كىتاب ئوقۇش ھەققىدە

kitab

يازغۇچىلىق ئىستاكانىنى تولدۇرۇشنىڭ ئەڭ ئەپچىل چارىسى ئوقۇماقتۇر.
كىتابلىرىم ماڭا كۇپايە بۈيۈك پادىشاھلىقتۇر. – شېكىسپىر
مەن كۆپ ياشىمىدىم، كۆپ ئوقۇدۇم. -بورخس
كىتاب ئوقۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتقانلىققا باراۋەر.
ئوقۇماق باشقا بىرىنىڭ كاللىسى بىلەن ئويلاش دېمەكتۇر. -شوپىنخاۋىر
ئەگەر ئوقۇشنى بىلسەڭ، ھەر ئىنساننىڭ بىر كىتاب ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيسەن!
-ۋىليام چانىرگ
ھايات قىسقا، ئۇ دۇنياغا بارغىنىڭدا ھېچكىم سېنىڭدىن قانچە كىتاب ئوقۇپ بولغىنىڭنى سورىمايدۇ. شۇڭا كېرەكسىز كىتابلارنى ئوقۇپ ۋاقتىڭنى، زېھنىڭنى ئىسراپ قىلما.
-ھېرمان ھېسسى
مۇمكىنقەدەر كىلاسسىك، نادىر ئەسەرلەرنى ئوقۇ.
مودا بولغان ۋە كۆپ سېتىلىدىغان كىتابلارغا پىسەنت قىلىپ كەتمە.
قىيادىن تاش قومۇرغاندەك ئوقۇ. -مۇھەممەد قاپلان
1) كىتاب ئوقۇشقا كۆنگىن.
2) كىتابنى مەقسىتىڭگە كۆرە سىستېمىلىق ئوقۇ.
3) سەۋىيەڭگە چۈشىدىغان كىتاب ئوقۇ.
4) كىتابنى تاللاپ ئوقۇ.
5) سۈپەتلىك ئەسەرلەنى ئوقۇ.
6) قۇرۇق گەپ بىلەن توشقان، جىق نەرسىلەرنى دېگەندەك قىلغان بىلەن تۇتامىغا چىققۇدەك بىر نەرسە دەپ بېرەلمەيدىغان كىتابلارنى ئوقۇما.
7)كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇ.
8) مودا كىتابلاردىن قاچ.
9) ھەقىقىي نەرسىلەرنى ئەركىن دىيەلىگەن كىتابلارنى ئوقۇ.
10) سېنى ئۆزگەرتەلەيدىغان كىتابلارنى ئوقۇ.
«يازغۇچى بولاي دەيمەن» كىتابىدىن ئۈزۈندىلەر.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*