىغان، ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ خۇنۇك، كۈلكىلىك، ئېچىنىشلىق بىر خاتىرىسى بولۇپ قالدى.
سالاپىتى يوق، ئالدىراڭغۇ، تېرىككەك، غىلتاڭ ئوغۇللار بىلەن بىر يۇرتلۇق ياكى دوست بولۇپ قالساڭ چاتاق، ھېلىمۇ ياخشى بۇنىڭ بىلەن بىر سىنىپ، بىر ياتاق بولۇپ قالمىغىنىم، قىزلارنى كۆرسە خۇدىنى يوقىتىپ، بىر دەمدىلا ئاينىپ كېتىدىغان شاتراق ئاغىنىلەر ئادەمنىڭ غەزىۋىنى قوزغايدۇ، بىر قىز ئۈچۈن دوستلۇقىنى ساتىدۇ، نەپسى ئۈچۈن بۇرادەرلىكتىن كېچىدۇ، مەقسىتىگە يېتىپ، ھەۋىسىگە قېنىۋالمىغىچە بولدى قىلمايدۇ، بۇ يولدا ھېچنېمىگە قارىمايدۇ، مۇھەببىتىگىمۇ، دوستىغىمۇ قېلىنلىق، نومۇسسىزلىق قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاشۇ بىر كۈننى خۇشاللىق ئىچىدە ئەمەس، غىژىلداش، كوتۇلداش، مەنىسىز پاراڭ سېلىش، مەنىسىز ئايلىنىش، ھارغىنلىق، بىزارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم، بىللە رەسىمگىمۇ چۈشمىدىم، دىلنۇر ئەخمەتنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ مەن بىلەنمۇ ئانچە كارى بولمىدى، ئۆزەم خىيال سۈرۈپ، ئۆزەم كۆڭلۈم تارتقان باشقا مەنزىرىلەرگە، چىرايلىق بىنالارغا، خەنزۇ قىزلارغا، قۇچاقلىشىپ تۇرغان ھاياسىزلارغا… قاراپ ماڭدىم. ئەخمەت بىر دەم ئاكتىپ بولمىسا، بىردەم گەپ قىلمىسا دىلنۇر مەن بىلەن بىللە بولۇپ كېتىدىغاندەك توختىماي پاراڭ سالاتتى، ئۇنى بىر ياققا يېتەكلەيتتى.
دىلنۇر ئەخمەت تولۇق ئوتتۇرىدا قايتا ئوقۇغاندا مۇھەببەتلەشكەن، ھازىر ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىز ھەققىدە پاراڭ سالدى، ئەخمەتكە ھېسداشلىق قىلغاندەك بىر گەپلەرنى دېدى. مەن بىلەتتىمكى، ئىمتىھاندىن ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن ئۇ قىز ئەخمەتكە بىرەر يىل خەت يېزىپ ئاندىن خەت يازماس بولغانىدى، ئۈرۈمچىدە ئاللىقاچان باشقا بىرسى بىلەن يۈرۈۋېلىپ، ئەخمەتنى تاشلىۋەتكەنىدى؛ ئەخمەت بۇنى ئېتىراپ قىلماي مەن ئۇنى تاشلىۋەتتىم، خېتىنى بېرىۋەتتىم دەپ يۈرەتتى. دىلنۇر ئەخمەتكە تەسەللىي بەردى، ئەخمەت ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن بىر ھازا قاقشاپ ئاخىرىدا: «ۋاي، جاھاندا قىز بالا دېگەن ساماندەك، ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق، ئېسىل قىزلارنى تاپىمىز بىز… » دەپ پو ئاتتى، دىلنۇرغا ھىجىيىپ قاراپ قويدى، دىلنۇرغا دىققەت قىلمىدىم، بەلكىم ئۇمۇ ئىچىدە بىر نېمىلەرنى ئويلاپ، دەڭسەپ بولدى. بۇ قىزنىڭ خىيالى بىر يەردە ئەمەستەكلا قىلاتتى، بىر يەرگە قاراۋېتىپ كۆزى توختاپ قالاتتى. يول ماڭسا چوڭ چامدايتتى، ئىنچكە بېلىگە چۈشكەن چاچلىرى بەللىرى بىلەن تەڭ تولغىناتتى، ئەخمەت ئۇنىڭ يېنىدا رودىپايدەك چاپلىشىپ، ھەر ئىشتا قىزغا ماسلىشىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشىپ كېتىۋاتاتتى. سەت تۇرمىسۇن دېمىسەم ئاللىبۇرۇن ئۇلاردىن ئايرىلىپ باشقا ياققا كەتكەن بولاتتىم، چىداپ ئەگەشتىم.
ئاپتوبۇسقا چىققاندا دىلنۇر تۇتقۇچنىڭ تىيىكىنى قۇچاقلاپ تۇرغانىدى، ئەخمەت بۇنى ئۇ قىزنىڭ مۇھەببەتكە، بىر ئوغۇلنىڭ تېنىگە مۇھتاجلىقى دەپ چۈشەندى بولغاي كۈلۈپ زاڭلىق قىلدى. ئىت-ئېشەكنىڭ كۆزىگە ھەممە نېمە كۈلرەڭ كۆرۈنىمىش، شەھۋەتكە تولغان كۆزگە «سېرىق»تىن باشقا نېمە كۆرۈنسۈن؟! مەكتەپكە ئاز قالغاندا دىلنۇر ماڭا قاراپ توساتتىن:
— ساھىبجامال بىلەن خەت يېزىشىپ تۇرۋاتامسىز؟-دەپ سورىدى.
ھەيران قالدىم، ئۇ مېنىڭمۇ كونا مۇھەببەت ئىشلىرىمدىن خەۋەردار ئىكەن. مۇشۇ باھانىدا ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ مېنى ئېسىگە ئالغانىدى، مېنىڭمۇ يالغۇز، بىچارە ئەمەسلىكىم، مۇھەببەتلىشىشكە قادىر ئىكەنلىكىم، جۈرئىتىم ۋە غەيرىتىم ۋىسال قۇچالمىغان تۇنجى مۇھەببىتىمنىڭ ئىسمى چىقىرىلغاندا ئاشكارىلانغاندەك بولدى. ئەخمەت ئەمدى بىر كۆڭۈللۈك كەيپىياتقا كىرگەندەك خۇشال كاپشىدى:
ــ ھە دېگىنە، ھېلىمۇ خەت يېزىۋاتامسەن؟ شۇ قىزنى دەپ سىنىپىڭدىكى قىزلارنىمۇ قولدىن بېرىپ قويدۇڭ، قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتالمىغان ئۇ مۇھەببىتىڭنى ئەمدى ئۇنتۇپ كەتسەڭمۇ بولىدۇ…
ــ ئۇنداق ئەمەستۇ؟ غېنىجان ئۇنداق جىم يۈرۈيدىغان بالا ئەمەستەك… – دىلنۇر توغرا دەۋاتاتتى، مەن جىم يۈرۈيدىغان بالا ئەمەس ئىدىم، ئەمما ھەممە ئىش، جىمى ئۆزگىرىش خىيالىمدىلا تاماملىنىپ تۈگەيتتى، ئىچىمدىن سىرتقا چىقمايتتى، جۈرئەت ۋە ھەرىكەت ماڭا تولىمۇ يات ئىدى. ھەرىكەت قىلدىم دېيىشكە توغرا كەلسە قولۇمدىن كېلىدىغان پەقەت بىرلا ئىش بار ئدى: پىنھاندا شۇ ساھىبجامالغا يالقۇنلۇق خەتلەرنى يازاتتىم.
ــ ھازىرمۇ خەت يېزىپ تۇرۇۋاتىمەن…-دېدىم.
ــ خېتىڭىز بەك تەسىرلىك جۇمۇ، ساھىبجامالنىڭ ياتىقىغا بارغاندا خېتىڭىزنى كۆرگەنىدىم…مەنلا ئەمەس باشقا قىزلارمۇ كۆرۈپ گېپىڭىزنى قىلىشقان…
يەنە ھەيران قالدىم، ساھىبجامال بىلەن بىر توپ قىزلارنىڭ ئۇ خەتنى كۈلۈشمەك قىلىپ ئوقۇۋاتقان ھالىتى تەسەۋۋۇرۇمدىن كەچتى، قەلبىمدىكى پەقەت شۇ قىزغىلا تەئەللۇق ئوتلۇق ھېسسىياتىمنى ئۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى قىلىۋالغاندى؛ ئەڭ يامىنى، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا باشقا قىزلارمۇ مېنىڭ پاك ھېسسىياتىمنى مەسخىرە قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
— ئۇ نېمىشقا مېنىڭ خېتىمنى سىلەرگە كۆرسىتىپ يۈرۈيدۇ؟- دېدىم، تىترەپ كېتىۋاتاتتىم، بۇ گەپتىن كېيىىن مەن ئەمدى ئۆزەمنىڭ مۇھەببەتكە قادىر بولالايدىغان، ئۆزەم ئەڭ جۈرئەت قىللايدىغان بۇ ئىشىمدىنمۇ قول ئۈزەتتىم.
— ئۇ بىرسى بىلەن يۈرگىلى خېلى ئۇزاق بولدى، بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ دەپ سىزگە جاۋاب يېزىپتىكەنغۇ… يەنە خەت يېزىپ يۈرۈپسىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خېتىڭىزنى … لېكىن، ھېچكىم سىزنى مازاق قىلمىدى، تەسىرلىنىپ ياخشى گېپىڭىزنى قىلىشتى..
ئۈچىنچى قېتىم ھەيران قالدىم، گالۋاڭلار چاققانلارنىڭ ئىشلىرىغا دائىم ھەيران قېلىپ يۈرسە كېرەك. ساھىبجامال گەرچە تەلىۋىمنى رەت قىلغان بولسىمۇ خېتىدە بىرسى بىلەن يۈرگەننىڭ گېپىنى قىلمىغانىدى، بىز پەقەت ساۋاقداش، دوست بولۇپ ئۆتەيلى دېگەندەك تەمسىز گەپلەرنى يوغان، مايماق قىلىپ يېزىپ ئىككى بەتنى ئاران توشقۇزۇپ ماڭا سالاتتى. مەن بىچارە كېچىلەپ ئولتۇرۇپ ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ ئوتلۇق، سېغىنىشلىق خەتلەرنى يېزىپ ئۇنىڭغا يوللايتتىم، ھەر بىر خېتىم 10 نەچچە بەت كېلىدىغان لېرىك نەسىرگىلا ئوخشايتتى. دېمەك، بۇ خەتلەرنى ساھىبجامال پەقەت كۆرۈشكىلا بولىدىغان، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان زىننەت بويۇملىرىدەك ساقلاپ قويۇپ باشقا قىزلارغا كۆرسىتىپ يۈرگەنىدى.
ئىچىم بارغانچە ئاچچىق بولۇپ كەتتى، جاھاندا ھېسسىياتىنى، زېھنىنى مەندەك ئىسراپ قىلغان ساددا، گول ئادەممۇ بارمىدۇ، ئاشۇ خەتلەرنى كۆيدۈرۈپ گۇلخان قىلىپ، كۈلىنى سىياھ قىلىپ ئۆزەمگە مەرسىيە يازساممۇ ئازلىق قىلاتتى.
ئەخمەت مېنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەن چىرايىمغا قاراپ قىن-قىنىغا سىغماي كەتتى، لېكىن پەقەت چاندۇرمىدى، «بۇنچىلىك قىلىپ كەتمە»دەپ دولامنى پەپىلەپ تەسەللىي بەردى. ئۇ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرسىمۇ جەمئىيەتكە ئاجايىپ ماسلىشىپ جېنىنى گۈلدەك باقالايتتى.
— سىز ئۇقماي يۈرۈپسىز-دە، ساھىبجامال يامان قىز…
(ئۇنىڭ يامانلىقىنى بىلەتتىم، لېكىن بۇنداق يامانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن)
— كۆڭلۈڭىزنى يېرىم قىلىپ قويدۇم…
(كۆڭلۈم بۇرۇنلا يېرىم ئىدى، ئەمدى ئازابقا ئايلاندى، سۆيۈشمەي تۇرۇپلا ئالداندىم)
ـــ بىر قىزنى خەت بىلەنلا كەلتۈرۈۋېلىش مۇمكىن ئەمەس…ـ دېدى ئەخمەت،- ئۇنىڭغا پۇل خەجلىشىڭ كېرەك، پوچتىدىن سوۋغا، گۇل ئەۋەتىشىڭ كېرەك. قۇرۇق گەپكە مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ..
(بىر قىزنىڭ قەلبىگە تەبىئىيلا كىرمەي، مۇھەببىتىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ پۇل خەجلەش ئىسراپچىلىق ئەمەسمۇ؟ جاھاننىڭ ئىشلىرى مۇشۇنداق ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتسە بولامدۇ؟…)
ئۇلار يېنىمدا سۆزلەۋاتىدۇ، مەن ئويلاۋاتىمەن، خىيالىم شۇ قەدەر ئېغىر ۋە دەھشەتلىك… مەن ساھىبجامالغا ئەمدى خەت يازماسلىق قارارىغا كەلدىم، خەت يازمىسام سېغىنىپ قالارمۇ؟ ئۇنىڭ سېغىنىپ قېلىشىنى تىلەش ۋە شۇنداق ئويلاشمۇ ماڭا بىر خىل تەسەللىي بولۇپ تۇيۇلماقتا ئىدى.. ۋاي بىچارە، بولدى قىل. مۇھەببەتنىڭ قۇيرۇقىنى ئۈز. قىزنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتالمىغان، چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلالمىغان ئوغۇل بالا يەنە مۇھەببەت ھەققىدە نېمە دېيەلىسۇن؟ مۇھەببىتى رەت قىلىنغان، خەتلىرى ئاشكارىلانغان تۇرۇپ يەنە پىنھان قەلبىگە مۇھەببەت دېگەن نەرسىنى قانداق سىغدۇرالىسۇن؟ تۇنجى مۇھەببىتىدىلا زەربە يەپ قىزلارنى قايتا چۈشىنىشكە، مۇھەببەت دېگەن بۇ نەرسە ئۈستىدە ئىزدىنىشكە تىرىشقانلىرىنىڭ نەتىجىسى خىيال… خىيال، خام خىيال… ھاماقەتلىك، ساختا خۇشاللىق ۋە ھاياجاندىن باشقا نېمە بولدى؟ ئەڭ ئاددىيسى، دىلنۇر دېگەن مۇشۇ قىزغا ئانچە-مۇنچە قىزىقىپ ئەگىشىپ يۈرگەننىڭ پايدىسى نېمە بولدى؟ كېلەي دېگەن ئامەتنىڭ كەينىدە بىر قارا سايە ھامان مەۋجۇت، جەلپكار قىزنىڭ ئارقىسىدا ھەسەلگە قونۇشقا تەييار چىۋىنلەردەك ئوغۇللار شۇنچە كۆپ، «بىزنى بىچارە قىلدى مۇھەببەت» دېگەندەك ناخشىلار ئوغۇللار ياتىقىدا زېرىكمەي ياڭرايدۇ، ئابدۇللا بىچارە مۇھەببەتنى كۈيلەپ ھارمايدۇ، ۋىسال ھەققىدە ماختىنىدىغان ئادەم ئاز، ھەممىسى ھىجران، ۋاپاسىزلىق، ئازاب ھەققىدە قاقشايدۇ… ھەۋەس-مۇھەببەتتىنلا ھۇزۇر ئىزدەپ يۈرۈپ ئىلىم شادلىقىدىن يىراقلىشىپ كەتتىم، كىتابقا، دوسكىغا، مۇئەللىمگە قارىساممۇ كاللامنىڭ بىر يېرىدە مۇھەببەت سەۋداسى تىكىلىپ تۇرىدۇ.
يەنە بىر قېتىم ئۆزەمنى شۇنچە قەدىرسىز، چارىسىز ھېس قىلدىم، تەكرار ئازاب دىۋەيلەپ كەلدى، قەلبىمدە تېخى سۇغىرىلمىغان قاقاس بىر بوشلۇق بار ئىدى. دىلنۇر بېيجىڭغا كەلسە مۇھەببىتىم قىلىۋالىمەن دەپ ئېنىق ئىرادە تىكلىگەن ئەمەسمەن، ئەمما بۈگۈن ئۇنى ئەخمەتتىن قىزغاندىم، يۇرتلۇق قىزلار كۆپرەك ئوقۇشقا كەلگەن بولسا بەلكىم بۇنداق بولماس ئىدى، ئاتا-ئانىلىرى ئىشرەت بەزمىسى قايناپ تۇرغان ئۈرۈمچىگە قىزلىرىنى ماڭدۇرۇشقا شۇنچە ئالدىرايدۇيۇ، ئوقۇشىنى خاتىرجەم ئوقۇيدىغان بېيجىڭغا ئەۋەتىشمەيدۇ، ئازراق پۇلدىن قورقىدۇ. ئەگەر دىلنۇرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا مەن تەربىيە ئىشلىمىگەن بولسام ئۇنىڭ جاھىللىق بىلەن بۇ يەرگە كېلىشىمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى. ئەسلى ئېڭىمدا مەن ئۇنى مۇھەببىتىم قىلىۋالىمەن دەپ قەلبىمگە پۈككەن بولسام كېرەك، بۇ خىيال تېخى ئىرادىگە ئايلانماي تۇرۇپ ئەخمەتنىڭ كاشىلىسىغا يولۇقتى؛ ھەۋىسى ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان قىزلارنى پايلاپ، ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ، ئاخىرقى مەقسىتىگە يەتمىگىچە بولدى قىلمايدىغان ئەخمەت بۈگۈن دىلنۇرنىڭ كۆڭلىنى ھەقىقەتەن ئۇتالىدىمۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايتتى، ئەمما خوشلىشىدىغاندا دىلنۇر ماڭا باققاندا ئۇنىڭغا كۆپرەك قارىدى ۋە كۆپ گەپ قىلدى. دىلنۇرنى بېكەتتە مەكتىپىگە ئۇزىتىپ قويۇپ يېنىك تىندىم، ئەخمەت دىلنۇر كۆزدىن غايىپ بولغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى تۈزۈك ھالىتىگە قايتتى. ئۇنىڭغا پەقەت گەپ قىلغۇم كەلمىدى، ئۇ ھېچنېمىدىن غېمى يوق، يەرگە چىرت-چىرت تۈكۈرۈپ قويۇپ ئەزۋەيلەشكە چۈشتى:
— قارا بۇ دىلنۇرنى، ئۇستىخانلىرى چىرايلىق چوڭ بوپتۇ، كاساپەت چىرايىغۇ ئانچە ئەمەس، بەدىنى دېگىنە… بۇرۇن قىز بالا دېگەننىڭ چىرايىغا قارايتتۇق، ھازىر بەدىنىگە، پىگورىغا قارايدىغان بولدۇق. قارا ئاۋۇ قىزغا، تەييارلىققا يېڭى كەلدى، كۇچالىق قىزكەن، تانسىخانىدا كۆزۈم چۈشۈپ تونۇشۇپ قالغان. ئاشخانىدا قارىماي ماڭىدۇ تېخى… بىر كۈنى گەپ قىلىپ تويغۇزۇپ قويىمەن. قارا ئاۋۇ زاڭزۇ قىزغا، قارىساڭ قاش-كۆزىنىڭ تايىنى يوق، ئەمما بەدىنى تەكشى، ئۇنىڭدەك ساغرىسى چىرايلىق قىزنى بۇ مەكتەپتە كۆرمىدىم، تېرىسى سەل قارامتۇل… ھازىر مۇشۇنداق رەڭ مودا، قىزلارنى ھەۋىسى كۈچلۈك كۆرسىتىدۇ.. زاڭزۇ قىزلار ھاراقنى قاتتىق كۆتۈرۈپ قويىمىش… سەن نېمانداق جىمىپ كېتىسەن؟! دىلنۇرغا كۆيۈپ قالمىغانسەن؟ ماڭا كۈندەشلىك قىلىۋاتمايدىغانسەن؟ ئەسلى ئايرىم ئويناتساق بوپتىكەن… دىلنۇر كىمنى تاللىسا ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى.. بىز پەقەت يۇرتداشلىقىمىزنى يەتكۈزدۈق. ئەگەر ئۇنىڭغا كۆڭلۈڭ بولسا ئۇنى كەلتۈرۈش سېنىڭمۇ ئەركىنلىكىڭ… مەن ئىشقىلىپ ئۇنى توغرىلاپ بولدۇم. يۇرتلۇق قىز تۇتىيا بولۇپ كەتتى، يەنە كېلىپ بۇنداق قاملاشقان قىزنى تاپماق تەس دېگىنە… بىر مەكتەپ بولمىغاندىكىن بۇ يەردىمۇ ئۆزەم خالىغان قىزلار بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆتكىلى بولىدۇ… ھەپتە ئاخىرىدا بولۇشۇپ كېتىدىغان گەپ… ھەي سەنمۇ، تۇنجى مۇھەببىتىم دەپ كەچكىچە ئېسىلىپ يۈرمەي باشقا بىرىنى تاپ، دىلنۇرنى كەلتۈرسەڭمۇ پىكرىم يوق. بۇنداق ئىچىڭگە تىنىپ ئۆتۈۋەرسەڭ تۈگىشىپ كېتىسەن… كىتابتىن ھېچنېمە چىقمايدۇ، ئەمەلىيەتنى كۆرۈپ ئۆگەنمىسەڭ بىكار…
ــ يامان تولا گەپ قىلدىكەنسەن ئەخمەت،- دېدىم ئاخىر چىدىماي،- سېنىڭ ئاغزىڭدىن شۇ قىز كەلتۈرۈش، قىز ئويناشتىن باشقا گەپ چىقمامدۇ؟
— چىقمايدۇ، قانداق قىلىسەن، سەنمۇ شۇلارنى كۆڭلۈڭدە ئويلايسەن، لېكىن دېمەيسەن… ئىچىڭگە تىنىپ بوغۇلۇپ ياشايسەن… ئوغۇل بالا دېگەن جىگەرلىك، قارامراق بولۇشى كېرەك. قىزلار شۇنىڭغا ئامراق.
— ماڭا سەن ئىش ئۆگەتمە… ھەممە ئادەم ساڭا ئوخشىمايدۇ.
— مەن ساڭا ياخشى بولسۇن دەۋاتىمەن ئاداش، تانسىخانىغا كىرىشنى ساڭا مەن ئۆگەتتىم، ئوبدان كۆنۈپ قالدىڭ، ھەۋىسىڭىنى يېرىم-ياتا بولسىمۇ قاندۇرۇپ يۈرۈشنى ئۆگەندىڭ. قىز كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنىمۇ ساڭا دەپ بەردىم، لېكىن سەن تەۋرىمىدىڭ. بۈگۈنمۇ دىلنۇرغا مەھكەم چاپلاشتىم، سېنى كۆرسۈن دېدىم… ئەمدى قالغىنىنىمۇ ساڭا كۆرسىتىپ قويسام بولامتى. ئەگەر كۆرۈپ ئۆگەنگىڭ بولسا بىر ئايدىن كېيىن، بەلكىم ئۇنىڭغىمۇ قالمايدۇ، دىلنۇر بىلەن قانداق قىلىدىغىنىمنى كۆرىسەن، ساڭا چوقۇم كۆرسىتىپ قويىمەن، ئىچىڭنى قايناتمىسام ھېساب ئەمەس، بولمىسا سەن ئۆزلۈكىڭدىن بىرەر قىزغا چاچرىمايسەن… سادىغاڭ كېتەي ھەي ، بۇنداق ئۆتۈۋەرمە. بۇ يەرگە كېلىشتە مەن سەندىن ئىلھام ئالغان، ئەمدى بۇ ئىشلاردا سەن مەندىن ئۆگىنىشىڭ كېرەك. مەنمۇ سېنى خۇشال يۈرسىكەن دەيمەن، بايا دىلنۇردىن ھېلىقى گەپنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن ئاچچىقىم كەلدى، ساڭا ئىچىم ئاغرىدى… قىز بالا دېگەن ئاشۇنداق دۆت، داۋخور نېمە، سەن قانچە سەمىمىي، يۇۋاش بولساڭ سېنى ئەخمەق قىلىدۇ، كۆزىگە ئىلمايدۇ، ھېسسىياتىڭ بىلەن ئوينىشىدۇ، خېتىڭنى خەققە كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سەن سەل يامانراق، قارامراق بولغان بولساڭ، ئەينى ۋاقىتتىلا ئۇنى سۆيۈپ مىجىغىنى چىقىرىۋەتكەن بولساڭ سېنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىغان بولاتتى. سەن ئۇنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتمىغان تۇرساڭ، سېنىڭ نېمەڭنى ئەسلەيدۇ؟ قىزلارنى ۋاپادار قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك ئەسلىمە قالدۇرۇش كېرەك، بولسا ئىپپەت-نومۇسىدىنمۇ ئايرىۋېتىش كېرەك، ئاندىن ساڭا مۇتلەق بېقىنىدۇ، توي قىلغىچە سېنى ئۇنتۇماي ساقلايدۇ… ئەڭ ئاقىدىغان چارە مۇشۇ…
مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلىدىم، كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىنى قايىللىق بېسىپ كەتتى. نەپسىم ھۆكۈرەپ: سەنمۇ بىر ئەر ئەمەسمۇ؟ سېنىڭ ئەخمەتتىن نەرىڭ كەم؟ ياكى قانداقتۇر بىر يېرىڭ ئىشلىمەمدۇ؟ قايسى ئەزايىڭ ئىشلىمەيدۇ، كاللاڭمۇ، يۈرىكىڭمۇ، بۆرىكىڭمۇ؟ دەپ چاتاق سالدى.
— ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت، مەن مۇشۇنداق ياشاپ كۆنۈپ قاپتىمەن…
— ئۆزگەرتىشىڭ كېرەك، بىلىسەنغۇ، مانا مەن تولۇق ئوتتۇرىغا كەلگەندە سەھرالىق تارتىنچاق بىر تاز ئىدىم، ئەمدى راۋرۇس ياشايدىغان ئەر بولدۇم. ئەينى چاغدا سەھرادا مېدە قوغلاپ يۈرۈيدىغان، دەريا بويىدا ئىشەك قۇيرۇقىنى قايرىيدىغان شوخ، قارام بالىلار ئىدۇق، ھازىر شۇ ھالىتىمنى سېغىنىپ ئەسلەيمەن ھەم پەخىرلىنىمەن. ئادەم ئەسلىدە ئاشۇنداق تەبىئىي ياشىشى كېرەككەن،ھېسسىيات ئىشىدا ھېچنېمىدىن قورقماسلىقىمىز كېرەككەن.
— ياۋايىلىق، قاراملىق ھازىر ئاقمايدۇ،- دېدىم كۆپۈپ ھەم ئۆڭۈپ سۆزلەپ،- بىزنىڭ ئېشەكتىن پەرقىمىز نېمە؟ مەدەنىيەت، بىلىم. ئەگەر سەن دېگەندەك ياشىسا بۇ يەردە ئوقۇماي سەھراغا بېرىپ ئېشەك باقساق بولىدۇ..
— ئېشەك بېقىشقىمۇ ھۈنەر كېرەك بالاڭزا، سەن قېنى تۆت يىل ئوقۇپ كاللاڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلىپ كەتتى؟ نېمە نەتىجىگە ئېرىشتىڭ؟ يا ئۇنى قىلالمىدىڭ، يا بىرەر قىزنى كەلتۈرۈپ ياشلىقىڭنىڭ پەيزىنى سۈرمىدىڭ. كېلەر يىلى پۈتتۈرۈپ كەتسەڭ بۇ مەكتەپتە ئەسلىگۈدەك ھېچنېمەڭ قالمايدۇ، قوپقۇرۇق ئايرىلىسەن، جەمئىيەتكە چىقساڭ كىتابىي گەپلىرىڭ ئەسقاتمايدۇ، خەق سېنى مازاق قىلىدۇ.. مەن شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن… سەن جەمئىيەتكە ماسلىشىپ ياشاشنىمۇ تېخى بىلمەيسەن..
— ۋاي سەن بەك بىلىسەن، قىز كەلتۈرۈپ جەمئىيەتكە بەك ماسلىشىپ كەتتىڭ، قىز كەلتۈرۈش ئۇنچىلىك چوڭ ئىش ئەمەس، پەخىرلىنىپ كېتىدىغان ئىشمۇ ئەمەس…
— پەخىرلىنىمىز، ھېچ بولمىسا سېنىڭ ئالدىڭدا پەخرلىنىمىز. مۇشۇ ئاددىي ئىشنىمۇ مۇرەككەپ ئويلاپ قاملاشتۇرالمىغاندىكىن، ئالدىڭدا ماختىنىمىز. قېنى، يامان بولساڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەتكىچە بىرەر قىزنى كەلتۈرۈپ باققىنا، پاك ئوغۇللۇق نومۇسىڭنى بىر ئاقلىغىنا، ئاندىن ساڭا قايىل بولاي، ئەر دەپ ساڭا ھۆرمەت بىلەن تازىم قىلاي…
ــ ماڭا ئارىلاشما، سەن ماڭا كۆزەتچى بولمىساڭمۇ بولىدۇ، ئۆز ئىشىمنى ئۆزەم تېپىپ قىلالايمەن. گەپ قىلمىسام نېمە سۆزلەيسەن. مەن سەن ئۈچۈن ياشامدىمەن؟ ساڭا ھەممە ئىشىمنى كۆرىسىتىشىم كېرەكما؟… نېمە دەيدىكىن دەيمەن….- دېگىنىمچە ياتىمغا كىرىپ كەتتىم، ئىشىكنى ئەلەم بىلەن ياپتىم. كارىۋىتىمغا ئۆزەمنى تاشلاپ دەرت-ئەلەمگە بوغۇلۇپ ئاچچىق خىيال سۈرۈپ ياتتىم. قىرائەتخانىدىن ئۆگەنگەنلىرىم، كاللامنىڭ بىر يېرىدا ساقلىنىپ قالغان ھېكمەتلىك گەپلەر، ھاياتقا بولغان ۋاز كېچىلمەس مۇھەببەت، مەن ھامان بىر كۈنى ئېرىشىپ قېلىشىم تامامەن مۇمكىن بولغان سۆيگۈ، شىرىن مۇناسىۋەت… ماڭا يەنىلا ئۈمىد بېغىشلاپ تۇراتتى. مۇھەببەت ھەققىدىكى بىلىم، نەزەر دائىرەم… مېنى باشقا ياقتىن ئۆزىنىڭ ئىللىق قۇچىقىغا تارتىپ تۇراتتى.
ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت بارا-بارا غۇۋالىشىپ، زۇلمەتكە ئايلىنىپ كەتتى، چاقناپ كۆز قاماشتۇرغىدەك، ھاياجاندا يۈرەكنى ئۆرتىگۈدەك، خاتىرىدىن ئۆچمىگۈدەك ئەسلىمە قالمىدى، بۇنداق كۈنلىرىم بەك تولا، چۈنكى مەن ئىزچىل مۇھەببەتسىز ياشاۋاتتىم، ئۇنداق دېسەممۇ بولمايتتى، قەلبىمدە مۇھەببەت لىق تولۇپ تۇراتتى، مەكتەپتە يولدا ئۇچراپ قالسا يۈرىكىمنى ئورنىدىن قوزغايدىغان 13 قىز بار ئىدى، ئۇلارنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ يۈرەتتىم، ئەمما بىرەرسىگە گەپ قىلىشقا كەسكىن نىيەت قىلالمايتتىم. پۇلۇم جىق بولغان بولسا جۈرئىتىم بەلكىم شۇنىڭغا بېقىپ چوڭراق بولاتتى، لېكىن پۇلۇم ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ بىر قىزنى قانداق ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشنى نەزەرىيە جەھەتتىن بىلگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە سىناپ بېقىشنى تەس كۆرەتتىم. ئۆيدىن پۇل كەلسە ئۇنى بىرەر قىزغا خەجلەش پىلانىنى ئەسلا سوقالمايتتىم، پىخسىقلىقىمدىن ئەمەس، خەجلىگەنگە چۇشلۇق بىر ئىشنى قاملاشتۇرۇپ قىلالماسلىقىمدىن ئەنسىرەيتتىم، ئىشقىلىپ ئىچكى-تاشقى ئىمكانىم تولىمۇ چەكلىك ئىدى. ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتتى، ئەخمەت دىلنۇرغا قانداق يېقنلاشتى، ئۇنى ئىزدەپ باردىمۇ، تاماققا، سەيلىگە چىللىدىمۇ، بېلىدىن تۇتالىدىمۇ، سۆيەلىدىمۇ… بۇ ماڭا قاراڭغۇ، قانداق بولدى بىر كۈنى كۆرۈشۈپ قالدۇق، ئۇ ئىچىدىكى دەپ تاشلىدى:
— دىلنۇر دېگەن نېمە بىرسى بىلەن يۈرۈۋاپتۇ..
— كىم بىلەن؟
— مەكتىۋىدىكى بىر قارىمايلىق بىلەن.
— سەن نېمە ئىش قىلىپ يۈرگەن؟
— مەن ئىزدەپ بولالمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتىپى يىراق.
— ھەپتە ئاخىرىدا بارساڭ بولاتتىغۇ؟
— ھەپتە ئاخىرى دېگەن ئوينايدىغان كۈن، ئاران بىر ئارام ئالغاندا نەدە سوكۇلداپ يۈرۈيمەن؟ كۆرۈۋاتىسەنغۇ، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تانسىخانىسى ئالامەت قىززىۋاتىدۇ، بېيجىڭدىكى ئىككىنچى ھايۋاناتلار باغچىسى دېگەن نامنى بۇ مەكتەپتە كىم قويغانكىن، زادى بەئەينى شۇنىڭغىلا ئوخشايدۇ، ئوقۇش كەينىگە قالغان بىلەن ئويۇن تەرەققىي قىلغان، تانسىخانىسىغا ھەر مىللەتنىڭ چىرايلىقلىرى كىرىدۇ، نە نەلەردىن ئوقۇغۇچى قىزلار، جەمئىيەتتىكى سەتەڭلەرمۇ كىرىدۇ، مەن بۇنداق يەرنى تاشلاپ نەگە بارىمەن؟ ئولتۇرىدىغانغا جاي يوق قاتار تۇرۇپ كەتكەن شۇ قىزلارنىڭ چىرايىغا، پىگورىغا، مەيدىسىگە قارايسەن، خالىغاننى تانسىغا تارتىسەن، جاھاندىن بۇنىڭدىن پەيزى ئىش بارمۇ؟ ھەر قېتىم كىرسەڭ ئوخشىمىغان چىرايلىق قىزلارنى كۆرىسەن، قانماي ھوزۇرلىنىسەن، شۇنداق تۇرسا مەن شۇ دىلنۇرنى كۆرىمەن دەپ شەنبە-يەكشەنبەمنى قۇربان قىلامدىم؟ بارغىچە ئاران بارىسەن، تاماق يەيسەن، جاڭگاللىقتىكى مەكتىپىنى ئايلىنىسەن، ئاپتوبۇس بۇرۇن توختاپ كەتسە تاكسىدا كېلىپ بىر مۇنچە چىقىم تارتىسەن، ۋاي بولدىلا، ئۇنى كەلتۈرۈپ بولغىچە تانسىخانىدىكى قىزلاردىن نەچچىنى كەلتۈرۈپ بولىمەن، ھەر شەنبە ئوخشىمىغان بىرسىنى ئەچىقىپ ئوينايمەن. مۇھەببەت دېگەن ئويۇن-تاماشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئوتتۇرا مەكتەپتە چىن مۇھەببەتكە ئىشىنىپ يۈرۈپتىكەنمىز، قىزلارنى بوش قويۇۋېتىپتىكەنمىز…
