
بىز سانىغان يىل، ئاي، كۈنلەر بىزنىڭ ھاياتلىق دەپ ئاتايدىغان بۇ ئاڭ ئېقىنىمىزدا ئۈزۈلمەي ئاقىدۇ، ساناپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايمىز. ئاخىرقى كۈندىكى ئاپتاپ ۋە شامال، يەيمىز ئىچىمىز دەپ كۆتۈرۈپ كەلگەن تورت ۋە شاراپ، ئۇلاپ-ئۇلاپ ئوقۇغان ناخشىلار، بىر دەملىك ھۇزۇر ئىچىدە ئېرىپ كەتكەن بېسىملار، غەم-قايغۇلار، يېمەك لەززىتى ئىچىدە كۆڭۈلنى خوش قىلىپ، ئارقىدىن يەلگە ئايلانغان تائاملار يېڭى يىل كىرگەن پەيتلەردە يەنە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. كونا يىل گويا كۆپۈككە ئايلىنىدۇ، يېڭى يىلمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئەمما بىز ھەممىنىڭ يوق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز.
خاتىرە يازمىغاندا پىكىر، خىيال، ئەسلىمىلەر ھەرىدەك ئولىشىدۇ، بەزىلىرى غەزەب بىلەن چاقىدۇ، بەزىلىرى ھەسەل بېرىدۇ؛ ھەممىنى خاتىرىلەش مۇمكىن ئەمەس، تولىسىنى ئۇنتۇپ كېتىمەن، ئۇنتۇش سۈرئىتىم قېرىش سۈرئىتىمدىن ئاستا بولسىكەن دەيمەن. ئەمما قىممەتلىك ئىككى سائەتتە بۇ قەلەم تاشلىنىپ، باشقا نەرسىنىڭ جېدىلى ئاۋارە قىلدى. يېڭى ئالغان تىزگىنەك ئىشلىمىدى، تېلىۋىزورغا ئۇدۇل كەلمىدى؛ ئىككىنچى كۈنى مېڭەمدىكى «تىزگىنەك» ئىشلىمىدى، ئېتىقادىمغا ئۇيغۇن كەلمىدى. ئەقىل نېمىشقا ھېسسىياتنى رەت قىلمايدۇ؟ كاللىغا ئورناپ كەتكەن ناچار ئادەت نېمىشقا ئۆزىنى تەكرارلايدۇ؟ كۆپ ئادەم نېمىشقا ئۆز ۋۇجۇدىدىكى شەيتاندىن غالىپ كېلىپ، كامالەت مەقامىغا يېتەلمەيدۇ؟ شەھۋەت دېگەن نەرسە ئازغۇنلۇقنىڭ قانچە قىسمىنى ئىگىلەيدۇ؟ نېمە تولا بۇزغۇنچىلىق ۋە بۇزۇقچىلىق بۇ دۇنيادا؟
«سافايىمدىكى ئەرلەر» ناملىق كىتابتا جىنسىيەتكە ئائىت ئاجايىپ بىر سەمىمىيەتنى كۆردۈم. ئەرلەر ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشايدىكەن. جىنسىيەتتە ئاجىز بولغاچقا كۈچلۈك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن؛ ئاياللارنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى، ئۇلارنى بويسۇندۇرۇشنى بۈيۈك غايە ھېسابلايدىكەن؛ مۇھەببەت بىلەن جىنسىيەتنى بىر دەپ چۈشىنىدىكەن ۋە ئۇنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدىكەن. غالىتە شەھۋانى قىلىقلار ئەرلەرگە ئۇلارنىڭ بالىلىق كەچمىشلىرىدىن مىراس قالىدىكەن؛ ئەرلەرگە تەۋسىيە:سۆيۈلۈشتىن ئاۋۋال سۆيۈشنى بىلىش كېرەك. شەھۋەتتە مۇھەببەت بار، ھاياتلىق ئۇنىڭدىن راۋاج تاپقان. جىنسىيەت ھاياتلىقنىڭ نەق ئۆزىدۇر، شۇڭا ئۇنى توغرا يولغا سېلىش كېرەك.
