
نەقەدەر ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن غەم قىلىپ، جان قاقشىتىپ يۈرگەنلىكىمنى دائىم ھېس قىلىمەن. ئەسلىدە بىرەر قازا كەلمىگەنلا بولسا شۈكۈر قىلىش ۋە داۋاملىق خۇرسەنلىك ئىچىدە ياشاش كېرەك ئىدى. ھەر ئىشقا، ھەتتا ئۆلۈمگە تەنھا يۈزلىنىمىز، ھېچكىم بىز بىلەن تەڭ كەتمەيدۇ، يىغلاپ ئۇزىتىپ قالىدۇ ۋە ئاخىر ئۇنتۇپ كېتىدۇ. قىزىقچىلىق ۋە قايغۇ بىر يەرگە كېلەلمەيدۇ، ھېچكىم كۈلۈپ تۇرۇپ يىغلىيالمايدۇ، پەقەت ھاياجاندىن ياش تۆكۈشى مۇمكىن.
ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلىدىغان ئىش يوق، غەم ئۈستىگە غەم–ھاياتنىڭ ئاساسىي مىلودىيەسى، كۈتۈلمىگەن ئىشلارنى قارىغۇلارچە بويلاپ كېتىۋېرىدىغان گەپ. ھورۇنلۇق پەزىلەتتۇر، ئارام ئېلىۋاتقان ئوتۇنچىدەك پالتامنى بىلەپ، مۈشكۈلات دەرەخلىرىنى كېسىمەن، ئەڭ ئاسان يولغا كىرىمەن. ئەقىل ئاسانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. دۆتلۈك دائىم قىيىن يولنى تاللايدۇ. ئەقىلسىز باش پۇت-قولغا يۈك.
بىز ئۇششاق ئىشلار تۈپەيلىدىن پارچىلىنىپ، بېسىمدىن پۈتۈنلىشىمىز. ئاشۇنداق گاھ چېچىلىپ، گاھ مەركەزلىشىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىمىز. ئۆلۈم كەلگىچە غەپلەتتە ياشاش ئىنسانغا بېرىلگەن نېمەت. دائىم غەم-ئەندىشە ۋە قورقۇنچتا ياشايدىغان ئىنساننىڭ روھى گۇمران بولىدۇ. ھەر بەخت تۇيغۇسى غەم-ئەندىشىدىن بىر لەھزە خالاس بولغاندا مەيدانغا كېلىدۇ؛ تېرىككەك ئىنسان ئەركىن نەپەس ئالالمايدۇ؛ مەيلى قانداق بولسۇن، يۈرەكنى سىقماي ياشاش قەھرىمانلىقتۇر، ھاياتلىق داستانى ئەنە شۇنداق قەھرىمانلار تەرىپىدىن يېزىلىدۇ.
ئۇششاق مەقسەتلەر ئۈچۈن ياشايدىغان ئەي كىچىك ئادەم! سەن ئۆزەڭگە شۇنچىلىك كۆنۈپ قالدىڭكى، ئۆزەڭ شاھ، ئۆزەڭ قۇل، جاھانغا پاتمايدىغان پادىشاھلىقىڭ بار. ئۆزەڭ بەگ، ئۆزەڭ خان. شۇنداق ھۆكۈم سۈرمەكتە قەلبىڭ، ھەر كۈن ئىزدەيدۇ شەرەپ-شان، شۇنىڭدىن راھەت تاپار جان، ئەمما دۇنيانىڭ باشقا بىر يېرىدە ھەر كۈن ئاقماقتا قان.
مۇشەققەت خامىنىنى تولۇق تاشتەك ئەزمەكتىمەن، بۇغدايلار پاراسلايدۇ، بىر دائىرىنى چۆگىلەيمەن، بىر ئاياغ بۇغداينى ئېزىپ بولسام، يەنە بىر ئاياغ ئۆنچە تاشلىنىدۇ، ئەزمەي ئامال يوق. زېرىككەندە لاي لاي توۋلايمەن، گاھىدا ئارام ئېلىپ مۇزدەك دوغاپ ئىچىۋالىمەن، ئۆنچىلەر ئېزىلىپ بولغاندا بۈلە قىلىمىز، شامال چىققاندا سورۇيمىز، دان بىلەن ساماننى ئايرىيمىز، داننى ئۇن قىلىمىز، نان قىلىمىز، چىشلەيمىز، يۇمشىتىمىز… يەنە يۇمشىتىش، يەنە پارچىلاش، ئېزىش… ئاغزىمىزدا ئېزىلمىگىنى ئاشقازىنىمىزدا پارچىلىنىپ بوتقىغا ئايلىنىدۇ، كېرەكسىزلىرىنى چىقىرىپ تاشلايمىز. مۇشۇنداق تەكرار مۇشەققەت ۋە ئەمگەكلەر ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدۇر. ۋاقىت غايەت چوڭ ئەزگۈچى، ئۇنىڭ تېشىدا ئەڭ ئۇششاق نەرسىدىن تارتىپ ئەڭ كىچىك ئىش، ئىنچكە تۇيغۇلارمۇ ئېزىلىدۇ، پارچلىنىدۇ.
مۇشەققەت تۈگەپ ئاز قالغاندا غۇلاچ تۈگەپ غېرىچ قالدى دەيمىز، ئەمما بىلىمەن، بۇ غېرىچلار يەنە ئۇزىراپ غۇلاچقا ئايلىنىدۇ. ياستۇقنى قىرلاپ خاتىرجەم ئۇخلايدىغان ئىش يوق، يېڭى تاللاشلاردىن يەنە باش قايىدۇ، يېڭى ۋەسۋەسىلەر سازىنى چالىدۇ، يېڭى كۆڭۈلسىزلىكلەر ئېشەكتەك ھاڭرايدۇ، ھە تۇرمۇش.. كارامىتىڭنى كۆرسەت دەيمىز، بوغۇلىمىز، راھەتلىنىمىز، ئەسلى قەھرىمانلىق– ھەر ئىشقا تەمكىن يۈزلىنىشتۇر.
