چۈشكۈنلۈك ھەققىدە

Man with uniform writes a letter - 1896

Tim Parks

نېمىشقا بىز تولىمۇ چۈشكۈن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيمىز؟ كۈندىلىك مەنىسىز ھاياتىمىزدا ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

مەن دەۋاتقان ئۈمىدسىزلىك قانداقتۇر بىرەر پرېزىدېنتنى سايلىغاندىن كېيىنكى ئۈمىدسىزلىك، ياكى دۇنيادىكى ئاچارچىلىق ۋە يەر شارىنىڭ ئسسىپ كېتىشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولماسلىقىدىن كېيىنكى  ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئەمەس، بەلكى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىتالىيەدە «ئالەمچە ئۈمىدسىزلىك» دەپ ئاتالغان چۈشكۈنلۈكتۇر.  بۇ ئىبارە 19-ئەسىردە ئۆتكەن شائىر ۋە مۇتەپەككۇر گلاكومو لئېوپاردنىڭ ئەسەرلىرىگە باھا بېرىلگەندە قوللىنىلغان. ئۇ 21 ياشقا كىرگەندە «ھەممە نەرسە يوقلۇق،  ھېچنېمە» دەپ يازغان  ۋە ئۆزىنى يوقلۇق ئىچىدە ھېس قىلىپ، «مەنمۇ ھېچنېمە» دېگەن. لىئوپاردنىڭ قارىشىچە، ئىنسانغا ئەقلىيلىك ۋە سەگەكلىك بىلەن نەزەر سالغاندا كۆرۈلىدىغان بىردىنبىر ئىنكاس ئۈمىدسىزلىكتۇر. شۇڭا جانلىق ھەرىكەت ۋە بەختتە ھامان خام خىيال بولىدۇ.

بۇ  مەۋجۇدىيەتچىلەردە بولىدىغان مۇتلەق  ئۈمىدسىزلىكتۇر، كىم ئۇنىڭغا مۇھتاج؟ كىم ئۇنىڭغا خۇشتار؟

ئەدەبىيات ئاسپرانتلىرىغا ئۆتۈۋاتقان دەرىسىم ئاياغلىشىپ قالغاندا ئوقۇغۇچىلىرىمغا سامۇيېل بېكىتنى تونۇشتۇردۇم، ئۇنىڭ «ۋات» ناملىق رومانىدىكى ئارسېننىڭ نۇتقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدىم. ۋات، نوت ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تۇرۇشىغا بىر مالاي كېلىدۇ، يەنە بىرسى كېتىدۇ. ئارسېنمۇ ماڭماقچى بولىدۇ. مېڭىش ئالدىدا ئۇ 20 بەتلىك مونولوگدا ۋاتقا ئۆمۈرلۈك ئىلھام بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكى ئابزاسنى ئوقۇشقا بەردىم:

«مەن شەخسەن ھەممە نەرسىدىن پۇشايمان قىلىمەن. ئۇ (نەرسە) گەپ-سۆز ئەمەس، ئىش-ھەرىكەت ئەمەس، ئوي-خىيال ئەمەس، زۆرۈرىيەت ئەمەس، قايغۇ ئەمەس، خۇشاللىق ئەمەس، قىز ئەمەس، ئوغۇل ئەمەس، گۇمان ئەمەس، ئىشەنچ ئەمەس، كەمسىتىش ئەمەس، شەھۋەت ئەمەس، ئۈمىد ئەمەس، قورقۇنچ ئەمەس، كۈلۈمسىرەش ئەمەس، كۆز يېشى ئەمەس، ئىسىم ئەمەس، چىراي ئەمەس، زامان ئەمەس، ماكان ئەمەس، ئۇنداقتا مەن ئارتۇق پۇشايمان قىلمايمەن. ئۇ باشتىن ئاخىرغىچە ئازاب، دوستلۇققا قېتىلغىنىمدا ساغرامدىكى ھۇررەكتىن باشقا نەرسە پوق. سەيشەنبە كۈنى قاپىقىم توڭ، چارشەنبە كۈنى ۋاقىراپ-جاقىرايمەن، پەيشەنبە كۈنى تىللاپ-قارغايمەن، جۈمە كۈنى يەنە ۋاقىراپ-جاقىرايمەن، شەنبە كۈنى خورەك تارتىمەن، يەكشەنبە كۈنى ئەسنەيمەن، دۈشەنبە كۈنى سەھەر دۈشەنبە ئەتىگىنى.  ئىشىك چەككەن، ئىڭرىغان، يېرىلغان ، غىڭشىغان ئاۋاز،  قامچىنىڭ تاراس-تۇرۇس، بەلۋاغنىڭ قاراس-قۇرۇس، شاپىلاقنىڭ پاس-پۇس ئاۋازى، چىقىرىغان، زارلانغان، دۇئا قىلغان، تەپكەن، يىغلىغان، تىترىگەن ئاۋاز… بىچارە كونا زېمىن، مېنىڭ زېمىنىم، دادامنىڭ ئانامنىڭ، بوۋامنىڭ، مومامنىڭ، دادامنىڭ ئانىسىنىڭ، ئانامنىڭ ئانىسىنىڭ، دادامنىڭ دادىسىنىڭ، ئانامنىڭ دادىسىنىڭ، ئانامنىڭ دادىسىنىڭ ئانىسىنىڭ دادىسىنىڭ ئانىسىنىڭ، دادامنىڭ ئانىسىنىڭ دادىسىنىڭ دادىسىنىڭ ئانىسىنىڭ زېمىنى… دادا، ئانا، دادا، ئانا، دادا ، ئانا، دادا، دادا، ئانا، ئانا، دادا، ئانا، ئانا، دادا، دادا، دادا، ئانا، دادا، ئانا، دادا…»

ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنى ئوقۇغاندىكى ئىنكاسى ئومۇمەن ئوخشاش بولدى: باشتا چۈشەنمىدى، ئاندىن بوش كۈلدى، ئاندىن قاپاق تۈردى، ئاندىن كۆزلىرى چەكچەيدى. «ئانا، دادا» دېگەن سۆزلەرنىڭ تەكرارىدىن باشلاپ پىخىلداپ كۈلۈشكە باشلىدى ۋە گۇمان بىلەن توختاپ: پروفېسسور، بۇ سۆزلەرنى ئاخىرىغىچە ئوقۇش كېرەكمۇ؟ دەپ سورىدى. بۇ ئابزاس ئۇلار ئۈچۈن بىر مەشىق بولدى، ئەڭ پاسسىپ كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ بىزنىڭ مېڭىمىزگە قانداق ئوغرىلىقچە كىرىدىغانلىقى، شەكىلنىڭمۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قانداق بۆلۈۋېتىدىغانلىقى ئايان بولدى. كومپۇتېرىمدىكى word نىڭ خاتالىقنى ئاپتوماتىك تۈزەش ئىقتىدارى بۇ ئابزاسنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىگە كۆك بەلگە سېلىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە «تەكرار ئوقۇشتىن ساقلىنىش» ئىشارىتى بەردى.