— شۇنداق قىلىپ دىلنۇر يۈرۈۋاپتۇ-دە، ھە، بولدى كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما… – مەن گويا ئۇرۇشماي تۇرۇپ غالىپ بولغان قەھرىماندەك، ئاقىۋەتنى ئالدىن كۆرەلەيدىغان گېنرالدەك مەغرۇرلاندىم، دىلنۇرمۇ بۇ مەغرۇرلۇق ئالدىدا شەرمەندە بولۇپ قوغلاندى. ئۇنىڭغا پەقەت جىنسىي ھەۋەس تۇيغۇسىدىن بىر ئاز قىزىققانلىقىم ئۈچۈن يۈرىكىم ئازراقمۇ ئېچىشمىدى، ۋە لېكىن ئاشۇ ناتونۇش قارىمايلىقنىڭ ئۇنىڭ بېلىنى قاماللاپ تۇتۇپ، ئۇنىڭ بېشىنى سۆگەتگۈلدەك ئېگىپ، ئاچكۆزلۈك بىلەن پۇراۋاتقانلىقىنى خىيال قىلدىم.
— خىيالىمغا كىرىپ چىقمايدۇ،- دېدى ئەخمەت،- مەن ئۇنىڭغا پەقەت ئېرىشمەكچى ئىدىم، خەق تارتىپ كېتىپتۇ. بۇ بىر نېمىمۇ ئاران تۇرغان ئوخشايدۇ. ئۇياقتىن كېلىپ بۇ ياقتىن مۇھەببەتلىشىپ… لېكىن بىز بىر يۇرتلۇق تۇرۇپ ئۇنى خەققە تارتقۇزۇپ قويىمىزمۇ دەيمەن، مەنغۇ يېتىشىپ بولالمىدىم، سەن بولساڭمۇ بېرىپ كەلتۈرسەڭ بولماسمىدى، سەنمۇ تازا بىر ئاداش –تە… ھەي..
— سەن ئۆزەڭ ئۆتكەندە توغرىلاپ بولدۇم… دېدىڭ ئەمەسمۇ؟
— نېمە دېسەم راست دەپ چۈشىنىدىغان ساددا ئاداش-تە سەن…
— ئۇنداق ئادەم نېمە دەپ ماڭا پو ئاتىسەن؟!- دېدىم ئاچچىق بىلەن.
— پو ئاتمىغان، ئاساسەن كەلتۈرۈپ بولغان، سەن قېشىمىزدا بولغاچقا ئۆزەمنى تۇتۇۋالغان… سەن بولمىغان بولساڭ بىر بۇلۇڭغا ئاپىرىپ سۆيۈپ ئەبجىقىنى چىقرىپ ئاندىن تەلەپ قوياتتىم.
— قىلالمىغان ئىشىڭنى ماڭا دۆڭگىمە، نەچچە ئايدىن بېرى قىلالمىغان ئىشىڭنى بىر كۈندە قىلالامتىڭ؟ سەن قىلالمايدىغان ئىشىڭنىمۇ قىلدىم دەپ تۇرۇۋالىسەن، ماڭىلا پو ئاتىسەن…
— پو ئاتساقمۇ ئىشقىلىپ بۇ جەھەتتە سەندىن ئۈستۈن تۇرىمىز، ئوقۇشتا سەندىن بىر يىل كېيىن قالغىنىم بىلەن ياشاشتا سەندىن ئۆتۈپ كەتتىم، ئوغۇل بالىنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئىشى ئويناش، يىگىتتەك ياشاش. ئوقۇش دېگەننىمۇ شۇنداق ياخشى ئوقۇۋاتىمىز، ئويناشنى بىلمىگەن ئادەم ئوقۇشنىمۇ بىلمەيدۇ. بۇ خۇددى دەم ئېلىشنى بىلمىگەن ئادەم ئىشلەشنى بىلمىگەندەكلا بىر ئىش.
— ھەر كىم ئۆزىنىڭ بىلگەن يولىدا ماڭىدۇ، مەن ئۆزەم مۇشۇنداق ئازادە ياشايدىغان ئادەم، شۇڭا ئۆز قارىشىڭنى باشقىلارغا تاڭما. ماڭا ھەرگىز ئىچ ئاغرىتما، ئەمەلىيەتتە مەن سەندىن ياخشى ياشاۋاتىمەن.
— ھەي، ئاكىيۇدەك ھاماقەت –دە سەن، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغىچە مۇشۇنداق يۈرۈيدىغان بولدۇڭ، مۇشۇ ۋاققىچە تانسىخانىدىن بىرەر قىزنى تالاغا ئەچىقىپ باققىنىڭنى كۆرمىدىم؛ بىر بۇلۇڭدا خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرىدىكەنسەن، تانسا ئويناۋاتقانلارغا ھەۋەسلىنىپ قارايدىكەنسەن، چىرايلىقلارنى تانسىغا تارتىپ قوپۇرالمىساڭ يېلى چىققان توپتەك سولىشىپ كېتىدىكەنسەن، ئاندىن ئەڭ سەت، پاكار، سېمىز قىزلار ئېشىپ قالىدىكەن، شۇلارنىمۇ تېخى ئاران تەستە قوپۇرىدىكەنسەن، ئېپى كەلسە قېلىنراق بىرسىنىڭ مەيدىسىگە مەيدەڭنى ياقالايدىكەنسەن، مۇشۇلارغا قاراپ ئىچىم پۇشۇپ كېتىدۇ مېنىڭ، سېنىڭدەك قاملاشقان بولسام نى سەتەڭلەرنىڭ بېلىنى تۇتۇپ، بىر قول ئويناپ بولغىچە كەلتۈرۈپ ئىشنى توغرىلاپ بولاتتىم…
— سېنى كىم كۆزەتچىلىككە قويدى؟ نېمە قىلىشىم بىلەن كارىڭ نېمە؟ سەنمۇ تايىنلىق… سەنمۇ نەچچە قېتىم ئوسال بولدۇڭ. شۇڭا ئۆزەڭنى بىل دەيمەن. بىر-بىرىمىزگە ئىشپيون بولمايلى، بىر-بىرىمىزنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپ قىلىشمايلى…
ئەخمەتنىڭ بىر ياخشى يېرى، مەن مىڭ تېرىكىپ ئاچچىقلانساممۇ ھەرگىز تەڭ ئاچچىقلانمايتتى، ئۆزىنى تەمكىن ئەر چاغلاپ ھىجىيىپ تۇراتتى، قىزلارنى كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولغان زۇۋانىنى بوش قويمايتتى:
— چىرايلىق قىزدىن دەككەڭنى يېسەڭمۇ ئەرزىيدۇ، سەت قىزلاردىن دەككەڭنى يېسەڭ پۈتۈنلەي تۈگىشىسەن. شۇڭا سەتەڭلەردىن ھەرگىز ۋاز كەچمە. ياشلىقىڭنىڭ بارىدا چىرايلىق قىزلارغا شىردەك ئېتىل، بۇ يولدىن ھەرگىز يانما. سەت قىزلارنىڭ ئىچىمۇ سەت، تانسىغا تارتساڭ قوپمىسا تېپىپ دومىلىتىۋەتسەڭمۇ بولىدۇ. ئەمما چىرايلىق قىزلارنى ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇلار ئېچىلىپ تۇرغان گۇل، يېقىن كېلىپ بىر پۇرىۋالساڭمۇ ھېساب، ساڭا ئېگىلمىسە ئۇنىڭ ۋاقىتلىق نازى دەپ چۈشەن، قايتا-قايتا تانسىغا تارت، كۈلۈپ تۇرپ تارت، كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ تارت، گەپ قىل، ئەگەر ئىككىلىنىپ قالغۇدەك بولسا، «خانقىز، مېنى ۋەيران قىلاي دەمسىز» دە، ھەرىكەت ۋە سۆزدە چاققان بولساڭ، ھەر قانداق قىز ئېرىيدۇ. شۇڭا مەن دەككەمنى يەپ قېلىشتىن قورقمايمەن، يۈزۈمنىڭ قېىلىنلىقى جېنىمنىڭ راھىتى، مەن بۇ راھەتنى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغىچە قوغلىشىمەن…
— سېنىڭ غايەڭ پەقەت شۇ قىزلار، قالغان ئىشلارنى پەقەت ئويلىمامسەن؟!
— ئويلايسەن، ئويلىساڭمۇ قانداق قىلىسەن؟ مەكتەپ پۈتتۈرسەڭ شۇ جەمئىيەتكە چىقىسەن، شۇڭا مەكتەپتە جەمئىيەتنى ئالدىن پراكتىكا قىلىش، جىق ئىش كۆرۈش كېرەك. جەمئىيەتكە چىقساڭمۇ بەرىبىر باشلىق، سورۇن، قىز-خوتۇن مەسىلىسىگە دۇچ كېلىسەن، ئۇنىمۇ مۇشۇ مەكتەپ مۇھىتىدىن تاپالايسەن، مەكتەپتىكى باشلىقلار، مەسئۇللار بىلەن مۇناسىۋەتنى قويۇق قىلىشىڭ كېرەك، گېپى ئۆتىدىغان باشلىق دادىسى بار قىزدىن بىرنى كەلتۈرۈشۈڭ كېرەك. ئۈرۈمچىدە قېلىپ ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىۋالسام بولدى، دوپپامنى ئاسمانغا ئاتىمەن. قالغىنىنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرىمەن…
ھەر قېتىملىق پارىڭىمىزدا ئۇ ھامان ئۈستۈنلۈك بىلەن گەپ يورغىلىتاتتى، مەن گۇمان ئارىلاش قايىللىقىم بىلەن قاپىقىمنى تۈرۈپ قۇلاق سالاتتىم.
ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلمۇ سوغۇق قىش بىلەن تەڭ كىرىپ كەلدى، سىنىپتىكى قىز-ئوغۇل ئولتۇرىشىمىز كېچىچە داۋاملاشتى، پىۋا ئىچتىم، قىز ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىر-بىرلەپ تانسا ئويناپ چىقتىم، ھېچكىگە دەردىمنى ئېيتماي دېسەم ئۇلار ئازابىمنى كوچىلىدى، ھەممسى مېنى بۇ بەش يىلدا بىر قىزنىلا ياخشى كۆرۈپ شۇنىڭغا خەت يېزىپ كەلدى، مۇھەببىتىگە ئاجايىپ سادىق، ئۇ زادى قانداقراق قىزدۇ؟ ھەر قانچە پەرىشتە بولۇپ كەتسىمۇ نېمىشقا بۇ بىچارە غېنىنى مۇرادىغا يەتكۈزمەيدۇ؟… دەپ ئويلايتتى. بىر قېتىم، يەنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇ قىزغا رەسىمىنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ خەت يازدىم، بىر ئايدىن كېيىن رەسىمىنى ئەۋەتىپ بەردى، چىرايلىق چۈشكەنىدى، ئۆزىمۇ چىرايلىق ئىدى، كۈلۈپ تۇراتتى، چېھرىگە غايىۋى كۆزدە قارىدىم، كارىۋىتىمدا يانپاشلاپ ئۇزاق-ئۇزاق تويماي قارىدىم، ھېچكىمگە كۆرسىتىپ يۈرمىدىم. ئەگەر ئۇنى بىرسى ياراتماي قالسا بەش يىلدىن بېرى ئۆچمەي كەلگەن چىن ھېسسىياتىم مەسخىرىگە ئۇچرايتتى. مەن ئۇنىڭ رەسىمىگە ئېرىشكىنىمگە قانائەتلىنىپ، كېچىسى ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا قويۇپ پۇراپ ياتتىم؛ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئۇنىڭ بىلەن كۆيۈك رىشتى باغلانغان كۈنلىرىمنى ئەسلەپ، كىچىكلىك، ساددىلىقىمغا ۋە ھازىرغىچە بۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغىنىمغا ئۆكۈندۈم؛ شۇنداقتىمۇ ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە بەك ئاھ ئۇرۇپ كەتمەي، قىشلىق تەتىل كۈنلىرىنى يەنىلا قىرائەتخانىدا مۇھەببەت خەزىنىلىرىدىن دۇردانىلەر ئىزدەپ، ئۇلارنى خاتىرەمگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزدۈم.
تەتىلدە لەنجۇدا ئوقۇۋاتقان بىر ساۋاقدىشىم بىلەن ئۇنىڭ تىجارەتچى ئاغىنىسى بېيجىڭغا ئوينىغىلى كەلدى. يانچۇق قورۇق بولسىمۇ، ئۇلارنى خۇشال قارشى ئالدىم ۋە كوچىدىكى ئاشخانىغا باشلىدىم، ئەخمەتنىمۇ چاقىرىۋالدىم.
نەچچە يىل كۆرۈشمىگەن بۇردەرلەردەك قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق، ئەمما پاراڭ ئۇزارغانچە ئارىمىزدىكى پەرق چوڭايغىلى تۇردى، كەيپىيات پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، تاماق پۇلىنى تۆلەشكە پەقەت رايىم يوق ئىدى، پۇلۇڭ قىس چاغدا يېقىن ئاغىنەڭ كەلسىمۇ خوشياقمايدۇ، بىز بىر-بىرىمىزگە ئېغىرىمىزنى ئارتىپلا تۇرىدىغان خەق، قىزلارغۇ ئوغۇللارغا ئېغىرىنى سېلىپلا تۇرىدۇ، شۇڭا ئاتالمىش مۇھەببەت ئاۋارىچىلىق بىلەن تولغان، يانچۇقىدا تۆت تەڭگىنىڭ تايىنى يوق گۇيلار قىزلارنى كەلتۈرۈپ خۇشال يۈرگەندەك قىلغان بىلەن ياتاقتا نان غاجاپ، مۇزىكا تىڭشاپ ياتىدۇ، تېشىدا ھېيت ئويناپ ئىچىدە روزا تۇتىدۇ، كىمنىڭ ئۆيىدىن پۇل كەلسە پۇل سورايدۇ، مەندىن سورىسا مەن قەتئىي بېرىپ تۇرمايمەن، مۇھەببىتىڭدىن تاپ… دەيمەن ئىچىمدە. ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق چاغدىكى بىچارىلىكى ئۇلارنىڭ مۇھەببەتتىن ئالالايدىغان ئازغىنە خۇشاللىقىغا تۆلەنگەن بەدەل، ئۇلارنى مۇشۇنداق ئىلاجىسىز قالدۇرۇشتىن شادلىنىمەن، مەن ھەسەدخورلۇقتىنمۇ شادلىنالايدىغان بۇ تەبىئىتىمگە ھەيران.
بۇ قېتىم تويۇقسىز كېلىپ قالغان بۇ ئاداشلارنى بىرەر قېتىم مېھمان قىلىش ئېغىر كەلمىگەن بىلەن داۋاملىق مېھمان قىلىشقا چىدىمايتتىم. شۇنداقتىمۇ، تىجارەتچى بۇردەرنىڭ پاراڭ جەريانىدىكى نوچى قىياپىتى ۋە گەپلىرى مېنى خاتىرجەم قىلدى، دەرۋەقە، تاماق پۇلىنى تۆلەيدىغاندا مېنى تۆلىگىلى قويمىدى، سۈپىتىگە لايىق ئىش قىلدى، بۇنىڭدىن ئەخمەت ئىككىمىز تولىمۇ خۇشال بولدۇق، ئەبگالىقىمىزغا ئېچىنىپ كەتمىدۇق، بەلكى بۇ ئىككىسىنىڭ سايىسىدا بىر نەچچە كۈن ئوبدان ياشايدىغاندەك ھېس قىلدۇق. ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ بىللە بازار ئايلاندۇق، قىممەت باھالىق باغچىلارغا بېرىپ رەسىمگە چۈشتۈق. پۇل ئۇلاردا، چىقىم ئۇلاردا، ئۈستۈنلۈك ئۇلاردا ئىدى، بولۇپمۇ تىجارەتچى ساتتار ھەر ۋاقىت مەرتلىك قىلاتتى، ئۇنىڭ يانچۇقىدىن 50 يۈەنلىك پۇللار ئۈزۈلمەيتتى، يېشىل قەغەز ئاسانلا سۇغۇرۇلۇپ چىقىۋاتقاندا ھەۋەسلىنىپ تۇرۇپ قالاتتىم. بىزمۇ قاراپ تۇرمىدۇق، ئۈچ يۈەن خەجلەپ ئۇ ئىككىسىنى تانسىغا ئەكىردۇق. ساتتار ئىش كۆرۈپ كەتكەن نېمە بولسىمۇ ستۇدېنت قىزلاردىن تەپ تارتىپ قالدىمۇ قانداق، بىرەرسىنى تالاغا ئېلىپ چىقمىدى. بىر چاغدا قارىساق سىرتتا ھاۋالانغىلى تۇرۇپتۇ.
— يۇرتلۇق قىزلار يوقمۇ بۇ يەردە؟-دېدى ئۇ بۇ يەردىن زېرىككەندەك.
— بىر قىز بار، لېكىن بۇ مەكتەپتە ئەمەس،- دېدى ئەخمەت قىزغىنلىق بىلەن.
— ئەمىسە بېرىپ تونۇشۇپ قويايلى.
— ھازىر بەك كەچ كىرىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتىپى يىراق…
— كەچ بولسىمۇ بۈگۈن دېگەن شەنبە، قىزلار چوقۇم ئۇخلىمايدۇ. بېرىپ كۆرۈشۈپ قويۇپ كەلمەمدۇق!
— ئۇ ھەقىچان قارىمايلىق مۇھەببىتى بىلەن بىللىمىكىن…-دېدى ئەخمەت خوشياقماسلىق بىلەن.
— قىزلىرىڭلىنى خەققە تارتقۇزۇپ قويۇپ مۇشۇنداق يۈردۈڭلارما؟
— بىز كەلتۈرۈپ بولغىچە يۈرۈۋاپتۇ، ئاران تۇرغان نېمىكەن…
— خەق ئۇنىڭ تاۋۇزىنى چېقىپ بولدى دەڭلا…
— ھەي، كىم بىلىدۇ،-دېدى ئەخمەت ئېغىر پۇشۇلداپ،- ئۈرۈمچىدىلا قويۇلۇپ كەتكەن نېمىمۇ تېخى… بىر قارىسا نېرۋىسى ئاجىز، كاللىسىنىڭ سەل سۈيى باردەكلا كۆرۈنىدۇ، بىر كىم كەلتۈرىمەن دېسە ئوڭايلا ماقۇل دەيدۇ، كىم نېمە دېسە كەينىدىن ماڭىدۇ، يات دېسىمۇ ئىشتىنىنى ئېچىپ يېتىپ بېرەمدىكىن دەيمەن…
— ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە،-دېدىم ئەخمەتنىڭ ئەزۋەيلىشىگە غىجىقىم كېلىپ،- ئۇنچىلىكمۇ ئەمەستۇ… ئانداق چىدىماسلىق قىلما
— سەن گەپ قىلما، سەن ھېچنېمىنى ئۇقمايسەن،-دېدى ئەخمەت ماڭا گۆلىيىپ،- ئۇ چوقۇم قويۇلۇپ كەتتى، قارىماققا ئۇ ئۆزىگە چىڭ كۆرۈنگەن بىلەن ئىچىدە تازا ئوينايدىغاننىڭ بىرى، بولمىسا نېمىشقا بىزنى ئويلاشماي خەقنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ، نېمىشقا بىر-ئىككى ئايغا چىدىمايدۇ، قاراپ تۇر، مەنمۇ بىر كۈنى ئۇنى ئايرىپ چاقىرىپ راۋرۇس ئەدەبلەيمەن، ئۆز يۇرتىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تەمى قانداقكەن، ئوبدان تېتىتىمەن!…
— ھەي، ھەي، بولدى، بەك ئېشىپ كەتتىڭ، شۇ ۋاقىتتىمۇ يەنە كىرا پۇلىغا چىدىماسسەنمىكىن؟
بۇ گەپ ئۇنىڭ تىتاڭ تومۇرىغا تېگىپ كەتتى، قاراڭغۇدا ئۇنىڭ چىرايىنىڭ قانداق ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلمىدىم، ئەمما كېلىپلا مېنى ئۇرىۋىتىدىغاندەك ھەيۋە قىلدى:
— سەن بېرىپ باقە قېنى، بارالامسەن؟ لاتا كۇسكۇسنىڭ گېپىنى تېخى، سەن بىزدەك ئىش كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن گەپ قىل!
— بولدى قىلىڭلار،-دېدى ساتتار، بىر چاغدا دىلنۇرمۇ بىزنى مۇشۇنداق دەپ جىمىقتۇرغانىدى، – گەپ تالاشقاننىڭ پايدىسى يوق، ئەڭ ياخشىسى شۇ يەرگە بارايلى…
ساتتارنىڭ چىڭ تۇرۇپ كەتكىنىگە قاراپ، دىلنۇرنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالاي دېگەن سېھرى كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. قاراڭغۇدا خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن دىلنۇرنىڭ مەكتىپىگە كەلدۇق، سوراپ يۈرۈپ ياتىقىنى تاپتۇق. دىلنۇر ئۆزىنى تۆت ئوغۇلنىڭ ئىزەپ كەلگىنىدىن قاتتىق پەخىرلىنىپ، بىزنى پەستە قالدۇرۇپ ياتىقىغا يەنە چىقىپ كەتتى ۋە كىيىم ئالماشتۇرۇپ چۈشتى. ياتىقىدىكى قىزلار دېرىزىسىدىن پەسكە قاراپ، ھەۋىسىمىزنى ئۇرغۇتتى. بىر خۇيزۇ ئاشخانىسىدا بىللە تاماق يېدۇق، دىلنۇر بىر ئاز سەمرىپ بۇرۇنقىدىن چىرايلىقلىشىپ قالغاندەك قىلاتتى، ھەممىمىزگە تەكشى قاراپ كۈلۈمسىرەيتتى، ساتتار گويا دىلنۇرنىڭ ئاكىسىدەك سالاپەتلىك ئولتۇرۇپ پات-پات گەپ سورايتتى، دىلنۇرنىڭ جىلۋىدار كۆزىگە ئۇنىڭدىن قانداقتۇر بىر يوچۇق، كىرىدىغان تۆشۈك ئىزدەۋاتقاندەك سىنچىلاپ قارايتتى. شاپاقچى گۇيلار ئويۇنچى قىزلارنى بىر قاراشتىلا بايقىۋالىمىش، ساتتارمۇ دىلنۇرنىڭ چىراي ئالامەتلىرىدىن ئاشۇنداق بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتقاندەك، ئەمما دەرھال تاپالمايۋاتقاندەك قىلاتتى. دىلنۇرنى ئوينىۋېتىشكە قەسەم قىلغان ئەخمەت دىلنۇرغا قارىماسلىققا تىرىشىپ توختىماي بىر نەرسىلەرنى يەيتتى، ئىچەتتى. يۇرتداشلار تەبىئىي ھالدا يۇرتنىڭ پاراڭلىرىنى قىلىشتۇق، ساقلىقىمىز ياراشمايدىغاندەك، كاللىنى ساراڭ قىلىپ ئىچىشتۇق. ئەخمەت ياندۇرماي ئىچىپ كۆزلىرى غىلايدى، دىلنۇرغا ئالايدى، دىلنۇرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغانچە زەردىسى قاينىدى، ئەمما ساتتارنىڭ دىلنۇرغا قىلىپ كەتكەنلىرىدىن ھەزەر ئەيلەپ زۇۋان سۈرەلمىدى. سورۇندا دىلنۇر ناھايىتى ئىززەتلەندى، قارىمايلىق مۇھەببىتى ھەققىدە گەپ بولمىدى، بىچارە ئەخمەت قىززىپ قالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ دىلنۇرغا قالايمىقان گەپ قىلالمىدى. دىلنۇر ياتىقىمىزنى تاقىۋېتىدۇ دەپ ئالدىراتقاچقا سورۇننى تېزلا يىغىشتۇردۇق، ئۇنى ياتىقىغىچە ئاپىرىپ قويدۇق. ساتتارنىڭ گېپى بويىچە دىلنۇر ئەتىسى بىز بىلەن بىللە باغچىغا بارماقچى بولدى.
ئەتىسى ئەخمەت يەنە ساتتارنىڭ يۈزىنى قايتۇرالماي باغچىغا باردى. قىش پەسلىدە سولۇشۇپ سەتلىشىپ كەتكەن باغچىدا تايىنى يوق رەسىملەرگە چۈشتۇق. ساتتار دىلنۇر بىلەن خېلى كۆپ رەسىمگە چۈشتى، بىللە مۇز تېيىلدى، بىز ئۇ ئىككىسىنىڭ تاماشىنى كۆرۈپ سوكۇلداپ يۈردۇق. كەچتە يەنە بىر رېستۇرانغا ئوينغىلى باردۇق. ساتتارنىڭ مەرتلىك بىلەن ئوينىتىشلىرى نەچچە ۋاقىتتىن مەكتەپ ئىچىدە بىر خىللا ئۆتۈۋاتقان، ئۆزىمىزگە مەنىسىزدەك تۇيۇلۇپ كەتكەن تۇرمۇشىمىزغا يېڭىلىق، خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەچكە، ھەممىمىز ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولدۇق، بولۇپمۇ دىلنۇر ھەممىدىن خۇشال ئىدى. ئەخمەت ئاخىر ساتتارنىڭ نوچىلىقىغا، دىلنۇرنى ياتلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەندەك، دىلنۇرغا بولغان مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. دىلنۇرنىڭ دىققەت نەزىرى ھامان ساتتاردا ئىدى، نەگىلا بارسا ئۇنىڭ ئەتراپىدىن چۆگىلەپ كېتەلمەيتتى. شۇندىن كېيىن ساتتار بىلەن ئۇچرىشىشىمىز ئازىيىپ قالدى، قارىغاندا ئۇ دىلنۇرنى ئايرىم ئوينىتىپ، ئاللىقاچان كەلتۈرۈپ بولغاندەكمۇ قىلاتتى. ساتتار مېڭىش ئالدىدا ئاخىرقى قېتىم بىر جەم بولدۇق، قىشلىق تەتىلىمىزمۇ توشۇش ئالدىدا تۇراتتى، تازا بىر ئوينىۋالماقچى بولدۇق، ئەمما ھەقىقىي ئويۇن، خۇشاللىق بىزگە نېسىپ ئەمەس ئىدى. دېگەندەك بولدى، مۇزىكىلىق رېستۇراندا ساتتار بىلەن دىلنۇر ئەڭ كۆپ تانسا ئوينىدى، ئارىلىقىنىڭ بارا-بارا يېقىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇردۇم. بىر چاغدا ئىككىسى يوقاپ كەتتى، ئەخمەت شىركەيىپلىكتە يەنە نېمىگىدۇر ئىچى پۇشۇپ، ئەتراپىغا ئاچكۆزلۈك بىلەن قارايتتى. قوشنا جوزىدىكىلەر ئارىسىدا ئولتۇرغان خەنزۇ قىزلارنى تانسىغا تارتقۇسى باردەك قىلاتتى، ئەمما ئەگەر شۇنداق قىلسا دەككىسىنى يەيدىغانلقىنى بىلەتتى. شۇ ئارىدا ساتتارنىڭ سەپەردىشى، دىققىتىمىزدىن ئىزچىل چەتتە قالغان بۇرادەر ئەخمەتكە ھاراق تەڭلىدى:
— ئاخىرقىسى… ئەخمەت، ئەتە ماڭىدىكەنمىز، خوش دەپ بىر ئىچىڭلا…
— غېنى سەن ئىچە… مېنىڭ پەقەت ھالىم قالمىدى.
— ئۆزەڭ ئىچ،- دېدىم، مېنىڭ ئىچىدىمۇ بىر نېمە قايناۋاتاتتى.
— ئىچىۋېرەمدۇق بۇ سېسىق ھاراقنى،- دېدى ئەخمەت زەردە بىلەن،- ئوينىمامدۇق…
— نېمىنى ئوينايسەن، كېتىمىز ئەمدى…-دېدىم. نوچىنىڭمۇ نوچىسى بار بۇ جاھاننىڭ تاماشىسىنى كۆرۈۋاتاتتىم، كۆڭلۈمدە بىر خۇرسەنلىك…
— بۇ ھاراقنى ئۆزەڭ ئىچ ئاداش… مەن ئىچمەيمەن.
— مېنىڭ كۆڭلۈم بۇ… –دېدى ئۇ بىقوۋۇل بۇرادەر.
— ئىچە چىرايلىق تۇتقاندىكىن،-دېدىم سەل قىززىشىپ،- ساتتار تۇتقان بولسا غىڭ قىلماي ئالاتتىڭ…
— سەن جىم ئولتۇرە ساقال تۈكى.. ئىچسەم ئىچتىم..
ئەخمەت مىڭ تەسلىكتە ئۇ ھاراقنى ئىچىپ قاپىقىنى تۈرۈپ ئولتۇردى. بىر چاغدا ساتتار دىلنۇرنى ئېلىپ يېنىپ كىردى. ئەخمەت ئۇلارغا لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ، دىلنۇرغا قايتىدىن ساپسالدى. دىلنۇرنىڭ چىرايىدا خىجىللىقتىن ئەسەر يوق، گويا ئۈچىمىزنى مازاق قىلىۋاتقاندەك بىخارامان، تەبەسسۇم بىلەن ئولتۇراتتى.
ئەتە بۇ ئىككىسى كېتىدۇ، دىلنۇرمۇ كۆزىمىزدىن يۈتىدۇ… ئەخمەت بىلەن ئىككىمىز يەنە بىر-بىرىمىزنى تاتلاپ ياشايمىز. بۈگۈن ئىچىپ يالغاندىن قىززىغان بىلەن ئەتە رەسمىي سوۋۇيمىز، بەلكىم بىر-بىرىمىزگە تۈزۈك گەپ قىلماسلىقىمىز مۇمكىن.
بۇ كەچتە يەنە دىلنۇرنى دەپ بۇرۇن تارقىدۇق، ساتتار دىلنۇرنى ئاپىرىپ قويغىلى ئېلىپ ماڭدى، يەنە بىز ئۈچەيلەن بىچارىلەرچە ئېشىپ قالدۇق. ئۇ بۇرادەرنى ياتىقىغا ئاپىرىۋېتىپ ئەخمەت ئىككىمىز ئازادە قالدۇق. كۆڭلى-كۆكسىمىز ئېچىلىپ قالدى، پىغانىمىز ئۆرلىدى.
— ئاناڭنى، پۇل دېگەن شۇنداق يامان نېمە بولىدىغان بولسا، خىزمەتكە چىققاندا پۇل دېگەننى تازا تېپىپ تازا ئوينىمايدىغان بولسام…
— شۇ ئەمەسمۇ، پۇلى بارنىڭ ھەممە ئىشى ئوڭ كېلىدىكەن.
— بۇ ساتتار دېگەن گۇيمۇ ئۆتۈپ كەتكەن شاپاقچىكەن… بۇ چاغقا دىلنۇرنى نەچچە قويۇپ بولدى..
— ئۇنداق ئەمەستۇ، ئۇنداق ئاسان ئىش نەدە بار…
— سەن ئىش كۆرمىگەن نېمە-دە، دېسەم پەقەت ئىشەنمەيسەن…
— ھەممە ئادەمنى ئۆزەڭدەك ئويلايسەن-دە، دىلنۇرمۇ بىر كۆرۈشۈپلا ئۇنداق ئاسان بېرىۋەتمەس…
— سەن پوقنى بىلەمسەن، ساتتار نەچچە ۋاقىتتىن بىكارغا پۇل خەجلىمەيدۇ، ئوينايمەن دەپ خەجلەۋاتىدۇ، دىلنۇر دېگەن دۆت بىر نېمە، بىر كىم نېمە دېسە ماقۇل دەيدۇ…ئۇنى كىم خوش قىلسا شۇ نوچى.. قاراپ تۇر، ساتتار كەتكەندە، مەنمۇ ئۇنى ئوينىتىپ ساراڭ قىلىپ ئاندىن مەقسىتىمگە يېتىمەن… مەن قېنىۋالغاندىن كېيىن سەنمۇ جۈرئەتلىك بولساڭ، مەقسىتىڭگە يېتىسەن… ئۇنداق بىر نېمىنى ئاشۇنداق قىلمىساڭ، سېنى كەچكىچە تىللاپ مازاق قىلىپ يۈرۈيدۇ…
— ماڭاۋە… سەن مەستلىكتە ھەر نېمە دەيسەن… ۋاقتى كەلگەندە قاراپ تۇرىسەن… سېنىمۇ كۆردۈم، ئاغزىڭدا پو گەپتىن باشقىسى چىقمايدىكەن..
— قاراپ تۇر، مەن رەسمى نىيەت قىلدىم… سەن بۇ يىل پۈتتۈرىسەن، كېتىسەن، ھېچنېمە قىلالمايلا كېتىسەن، ماڭا يەنە بىر يىل بار، قانغۇدەك ئوينىۋالىمەن، دىلنۇر دېگەننى ئويناپ شالاقشىتىۋەتمىسەم ھېساب ئەمەس…
ئۇ شۇ سېسىق، بەزەپ گەپلەرنى دەۋېتىپ قۇسۇپ تاشلىدى، قاتتىق سەسكىنىپ كەتتىم. مەنمۇ بىچارىلىك، خارلىقتا، ھەۋەسكە قۇل بولۇشتا ئۇنىڭدىن سەللا كېيىن تۇراتتىم. نېمىلا دېگەن بىلەن، تولۇق ئوتتۇرىدىكى سەبى ھالىتىمىز گۈزەل ئىدى.
ئەتىسى ساتتارلارنى ئۇزىتىپ قويدۇق، دىلنۇر پويىز ئىستانسىسىغا چىقمىدى.
تەتىلدىن كېيىن ئوقۇش، ماقالە يېزىش، خىزمەت ئۇقۇشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، ئەخمەت بىلەنمۇ ئانچە كۆرۈشمىدىم، كۆرۈشسەكلا دىلنۇرنىڭ گېپى چىقاتتى، ئۇنىڭ مەقسىتىگە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى بىلمىدىم، لېكىن مەن بىلەن كۆرۈشسە يەنە دىلنۇر ھەققىدە پو ئاتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ مەندىن باشقا پو ئاتىدىغان، ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان ئادىمى يوقتەك ھېس قىلاتتىم.
ئەخمەت جەمئىيەتكە ماسلىشىشتا مەندىن ئۈستۈن ئىدى، بۇنداق ئالاھىدىلىك مەندىمۇ بار، لېكىن مەن قابىلىيىتىمگە تايىنىپ ياشاشنى بەكرەك ئەۋزەل كۆرەتتىم. بۇ جەھەتتىن بېيجىڭ ماڭا ئەڭ ماس كېلىدىغان جاي ئىدى. شۇڭا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا بېيجىڭدا پراكتىكا قىلدىم، شىنجاڭغا كەتسەملا مۇناسىۋەتكە خاملىقىمدىن زىيان تارتىپ، پەسكە دومىلاپ-دومىلاپ چۈشۈپ ئاخىر ئىشسىز قالىدىغاندەك بىر ۋەھىمىدە توختىماي تىرىشتىم ۋە تەلىيىمگە يارىشا بىر ئىدارىنىڭ شىتاتىغا ئىلىنىپ قالدىم، ئىسمىم تۆمۈر دەپتەرگە پۈتۈلدى؛ نوپۇس ۋە ئارخىپلىرىم «مەركەز»دە ساقلىنىپ قالدى. ئەخمەت دەسلەپتە ھەيران قالدى، شۇندقتىمۇ مېنى تەبرىكلىدى، «سەندەك ئادەمگە مۇشۇنداق يەر بولىدۇ» دەپ راست گېپىنى قىلدى. ئىدارىدىن تەقسىملەپ بېرىلگەن بىر ئېغىزلىق ياتىقىمنى چەينەك دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن يوقلاپ مۇبارەكلىدى.