چۈشۈمدە بىر يەردە ئەمەسمەن، خىيال ئالەمىدىكى كەچمىشلەرنى ئەسلىيەلمەيمەن. شىرىن گۇناھلار چۈش ئالىمىدە يۈز بېرىدۇ. پۇشايمان يوق، ھەسرەت يوق، ئەسەبىيلىك بار. نەپسانىيەنى قاندۇرۇش دائىم يېرىم يولدا توختايدۇ، ئەخلاق-ھايا توسۇپ تۇرىدۇ، ئارمان بىلەن كەينىمگە يانىمەن، ئەمەلىيەتتە غەلىبە بىلەن قايتىمەن. نەپسىمنى مەيلىگە قويۇۋەتكەن ھامان ئازاب باشلىنىدۇ، بەخت تۇيغۇسى پەقەت گۇناھتىن خالىي بولغاندا پەيدا بولىدۇ.
كەچمىش سوغۇق قاردەك ئۇچۇپ، يەرگە چۈشۈپ ئېرىپ كېتىدۇ، ئېسىمىزدە قالىدىغىنى يۈزىمىزنى ھەرىدەك چاققان سوغۇقتۇر. گۈزەللىككە يېقىنلاپ قارىساڭ، قوپال ماي بوياقتەك كۆرۈنىدۇ، شۇڭا يىراقتىن كۆرۈپ زوقلان. شەكىل، پۇراق، ئاۋاز سەنئەت بىلەن بىر گەۋدە، ئاللاھ ئەڭ ئۇستا سەنئەتكاردۇر، ئىنسانلار ئۆز روھىدىكى مۆجىزىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
خەتنى چىرايلىق يازىدىغان شۇ كۈنلەردە چىرايلىق بىر قىزنىڭ دەپتىرىگە ھۆسنىخەت يېزىپ بېرەتتىم، جامالىغا ئاشىق بولدۇم، كۆزلىرىدىن بەخت ئىزدەيتتىم، بەخت يۇلتۇزۇمنى ئۇنىڭ كۆزىدىن كۆرەتتىم، بەزىدە ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىيالمايتتىم. بۇ بىچارىلىك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتتى، ئۇنتۇلدۇم، چولپانلار ئۆچتى، ناخشىلارنىڭ يىلتىزى كونا ناخشىلار، مۇھەببەتنىڭ تەكتى تۇنجى مۇھەببەت. 15 ياش، يېرىم چىلەك ئاش، قورساق ھېچ تويماي ئۆتتى. باشقا يۇرت، باشقا شەھەرلەردىمۇ شۇنداق ئاجايىپ كۆزلەرنى كۆردۈم، نۇرلۇق ھەم ئوتلۇق، يۈرەكنى كۆيدۈرۈپ ئۆتىدۇ، كونا نىگاھلارنى ئەسلىتىدۇ، دۇنيا قارىشىم ئۆزگەرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھېسسىياتنىڭ ھەممىسى ئۆتكۈنچى، سەۋدالىق شەھۋەتنىڭ جەڭگاھى. ھەر بىر ساھىبجامال بىر كىملەر تەرىپىدىن ئىگىلىنىدۇ، خوتۇن قىلىنىدۇ، قېرىيدۇ، گۈل رەڭگى سولۇپ سارغىيىپ غازاڭغا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭغىچە چاقنايدۇ ئۇ كۆزلەر، جىلۋە قىلىدۇ، ناز قىلىدۇ، بىرلىرىنى ساز قىلىپ بىرلىرىنى ماز قىلىدۇ.
گۈزەل قىزلارغا قارىمايدىغان ئەركەك بولمىسا كېرەك، كۆز زىناسى ھەر قاچان يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، كۆز «زىنا»قىلىۋاتقاندا سۆزگە نە ھاجەت؟! قەلب قاينامدەك جۇش ئۇرۇۋاتقاندا ئىلھامغا نە ھاجەت؟! ئوي-خىيال بىر چۈپەي ئىشقا جەملەنگەندە ئەقىلگە نە ھاجەت؟! ھەر ئىش چۈشۈڭدە يۈز بېرىۋاتسا ئارمانلارغا نە ھاجەت؟! بىر سائەتتىن كېيىن نېمە بولۇپ كېتىشىڭ نامەلۇم تۇرسا، قورقۇش نە ھاجەت؟!
ماشىنىلار تار يولدا قىستالغاندەك، پىكىرلەر قاتماللىققا قىستالدى. ھەر يەرنى بۇرۇقتۇرمىلىق قاپلىدى. ئەدەبىياتىمىز خۇددى زۇۋانى تۇتۇلغان بۇلبۇل، سازىمىزنىڭ پەدىسى بۇزۇق، ناخشىچىنىڭ ئاۋازى ئوسەي، ئاڭلىغۇچىنىڭ چاۋاكلىرى كالتە؛ ئالقىشلار شىپالىق دورىغا ئايلاندى، ھەر كىمنىڭ دىلى سۇنۇق، بىر-بىرىگە تەسەللىي بېرىشكە مۇھتاج، شۇنداق قىلغانچە تېخىمۇ ئەبگالىشىپ كەتتۇق. كۆڭۈل ئاياشلار بىلەن بىر-بىرىمىزنى تېخىمۇ يۇمشاق، مۇلايىم، كۆڭۈلچەك ئىنسانلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇق.