
يازغۇچى كەترىن ھاررىسون بىلەن سۆھبەت
Kathryn Harrison داڭلىق رومان يازغۇچىلىرىدىن بولۇپ، «ھەسەت»، «ئەسەبىي شادلىق»، «پېچەتلەنگەن خوتۇن»، «سۇدىن قېلىن» قاتارلىق رومانلىرى ۋە «ئانا رىشتى»، «ساندىياگو يولى» ناملىق ئەسلىمىلىرى بار. ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق كىتابى 1997-يىل نەشر قىلىنغان «سۆيۈش» ناملىق ۋەھىمىلىك ئەسلىمىسى بولۇپ، ئاتىسى تەرىپىدىن مەجبۇرلانغان، ئەمما جاسارەتكە تولغان ئىشقىۋازلىقلىرى ئەدەبىي شەكىلدە بايان قىلىنغان. ئەرلەردىن بىر نەچچە داڭلىق ئوبزۇرچى بۇ كىتابتىكى دادىل، ئوچۇق مەزمۇنغا سوئال قويغان. بىر ئايالنىڭ ئۆزى ئۇچرىغان جىنسىي خورلۇقلىرىنى خەلققە ئاشكارىلىشى ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ تۆھپە كەترىن ھاررىسوندەك يازغۇچىلارغا مەنسۇپ. ئۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى:
«مەن شائىر Joseph Brodsky نىڭ «مۇھەببەت» ناملىق شېئىرىنى تۇنجى بولۇپ قاچان ئوقۇغانلىقىمنى بىلمەيمەن، ئەمما ئۇ مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغىغانىدى. بوستوندىكى ۋاقتىمدا ئۇنىڭ شېئىر توپلاملىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋېتىپ، بىر نەچچە مىسرانى ئېسىمدە تۇتۇۋالغانىدىم. ئۆلۈپ كەتكەن ھەمراھىنى چۈشەپ قالغان بىر ئەر ھەققىدە يېزىلغان شېئىردا ئەرنىڭ مۇسىبەت قايغۇسىغا تەسەللىي بەرگەن شۇ چۈشنىڭ گۈزەللىكى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇلار چۈشىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدۇ، بالىلىرى بولىدۇ، بىرلىكتە شىركەت قۇرىدۇ. ئۇنىڭدا پانىي ھاياتتىن ھالقىغان، ئەقىل-ھۇش ۋە ماددىي دۇنيادىن ئايرىلغان بىر تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكى بار. سىز ئۇنى مىستىك دۇنيا دەپ ئاتاڭ ياكى ئۇنى تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدۇ دەپ قاراڭ، مەن ئۇ دۇنياغا ئىشىنىمەن.
برودسىكى بۇ شېئىر ئارقىلىق يورۇقلۇق بىلەن زۇلمەتنى يۈزلەشتۈرگەن. ئەر چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلىغاندا چۈشىدە ئايالى پەيدا بولۇپ بىر نەرسىلەرنى دەيدۇ، گويا رىياللىقتىكى ئايالنىڭ نەق ئۆزى! ئەر چىراغنى يېقىشى بىلەن تەڭ، ئايالى يوقاپ كېتىدۇ.
لامپۇچكا يورۇغان ھامان
سەندىن ئايرىلىپ يالغۇز قالغانلىقىمنى بىلدىم
ئۇ يەر، چۈشۈمدىكى ئۇ يەر قاراڭغۇ ۋە تىنچ ئىدى،
مەن بارغۇچە كۈتۈپ تۇر جانىم…
ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلەر قاراڭغۇلۇقتا يۈز بېرىدۇ. كىشىلەر يوشۇرۇن ئېڭىدا، ھەتتا چۈشلىرىدە بىر-بىرى بىلەن گەپلەشمەي تۇرۇپمۇ ئالاقىلىشالايدۇ. قاراڭغۇلۇقنى قاپقارا زۇلمەت دېگىلىمۇ بولمايدۇ، ئۇنىڭدا كەم بولغىنى پەقەت يورۇقلۇق. مەن كۆزدە تۇتۇۋاتقان قاراڭغۇلۇق_ كىشىلىك ھاياتتا بىز ئەقىل-ھۇشىمىز ۋە پىكىر-ئانالىزلىرىمىز بىلەن يېتەلمەيدىغان يوشۇرۇن تەرەپلەردۇر.
