ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۆت ئىستەك

Rossu

 

Maria Popova

بېرتراند رۇسسېل (1872–1970) داڭلىق مۇتەپەككۇر، يازغۇچى بولۇپ، 1950-يىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۇ بەختلىك ھاياتنىڭ نېمىلىكىنى، مۇھەببەت، جىنسىيەت، ئەخلاقنىڭ بەختنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 

«ئىنسانلارنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى ئۇنىڭ نەپسى باشلاپ ماڭىدۇ.  بۇ يەردە بەزى سەمىمىي ئەخلاقشۇناسلار تەرغىپ قىلىدىغان، ئەخلاققا ۋە ساۋاب قازىنىشقا پايدىلىق بولغان ، ئەمما نەپسانىيەتنى چەكلەيدىغان بىمەنە نەزەرىيەلەر بار. مەن ئۇنى بىمەنە نەزەرىيە دەيمەن، چۈنكى ھېچكىم مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىدىن  ئەمەس، مەجبۇرىيەت ئۇنى شۇنىڭغا قىستىغانلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەگەر سىز بىر كىمنىڭ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئۇلارنىڭ ماددىي شارائىتىنىلا بىلىپ قالماي،  نەپسى ئارزۇسى  بىلەن ئارتۇقچىلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلىشىڭىز كېرەك.

سۆزلەش ۋە مەڭگۈ ياشاش ئارزۇلىرى ئادەمنى باشقا ھايۋانلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان مۇھىم ئالاھىدىلىكتۇر، بۇ ئارزۇلار ئۇنى جەننەتتە بولغان تەقدىردىمۇ تولۇق قانائەتلەندۈرمەيدۇ ۋە ئارام تاپقۇزمايدۇ. ئۇنىڭ تامىقى  تەل بولغاندا  بۇ ئارزۇ قارىغۇ يىلاندەك ئۇيقۇغا بارىدۇ ۋە ئۇ يەنە بىر ۋاق تاماققا ئېھتىياجلىق بولغىچە ئويغانمايدۇ. كۆپىنچە ئادەم شۇنداق».

رۇسسېل تۆت تۈرلۈك مەڭگۈلۈك ئارزۇنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن، ئۇ بولسىمۇ يىغىپ ساقلاش ئارزۇسى، رىقابەت ئارزۇسى، شۆھرەت ئارزۇسى ۋە ھوقۇق ئارزۇسى.

«يغىپ ساقلاش، تېخىمۇ كۆپ بايلىق توپلاش شۇ نەرسىلەرگە باغلانغان قورقۇنچ ئارزۇنى كۆرسىتىدۇ. بىر قېتىم مەن ئاچارچىلىقتا ئۆلگىلى تاس قالغان ئىككى ئىستونىيەلىك  قىزنىڭ كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم. ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغانىدى، يەيدىغىنىمىز مول بولسىمۇ  ئۇلار بىكار ۋاقىتلىرىدا قوشنا ئېتىزدىن ياڭيو ئوغرىلاپ ساقلىغانىدى. رۇكفېللېرمۇ نامراتلىقنى باشتىن كەچۈرگەن ئادەم بولۇپ، ئېڭەككە ساقال چىققاندىمۇ ئوغرىلىق قىلىپ باققان.
شۇڭا، تەلەپ قىلغانسېرى نەپسىڭىز يوغىنايدۇ، قانائەتسىزلىك سىزنى ئازدۇرىدىغان چۈشتىن ئىبارەت».

1938-يىل، ھېنرى مىللېر ئۆزىنىڭ قالتىس مېدىتاسيونىدا ئىنسانلارنىڭ پۇلغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئون يىلدىن كېيىن، زامانىۋى پىسخولوگىيە «شادلىق ماسلىشىشچانلىقى» دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما رۇسسېل بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان ئامىلنى «رىقابەتكە بولغان مايىللىقىمىز» دەپ چۈشەندۈرگەن.

«ئەگەر بىزنىڭ يىغىپ ساقلاش ئارزۇيىمىز رىقابەت ئارزۇيىمىزدىن كۈچلۈك بولسا ئىدى، بۇ دۇنيا تېخىمۇ بەختلىك ماكانغا ئايلانغان بولار ئىدى. بىراق پاكىت شۇكى، نۇرغۇن ئىنسانلار رىقابەت تۈپەيلىدىن نامراتلىققا يۈزلەندى، باج ئېغىرلاشتى».

ئۇنىڭ قارىشىچە، رىقابەت ئىنسانلارنىڭ ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. بۇ نۇقتىدا، بۈگۈنكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قارايدىغان بولساق ئىچىمىز تېخىمۇ ئاچچىق بولىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «شۆھرەتپەرەسلىك ئىنساننى كۈشكۈرتىدۇ. بالىلار بىلەن ئانچە-مۇنچە بىللە ئوينايدىغان كىشىلەر ئۇلارنىڭ دائىم «ماڭا قارا» دېيىشلىرىگە شاھىد بولىدۇ. «ماڭا قارا» دېگەن بۇ سۆز ئىنساننىڭ قەلبىدىكى ئەڭ تۈپ ئارزۇنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇنىڭ يەنە ھەزىلكەشلىكتىن تارتىپ ئۇ دۇنيالىق شان-شۆھرەتنى قوغلاشقىچە سانسىزلىغان شەكىللىرى بار.  شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ تەسىرىنى جاھاننى تىترىتىدىغان پادىشاھ بولۇشنى ئويلايدىغان بالىلىقتىن تارتىپ ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغىچە سىڭىپ بارىدۇ دېيىشكە بولىدۇ».

رۇسسېل بۇ تۆت تەسىرنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈكى ھوقۇقپەرەسلىك دەپ قارىغان:

«ھوقۇقپەرەسلىك شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ قېرىندىشى، بىراق بۇ ئىككىسى  ئوخشىمايدۇ. شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى شان-شەرەپ،  ھوقۇق تۇتماي تۇرۇپمۇ شان-شەرەپكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. كۆپ ئىنسانلار ھوقۇق بىلەن شان-شەرەپنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق ئىشلىرىنى ئاقتۇرالمايدۇ. كىشىلەر ھوقۇققا، جۈملىدىن شۆھرەتپەرەسلىككە تويمايدۇ. ھەممىگە قادىر بولغاندىلا ئۇنى تولۇق قانائەتلەندۈرگىلى بولىدۇ. شاش ئادەملەرنىڭ قىلىقى سەت بولغاچقا، ھوقۇقپەرەسلىكنىڭ ئۈنۈمى ئاسان كۆرۈلمەيدۇ. ھالبۇكى ھوقۇقپەرەسلىك  چوڭ شەخسلەرنى قۇترىتىدىغان بىر نەرسىدۇر. مەيلى كىچىك، مەيلى چوڭ ھوقۇقدار بولسۇن،  ھوقۇق تۇتقانچە ھوقۇقپەرەسلىك شۇنچە كۈچىيىدۇ.

ھەر قانداق ھاكىممۇتلۇق تۈزۈمدە، ھوقۇق تۇتقان مۇستەبىت ھوقۇقنىڭ كەيپىگە بېرىلىپ تېخىمۇ مۇستەبىتلىشىدۇ. ھوقۇق دېگەن نەرسە ئىنسانلارغا مۇسەللەت بولغاندىن بېرى ھوقۇقدارلار ئىنسانلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلماي، بەلكى ئۇلارنى ئېزىپ، ئازابلاپ كەلدى».

ئەمما رۇسسو ناھايىتى ئىنچىكە تەپەككۇر قىلىدىغان مۇتەپەككۇر بولۇپ، ھاياتتىكى ئىككىلىك تەركىبلەرنى ئانالىز قىلغان ھەمدە ھوقۇقپەرەسلىكنى پۈتۈنلەي زىيانلىق دەپ قارىمىغان. مەسىلەن، ئۇ ئالىم بولۇش سەۋداسىنى، بىلىمگە ۋە پەن-تەتقىقاتقا ئىنتىلىش تۇيغۇسىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن:

«كىشىنى ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان ھوقۇقپەرەسلىكنى ئەيبلەش توغرا ئەمەس، بۇ ئىنتىلىش سىزنى پايدىلىق ئىشلارغا باشلامدۇ ياكى زىيانلىق ئىشلارغا باشلامدۇ،  بۇلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت سىستېمىسى ۋە سىزنىڭ ئىقىتدارىڭىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر سىز بىلىم ۋە تېخنىكىدا تۆھپە ياراتقان بولسىڭىز، سىزنىڭ ئىشىڭىز پايدىلىق بولغان بولىدۇ. ئەگەر سىز سىياسەتچى بولسىڭىز، ھوقۇق سىزنى جەلپ قىلىشى مۇمكىن، بۇ چاغدا ئىنتىلىش بىلەن ئارزۇيىڭىز بىرلەشكەن بولىدۇ، بەزى ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىسىز، ياكى مەلۇم سەۋەبتىن، ھازىرقى ھالەتنى ساقلاشقا تىرىشىسىز.»

