
مال-دۇنياغا باغلىنىپ، مەنىۋىيەت باغچىسىنى قۇرۇتۇپ قويغان ئەخمەقلەرنىڭ سېپىگە قېتىلدىم. ئەمما بۇ جەمئىيەت مەنىۋىيەنى پۇلغا باغلاپ قويدى. روھىمىزدىكى جەننەت باغچىسىنى ياۋا ئوت-چۆپلەر قاپلاپ كەتتى. ئاچكۆز «چوشقىلار» ئەتراپتا خىرىس قىلىۋاتقاندا ئۆزىمىزنى قوغداش، باغچىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئادەمدەك كۈرەش قىلايلى دېدۇق. ئەمما نەپسىمىز بىزنى چوشقىلارغا ھەۋەس قىلىش، ھەتتا ئۇلارنى دوراشقا ئۈندىمەكتە. قىستاپ كەلگەن ماددىي ئېھتىياج بىزنى «چوشقا» قىلالماي ئاۋارە، ئادىمىيلىكتىن چىقماسلىق كۈرىشىمىز كەسكىن سىناقلارغا دۇچ كەلمەكتە.
خۇشاللىقتىن ئۈمىد يوق، ئۈمىدسىزلىكتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. ئازادىلىك ۋە شادلىققا ئېرىشىش تەبىئىي بولمايدۇ، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ پىسخىك تەربىيە ئېلىش ۋە ئۇنى مەشق قىلىش كېرەك. كۆڭۈلدىكى غەللە-غەش ۋە زەھەرنى تازىلاش مەنىۋى پاكلىنشى ئارقىلىق بولىدۇ.
چۈشۈمدە ئۇچۇپتىمەن، ئۇچۇش ئۈچۈنمۇ مەشىق كېرەك. يەڭگىللىك ۋە خۇشاللىق ئۈچۈنمۇ مەندە مادار بولۇشى كېرەككى، ئۇمۇ ئەلۋەتتە جاپالىق مەشىق ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ.
كۆلدە قۇرۇق ئايلىنىپ يۈرگەن قولۋاق مەن چۈشكەن قولۋاققا سوقۇلسا كېلىشمەسلىك بولىدۇ. ئەگەر بىراۋ ھەيدىگەن قولۋاق كېلىپ سوقۇلۇپ كەتسە، پالاكەت بولىدۇ، قەستەنلىك بىلەن قىلىنغان ھۇجۇم بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا ئادەم بار، مەندىكى شەخسىيەت ئۇ ئادەمنى دۈشمەن كۆرىدۇ. ئىچىمدىكى گۇمان، قورقۇنچ ۋە غەزەپ ئەنە شۇ شەخسىيەتتىن پەيدا بولىدۇ.
مەنلىكنىڭ قۇترىشى دائىملىق ھادىسە سۈپىتىدە ھاياتىمىزنىڭ مەركىزىدە، ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ، جاننى ئۇپرىتىدۇ، يۈرەكنى بالدۇر قېرىتىپ تۈگىتىدۇ. ئائىلىسىدە بەخت تاپالمىغان ئادەم ئاز ئەمەس، بەختسىزلىك دائىم ئائىلىدىن باشلىنىدۇ.
Breaking Bad ناملىق كۆپ قىسىملىق فىلىمنى كۆرۈپ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاچكۆزلۈكنىڭ ھەر قانداق باھانە-سەۋەب بىلەن يۈكسەك پەللىگە يېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. يىلدا 43 مىڭ دوللار مائاش ئالىدىغان خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ۋالتېر ئەپەندى ئامېرىكادىكى نامراتلىقنىڭ بېسىمىدىن، يۇقىرى باج ۋە تۇرمۇش چىقىملىرى، بانكا قەرزىنىڭ ئۆسۈمى، داۋالىنىش راسخوتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن جاق تويۇپ، بىر نەچچە يەردە ئىشلەپ جان بېقىپ يۈرگەندە ئۆپكە راكى بولۇپ قالىدۇ. قولىدىن جىق ھۈنەر كېلىدىغان، بىر ئاز چۇس مىجەز، ئەمما ئائىلىسى ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغان بۇ ئىنسان زەھەر ياساپ سېتىش ئارقىلىق كۆپ پۇل تېپىپ داۋالىنىش ۋە ئائىلىسىنى باي قىلىش يولىغا مېڭىپ قالىدۇ. كونا ئوقۇغۇچىسى جېسسى ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ماسلىشىدۇ، ئەمما جىق ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىپ بېرىدۇ. ئۇستاز-شاگىرت ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت، مۇھەببەت، نەپرەت مۇناسىۋەتلىرى چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ. ۋالتېر 80 مىليون دوللارنى يەرگە كۆمىدۇ، بۇ پۇلنى تېپىش جەريانىدا نۇرغۇن خەتەر ۋە ئۆلۈمگە تەۋەككۇل قىلىدۇ، زەھەر ئەتكەسچىلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ، نەچچىسىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، پۇل ئۇنىڭ ئەقلىنى، جاسارىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ، ھالبۇكى ئۇ بۇ ئالاھىدىلىكىنى جىنايەتكە ئىشلىتىدۇ. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئائىلىسى ئۈچۈن قىلىدۇ، ئەمما ئاقىۋەتتە ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ: خوتۇنى ئاشنا ئوينايدۇ، ئېرىنىڭ پۇلىنى ئاشنىسىغا خەجلەپ بېرىدۇ. باجىسى—زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە قارشى ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى ھەنكى بىر قېتىم قەستلىنىپ مېيىپ بولىدۇ، ئارقىدىن ۋالتېرنى تۇتۇش ئەسناسىدا جىنايەتچىلەر گۇرۇھى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ۋالتېر باجىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل دەپ قارىلىدۇ؛ ئايالى، ئايالىنىڭ سىڭلىسى ۋە ئوغلى ئۇنىڭدىن ئۆلگۈدەك نەپرەتلىنىدۇ ۋە ئۇنى قورقۇنچلۇق جىنايەتچى قاتارىغا چىقىرىۋېتىدۇ. ۋالتېر قاچقۇنلۇق ھاياتىنى باشلايدۇ، جىنايەتچىلەر گۇرۇھىدىن ئىنتىقام ئېلىپ مەقسىتىگە يېتىدۇ، پۇلىنى باشقا يول بىلەن بالىلىرى ئۈچۈن ۋەخپە قىلىدۇ. ۋالتېر ئۆزى قۇرغان پىلىموت ئوقىدا يارىلىنىپ، زەھەر ياساش ئۆيىدە ياتقاندا ساقچىنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. ئوقۇغۇچىسى جېسسى شۇ قاچقانچە بىر نەچچە كۈن پاناھلىنىپ، ئالياسكاغا ئوڭۇشلۇق كېتىۋالىدۇ.
ۋالتېر گەرچە ئائىلىسى ئۈچۈن ھەممىنى قىلغان بولسىمۇ، خاتا يولنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇب بولىدۇ. جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغان ئوغلى ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەن چاغدا ئۆزىنىڭ تۈگەشكەنلىكنى ھېس قىلىدۇ. يەنى ئوغلى ناتونۇش، يات بىر ئىنسانغا ئايلانغاندا يۈرىكى سوۋۇپ، ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقى ئۆلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ شەخسىيىتى ئىسيان كۆتۈرۈپ: خوتۇن-بالىلىرىڭغا ھەر قانچە قىلساڭمۇ بىكار، ئۇلار ۋاقتى كەلسە ۋاپاغا جاپا قىلىدۇ، سېنى بەختسىز قىلىدۇ» دەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ۋىجدانى ۋە ئائىلىسىگە بولغان مۇھەببىتى ئۇنىڭ شەخسىي غەليانلىرىنى يەنىلا بېسىپ كېتىدۇ.
دۇنيانى جەھەننەم دەپ تۇرۇپ جەننەت بەرپا قىلىش ۋىجداننىڭ ئىشى، مۇھەببەتنىڭ ئىشى.
بەزىدە تەييار ئالمىنى چىشىلىمەي تۇرۇپ چىشىم قامايدۇ، قىززىق ئاشنى ئالدىراپ ئىچىپ گېلىم كۆيىدۇ. كاللام مېنى باشقۇرىدۇ، ئەمما بۇ كاللا گويا باشقا بىرى كونترول قىلىۋالغاندەك غەلىتە ۋە مۇرەككەپ.
نېمىنى ئويلىسام شۇنىڭ دەردى، نېمىنى خىيال قىلسام شۇنىڭ خاپىلىقى، نېمىنى ئارزۇ قىلسام شۇنىڭ ھەسرىتى، نېمىدىن ئەنسىرىسەم شۇنىڭ كاشىلىسى، نېمىنى قارار قىلسام شۇنىڭ ئەندىشىسى، نېمىگە ئۇرۇنسام شۇنىڭ پۇشايمىنى. بىلىمەن، بۇنى بىر ئىنسانلىق قىسمىتى دەپ ئويلاش كېرەك. سەمرىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن تاماقنى تەڭشەپ يېگەندەك، بەك ئازابلىنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن پىسخىكامنى تەڭشەپ تۇرۇشۇم كېرەك، بەلكى بۇ ھەممىدىن مۇھىم. ئادەمنى ئەڭ خورىتىدىغان نەرسە قاقشاش بىلەن غەزەبلىنىش بولسا كېرەك. مۇشۇ ئىككى ئاپەتتىن قۇتۇلغاندا، يەنى قاراڭغۇلۇقتىن قاقشىغاندىن كۆرە بىر تال شام ياغقاندا، غەزەبتىن سەكرەپ كەتكەندە زىيانغا ئولتۇرۇپ قالماسلىق ئۈچۈن سوغۇققان بولغاندا بۇ دۇنيامۇ گۈزەل كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئىچىدە زەھەر قايناپ تۇرىدىغانلار دۇنيانى جەھەننەمگە ئايلاندۇرىدۇ، قەلبىدە جەننەت بەرپا قىلالىغانلار دۇنيانىمۇ گۈزەللەشتۈرەلەيدۇ، دەپ ئويلايمەن.