3

ئاشخانا ماڭلىيىغا مىخلىۋېتىلگەن ۋېۋىسكىغا «قەشقەر ئاشخانىسى» دېگەن خەتنى يېزىش كېرەك ئىدى، ئىگىز جازا قۇرۇلدى، سول قولۇمدىكى تەلەڭگىدە يېشىل سىر، ئوڭ قولۇمدا چوتكا، پەسكە قارىساملا بېشىم قايىدۇ، ئورۇننى مۇقىملاپ خەت يازاي دەپ بولغىچە چوتكىدىن سىر ئېقىپ كېتىدۇ، بىرسى كېلىپ يېقىن تۇراي دېمەيدۇ، ھۆكۈمەت كادىرى تۇرۇپ كۆپ خوتۇنلۇق بىر ھاجىمغا ئىشلەۋاتاتتىم، قەغەزگە ھۆسنىخەت يېزىپ كۆنگەن قولۇم ۋېۋىسكىغا ھۆسنىخەت يېزىشقا پەقەت قاملاشمايۋاتاتتى، خەتنىڭ تەكشى، تۈز يېزىلىشى ئۈچۈن ھەرپلەرنىڭ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش زۆرۈر، يەنە تېخى چۆرىسىگە نەقىش ئىشلەش لازىم. بۇ ئىشنى بىر كۈندىمۇ تۈگىتىپ بولالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. قۇياش بارغانسېرى تىكلىشىپ، بېشىمنى قىزدۇرغىلى تۇردى، ئازغىنە پۇل، يۈز-ئابروينى دەپ لىڭشىپ ئاران تۇرغان مۇشۇ جازىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ تىترەپ، بىر خەتنىمۇ ئوڭلاپ يازالمىدىم. ھاجىمنىڭ ئوغلى، كېلىنى يېنىمغا پات-پات كېلىپ قولىنى سايىۋەن قىلىپ قارايتتى. بىر خەتنىمۇ ئوڭلاپ يازالماي تۇرغىنىمغا جىلە بولۇپ بىر نەرسىلەرنى دەپ غودۇرايتتى، تىكلەنگەن جازا پەقەت جىم تۇرمايتتى، يولدا ماشىنىلار سىگنال چالاتتى، گەنجياكو دېگەن مانا، بىر دەمدىلا كوچىلار ئاۋات بولۇپ، كاۋابداندىن چىققان ئىسلار ، قازاندىن چىققان بۇسلار بارغانچە قويۇقلاشتى. تاڭجاڭلارنىڭ خېرىدار چىللاشلىرى ئەۋجىگە چىقتى. ھاجىمنىڭ بالىلىرى خېرىدار كۈتۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ماشىنا ۋە ئادەملەر بىلەن توشقان تار كوچا شاۋقۇن-سۈرەن بىلەن توشۇپ كەتتى، جازا مىدىرلاپ جىم تۇرمىغانچە ئىچىمدىكى ۋەھىمە كۈچىيىشكە باشلىدى، ھېلىلا بىرى ماشىنا ياكى كالاڭپايدىن بىرى قوتو جازىغا پۇتلىشىپ، مېنى مۇئەللەقتىن يىقىتىپ بىر يېرىمنى مېيىپ قىلىپ قويىدىغاندەك قورقۇشقا باشلىدىم، چىدىغۇچىلىكىم پەقەت قالمىدى، قايتىپ چۈشتۈم. ھاجىمنىڭ ئوغلى يېنىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى:
— يېنىپ چۈشۈپسەنغۇ، ۋېۋىسكىنى قاچان يازىسەن…
— جازاڭلار پەقەت مىدىرلاپ جىم تۇرمايدىكەن، يازالمايدىكەنمەن…
— بۇنداق ئادەم باشتىلا يازالمايمەن دېسەڭ بولمامدۇ، ئادەمنى بىر مۇنچە ئاۋارە قىلىپ…- ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، چاشقان بۇرۇتلىرى لىكىلداپ كەتتى.
— ۋېۋىسكا دېگەننى ئاۋۋال يەرگە قويۇپ يازىمىز، ئاندىن ئۈستىگە ئەچىقىپ مىخلايمىز. بۇنداق تۇرسا خەتنى قانداق يازغىلى بولىدۇ، سىر ئېقىپ كېتىدىكەن…
— ئابايا مۇشۇنداق دېسەڭ بولمامدۇ، باشقا ئادەم تاپمامدۇق؟ بىر مۇنچە جاپا تارتىپ جازا قۇرۇپ بەرسەكمۇ يازالمىساڭ، بولدى كەت، قولۇڭدىن پوق كەلمەيدىغان ئاداشكەنسەن…
— بۇنداق ئادەم گېپىنى باشتىلا ئوچۇق قىلسا بولىدۇ… ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ…- دېدى يېنىمىزغا جىندەك ئۈنگەن خوتۇنى، خېلى چىرايلىق بۇ خوتۇن كۆزۈمگە بىردىنلا سەت كۆرۈنۈپ كەتتى.
— مەن ئۆزەم خالاپ كەلمىدىم، باشلىقىم بۇيرۇغاچقا كەلدىم، مەن بىر مەدىكار ئەمەس، ھۆكۈمەت خادىمى…-دېدىم قورسىقىم كۆپۈپ. ئەتىگەن بۇلارنىڭ ئاشخانىسىدا ئىچكەن سۇيقاش ئىچىمدىن يېنىپ چىقىدىغاندەكلا قىلاتتى.
— نېمە بولساڭ بولمامسەن، ئاتايىتەن كەلگەندىكىن ئىشنى تۈزۈك قىلمامسەن؟ جازىدا تۇرالمىغان ئادەم نېمىشقا چىقىسەن؟ مۇشۇ جازىدىمۇ تۇرالمىساڭ نەرىڭ ئوغۇل بالا سېنىڭ؟! ئىشەككە مىنمەيسەن، مىنگەندىكىن ۋاي دېمەيسەن… مۇشۇنداق قىلساڭ قايسى بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالايسەن؟ لاتاغىلاپ بىر نېمىكەنسەن، ماڭ-ماڭ كەتكىنا، كۆزۈمگە تولا سەت كۆرۈنمەي…
ئىچىم غەزەپتىن ئوت بولۇپ ياندى، سۆرۈن تەلەت بۇ كاۋابچى كۈچتۈڭگۇر بىر نېمىدەك قىلاتتى، گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالسام چوقۇم تاياق ياكى پىچاق يەيتتىم. نېمىشقا بىر ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىيالمايمەن؟ ئەگەر ئېگىزگە مىخلىۋېتىلگەن شۇ ۋېۋىسكىغا بىر قاراپلا خەت يېزىشنىڭ مۈشكۈللىكىنى بىلگەن بولسام ئۇلارنى جازا قۇرۇشتىن توسايتتىم، ئەگەر جازىنى ئىتتىرىپ باققان بولسام ئۇنىڭغا ھەرگىز چىقمىغان بولاتتىم. ھەممە خاپىلىق دۆتلۈكىمدىن كېلىۋاتاتتى. قورقۇنچاقلىق تېخىمۇ ئازابلايتتى. غۇرۇرۇمنى ئۆزەم دەسسەپ پايخان قىلىۋاتقاندەك قەدەم تاشلاپ مەقسەتسىزلا بىر ياققا ماڭدىم. دىلنۇرنىڭ تونۇش ئاۋازى دىققىتىمنى بۆلۈۋەتتى. ئۇ مۇھەببىتى بىلەن قولتۇقلىشىپ كېلىۋاتاتتى.
— بېيجىڭدا قاپسەن، مۇبارەك بولسۇن،- دېدى ئۇ نازلىق كۈلۈمسىرەپ.
— بىرگە بولسۇن –دېدىم، چىرايىم ئۆزەمگىمۇ نامەلۇم بىر ئىپادىدە قېتىپ قالدى. دىلنۇر تېخىمۇ تەننازلىشىپ كەتكەنىدى، ئۇنى قۇچاقلاپ مىجىپ يۈرگەن مۇھەببىتىگە ئىلمان قاراپ قويدۇم، ئۇ قىزغىن قول ئۇزاتتى، پارازىتتەك يۇمشاق قول ئىدى، دىلنۇرنىڭ بىر يېرىنى تۇتقاندەك بوش تۇتۇپ قويدۇم.
— بىللە تاماق يەيلى،- دېدى ئۇ ئاداش سالاپىتىنى كۆرسىتىپ.
— بولدى، مەن ھازىرلا يەۋالغان…
— يۈرىڭە، ئاران بىر كۆرۈشكەندە…-دېدى دىلنۇر كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ. ئۇ ماڭا باشقا ئوغۇللارغىمۇ ئاشۇنداق ھەۋەس ئويغاتقۇچ نەزەردە قاراپ كۆنگەن قىزدەك تۇيۇلاتتى.
بايىقى كۆڭۈلسىزلىكتىن كاللام جايىدا بولمىغاچقا ئۇلارغا قېتىلىپ بىر دەم بولسىمۇ ھېلىقى دەيۈز كاۋابچىنى ئۇنۇتقۇم كەلدى. مۇشۇ باھانىدا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇرۇپ، كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان ئاينۇرنى قانغۇدەك كۆرۈپ، تېخىچە كۆرۈشۈپ باقمىغان قارىمايلىق مۇھەببىتىدىن قۇسۇر ئىزدەپ، ئۇنىمۇ تايىنلىق بىر نېمىگە چىقىرىپ، كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇراتتىم. بىللە تاماق يېگەچ سوقا سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇردۇق، ئىلمان پاراڭلىرىمىزنى قىزغىنلاشتى. دېرىزىدىن مەن يازالمىغان ۋېۋىسكىنى كۆردۈم، چالا خەتنىڭ سىرى ھېلىمۇ ئېقىپ تۇراتتى. شۇنچە ئېگىزگە چىقىپ ھېلىمۇ يىقىلىپ چۈشمەي يېنىپ چۈشكىنىمگە شۈكرى دېدىم. بۇ ئارامبەخش تۇيغۇ ئىچىدە دىلنۇر بىلەن مۇھەببىتىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلۇۋېلىشممۇ ئۆزەمگە كۆڭۈلسىز تۇيۇلمىدى. قارىمايلىقنىڭ ئىسمى زاھىر ئىكەن، ساتتار راستىنلا دىلنۇرنىڭ قىزىل گۈلىنى ئۈزۈۋېتىپ كەتكەنمىدۇ ياكى زاھىر باشتا ئۈزۈپ بولغاندىمۇ؟ دېگەن خىيال كاللامغا كىرىۋالدى. زاھىر ساتتاردىن يۇۋاشتەك قىلاتتى. ئەمما چوڭ سىنىپنىڭ گۇيلىرى ھەرگىز بوش كەلمەيتتى. يەنە كېلىپ، گېپىدىن قارىغاندا قىشلىق تەتىلدىن كېيىنلا پراكتىكا قىلىپ بىر كەتسە، 6-ئايدا كېلىپ ئوقۇش پۈتتۈرەتتى. ئاڭغىچە دىلنۇر جىم يۈرمەيتتى، بۇنى ئۇمۇ بىلىدىغاندەك قىلاتتى، شۇڭا ئالىدىغان «نېسىۋە»سىنى بۇرۇنلا ئېلىپ بولغاندەك ياكى ھامان ئالىدىغاندەك قىلاتتى. ئىشقىلىپ، بۇ گۇي نېمىلا قىلسۇن، دىلنۇر ئۇنىڭغا قانداق بويسۇنسۇن، ماڭا بەرىبىر ئىدى. شۇنداقتىمۇ، كۆڭلۈمدە ئەخمەتنىڭ ئىچىدىكىكە ئوخشايدىغان بىر خىل چىدىماسلىق ھۆكۈم سۈرەتتى. دىلنۇر ئۈرۈمچىدە كىم بىلەن يۈرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بېيجىڭغا كېلىشىدىن ئاۋۋال ۋە بېيجىڭغا تۇنجى كەلگەندىن كېيىن مەن بىلەن دەسلەپتە تونۇشقان قىز ئىدى، ساۋاقدىشىم ماينۇرنىڭ سىڭلىسى ئىدى، ھەر ھالدا قەدىناس ئىدى، بۇنى ئۇنتۇپ قالغىلى بولمايتتى. ساتتار كەلگەن چاغدا دىلنۇر خۇددى مۇھەببىتى يوقتەكلا ساتتارغا ھەمرا بولۇپ ئويناپ يۈرگەنىدى، دىلنۇرنىڭ ھېلى ئۇنىڭ بىلەن، ھېلى بۇنىڭ بىلەن يۈرۈشى ئەخمەتنىڭ ھەۋىسىگە ئوت ياققانىدى، ھاراق ئىچكەندە بولسۇن ياكى ساق چېغىدا بولسۇن، ئۇ دىلنۇرنىڭ بەدىنىگە ئېرىشىشنى چۈشەپ يۈردى. ساتتار كەتكەندىن كېيىن ئەخمەت دىلنۇرنى بىر نەچچە قېتىم ئىزدەپ بېرىپتۇ، ئۇنىڭ گېپىگە قارىغاندا، ساتتار كېلىشتىن ئاۋۋال دىلنۇر قارىمايلىق مۇھەببىتى بىلەن سوقۇشۇپ قېيداپ يۈرۈپتىكەن. ساتتار كېلىپ ئوينىتىپ كۆڭلىنى ئوبدان ئېچىپ قويۇپتۇ. ساتتارنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى دىلنۇر ھەر قانچە نېرۋىسى ئاجىز، ساراڭ بولسىمۇ ئەخمەتكە دېمەيدۇ. مەن ئەخمەتتىن نېمە ھاسىلاتقا ئېرىشكەنلىكىنى سورىدىم، ئۇ يەنە پو ئاتتى:
— ئۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ، ئوينىۋەتتۇق…
— سېنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغىنىڭنى بىلىمەن، راست گەپ قىلغىنا…
— ئوينىۋەتتۇق دەيمەن بالاڭزا، خەق قىلغان ئىشنى بىز نېمىشقا قىلالمايدىكەنمىز…
— شۇنداق ئاسان بولدىما؟ قانداق ئوينىدىڭ؟ نەگە ئاپىرىپ ئوينىدىڭ؟،- ئاغزىم ئاغزىمغا تەگمەي، نەپسىم نەپسىمگە يېتىشمەي قالدى، ئەخمەت كۈلۈپ مازاق قىلدى:
— قارا، قارا، ما بىچارىنى، پىلنىڭ ئىشى چۈمۈلىگە تەس بىلىنىدۇ-دە، قىلىمەن دېسەڭلا بولمايدىغان ئىش نەدە بار…
— سەن پو ئاتىسەن، بۇ گېپىڭگە ئىشەنمىدىم.
— ئىشەنمىسەڭ مەيلى.
دىلنۇر ئۇدۇلدۇمدا ماڭا يەنە جىندەك سىرلىق، سېھىرلىك تىكىلىپ تۇراتتى، قارىمايلىققا ئاز قارايتتى. ئۇ ناشايان ئىشلارنىڭ مۇشۇ نازۇك تەنلىك دىلنۇرغا مۇجەسسەملىنىپ قېلىشى مېنى گۇمان ۋە ئىزتىراپقا سالاتتى. زاھىرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى دىلنۇر، دىلنۇرنىڭ خۇپىيانە ئىشلىرىنى زاھىر بىلمەيتتى، بۇلار پەقەت مۇھەببەت ئويۇنىغا چىرمىلىپ، بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشىپ، بىر-بىرىنىڭ ھەۋىسىنى قاندۇرۇپ يۈرۈشتىن باشقىنى بىلمىسە كېرەك.
— كېلەر ھەپتە تۇغۇلغان كۈنۈم، قاتنىشىپ بېرەلەمسىز؟-دېدى دىلنۇر، ئۇ يەنە رەت قىلغۇسىز بىر نەزەردە كۆزۈمنىڭ بالىخانىسىغا شۇڭغۇپ كىرىشكە باشلىدى، تىنىق، ئەمما جەزبىلىك كۆز نۇرلىرى جەم بولۇپ ئىچىمدە بىر ھەۋەس ئوتىنى پەيدا قىلدى.
— بولسا شۇنداق قىل، بىر كېچە ئولتۇرىمىز،- دېدى زاھىر، شىماللىق گۇيلار قازاقتەك مۇشۇنداق تۈز ئىدى.
— كېيىن يەنە سىزنىڭ خىزمەتكە چىققانلىقىڭىزنى تەبرىكلەپ بىر ئولتۇرىمىز..
— شۇنداق،- دېدى زاھىر،- پات-پات مۇشۇنداق جەم بولۇپ تۇرىلى، بولمىسا بۇ شەھەردە يالغۇز ساراڭ بولۇپ قالىسەن….
— مەيلى، -دېدىم، مۇشۇ ۋاققىچە دىلنۇر بىلەن تانسا ئويناپ باقمىغانىدىم، ياتىقىدا يەنە باشقا قىزلار بىلەنمۇ تانسا ئويناپ تونۇشۇۋېلىشىم مۇمكىن ئىدى، بۇ شىرىنلىكنى رەت قىلالمايتتىم. ئارىلىق يىراق بولسىمۇ، يول ئاۋارىچىلىقى ھەۋەس ئوتىنىڭ تەپتىنى ئۆچۈرەلمەيتتى.
— تۈنەيمىز جۇمۇ، كۈندۈزى ئوبدان ئۇخلىۋېلىپ كەل…
دىلنۇرغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم، ئۇنىڭ ماڭا سەۋدالىق بىلەن كۈلۈمسىرىشىدىن سەل ئوڭايسىزلاندىم، شۇنچە يىراق يەردىن ئاتايىتەن مۇشۇ يەرگە تاماق يېگىلى كەلگەن بۇ ئىككىسىنىڭ ھەرىكىتى كىشىنى تەسىرلەندۈرەتتى، خىيالىنىڭ، ئارزۇ-ھەۋىسىنىڭ بىر يەردىن چىقىشى ماڭا يەنىلا مۇھەببەت دېگەن نەرسىنىڭ قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇراتتى. خوش دەپ بولۇپ، مۇھەببىتىنىڭ قولتۇقىغا كىرىپ كەتكەن دىلنۇر كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭا بىر قاراپ قويدى، قىسقا بىر ھاياجاندا تەۋرىنىپ تۇرۇپ قالدىم، بۇ باشقا خەق مېنى ئەكىتىۋاتىدۇ، مېنى تارتىپ يۇلۇپ ئال دېگەن بىر ئىشارەتمىدۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ قەلبى بىر جايىدا جىم تۇرمايدىغاندۇ؟ يۇرتداشلىرىغا ھەممە نېمىسىنى ئاسان ھەم ئايىماي بېرىدىغان پىداكارلىقى تۈپەيلىدىن ساتتار ۋە ئەخمەتلەر ئاشۇنداق ئاسان مەقسىتىگە يەتكەنمىدۇ؟ مۇشۇ ئىشلار ئېسىمگە كېلىۋېلىپ تولىمۇ بىئارام بولدۇم.
شەنبىنى گۈزەل ئۆتكۈزۈش ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن بىر تۈرلۈك ئارمىنىم، ۋاز كېچىلمەس مەقسىتىمگە ئايلاندى، قىرائەتخانىدا كىتاب-ژۇرنال دۆۋىلىرىگە مايقۇرتتەك چاپلىشىپ، قۇرۇق نەزەرىيە، ئاقماس ھېكمەتلەردىن بۇسلىنىپ يۈرگىچە، تانسخانىدا نەق، ئەمەلىي ياشاش، قىزلارنى رىئاللىقتا قۇچىقىمغا ئېلىش ئەۋزەل تۇيۇلغان كۈنلەردىن تارتىپ مەن قىزلار دۇنياسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىشكە باشلىدىم دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما كېيىن ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلدىم، تانسىخانىدا ئاساسەن بىچارە ئىدىم: ئىچى پۇشۇپ ئولتۇرغان، يۇۋاش، ھېسسىياتچان، يېڭى كىرگەن، ماڭا ئىچى ئاغرىپ ئورنىدىن قوپقان قىزلارنى تانسىغا تارتاتتىم، ئۇلارنى مەيدىگە يېقىن ئاپىرىشقا تىرىشاتتىم، بىرەرسى تىرەجەپ تۇرۇۋالسا ياكى ئالىيىپ قويسا ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ جىممىدە ئوينايتتىم، ئويناپ بولغاندىن كېيىن ئۇ قىزنىڭ قارىماي كېتىشلىرىگە قاراپ، مۇھەببەتسىز ئىككى مەخلۇقنىڭ شەكلەن يېقىنلىشىپ قىسقىغىنە كۈلكىلىك ئويۇنىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى پەملەيتتىم، بۇنىڭغا ئىچىمنى سىقماي يەنە باشقا قىزلارنى چەنلەيتتىم. بۇ ھال يىللاردىن بېرى شۇنداق داۋاملىشىپ كەلدى. دېمەك، تانسا پەقەت شەكىل ئىدى، ھەۋەسنى قاندۇرۇشتا ئانانىزىمدىنمۇ تۆۋەن تۇراتتى. مەكتەپ پۈتتۈرگىچىمۇ بىر قىزنى تانسىخانىدىن ئېلىپ چىقالمىدىم، ئېلىپ چىقساممۇ ئەگەر شۇ قىز ئۆزى تەلەپ قىلسا قانداقكىن، ئۆزەم بىلىپ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالىشىمغا ئىشەنمەيتتىم، شۇنداق ئىشەنمەي يۈرۈپ، ھارسىنىپ، كۆنگەن تانسامنى گاھى كۆڭۈللۈك، گاھى مەنىسىز ئويناپ مەكتەپ پۈتتۈردۈم، مەن پۈتتۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ تانسىخانا تاقىلىپ كومپيۇتېرخانىغا ئۆزگەرتىلدى. شۇ مەزگىللەردە ئاجايىپ تانسىخۇمار ئىدىمكى، ئۆز مەكتىپىمدىن ھالقىپ باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تانسىخانىلىرىغىمۇ باراتتىم. ئۆزەمنى تانسىغا خۇمار دېگىنىمدىن كۆرە يېڭى-يېڭى قىزلارنىڭ يۇمشاق قولىغا، بېلىگە، كۆكسىگە خۇمار دېسەم توغرا، تانسىغا ئامراق بولغىنىم بىلەن ئۇنچە ئۇستا ئەمەستىم، بېيجىڭۋۇ، تاڭگۇ..رۇمبا…ئايلانما ۋالىس دېگەندەك تانسىلارنىڭ مۇزىكىسى چىقسا قاراپ تۇراتتىم، ماڭا ئەڭ ياقىدىغىنى ئاستا ئوينىغىلى، قىزلارنى مەيدىگە ياققىلى بولىدىغان تانسا ئىدى، بۇنداق تانسىلارنى ھارماي ئوينايتتىم، سائەت توشۇپ «ئۆيگە قايتىش» مۇزىكىسى چىققاندا، رەڭلىك چىراغلار ئۆچۈپ تانسىخانا يوپيورۇق قىلىۋېتىلگەندە، ئاخىرقى بىر قىز قولۇمدىن، قۇچىقىمدىن ئاجراپ يولىغا ماڭغاندا، مەن تېخىچە قانماي، تەشنالىق بىلەن ئەتراپقا، تانسىخانىدىن چىقىپ كېتىۋاتقان قىزلارغا قارايتتىم، مۇھەببەتداشلارغا ھەۋەسلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كۆزىتىپ باراتتىم. بىر چاغدا ئۇلار خالىي بىر جايغا قايرىلىپ كېتەتتى، مەن ھەسرەت بىلەن يولۇمغا ماڭاتتىم…
بىزنىڭ ئىشخانىدا بېيجىڭغا 50-يىللاردا كەلگەن بىر كىشى بار ئىدى، 50-يىللاردا بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىززەتلىك، جۇشقۇن ھاياتىنى سۆزلەپ بېرەتتى، ئۇ يىللاردا سوۋېت مەدەنىيىتى مودا بولۇپ، چوڭ تىپتىكى تانسا كېچىلىكلىرى پات-پات ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتىكەن، ماۋزېدۇڭ، جۇئېنلەي قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ قاتنىشاتتىكەن. شۇ تانسا كېچىلىكلىرىدە كىشىلەر تونۇشۇپ دوستلىشىدىكەن، قىز-يىگىتلەر تويلىشىدىكەن. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە خەنزۇ خوتۇن ئالغانلار ياكى خەنزۇغا تەگكەنلەر بەلكىم شۇ ۋاقىتلاردا تانسا ئويناپ تونۇشقان بولسا كېرەك. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن بېيجىڭدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ توي، ھېيت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا باشلىدىم، دەرۋەقە، پېشقەدەملەر تانسىنى ئاجايىپ ئويناپ قوياتتى، شوخلۇقتا ياشلارنى قاتلاپ قوياتتى. مۇراسىم سۆزى، قەدەھ سۆزى، ناخشا-مۇزىكا، تانسا-دېسكو ئاشۇ قېرىلاردىن ئاشمايتتى. ياشلار ئىچىپلا ئولتۇراتتى. مەن بۇنداق سورۇندىن ھەرگىز مەكتەپتىكى تانسىخانىنىڭ شادلىقىنى ھېس قىلالمايتتىم.
دىلنۇرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ 45 كويلۇق بىر پوپايكا ئالدىم. مەكتىپىگە نەچچە ئاپتوبۇس ئالمىشىپ، ئۇزاق يول بېسىپ كەلدىم، شىرىن تەسەۋۋۇردىن يىراقلاشمىدىم، خىيالىم قېتىدا دىلنۇر ئەمەس، باشقا قىزلارمۇ قۇچاق ئېچىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ياتاق بىناسىغا قارايدىغان نۆۋەتچى ئايال دىلنۇرنى دەرھال چاقىرىپ بەردى. ھايال ئۆتمەي دىلنۇر خۇشال ھالدا پەلەمپەيدىن تاراقلاپ چۈشۈپ كەلدى ۋە شامالدەك ئىتتىك كېلىپ مېنى يەڭگىل قۇچاقلىدى، كۆكسى مەيدەمگە يېنىك تېگىپ ۋۇجۇدۇمنى تىترىتىۋەتتى، ئۇنىڭ مەن بىلەن بۇنداق قەدىناسلارچە كۆرۈشۈشىنى ھەرگىز ئويلىمىغانىدىم، يولدا سۈرۈپ كەلگەن خىياللىرىمدىمۇ بۇنداق مەزمۇن يوق ئىدى، خۇدۇمنى ئۇشتۇمتۇت يوقاتتىميۇ، دەرھال ئېسىمگە كەلدىم.
— ھارمىغايسىز، مېنى بەك خوش قىلىۋەتتىڭىز جۇمۇ…
ئۇ مېنى ئىتتىكلا قولتۇقلىۋېلىپ يەنە پەلەمپەيدىن يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى:
— ھەممەيلەن يىغىلىپ بولدۇق، سىزگىلا قاراپ قالغانىدۇق، كىرىپلا باشلايمىز.
— تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن…
— رەھمەت.
ئۇ سوۋغاتنى مەمنۇنىيەت بىلەن ئېچىپ كۆردى، مېنى تېخىمۇ چىڭ قولتۇقلىدى.
ياتىقىغا كىرگىنىمدە زاھىر بىلەن يەنە بىر ئوغۇل، دىلنۇرنىڭ قىز ساۋاقداشلىرى تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇپ قارشى ئالدى. ئوغۇللاردىن قىزلار كۆپ بۇ سورۇننى بىر قاراپلا ياقتۇرۇپ قالدىم. دىلنۇر مېنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇردى. مەن گەرچە قىز كەلتۈرۈشتە چاققان بولمىساممۇ، دىلنۇرغا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، خىزمەت تېپىشتا چاققان چىققانلىقىم ئۈچۈن بۇلارنىڭ ئارىسىدا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرالىدىم. سورۇن باشلىنىپ بىردەمدىلا قىززىپ كەتتى، زاھىرنىڭ يېنىدىكى غۇلجىلىق ئاداش سورۇندىكىلەرنى سۇۋارى كەلتۈرۈپ كەيپىياتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. پاراڭغا ئۇستا ئادەم تېزلا سورۇننىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن، مەن بىردەمدىلا بۇ ئاداشنىڭ گەپدانلىقىغا ھەۋەسلىنىپ، قىزلارنى، تانسىنى، ئەيتاۋۇر كاللامدىكى كونا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كەتتىم. ئىچىۋاتاتتۇق، قىزلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشىۋاتاتتۇق، زاھىرنىڭ ئانچە-مۇنچە سۆلىتى بار، ماۋۇ غۇلجىلىقنىڭ ئېغىزىدا گېپى بار، مېنىڭ نېمەم بار؟ ئىچىم يەنە سىقىلىشقا باشلىدى. بىر چاغدا چىراغ ئۆچۈرۈلدى، دىلنۇرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتالغان، 21 تال كىچىك شام يېقىلغان تورتنى بىر قىز ياتاققا كۆتۈرۈپ ئەكىردى، شامنىڭ يورۇقى چېركاۋنىڭ سۈرلۈكلىكىنى، Happy birthday to you خورى مودا كەيپىياتنى نامايەن قىلدى، غەيرى سۆلەت، يېڭى كەيپىيات… ۋاھ، قىزلار نېمېدىگەن خۇشال… دىلنۇر ھاياجاندىن يىغلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى. زاھىر ئۇنىڭغا بىر بۇلاپكا سوۋغا قىلىپ بوينىغا ئېسىپ قويدى. تانسا باشلاندى، ئىككىسى بەختىيارلىق ئىلكىدە بىر تەن، بىر جانغا ئايلىنىشقا باشلىدى، ئۆپچۆرىسىدە بىزلەر بولمىغان بولساق بەلكىم ئۇلارنىڭ ۋىسالى ئەۋجىگە چىقار ئىدى. مەنمۇ بىر قىزنى تارتىپ ئوينىدىم، گەپ قىلىشماي ئوينىدۇق. مۇھەببەتسىز تانسا جىنسىي ھەۋەسكە مەنسۇپ. بىر قېلىپقا كىرىپ قالغان ھەرىكەتلەر كىشىنى شۇنچىلىك ھارغۇزىۋىتىدۇكى، ئوغۇللار خامانغا قېتىلغان بۇقىدەك تەكرار دەسسەيدۇ، قىزلار ياندىكى ئىنەكتەك ماسلىشىدۇ، دەسسىلىدىغىنى قانمىغان ھېسسىيات، چەيلىنىدىغىنى مۇھەببەت… تانسىدا مۇھەببەت يوق، بۇنى مۇزدەك قولۇڭ، قاقشال مەيدەڭ، قىرتاق لەۋلىرىڭ تەكرار ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. تانسا تۈگىگەندە ھەتتا ئۇ قىزغا رەھمەت دېگۈڭمۇ كەلمەيدۇ، رەسمىيەت ئۈچۈن دەپ قويىسەن، قىزمۇ ئۇنىڭ شۇنداقلىقىنى بىلىدۇ، پەرۋا قىلماي بېشىنى تۆۋەن سېلىپ كېتىدۇ، رەھمەت دەيسەنۇ ئەمەلىيەتتە كۆڭلۈڭدە ئۇنىڭدىن چوڭ نەرسىنى تەمە قىلىسەن، قىزلارنىڭ تەمەگەرلىكىمۇ سېنىڭدىن كەم ئەمەس، لېكىن ئۇلار يوشۇرىدۇ، ئۇلار يوشۇرۇش ماھىرلىرى…
قىزلار كۆپ بولغاندىكىن ئاق تانسا ئويناش مۇۋاپىق ئىدى، لېكىن بۇ قىزلار قەستەن خىجىلچان بولۇۋېلىپ، سورۇننىڭ كەيپىياتىنى ئىلمانلاشتۇرغىلى تۇردى. غۇلجىلىق ئاداشنىڭ ساقلىقتىكى پەيزى مەستلىكتە يوقالدى، جىمىپ كەتتى، جىممىدە ھاراق ئىچىپ، جىممىدە تانسا ئويناپ، سورۇننى سوۋۇتىۋەتتى.
دىلنۇرنى تانسىغا تارتتىم، بۇ قېتىمقى يېقىنلىق ئابايا كۆرۈشكەندەك ھاياجان قوزغىيالمىدى. ئۇنىڭ ئورۇق قولىنى، ئىنچكە بېلىنى تۇتىۋېتىپ، ئىلگىرى ھېچقانداق قىزدا تۇيمىغان بىر گۈزەللىكنى، بۇ گۈزەللىكتىن كېلىۋاتقان ئېچىرقاشنى ھېس قىلدىم، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈش ئىستىكى تويۇقسىز پەيدا بولۇپ كۈچىيىپ كەتتىكى، ھېلىلا ئۆزەمنى يوقىتىپ قويارمەنمىكىن دەپ ئەتراپقا قاراپ قويدۇم، زاھىر ماڭا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ تۇراتتى، ئۇ گۇيغا، ساتتارغا، ئەخمەتكە تەڭلا نەپرەتلەندىم، ئۇ ئەبلەخلەر مېنىڭ ھازىر تېخى ئەمدى ھېس قىلىۋاتقان ھۇزۇرۇمدىن ئېشىپ، تېخىمۇ كۆپ، چوڭقۇر لەززەتلەرگە ئېرىشكەنىدى. گۇمانىم شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدىكى، دىلنۇرنى ھەر قانچە قىلساممۇ ئاقلىيالمايتتىم.
قىزلارنىڭ بەدىنىنى قاچانلاردىن باشلاپ باھالايدىغان بولۇپ قالغىنىمنى ئۇقمايمەن، بۇ بەلكىم بالاغەتكە يەتكەنلىكىمنىڭ ئالامىتى، قىزلار ئېتىزلىقتا ئۆسكەن ھەر خىل ئۆت-چۆپتەك، خىلمۇ خىل گۈل-چېچەكتەك كۆرۈنەتتى، بەزىلىرىنىڭ بېلى ئۇزۇن، پۇتى قىسقا ئىدى، بۇنداقلار ماڭا ياقمايتتى، ئەگەر ئۇلار سېمىز، ساغرىسى يوغان بولسا، كۆرۈڭ، يول ماڭغاندا نازاكىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتاتتى. بەزىلىرىنىڭ بويى ئىگىز بولسىمۇ، ساغرىسى ياپىلاق، كۆكسى تۈپتۈز ئىدى، بۇلارمۇ كىشىنى جەلپ قىلالمايتتى. يەنە شۇنداق قىزلار بار ئىدىكى، يۈزى، كۆكسى، ساغرىسى… يۇمىلاق، ئۆلچەملىك ئىدى، بەدىنىدىكى ئەۋرىشىم گۈزەللىك كىشىنى مەست قىلاتتى، بۇلار پاكار بولسىمۇ كىشىنىڭ پاكار دېگۈسى كەلمەيتتى، غۇنچە بوي دېسەك مۇۋاپىق ئىدى. دىلنۇرنىڭ بەدىنىدىن زوقلىناتتىم، شۇڭىمۇ ئاشۇ ئەبلەخلەرگە ھەسەت قىلاتتىم. دىلنۇر پادىچىلار شىمى كىيىپ ساغرىسىنى، ئۇزۇن ھەم ئىنچكە پاچاقلىرىنى چىقىرىپلا يۈرەتتى، ساغرىسى بىلەن بېلىنىڭ تۇتاشقان يېرى مودېللارنىڭكىدەك ئەگرى ئىدى، كۆكسى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ تىكلىنىپ تۇراتتى، تانسا ئويناۋاتقان چاغدا بىر نەچچە قېتىم يۇمشاق تەگدى، ھەر تەگكىنىدە ئىچىم ئۆرتىنەتتى. مەن بىلەن تانسا ئويناش ئۇنىڭدا ئاز- تولا ھاياجان پەيدا قىلغاندەكمۇ قىلاتتى، ئوتلۇق تىنىقلىرىدىن ئۈزۈم ھارىقىنىڭ پۇرىقى كېلەتتى، ئىچىدىغان قىزلارنىڭ ئىپپىتىگە بىر نېمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ، ئۇ ئىچمىسىمۇ نېرۋىسىنى ھەۋەس شارابى مەست قىلىۋەتكەن بولسا، ئەركەكلىكنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە ئۇشتۇمتۇت ئەسەبىيلىشىپ كەتكەن بولسا، ئۆزىنى خۇددى مۇشۇ چېچىدەك ئەركىن قويۇۋېتىش بۇرۇنلا (ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىدىلا) باشلانغان بولسا… بۇ يەردىمۇ ئېچىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىدىن شەك قىلىش ھاجەتسىز، ئاشۇ گۇيلارنىڭ مەقسىتىگە يەتكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشمۇ ھاجەتسىز… زاھىر بىر چەتتە پۇشۇلداپ ئولتۇراتتى، غۇلجىلىق ئاداش شۇ جىمىغانچە جىمىپ كەتتى، قىزلارنى ئۇيقۇ باسقاندەك، بىز تانسىنى تۈگەتسەكلا بۇ سورۇنمۇ ئاخىرلىشىدىغاندەك قىلاتتى. دىلنۇرنىڭ تىنىقلىرى خىياللىرىمنى شۇنچىلىك شىرىن، شۇنچىلىك ئەسەبىي قىلىۋەتتىكى، چىدىغۇسىز بىر ئىستەك ۋە ۋەھشىي ھاياجان مېنى تىتماتالاڭ قىلىشقا باشلىدى…
تۈنەيدىغان ئىش بولمىدى، ئۈچ توكتوك ئوغۇل ئالدىدا ئۆزلىرىنى قەدىرسىز ھېس قىلىشقان قىزلارنىڭ بۇ سورۇننى داۋاملاشتۇرغۇسى كەلمىدى، ھەممىسىنىڭ ئۇيقۇسى كەلدى، ھەممىسىگە ئۆزلىرىنىڭ چۈشلىرى شىرىن ئىدى.
مەن زاھىرنىڭ ياتىقىدا تۈنەپ قالىدىغان بولدۇم، قايتىپ چىقىۋاتقاندا جېنىمنىڭ يېرىمىنى دىلنۇر ئېلىپ قالغاندەك شۇنداق روھسىزلىنىپ كەتتىم، زاھىر مېنى كارىۋىتىغا ياتقۇزۇپ قويۇپ ئۆزى سۇخانىغا چىقىپ كەتتى. شۇ كىرگەنچە قايتىپ كىرمىدى، كەيپلىك ۋە ھارغىنلىقتىن ئۇخلاپ كېتىپتىمەن، بىر چاغدا تەرىتىم قىستاپ قوپۇپ كەتتىم، كارىدۇرنىڭ چىرىغى ياتاقنى سۇس يورىتىپ تۇراتتى، خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقانلارنىڭ تىنىقى، پايپىقى بۇ كىچىككىنە سىغىناقنى سېسىق پۇرىتىپ تۇراتتى، شۇ تاپتا جان تالىشىۋاتقاندەك خاقىراپ، پۇشقۇرۇپ، ئېزىلىپ ياتقان بۇ كونا گۇيلارنىڭ ھەممىسى ئەبلەخ، شەنبە كۈنىنى ئىچمەي، مۇھەببىتىنى سۆيمەي ئۆتكۈزمەيدۇ، مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغانچە ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىدۇ، ئەسەبىيلىكتە بەسلىشىدۇ، ئاقىۋەت، غۇلاچ تۈگەپ غېرىچ قالغاندا ئىش چىقىرىپ قوغلىنىدىغان بىر-ئىككى نوچى مەيدانغا كېلىدۇ. مەن نوچىلارغا ھەۋەسلىنىمەن، بولۇپمۇ قىزلارنى ئەيلەپ خېمىر قىلىۋېتىدىغان، ئۇلارنى يىپتەك ئېشىپ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈۋالىدىغان گۇيلارغا زوقلىنىمەن، قىزلار ئۇلارنى قاراقچى، ئوغرى، لۈكچەك بولسىمۇ ياخشى كۆرۈپ ئايىغىغا يىقىلىدۇ… خارلىنىش ساراڭلىرى! كىتابلاردىن، كىنولاردىن ئالغان تەسىراتىم شۇ، ئەمەلىيەتتە كۆرگەنلىرىممۇ شۇ… دىلنۇرغا لۈكچەك كېرەك… ھاجەتخانىدا گاھىدا شۇنداق جۈرئەتلىنىپ، يامان نىيەتكە كېلىمەن. لېكىن… ئاسانلا كۆنگەن ھالىتىمگە قايتىۋالىمەن. مەن ئۆزەم توقۇغان تورغا ئۆزەمنى ئىلىندۇرۇۋالغان ئۆمۈچۈك… زاھىرنىڭ كارىۋىتىغا خۇددى ئۆمۈچۈكتەك ياماشتىم. ئۇخلاي دېگەنگە ئۇيقۇ كەلمىدى، بىر چاغدا زاھىر ياتاققا كىرىپ كەلدى، مەلەق ياتقانلارغا مەغرۇرلۇق بىلەن قاراپ قويۇپ، چاپىنىنى بىر يەرگە ئىلىپ، پەستىكى بىرسىنى نېرى سۈرۈپلا يېنىدا ياتتى. مەن ئۇنىڭ كارىۋىتىدا ئاچچىق خىيال سۈرۈپ خېلىغىچە ئۇخلىيالمىدىم، دىلنۇر چىرايلىق، نەپس بىر ئويۇنچۇق، كېچىسىمۇ، كۈندۈزىمۇ خالىغانچە ئوينىسا بولىدىغان ئويۇنچۇق… ھەتتا ئۇنىڭ بىناسىغا قارايدىغان نۆۋەتچى خوتۇنمۇ ئۇنى ئوبدان بىلىدۇ. دىلنۇرغا ئېرىشمىگەن پەقەت مەنلا قالدىم، ئۇنىڭغا ئېرىشمىسەم ئەركەكلىكىمگە لەنەت! بۇ كۈچلۈك، غەزەپلىك، دەھشەتلىك ئىرادىدىن ۋۇجۇدۇم قىلدەك تولغاندى، كۆزۈمگە ياش كەلدى.

