پۇل دېگەن نەرسە

stock market

ئادەم ئۆزىگە مەھكۇم، بىمەنىلىك ئىچىدىن مەنە ئىزدەيمىز. پەيلاسوپلار ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى تىركىشىشلىرىنى  قورام تاشنى يۆلەپ تاغنىڭ چوققىسىغا ئەچىقىشقا كۈچەۋاتقان، ئەمما  پەسكە دومىلاپ كەتكەن تاشنى يەنە تاغنىڭ ئۈستىگە ئەچىقىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، ئۆمۈر بويى شۇنداق قىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشاتقان. بۇ ئادەم ھارماي-تالمايدۇ، بۇ ئىشىنى ئەخمەقلىق دەپ ئويلىمايدۇ  ۋە تەرىنى سۈرتىۋېتىپ كۈلۈمسىرەيدۇ.

ئىنسانلار بۇ دۇنيانى گۈللەندۈرۈپ كەشىپ قىلغان مۇھىم نەرسىلەردىن بىرى پۇل بىلەن پاي چېكى بولسا كېرەك.

پاي ئويناشقا قىزىققانلار گويا قۇم ئۈستىگە سېلىنغان بىناغا يۈرەك ئالدى بولۇپ كىرىپ، ئەنسىزلىك ئىچىدە ئەھۋالنى كۆزىتىپ، پايدا-زىيان ئارىسىدا سىقىلىپ، دولقۇنسىمان كەيپىياتقا غەرق بولىدىغان گەپ ئىكەن. پاي ئېلىپ پايدا تاپقانلار ساناقلىق، ئۇلار ئادەتتە يۈرەك كېسىلىگە چىداملىق. سانلار ئۆزگىرىپ، قىزىل-يېشىل سىزىقلار يۈرەك سوقۇش چاستۇتىسىدەك ئېگىز-پەس تەۋرىنىپ تۇرىدۇ.

پاي ئويناپ بىرىنچى كۈنى 300 دوللار تاپتىم، ئەتىسى بۇ پۇل يوقاپ، 50 دوللار زىيان تارتتىم. كرىپتو دەيدىغان رەقەملىك پۇلدىن بىرىنچى كۈنى 60 دوللار تاپتىم، كېيىنكى كۈنلەردە 150 دوللار زىيان تارتتىم، ئالدىم-ساتتىم بولۇپ رەسمىيەت ھەققىگىلا 20،-30 دوللار خەجلىۋەتتىم. زىياننى ئاز-تولا تولدۇرغان بولدۇم، ئەمما ئۇنىڭغا كەتكەن ۋاقىت، زېھىن، كەيپىيات، ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن كۆرگەن ۋىدىيو، ئاڭلىغان خەۋەر، ئوقۇغان ماقالىلەرنىڭ ھېسابى يوق.

ھاياتىمنىڭ ئېگىز-پەس داۋالغۇشلىرى كرىپتو ۋە پاي چەكلىرىمدە ئەكس ئەتتى. بىر ئاي قولۇمغا قەلەم ئالمىدىم. تېلېفوننى قولدىن چۈشۈرمىدىم، ئولتۇرسام-قوپسام ئەس-يادىم كرىپتۇ ۋە پاي چەكلىرىمدە بولدى، چىقتى، چۈشتى، كارىم بولمىدى، ئەمما زىيان ئېشىپ كەتسە ئىچىم سېرىلدى. ھەممىنى سېتىپ قۇتۇلاي دېدىم، ئەمما پايدا ئېلىش پۇرسىتىنى كۆزلەپ يەنە سەۋر قىلدىم، دەرۋەقە بىر ئاز ئۆرلىدى، ئاندىن يەنە چۈشتى؛  چۈشۈش ئاساندەك؛ ئۆرلەش ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەستەك بىلىندى.

بىرەر خەۋەرنىڭ پايچىكلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋىرۇسنىڭ يامرىشىدەك تېز بولىدىكەن. ئاممىۋى كەيپىيات ۋە ئىشەنچ بىر دەمنىڭ ئىچىدە نەچچە مىليارد دوللار پايدا ياراتسا، بۇ ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى ۋە ئەندىشىلەر نەچچە ئون مىليارد بايلىقنىڭ بىردەمدە توزۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

Elon Mask نىڭ تەسىر كۈچى ئۇنىڭ بايلىقىغا بايلىق قوشماقتا. ئۇ تىكلەپ قويغان راكېتاسىنى لوگو قىلىپ، ئۇنى داۋاملىق قەد كۆتۈرىدىغان كۈچ، بايلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بەلگىسى قىلغاندەك تۇرىدۇ. تىۋىتتېردا ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلار، ھەتتا ئۇنىڭغا چوقۇنىدىغانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن بايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلاردۇر.

