ئازادە ھويلا

human

ئازادىلىك تۈگىدى، ئەتە يەنە بېسىم، تەشۋىش كۈنلىرى باشلىنىدۇ. بوش نېرۋا چىڭىيدۇ، مېڭىدىن تارتىپ كۆڭۈلگىچە ھەممە نەرسە بىر قېلىپقا كىرىپ قالدى، ئۇ بولسىمۇ بېسىم ۋە ئازادىلىك. بىر كۆنۈپ قالساق ئۆلگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ مۇشەققەت ۋە راھەت ئايلانمىسى يەر شارىنىڭ ئايلىنىشىدەك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشىدەك تەبىئىي ئىشقا ئايلىنىپ قالدى.

ئۈچ كېچە كۆرگەن چۈشۈمنى تۇتۇق خاتىرىلەيمەن.

1) بىر مەسچىتكە كىردىم، يالاڭباشتاق ناماز ئوقۇدۇم، مۇتئەسسپىلەرنى دادىللىق بىلەن تەنقىدلىگەن بولدۇم.

2) بىر باغقا سۇ قويدۇم، ئېرىقنىڭ بېشىدىن بۇلدۇقلاپ سۇ چىققۇدەك. ئاپتاپ چۈشكەن كەڭ باغ، ھويلا ئارام، قوشنامنىڭ چىرايلىق قىزى، روھىم تەلپۈنىدىغان بىر گۈزەللىك زاھىر بولدى.

ئۆزەمنى تۇتۇپ ئەدەبكە قايتتىم، مەغرۇر بىچارىلىكىم تۇتتى، بۇ بىچارىلىكتە ئەردەم بار، ئەمما نەپسىم ئۇنى ئاجىز، بىچارە، ھەتتا ياسالما كۆرسىتىدۇ.

ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلگەن قىزلار ئۆز ۋاقتىدا مەندىن سۆيۈنگەن بولسا ئەخلاقى غالىب كەلگەن بولىدۇ؛ مەندىن نەپرەتلەنگەن بولسا شەھۋەت نەپسى غالىپ كەلگەن بولىدۇ. نەپسىمگە خۇش ياقىدىغان ئىش بولمايدۇ، ئەخلاق تېمى ئوتتۇرىدىن توسۇپ تۇرۇۋالىدۇ. شۇ چاغدىكى ئەخلاقىم نېمىدېگەن ساپ، ئەمما ھەسرەت قالدى، مۇھەببەت سەھىپىلىرى ئاق قالدى، ئەسلىگۈدەك ياشىيالمىدىم،  ئۇنىڭ ئورنىنى ياۋا ئوت-چۆپ بېسىپ كەتتى، خالىغانچە ئوتلىدىم، ئەمما تۇتۇپ بىر گۈلنى پۇرىيالمىدىم، ھەممىگە يېتىشىپ بولالمىدىم بۇ ھاياتتا، زاتەن يېتىشىپ بولغىلى بولمايدۇ.

سۈنئىي دۇنيادا ھەممىگە ئېرىشتۇق، ئەمما تەبىئىيلىكنى يوقاتتۇق، خوراپ كەتكەن زېھىن، ئىسراپ بولغان ھېسسىياتنىڭ ھەددى ھېسابى يوق. ئاچ قالغاندا ھەممىنى يالماپ يۇتىدىغان بۇ نەپس ئاجىزلاپ كۈچتىن قالغان تەننىڭ ئىزتىراپىنى چېكىدۇ. بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە ئەسلىمە زىيان قىلىدىغان بولۇپ قالدى.

«پەلسەپەنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «سىپىنوزا ۋە پراكتىك پەلسەپە»، «ئۈچ بۈيۈك ئۇستاز: بالزاك، دىككىنىس، دوستويىۋىسكى» قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ تۈگەتتىم. ئەسلىدە ھەر بىرسىگە ئاتاپ تەسىرات يازسام بولاتتى، ھورۇنلۇق قىلدىم. كاللامدا پىكىرلەر قايناپ تۇرغاندا يېزىۋالمىسام، بىر دەمدىن كېيىن ھەممىسى يوقىلىدۇ. بىر كىتابنى ئوقۇش نۇرغۇن ئەگەشمە تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ، ھەممىسىنى خاتىرىلەپ بولۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس.

«پەلسەپەنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن، دۇنيانىڭ بىر پۈتۈن ئىدىيە تارىخىنى ۋاقىتنىڭ ئېقىشى بويىچە ئاڭقىرىغىلى بولىدىكەن. پەلسەپە تارىخى ئەمەلىيەتتە نوقۇل ھالدا ماتېرىيالىزم بىلەن ئىدىيالىزم، ئوبيېكت بىلەن سۇبيېكت، ماددا بىلەن ئاڭ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش جەريانى ئەمەسكەن. ئالدىنقى پەيلاسوپ بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، كېيىنكىسى ئۇنىڭغا بولغان گۇمان ۋە يېڭى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى يەنە باشقا بىر پەلسەپىۋى قارىشىنى پەيدا قىلىپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئويلىنىش بوشلۇقى قالدۇرىدىكەن. پەيلاسوپلا شۇ دەۋردىكى بىلىم ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتلارغا كۆرە كۆز قاراشلىرىنى يېڭىلاپ بېيىتىپ تۇرىدىكەن.

يەھۇدىي جامائىتى تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان سىپىنوزا پانتېزىم، يەنى «تەبىئەت بىلەن تەڭرى بىر گەۋدە» ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئېينىشتيىن قاتارلىقلار ئۇنىڭ «تەڭرى»سىنى قوبۇل قىلغان.

نۇرغۇن ئاتېستلار تەڭرىنى يوق دېگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يوقلۇقىنىمۇ ئىسپاتلىيالمىغاچقا، «تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدە» دېيىش ئارقىلىق بىر چىقىش يولى تاپقان بولسا كېرەك.

ستېفان زىۋىگنىڭ «ئۈچ بۈيۈك ئۇستاز» دېگەن كىتابى قويۇق ئەدەبىي ئۇسلۇب ۋە چوڭقۇر پىكىرگە تويۇنغان ئەسەركەن. بالزاكنىڭ ھارماي-تالماي ئەسەر يېزىشى «ئىنسان كومېدىيەسى»نى بىر ئابىدە قىلىپ تىكلەش غايىسىنى ئەمەلگەن ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن. چارلىس دىككىنىس ئىنگىلىز دۇنياسى ئۈچۈن گۈزەل، رومانتىك بىر دۇنيا قۇرۇپ بەرگەن. دوستويىۋىسكى ئىنسان روھىنىڭ مۇرەككەپ قاتلاملىرىنى ئەسەبىيلىك ھەم ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ بەرگەن.

بىر ھاراقكەش ھاراققا بېرىلىپ، بىر ئەپيۇنكەش چىلىم تارتىپ، بىر پاھىشۋاز جالاپ ئويناپ تۈگىشىپ كەتكەندەك، بالزاكمۇ ئەسەر يېزىپ تۈگىشىپ كەتكەن، ئۆمۈر بويى قەرزدىن قۇتۇلالمىغان ۋە 50 يېشىدا ئۆلگەن.

چارلىس دىككىنىس 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنگىلىيەدە بۈيۈك بىر ئەدەبىيات قىزغىنلىقى پەيدا قىلغان ۋە جانلىق، ئۆزگىچە پىرسۇناژلىرى بىلەن كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

«ھاياتنى ئۇنىڭ مەنىسىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرۈڭ»، «ئازابلىنىۋاتىمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت» دېگەن دوستويىۋىسكىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلىنى يېڭىپ تۇرۇپ، (تىرىكچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن) چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ يېزىپ چىققان ئەسەرلىرى بىر-بىرىدىن قالتىس، بىر-بىرىدىن داڭلىق بولۇپ، غەرب دۇنياسىدا شەھ ئەسەر دەپ تونۇلغان. «مۇھەممەد پەيغەمبەر مەجنۇن ئەمەس، مەنمۇ تۇتقاقلىق سارىڭى ئەمەس، يازغانلىرىمنى ئۆزەم بىلىمەن» دېگەن بۇ بۈيۈك يازغۇچى، ھاياتنى پۈتۈن تەرەپلىرى بىلەن سۆيگەن ۋە كىشىلەرگە شۇنى تەۋسىيە قىلغان: ھاياتنى ئەسەبىيلىك بىلەن سۆيۈڭ ۋە قانغۇدەك ياشاڭ.

«تەڭرىنى مېڭە بىلەن ئەمەس، قەلب بىلەن تونۇغىلى بولىدۇ» دېگەن پاسكال، «ئەگەر تەڭرى بولسا، سەن ئۇنىڭغا ئىشەنسەڭ ئالىدىغان پايداڭ چوڭ بولىدۇ؛ ئەگەر تەڭرى بولماي قالسىمۇ تارتىدىغان زىيىنىڭ چوڭ بولمايدۇ» دېگەن زاكوننى ئوتتۇرىغا قويغان. سودىگەر مەنتىقىسى بويىچە ئىمان ئېيتىش قارىماققا ھەقىقىي ئىماندەك كۆرۈنمىسىمۇ، بىراق قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېيتقاندا، بۇنىڭ ھېچقانداق بولمايدىغان يېرى يوق. «سىلەرگە بىر ياخشى تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ»، «ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە بېرىڭلار»، «بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتلەر ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنىڭ ئاخىرەتلىك پايدىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىنساننى ياراتقان زات ئۇنىڭ ئىچىدىكىنى بىلمەي قالامدۇ، ئۇنىڭ مەنپەئەتكە ئامراقلىقىنى كۆرمەي قالامدۇ؟

سوقرات بۇ ئالەمنى ۋە ئادەمنى ياراتقان زاتقا ئىشەنگەن، قەلبىدىكى ئاۋازنى (Dimond) يەنى «ۋىجدان ساداسى، قەلب نىداسى، كۆڭۈل چاقىرىقى» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە مايىل بولغان. ئۇنىڭ «ئۆزەڭنى تونۇ!» دېگەن مەشھۇر سۆزى ئەنە شۇنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە «مەن ھېچنېمىنى بىلمەيمەن، مېنىڭ بىلىدىغىنىم مېنىڭ ھېچنېمىنى بىلمەيدىغانلىقىمىدۇر» دېگەن؛ پەلسەپەنىڭ نىشانىنى تەبىئەتتىن ئادەمگە قاراتقان؛ ئۆز پىكرىگە سادىق بولۇش ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەردانە يۈزلەنگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ياخشى ئىنسان ماھىيەتتە ئەقىللىق ئىنساندۇر، بىلىملىك ئىنسان ئەردەملىك ئىنساندۇر؛ ئەقىللىق ئىنسان بىلىپ تۇرۇپ يامان ئىش قىلمايدۇ، بىلىپ تۇرۇپ خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ. يامانلىق ۋە گۇناھنىڭ مەنبەسى بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىقتۇر. بىلىمسىز، نادان ئىنسان دۆت، ئەخلاقسىز، جاھىل كېلىدۇ، ئۇلار ئىشنىڭ يولىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، يامان ئىش قىلىدۇ، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلمايدۇ.  پىچاقنىڭ رولى كېسىش، ئاتنىڭ رولى چېپىش. ئىنساننىڭ رولى ئۆزىنى بەختلىك قىلىش (رول بىلەن مەقسەت ئوخشىشىپ كېتىدۇ)، ئىنسان پەقەت بىلىم ۋە ئەخلاق بىلەن بەختلىك بولالايدۇ.

پەلسەپە بىلەن قايناپ كەتكەن باشقا ئىمان بىلەن سوغۇق سۇ سېپىش كېرەك، ئىمام غەززالى شۇنداق قىلغانىكەن. ئاللاھنىڭ بار-يوقلۇقى ئەقلىمىزدىن ئاشىدىغان مەسىلە، پەيلاسوپلارمۇ بۇ سىرنى يېشەلمەي ئۆلۈپ كېتىشتى. شۇغىنىسى، ئىنسان ئىمانىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەپەككۇردىن، ئويلىنىشتىن قاچالمايدۇ. «بىر كىتاب ئوقۇپ ئىدىيەم ئۆزگەردى، بىر ۋىدىيو كۆرۈپ كاللام سىلكىندى، ئەمما بىلىدىغانلىرىم چەكلىك، شۇڭا ھەممىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىم كېرەك، مېنى بىئارام قىلىدىغان كۆز قاراشلارنى بىلىپ بېقىشىم كېرەك» دەيدىغان بىر مۇسۇلمان بولۇشمۇ ئاسان ئەمەس، شۇنچە ئىدىيە شىۋىرغانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاتېست بولۇپ، ئارقىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىللىقى ۋە قۇرئاندىكى مۆجىزىلەرنى ھېس قىلىپ مۇسۇلمان بولغان كىشىلەر بولغىنىدەك، ئاۋۋال مۇسۇلمان بولۇپ، كېيىن ئاللاھنىڭ بارلىقىدىن شۈبھىلىنىپ ئاتېست ياكى ئاگنوستىك (بىلگىلى بولماسلىق مەپكۇرىدىكى ئىنسانلار) بولۇپ كەتكەنلەرمۇ بار. ئۆلمىگىچە بۇ كۈرەش توختىمايدۇ، كاللا جىم تۇرمايدۇ، چۈنكى بۇ فىترەتتىكى (يارىتىلىش تەبىئىتىدىكى) مەسىلە، بۇمۇ سىرلىق مەسىلە، ھىدايەت مەسىلىسى ھەر قانداق تەجرىبىچىلىك ۋە ئەقىلچىلىكتىن ئاشىدىغان بىر مەسىلە؛ ئۇنىڭ باشلىنىشى گەرچە سەزگۈدىن (ياكى سەزگۈچىلىكتىن) باشلانسىمۇ، ھەقلىق تەرىپى ئەقىلگە تۇتىشىدۇ. 

بۇ دۇنيادىن ئاخىرەتكچە، ئىنساندىن تەڭرىگىچە، فىزىكىدىن مېتافىزىكىغىچە، كۆرۈنىدىغان  دۇنيادىن كۆرۈنمەيدىغان دۇنياغىچە، ماددىدىن رۇھقىچە، يەر شارىدىن چەكسىز ئالەمگىچە سوزۇلغان بۇ تەپەككۇر قاينىمى قارا ئۆڭكۈر گىردابىغا نەقەدەر ئوخشايدۇ-ھە! بىز بۇ گىردابتىن چىقالمايمىز، ئەمما تەن بېرىش يوق، چۈنكى پىكىر قىلىش، گۇمانلىنىش بىزنىڭ تەبىئىتىمىز. تەييار نېمەت قىلىپ بېرىلگەن ئىمان چۈشەنچىسىنى دوگما دەپ تۇرۇپ، يەنە پەلسەپە بىلەن ھەپىلىشىمىز. نەتىجىدە يا ئىمانىمىز كۈچىيىدۇ ياكى زەئىپلىشىپ يوقاپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، ئىمانىمىزدا چىڭ تۇرالىساق ھەسسىلەپ ساۋاب قازىنىشىمىز مۇمكىن؛ خاتالىشىپ قالساق، بۇنىڭ ھېسابىنى بېرىشىمىز ياكى كەچۈرۈم قىلىنىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى «تەپەككۇر قىلمامسىلەر، ئەقىل ئىشلەتمەمسىلەر؟» دەپ بىزنى مەيدانغا چاقىرىپ تۇرۇۋاتقان قۇرئان ئايەتلىرىگە قارىساق، ئۆلۈك ئېتىقادتىن كۆرە گۇمان ۋە جانلىق تەپەككۇرنىڭ ئەسلىدە زۆرۈر بىر جەريان ئىكەنلىكى، ئىجتىھات ۋە ئەقىل-پىكىرنىڭ ئىنسانغا يارىشىدىغان خىسلەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.

ئەگەر ئىمانىم ئاجىز بولسا، بۇ مېنىڭ ئاللاھنى يېتەرلىك دەرىجىدە بىلەلمىگەنلىكىم، تونۇيالمىغانلىقىم ئۈچۈندۇر. پەيلاسوپ لېبنىزنىڭ «يېتەرلىك سەۋەب دەلىلى» دەل سوقراتنىڭ قەلبىدىكى ئىلاھىي نىدانىڭ مەنتىق شەكلىدە ئىپادىلىنىشىدۇر. ئاللاھنى تونۇشنىڭ ئۈنۈملۈك زېمىنى مېڭىدىن كۆرە قەلب، ئەقىلدىن كۆرە سەزگۈدۇر. سەنئەت ۋە ئەدەبىيات گۈللىرى دەل قەلب زېمىنىدا گۈللەپ ياشنايدۇ. ئالتىنچى سەزگۈنىڭ مەۋجۇتلۇقى تىلغا ئېلىندى، ھەممىگە ئىسپات، دەلىل، تەجرىبە تەلەپ قىلىدىغان ئەقىل ۋە ئەقىلدارلار بىر يەرگە كەلگەن توسۇلىدۇ؛ مېتافىزىكا ئۇقۇمىنى پەيدا قىلغان ئىنسانغا بۇ ئىلھامنى كىم بەردى؟ ئەگەر پەلسەپەدە تەرەپ تۇتۇش كېرەك بولسا، ئەھلى ئىمان كىشى ئىدىيالىزمنى تاللايدۇ. سەن ماددىدا بوغۇلۇپ قال، مەن روھتا ئەركىن ئۈزەي؛ سەن بۇ دۇنيادا قال، مەن ئۇ دۇنيادا ئەركىن يۈرەي، دەيدۇ. 

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*