4

ج خ داشۆسىدە ئوقۇيدىغان ئەركىن بىلەن پويىزدا تونۇشۇپ قېلىۋىدىم، كېيىن تۇيۇقسىز ئىزدىشىپ، كۆڭلىمىزدىكىنى تېپىشىپ، دوستلىشىپ كەتتۇق، ئۇنىڭ ناھايىتى چىرايلىق بىر مۇھەببىتى بار ئىدى، بىللە چۈشكەن رەسىمىنى كۆرسەممۇ، پارىڭىنى ئاڭلىساممۇ ھەۋەسلىنەتتىم، ئەركىنمۇ قارىمايلىق بولۇپ، زاھىر بىلەن تونۇشاتتى. ئەركىن سۆيگۈنىنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرەتتىكى، مەنچە بولسىمۇ مۇشۇنداق چىرايلىق قىزنى قانچە ياخشى كۆرسە، قانچە سۆيسە، مۇمكىن بولسا چەكلەنگەن مېۋىسىدىن قانچە ئۈزۈپ يېسە، يەپ بولۇپ قانچە ئەسلىسە ئەرزىيتتى، ئۇنىڭ ھېسسىياتىغا دەررۇ ئورتاقلىشالايتتىم. بىر قېتىم ئۇ ياتىقىمغا تاۋۇز كۆتۈرۈپ يوقلاپ كەلدى، ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ، ئىچ-باغرىمىزنى ئېچىشتۇق.
— مۇھەببىتىڭگە تامغا ئويدۇڭمۇ؟- دېدىم كۆپتىن بېرى دېيەلمىگەن بىر گەپنى دەۋاتقاندەك ھاياجانلىنىپ…
— ماڭاۋە، ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ.
— نېمىشقا؟ قولدىن چىقىپ كەتسە قانداق قىلىسەن؟
— ماڭاۋە، چۈشەنمەيدىكەنسەن، غۇنچىسىنى ئېچىلدۇرۇۋەتسەڭ ئۇنى قانداق قىز پېتى ئالالايسەن؟ سەندىن كېيىن خەق ئوينىۋەتسە ئۇنى قانداق بىلەلەيسەن؟ شۇڭا مەن توي قىلغىچە ئۇنىڭغا چېقىلمايمەن، ئۇمۇ ئىشتان بېغىنى چىڭ باغلايدۇ، ئەگەر خەققە بېرىۋەتسە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايمەن… مەن دېگەن ساقچى… ھازىر قورال ئېتىشنى ئۆگىنىۋاتىمىز.
— ھە، دېمەك، سەن ئېچىپ قويغان ئېچىققا بىرى سۇ باشلىۋالسا بولمايدۇ دېگەن گەپ…
— ئەلۋەتتە، ئۇ ھامان مېنىڭ، ھامان ماڭا تەۋە بولۇشى كېرەك.
— يىگىت! –دەۋەتتىم ئۇنىڭغا يەنە بىر ھەۋەسلىنىپ،— سەندەك پاك، ئېسىل يىگىتلەر بىزدە كەم…
ئۇ گېپىمگە كۈلۈۋەتتى، تاماكا ئىسى ئۆپكىسىگە كېتىپ قېقىلدى، يۆتەلدى، كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى.
— ئەگەر مېنىڭمۇ شۇنداق گۈزەل مەشۇقۇم بولىدىغان بولسا سەندەك ياشىغان بولاتتىم، شۇ قىزنىلا كۈتەتتىم، باشقا مايماقلارغا قاراپمۇ قويمايتتىم…
— سەن تېخى بىرەر قىزنى ياتىقىڭغا ئەكىرىپ يېتىپ باقمىدىڭما؟- دېدى ئۇ بايىقى كۈلكىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ.
— يېتىپ باقمىدىم.
— شۇنىڭدىن قارىغاندا، مەكتەپتىمۇ ھېچ ئىش بولمىغان دېگىنە!
— ئەلۋەتتە، مەنمۇ بىر چىرايلىق قىزنى ياخشى كۆرەتتىم، لېكىن ئېرىشەلمىدىم.
— ئېرىشەلمىگەندىكىن باشقا قىزلارنى ئوينىساڭ بولمامدۇ، ئەخمەق!
— دېمەككە ئاسانكەن، قىلماق تەسكەن.
— شۇنداق يۈرۈپسەن دېگىنە، نېمىگە ئىچىسەن ھاراقنى؟! جۈرئەتلىكرەك بولساڭ بولمامدۇ؟!
— ھاراق ئىچكەنگە جۈرئەتلىنىدىغان بولسام بۇ چاغقىچە مەقستىمگە يېتەتتىم، ئوغۇل بالىدەك مەيدەمنى كېرىپ ياشايتتىم…- دېدىم ھەقىقىي دەردىمنى تۆكۈپ.
— ھاراقمۇ ساڭا كار قىلمايدىكەن-دە، دېمىسىمۇ، بەزى ئادەملەر ئىچكەنچە مۇڭلىنىپ، بوشىشىپ، تۈگىشىپ كېتىدۇ…
— مەن دەل ئاشۇنداق، پىۋىمۇ ئىچىپ باقتىم، ئاق ھاراقمۇ ئىچتىم، ھەممىسى ئوخشاش…
— ھەر ئادەمنىڭ مىجەزى باشقا-دە، مانا مەن ئىچكەنچە شاشلىشىپ كېتىمەن… بىر يىل ئاۋۋال تانسىخانىدا بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، تېلېفون نومۇرۇمنى سورىدى، دەپ بەردىم.
— بىر كۆرۈپلا كۆيۈپ قاپتۇ-دە، ئۆزەڭمۇ قاملاشقان گۇي… – ئەركىن ھەقىقەتەن «سەتەڭ» گۇيلاردىن ئىدى.
— ئۆزى سوراپ تۇرۇۋالسا مازلىق قىلساڭ بولمايدۇ-دە، كېيىن مەكتەپ يېنىدا بىر يەردە كۆرۈشتۇق، قىش ۋاقتى بولغاچقا چاپانلار قېلىن، قۇچاقلاشساڭمۇ خوشياقمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندۈزى دېگىنە، كېچىسى گۇڭگا، پەيزى كۆرۈنگەن قىز بالىنى كۈندۈزدە كۆرسەڭ كەيپىڭ ئۇچىدىكەن. ئەڭ ئاخىرى ئىككىمىز بىر ئاشخانىدا تازا ئىچىشتۇق. ئىككىلىمىز مەست، ئەمما مەن ھوشۇمنى بىلىمەن، كەچ سائەت 9 دىلا ئۇنى ياتاققا ئەكىردىم. ئەتىسى ئەتىگەندە يولغا سېلىپ قويدۇم. ياتاقتىكى گۇيلار تىللاپ بىر قىلىۋەتتى. ئەسلىدە ئاخشام ھەممىسى قورال ئېتىشنى مەشىق قىپتىكەن. قانچە پاي ئاتتىڭلار؟ دەپ ساپتىمەن…ئۇلار ياندۇرۇپلا مېنى گەپتە كەلتۈرۈۋەتتى. ۋاي، بۇ كۈلۈشمەكنى بىر دېمە… شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشمۇ چاقچاق بىلەن تۈگىگەن بولدى. كېيىن ئۇنداق ئىش بولۇپ باقمىدى…
— سەنمۇ ئويناپسەنغۇ؟-دېدىم بىر خىل ئاچچىق بىلەن.
ئۇ ئەپتىمگە قاراپ تېلېقىپ كۈلۈشكە باشلىدى:
— قارا، قارا، يامان ئوماق گۇيكەنسەن…
— جاھاندا ساق گۇيلار قالماپتۇ جۇمۇ…- دېدىم ھەسرەتلىنىپ، ئەمما ئىچىمدىن ئۆزەمگە ھەسرەتلىنىۋاتاتتىم.
— مېنى بۇزۇق گۇي دەپ قالدىڭ-دە! ئۇنچىلىكمۇ ئويلاپ كەتمە، شۇنداق توغرا كېلىپ قالدى…
— شۇ ۋاقىتتا مۇھەببىتىڭ ئېسىڭگە كەلمىدىمۇ؟
ئەركىننىڭ مۇھەببىتى ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى، گەرچە جەمئىيەت ئىزگۈ ھېسسىياتنى بىچارە، ئاجىز، ھەتتا ساختا كۆرسىتىۋەتكەن بولسىمۇ مېنىڭ قەلبىم يەنىلا پاكلىققا، گۈزەللىككە تەلپۈنەتتى.
— ئۇنداق چاغدا مۇھەببىتىڭ قانداق ئېسىڭگە كېلىدۇ دەيسەن، ئېچىرقاپ تۇرغاندا ئالدىڭدا بىر لوق گۆش تۇرسا، ئۇ گۆشتىن باشقا نېمە كاللاڭغا كەلسۇن؟!
— شۇ ئىشتىن كېيىن مۇھەببىتىمگە يۈز كېلەلمىدىم دەپ ئويلىمىدىڭما؟!
— ئويلىساڭمۇ قانداق قىلىسەن، مەن بىرسىنى ئوينىۋەتتىم، ئەمدى ساڭا قارىغۇدەك يۈزۈم يوق، ئىككىمىز ئايرىلىپ كېتىلى دەيمەنما؟! سەن بەك ساددىكەنسەن جۇمۇ ، ئوغۇل بالا دېگەن ھەر ئىشىغا پۇشايمان قىلماسلىقى كېرەك.
— شۇندىن كېيىن ئۇ قىز ھەقىچان سېنى ئىزەپ كەلگەندۇ؟
— نەچچە ئىزدەپ كەلدى، ياتاقتىكى گۇيلار ئىشىمغا تولا كاشال قىلدى، بىر توپ چىدىماسنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قاپتىكەنمەن دېگىنە… باشقا يەردە تۈنەي دېسەڭ، مەكتەپنىڭ تۈزۈمى بەك چىڭ. ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا بىرەر ئىش بولۇپ قالمىسۇن دېدىم… ئۇ قىز ئىزدەپ كېلىۋەردى، ئاخىر بىر كۈنى تىللىدىم، شۇندىن كېيىن كەلمەس بولدى..
— ئاران قۇتۇلۇپسەن-دە، بۇزۇق قىزمۇ تېخى، ئەيدىز ئەمەستۇ؟!
— ماڭاۋە، تۈزۈك گەپ قىلە!— دېدى ئۇ تۇيۇقسىز ئۆڭۈپ،— يوق ئىشنى ئادەمنىڭ ئېسىگە سېلىپ…
قارىغاندا مەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ، يامان ۋەھىمىدىن بىرىنى تارتىپ چىققانىدىم. ئۇ بايىقى خۇشخۇيلۇقىنى، كۆرەڭلىكىنى يوقىتىپ تېخىمۇ سۆزلىگىلى تۇردى:
— ئوقۇيدىغان قىز ئۇ، ئەيدىز دېگەن نېگىرلاردىن، ئاق چېكىدىغانلاردىن يۇقىدۇ، ئەگەر ئەيدىز بولۇپ قالسام بۇ چاغقا چىقمامدۇ؟!…
— جەمئىيەت دېگەن مۇرەككەپ دېگىنە، ھەر ھالدا دىققەت قىلغان ياخشى… بۇ كېسەل بىر-ئىككى يىلدا بىلىنمەيدىكەن، قان تەكشۈرگەندە چىقىپ قالىدىكەن…
— ماڭغىنا ۋاي، بىر نېمىدىن قورقۇپلا يۈرىدىكەنسەن، شۇڭىمۇ قىز بالىدىن چۆچۈيدىكەنسەن، ئىش كۆرمىگەن سويمىكەنسەن، بۇنداق ئۆتۈۋەرسەڭ خوتۇنمۇ ئالالمىغۇدەكسەن…
— قان تەكشۈرتۈپ باقتىڭمۇ؟! ئۇنداق قىلماي تەكشۈرتۈپ باق،- دېدىم ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ چېقىشىپ، لېكىن ئۇنىڭ چىرايىنىڭ ئوساللىشىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ گېپىمنى دەررۇ ئۆزگەرتىۋالدىم،- سەن ھەرگىز ئۇنداق چىقمايسەن، بىر قېتىم ئويناپ قويغانغا ئەيدىز بولىدىغان ئىش يوق…
— ئىش كۆرمەي تۇرۇپلا ئەيدىزشۇناس بوپ كېتىپسەن-دە، ئاز قالدى، يېقىندا ئومۇميۈزلۈك بەدەن تەكشۈرتىمىز، قاننىمۇ تەكشۈرىدۇ، شۇ چاغدا ساڭا خەۋەر قىلاي…
— خۇش خەۋىرىڭنى كۈتىمەن،— دېدىم كۈلۈپ، قولۇمغا رومكىنى ئالدىم— ئىشقىلىپ ساق-سالامەت بولغىن، ئوقۇشۇڭنى ساق پۈتتۈرۈپ، خىزمەتكە چىقىپ مائاشىڭنى ساق ئېلىپ، مۇھەببىتىڭنى ساق ئەمرىڭگە ئېلىپ بەختلىك ياشىغىن، ياشىسۇن ساقلىق!
شۇ تاپتا كەيپياتتىكى ئۈستۈنلۈك مەندە ئىدى، ئۇنىڭ چىرايىمۇ ئوڭشالدى.
بىر كۈنى كەچتە ئىشخانىدا تۇرسام دىلنۇر تۇيۇقسىز تېلېفون قىلدى، دەرۋازا ئالدىغا چىقسام ساقلاپ تۇرۇپتۇ، مېنى كۆرۈپلا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاقتى، كېلىپلا مېنى قولتۇقلىۋالدى، ياتىقىمغا قاراپ ماڭدۇق.
— نېمە بولدىڭىز؟-دېدىم ئۆزەمنى كۈچلۈك ھېس قىلىپ.
— ياتىقىڭىزغا كىرىپ پاراڭلىشايلى.
ياتاققا كىردۇق، بىر كىشىىك كارىۋات ۋە نېپىز يوتقىنىمغا قاراپ يۈرىكىم ئۆز ھالىغا باقمىغان ھالدا ئويناپ كەتتى.
ئۇ كارىۋاتقا كېلپ ئولتۇردى، تېخىچە ئۈنسىز يىغلاۋاتاتتى.
— نېمە بولدى، دېسىڭىزچۇ؟
— زاھىر دېگەن ھەزلەك بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم…
— سىزنى ئۇرمىغاندۇ؟
— ئۇردى، مەنمۇ ئۇردۇم…
بۇنىڭغا ھەيران قالمىدىم، دىلنۇر ئادەتتە دېگىنىنى قىلاتتى.
— كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ئىشقىلىپ ئۇ گۇي مېنىڭ كۆزۈمگىمۇ ئانچە سىغمايتتى.
دىلنۇر مەندىن ئۇنى مەكتىپىگە بېرىپ ئۇرۇپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلمايتتى، مۇشۇنداق تەسەللىي بېرىشىمنىلا كۈتەتتى. ئۇ ئۆتكەندە بىر قېتىم ياتىقىمنى تازىلاپ بېرىپ، تاماق ئېتىپ بېرىپ كەتكەنىدى، شۇ چاغدا ئەبگا ياتىقىم خۇددى ئىللىق بىر ئۆيگە ئوخشاپ قالغانىدى.
— كېلىۋېتىپ ئۇ ھەزلەكنى ئىچىمدە تىللاپ يۈرۈپ بېكەتتىن ئۆتۈپ كېتىپتىمەن، قاراڭغۇدا خاتا بىر يەرگە چۈشۈپ ئېزىپ قالدىم، قورقۇپ جېنىم چىقاي دېدى، مىڭ تەستە بىر تاكسى توسۇپ كېلىۋالدىم…
— كېلىشىڭىزنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام ئالدىڭىزغا چىقىپ تۇراتتىم، بوپتۇ، بۇمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ…
— نەچچە سائەت يول مېڭىپ ھالىم قالمىدى،— دېدى ئۇ يوتقىنىمغا يۆلىنىپ،— بېشىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ، بىر دەم ئۇخلىۋالايچۇ…
— مەندە باش ئاغرىقىنىڭ دورىسى بار، ئىچىۋالامسىز؟ قورسىقىڭىزمۇ ئاچقاندۇ، سىرتتىن بىر نەرسە ئەكىرىپ بېرەيمۇ؟
— دورا ئىچمەي، بىر دەم ياتسام ئوڭشىلىپ قالىمەن، ئاڭغىچە سىرتقا چىقىپ جۇۋاۋا ئالغاچ كىرەمسىز؟
— ماقۇل ،- دېگەچ سىرتقا ماڭدىم، ئىشىكنى ئېتىۋېتىپ كەينىمگە بىر قارىدىم، ئۇ بىر دەمدىلا يوتقاننى بىر ياققا ئېلىۋېتىپ، ياستۇققا بېشىنى قويۇپ يېتىپ بولغانىدى ، تۈگۈلۈپ يانچە ياتقاچقا تولغان ساغرىسى شىمىدىن ھازىرلا ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك كۆرۈنەتتى، مانا مەن ھەۋەسلىنىدىغان بۇ بەدەن كارىۋىتىمدا يىلاندەك تولغىنىپ ياتماقتا، يۈرىكىمگە ھەۋەس نەشتىرى سانچىلماقتا، قانداق قىلاي، بۇرۇن قانداق ياشىغان بولسام شۇنداق ياشايمۇ ياكى ئۆزەمدىن ھالقىپ باقايمۇ! ئىشىكنى ئاستا يېپىپ قويۇپ سىرتقا ماڭدىم، ۋەسۋەسىلەرگە چىرماشتىم، نەگە ماڭغىنىمنى بىلمەستىن ماڭدىم.
روھىمدا بىر ئىسيان، كۆڭلۈمدە بىر چۇقان، قېنىمدا بىر غالجىرلىق، نەپسىم نەپسىمگە يېتىشمەيدۇ. مۇھەببەت، تەلپۈنۈش دېگەنلەر كونا كىتابنىڭ كىرلەشكەن، يىرتىلغان، سارغايغان بەتلىرىدەك تاشلىنىپ ياتىدۇ، ئۇنى داۋاملىق چىقىۋېرىپ كىشىنى زېرىكتۈرۈۋەتكەن سوغۇق بىر ھېسسىيات شامىلى توختىماي ۋاراقلايدۇ… تالاغا چىقىۋىدىم، شەھەرنىڭ ئەتىيازدىكى سەت شامىلى يۈزۈمگە ئۇرۇلدى، كەيپىم بۇزۇلدى، جۇۋاۋىنى ئالدىم، ياتاققا كىرىپ بولغىچە سوۋۇپ قالدى. دىلنۇر كىرپىدەك تۈگۈلۈپ ئۇخلاپ قالغانىدى، ئۇنى قانداق ئويغىتىش كېرەك، بېشىنى سىلاپ ئويغىتايمۇ، سۆيۈپ ئويغىتايمۇ ياكى تۈرتۈپ ئويغىتايمۇ، پۇتىنى سىلايمۇ، بىلىكىنىمۇ، بىر دەم قاراپ تۇردۇم؛ ئۇ رېتىملىق تىنىپ، ئاللىكىم، ئاللىنىمىلەرنى چۈشەۋاتقاندەك كۈلۈمسىرەپ ياتاتتى، چېچى يۈزىنى يېرىم يېپىۋالغان، قولى كۆكسىنى تورىۋالغان، تىزى جان يېرىنى قوغداۋاتقاندەك ئۈستىگە ئېگىلگەنىدى، خۇددى بىر باسقۇنچىغا «ماڭا يېقىنلاشما» دەۋاتقان قىزدەك ياكى تۇتسىلا قولغا سانچىلىدىغان تىكەنلىك گۈلدەك ياتاتتى. باشقا ئەبلەخلەرگە ئاسان ئىش ماڭا نېمانچە تەس بىلىنىدۇ، خۇدايىمدىن قورقىمەنمىكىن دېسەم، تەقۋالىقىمنىڭ تايىنى يوق، شەيتاننىڭ كەينىدىن ماڭغىنىم ماڭغان، ئازغىنىمنى بىلمەي مېڭىۋېرىپ مۇشۇ كۈنگە كەلدىم، ھېلىھەم شەيتىنىمنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش غېمىدە پۇچۇلىنىپ يۈرمەكتىمەن. دىلنۇرنىڭ مەسخىرىسىگە قېلىشتىن قورقىمەنمىكىن دېسەم، بۇ مەن قورقۇپ كەتكۈدەك ئۇنچە ئەخلاقلىق، ئىپپىتىنى جان دەپ قوغدايدىغان قىز ئەمەس. يەنە كېلىپ ئۇ ئاجىز نېرۋىسىغا سەۋدالىقنى قوشۇۋېلىپ، مۇھەببەت بېغىغا بىلىپ-بىلمەي كىرىپ قېلىپ، چەكلەنگەن مېۋىنى يەيمۇ يېمەيمۇ دەپ ئاخىر يەپ بېقىپ، بىرسىگە قانماي يەنە بىرسىگىمۇ ئېسىلىپ، ياشلىقىنىڭ تەلەپ-تەقەززالىرىغا ئىزچىل باش ئېگىپ كەلگەن بىر قىز… مۇھەببىتى بىلەن سوقۇشۇپ قالسا بىر بۇلۇڭدا تەنھا ئولتۇرۇپ ياش تۆكۈپ دەردىنى ئىچىگە سىغدۇرۇشنىڭ ئورنىغا دەرھال مېنى يادىغا ئېلىپ، ماڭا ئېسىلغۇسى كېلىپ، قېشىمدا ياتماقتا. دېمەك، ئۇ بىر كۈن، بىر دەم بولسىمۇ يالغۇز قېلىشتىن، بىر ئوغۇلنىڭلا كەينىدىن مېڭىۋېرىشتىن بىزار، ئوخشىمىغان ئوغۇللار ئۇنىڭغا ئوخشىمىغان تۇيغۇ ئاتا قىلىپ تۇرمىسا بىكار. شۇ تاپتا ئۇ مېنىڭ ئەسەبىي قۇچاقلىشىمنى، نېرۋىسىغا ئۇشتۇمتۇت تەسىر قىلىپ كاللىسىدىكى جىمى غەللە-غەشنى سۈپۈرۈۋېتىشىمنى، بىر دەم بولسىمۇ ھاياجانلاندۇرۇپ بۇ جاھاندىكى كۆڭۈلسىزلىكلەردىن قۇتۇلدۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىۋاتقاندۇ… ئەمما، دەل مۇشۇ ئەمما، لېكىندىن كېيىن ھاياجانلىنىپ توختاپ قالدىم: ئەگەر ئۇ ئۇنداق ئويلىمىغان بولسىچۇ؟ كۆزىنى لاپپىدە ئېچىپ تونۇغۇسىز بىر ئىنسانغا ئايلانغان مېنى كۆرسە چىرايى قانداق ئۆزگىرىپ كېتەر؟! شۇ چاغدا يۈزۈمنىڭ تېرىلىرى قېلىن تامنىڭ تۇتمىغان سۇۋاقلىرىدەك سويۇلۇپ چۈشمەسمۇ؟ ئەپتى-بەشىرەم چۇۋۇلۇپ چىقماسمۇ؟ ئۇ ھەر قانچە دۆت بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى بىلىدىغان بىر قىز ئەمەسمۇ؟ « ۋاي بۇ نېمە قىلىق! يۇرتلۇقۇم دەپ كەلسەم ما بالىنىڭ قىلغان ئىشىنى! مېنى نېمە چاغلاپ قالدىڭىز؟! سىزنى ھەرگىز ئۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن، ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ دەپ … بېرىڭە نېرى، سىزگە مەن تەييار ئاش بولۇپ يېتىپ بەرگىلى كەلمىگەن بۇ يەرگە… تەييارغا ئەجەپ ئاسان ھەييار بولىدىغان غوجامكەنسىزغۇ؟ نوچى بولسىڭىز مەن ئۇخلاپ قالغاندا ئېسىلماي، راۋرۇس كەلتۈرۈپ بولغاندا ئېسىلىڭ جۇما؟! قانداق دېگەن نامەرتلىك بۇ…» دەپ ياتاقنى بېشىغا بىر كەيسە، ئىزاغا ئۆلمەمدىمەن؟! بۇنداق قىزنىڭ ئويلىمىغان يەردىن ساختا غۇرۇرى، ساراڭلىقى تۇتۇپ كەتسە ھېچنېمە دېگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېنىدا بىر دەم بېشىمنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇردۇم، پات-پات ئۇنىڭ چىرايىغا قارايمەن، ئورۇق، سوزۇنچاق، ئاق، تاتىراڭغۇ يۈزىگە ھەر بىر قارسام سىرىنى يېشىپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان بىر نەرسىگە قارىغاندەك مۇرەككەپ تۇيغۇلارغا كېلىمەن، ۋەسۋەسە قۇترايدۇ، ئارقىدىنلا يەنە ئەندىشىگە چۆكىمەن. ئۇنىڭ ساغرىسىغا يېقىن ئولتۇردۇم، ئۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن بۇنداق يېقىنلىشىپ باقمىغانىدىم، ئۇ ئۇخلاۋاتقان بولۇپ مېنى سىناۋاتامدىغاندۇ؟ ياتاق ئىچى جىمجىت، ئەمما خىيالىم دەھشەتلىك بىر قاينامنىڭ ئىچىدە قالغاندەك سۈرەن سالاتتى، دىلنۇرمۇ بۇنىڭغا جۇر بولاتتى:
— يېقىنراق كېلىپ مېنى قۇچاقلاڭ، توڭۇپ كەتتىم..
— راستما؟ گېپىڭىز راستما؟
— ئىشەنمىسىڭىز ئاشۇنداق ئولتۇرۇڭ.
— كەينىڭىزدە يېتىپ قۇچاقلاپ قويايمۇ؟
— جۈرئەت قىلالىسىڭىز كېلىڭ..
— باشقىچە ئويلاپ قالمايدىغانسىز…
— نىمانداق لامزەللە بالىسىز!؟
— ماقۇل، قۇچاقلاپ قوياي، ئاندىن كېيىنچۇ؟
— قانداق قىلىشنىمۇ مەن ئۆگىتەمدىم؟
— مەن بىر قىزنى بۇنداق قۇچاقلاپ باقمىغان…
— ئەمىسە قانداق قۇچاقلاپ باققان…
— تانسا ئوينىغاندا.
— ئۇ دېگەن تانسا، ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس.
— ئۇغۇ شۇ، لېكىن شۇمۇ ماڭا ئاسان ئەمەس.
— قورقۇنچاققا ھەممە نېمە تەس!
— مەن ئۆزەمنىڭ قورقۇنچاق ئەمەسلىكىمنى سىزگە ھامان كۆرسىتىپ قويىمەن.
— نەچچە ۋاقىتتىن كۆرسىتەلمىدىڭىز، بولدى قىلىڭ.
— ئەمدى كۆرسەتسەمچۇ؟
— مۈشۈكنىڭ يولۋاس بولمىقى ئۇنداق ئاسان ئەمەس.
— بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟
— مېنىڭ نەزىرىمدە سىز مۈشۈك، يولۋاسقا ئايلىنىمەن دېسىڭىزمۇ سىزگە ئىشەنمەيمەن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۆز سۈپىتىڭىزنى ساقلاپ جىم ئولتۇرۇڭ.
— قاچاندىن بېرى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مۈشۈك بولۇپ قالدىم؟
— تۇنجى كۆرگەندىن باشلاپ.
— ئۆيىڭىزگە ماڭغاندا مېنى تېخى تونۇمايدىغان تۇرسىڭىز؟
— تونۇماستىلا كۆرۈپ بىلىپ بولغان.
— ئۇنچىلىك سەزگۈر، ئەقىللىق ئەمەسقۇ سىز؟
— كىم شۇنداق دەيدۇ، ئەقىللىق بولمىساق داشۆگە ئۆتەلەمتۇق؟ كۈندە خۇشال يۈرەلەمدۇق؟
— راست دەيسىز، بەك ئىشلەيدۇ كاللىڭىز. ئۇنىڭدىن تاياق يېسىڭىز بۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ياتىسىز، نېمىشقا كارىۋىتىمدا خاتىرجەم ئۇخلىيالايسىز؟
— چۈنكى سىز يۇۋاش.
— يۇۋاشنىڭ ئىچىدە مۈڭگۈزى چىقىپ قالسىچۇ؟
— چىقمايدۇ، چىقسىمۇ تايىنلىق.
— مانا ئەمىسە دەپ بىر كۆرسىتىپ قويىمەن ھېلى…
— كۆرسىتىڭە قېنى، كۆرسەتسىڭىزمۇ مېنىڭ نەزىرىمدە سىز ھامان شۇ غېنى…
— سىز مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭىز؟ نېمىشقا مەن سېنى تېخىچە سىزلەپ يۈرۈيمەن؟!
— سەن دېسەڭ بولمامدۇ؟ ئەخمەت بىرىنچى كۈنىلا مېنى سەنلەپ بولغان، سەن تېخىچە ئەزمەڭنى ئېزىپ، ئىچىمنى سىقىپ يۈرۈيسەن.
— سەن دەي ئەمىسە، يېنىڭغا كەلدىم ئەمىسە، سۆيسەم قوپىسەنغۇ، قوپە، جۇۋاۋاڭنى يە!
— غەلىتە ئاڭلىنىدىكەن، لېكىن ئەمدى بىر ئوغۇل بالىغا ئوخشىدىڭ…
— مېنى نېمە دەپ قالغانتىڭ، مەنمۇ بىر ئوغۇل بالا، بەز يېمەيدىغان مۈشۈك يوق…
— دېمىسىمۇ سەن بىر مۈشۈك، يولۋاس بولالمايدىغان مۈشۈك…
— مۈشۈك بولساممۇ بولاي، كۈچۈك بولساممۇ بولاي، مېنى سۆيگىلى قوي…
— بارە نېرى، سۆيۈشنىمۇ ئۇقمايدىكەنسەن…
— تەبىئىي سۆيدۈمغۇ؟!
— مۈشۈكنىڭ ئاغزى تەككەندەك… ئەجەپ بىر قانداق قىلىۋەتتىڭ!
— قانداق قىلدىم؟
— نېمىشقا باشقا ئوغۇللاردەك سۆيەلمەيسەن؟!
— قايسى ئوغۇللاردەك؟!
— مەسىلەن، زاھىردەك، ساتتاردەك، ئەخمەتتەك، …. دەك، …دەك…
— باشقىلار شۆپۈكدەپ بولغان ئېغىزىڭغا سۆيسەم تېخى ياراتمايۋاتامسەن؟
— سۆيۈشنىمۇ بىلمىگەن ئادەم نېمىدەپ سۆيىسەن؟!
— خاپا بولما، مەن تېخى بىر قىزنى سۆيۈپ باقمىغان…
— كىنودا كۆرگەن بولغىيتىڭ؟
— كۆرگەننى دوراپ باقتىمغۇ، بولمىدىما؟
— بولمىدى، سۆيۈشۈڭ پەقەت ياقمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىزىڭ پۇرايدىكەن…
— چىشىمنى ئەتىگەن چوتكىلىغان بولمىسا…
— سېغىز كەمپۈت چايناپ كەل…
— بولدىلا، كېلەر قېتىم…
— قاچان كەلسەم سۆيىدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ قالدىڭما؟ سەن مېنىڭ نېمەم؟
— ئەمىسە مەن سېنىڭ نېمەڭ؟ مېنى نېمىگە ئىزدەيسەن، نېمىشقا مېنى كۆرۈپ يىغلايسەن، نېمىشقا مېنى قولتۇقلىۋالىسەن، نېمىشقا كارىۋىتىمغا چىقىپ ياتىسەن؟
— مەن ئوخشىمىغان ئوغۇللارغا ئامراق، يامانلارنىمۇ كۆرۈپ باقتىم، زېرىكتىم، سەن يۇۋاشنى كۆرگۈم كېلىپ قالدى…
— سەن شۇ ئىشنى دەپ قېشىمغا كەلمىگەنسەن-ھە؟! مەن تېخى پاك ئوغۇل جۇمۇ!
— قېشىڭغا كەلسەممۇ نېمە قىلالايتتىڭ، لامزەللە؟! ئۆزىنى پاك دەپ كەتكىنىنى تېخى، ھەممىنى قورقۇنچاقلىقىڭدىن كۆر، سەندەك جۈرئەتسىز ئوغۇللار كىشىنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدۇ…
— مېنى ھاقارەتلىمە، سەن پوستى سويۇلۇپ بولغان ئالما، چېقىلىپ بولغان تاۋۇز!
— يېيەلمىگەن ئۈزۈم ئاشۇنداق ئاچچىق، يېيەلىگەن نوچى…
— ئۆزەڭنى قول يەتمەيدىغان ئۈزۈمگە ئوخشىتىپ قالدىڭمۇ تېخى!؟ سېنىڭ ئارزۇلىغۇدەك نېمەڭ بار؟ قىزلىقىڭنى خەققە بېرىپ بولۇپ يەنە نېمە كۆرەڭلەيسەن؟!…
…………………………
غەزەب ئاچچىقتىن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ كەتتىم، جۇۋاۋىدىن ئەمدى ھور چىقمايتتى، قىيمىسى ئىچىدىن سوۋۇپ مۇزلاپ كەتكەنىدى. دىلنۇر مېنى ئاچچىق ئوي ۋە ئىزتىراپقا تاشلاپ قويۇپ داۋاملىق ئۇخلاۋاتاتتى. شۇ تاپتا ئۆزەمنى باشقىلار ئاللىقاچان چېقىپ يەپ بولغان تاۋۇزنىڭ شاپىقى ئۈستىدە جاھىللىق بىلەن گىژىلداپ ئۇچۇپ يۈرگەن چىۋىندەك رەزگى، خار ھېس قىلماقتا ئىدىم، بۇ تۇيغۇنىڭ ئازابىدىن پارتلاپ كېتەي دەپ قالدىم.
ئۇنىڭ ئالداتقۇچى، قىينىغۇچى تېنىدىن كېلىۋاتقان شەھۋەت پۇرىقىدىن بېشىم ئايلاندى، جەسۇر، مەرت ئەرلەرنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلدىم، ئامېرىكىنىڭ كىنولىرىدا چىقىدىغان مۈرىسى كەڭ، سۆز-ھەرىكىتى ئازادە ھەم كەسكىن ئەرلەردەك بولالماسمەنمۇ؟ ئۇنى خوتۇنۇم، ئاشنام دەپ تەسەۋۋۇر قىلسام ئىشىم ئاسانراق بولارمۇ؟
خىياللىرىمنىڭ خاملىقى ئىچىمنى سىقىۋەتتى، خىيال خىيالنى، تەسەۋۋۇر تەسەۋۋۇرنى ئۆزگەرتىپ باشقا بىر نېمە قىلىۋەتتى، تەسەۋۋۇرۇم گويا بىر كىچىك بالا پۈۋلەۋاتقان مازغاپ شارچىلىرىدەك ئۇچۇپ چىقاتتى-دە، سېكونت ئىچىدە ئېتىلىپ يوق بولاتتى، مەن شۇ كىچىك بالىنىڭ ئورنىدا ئۆز ئويۇنۇمنى ھېرىسمەنلىك بىلەن تاماشا قىلىۋاتاتتىم، شىرىن تەسەۋۋۇرۇمنىڭ نەق مەركىزىدە مەن بىلەن قېرىشىۋاتقان يەنە بىر ئۆزلۈكۈم بار ئىدى، مۇمكىن ئەمەسلىك شوئارىنى توۋلاۋاتقان، رىئاللىققا ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلەۋاتقان بۇ ئۆزلۈكۈم ھەر دائىم تۈگۈلۈپ تۇرۇۋالاتتى، چېكىنەتتى، ھەتتا رەسۋالارچە قېچىپ كېتەتتى. ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەل ئۇنىڭ ئۆزى دېگەن گەپنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاۋاتاتتىم. نەپسىمگە خائىنلىق قىلىشىم توغرا، ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلىشىممۇ توغرا، ئۇنىڭ بەدىنىگە پاشىدەك قونۇپ شەھۋەت لەززىتى ئېلىشىممۇ توغرا، پالاقتىن قورقۇپ نازۇنېمەتكە يېقن كېلەلمىگەن چىۋىندەك ئايلىنىپ يۈرۈشۈممۇ توغرا، ئۆزەمدىن ھالقىپ، ئىچىمدىكى دۈشمىنىمنى باش ئەگدۈرۈپ نازىنىن قۇچىقىدا ۋىسال سۈرۈشۈممۇ توغرا، رەسۋا بولۇشتىن قورقۇپ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشىممۇ توغرا، ھەممىسى توغرا! نېمىدېگەن تۇترۇقسىز، بىتايىن ئىنسانمەن؟ ئۆزەمنى قايسى ئورۇنغا قويىمەن، مەۋقەيىم نېمە، نىشانىم نېمە؟ نېمىگە ياشايمەن؟
ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ يېنىك پۇشۇلدىشىنى، ھەتتا چۈشىدە بىرسىنىڭ قۇچىقىدا تولغىنىۋاتقاندەك سۇس ئىڭراشلىرىنى تىڭشاپ، تىترەپ ئولتۇرىمەن. قوپە قېلىن، بىز نېمىشقا تەبىئىي بىرلىشەلمەيمىز؟ ئادەملىك نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ ھايۋانغا ئايلىنالمايمىز؟ ئادەم دېگەن شۇ ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانغۇ؟ بىرەر قېتىم شۇ ياسىما ئالىيلىقنى چۆرۈۋەتسەك نېمە بولار؟ سەن يا قىز ئەمەس، چوقۇم بۇزۇلۇپ بولدۇڭ، بۇنىڭغا گۇمانىم كۈچلۈك، بەلكى ئىشەنچىم تولۇق. ئاشۇلارغا بەرگەن نېمەڭنى ماڭا نېمىشقا بېرەلمەيسەن؟ مەنمۇ بىر ئەركەكقۇ؟ مېنىڭمۇ بىر قىزدىن (گەرچە ھەقىقىي قىز بولمىساڭمۇ) ھوزۇرلىنىش ھوقۇقۇم بارغۇ؟ ….
خىياللىرىم دەھشەتلىك بولسىمۇ ھەقىقىي ئىدى، بۇ ھەقىقىيلىقنى جاللاتنىڭ قىلىچى ئالدىدا باش ساڭگىلىتىپ تۇرغان، ئۆزىنىڭ گۇناھكار ياكى ئۇۋال قىلىنغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان بىر ماڭقۇرت جىنايەتچىدەك قوبۇل قىلماقتا ئىدىم، قورقۇنچلۇق بىر لەززەت پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سېلىش ئالدىدا تۇراتتى. ئۆلۈم ئالدىدىكى كىشىلەر قورقۇنچتىن لەززەتلىنەلەمدىغاندۇ؟ ئۆلۈمدەك قاتتىق ئىش ئالدىدا ماڭا قىيىن كېلىۋاتقان بۇ جىنسىي ھەرىكەت ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى. سەپرايىم ئۆرلىسۇن، نەپسىم يوغىنىسۇن، بىر دەمدە ھايۋانغا ئايلىنىش ئارزۇسى ۋە راستىنلا شۇنداق بولۇش تەقەززالىقى ئىچ-ئىچىمگە پاتمىسۇن، ئوسال بولساممۇ باتۇرلارچە ئوسال بولاي، رەسۋا بولساممۇ ھەقىقىي ھالىتىمگە يېتىپ رەسۋا بولاي… ماھىيەتتە، كارىۋاتتىكى بۇ ئېزىتقۇ مېنىڭ مۇشۇنداق ئېزىپ كېتىشىمنى چىن كۆڭلىدىن خالايدۇ، ھەر قانداق قىز بىر ئوغۇلنىڭ ئۆزىنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىۋېتىشىنى تىلەيدۇ، بۇ خۇشاللىققا ھەيرانلىق ئارىلىشىپ كەتسە تېخىمۇ ياخشى!