بۇ شېئىرنىڭ تۈپ مەنىسى بۇ مىسراغا مۇجەسسەم بولغان:
يورۇقلۇق يەتمىگەن يەرگە شىپادۇر زۇلمەت.
مەنچە برودسىكىنىڭ دېمەكچى بولغىنى، يورۇقلۇق ماددىي دۇنيادىكى نەرسىلەرنى تۈزەشكە قادىر. بىراق ئۇنىڭ قۇدرىتىمۇ چەكلىك. مەسىلەن، تەندىكى كېسەلنى نۇر بىلەن داۋالىغىلى بولىدۇ، ئەمما رۇھتىكى كېسەلنى داۋالىغىلى بولمايدۇ. ئۆلگەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئامال يوق، ئۇنى پەقەت چۈش ياكى خىيال بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن.
مەن بۇلارنى ئېچىنىپ تۇرۇپ دەۋاتقىنىم يوق. ئەمەلىيەتتە روھىيەتتىكى قاراڭغۇ ياكى يېرىم قاراڭغۇ دۇنيانىڭمۇ كىشىگە تەسەللىي بولىدىغان تەرەپلىرى مەۋجۇت. ئۇنىڭدىكى ئەسلىمىلەر توپلىنىپ، مەنىۋىيەتكە شىپا بولىدىغان مەنبەگە ئايلىنىدۇ. ئاندىن ئۇ بىزنىڭ مۇقەددەس روھىي بايلىقىمىز بولۇپ قالىدۇ. مەن ئۇنى پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ، ئۇ بىز بىلەن بىللە دەپ ئويلايمەن.
ئىچكى دۇنيايىمىزدىكى قاراڭغۇلۇق يازغۇچىلىقىمىزنى روياپقا چىقىرىدۇ. مەن ھېچ بولمىغاندا بۇ خىل كەچمىشنى باشتىن كەچۈردۈم. ماڭا كۆرە، ئەسەر يېزىش ئەقىل كۈچىگە تايىنىدىغان بىر ئىش، ھالبۇكى ئۇ كۆپ ھاللاردا يوشۇرۇن ئاڭدىن شەكىللىنىدۇ. مېنىڭ ۋەزىپەم ئاشۇ ئاڭنىڭ تەلىپىنى بىۋاسىتە ئورۇنلاش. مەن يوقىتىپ قويۇۋاتقان ئەسلىمىلىرىمنى ئاشۇ قاراڭغۇلۇق ياكى يېرىم قاراڭغۇلۇق ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمەن. رومانىمدا مەن يوقالغان ئاۋازلارنى، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى جىم يۈرگەنلەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن. «سۆيۈش» ناملىق كىتابىمدا مەن ئۆتمۈشتىكى ئاۋازىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بۈگۈن مېنى جىمىقتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان سۈكۈتلەرنى بۇزدۇم.
مەن يازماي تۇرالمايمەن، باشقا تاللىشىم يوق، ئەسەر يازغان چېغىمدىلا ئۆز دۇنيايىمنى قۇرۇپ چىقىمەن. ھەر كۈنى سەھەر ئويغاندا ئويلايدىغان بىرىنچى ئىشىم شۇ. ئەسەرنى قانداق داۋاملاشتۇرىمەن دەپ ئويلىنىپ يۈرمەيمەن، 200 بەتتەك يېزىپ بولساممۇ بىرەر يەردە يازالماي تۇرۇپ قالمايمەن. گويا نىشانىغا يەتمىگىچە توختىمايدىغان يۈگۈرۈش ماھىرىدەك داۋاملىق ئىلگىرىلەيمەن.
ئىجادىيەت دۇنياسىغا كىرەلمىگەن ۋاقتىمدا بىئارام بولىمەن، ئىچىم سىقىلىدۇ. مەن يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن، يازمىغان چېغىمدا تولىمۇ بىچارىلىشىپ كېتىمەن. ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋاقىت ۋە ئەتراپىمدىكى ئادەملەرمۇ بىچارە كۆرۈنىدۇ.
