ئۈمىدۋارلىق توغرىسىدا

tonuxux

ئاجىزلار ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن قەھرىمانلىق خىيالى ئىچىدە ياشايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەت رەھىمسىز، رېئاللىق ئۆزىنىڭ مۇزدەك چىرايى بىلەن بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، روھسىزلاندۇرىدۇ؛ ئەمما ئۈمىدسىزلىك تەسلىمىيەتچىلىكتۇر، ئۆلمىگەن جانغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر، خىيانەتتۇر.
بېسىمنىڭ بارلىق مەنبەسى قورقۇنچ؛ ئۆلۈمدىن قورقۇش، كېسەللىكتىن قورقۇش، دۈشمەنلەرنىڭ قەستىدىن قورقۇش، مەسخىرىدىن قورقۇش، نامراتلىقتىن قورقۇش، خارلىق ۋە مۇھتاجلىقتىن قورقۇش ۋاھاكازالار… ئەمەلىيەتتە ئىنسان يۇقىرىقى قورقۇنچ، ۋەھىمىلەردىن قۇتۇلالمايدۇ؛ قۇتۇلالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ؛ مەجبۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىمۇ ئۆتكۈزۈۋېتىشكە ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە قادىر بولالايدۇ، ئۇنىمۇ قىلالمىسا ئۆلۈپلا قۇتۇلىدۇ. ئۆلۈم ھەممىنى ھەل قىلىدۇ، بۇ ھاياتتا جاننى ئېلىپ جاڭگالدا قويغان جىمى «مۇھىم»نەرسىنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ.
ئىنسانلار خەتەر ۋە قورقۇنچ ئىچىدە كۈرەش قىلغان ئەجدادلىرىدىن بەك كەينىدە قالدى. ئەجدادلىرى شىر، يولۋاسلار قوغلاپ كېلىۋاتقاندەك جىددىيلىك، قاراملىق، تەۋەككۈلچىلىك ئىچىدە ياشايتتى؛ ھازىر بولسا ئەۋلادلىرى ئازغىنە بېسىمدىن تويۇپ، راھەت ياشاشنى، بۇنىڭغا كۆزى يەتمىسە ھەتتا ئۆلۈپلا قۇتۇلۇشنى ئويلايدىغان بولۇپ كەتتى. دېمەك ئىنسانلار زەئىپلىشىپ كەتتى؛ ئەقىلدە، ئىلىمدە، تېخنىكىدا تەرەققىي قىلغان بىلەن ئەسلى تەبىئىتىدىن، جىسمانىي سۈپىتىدىن بارغانسېرى چېكىنىپ كەتتى، تەبىئەتتىن ئايرىلدى، تەبىئەتكە دۈشمەنلىك قىلدى، ئاقىۋەت ئۆزىگە دۈشمەنلىك قىلدى.
ناخشىچى مەھمۇد سۇلايمان 52 يېشىدا يۈرەك كېسىلى بىلەن قازا قىلدى. مەرھۇم بىلەن بىر چاغلاردا بىر رېستۇراندا بىللە ناخشا ئېيتقانىدۇق. ئۇ ياخشى نام، ياخشى ئەسەر قالدۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەچكە كىشىلەر ئۇنى ئەسلەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەسلىشى، خاتىرىلىشىگە نائىل بولۇش ئۆلۈكلەرگە نېمە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئۇلار ھايات چېغىدا مەشھۇرلۇقىنى ئويلاپ تەسەللىي تاپقانمۇ؟ ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىن كۆچۈشى بىلەن ئۇنىڭ ھەممە نېمىسى يوقىلىدۇ؛ باشقىلار ئۈچۈن پەقەت ئۇنىڭدىن بىر نام، بىرەر ئەسەر، بىرەر پەرزەنت، قەرز، كۆڭۈل ئاغرىقى ياكى پۇشايمان… قالىدۇ. ئۇ ئىنسان بۇ دۇنيانىڭ خاپىلىقلىرى ۋە غەۋغالىرىدىن قۇتۇلۇپ ئارامغا چىقىدۇ.
ئۆتمۈش گويا چۈشكە ئايلاندى،
ھاياتنى چۈش دەپ ئىنكار قىلمايمەن.
ھايات ۋاقىتتۇر، ۋاقىت ھادىسە،
ھادىسە دېگەن يېڭى ھاياتتۇر.
چۈشۈم قىزىقارلىق رېئال كەچمىشتىن،
چۈنكى ئۇ سېپى ئۆزىدىن بىر ھادىسە.
قىزىقىش ئىزدەيمەن نورمال ھاياتتىن،
ئۆلۈمگە قىزىقىش يوقتۇر ھازىرچە.
شۇئان شۇئاننىڭ ئىچىدە ئۆلىدۇ،
كېلەچەك كېلەچەكنىڭ قوينىدا تۇغۇلىدۇ.
ئۆتمۈش ئۆلمىسە نەدە كېلەچەك،
كەچمىشلەر ۋۇجۇدۇمنى دەسسەپ ئۆتىدۇ.
مۇھەببەتسىز ھاياتنى ھايات دېگىلى بولامدۇ؟ مۇھتاجلىق بولمىسا ئىدى، يۈرەك ئازادە سوقاتتى. بېسىمنى يۇمشىتىدىغان نەرسە سۇدەك ئېقىشچان كەيپىياتتۇر. سېنى تىنماي جىلە قىلىدىغان نەرسىمۇ زەھەر يېگەن چۈمۈلىدەك بىر-بىرلەپ ئۆلىدۇ. ۋاقىت ئۇنى زەھەرلەيدۇ. ئەمما شۇنىڭغىچە ئۆزەڭنى زەھەرلىگەچ تۇرىسەن، ئۆزى بىلەن قېرىشىش ۋە ئۈمىدسىزلىنىش ئۆزىنى زەھەرلەش دېمەكتۇر. ئىنساننىڭ قەلبى توختاۋسىز كۈرەش مەيدانىدۇر، ئىچىڭدە جېدەل بولۇۋاتسا سىرتتىن ياردەم تەلەپ قىلالامسەن؟ ھالبۇكى، زۆرۈر تېپىلغاندا سىرتتىن بىر نەرسە تەلەپ قىلساڭ، ئىچىڭگە قاپسىلىپ قېلىشتىن قۇتۇلالايسەن. ئۇنۇتما، بېشىڭدا گىژىلداپ ئايلىنىپ يۈرگەن چىۋىنمۇ كەيپىياتىڭغا تەسىر قىلالايدۇ. ئۇنى پالاق بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئارام تاپىسەن، شۇڭا پالاققا ھاجىتىڭ چۈشىدۇ، تاپالمىساڭ ئىزدەيسەن. ئىزدەپ تاپقاندا كېلەر قېتىم لازىم بولىدۇ دەپ ئوبدان يەرگە ئېسىپ قويىسەن.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*