ئۇنىڭ ساغرىسىنى ئاستا تۇتتۇم، شۇ چاغدا لەنىتى ئىشىك چېكىلدى. قوشنىلاردىن بىرسى بولسا كېرەك دەپ ئىشىكنى قىيا ئاچتىم، ئەركىن كۈلۈمسرەپ تۇراتتى، ئەمما ماڭا ئۇنىڭ چىرايى تولىمۇ بەدبەشىرە كۆرۈنۈپ كەتتى. چاقىرغۇمۇ ئۇرىۋەتمەي كالىدەك ئۈسۈپ كېلىۋەرگەن بۇ ئاداشنى كۆرۈپ ئەرۋاھىم قاتتىق ئۇچتى، چاندۇرمىدىم دېسەممۇ چاندۇردۇم، ئۇمۇ ئېسەنكىرەپ قالدى، لېكىن ئۇ بۇنداق ئوڭايسىزلىققا باش ئەگمەيدىغان، ئۇنى ئوڭشىمىسا ئۇنىمايدىغان بالاڭزا ئىدى، مەن بولسام بۇ ئوڭايسىزلىقنى دەرھال ئوڭشاپ بولالمايدىغان، ئالدىمغا كەلگەننى ئۈنسىز قوبۇل قىلىدىغان بىقوۋۇل ئىنسان ئىدىم. نېمىدەپ ئويلاپ قېلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى ياتاققا باشلىمىسام بولمايتتى.
— ئۈستىدىنلا چۈشتۈممۇ نېمە؟- دېدى ئۇ ھىجىيىپ، ئاڭغىچە ياتاققا كىرىپ دىلنۇرنى كۆرۈپ بولدى، ئۇنىڭغا بىر ھازا ھاڭۋېقىپ قارىدى، ئىتتىكلا ماڭا بۇرۇلۇپ ھەسەت ۋە ھەۋەس ئارىلاش كۈلدى،- مانا دېمىدىممۇ، ئۆتكەنكى گېپىم تازا ئۆتۈپتۇ-دە، مۇبارەك بولسۇن…
— ئانداق ئىش يوق، ئۇ بايىلا كېلىپ ئۇخلاپ قالغان..
— ھارغۇزۇپ بىر دەمدىلا ئۇخلىتىپ قويۇپسىلە-دە، يامان باللا جۇمۇ..
— سىلىگە يەتمەيمىز،-دېدىم مەنمۇ ئاخىر خۇددى شۇنداق بىر ئىشنى قىلغاندەك مەغرۇرلىنىپ، ئەگەر ئۇ كىرىپ قالمىغان بولسا ئارزۇيۇمغا يېتەلەيدىغاندەك ئويلاپ، بۇ خىيالىمغا ئىشىنىپ قالغانىدىم.
دىلنۇر تېخىچە ياتاتتى، ئەركىنگە بىر ئورۇندۇق قويۇپ بەردىم، مەنمۇ بىر ئورۇندۇقنى ئەكىلىپ ئولتۇردۇم، ئىككىمىز بۇ غەلىتە ئۇچرىشىش پەيتىدە بىر-بىرىمىزنىڭ ئىچىنى تىڭشاپ، بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە دىلنۇرغا قاراپ ئولتۇردۇق. دىلنۇردىن كېلىۋاتقان بىئاراملىق ئىچىمنى سىقاتتى، بۇ بىئاراملىق خۇددى بۆرىكىمگە چۈشكەن تاشقا ئوخشاش قاتتىق، ئازابلىق بىر نەرسە ئىدى، ئەركىننىڭ كېلىشى بىلەن بۇ دۇنيا ماڭا بىردىنلا تار كۆرۈنۈپ كەتتى، ئۆزەمنى ھەر قانچە تەنھا دېسەممۇ تەنھا ئەمەستىم، خەقلەر ھەر دائىم مېنى يوشۇرۇن كۆزىتىپ پايلاپ تۇراتتى، بىچارە ۋاقىتلىرىمدا يېنىمدا ھېچكىم يوق، ھوزۇر سۈرەي دېگەن ۋاقىتتا بىرسى چىۋىندەك پەيدا بولۇپ ئارامىمنى بۇزاتتى. ئەركىن دىلنۇرغا پات-پات قارايتتى، بۇغدىيەكلىرى غىلدىرلايتتى، ماڭا قارايتتى، چاندۇرمايتتى، ئەمما يوشۇرۇن ئېڭىدا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ شامال سوققان ياپراقتەك تىترەپ ئاران تۇرۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇراتتىم. ھەۋىسى ئۆرلەپ قىينىلىپ تۇرغان ئىككى ئوغۇلنى قارىتىپ قويۇپ بىخارامان ئۇخلاۋاتقان دىلنۇرنىڭ ھەقىقەتەن نېرۋىسى چىگىش، ھېسسىياتى مۇرەككەپ، مەيلىخۇش بىر قىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، شۇ تاپتا ئەركىن ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە نازارەتچىلىك قىلىۋاتاتتۇق. جاھاندا بىرى ھەددىدىن ئاشسا يەنە بىرى چەكلەپ تۇرۇشى كېرەك، ئەگەر ھەممە ئادەم ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە جاھان تۈگىشىدۇ. جاھاننى تۈگەشتۈرىدىغان نەرسە ئەڭ ئاۋۋال شەھۋەتتىن باشلانسا كېرەك. ئاياللار پوتەي، ئەرلەر ئەسكەر، جاھان ئۇرۇشى قەدىمدىن بېرى مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كەلدى، بۇ ئۇرۇشنىڭ ئوت-يالقۇنلىرى بىزگىچە، مۇشۇ ياتاققىچە تۇتاشتى. بىز نېمىدېگەن دەھشەت، ئۆزىمىزنى تىنچ دەپ ھېس قىلساقمۇ، يۈرىكىمىز ئاشۇنداق ھەۋەسلەرنىڭ ئوت-يالقۇنىدا گاھى كۈچلۈك، گاھى ئاجىز كۆيۈپ تۇرىدۇ. ئۆلگەندىلا ئاندىن ئۆچىمىز…
دىلنۇر شۇ تاپتا بىر جەسەت بولغان بولسا بىزنى شۇ قەدەر جەلپ قىلارمىدى، ئەمەلىيەتتىمۇ ئۆلۈكتەك ياتقان بۇ قىز قانداق قىلىپ جېنىمىزنى ئاران قويدى؟ ماھىيەتتە تۈپ ئېنىرگىيە ئۆزىمىزدە، ئوت ئۆزىمىزدە، ئۇنى ئۆزىمىز پۈدەپ ئۇلغايتىپ يۈرىكىمىزنى كۆيدۈرىمىز.
ئەركىن توساتتىن تەبىئىي ھالىتىگە يېنىپ خۇشال سۆزلەپ كەتتى:
— ئاداش، تۆنۈگۈن بىز ئومۇميۈزلۈك بەدەن تەكشۈرتكەنىدۇق، قېنىم ساق چىقتى…
— بوش گەپ قىل،- دېدىم مەنمۇ سەل يەڭگىللىشىپ،- مۇبارەك بولسۇن.
— ھېچقانداق چاتاق چىقمىدى، بەك خوش بولدۇم دېگىنە…
— قارىغاندا ئۆزەڭدىن بەك ئەنسىرەپ يۈرۈپتىكەنسەن-دە؟
— ئەنسىرەيسەن-دە، كىچىك ئىش بولمىسا ئۇ…`
— ئىش دېگەننى ئويلاپ قىلىسەن.
— ئىشقىلىپ، ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم.
— ئەمدى ئۇنداق ئىش قىلمايدىغانسەن؟
— قىلمايمەن دېگىلى بولمايدۇ-دە، چارىسىنى قىلىپ قىلساق بولىدىكەنغۇ؟!
— ئالدىراپ قالغاندا ئۇنتۇپ قالارسەنمىكىن…
— ياقەي، ئەمدى دىققەت قىلىمەن.
— سەن گۇيغا ئامال يوقكەن…
— قورقۇپ كەتكۈدەك ئىشمۇ ئەمەسكەن… ئەمما ئادەمنى يامان ئەنسىرىتىپ قويىدىكەن كاساپەت!
— شۇڭا نەپسىڭنى يىغىپ، قايتىپ بېرىپلا تويۇڭنى قىلىۋال. سەندەك چىرايلىق مۇھەببىتىم بولىدىغان بولسا باشقا نېمىلەرگە قاراپمۇ قويمايتتىم.
— توينى چوقۇم قىلىمەن، لېكىن ئويناشنىمۇ قولدىن بەرمەيمەن. بىر خوتۇنغا قاراپلا ئولتۇرىدىغان ئىش يوق…
— نېمانداق قانماس نېمە سەن، ھەممىسى ئوخشاش بىر چىشى مەخلۇققۇ؟
— ئوخشىمايدۇ دەيمەن بالاڭزا، ئوخشىمايدۇ. سەن تېخى چۈشەنمەيسەن.
— توي قىلساڭمۇ يەنە باشقا قىزلارغا مەڭگۈ ھەۋەسلىنىپ ئۆتكۈدەكسەن.
— ئەلۋەتتە، قىزلارمۇ شۇ، بۇ دېگەن ئىنسان تەبىئىتى. ئۆزەڭمۇ ئۆتكەندە شۇنداق دېدىڭغۇ، قىزلارنى تەتقىق قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتنى چۈشەنمەيدىكەنسەن جۇمۇ… لېكىن بۈگۈن ئەھۋال باشقىچە تۇرىدۇ، تەجرىبە قىلىپ باقاي دەپسەن-دە…
— بوش گەپ قىل، ماڭە بولمىسا تالاغا چىقىپ پاراڭلىشايلى…
ھەر بىر گەپ قىلغىنىمىزدا ھەر ئىككىمىز دىلنۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەلۋەتتە ئېسىمىزدىن چىقارمايتتۇق، ئۇنىڭ ئۇخلىغان بولۇۋېلىپ گېپىمىزنى تىڭشاۋاتقانلىقىغا ئىشەنمىسەكمۇ ئىشىنەتتۇق.
قاپقاراڭغۇ تالاغا چىقىپ تاماكا چېكىشىپ، بىر-بىرىمىزنىڭ چىرايىنى كۆرمەي ئازادە پاراڭلاشتۇق، دىلنۇرنى ئويغىتىپ بىر كىچىك سورۇن قىلىپ ياتاقتا ئولتۇرماقچى بولدۇق. دىلنۇر گويا پارچە ھاراق ساتىدىغان بىر قاۋاقخانا خوجايىنىدەك كۈلۈمسىرەپ بىز پىيەنچۈكلەرنى ئالدىرىتىپ تۇراتتى. قىزغىن ئۈمىد، خۇشال ھەۋەسلەر بىلەن ئارامگاھىمىزغا ماڭدۇق، ياتاققا كىرگىنىمىزدە دىلنۇر يوق ئىدى، كۈتۈپ ئولتۇردۇق، بىر دەمدىن كېيىن ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ كىردى، ماڭا قارىماي ئەركىنگە قاراپ سەل ئەندىكتى، ھودۇقۇپراق سالاملاشتى.
سورۇننى باشلاپ كەتتۇق، خام سەي، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى زاكۇسكا قىلىپ ئاق ئىچتۇق، دىلنۇر سوۋۇپ قالغان جۇۋاۋىنى سوغۇق سەيلەر بىلەن قوشۇپ يەپ تۈگەتتى. بىز ئىچكەنچە ئېچىلىپ قىزغىن پاراڭغا چۈشتۈق، ئەركىن يۇمۇر سۆزلىدى. دىلنۇرمۇ ماسلىشىپ ئولتۇرۇپ بەردى، لېكىن تازا ئېچىلالمىدى. ھاراقنى ئىچىپ تۈگەتتۇق، ئەركىن ئەمدى ھاراقنى مەن ئەكىرىمەن دەپ چىقىپ كېتىپ، بىر نەچچە بۇتۇلكا پىۋا ۋە ئۈزۈم ھارىقى ئېلىپ كىردى. دىلنۇر قىزىلنى ئىچمەيمەن دەپ بېقىپ ئاخىر ئەركىننىڭ رايىغا باقتى، ئەركىن ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتسە خۇددى ئۇنىڭغا مۇھەببىتىدەك بويسۇندى. ئەركىن ئۇنى تانسىغا تارتىپ ئۆزىگە يېقىن ئەكەلسە، بېلىنى قورۇسا غىڭ قىلمىدى، ئەگەر ياتاقتا مەن بولمىسام ئۇنى نېمىلەرنى قىلىۋېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايتتىم، مەن دىلنۇر بىلەن تانسا ئوينىسام ئۇ مەندىن يىراق تۇرۇپ ئوينايتتى، چىرايىدىن ئادەم چۈشىنىپ بولمايدىغان سوغۇقلۇق، زەن سېلىپ قارىمىسا ئۇققىلى بولمايدىغان بىزارلىق، بۇ يەرگە كەلگىنىگە پۇشايمان قىلغانلىقى ئەكس ئېتەتتى. ئۇ مېنى ئەركىننى بۇ ياتاققا چاقىرىپ كەلدى دەپ ئويلاپ قالغانىدى، چاقىرىلمىغان مېھماننىڭ ئۇنى مەندىنمۇ بەكرەك پاراكەندە قىلىۋەتكەنلىكىنى ئويلاپ، بۇنى دىلنۇرغا چۈشەندۈرۈپ بولالماي ئىچىم سىقىلدى. ئەركىن ماڭا ھاراقنى شۇنچە زورلاپ مېنى مەست قىلىۋېتىشكە تىرىشسىمۇ، مەن تېخىچە ھۇشىمنى يوقاتماي تۇراتتىم. ئىككىنچى قېتىم ھاراق يەنە تۈگىدى، پىۋىنى بىر ياقتىن ئىچسەم، بىر ياقتىن تالاغا يۈگۈرەيدىغان، ئاسان مەست بولمايدىغان بىر ياخشى خۇسۇسىيىتىم بۇ كۈنى بەك ئەسقاتتى. ” ئەركىن، ئەمدى ئارام ئالايلى“ دېسەم ئۇنامدىغان، تاڭ ئاتقىچە ئىچىمىز دەپ تۇرۇۋالدى، تالاغا چىقىپ كىرەي دەپ بىر دەمدە يوقاپ كېتىپ يەنە ئىككى قۇتا پېۋا ئېلىپ كىردى، بىر قۇتا قىزىلنىڭ يېرىمىنى ئىچىپ بېشى ساڭگىلاپ كەتكەن دىلنۇر بىز بىلەن داۋاملىق بىللە ئىچىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمدى ئىچمەيمەن دېسەم ئەركىن قەتئىي ئۇنىمايتتى، كەيپ بولغانچە ئۇنىڭ مىجەزىنىڭ ئوساللىشىپ كېتىدىغانلىقىنى نەدىن بىلەي، ئىچىسەن دەپ بۇيرۇق سوقاتتى، ساقچىدەك ھەيۋە قىلىپ ئادەمنى قورقۇتاتتى. ئۇنىڭ مەكتىپى بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاشۇنداق قاتتىق قوللۇقنى ئۆگىتەمدىغاندۇ؟ سىلەر ساقچىلار خىللانغان ئادەملەر، باشقا پۇقرالار سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا بىر توپ قوي، نېمە قىلساڭلار قىلىپ شۇلارنى بويسۇندۇرۇڭلار دەپ تەلىم بېرەمدىغاندۇ؟ ئەركىننىڭ ھەرىكىتىگە بارغانچە دىققەت قىلىشقا باشلىدىم، ھۇش-كاللامنى يوقاتماسلىققا تىرىشتىم. ئۇ مېنىمۇ، دىلنۇرنىمۇ توختىماي ئىچىشكە زورلايتتى، بەزىدە قاپىقىنى تۈرۈپ سەل سىلكىسە، بەزىدە بىمەنە گەپ قىلىپ قاقاخلاپ كۈلەتتى. كېچە سائەتلىرى تولىمۇ تەستە ئۆتەتتى، تالاغا 10 نەچچە قېتىم چىقىپ كىرگەندىمەن، ئەمما ھەر قېتىمقىسى 3 مىنۇتتىن ئاشمايتتى، ئۇچقاندەك چىقىپ ئۇچقاندەك ياناتتىم، ھەتتا قولۇمنىمۇ يۇمايتتىم. ياتاققا كىرسەم ئەركىن دىلنۇرنى ئۆزىگە چاپلاپ تانسا ئويناۋاتقان بولسا دەررۇ ئۆزىنى تارتاتتى، كەيپلىكتە ئادەتتىن تاشقىرى سەزگۈرلىشىپ، تېتىكلىشىپ كېتىدىغانلىقىمنى، ۋاقىت ئۇزارغانچە مەستلىكىمنىڭ ئوڭاي يېشىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇ قەتئىي ئويلاپ باقمىغان بولسا كېرەك، ئۈچىنچى قېتىم ھاراق تۈگىگەندە ئاچچىقى كەلدى، قۇرغان قىلتاقلىرى بىكارغا كەتكەن قويمىچىدەك چىچاڭلىدى:
— ھاراق ئەكىر، تاڭ ئاتقىچە ئىچىمىز….!
— ئەمدى بولدى قىلىلى، دىلنۇرمۇ ئارام ئالسۇن…
— دىلنۇر ئۇخلاپ بولغان، تاڭ ئاتقىچە ئولتۇرۇشقا چىدايدۇ، قانداق دېدىم دىلنۇر…
دىلنۇر يەنە ئۇنىڭغا ئۈنسىز بويسۇنۇپ، قىچىشمايدىغان، ئېچىشمايدىغان بىر گەپ قىلدى:
— ئىچمەي ئولتۇرساڭلار بولىدىغۇ…
— ئىچمەي قانداق ئولتۇرغىلى بولىدۇ دەيمەن، گىرادۇس تېخى توشمىدى…
— تاڭمۇ ئېتىپ قالدى،-دېدىم تالاغا قاراپ قويۇپ،- مەكتىپىڭگە بېرىۋالمىساڭ بولماس. تەكشۈرۈپ قالسا…
— نېمىنى تەكشۈرەيدا ۋاي گۇي، تەكشۈرۈرىدىغاننى تەكشۈرۈپ بولدى… ئولتۇرىمىز تېخى، پەقەت چىدىمىغان بولساڭ ھاراقنى ئۆزەم ئەكىرىمەن…
— ھاراق ئەكىرىش چوڭ مەسىلە ئەمەس، سېنىڭ مەكتىپىڭ…
— ۋاي بولدى قىلە، ھاراق ئەكىرەمسەن-ئەكىرمەمسەن…
— ئەكىرمەيمەن…- دېدىم ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ، شۇ تاپتا مېنىڭمۇ جۇدۇنۇم ئۆرلەپ قالغانىدى.
— چىدىماس گۇيكەنسەن… بوپتۇ، ئۆزەم ئەكىرەي…
— ئەكىرمە، ئوسال مەست بولۇپ قالىدىكەنسەن، ھېلى مەكتىپىڭگە كېتەلمەي قالىسەن…
— ئەجەپ بىزنىڭ جىداۋيۈەندەك قىلىپ كەتتىڭا… گىجىڭ گۇي…نېمە بولسا بولمامدۇ، مېنى ياتىقىڭدىن قوغلىماقچىما؟
— چىرايلىق يولغا سېلىپ قوياي دەۋاتىمەن…
— ماڭمىسام قانداق قىلىسەن، كېلە دىلنۇر، تانسا ئوينايمىز… – ئەركىن دەلدەڭشىپ دىلنۇرنىڭ ئالدىغا كەلدى. دىلنۇر ئۇنىڭدىن قورقۇپ دېگۈدەك قولىغا ئېسىلدى.
— دىلنۇر… قالتىس… قىز-دە، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدۇ… مانا بۇنى سورۇن كۆرگەن دەيمىز… سەنچۇ، يا ھاراق ئىچەلمەيسەن… يا چاقچاق قىلالمايسەن، كۆزۈڭنى مۈشۈكتەك پارقىتىپ ئولتۇرىسەن… مېھمان كەلسە يا كۆڭلىنى ئالالمايسەن… تېخى مېھماننى قوغلايسەن… نەرىڭ ئوغۇلبالا سېنىڭ… ئوغۇل بالا دېگەن گاڭگۇڭ ياشىشى كېرەك… ئىچكەندە ئىچىشى، ئوينىغاندا ئوينىشى، ئاغىنىلىرىگە ماسلىشىشى كېرەك… سەنچۇ… سەن چىدىماسلىق قىلىۋاتىسەن… دىلنۇرنى مەندىن قىزغىنىۋاتىسەن… دىلنۇرنىڭ مۇھەببىتى بار، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مېنىڭ جانجىگەر ئاغىنەم… ئاغىنە دېگەن ئاشۇنداق بولسا…- ئەركىن سۆزلەۋېتىپ دىلنۇرنى يەنە ئۆزىگە چاپلىۋالدى. دىلنۇر قويۇپ ئەركىنگە:
— ئەركىن، مەست بولۇپ قاپسىز… مەست بولۇپ قاپسىز… ئۇنداق قىلماڭ، سەت تۇرىدۇ… ۋاي .. پۇتۇمنى دەسسىۋەتتىڭىز… -دېگىلى تۇردى.
دىلنۇرنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشىنىش تەس ئىدى، مەندىن ياردەم تەلەپ قىلىش يوسۇنىدا بولسىمۇ ماڭا قاراپ قويمىدى، مېنى ئېسىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋەتكەندەك ياكى بولمىسا مېنىڭ ئۇنچىلىك جۈرئىتىمنىڭ بارلىقىغا پەقەتلا ئىشەنمەيدىغاندەك قىلاتتى، ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىسى مېنىڭ بۇ ياتاقنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قېلىشقانىدى. ياتاققا بۇ ئىككىسىنى تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كېتىشنى غۇرۇرۇم كۆتۈرمەيتتى، ئەمما غۇرۇرۇم بىلەن باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتاتتىم. ئۆزەمنى يېڭەلمەسلىك ئاچچىقىدا ساراڭ بولاي دېدىم، ئەگەر راستىنلا تەلۋە ساراڭغا ئايلىنالىغان بولسام بۇنچىلىك ئازابلىنىپ كەتمەستىم، دەل مۇشۇ ساراڭ بولالماسلىق ئالدىدىكى ئىككىلىنىش مېنى ئەخمەق قىلاتتى، بۇ ئەخمەقلىققە كۆنۈپ قېلىش ئاجايىپ ئېچىنىشلىق بىر ئىش ئىدى. ھەر قانچە موللا مۈشۈك بولساممۇ بىر ئاۋاز چىقىرىپ، تىرىكلىكىمنى، مەۋجۇتلۇقۇمنى بىلدۈرۈپ قويۇشۇم كېرەك ئىدى، بۇ ئېچىنىشلىق ھالەتكە خاتىمە بەرمىسەم مېنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىمىغىنىم تۈزۈك ئىدى. ئەسلى جۈرئىتىم ئويغاندىمۇ ياكى كەيىپنىڭ كۈچى كېلىۋاتامدۇ، بىلمىدىم، ئىككىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەركىنگە دېدىم:
— دىلنۇرنى زورلىما، بىلىپ قوي، بۇ ياتاق مېنىڭ، سەن ئاستا كېتىۋال، ئەڭ ياخشىسى مەشەگىچە بولسۇن، چىرايلىق خوشلىشايلى…
— مۇشۇ بىر قول تۈگىسۇن،-دېدى ئەركىن دىلنۇرنى ئۆزىگە تېخىمۇ چىڭ چاپلاپ،- بىر مىنۇت چىداپ تۇر…
دىلنۇر بۇ ھالدىن بىزار بولسىمۇ كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتەلمەيۋاتاتتى، بىر يېرى خوشيېقىۋاتقان ئوخشايدۇ رەسۋانىڭ دەپ تولغىنىپ كەتتىم، ئەسلىدە بۇ ئىككىسى مەن چاقىرمىساممۇ كېلىپ، ۋەدىلەشكەن بويىچە ياتىقىمدا تېپىشىپ، پاسىق ھەۋەسلىرىنى تولۇق قاندۇرۇشلىرىغا پۇتلىكاشاڭ بولغانلىقىم ئۈچۈن مەندىن تېرىكىپ، ئىچىدە مېنى نەچچە قېتىم تىللاپ بولغانمىكىنە ؟! ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغان بولسا مەن ئۇلارنى ھەرگىز كەچۈرمەيتتىم، دىلنۇرنىڭ چۈشىنىكسىزلىكى مېنى ھەر خىل ئويلارغا سالاتتى. ماڭا كۆرە ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئەركىننىڭ ياكى باشقا بىرىنىڭ تېگىدە ياتقاندىكى ھالىتىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى. رەسۋالىققا ھەسەت قىلىشنىڭ دەھشىتى بىر نەچچە مىنۇت داۋاملاشتى. مۇزىكا تۈگىدى، دىلنۇر كارىۋاتقا يېنىپ كېلىپ ئولتۇردى، ئەركىننىڭ كۆزى يەنە دىلنۇردا ئىدى، ئۇنىڭ جىڭ مەستلىكى ياكى يالغان مەستلىكىنى ئايرىماق تەس ئىدى، يالغان مەست بولۇۋېلىپ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، مېنى بىر ياقتىن سەل قورقۇتسا، بىر ياقتىن غەزەپلەندۈرۈپ تۇراتتى.
— ئىچىمىز، ئوينايمىز بۈگۈن!…-دېدى ئۇ قولىنى شىلتىپ.
— ئەمدى بولدى قىل ئەركىن…-دېدىم مەن ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا،- بىزمۇ ئارام ئالايلى…
— كىم بىلەن ئارام ئالىسەن، دىلنۇر بىلەنما؟-دېدى ئۇ كۆزىنى قىسىپ ھىجىيىپ،- ئەر-خوتۇن بولۇشۇپ كەتتىڭلارما تېخى…
— نېمە دەۋاتىسىز!-دېدى دىلنۇر غەپلەتتىن ئەمدى ئويغانغاندەك،- غېنى دېگەن مېنىڭ بىر يۇرتلۇقۇم، قانداق چۈشەنسىڭىز كارىم يوق. بۇ دېگەن ئۇنداق قىلىدىغان بالا ئەمەس، ھەممە ئادەمنى ئۆزىڭىزگە ئوخشىتىپ قالماڭ…
— ھە.. راست، غېنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ… خاپا بولماڭ..
— بېرىپ ئاغىنىڭىزگە چۈشەندۈرۈپ قويارسىز، غېنى بىلەن ئارىمىزدا ھېچقانداق ئىش يوق…
— ئاغىنەم چۈشەنمەيدۇ، سەن غېنىنىڭ كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ ئۇنى يەنە چۈشەنسۇن دەمسىنا؟ سەن جىم ياتىدىغان قىز بالىما؟! ئۇقۇپ قوي، جاھاندا بەز يېمەيدىغان مۈشۈك يوق… غېنى دەپ باقە، جاھاندا بەز يېمەيدىغان مۈشۈك بارمۇ- يوق؟
تۇيۇقسىز چىققان بۇ سوئالدىن ئەندىكىپ كەتتىم، بۇ سوئالنى ئەركىن ماڭا قويماستا ئۆزەمدىن نەچچە قېتىم سوراپ بولغانىدىم ۋە ئاللىقاچان «يوق» دەپ جاۋاب بېرىپ بولغانىدىم. ئەمما دىلنۇر ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى، مېنى سىنايدىغان، سىناپ بولۇپ ماھىيىتىمنى ئاشكارىلايدىغان بۇ سوئالغا ئادەمدەك تەبىئىي جاۋاب بېرىشىم كېرەك ئىدى. «ياق» دېسەم ئەركىنمۇ، دىلنۇرمۇ بەرىبىر ئىشەنمەيتتى.
— ئۇنداق مۈشۈك يوق،- دېدىم دىلنۇرغا قارىماي تۇرۇپ،- بىزمۇ ئادەم، لېكىن بىز ئۆزىمىزنى تۇتىۋېلىشنى بىلىمىز. قىزلارغا قالايمىقان چاچرىمايمىز.
— چاچرىمايمىز ئەمەس، چاچرىيالمايمىز…دە، سەن ئاشۇنداق قېتىپ قالغان جىڭ مومىدەك بالا…
— شۇڭا ئاغىنىڭىزگە توغرا چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ،-دېدى دىلنۇر.
ئۇنىڭ كاللىسىدا تېخىچە شۇ مۇھەببىتى دىۋەيلەپ تۇراتتى.
— ئەمىسە… مەن بىلەن تالاغا چىق… ئىككىمىز ئايرىم پاراڭلىشايلى…- ئۇ كېلىپلا دىلنۇرنى تالاغا سۆرىدى. شۇ ئارىدا دىلنۇر ماڭا قارىدى، جۈرئىتىمگە كەلدىم، ئەركىننىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ ئۇنى تالاغا ئىتتىردىم، ئۇ بەرىبىر مەست، مەن ساقراق ئىدىم. مەست ئادەم بەرىبىر ساق ئادەم بىلەن كۈچ ئېلىشالمايتتى. ئەگەر ئۇ يالغان مەست بولۇۋېلىپ ھەددىدىن ئېشىۋاتقان بولسا مۇشۇنداق پەيتتە ئەپتى بەشىرىسى چۇۋۇلۇپ چىقاتتى. ئۇ ئەمدى ساق بولۇپ ماڭا تاقابىل تۇرالمايتتى، ئەگەر ساق ھالىتىگە قايتىۋالسا رەزىل ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئاشكارىلىنىپ يۈزى تۆكۈلەتتى. ساق ئادەمدە ھايا بولىدۇ، رەسۋا بولۇشتىن قورقىدۇ. مەن بىلىدىغان ئەركىندە ئاز-تولا ھايا بار ئىدى، مەستلىكىدە بۇ ھايانى يوقاتقان دېسەكمۇ، ساقلىقىدا ئۆز ئىززىتىنى ساقلىشى كېرەك-تە، ئەگەر مۇشۇ پەيتتە ئۇ نەپسىنى دەپ نومۇسسىزلىق قىلىدىغان بولسا بۇنداق نامەرت گۇيدىن چوقۇم ئادا-جۇدا بولۇش كېرەك ئىدى. مەن ئۇنى تالاغا ئىتتىرىۋاتقاندا ئۇ توساتتىن ساق ھالىتىگە قايتىۋالغاندەك كۈچلىنىپ، مۇشتىىنى دىۋەيلەپ مېنى ئۇرغىلى قەستلىدى، لېكىن ئۇرالمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەمدى ساق ھالىتىگە مەڭگۈ قايتالمايدىغانلىقىنى پەملىدىم، بارلىق كۈچۈم بىلەن ئۇنى مەھكەم قاماللاپ كارىدورغا ئېلىپ چىقتىم. ئەمدى ئۇ بىردىنلا يېلى چىققان توپتەك سولىشىپ، ماڭا ئامالسىز بويسۇنۇپ ماڭدى، بىر نېمىلەرنى دەپ مېنى تىللىدى، بىنادىن چۈشتۈق، مەن يۆلەپ تۇرمىسام ئۇ پەلەمپەيدىن دومىلاپ چۈشۈپ كېتىدىغاندەك دەلدەڭشىپ تۇراتتى. شۇ ئەسنادا كاللامدا ئۇنى پەلەمپەيدىن ئىتتىرىۋېتىشتەك بىر يامان نىيەت پەيدا بولدى، بۇ گۇينىڭ ماڭا قىلغانلىرىغا ئەمدى رەسمى ئاچچىقىم كېلىۋاتاتتى، غەزەپلىك بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە قاتىللىق نىيىتى شۇنداق ئاسان پەيدا بولامدىغاندۇ؟! ئۆزەمدىن قورقۇپ تىترەپ كەتتىم. پۈتۈنلەي كېرەكتىن چىققان بۇ مەست مەخلۇقنى پەلەمپەيدىن تەستە ئېلىپ چۈشۈپ يولغا چىقتىم، تاكسىدىن بىرنى توسۇپ يېنىدا ئولتۇردۇم، ئەسلىدە بىللە بارماي دېگەنىدىم، يەنىلا ئەنسىرەپ قالدىم. مەكتىپىگە بارغىچە ئۇ چاترىقىغا تازىم قىلىپ مۈگدەپ ئولتۇردى، مەكتىپىگە كەلگەندىن كېيىن لاپپىدە كۆزىنى ئېچىپ، ماشىنىدىن چۈشۈپ، ماڭا خوشمۇ دېمەي مەكتىپىگە كىرىپ كەتتى، مېڭىشلىرى خېلى تۈزۈك ئىدى. ساقچى بولىدىغان بۇ يالغانچى گۇي ئەمەلىيەتتە كېچىدىن بېرى ماڭا گوشۇڭلۇق قىلىپ، ئىشىنى ئاقتۇرالمىغانسېرى ماڭا غەزەپلىنىپ، ئاخىر يەنە سىيىپ كىرىپ ئۇخلاپ قېلىشقا مەجبۇر بولغانىدى. شۇندىن كېيىن ئۇ مېنى ئىزدەپ كەلمىدى، قىلغان ئىشلىرىغا كەچۈرۈممۇ سورىمىدى، مەنمۇ ئىزدەپ بارمىدىم.
مېنىڭ ھېچ ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ياتاققا قايتىپ كېلىۋېتىپ، پەلەمپەيدىن چىقىۋېتىپ، ياتاقتا كەيىپ ۋە ئۇيقۇنىڭ تەسىرىدىن مەستخۇش ياتقان دىلنۇرنى خىيال قىلدىم، ياتاققا كىرىپ نېمىلەرنى قىلىشىم مۇمكىن؟ نېمە قىلالايمەن؟ ئەركىن ۋاقىتلىق ئۆچۈرۈپ قويغان ھەۋەس ئوتىنى قايتا ياقالامدىمەن؟ ياتاققا كىرسەم دىلنۇر يەنە ئۇخلاۋېتىپتۇ، يېنىدا ئولتۇردۇم، ئەركىن كەلمەستە تىترەپ ھالىم قالمىغانىدى، ئەمدى يۈرىكىم خېلى توق ئىدى، چۈنكى شىركەيپ ئىدىم، دىلنۇرمۇ بۇنى بىلەتتى، توغرا چۈشىنەتتى. ئۇنىڭ توغرا چۈشىنىشى ماڭا ھەۋەس ئىشىكىنى كەڭ ئېچىپ بېرەتتى. بەز يېمەيدىغان مۈشۈك يوقلۇقىنى بايا ئېتىراپ قىلدىم، لېكىن مەن باشقىچىرەك مۈشۈك، قورسىقى ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەن مۈشۈك. ئەگەر دىلنۇرغا چاچرىسام قىززىق مايغا سۇ چاچرىغاندەك ئىش بولماسمۇ؟ نورماللىق بۇزۇلماسمۇ؟ نورماللىقنىڭ بۇزۇلۇشى ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئوبرازىمنىڭ قايتىدىن چۇۋۇلۇشى ئەمەسمۇ؟ ئوبرازىمنى بىر چۇۋۇپ توقۇش ماڭا ئۇنداق ئاسان ئەمەس، نومۇسسىزلارلا ئۆزىنى توختىماي بۇزۇپ، يەنە قايتا قوراشتۇرۇپ يۈرۈيدۇ. ئەركىن دېگەن نومۇسسىزنى قوغلىۋەتكەن بىلەن ئەمدى ئۇنىڭدەك نومۇسسىز بولالمىدىم، شۇ تاپتا دىلنۇر مېنى ئەمەس، ئەركىننى ياكى ئۇرۇشۇپ قالغان مۇھەببىتىنى ئويلاپ چۈش كۆرۈپ ياتىدۇ. مەن يېنىدا ياتسام چوقۇم چۆچۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ كۆزىنى ئېچىپ ماڭا قارىغاندىكى ھالىتىدىن جىندىن قورققاندەك قورقىمەن، تاتارغان، بوزارغان يۈزۈمنى گويا ئەينەكتىن ئۆزەم كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەندەك قورقىمەن. بايا ئۇ مېنى، غېنى دېگەن مېنىڭ يۇرتلۇقۇم، ئۇ ئۇنداق قىلىدىغان بالا ئەمەس دېدى ئەمەسمۇ، شۇنىڭغا لايىق ئىش قىلىشىم، سۈپىتىمنى ساقلاپ ئولتۇرۇشۇم كېرەك. ئۇ ماڭا بىر ئەندىزىنى پىچىپ قويدى، ئەمدى ئۇنىڭدىن چىقالمايمەن، ئەسلىدە ئۇ ئەندىزىنى ئۆزەم شەكىللەندۈرۈپ قويغان، بۇ ئەندىزە مىجەزىمدەك مۇستەھكەم بىر نەرسە، ئۇ بىردەمدە شەكىللەنگەن بولماستىن بەلكى مېنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھاسىلاتىم. بىر ئۆمۈرلۈك ھاسىلاتىمنى بىر دەمدە ۋەيران قىلىۋەتكۈدەك قۇدرەت مەندە يوق!
مەن مۇشۇنداق قۇرۇق خىيال سۈرۈپ دىلنۇرنىڭ يېنىدا ئۇخلىغان بولۇپ ياتتىم، بىر چاغدا ئۇ ئويغىنىپ تالاغا چىقىپ كەتتى، يۈزىنى يۇيۇپ كىرىپ مېنى ئويغاتتى. سىرتقا چىقىپ بىللە تاماق يېدۇق. ئۇ تۈزۈك بىر نەرسە يېمەي خاپا ئولتۇراتتى. مېنىڭمۇ كەيپىم ئۇچتى، يۇۋاش ئادەم دائىم دەككىسىنى يەپلا يۈرەمدىغاندۇ؟
— ئەركىننى نېمىشقا چاقىرغانتىڭ؟
چۆچۈپ كەتتىم، ئۇ مېنى رەسمى سەنلەشكە باشلىغانىدى. مۇشۇنداق بىر پەيتنىڭ ھامان كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، لېكىن بۇنچە تېز بولۇشىنى ئويلىماپتىكەنمەن. گالۋاڭلىقىمنى ئاخىر ئېتىراپ قىلدىم.
— ئۇنى مەن چاقىرمىغان، ئۆزى كەپتۇ.
— چاقىرمىساڭ كېلىۋالامدۇ؟
— مەن تۆنۈگۈن ياتاققا ھېچكىمنى چاقىرمىغان، سەنمۇ ئۆزەڭ كەلدىڭ، ئۇمۇ ئۆزى كەلدى…
ئاچچىقىم كېلىپ ئۇنى ئاسانلا سەنلىدىم، يەنە نېمىلەرنى دەۋەتكەن بولار ئىدىم، ئەركىندىن ئاران قۇتۇلسام ئەمدى بۇ قوپۇپ مېنى بىمەنە سوراققا تارتىۋاتاتتى.
— ئاخشامقى ئۇ ئىشنى ئۇ زاھىرغا دېسە، مەن نېمە دەيمەن؟!— دېدى ئۇ بېشىنى چاڭگاللاپ.
— سەن زاھىر بىلەن سوقۇشۇپ قالمىغانمىدىڭ؟
— سوقۇشۇپ قالغان بىلەن ئايرىلىپ كەتمىگەن، سەن ھېچنېمىنى ئۇقمايسەن!-دېدى ئۇ چوكىنى تەخسىگە ئۇرۇپ. ئەتراپتىكىلەر بىزگە قارىدى، مەن ئۇنىڭ ساراڭلىقىغا قاراپ يا كۈلۈشنى، يا يىغلاشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم. ئاچچىقىم كېلىپ ئورنۇمدىن قوپۇپ، تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلەپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتىم. «مېنى نېمە كۆرۈۋاتىسەن؟» دەيتتىم ئىچىمدە. شۇنداق قىلىپ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا ئۆزەمنى كۆرسەتتىم. بۇ ھەرىكەت ئۆزەمگە ئۇنى سۆيۈشتىنمۇ پەيزى، كۆڭۈللۈك تۇيۇلۇپ كەتتى.

5

دىلنۇرنىڭ ماڭا بۇ شەھەردىكى ھاياتىمنىڭ بىردىنبىر مەنىسى بولۇپ تۇيۇلۇشىدىكى سەۋەب ئۆزەمنىڭ باشقا ئىشلىرى مەنىسىز، يۈكسەك پىلانىم، قىلالىغۇدەك چوڭ ئىشىم يوق، ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىگە كىرىۋالدىم، ھۆكۈمەتنىڭ تايىنى يوق مائاشى مېنى ئاچ قويماي باقىدۇ، خىزمەتنى شۇنىڭغا چۇشلۇق ئىشلەيمەن، ئىلمان سۇغا كىرىۋالغان خاتىرجەم پاقىغا ئوخشايمەن، ئاللىقانداق بىر ئىرادىگە كەلسەم سەكرەپ قويىمەن، ئارقىدىن ئۇزاققىچە جىم. نەچچە يىل خىزمەت قىلغان بىلەن تاپقان تەرگىنىمنىڭ تايىنى يوق، ئەھۋالىم ئايرىم ياتاقتا يېتىپ ئاسپىرانلىقتا ئوقۇۋاتقانلاردىنمۇ ناچار، ئۇلارنىڭ ھېچ بولمىسا روھى كەيپىياتى تولۇق، ئاخىر بىر كۈنى قالپاقنىڭ چوڭىنى كىيىدۇ. مەن مۇشۇنداق ئىشلەپ، ئۇنۋان-مائاش كويىدا پۇچىلىنىپ ئاخىر سەپتىن چۈشىمەن. ھاياتىمدا مەن ئېرىشەلەيدىغان ھەقىقىي نەرسە نېمە؟ مۇھەببەتمۇ؟ مائاشمۇ؟ خوتۇنمۇ، بالىمۇ؟ ئارتۇق ئويلانمايمەن، ئويلانمايمۇ ياشاپ كەلدىم، يەنە ياشاۋېرىمەن. قۇرۇق خىيالدىن بىر يۇتۇم سۇ ئەۋزەل. خوتۇن ئېلىشتىن ئاۋۋال بىرەر قىزنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئەۋزەل، بالىلىق بولۇشتىن ئاۋۋال بىر دەم بولسىمۇ بالىلاردەك شاد-خورام، غەمسىز ياشىۋېلىش ئەۋزەل. ھاياتىم مېنى داغدا قويۇپ كېتىۋېرەمدۇ؟ دەپ ئۆزەمگە سوئال قويغان چېغىمدا ئېسىمگە ھەممىدىن ئاۋۋال كېلىدىغىنى نەتىجىسىز مۇھەببەت، قانمىغان شىرىن ھەۋەس. ھەۋەس ئۆلمەيدۇ دېيىشىدىكەن، مانا بۇ ئاچكۆز ئادەملەرنىڭ توغرا گېپى. ھەۋەس دېگەن ئۆزىنىڭ ھامان ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى بارلىق قىتىغۇرلۇقلىرى، تەبىئىي قىلىقلىرى، ئارزۇ-ئىنتىلىشلىرى، ئۇرۇنۇشلىرى ۋە ئۆزىنى ئىسپاتلىشىدۇر. تىرىكچىلىكىم ھەۋەسنى ئەگەشتۈرۈپلا يۈرىدۇ، ھۆكۈمەتكە ئىشلەپ قورسىقىمنى باقىمەن، قېنىمنىڭ ئايلىنىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن، قورساق تويغاندىن كېيىن ھەۋەسنىڭ ئىشى باشلىنىدۇ. بۇ رېتىم تۇرمۇشۇمنىڭ ئاساسىي مىلودىيىسى. ئەبگا ياتىقىمدا مايقۇرتلارمۇ جان ساقلايدۇ، ئۆزەمنىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇلارنى دەسسەپ مىجىپ سىمونت پولنى ماي سەپكەندەك پارقىرىتىۋېتىمەن. بىر چاغدا ياتاقنى تازىلاۋېتىپ كارىۋىتىمنىڭ ئاستىدا ئۆلۈپ قالغان بىر چاشقاننى كۆردۈم. ئىشىكتىن كىرگەندە ئورۇق كىرگەن چاشقان سېمىزلىكتىن چىقالماي، ئاخىرىدا يەيدىغان بىر نەرسە تاپالماي ئۆلگەن بولسا كېرەك، ئەخلەتخانىغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتتىم. رەزگى نەرسىلەر بەدىنىمنى تىكەنلەشتۈرىدۇ، ئۆزەمنى بىچارە، خار ھېس قىلغان چېغىمدا ئاشۇ ئۆلۈك چاشقان ۋە مايقۇرتلار كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدۇ.
قۇرۇق ھەۋەس، ئاقماس پىلان، يوقالماس ئۈمىدلەر بىلەن يەنە بىر شەنبە-يەكشەنبىنى كۈتۈۋالدىم. ساقىلىمنى ئېلىۋېتىپ قاچانلاردۇر بىر ۋاقىتتا پەيدا بولۇپ قالغان كونا سۆگىلىمنى كېسىۋالدىم، قان ئېقىپ توختىمىدى، تازىلىق قەغىزىنى چىڭ بېسىپ ياتاقتا ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرسەم ئىشىكنى چېكپلا دىلنۇر كىرىپ كەلدى. ئۆزى كەلگەن يارەي، ئۆزى كەتكەن يارەي، ئۇنىڭ ئادىتى شۇ بولغاچقا كەلگىنىگە بەك خوش بوپمۇ كەتمىدىم، ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك قىزغىن بولۇشۇم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. لېكىن ياتىقىم يات جىنسىنىڭ پۇرىقىغا سېزىك بولغاچقا، ئەلۋەتتە كۆڭلۈمدە بىر شادلىق، بىر ئازادىلىك پەيدا بولدى. ئۇ كېلىپلا «نېمە بولدى؟» دەپلا قولىنى ئېڭىكىمگە ئۇزاتتى، قولۇم چۈشۈم كەتتى، ئۇ قەغەزنى چىڭ بېسىپ ماڭا كۆيۈمچانلىق بىلەن بىر دەم قاراپ تۇردى، ھەر قانچە قېتىۋالساممۇ ئۇنىڭ تىنىقىدىن ئېرىپ كەتتىم، ئىككىمىز تەبىئىي ھالدا كارىۋاتقا بېرىپ ئولتۇرۇپ قالدۇق، ئۇ تېخىچە قەغەزنى بېسىپ تۇراتتى، ئۇ مەن بىلەن شۇنچە يېقىندىن تېگىشىپ تۇراتتىكى، قولۇمنى ئۇزاتساملا ئۇنىڭ ئورۇق، زىلۋا، نازۇك بەدىنىنى تامامەن قۇچاقلىۋالاتتىم. «قان توختىدىمىكىن» دېدىم، لېكىن سۆگەل كېسىلىپ كەتسە قان ئاسان توختىمايتتى، ئۇ قەغەزنى ئېلىپ بېقىپ «ياق، يەنە چىقىۋاتىدۇ» دەپ قايتىدىن باستى، بىر دەم تۇردى، بۇ ماڭا بەكمۇ ئۇزۇن، بەكمۇ شىرىن تۇيۇلدى. ئۇنىڭ بۇ مېھرىبانلىقى ۋە سەۋرچانلىقىغا ھەيران قېلىۋاتاتتىم ۋە بۆلەكچە تەسىرلىنىۋاتاتتىم، كىچىككىنە سۆگەل ئويلىمىغان يەردىن كېسىلىپ كېتىپ، ئويلىمىغان يەردىن دىلنۇرنىڭ كۆيۈمچانلىقى ۋە شىرىن خۇلقىنى باشلاپ كېلىۋاتاتتى. مۇھەببەتكە، قىزنىڭ (مەيلى ئۇ قانداقلا قىز بولسۇن) نازۇك تېنىگە تەشنا بۇ ئەركەك ۋۇجۇدۇم زىل-زىلىگە كېلىپ، پۇت-قوللىرىم تىترەپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ خۇنۇك ئوبرازى ئەمدى قەلبىمدە باشقىچە نۇرلىنىپ، ھەۋەسنىڭ ئوتقاشتەك يۈزىنى نامايان قىلىۋاتاتتى. ئۆزگەردىم، يۈرىكىمنىڭ تەپتىدىن يۈزۈم قىززىشىپ كەتتى، جەڭ ئالدىدا يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ ئەسەبىيلىشىپ تۇرغان ئەسكەردەك جىددىيلەشتىم. ئۇ تېخىچە كۆيۈمچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ،«سەت كېسىۋېتىپسەن»، «ئاۋايلىساڭ بولمامدۇ» دېگەچ بىر دەم زاڭىقىمغا، بىر دەم پېشانەمگە، بىر دەم باشقا بىر يېرىمگە قارايتتى، تىنىقلىرى تېگىپ -تۇراتتى، تاقەت قىلغۇسىز بىر ھال خېلى ئۇزاق ھۆكۈم سۈردى، ئۇنىڭ ئاكتىپ ھەرىكىتى ئالدىدا ئۆزەمنى نەقەدەر چۈشەپ قويۇۋاتقانلىقىم ئېنىق ئىدى، «ئۆزەم تۇتۇپ تۇراي» دەپ قولۇمنى يىغىۋالدىم، ئۇ چاپىنىنى سېلىۋېتىپ كارىۋاتقا چىقىپ تامغا يۆلىنىپ ئولتۇردى، مەن كارىۋاتنىڭ قىرىدا ئولتۇراتتىم، «سەنمۇ بۇ ياققا كېلىپ يۆلىنىپ ئولتۇرە، جېنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىمايدىكەن» دېدى ئۇ. راست، مەن ئۆز جېنىغا ئىچى ئاغرىمايدىغان، جېنىغا راھەت بېغىشلاشنى ئۇقمايدىغان مەتو، ئۇ دەپ تۇرمىسا مەن قىلالمايمەن، ئۇ ئاكتىپ بولمىسا مەن ئەسلا جۈرئەت قىلالمايمەن. مېنىڭ نەرىم ئەركەك؟! ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم، بىر دەم پاراڭلاشتۇق، ئۇ مەكتەپتىكى ئىشلىرىنى دەپ بەردى، ئۇ ياتىقىدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ چىققانىدى، زاھىردىن ئايرىلىپ كەتكەنىدى. دېمەك، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا نۇرغۇن ئىش يۈز بېرىپ بولغانىدى. مېنىڭ توختام سۇدەك ئۆتۈۋاتقان ھاياتىمغا باققاندا ئۇنىڭ ھاياتى ۋەقەلىكى جىددىي كىنودەك تېز، ئاجايىپ-غارايىپ ئىدى.
— ياتىقىڭدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى ساڭا ئامراقتەك قىلاتتىغۇ؟-دېدىم ئۇنى گەپكە سالغۇم كېلىپ، مېنىڭچە ئۇنىڭ ياتاقداشلىرى بىلەن سوقۇشۇپ چىقىشى ئۇنىڭ مىجەزىنىڭ غەلىتىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قىلچە ئەجەبلەنمەيتتىم. يەنە كېلىپ بۇ بىر نەچچە كۈنلۈك ئىش بولماستىن، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى قىزلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى سۈركىلىش ۋە زىددىيەتلىرىنىڭ بىراقلا پارتلاپ چىقىشى ئىدى، ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كەتكىنىگە بىر ئىشەنسەم، بىر ئىشەنگۈم كەلمەيتتى، ئۇنىڭ قايسى گېپىنىڭ راست، قايسى گېپىنىڭ يالغانلىقىنىمۇ ئۇققىلى بولمايتتى.
— سەن ئۇقمايسەن، ئۇ جالاپلار ماڭا ئامراقتەك قىلغان بىلەن مېنى كۆرەلمەيدۇ. مېنىڭ ئارقامدىن گەپ تېپىپلا يۈرىدۇ.
«جالاپ» دېگەن سۆزنى ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ ئاجايىپ بىر تۇيغۇدا تىترەپ كەتتىم.
— بىر ياتاقتا تۇرۇپ ئۇنداق سەتلىشىپ يۈرمىسەڭلار بولاتتى…
— مەن نەچچە ۋاقىتتىن چىداپ كەلدىم، ئەمدى بولدى قىلمايمەن.
— ئۇنچىلىك بولۇپ كەتكۈدەك زادى نېمە ئىش بولدى؟
— دېسەم گەپ جىق، ھەممىسى بىر بولۇپ زاھىرغا مېنى چېقىپتۇ. زاھىر مەن بىلەن سوقۇشسا ھەممىسى تاماشا كۆرۈپ تۇرىدۇ. زاھىر چىقىپ كەتكەندە ھەممىسى بىلەن سوقۇشتۇم…
— قانداق سوقۇشتۇڭ، چاچلىشىپ كەتتىڭلارما؟
— ئايرىم كەلسە ماڭا تەڭ كېلەلمەيتتى، ھەممىسى بىرلىشىۋالدى… جالاپلارنىڭ بىرسىنىڭمۇ تۈزۈك مۇھەببىتى يوق، شۇڭا مېنى كۆرەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ساڭا دەپ بېرىدىغان بولسام، بېرىپلا يۈزلىرىگە تۈكۈرگۈڭ كېلىدۇ… ھازىر باشقا ياتاققا ئالمىشىپ كەتتىم.
— زاھىرغا ئۇلار نېمە دەپتۇ؟
— نېمە دەيتتى، يۇرتلۇقىنى ئىزدەپ بېرىپ نەچچە ئاخشام تۈنەپ قالدى، ئەتىسىمۇ كەلمىدى… دېمەمدۇ!
— توۋا، ئەجەپ پىتنىخور نېمىلەركىنا ئۇ،— دېدىم بىر نەرسە دېيىشمنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ،- بىز يا بىر ئىش قىلمىساق…
دىلنۇر ماڭا لەپپىدە قاراپ قويدى، ھەرىكىتىم گال بولغان بىلەن ئېغىزىم سەل ئىتتىك ئىدى، دىلنۇر بىر دەم توختىۋېلىپ:
— دېدىمغۇ، ئۇ پاسكىنىلار ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ يۈرۈيدۇ. كىمنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى مەن ئوبدان بىلىمەن، لېكىن بىر كىمگە ئالدىراپ دېمەيمەن.
— مەن بارغان چېغىمدا ياتىقىڭلار شۇنداق چىرايلىق، ھەممىڭلار شۇنداق بەلەن تۇراتتىڭلار…توۋا دەيمەن…
— ئۇ ۋاقىتتا ياخشى ئىدۇق، كېيىن ئۇ نېمىلەر بۇزۇلۇپ كەتتى..
— توۋا، قىزلار دېگەننى چۈشەنمەك تەسكەن جۇمۇ…
— مۇھەببىتى يوقنىڭ ھەممىسى بىشەم، ئۆكتەم، بىر-بىرىدىن ئەسكى…
— سەنمۇ ئەمدى شۇنداق بولارسەنمۇ؟— دېدىم كۈلۈپ، — شۇنداق قىلىپ، زاھىر بىلەن پۈتۈنلەي ئادا-جۇدا بولدۇڭما؟
— ھەئە، ئۇ مازنىڭ ھېلىقى كۈندىكى قىلىقلىرى ئىچىمگە بەك ئۆتۈپ كەتتى.
— لېكىن سەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلاتتىڭغۇ؟
— كىم شۇنداق دەيدۇ، ئۇ مېنى شۇنىڭغا مەجبۇرىي قىلغان، ئۇ ۋاقىتتا كىچىك ئىدىم، ئىش ئۇقمايتتىم، ئەمدى مەنمۇ ئۆزەمنىڭ يولىنى تاپقۇدەك بولدۇم، ئۆز بەختىمنى تاللىشىم كېرەك. ئۇ بىر ئايدىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەتسە كىم بار، كىم يوق، بۇندىن كۆرە، ئۇنىڭدىن بۇرۇنراق قۇتۇلغىنىم ياخشى..
دىلنۇرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈشىگە يەنە بىر يىل بار ئىدى، لېكىن مۇشۇ بىر يىلمۇ قىزلارنى ئالدىرىتىپ تۇراتتى، ياخشى بىر ئەركەك ۋە خىزمەت ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي، ۋاز كېچىلمەس كۈرەش نىشانى ئىدى، دىلنۇرنىڭ مېنى چەنلەۋاتقانلىقىنى ئازراق پەملەپ تۇرساممۇ، ئۇنىڭ كاللىسىدىكى ئويلىرىغا ئېنىق ئىشەنچ قىلالمايتتىم. ئەمما بۈگۈن ئەھۋال باشقىچە ئىدى. ئۇ تامامەن يالغۇز قالغانىدى، شۇڭا ماڭا ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك موھتاج كۆرۈنەتتى. ئۇ ياتىقىدىكى قىزلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى دەۋېتىپ يىغلاپ سالغاندا چىققان كۆز ياشلىرى كۆز چانىقىدىن تېخى قۇرىمىغانىدى.
سۆگەلگە بېسىپ تۇرغان قەغەزنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئورنۇمدىن قوپتۇم، قان يەنە توختىمىغانىدى، دىلنۇر ئەمدى بۇنىڭ بىلەن كارى يوق كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشىمگە ئۇ ماڭا جىندەك تىكىلدى، بۇ سىرلىق نەزەر مېنى بىر نەرسىگە ئۈندەيتتى.
— قان تېخىچە توختىمىسا قەغەزگە جوبو چاپلىۋەتسەڭ بولمامدۇ؟ ياتىقىڭدا چۇاڭكېتى (يارىغا چاپلىغۇچ) يوقمىدى؟ نېمانداق بىچارە سەن؟!
بۇ تەنبىھ ۋە ئاچچىق مېنى سىلكىۋەتتى، بىچارىلىك ھەقىقەتەن غاپىللىقتىن باشلىناتتى. ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ قەغەزگە سۇلياۋ جوبو چاپلىدىم، ئۇ ياردەملەشتى ۋە ماڭا داۋاملىق دوق قىلىشقا باشلىدى:
— بۇ مىس- مىس بىچارىلىقىڭغا قاراپ ئىچىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ، ئادەتتە ئىشلىتىدىغان نەرسىلىرىڭمۇ يوقكەن، ئۆزەڭنىڭ ئىشىغا ئۆزەڭ كۆيۈنمەيدىكەنسەن؟ ئاغرىپ قالساڭ قانداق قىلىسەن؟ بۇ ئۆيدە يالغۇز قانداق ياشايسەن؟! خۇدايىم ساقلىسۇن، ئەگەر مۇشۇ كارىۋىتىڭدا ئاغرىپ يېتىپ قالساڭ ئىش باركەن، قوشنىلىرىڭمۇ كۆرمەي قالسا، مەنمۇ ئۇقماي قالسام، ئاقىۋەت نېمە بولۇپ كېتەرسەن؟
— خۇدايىم ساقلار…- دېدىم تەسىرلىنىپ، بۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا ئۇچرىمايمەن دېگىلى بولمايتتى.
ئۇ مېنى كارىۋاتقا ئولتۇرغۇزۇپ مەن ئويلاپ باقمىغان، ئەمما ئۇنىڭ دېيىشىنى غايىۋىلارچە، بىچارىلەرچە كۈتۈپ كەلگەن گەپلەرنى دېگىلى تۇردى:
— تۇرمۇشۇڭنى ئويلىشىدىغان ۋاق كەلدى، قاچانغىچە مۇشۇنداق ياشايسەن؟! قابىلىيىتىڭ بولغاچقا مەشەدە قالدىڭ، لېكىن بۇ يەردە ياشاش ئۈچۈن تۇرمۇش قابىلىيىتىڭ بولۇشى كېرەك، بۇنداق يالغۇز ياشاۋەرسەڭ تۈگىشىپ كېتىسەن، سېنى بۇ ھالدا كۆرگۈم يوق، ئەينى چاغدا سەن بىزنىڭ ئۆيدە مۇشۇ شەھەرنىڭ گېپىنى قىلىپ بەرگەندە ساڭا قايىل بولغانىدىم، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قالغان چېغىڭدا تېخىمۇ قايىل بولدۇم، لېكىن تۇرمۇشۇڭغا قاراپ بەك ئىچىم ئاغرىدى، سەن قانداق چۈشەنسەڭ بەرىبىر، سېنى ھۆرمەتلەيمەن ھەم ياخشى كۆرىمەن، ساڭا قانچە كۆيۈنسەم شۇنچە كۆيۈنگۈم كېلىدۇ، نەچچە ۋاقىتتىن سەندىن مۇشۇ گەپلەرنى كۈتۈپ كەلدىم، ئەمما ماڭا پەقەت ئېغىز ئاچمىدىڭ، ياتىقىڭغا ھەر قېتىم كەلسەم كارىڭ بولمىدى، مەن بۇ ياتىقىڭغا شۇنچە يىراقتىن نېمىدەپ كېلىمەن، ئويلاپمۇ قويمىدىڭ. ماڭا گەپ قىلسىكەن، ھالىمغا يەتسىكەن دەپ شۇنچە تەلمۈردۈم، سەن جىم تۇرۇۋالدىڭ. يا مېنى مۇھەببىتى بار دەپ قالدىڭمۇ، لېكىن ئۇ ئايىغى چىقمايدىغان ۋاقىتلىق بىر مۇناسىۋەت. بىزنىڭ مەكتەپ شەھەردىن بەك يىراق، مىللىيلار بەك ئاز، شۇڭا قىز-ئوغۇللار بىر-بىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئانچە مۇنچە يالغاندىن بولسىمۇ مۇھەببەتلىشىپ كۆڭلىنى ئاچىدۇ. بولمىسا ئۇ جاڭگاللىقتا ئادەم زېرىكىپ قالىدۇ. سەن ئاشۇ ۋاقىتتا تۇغۇلغان كۈنۈمدە بارغان چېغىڭدا بەك خوش بولغانىدىم، شۇ بىر قېتىم بېرىپ ئىككىنچى بارمىدىڭ. سېنى يەنە مەن ئىزدەپ كەلدىم، ھەر قېتىم ئىككى سائەت يول بېسىپ مىڭ جاپادا كەلسەم يەنىلا جىم يۈردۈڭ، ساڭا ھەيران قالدىم، ئىچىم پۇشتى، ھەتتا ئاچچىقىم كەلدى، ھېلىقى ئاخشىمى ئەركىن دېگەن لاۋزىنىڭ قىلىقلىرىغا شۇنداق تەستە چىدىدىم، ئەمما سېنى قانداق قىلىدىكىن، مېنى ياخشى كۆرەمدىكىن دەپ سىناپمۇ باقتىم، كۈتكەن يېرىمدىن چىقالمىدىڭ، ئاخىرىدا خېلى ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلغان بولساڭمۇ لېكىن ساڭا ئاچچىقىم بېسىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاشخانىدا كۆڭلۈڭنى رەنجىتىپ قويدۇم… مەندىن خاپا بولما…
ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ شىرىن قۇچىقىغا، لەۋلىرىگە چىللاۋاتاتتى. قانداقلا بىر مەقسەتتە ئېيتىلغان بولمىسۇن، بۇ بەلەن گەپلىرى ھېسسىياتىمنى قاندۇرۇشۇمغا يېتەرلىك ئىدى، دېمەك، يېنىمدا بىر شىرىن بۇلاق قايناپ تۇراتتى، مەن ئۇزاقتىن بېرى چاڭقاپ يۈرگەن تەشنا يولۇچى ئىدىم، بۇلاققا تىكىلىپ بىر ھازا ھاياجاندا تەۋرىنىپ تۇرۇپ قالدىم، بۇلاق ئوخچۇپ چىقتى، مەن ئاغزىمنى، ياق، نەپسىمنى تۇتتۇم. تىنىقلىرىم بىر-بىرىگە ئۇلاشمايتتى. ئۇنى كارىۋاتقا بېسىپ ئۈستىگە چىقتىم. ئېچىرقاپ كەتكەن كالا قوناقلىققا كىرىپ قالغاندەك يايراپ كەتتىم، قانلىرىم، شۆلگەيلىرىم، ئىشقىلىپ تېنىمدىكى جىمى سەپرا، سەۋدا خىلىتلىرىم ھەرىكەتكە كەلدى، قايناپ جۇش ئۇردى، شەيتانلىرىم ساماغا چۈشتى. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى ۋۇجۇدى شۇ پەيتتە ئاستىمدا، نەق رىئاللىقتا ئىدى، ئەركەكلىكىمنىڭ ئويغىنىشى ئەمدى ھەقىقىي باشلىنىۋاتاتتى، ئوغۇل بالا جەڭگە يارىتىلغان دەيدىكەن، بۇ دۆلەتتە نەدە ئۇرۇش- جەڭ، تۇغۇلغىنىمدىن بېرى تىنچلىقتا خاتىرجەم ياشاپ، شىرىن خىيال سۈرۈپ، جىنسىيەتكە ئەل، مۇھەببەتكە قۇل بولۇپ ياشاپ كەلدىم، تىنچ دەۋردە جىمى ئۇرۇش- جېدەل ئاساسەن ئەر-ئايال ئارىسىدا، كارىۋات ئۈستىدە داۋاملىشىدۇ. مانا مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەر بولۇپ، رەسمى ئويۇننى ئەمدى باشلىماقتىمەن، جەڭ ئىچىدە قېنى قىززىق ئەسكەرنىڭ نەق ئۆزى بولماقتىمەن. قورقۇنچ ۋە ھاياجان تەڭلا يۈرىكىمنى پۇلاڭلاتماقتا، ھازىر تېخى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى، قارشى تەرەپ يەنىلا كۈچلۈك ھەم سىرلىق. مەن قېنىم قىززىپ تۇرسىمۇ ئالدىمدا گويا بىر خەندەك ياكى تام باردەك ئىككىلىنىپ، ئۆپكەمنى بېسىپ تۇرماقتىمەن، سەۋر بىلەن كۈتمەكتىمەن.
— توڭۇپ كەتتىم،-دېدى دىلنۇر نازلىق ئىڭراپ.
— لېكىن مەن بەك ئىسسىپ كەتتىم…-دېدىم ھاياجان بىلەن.
ئەمەلىيەتتە مەن قىززىق مەشنىڭ ئۈستىگە تاشلانغان مۇزدەك ئېرىپ كەتتىم، ھاياجان شىددىتى مېنى شاردەك ئېتىلدۇرۇپ يوق قىلدى. قىز بىر پوتەي، ئوغۇل ئۇنىڭغا جان جەھلى بىلەن يامىشىۋاتقان ئەسكەر. پوتەينىڭ كەينىدە سىرلىق قەلئەگە ئوخشايدىغان بىر مەنزىل، بىر غەلىبە نىشانى بار. ئۇنىڭغا يۈرۈش قىلىش نىشانى مەن ئۈچۈن ئۇزاققا سوزۇلىدىغان پارتىزانلىق ئۇرۇشىنىڭ پىلانىغا ئايلاندى. بىلىمەن، بۇ تىنچلىق دەۋرىدە كۆپلىگەن ئەركەكلەر جەڭ مەيدانىدا ئەمەس، كارىۋاتتا جان بېرىدۇ، ئايالى ئېچىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرۇپ قويىدۇ ياكى پىشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ. مەن دىلنۇرنى خوتۇنۇم بولىدۇ دەپ ئويلاپ باقماي تۇرۇپ قۇچاقلىدىم، سۆيدۈم، ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى تامامەن بويسۇندۇرالىغىنىمغا ئىشەنمىدىم. كىچىك نەپسىم قانغاندا چوڭ نەپسىم ئىسيان كۆتۈرۈپ: سەن تېخى ھېچېنىمىگە ئېرىشمىدىڭ، سەن نەپرەتلەنگەن، ھەسەت قلغان گۇيلار ئاللىقاچان مەقسىتىگە يېتىپ بولغان دەپ ماڭا ۋەسۋەسە قىلدى. لېكىن جۈرئىتىمنىڭ شۇنچىلىكلىكىنى بىلەتتىم. ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ چوڭ نەپسىمنىمۇ ئاخىر قاندۇرۇۋالارمەن دەپ ئويلىدىم. سۆيۈشۈش تاماملاندى، شۇنچىلىكلا ئىش ئىكەن، لېكىن مۇشۇنچىلىك ئىشنىڭ دىلنۇرنىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن ئىشقا ئاشقانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلۈم يەنە يېرىم بولدى، سۆيۈشۈش لەززىتى ئاللىقاياقلارغا غايىپ بولدى، دىلنۇر خۇددى ئوقى بىكار كەتمىگەن ئوۋچىدەك خۇشال بولۇپ، كارىۋاتتا ياتقىنىچە قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ئۇسسۇل ئوينىغاندەك بىر قىلىق قىلدى، قايسىبىر ناخشىنىڭ ئاھاڭىغا غىڭشىپ قويدى. مەن ئۇنىڭ پۇتى تەرەپتە تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىمدە ئاچچىق كۈلدۈم، لېكىن چىرايىمغا بەخت كۈلكىسى يۈگۈرتتۈم. دۆت بولساممۇ، تۇرمۇش تەجرىبىلىرىمدىن شۇنى خۇلاسىلىغانمەنكى، مۈشۈك بىكارغا ئاپتاپقا چىقمايدۇ، مەن ئۇنى سۆيگەننىڭ بەدىلىنى ھامان تۆلىشىم كېرەك، ئۇنىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشىپ، ۋۇجۇدىغا بىر قەدەم بولسىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرگەندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئارزۇ –ھەۋىسىنى كۆزدە تۇتۇشۇم، چەكتىن ئاشمىغان ھەر قانداق تەلىۋىنى قاندۇرۇشۇم، پۇل خەجلىشىم، بىر ئىشلىرىنى بىللە قىلىشىپ بېرىشىم كېرەك. سۆيگەندىن كېيىنلا ھېسسىيات قىلتىقىغا ئىلىنىسەن، ئۇنىڭ ئىشىغا چېتىلىسەن، ئارزۇسىغا قېتىلىسەن، ئۇنداق قىلمىساڭ نامەرت، ۋاپاسىز ئاتىلىسەن. ھەقىقەتەن نامەرت، نومۇسسىز بولسامغۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشنىڭ ئىشى ئاسان، لېكىن مەن ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايتتىم، پەقەت ئۇ ماڭا ئاشۇنداق نومۇسسىزلىق، ۋاپاسىزلىق قىلمىسىلا مەن ئۇنىڭدىن ئاسان ۋاز كەچمەيتتىم، نېمىلا بولمىسۇن، بايا بولغان سۆيۈشۈش يۈرىكىمنى لەرزىگە سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەسئۇلىيىتىمنى ئېسىمگە سالغان سۆيۈشۈش ئىدى.
— بۇرۇن كەلگەندە ئىچىمنى بەك سىقىۋىتەتتىڭ،-دېدى دىلنۇر چىرايىغا ئويچان تۈس بېرىپ،— بۇ بالا سۆيۈشۈشنى ئۇقمامدىغاندۇ دەيتتىم.
— ھازىرچۇ…-دېدىم خۇددى ئىمتىھان نەتىجىسىنى كۆرۈشكە ئالدىراپ كەتكەن ئوقۇغۇچىدەك.
— بولدىغۇ، شۇنچىلىك تەبىئىي ئىشقۇ؟!
— ئۇغۇ شۇ، لېكىن سېنىڭ مۇھەببىتىڭ بولغاندىكىن…—دېدىم ئوڭايسىزلىقتىن قەتئىي قۇتۇلماقچى بولۇپ.
— جۈرئەت قىلالمىدىملا دېگىنە گەپنى ئوچۇق قىلىپ، سېنىڭ قانداقلىقىڭنى مەن بىلمەمدىمەن؟!
بۇ گەپ ماڭا تىغدەك تەگدى، ئۇنىڭ نېرۋىسى چېچىلغاق بولسىمۇ ئەقلى، پىكرى بەزىدە مۇشۇنداق تۇيۇقسىز ئۆتكۈرلىشىپ كېتەتتى.
— بىلىسەن، شۇ، ھەممە ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ…
— شۇڭا ئۆزەم ھەرىكەتكە كەلدىم، ساڭا قاراپ ئولتۇرسام ئوقۇش پۈتتۈرگىچىمۇ ماڭا گەپ قىلمايسەن. ماڭىلا ئەمەس، باشقا ھەر قانداق قىزغا گەپ قىلالمايسەن.
— مېنى بەكلا يۇۋاش كۆرىدىكەنسەن-دە!
— يۇۋاش ئەمەس، بىر ئىشقا ئالدىرىمايسەن، بەك ئېغىر…
— شۇڭا مەن تېخىچە بىر قىزنى تۈزۈك سۆيۈپ باقمىغان…
— ۋاي بىچارە، مۇشۇ ۋاققىچە بىر قىزنى سۆيۈپ باقمىدىڭما؟
— بىرسى بىلەن يۈرۈپ باقمىسام….
— پەخىرلەنسەم بولغۇدەك ئەمىسە… لېكىن بۇ ئوغۇللار پەخىرلەنگۈدەك ئىش ئەمەس.
— قىزلار تۇنجى سۆيگىنىنى قەدىرلەيدىغۇ دەيمەن، لېكىن مەن سېنىڭ تۇنجى سۆيگىنىڭ ئەمەس،-دېدىم، كۆڭۈمدىكىنى كۈلۈپ تۇرۇپ دەۋالغان بىلەن ئىچىم ئاچچىق ئىدى.
— لېكىن مەن سەن ئۈچۈن يېڭى ئەمەسمۇ، ھەر بىر ئوغۇلنىڭ سۆيۈشى ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭغا بېقىپ قىزلارنىڭ لېۋىمۇ ئېچىلىپ تۇرغان گۈلدەك يېڭى تۇرىدۇ، قىزلار پەقەت ئۆزىنى تۇتقۇزۇپ قويمىسىلا مەڭگۈ يېڭى پېتى تۇرىدۇ. پېچىتىنى بۇزۇۋەتكەنلەرنى كونا دېسەڭ بولىدۇ، ئۇلار ئۆتمەس ماتا، زورلاپ ساتا! شۇڭا دۆتلۈكىدىن پۇشايمان يەپ ئولتۇرىدۇ. بىزنىڭ ياتاقتىكى پاسكىنلار ئەنە شۇنداق. ئۇنداق نېمىلەرگە ھېچقانداق ئوغۇل قارىمايدۇ. قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئوينايدىغانلار، ئويناپ بولۇپ تاشلىۋېتىدۇ…
ئۇنىڭ چىريىغا ۋە گەپلىرىگە قاراپ ھەيرەتتە قالدىم، مېنىڭ ئىشەنچىمگە، ياخشى كۆرۈشۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ گەپلەرنى ئۇ ئالدىن ئويلىۋالغاندەك دەۋاتاتتى. ئۇ قىزلىقنى مۇقەددەس بىلىدىغاندەك، ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمىغاندەك، قىزلىقى بۇزۇلمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ مېنىڭ گۇمانىم تېخى يېشىلمىگەنىدى، ئۇ ئۈچ ئەبلەخ خىيالىمدا پەيدا بولۇپ دىلنۇرنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلىۋاتاتتى، ئىشەنمىسەڭ ئۆزەڭ سىناپ باق دەۋاتاتتى. دىلنۇر ئىشتان بېغى بوش قىزلاردىن ئەمەستەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، يەنە بىر جەھەتتىن نېرۋىسىنىڭ چېچىلاڭغۇلۇقى تۈپەيلىدىن ئۆز نەپسىنىڭ ئىختىيارىغا تۇيۇقسىز بېرىلىپ، ئىپپىتىدىن ئايرىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ساتتارنىڭ ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇش ماھارىتىدىن گۇمانلانمايتتىم، ئەخمەتنىڭ گېپىنى پوچىلىق دەپ ئويلىساممۇ، نەچچە يىل دىلنۇر بىلەن سۆيۈشۈپ يۈرگەن زاھىرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا نىيىتىنى بۇزۇپ مەقسىتىگە يەتكەنلىكىگە ئىشەنمەي قالمايتتىم، ھەر قانداق نىيىتى يامان ئوغۇل مەكتەپتىكى مۇھەببەتنى ئەنە شۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئاياغلاشتۇراتتى، بۇنداق قىلمىسا ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدىغاندەك ھېس قىلىشىپ، «مۇھەببىتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈش»كە جان-جەھلى بىلەن تىرىشاتتى، بۇ نىشان ئۇلار ئۈچۈن ھەتتا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى ۋە باكلاۋېرلىقتىنمۇ مۇھىم ئىدى. دېمەك، دىلنۇر مېنىڭ نەزەرىمىدە باشقىلاردىن ئېشىپ قالغان، غاجاپ قويۇلغان، زېدىلەنگەن مېۋە ئىدى. مەن شۇ ھالدا تېخى ئۇنىڭ ئاران لېۋىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن خۇشاللىنىپ، ھاياجاندىن خۇدۇمنى يوقىتىۋاتاتتىم. مۇشۇنداق تۇرسا مەن يەنە ئۇنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىشكە قانداق جۈرئەت قىلالايمەن؟ ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ماڭا يەنىلا سىرلىق ئۆڭكۈر ئىدى، ماھىيەتتە ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ئەمەس، بەلكى كاللىسى، روھى، ھېسسىياتى سىرلىق ئۆڭكۈرگە ئوخشايتتى. ئۇنىڭغا كىرىش تەقەززاسى قورقۇنچ بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا ئۆزەمنى جاسارەتلەندۈرۈش ئۈچۈن قەلبىمدىكى ئەسەبىي ئىستەككە ماسلىشىشىم، غەزەپلىك ۋە كەسكىن بىر ھەرىكەتكە، بىر تەۋەككۇلچىلىككە مۇراجىئەت قىلىشىم كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئىشتىنىنى سالدۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىشتان بېغىنىڭ بوش ياكى چىڭلىقىنى سىناپ بېقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان يەردە ساتتار ۋە زاھىرلارنىڭ ئىزىنى ئەركەكلەرچە بېسىپ، ۋاز كېچىلمەس ھاۋايى ھەۋىسىمنى قاندۇرۇشتىن سۆز ئېچىشىم مۇمكىنمۇ؟
دىلنۇر ماڭا ئارغامچىدەك چىرماشتى، ئۇ چىگىش بىر ئارغامچا ئىدى، ئۇنىڭ تۈگۈنچەكلىرىنى يەشمىسەم ئۇنىمايتتىم. ئۇنىڭ چىگىشلىرىنى يەشكەندىلا ئاندىن پۇخادىن چىقاتتىم، توي قىلىمەن دەپ يۈرگەن يىگىت پېچىتى بۇزۇلمىغان قىزنى ئالىدۇ، ھېچكىمنىڭ بۇ ئۆمۈرلۈك ئىشتا قويۇلۇپ كەتكۈسى يوق. دىلنۇر ئۆزىنى داڭلىسىمۇ مەن ئۇنىڭغا خۇددى ئۆز مېلىنى كۆپتۈرۈپ، ساختا يېرىنى يوشۇرۇۋاتقان پىركازچىك قىزغا ئىشەنمىگەندەك ئىشەنمەسلىكىم كېرەك، لېكىن كۆڭلۈم بەك يۇمشاق، يۇۋاشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆڭلى يۇمشاق كېلىدۇ، ئاسان ئېرىپ تەسىرلىنىپ كېتىدۇ. بىر كۈن بولسىمۇ يۇمشاقباش بولاي، تەسىرلىنىپ خۇدۇمنى يوقۇتاي، ئۇنىڭغا ئېسىلاي، نەپسىمگە قاناي دەپ ئويلىدىم، كارىۋاتتا ئۇزاققىچە ئۇنىڭ گېپىنى تىڭشاپ، نەچچە ۋاقىتتىن مەن ھەۋەسلىنىپلا يۈرگەن نازۇك بەدەنلىرىنىڭ ئۇ يەر-بۇ يېرىنى سىلاپ، سۇس لەۋسۇرۇخ سۈرۈلگەن لەۋلىرىگە پات-پات سۆيۈپ، ئاران تەستە ئېرىشكەن بۇ ۋىسال پەيتىدىن داۋاملىق شادلاندىم. «موللا كۈلمەيدۇ، كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ»دېگەن تەمسىل مەندە ئىجرا بولۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ تاياقتەك تۈز، ئۇزۇن پاچاقلىرىنى سىلاۋېتىپ قولۇم سېھىرلىك جايغا كېتىپ قالغاندا ئۇ قولۇمنى ئىتتىرىۋېتىپ ماڭا لەپپىدە قارىدى، سەت ئالايدىمۇ ياكى تاتلىق جىلمايدىمۇ ئۇقالمايلا قالدىم، ئۇنىڭ سىرلىق تىكىلىشلىرىنى گاھىدا پەقەت ئاڭقىرغىلى بولمايتتى. ئۇ چەكلەنگەن رايونغا كىرىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە بېرىلگەن بىشارەت ئىدى، ساغرىسىنى قىسىپ تۇرغان شىمى ئۇنى قىزلىق ھەۋىسى تولۇپ تېشىپ تۇرغاندەك كۆرسىتىپ مېنى تىنماي بىئارام قىلاتتى، قولۇم ئىختىيارىمغا بويسۇنمايتتى، يەنە نەچچە قېتىم شۇ يەرگە يېقىنلاپ كەلدىم، ئۇ يەنە قولۇمنى تۇتۇۋالدى، كۆزىنى يۇمۇۋالدى، مېنىڭ يۇۋاشلىقىمغا ھەقىقىي ئىشەنگەندەك قىلاتتى، بۇ ئىشەنچنى يەردە قويسام بولمايتتى، ھازىرچە چىن ماھىيەتنى ئاشكارىلاشقا، تۇيۇقسىز ھايۋانغا ئايلىنىپ كېتىشكە بولمايتتى، مۇشۇنداق ئىككىلىنىش ئەمەلىيەتتە بىر بىچارىلىك ئىدى، دىلنۇرمۇ بۇنىڭدىن بىئارام بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ھەر ئىككىلىمىزنىڭ مۇراد-مەقسىتى بىر ئەمەسمىدى؟ سۆيۈشكەندە بىر ئىدۇق، شىمنى يەشكەندە ئايرىلدۇق… مەيلى نېمىلا بولسۇن، قانغۇدەك ھاياجانلاندىم، قاغجىراپ كەتكەن ئېڭىزلىقىمغا سۇ باشلىۋالدىم، ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ياشىرىپ كۈلدۈم. كونا، لەش كۆلدىن يېڭى، سۈزۈك كۆلگە سەكرەپ چىققان پاقىنىڭ شادلىقىغا يەنە نېمە يەتسۇن! ، نەپسىمنى مۇشۇ يەرگىچە بولدى قىلدىم ، كەيپىياتقا بېقىپ ئازادە ياشىشىم كېرەك ئىدى. دىلنۇر ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ كارىۋاتتىن چۈشتى، ئۇ ئۆرە تۇرۇپ كوپتىسىنى ئوڭشاۋاتقاندا يەنە ئۆزەمنى باسالماي ئۇنى قۇچاقلىۋالدىم، ئۇ ئۆرە تۇرغاندىمۇ شۇنچە جەلىپكار ئىدى!
بازارغا ماڭدۇق، قىستاڭ ئاپتوبۇستا مىجىلىپ كەتكۈدەك قۇچاقلاشتۇق، ئۇنىڭ چىڭ كۆكسى شۇنچە بېسىلدى، يەنە ئەسلىگە قايتتى. ئاياللارنىڭ ئىلاستىكىلىق كۈچى شۇنچىلىك زور ئىكەنكى، چۈرۈك ئەرلەر ئۇلارغا مەڭگۈ تەڭلىشەلمەيدۇ. دۇنيانى ئەرلەر باشقۇرغان بىلەن ئەرلەرنى ئاياللار باشقۇرىدۇ. ئاياللار پەردە ئارقىسدا تۇرۇپ جاھاننى چۆگىلىتىدۇ. ھەر قانداق بىر ئەركەك ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايالنىڭ ئالدىدا قۇلدىن بەتتە بىچارىدۇر، قىزلار قېرىپ كېتىشتىن ئاۋۋال بارچە زىبالىقى، جەلپكارلىقىدىن، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان شادلىقتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ. مەن دىلنۇرنىڭ بەدىنىدىن، قىلىقىدىن مۇشۇ ياشتىكى بارلىق قىزلارنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتا ئىدىم. دىلنۇر مېنى ئېزىقتۇرۇپ سۆيدۈرۈپ، ئارقىدىن كەينىگە سېلىپ بىر يەرگە ئەكەلدى. چوڭ سودا سارايلىرىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى زىبۇ زىننەت، پەرداز بويۇملىرى، ئاياغ، سومكىلارنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ، ئىككىنچى قەۋىتىدىكى كىيىملەرمۇ ئاياللارنىڭ، ئۈچىنچى قەۋەتتىكى ماللارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئاياللارنىڭ، تامدىكى، ئەينەكتىكى پۈتۈن ئېلانلاردىكى نەرسىلەر ئاياللارنىڭ، جاھاننىڭ جىمى زىننىتى، كۆزنى پارقىرىتىدىغان، ھەۋەسنى قوزغايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ ئىدى. ئەگەر مەن دىلنۇرغا ئۇ تەلمۈرۈپ قاراپ كەتكەن ئالتۇن ھالقا، ئالماس ئۈزۈكلەردىن بىرنى ئېلىپ بەرسەم تەسىرلىنىپ مېنى مەقستىىمگە يەتكۈزەرمۇ؟ مەن ئۇنى ئېلىپ بېرەلمەيمەن، ئۇمۇ ئۆزىنى ماڭا ئاتىۋەتمەيدۇ. ئۆزىنى ئەرزىنىغا ئاتىۋېتىدىغان، بەدىنىنى بىر دەملىك ھەۋەسكە سېتىۋېتىدىغان قىزلار قانداق قىزلاردۇ؟ دىلنۇر نەگە ماڭسا شۇ يەرگە ماڭدىم، نېمىگە كۆزى چۈشسە شۇنىڭ باھاسىغا قارىدىم، ھەممىسى زەھەردەك قىممەت نەرسىلەر ئىدى، بىر كوپتا ياكى يوپكىغا، بىر ئىشتانغا بىر ئايلىق مائاشىم يەتمەيتتى، ئۇ مېڭىپ ھاردى، كۆزلىرى تالدى، ئامالسىز ياندى، كۆزى كەينىدە قالدى. بۇ سودا سارىيى ئەسلىدىمۇ بىزدەكلەر كىرىدىغان يەر ئەمەس ئىدى. مەن بۇ يەرگە كېلىپ ئۆزەمنى خۇددى ئۇنىڭغا تويلۇق ئالغىلى كەلگەندەك ھېس قىلدىم. دىلنۇر راستىنلا مېنىڭ خوتۇنۇم بولۇپ قالارمۇ؟ تويدىن ئاۋۋال مەقسىتىمگە يېتىۋالسام تاشلىۋېتىمەن، شۇڭا ئۇمۇ مېنى مەقسىتىگە يەتكۈزمەيدۇ، لېكىن ئۇنى ئالداپ ياكى زورلاپ مەقسىتىگە يەتكەنلەرچۇ؟ ساتتار بىلەن زاھىر يەنە كۆزۈمگە كىرىۋالدى، ساتتار دىلنۇرغا قىممەت بىر نەرسە ئېلىپ بېرىپ، يالغان ۋەدىدىن بىرنى قىلىپ، بارچە ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ مەقسىتىگە يەتكەن بولسا، زاھىر دىلنۇر بىلەن نەچچە يىل يۈرۈپ، سۆيۈشۈپمۇ زېرىكىپ ئاخىرى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانغا ئاز قالغاندا ئارزۇسىنى قاندۇرغانىدى، بولمىسا ئۇ دىلنۇرنى ئالدىراپ تاشلىۋەتمەس، تاشلىۋېتىش ئالدىدا خالىغانچە بوزەك قىلىپ ئۇرۇپ يۈرمەس ئىدى، دىلنۇرمۇ ئالدىنىپ قىزلىقىدىن ئايرىلمىغان بولسا چىشى بۆرىدەك ۋەھشىلىشىپ ئۇنىڭغا قول ياندۇرۇپ سوقۇشماس ئىدى. پېچىتى بۇزۇلۇپ پېتىدىن چۈشكەن ئۇ ئەرزىمەس قىز مەكتىپىدە يۈزى تۆكۈلۈپ، باشقا بىر ئوغۇلنى تاپالماي، مەن يۇۋاشنى ئىزدەپ كېلىپ مېنى بىر دەمدىلا كەلتۈرۈۋالغاانىدى. شۇنداق تۇرسا مەن ئەخمەق ھېچنېمىنى بىلمەي، خام تامادا پۇچۇلىنىپ يۈرەمدىمەن؟ بۇ قاپقارا گۇمان، خۇنۇك ئاچچىقىمدىن بىخەۋەر ئالدىمدا نايناقلاپ كېتىۋاتقان دىلنۇر شۇ ئەسنادا كۆزۈمگە نىمكەش مالدەك، بۇزۇقلۇق كوچىسىغا يېڭىدىن كىرىپ كەلگەن قىزدەك بەدبەشىرە كۆرۈنۈپ كەتتى. ھازىرقى ئاچچىقىم داۋاملاشسا ئۇنى كەچتە ياتىقىمدا بىر نېمە قىلىۋېتىشىم ئېنىقتەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئوبرازىنى خىيالىمدا قانچىكى خۇنۇنكەشتۈرسەم شۇنچە خۇنۇكلەشتۈرۈپ، يۈزىگە قانچىلىك قارا سۈرسەم شۇنچە سۈرۈپ، قەدىر-قىممىتىنى قانچىكى چۈشۈرسەم شۇنچە چۈشۈرۈپ، نەزىرىمدە ئۇنى ئەرزىمەس بىر لاتا قورچاقتەك قىلالىسام ئۇنىڭغا چېقىلىش جاسارىتىم شۇنچە كۈچىيىپ مەقسىتىمگە تېزرەك يېتىدىغاندەك قىلاتتىم. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئاچچىق مەندە جۈرئەت پەيدا قىلىشقا باشلىدى. بۇ جۈرئەتنىڭ نېمىشقا بايا ياتاقتا پەيدا بولمىغانلىقىغا ئېچىندىم، غەزەپلىك ئىرادە ئاجىز قەلبىمگە شۇنچە تېز يېتىپ كەلدىكى، ئۆزگىرىپ باشقىچە بولۇپ كەتتىم. دىلنۇر ئىچىمدىكى سىقىلىشتىن، غەزەپلىك ئىسيانلاردىن، دۈشمەنلەرچە پىلانلىنىۋاتقان جەڭنىڭ تەييارلىقىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدى.
زىبۇ-زىننەت، ئالىي كىيىم-كېچەك ماڭا تولىمۇ يات بىر نەرسىلەر ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ جەزبىدارلىقى ئاياللارنى ساراڭ قىلاتتى. دىلنۇر ماڭا ئەمدى پەقەت قاراپ قويمىدى، ئۇنىڭ ئەينەك جازىغا قارىغاندىكى كۆزلىرىدە ئەكس ئەتكەن تەشنالىق شۇ قەدەر كۈچلۈك ئىدىكى، ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىگىمۇ بۇنداق قارىمىسا كېرەك. خېلى ئۇزاق ئايلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر دۇكاندىن كەينىدە زەر نەقىشلىرى بار پادىچى شىمى ئېلىپ بەردىم، يېڭى چىققان مودا بولسا كېرەك، دىلنۇر ئۇنى كىيىپ ئەينەككە قاراپ بېقىۋىدى، ساغرىسى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى، 80 كويغا رازى بولۇپ قالدىم. ئۇ يەنە يالغان چاچ ساتىدىغان بىر دۇكانغا كىرىپ سېرىق، بۈدرە بىر چاچنى كىيىپ باقتى، ئەينەككە قاراپ كۈلۈمسىرىدى، ماڭا بوپتۇمۇ دېگەندەك قارىدى، بىر مىنۇتتىلا سېرىق چاچ سەتەڭگە ئۆزگىرىپ كەتكەن دىلنۇر ساتراچخانىلاردىكى بۇزۇقلارنى ئېسىمگە سېلىپ قويدى، ئوبرازى قەلبىمدە تېخىمۇ ساختىلىشىپ، خۇنۇكلىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ قەلبى ئۆلگەن، ۋۇجۇدىدا پەقەت ھەۋەسلا بار ئىدى. جەمئىيەتكە چىقىش ھەۋىسى، ئەرگە تېگىش ھەۋىسى، كىيىم، زىبۇزىننەت، يالغاچ چاچ ھەۋىسى… ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇپ بولالامدىمەن؟ ئاۋۋال قايسى ھەۋىسىنى قاندۇرۇشۇم كېرەك؟ ھەر قانچە بولسىمۇ بۇ سېرىق چاچنى ئېلىپ بەر دېمەيدىغاندۇ بۇ ساراڭ! ئۇنىڭغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ قويدۇم، «سەن ئورۇق بولغاندىكىن يارىشىدىكەن، چەتئەللىككە ئوخشاپ قالىدىكەنسەن» دەپ قويدۇم. ئۇ ئۆزىنى چەت ئەللىككە ئوخشاتقانلىقىمدىن پەخىرلىنىپ كۈلدى. چەت ئەللىك قىزلار جىنسىيەتتە ئەركىنمىش، بۇنى دىلنۇر بىلەمدىغاندۇ؟ چوقۇم بىلىدۇ، يوشۇرۇن ئېڭىدا ئاشۇنداق قىزلاردەك ياشاشنى، ياش بەدىنىنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى ئويلايدۇ، دىلنۇرنىڭ زىيادە تار كۇسار، تار ئىشتان كىيىشلىرى چەت ئەللىك قىزلارنى دورىغانلىقى، تەبىئىي تەقەززالىرىنى تەبىئىي قاندۇرۇشى بولماي نېمە! قىزلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئىنچىكە تەتقىق قىلغانمەن، بۇ جەھەتتە شۇنچە سەزگۈر ۋە بىلىملىك تۇرۇپ، كۆپلىگەن ئىشلارنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزەلمىدىم. نادانمەن، بىچارىمەن، دىلنۇردەك قاقۋاشنىڭ قۇچىقىغا يىقىلغان مەجرۇھمەن.

6

شۇنداق قىلىپ دىلنۇر بويتاقلىق ھاياتىمغا بۆسۈپ كىردى، يۈرىكىمدىن ئەمەس، جىنسىي ھېسسىياتىمدىن بۆسۈپ كىردى. دەسلەپتە ئۇنىڭغا قىزىققانلىقىم پەقەت جىنسىي تەلپۈنۈشۈمدىن بولغان، ئارىلىقتا ئۇ باشقىلارنىڭ ھەۋىسىگە تۇترۇق بولدى، كېيىن يەنە ماڭا ئېشىپ قالدى. ئۇنىڭ قەلبىدە مەن ياخشى كۆرگىدەك خىسلەتلەرنىڭ تولىمۇ ئازلىقىنى بارا-بارا ھېس قىلىشقا باشلىدىم، بەزىدە سوقۇشۇپ قالاتتۇق، بۇنىڭغا كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ خىزمەت ئىشى توغرۇلۇق بېشىمنى ئاغرىتىشى سەۋەب بولاتتى. ئۇ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرەتتى. ئۇنى ئىدارەمگە ئېلىپ قېلىشىم كېرەك ئىكەن. مەن بۇنى ئەزەلدىن ئويلاپ، تەسەۋۋۇرۇمغىمۇ سىغدۇرۇپ باقمىغانىدىم. ئۇنىڭ كەسپى بىلەن مېنىڭ ئىدارەمنىڭ خاراكتېرى زادىلا ماس كەلمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ئەگەر ئۇنىڭ توي قىلىمەن دېسەم قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن ئۇنى بېيجىڭدا ئېلىپ قېلىشىم كېرەك ئىدى. ئۇ ھەر قېتىم كەلسە سۈيلەتتى، باشلىقىڭغا دېدىڭمۇ دەپ كۆزۈمگە كىرىۋالاتتى، ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بولغۇدەك بىر گەپنى دېمىسەم شۇ ھامان بۇتناپ تەتۇر قاراپ ياتاتتى، بۇ چاغدا ئۇنى سىلاش، سۆيۈش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، ئىشتان بېغىغا قول ئۇزىتىشىمغۇ ئاسماندىكى ئايغا قول ئۇزاتقاندەك ئىمكانسىز ئىش ئىدى. بۇ مەقسەتكە ئىزچىل يېتەلمەي كەلدىم، شەيتىنىم ئازابلاپ كەلدى، نەپسىمنى قاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ئۇنىڭغا بەدەل تۆلىشىم كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي ھەۋەسكە باغلىنىپلا ئارىلىشىپ قالغاندىن بۇيان بۇرۇنقى ئەركىنلىكىم يوقالدى، ئۇنى ئاز دەپ ئۇنى سۆيۈشمۇ يېڭىلىق تۇيۇلمايدىغان، نەپسىم ئۇنىڭغا رازى بولمايدىغان، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ ماڭا چوڭ ئىش قىلىپ بەرگەندەك مەندىن ئارتۇقچە نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇۋالدى. ھەممە ئىشىمغا ئارىلىشىپ، گويا ھامان مېنىڭ خوتۇنۇم بولۇپ قالىدىغاندەك بىر نىيەتتە مېنى ھازىردىن باشلاپ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئوڭشاشقا، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. شەنبە-يەكشەنبىدە گەپ تالىشىپ قالماي ئۆتكەن كۈنلىرىمىزدە بىز گويا توي قىلىپ بولغان ئەر- خوتۇنلاردەك ياشايتتۇق، ئارىمىزدا پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەتلا كەم ئىدى. ئۇ بۇ مۇناسىۋەتنىڭ قىممىتىنى، ئېلىپ كېلىدىغان نەتىجىسىنى ئېنىق بىلگەچكە ئالدىراپ ئۆزىنى تۇتقۇزمايتتى، ھاياجانلانسىمۇ دەرھال ئۆزىنى تۇتۇۋالاتتى. بەدىنىنى كۆرسىتىپ قويۇپ، ھەۋەسنى ئۆرلىتىپ قويۇپ، ئۇشتۇمتۇت مۇزدەك قېتىۋالاتتى، جىسمىدىكى سېھرىي كۈچنى ماڭا يوشۇرۇن كۆز-كۆز قىلاتتى، مېنى قىينىۋالغانلىرىدىن خۇش بولاتتى. مەن ھەۋەس ساھىلىدا تاشپاقىدەك ئۆمىلەيتتىم، ئۆزەم ئۇزاق يىللاردىن بۇيان شەكىللەندۈرۈۋالغان قېپىمدىن چىقالماي تىپىرلايتتىم. ھېسسىياتىم دولقۇنلىرى قىرغاققا ئۇرۇلۇپ يەنە ئارقىغا ياناتتى. بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ كەتتىم.
بىر شەنبە كۈنى ئۇ يەنە كەلدى، باشلىقىمغا تېخىچە ئۇنىڭ ئىشىنى دېمىگەنىدىم. دېسەممۇ ئۇ باشلىقنىڭ قولىدىن ئۇنداق مۇھىم ئىشلار كەلمەيتتى، بېيجىڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئىشلەيدىغان ئىدارىلەردە خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھازىر ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان بىر ئىش ئىدى. ئۈمىد چوڭ ئەمەس، ئەمما يوقمۇ ئەمەس ئىدى. باشلىققا نېمە دېيىشىم، قانداق دېيىشىم كېرەكلىكىنى ئويلىنىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈاتاتتىم. يەنە كېلىپ مەندەك ئىچ مىجەز، ئۆزىگە بېكىنىپلا ياشايدىغان ئىنساننىڭ باشلىق بىلەن ئىچقويۇن، تاشقويۇن بولۇپ ياشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئادەتتىكىدەك ياخشى مۇئامىلىنىمۇ چەكتىن ئاشۇرۇۋەتسەم ئۆزەمگە خوشامەتچىلىكتەك تۇيۇلۇپ ئىچىم سىقىلاتتى. قىسقىسى، مەن مۇناسىۋەتكە تولىمۇ خام ئىدىم، چىش يېرىپ بىرسىگە ھال ئېيتىشقا ھارسىناتتىم. دىلنۇرنىڭ كېلىشى ماڭا يەنە قەرزدارنىڭ قەرز سۈيلەپ كەلگىنىدەك تۇيۇلدى، قىلچە خۇش بولمىدىم، ھاياجانلانمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قەرزنىڭ بېسىمى بارغانچە كۈچييىۋاتاتتى.
— ئىشىمنى دېدىڭمۇ؟- دېدى ئۇ دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن. چىرايىدا يەنە قانداقتۇر بىر ئامالسىزلىق، دېلىغۇللۇق، بىزارلىق پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
— تېخى دېمىدىم،- دېدىم ئۇنىڭ چىرايىغا قارىماي.
— نېمىشقا دېمەيسەن؟
— دېگۈدەك پۇرسەت يوق.
— قانداق پۇرسەت يوق، كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرىدىغانسىلەر؟ ئايغا چىقىپ كەتمىگەندۇ ئۇ باشلىقىڭ؟
— باشلىق بىلەن تازا ئېپىم كېلىشمەيدۇ. مۇناسىۋىتىمىز ياخشى ئەمەس.
— مەن بىلەتتىم، سەن زادى ئۇنداق ئىشلارغا بەك خام. بېشىڭنى ئىچىڭگە تىقىپلا يۈرۈيسەن، مۇناسىۋەت دېگەننى ئۇقمايسەن. قانداق بولۇپ بېيجىڭدا قېلىپ قالغىنىڭغا ھەيرانمەن. ئوغۇل بالا دېگەن مانداق جۈرئەتلىك، كەسكىنرەك بولمامدۇ؟ نەچچە قېتىم بولدى، دېمىدىملا دەيسەن، ھازىر دېمىسەڭ قاچان دەيسەن، يەنە ئىككى ئايلا قالدى، مۇشۇنداق يۈرىۋەرسەڭ كېچىكىمىز…
مەن مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ”مۇشۇنداق يۈرىۋەرسەڭ ئىشىمىز ئاقمىغۇدەك، سەندەك نېمىگە ئۈمىد باغلاپ ياشىغىچە شىنجاڭغىلا كېتەي“ دېيىشىنى كۈچلۈك ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى، ئۇنىڭدىن بۇرۇنراق قۇتۇلۇپ ئازادىلىككە چىقىشقا شۇنچە تەشنا بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئەپسۇس، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۇنداق نىيىتى يوقتەك قىلاتتى. ھەتتا بۇ گېپى مېنى چۆچۈتىۋەتتى:
— سەن دېيەلمىسەڭ ئۆزەم كىرىپ دەيمەن.
داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدىم، كاللامغا ھېچقانداق پىكىر، ئېغىزىمغا ھېچقانداق گەپ كەلمىدى. ئۇنىڭغا ئەجەبلىنىپ، ئەجەبلىنىشتىن بەكرەك غەزەپلىنىپ تۇرۇپ قالدىم.
— ساڭا قاراپ تۇرسام ئىش ئاقمىغۇدەك…
مانا شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ دەردى بارلىقىغا تولۇق ئىشەندىم.
— سەن… سەن قانداق دەيسەن؟
— نېمىشقا دېيەلمەيمەن، باشلىقىڭنىڭ ئىشخانىسىغا بىللە كىرىمىز.
— قانداق بولىدۇ… تۈزۈك گەپ قىل.
— تۈزۈك گەپنى سەن قىل، گېپىڭنى ئوڭلاپ قىلالمىغاچقا مەن بىللە كىرەي دەۋاتىمەن.
— توۋا دېگىن، بولدى ئۆزەم دەيمەن.
— توي قىلىمەن دەپ يۈرگىنىڭدىن ئۇلارنىڭمۇ خەۋىرى باردۇ؟ سەن دېمىگەن بىلەن ئۇلار سېنىڭ ئىشلىرىڭنى بىلىدىغاندۇ؟ كىرىپ دېسەڭ نېمە بولىدۇ ئەلۋەتتە، بېشىڭنى ئېلىۋېتەمدۇ؟
راست، ئۇ كاتىباشتىن نېمىشقا قورقىمەن؟ . دىلنۇر بىلەن كىرىپ ئۇ ئادەمنى چۆچۈتىۋەتكىنىمدىن كۆرە ئۆزەمنىڭ كىرگىنى ياخشى. ئۇزاق ۋاقىت تۇرمۇشۇم توغرۇلۇق باشلىققا بىر نەرسە دەپ باقمىغاچقا، ئاقمايدىغان ئىشقا ئىچىمنى سىقماي، ئەھۋالغا قاراي، دېمەيلا قوياي، ئازادە ياشاي، كەيپىمگە باقاي… دەپ سۆرەلمىلىك قىلدىم.
— سەن كىرسەڭ سەت تۇرىدۇ، سەن ئۇقمايسەن، باشلىق دېگەننىڭ سۈرى بار. قالايمىقان گەپ قىلغىلى بولمايدۇ، مەنمۇ نەچچە ۋاقىتتىن بۇ ئىشنى ئويلاپ يۈرۈۋاتىمەن…
— ئويلاپ-ئويلاپ، شۇنچە ئويلاپ بولالمىغۇدەك، دەپ بولالمىغۇدەك گەپمىدى ئۇ؟
— سەن بىزنىڭ باشلىقنى چۈشەنمەيسەن…
— چۈشەنسەم- چۈشەنمىسەم، بەرىبىر، ئۇ كىشى ئادەم يېمەيدىغاندۇ؟
— بىزنىڭ باشلىق ئىچ-سىرىنى ئۇققىلى بولمايدىغان ئادەم، بىرەر ئىش بولمىسا نەچچە ھەپتە كۆرۈشمەيمىز . مۇناسىۋىتىمىز پەقەت شۇ : ئۇ مېنى باشقۇرىدۇ، مەن بويسۇنىمەن.. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىش ئۇ ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ…
— قولىدىن كەلمىسۇن-كەلمىسۇن، سېنىڭ ئىشىڭغا ئىگە بولىدىغان ئادەم شۇ. سېنى ئېشەكتەك ئىشلىتىپ تۇرمۇش ئىشىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان قانداق باشلىق ئۇ؟
— ئۇ ئادەمنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرى بەك جىق. بىزگە قاراپ بولالمايدۇ. شۇڭا ئاۋارە قىلغۇم كەلمەيدۇ.
— بۇرۇن ئاۋارە قىلمىغان بولساڭ، ئەمدى بىرەر قېتىم ئاۋارە قىل، تالاغا ئەچىقىپ مېھمان قىل. گالدىن بىر نېمە ئۆتكەندە تاش بولسىمۇ ئېرىيدۇ.
— ئۇ ئادەم بىلەن بىللە تاماق يېيەلمەيمەن، ئېچىلىپ- يېيىلىپ پاراڭلىشالمايمەن.
— بۇرۇن بىرەر قېتىممۇ بىللە تاماق يەپ باقمىغانما؟
— يەپ باققان، لېكىن ئۇ چاغدا باشقىلارمۇ بار.
— توۋا، سەن مۇشۇ ۋاققىچە باشلىقىڭ بىلەن قانداق ياشىدىڭ؟ مەن بولغان بولسام سىقىلىپ ئۆلۈپ قالغۇدەكمەن.
— دېدىمغۇ، ئۇ مېنى ئىشقا بۇيرۇيدۇ، مەن قىلىمەن. پەقەت شۇلا.
— ئۇ ئادەم سېنى ماشىنا ئادەمدەك باشقۇرۇپلا كەلگەن دېگىنە.
— توغرا دېدىڭ، مەن ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاچقا ئۇ گەپنى دېسەم غەلىتە تۇيۇلىدۇ…
— قورقۇنچاقلىق قىلماي بىر دەپ باققىن.
— ماقۇل، دۈشەنبە كۈنى چوقۇم دەيمەن…- دېدىم ئۇنى ئۆزەمگە تارتىپ.
ئۇ مېنىڭ ۋەدەمگە، بۇ ۋەدەمدىكى ئىشەنچكە ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن ھەۋىسىمگە يول قويدى. مۇزدەك سۆيۈشتۇق. ھەۋەس ئوتى بەدەنلىرىمگە ياماشقان بولسىمۇ چەكلەنگەن رايونغا يەنە ھۇجۇم قىلالمىدىم، مەندە يەنىلا يېتەرلىك سالاھىيەت، ئىمكانىيەت يوق ئىدى. شەنبە-يەكشەنبىنى گەپ تالاشماي، سەتلەشمەي ئۆتكۈزدۇق، ياتاقتا تاماق ئېتىپ يېدۇق، بازار ئايلاندۇق، باغچىغا كىردۇق، رەسىملەرگە چۈشتۇق. پۇلۇم ھەۋەس بىلەن تەڭ كۆيەتتى، پۇلۇم كۆيۈپ بولغاندا ئۇ مېنى سۆيەتتى. يەكشەنبە كەچتە بېكەتكىچە مېڭىپ ئۇنى مەكتىپىگە ئۇزىتىپ قويدۇم. مېڭىش ئالدىدا ئۇ مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: ”ئەمىسە ئەتە چوقۇم دە- ھە! خۇش خەۋىرىڭنى كۈتىمەن“ دەپ ئايرىلدى. ئاپتوبۇس كەتكەندىن كېيىن يېنىك نەپەس ئالدىم، لېكىن، شۇ گەپنىڭ بېسىمى يەنە ئىچىمنى سىقتى.
دۈشەنبىنى ئۆتكۈزۈۋەتتىم. سەيشەنبىمۇ قويۇن تازدەك ئۆتۈپ كەتتى، چارشەنبە كۈنى باشلىق ئىشقا كەلمەپتۇ. پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ تېلېفونغا نەچچە قول ئۇزاتتىم، ئادەتتە خىزمەت ئىشى بولسا باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون ئۇرۇپ، بار بولسا ئاندىن كىرەتتىم. نەچچە ئىككىلىنىشلەردىن كېيىن تېلېفون ئۇردۇم، ئادەم يوق. يوق بولغىنىمۇ بوپتۇ دېدىم، لېكىن ئۇ گەپنى زادى دېمەي بولمايتتى. قولۇم ئىشقا بارمىدى. بىر دەمدىن كېيىن ھاجەتخانىغا كىرىپ تۇرۇشۇمغا توساتتىن باشلىقىم كىرىپ يەنە بىر چەتتە ھاجىتىنى راۋا قىلىشقا باشلىدى. ماڭا بىر قاراپ قويدى، كاللامدا شۇئان بىر قاتار جۇشقۇن پىكىرلەر پەيدا بولدى: سۈرلۈك كۆرۈنگەن بۇ باشلىقمۇ ئەمەلىيەتتە يەيدىغان، چىقىرىدىغان ئادەمغۇ؟ ھاجەتخانىغا كىرىپ مەن بىلەن ئوخشاش ئورۇن، ئوخشاش مەۋقەدە تۇرۇپ تەرەت قىلىدىغۇ؟ ياشلىقىدا ئۇمۇ ھەۋەسنىڭ كەينىدىن چېپىپ، ھېسسىيات ئوچىقىغا ئوت قالاپ، خوتۇن ئېلىپ بالا تېپىپ يۈرگەنغۇ؟ ئادەم بولغاندىكىن، تەلەپ ئېھتىياجلىرىمنى چۈشىنەر؟ ئىلتىماسىمنىڭ ھەيران قالغۇدەك، بولمىغۇدەك نەرى بار؟
مۇشۇ ئىلھام غەيرىتىم بىلەن ، ھاجەتخانىغاماڭغان تەقەززالىقتەك تەبىئىيلىك بىلەن باشلىقىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ تولىمۇ تەستە ھالىمنى ئېيتتىم. باشلىق قولىدىكى ئىشنى توختىتىپ، ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قارىدى (بۇنى بۇرۇنلا پەملىگەنىدىم)، ئاندىن بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەسلىكىنى، ئەسلىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالغاندەك بولدى، ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. مەن دېيەلمىگەن ياكى ئۇنتۇپ قالغان گەپلەرنى ئۆزىنىڭ ئۇششاق سوئاللىرى بىلەن بىر-بىرلەپ ئېسىمگە سالدى ۋە تولۇق جاۋاب بەرگۈزدى. باشلىق دېگەن باشلىق-دە، ئىشنى پۇختا قىلمىسا باشلىق بولالمايدۇ. ئەمدى ئۇنىڭ قانداق ئىپادە بىلدۈرۈشىدىن قەتئىينەزەر، زىممەمدىكى بىر ئېغىر يۈك غۇلاپ چۈشكەندەك يېنىكلەپ قالدىم.
— خىزمەت ئىشىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ ئۇكام،- دېدى ئۇ گەپنى ئوچۇق قىلىپ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ سۆزىدىكى مېھرىبانلىقتىن تەسىرلىنىپ كەتتىم،– نوپۇسىنى ئېلىپ قېلىشقا يول ماڭساق بولىدۇ. ئىلتىماستىن بىرنى يېزىڭ. مەن ئىمزا قويۇپ تەستىقلاپ بېرەي، كادىرلار ئىشخانىسىغا بېرىپ قويسىڭىز قالغان ئىشنى شۇلار قىلىدۇ.
بۇمۇ چوڭ ھىممەت ئىدى، باشلىقىمغا رەھمەت ئېيتىپ يېنىپ چىقتىم. بۇ ئادەمنى ئىلگىرى خاتا چۈشىنىپ يۈرگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. شۇ كۈنىلا ئىلتىماستىن بىرنى يېزىپ، باشلىقىمغا تەستىقلىتىپ، كادىرلار ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ بەردىم. ئۇ يەردىن چىققاندا راھەتلەندىم، گويا ئەمدى دىلنۇردىن نېسىۋەمگە ئېرىشەلەيدىغاندەك ھاياجانلاندىم، يايرىدىم، تىترىدىم. شۇ كۈنىلا دىلنۇرغا تېلېفون قىلىپ خۇشخەۋەر يەتكۈزدۈم، ئەمما ئۇ ئانچە خوش بولماي كەيپىمنى ئۇچۇرىۋەتتى.
— نېمىشقا مېنى ئىدارەڭگە ئېلىپ قالمايدىكەن؟- دېدى ئۇ يەنە مېنى سوراققا تارتىپ.
— كەسپىڭ ماس كالمەيدىكەن. دېمىسىمۇ بۇ ئىدارىگە كەسپىڭ پەقەت ئۇدۇل كەلمەيدۇ.
— خىزمەت بولمىسا نوپۇسنى نېمە قىلىمەن مەن؟ ھازىرمۇ مېنىڭ نوپۇسۇم بېيجىڭدا…- دېدى ئۇ چالۋاقاپ.
— مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسىڭنى شىنجاڭغا يۆتكىۋېتىدۇ. ئەگەر ئىدارە يول ماڭسا نوپۇسۇڭ بېيجىڭدا قالىدۇ، نوپۇسۇڭ بېيجىڭدا قالسا خىزمەت تېپىشىڭ ئاسان.
— ئۆيدىكىلەرگە نېمە دەيمەن مەن؟! ئۆيدىكىلەر ئۈرۈمچىدىن خىزمەت تېپىڭ دېگەن، مەن بېيجىڭدىن خىزمەت تېپىپ بولدۇم دەپ يالغان سۆزلەمدىمەن؟!
— باشلىق ھېلىمۇ جىق كۆڭۈل بۆلدى، ئەمدى قانداق قىلىپ بەرسە بولىدۇ؟- دېدىم ئاچچىقلىنىپ،- كەسىپ ئۇدۇل كەلمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر-خوتۇن بىر ئىدارىدە ئىشلىسە بولمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ ئىدرىمىزنىڭ يېڭى قائىدىسىمىش..
— ساراڭكەنغۇ ئۇلار!! – دەپ توۋلاپ سۆزلەپ كەتتى ئۇ،- قانداق كاللىسى ئىشلىمەسنىڭ چىقارغان قائىدىسىكەن ئۇ… جاھاندا نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن، بىز دېگەن ئاز سانلىق مىللەت تۇرساق.. ئېتىبار قىلسا بولىدۇ… بەكرەك دەپ باقساڭ بولمامدۇ؟
— نېمە دەيدىغاندۇ، ئېتىبار دېگەن نېمە يوق ھازىر. چىدىساڭ ئىشلە، چىدىمىساڭ ماكانىڭغا كەت دەيدۇ . ئىشسىزلىق ئېغىر تۇرسا ھازىر…
— ئالتە يىل ئوقۇپ، خىزمەت تاپالماي بېزىرىپ يۈرەمدىمەن ئەمدى؟ نوپۇس قەغىزىگە گول بولۇپ قاچانغىچە ساقلايمەن؟
— مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغىنى شۇنچىلىك،- دېدىم جىددىيلىشىپ، شۇ تاپتا ئۇنىڭدىن ئۈمىدىمنى ئۈزمەكتە ئىدىم، بەلكىم راھەتلىنىپ قالارمەن ياكى ھەسرەتتە قالارمەن، بۇ پەيتتە ئۇنى ئويلىغۇدەك ۋاقىت، كاللا يوق ئىدى مەندە…
— بىلىمەن، سەن زادى شۇنچىلىك…
ئۇ تېلېفوننى قويۇۋەتتى، چوڭ بىلگەن ئىشىم شۇنچىلىك ئىدى، چىڭقىلىپ پۈۋلەپ ئاران يوغانتقان شارىمنى ئۇ بىر مىخ تىقىپلا پاڭ قىلىپ ئېتىۋەتتى، ھاياجانلىرىمنىڭ بېلىگە تەپتى. ھەۋەسلىرىمنىڭ ھەممىسى شار، مازغاپ، كۆپۈك، تۈكۈرۈك ئىدى.
ئەمما بىر ھەپتىدىن كېيىن بۇ تۈكۈرۈكنى يەنە ئېغىزغا ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇ ياتاقداشلىرىدىن ئاڭلىدىمىكىن، بېيجىڭدا نوپۇسنى ئېلىپ قېلىشنىڭ چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ، يېنىمغا قايتىپ كەلگەنىدى. مەنىسىز پاراڭلاشتۇق، مەنىسىز سۆيۈشتۇق، مەنىسىز ئايلاندۇق، ئۇنىڭ ئەتكەن تاماقلىرىمۇ بۇرۇنقىدەك ئوخشىمىدى. گەپلىرىمىز ئازلاپ قالدى، ئىككىمىز نېمىنىدۇر بىر نەرسىنى كۈتۈۋاتاتتۇق، ئىستىقبال؟ توي؟ جىنسىي مۇناسىۋەت! ئۇ كارىۋىتىمغا چىقىپ، تامغا يۆلىنىپ بىر نۇقتىغا تىكىلىپ تىنماي خىيال سۈرەتتى، چىرايىدىن جىددىيلىك، ئارىسالدىلىق كەتمەيتتى، ئىچىدىكى ئويلار تېشىغا تېپىپ ە ھەر خىل رەڭ ياسايتتى، رەڭلەر ئارىلىشىپ ئەبجەش، سىرلىق تۈسكە كىرەتتى. بۇنداق ناتونۇش يۈز، يوشۇرۇن چىراي قىزنى ئىشەنچلىك ھالدا خوتۇن قىلالىشىم مۇمكىنمۇ؟ گەرچە مەقسىتىمگە يېتىپ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئىچكىرىلەپ كىرەلىگەن تەقدىردىمۇ مەن تېخى ئاران ئۇنىڭ بىرىنچى دەرۋازىسىغا يېقىنلىشالايدىغاندەك قىلاتتىم. ئەر-خوتۇنلۇق داۋامىدا ئۇنىڭ سىرلىق كۆزى، ناتونۇش يۈزىگە ھەر قارىسام ھەۋەسلىرىمنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى، قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ تۆكۈلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلاتتىم.
بىزنىڭ ھېسسىياتىمىز سۇس ئوتتا كۆيۈۋاتقان ھۆل پاساردەك ناچار، كۈچلۈك بىر شامال چىقسا دەرھال ئۆچۈپ قالىدىغان شامدەك ئاجىز ئىدى. ئۇ ئارىسالدىلىق ئىچىدە ياتتى، ماڭدى، ئۇخلىدى، ئەتىسى كەتتى. پات-پات تېلېفون قىلىپ: قانداق بولدى؟ ھەل بولدىمۇ؟ دەپ سورايتتى. نوپۇس ئۇنداق ئاسان ھەل بولمايدۇ، ئىدارەم ئۆزىدىنمۇ يۇقىرى ئىدارىگە يوللايدۇ، ئىلتىماس قاتلاممۇ قاتلام يۇقىرىغا ماڭىدۇ، ئىش سۈرئىتى تېز بولسا تېز پۈتىدۇ، بولمىسا كېيىن پۈتىدۇ… دەيتتىم، چۈشەندۈرەتتىم، ئاندىن بىرمۇنچە تاپا-تەنە، ۋايساشلارنى ئاڭلايتتىم. ئۇ يا بىراقلا ئۈمىدىنى ئۈزمەيتتى، يا مەۋجۇت ئەھۋالنى چۈشەنمەيتتى، ئارىسالدىلىقتا ئېسىلىپ، ئۆزىنىمۇ مېنىمۇ قىينايتتى. ئۇ ۋايسىغانچە ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم قىزلىق نومۇسىدىن ئايرىلغاندىكى ۋايساشلىرىنى كونا، قاپقارا گۇمانىم ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قىلىپ غەزەپكە تولاتتىم. ماڭا ئۆتكۈزۈپ قويغان نەرسىسى باردىكىدەك ھەددىدىن ئېشىشلىرىغا خاتىمە بەرمەكچى بولاتتىميۇ، ئۇنىڭ ھامان ئۆزى باشلىغان ئىشنى ئۆزى ئاياغلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئۈمىد باغلاپ تۇراتتىم. ئۆپكىسى يوق قىزدا يۈرەكمۇ بولمايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم، مەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يۈز ئۆرۈپ كېتىشىنى كۈتەتتىم.
بىر كۈنى ئىشخانىدا ئولتۇرسام بىر قىز تېلېفون قىلدى. دىلنۇرنىڭ ياتاقدىشىكەن، ئىسمىنى چىقىرىۋىدى، شۇ ھامان ئېسىمگە ئالدىم، دىلنۇرنىڭ ياتىقىغا بارغاندا كۆرگەنىدىم، قايسى بىر چاغدا بارغاندا دىلنۇر يوق، مېنى ياتىقىغا باشلاپ دىلنۇرنىڭ ئورنىدا چاي قۇيۇپ كۈتكەنىدى. مۇلايىم، يېقىملىق، ئىشەنچلىك كۆرۈنىدىغان بىر قىز ئىدى. سىزگە دەيدىغان گەپ بار ئىدى، ۋاقتىڭىز چىقارمۇ، دېدى. بۇ گەپ ماڭا بىر يېڭىلىق ئىدى، ھەتتا ئادەمنى سەل ھاياجانغا سالاتتى. دەرھال ماقۇل دېدىم. كۆرۈشىدىغان جاينى دېيشىۋالدۇق. ئەتىسى دېگەن ۋاقىتتا كۆرۈشتۇق. ئۇ قىز ئادەتتىكىدەك ياسىنىۋالغان بولسىمۇ ماڭا ئالاھىدە چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى. ماڭا دەيدىغان نېمە گېپى بولغىيدى، تەلەپ قويۇپ يۈرمەس؟ مۇمكىن ئەمەس…
— سىزگە دېمەي دېگەن، لېكىن كۆپ ئويلىنىپ ئاخىر دېيىش قارارىغا كەلدىم،- دېدى قىز گېپىنى باشلاپ.
— نېمە گەپ بولسا دەۋېرىڭ،-دېدىم مەن سەل جىددىيلىشىپ، يۈرىكىم دائىم مۇشۇنداق بىچارىلەرچە تېز سوقاتتى.
— دىلنۇر بىلەن يۈرۈۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن، لېكىن مەن ئىككىڭلەرنى تازا ماس كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىمەن. سىز قانداق ئويلايسىز، بۇنى بىلمەيمەن.
— نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟- دېدىم ئۇنىڭ گېپىگە قىزىقىپ.
— ئۆز تۇيغۇمغا ئاساسەن شۇنداق قارايمەن. چۈنكى مەن دىلنۇرنىڭ ياتاقدىشى، ئۇنى ئوبدان بىلىمەن.
— گېپىڭىزغۇ مەلۇم جەھەتتىن توغرا،— دېدىم قايىل بولۇپ، ئەمما ئۆزەمنى چۈشۈرۈۋالساممۇ بولمايتتى— لېكىن پۈتۈنلەي ماس كەلمەيدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ، بولمىسا مەن ئۇنىڭ بىلەن يۈرەمدىم؟
— ئۇغۇ شۇنداق، لېكىن قىز بالا دېگەن ئۇنچىلىك بولۇپ كەتسىمۇ … سىز دىلنۇرنى مەنچىلىك چۈشەنمەيسىز، جىق ئىشلارنى ئۇقمايسىز.
— ئەلۋەتتە سىز ئۇنىڭ ساۋاقدىشى ھەم ياتاقدىشى، ماڭا قارىغاندا جىق ئىشلىرىنى بىلىسىز،-دېدىم، بۇ قىز دىلنۇرنىڭ يەنە بىر يۈزىنى ماڭا ئېچىپ كۆرسىتىدىغاندەك قىلاتتى.
— سىز دىلنۇرنى ھەقىقىي ياخشى كۆرەمسىز؟
— بىز پەقەت يۇرتلۇق يۈزىسىدىن ئارىلاشقان، كېيىن يۈرۈپ قالدۇق، ياخشى كۆرمىسەم يۈرمەيتتىم.
— مېنىڭ دېگىنىم ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش…
— ئۇ دەرىجىگە بارمىسىمۇ ئىشقىلىپ ياخشى كۆرىمەن،- دېدىم، گېپىمگە ئۆزەممۇ بارغانچە ئىشىنىپ قېلىۋاتاتتىم.
— سىز ياخشى بالا، ياتاقتىكى ھەممە قىزلار بۇنى بىلىدۇ، مۇھەببەتكىمۇ ئەستايىدىل قارايدىكەنسىز، دىلنۇرنىڭ نوپۇسىنى ئېلىپ قالماقچى بوپسىز… لېكىن دىلنۇر سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئېسىل قىز ئەمەس. سىز ئۇنى ياخشى كۆرگەن بىلەن ئۇ سىزدىن پايدىلىنىشنىلا ئويلايدۇ. سىز بىلمەيسىز، ئۇ ھېلىقى كونا مۇھەببىتى زاھىر بىلەن داۋاملىق خەت ئالاقە قىلىشىدۇ، تېلېفوندا سۆزلىشىدۇ. زاھىر ئۇنى قارىمايغا كەل دەيمىش، دىلنۇر ئۇنىڭغا تازا قىزغىن ئەمەس. يەنە بىر بالا بار ئاقسۇلۇق، دىلنۇر بىلەن سىنىپتىمۇ بىللە، سىرتتىمۇ بىللە. ئاڭلىساق ئۇ بالا كاناداغا چىقىپ ئوقۇيمەن، كۆچمەن بولىمەن دەپ يۈرگىدەك، دىلنۇرغا سىزنىمۇ بىللە ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن دەپ ۋەدە بېرىپتۇ. دىلنۇر ھازىر شۇنىڭ كەينىدىن پالاقلاپ يۈرۈيدۇ. ئۇ بىر ياقتىن كونا مۇھەببىتىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ، بىر ياقتىن ئاقسۇلۇق بالىنىمۇ، سىزنىمۇ قولدىن بەرگۈسى كەلمەيدۇ. چۈنكى بېيجىڭدا نوپۇسىنى ئېلىپ قالسا پاسپورت ئىشلىتىپ كاناداغا چىقىشى ئاسانراق بولىدۇ…
مەن بۇلارنى ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ ئاڭلىدىم، ھەيرانمۇ قالمىدىم، ئېچىنىپمۇ كەتمىدىم، خۇددى ئۆزەم پەرەز قىلغاندەك، ھامان يۈز بېرىدىغان ئىشلاردەك قوبۇل قىلدىم. ئۇ ماڭا تاڭغان، مەن ھەۋىسىمگە بويسۇنۇپ قوبۇل قىلغان بۇ غەلىتە مۇناسىۋەتنى ئەمدى ئىككىلەنمەيلا ئۈزىۋېتىشكە بۇنىڭدىن ياخشى سەۋەب تېپىلامدۇ؟ قىز سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
— دىلنۇر بىلەن تۆت يىل بىر ياتاقتا ياشىدۇق، ئۇنى بەك ئەسكى دېگىلى بولمايدۇ، لېكىن بىر يامان يېرى، كاللىسى بوش ئىشلەيدىغان تۇرۇقلۇق ئۆزىنى تولىمۇ ئەقىللىق چاغلايدۇ؛ مىجەزى تۈز بولغان بىلەن قوپال، باشقىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى بىلمەيدۇ، شۇڭا ياتاقتىكى ھەممە قىزلار بىلەن بىر قېتىمدىن سوقۇشۇپ چىقتى. يېقىندا ياتاقتا يەنە جېدەل چىقتى، ھەممىسى شۇنىڭ سەۋەبىدىن بولدى، پۈتۈن قىزلار ئۇنى ئەيىبلىدى، ئۇ بوينىغا ئالماي بىز بىلەن يەنە سوقۇشتى، ئۆزى يالغۇز بىزگە تەڭ كېلەلمەي، ھېلىقى ئاقسۇلۇق بىر نېمىسىنى ياتاققا باشلاپ كىرىپ بىزدىن ئۆچ ئالغىلى قەستلىدى. ئۇ ماز بىلەن سوقۇشتۇق، بىر نەچچە قىز تاياق يېدى. ئاقىۋەت، چوڭ جېدەل چىقتى. ئاخىر مەكتەپ ئارىلىشىپ بېسىقتۇرۇپ قويدى، ئۇ مازغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى. دىلنۇر بىز بىلەن تۆت يىل بىر ياتاقتا يېتىپ تۇرۇپ يۈزىمىزنى قىلمىدى. ھەممىمىز لەنەت ئوقۇدۇق، ئاخىر ئۇنى خەنزۇ قىزلارنىڭ ياتىقىغا چىقىرىۋەتتۇق…
بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، دىلنۇرنىڭ يەنە ماڭا قىلغانلىرىنى ئويلاپ… ئېغىر سۈكۈتكە چۆمدۈم، ئۇ ھەقىقەتەن غەلىتە بىر قىز ئىدى، يۈزى ھەر خىل رەڭدە بويىلىپ تۇراتتى، ئەڭ ئاخىرىدا ساقلىنىپ قالىدىغىنى كىشىنىڭ كۆڭلى غەش قىلىدىغان كۈلرەڭ ئىدى.
— ئاتايىتەن مېنى چاقىرىپ، دىلنۇرنىڭ يامان گېپىنى قىلغىلى كەپتۇ دەپ قالماڭ، بولغان ئەھۋاللارنى دېدىم، سىزدەك ياخشى بالىلار دىلنۇرغا زايە كېتىدۇ. ئۇنىڭغا ئالدىنىپ قېلىشىڭىزنى خالىمىدۇق…
ئۇنىڭ دىلنۇرنىڭ ياتاقداشلىرىغا ۋاكالىتەن ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم. ئاشۇ ئاقكۆڭۈل، چىرايلىق قىزلارغا غايىبانە رەھمەت ئېيتتىم.
— بولغان گەپ مۇشۇ يەردىلا قالسۇن، ئەگەر دىلنۇر بۇنى ئۇقۇپ قالىدىغان بولسا ئارىمىزدا يەنە سوقۇش باشلىنىدۇ. سىزنى ھەرگىز كەچۈرمەيمىز.
— توۋا دەڭ، ساراڭمۇ مەن گەپ توشۇپ يۈرۈيدىغان…
— سىزگە ئىشىنىمىز، ئەمىسە مەن ماڭاي…
— خالىسىڭىز… بىللە تاماق يېسەك…- دېدىم تۇيۇقسىز جۈرئەتلىنىپ.
— كېتەي، دىلنۇر جىندەك ئۇچراپ قالمسۇن يەنە..
بىر-بىرىمىزگە قاراپ مەنىلىك كۈلۈشتۇق. قىز شۇ كۈلكىسىنى بىللە ئېلىپ كەتتى. ئۇنىڭ مېنىڭ ئىشخانامنىڭ نومۇرىنى دىلنۇردىن قانداق سوراپ بىلىۋالغانلىقى، بۇ گەپنى ھەقىقەتەن ياتاقداشلىرىغا ۋاكالىتەن ماڭا دېگىلى كەلگەن-كەلمىگەنلىكى يېشىلمەس بىر سىر بولۇپ قالدى.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ مەن كادىرلار ئىشخانىسىغا كىرىپ ھېلىقى ئىلتىماسىمنى ياندۇرۇۋالىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
— نېمە بولدى، ئۇ قىز بىلەن ئايرىلىپ كەتتىڭما؟- دەپ سورىدى، ئىشنى ئارقىغا سوزۇپ كۆنۈپ كەتكەن كادىر.
— قىز ئالدىرايدىكەن، ئۇزاق كۈتەلمەيدىكەن، ھەل بولمىسا بولمايلا قويسۇنا…
— ئالدىرىماي ھەل بولمامدۇ، ئۇنداق تېز بولىدىغان ئىش ئەمەس بۇ.. يۇقىرىدىن تېخى جاۋاب يوق…
— بولدىلا، ئۇ ئىلتىماسنى سۇنمىغانلا بولاي…
— ئەگەر يەنە بىر قېتىم نوپۇس دەپ كەلسەڭ ئىشىڭ تەس جۇمۇ…
— مەيلى، نوپۇسى بارنى تاپارمەن…
— بېيجىڭلىق خەنزۇ قىزلارمۇ بولىدۇ …
— قاراپ باقارمەن…
شۇنداق قىلىپ ئوڭ قولۇمدا ياسىغان نەرسەمنى سول قولۇمدا بۇزدۇم. ھەل بولۇشى تايىنلىق ئىشنى ئۆز جايىدىلا كۆپۈككە ئايلاندۇردۇم. دىلنۇردىن تېلېفون كەلسە ”ۋاي تاڭ، قاچان ھەل بولىدىكىن“ دەپلا گەپنى تۈگەتتىم. بىر ئايغىچە كىرپىدەك تۈگۈلۈۋالدىم. دىلنۇر كېلەتتى، كېتەتتى، ئۇنىڭ قارىسى يۈتىشى بىلەن ئۇھ دەپ دېمىمنى ئالاتتىم. ئەمما ئۇ ئاجىزلىقىغا تەن بېرىدىغان قىزلاردىن ئەمەس ئىدى، مەندىن ئېنىق بىر گەپ چىقمىغاندىن كېيىن ئۇ جىلە بولۇپ مەندىن يوشۇرۇن ھالدا باشلىقىمنى ئىزدەپتۇ، دىلنۇرنىڭ تۇيۇقسىز ئىشخانىغا كىرىپ ھال ئېيتىشىدىن ئەندىكىپ كەتكەن باشلىقىم راست ئەھۋالنى دەپ تاشلاپتۇ. دىلنۇرنىڭ ئۇ چاغدىكى غەزەپلىك چىرايىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىمەن. ئۇ ياتاقتا ماڭا ۋاقىراپ-جاقىراپ تۇرۇپ شالىنى چاچقاندا مەنمۇ پىچاقتىن چۆچىگەن موزايدەك سەكرەپ قوپتۇم:
— تولا ھەددىڭىدىن ئاشما، ئاغزىڭغا بېقىپ گەپ قىل! مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ سەن!
ئۇ بېشىغا سوغۇق سۇ چېچىلغاندەك تىترەپ، چەكچىيىپ تۇرۇپ قالدى. جىددىيلەشكىنىمدىن ھەم غەزەپلەنگىنىمدىن ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇقلىشىپ، قارىيىپ كەتكەندەك كۆرۈندى، بەلكىم كۆز ئالدىمدىن يوقالدى…
— سەن مېنى ئەخمەق قىلىمەن دەپ ئويلىما! …
ئۇ تېخىمۇ ھەيران قالدى، كۆز جىيەكلىرى تارتىشىپ، قارىچۇقلىرى قېتىپ قالدى.
— كىم سېنى ئەخمەق قىپتۇ، ساراڭ بولدۇڭمۇ؟
— ساراڭ دېگەن سەن، ماڭا تولا ھەيۋە قىلما، ئۆتكۈزۈپ قويمىغان سەن ماڭا، كونا ئاشناڭ بىلەن مەكتەپتىكى ئاشناڭنى نېمە دەيسەن؟!
— كىم شۇنداق دەيدۇ؟…- دېدى ئۇ ھوشىغا كېلىپ.
— مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن؟! بۇ دېگەن ئۇچۇر دەۋرى…
— قايسى پاسكىنا بۇ گەپنى دېگەندۇ… –دېدى ئۇ كارىۋاتقا لاسسىدە ئولتۇرۇپ.- ياتاقتىكى ئاشۇ جالاپلاردىن بىرسى مېنى كۆرەلمەستىن ساڭا چاققان گەپ، سەن دۆت شۇنىڭغا ئىشەندىڭ دېگىنە…
— دۆت دېگەن سەن، ئۆزەڭنى ئۇنچە ئەقىللىق چاغلىما، مەن ئۇ گەپنى ئوغۇللاردىن ئاڭلىدىم.
— ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى بىلەن ياخشى ئۆتىمەن، سەن يالغان گەپ قىلما!
— يالغان گەپنى سەن قىلىۋاتىسەن، مېنى ئالدايمەن دېمە، ھېلىمۇ ياخشى ۋاقتىدا ئاڭلاپ قالدىم، بولمىسا مېنى يەنە كولدۇرلىتىپ يۈرەتتىڭ…
— ۋاييەي، سېنىڭ ئالدىغۇدەك نېمەڭ بار؟ ئالداپ سېنى نەگە ئاپىرىپتىمەن، يۇرتلۇقۇم، مۇھەببىتىم دەپ ئىززىتىڭنى قىلدىم، مەينەت ياتىقىڭنى تازىلىدىم، قارنىڭغا ئاش ئەتتىم، باشقا نېمە يامانلىق قىلدىم ؟… – دېدى ئۇ بىردىنلا سەكرەپ،، قولىنى بېلىگە تىرەپ. كۆپۈپ، ئۆڭۈپ، سەتلىشىپ…
— ئويلاپ باقە، ئۇ يەردىكى ئاشناڭدىن زېرىكسەڭ قېشىمغا كېلىپ مېنى ئەخمەق قىلساڭ، ئۇنى ھەل قىل، بۇنى ھەل قىل دەپ بۇيرۇق قىلساڭ، چىرايلىق چۈشەندۈرسەم ئاڭلىمىساڭ، ماڭا نېمە خاپىلىق بۇ! نېمىگە شۇنچە ئالدىراپ كەتكىنىڭنىمۇ ئۇقتۇم. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىم كەلدى، ئىلتىماسنى ياندۇرۇۋالدىم. باش ئاغرىقىدىن بىراقلا قۇتۇلاي دېدىم…
— يوغان ئىش قىلىپسەن، ئەپتىڭ شۇنچىلىك… ھەل بولمىغان نوپۇسقۇ ئۇ، ھالىڭ چاغلىققۇ شۇ…
— راست دەيسەن، شۇڭا چىرايلىق يولۇڭغا ماڭ…
— ۋاييەي، ساڭا ئېسىلىۋالمىدىم، ئۆزەڭنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ سەن؟! يۇرتلۇقۇم دېمىسەم نېمە قىلىمەن سەندەك نېمىنى، نى نى بالىلار ئەتراپىمىزدا پەرۋانە…
— شۇڭا ئاشۇ نوچىلار بىلەن يۈرگىن دەۋاتىمەن ساڭا… باشقا گېپىم يوق.
— ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپتۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرۈپتۇ دەيسەن، نوچى بولغاچقا يۈرىمىز، نوچى بولغاچقا كۈلۈپ ئوينايمىز… سەندەك ئىچىدىن سېسىپ ياشىمايمىز.
— قانداق ياشىسام ئۆزەمنىڭ ئىشى، نېمە قىلسام ئۆزەمنىڭ كۆڭلى… سەنمۇ ئۆزەڭنىڭ يولىغا ماڭ، مەنمۇ ئۆز يولۇمغا ماڭاي…
— ئىسىت سەندەك نېمىگە قىلغان ئەقىدەم!!!— دېدى ئۇ شوئار توۋلىغاندەك ۋاقىراپ. ئاندىن سومكىسىنى ئېلىپ، ماڭا سەت ئالىيىپ قويۇپ، ئىشىكنى قاتتىق يېپىپ چىقىپ كەتتى، تالاغا چىقىپ بولۇپ “ ۋۇي ماز… “ دەپ غۇدۇرىغاندەك قىلدى. ئۇ بەلكىم مەكتىپىگە بارغىچە مېنى لەنەت-نەپرەتلەرگە كۆمۈۋەتكەندۇ، باش ئۈستۈمگە ھاقارەت، تىل- ئاھانەت، قارغىش..لار يېغىپ كەتكەندۇ، مەيلى بۇمۇ ئۇنىڭغا ئېسىلغانلىقىمنىڭ، سۆيگەنلىكىمنىڭ بەدىلى بولۇپ قالار. ئىشقىلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلدۇم. ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرقى سەت ئالىيىشلىرى جاندىن ئۆتكۈدەك زەھەرلىك، ئەستىن چىقمىغۇدەك قەبىھ ، لېكىن ئويلىنىپ قالغۇدەك جەزبىلىك، سىرلىق ئىدى. ئۇ راستىنلا ماڭا ئەقىدە قىلغان بولغىيمىدى؟! ماڭا ئەگەر ھەقىقىي ھېسسىيات شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغان بولسا ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلدىممۇ يا!
كېچىچە ئويلاندىم: ئاق كۆڭۈللىكىمدىن، يۇۋاشلىقىمدىن زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان ئىنسانمەن، شۇڭا دىلنۇرنىڭ ئوساللىقلىرىنى كۆپرەك ئېسىمگە ئېلىپ، چىرايىنى داۋاملىق قارىغا بوياپ، ئۇنى قەلبىمدە مەڭگۈ خۇنۇك ئوبراز قىلىشىم كېرەك، ئەسلىمىلەرنىمۇ قارىغا بويۇۋېتىشىم كېرەك… شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇنى تېزدىن ئۇنتۇپ، يېڭى ھاياتىمنى باشلايمەن. قاراڭغۇ كېچىنى ئۇزىتىپ پارلاق تاڭنى كۈتۈۋالىمەن.