پاي چەك دۇنياسىدا ۋال سترېت كوچىسىدىكى ئۆمۈچۈكلەر تىنماي تور توقۇيدۇ، ماڭا ئوخشاش ئاۋارە ئىنسانلار گويا ھاشارەتلەرگە ئوخشاش ئۆزلۈكىدىن ئۇ  تورغا ئىلىنىپ يەم بولىدۇ، پۇلنى يوقىتىپ قويساققۇ مەيلى، ئەمما يۈرەكنى يوقىتىپ قويىۋاتىمىز. ئېگىز-پەس سوقۇۋاتقان يۈرەك تۇراقسىز كەيپىياتقا پايلايدۇ، ئەمما زېدە بولىدۇ، ھەقىقىي زىيان ئەسلىدە مانا شۇ. ئىنسانلار پاي چەك بازىرى تاقالغاندا بولسۇن، ئېچىلغاندا بولسۇن، ھاياجان ۋە تىتىلداشتىن قۇتۇلالمايدۇ. مەنپەئەت خۇمارى ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدىكى ئاچكۆزلۈك ۋە شەھۋەت ئىستەكلىرىنىڭ مۇقەررەر ھاسىلاتلىرىدۇر. مەن بۇنىڭدىنمۇ زېرىكتىم.

پاي ئويناشقا كىرىشپ قالغاندىن بېرى ئوقۇغان نامازدا خۇشۇ-ھۇزۇر يوق، كىتاب ئوقۇش، يېزىقچىلىق قىلىش قىزغىنلىقىم ئۆلدى، مەنىۋىيەت قۇرۇپ كەتتى، كاللامنى دوللار، پاي، كىرىپتو، سان-سىفىرلار ئۆمۈچۈك تورىدەك قاپلاپ كەتتى. يىللاردىن بېرى ئىتنىڭ تۈكىدەك  كۆپىيىپ كەتكەن كرىپتودىن تولا زىيان چىققانلىقى ئۈچۈن ئۇنى «چىقىپتۇ» دەيدىغان بولدۇم.

پاي چەك بازىرىغا خام كىرىپ پىششىق چىقىش ئۇزاققا سوزۇلغىدەك. نېمىلا ئالسام قىممىتى چۈشۈپ كېتىدۇ؛ نېمىلا ساتسام قىممىتى ئۆرلەپ كېتىدۇ. تاپقاننىڭ ھەممىسى ئۇچۇپ كەتتى، تارتقان زىيان چوڭىيىپ بارماقتا. كەتكەن ۋاقىت، زېھىن، يۈرەك سوقۇشلىرى… ھەممىسى زىيان. پۇل پاخاللىقى ئەدەپ كەتتى، چوڭ شىركەت خوجايىنلىرى پايلىرىنى ساتماقتا. بىتكويىن باشلىق ھەممە كرىپتولار قىزىلغا بويالدى، پاي چەك سىزىقلىرىمۇ قىزىل رەڭدە، يۈرەكتىن سىزغان قاندەك كۆرۈنىدىغان بۇ رەڭدە نۇرغۇن ئەخمەقلەرنىڭ تارتقۇزپ قويغان پۇلى، قان-تەرى روشەن كۆرۈنىدۇ.

 

بۇنىمۇ كۆردۇق، ئەمما كۆنۈپ قالدۇق. سان-سىفىرلارغا باغلىنىپ قېلىشمۇ بىر قىسمەت.  پۇل تېپىش ئاسان ئەمەس، قاتمۇ قات ماددىي ۋە پىسخىك توساقلاردىن ھالقىش كېرەك. دۇنيانىڭ يۈزلىنىشى ئىقتىساد ۋە سىياسەت بىلەن بولىدۇ. تەركىي دۇنيا بولۇپ ياشاش مۇمكىن ئەمەس. پۇل تاپماي، پۇلغا باغلانماي ياشاش گۈزەل خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس.، بىراق مەن ئۇنىڭغىمۇ مۇھتاج. ھاياتىمنىڭ تامامىنى پۇل-پىچەك ئىگىلىۋالسا، بۇمۇ ئازابلىق، ئېچىنىشلىق ئىش-دە.

ئۆي-مۈلۈك، ئالتۇن-كۈمۈش ھەقىقىي بايلىقتۇر. دوللار—ھۆكۈمەتنىڭ خەقتىن ئالىدىغان باجنى گۆرۈگە قويۇپ، بانكىدىن باستۇرىدىغان قەغەزلىرىدۇر. ھۆكۈمەتنىڭ بانكىغا تۆلەيدىغان قەرزى ئېشىپ بارغانچە، خەقتىن ئالىدىغان ھەر تۈرلۈك باجلىرى كۆپىيىپ ماڭىدۇ. پارازىت بانكىرلار بايلىققا تىقىلىپ ئۆلسۇن، باج تۆلەيدىغانلار ئېشەكتەك ئىشلەپ ساغلام ياشىسۇن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسۇن.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*