بۇ مېڭە گويا 18مىڭ ئالەمدۇر

brain

ۋەھدەت دېگىنىمىز تەشبىھ بىلەن تەنزىھنىڭ بىرلىكىدۇر.
روھنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگار بەندىلىرىگە ئاجايىپ تەسۋىرلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، بېشارەتلەر ۋە ئىشارەتلەر بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ يەككە-يىگانە ۋە چەكسىز بارلىقتۇر.
مېڭە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ مېڭىسى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئورگان بولۇپ، مېڭىمىزنىڭ ئەڭ ئاستى قىسمى، يەنى بوينىمىزغا تۇتاشقان قىسمى يىلان ياكى شۇ تىپتىكى جانلىقلارنىڭ مېڭىسىگە ئوخشايدىكەن، يۈرەك سوقۇشىمىز بىلەن نەپەس ئېلىشىمىزنى كونترول قىلىپ تۇرىدىكەن. مېڭىمىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمى مايمۇننىڭ مېڭىسىگە ئوخشاش بولۇپ، يەپ-ئىچىش، ئويناپ-كۈلۈش، شەھۋەت ۋە لەززەت ئىستەكلىرىمىزنى كونترول قىلىپ تۇرىدىكەن. مېڭىمىزنىڭ ئۈست قىسمى( يەنى ئالدى مېڭە) مېڭىمىزنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان قىسمى بولۇپ، ئىنساندىكى ھايۋانىي ئىستەكلەرنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان ئەقىل، تەپەككۇر، ئېتىقاد، ئەخلاق ۋە ۋىجدان ئەنە شۇنىڭدا بولىدىكەن. سەجدە قىلغاندا ئالدى مېڭىمىزنى يەرگە تەگكۈزىمىز، شۇڭا بۇنى ئىنسان بولۇپ يارىتىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىلدۈرگەن مىننەتدارلىقىمىز دەپ ئويلىساقمۇ بولىدۇ. چۈنكى مېڭىمىزنىڭ تەرەققىياتى پەرۋەدىگارنىڭ تەقدىرى (بېكىتكەن قانۇنىيىتى، ئۆلچىمى) بولۇپ، تېگى تەكتىدىن بىر مۆجىزە دېسەك بولىدۇ. ياراتقۇچى زات بەندىسىگە (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) ئۆز روھىدىن ئۈفلىگەن، يەنى بۈيۈك ئەقىل، ئاڭ، تەپەككۇر ئاتا قىلغان بولۇپ، شۇ زاماندىن باشلاپ ئادەم– بەشەردىن (ئىنسانغا ئوخشايدىغان، مايمۇندىن سەل تەرەققىي قىلغان مەخلۇقتىن) ئىنسانغا قاراپ ھالقىغان. بۇ ئەسلىدە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىكى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى زور بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر.
ھەر ئىنساننىڭ ئىچىدە بىر بەشەر– ياۋايى، ۋەھشىي، قوپال، ئاڭسىز بىر مەخلۇق يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ. ئەگەر پەرۋەدىگار نازىل قىلغان دىن، ئەخلاق، مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا بۇ بەشەر يەر يۈزىدە داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، قان تۆكىدۇ، ئەقلىنى يامانلىققا، رەزىللىككە ئىشلىتىدۇ، ئەسكىلىكتە ھايۋاندىن ئېشىپ چۈشىدۇ. چۈنكى ھايۋانلارنىڭ ئەڭ خەتەرلىكى ئەقىللىق ھايۋانلاردۇر. ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر پەرۋەردىگارىغا مۇتلەق رەۋىشتە بويسۇنىدۇ، ئۆز رولىنى ئوينايدۇ؛ پەرۋەردىگارىغا ئىسيان كۆتۈرىدىغانلار پەقەت ئىنسۇ جىنلاردۇر.
كائىنات پەرۋەردىگارنىڭ ئىلمىدىن ئىبارەت. مېڭە–پەرۋەردىگارنىڭ ئىلمى مۇجەسسەم بولغان ئۇچۇر سىستېمىسىدۇر. ئەمەلىيەتتە بىز مېڭىمىزدە ياشايمىز، «مەن»دېگەن ئۇقۇمنىمۇ مېڭىمىزدىكى ئۇچۇر، بىلىم مەنبەسىدىن بەرپا قىلىمىز. ھەممە نەرسە دولقۇن چاستۇتىسى بىلەن يۈرۈشىدۇ. كۆزمۇ پەقەت ئۆزىدىن چىققان ئېلىكترىك دولقۇنلارنىڭ چاستۇتىسى دائىرىسىدە كۆرەلەيدۇ، مېڭىمۇ پەقەت شۇ دائىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ.
قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىز مىكرو دولقۇنسىمان (microwave) ۋۇجۇدىمىزغا (روھىمىزغا) يۈكلىنىپ ماڭىدۇ. تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىن تارقىتىلغان كۆرۈنۈش ۋە ئاۋازلار ئېلىكتىر ماگنىت دولقۇنى ئارقىلىق تېلىۋىزور ئېكرانىغا قانداق كەلگەن بولسا، بەش ئەزايىمىز ئارقىلىق سەزگەن، ئىجرا قىلغان، ئورۇنلىغان، ئادا قىلغان ياكى خاتا قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مىكرو دولقۇنسىمان ۋۇجۇدىمىزغا قاچىلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ھېساب بېرىشكە بارىدۇ. نېمە قىلساق، نېمە سۆزلىسەك شۇنى يېزىپ تۇرىدىغان ئىككى كاتىپ (ئىككى پەرىشتە) ئۆز خاتىرىسىدىن ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمايدۇ. ئۇ دۇنياغا بارغاندا ئەمەل دەپتىرىمىز (holographic display) ئېچىلىدۇ.
«مەن»لىك ئېڭىنىمۇ پەرۋەردىگار ياراتتى، پەرۋەردىگار ھەر ۋاقىت يېڭى «مەن»نى يارىتىپ، ئىنسانلارنى «مەن»لىك (ئۆزلۈك) ئېڭىدا ياشاتقۇزىدۇ، سىنايدۇ، يېڭىلايدۇ، تاۋلايدۇ. ئەقلىنى ئىشلەتكەن ئىنسان ھىدايەتكە ئىنتىلسە ئۇنىڭغا ھىدايەت بېرىدۇ؛ ئەقلىنى ئىشلەتمىسە پەسلىككە، خۇراپاتلىققا، جاھىللىققا مەھكۇم قىلىدۇ. «نېمە تىلىسەڭ شۇنى تاپارسەن» دېگەن گەپ بىكار ئېيتىلمىغان.
ھەر كۈنى، ھەر سائەت يېڭى «مەن»نى يارىتىپ، ياشىتىپ تۇرىدىغان پەرۋەردىگار، بۇ «مەن»نىڭ ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرۇشىنى، ئەتىدىكى كېلەچىكى ئۈچۈن بۈگۈندىن، ھازىردىن تەييارلىق قىلىشىنى خالايدۇ. ئۆتەڭدىن بىر ئۆتىمىز، قايتىش يوق. ئۆتمۈش بىلەن كېلەچەك ئارىسى بىر بەرزەختۇر. ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھايات بىلەن قىيامەت ئارىسى ئىككىنچى بەرزەختۇر. ئالدىغا كېتىش ياكى كەينىگە قايتىش يوق. پەرۋەردىگار تۇر دېگەن يەردە تۇرماي ئىلاجىمىز يوق.
پەرۋەردىگارنىڭ ئەسمالىرىنىڭ (گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىنىڭ) بىر تەجەللىيسى بولغان ئىنسان ئەبەدىي ياشايدۇ؛ يەنى ئىنسان ئۆلۈپ يوق بولۇپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئۆلۈمنى تېتىيدۇ، ھېس قىلىدۇ، بىر دۇنيادىن ئىككىنچى دۇنياغا، بىر قاتلامدىن ئىككىنچى قاتلامغا، بىر ھالەتتىن ئىككىنچى ھالەتكە ئۆتىدۇ.
مېڭىنى يېڭىلاش، يېڭىلاش، توختىماي يېڭىلاش، يېڭىلىققا، تەرەققىياتقا زورلاش كېرەك. ھەرىكەتتە قانچە ئاكتىپ بولساق، مېڭىمىزمۇ شۇنچە ئاكتىپ بولىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ. ئىنسان تۇغۇلغاندىن تاكى ئۆلگىچە، ئەگەر كاللىسى زەخمىلەنمىگەن بولسا، مېڭىسىنى توختىماي ئىشلىتىپ تۇرۇشى، ئۆگىنىشنى قولدىن بەرمەسلىكى، يېڭى بىلىم، ماھارەتلەرنى ئىگىلىشى لازىم. ئىنسانلار ئۈچۈن ئىلىم پەرزدۇر، ئەقىلنىڭ ھەققىنى بېرىش كېرەك.
كاللىنىڭ ئېچىلىشى، مېڭىگە ئوخشىمىغان بىلىم-ئۇچۇرلارنىڭ كىرىپ تۇرۇشى ئەقىل ۋە تەجرىبىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. «باش زىندانى»غا يېڭى رۇجەكلەر ئېچىلىپ، ئۇنىڭدىن پارلاق نۇرلار كىرىپ تۇرسا، كىم سۆيۈنمەي تۇرالىسۇن! زېھنىمىز يېڭىلىققا ئېچىلىپ تۇرسۇن، ئەقلىمىزنى ئىشلىتەلىسەك گاڭگىراپ قالمايمىز؛ گاڭگىراپ قالساقمۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ چىقالماي يۈرمەيمىز. توختىماي ئىزدىنىمىز، تەپەككۇر لەززىتى تېتيىمىز، ئەقىلدە توسۇلۇپ قالساق قەلب دەرىزىسىنى ئاچىمىز. ئەسلىدە ئىمان دېگەن نەرسە ئەقىلدىن كۆرە قەلبتە بەكرەك ئورۇن ئالغان. «ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، قەلبلەرمۇ كور بولىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەت بۇنى كۆرسىتىدۇ. قەلب نۇرى ئىمان دېمەكتۇر، ئۇ جىسمىمىزنى ئۆز قوينىغا ئالغان قاراڭغۇ گۆرنىمۇ يورۇتىدۇ. ئىمانلىق قەلبكە ئۆلۈم زىمىستان قىشنىڭ قاراڭغۇ كېچىسى ئەمەس، گۈزەل يازنىڭ ئايدىڭ كېچىسى بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
مۇھەببەت–زېمىننىڭ تارتىش كۈچىدەك ئۇلۇغدۇر. بۇ ئۇلۇغلۇق پەرۋەردىگارنىڭ رەھمان ۋە رەھىم سۈپىتىنىڭ بىر تەجەللىيسىدۇر. ئالەم، كائىنات، پەرۋەردىگارنىڭ ئىلىم خەزىنىسىنىڭ ئالتۇنلىرى، كائىنات ئالدىدا بۇ دۇنيا بىر زەررە، ئىنسان بەلكى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئەرزىمەس نەرسە. بىراق ماكرو، مىكرو ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ئۆز روھىدىن بىر رۇھ بەخش ئەتتى، بىزنى ئالىي ئىززەت بىلەن شەرەپلەندۈردى؛ ھەر قانچە قىلساقمۇ بۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ بولالمايمىز.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*