ئاندىن رۇسسېل ئىككىلەمچى ئىنتىلىشقا دىققەت قىلغان، ئۇ ئىنساندىكى زېرىكىش بىلەن ھاياجاننىڭ تېپىشىپ تۇرىدىغانلقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ھاياجانغا بولغان مۇھەببەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

«ئىنساننىڭ ھايۋاندىن ئۈستۈنلۈكى شۇ يەردىكى ئۇ زېرىكىشكە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ھايۋانلار باغچىسىدىكى مايمۇنلاردىمۇ بەزىدە بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قالىمىز، ئۇلارمۇ زېرىكىشكە چىدايدىغان ئىقتىدارنى شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدىكى، زېرىكىشتىن قۇتۇلۇش ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارزۇلىرىدىن بىرىدۇر.»

رۇسسېلنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ھەرىكەت قىلمايدىغان تۇرمۇش ئادىتى ئۇلارنى ھاياجانخۇمار قىلىۋەتكەن، چۈنكى ھەرىكەت قىلمىغاندا بەدەن بىلەن مېڭىنىڭ تەبىئىي باغلىنىشى بۇزۇلىدۇ. ئۇ بىر ئەسىر ئىلگىرىلا، ھەرىكەت قىلمايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىغا قارشى تۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى كۆرسەتكەن:

«بىزنىڭ روھىي ھالىتىمىز  جىسمانىي ھەرىكەتنى كۆپ قىلىدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ماس كېلىدۇ. ياش ۋاقتىمىدا دەم ئېلىش كۈنلىرى كۈنىگە 40 كىلومېتىردىن كۆپ ماڭاتتىم. كەچ كىرگەندە مەندە زېرىكىش دېگەن نەرسە قالمايتتى، چۈنكى ئولتۇرۇشنىڭ خۇشاللىقى ھەممىگە يېتىپ ئاشاتتى. بىراق ھازىرقى تۇرمۇشتا جاپا تارتماسلىق شەرت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئولتۇرۇپ قىلىش كېرەك، كۆپلىگەن جىسمانىي خىزمەتلەرمۇ بىر نەچچە مۇسكۇلنى چېنىقتۇرۇشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. كىشىلەر ترافالگار مەيدانىغا توپلىنىپ، ھۆكۈمەتتىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ ھۆكمى ئېلان قىلىنغاندا تەنتەنە قىلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇلار شۇ كۈنى 40 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول ماڭغان بولسا، بۇنداق قىلىپ كەتمەيتتى. جەڭگىۋارلىق بۇلارغا ئاقمايدۇ، ئەگەر ئىنسانلار ھايات قالماقچى بولسا، جەڭگىۋارلىقنى ياخشى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ باشقا بىر يول  ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدىشى كېرەك. سەرپ بولمىغان ئېنىرگىيە دائىم ھاياجانخۇمارلىق پەيدا قىلىدۇ، مەن ھېچقاچان جەڭ خەۋىرىنى تانسىخانىدىن ئاڭلاپ باققىنىم يوق. مەدەنىي ھايات بارغانسېرى مەنىسىزلەشمەكتە، ئەگەر ئۇ مۇشۇنداق مۇقىملىشىپ قالسا، ئوۋچى ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ھەرىكەتچانلىقنى يوقىتىپ قويىمىز. ھەر بىر شەھەردە بىردىن سۈنئىي شاقىراتما بولسا، كىشىلەر ئۇ يەردە قولۋاقلىرىنى ھەيدەپ يۈرسە، ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆلچەكلىرىگە سۈنئىي لەھەڭلەرنى سېلىپ قويساق دەيمەن. ئالدىن  مۇداپىئە ئۇرۇشى قوزغىغۇچىلارنى  ئەقىللىق ئالۋاستى دەپ قاراپ، كۈندە ئىككى سائەت ئەيبلەش كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى، جاپا-مۇشەققەتكە ھاياجانغا خۇمار بولغاندەك خۇمار بولۇش كېرەك. دۇنيادا تۇيۇقسىز بايقاش ياكى كەشپىيات شادلىقىدىن ئارتۇق ھاياجان بولمىسا كېرەك. كۆپلىگەن ئىنسانلار بەزىدە ئۆزى ئويلاپ باقمىغان ھاياجانلىق مىنۇتلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ.

(«The Marginalian ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى)

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*