ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم سەپىرى

20150416_114132000_iOS

 

80 ياشتىن ئاشقان بىر بوۋاينى ئامېرىكا تۇپرىقىغا كۆمدۇق. مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دىدارىنى كۆرمەي ئۆلۈم چىرايىنى كۆرگەندە بۇ ھاياتنىڭ نەقەدەر قىسقا ئىكەنلىكىنى قايتا ھېس قىلدىم.    ئىمام قەبرە بېشىدا تەبلىغ قىلدى: «ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىق يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئوخشايدۇ، ئەجەل ئۇنىڭ دەل كېسىشىش نۇقتىسىدۇر. بىز بۇ يولدا ئالدىراش مېڭىۋاتقاندا يولنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىگە قارىشىمىز كېرەك. دۇنيا مالى ئادەمنى ئالداپ قويىدۇ؛ ئالدىراش ياشايمىز، ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ قالىمىز، ئەمما ئۇ دۇنياغا ھېچنېمە ئېلىپ كېتەلمەيمىز. مەيلى قايسى ياشتا بولايلى، ئۆلۈم ھامان بىزنى تاپىدۇ. باشقىلار بىزنى بۈگۈنكىدەك كۆمۈپ، گۈرجەك بىلەن توپا ئاتىدۇ. يالغۇز قالىمىز، چارىسىز قالىمىز، ھېساب بېرىمىز. ئۆلۈمدىن كەلدۇق، ياشىدۇق، ئۆلدۇق، ئاندىن تىرىلىمىز، ئۆلۈپ قەبرىگە كىرگەندە قەبرىدىن بىر دېرىزە ئېچىلىدۇ، جەننەت ياكى جەھەننەم مەنزىرىسىنى كۆرىمىز. ھېساب كۈنىگە قەدەر شۇ يەردە دۇنيالىق ئەمەللىرىمىز ئۈستىدە سوئال-سوراق قىلىنىمىز. بىز بۇ دۇنيادىن كەتكەندە ئۇ دۇنياغا ئېلىپ بارالايدىغىنىمىز پەقەت سالىھ ئەمەللىرىمىزدۇر، بىر ياخشىلىققا ئون ياكى يۈز ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ، نامازغا ئالدىراڭلار، سەدىقە بېرىڭلار، ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق بولۇڭلار، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيالىق بەخت-سائادەتكە ئېرىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەڭلار، قىسقىسى، ئۆلۈمدىن ئىبرەت ئېلىڭلار، مەغرۇر ۋە قاپىل بولماڭلار».

تىترەپ تۇرۇپ دۇئا قىلدىم. ئۇنتۇش ۋە غەپلەت ئىچىدىكى ئىنسان دائىم ئۆلۈمنى ئويلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈمنى  بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى دەپ قارىشى كېرەك. باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان بۇ قىسمەت بىر كۈن بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ ئەلۋەتتە كېلىدۇ. ئەمما دائىم ئۇنتۇپلا ياشايمىز، بەلكىم ياشاشنىڭ پەيزىنى قاچۇرماسلىق ئۈچۈن ئۆلۈمنى ئۇنتۇشقا مايىلمىز، ۋەھىمىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلايمىز. ئەمەلىيەتتە ئەجەل كۈنىمىزنىڭ نائېنىق بولۇشى بىزگە بېرىلگەن بىر نېمەت ۋە سىناق.

تېخى يېپىلمىغان قەبرە شۇ يەرگە بارغلانلارنىڭ  ئالدىن كۆرۈۋاتقان سوغۇق، يىگانە «ھۇجرىسى»نى ئەسلىتىدۇ؛  قەبرىدىن تارقاپلا ئۇنى تامامەن ئۇنتۇغانلار ۋاقىتلىق ياشاپ، دۇنيا نېمەتلىرىدىن ئازغىنە بەھرىمەن بولۇپ، ئاخىر يەنە شۇ ھۇجرىسىنى تاپىدۇ. ياپيېشىل تاغ ۋە ھەسەن-ھۈسەنلەر قەبرە ئۈستىدە ئېسىلىپ قالىدۇ…

يولدا كېلىۋېتىپ، ئۆلۈمنىڭ بۇ ھاياتتا بىز چوڭ بىلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى پەيدەك يەڭگىل قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم؛ پەي، تۈكلەردەك ئۇچۇۋاتقان ئىنسان ئۆزىنىڭ باغلىنىپ قالغان نەرسىلىرىدىن بىراقلا قۇتۇلىدۇ. ئۆي-مۈلۈك، خوتۇن-بالا، ئىش-خىزمەت، تاپاۋەت، پاي-چەك، كرىپتو… ۋاھاكازالارنى تامامەن ئۇنتۇيدۇ. ئۆلۈمگە تەنھا يۈزلىنىدىغان ئىنسانغا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىش پەيتى كەلگىنىدە كۆڭۈل باغلىرى ئۈزۈلىدۇ.

ئۇۋامدىن چىقىپ يات زېمىنغا قەدەم باستىم، ئۇزاق مەنزىلگە يول ئالدىم، تاشپاقىدەك بېشىمنى چىقاردىم، مۇشۇنداق قىلمىسام ئالدىمغا بىر قەدەممۇ ماڭالمايمەن. راھەت تۆشەكتىن مۇشەققەت پەگاسىغا چۈشكەندە بەسىرەت (يېڭى ئۇپۇقنى كۆرۈش) ھاسىل بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىن پاراسەت تۇغۇلىدۇ، ھەيرەتتىن ھېكمەت ئىشقى پەيدا بولىدۇ. جاسارەت، بەسىرەت، پاراسەت، ھېكمەت ۋە ھەرىكەت… بۇلار ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى، ئۆمۈر كىتابىنىڭ نادىر بەتلىرى. ئۇلارنى ئوقۇپ قانمىغاندا ھاياتىم مەنىلىك ئۆتۈۋاتىدۇ دەپ ئويلىسام بولىدۇ.

بېشىغا قىلىچ چۈشۈشتىن ئاۋۋال كۆزىنى يۇمۇۋالغان ئادەم، خوتۇنى بىلەن بىرگە بولغاندا كۆزىنى يۇمۇۋالغان ئادەم، خەتەرلىك ئويۇنلاردا پالاكەت تۇيغۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆزىنى يۇمۇۋالغان ئادەم شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئادەملەر دەھشەتلىك قورقۇنچ ۋە ھاياجان پەيتلىرىدە كۆزىنى يۇمۇۋلىدۇ، گويا بۇ دۇنيادىن ۋىدالىشىدۇ، شاھىد بولۇۋاتقان دۇنياۋى ھاياتتىن قۇتۇلۇپ، خىيالىي ۋە قاراڭغۇ دۇنياغا كىرىشنى ئارزۇلايدۇ.

«يۇم كۆزۈڭنى، كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل» دېگەن جالالىدىن رۇمى كۆڭۈل كۆزى، يەنى بەسىرەت دۇنياسىنى ئۇلۇغلىغان. قۇرئاندا دېيىلىگىنىدەك: «ھەقىقەتەن كۆزلەرلا ئەمەس، قەلبلەرمۇ كور بولىدۇ». يەنى ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ كورلۇقىدۇر.

سېرىق گۈللەر چۈشلىرىمدە لەززەت شارابى تەڭلىسە رەت قىلمايمەن، ئەمما رىياللىق باشقا. ئاچچىق ئۆرۈكلەر قورساقمۇ ئاغرىتسىمۇ مەيلى، بۇ مەن تاللاپ يېگەن مېۋە دەپ يەنىلا سەۋر قىلىمەن.

قايتىلانمايدىغان ئۆمۈر تەكرارلانمايدىغان كەچمىشلەردىن ھاسىل بولىدۇ. ھەر بىر كۈنۈم مۇقەددەس ۋە تەڭداشسىزدۇر. تۈنۈگۈنكى مەن ئۆلدى، بۈگۈنكى مەن يېڭىچە مەۋجۇتلۇقۇمنى داۋام قىلماقتىمەن.

ئۆلۈم ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيمەن، ئۇ بۈيۈك بىر ئىمتىھان، جىددىي بىر مۇلاقات؛ يوللىرى ۋە مەنزىللىرى، تاغ-دەريا مەنزىرىلىرى بۇ دۇنيادىكىدەك روشەن بولمىغان ئاجايىپ سەپەر؛ بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياغا ئۆتكىنىمىزدە كۆرىدىغان دۇنيا ھەققىدە زېھنىمىزدە غايەت چوڭ بوشلۇق بار، بۇ بوشلۇقنى ھەتتا تەسەۋۋۇرىمىزمۇ تولدۇرۇپ بولالمايدۇ.

ئۆلۈمدىن قورقماسلىق ئۈچۈن ئالدى بىلەن قەلبىمىزنى ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت بىلەن يورۇتىشىمىز كېرەك، ئاللاھ ئاسمان ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر. ئەگەر ئاللاھ ھەققىدىكى تەخمىن ۋە تەسەۋۋۇرىمىز گۇناھ ۋە خاتالىقتىن ھېساب ئېلىشقا ھازىر تۇرغان، قەھر-غەزەپكە تولغان بىر ھۆكۈمدار سىياقىدا بولسا، ئۆلۈمدىن قورقىمىز؛ ئۇنىڭ ئالدىغا كېچىكىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىمىز.

بىزگە تەلقىن قىلىنغان چۈشەنچىلەر، مۇنكىر-نەكىر، ئازاب پەرىشتىلىرى، زەبانىيلەر، سىرات كۆۋرۈكى، ئەبەدىي جەھەننەم ئازابى قاتارلىقلار بولغاچقا، ھېچقانداق مۇسۇلمان بۇ ئاقىۋەتكە قالمايدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەتكە ئىگە بولالمىغاچقا، خاتىرجەم بولالمايدۇ.

ئاخىرەت ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز كەم، بىلىمىمىز ئاز، تەسەۋۋۇرىمىز مۇرەككەپ، قۇرئاندىكى ئايەتلەردىن باشقا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق، بۇ ئۇچۇرلارمۇ بىزگە ھەممىنى دەپ بەرمەيدۇ، پەقەت يول كۆرسىتىدۇ.    ھەدىس-رىۋايەتلەرنىڭ بەزىلىرى  جەھەننەمدىكى قورقۇنچلۇق ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. ئەڭ تەقۋادار مۇسۇلمانلارمۇ بۇنى ئاڭلىسا بەدىنى تىكەنلىشىدۇ، تېخىمۇ تەقۋا بولۇشقا تىرىشىدۇ، ئەمما يەنىلا ئاللىقانداق ۋەھىمىدىن قۇتۇلالمايدۇ؛ بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھلىرىدىن قورقىدۇ، ھېساب كۈنى گۇناھلىرىنىڭ ئېغىر بېسىپ كېتىشىدىن، نامە ئەمالىنىڭ سول تەرەپتىن بېرىلىشىدىن، ياكى سىرات كۆۋرۈكىدىن غۇلاپ چۈشۈشىدىن قورقىدۇ.

شۇڭا ئۆلۈم ھەقىقىي، قىيىن سىناقنىڭ باشلىنىشى، ئاخىرەتكە بولغان ئىمان-ئىشەنچمۇ تەۋرىنىپ قالىدىغان پەيتنىڭ يېتىپ كېلىشى، بىلىنمەس دۇنياغا ئۆتۈشنىڭ ۋەھىمىسى ياكى ھاياجىنى ئەۋجىگە چىقىدىغان يۇقىرى پەللە ھېسابلىنىدۇ.