7

كونا ھاياتىمنى باشلىۋالدىم، ئەمما بۇ بۇرۇنقىدىن پەرقلىق بىر تۇرمۇش ئىدى. دىلنۇر بىلەن بولغان ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنىڭ ئەسلىمىسىنى خاتىرەمدىن پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلىشىم تەس بولۇۋاتاتتى. بۇ خۇددى كومپيۇتېرغا بىر يۇمشاق دېتالنى قاچىلاپ، ئۇنى بىر مەزگىل ئىشلىتىپ، ئاندىن چاتىقى چىققاندا ئۆچۈرۈۋەتكەندەك، ئۆچۈرۈۋەتكەن بىلەن بەزى ھۆججەتلىرى ئۆچكىلى ئۇنىماي، كومپيۇتېرنىڭ سىغىمىنى جاھىللىق بىلەن ئىگىلەپ تۇرۇۋالغىنىدەك كۆڭۈلسىز بىر ئىش ئىدى. ھەپتە ئۆتتى، شەنبە، يەكشەنبە كەلدى، يالغۇز ئۆتكۈزدۈم، ياتاقلىرىم سۈپۈرۈلمىدى، جوزىلار سۈرتۈلمىدى، كىيىم ئالماشتۇرغۇممۇ، ساقال-بۇرۇتۇمنى ئالغۇممۇ كەلمىدى، يۇيۇنۇش، ئەتىر چېچىپ يۈرۈش دېگەن ئىشلار پەقەتلا خوشياقمىدى. كىتاب ئوقۇشنىمۇ خېلىدىن بېرى تاشلىۋەتكەنىدىم، كىتابتىكى ھېكايىلەردىن، رىئاللىققا يات، سۈنئىي ۋەقەلەردىن، ساختا رومانتىكىلاردىن، قۇرۇق پەلسەپىلەردىن، ئاقماس پەندى-نەسىھەتلەردىن جاق تويغانىدىم، ماڭا قول بىلەن تۇتقىدەك نەق رىئاللىق، مەن ئىچ باغرىغا شۇڭغۇيدىغان ئەمەلىي كەچمىش كېرەك ئىدى. كىچىكىمىزدە ئۆزىمىزنى ئۆستەڭگە ئاتقاندا ئەندىكىپ جېنىمىز يايراپ كېتەتتى، سۇنىڭ ئۇ بېشىدىن چۆمۈلۈپ بۇ بېشىدىن چىقاتتۇق، پۈتۈن بەدەنلىرىمىزگىچە يامرايدىغان ئاشۇ سەزگۈلەر ھەقىقىي كەچمىش ئىدى. سۇ ئاستىدىكى قورقۇنچلۇق زۇلمەتكە شۇڭغۇپ، سۇ چاشقىنىدەك بىر نەرسىنىڭ كېلىپ چىشلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، قورقۇنچتىن ھوزۇرلىنىپ، نەپەسلىرىمىزنىڭ سىقىلىشلىرىغا چىداپ، چىدىيالىغانچە چىداپ، بىر چاغدا سۇدىن بېشىمىزنى چىقىرىپ، يورۇق ئالەمگە جان مېھرىمىز بىلەن باقاتتۇق، ساپ ھاۋادىن قېنىپ-قېنىپ نەپەس ئالاتتۇق. تۇيغۇلىرىمدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئاشۇ كەچمىشلەر، ئىپتىدائىي تەسىراتلارنى ئاسانلىقچە ئۇنتۇيالمايمەن: يالىڭاچلىق، ئەركىنلىك، پۇت كۆيىدىغان توپا ، سوغۇق سۇ، زۇلمەت ۋە يورۇقلۇق…
ياتىقىمدا پۇتۇمدىن قېچىپ يۈرگەن مايقۇرتلار ياشاش ئىقتىدارى ئاجايىپ كۈچلۈك جانلىقلار ئىدى. قاچانلا كەلسەم ياتىقىمدا ئۆمىلىشىپ يۈرەتتى، كۆرگەنلا يەردە دەسسەپ ئېزەتتىم، بۇ كاساپەتلەر قاراڭغۇدا بەكرەك ھەرىكەتلىنەتتى، چىراقنى شاققىدە يېقىپلا بېرىپ دەسسەيتتىم، خۇددى ئۆزەمنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئۆچ ئېلىۋاتقاندەك بىر ھۇزۇر ئىچىدە ئۇلارنى چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن ئاياپ ئولتۇرماي دەسسەپ مىجىۋىتەتتىم.
شەنبە كۈنى ياتاقنىڭ چىرىقىنى بۇرۇنلا ئۆچۈرىۋېتىپ كارىۋىتىمدا خىيال سۈرۈپ ياتتىم، دىلنۇر خىيالىمدا گاھى بۇزۇق سەتەڭدەك، گاھى ئۇۋاللىققا قالغان پاك قىزدەك كۆرۈنەتتى، مۇشۇنداق نادامەتكە ۋە تايىنسىز خىيالغا مەھكۇم بولماسلىق ئۈچۈن پەيلىمنى بۇرۇنلا بۇزۇپ ، ئۇ ساق چېغىدا كەسكىن بولالمىساممۇ بىر ئامال قىلىپ ئۇنى مەست قىلىپ بولسىمۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ئىگىلەپ ، غېزىنى غاز، ئۆردىكىنى ئۆردەك قىلسام بولماسمىدى؟ شۇ چاغدا ئۇنى قېشىمدىن ھەيدىۋېتىش تېخىمۇ پاكىتلىق، تېخىمۇ ئورۇنلۇق بولماسمىدى؟ كېتىش ئالدىدا ماڭا سەت ئالىيىپ ”ئىسىت، ساڭا قىلغان ئەقىدەم“ دەپ كەتتىغۇ؟ ئاشۇ ئەقىدىسىنى سىنايدىغان پەيت تېخى ئالدىمدا ئىدىغۇ؟! ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىلا ئويلاپ ئالدىراپ كېتىپتىمەن، ھېلىقى قىزنىڭ گېپىگە ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىپتىمەن. ئەمدى ئۇ قىزنى كەلتۈرۈشۈم كېرەك. تېلېفون ئۇرۇپ تاماققا تەكلىپ قىلىپ، شۇ ئاخشىمىلا خالىي جايغا ئاپىرىپ سۆيۈش كېرەك… ۋاھ، بۇ خام خىياللارنىڭ چېكى بارمىكىن؟ ئەمەلگە ئاشۇرالىسام قانچىلىك قىلىپ كېتەر ئىدىم! ئەمما، ئويلىغانچە ئۇ قىز دىلنۇردىن چىرايلىق كۆرۈنۈپ، ئاۋۋال تەسەۋۋۇرۇمغا، ئاندىن ۋۇجۇدۇمغا يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى. دىلنۇرنى خەنزۇ قىزلارنىڭ ياتىقىغا چىقىرىۋەتتۇق دېۋىدى، دېمەك، تېلېفون قىلىش قولايلىق. دىلنۇر ئەمدى ئارىلىشالمايدۇ، ئۇ ئاللىبۇرۇن ئاقسۇلۇق مۇھەببىتىنىڭ قوينىغا تىقىلىپ، ئىشرەت كۆرپىسىگە يىقىلدى…
ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ، تالاغا چىقتىم، ياز شامىلى بۇ شەھەردە ھەر ۋاقىت ئىچى قىززىپ تۇرىدىغان چوكاننىڭ نەپەسلىرىدەك ئىسسىق ئىدى. دىلنۇر بولمىغاچقا كېچىدە تالاغا چىقىپ ئايلانغۇممۇ كەلمەس بولۇپ قاپتۇ. لېكىن تالاغا چىقىش، كاۋاپ يەپ پىۋا ئىچىش، ساتىراشخانا ئالدىدا يوتىلىرىنى چىقىرىپ ئولتۇرغان سەتەڭلەرگە قاراش، يولدا يالغۇز ماڭغان قىزلارنىڭ قانداق قىزلار ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش، چىراغلىرىنى يورىتىپ قويغان دۇكانلارنى مەقسەتسىز ئايلىنىش، ئۈن-سىن دۇكانلىرىغا كىرىپ يېرىم سېرىق فىلىملەرنى تاللاش… بۇرۇقتۇرمىلىق ياتاقتا مايقۇرتنى دەسسەپ يۈرگەندىن ياخشىراق ئىدى. تېلېفون بوتكىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ دىلنۇرنىڭ ياتىقىغا تېلېفون قىلدىم. بىر قىز تېلېفوننى ئالدى:
— كىمنى ئىزدەيسىز؟
— رۇقىيە… بارمۇ؟
— سۇخانىدا ئىدى، ھازىر چاقىراي… رۇقىيە!!!
ئۇ سۇخانىدىن چىقىپ بولغىچە دەيدىغان گەپلىرىمنى ئويلىۋالدىم.
— ۋەي، كىمۇ؟
— مەن غېنى… ئۆتكەندە كۆرۈشكەن.
— ھە سىزما، كىم… دىلنۇرنى ئىزدەمتىڭىز… ئۇ كۆچۈپ كەتكەن.
— بىلىمەن، مەن سىزگە ئۇرغان…
— ماڭىما.. نېمە ئىش ئىدى؟
— ئەتە دەم ئېلىشكەن… شۇڭا ۋاقتىڭىز بولسا بىر دەم تاماق يېگەچ پاراڭلاشساق.. دېگەن.
— ئەتە ئۆگىنىش قىلاتتىم، ئىمتىھان باشلىنىپ كېتىدۇ دەڭا، تەييارلىق قىلمىسام بولمايتتى…
— ئەمىسە… قاچان ۋاقتىڭىز چىقىدۇ؟
— بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، مەن بىلەن پاراڭلاشقۇدەك قانداق مۇھىم ئىشىڭىز بار ئىدى؟
— دىلنۇر توغرۇلۇق.. پاراڭلىشاي دېگەن.
— بىز پاراڭلىشىپ بولدۇققۇ، دەيدىغاننى سىزگە دەپ قويدۇم، يەنە باشقا گەپلىرىڭىز بارمىدى؟ مۇھىم گەپ بولسا مۇشۇ تېلېفوندىلا دەۋېرىڭ..
— سىزنىڭ گېپىڭىز توغرىكەن، شۇ گېپىڭىزنى ئاڭلاپ دىلنۇرنىڭ ئىشىنى يوق قىلىۋەتتىم.
— توغرا قىلىپسىز، مەن توغرۇلۇق بىر نېمە دېمىگەنسىز؟
— ياقەي، ئۇنداق دەمدىمەن، سوراپ تۇرۇۋالغانىدى، ئوغۇللاردىن ئاڭلىدىم دېدىم. ئىشەنمىدى، ئىشەنمىسىمۇ نېمە ئامال، ئۆزىدىن كۆرسۇن…
— ياخشى دەپسىز، لېكىن ئۇ بەرىبىر بىزدىن گۇمانلىنىدۇ. گۇمانلانسىمۇ پاكىتى يوق، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەيدۇ، تېخىمۇ ئورۇقلاپ ئىسكىلىتقا ئايلىنىدۇ. بىز ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن سىزنى قۇتقۇزۇپ قويدۇق، رەھمەت دېسىڭىز بولىدۇ…
— شۇڭا سىزنى مېھمان قىلاي دەۋاتىمەنغۇ!
بۇ قېتىم ئۇنى چوقۇم ماقۇل دەيدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئۇ يەنە ئۆزىنى ئەپقاچتى:
— ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت، كېيىن بىر ۋاقىت چىقار. لېكىن بىز ئەڭ ياخشىسى كۆرۈشمىگىنىمىز ياخشى، بۇ ھەر ئىككىمىزگە ياخشى، قانداق دېدىم؟
— ھە… شۇنداق.
دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى، تېلېفوننى كۆڭۈلسىز قويدۇم، يۈرىكىممۇ جايىغا چۈشۈپ بېسىقتى. سەل-پەل چىرايى بار قىزنى كەلتۈرمەك ھەقىقەتەن تەس ئىدى. ئۇ تېلېفونۇمدىن ھەيران ھەم خۇشال بولۇپ، تەكلىپىمگە مۇلايىملىق بىلەن ماقۇل بولغان بولسا، بۇ كېچىنى كەلگۈسىنىڭ شىرىن خىيالى بىلەن ئۆتكۈزگەن بولاتتىم، دىلنۇردىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى كۆڭۈل بوشلۇقۇمنى شۇ قىزنىڭ خىيالى بىلەن بولسىمۇ تولدۇراتتىم. ئۇ قىزنىڭ سۆزلىرى، تەلەپپۇزى مەن بىلەن دەسلەپتە كۆرۈشكەندىكى ھالەتلىرىگە ئانچە ئوخشىمايتتى، گەپلىرىنىڭ ئىتتىكلىكىدىن خۇددى دىلنۇر ئۇنى سىرتتىن ماراپ تۇرغاندەك، ئۇ ياتاقنىڭ ئىچىدىن ھېلىھەم جېدەل-ماجرا پۇراپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى. يوقالسۇن، ھەممىسى يوقالسۇن، قىز بالا دېگەننىڭ دوستى يوق، بىر كۈن چاچلىشىپ سوقۇشسا ئەتىسى بىللە چىقىپ بازار ئايلىنىدۇ؛ ھەممىسىنىڭ تۇتامى يوق، ئىشنى لاۋزىلاشتۇرۇپ ، كۆڭۈلنى بەتتام قىلىدۇ.
بىر كۈنى ئىشخانىدا تۇرسام بىر ئايال تېلېفون قىلىپتۇ، دىلنۇرنىڭ ئاپىسىكەن، چۆچۈپ كەتتىم.
— ئاڭلىسام قىزىمنى ئەخمەق قىلىپسىز،- دېدى ئۇ ئايال رەسمىيەت يۈزىسىدىن ئەھۋال سوراپ بولۇپلا گېپىنى باشلاپ.
ناھەقچىلىققا چىدىماسلىق ئاچچىقى بىر دەملا بېشىمغا چىقتى:
— نېمە .. نېمە دەيلا، مەن قانداق ئەخمەق قىپتىمەن؟!
— قىزىمنىڭ ئىشىغا ئىگە بولىمەن دەپ قويۇپ كەينىدىن يېنىۋاپسىزغۇ؟ سىزمۇ ئوغۇل بالىما؟!
— بۇ ئىشنى سىلى ئۇقمايلا، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بار… دىلنۇر…
— بىچارە قىزىمنى شۇنداقمۇ ئەخمەق ئېتەمسىز؟ ئەلۋەتتە، ئىككىڭلارنى يۈرمىدى دېگەندىمۇ سىلەر بىر يۇرتلۇق ئەمەسمۇ؟! ئۇنىڭ ئىشىغا يول مېڭىپ قويسىڭىز نېمە بولىدۇ ئەلۋەتتە…
— ئۇ باشتا مېنى ئەخمەق قىلدى، كېيىن بىلىپ قالدىم… شۇنىڭ بىلەن..
— خەقنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ شۇنداق قىپسىزغۇ؟ بىر پاسكىنىنىڭ گېپىگە ئىشىنىپمۇ شۇنداق قىلغان بارمۇ؟ سىزنى خېلى تۈزۈك بالا چاغلايتتىم، ھەرگىز ئۇنداق قىلار دەپ ئويلىماپتىكەنمەن…
— مەن قىزلىرى بىلەن پەقەت چىقىشالمىدىم… ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ باشقا ئوغۇللار بىلەنمۇ يۈرۈپتۇ…
— سىز بېرىپ كۆردىڭىزمۇ؟ سىز نېمىنى بىلدىڭىز؟ ھەممىسى يالغان گەپ… قاراپ تۇرۇپ قىزىمغا ئۇۋال قىلىپسىز، بىچارە ماڭا يىغلاپ تېلېفون قىلدى. دېمەي دېسەم بولمىدى، شۇ ئاچچىقىمدا سىزگە تېلېفون قىلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن، يېنىمدا ئېلىپ قالىمەن دەپ مەيدىڭىزگە مۇشتلىغاندىكىن، نېمىشقا ئاخىرىغىچە گېپىڭىزدە تۇرمايسىز؟ سىزدە ئەرلىك ۋىجدان دېگەن نېمە بارمۇ؟ بىزنىڭ يۇرتتىن بۇنداق ئادەمنىڭ چىققىنىغا ھەيرانمەن…
ئاخىرقى گەپلەر يۈرىكىمگە زەھەرلىك ئوقتەك تەگدى، قورۇلۇپ تۈگۈلۈپ كەتتىم، قىزىنى ئاقلاۋاتقان ئانىنىڭ قەلبى ئۆز پەرزەنتىگە ئەزىم دەريادەك كەڭ بولغان بىلەن، باشقىلارغا ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكىدەك تار ئىدى.
— ھەممە ئادەمگە ئۆزىنىڭ بالىسى ياخشى…— دېدىم ئاچچىقتىن تىترەپ تۇرۇپ،— مېنى ئۇنداق كەلسە-كەلمەس ھاقارەتلىمىسىلە. قىزلىرىغا مەن ئىگە بولمىساممۇ، ئىگە بولىدىغانلار جىقكەن، بېرىپ ئۆزىدىن ئوبدان سوراپ باقسىلا…
— قىزىم بىلەن يۈرۈپ ئەمدى ئىشنى باشقىسىغا دۆڭگىمەكچىما؟ قىزىمغا ئىگە بولىشىڭىز كېرەك، ئەر كىشىدە مەسئۇلىيەت بولمىسا ئېشەكتىن نېمە پەرقى؟ ئوبدان ئويلىنىپ جاۋابىنى بېرىڭ!
— نېمە.. نېمىگە جاۋاب بېرىمەن؟! قىزلىرىنى مەن نېمە قىلىپتىمەن؟— دېدىم ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى سېزىپ، شۇ تاپتا كاللام ھەر قانچە قېتىپ قالسىمۇ ئۇ ئايالنىڭ ئۇششۇقلۇقىنى ھېس قىلغۇدەك دەرىجىدە سەزگۈر ئىدى.
— سىزدە مەسئۇلىيەت دېگەن نېمە بارمۇ؟ قىلغان ئىشىغا ئىگە بولمايدىغان قانداق…
— خاتا چۈشىنىپ قاپسىز ئاچا… — دېدىم ئۆزەمنى تۇتىۋېلىپ چىرايلىق گەپ قىلىپ،– مەن ئۇنداق قىلىدىغان ئوغۇللاردىن ئەمەس. مەندە ئۇنداق جۈرئەتمۇ يوق… مەن تەپسە تەۋرىمەس .. يۇۋاش بىر بالا، دىلنۇر بۇنى ياخشى بىلىدۇ… ماڭا ئۇنداق تۆھمەت قىلماڭلار… دىلنۇر پاك قىز… بىز پەقەت مىجەزىمىز كېلىشەلمەي، تولا سوقۇشۇپ ئايرىلىپ كەتتۇق… ئۇ مەندىنمۇ ياخشى ئوغۇللارنى تاپالايدۇ، ئۆزىمۇ شۇنداق دەپ كېتىپ قالغان…
— ئەمىسە ئۇنىڭ ئىشىنى قانداق قىلىسىز؟
— ئۇنىڭ ئىشى ھەل بولمايدىغان ئىش، بېيجىڭدا نوپۇسىنى ھەل قىلىش تەس، ئاز دېگەندە ئىككى يىل ساقلايدۇ. نوپۇسنى ئېلىپ قالغان بىلەن خىزمەت يوق، خىزمىتى بولمىسا بۇ يەردە جان باققىلى بولمايدۇ… مەن بىلەن بۇ يەردە قىينىلىپ ياشىغاندىن شىنجاڭغا بارسا، خىزمەت تاپالايدۇ، بېيجىڭدا ئوقۇغان بالىلار شىنجاڭدا يەردە قالمايدۇ… مەن ھەممىنى دىلنۇرغا دېگەن… بىز چىرايلىق ئايرىلىپ كەتكەن…
— ئەمىسە ماڭا نېمىشقا تولا يىغلاپ تېلېفون قىلىدۇ؟
— ئۇنى ئۇقمايمەن ئاچا، دىلنۇر بىلەن كۆرۈشمىگىلى خېلى بولدى، ماڭىمۇ تېلېفون قىلمايدۇ…
— مىجەزىمىز كېلىشمىدى دەپلا ئايرىلىپ كەتتىڭلارما؟ ئادەتتە ئەر-خوتۇنلار شۇنداق قىلىدىغۇ؟ بىر-بىرىڭلارغا ماس كەلمەيدىغان ئادەم نېمىشقا بۇرۇنراق ئايرىلىپ كەتمىگەن؟ ئوتتۇراڭلاردا زادى بىر مەسىلە بار، دىلنۇر ماڭا دېمەيۋاتىدۇ، مەن چوقۇم سوراپ ئاندىن سىزگە تېلېفون قىلىمەن…
— ئۆزىدىن سوراڭ، قىزىڭىزنىڭ ۋىجدانى بولسا راست گەپ قىلىدۇ…
دىلنۇر بەلكىم راست گەپ قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاپىسى تېلېفون قىلمىدى؛ دىلنۇر بەلكىم يالغان گەپ قىلدى، ئاپىسى تېلېفون قىلسىمۇ مەن ئىشخانىد ايوق بولۇپ قالدىم… ھېچقايسىسىنى بىلمىدىم. ئانا- بالىنىڭ كومىدىيىسى قايتا ئوينالمىدى.
قوپقۇرۇق بەدەللەرنى تۆلەۋاتاتتىم، قوپقورۇق ياتاق، قوپقورۇق ئىشخانا، ئىچىم-تېشىمنىڭ ھەممىسى قوپقورۇق ئىدى. نەملىك، شىرىنلىك ئېلىپ كېلىدىغان قىزلار تۇرمۇشۇمدىن تامامەن يوقالغانىدى، ئارىلاپ- ئارىلاپ بىزنىڭ يۇرتداش ئىنى ئاغىنىلەر قىز ساۋاقداشلىرىنى باشلاپ ياتىقىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى، ئۇ قىزلارنى تارتىپ بىرەر قول تانسا ئوينىغاندا كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالاتتى. ئۇلار كەتكەندە يەنە ياتاقتا يالغۇز تولغىنىپ ياتاتتىم. دىلنۇرمۇ ياتىقىدا شۇنداق ياتامدىغاندۇ؟ كۆزلىرىدىن ياش تۆكەمدىغاندۇ؟ تىمساخنىڭ كۆز يېشىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. ئەمما دىلنۇر نېمىلا دېگەن بىلەن 23 ياشلىق لىۋەن قىز ئىدى، تىكىنى بولسىمۇ ئەتىرگۈل ئىدى، سانچىلىپ تۇرسىمۇ پۇراقلىرىدىن لەززەت ئالالايتتىم. ئەمدى قايسى قىزنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ پوكانغا باسالايمەن؟ ئۇنىڭغىچە نەچچە زامانلار ئۆتىدۇ؟ پۇل كەتسىغۇ مەيلى، ئەڭ مۇھىمى جۈرئىتىمنى قايتۇرۇپ كېلىپ بىر قىزغا بېغىشلاپ بولغىچە يۈرەكلىرىم پوكۇلداپ، ئىچىم سىقىلىپ تۇرىدۇ. چىدىمىسام كۆنگەن ھالىتىمگە قايتىمەن. سەتنى ياراتمايمەن، چىرايلىققا يېتەلمەيمەن، كۆزگە سەل ئىسسىق كۆرۈنگەننىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ كەلتۈرۈش ئاۋارىچىلىق: ئۇچرىشىش، پاراڭلىشىش، قولىنى تۇتۇش، قۇچاقلاش، سۆيۈش… كىچە ئۇزاق جەريان كېتىدۇ، كۆپ بولسا بىر يىل، بولمىسا ئىككى-ئۈچ ئاي… ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى قىزغىنلىققا، جۈرئەت-شىجائەتكە، ئىمكانىيەتكە باغلىق. ئاھ، ئايىغى چىقماس لەنىتى ھەۋەس، قارغىشتەگكۈر سەۋدالىق…
بىمەنە ئوينالغان بىر مەيدان ئويۇن ئاخىرلاشتى. ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا، ئاشۇنداق ياشا، ئازابلانما، ئۇ سېنىڭ ئازابلىشىڭغا ئەرزىگۈدەك، قىيالمىغۇدەك قىز ئەمەس. سېغىنىش خۇددى ئېشىپ قالغان سوغۇق ئاشنى يېگەن بىلەن باراۋەر… قورساقنى كۆپتۈرىدۇ، ئاغرىتىدۇ. يالغۇزلۇقنىڭ خۇنۇك رەڭلىرى بىلەن بېزەلگەن ياتىقىم، كونا تېلىۋىزورۇم، مايقۇرتلار مەينەت قىلىۋەتكەن كىتابلىرىم، كونا، كىر كىيىملىرىم، تاشلىنىپ توپا بېسىپ كەتكەن قازان- قومۇچلىرىم تۇرمۇشۇمنى ۋەيرانە كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ كۆرمەسكە سالاتتىم، خام خىيالغا، رەزگى ئويلارغا قانچە بېرىلگەنچە رىئال تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم شۇنچە يىراقلىشىپ باراتتى. دىلنۇر بىلەن مۇشۇ ياتاقتا ئۆتكۈزگەن خۇشال مىنۇتلارنى تەكرار-تەكرا ئەسلەيتتىم، ئەسلەشتىن خالىي بولالمايتتىم، ئەسلىگەندىمۇ ئاشۇرۇپ، مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، خام خىيال بىلەن تازا بېيىتىپ ئەسلەيتتىم، خىيالىمدىكى دىلنۇر ماڭا شەرتسىز بويسۇنىدىغان، نېمە قىلسام ماسلىشىدىغان، نازۇك يېرىگە قول ئۇزاتساممۇ ماڭا كۈلۈپ باقىدىغان ناز-كەرەشمىلىك سەتەڭ ئىدى. كارىۋاتتا پومداقلىشاتتۇق، ئۇنىڭ چاچلىرى ياستۇققا تەكشى يېيىلاتتى، كۆكسى كۈچلۈك نەپەستىن بىر كۆتۈرۈلۈپ بىر پەسىيەتتى، دېڭىز دولقۇنلىرىدەك مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدىغان بۇ ئىللىق قۇچاقتا ئېرىپ كېتەتتىم. بويتاقلىق! ھەر بەش مىنۇتتا بىر قېتىم جىنسىي خىيال قىلىدۇرىدىغان بويتاقلىق! قىزىل چاپان كىيىۋالغان مومايلارنى كەينىدىن قارىسا قىزدەك كۆرسىتىدىغان بويتاقلىق! يات جىنسنىڭ خۇشپۇراقلىرى ۋە يۇمشاق سەزگۈلىرىگە ئۆلگۈدەك خۇمار بويتاقلىق! ئاددىي بىر كارىۋاتنى گاھىدا جىنازىدەك، گاھىدە بەختنىڭ تەختىراۋانىدەك قىلىۋېتىدىغان بويتاقلىق! سۆيۈپ قالسام ناۋادا، ئۆلۈپ قالسام ناۋادا، كۈنلەر چۈشسە بېشىمغا، كىملەر كېلەر قېشىمغا…دېگەن ناخشىنى ھارماي ئېيتىدىغان بويتاقلىق! بىر خالتا گازىر -پۇرچاق بىلەن بىر قۇتا ھاراققا ھەمراھ بويتاقلىق! ئېكرانلاردىن سېرىق رەڭ ئىزدەيدىغان، ئەمما قىزىل گۈلنى ئېچىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بويتاقلىق! بويتاقلىقنى بەك چۈشىنىپ كەتتىم، ئۇ ئەگەر بىر مەخلۇق بولغان بولسا گېلىنى بوغۇپلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولاتتىم، ئەمما تېخى پەيتى كەلمىگەنىدى، كۈتمەكتە ئىدىم، نېمىلەرنىدۇ كۈتۈۋاتاتتىم. ھاۋايى ھەۋەس ئالدىمغا ئۇسسۇل ئويناپ چىقىپلا تۇراتتى، مېنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلاتتى، مەن دەسلەپتە تارتىنىپ كېيىن بېرىلىپ پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن ئوينايتتىم…
ساتتار بېيجىڭغا كەلدى، كېبىر-تەمەنناسى، سالاپىتى بۇرۇنقىدىن ئۆسۈپ قاپتۇ. ئۇ كادىر ئەمەس، ھوقۇققا يامىشالمايدۇ، زىيالىي ئەمەس، ئىلىم چوققىسىغا چىقالمايدۇ. ئۇ پەقەت پۇل تاپالايدۇ، ياماشسىمۇ پەقەت قىز-چوكانلارنىڭ بەدىنىگە يامىشالايدۇ. ئۇ مېنى دېڭىز بويىغا بىللە بېرىپ ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، كۈنلەردىن بېرى ئىچىم پۇشۇپ تۇرغاندا بۇ گەپ ماڭا خوشياقتى. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ شۇ كۈنى ماڭماقچى بولدۇم. ئەتىگەندە ساياھەتكە جابدۇنۇپ ئۇنىڭ ياتىقىغا كېتىۋاتسام ياتاقنىڭ يېنىدا ساياھەت شەپكىسى كىيىپ، چېچىنى شەپكىنىڭ كەينىدىن مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىدەك چىقىرىۋالغان دىلنۇر ئۇچراپ قالدى. يېنىدا يەنە بىر قىز بار ئىدى، دىلنۇرنىڭ بىللە ئېلىپ يۈرەلىگۈدەك ساۋاقدىشىنىڭ بارلىقى مېنى ئەجەبلەندۈردى، قارىغاندا رۇقىيەنىڭ گەپلىرىدە مەسىلە بار ئىدى: بىر سىنىپتىكى پۈتۈن قىزلارنىڭ دىلنۇرغا تامامەن قارشى چىقىشى مۇمكىنمۇ؟ دىلنۇر ماڭا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ قويدى، شۇ ھامان بۇ ساياھەتكە چىققىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. ئەمما يېنىدىكى قىز ماڭا كۈلۈمسىرەپ قارىدى، كۆڭلۈم يەنە پاللىدە ئېچىلدى. تەسىرچان، ئاجىز كۆڭلۈم گويا سېرىق ئاپتاپقا ئوخشايتتى. مەن مۇشۇ قىز ئۈچۈن بولسىمۇ دېڭىز بويىغا بېرىشنى قارار قىلدىم، ناتونۇش قىز گويا مەن كىرىپ باقمىغان باغچىدەك سېھىرلىك، جەلپكار ئىدى.
شۇ كۈنى پويىزغا چىقىپ بېيدەيخېغا ماڭدۇق، ساتتا دىلنۇر بىلەنلا قالدى، مەن ناتونۇش قىز بىلەن تونۇشۇشقا باشلىدىم. قىز ياغلىق چىگەتتى، بەكمۇ يۇۋاش، مۇلايىم كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى دېڭىز بويىغا پەقەت ماس كەلمەيتتى، لېكىن ياغلىق چىگىدىغان قىزلار دېڭىزنى كۆرسە بولمايدۇ دەيدىغان ئىش يوق-تە! قىز تازا ئېچىلالمىغان گۈلگە ئوخشايتتى، پات-پات سولغۇن ھالەتكە كىرىپ قالاتتى، بۇ ئۇنىڭ ئەسلى ھالىتىمۇ ياكى ۋاقىتلىق ھالىتىمۇ، ئۇققىلى بولمايتتى، ياكى دىلنۇر مەن توغرۇلۇق بۇ قىزغا داتلاپ بەردىمۇ؟ ئادەمنىڭ ئوبرازى غەيۋەت بىلەن پوققا مىلىنىدۇ. دىلنۇردىن گۇمانلانغانچە ئۇنىڭ ساتتا بىلەن بىللە ئولتۇرغاندىكى قىلىقلىرى كۆزۈمگە تېخىمۇ سەت كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇ ساتتار بىلەن ئاللىقانداق بىر ئىشلار ئۈستىدە پاراڭلىشاتتى، ئۇنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسىز شۇنچىۋالا كۆپ پاراڭ قىلالايدىغانلىقىغا ھەيران-ھەس ئىدىم. كۆڭۈلسىزلىك ھەر دەمدە سويۇق تەرەتتەك قىستاپ كېلەتتى، دېرىزىدىن سىرتتىكى ياپيېشىل مەنزىرىگە قاراپ زورلاپ بولسىمۇ گۈزەل نەرسىلەرنى خىيال قىلدىم، دېڭىزنى كۆرۈش ئىشتىياقىم مەنزىلگە يېقىنلاشقانچە كۈچيىىشكە باشلىدى. ئەمما دېڭىزغا بارغان بىلەن كۆڭۈللۈك بىر ھەمراھ بولمىسا نېمە پايدىسى؟ قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن بۇ قىز بىلەن دېڭىز بويىدا بىللە ماڭغۇدەك بولسىمۇ يېقىنلىشىشىم كېرەك.
ــ ھە راست، ئىسمىڭىزنى سورىماپتىمەن…
– ئارزۇگۇل..
ـــ ئوقۇش پۈتتۈرسىڭىز يۇرتىڭىزغا كېتەمسىز؟
ــ ياق، ئاسپرانتلىقتا ئوقۇيمەن.
بۇ قىزنىڭ ئىرادىسى، ئېرىشىۋاتقان ئىمكانىيەتلىرى ئالدىدا مەن نەچچە يىل شۇ بىر جايىدىن قىمىرلىمىغان ئاجىز مەخلۇققا ئوخشايتتىم. ئۇنىڭغا ھەۋەسلەندىم.ـ ھەۋەسلەنگەنچە دىلنۇر شۇنچە كىچىك كۆرۈنۈشكە باشلىدى، ئۇنى كەمسىتكەنسېرى ھوزۇرلىناتتىم. قانچە كەمسىتىپ بىر تىيىنغا ئالغۇسىز قىلىۋەتسەم ئۇنىڭ ساتتار بىلەن ماڭا كۆرسىتىپ قىلغان بىمەنە قىلىقلىرى تېخىمۇ ئەرزىمەس، بىچارە كۆرۈنەتتى. ئارزۇگۇل بىلەن داۋاملىق پاراڭلاشتىم. ئۇنى ماختاپ ئۇچۇردۇم، چىرايىمدىن سەمىمىيەت، سۆزلىرىمدىن ئەمەلىيەت تۆكۈلدى. ماختىسا خۇش بولمايدىغان كىم بار؟ قىزمۇ بۇرۇن مېنى خاتا چۈشىنىپ ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندەك بارا- بارا چىرايىنى ئاچتى.
ــ سىز دېڭىزنى بۇرۇن كۆرۈپ باققانمۇ؟
ــكۆرمىگەن،ــ دېدىم ئۇنىڭ ئاكتىپلىقىدىن تەسىرلىنىپ،ــ لېكىن بەك كۆرگۈم بار. دېڭىزنى كۆرسەم كۆڭلۈم ئاسماندەك ئېچىلىپ قالار…
ــ مېنىڭمۇ شۇ، شەھەردە تىقىلىپ ياشاۋەرسىمۇ ئادەم زېرىكىدىكەن.
ــ سىلىنىڭ مەكتەپنىڭ ئىچى خېلى كەڭغۇ؟
ــ كەڭ بولغان بىلەن، ھەر كۈنى كۆرسىڭىز يەنە شۇ…
پويىزدىن چۈشۈپ كىراكەشنىڭ بولكىۋاي ماشىنىسىدا بىر دەم ماڭغاندىن كېيىن دېڭىزنى كۆرۈپ ھاياجىنىمىزنى باسالماي قالدۇق! تۆت ئادەمنىڭ بىرلىككە كەلگەن بۇ تۇيغۇسىدىن شوپۇرمۇتەسىرلىنپ كەتتى بولغاي، ماشىنىسىنى بىر دەم توختىتىپ تۇردى. بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ دېڭىز بويىغا كەلدۇق، ئايىغىمىزنى سېلىۋېتىپ سۇغا كەچتۇق. ساھىلدىكى قۇلۇلە قاپلىرى شۇ قەدەر پاكىز، چىرايلىق، مەزمۇت ئىدى. ئۈستى-ئۈستىلەپ كېلىپ قىرغاققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان، دەۋرلەردىن بۇيان مۇشۇنداق تەكرار ھەرىكىتىنى ئىنسانلارغا ئۆلمەس ھەقىقەتتەك بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان دېڭىز دولقۇنلىرى بۇ كىچىك، ئەمما مۇستەھكەم قۇلۇلە قاپلىرىنى قىرغاققا دۆۋىلەپ قويغانىدى. قۇلۇلە قېپىنى دېڭىزدىن يىراق يەردە قۇلاققاياقسا دېڭىز شاۋقۇنلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدىكەن، قارىغاندا نەرسىلەرنىڭمۇ بىر ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بولسا كېرەك.
بېيدەيخېغا كېلىپ دېڭىز بويىدا ئەرزان باھالىق ياتاق ئىزدەپ كېتىۋاتساق بىر يەردىن ئۇيغۇرچە ناخشا ئاڭلاندى، روھلىنىپ كەتتۇق، بېرىپ قارىساق بىر ئۇيغۇر كاۋابچى كاۋاپ سېتىۋېتىپتۇ. بىر دەم ئەھۋاللاشتۇق، قەشقەرلىك ئىكەن، بۇ يەرگە كەلگىلى خېلى ئۇزاق بوپتۇ، بىزگە ئەرزان ياتاق بار يەرنى كۆرسىتىپ قويدى. ساتتار مەرتلىك قىلىپ ياتاقنىڭ پۇللىرىنى تۆلىدى. كەچتە تاماق يەپ دېڭىزنى ئايلاندۇق. دېڭىز قىرغىقىدىكى خادا تاشلارغا چىقىپ، سالقىن شامالنىڭ شىۋىرلاشلىرىغا، قاراڭغۇ دېڭىزنىڭ ھەيۋەتلىك شاۋقۇنلىرىغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇردۇق، كۈچلۈك دولقۇنلار خادا تاشقا ئۇرۇلغاندا سۇلار بەدىنىمىزگە چاچرايتتى. ئەندىكىپ چۇقان سالاتتۇق. بىر دەمدىن كېيىن بۇ ئويۇننىڭمۇ قىززىقى قالمىدى، بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قول تۇتىشىپ يۈرگەن ئاشىق-مەشۇقلار ئىدى. تەبىئەت ئادەملەرگە رومانتىكىلىق تۇيغۇ بېغىشلاۋاتامدۇ ياكى ئادەملەر تەبىئەتنى رومانتىك كۆرسىتىۋاتامدۇ؟ مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەتراپ رومانتىك كەيپىيات بىلەن تولۇپ تاشقانىدى. ھەر ياقتا دېڭىزنىڭ ئەسەبىي شاۋقۇنىغا جۇر ھالدا قىزغىن پاراڭ، قىقاس-چۇقان، ناخشا ئاۋازى ئاڭلىناتتى. بىپايان، ھەيۋەت دېڭىزنىڭ قاراڭغۇ يۈزىگە باققان ھەر كىشى تەبىئىي ھالدا چەكلىك ھاياتنى، سۆيگۈنى، ئۆلۈمنى ئويلاپ قالاتتى. ئاشىق-مەشۇقلار دېڭىزغا بىر دەم قاراپ، دولقۇنلارنىڭ ساداسىنى بىر دەم تىڭشاپ، چاچراپ چىققان سۇلاردىن بىر دەم چىقىراپ، ھەممە نەرسىنىڭ قىززىقى كېتىپ بولغاندا ئۆز ئەكسىگە قايتىپ، جىمجىت رومانتىك كەيپىياتنىڭ قوينىغا كىرىپ قانماي سۆيۈشەتتى. دېڭىز دولقۇنى ھازىرلا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئۆزلىرىنى يۇتىۋېتىدىغاندەك، گۈزەل ھاياتقا چىڭ ئېسىلىپ، بىر-بىرىگە مەھكەم چىرمىشىپ ئەسەبىيلەرچە سۆيۈشەتتى. بىر چاغدا دىلنۇر ساتتار بىلەن يوقاپ كەتتى، بەلكىم بىرەر يوغان تاشنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ مەقسەت داۋانلىرىغا ياماشتى. دىلنۇر يىراقتىن مېنى مەسخىرە قىلىپ كۈلدى، ئاندىن كۆزىنى يۇمۇۋالدى، ئۇنىڭ نېرۋىسى ئاجىز، ساراڭ، ئەخمەق، 100 ئەركەك سۆيسىمۇ ھېچنېمە بولمايدۇ، پۇچەك كاللىسىدا ئۇ ھاۋايى ھەۋەسلەرچە سۆيۈشنىڭ ھېچ تەمى، ئەسلىمىسمۇ قالمايدۇ. ئارزۇگۇلگە قارىدىم، غۇۋا قاراڭغۇلۇقتا ئۇ قىز تېخىمۇ سىرلىق، ئەمما جەزبىلىك كۆرۈنەتتى. قىزنىڭ قۇچىقى بوش، لەۋلىرى قۇرۇپ كەتكەن، قەلبى گويا دېڭىز سۈيى بارالمىغان قۇم ساھىلدەك قۇرغاق. مەن دولقۇندەك ئوخچۇپ كېلىپ شۇ قىرغاققا يېقىن كېلىمەن، كەينىمگە يانىمەن، يەنە كېلىمەن، يەنە قايتىمەن… ئۇ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ؟ مېنىڭ تۇيۇقسىز ساراڭلىق قىلىشىمنى كۈتۈۋاتامدىغاندۇ؟ يوشۇرۇن ئېڭىدا كۈتىدۇ، ئەمما قورقىدۇ.
ـــــ سىز توڭمىدىڭىزمۇ؟-دېدىم ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ.
ـــــ ياق،-دېدى ئۇ، ئاندىن مەندىن ئەندىككەندەك قىلىپ ئىككى قەدەم يىراقلاشتى. قاراڭغۇدا ئۇنىڭ چىرايىنىڭ قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمىدىم.
ــــ مەن سەل توڭۇۋاتىمەن، يېلىڭ كىيىنىۋاپتىكەنمەن…
— ئەمدى قايتساقمۇ بولاتتى…
— شۇنى دەڭا، ئۇ ئىككىسى نەگە كەتكەندۇ؟!
ئارزۇگۇل گەپ قىلمىدى، بىراق ھەممىنى ئويلاپ بولدى، ئىچى يا ھەسەتكە يا ھەۋەسكە تولدى. بىزمۇ شۇنداق قىلالمىغاندىكىن، خوپ بولدى… ئۇ دېڭىزغا قاراپ تۇراتتى. دېڭىزدا پاراخوت دېگەن نەرسە كۆرۈنمەيتتى، گۈدۈك سادالىرى ئاڭلانمايتتى. مەن راستىنلا توڭۇشقا باشلىدىم، قولۇمنى قوينۇمغا تىقىپ دۈگدىيىپ، جايىمدا پىقىراپ تۇرىۋەردىم، ئىچىم دەھشەت سىقىلدى، دېڭىزنىڭ پەيزى تۈگەپ، ھەممە ياقنى قاباھەت بېسىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى.
بىر چاغدا ئىككىسى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئازادىلىككە چىقىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردەك خۇشال پاراڭلىشىپ يېتىپ كەلدى، ياتاققا كەتتۇق. ساتتار كەيپىياتىمنىڭ ئوساللىقىنى سەزدى، لېكىن سەزدۈرمەسلىككە تىرىشتىم، نېمە دېيەلەيتتىم؟ دىلنۇر ھازىر مېنىڭمىدى؟ ساتتار پەقەت مەن تاشلىۋەتكەن نەرسىنى تېرىۋالدى. ئەمما شۇ نەرسە كەيپىمنى ئۇچۇراتتىكى، ساتتار بېيجىڭغا كېلىشى بىلەنلا ئۇنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان دىلنۇر خېلى بۇرۇنلا ئۆزىنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ بولغاندەك قىلاتتى، ساتتار ئۇنى خالىغاندا سۇغۇرۇپ، خالىغان چاغدا تاقىۋالىدىغان كەمىرىدەك قىلىۋالغانىدى، بۇ بىچارىلىكنى ئۇ دۆت ئۇقمايتتى. بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن، ياتاقنىڭ پۇلىنى تۆلەپ ئاكتىپ ئورۇنغا، نوچىلىققا ئۆتۈۋالغان ساتتار ئۆزىنى ھەرگىز ئاقلىمايتتى، قىلمىشلىرىنى چۈشەندۈرۈپمۇ ئولتۇرمايتتى؛ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارماي، قېلىنلىق، مۇغەمبەرلىك بىلەن ياشايتتى. ئۇ ھىيلە-مىكىر ئارىلىشىپ كەتكەن ئەقلى بىلەن پۇل تاپسا، بۇ پۇلدىن كېلىدىغان ئىمكانىيەت ۋە راھەت ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنى يەنە ھەر ۋاقىت كاللا ئىشلىتىپ تۇرۇشقا ئۈندەيتتى. ئۇنىڭ ئېسىل ياشاش ئۈچۈن بىر كۈن توختىماي ئىشلەپ چارچاپ كەتكەن بېشى ياستۇققا تېگىشى بىلەنلا ئارام ئالدى. دېمەك، ئۇنىڭ بېشى ھەر ۋاقىت راھەتكە دومىلاپ تۇراتتى. مەن ئەكسىچە تويماس نەپسىمدىن ئازابلىنىپ، ناھايىتى تەستە ئۇخلىدىم.
ئەتىسى دېڭىزغا چۆمۈلگىلى باردۇق. سۇ ئۈزۈش كىيىملىرىنىمۇ ساتتار ئالدى. ئۇ بۇنداق ئىشلاردا قانچە ئاكتىپ، قانچە مەرت بولسا شۇنچە ئىناۋەت تىكلەپ، نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئۆتەلەيدىغانلىقىنى، گېپى چوڭ، ئىشى ئاسان بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇنىڭ باشتىن ئاخىر قىلىپ كەلگەن چىقىملىرى مېنى دىلنۇرنىڭ ئالدىدا بىچارە كۆرسەتتى. ساتتار پۇل چىقارسىلا دىلنۇر خۇددى ئېرىدىن ماختىنىدىغان خوتۇندەك كۆرەڭلەيتتى، مېنىڭمۇ ئىلگىرى ئۆزىگە خېلى خەجلىگەنلىكىمنى تامامەن ئۇنتۇپ كەتكەنىدى. مەن ئۇنچە پىخسىقمۇ ئەمەس ئىدىم، كاللامدىن ئۆتىدىغانلىكى ئىشلارغا، كۆڭلۈم ئېچىلىدىغانلىكى نەرسىلەرگە ئايىماي خەجلەيتتىم. ئەمما ھازىر پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانىدىم، يەنە كېلىپ ئۇ ئىككىسىنىڭ تاماشاسىغا مەن پۇل خەجلەيمەنمۇ دېگەن ئاڭ كاللامغا كىرىۋالغانىدى… ئارزۇگۇل ئىككىمىز ئايرىم ساياھات قىلغان بولساق ئىدۇق، پۇللىرىم غازاڭدەك ئۇچاتتى. غازاڭدەك ئۇچقان پۇللار لەيلەپ كېلىپ كۆڭۈل خوشلۇقىمىزغا قوناتتى.
ئارزۇگۇل سۇغا چۈشمەي ساھىلدا قاراپ تۇردى. مەن دەسلەپتە ئۇنىڭدىن خىجىل بولغانىدىم، ئەمما ئۇنىڭ ھەممە نەرسىگە تەبىئىي قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزەمنى قويۇۋەتتىم. دىلنۇر سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيۋالغانىدى، ئۇنىڭ بۇنداق يالىڭاچ ھالىتىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاچقا ئىچىم ئوت ئالدى. بەدىنىنىڭ نازۇك يېرىنى ئارانلا يېپىپ تۇرغان سۇ ئۈزۈش كىيىمى ئۇنى تېخىمۇ ئورۇق، تېخىمۇ ھاياسىز كۆرسىتەتتى. ئەرلەرنىڭ بوشاپ كېتىۋاتقان ئىشتان بېغى بىلەن ئاياللارنىڭ تارىيىپ كىچىكلەپ كېتىۋاتقان كۇسار ئېغى نېمىدېگەن ماسلاشقان!… دىلنۇرنىڭ بەدىنى ئەسلىدە خېلى چىرايلىق بولسىمۇ، ماڭا ئاپئاق ئىسكىلىتتەك قورقۇنچلۇق كۆرۈندى، ئۇنىڭغا باققاندا يارىشىملىق كىيىملىرى بىلەن بىر چەتتە تۇرغان ئارزۇگۇل لاتاپەتلىك، ئىپپەتلىك كۆرۈنەتتى.
سۇغا چۈشتۈم، تۇزلۇق سۇ ئىللىق باغرىنى ئاچتى، كىچىك ۋاقتىمغا قايتقاندەك بىر خۇشاللىق ۋە جاسارەتتە غۇلاچ تاشلاپ ئۈزدۈم. ئارزۇگۇل بىر دەم ماڭا، بىر دەم ساتتارغا قاراۋاتقاندەك قىلاتتى، يوشۇرۇن بىر كۆز مېنى كۆزىتەتتى. دىلنۇرنىڭ نەزەرىدىن مەن دېڭىزغا چۆكۈپ ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمدەك ئاللىقاچان يوقالغانىدىم. ئۇ مېنى شۇنچە ئاسانلا نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىككە كۆمۈپ تاشلىغانمىدۇ؟ سۇ ئۈزىۋېتىپ تۇزلۇق سۇ ئىچىۋالدىم، ئىچىمدە ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە ئاچچىق، قىرتاق نەرسىلەر باردەك بىئارام بولدۇم. بۇ ئويۇنمۇ قىززىمىدى، بالىلىقىمدىكى تۇيغۇلارنى تاپالمىدىم، بىز سۇ ئۈزۈپ ئوينىغان ئۆستەڭنىڭ تاتلىق سۇلىرى، ئۆستەڭ بويىدىكى ئالما ۋە جىگدىلەر، ئۇلارنى بىر-بىرىمىزگە ئېتىپ ئوينىغانىدىكى بەختلىك ھېسلار پەقەت شۇ ۋاقىتقىلا مەنسۇپ ئىكەن. بۇ بىپايان دېڭىز شور، تۇز، ئازاب بىلەن لىق توشۇپ كەتكەچكە، ئازابىغا پاتماي دولقۇنلىنىپ، شاۋقۇن-سۈرەن سېلىپ، قىرغاقلارغا ۋە قىيا تاشلارغا غەزەپ بىلەن ئۇرۇلامدىغاندۇ؟! دېڭىز مېنى ھازىرلا يۇتىۋېتىدىغاندەك مەۋج ئۇرۇپ كېلەتتى، مېنى قورقۇنچ باستى. بىر ئۈزۈپلا چىقىپ كەتتىم، تاتلىق سۇدا يۇيۇنۇپ، بەدىنىمدىكى شورلارنى تازىلاپ يەڭگىللەپ قالدىم.
ساياھەتتىن قايتىپ كەلدۇق. ئەتىسى ساتتار ماڭماقچى ئىدى، خوشلىشىپ قوياي دەپ ئۇ چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا ئەتىگەندىلا كەلدىم. لېفىتنى ساقلاپ تۇرسام پەسكە چۈشكەن لېفىتتىن دىلنۇر ئۇيقۇ چىراي ھالدا چىقىپ كەلدى. ئۇ مەندىن نە ھېيقىشنى، نە چۆچۈشنى بىلمەيتتى، ساتتار ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى نېرۋىلىرىنىڭ ئۇچىغىچە ئىگىلەپ بوپتۇ دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى كۆرمىدىم.
ئىككى يىلدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ساتتار بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم. ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك باي، سۆلەتلىك، مەرت، ئوچۇق-يورۇق ئىدى. بىللە تاماق يېدۇق. قىسقىچە ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ دىلنۇر بىلەن توي قىلغانلىقىنى، خىزمىتىنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
ــــ دەسلەپتە كۆرگەندىلا ياخشى كۆرۈپ قاپتىكەنمەن، ــ دېدى ئۇ تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇرىۋېتىپ، بۇ ھەرىكىتى ئۇنىڭ ھازىرقى گېپىگە تولىمۇ ماس كېلەتتى، ــ كاساپەتنى ئۇنتۇيالمايلا يۈردۈم، بېيجىڭغىمۇ ئاساسەن شۇنى دەپ بارغان. ئاڭلىسام ئۇ بۇرۇن ئۈرۈمچىدە نەچچىسى بىلەن، بېيجىڭدا نەچچىسى بىلەن يۈرۈپتىكەن، سەن بىلەنمۇ يۈرۈپتۇ. ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭغا ئىگە بولماپتۇ. تويدىن بۇرۇن ھەممىنى ئۇقتۇم. مەيلى، نېمىلا بولسا مۇشۇنىڭغا بىر ئىگە بولاي دەپ خىزمىتىنى ھەل قىلدىم، 30 مىڭ كويدىن كۆپ پۇل كەتتى. ئاخىر توينىمۇ قىلدىم، توي قىلىپ قاراپ باقارمەن، بولمىسا خېتىنى بېرىپ يولغا سالارمەن دەپ ئويلىۋىدىم، كاساپەت قىز چىقىپ قالدى، شۇڭا ھازىرغىچە تاشلىماي ئۆي تۇتۇۋاتىمەن. ھازىرچە ياخشى، تالادا ئاشناڭ باركەن دەپ پات-پات غىڭشىپ قويىدۇ، باشقا ئۇششاق گېپى يوق. ئۈرۈمچىدە بىر نەچچە يەردىن ئۆي ئېلىپ قويدۇم. ئارىلىشىۋاتقاندىن نەچچىسى بار، كېلىڭ دېسەملا كېلىدۇ… ئۈرۈمچىدە نېمە تولا، قىز تولا. ھازىرقى قىزلار پۇلدىن باشقىنى تونۇمايدۇ. ئىش-ئوقىتىمىز ئوبدان، پۇللا بولسا ئېرىشكىلى بولمايدىغان نېمە يوقكەن، دىلنۇرمۇ دەسلەپتە مېنى ئوقۇمىغان، قارا قورساق دەپ ئانچە كۆزگە ئىلمىغان. كېيىن ئۆزىمۇ كۆردى، جەمئىيەتكە چىققاندا ئۇنىڭ بېيجىڭدا ئوقۇغانلىرى پوققا ئەسقاتمىدى، خەق يەنىلا پۇلنى تونۇيدىكەن. شۇندىن كېيىن ئۇ ماڭا مەن داشۆسىڭ دەپ ئالدىراپ چوڭچىلىق قىلالمايدۇ ، ئۆيدە مېنىڭ دېگىنىم ھېساب، بىر نېمە دېسە تاياق ، مۇشۇ كەمگىچىمۇ خېلى تايىقىنى يەۋالدى. چىدىسا ياشايدۇ، چىدىمىسا خېتىنى بېرىپ يولغا سالىمەن…. ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭدىن چىرايلىق قىزلار جىق، داشۆسىڭ قىزلارمۇ تولا، پۇلنىلا بېرىپ رازى قىلساق، ۋاي ئاكا دەپ ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئوينايمىز، ئويناپ قانمايمىز…
ئۇ ئىچتى، چەكتى، سۆزلىدى، ئەزۋەيلىدى، گەپلىرى بارغانچە لاۋزىلاشتى. دىلنۇرنىڭ قىز چىقىشى مېنى ئەجەبلەندۈرۈپ قويغاچقا، ئۇنىڭ كېيىنكى گەپلىرى قۇلىقىمغا ئانچە كىرمىدى.
ئارىدىن يەنە بىر يىل ئۆتۈپ، يەنە شۇ ئۈرۈمچىدە دىلنۇر بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم. بىر دۇكاندا تۇراتتىم، مۈرەمگە بىر قول تەگدى. قارىسام دىلنۇر، بۇرۇنقىدىن سەل سەمرىپ قاپتۇ، چاچلىرىنى قىسقا ياسىتىۋاپتۇ. ماڭا كۈلۈپ سالام قىلدى. ھەيران قالدىم. قىسقىچە ئەھۋاللاشتۇق. ساتتارنى سورىدىم.
ــــ كىمۇ ئۇ ساتتار دېگەن؟! ــ دېدى ئۇ مەنسىتمەسلىك، بىزارلىق بىلەن.
دېمەك، ئۇلار ئاجرىشىپ كەتكەنىدى، بۇنىڭغىمۇ ھەيران قالمىدىم. نەتىجىدە ھەر ئىككىسى ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن بويتاقلار ، ئەركىن ئوينايدىغانلار ئارىسىغا قېتىلىپ كەتكەنىدى.
شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ دىلنۇر بىلەن بولغان ھېكايەم تۈگىدى. ھەسرەتلىك ئەسلىمىلەر كونىراپ يوقالدى، لېكىن يېتەلمىگەن ئارمانلىرىم تۇتقاقلىق كېسەلدەك پات-پات قوزغاپ قويىدۇ، ئېرىشەلمەسلىك تۇيغۇسى ئادەمنى بىر ئۆمۈر ئازابلارمۇ؟ قارىغاندا روھىمدا ئۆزەم بىلمەيدىغان بەزى كېسەللەر ۋە ئۇنىڭ ئاسارەتلىرى بار ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى سىلەرگە ئېچىپ كۆرسەتتىم، مەندىن ساۋاق ئېلىڭلار، ئىلھاملانماڭلار. (تۈگىدى)

4 پارچە ئىنكاس بار

  1. تىلەك مۇنداق يازغان:

    ‹ئاينۇر› دەپ ئىككى يەردە مۇنداقلا بىر ئىسىم پەيدا بولۇپ قاپتۇ، ئەمما پوۋىستا باشتىن ئاخىر ‹ئاينۇر› دەپ ئادەم يوق.

    • ئەرتۈرك مۇنداق يازغان:

      دىلنۇر دېگەن ئىسىم ئاينۇر دەپ يېزىلىپ قالغان ئوخشايدۇ.

      • تىلەك مۇنداق يازغان:

        شۇنداق ئىكەن، دىلنۇر ، ئاينۇر دەپ يېزىلىپ قاپتۇ، بەش يەدە شۇنداق يېزىلىپتۇ.
        1. ئاينۇرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا مەن تەربىيە ئىشلىمىگەن بولسام ئۇنىڭ
        جاھىللىق بىلەن بۇ يەرگە كېلىشىمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى
        2. بىچارە ئەخمەت قىززىپ قالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ دىلنۇرغا قالايمىقان گەپ قىلالمىدى. ئاينۇر ياتىقىمىزنى تاقىۋېتىدۇ دەپ ئالدىراتقاچقا سورۇننى تېزلا يىغىشتۇردۇق، ئۇنى ياتىقىغىچە ئاپىرىپ قويدۇق. ساتتارنىڭ گېپى بويىچە دىلنۇر ئەتىسى بىز بىلەن بىللە باغچىغا بارماقچى بولدى.
        3. ئەتە بۇ ئىككىسى كېتىدۇ، ئاينۇرمۇ كۆزىمىزدىن يۈتىدۇ… ئەخمەت بىلەن ئىككىمىز يەنە بىر-بىرىمىزنى تاتلاپ ياشايمىز. بۈگۈن ئىچىپ يالغاندىن قىززىغان بىلەن ئەتە رەسمىي سوۋۇيمىز، بەلكىم بىر-بىرىمىزگە تۈزۈك گەپ قىلماسلىقىمىز مۇمكىن.
        4. — بۇ ساتتار دېگەن گۇيمۇ ئۆتۈپ كەتكەن شاپاقچىكەن… بۇ چاغقا ئاينۇرنى نەچچە قويۇپ بولدى..
        5. . مۇشۇ باھانىدا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇرۇپ، كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان ئاينۇرنى قانغۇدەك كۆرۈپ، تېخىچە كۆرۈشۈپ باقمىغان قارىمايلىق مۇھەببىتىدىن قۇسۇر ئىزدەپ، ئۇنىمۇ تايىنلىق بىر نېمىگە چىقىرىپ، كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇراتتىم.

  2. تىلەك مۇنداق يازغان:

    رەھمەت!
    «بەزى يازغۇچى گۇيلار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئوقۇغۇسىنى كەلتۈردىغان پوۋىستلارنى يازىدۇ ».

ئەرتۈرك ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*