ئەسەر يېزىش كۆڭۈللۈك ئىش، مەن يەنە باشقىلارغا يېزىقچىلىق ئۆگىتىمەن. ئۇلارغا دەرس ئۆتكەندە «ئەسەر يازغاندا ئارتۇق ئويلىنىپ كەتمەڭلار» دېگەندەك گەپلەرنى قىلماسلىقىم مۇمكىن. ئەمما كىشىلەر كۆپ كاللا قاتۇرماستىن، ئۆزىنى ئۆزى چۈشەپ قويماستىن بىر نەرسە يازسا، ياخشى يازالايدۇ.
مەن ئەسەر يېزىۋاتقاندا نېمە يېزىۋاتقانلىقىم بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمەن، يەنى يېزىۋاتقانلىرىمنى مۇمكىنقەدەر كونترول قىلمايمەن. بۇ دېگەنلىك نېمە يېزىۋاتقانلىقىم ۋە ئۇنىڭ نېمە مەنە بېرىۋاتقانلىقى بىلەن كارىم يوق دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى قايسى مەنزىلگە كېتىۋاتقانلىقىم ۋە نەگە بارىدىغانلىقىمنى ئويلاشمايمەن، يا بايدىن چىقار، يا سايرامدىن دېگەنلىكتۇر. يىللاردىن بېرى مەن مۇشۇ يولدا مېڭىپ راھەت تاپتىم ۋە ئۇنى تاللىدىم.
ئەلۋەتتە ئەسەرنى تۈزىتىشكە سەۋىيە، ماھارەت كېرەك، ئۇ كېيىنكى باسقۇچتا بولىدۇ. ئەمما ئەسەرنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدا مەن دائىم ئۆزلۈك ئېڭىمدىكى تەنقىد سادالىرى، جۈملىمۇ جۈملە قۇسۇر ئىزدەش، جىمىقتۇرۇش بېسىملىرى بىلەن بوغۇشۇپ ئاۋارە بولىمەن. ئۇ سادالار دائىم سىزگە « سەن بۇنداق سۆزلەرنى ئىشلەتمە!»، «ئاۋۋال بۇ بۆلەكنى يازما!»، «نېمىشقا بۇ يەردە ھازىرقى زامان جۈملە شەكلىنى قوللىنىسەن؟» دېگەندەك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بېرىدۇ. ھەر كىمنىڭ بېشىدىن بۇنداق تەجرىبىلەر ئۆتكەن.
ئەسەرنىڭ تۇنجى ئارگىنالىنى يازغاندا سىز پۇت-قولىڭىزنى چۈشەپ قويىدىغان ئوي-پىكىرلەرلەردىن پالەچ بولۇپ قالىسىز. شۇڭا مەن سىزگە يۇقىرىقى تەنقىد سادالىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرسەتتىم. مەن بۇ تەنقىد سادالىرىنىڭ بايقاش كۈچىنى ماختايمەن، شۇنداقلا ئۇلارغا نەقەدەر مۇھتاج ئىكەنلىكىمنى ۋە ئۇلاردىن ھامان پايدىلىنىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بىراق ھازىر ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايمەن، چۈنكى ئۇلار مېنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ.
مەن ئۇ يەردە مۇكەممەلىكنى، گۈزەل جۈملىلەرنى ساقلاپ ئولتۇرمايمەن. چۈنكى مەنزىلىمگە قاراپ داۋاملىق مېڭىشىم كېرەك. شۇڭا ئوقۇغۇچىلىرىمغا دەيدىغىنىم، نېمىگە قاراپ تۇرىسىلەر؟ سەپىرىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، يىقىلىپ چۈشسەڭلار ئورنۇڭلاردىن قوپۇپ داۋاملىق مېڭىڭلار، قانچىلىك ماڭالىساڭلار شۇنچىلىك مېڭىڭلار.
ئەسەر يازغاندا ئارتۇق ئويلىنىپ كەتمەيدىغان بۇ ئۇسۇلنى ياخشى كۆردۈم ۋە ئۇنى قوللاندىم، نەتىجىدە كارامەت يۈز بەردى: ئىچىمدىكىنى قانچىلىك يازالايدىغانلىقىمنى تەبىئىيلا ھېس قىلدىم ۋە روھىي ئازادىلىككە ئېرىشتىم.