ئەگەر قۇدسى ھەدىسلەردە ئېيتىلغىنىدەك،  ئاللاھنىڭ «بەندەم مېنى قانداق ئويلىسا مەن شۇنداق» دېگەن سۆزى راست بولسا، بەندىلەرنىڭ ئاللاھ تەسەۋۋۇرى ئاخىرەت تەسەۋۋۇرىغا باغلىنىدۇ؛ ئاللاھنى سۈر-ھەيۋەتلىك، قەھرى-غەزەپلىك پادىشاھ دەپ ئويلىسا، ئەجىلى كەلگەندە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىشتىن قورقىدۇ؛ ئەگەر ئاللاھنى «كاپىرلارغا غەزەپ قىلىدىغان، مۇئمىنلەرگە رەھمەت قىلىدىغان» پەرۋەردىگار دەپ ئويلىسا، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىشتىن ئۇنچە قورقۇپ كەتمەيدۇ.

شۇغىنىسى، ھېچقانداق مۇسۇلمان ئۆزىنى جەننەتلىك دەپ ھۆكۈم قىلالمايدىغان بولغاچقا، قورقۇنچ بىلەن ئۈمىد ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىشىپ، تەۋبە-ئىستىغپار تۆشىكىدە جان بېرىدۇ.

قەلبى ئاللاھ سۆيگۈسىگە تولغان بەندىلەر «ئۆلۈم بىز ئۈچۈن بەجايىكى توي، بىز تىرىكلىكتە ئۇيقىدا ئىدۇق، ئۆلگەندە ئويغىنىمىز» دېسىمۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئويلاپ تاپقان مەنىۋى تەسەللىيسىدىن ئىبارەت. «مەن بار چاغدا ئۆلۈم يوق، ئۆلۈم كەلگەندە مەن يوق» دېگەن غەربلىك پەيلاسوپمۇ ھەقىقىي مەسىلىدىن ئۆزىنى ئەپقېچىپ، قۇرۇق پاراڭ قىلغان.

لىللا گەپ قىلغاندا، ئۆلۈم ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ئىشتۇر، گەپ ئوينىتىشلار بىلەن ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بۇرمىلاپ ئۆزگەرتكىلى، ياكى يەڭگللىتىپ ئەرزىمەس ئىش قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىش مەسىلىسى دىن بىلەن پەلسەپەنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

تۇغۇلغان ئىنسان مۇقەررەر ئۆلىدۇ، تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئۆلۈم ئۇنىڭ قىسمىتىگە يېزىلغان. مەۋھۇم بولغىنى ئۇنىڭ ئۆمرى، يەنى قانچىلىك ياشايدىغانلىقى، ياكى ئەجىلى، يەنى قاچان ئۆلىدىغانلىقى. قەلبى ئاللاھ مۇھەببىتىگە تولغان، ئاللاھ بەرگەن جان، ئۆمۈر ۋە بىھېساب نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىدىغان ئىنسان ئۆلۈمگە تەبىئىي يۈزلىنىدۇ، خاتىرجەم جان تەسلىم قىلىدۇ. گويا «ئۇخلىدىم، ئويغىنالمىدىم» دەپ كېتىپ قالىدۇ. بۇنداق ئىنسان ھايات چېغىدا ئۆزىنى بىلىدۇ، ئۆزىنى دەڭسەيدۇ، ئۆزىنى جاھاننىڭ مەركىزىگە قويۇۋالمايدۇ، «مەن ئۆلسەممۇ جاھان يەنە ئوز ئوقىدا چۆگىلەيدۇ» دەپ ئويلايدۇ؛ ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالىغان مۇددەتچە ياشاشنى خالايدۇ، بەك قېرىپ ھالىدىن كېتىپ باشقىلارغا يۈك بولۇشنى خالىمايدۇ. رىزقىنى يەپ بولۇپ چىرايلىق كېتىۋېلىشنى، كېيىنكىلەرگە ياشاش پۇرسىتى بېرىشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ. ئاچكۆزلۈك، چىدىماسلىق بىلەن بۇ ھاياتقا سۈلۈكتەك يېپىشىپ، ئۆزىنى خار قىلىشنى نومۇس  بىلىدۇ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*