چۈشكۈنلۈك ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا غەلىتە كومېدىيەلەرنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. توماس ھاردىنىڭ  «نامسىز يەھۇدا»، جوسېف كونرادنىڭ «كېنەز J.M»،  كوتزىنىڭ   «پەسكەش» قاتارلىق ئەسەرلىرى ۋە بەزى داڭلىق رومانچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە  بىز ھەر قانداق ئىشتا خاتالىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقىنى،  ئەخمەقلەرچە ئۈمىدۋارلىقنىڭ بىر-بىرلەپ  يوق بولىدىغانلىقىنى دائىم ھېس قىلىمىز. شۇنداقتىمۇ بۇ ئەسەرلەرنىڭ بېكىتنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭدىكى بەختسىزلىك تەتۈر قىسمەتنىڭ،  ياكى ئالاھىدە خاراكتېر بىلەن مۇھىتنىڭ مەھسۇلى؛ يەنى بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇلار ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ يامان ئادەتلىرى، بۇ ئادەتلەرنىڭ كىشىلەرنى چۈشكۈنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى تەنقىدلىنىدۇ. ئەگەر بۇ جەمئىيەتنىڭ ئادەملىرى تېخى توي قىلمىغان بىر جۇپقا كەڭ قورساقراق بولسا ئىدى،  يەھۇدا بىلەن سويانىڭ بەختى ئۇنداق قارا بولماس ئىدى. ئەگەر ئىرقىي كەمسىتىش بولمىغان بولسا، J.M   ئۇنداق ئاقىۋەتكە قالمايتتى،  ئىرقىي كەمسىتىش بۇ كىتابتىكى ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدۇر. داۋىد لۇرىينىڭ ھېكايىسى پەقەت بۈگۈنكى جەنۇبىي ئافرىقىدىلا يۈز بېرىدىغان ھېكايىدۇر. شۇڭا ئوقۇرمەنلەر «بۇنداق بالايى ئاپەت ئالاھىدە ئەھۋالدا يۈز بېرىدۇ، ئەمما چوقۇم يۈز بېرىدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ» دەپ قارىسا بولىدۇ. كۆز ئالدىدىكى بەختنى قاچۇرۇپ قويۇش ئادەمنى تېخىمۇ ئازابلايدىغان ئىش، ئەمما ئۇ، بۇ خىل  ھېكايىلەرنى مەۋجۇدىيەتچىلەرنىڭ تەنقىدلىشىدىن توسۇپ قالالايدۇ. ئوقۇرمەنلەر سوغۇق كۈلۈمسىرەشلىرى بىلەن روماننى ئوقۇپ تۈگىتىدۇ، ئاندىن «ئەگەر خۇدا رەھمەت قىلمىسا، ئىشىمىز چاتاق..» دەيدۇ.

ئۈمىدسىز نەسىرچىلەر بىلەن پەيلاسوپلار  ئۆزلىرىنىڭ بايانلىرىدا  يازغۇچىلارغا ئوخشاش پاسسىپ كەيپىياتىنى ئىپادىلىمەسلىكى مۇمكىن.  ئەمما ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى دۇنياۋىلىققا مايىل. ئەمەلىيەتتە، بەختسىزلىككە ئىشىنىش بىۋاسىتە مۇھىت ۋە ئالاھىدە خاراكتېرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر. بەختكە ئىشىنىش ئەخمىقانە ئۈمىدۋارلىق دەپ قارىلىشى مۇمكىن. ئېمىل كيوران مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ بىلىمدىن  نارازى بولۇشىمىزدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇ تۇرمۇشىمىزغا ياردەم بەرمىدى». ئۇ ئاقارتىش ھەرىكىتىگە بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا رەددىيە بېرىپ: « ھېچكىم باشقا بىرسىدىن ياردەم تىلىمەيدۇ، چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزلا قۇتۇلدۇرالايمىز. ئەگەر ئۆزىمىز بەرداشلىق بەرمەكچى بولغان ئازابنى ئىشەنچ-ئېتىقادقا ئايلاندۇرۇۋالساق ھەم ئۇنى باشقىلارغا تاڭساق، ئىشلار تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئالدىراشچىلىق كىشىلەرنى  ساختا ئالىيجاناپ قىلىۋەتتى، دەرەخلەر كېسىلدى، ئۆيلەر ئۆرۈلدى، ھەممە يەردە قېلىن يۈزلەر…  ئەرلەر دۇنيانى قاپلىماقتا، ئىنسانلار  يەر شارىنىڭ يامان ئۆسمىسى».

بۇ يەردە  بىرسىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالدا ئالاھىدە خاتالىق ئۆتكۈزۈشىدەك  مەسىلە يوق. بۇ يەردە بىزنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىمىز ۋە بەخت چۈشەنچىمىز تامامەن رەت قىلىنغان. ئۇنداقتا بىز ياكى ئارىمىزدىكى بەزىلەر بۇنداق ئەسەرلەرنى زوق-شوخ بىلەن ئوقۇمدۇ؟  بۇنداق ئوقۇش بىمەنە كۆڭۈل ئېچىشمۇ ياكى ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتىشمۇ؟ 

ليوپاردى مۇنداق يازىدۇ:

«ئىنسان ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە تەلەيسىزلىكىنى ئويلىغاندا، ئۇلاردىن تەسەللىي تېپىش ئۈچۈن  ئۇلارنى ئۆزىگە تەسۋىرلەپ بېرىدۇ، بۇ تەسۋىرلەر ھېسسىياتنى كۈچلۈك ۋە تەپسىلىي، سەمىمىي ۋە تولۇق ئىپادىلەيدۇ؛ ئاندىن ئۇلارنى مۇبالىغە قىلغاندا (ئەگەر ئۇ ئىشلار راست بولسا، چوقۇم راست بولۇشى كېرەك )  ئۆز ئېڭى ۋە تەسەۋۋۇرىدا ئۆزىنى قايىل قىلىشى، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىشى، بېشىغا كەلگەن تەتۈر قىسمەتلەرنىڭ ھەممىدىن ئېغىر، تۈگىمەس ئازاب ئىكەنلىكىگە، ھەر قانداق ياردەم ۋە تەسەللىينىڭمۇ كار قىلمايدىغانلىقىغا ۋە ئازابنى يەڭگىللىتەلمەيدىغانلىقىغا ئۆزىنى ئىشەندۈرۈشى كېرەك. قىسقىسى،  بۇ ئازابلارنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىدا كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئېغىر ۋە دەھشەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۈمىد ۋە تەسەللىي ئىشىكلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تاقالغانلىقىنى كۆرۈپ ھېس قىلىشى كېرەك».

بۇ گەپلەر بىزگە ناھايىتى تونۇش،  توغرا تەسۋىر ھەقىقىي شادلىق ۋە يەڭگىللىك ئاتا قىلىدۇ. «شادلىقىمىز ئازابىمىزغا ئوخشايدۇ، دېگەندەك گەپلەر نەقەدەر بىمەنە-ھە!» دەپ يازىدۇ كيوران خام خىيالدىن قۇتۇلۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ،  «بۇنداق گەپلەر ئۆز تەجرىبىمىزگە زىيادە ئەھمىيەت بېرىشتىن كەلگەن».

چۈشكۈنلۈكنى كەمسىتىش ياكى ئۇنىڭدىن بىزار بولۇش سەۋەبىدىن ئۇنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى چۈشىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بەلكىم بىزنى  چۈشكۈنلەشتۈرەلمەيدىغان ئەھۋاللارنى كۆزىتىش بولسا كېرەك. بىر روماندا يازغۇچى پەقەت ئازابلارنى كۈچەيتىۋاتقاندا بۇ ئەھۋال يۈز بېرىدۇ، بىز ئۇ چاغدا ئۇنى پىرسۇناژ بىلەن مۇھىتنىڭ ئۇچرىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇقەررەر ئاقىۋەت دەپ ئويلىمايمىز. مەسىلەن، كىشىلەر تازا خۇشال كېتىۋاتقاندا ماشىنا ۋەقەسى يۈز بېرىدۇ، ياكى بىزنىڭ قەھرىمانىمىز ئەجەللىك بىر كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ، بىز بىلىمىزكى، بەزىلەر  ئاشۇنداق شور پىشانە. يازغۇچىلار نېمىشقا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىزنى ئازابلايدۇ؟  بىز  كىشىنى قايىل قىلالمايدىغان بەختلىك خاتىمەلەرنى، مەسىلەن، داۋىدنىڭ ئەسىرىدىكىگە ئوخشاش  كىشىگە يەڭگىللىك بېغىشلايدىغان قۇتۇلۇشلارنى كەچۈرۈۋېتىمىز ياكى ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلىمىز، ئەمما كىشىنى قايىل قىلالمايدىغان ئېچىنىشلىق خاتىمەلەرنى ياكى بىر شەخسنىڭ ئازابىنى ئومۇمىي ئازابقا ئايلاندۇرۇپ قويغان خاتىمەلەرنى  كەچۈرمەيمىز، چۈنكى بىز  بىكاردىن بىكار ئازابلانغان بولىمىز. 

يېقىندا مەن ئېدۋارد بوند (Edward Bond) نىڭ 1971-يىل يازغان «پادىشاھ لىيېر» ناملىق درامىسىنى كۆردۈم، بۇ شېكىسپېرنىڭ ھېكايىسىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن دراما بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن تام-سېپىل سېلىشقا بېرىلىپ كەتكەن بىر پادىشاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىككى قىزىنىڭ ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ، بۇ ئىككى مەلىكە تامنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ھۆكۈمرانغا ياتلىق بولماقچى بولىدۇ. بۇ دراممىدا سىياسىي زوراۋانلىق بىلەن ھىيلە-مىكىر تەنقىدلەنگەن، ئەمما تاماشىبىنلارغا ئۇلار ھېسداشلىق قىلغۇدەك ھېچقانداق پىرسۇناژ بېرىلمىگەن. كىشىلەر ئۆز مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ تۇرسىمۇ، 20-ئەسىردىكى ياۋروپانىڭ تىررورلۇقى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان كونا خاتالىقلىرىنى تەكرارلىغان. تاماشىبىنلارنىڭ كۆپىنچىسى  دەسلەپتە بۇ درامماتورگنىڭ كۆز قاراشلىرىنى پۈتۈنلەي قوللىغان، ئەمما ئىپادىلەش سۈپىتى جەھەتتىن بولسۇن (بۇ جەھەتتە شېكىسپىر بىلەن سېلىشتۇرۇش ئاقىلانىلىق ئەمەس) ياكى سەھنىدىكى باسقۇنچىلىق، قىيناش ۋە ئۆلتۈرۈش جازالىرى بولسۇن، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خۇشاللىق تاپالمىغان.  ئۇنىڭدىكى قويۇق سمۋولىزم ۋە كونا ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى كىشىلەرنى تىياتىرخانىدىن ھارغىنلىق ۋە نارازىلىق بىلەن  ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان. بۇنىڭغا باققاندا، «يەھۇدا»، «كېنەز J.M»، «پەسكەش»، ياكى شېكىسپىرنىڭ «پادىشاھ لىيېر» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئېسىل يېرى ئۇنىڭدا ھەر بىر پىرسۇناژنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھېسسىياتى ناھايىتى مۇھىم، ۋەقەلىك تەرەققىياتى قانچە كۆڭۈلسىز بولسۇن، جەريانى ئېنىق ۋە كىشىنى قايىل قىلىدۇ.

مەيلى يازغۇچىلار ياكى پەيلاسوپلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە كەچۈرۈلمەيدىغان تەرەپلەر بىرىنچىدىن،  ئاپتورنىڭ شەخسىي غەرىزىنىڭ بولۇشى؛ ئىككىنچىدىن، ئاپتورنىڭ قەلىمىدىكى ئاجىزلىق ۋە تەمسىزلىك. ئەگەر ئاپتور ئۆز مەيدانى ئۈچۈن كىچىككىنە ھېسسىياتتىنمۇ پايدىلىنىپ كەتسە  ئىنتايىن ناچار تەسىر بېرىدۇ، ئوقۇرمەن چوقۇم بىرەر ھەقىقەتنىڭ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلالىشى كېرەك. بېكىت «دادامنىڭ، ئانامنىڭ…» دېگەندەك ئۇزۇن ئىسىملار تىزىملىكى ئارقىلىق گەپ يوشۇرغان بىلەن،  قىل سىغماس بىر ھەقىقەتنى، يەنى يەر شارىنىڭ ھەقىقەتەن ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان يەر شارى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ بىزگە ئوخشاش ياشىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. دەرۋەقە، ئەگەر ۋاقىتنى ئارقىغا ياندرۇغىلى بولسا بىر ئادەمنىڭ ئەجدادى__ئىككى ئاتا-ئانىسى،  تۆت بوۋىسى-مومىسى، سەككىز چوڭ بوۋىسى-مومىسى، 16 بۈيۈك  بوۋىسى-مومىسى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئانچە مۇھىم ئەمەسلىكىنى، پەقەت ئەجدادلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ داۋامى ۋە تەكرارى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

ئەمما بىز ھەقىقىي ئەھۋالغا كۆڭۈل بۆلسەك، زېرىكىش نېمىشقا بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ؟ چۈشكۈنلۈك تەرەپدارلىرى ئۆزلىرىدىن ئۇچۇر بەرگەندە نېمىشقا جانلىنىپ كېتىدۇ؟ مەنچە، بۇ يەردە بىز چۈشكۈنلۈك ئىستېتىسكىسىدىكى ھالقىلىق مەسىلىگە، بولۇپمۇ نەسرىي ئەسەرلەردىكى چۈشكۈنلۈك ئامىللىرىغا يېقىنلاشتۇق.

ھازىرقى جەمئىيەت بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈزۈلمە جەھەتتە ئۈمىدۋارلىققا مايىل بولۇپ، ھېيگىرنىڭ تارىخىي تەرەققىيات نۇقتىئەنەزەرىنى ياقلايدۇ، ئەگەر ئەقلىي ئۇسۇلدا ئىتتىپاقلاشساق ھەممىمىزگە بەخت نېسىپ بولىدۇ دېگەن قاراشقا  ئىشەندۈرىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ.  شۇڭا چۈشكۈنلۈك تەرەپدارلىرى بىزگە ئېيتقان ھەقىقەت ھەر دائىم  ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن ھەقىقەت بولىدۇ.  مەن كيوراندىن ئالغان نەقىلنى تاللىدىم، ئۇنى بىزنىڭ  بۇرۇنقى ئىخلاسمەنلىكىمىزگە  بېرىلگەن رەددىيە دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ: «بىلىم بىز ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ غەنىمەتتۇر، شۇڭا بىز ئىشلەپ تۇرۇپ بىر-بىرىمىزگە ياردەم بېرىشىمىز، بىر-بىرىمىزنى قۇتقۇزۇشىمىز كېرەك. ئاكتىپلىق، تىرىشچانلىق، ساغلاملىق، ئەركىنلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇھىم».

رادىكال بۇزغۇنچىلىق كىشىنى ئەنسىزلىككە سالىدۇ، ئەمما ئۇ كۆركەم،  جانلىق،  قىزغىن ئېلىپ بېرىلسا بىردەملىك ھاياجان پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مۇھىمى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر خىل ئەركىنلىك تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.  لىيوپاردى، كيوران ياكى بېكىتنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا كىشىلەر ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەت خۇشاللىقىدىن قۇتۇلىدۇ. شوپىنخاۋىر مۇنداق دەيدۇ:

«دۇنيانىڭ نەرىگىلا بارساڭ تۈزۈك بىر نېمىگە ئېرىشەلمەيسەن. ھەممە يەر جاپا-مۇشەققەت ۋە ئازابقا تولۇپ كەتكەن. ئەگەر بىر ئادەم بۇلاردىن قۇتۇلۇپ كەتسە، زېرىكىش ئۇنى بىر يەردە كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ. رەزىللىك دائىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ، دۆتلۈك دائىم ۋاراڭ-چۇرۇڭ پەيدا قىلىدۇ. تەقدىر ئېچىنىشلىقتۇر، ئىنسانلار بىچارىدۇر».

بۇ قاراشنى قوللاش بەلكىم ئەخمىقانىلىق، ئەمما شوپىنخاۋىر باشقا بىر يەردە بۇنىڭ پايدىسىنى چۈشەندۈرگەن:

«ئەگەر سەن بۇ كىشىلىك ھايات قارىشىغا ئادەتلەنسەڭ، ئارزۇ-ئۈمىدلىرىڭنى شۇنىڭغا مۇناسىپ تەڭشەيسەن. تۇرمۇشتىكى چوڭ-كىچىك كۆڭۈلسىزلىك، ئازاب ۋە دەرتلەرنى يات، بولمىغۇر نەرسە دەپ قارىمايسەن. بەلكى بۇ دۇنيادا ھەر كىمنىڭ ياشاش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بايقايسەن.»