ياشاش سەنئىتى، ئۆلىۋېلىش سەنئىتى، مۇھەببەتلىشىش سەنئىتى، جىنسىي تۇرمۇش سەنئىتى، بالا تەربىيەلەش سەنئىتى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت سەنئىتى، پۇل تېپىش سەنئىتى، پۇل خەجلەش سەنئىتى، چوڭىدىن كىچىكىگىچە ھەممىسى سەنئەت، ھاياتىمىز سەنئەت بىلەن توشۇپ كەتتى. ھالبۇكى بىز سەنئەتنى ئۆز مەنىسى بويىچە ئەدەبىيات-سەنئەت، ناخشا-مۇزىكا، رەسساملىق، بىناكارلىق… دەپ چۈشىىمىز. سەنئەت ئۇبيېكتىپ دۇنيادىن ئالغان نەرسىنى سۇبيېكتىپ ئاڭ ئارقىلىق ئىشلەپ، يەنە ئۇبيېكتىپ دۇنياغا قايتۇرۇش دېمەكتۇر. يەنى كونكرېت نەرسىنى ئاۋۋال ئابستراكىت نەرسىگە (ئاڭ-تۇيغۇغا) ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى يەنە كونكرېت نەرسىگە (سەنئەت ئەسىرىگە) ئايلاندۇرۇشتۇر.
ئاللاھ تائالا ھەر كۈنى يارىتىش، ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش، ئۆزگەرتىش ئىچىدە… دەپ ئويلىدىم بۈگۈن سەھەردە. تۈنۈگۈنكى ھالىتىم بىلەن بۈگۈنكى ھالىتىم ئوخشىمايدۇ؛ ئەگەر نەپسىمگە يېڭىلىپ بەدبەشىرە ھالىتىمنى قايتىلىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئەينەن ئوخشىمايمەن. ھاياتىمىدا تامامەن ئوخشاش تەكرارلانغان ئىش بولغان ئەمەس، يۈزەكى تەسىراتتا ئوخشاش، ئەمما ماھىيەتتە ئوخشاش ئەمەس. كۆزمۇ، كۆڭۈلمۇ ئۆتمۈشنىڭ تەكرارى ئەمەس.
جاننى سىقىدىغان ئېغىر بېسىم، جىددىي پەيتلەرمۇ ۋۇجۇدىمىزنى دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئورنىمىزدىن قوپالماي قالغۇدەك دەرىجىدە ئازابلىنىپ، تۈگىشىپ كەتمىسەكلا يەنە مېڭىشنى داۋام قىلىمىز. چۈشۈمدە ئۆزۈمنى كۆرۈپ قورقۇپ ۋارقىراپ كەتتىم. «مەن مەن تۇرسام، جاھاندا پەقەت بىر تۇرسام، بۇ ئەبلەخ نەدىن پەيدا بولۇپ ماڭا سەت چەكچىيىپ قارايدۇ؟»دەپ قورقۇپ كەتكەن بولسام كېرەك. «مەن»نىڭ مەۋجۇتلۇقى تامامەن خاسلىق، قايتىلانماسلىق، كۆچۈرۈلمەسلىك شەرتى بىلەن نامايەن بولىدۇ، شۇڭا ئۇ چۈشۈمدە بولسىمۇ كۆرۈلمەسلىكى كېرەك. روھىم بۆلۈنۈپ كەتكەن بولسا ئۇ باشقا گەپ. ئەمما روھ بىر پۈتۈن نەرسە، ئۇ بۆلۈنمەيدۇ، بۆلۈنىدىغىنى قەلب، كۆڭۈل، خىيال، ھەتتا مىجەز، يەنى پىسخىكا ۋە پىسخىك ئالامەتلەر…
كۆڭۈل پاراغەت تاپمىغاندا شەيتان يۈگۈرۈپ چىقىدۇ: ياردەم قىلاي، خۇشال قىلاي!
بېسىمدىن باش قايغاندا، ئۈمىدسىزلىكتىن كۆز تالغاندا ئىمان نۇرى ئۈمىد بولۇپ چاقناشقا باشلايدۇ ۋە دەيدۇكى: سەۋر قىل، كۆڭۈلنى تىنچ تۇت، قولۇڭ ئىشتا بولسۇن؛ ئاجايىپ ياشا، غەلىتە ياشا، ئەمما ۋىجدانىڭ راھەت بولسۇن؛ گۇمان قىل، ئەمما ئەقىل ۋە ئىنساپتىن ئايرىلما، چۈشىنىش ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشتىن قورقما؛ ئويلانغاندا بېلىق تۇتۇۋاتقاندەك سەۋرچان بول، قارار قىلغاندا قۇشقاچ ئېتىۋاتقاندەك توغرا، تېز، كەسكىن ھەرىكەت قىل.
ئىنسان ھاياتى 100 پىرسەنت ئازاب ۋە كۆڭۈلسىزلىكتىن تەشكىل تاپىدۇ؛ خۇشاللىق ياكى بەخت ئاشۇ ئازاب ۋە كۆڭۈلسىزلىكنىڭ بىر دەم يوقالغان ياكى ئازايغان ھالىدۇر.
بىر نەرسىگە كىرىشىپ قالساڭ چىقالمايسەن، تىپىرلايسەن، ھالسىرايسەن، ھەتتا شەھۋەت دەملىرىدىمۇ. بۇ مەستلىك ۋە خۇمار، كەيىپ ۋە چۈشكۈنلۈك پەيتىدۇر؛ ھايۋانلىق تەبىئىتىمىز يايراپ، ئىنسانلىق تەبىئىتىمىزدىن ھالقىپ كەتكەندە ئەقلىمىزنى يوقىتىپ گويا ھايۋانغا ئۆزگىرىپ قالىمىز، ئەمما شۇ چاغدىمۇ ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇمايمىز، ئەقلىمىزنىڭ بىر ئۇچىدا بولسىمۇ بۇنى بىلىمىز. بۇمۇ ياراتقۇچىنىڭ ئىنايىتى، دەل شۇ ئەسنادا بۇنىڭغا شۈكرى قىلىشنى بىلىش لازىم. دەرۋىش كۆڭۈل ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، بىچارىلىكىنى بەك تونۇغان ئىنسانلاردۇر، «يا رەب!» دەيدۇ ئۇلار، «مېنى شۇنچە لاياقەتسىزلىكىمگە قارىماي، شۇنچە گۇناھ ئۆتكۈزگىنىمگە قارىماي، مۇشۇ ۋاققىچە ياشىتىپ كەلدىڭ؛ توساتتىن جېنىمنى ئالساڭمۇ ئالاتتىڭ، ئەمما جان بەردىڭ، نېمەت بەردىڭ، بۇنى ئۇنتۇپلا يۈرۈۋاتىمىز».
شۇنداق، غەپلەت، بەك چوڭقۇر غەپلەت ئىچىدە، دېڭىز تەكتىدە ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىققا ئوخشاش ياشايمىز، ئەمما دېڭىزنى تونىمايمىز.ئىنسان ۋۇجۇدى ئۇنىڭ روھىغا ئوخشاشلا بىر تىلسىمات. ئىنسان بەختىنىڭ توقسان پىرسەنتى ساغلاملىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ساقلىقتا ئازاب يوق، خورلۇق يوق. ئەمما بۇ نېمەتنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن ئىنسان چىۋىننىڭ قانىتىدەك ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن يۈرىكىنى ئاغرىتىدۇ، قىلنى دەپ پىلدىن قۇرۇق قالىدۇ؛ كۆڭۈلسىزلىكنى ئۆتكۈزۈۋەتمىسەڭ ئۇ سېنى زەردىگۆش قىلىپ، يۈرىكىڭنى ئازاب زىقلىرىغا ئۆتكۈزىدۇ ۋە باغرىڭنى كاۋاب قىلىدۇ؛ ئىنساننىڭ بەختى، خۇشاللىقى ۋە راھىتى ئاساسەن ساغلاملىققا باغلىق بولغانىكەن، ۋۇجۇدىمىزنى قاتتىق ئاسرىشىمىز لازىم. ئىچكى تاشقى ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇپ، ساغلاملىققا زىيانلىق مەيلىخۇشلۇق، ھورۇنلۇق، چۈشكۈنلۈك، جانسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ، تىرىك، بەردەم، جۇشقۇن، ئۈمىدۋار ياشىشىمىز لازىم.
شۇنداق دەيمەنۇ قىلالمايمەن، دېمەك ئىچىمدە بىر دۈشمەن بار. بۇ دۈشمەن مېڭەمدىكى شادلىق مەركىزىنى كونترول قىلىۋالغان، مەن بىلەن شۇنچىلىك قېرىشىدۇكى، گاھى ساراڭ قىلىۋېتىدۇ؛ ئۆز-ئۆزەمگە ھەيران قالىمەن. روھىم مۇرەككەپ، تۈز سىزىق بويىچە ماڭالمايمەن، شەيتانلىرىمنى تاماشا قىلىۋېتىپ پەرىشتە ھالىمغا يىغلايمەن. دېمەك، جەھەننەمدىن جەننەتكە بېرىش ئاسان ئەمەس، بۇ ئەگرى-توقاي، قىيىن يولدا مۈدۈرۈپ-چوقۇرۇپ ماڭىمەن، بىلىپ تۇرۇپ قىلالماسلىق ۋە بىلگەن يولدا ماڭالماسلىق، بۇمۇ ئازابنىڭ باشقا بىر تۈرىدۇر…