ئەسەر يازغاندا كەچمىشلىرىمنى ياخشى-يامان دەپ ئايرىمىدىم، ناچار نەرسىلەرنى شاللىمىدىم-دە، ئەسەر بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندىم.
ھاياتىمىزدا قانچىلىك ئىشلارنىڭ بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى بىز كونترول قىلىپ بولالمايمىز. ھەتتا ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ئىشلارمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئويلىمىغان نەتىجە بېرىدۇ. ھالبۇكى بۇ ئىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بىر كىملەر ئېسىمىزدە ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار يورۇقلۇقتا ھەقىقىي مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ئۇ يەردە، قاراڭغۇلۇقتا بىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
بىر كىتابىم قولۇمدىن چىقسا، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ قانچىلىك تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بۇ خۇددى ئوقۇرمەنلەرگە بىر رادىيو بەرگەنگە ئوخشايدۇ. ئۇلار رادىيونى تولغاپ ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ، ئاندىن «قالتىسكەن» دەپ ماختايدۇ. ئەگەر رادىيودىن ئاۋاز چىقمىسا، ئۇنى تاشلىۋېتىپ كېتىدۇ. كىتابقا تەنقىد يېزىش باشقا ئىش، ھەممىدىن يامىنى رادىيويىڭىزنىڭ پارچىلانغانلىقىنى كۆرۈش، ھەتتا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالماسلىق.
مەن ئەسەر نەشر قىلىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن، بۇنداق دېسەم خاتا چۈشەنمەڭ، ئۆزەم ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىش ئارقىلىق جان باقالىغىنىمغا شۈكۈر قىلىمەن. ئەمما مەن يازغۇچى بولۇشنى ئەمەس، ئەسەر يېزىشنى بەكرەك ياخشى كۆرىمەن. يازغۇچى كەترىن ھاررىسون كىم؟ بۇنىڭ بىلەنمۇ چاتىقىم يوق، بەلكىم ئۇنىڭ مەن بىلەن ئازراق مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن. بەزىدە مەن سىرتقا چىقىپ، شۇ شەخس سىياقىدا كۆرۈنىمەن دەپ كۈچ-ماغدۇرۇمنى تۈگىتىشىم مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ مۇلازىمەت تۈرىدىكى ئىشلاردا ۋە ئۆزەم كۆڭۈل بۆلىدىغان كەسىپتە، يەنى يېزىقچىلىقتا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن. شۇڭا بەزىدە ئۆزەمگە سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىم ۋە كۈچۈمنى ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە، ئوقۇرمەنلىرىم بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە سەرپ قىلىمەن، بۇنىڭدىن خۇشال بولىمەن. ئەگەر داۋاملىق يېزىشقا پايدىسى بولىدىغان ئىش بولسا ئۆزەمنى دۇنياغا يازغۇچى دەپ تونۇتۇشنى ھەم خالايمەن.
كافكانىڭ «كىتاب ئارىمىزدىكى مۇز دېڭىزنى يارىدىغان پالتا بولۇشى كېرەك» دېگەن سۆزىنى دائىم ئويلايمەن. مەنچە سەنئەت ئەنە شۇ پالتىدۇر. مەن سەنئەت ئارقىلىق يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق ئارىسىدىكى پەردىنى يىرتىۋەتسەم دەيمەن. سەنئەت ئەنە شۇ ئۇسۇلدا مەۋجۇت بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئىپادىلەش قىيىن بولغان ھەر قانداق نەرسىنى ئىپادىلەشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. بىر كىتاب قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىلھامى بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ سۆزلەردىن، سۆزلەر ئىپادىلىگەن ھەقىقىي نەرسىلەردىن بارلىققا كەلگەن كونكرېت نەرسىدۇر. سۆزلەرنى بىرلەشتۈرگەندە سىز ۋە ماڭا ئورتاق بولغان مەنە ئايدىڭلىشىدۇ. مېنىڭ قىلىدىغىنىم شۇ ئىشتۇر، رەسساممۇ شۇنى قىلىدۇ، ھەممىمىز ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىمىز: يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق ئارىسىدا ھەرىكەتلىنىمىز ۋە مۇۋازىنەتنى ساقلايمىز.
ماقالىنىڭ ئاپتورى:Joe Fassler
«ئاتلانتىك»ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى