يازغۇچى، پەيلاسوپلارنىڭ مۇزىكا ھەققىدە ئېيتقانلىرى

tanbur

Maria Popova
مۇزىكا بىزنىڭ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتىمىزدۇر. مۇزىكا روھىمىزدىكى تەۋرىنىشنىڭ ئاۋازىدۇر. پىسخولوگلار باشقا ھەرىكەتكە قارىغاندا مۇزىكا چېلىشنىڭ  مېڭىگە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ مېڭىنى ئارام ئالدۇرىدىغانلىقى ۋە كۆڭۈلنى شادلاندۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى. ۋاھالەنكى، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ماددىي دۇنيادىن ھالقىغان ساداسى ۋە ئىنسانىيلىقنىڭ يۈكسەك سەنئەت شەكلىدە ئىپادىلىنىشىدۇر.

تۆۋەندە ئۇلۇغ يازغۇچىلار ۋە پەيلاسوپلار مۇزىكا ھەققىدە نېمىلەرنى دېگەن، قاراپ باقايلى.

 

Susan Sontag

سۇزەن سونتەگ قورامىغا يەتكەن ۋاقتىدىن باشلاپ ھەر كۈنى 8-10 سائەت كىتاب ئوقۇغان بولۇپ، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 4 سائەتتىن كەم بولمىغان. ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى مۇزىكىغا بولغان مۇھەببىتىگە باغلىنىپ كەتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ «قايتا تۇغۇلۇش: كۈندىلىك خاتىرە»(1947-1963) ناملىق ئەسىرىدە ئۆسۈپ يېتىلىش دەۋرىنى، سەنئەت ۋە نىكاھ ھاياتىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ خاتىرىسىنىڭ 15-بېتىدە مۇنداق دەپ يازغان:

«مۇزىكا پۈتكۈل سەنئەتنىڭ ئەڭ ئاجايىپ، ئەڭ جانلىق شەكلىدۇر، ئۇ شۇنچە ئابستراكىت، شۇنچە مۇكەممەل، شۇنچە ساپ ۋە شۇنچە گۈزەل تۇيغۇلارغا تولغان. مەن مۇزىكىنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاڭلايمەن، بەدىنىم مۇزىكىدىكى ئاھاڭ ۋە رېتىمدىن تىترەيدۇ، ئاغرىيدۇ، ھەتتا مۇزىكا بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كېتىمەن».

 

Kurt Vonnegut

كۇرت ۋانگات «دۆلىتى يوق ئادەم» ناملىق ئەسلىمىسىنى نەشر قىلغان بولۇپ، بۇ كىتابىدا ھېكايە ئېيتىش ماھارىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىدە مۇزىكىنىڭ قالتىس رول ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ بۇ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق يازغان:

«ئەگەر مەن ئۆلسەم، (ئۇنداق بولمىغاي)، قەبرەمگە مۇنداق يېزىپ قويۇڭلار:  تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن پېقىرنىڭ كېرەك قىلىدىغان بىردىنبىر ئىسپاتى مۇزىكىدۇر».

 

Edna St. Vincent Millay

شائىرە ئېدنا ۋىنسېنت مىللېي 1920-يىل دوستىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن:

«مەن بەشىنچى سىمفونىيە تۆتىنچى ئاھاڭنى نەي بىلەن تولۇق چالالايمەن. بۇنىڭ بىلەن ئاھۇ-زارىمغا تەسەللىي تېپىپ، ئۇخلاپ قالىمەن. مۇزىكا بارلىق سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرىدۇ، ئۇ شۇنچىلىك ئېسىل، مۇقەددەس نەرسە ئىكەنكى، روھىم ئۈچۈن ياپيېشىل دالا، سۈپسۈزۈك كۆلدۇر. مۇزىكا بولمىغان بولسا مەن ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلغان بولاتتىم. ھەتتا شېئىرمۇ مۇزىكىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، بۇ سۆزۈم ئۈچۈن مېنى كەچۈر دوستۇم. بۇنى مەن كېيىنكى كۈنلەردە  بارماقلىرىم پىيونىنو پەدىلىرىنى باسقاندا تېخىمۇ كۆپ ھېس قىلدىم. ئالدىمىزدىكى قىش پەسىللىرىنى مۇزىكا چالماي ئۆتكۈزمەيمەن. تۈنۈگۈن ئاخشام ئىككى سائەت مۇزىكا چالدىم. گەرچە نۇرغۇن ئىشلار ئۆتمۈشكە ئايلانغان بولسىمۇ، قالغان ئۆمرۈمدە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئويلاۋاتىمەن. ئادەم بەك ھورۇن بولىدىكەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئون يىلدىن بېرى، ئۆگەنگەن نوتىلىرىمنى تامامەن ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن، دۆت ئوخشايمەن. يادىمدا قالغىنى باخنىڭ مۇزىكىلىرى، ئۇنى يوقىتىپ قويماپتىمەن. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىنى نېمىشقا ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، بەلكى ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ گىئومېتىرىيە پرىنسىپلىرىغا ئوخشاش   تۈز، سىپتا، بۇزۇلماس بولغىنى ئۈچۈندۇر.

 

Friedrich Nietzsche

مۇزىكىنىڭ  قۇدرىتىگە ھېچكىم فرېدرىخ نېتزىغا ئوخشاش كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەسەبىي تەبىرلەرنى بەرگەن ئەمەس. نېتزى 1889-يىل نەشر قىلدۇرغان «مەبۇدنىڭ زاۋاللىقى» ياكى «قانداق قىلغاندا بولقا بىلەن پەلسەپىۋى تەپەككۇر قىلغىلى بولىدۇ؟» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەپ يازغان:

«مۇزىكىسىز ياشاشنىڭ ئۆزى خاتالىقتۇر».

بۇنداق ئەسەبىي تەبىر ئەلۋەتتە مۇزىكىنىڭ چەكسىز ھاياتىي كۈچىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان.

«تەڭرى بىزگە مۇزىكىنى ئاتا قىلدى. مۇزىكا بىزنى يۈكسەكلىككە باشلىغىنى ئۈچۈن مۇھىمدۇر. مۇزىكا بىزدىكى بارلىق خىسلەتلەرنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ: ئۇ بىزنى جانلاندۇرىدۇ، خۇشال قىلىدۇ، ياكى ئۆتمۈشنى ئەسلىتىدىغان مۇڭلۇق ئاھاڭلىرى بىلەن يۈرەك تارىمىزنى تىترىتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ۋۇجۇدىمىزنى تىترىتىش بىلەن بىرگە  تەپەككۇرىمىزنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش؛   شېئىرغا قارىغاندا  مۇزىكا قەلبكە تېخىمۇ چوڭقۇر  سىڭىپ كىرىدۇ، سۇنۇق دىللارغا شىپا بولىدۇ. ناخشا-مۇزىكا ھەقىقەتەن بىزلەرنى گۈزەللىككە، ھەقىقەتكە يېتەكلەيدۇ. ئەگەر ئۇ ئويۇن-تاماشا ۋە شۆھرەت قازىنىش ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، زىيانلىق ۋە جىنايەتلىك نەرسىگە ئايلىنىدۇ.

 

Arthur Schopenhauer

ئارتۇر شوپېنخائۇر ۋەتەندىشى نېتزىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ «ئىرادىنىڭ ئىپادىسى بولغان بۇ دۇنيا» ناملىق ئەسىرىدە مۇزىكا ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان:

«مۇزىكا باشقا بارلىق سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئوخشىمايدۇ. بىز ئۇنىڭدىن دۇنيانىڭ ماھىيىتىگە دائىر ئۇقۇملارنىڭ بىرەر كۆپەيتىلمىسى ياكى تەكرارلىنشىنى تاپالمايمىز. ھالبۇكى، ئۇ شۇ قەدەر ئۇلۇغ، گۈزەل سەنئەتكى، ئىنسان ماھىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى كۈچلۈكتۇر. ئۇ،  دۇنيادىكى ھەممە ئادەم  قوللىنىدىغان ۋە چۈشىنەلەيدىغان تىل بولۇپ، ئېنىقلىق دەرىجىسى بىلىم دۇنياسىدىنمۇ ھالقىپ كېتىدۇ.  بىز مۇزىكىنى ئىچكى دۇنيايىمىزنىڭ نىداسىنى ئەڭ چوڭقۇر ۋە سەمىمىيەت بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان ۋاسىتە دەپ تونۇشىمىز كېرەك.

 

Virginia Wolf

ۋىرجىنىيە ۋولف 20 ياشلىرىدا مۇزىكىغا ئامراق بولۇپ قالغان. ئۇ 1903-يىل يازغان «خانىشنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئوينىغان ئۇسسۇل» ناملىق كۈندىلىك خاتىرىسىدە، 21 يېشىدا مەھەللىسىنىڭ كەچلىك بازىرىدا  ئوينىغان ئۇسسۇل مۇزىكىلىرىدىن قانچلىك زوق ئالغانلىقىنى بايان قىلغان:

«ئۇ نەقەدەر قالتىس ئۇسسۇل مۇزىكىسى ئىدىكى، كىشىدە ياۋايىلىق قوزغايتتى، ئەسنەپ تۇرغانلار جانلىنىپ كېتەتتى، بىر دەقىقىدە بۇ ئەسىردىكى مەدەنىيەتنى ئۇنتۇپ كېتەتتىڭىز؛ بۇ غەلىتە ھاياجانغا ئەسىر بولۇپ، يۇمىلاق ئۆينىڭ ئىچىدە ئەسەبىيلەرچە پىقىرىغان چېغىڭىزدا كۆزىڭىزگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى، ئۇلاپ-ئۇلاپ چېلىنىۋاتقان ئىسكىرىپكىدىن چىقىۋاتقان شوخ مۇزىكىنىڭ رېتىمىگە ماسلىشىشقا تىرىشاتتىڭىز. گويا كۈچلۈك بىر قاينام سىزنى ئۆز ئىچىگە تارتىپ كېتەتتى. مانا بۇ مۇزىكىنىڭ سېھرىي كۈچى ئىدى».

 

Victor Hugo

فرانسىيەرومانتىزىمىنىڭ كاتتا شائىرى، يازغۇچى ۋە درامماتورگ ۋىكتور ھيۇگومۇ مۇزىكىنىڭ قۇدرىتىنى مەدھىيەلىگەن. 1864-يىل ئۇ «تارىختا ئۆتكەن ئەڭ ئۇلۇغ تالانت ئىگىلىرى» ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا، ئۇنىڭغا قانداقتۇر «ۋىليام شېكىسپىر» دېگەن نامنى قوللانغان. ئۇ بۇ تەتقىقاتىنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دەپ يازغان:

«مۇزىكا تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان، ئەمما سۈكۈت قىلغىلىمۇ بولمايدىغان تۇيغۇنى ئىپادىلەيدۇ».

 

Aldous Huxley

ئەلدوس ھاكسلى «قېپقالغىنى سۈكۈت» ناملىق ماقالىسىدە مۇزىكا ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (بۇ ماقالە «قېپقالغىنى ۋاراڭ-چۇرۇڭ» ناملىق ماقالىسىنىڭ تولۇقلىمىسى بولۇپ، 1931-يىل نەشر قىلىنغان «كەچلىك مۇزىكا ۋە باشقا نەسىرلەر» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن.)

«سۈكۈتتىن كېيىن، تىلسىز مەنىلەرنى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەيدىغان نەرسە مۇزىكىدۇر».

«شېكىسپىر ئەسەر يازغاندا يازغۇدەك ھېچنېمە تاپالمىسا، قەلىمىنى قويۇپ مۇزىكا ئاڭلايتتى».

 

Anais Nin

ئەڭ تىرىشچان ۋە كۆپ مەھسۇلاتلىق كۈندىلىك خاتىرە يازغۇچىسى بەلكىم فرانسىيە يازغۇچىسى ئانائىس نىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ 11 يېشىدىن باشلاپ تا 74 يېشىدا ۋاپات بولغانغا قەدەر كۈندىلىك خاتىرە يازغان، 16 جىلد  توپلام چىقارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە مۇھەببەت، تۇغۇش ھوقۇقى، تۇتۇۋالغىلى بولمايدىغان تەبىئىي خۇشاللىق، ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتى، ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان ھېسسىياتنىڭ ئىجادىيەت ئۈچۈن نېمىشقا مۇھىم ئىكەنلىكى قاتارلىق مەڭگۈلۈك تېمىلارنى ئەكس ئەتتۈرگەن. «ئانائىسنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى»، 5-جىلد، 1-باپتا ئۇ بىزگە ناتونۇش نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىشنىڭ گۈزەللىكى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى سۇنىدۇ، ئۇ مۇنداق دەپ يازغان:

«جاز مۇزىكىسى بەدەن مۇزىكىسىدۇر. نەي-سۇنايدىن نەپەس ماڭىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ تەننىڭ نەپەس ئېلىشىدۇر. تارىلارنىڭ مۇڭلۇق ئىڭراشلىرى بەدەن مۇزىكىسىنىڭ ئەكس ساداسىنى قايتۇرىدۇ. سازغا ئۇرۇلغان بارماقلاردىن بەدەن دولقۇنسىمان تىترەيدۇ. ھاياتىمىزنىڭ سىرلىق تەرىپىگە ئوخشايدىغان يوشۇرۇن تېمىلارنى جاز مۇزىكانتلىرىلا بىلىدۇ، بىز پەقەت باشقىلارغا سىرتتىن ئىلھام بېرىمىز».

 

Walt Whitman

ۋالت ۋىتمان 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا يازغان «دېموكراتىيەنىڭ كەلگۈسى» ناملىق نەسىرىدە مۇنداق دېگەن:

«مۇزىكا روھنىڭ قوشۇلۇشى، بەدەن ئورگانلىرىنىڭ بىرلىشىشى، ئىلاھىي سۆيگۈنىڭ رۇھتىكى نىداسىدۇر؛ ئىنسانلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشكەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر؛ مۇزىكىغا بولغان ئېھتىياجنى مۇزىكىدىن باشقا ھېچنېمە قاندۇرالمايدۇ».

 

Oliver Sacks

بىر يېرىم ئەسىردىن كېيىن، ئولىۋېس ساكس ئىنسانلارنىڭ مۇزىكىغا بولغان مەنىۋى ئېھتىياجىنى تېما قىلغان «مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى: مۇزىكا بىلەن مېڭە ھەققىدە بايان» ناملىق كىتاب يازغان بولۇپ، تارىختىن بېرى مۇزىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى ھەققىدە يېزىلغان ئەڭ ياخشى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.  ئۇ بۇ كىتابىدا «11-سىنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن، كىشىلەر ئازابلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندا كۆرگەن بىر ئىشنى بايان قىلىپ مۇنداق يازغان:

«بىر كۈنى ئەتىگەندە ۋەلىسپىتكە مىنىپ باتارىيە باغچىسىغا باردىم. مانخاتتان كوچىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە يېقىنلاشقىنىمدا بىر مۇزىكا ئاڭلاندى. ئاندىن كىشىلەرنىڭ ئاستا-ئاستا ئۇ يەرگە توپلاشقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار ئۇ يەردە دېڭىزغا قاراپ جىمجىت ئولتۇراتتى. بىر يىگىت ئىسكىرىپكا بىلەن باخنىڭ مۇزىكىسىنى چېلىۋاتاتتى. مۇزىكا ئاخىرلاشقاندا كىشىلەر جىمجىت تارقاپ كېتىشتى. ناھايىتى روشەنكى، مۇزىكا ئۇلارغا چوڭقۇر مەنىۋى تەسەللىي بەخش ئەتكەنىدى، بۇنداق تەسەللىينى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايتتى».

مۇزىكىنىڭ سەنئەتتىكى ئورنى يەككە-يىگانىدۇر. ئۇ ھەم ئابستراكىت، ھەم چوڭقۇر ھېسسىياتقا تويۇنغان. ئۇ تاشقى دۇنيادىكى ھېچقانداق ئالاھىدە نەرسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئەمما ئۇ ئىچكى دۇنيادىكى كەيپىيات ۋە تۇيغۇلارنى ئۆزگىچە ئىپادىلەشكە قادىر. مۇزىكا قەلبتىن قەلبكە ئۆتەلەيدۇ، ئوتتۇرىغا ۋاسىتە قويۇش ھاجەتسىز. كىشىلەر مۇزىكانتلارنى تونۇمىسىمۇ،  ئۇلارنىڭ مۇزىكىسىدىن  قەلبىدىكىنى بىلەلەيدۇ.  بەزى مۇزىكىلار كىشىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سېلىش بىلەن بىرگە، تەسەللىيمۇ بېرەلەيدۇ. شۇڭا دەرتمەنلەر مۇڭلۇق ناخشىلاردىن تەسەللىي تاپالايدۇ.

( The Marginalian ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى)

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*