
ئالدى بىلەن غەززالى كىم، نېمىشقا تۈركلەر دۇنياسىدا مەشھۇر بولغان، بۇنىڭغا قاراپ باقايلى.
ھۇججەتۇل ئىسلام ۋە زەينۇددىن (دىننىڭ زىننىتى) دېگەن لەقەپلىرى بىلەن خاتىرىلىنىپ كېلىۋاتقان غەززالى پەلسەپەگە ھۇجۇم قىلغان بىر پەيلاسوپتۇر. ئاجايىپ ھە، ئىشقىپ بۈيۈك ئالىم بولۇپ دۇنيادىن ئۆتكەن.
غەززالىنىڭ 500 گە يېقىن كىتاب يازغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەنلىرى 75 كىتاب ئەتراپىدا. ئۇ سەلچۇقلار دەۋرىدە تەلىم ئالغان، ئەجدادى پارسلارغا تۇتىشىدۇ دەپ قارالغان بىر ئىسلام ئالىمىدۇر.
ئۇ پەلسەپەنى كۇپرىلىقنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى دەپ كۆرسەتكەن، ئەقىل ۋە مەنتىق بىلەن ئىش قىلىدىغانلارغا ھۇجۇم قىلغان.
ئۇ «ئىھيائى ئۇلۇمىد دىن» (دىنىي ئىلىملەرنى بەرپا قىلىش) ناملىق كىتابىدا بىلىملەرنى شەرئىي (دىنىي) ئىلىم ۋە ئەقلىي (پەننىي) ئىلىم دەپ ئىككىگە ئايرىغان. پەننىي ئىلىمنى مەھمۇد (مەدھىيەلىنىدىغان)، مەزمۇم (تەنقىدلىنىدىغان) ۋە مۇباھ (گۇناھمۇ ئەمەس، ساۋابمۇ ئەمەس، دۇرۇس) ئىلىم دەپ ئۈچكە ئايرىغان؛ جانغا ئەسقاتىدىغان، تىمەنلىكنى ساقلايدىغان تىبابەت ۋە تەبىئەت ئىلىملىرىنى مەدھىيەلىنىدىغان ئىلىم دەپ قارىغان؛ ئەمما ئۇنىڭچە بولغاندا، بۇ ئىلىملەر دىنغا خىزمەت قىلسا پايدىلىق، بولمىسا پايدىسىز، بەك كىرىشىپ كەتسە دىندىن چىقىپ كېتىش ئېھتىمالى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئۇنى تەتقىق قىلماسلىق ئەۋزەل.
غەززالى ماتىماتىكىلىق ئىلىملەر دەپ قارىغان ھېسابلاش، گىئومېتىرىيە، ئاسترونومىيە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئىنسانلارنى دىندىن چىقىرىش ئېھتىمالى بار، شۇڭا ئۇنىڭغا بەك كىرىشىپ قالماسلىق كېرەك دەپ قارىغان. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىنىڭ ياۋروپانىڭ كەينىدە قېلىشىغا بۇ ئىدىيە مەلۇم سەۋەبچى بولغان.
غەززالىغا كۆرە، دۇنيالىق مەنپەئەت ئېلىشقا يارايدىغان ئىلىملەرنىڭ ھەممىسى بولمىغۇر ئىلىمدۇر. مانا بۇ دەل ئوتتۇرا ئەسىر كاتولىك چېركاۋلىرى مەپكۇرىسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىپادىسىدۇر. غەززالى پەيلاسوپلارنىڭ ئەقىل بىلەن ھېچقانداق نەرسىنى چۈشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى، ئەقىلدىن ھېچقانداق ساغلام ئىلىم چىقمايدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلغان.
غەززالى «تەھافۇتۇل فەلاسىفە» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «دېمەك، بۇ پەيلاسوپلارنىڭ ئۆزلىرى ئىزدەۋاتقان نەرسىنى ئەقىل بىلەن تاپالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر ئۇ نەرسىلەر توغرا بولغان بولسىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئىلھام ۋە ۋەھيى ئارقىلىق بىلگەن بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەنتىقىلىق كۆز قاراشلار بۇلارنى ئىسپاتلىيالمايدۇ».
غەززالى يەنە ئىبنى سىنا بىلەن فارابىنى دىنسىز دەپ قارىغان؛ ياۋروپالىقلار ئەسىرلەر بويى دەرسلىك قىلىپ كەلگەن تېبابەت كىتابىنىڭ ئاپتورى بولغان ئىبنى سىنانى «كاپىر» دەپ ئېلان قىلغان.
شۇنى دېيىش كېرەككى، غەززالى ئېقىمى ئىسلام دۇنياسىدا ھازىرمۇ دەۋر سۈرمەكتە، بىزگە دىن دەپ ئۆگىتىلگەن ۋە ئۆگىتىلىۋاتقان نەرسىلەر بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇ ئېقىمنى ئاساس قىلىدۇ.
زامانىمىزنىڭ ئىسلام مۇتەپەككۇرى سەييىد ھۈسەيىن ناسىرغا كۆرە، غەززالى يازغان «تەھافۇتۇل فەلاسىفە» ناملىق كىتاب ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەنتىقىلىق پەلسەپە ئېقىمىنى قاپ بەلدىن ئۈزۈپ تاشلىغان. ئارىستوتېلنىڭ «ئەقىلگە ئۇيغۇن نەرسە ياخشىدۇر» دېگەن چۈشەنچىسى يوق قىلىنىپ، ئىنساننىڭ ھېچ نەرسىنى بىلەلمەيدىغانلىقى، شۇڭا دىنىي ھۆكۈملەرنى مۇتلەق قوبۇل قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچە دەۋر سۈرگەن.
1180-يىل، يەنى غەززالىدىن يۈز يىل كېيىن ئىبن رۇشد، غەززالىنىڭ «پەيلاسوپلارنىڭ تۇترۇقسىزلىقى» ناملىق كىتابىغا بىرمۇ بىر رەددىيە بېرىپ، «تۇترۇقسىزنىڭ تۇترۇقسىزلىقى» ناملىق كىتابىنى يازغان. ئىبن رۇشد ياۋروپادا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن بۈيۈك ئالىم، پەيلاسوپ بولسىمۇ، بۇ تەسىرنى بىزدە پەيدا قىلالمىغان، مىڭ ئەپسۇس!
ئىبن رۇشد ئەقىل بىلەن دىننىڭ بىر يەرگە كېلەلەيدىغانلىقىنى قايتا-قايتا چۈشەندۈرۈپ، ئىنسانلارنى قايىل قىلماقچى بولغان. ئەمما ئۇنىڭ كىتابلىرى 1195-يىلدا كوردوبادا كۆيدۈرۈلگەن؛ ساقلىنىپ قالغان كىتابلىرى ياۋروپانىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن.
غەززالى مۇنداق دەيدۇ: «ھەر نەرسىنىڭ بىر سەۋەبى بولىدۇ؛ سەن ئۇنى تەتقىق قىلىمەن دەپ بەك كىرىشىۋالما؛ چۈنكى ھەممىنى ئاللاھ ياراتقان.
(كۈنىمىزدە بۇنىڭغا شاھىت بولمىغان كىم بار؟ مەسچىت-خانىقالاردا ئىنسانلارغا بۇ نادانلىق ئۆگىتىلىدۇ: «بىلىم دېگەن بولمىغۇر نەرسە، سورىماڭلار، ھەممە نەرسە ئاللاھتىن».
تۇنجى ئەمرى «ئوقۇ!» بىلەن باشلانغان بۇ دىن بۈگۈن مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدى).
غەززالىنىڭ بۇ ئىدىيەسى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق ھالدا ئىسلام دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىلىمگە قىزىقىش ۋە سوئال قويۇش ئىستەكلىرىنى يوقاتقان. ئىلىم ۋە ئويغىنىش ھەممە نەرسە ئالدىن پىلانلانغان دېگەندەك تەقدىرچىلىك ئۈستىگە قۇرۇلسا، ئىلمىي تەرەققىيات پەقەت خام خىيالدىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ.
بۈگۈن مۇسۇلمانلار قالاق پېتى قالغان بولسا، ئىلىم-پەندە، سەنئەتتە، ئەدەبىياتتا، تەنتەربىيەدە، ئومۇمەن جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە تەرەققىي قىلالمىغان بولسا، بۇ غەززالىچە ئاڭنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.
ئەجىبا مۇسۇلمانلارنى غەززالىچە ئاڭنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغانلار چىقمىغانمۇ؟ چىققان. سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ سامانىيە مەدرىسىنى قۇرغان چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ، پەلسەپە ، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئوقۇتقان ۋە بۇ پەنلەر ھەققىدە بەس-مۇنازىرە قىلىشنى قوللىغان. ماتېماتىكا ۋە ئىلاھىيەت تەتقىقاتىغا ياردەم بەرگەن. ئۇ يەنە ئەلى قۇشچىنى سەمەرقەندتىن تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن؛ ئېۋكىلىد گىئومېتىرىيەسىنى ئوقۇتۇشقا باشلىغان.
ئەمما ئۇ دەۋردىكى ئىسلام دۇنياسىدا رەسەتخانىلەردە ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىش «ئاللاھنىڭ ئىشىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ قارالغان. تەقىييۇدىن ۋەقەسىدە، رەسەتخانىلەر «پەرىشتىلەرنىڭ پاچىقىنى مارايدىغان جاي» دېگەن پەتىۋا بىلەن ۋەيران قىلىنغان.
فاتىھ سۇلتان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە سارايدا غەززالى ۋە رازىيدەك مۇتئەسسىپ ئۆلىمالارنىڭ ئەسەلىرىنىڭ ئورنىنى، ئاسترونومىيە، مەنتىق، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق مۇسبەت ئىلىملەر ئىگىلىگەن. موللا لۇتفى قاتارلىق كىشىلەر قالاق ئۆلىمالارنىڭ خۇراپىي قاراشلىرىنى مەسخىرە قىلغان.
ئەمما بۇ ئۆلىمالار گۇرۇھىنىڭ ئەڭ مۇھىم قورالى باشقىلارنى زىندىق ۋە مۇشرىك دەپ قارىلاش ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا موللا لۇتفى ئۇلارنىڭ تۆھمىتى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.
شەك شۈبھىسىزكى، فاتىھ سۇلتان شۇ دەۋردىكى تەرەققىپەرۋەر ئالىم ئىدى؛ ئۇ ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت ئويغىنىشىغا قىزىققان، جۇغراپىيە ئىلمىگە ئەھمىيەت بەرگەن، باتلامىيۇسنىڭ «جۇغراپىيە» ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلدۇرغان.
ئەمما فاتىھ سۇلتاننىڭ بۇ تەشەببۇسى ئۇنىڭ ئوغلى 2-بايەزىد تەرىپىدىن تەرك ئېتىلگەن، مەدرىستە پەننىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئوسمانلى ئۆلىمالىرى ۋە خەلق نادان، قالاق پېتى قالغان. ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ھېچقانداق ھەسسە قوشالمىغان.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم-پەنگە قوشقان تۆھپىسى 9-، 10-ئەسىرلەردە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن؛ ئەمما كېيىن غەززالىدەك ئالىملار بۇنىڭغا خاتىمە بەرگەن. فەخرىدىن رازىيدەك مۇتئەسسىپ كالامچىلارنىڭ ئەقىلنى يەكلەيدىغان كىتابلىرى بۈگۈنمۇ موللىلارنىڭ باش تاجىدۇر.
ئىسلام دۇنياسى بۈگۈن نېمىشقا كەينىدە قالدى دېگەن مەسىلىنى ئويلىنىپ باقساق، بۇنىڭ جاۋابى تەقدىرچىلىك، شۈكۈرۋازلىق، سوئال سورىماسلىق، تولا سوئال قويۇپ گۇناھكار بولماسلىق، موللا نېمە دېسە شۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىش، ئاندىن جەننەتكە كىرىپ ھۈر-پەرىلەرنىڭ ۋىسالىغا يېتىش، دورا يېمىسىمۇ 70 ئەركەكنىڭ كۈچى بىلەن لەززەت تېپىش… ۋاھاكازالار.
نامرات خەلقنى شۈكۈر قىلىشقا ئۈندەيدىغان، ئەمما ئۆزلىرى ئوق ئۆتمەس ماشىنىلاردا ئولتۇرىدىغان، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن دىن ساتىدىغان شەيخۇل شەيتانلار دىندىن پايدىلىنىپ ئىنسانلارنى ئەپيۇندەك زەھەرلەيدىغان قارا كۈچلەردۇر.
غەززالى ئېقىمى موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن تۈركلەرگە كەڭ تارقالدى. موڭغۇللار ئاناتولىيەنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ھەر يەردە مالىمانچىلىق، نامراتلىق، ئۆلۈم-يېتىم ھۆكۈم سۈردى. بۇنداق كۈلپەتلەر خەلقنى ئۇ دۇنيادا ياخشى كۈن كۆرۈشكە قىزىقتۇردى. بۈگۈنمۇ خەلقنىڭ كۈنى ناچار بولغاچقا، شۈكۈر قىلىش، سەۋر قىلىش ئارقىلىق ساۋاب تېپىپ، ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ياخشى ياشاشنىڭ كويىدا. ئەمما موللا شەيتانلار باي-باياشاتلىق ئىچىدە ياشىماقتا. ئۇلار دىندىن پايدىلىنىپ خەلققە جەننەت ساتىدۇ، ھالبۇكى ئۆزلىرى بۇ دۇنيانىڭ جەننىتىدە ياشايدۇ. كىشىلەرگە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر خورما بىلەن ئىپتار قىلاتتى» دەپ ۋەز ئېيتىپ، ئۇلارنى قانائەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. خۇراپاتلىق، جاھىللىق بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلارنى كاپىر دەپ ئېلان قىلىدۇ.
تۈركىيەدىكى تەرىقەت شەيخلىرى ئېسىل ماشىنىلاردا ئولتۇرۇپ كوچىمۇ كوچا ھەشەمخورلۇق قىلىدۇ، بۇلارنىڭ تۈگمىنىنى چۆگىلىتىۋاتقان سۇ نەدىن كېلىدۇ؟ ئەگەر بىز شۈكۈر قىلساق، ھەر قايسىڭمۇ بىز بىلەن تەڭ شۈكۈر قىل، بىزگە ئوخشاش ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئېلىپ تىرىكچىلىك قىل!
دېمەكچىمەنكى، بۈگۈنمۇ بۇ ئۆلىمالار گۇرۇھى غەززالى ئېقىمىغا ئەگىشىپ، جاھالەت پاتقىقىغا گەدەنگىچە پاتماقتا. موللا-شەيخ دەپ تونۇلغان شۇ ئادەملەرنىڭ بەرگەن پەتىۋالىرىنىڭ بىمەنىلىكى، ئېيتقان ۋەزلىرىنىڭ خۇراپىيلىقىدا غەززالىينىڭ تۆھپىسى بار. بۇنى سەگەكلىك بىلەن چۈشىنىشىمىز كېرەك.
غەززالى بىلىمنىڭ دۈشمىنى ئەمەس دېگۈچىلەر چىقىدۇ؛ بۇلارغا دەيدىغان گېپىم يوق. بىز غەززالى ئېقىمىغا ئەگىشىپ ھېچقانداق ئىلىم يارىتالمىغان، تەسەۋۋۇپ نامىدىكى پەلسەپىۋى چۈشەنچىگە قۇل بولغانلار ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويدۇق خالاس.
قىسقىسى، ئوسمانلى دۆلىتى ئەنە شۇلار سەۋەبىدىن زاۋاللىققا يۈز تۇتقان، پەن-تېخنىكىدا كېيىن قالغان. مەسىلەن، ئوسمانلىغا كەلگەن ئالىملار بار، بىراق ئوسمانلىدىن باشقا دۆلەتكە بېرىپ، «بۇ خەق نېمە ئۆگىنىۋاتىدۇ، نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ» دېگەنلەر يوق. مەدرىس مائارىپى ئەرەب-پارىس مەدرىسەچىلىكى بىلەن چەكلىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئوسمانلى كونىراپ چىرىپ كەتكەن.
«ئورخۇن-يېنسەي يېزىقلىرى تۈركچە ئىكەن» دېگەن گەپ چىققاندا، بىزنىڭ ئۆلىمالار «تۈركچىمىكەن؟» دەپ ھەيران قالغان.
بوپتۇ، تەبىئىي پەن ئىلىملىرىنى دېمەي تۇرايلى، ئىجتىمائىي پەندىمۇ قالاقسەن. تارىخشۇناسلىقتا چەت ئەلگە ئائىت مەنبە كىتابلارنىڭ تەرجىمىسى قايسى ئەسىردە باشلانغان؟ دەل شۇ سەۋەبتىن ئەنجۈمەنى ئوسمانى قۇرۇلۇپ، مەنبە كىتابلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن تەرجىمىلەر باشلىنىدۇ. بىز تارىخشۇناسلىقنىمۇ باشقىلاردىن 200 يىل كېيىن ئۆگەندۇق.
(بۇ ماقالە تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىندى؛ ئاپتورى: تۈركەن خاتۇن )