كيوران بۇ قاراشنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ ۋە كىشىنى جانلاندۇرىدۇ:

«ئارقىمۇ ئارقا كەلگەن بالايى قازاغا بەرداشلىق بېرىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئۇنى ياخشى كۆرۈشتۇر. ئەگەر بىز شۇنداق قىلالىساق ئۇ بىزگە بەك قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈپ كەتمەيدۇ، نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز ۋە يەڭگىلى بولمايدىغان قۇربانلارغا ئايلىنىمىز.»

يەڭگىلى بولمايدىغان قۇربانلار! بۇ يەردە چۈشكۈنلۈكنىڭ مەركىزىدە ئاجايىپ بىر ئۈمىدۋارلىق بار. شەكىلنىڭ مۇھىملىقىغا يەنە دىققەت قىلايلى. تۇرمۇش بىر داشقايناق بولۇپ،   كونترول قىلغىلى بولمايدىغان  بالا-قازالاردىن تەشكىل تاپىدۇ؛ ھالبۇكى بۇ ئىدىيە بالا-قازا كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنى بىلىدىغان يۈكسەك پەزىلەتنى نامايەن قىلىدىغان ئىدىيە بولۇپ، كىشىنى ھەر قانداق ئەھۋالغا قەھرىمانلارچە ماسلىشىشقا، تەسلىم بولماسلىققا ئۈندەيدۇ. بالا-قازا پەيتىدە بىز ئۇنىڭغا ماسلىشىدىغان جۈملىلەرنى يازالىشىمىز مۇمكىن. بېكىت ئۆزىنىڭ «ئەڭ ناچار كېسەلخانا» ناملىق ئەسىرىدە بايانچىنىڭ ئاغزىدىن  «ياق، بۇ يەر كەلگۈسىدۇر» دەپ يازغان. روبېرت لوۋېل ئۆزىنىڭ «ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئىنىسى» ناملىق ئەسىرىدە بۇنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلىگەن، ئۇ بىر جۈملىنى قىسقارتىپ، «ھە، شۇنداق، ئاخىرلاشقاندا ھەممە نەرسە يوقايدۇ»  دەپ چاقچاق قىلغان. يازغۇچىلاردىكى بۇ ئىجادىيەت نۇرى ھەر بىر چاقنىغاندا بىز تەقدىرنىڭ دەھشەتلىك دېڭىزدا لەيلەپ كېتىۋاتقان غايب قولۋىقىمىزنى ئېنىق كۆرەلەيمىز.

ئەلۋەتتە، بۇ خىل ماھىرانە قۇرۇلما پارتىلىغاندا پەيدا قىلغان خۇشاللىق ئۇزۇنغا بارمايدۇ. بىر-ئىككى يازغۇچىنىڭ بۇنىڭغا ئازلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ يەردە. پاسسىپ تۈردىكى ھېكمەتلىك ئىبارىلەر كىشىنى خۇمار قىلىدۇ. كيوراننىڭ «ئەسلەتمە» سىنى ئوقۇساق، بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ناچار تۇيغۇسىنى قانداق قىلىپ شادلىققا ئايلاندۇرۇشقا خۇمار بولغانلىقىنى، بۇنى قايتا-قايتا سىناق قىلغانلىقى ۋە توختىماي مەشىق قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. يازغۇچى بۇنى ئاددىي، ئېنىق بايانلار بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىگەن، بۇنىڭدىكى تالانت نۇرى مەست قىلىش دورىسىغا ئايلانغان، بەلكى ئۇ كىشىلەرگە كونا يارا ئۈستىدە پىچاق ئايلىنىپ يۈرگەندەك خۇشاللىق ھېس قىلدۇرغان، بۇ خىل ئۇسلۇب ئازابنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىش دەپ ئاتىلىدۇ.

  بېكىتنىڭ «ئاياغلاشتۇرۇش جېڭى» دېگەن ئەسىرىدىكى كلوۋ:    «قايتا تۇغۇلۇشنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەمسەن؟» دەپ سورايدۇ ھامدىن.  ھام ئۇنىڭغا: «مەن دائىم تۇغۇلۇپ تۇرىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

( «نيۇيورك كىتاب ئوبزۇرى» دىن تەرجىمە قىلىندى)

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*